ھازىرقى زامان ئىسلام ئېقىملىرى- ئىھياچىلارنىڭ: ئىسلامچىلارنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان تەرەپلىرى (2)

ئىھياچىلارنىڭ – ئىسلامچىلارنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان تەرەپلىرى
مەھمەت ئالى بۈيۈككارا
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاساسلىق مەسىلىلەر ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇقتىلار ھەققىدە ئىسلامچى ئالىم ۋە مۇتەپەككۇرلارنى پۈتۈنلەي ئوخشاش قاراشتا، دەپ ئېيتىش مۇمكىن ئەمەس. شۇنداقتىمۇ ئىسلامچى كىملىكىنى تەشكىل قىلغان بەزى ئورتاق قاراشلىرىنىڭ بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. ئىسلامچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىسلام دىنىنىڭ تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە توسالغۇ ئەمەسلىكى؛ غەرب مەدەنىيىتىنى ئۈستۈن ئورۇنغا ئېلىپ چىققان ئامىللارنىڭ ئەسلىدە مۇسۇلمانلاردىن ئېلىنغانلىقى؛ مۇسۇلمانلارنىڭ دائىم قىممەت يارىتىش ھالىتىدە بولۇشى كېرەكلىكى ۋە كۈچىيىشىنىڭ زۆرۈرلىكى؛ مىللەتنىڭ ۋە ئۈممەتنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىگە ئوخشاش مەسىلىلەرنى ياقىلاشتا بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، مۇسۇلمانلارنى تەۋھىد پىرىنسىپى ئاساسىدا ساپ ۋە ساغلام ئەقىدىگە ئىگە قىلىش؛ تەلىم – تەربىيە ساھەسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، تەقلىدچى چۈشەنچىگە جەڭ ئېلان قىلىش؛ كىشىلەرنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان مەۋجۇت ئەخلاق چۈشەنچىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئاكتىپ، تەشەببۇسچان مۇسۇلمان ئۆلگىسى يارىتىش؛ يېڭى ۋە كەڭ دائىرىلىك جىھاد چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ دۈشمەن بىلەن كۈرەش قىلىش ساھەسىنى كېڭەيتىشكە ئوخشاش ئورتاق نىشاننى قوبۇل قىلغان. بۇ غايىگە ئاساسەن بىدىئەت ۋە خۇراپىيلىقنى رەت قىلىش، مەدرىس ۋە تەرىقەتلەرنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭى پەلسەپە چۈشەنچىسى ۋە ئاتالغۇلىرىنى بەرپا قىلىشقا ئوخشاش تېمىلارغا ئەھمىيەت بەرگەنىدى.
يەنە مەسىلەن، ئىھيا ھەرىكىتىنى « قەيەردىن باشلاش كېرەك؟ » دېگەن سوئالغا بېرىلگەن ئىسلامچى جاۋابلاردا چوڭ پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرىمىز. جامالەددىن ئافغانىنىڭ بۇ ھەقتىكى جاۋابى « ھۆرلۈك ۋە ئىنقىلاپ » شەكلىدە بولغان بولۇپ، ئۆمرىنى دۆلەتمۇدۆلەت كېزىپ ئۆتكۈزگەن، ئۆزى ئەقىدە قىلغان غايىگە يېتىش ئۈچۈن بارغان يەرلەردە سىياسىي پائالىيەتلەرگە بىۋاستە قاتناشقان ياكى مەسلىھەتچى بولۇش ئارقىلىق ئارىلاشقان. ئوقۇغۇچىسى مۇھەممەد ئابدۇھ بولسا سىياسەتتىن يىراق تۇرۇشنى مۇۋاپىق دەپ قارىغان بولۇپ، ئىسلاھاتچى مەنتىق بىلەن خىزمەت ئورگانلىرىنى ياخشىلاش، مائارىپتا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، قابىلىيەتلىك ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەپ چىقىش، دىنى چۈشەنچە ۋە ئەقىدىنى ساپ ۋە روشەن ھالغا كەلتۈرۈش، دىنى مەسىلىلەردە زامانىۋى ھەل قىلىش چارىلىرىنى تېپىپ چىقىشقا ئوخشاش مەسىلىلەر ئۈستىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئابدۇھنىڭ ئوقۇغۇچىسى رەشىد رىزا ئۇستازى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇستازىنىڭ زامانىۋىيلىشىشنى ياقىلايدىغان يولىنى تەرك قىلىپ، ئۆزىگە مىراس قالغان مەنا ئېقىمىنى سىياسىيلىققا ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە، ئەنئەنىۋى ۋە سەلەفى ئېقىمغا يۈزلەندۈرگەن.
