ھاياتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش نېمە ئىشقا يارايدۇ؟

2019-يىلى 9-ئاپرېل

ھاياتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش نېمە ئىشقا يارايدۇ؟

 

يۇۋال ھارىرى

 

مەن كىم؟ بۇ ھاياتتا نېمىلەرنى قىلىشىم كېرەك؟ ھاياتنىڭ مەنىسى ۋە غايىسى نېمە؟ ئىنسانلار ئەلمىساقتىن بېرى بۇ سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كەلمەكتە. ھەر ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ يېڭى جاۋابلارغا ئېھتىياجى بار چۈنكى نېمىنى بىلىپ نېمىنى بىلمەيدىغانلىقىمىز توختاۋسىز ئۆزگىرىپ بارماقتا. بىلىم، ئىلاھ، سىياسەت ۋە دىن توغرۇلۇق بىلگەنلىرىمىز ۋە بىلمەيدىغانلىرىمىزنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، كۈنىمىزدە بىز بېرەلەيدىغان ئەڭ توغرا جاۋابلار قايسىلار؟

ئىنسانلار قانداقراق جاۋابلارنى كۈتىدۇ؟ ئىنسانلار ھاياتنىڭ مەنىسى ۋە غايىسى ئۈستىدە ئويلانغاندا، داۋاملىق بىر ھېكايە ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئىنسانلار سانلىق مەلۇماتلار ۋە گىرافىكلاردىن بەكرەك ھېكايىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا تەپەككۇر قىلىدىغان، كائىناتنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي پېرسوناژلار بىلەن، توقۇنۇش ۋە چارىلەر بىلەن، جىددىيلىك ۋە خاتىرجەملىك بىلەن تولغان ھېكايىگە ئوخشاش ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان مەخلۇقتۇر. يەنى ئىنسانلار سانلىق-مەلۇماتلارغا ئەمەس ھېكايە ئاڭلاشقا بەكرەك مايىل كېلىدۇ.  ھاياتىمىزنىڭ مەنىسى ۋە غايىسى ئۈستىدە ئويلانغان ۋاقتىمىزدا، ھەقىقەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىمىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى رولىنى ئىزاھلىيالايدىغان ھېكايە بولۇشنى ئارزۇ قىلىمىز. بۇ رول بىزنى ئۆزىمىزدىن تېخىمۇ چوڭ بىر نەرسىنىڭ بىر قىسمى قىلىپ بارلىق تەجرىبە، ئىش-ھەرىكەت ۋە ئارزۇ-ئىستەكلىرىمىزنى قىممەتكە ئىگە قىلىدۇ.

مىڭلارچە يىلدىن بۇيان ئەندىشە ئىچىدىكى مىليونلارچە ئىنسانغا ئاڭلىتىپ كېلىنگەن مەشھۇر ھېكايىلەردىن بىرىدە، ھەممىمىزنىڭ بارلىق مەۋجۇداتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە بىر-بىرىگە باغلايدىغان ئەبەدىي كۈچنىڭ پارچىسى ئىكەنلىكى سۆزلىنىدۇ. ھەر بىر جانلىقنىڭ بۇ كائىناتتا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە رولى بار، ھاياتنىڭ مەنىسى ۋە غايىسىنى بىلىش، بىزگە خاس  بولغان روللارنى چۈشىنىش ۋە ياخشى ھايات كەچۈرۈشمۇ بۇ رولنى ئادا قىلىشقا باغلىقتۇر.

ھىندى داستانى باۋاۋاد گىتادا قەھرىمان ۋە قورقماس خان ئارجۇنانىڭ بىر قېتىملىق ۋەھشىي ئۇرۇشتا كاللىسىدىكى گۇمانلارنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ قوشۇنىدا دوستلىرىنى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى كۆرۈپ دەسلەپ ھەيران قالىدۇ، ئارقىدىن ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنى قەتئىي نىيەت قىلىپ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە ۋەدە بېرىدۇ. ياخشى ۋە يامان زادى نېمە، بۇلارنى كىم بەلگىلەيدۇ ۋە ئىنسان ھاياتىنىڭ مەنىسى ۋە غايىسى زادى نېمە دېگەنلەر ئۈستىدە قايتىدىن ئويلىنىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا «تەڭرى كىرىشنا»، خان ئارجۇناغا بۈيۈك كائىنات ئايلانغاندا ھەر جانلىقنىڭ ئۆزىگە خاس «خارماسى»، يەنى مېڭىشقا تېگىشلىك يولى، رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قائىدىلىرى ۋە ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىلىرى بارلىقىنى دەيدۇ. «خارماسى»غا يەتسەڭ يەنى ھاياتنىڭ مەنىسى ۋە غايىسىگە يەتسەڭ، يول قانچىلىك مۈشكۈل بولۇشتىن  قەتئىينەزەر، روھىي خاتىرجەملىككە ئېرىشىپ، گۇمان ۋە ئازغۇن ھېسلاردىن قۇتۇلىسەن. ناۋادا «خارماسى»غا يېتىشنى رەت قىلساڭ ۋە باشقا بىرىنىڭ يولىنى قوبۇل قىلساڭ ياكى ئوخشىمىغان يوللاردا ئالغا ئىلگىرىلىمەستىن توختاپ قالساڭ، كائىنات تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان بولىسەن، روھىي جەھەتتىن ئازابقا دۇچار بولىسەن. ناۋادا «توغرا»يولدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرساڭ ساڭا خاس بۇ يولنىڭ قانداق يول ئىكەنلىكىنىڭ قىممىتى مۇھىم بىلىنمەيدۇ. كىر قات يۇيۇش يولىغا كىرگەن بىر ئايال، خانلىق يولىدىن ئېزىپ قالغان خانغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۈستۈندۇر. ھاياتنىڭ مەنىسى ۋە غايىسىنى بىلىپ يەتكەن ئارجۇنا ئۇرۇشتىن ئىبارەت «خارماسى»نىڭ كەينىدىن مېڭىشنى قارار قىلىدۇ ۋە دوستلىرىنى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ، نەتىجىدە غەلىبە قىلىدۇ ۋە ھىندى دۇنياسىدىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر قەھرىمانلاردىن بىرىگە ئايلىنىدۇ.

1994-يىلى ئىشلەنگەن شىر پادىشاھ ناملىق دىسنېي فىلىمىدە، ئارجۇنانىڭ ئورنىغا سىمبا ئالماشتۇرۇلۇپ ھازىرقى زاماندىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە تەقدىم قىلىنىپ، كونا ھېكايە يېڭىچە تۈسكە ئىگە قىلىندى. سىمبا ھاياتىنىڭ مەنىسىنى ۋە غايىسىنى بىلىشنىڭ كويىغا كىرگەندە، دادىسى شىر پادىشاھ مۇپاسا، ئۇنىڭغا ھاياتلىقنىڭ ھەرىكەت مېخانىزمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مۇپاسا بۆكەنلەرنىڭ ئوتلارنى، شىرلارنىڭ بۆكەنلەرنى يەيدىغانلىقىنى ۋە شىر ئۆلگەندە بەدەنلىرىنىڭ پارچىلىنىپ ئوتلارنى ئوزۇقلاندۇرىدىغانلىقىنى دەيدۇ. ھەر ھايۋان ۋەزىپىسىنى ئادا  قىلغان تەقدىردە ھاياتلىق ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپ ماڭىدۇ، دۇنيادىكى ھەممە نەرسە بىر-بىرىگە باغلىق ۋە موھتاجدۇر، ناۋادا بىر تال ئوتمۇ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان تەقدىردە ياكى ئادا قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن ئەھۋالدا ھاياتلىقنىڭ ھەرىكەت مىخانىزمى بۇزۇلىدۇ. مۇساپانىڭ قارىشىچە بولغاندا، سىمبانىڭ ۋەزىپىسى مۇساپا ئۆلگەندىن كېيىن شىر خانلىقىنىڭ پادىشاھى بولۇپ باشقا ھايۋانلارنى باشقۇرۇش ۋە تەرتىپىنى ساقلاشتىن ئىبارەت ئىدى.

ئەپسۇس مۇپاسا يامان نىيەتلىك ئىنىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ بۇ دۇنيادىن بۇرۇن  كەتكەچكە، ياش سىمبا ئاتىسىنىڭ ئۆلۈمىگە ئۆزىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئويلىۋېلىپ ئۆزىنى ئەيىبلەيدۇ ۋە شىر خانلىقىنى تاشلاپ كېتىدۇ. سىمبا تەبىئەتنىڭ قوينىغا ئۆزىنى تاشلايدۇ، ئۇ بىر يەرگە كەلگەندە بىر چاشقان ۋە بىر ياۋايى توڭگۇز بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ، ئۇلار بىر نەچچە يىل بەخىرامان ھالدا ياشايدۇ. ئۇلار خالىغانچە ياشاش پەلسەپىسىنىڭ روھىي بويىچە، ھەر مەسىلىگە «ھاكۇنا ماتاتا»يەنى پەرۋاسىزچە مۇئامىلە قىلىدۇ. لېكىن سىمبا ھەر قانچە قىلسىمۇ «خارماسى»دىن قۇتۇلمايدۇ. ئۇ چوڭ بولغانسېرى دەردلىرىمۇ ئېشىپ بارىدۇ،ئۇ كىم ئىكەنلىكى ۋە بۇ ھاياتتا نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى بىلەلمەي قاتتىق تىت-تىت بولىدۇ.  فىلىمنىڭ كولمىناتسىيەسىدە مۇپاسانىڭ روھى سىمباغا كۆرۈنىدۇ ۋە ھاياتلىقنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتى ۋە ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ ئېسىگە سالىدۇ. سىمبا بۇنىڭدىن باشقا ئۆزى يوق ۋاقتىدا  شىر خانلىقىنىڭ تەختىدە يامان نىيەتلىك سكارنىڭ ئولتۇرۇۋالغانلىقى،ئۇنىڭ شىر خانلىقىنى تولىمۇ ناچار باشقۇرۇۋاتقانلىقى ۋە شىر خانلىقىدا ياشاۋاتقانلارنىڭ ناھايىتى ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ. سىمبا ئاخىرى ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ۋە نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. ئۇ شىر خانلىقىغا قايتىپ تاغىسىنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ خان بولۇپ قايتىدىن شىر خانلىقىنى راۋاج تاپقۇزىدۇ. فىلىم مەغرۇر سىمبانىڭ ھاياتلىقنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان يېڭى تۇغۇلغان تەخت ۋارىسىنى قول ئاستىدىكى ھايۋانلارغا تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ھاياتلىقنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتى ھاياتلىقنى قانۇنىيەت نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرىدۇ. سىمبا ۋە ئارجۇننىڭ قارىشىچە ئەلمىساقتىن بېرى شىرلار بۆكەنلەرنى يەپ كەلگەن، جەڭچىلەر ئۇرۇش قىلغان، بۇ ئەبەدىي مۇشۇنداق داۋاملىشىدۇ.داۋاملىق تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان سان-ساناقسىز ھادىسىلەر تەبىئىي قانۇنىيەتنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئارجۇنا ئۇرۇش قىلىشنى، سىمبا پادىشاھ بولۇشنى رەت قىلسا تەبىئىي قانۇنىيەتكە قارشى چىققان بولىدۇ.

ناۋادا ھاياتلىقنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بۇنداق ھېكايىلەرنىڭ بىرسىگە ئىشىنىدىغان بولساق، ھاياتلىقتىكى ۋەزىپىمىزنى بەلگىلەيدىغان مۇقىم ۋە ھەقىقىي كىملىكنى ئاسانلا پەرق ئېتەلەيمىز. يىللارچە بۇ كىملىكىمىزدىن خەۋەرسىز ھالدا ياشاپ قېلىشىمىز مۇمكىن، لېكىن ھامان بىر كۈنى تۇيۇقسىز بىر ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندە كىملىكىمىزدىن تەبىئىي ھالدا خەۋىرىمىز بولىدۇ. كىملىكىمىز ئېنىق بولغاندىن كېيىن، تۇرمۇشتا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە مۈشكۈلاتلارغا دۇچ كەلسەكمۇ گۇمان ۋە ئۈمىدسىزلىكتىن قورقمايدىغان بولىمىز. چۈنكى گۇمان ۋە ئۈمىدسىزلىكلەرگە بىز ئىشەنگەن ھېكايىلەر نۇقتىسىدىن قارايمىز ۋە بۇلار بىزگە نىسبەتەن مەنىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك تۇيۇلىدۇ.

ئېتىقاد شەكىللىرى ۋە ئىدېئولوگىيەلەر مەلۇم بىر مۇقەددىمە، مۇددىتى ئۇزۇن بولمىغان ئوتتۇرا ۋە ھامان بىر كۈنى ئاخىرلىشىدىغان نەرسىگە ئىشىنىدۇ. زىيونىزم يەھۇدىي خەلقىنىڭ ئۆتمۈشتىكى سەرگۈزەشتىلىرى ۋە زور غەلىبىلىرى بىلەن باشلىنىدۇ،  ئارقىدىن 2000 يىللىق سۈرگۈن ۋە زۇلۇم دەۋرلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىدۇ، ئاخىرىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ قۇدرەت تېپىپ پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئەخلاقىي ۋە مەنىۋى  باشلامچىسى ھالىتىگە كېلىدىغان كۈنلەرنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىدۇ. ناۋادا مەن زىيونىزمغا ئىشەنسەم، ھاياتىمنىڭ مەنىسى ۋە غايىسىنىڭ  ئىبرانىچىنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ، قولدىن چىقىپ كەتكەن يەھۇدىي زېمىنلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ياكى ئۆزۈمنى ئىسرائىلىيەگە ئاتاپ يېڭى ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش، شۇنداقلا يەھۇدىي خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىش بولىدىغانلىقىنى بىلىشىم كېرەك. ئىنسان مۇشۇنداق ئاڭغا ئىگە بولغاندىن كېيىن قىلغان ئادەتتىكى ئىشىمۇ مەنىگە ۋە قىممەتكە ئىگە بولىدۇ، ئىسرائىلىيە مۇستەقىللىق كۈنىدە ئوقۇغۇچىلار ۋەتىنىگە خىزمەت قىلىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئۇلۇغلايدىغان ئومۇمىي خورلارنى ئورۇندىشىدۇ. مەسىلەن، بىر ئوقۇغۇچى ”ئىسرائىلىيە زېمىنىغا بىر ئۆي بەرپا قىلدىم“دېسە، يەنە بىر ئوقۇغۇچى ”ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ياغاچ تىكتىم“دەيدۇ. ئۈچىنچى بىر ئوقۇغۇچى  ”ئىسرائىلىيە ئۈچۈن شېئىر يازدىم“دەيدۇ. خور مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپ، ھەممەيلەننىڭ ئېغىزىدىن بىرلا ۋاقىتتا ”بۇ سەۋەبتىن ئىسرائىلىيە زېمىنىدا ئۆيىمىز، شېئىرىمىز ۋە دەرەخلىرىمىز بار“دېگەن مىسرالار چىققاندىن كېيىن خور ئاخىرلىشىدۇ.

كوممونىزممۇ بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ، لېكىن ئېتنىك ئالاھىدىلىكنىڭ ئورنىغا ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي سىنىپقا مەركەزلىشىدۇ. كوممۇنىستىك خىتابنامە مۇنداق باشلىنىدۇ: ئەلمىساقتىن ھازىرغىچە بارلىق جەمئىيەتلەرنىڭ تارىخىي سىنىپلارنىڭ تارىخىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. ئەركىن ئىنسانلار بىلەن قۇللار، پومېشچىكلار بىلەن دېھقانلار، كاپىتالىستلار بىلەن ئىشچىلار، بايلار بىلەن نامراتلار،قىسقىسى ئەزگۈچىلەر بىلەن ئېزىلگۈچىلەر ئوتتۇرىسىدا ھەر ۋاقىت توقۇنۇش بولىدۇ، بۇ توقۇنۇش جەمئىيەتنىڭ ماھىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشى ياكى توقۇنۇشقان سىنىپلارنىڭ بىرلىكتە ۋەيران بولۇشى نەتىجىسىدە ئاخىرلىشىدۇ.“

كوممۇنىستىك خىتابنامە  ھازىرقى دەۋرلەردىكى ئەھۋاللارنى بولسا “ بارلىق جەمئىيەتلەر بارغانسېرى ئىككى بۈيۈك دۈشمەن قۇتۇپقا، بىر-بىرىگە رەقىب بولغان ئىككى چوڭ سىنىپقا ئايرىلماقتا، بۇ ئىككى چوڭ سىنىپ ۋە قۇتۇپ بولسا بۇرژۇئازىيە ۋە پىرولېتارىيەتتۇر“دېگەن تەرىقىدە ئىزاھلايدۇ. بۇ كۈرەش پىرولېتارىياتنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، بۇ تارىخنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ ئىشارىتىدۇر. دۇنيا ھېچكىم مۈلۈك ئىگىسى بولمىغان ۋە ھەممە ئادەم تەڭ باراۋەر خۇشال-خۇرام ياشايدىغان كوممۇنىزم جەننىتىگە ئايلىنىدۇ.

بۇ كوممۇنىستىك ئىدىيەگە ئىشەنسەم ھاياتىمنىڭ مەنىسى ۋە غايىسىنىڭ ھاياجان ۋە قايناق ھېسسىياتقا تولغان كىتابلارنى يېزىش، ئىش تاشلاش ۋە نامايىش قىلىش، ئاچكۆز كاپىتالىستلارغا سۇيىقەست قىلىپ ئۇلارنىڭ چوماقچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق ئالەمشۇمۇل ئىنقىلابنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن بولاتتىم. ناۋادا بىر كوممۇنىست بۇ ئىدىيەگە چىن ئىشەنسە باڭلادېشتىكى توقۇمىچى ئىشچىلارنى ئېكسپلاتاتسىيە قىلغان شىركەتنىڭ ماركىسىنى بايقۇت قىلىدۇ ياكى يېڭى يىل زىياپىتىدە كاپىتالىست قېيىنئاتىسى بىلەن گەپ تالىشىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئىشى ئۇنىڭ ھاياتىنى مەنا ۋە قىممەتكە ئىگە قىلىدۇ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ھاياتىنىڭ مەنىگە ۋە قىممەتكە ئىگە بولۇۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

ھەقىقىي كىملىكنى ئىزاھلاش ۋە ئىش-ھەرىكەتلەرنى مەنە ۋە قىممەتكە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغان ئىدىيەلەرگە قارايدىغان بولساق، ئۆلچەمنىڭ ئۇنچىۋالا مۇھىم ئەمەسلىكىنى بايقايمىز. سىمبا قوبۇل قىلغان ھاياتلىقنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىگە ئوخشاش ئىدىيەلەر ئەبەدىيلىككە خىتاب قىلىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ . بىز كىم ئىكەنلىكىمىزنى پۈتۈن كائىناتنى ئاساس قىلغان ھالدا ئاندىن بىلەلەيمىز. نۇرغۇن مىللەتچى ۋە قەۋمنى ئاساس قىلغان ئەپسانە، چۆچەك ۋە ئىدىيەلەر ئەمەلىيەتتە كىچىك دائىرىلىك ھېسابلىنىدۇ. زىيونىزم ئىنسانىيەتنىڭ تەخمىنەن %0.2سىنىڭ، دۇنيانىڭ %0.005لىك قىسمىدا تولىمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە  بېشىدىن ئۆتكەن سەرگۈزەشتىلەرنى مۇقەددەس دەپ قارايدۇ. ئەپسۇس زىيونىزم خىتاي ئىمپېرىيەلىرى، يەنى گىنە قەبىلىلىرى، ئاندرومەدا گالاكسىسىي، ھەزرىتى ئىبراھىم ۋە ھەزرىتى مۇسانىڭ تۇغۇلۇشىدىن بۇرۇنقى سان-ساناقسىز دەۋرلەرنى ئىزاھلاشتىن تولىمۇ ئاجىز.

بۇ خىلدىكى يۈزەكى ئىدىيەلەرنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتلىرى ئېغىر بولىدۇ. مەسىلەن، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان ئەڭ زور چەكلىمە، ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ قۇددۇسنى ئىككىگە ئايرىشقا قەتئىي يېقىن كەلمەسلىكىدۇر. ئىسرائىلىيەلىكلەر قۇددۇسنىڭ ”يەھۇدىي خەلقىنىڭ ئەزەلدىن بېرى پايتەختى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئەبەدىي پايتەختى“بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ. بۇ مەنتىق بويىچە بولغاندا، ئىسرائىيەلىكلەر ئەبەدىيلىك ئاتا قىلىدىغان بۇنداق شەھەردىن ۋاز كەچمەسلىكى كېرەك. شۇڭا ئەبەدىي  بىر نەرسە ئۈچۈن بىر نەچچە ئادەم ئۆلسە نېمىشقا بولمىغۇدەك. بۇ تولىمۇ بىمەنە قاراشتۇر. چۈنكى ئەزەل ئىلمىي نۇقتىدىن 13 مىليارد 800 مىليون يىل ياشنى كۆرسىتىدۇ، كائىناتنىڭ ھازىرقى يېشى بۇ. يەر شارى 4 مىليارد 500 مىليون يىل ئىلگىرى بەرپا بولغان، ئىنسانلار ھېچ بولمىغاندا 2 مىليوندىن يىلدىن بېرى يەر شارىدا ياشاپ كەلمەكتە. قۇددۇس 5000 يىل ئىلگىرى بەرپا قىلىنغان تۇرسا، بۇ شەھەر قانداقمۇ يەھۇدىي خەلقىنىڭ ئەزەلدىن بېرى پايتەختى بولۇپ كەلسۇن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەھۇدىي خەلقىنىڭ ئۆتمۈشى ئاران 3000 يىل ئاۋالغا تايىنىدۇ. شۇڭا قۇددۇسنى ئەزەل دېگەن كاتېگورىيەگە كىرگۈزۈش مۇمكىن ئەمەس.

ئەبەدىيلىك ئۇقۇمىغا كەلسەك، فىزىكىچىلار يەر شارىنىڭ تەخمىنەن 7 مىليارد 500 مىليون يىلدىن كېيىن بارغانچە كېڭىيىپ بارىدىغان قۇياش سىستېمىسى تەرىپىدىن يۇتۇپ كېتىلىدىغانلىقىنى ۋە كائىناتنىڭ ئەڭ ئاز 13 مىليارد يىل يەنە ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. يەھۇدىي خەلقى ياكى ئىسرائىلىيە دۆلىتى ۋەياكى قۇددۇس شەھىرى 13 مىليارد يىل ئەمەس 13مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرەلەيدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ تەس بىر ئىش. زىيونىزم كېلەچىكىنى بىر نەچچە ئەسىر ئارتۇق ئويلىۋالغان تەقدىرىمۇ لېكىن نۇرغۇن ئىسرائىلىيەلىكنىڭ تەسەۋۋۇر دۇنياسىغا تەسىر قىلىپ ئەزەل ۋە ئەبەدىي ئۇقۇملىرىنى سىڭدۈرۈشكە تامامەن قابىل. شۇڭا ئىنسانلار ئەزەل ۋە ئەبەدىيلىك ئۈچۈن نۇرغۇن پىداكارلىقلارنى كۆرسەتمەكتە.

ئىسرائىلىيەدە مەنمۇ ياش چاغلىرىمدا ئۆزۈمنى بىر پۈتۈن نەرسىنىڭ ئايرىلماس پارچىسى دەپ ئويلايتتىم، ئۆزۈمنى مىللەتكە ئاتىۋەتسەم مىللىتىمنىڭ قەلبىدە ئەبەدىي ياشايدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم. بىراق «مىللەتنىڭ قەلبىدە ئەبەدىي ياشاش»دېگەن گەپنىڭ مەنىسىنى تازا چۈشىنىپ بولالمايتتىم، بۇ گەپ تولىمۇ جەلپ قىلارلىق ۋە سېھىرلىك ئىدى. ئۇنداقتا بۇ گەپ مەنىسى زادى نېمە؟ ئون ئۈچ يېشىمدا بىر خاتىرىلەش كۈنىگە قاتناشتىم، ئامېرىكىدا خاتىرىلەش كۈنلىرى ماگىزىنلاردىكى ماللارنىڭ باھالىرى تۆۋەنلىتىلىش ئارقىلىق خاتىرىلەنسىمۇ، ئىسرائىلىيەدە خاتىرىلەش كۈنلىرىگە تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىلەتتى. مەكتەپلەر خاتىرىلەش كۈنىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇشلاردا ئۆلۈپ كەتكەن ئەسكەرلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن مۇراسىم ئۆتكۈزەتتى. ئوقۇغۇچىلار ئاق رەڭلىك كىيىم كىيەتتى، ناخشىلار ئوقۇيتتى، گۈلچەمبىرەكلەر قوياتتى، قوللىرىغا بايراق ئېلىپ لەپىلدىتەتتى. مەنمۇ بۇ ئاق كىيىملىكلەر ئىچىدە ئىدىم، تەڭتۈشلىرىمغا ئەگىشىپ ناخشا ئوقۇيتتىم، بۇ ھاياجانلىق مىنۇتلاردا ئېسىمدىن مەنمۇ بۇ ئەسكەرلەرگە ئوخشاش دۆلىتىم ۋە مىللىتىم ئۈچۈن ئۆلىمەن، دېگەن خىياللار كېچەتتى. ناۋادا ھاياتىمنى ئىسرائىلىيە ئۈچۈن پىدا قىلسام، ئىسرائىلىيەدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار مېنىڭ شەرىپىمگىمۇ بايراق لەپىلدىتىپ شېئىرلار ئوقۇيتتى.

چوڭ بولغاندا مۇنداق ئويلاشقا باشلىدىم: «مەن ئۆلگەندە ئىسرائىلىيەلىك بالىلار مەن ئۈچۈن راست شېئىر ئوقۇمدىغاندۇ؟ ئوقۇغان تەقدىردىمۇ ئۆلگەن بىر ئادەم بۇنى قانداقمۇ تۇيالىسۇن؟  ھاياتىمىزنى مەنىگە، قىممەتكە ۋە غايىگە ئىگە قىلغان بۇ ئىدىيەلەر مەن ئۆلگەندىن كېيىن ماڭا بىۋاسىتە پايدىسى بارمۇ ياكى تىرىكلەر ئۈچۈنمۇ؟».  مەن 13 ياشتىلا كائىناتنىڭ بىر قانچە مىليارد ياشتا ئىكەنلىكىنى ۋە بەلكىم مىلياردلارچە يىل يەنە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغانلىقىنى بىلەتتىم. راست گەپنى قىلسام، ئىسرائىلىيە يەنە مىلياردلارچە يىل ياشىيالامدۇ؟مەندەك بىر ئوقۇغان ئادەم ئىسرائىلىيەنىڭ بۇنچىلىك ياشىيالىشىغا قانچىلىك ئىشىنىدۇ؟ ھاياتلىقنىڭ مەنىسى، قىممىتى ۋە غايىسى بىلەن بىيولوگىيە ۋە فىزىكىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ سوئاللار مېنى قىينايتتى.  مەسىلىنى پەلەستىن نۇقتىسىدىن ئويلاپ باقايلى، پەلەستىن يەنە 200 مىليون يىل ياشىيالامدۇ؟ ياكى پەلەستىنلىكلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرالامدۇ؟ بىيولوگىيە نۇقتىسىدىن 200 مىليون يىلدىن كېيىن سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار يەنە ياشىيالامدۇ يوق؟ ئىسرائىلىيە مىللەتچىلىرىگە ئوخشاش باشقا مىللەتلەرنىڭ مىللەتچىلىك قاراشلىرىمۇ يۈزەكىلىكتىن خالىي ئەمەس. سېرىپ مىللەتچىسى جۇراسسىك دەۋرىدە بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەرگە پەقەتلا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، كورېيەلىك مىللەتچىلەرمۇ ئاسىيانىڭ شەرقىدىكى كىچىك ئارالنى كائىناتقا نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيىتى بار، دەپ قارايدۇ.

ھاياتلىقنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى ئۆزىگە غايە قىلغان سىمبامۇ شىرلار، بۆكەنلەر ۋە ئوتلارنىڭ ئەبەدىي ئەمەسلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. سىمبا سۈت ئەمگۈچىلەر ئاپىرىدە بولۇشتىن ئىلگىرى كائىناتنىڭ نېمىگە ئوخشايدىغانلىقى ئۈستىدە باش قاتۇرۇپمۇ قويمايدۇ، شۇنداقلا ئىنسانلار پۈتكۈل شىرلارنى ئۆلتۈرۈپ ئوتلارنى ئاسفالت ۋە سېمونتلار بىلەن قاپىلىۋەتكەندە ئافرىقىنى قانداق بىر ئاقىۋەتنىڭ كۈتىدىغانلىقى ئۈستىدىمۇ ئويلانمايدۇ. ئۇنداقتا سىمبانىڭ ھاياتى پۈتۈنلەي مەنىسىز ۋە قىممەتسىزلىشەمدۇ؟

قىسقىسى، ئىدىيە، ئىدېئولوگىيە ، ھېكايە، ئەپسانە، چۆچەكلەر بولۇپ ھەممىسى ھاياتنىڭ مەنىسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشتىن ياكى ھاياتنى تولۇق ۋە ئەتراپلىق ئىزاھلاپ بېرىشتىن ئاجىز. ھاياتىمنى مەنىگە ۋە قىممەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بىر ئىدىيەنىڭ ئىككى مۇھىم ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى كېرەك. بىرىنچىسى، ماڭا قانداق رول ئوينايدىغانلىقىم بىلدۈرۈلۈشى كېرەك، يېڭى گىنەلىك بىر قەبىلە ئەزاسى زىيونىزم ياكى سېرىپ مىللەتچىلىكىگە ئىشەنمەيدۇ،  چۈنكى زىيونىزم ۋە سېرىپ مىللەتچىلىكىدىن ئىبارەت بۇ مىللەتچى ئىدىيەلەرنىڭ يېڭى گىنە ۋە خەلقى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. ئىنسانلار كىنو ئارتىسلىرىغا ئوخشاش ئۆزلىرىگە مۇھىم رول بېرىلگەن سېنارىيەلەرنى ياقتۇرىدۇ.

ئىككىنچىسى، ياخشىراق بىر ئىدىيە ئەبەدىيلىكنى تەشەببۇس قىلمىسىمۇ، مېنىڭ نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتسە شۇنىڭ ئۆزى  يېتەرلىك. بىر ئىدىيە مېنى تېخىمۇ بۈيۈك بىر نەرسىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ ماڭا كىملىك ئاتا قىلىدۇ ۋە ھاياتىمنى مەنە ۋە قىممەتكە ئىگە قىلىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ بۈيۈك نەرسە ۋە ئىدىيەگە مەنە ۋە قىممەت ئاتا قىلغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئويلىنىش مېنىڭ ئەڭ تەبىئىي ھەققىم شۇنداقلا خەتەرلىك بىر ئەھۋال. ھاياتىمنىڭ مەنىسى ۋە ۋەزىپىسى پىرولېتارىيات ياكى پولشا خەلقىگە ياردەم قىلىش بولسا، ئۇنداقتا پىرولېتارىيات ياكى پولشا خەلقىنى مەنە ۋە قىممەتكە ئىگە قىلغان نەرسە زادى نېمە؟ مەلۇمكى، دۇنيانىڭ بۈيۈك بىر پىلنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان بىر ئادەمگە دائىر بىر ھېكايە بار. بىر ئادەمدىن پىلنىڭ نېمىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغانلىقى توغرىلىق سوئال سورالغاندا، ئۇ ئادەم پىلنىڭ چوڭ بىر تاشپاقىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغانلىقىنى دەپتۇ، ئۇنداقتا تاشپاقا نېمىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ؟ بۇ تاشپاقا تېخىمۇ چوڭ بىر تاشپاقىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ. ئۇنداقتا بۇ تاشپاقا يەنە نېمىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ؟ ئۇ ئادەم سوئالدىن زېرىكىپ مۇنداق دەپتۇ: مەندىن ئەمدى سورىمىغىن چۈنكى تاشپاقىنىڭ ئاستىدا يەنە نۇرغۇنلىغان تاشپاقا بار» دەپتۇدەك.

ئاساسەن ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغان ھېكايە، ئېتىقاد، ئىدىيە ۋە مىزانلارنىڭ چېتىلىش دائىرىسى تولىمۇ كەڭرى بولۇپ، ھاياتلىقنىڭ مەنىسى ۋە قىممىتىنىڭ مەنبەسىنى ئىزاھلاش ئۈچۈن ئاۋارە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى ئۇتۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تولىمۇ ماھىر كېلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن سىز دۇنيانىڭ يوغان بىر پىلنىڭ دۈمبىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى ئىزاھلىغاندا، قىيىنراق بىر سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن پىل بىر قۇلىقىنى لىڭشىتقاندا بوران-چاپقۇن چىقىدۇ ۋە پىل ئاچچىقلانغاندا يەر تەۋرەيدۇ، دېگەن جاۋابلارنى بىمالال بېرەلەيسىز. ناۋادا تېخىمۇ سىرلىق بىر ھېكايە ئېيتقان چېغىڭىزدا ھېچكىمنىڭ خىيالىغا نېمىنىڭ ئۈستىدە ئىكەنلىكى كېلىپمۇ قويمايدۇ. ئوخشاشلا مىللەتچىلىكمۇ بىزنى قەھرىمان ھېكايىلىرى بىلەن سېھىرلەيدۇ، ئۆتمۈشتىكى ئېچىنىشلىق تىراگېدىيەلەرنى سۆزلەپ بىزنى يىغلىتىدۇ، شانلىق تارىخىنى سۆزلەپ بىزنى ئىپتىخارلاندۇرىدۇ، مىللىتىمىز ئۆتمۈشتە دۇچ كەلگەن يولسىزلىق، ھەقسىزلىق، زۇلۇملارنى ئېيتىپ  غەزەپ -نەپرىتىمىزنى تېخىمۇ ئۇلغايتىدۇ. بۇنداق مىللىي داستاننىڭ ئىچىگە شۇنچىلىك غەرق بولىمىزكى، دۇنيادا بولۇپ ئۆتكەن ھەر ۋەقە-ھادىسىنى، ئۇنىڭ ۋەتىنىمىزگە ۋە مىللىتىمىزگە كۆرسەتكەن تەسىرى نۇقتىسىدىن باھالاشقا ئۇرۇنىمىز، دەل مۇشۇنداق ۋاقىتتا ۋەتىنىمىز ۋە مىللىتىمىزنى بۇنچىلىك مۇھىم قىلغان نەرسىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئويلىنىش خىيالىمىزغىمۇ كېلىپ قويمايدۇ.

مەلۇم بىر ئىدىيە، ئېتىقاد ۋە ئىدېئولوگىيەگە ئىشىنىپ قالساق، ئۇلار توغرۇلۇق بارلىق نەرسىلەرگە قىزىقىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان بولىمىز. لېكىن ئۇلارنىڭ سىرتىدىكىلەرگە سەل قارايمىز. ئۆزىنى كوممۇنىزمغا ئاتىغان ئىنسانلار ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئىجتىمائىي دېموكراتچىلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ توغرا ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىشىدۇ، بىراق يەر شارىدىكى سۈت ئەمگۈچىلەرنىڭ كېلەچىكى ياكى كائىناتقا ئورگانىك ھاياتنىڭ تارقىلىشى قاتارلىق ئۈستىدە ئويلىنىپ ئولتۇرمايدۇ. بۇنداق تېمىلار بىر كوممۇنىستنىڭ نەزىرىدە تولىمۇ ئەھمىيەتسىز ۋە قىممەتسىز ھېسابلىنىدۇ.

بەزى ئىدىيەلەر پۈتكۈل تاشقى پىلانېت ۋە زاماننى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ، ئىنسانلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىشقا قابىل كۈچلۈك ئىدىيەلەر مەلۇم دائىرە ئىچىدە يەنىلا نوپۇزنى ساقلاپ قالالايدۇ. ئىدىيە ۋە ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ قۇدرەتلىرىدىن بىرى، ئەگەشكۈچى ۋە تىڭشىغۇچىلىرىنىڭ دۇنيا قارىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئۇتۇشتۇر.  بىر ئىدىيە، ئېتىقاد ۋە ئىدېئولوگىيەگە ئىشەنگەن ياكى مايىل بىرسى ئۆزى ئىشەنگەن نەرسىنىڭ توغرىلىقىغا چىن پۈتكەنلىكى ئۈچۈن، ھەرگىزمۇ ئۇ نەرسىنىڭ دائىرىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ۋە توغرىلىقى توغرىسىدا ئويلىنىپ ئولتۇرمايدۇ. ئىنسانلار ئېتىقادى يولىدا تۆلىگەن بەدەلنى مىڭ يىللىق تارىخى بولغان مىللىتى ئۈچۈنمۇ تۆلىيەلەيدۇ، ئەلۋەتتە. ئىنسانلار ئۇزۇن خانىلىق سانلارنى ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ. ئۇزۇن خانىلىق سانلار كۆپ چاغلاردا ئىنسانلارنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ.

كائىنات توغرىلىق بىلىدىغانلىرىمىزنى نەزەرگە ئالىدىغان بولساق، ئەقلىي-ھوشى بىر ئىنساننىڭ كائىنات ۋە ئىنسان مەۋجۇتلۇقىنىڭ ماھىيىتىنىڭ ئىسرائىل، نېمىس ياكى رۇس مىللەتچىلىكى ياكى ھەر قانداق بىر مىللەتچىلىكتە ياتىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. ماكان، زامان، بۈيۈك پارتلاش، كۇانتۇم فىزىكىسى ۋە جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى قاتارلىقلارنى ئەرزىمەس نەرسىلەر دەپ قارايدىغان ئىدىيە ياكى ئىدېئولوگىيە ۋەياكى ئېقىم، بەلكىم ھەقىقەتنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ، خالاس. لېكىن ئىنسانلار ئۆزلىرى قوبۇل قىلغان ئىدىيە ياكى ئىدېئولوگىيە ۋەياكى ئېقىمنىڭ سىرتىنى كۆرۈشكە بەكمۇ قىزىقىپ كەتمەيدۇ.

ئەسلىدە تارىختىن بۇيان مىلياردلارچە ئىنسان ھاياتىنى مەنىگە ۋە قىممەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بىر مىللەت ياكى بۈيۈك بىر ئىدېئولوگىيەلىك ھەرىكەتكە داخىل بولۇشى كېرەكلىكىمۇ ئىشەنمىگەن. ئۇلار پەقەت « ئۆلگەندىن كېيىن بىر نەرسىلەرنى مىراس قالدۇرۇش» ۋە شەخسىي ھېكايىلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىشىنى خالايدۇ.  يەنى «مەندىن كېيىن قالىدىغان نەرسە ياكى مىراس روھىم ياكى شەخسىي ئۆزۈمدۇر، ھازىرقى بەدىنىم ئۆلگەندىن كېيىن باشقا بىر بەدەندە قايتىدىن تۇغۇلسا، ئۆلۈم ئاخىرلاشمايدۇ، دېگەن گەپ. ھاياتلىق ئىككى قىسىم ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقتىن ئىبارەت، بىر قىسمىدا باشلىغان ھادىسىلەر زەنجىرى يەنە بىرسىدە داۋاملىشىدۇ. كۆپ قىسىم ئىنسان بۇنداق نەزەرىيەنى، مەلۇم بىر تېيولوگىيەلىك ھېكايە بىلەن ئوخشاش كۆرمىسىمۇ، لېكىن بۇ نەزەرىيەگە ئىشىنىدۇ، بۇ ئىنسانلار ھېكايىلەرنىڭ ئۆلۈمدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ ۋە بۇنىڭدىن مەنىۋى ئوزۇق ئالىدۇ. ھاياتلىقنىڭ ئەبەدىيلىكىگە ئىشارەت قىلىدىغان بۇنداق نەزەرىيە تولىمۇ جەلپ قىلارلىق ۋە سېھىرلىك بولۇپ كەڭ ئومۇملاشقاندۇر، لېكىن بۇنىڭ مۇنداق ئىككى چاتىقى بار بولۇپ، بىرىنچىسى شەخسىي ھېكايىلەر تېخىمۇ ئۇزارتىلسا بۇ ھېكايىلەرنىڭ قىممىتى ئاجىزلاپ كېتىدۇ، پەقەت ھېكايىلەرنىڭ ۋەقەلىكىنى ئۇزارتىشتىن باشقا ئىش قىلمىغان بولىمىز. ئايىغى تۈگىمەس تۇغۇت ۋە ئۆلۈم ئايلانمىسىنى قوبۇل قىلغان ئىككى چوڭ ئېتىقاد بولغان ھىندۇئىزم ۋە بۇددىزمنىڭ ئورتاق ئەندىشىسى  يۇقىرىدا قەيت قىلىنغانلارنىڭ بىھۇدە نەرسە بولۇشىدۇر. «مىليونلارچە قېتىم مېڭىشنى ئۆگىنىمەن، چوڭ بولىمەن، قېيىنئانام بىلەن جېدەللىشىمەن، كېسەل بولىمەن، ئۆلىمەن، يەنە بۇلارنى قايتا قىلىمەن، بۇ ئىشلارنى قايتا-قايتا قىلىشنىڭ زادى نېمە ئەھمىيىتى بار؟  بۇرۇنقى ھاياتلىرىمدا تۆككەن كۆز ياشلىرىمنى يىغسام، تىنچ ئوكيان تولۇپ تېشىپ كەتمەمدۇ، ھىندى ۋە بۇددىست راھىبلار ھاياتلىق ئايلانمىسىنىڭ ئىزچىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس بۇ ئايلانمىدىن چىقىشنىڭ يولىنى تېپىشنىڭ كويىدا يۈرۈشى بىكارغا ئەمەس.»

بۇ نەزەرىيەگە دائىر ئىككىنچى چاتاق، بۇ نەزەرىيەنى قۇۋۋەتلەيدىغان دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كەملىكى. بۇرۇنقى ھاياتىمدا ئوتتۇرا ئەسىردە ياشىغان بىر جۈپ دېھقان ئەر-خوتۇن، ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى بىر ئوۋچى، بىر تىرانوزور ياكى بىر ئامىبا (شەكلى ئۆزگەرگەن قۇرت) ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىل يوق. كېلەچەكتە بىر سىبورگ، بىر پىلانېتانى كەشىپ قىلغۇچى ياكى پاقا بولۇپ قايتىدىن دۇنيا كېلىدىغانلىقىمغا كىم كاپالەتلىك قىلىدۇ؟ ھاياتىمنى بۇ ۋەدىگە باغلاش ئۆيۈمنى خىيالى بىر بانكىدا كەلگۈسىدە ئىشلىتىش ئۈچۈن يېزىلغان چەك بەدىلىگە سېتىشىمغا ئوخشايدۇ.

بۇ سەۋەبتىن ئۆلگەندىن كېيىن بىر روھ ياكى ئەرۋاھنىڭ ھاياتتا قالىدىغانلىقىدىن گۇمان قىلىدىغان ئىنسانلار، بۇ ھاياتتا يەنە ماددىي نەرسىلەر قالدۇرۇپ قويۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ نەرسىلەر مۇنداق بولۇشى مۇمكىن: يا مەدەنىيەت ياكى بىيولوگىيە . مەسىلەن، مەن ئۆلگەندىن كېيىن بۇ دۇنياغا بىر پارچە شېئىر ياكى قىممەتلىك گېنلىرىمدىن بىر قىسمىنى قالدۇرۇپ قويۇشۇم مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا ھاياتىمنىڭ مەنىسى ۋە قىممىتى بار بولىدۇ، چۈنكى مەن ئۆلۈپ يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىنسانلار شېئىرىمنى ئوقۇيدۇ ،  پەرزەنتلىرىم ۋە نەۋرىلىرىم ياشايدۇ. ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ مەنىسى ۋە قىممىتى نېمە بولىدۇ؟ بۇنىڭغا ئۇلار كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. ھاياتلىقنىڭ مەنىسى ۋە قىممىتى پىلىكى چېكىلگەن بومبىغا ئوخشايدۇ. بۇ بومبىنى قولدىن-قولغا ئۆتكۈزەلىسەك ئاندىن ئۇتۇق قازانغان بولىمىز.

ئەپسۇس، ئىنسانلارنىڭ«ئۆلگەندىن كېيىن بىر نەرسىلەرنى مىراس قالدۇرۇپ كېتىش ئارزۇسى »ناھايىتى ئاز ئىشقا ئاشىدۇ. مەسىلەن، بىر زامانلار ياشىغان نۇرغۇن ئورگانىزم ھېچقانداق گېن مىراس قالدۇرۇپ قويالماي كېتىپ قالدى، دىنازورلارنىڭ نەسلى يوقىدى. چوڭ ئاپامنىڭ پولشادىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ تۈگەپ كەتتى، 1934-يىلى چوڭ ئاپام فاننىي، ئاتا-ئانىسى ۋە ئىككى سىڭلىسى بىلەن بىرلىكتە ئىسرائىلىيەگە كۆچۈپ كەلگەنىكەن، لېكىن ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كۆپ قىسمى پولشانىڭ چىمىلنىك ۋە كزېستوچېۋا ناھىيەلىرىدە قالغان ئىكەن، بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ناتسىستلار بۇ ناھىيەگە كېلىپ بۇ يېزىدىكى بالىلار ۋە ئاياللار بولۇپ ھەممىسىنى قەتل قىلغانىدى.

مەدەنىيەت مىراسلىرى قالدۇرۇپ قويۇشمۇ ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس. چوڭ ئاپامنىڭ پولشادىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن قالغان ئائىلە ئالبومىدىن باشقا بىر نەرسە قالمىدى، ھازىر 96 ياشقا كىرىپ قالغان چوڭ ئاپاممۇ ئالبومدىكى تۇغقانلىرىنى پەرق ئېتەلمەس بولۇپ قالدى. بىلىشىمچە، ئۇلار بىرەر مەدەنىيەت ئەسىرى قالدۇرۇپ قويمىغانىدى. ئۇلار نە بىر پارچە شېئىر نە بىر كۈندىلىك خاتىرە قالدۇرۇپ قويمىغان ئىدى، ئۇلارنىڭ يەھۇدىي خەلقىنىڭ ئورتاق مىراسى ياكى زىيونىزمدا ھەسسىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز مۇمكىن، لېكىن بۇلارنىڭ ئۇلارنىڭ شەخسىي ھاياتىنى مەنە ۋە قىممەتكە ئىگە قىلىشى ناتايىن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يەھۇدىي كىملىكىنى ھەقىقىي تۈردە قوبۇل قىلغانلىقىنى ياكى زىيونىزمنى قوللاپ قوللىمىغانلىقىنى قەيەردىن بىلىمىز؟ مەسىلەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى كوممۇنىزمنى قوبۇل قىلىپ ھاياتىنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن پىدا قىلغان بولسىچۇ؟ بەلكىم ئۇلارنىڭ بىرسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى پولشا جەمئىيىتىگە ئارىلىشىپ كېتىش بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئۇ پولشا ئارمىيەسىگە قېتىلىپ ئوفىتسېر بولغان ۋە كاتيىن قەتلىئامىدا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن قەتل قىلىنغان بولسىچۇ؟چوڭ ئاپامنىڭ ئۈچىنچى بىر تۇغقىنى بولسا ئايالچىلىق ئېقىمىنى ياقلايدىغان ئاشقۇن بىرى بولۇپ ھەر قانداق دىنى ۋە مىللىي كىملىكنى رەت قىلغان بولسىچۇ؟ ئۇلار بىر نەرسە قالدۇرۇپ قويمىغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى ھەر قانداق بىر ئىدىيەگە تەۋە قىلىش تولىمۇ ئاسان، چۈنكى ئۇلار بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرەلمەيدۇ ئەمەسمۇ.

گېن ياكى شېئىرغا ئوخشاش تۇتامغا چىققۇدەك بىرەر نەرسە مىراس قالدۇرۇشقا قۇربىمىز يەتمىسە، ئۇنداقتا دۇنيانى گۈزەللەشتۈرۈشكە بولسىمۇ كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. بىرىگە ياردەم قىلسىڭىز، ئۇ قوپۇپ باشقا بىرىگە ياردەم قىلسا، ياردەمگە ئېرىشكەن بۇ ئادەم يەنە باشقا بىرسىگە ياردەم قىلسا تەبىئىي ھالدا ياخشىلىق ھالقىسى بەرپا بولىدۇ ئەمەسمۇ، سىز مۇشۇ ھالقىنىڭ بىرسى بولسىڭىز نېمىشقا بولمىغۇدەك. بەلكىم تەس بولۇشى مۇمكىن بىراق زېرەك بىر بالىغا ياردەم قىلسىڭىز، كېلەچەكتە كىم بىلىدۇ بۇ بالا يۈزلەرچە ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشقا ۋەسىلە بولامدۇ تېخى. ياكى ياشانغان بىر ئايالنى يولنىڭ بۇ چېتىدىن يەنە بىر چېتىگە ئۆتكۈزۈپ قويسىڭىز، ياشانغان بۇ ئايالنىڭ بىر سائىتىنى يورۇقلۇققا چىقارغان بولىسىز. ياخشىلىق ھالقىسى قاتمۇ  قات تىزىلىپ تۇرغان تاشپاقىلار ھالقىسىغا ئوخشايدۇ. ياشانغان بىر دانىشمەندىن ھاياتنىڭ مەنىسى ۋە قىممىتى سورىلىپتۇ، بۇ دانىشمەن سۆزنى باشلاپ: بۇ دۇنياغا باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىمنى چۈشىنىپ يەتتىم، لېكىن باشقا ئىنسانلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ھازىرغىچە چۈشىنىپ بولالمىدىم، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

ياردەم ھالقىسى، كېلەچەككە مىراس قالدۇرۇش ياكى كوللېكتىپ داستانلارغا ئىشەنمەيدىغانلار ئاشىق ھېكايىلىرىگە بەكرەك ئىشىنىدۇ. ئاشىق ھېكايىسى ھازىر ۋە تۇرغان جايدىن ھالقىپ ئۆتۈشنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ. سان-ساناقسىز ئاشىق شېئىرلىرى مۇئەييەنلەشتۈرگەندەك ئىنسان ئاشىق بولغاندا كائىنات مەشۇقنىڭ قۇلىقىغا، كىرپىكىگە ياكى كۆكسىنىڭ ئۇچىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. مەڭزىنى تۇتۇپ خىيالغا پېتىپ كەتكەن جۇلىياتنىڭ بۇ ھالىنى ھۇزۇرلىنىپ كۆرۈپ ئولتۇرغان رومىيو: ئى ئۇ قولغا پەلەي بولۇپ شۇ گۈزەل مەڭزىنى تۇتالىغان بولسام، دەپ خۇرسىنىدۇ. ھازىر ۋە بۇ جايدا بىرلا بەدەنگە باغلىنىپ پۈتۈن كائىنات بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتالايسىز.

ئىشنىڭ تېگىنى سۈرۈشتە قىلىدىغان بولساق، سىزگە ئاشىق بولۇپ قالغان كىشى  ئەمەلىيەتتە سىز ھەر كۈنى پويىزدا، تاللا بازىرىدا ۋە كوچىلاردا كۆرۈپ تۇرىدىغان ئادەملەردىن قىلچە پەرقسىز. لېكىن سىزگە ئۇ يەنى مەشۇقىڭىز ئەبەدىي بولۇپ كۆرۈنىدۇ ۋە سىز بۇ ئەبەدىيلىك ئىچىگە غەرق بولۇپ كېتىشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلىسىز. بەزى ئەنئەنىلەردە تەسەۋۋۇپ شائىرلىرى دۇنياۋى سۆيگۈ بىلەن ۋەھدەتى-ۋۇجۇد ئۇقۇمىنى بىر يەرگە مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، تەڭرىنى مەشۇقتەك كۆرىدۇ.  رومانتىزم شائىرلىرى ئىلتىپاتقا ئىلتىپات ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرغاندەك قىلىپ، سۆيگىنىنى تەڭرىنى ئۇلۇغلىغاندەك ماختاپ كېتىدۇ. بىرىگە چىن ئاشىق بولۇپ قالغان بولسىڭىز، ھاياتنىڭ مەنىسى بىلەن قىلچە كارىڭىز بولمايدۇ.

ئۇنداقتا يا ئاشىق بولمىسڭىزچۇ؟ ئاشىق ھېكايىسىگە ئىشىنىسىز بىراق بىرسىگە ئاشىق بولمىسىڭىز، ھېچ بولمىغاندا ھاياتنىڭ مەنىسىنى ۋە قىممىتىنى بىلىسىز دېگەن گەپ، يەنى ھەقىقىي ئاشىق تېپىش.كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىزگە نىسبەتەن ئالاھىدە ھېسابلىنىدىغان ئۇ ئىنسان بىلەن تونۇشۇپ ، ئۇنىڭ شەھلا كۆزلىرىدە ئەبەدىيلىكنى تاپقان چېغىڭىزدا ھاياتىڭىزنىڭ مەنە ۋە قىممەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى ۋە سىزنى قايمۇقتۇرۇپ كېلىۋاتقان بارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى بىرمۇ بىرمۇ سۆزلەپ ئۇلارنىڭ جاۋابىنى تاپالايسىز. خۇددى ”غەرب قىرغىقىنىڭ ھېكايىسى“دىكى تونى ياكى بالكوندىن ئۆزىگە قاراپ تۇرغان جۇلىياتنى كۆرۈپ قالغان رومىيوغا ئوخشاش.

 

ئۆگزىنىڭ ئېغىرلىقى

 

ياخشىراق بىر ئىدىيە نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتىپ ماڭا مۇۋاپىق رول بېرىشى كېرەك، لېكىن بۇ ئىدىيەنىڭ توغرا بولۇشىغا كېرەك يوق. بىر ئىدىيە ياكى ھېكايە باشتىن-ئاخىرى ئويدۇرما بولسىمۇ ماڭا بىرەر كىملىك ئاتا قىلىپ ھاياتىمنىڭ مەنىسى بارلىقىنى ماڭا ھېس قىلدۇرالىشى مۇمكىن. قولىمىزدىكى ئىلمىي نەتىجىلەرگە قارايدىغان بولساق، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر،ئېتىقاد شەكىللىرى، مىللەتلەر ۋە قەبىلىلەرنىڭ تارىختىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن ئىدىيە، ھېكايە ۋە ئەپسانىلىرىنىڭ ھېچقايسىسى توغرا ئەمەس. چۈنكى ھەممىسى ئىنسان ئىجادىدۇر. لېكىن بۇ ئىنساننىڭ ھاياتىنى مەنە ۋە غايىگە ئىگە قىلىدۇ. كائىناتنىڭ ھەرىكەت پىرىنسىپى بۇ ئىدىيە، ھېكايىگە ئوخشاش ئىنسان ئىجاد قىلىپ چىققان نەرسىلەردىن خالىيدۇر.

ئۇنداقتا ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن بۇ توقۇلما ھېكايە( چۆچەك، رىۋايەت،ئەپسانە،مەسەل دۆلەت قانۇنلىرى، ئىجتىمائىي مىزانلار، ئىقتىسادىي ئورگانلار، قاتارلىقلار) ئىدىيەلەرگە ئىشىنىدۇ؟ بۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى، شەخسىي كىملىكلەرنىڭ بىر ھېكايە ياكى ئىدىيە ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇشىدۇر. ھېكايىلەر ۋە ئىدىيەلەر ئۈستىدە ئويلىنىپ ئۇلارنىڭ توغرىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن تېگىشلىك زېھنىي، ئەقلىي ۋە ھېسسىي مۇستەقىللىققا ئېرىشىشتىن ئىلگىرىلا، بۇ ھېكايە ۋە ئىدىيەلەرنى ئاللىبۇرۇن ئاتا-ئانىمىز، ئوقۇتقۇچىلىرىمىز، قوشنىلىرىمىز، قىسقىسى جەمئىيەتتىن ئاڭلاپ بولغان بولىمىز. زېھنىمىز، ئەقلىمىز ۋە ھېسىمىز پىشىپ يەتكەن چاغدا بولسا بىز ئاڭلاپ چوڭ بولغان ھېكايە ۋە ئىدىيەلەرگە شۇنچىلىك كۆنۈپ كەتكەن بولىمىزكى، بۇلاردىن گۇمان قىلىشنىڭ ئورنىغا بۇلارنى ئەقىل ۋە مەنتىقىگە مۇۋاپىق ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچەيمىز. كىملىككە ئىگە بولۇشنىڭ كويىدا يۈرگەن كۆپ قىسىم ئىنسان ئالتۇن ئىزدەشكە چىققان بالىلارغا ئوخشايدۇ. بۇ بالىلار شۇنچە جاپا تارتىپ ئاتا-ئانىلىرى ئۇلارنىڭ تېپىشى ئۈچۈن ئالدىن قويۇپ قويغان ئالتۇننىلا تاپىدۇ، خالاس. ئىككىنچىسى، شەخسىي كىملىكىمىزدىن باشقا كوللېكتىپ كىملىكىمىزمۇ ھېكايە ۋە ئىدىيەلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇشىدۇر. بۇ سەۋەبتىن ھېكايە ۋە ئىدىيەلەردىن گۇمان قىلىش تولىمۇ ۋەھىمىلىك ئىشتۇر. نۇرغۇن جەمئىيەتتە بۇنداق ئىشقا ئۇرۇنغۇچىلار يا سۈرگۈن قىلىنىدۇ ياكى زۇلۇمغا ئۇچرايدۇ. بۇنداق ئىش بولمىغان تەقدىردىمۇ، جەمئىيەتنىڭ ئۇلىنى تەشكىل قىلغان بىر نەرسىدىن گۇمان قىلىش زور جاسارەت تەلەپ قىلىدۇ. دەرۋەقە، ئىدىيە ۋە ھېكايىلەر ھەقىقەتەن خاتا بولۇپ چىقسا، بىز ھازىرغىچە توغرا دەپ بىلىپ كېلىۋاتقان نەرسىلەر مەنىسىنى ۋە قىممىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ. مەسىلەن، دۆلەت قانۇنلىرى، ئىجتىمائىي مىزانلار، ئىقتىسادىي ئورگانلارنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولۇشى مۇمكىن.

كۆپ قىسىم ئىدىيە، ئېتىقاد ۋە ھېكايىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ئۇل تاشلارنىڭ پۇختىلىقىدىن بەكرەك، ئۆگزىلەرنىڭ ئېغىرلىقى مۇھىمدۇر. خىرىستىيان ئېتىقادى ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىڭ، خىرىستىيان ئېتىقادىنىڭ ئاساسىغا ئىلمىي نۇقتىدىن قاراشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ ئاساسى ئۈستىگە سېلىنغان ئۆگزىلەرگە قاراپ چىقايلى. بۇ ئېتىقاد ئۈستىگە دۇنيا مىقياسىدا غايەت زور چوڭلۇقىدا ئورگانلار قۇرۇلدى، بۇ ئۆگزىلەر يەنى ئورگانلار شۇنچىلىك ئېغىركى، ئاساسىي بولغان خىرىستىيان ئېتىقادى تەۋرەنمەي تۇرماقتا. بۇ ئېتىقادنىڭ بىرمۇ تەلىماتى ئۆزگىرىپ كەتمىسۇن،دەپ نۇرغۇن قانلىق ئۇرۇشلار يۈز بەردى. تېخى يېقىنقى مەزگىلدە يۈز بەرگەن كىرودىيەلىكلەرنىڭ  سېرىپلارنى، سېرىپلارنىڭ كىرودىيەلىكلەرنى ئۆلتۈرۈشى، شۇنداقلا غەربلىك خىرىستىيانلار بىلەن شەرقلىق ئورتودوكس خىرىستىيانلار ئوتتۇرىسىدىكى مىڭ يىللىق بۆلۈنۈش، لاتىنچىدە ”ۋە ئوغۇلدىن“دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان  ”فىلىوكې“ (filioque) دېگەن كەلىمە بىلەن باشلىغانىدى. غەربلىك خىرىستىيانلار بۇ كەلىمىنى خىرىستىيانلىقنىڭ ئېتىقاد قەسىمىگە قوشماقچى بولغاندا، شەرقلىق خىرىستىيانلار بۇنىڭغا قاتتىق قارشى چىققانىدى.

شەخسىي كىملىكلەر ۋە غايەت زور ئىجتىمائىي سىستېمىلار بىر ئىدىيە ئۈستىگە قۇرۇلغاچقا، بۇ ئىدىيەدىن گۇمان قىلىش بۇ ئىدىيەنى قۇۋۋەتلەيدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن ئەمەس، بۇ ئىدىيەنىڭ ۋەيران بولۇشى شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي بوھران كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئۈچۈن خىيالىمىزغىمۇ كېلىپ قويمايدۇ. تارىختا بەزىدە ئۆگزىلەر ئۇلدىن بەكرەك مۇھىم رول ئوينىغان.

 

ھوكۇس –  پوكۇس ۋە  ئېتىقاد سانائىتى

 

بىزگە مەنە، غايە، مەقسەت ۋە كىملىك بېغىشلايدىغان بارلىق ئىدىيەلەر ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولسىمۇ، ئىنسانلارنىڭ بۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئېھتىياجى بار. ئۇنداقتا بىر ئىدىيەنى قانداق قىلغاندا ھەقىقىيلىككە يەنى چىنلىققا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؟ ئىنسانلارنىڭ بىرەر ئىدىيەگە نېمە ئۈچۈن ئىشىنىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم، بىراق مۇھىم بولغىنى بۇ ئىدىيەگە قانداق ئىشىنىش مەسىلىسىدۇر. مىڭلارچە يىل ئىلگىرى راھىبلار ۋە شامانلار بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەرگەنىدى: «ئېتىقاد تۈسىنى ئالغان مۇراسىملار ئابىستراكىت نەرسىنى كونكرېتلىققا، توقۇلما نەرسىنى چىنلىققا ئىگە قىلىدۇ.»

مەسىلەن، ھەزرىتى ئەيسانى خىرىستىيانلارنىڭ نەزىرىدە قانداق قىلغاندا چىنلىققا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؟ خىرىستىيانلارنىڭ ئىبادەت مۇراسىمىدا پوپ بىر پارچە نان ۋە بىر ئىستاكان شاراب قويۇپ، ناننى ئەيسانىڭ بەدىنى، شارابنى ئەيسانىڭ قېنى دەپ ئېلان قىلىدۇ. بۇلارنى يەپ ئىچكەن خىرىستىيانلار بولسا ئەيسا بىلەن بىرلىشىپ كېتىدۇ.نەتىجىدە بىر خىرىستىيان مۇرىتى ھەزرىتى ئەيسانى ئېغىزى بىلەن تېتىپ بېقىشقا مۇيەسسەر بولىدۇ، بۇندىنمۇ ئارتۇق چىنلىقنى يەنە نەدە تاپالايسىز؟ بۇرۇنلاردا پوپلار بۇ جەسۇر ئېلاننى دىن، قانۇن ۋە ھاياتنىڭ سىرلىرىنىڭ كونىچە تىلىنى سۆزلەپ، لاتىنچە دەيتتى. پوپلار چېركاۋغا يىغىلغان دېھقانلارنىڭ ھاياجانغا تولغان كۆزلىرى ئالدىدا بىر پارچە ناننى كۆتۈرۈپ «ھوك ئېست كورپۇس» (بۇ ئەيساغا تەۋە بەدەندۇر) دەيتتى، بۇنداق قىلىنسا نان ئەيسانىڭ بەدىنىگە ئايلىنىدۇ، دەپ قارىلاتتى. ساۋاتسىز ۋە لاتىنچە بىلمەيدىغان دېھقانلارنىڭ كاللىسىدا «ھوك ئېست كورپۇس» تەبىرى، «ھوكۇس پۇكۇس» قا ئۆزگىرىپ كەتكەندىن باشقا، تاشپاقىلارنى شاھزادىگە،كاۋىنى ئات ھارۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋېتىدىغان سېھىرلىك كەلىمىلەر پەيدا بولغان.

خىرىستىيانلىق پەيدا بولۇشتىن مىڭ يىل ئىلگىرى ھىندۇلارمۇ ئىبادەت مۇراسىملىرىدا ئوخشاش ئىشنى قىلاتتى. «بىرىھادارانياكا ئۇپانىشاد»دا بىر ئات قۇربانلىق قىلىنسا كائىناتقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق قاراشلار رېئاللىققا ئايلىنىدۇ دېگەن ئېتىقاد تەكىتلىنەتتى. بۇ كىتابتا مۇنداق دېيىلىدۇ: «قۇربانلىق ئاتنىڭ بېشى شەپەق، كۆزى قۇياش، ياشاش كۈچى بولسا ھاۋا، ئېغىزى ۋايسۋانارا دېيىلىدىغان ئوت ۋە بەدىنى بولسا يىلدۇر… بەدەن ئەزالىرى پەسىللەر، بوغۇملىرى تولۇق ۋە يېرىم ئايلاردۇر، تۇياقلىرى كۈنلەر ۋە كېچىلەر، سۆڭەكلىرى يۇلتۇزلار، گۆشى بۇلۇتلاردۇر، بىجىقى چاقماق، تىترىشى گۈلدۈرماما، سىيىشى يامغۇر، كىشنىشى ئاۋازدۇر.»نەتىجىدە بۇ ئات مۇشۇ تەرىقىدە كائىناتقا ئۆزگىرىپ كېتەتتى.

شام يېقىش، زىل چېلىش ياكى تەسبىھ سىيرىش قاتارلىق ئادەتتىكى ئىشلارغا چوڭقۇر دىنى مەنىلەر بېرىلسە، ھەممە نەرسە ئىبادەت تۈسىنى ئالىدۇ. ئوخشاشلا رۇكۇغا بېرىش، سەجدە قىلىش ۋە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇشمۇ مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن چوڭقۇر مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ، ياغلىق ئارتىش ياكى ئورىنىشنىڭمۇ ئىسلامدا چوڭقۇر مەنىسى بار بولۇپ، نۇرغۇن مۇسۇلمان ئايال ئورىنىش ئۈچۈن زور كۈرەشلەرنى قىلغان.

يېمەك-ئىچمەككىمۇ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى نەچچە يۈز ھەسسە ئاشۇرىدىغان چوڭقۇر مەنىلەرنى بەرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، پاسخالىيە تۇخۇملىرى يېڭى ھايات ۋە ئەيسانىڭ تىرىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ خېمىرسىز بايرىمىدا يېيىلىدىغان قاڭسىق ئوت-چۆپلەر ۋە خېمىرتۇرۇچسىز نانلار مىسىردىكى قۇللار ۋە ئۇلارنىڭ مۆجىزىۋى قېچىشىنى ئەسلەپ چىقىشىغا خىزمەت قىلىدۇ. پۈتكۈل دۇنيادا بىر نەرسىگە سىمۋول بولمايدىغان يېمەكلىك تۈرى يوقتەكلا ئەھۋال مەۋجۇت. مەسىلەن، يەھۇدىيلار ئۇ يىلنى خۇشال  ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ھەسەل ئىستېمال قىلىشىدۇ، بېلىقلارغا ئوخشاش ئۈنۈملۈك ۋە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن بېلىقنىڭ بېشىنى يەيدۇ، ياخشىلىقلار ئانار دانلىرىغا ئوخشاش ئاۋۇسۇن دەپ ئانار يېيىشىدۇ.

تارىختا بۇنىڭغا ئوخشاش مۇراسىملار ۋە قاراشلار سىياسىي مەقسەتلەر ئۈچۈنمۇ ئېلىپ بېرىلغان. مىڭلارچە يىلدىن بۇيان تاجلار، تەختلەر ۋە ھاسىلار پادىشاھلىقلارغا ۋە ئىمپېرىيەلەرگە ۋەكىللىك قىلغان ۋە تەخت ياكى تاجنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان. سارايلاردا تەنتەنىلىك مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلگەن. ئارمىيەدە ئىنتىزام ۋە مۇراسىم بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدىغان قوشكېزەكلەر بولۇپ، ئەسكەرلەر بۇرۇنقى رىمدىن كۈنىمىزگىچە تەكشى مېڭىش ئارقىلىق قوماندانلىرىغا سالام بېرىپ ماڭىدۇ. ناپولېئون ئەسكەرلىرىنى رەڭلىك بىر لېنتا ئۈچۈنمۇ جېنىنى پىدا قىلىشقا قايىل قىلالايدىغانلىقىنى دېگەنىدى.

ئىبادەت مۇراسىملىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئەڭ ياخشى تەرىپلەپ بەرگەن كىشى كۇڭزى بولسا كېرەك. كۇڭزى مۇراسىملارغا قاتنىشىشقا ئەھمىيەت بېرىش ۋە مۇراسىملارنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىغا رىئايە قىلىشنىڭ ئىجتىمائىي بىرلىك ۋە سىياسىي مۇقىملىقنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. مۇراسىملار كىتابى، جۇ مۇراسىملىرى،  قائىدە-يوسۇنلار ۋە مۇراسىملار كىتابىغا ئوخشاش كىلاسسىك ئەسەرلەردە دۆلەتنىڭ قايسى پائالىيىتىدە قانداق مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، مۇراسىملاردا ئىشلىتىلىدىغان قۇتىلارنىڭ سانى، قانداق سازلارنىڭ چېلىنىدىغانلىقى ۋە كىيىلىدىغان كىيىملەرنىڭ رەڭگى قاتارلىق نەرسىلەر ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. خىتايدا بىرەر چاتاق چىقىپ قالغان ھامان، كۇڭزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بۇ چاتاقلارنىڭ مۇراسىملارغا سەل قارىغانلىقى تۈپەيلى كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشەتتى. بۇ گويا مەغلۇبىيەتتىن ئۆتۈكلىرىنى پارقىراتمىغان ئەسكەرگە پۈتۈن گۇناھنى ئارتىپ قويغان قوماندانلارغا ئوخشايدۇ.

غەربتە كۇڭزىچىلار تەشەببۇس قىلىدىغان مۇراسىملار قالاقلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئەھۋال  كۇڭزىنىڭ ئىنسان تەبىئىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. خىتاي ۋە خىتايغا قوشنا بولغان كورېيە، ۋىيېتنام ۋە ياپونىيەگە ئوخشاش كۇڭزىنىڭ تەلىماتىنى قوبۇل قىلغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي قۇرۇلمىلار بەرپا قىلالىشى تاسادىپىي ئەمەس. ھاياتنىڭ مۇتلەق ھەقىقىتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، تۈرلۈك مۇراسىملار سىزگە پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ. لېكىن كۇڭزىغا ئوخشاش ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە بىرلىكنى ئويلىسىڭىز، ھەقىقەتەن سىزگە يۈك بولىدۇ، لېكىن مۇراسىملار سىزنىڭ ئەڭ ياخشى شېرىكلىرىڭىزدىن بىرى بولۇپ قالىدۇ.

بۇ ئەھۋال بۇرۇنلاردا قانداق مۇھىم بولغان بولسا،21-ئەسىردىمۇ شۇنچىلىك مۇھىم. ھوكوس پوكوسنىڭ قۇدرىتى زامانىۋى سانائەت دەۋرىدە يەنىلا مۇستەھكەم ھالەتتە تۇرماقتا. 2018-يىلى تامغا ئېسىلغان ئىنقىلابقا دائىر رەڭلىك بىر رەسىم ۋە شامالدا لەپىلدەپ تۇرىدىغان بىر پارچە رەختمۇ مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. فىرانسىيەنى كۆرەلمەيسىز، ئاڭلىيالمايسىز، چۈنكى فىرانسىيە پەقەت خىيال دۇنيامىزدا، لېكىن شەكسىزكى ئۈچ رەڭلىك بايراقنى كۆرۈپ «La Marseillaise »مارشىنى ئاڭلىيالايسىز. رەڭلىك بىر بايراقنى كۆتۈرۈپ مارش سۆزلەش مىللەتنى ئابىستراكىتلىق چۈشەنچىدىن چىقىرىپ كونكرېت نەرسىگە ئايلاندۇرىدۇ.

مىڭلارچە يىل ئىلگىرى دىندار ھىندىلار ناھايىتى سورتلۇق ئاتلارنى قۇربان قىلغان بولسا، كۈنىمىزدە قىممەتلىك بايراقلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا مەبلەغ سالماقتا. ھىندىستاننىڭ دۆلەت بايرىقى ئۈچ رەڭدىن تەشكىل تاپقان، بۇ رەڭلەر ئاق، يېشىل ۋە ئاچ سېرىق رەڭلەردىن ئىبارەتتۇر. 2002-يىلدىكى ھىندىستان بايراق قانۇنىدا مۇنداق بايان بار: «بايرىقىمىز ھىندىستان خەلقىنىڭ ئۈمىدلىرى ۋە مەقسىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. مىللىي ئىززەت-ئابرۇيىمىزنىڭ سىمۋولىدۇر. كېيىنكى 50 يىل ئىچىدە نۇرغۇن ھىندىستان پەرزەنتى ئۈچ رەڭلىك بايرىقىمىز كۆكتە ھەيۋەتلىك ھالدا لەپىلدەپ تۇرسۇن، دېگەن مەقسەتتە جېنىدىن ۋاز كەچتى.» بۇ باياندىن كېيىن يەنە بايراق قانۇنىدا ھىندىستاننىڭ ئىككىنچى پىرېزىدېنتى سارۋېپاللى رادھاكرىشناننىڭ مۇنۇ سۆزلىرىگە ئورۇن ئاجرىتىلىدۇ: «ئاچ سېرىق رەڭ پاراغەت ۋە مەنپەئەتنى ئالىي بىلمەسلىككە سىمۋول قىلىنىدۇ. لىدېرلىرىمىز ماددىي مەنپەئەتكە بېرىلمەسلىكى كېرەك ۋە ئۆزلىرىنى مۇقەددەس ۋەزىپىسىگە ئاتىۋېتىشى لازىم. بايراقتىكى ئاق رەڭ ھاكىمىيىتىمىزگە رەھبەرلىك قىلىدىغان نۇر ۋە ھەقىقەت يولىدۇر. يېشىل زېمىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى، بۇ زېمىنلاردا ياشاۋاتقان بارلىق جانلىقلارنىڭ ياشىشىغا باغلىق بولغان ئۆسۈملۈكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى كۆرسىتىدۇ. ئاق رەڭنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاسوكا چاقى دىھارما قانۇنىنىڭ چارقىدۇر. بۇ بايراق ئاستىدا خىزمەت قىلىدىغان ھەر قانداق كىشىنىڭ پىرىنسىپى يا ھەقىقەت ياكى ساتيا، دىھارما ۋەياكى ئەخلاقىي –پەزىلەت بولۇشى كېرەك.»

2017-يىلى ھىندىستاننىڭ مىللەتچى ھۆكۈمىتى، ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئاتتارى رايونىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بايراقلىرىدىن بىرىنى چىقاردى. بۇنىڭ مەقسىتى نە پاراغەت ئەمەس نە مەنپەئەتنى كۆزلەش ئەمەس ئىدى. بۇ يەردىكى مەقسەت پاكىستانلىقلارنى قىزغاندۇرۇش ئىدى. بۇ بايراق 36 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا، 24 مېتىر كەڭلىكتە بولۇپ، 110 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى خادىغا چىقىرىلغانىدى. بۇ بايراق پاكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان لاھوردىنمۇ كۆرۈنەتتى .لېكىن كۈچلۈك شاماللار بايراقنى خېلىلا كونىرىتىپ قويدى، ھىندىستان باج خادىملىرى بايراقنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن خەلققە سېلىق سېلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ تۇردى. ھىندىستان ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن چەكلىك بايلىقلىرىنى غايەت زور چوڭلىقتىكى بۇ بايراق ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن يېڭى دېھلدىكى نامرات رايونلىرىغا يەر ئاستى سۇ يوللىرى ياساش ئۈچۈن سەرپ قىلمايدۇ؟ چۈنكى بايراق ھىندىستاننى چىنلىققا ۋە قىممەتكە ئىگە قىلىدۇ، يەر ئاستى سۇ يوللىرىنىڭ بولسا بۇنداق رولى يوق.

ھەتتا بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ھىندىستاننى تېخىمۇ چىنلىققا ئىگە قىلىدۇ، بارلىق مۇراسىملار ئارىسىدا تەسىر كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغىنى قۇربانلىق قىلىش ئىدى. چۈنكى قۇربانلىق بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چىن ئىشتۇر. قۇربانلىققا سەل قاراشقا ياكى ئۇنىڭدىن گۇمان قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ، بۇ پۈتۈنلەي ئىمكانسىز ئىشتۇر. ئىنسانلارنى بىر نەرسىگە ئىشەندۈرۈشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يوللىرىدىن بىرى، ئۇلارنى قۇربانلىق قىلىشقا قايىل قىلىشتۇر. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بىر ئېتىقاد ياكى بىر ئىدىيە ئۈچۈن ئازاب چېكىش ئېتىقاد ۋە ئىدىيەگە ئىشىنىشكە يېتىپ ئاشىدۇ. ۋەتەن يولىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر ئۇرۇشتا پۇت-قولىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز، سىز ئىشلەتكەن ھاسا ياكى چاقلىق ئورۇندۇق  ۋەتەن ۋە مىللەتنى ھەر  قانداق بىر شېئىر ياكى مارشتىن تېخىمۇ چىنلىققا ئىگە قىلىدۇ. تېخىمۇ ئىنچىكە ئويلايدىغان بولساق، ئالىي سۈپەتلىك ئىتالىيە سىپاگەتتىسى يېيىشنىڭ ئورنىغا سۈپىتى ئادەتتىكىدەك بولسىمۇ يەرلىك تائامنى ئىستېمال قىلىشقا ئوخشاش كىچىككىنە بىر ئىش بىلەنمۇ مىللىي تۇيغۇغا ئىگە بولالايسىز.

بىرەر ئېتىقاد ياكى مىللەتكە بولغان سۆيگۈ تۈپەيلى ئازابقا مۇپتىلا بولۇش سىز ئىشەنگەن نەرسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى بولالمايدۇ. لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى، ئېتىقاد يولىدا قانچىلىك كۆپ بەدەل تۆلەنسە ۋە پىداكارلىق قىلىنسا ئېتىقادمۇ شۇنچىلىك كۈچىيىدۇ. قۇربانلىق قىلىشنىڭ سىرلىرىدىن بىرى بۇ بولسا كېرەك، قۇربانلىق مۇراسىمىغا باشچىلىق قىلغان راھىب بىزگە بىر نەرسە بېرەلمەيدۇ، بۇ راھىب نە يامغۇر ياغدۇرالمايدۇ، نە پۇل بېرەلمەيدۇ نە غەلىبىگە ئېرىشتۈرەلمەيدۇ. راھىب بىزگە بىر نەرسە ئەمەس بىزدىن بىر نەرسىلەرنى ئالىدۇ.

بۇ مەنتىق سودا دۇنياسىدىمۇ ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدۇ.  مەسىلەن 10مىڭ لىراغا ئىككىنچى قول بىر ماشىنا سېتىۋالسىڭىز، ماشىنىدىن بىرمۇنچە چاتاق تاپقۇڭىز كېلىدۇ ۋە تاپالايسىز. لېكىن بىر مىليون لىراغا يېپ-يېڭى فەرراى سېتىۋالسىڭىز، ماشىنىڭىزنى توختىماي ماختايسىز. بۇنداق قىلىشىڭىزدىكى سەۋەب، بۇ ماشىنىنىڭ ئېسىل بولۇشىدىن ئەمەس، بۇ ماشىنىغا نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلغانلىقىڭىز تۈپەيلى دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس نەرسە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىۋالغانلىقىڭىز ئۈچۈندۇر. ئاشىقتىمۇ رومىيو ياكى ۋېرتېر بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھەر قانداق ياش، پىداكارلىق قىلىنمىغان ئاشىقنىڭ ھەقىقىي ئاشىق ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. پىداكارلىقىڭىز سۆيگەن كىشىگە نىيىتىڭىزنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشنىڭ يېگانە يولى بولۇپلا قالماستىن، ئاشىق ئىكەنلىكىڭىزگە ئۆزىڭىزنى ئىشەندۈرۈشتىمۇ ئىشقا يارايدۇ. ئەرلەر نېمە ئۈچۈن قىممەت باھالىق ئالماس ئۈزۈك  بىلەن ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى خالايدۇ، دەيسىز، دەل مۇشۇ سەۋەبتىن. ئاشىق مۇشۇنداق بىر زور پىداكارلىقنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئۆز-ئۆزىنى مۇشۇنداق قىلغانلىقىغا ئىشەندۈرۈشى كېرەك.

ئەستايىدىللىق ۋە پىداكارلىق شېھىتلار ئۈچۈنلا ئەمەس شاھىتلار ئۈچۈنمۇ ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ. شېھىتلار بولغانلىقى ئۈچۈنلا نۇرغۇن مىللەت، ئىنقىلاب ۋە دۆلەت مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالىدى. شېھىتلەرسىز مىللەت، ئىنقىلاب ۋە دۆلەتنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇشى ھەقىقەتەن تەس. ناۋادا مىللەتچىلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئىنقىلابىي ئىدىيەلەرنى سوراقلاشقا ياكى ئۇلاردىن گۇمان قىلىشقا باشلىغان ھامان ئەتراپتىن دەشنەم يەرسىز ۋە مۇنداق گەپلەرنى ئاڭلايسىز:«بۇ يولدا نۇرغۇن شېھىت بەردۇق، ئۇلار بىھۇد ئۆلمىدى، بۇ يولدا جېنىنى پىدا قىلدى، سەن بۇ قەھرىمانلارنى ئەخمەق دېمەكچىمۇ؟»

شىئەلەرنىڭ قارىشىچە، كائىنات ئاشۇرا كۈنى ھېسابلىنىدىغان ھىجرەتتىن 61 يىل ئۆتكەندىن كېيىن مۇھەررەم ئېيىنىڭ 10-كۈنى كامالەتكە يەتكەن. ئۇ كۈنى ئىراقتىكى كەربالادا قاراقچى يەزىدنىڭ ئەسكەرلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسىنى، ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوغلى ھۈسەيىن ۋە ھەمراھلىرىنى قىرغىن قىلدى. شىئەلەرنىڭ قارىشىچە، ھۈسەيىننىڭ شېھىت بولۇشى ياخشىنىڭ ئەسكىگە، ئېزىلگۈچىنىڭ ئەزگۈچىلەرگە، ھەقلىق بولغۇچىلارنىڭ يولسىزلارغا قارشى ئەبەدىي ئۇرۇشىغا سىمۋول قىلىنىدۇ. ئەيسانىڭ كىرېستقا مىخلانغانلىقىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇپ ئەيسانىڭ ئازابىنى تەقلىد قىلغان خىرىستىيانلارغا ئوخشاش، شىئەلەرمۇ ئاشۇرا كۈنىدە ياشىغان تىراگېدىيەنى جانلاندۇرۇپ ھۈسەيىننىڭ ئازابىنى تەقلىد قىلىدۇ. مىليونلارچە شىئە ھەر يىلى كەربالادا باشقا يەرلەردىكى شىئەلەرمۇ ئاشۇرا كۈنىدە مەرسىيە مۇراسىملىرىنى تەشكىللەپ ئۆزلىرىنى زەنجىرلەر بىلەن ئۇرۇشىدۇ.

لېكىن ئاشۇرانىڭ ئەھمىيىتى بىرلا ماكان ۋە بىر كۈن بىلەن چەكلىك ئەمەس. روھۇللاھ ھۇمەينى ۋە باشقا شىئە موللىلارنىڭ مۇرىتلىرىغا داۋاملىق دەپ كېلىۋاتقان گەپلەردىن بىرى مۇنداق: «ھەر كۈنى ئاشۇرا ۋە ھەر يەر كەربالادۇر». بۇنىڭ مەنىسى مۇنداق: ھەزرىتى ھۈسەيىننىڭ كەربالادا شېھىت قىلىنىشى ھەر ھادىسىنى، ھەر يەرنى، ھەر كۈننى، ھەتتا ھەر مىنۇتنى مەنىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇڭا ئادەتتىكى بىر قارارمۇ ياخشىلىق بىلەن رەزىللىك ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ناۋادا شىئەلەرنىڭ بۇ ئېتىقاد چۈشەنچىسىنى سوراقلاپ گۇمان قىلىدىغان بولسىڭىز، شىئەلەر سىزگە دەرھال كەربالا ۋەقەسىنى ئەسلىتىپ مۇنداق دېيىشىدۇ: بۇ ھۈسەيىننىڭ شېھىتلىك ماقامىغا داغ يەتكۈزگەنلىك ياكى بۇ ئەھمىيەتلىك ھادىسىنى كۆزگە ئىلماسلىقتۇر.

ناۋادا شېھىت چىقمىسا ۋە ئىنسانلار ئۆزلىرىنى پىدا قىلمىسا، ئىنسانلارنى قۇربانلىق قىلىشقا چاقىرغان راھىب مۇرىتلىرىنى بىر ئىنساننى قۇربانلىق قىلىشقا چاقىرىدۇ. مەسىلەن، مۇقەددەس نەرسە ھېسابلىنىدىغان بائالاغا ئىنسان قۇربانلىق قىلىنىدۇ. خىرىستىيانلار ھەزرىتى ئەيساغا ئاتاپ كاپىرلارنى قوزۇققا باغلاپ كۆيدۈرۈشى مۇمكىن. كوممۇنىست بولسىڭىز، سىياسىي مەھبۇسلارنى ئەمگەك لاگېرلىرىغا ئەۋەتىشىڭىز مۇمكىن. بۇنداق ئېتىقاد يولىدا ئازاب چەككەن ۋاقتىڭىزدا سىزگە ئىككىلا تاللاش يولى قېلىپ قالىدۇ: بىرسى، يا بۇ ئېتىقادنىڭ روھىغا ئاساسەن ئىش تۇتۇش ياكى بىز تولىمۇ ئەخمەقمىز. ناۋادا باشقىلارغا ئازاب چەككۈزگەن ۋاقتىڭىزدىمۇ ئىككى خىل تاللاش بار: يا بۇ ئېتىقاد توغرا ياكى مەن رەھىمسىز ئىنسانمەن. شۇنىسى ئېنىقكى، كۆپ قىسىم ئىنسان ئۆزىنىڭ ئەخمەق ياكى رەھىمسىز ئىكەنلىكىنى تەن ئالغۇسى كەلمەيدۇ. لېكىن ئېتىقادىنىڭ توغرىلىقىغا ئىشىنىپ ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمەيدۇ.

1893-يىلى مارتتا ئىراننىڭ مەشھەد شەھىرىدە ياشايدىغان بىر جىنچى موللام، تېرە كېسىلى بولۇپ قالغان بىر يەھۇدىي ئايالغا، بىر ئىتنى ئۆلتۈرۈپ ئىتنىڭ قېنىنى تېرىسىگە سۈركىسە ساقىيىدىغانلىقىنى تاپىلاپتۇ. شىئەلەرنىڭ نەزىرىدە مەشھەد مۇقەددەس شەھەر بولغاچقا، بۇ ئايال جىنچى موللامنىڭ سۆزىنى ئاشۇرا كۈنى ئادا قىلماقچى بولۇپ نىيەت قىلىپتۇ. شىئەلەر بۇ ئايالنىڭ ئىتنى ئۆلتۈرۈپ قېنىنى تېرىسىگە سۈركىگەنلىكىگە شاھىت بوپتۇدەك ۋە ئىتنى كەربالادىكى شېھىتلەرنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن ئۆلتۈرگەنلىكىگە ئىشىنىپ قاپتۇدەك. شىئەلەرگە نىسبەتەن قاتتىق گۇناھ ھېسابلىنىدىغان ۋەقە بىردەمدىلا مەشھەد شەھىرىگە پۇر كېتىپتۇ، رايوندىكى ئەڭ چوڭ شىئە ئىمامنىڭ نەپرەتكە تولغان چاقىرىقىغا دەرھال ئاۋاز قوشقان شىئە جامائىتى يەھۇدىي مەھەللىسىگە بېسىپ كىرىپ، يەھۇدىي ئىبادەتخانىسىغا ئوت قويۇۋەتكەندىن سىرت، 36 يەھۇدىينى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. ھەتتا ساق قالغان يەھۇدىيلارنى  مۇنۇ شەرت بىلەن ئۆلتۈرمەپتۇ: يا شىئە بولۇشىسەن، ياكى سىلەرنى ئۆلتۈرىمىز. ئەپسۇس بۇ ۋەھشىيانە قىلمىش «ئىراننىڭ مەنىۋى پايتەختى»مەشھەدنىڭ شان-شۆھرىتىگە ئازراقمۇ داغ چۈشۈرمەپتۇ.

بىر ئېتىقاد ئۈچۈن بىر نەرسىلەرنى پىدا قىلىشنىڭ نۇرغۇن شەكىللىرى مەۋجۇت. پىدا قىلىشنىڭ ئىپادىلىرى ئىچىدە نوقۇل قولىغا پىچاق ئېلىۋالغان بىر راھىب ياكى قانلىق قەتلىئاملارلا بار ئەمەس. مەسىلەن، يەھۇدىيلىق شابات كۈنى ئىشلەشنى ياكى ساياھەت قىلىشنى چەكلەيدۇ. (شاباتنىڭ مەنىسى دەم ئېلىش ۋە توختاش دېگەنلىك بولىدۇ.) شابات كۈنى جۈمە كۈن پېتىش بىلەن باشلاپ شەنبە كۈنى كۈن پېتىشقىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئورتودوكس يەھۇدىيلار ئاساسەن ئىش قىلماي دەم ئالىدۇ. ھەتتا بۇ كۈندە ئاشقۇن ئورتودوكس يەھۇدىيلار ئوبورنىغا كىرگەندە تازىلىق قەغىزىدىن لازىملىقنى يىرتىپ ئالمايدۇ ، چۈنكى بۇ ئىشمۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىش قاتارىدىن ھېسابلىناتتى.  (ئەڭ ئىلىملىك يەھۇدىي ئۆلىمالار بۇ مەسىلە ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشىپ، تازىلىق قەغىزىدىن لازىملىقىنى يىرتىپ ئېلىشنىڭ شاباتنى بۇزىدىغانلىقى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىشقان. شۇڭلاشقا بەزى يەھۇدىيلار شابات كۈنىدىن ئىلگىرى ئۆزىگە لازىملىق تازىلىق قەغىزىنى ئالدىن ئېلىۋېلىپ تەييارلىق كۆرۈپ قويىدۇ.)

ئىسرائىلىيەدىكى دىندار يەھۇدىيلار داۋاملىق لايىك يەھۇدىيلارنى ھەتتا ئاتىئىستلارنى بۇ قاتمالىققا رىئايە قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. ئورتودوكس پارتىيەلەر ئىسرائىلىيە سىياسىتىدە بەلگىلىك تەسىر كۈچى بولغانلىقتىن، يەھۇدىيلىققا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن قائىدىلەرنىڭ پارلامېنتتا قانۇنلىشىشىدا رول ئوينىدى، بولۇپمۇ شابات كۈنلىرىدە نۇرغۇن پائالىيەتنىڭ قىلىنىشىنى چەكلەشكە مۇۋەپپەق بولدى. مەسىلەن، شابات كۈنى ئىنسانلارنىڭ شەخسىي ماشىنىلىرىنى ھەيدىشىگە توسالغۇ بولالمىغان بولسىمۇ، ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى چەكلەشكە قادىر بولالىدى. ئورتودوكس يەھۇدىيلارنىڭ ئېتىقادى يولىدا قىلغان بۇ ئىشلىرى جەمئىيەتتىكى نامرات قاتلامغا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى، شەنبە كۈنى ئىشچى سىنىپنىڭ يىراقلاردا ياشايدىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلىيالايدىغان بىردىنبىر كۈن ئىدى،ئەپسۇس ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناشقا چىقالمىغانلىقتىن، ئۇلار ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى كۆرۈشتىن مەھرۇم  بولدى. باي بىر موماي خۇسۇسىي ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ باشقا بىر رايوندىكى نەۋرىلىرىنى بىمالال كۆرۈپ كېلەلەيدۇ. لېكىن نامرات بىر موماي نەۋرىسىنى كۆرۈشتىن تامامەن مەھرۇم. چۈنكى ئاپتوبۇس ۋە پويىزلار شەنبە كۈنى قاتنىمايدۇ.

دىندار پارتىيەلەر ئەگەشكۈچىلىرىنى مۇشۇنداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچار قىلىپ، يەھۇدىيلىققا بولغان تەۋرەنمەس ئېتىقادىنى ئىسپاتلاش ئارقىلىق تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ. ئورتودوكس يەھۇدىيلىقتا بىر تامچە قان تۆكۈلمەي تۇرۇپمۇ نۇرغۇن ئىنساننىڭ خاتىرجەملىكىنىڭ پىدا قىلىنىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز، بىر موماينىڭ نەۋرىلىرىنى كۆرۈشىگە توسالغۇ بولۇش ياكى پۇلسىز بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ساھىل بويىغا ئويناشقا بېرىشىنى چەكلەش زالىملىقتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇپمۇ دىندار پارتىيەلەر يەھۇدىيلىققا چىن ئىشىنىدىغانلىقىنى ھەم دۇنياغا ھەمدە ئۆزلىرىگە ئىسپاتلايدۇ. سىز دىندار پارتىيەلەرنىڭ ھېچقانداق سەۋەب بولماي تۇرۇپلا ئىنسانلارغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇشىنى قانداق ئىزاھلايسىز؟

قۇربان ئىنساننىڭ يەھۇدىيلىققا ئوخشاش ئېتىقاد سىستېمىسىغا بولغان ئېتىقادىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش بىلەن بىرگە، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئىنسانلار ئۆزلىرى پەيدا قىلغان ئېتىقاد سىستېمىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئىنسانلار ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرالمايدىغان بۈيۈك غايىلەر بىلەن تولغان. قانچىلىك خىرىستىياننىڭ ئون بۇيرۇقنىڭ تەلىماتىغا رىئايە قىلغىنىنى كۆردىڭىز؟ ھازىرغىچە قانچىلىك بۇددىستنىڭ شەخسىيەتچىلىكتىن خالىي ئىكەنلىكىگە شاھىت بولدىڭىز؟ قانچىلىك كوممۇنىستنىڭ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ ئەمەلىي ئېھتىياجىدىن ئارتۇقىنى رەت قىلغىنىنى كۆردىڭىز؟

يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ئەخلاقىي تەلىماتلارنى ئورۇنداپ بولالمىغان كىشىلەر قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق تەسكىن تېپىشىدۇ. باج ئوغرىلىغان، ئانچە-مۇنچە زىنا قىلىپ قويىدىغان، چوڭلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىدىغان بىر ھىندۇ، ئايوديادىكى رابرى ئىسىملىك جامەنىڭ چېقىۋېتىلىشىنى قوللاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سېلىنىدىغان ھىندۇ ئىبادەتخانىسىغا پۇل ئىئانە قىلىدۇ، ئۇ بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى دىنى جەھەتتىن تەقۋا ئويلىۋالىدۇ. بۇ گويا بۇرۇنقى زامانلاردىكىگە ئوخشاش، 21-ئەسىردىمۇ ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق مەنىسىنى ئىزدەش ئارزۇسى ئەمەلىيەتتە بىر قاتار پىداكارلىق بىلەن نەتىجىلەنمەكتە.

 

كىملىك پورتمىلى

 

كونا مىسىرلىقلار، كەنئانلىقلار ۋە گىرېكلار قۇربانلىق قىلىشتىن بۇرۇن مەلۇم كاپالەتكە ئىگە بولاتتى. «نۇرغۇن ئىلاھ»ئىچىدە بىرەرسى كارغا كەلمەي قالسا، قالغان «ئىلاھلار»نىڭ ئەسقېتىپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. بۇ سەۋەبتىن ئەتىگەن قۇياش «ئىلاھى»غا، چۈشتە زېمىن «تەڭرى»سىگە، كەچتە بولسا بىر قاتار پەرىشتە ۋە ئىبلىسقا ئاتاپ قۇربانلىق بېرەتتى. بۇ ئەھۋال ئۇزۇنغىچە ئۆزگەرمىدى، كۈنىمىزدە نۇرغۇن ئىنسان ئىشىنىپ كېلىۋاتقان يەھۇۋا ۋە مامون ئېتىقادى ياكى كوممۇنىزم ۋە لىبېرالىزمغا ئوخشاش ئىدېئولوگىيەلەر ۋە ياكى باشقا نۇرغۇن ئىدىيەلەر بوشلۇقلار، زىددىيەتلەر ۋە ئاجىزلىقلار بىلەن تولغان. بۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن ئىنسان بىرلا ئىدىيەگە ياكى ئېتىقادقا ئىشىنىشتىن بەكرەك نۇرغۇن ئىدىيە ۋە كىملىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىملىك پورتمىلى بەرپا قىلىشىدۇ ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن بۇلاردىن تاللاپ ئىشلىتىدۇ. زېھنىي جەھەتتىكى بۇنداق تۇراقسىزلىقلار ئاساسەن دېگۈدەك ھەممە جەمئىيەتتە تېپىلىدۇ.

ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي ياردەم سىياسەتلىرىگە قاتتىق قارشى چىقىدىغان، لېكىن مەملىكەتلىك قورال ئۇيۇشمىسىنى قوللايدىغان ئاشقۇن مىللەتچى بىر ئامېرىكىلىق، مەسىھ ئەيساغىمۇ بىمالال ئىشىنەلەيدۇ. مەلۇمكى، مەسىھ ئەيسا قورالنى ئەمەس نامراتلارغا ياردەم قىلىشنى تەشەببۇس قىلاتتى ئەمەسمۇ. بۇلار بىر-بىرىگە زىت نەرسىلەردەك كۆرۈنسىمۇ لېكىن ئىنسان مېڭىسىنىڭ نۇرغۇن تارتمىسى، بۆلۈمخانىسى بار بولۇپ، بەزى نېرۋىلار بىر-بىرلىرى بىلەن خەۋەرسىز ھالدا ھەرىكەت قىلىدۇ. كېلەچەكتە بىر ئىنقىلاب يۈز بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان بەزى بېرنىي ساندېرس ئەگەشكۈچىلىرى، ئوخشاشلا بىرەر سودىغا مەبلەغ سېلىشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. دۇنيادىكى تەڭسىز كىرىم تەقسىماتى مۇنازىرىسىدىن خالىي ھالدا ۋول سترىتقا سالغان سېلىنمىلىرى ئۈستىدە بىمالال پىكىر يۈرگۈزەلەيدۇ.

بىرلا كىملىكلىك بىرسىنى ئۇچرىتىش ھەقىقەتەن تەس، ھەتتا مۇمكىن ئەمەس. ھېچكىم نوقۇل مۇسۇلمان، نوقۇل ئىتالىيەلىك ياكى نوقۇل كاپىتالىست ئەمەس. لېكىن بىرەر ئاشقۇن ئىدىيە پەيدا بولۇپ قالسا، ھەممە ئادەم بۇ ئىدىيەگە ئىشىنىشكە ۋە بۇ ئىدىيە تەقەززا قىلىدىغان كىملىكنى قوبۇل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ، بۇ ئىشقا ئاشماي قالسا مەجبۇرلىنىدۇ. بۇنىڭغا  فاشىزمنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ. فاشىزم ئىنسانلارنىڭ مىللەتچىلىكتىن سىرت باشقا ئېقىم  ياكى ئىدىيەگە ئىشەنمەسلىكى كېرەكلىكىنى ۋە مىللىي كىملىكتىن باشقا كىملىك قوبۇل قىلماسلىقىنى تەشەببۇس قىلاتتى. لېكىن بارلىق مىللەتچىلەر فاشىتسلارغا ئوخشىمايدۇ، كۆپ قىسىم مىللەتچى مىللىتىنىڭ ئىدىيەسى، ئەنئەنىسى ۋە مەدەنىيىتىنى تولىمۇ چوڭ بىلىدۇ ۋە  مىللىتىنىڭ تەڭداشسىز پەزىلەتلىرىنى ماختىنىپ تۇرۇپ سۆزلەيدۇ ۋە مىللىتى ئالدىدا  زور بۇرچى بارلىقىنى دېيىشىدۇ، لېكىن دۇنيادا باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىدۇ. مەسىلەن، ئىتالىيە مىللىتى ئالدىدا زور مەسئۇلىيىتىم بولغان سادىق بىر ئىتالىيە پۇقراسى بولساممۇ لېكىن باشقا كىملىكىمنىڭ بولۇشى تولىمۇ تەبىئىي ئەھۋال، مەن يەنە  سوتسىيالىست، كاتولىك، ئەر، ئاتا، ئىلىم ئەھلى، مال دوختۇرى بولۇشۇم مۇمكىن، بۇ كىملىكلەر ماڭا نۇرغۇن  مەسئۇلىيەت يۈكلەيدۇ. بەزى كىملىكلىرىم بەزى چاغدا مېنى باشقا ياققا يېتەكلەپ تۇرۇۋالىدۇ، لېكىن بەزى كىملىكلىرىم بىر-بىرىگە زىتلىشىپ قالىدۇ. لېكىن ھازىرغىچە ھېچكىم ھاياتنى ئاسان دەپ باقمىغان.

فاشىزم، ئىرقچىلىق ئۆز ھاياتىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق كىملىكلەر ۋە مەسئۇلىيەتلەرنى رەت قىلىش نەتىجىسىدە پەيدا بولىدىغان ئېقىملاردۇر. كېيىنكى مەزگىللەردە فاشىزمنىڭ زادى قانداق نەرسە ئىكەنلىكى توغرىسىدا كەسكىن مۇنازىرىلەر بولماقتا، ئىنسانلار بىرەرسىنى ياخشى كۆرمىسە دەرھال ئۇنى «مىللەتچى ياكى فاشىست»دەپ ئەيىبلەيدىغان بولۇۋالدى. بۇ «ئىبارىلەر»ئاساسەن ھاقارەت تۈسىنى ئالغان بولىدۇ. ئۇنداقتا ھەقىقەتەن فاشىزم دېگەن زادى نېمە؟ قىسقىسى، مىللەتچىلىك مىللىتىمنىڭ تەڭداشسىز ئىكەنلىكى ۋە مىللىتىم ئالدىدا مۇئەييەن مەسئۇلىيىتىم بارلىقىنى كۆرسىتىدىغان بولسا، فاشىزم مىللەتنىڭ ئەڭ ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ۋە مىللىتىم ئالدىدا مەسئۇلىيىتىم ۋە قەرزىم بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ، شارائىت قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر باشقا بىر گۇرۇپپا ياكى شەخسنىڭ مەنپەئەتلىرىنى مىللىتىمنىڭ مەنپەئەتىدىن ئەلا بىلمەيمەن، مىللىتىم بىمەنە بىر مەنپەئەت ئۈچۈن يىراق دىيارلاردىكى بىر مەملىكەتتە ياشايدىغان مىليونلارچە كىشىگە زۇلۇم قىلغان تەقدىردىمۇ مىللىتىمنى شەرتسىز سۆيۈشۈم كېرەك. ئەكسىچە بولسا مەن خائىن بولىمەن. مىللىتىم مىليونلارچە ئىنساننى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىسا، مەن ئىككىلەنمەي ئۆلتۈرۈشۈم كېرەك. مىللىتىم ھەقىقەت ۋە گۈزەللىككە خىيانەت قىلىشىمنى بۇيرىسا مەن يەنە ئىككىلەنمەي بۇ ئىككى بايلىققا خىيانەت قىلىشىم لازىم.

بىر فاشىست سەنئەتكە قانداق قارايدۇ؟ بىر فاشىست ئۆزى كۆرگەن بىر فىلىمگە قانداق باھا بېرىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى تولىمۇ ئاسان بولۇپ ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىرلا ئۆلچەم بار: بۇ فىلىم دۇنيادىكى «ئەڭ ئۈستۈن» مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلسا ئەڭ ئېسىل فىلىمدۇر. مىللىتىگە  خىزمەت قىلمىسا ناچار فىلىمدۇر. ئۇنداقتا بىر فاشىست مەكتەپتە بالىلارغا نېمە ئۆگىتىدىغانلىقىغا قانداق قارار بېرىدۇ؟ بۇ ئىشتىمۇ ئوخشاش ئۆلچەمنى ئىشلىتىدۇ: بالىلارغا «ئەڭ ئۈستۈن»مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىگە نېمە خىزمەت قىلسا شۇنى ئۆگىتىدۇ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەقىقەتنىڭ زەررىچىلىك قىممىتى يوق.

مۇشۇ تەرىقىدە مىللەتكە چوقۇنۇش ھەم تولىمۇ مۇرەككەپ ۋە قىيىن نەرسىلەرنى ئاددىيلاشتۇرىدىغانلىقى ھەمدە ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىنى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ گۈزەل نەرسىگە، مىللىتىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن تولىمۇ جەلپ قىلارلىق كېلىدۇ. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا يۈز بەرگەن پاجىئەلەر ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇشۇنداق ئويلاشنىڭ نەتىجىسى ئىدى. ئەپسۇس ئىنسانلار فاشىزمنىڭ ئىللەتلىرىنى مۇنداقلا بايان قىلىپ قويىدۇ، چۈنكى فاشىزمنى قورقۇنچلۇق نەرسە سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ لېكىن نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارنى بۇنچىلىك جەلپ قىلغانلىقىنى دېيىشكە سەل قارايدۇ. كۈنىمىزدە بەزى كىشىلەرنىڭ بىلىپ بىلمەي فاشىزم چۈشەنچىسىگە ئىگە بولۇپ قېلىشى يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ئەھۋالغا مۇناسىۋەتلىك. ئىنسانلار «ماڭا فاشىزمنىڭ تولىمۇ قەبىھ نەرسە ئىكەنلىكى ئۆگىتىلدى ۋە ئەينەككە قارىسام تولىمۇ گۈزەل نەرسە كۆرىمەن، بۇ سەۋەبلىك فاشىست بولغۇم يوق»دەپ ئويلايدۇ.

ھوللىۋود ۋولدمورت، لورد ساۋرون، دارت ۋادېرغا ئوخشاش ناچار خاراكتېرلارنى  رەزىل ۋە قەبىھ قىلىپ تەسۋىرلىگەندە قانداق خاتالىق سادىر قىلغان بولسا بۇ ئەھۋالمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ خاراكتېرلار ئەڭ سادىر ئەگەشكۈچىلىرىگىمۇ رەھىمسىز ۋە زالىمدۇر. بۇ خىلدىكى فىلىملەرنى كۆرسەم كاللامدىن ئۆتمەيدىغان بىر نەرسە بار: ۋولدېمورتقا ئوخشاش قەبىھ بىر مەخلۇققا كىم نېمىشقا ئەگەشسۇن؟

رەزىللىككە دائىر مەسىلىلەر ئۇنىڭ ھەقىقىي ھاياتتا رەزىل بولماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بەزىدە گۈزەل كۆرۈنەلەيدۇ. خىرىستىيانلىق بۇ ئەھۋالنى ھوللىۋودقا قارىغاندا بەكرەك ياخشى بىلىدىغان بولۇپ، ئەنئەنىۋى خىرىستىيانلىق سەنئىتىدە شەيتان ئادەتتە كۈچتۈڭگۈر تەرىقىدە تەسۋىرلىنىدۇ. شەيتانغا ئەگەشمەي ساق قېلىش تولىمۇ تەس ئىشتۇر. شۇڭا فاشىزم ئۈستىدىن غالىب كېلىش تولىمۇ تەسكە توختايدۇ. فاشىست ئەينىكىگە قارىسىڭىز قەتئىي مەينەت ئىزلارنى كۆرەلمەيسىز، نېمىسلار 1930-يىللاردا فاشىست ئەينىكىگە قارىغاندا گېرمانىيەنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل نەرسە ئىكەنلىكىنى  كۆردى. كۈنىمىزدىمۇ رۇسلار بىلەن ئىسرائىلىيەلىكلەر فاشىست ئەينىكىگە قاراپ دۇنيادىكى  ئەڭ گۈزەل نەرسىلەرنىڭ ئۆز دۆلىتى ۋە مىللىتى ئىكەنلىكىنى  كۆرمەكتە. ئۇلار ئاخىرقى ھېسابتا بۇ گۈزەل ئەينەكنىڭ ئىچىگە غەرق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

« فاشىزم»كەلىمىسى لاتىنچىدىكى «بىر تۇتام تاياق»مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « fascis» كەلىمىسىدىن كېلىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ ۋەھشىي ۋە رەزىل ئىدىئولوگىيەلەردىن بىرىنى ئىزاھلاش ئۈچۈن بۇ كەلىمە تولىمۇ ئاددىيدەك بىلىنىدۇ. لېكىن بۇنىڭ مەنىسى تولىمۇ چوڭقۇر بولۇپ، بىرلا تاياق ئىنتايىن ئاجىز كېلىدۇ، بۇنى سۇندۇرۇشقا ھېچقانچىلىك كۈچ كەتمەيدۇ. نۇرغۇن تاياقنى بىر يەرگە يىغسىڭىز بىر تۇتام بولىدۇ ۋە بۇلارنى سۇندۇرۇش تولىمۇ تەس ھەتتا مۇمكىن ئەمەس. بۇنىڭدىن بىر كىشىنىڭ يالغۇز ھەرىكەت قىلىشىنىڭ مەنىسى ۋە قىممىتى بولمايدىغانلىقىنى، لېكىن  ئىنسانلار بىرلىك بولسا بىرلىكتىن قۇۋۋەت پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئىدراك قىلىش تەس بولمىسا كېرەك. بۇ سەۋەبتىن فاشىستلار بىرلىكنىڭ مەنپەئەتىنى شەخسنىڭ مەنپەئەتىدىن ئەلا بىلىدۇ ۋە بىرمۇ تاياقنىڭ بىرلىكنىڭ پۈتۈنلىكىنى بۇزۇشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ.

لېكىن نۇرغۇن تاياقتىن تەشكىل تاپقان«بىر تۇتام تاياق»قا ئوخشاش نۇرغۇن شەخستىن تەشكىل تاپقان ئىنسان توپىنىڭ قەيەردە باشلىنىپ قەيەردە ئاخىرلىشىدىغانلىقى  مەجھۇلدۇر. مەن نېمە ئۈچۈن ئىتالىيەنى ئۆزۈم تەۋە بولغان بىر تۇتام تاياقلار سۈپىتىدە كۆرىمەن؟ نېمە ئۈچۈن ئائىلەمگە، فىلورانسا شەھىرىگە، توسكانا رايونىغا، ياۋروپا قىتئەسىگە ياكى پۈتكۈل ئىنسان تۈرىگە قوشۇلۇپ كەتمەيمەن؟ مۆتىدىل مىللەتچىلىك بىر ئىتالىيەلىكنىڭ  ئىتالىيە دۆلىتى ئالدىدا مەسئۇلىيىتى بار بولۇشتىن سىرت، ئائىلىسى، فىلورانسا شەھىرى، توسكانا رايونى، ياۋروپا قىتئەسى ياكى پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئالدىدىمۇ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەپسۇس ئىتالىيەلىك فاشىستلار ئىنساندىن پەقەتلا ئىتالىيەگىلا سادىق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

مۇسۇلىن ۋە ئۇنىڭ فاشىست پارتىيەسىنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئەكسىچە، نۇرغۇن ئىتالىيەلىك ئىتالىيەنى ئائىلىلىرىدىن تېخىمۇ ئەۋزەل ۋە ئەلا بىلمەيتتى. ناتسىزم تەشۋىقاتى گېرمانىيەدە مۇئەييەن دەرىجىدە ئۈنۈمگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن گىتلېر نېمىسلارنىڭ ھەممىسىنى ئوخشاش بىر ئىدېئولوگىيە ئەتراپىغا يىغىشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى. ناتسىستلار دەۋرىنىڭ ئەڭ زۇلمەتلىك كۈنلىرىدىمۇ ئىنسانلار رەسمىي ئىدېئولوگىيەدىن باشقا زاپاس ئىدىيەلەرنىمۇ ساقلاپ قويۇشتى. 1945-يىلى بۇ ئەھۋال روشەن ئىپادىلەندى، ناتسىستلار تەرىپىدىن ئۇدا 12 يىل مېڭىسى يۇيۇلغان ئىنسانلارنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىن ھاياتىنى مەنىگە ئىگە قىلىشتىن ئاجىز كېلىدىغانلىقى كۈتۈلۈۋاتقانىدى. پۈتكۈل ئىدىيە ۋە ئېتىقادلىرىنى بىرلا ئىدېئولوگىيەگە باغلىغان ئىنسانلار فاشىزم يىمىرىلگەندە قانداق قىلىشى كېرەك؟ لېكىن ئويلىمىغان يەردىن نېمىسلار تېزلا ئەسلىگە كەلدى،نېمىسلارنىڭ زېھنىي دۇنياسىدا دۇنياغا تەۋە باشقا ئىدىيە ۋە چۈشەنچىلەرمۇ بار ئىدى، گىتلېر ئۆزىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىنلا بېرلىن، ھامبۇرگ ۋە مىيونخېندىكى ئىنسانلار يېڭى كىملىكلەرنى قوبۇل قىلىپ ھاياتىنى مەنە ۋە قىممەتكە ئىگە قىلالىدى.

مەلۇمكى، ئۇرۇشتىن كېيىن يەرلىك ناتسىست پارتىيەلەرنىڭ رەئىسلىرىنىڭ %20سى ۋە گېنېراللارنىڭ تەخمىنەن %10ى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. لېكىن لىدېرلارنىڭ %80 ۋە گېنراللارنىڭ %90ى ياشاشنى داۋاملاشتۇردى. ھەممىنى كونترول قىلىۋالغان ناتسىستلار، ھەتتا ئەسكەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى نە ساراڭ بولمىدى نە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالمىدى.

شۇنىسى ئېنىقكى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش بىرلا ئىدىيەگە مۇتلەق ئىشىنىشىنىڭ ئىسپاتى ئەمەس. 2015-يىلى 13-نويابىردا دائېش فىرانسىيەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى سادىر قىلىپ 139 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. دائېش بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى فىرانسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سۇرىيە ۋە ئىراقتىكى دائېشچىلارنى بومباردىمان قىلىشىدىن ئىنتىقام ئېلىش ۋە فىرانسىيەنى كېلەچەكتە سۇرىيە ۋە دائىشچىلارنى بومباردىمان قىلىشتىن ۋاز كەچتۈرۈش مەقسىتىدە ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلجىرلاشتى. دائېش يەنە فىرانسىيە ھاۋا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىپ جەننەت كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى. مەسىلىگە دائېش نۇقتىسىدىن ئەمەس زىت نۇقتىدىن قارىساق مۇنداق بىر ئىشنى بايقايمىز: فىرانسىيە ئەسكەرلىرى ئۆلتۈرگەن دائىشچىلار جەننەتكە كىرگەن بولسا، يەنە نېمە ئۈچۈن يەنە ئىنتىقام ئېلىنىدۇ؟ سىز تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغان بىر ئاكىڭىزغا لاتارىيەدىن بىر مىليون دوللار چىقسا، سىز قوپۇپ ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن لاتارىيە مەركەزلىرىنى بومباردىمان قىلامتىڭىز؟ فىرانسىيە ئارمىيەسى بىر نەچچە قېرىندىشىڭىزنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە ۋەسىلە بولغان تۇرسا يەنە نېمە ئۈچۈن فىرانسىيەدە قان تۆكىسىز؟ ياكى نېمە ئۈچۈن بەدىنىڭىزگە بومبا تېڭىۋېلىپ ئۆزىڭىزنى پارچە-پارچە قىلىۋېتىسىز؟ مېنىڭچە دائېشچىلار زىتلىقلار ۋە تۇتامسىزلىقلار ئۈستىدە كۆپ ئويلانمايلا بىر-بىرىگە زىت ئىككى ئىدىيەگە بىرلا ۋاقىتتا ئىشىنىۋالغان. بۇرۇنمۇ دەپ ئۆتۈلگىنىدەك، بەزى نىرۋىلار ھەقىقەتەن بىر-بىرىگە زىت ۋە دۈشمەندۇر.

 

فىرانسىيە ھاۋا ئارمىيەسى سۇرىيە ۋە ئىراقتىكى دائېش بازىلىرىنى بومباردىمان قىلىشتىن 800 يىل ئىلگىرى، باشقا بىر فىرانسىيە ئارمىيەسى كېيىنكى ئەۋلادلار تەرىپىدىن «7-قېتىملىق ئەھلى سەلب ئۇرۇشى»دەپ ئاتالغان ھەربىي يۈرۈش ئارقىلىق ھازىرقى ئوتتۇرا شەرقنى ئىشغال قىلدى. مۇقەددەس پادىشاھ 9-لىيۇس قوماندانلىقىدىكى ئەھلى سەلب لەشكەرلىرى نىل ۋادىسىنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىپ مىسىرنى خىرىستىيانلىقنىڭ قورغىنىغا ئايلاندۇرۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. بىراق مەنسۇرە جېڭىدە مەغلۇپ بولدى ۋە نۇرغۇن ئەھلى سەلب لەشكەرلىرى ئەسىرگە چۈشتى. جىن دې جويىنۋىللې ئىسىملىك بىر ئەھلى سەلب چەۋەنداز، كېيىنچە يازغان ئەسلىمىسىنىڭ بىرىدە «بۇ قارارغا قوشۇلمايمەن، مەن سىلەرگە شۇنى تەۋسىيە قىلىمەن، دۈشمەن ھەممىمىزنى ئۆلتۈرۈۋەتسۇن، بۇنداق بولسا ھەممىمىز جەننەتكە بارىمىز ئەمەسمۇ» دەپ يازىدۇ ۋە ئەسلىمىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ: ”لېكىن ھېچكىم بۇ تەۋسىيەمگە قۇلاق سالمىدى.“

جويىنۋىللېن نېمە ئۈچۈن تەۋسىيەسىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىغا ئىزاھات بەرمەيدۇ. ئىزاھات بېرىشنىڭ كېرىكى يوق ئىدى، چۈنكى بۇ ئادەملەر فىرانسىيەدىكى ھەشەمەتلىك داچىلىرىنى تاشلاپ ئوتتۇرا شەرقتە ئۇزۇن ۋە مۈشكۈل بىر ئۇرۇشنى قىلسا ئەبەدىي نېجادلىققا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئۇنداقتا فىرانسۇزلار جەننەتكە كىرىشكە بىر قەدەم قالغاندا نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلارغا ئەسىرگە چۈشۈش يولىنى تاللىدى؟ ئۇلار يەنى ئەھلى سەلبچىلەر نىجادلىق ۋە جەننەتكە چىن قەلبىدىن ئىشەنسىمۇ، تۇيۇقسىزلا بېرىلگەن قارار تۈپەيلى ئۆزلىرىنى خەتەرگە ئىتتىرمىگەن بولۇشى مۇمكىن.

 

ھېلسىنگۆردىكى تاللا بازىرى

 

ئەلمىساقتىن بۇيان ئىنسانلار بىرلا ۋاقىتتا بىر نەچچە ئىدىيە،ئېتىقاد، ھېكايە ۋە كىملىكلەرگە ئىشىنىپ كەلدى. ئۇنداقتا ئىنسانلارنىڭ بىر نەچچىسىگە بىرلا ۋاقىتتا ئىشىنىش يولىنى تاللىشىنى قانداق چۈشىنىش مۇمكىن؟  ياكى ئىنسانلار ھېچقايسىسىنىڭ تولۇق توغرىلىقىغا قايىل بولماي مۇشۇنداق قىلىپ كەلدىمۇ قانداق؟ئەپسۇس بۇ تېڭىرقاش ۋە ئارىسالدىلىق نۇرغۇن ئىنساننىڭ ئېتىقادىنى، ئىدىيەسىنى ۋە كىملىكىنى تەۋرىتىپ قويىدۇ. بۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، نۇرغۇن ئېتىقاد شەكىللىرى ئېتىقادنىڭ ئەڭ ئېسىل بايلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، گۇمان قىلىشنىڭ ئەڭ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن. لېكىن مودېرن دۇنيا يەنى زامانىۋى دۇنيانىڭ ئاپىرىدە بولۇشى بىلەن ئەھۋال باشقىچە ئۆزگىرىپ كەتتى. غەرب دۇنياسى ۋە بەزى جايلاردا ئېتىقاد ”زېھنىي قۇللۇق“سۈپىتىدە كۆرۈلۈشكە باشلاندى ۋە بىر نەرسىدىن گۇمان قىلىش ئەركىنلىكنىڭ ئالدىنى شەرتى بولۇپ قالدى.

ۋىليام شېكىسپېر 1599-1602 يىللىرى ئارىسىدا  شىر پادىشاھ ناملىق ئەسەرنىڭ ۋارىيانتى بولغان خاملېت ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ چىقتى. لېكىن شىر پادىشاھتىكى سىمباغا ئوخشاش،  خاملېت ھاياتلىقنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىزاھلاپ ئولتۇرمايدۇ، خاملېت ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە گۇمان ۋە زىددىيەت ئىچىدە ياشايدۇ، بۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك ھاياتنىڭ مەنىسىنى، قىممىتىنى تېپىشنىڭ كويىغا كىرمەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا، خاملېت پىراگماتىك يەنى ئەقلىي زامانىۋى قەھرىمان ھېسابلىنىدۇ. مودېرنىزم قانداقتۇر ئۆتمۈشتىن قالغان ئىدىيە، ھېكايە، ئېتىقاد ياكى كىملىكلەرنى تامامەن رەت قىلىپ كەتمىدى، ئەكسىچە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ تاللا بازىرىغا چىرايلىق تىزىپ قويدى. زامانىۋى ئىنسان يەنى مودېرن ئىنسان بۇلارنى بىر-بىرلەپ سىناپ، قايسىسى يارىسا شۇنى تاللايدۇ، ھەتتا بىر نەچچىسىنى  تاللاپ بىرلەشتۈرۈپ قىلالايدۇ، يارىمىسا جايىغا قويۇپ قويىدۇ. قىسقىسى، زامانىۋى ئىنسان يەنى مودېرن ئىنسان تاللا بازىرىدىكى ئىدىيە، ئېتىقاد، ھېكايە ۋە كىملىكتىن ئىبارەت تاۋارلارنى تاللاش ياكى تاللىماسلىقتا تامامەن ئەركىندۇر.

بەزى ئىنسانلار بۇنچىلىك ئەركىنلىك ۋە مەۋھۇملۇققا بەرداشلىق بېرىپ بولالمايدۇ. فاشىزم ۋە سوتسىيالىزمغا ئوخشاش مودېرن يەنى زامانىۋى مۇستەبىت ئېقىملار مەۋھۇم پىكىرلەر بىلەن تولۇپ تاشقان بۇ تاللا بازىرىغا قاتتىق قارشى چىقىپ، ئۆزلىرىدىن باشقا ھەممىسىنى رەت قىلدى. ئۇنداقتا ھاياتنىڭ مەنىسىنى ۋە قىممىتىنى، شۇنداقلا قايسى دىنغا ئىشىنىشنى بىلمىسىڭىز قانداق قىلسىڭىز؟ بۇنداق ۋاقىتتا ئەركىن ئىرادە بىلەن تاللاشتىن ئىبارەت بۇ ”نېمەت“نى مۇقەددەسلەشتۈرىسىز،خالاس. سىز تاللا بازىرىنىڭ كارىدورلىرىدا ئەركىن تاللاشتىن ئىبارەت بۇ كۈچكە تولۇق ئىشەنگەن ھالدا كۆز ئالدىڭىزدىكى ”تاۋارلار“غا مەغرۇرلانغان ھالدا تاللاش ئىرادىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويىسىز، ناۋادا تاللا بازىرىدىكى مەغرۇر قىياپىتىڭىز ئاخىرلاشسىچۇ؟

لىبېرالزمنىڭ قارىشىچە، غايەت زور چوڭلۇقتىكى بۇ تاللا بازىرىدا ۋاقىت ئۆتكۈزسىڭىز ھامان بىر كۈنى لىبېرال ئەركىنلىككە يەنى نېجادلىققا ئېرىشىپ ھاياتنىڭ قىممىتىنى ۋە مەنىسىنى چۈشىنىپ يېتىسىز، تاللا بازىرىدىكى بارلىق ”تاۋارلار“يالغان، ھاياتنىڭ مەنىسى تەييار تاۋار ئەمەس، ئىلاھىي بۇيرۇقلار يوق، تاشقى دۇنيادىكى ھېچقانداق نەرسە ھاياتىمنى قىممەتكە ۋە مەنىگە ئىگە قىلالمايدۇ، ئەركىن ئىرادەم، تاللىشىم ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىمغا ئاساسەن مەنلا تاشقى دۇنياغا مەنە ۋە قىممەت ئاتا قىلالايمەن، ئىچكى دۇنيايىم ھەممىنى بەلگىلەيدۇ، تاشقى دۇنيا ماڭا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. مەن تەپەككۇر قىلغانلىقىم ئۈچۈنلا مەۋجۇت بولالايمەن.

جورج لۇكاس ”ۋىللوۋ“ئىسىملىك بىر چۆچەك يېزىپ چىقىدۇ، بۇ چۆچەك  كېيىنچە فىلىم قىلىپ ئىشلىنىدۇ، فىلىمدە ئاساسلىق ئارتىس تونۇلغان بىر سېھىرگەردۇر، فىلىمدە يەنە ھاياتلىقنىڭ سىرلىرىنى چۈشىنىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىغان بىر پاكىنەك بار. بىر كۈنى سېھىرگەر شاگىرت ئىزدەپ بۇ پاكىنەكنىڭ يېزىسىغا كېلىپ قالىدۇ، پاكىنەك ئىككى دوستىنى سېھىرگەرنىڭ يېنىغا باشلاپ كېلىدۇ ۋە ئۆزلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ. سېھىرگەر پاكىنەك  ۋە دوستلىرىدىن ئىمتىھان ئالىدۇ. مەسىلەن، ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ ئالقىنىنى ئاچىدۇ ۋە : «دۇنيانى كونترول قىلىش كۈچى قايسى بارماقتا؟»دەپ سورايدۇ. پاكىنەك ۋە دوستلىرى تاللىغان بارماقلار خاتا بولۇپ چىقىدۇ. سېھىرگەر ئۇلاردىن «قولۇمنى كۆتۈرگەندە نېمىلەرنى ئويلىدىڭلار»دەپ سورايدۇ، پاكىنەك ۋە دوستلىرى:«خىيالىمىزغا غەلىتە ۋە بىمەنە نەرسىلەر كەلدى»دەپ جاۋاب بېرىدۇ. سېھىرگەر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «قانداق بىمەنە خىيال كەلدى»دەپ سورايدۇ، ئۇلار:«ئۆز قولىمىزنى كۆتۈرۈپ بارماقلىرىمىزنى ئېچىشنى ئويلىدۇق»دەپ جاۋاب بېرىدۇ. سېھىرگەر قاتتىق ھاياجانلانغان ھالدا: «توغرا جاۋاب دەل مۇشۇدۇر»دەيدۇ. بۇ ھېكايىنى بۇ يەردە قەيت قىلىشىمدىكى مەقسەت مۇنداق: لىبېرالىزم مۇشۇ ھېكايىنى داۋاملىق تەكرارلاپ تۇرىدۇ. سەۋەبى بۇرۇنمۇ قايتا-قايتا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، لىبېرالىزمنىڭ قارىشىچە، ھەممە نەرسە ئىنساننىڭ ئىچىدە بولىدۇ. لىبېرالىزمدا« ئىنجىل، تەۋرات ۋە باشقا ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك كىتابلار ئىنسانلار تەرىپىدىن يېزىلغان دەپ قارىلىدۇ، ئىنسانلار بۇ كىتابلارغا كۈچ ئاتا قىلغان، قانداقتۇر بۇ كىتابلار ئىنسانغا ئەمەس. بۇ كىتابلاردىكى ھېكايىلەرنىڭ گۈزەللىكى كىشىنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈرىدۇ، لېكىن بۇ گۈزەللىكلىرىنىڭ يېگانە مەنبەسى ئىنسانلارنىڭ بۇ كىتابلارنى مۇشۇنداق ئۇلۇغ كۆرۈۋېلىشىدۇر. ئېتىقادلىق كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ماكانلار مەسىلەن، ۋارانسى، ۋاتىكان، بودخ ۋە گايا قاتارلىق جايلار مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ، لېكىن بۇ ماكانلارنىڭ مۇقەددەس بولۇشىنىڭ سەۋەبى ئىنسانلار بۇ جايلارغا كەلگەندە بۇ جايلاردا ھېس قىلغانلىرى ۋە تەجرىبىلىرىدۇر. كائىنات ئەسلىدە مەنىسىز، غايىسىز بىر ئاتوم پارچىسىدۇر، ھېچقانداق نەرسە ئۆزلۈكىدىن گۈزەل، مۇقەددەس ياكى قالتىس بولۇپ كەتمەيدۇ، ئىنسانلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى بۇ نەرسىلەرنى مۇشۇنداق قالتىس ۋە مۇقەددەس قىلىۋېتىدۇ، يەنى ئىنسانلار بۇ نەرسىلەرنى مۇشۇنداق قالتىس ۋە مۇقەددەس دەپ كۆرگەچكە ياكى ھېس قىلغاچقا بۇ مۇشۇنداقتۇر. قىزىل ئالمىنى جەلپ قىلارلىق، پوقنى مەينەت قىلغان نەرسە ئىنساننىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىدۇر ھەرگىزمۇ بۇ نەرسىلەرنىڭ تەبىئىتى ئەمەس. ناۋادا ئىنسان ھېس-تۇيغۇلىرىنى تامامەن سىرتقا چىقىرىۋەتسە ئىنساننىڭ ئىچىدە مولېكولا قالىدۇ، خالاس. ئىنسانلار كائىنات توغرۇلۇق ھېكايىلەرگە ئۆزلىرىنى ئىشەندۈرۈپ ھاياتلىقنىڭ ۋە كائىناتنىڭ مەنىسىنى ۋە قىممىتىنى يورۇتۇپ بەرمەكچى بولۇشىدۇ، لىبېرال ئىنسان كائىناتتىن مەنە تېپىشقا ئەمەس كائىناتقا مەنە بېرىشكە مايىل بولۇشى كېرەك. يەنى ئىنسان كائىناتقا مەنە بېرىدۇ، ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادا مەقسىتى بولۇشى كېرەك. ئىنساننىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى تۇراقلىق بولمايدۇ، ئىنسان شىر پادىشاھ سىمبا ياكى ئارجۇننىڭ ئورنىدا بولۇپ پادىشاھلىق ئۈچۈن ئۇرۇش قىلسا بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭغا مەجبۇر ئەمەس. ئىنسان خالىسا سېھىرگەرلىك قىلسا بولىدۇ، خالىسا بىرودۋېيغا بېرىپ ناخشا ئوقۇسا بولىدۇ،ياكى سىلىكون ۋادىسىغا بېرىپ شىركەت ئاچسا بولىدۇ، بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى ئىنساننىڭ ئەركىن ئىرادىسىدۇر، ئىنسان ھېچبىر ئىشنى قىلىشقا مەجبۇر ئەمەس.»

يۇقىرىدىكىلەرگە قاراپ، لىبېرالىزم باشقا ئىدىيە ۋە ئىزملارغا ئوخشاش يارىتىلىش ھېكايىلىرى بىلەن باشلىنىدۇ. لېكىن لىبرالىزمدىكى يارىتىلىش تامامەن پەرقلىق بولۇپ، ياراتقۇچى ئىلاھ ئەمەس «ئىنسان»دۇر. ئۇنداقتا لىبېرالىزمنىڭ نەزىرىدە ئىنسان ھاياتىنىڭ مەقسىتى نېمە؟ ھېس قىلىش، تەپەككۇر قىلىش، چۈشىنىش ۋە ئىجاد قىلىش ئارقىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت. ئىنساننىڭ ھېس قىلىش، چۈشىنىش، ئارزۇ قىلىش ۋە ئىجاد قىلىش ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان ھەر قانداق نەرسە كائىناتنىڭ مەنىسىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن بۇنداق چەكلىمىلەردىن قۇتۇلۇش ئەڭ ئېسىل غايىدۇر.

لىبېرالىزمغا ئىشىنىدىغانلار ئەمەلىي تۇرمۇشتا مۇنداق ئىككى پىرىنسىپ بويىچە ياشايدۇ: بىرىنچىسى ئىجاد قىل ياكى ياراتقىن ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلغىن. بۇ يەردىكى ئىجادكارلىق ياكى ياراتقۇچىلىق شېئىر يېزىش، جىنسىيلىك، يېڭى نەرسە ئىجاد قىلىش ياكى ھېچكىم بايقىمىغان بىر خىمىيەلىك ماددىنى بايقاشتا ئۆزىنى  نامايان قىلسا، ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىنسانلارنى ئىجتىمائىي، بىيولوگىيەلىك ۋە سىياسىي بېسىملاردىن قۇتقۇزىدىغان ھەر قانداق ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، زالىم دىكتاتورغا قارشى تۇرۇش، قىز پەرزەنتىڭىزنى ئوقۇتۇش، راكقا چارە تېپىش، ئالەم كېمىسى ياساش قاتارلىقلارمۇ  بۇ دائىرىگە كىرىدۇ. لىبېرالىزمغا دائىر ھېكايىلەردە روسا پاركس، پابلو پىكاسسو، لىيۇس پاستىيۇر ۋە رايت ئاكا-ئۇكىلارنىڭ ئورنى تولىمۇ يۈكسەك.

يۇقىرىدا قەيت قىلىنغانلار نەزەرىيە جەھەتتە قۇلاققا تولىمۇ يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ. ئەپسۇس، ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئىجادكارلىقى لىبېرالىزم دېگەندەك ئەمەس. ھازىرقى ئىلمىي چۈشەنچىگە كۆرە، تاللاش ئىرادىسى ۋە ئىجادكارلىقنىڭ كەينىدە ھەرگىزمۇ سېھىرگەرلىك يوق. بۇلار بىيو-خىمىيەلىك سىگناللار قوبۇل قىلىپ تارقىتىدىغان مىلياردلارچە نېرۋىنىڭ مەھسۇلاتىدۇر، سىز ئىنسانلارنى كاتولىك چېركاۋى ياكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتقۇزۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئەپسۇس ئىنسانلارنىڭ تاللاش ئىرادىسىگە چېركاۋ ۋە رۇسىيەدىكى ك گ ب (رۇسىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتى) قانداق تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، ئوخشاشلا بىيوخىمىيەلىك ئالگورىتمىلارمۇ شۇنچىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

لىبېرالىزم ئىنسانغا سۆز ئەركىنلىكىنىڭ مۇقەددەس نەرسە ئىكەنلىكىنى، ئىنساننىڭ سۆز ئەركىنلىكى بولغاندا ئاندىن ئۆزىنى نامايان قىلالايدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. لىبېرالىزمدا «ئەركىن ئىرادە» ئۇقۇمى تولىمۇ  مۈجمەلدۇر. ئىنسانلارنىڭ ئىرادىسى ۋە ئارزۇلىرى بار بولۇپ، بۇ ئىرادىسى ۋە ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا تامامەن ئەركىنلىكى بار. بۇ يەردىكى «ئەركىن ئىرادە» دېگەن تەبىردە ئىنساننىڭ ئارزۇ قىلغان ئىشنى قىلىش ئەركىنلىكى كۆزدە تۇتۇلسا مەسىلە يوق دېگەن گەپ، يەنى ئىنسانلارنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بار. ناۋادا «ئەركىن ئىرادە»دېگەن تەبىردە ئىنساننىڭ خالغىنىنى ئارزۇ قىلىش ئەركىنلىكى كۆزدە تۇتۇلسا، ئۇنداقتا بۇ ئەركىن ئىرادە ئەمەس.

ئۆزىمىزنى چۈشىنىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن بىرسى، «كىشىلىك»دېگەن نەرسىنىڭ زېھنىمىزنىڭ مۇرەككەپ مېخانىزمى تەرىپىدىن توختاۋسىز ئىشلەپچىقىرىلىدىغان، يېڭىلىنىدىغان ۋە قايتا-قايتا يېزىپ تۇرۇلىدىغان ھېكايىلەر ئىكەنلىكىنى تەن ئېلىشىمىز كېرەك. زېھنىمدە كىم ئىكەنلىكىم، قەيەردىن كەلگەنلىكىم، قەيەرگە بارىدىغانلىقىم ۋە ھازىر قانداق ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىمنى ئىزاھلاپ تۇرىدىغان ھېكايىلەر بار. سىياسىي كىرىزىسلارنى پۇقرالارغا ئادەتتىكى ئىشتەك  قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدىغان ھۆكۈمەت غالچىلىرىغا ئوخشاش، زېھنىمىزدىكى ھېكايە بايانچىلىرىمۇ رىئاللىقنى خاتا چۈشىنىپ تۇرىدۇ، لېكىن بۇ خاتالىقىنى كۆپ ۋاقىتلاردا ئېتىراپ قىلمايدۇ. بايراقلار، سىمۋوللار ۋە مۇراسىملار بىلەن بىر مىللەتنىڭ ئىدىيەسىنى ياراتقان ھۆكۈمەتلەرگە ئوخشاش، زېھنىمىزدىكى تەشۋىقات ماشىنىسىمۇ كۆپ چاغلاردا رېئاللىق ۋە ھەقىقەت بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان قىممەتلىك ئەسلىمىلەر ۋە چوڭقۇر پاجىئەلەر بىلەن شەخسىي ھېكايىلەر ۋە رىۋايەتلەر توقۇپ چىقىدۇ.

فېسيىبۇك ۋە ئىنستېگرام دەۋرىدە بىر ھېكايە، خەۋەر ياكى رىۋايەت توقۇپ چىقىش جەريانىنى تېخىمۇ يېقىندىن كۆزىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز. چۈنكى بۇ ئىشنىڭ بىر قىسمى زېھىندىن چىقىرىلىپ كومپيۇتېرغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى، ئىنسانلارنىڭ ئىنتېرنېت دۇنياسىدا بىر كىشىلىك ۋە كىملىك بەرپا قىلىش ئۈچۈن، نۇرغۇن ۋاقىتنى سەرپ قىلىۋاتقانلىقىغا، ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان نەرسىگە باغلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىغا ۋە بۇنى ئۆزلىرىگە دائىر رېئاللىق ۋە ھەقىقەتلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويۇۋاتقانلىقىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز، بۇ ئەھۋال ئىنساننى ھەقىقەتەن ۋەھىمە سالىدۇ.  بۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، قاتناش قىستاڭچىلىقى، باشقىلار بىلەن بىھۇدە تاكاللىشىش ۋە زېرىكىشلىك جىمجىتلىقتىن كېيىن قىلىنغان ساياھەت ئىنسانغا شۇنچىلىك يېقىشلىق كېلىدۇ، ساياھەت جەريانىدا گۈزەل مەنزىرىلەر، ئېسىل تائاملار ۋە ئالىي سۈپەتلىك مۇلازىمەتلەر، ھەممىدىن مۇھىمى يېڭى مۇھىت ئىنساننى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىتىدۇ. لېكىن يىلدا بىرەر قېتىم قىلغان ساياھىتىمىز ۋە ساياھىتىمىز جەريانىدىكى ھېس-تۇيغۇلىرىمىز ۋە بېشىمىزدىن ئۆتكەنلەرنىڭ %99ى كىشىلىك ۋە كىملىكىمىزنىڭ بىر قىسمى ھالىتىگە كېلىپ بولالمايدۇ. ئەمەلىي بېشىمىزدىن ئۆتكەنلەر جىسمانىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولسا، خىيالى كىشىلىكىمىزنىڭ بۇنچىلىك جانلىق بولالىشى كىشىنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ. خىيال ئالىمىدە تۇرۇۋاتقان چېغىڭىزدا،   زېھنىڭىز ياكى كومپيۇتېر ئېكرانىدا بىر مەنزىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ، ئۆزىڭىزنى تىروپىك ساھىلدا، كەينىڭىزدە كۆپكۆك دېڭىز، يۈزىڭىزدە تەبەسسۇم، بىر قولىڭىزدا ئىچىملىك، يىراقلارغا نەزەر تاشلايسىز. بۇ تولىمۇ گۈزەل مەنزىرە، لېكىن بۇ مەنزىرىدە كۆرۈلمەيدىغان مۇنداق ئىشلار بار: پۇتىڭىزنى چېقىۋالغان بىر بىشەم پاشا، چۈشتە ئىچكەن بېلىق شورپىسى تۈپەيلى بىئارام بولۇۋاتقان ئاشقازىنىڭىز ۋە باشقا بىئارام قىلىدىغان ئىشلار… كاشكى  فوتو-سۈرەتتىكى ئىنسانلار رەسىمگە چۈشۈۋاتقاندا نېمىلەرنى ئويلايدىغانلىقىنى ھېس قىلالىغان بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى.

ھەقىقەتەن ئۆزىڭىزنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز، فېيىسبۇك ئادرېسىڭىز ياكى كىشىلىكىڭىزگە دائىر ھېكايىلەر نۇقتىسىدىن كۆزىتىلىدىغان ئورۇنغا چۈشۈپ قالماڭ. بۇنىڭ ئورنىغا بەدىنىڭىز ۋە زېھنىڭىزنىڭ ئەمەلىي رىتىمىنى كۆزىتىڭ، ئاقىۋەت شۇنى تونۇپ يېتىسىزكى چۈشەنچىلەر، ھېس-تۇيغۇلار ۋە ئارزۇلار سەۋەبسىزلا ۋە سىزنىڭ ھېچقانداق بۇيرۇقىڭىز بولماي تۇرۇپمۇ بىردىنلا يوقاپ كېتىدۇ، بۇ گويا ئۇياقتىن-بۇياققا چىقىپ ئۈستى-بېشىڭىزنى قالايمىقان قىلىۋەتكەن شامالغا ئوخشايدۇ. لىبېرالىزم كائىناتقا دائىر ئەنئەنىۋى چۈشەنچىلەرنى رەت قىلىپ ئاشقۇن قەدەم تاشلىدى، لېكىن بۇ چۈشەنچىلەرنى ئىنسان ئىچكى دