ھازىرقى زامان ئىسلام ئېقىملىرى- جىھادى ئىختىلاپلار (9)

مەھمە ئەلى كارابۈيۈك-ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى 

كىتابلارغا، رەددىيە خاراكتېرىدىكى رىسالىلەرگە ۋە ئىنتېرنىت مۇھىتىدا ئۆزىنى ئايان قىلغان يۈزلەرچە ماقالىگە، ئۈن – سىن ھۆججەتلىرىگە ئىنچىكىلىك بىلەن قارىغان ۋاقتىمىزدا، جىھادى سەلەفى ئېقىمىنىڭ ئىچكى قىسمىدا چۈشەنچە ۋە ھەرىكەت جەھەتتىن ئوخشاشماسلىقلار بارلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

  • ئىسلام شەرىئىتىنى بەلگىلەش، ئىجرا قىلىش ۋە مەھكىمىدە تەدبىقلاش، بىر ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىيلىققا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن يېتەرلىك بولامدۇ – بولمامدۇ؟ بۇ قارارنى چىقىرىش ئۈچۈن باشقا ئىجرائاتلىرىغا، ھاسىل قىلغان ئىتتىپاقلىرىغا ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان تەرەپلەرگە قاراشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ – يوق؟
  • كۈرەش قىلىشتىكى بىرىنچى غايە مۇسۇلمانلارنىڭ زېمىندا بىر ئىسلام دۆلىتى قۇرۇپ چىقىشمۇ ياكى ئامېرىكا، ئىسرائىلىيەگە ئوخشاش تاشقى دۈشمەنلەرگە قارشى جىھاد قىلىشمۇ؟
  • تولۇق ئۇتۇق قازانماي تۇرۇپ، بىر رايوندا ئىسلام دۆلىتى ياكى ئەمىرلىكنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە بۇنىڭ دۇنياغا جاكارلىنىشى توغرا ئىستىراتېگىيەنىڭ مەھسۇلىمۇ؟
  • ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۆلىمانىڭ پەتىۋاسى كۈچكە ئىگە بولامدۇ ياكى بىر جامائەت يېتەكچىسى ئۆز ئالدىغا ئىجتىھاد قىلىپ ئۆز فىقىھنى شەكىللەندۈرەلەمدۇ؟ 
  • سىياسىي پارتىيە ھەرىكەتلىرىگە ياكى مىللەت مەجلىسىگە ئىشتىراك قىلىش توغرىمۇ – خاتا؟
  • دۆلەت مەمۇرى بولۇش، رەسمىي مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇشقا بولامدۇ – يوق؟
  • دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت تەكفىر قىلىنغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ سوتچىسى، ھاكىمى، ساقچىسى ۋە ئەسكەرلىرىمۇ تەكفىر قىلىنامدۇ؟
  • دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت تەكفىر قىلىنغاندىن كېيىن، دۆلەت تۈزۈمىنى ياقتۇرمايدىغان، لېكىن ئوچۇق ھالدا نارازىلىقىنى ئىپادىلىمىگەن ئاۋاممۇ تەكفىر قىلىنامدۇ؟ ياكى خەلقنىڭ نادانلىقى، ساپاسىزلىقى، ئاڭسىزلىقى بۇ ئومۇمىي تەكفىر قىلىنىشتىن ساقلىنىدىغان ئۆزۈر بولۇپ ھېساپلىنامدۇ؟
  • ئۆز جامائىتىگەمەنسۇپ بولمىغانلار تەكفىر قىلىنامدۇ؟
  • يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلار تەكفىر قىلىنسا ئۇلارنىڭ ماللىرى ۋە جانلىرى بىر مۇسۇلمانغا ھالال بولامدۇ؟
  • خەلقى مۇسۇلمان ئەللەردە كەڭ كۆلەملىك قىرغىن قىلغۇچى قوراللار بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ۋە بىگۇناھ ئىنسانلارمۇ زىيانغا ئۇچرايدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىش جائىزمۇ؟
  • مۇسۇلمان ئەللەردە ياكى باشقا جايلاردىكى ئاياللار، كىچىك بالىلار، دىنى زاتلارغا ئوخشاش غەيرى مۇسۇلمان پۇقرالار جىھاد ئوبيېكتى بولامدۇ؟
  • تەميى[1]، يەنى بىدىئەت ئەھلى مۇسۇلمانلار بلەن دوستلۇق ئورنىتىش، ئۇلارغا كەڭ قورساقلىق ۋە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئۇلار بىلەن باردى – كەلدى قىلىشنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟

 


[1]  تەميى كەلىمىسى، ئەرەپچىدە ئېرىتىش، يېشىش، بوشىتىش، يۇمشىتىش. يەڭگىللىتىش، ئۆچۈرۈش، تاتلىقلاشتۇرۇش، سۇ قېتىش، سۇيۇقلاندۇرۇش، قىممىتىنى چۈشۈرۈش دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان « مەييە`ئا » پېئىلىنىڭ رەۋىش شەكلى. تەميى ھەقىقىي سەلەفىلىككە ۋەكىللىك قىلمايدىغان كىشى ياكى جامائەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە سەلەفىلەرنىڭ چەكتىن ئاشقان ھالدا مۇئامىلە قىلىشىنى ئىپادىلەيدىغان يېڭى ئاتالغۇ سۈپتىدە ئىشلىتىلمەكتە. كىلاسسىك مۇدارە ۋە مۇجامىلە ئۇقۇملىرى بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە. « مۇمەييى » كەلىمىسى بۇ سۆزىنىڭ ئىسمى فائىل شەكلى. بۇ كىشىنىڭ يا توغرا ئېتىقادنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىلىمسىزلىكىدىن ياكى بۇ ھەقتە مەلۇماتقا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، بەكرەك سىياسىي ئىسلاھاتچى ۋە سىياسىي مەسىلىلەر سەۋەبىدىن سەلەفى بولغۇچى بىلەن سەلەفى بولمىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ، ھەقىقەتنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇجمەللىك، نامەلۇملۇق پەيدا قىلىشىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى ساپ ۋە روشەن بولغان سەلەفى ئەقىدىسىنى خۇنۇكلەشتۈرۈشتۇر. بۇ ئەھۋال « ئەل ۋەلا ۋەل بارا » ئەقىدىسىگە خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن قوبۇل قىلىنمايدۇ.  

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*