تەجدىد ۋە ئىسلاھ قىلىش غەيرەتلىرىنى تولۇقلىغۇچى پارچە سۈپتىدە قوراللىق كۈرەشنى مۇۋاپىق كۆرگەن ھەرىكەتلەرمۇ مەۋجۇت بولغان. باڭلادېشتا ھاجى شەرىئەتۇللاھ تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە دۇزۇ مىياننىڭ يېتەكچىلىكىدە كۈچلەنگەن فەرائىزى ھەرىكىتى، ئىنگىلىز مۇستەملىكىچىلىكىگە ۋە ئۇلارنىڭ ھىندى يالاقچىلىرىغا قارشى جىھات ئېلىپ بارغان. سىھ كۈچلىرىگە قارشى ھىندىستاندا ئۇزۇن يىللار قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بارغان سەييىد ئەھمەد شەھىد بارەلۋى ۋە ئۇنىڭ تەرىقەتى مۇھەممەدىييە تەشكىلاتىمۇ ئوخشاش يولنى تاللىغان. ھىندونېزىيەدە تۇئانكۇ ئىمام بوندژول بىلەن ھاجى مىسكىننىڭ گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىكىگە قارشى جىھاتى تارىختا پەدرى ھەرىكىتى ( 1803 – 1837 ) دەپ ئاتالدى. شەيخ ئوسمان ئىبن فۇدى ياكى ئوسماندىن فودىئو، غەربى ئافرىقىدا پەقەت ئىسلاھات بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن، شەرىئەت ھۆكۈمران بولىدىغان بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن قوراللىق كۈرەشكە ئاتلانغان. شىمالى ئافرىقىدا ئەسلىدە بىر تەرىقەت ھەرىكىتى بولغان سەنۇسىييە، شەيخ ئەھمەد شېرىپ ئەس – سەنۇسى دەۋرىدە فىرانسىيە، ئىتالىيە ۋە ئىنگىلىز ئىشغالىغا قارشى قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن بولۇپ، كۆپىنچە غەلىبە قازانغانىدى.
ئىسلامچى شەخسىلەرنىڭ ئەنئەنە ئۈستىدە قايسى ئۆلچەمدە ۋە قانداق ئۇسلۇپتا قايتا ئىزدەنگەنلىكى ياكى دىنسىز كۈچلەرگە قارشى رەددىيە قايتۇرۇپ – قايتۇرمىغانلىقى، يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلار نەزىرىدە ئۇلارنىڭ زامانىۋىيلىق ياكى مۇھاپىزىكارلىقنى ياقىلىغۇچى ئىكەنلىكى ھەققىدە باھا بېرىشنىڭ ئۆلچىمى ئىدى. مەسىلەن، سەييىد ئەھمەت خان ۋە ئافغانى ھەر ئىككىلىسى زامانىۋىيلىقنى ۋە ئەقىل ئىشلىتىشنى ياقىلىغۇچى بولۇشىغا قارىماستىن، ئەھمەت خاننىڭ ناتۇرالىزمغا ئېغىپ كەتكەن قاراشلىرى، ئافغانىمۇ قوبۇل قىلالمايدىغان ۋە بۇ سەۋەپتىن رەددىيە يازىدىغان دەرىجىدە ئېغىر ئىدى. ئوسمانلى دەۋرىدىكى ئىسلامچىلاردىن مۇستاپا سابرى، سەئىد نۇرسى ۋە ئەلمالېلى ھامدى قاتارلىق ئۈچ كىشى ئەنئەنىنى ياقلايتتى. لېكىن مۇستاپا سابرى ئىجتىھادقا قارشى، سەئىد نۇرسى ئىجتىھادنى ياقىلاش بىلەن بىرگە دەۋر شارائىتىنى مۇۋاپىق دەپ قارىمىغانلىقى ئۈچۈن ئىجتىھادنى قوللىمىغان، ئەلمالېلى بولسا ئىجتىھادنى ياقىلىغۇچى كىشى ئىدى . ئوسمانلىنىڭ مۇستاپا سابرى، ئىسكىپلىق ئاتىف، سەئىد نۇرسى قاتارلىق ئەنئەنىنى ياقىلىغۇچى ئىسلامچىلىرى جۇمھۇرىيەت ئىنقىلابلىرىغا قارشى سەپتە تۇرغانىدى. زامانىۋىيلىق تەرەپتارى دەپ تونۇشتۇرۇلغان ئىزمىرلىق ئىسمائىل ھەققى، شەمسەددىن گۇنئالتاي، مەھمەت شەرافەتتىن يالتقاياغا ئوخشاش كىشىلەر لائىك ھاكىمىيەتتە مۇھىم ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن بولۇپ، يېڭى تۈزۈمنى ياقىلايدىغان چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
ئىزاھاتلار:
ئىسمائىل قارا، تۈركىيەدە ئىسلامچىلىق، 38 – بەت، 9.
لائىك، لوغەتتە « رۇھانىيلارنىڭ يولىغا ۋە جامائىتىگە مەنسۇپ بولمىغان كىشى، دىنىي بولمىغان نەرسە، پىكىر، ئورگان، تۈزۈم ۋە پىرىنسىپ » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆز فىرانسىزچە ئۇقۇم بولۇپ، چېركاۋنىڭ ھەر تۈرلۈك سىياسىي ۋە ئىدارى كۈچ ئىشلىتىشىنى رەت قىلىدىغان تۈزۈمنى كۆرسىتىدۇ. قانۇنشۇناسلىقتا دۆلەتنىڭ دىن ۋە مەزھەپلەرگە قارىتا بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇشىنى ئىپادىلەيدۇ. ( تۈركىيە دىيانەت ۋەقپى، « دىنى ئاتالغۇلار لوغىتى »، 393 – بەت ).
داۋامى بار…

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*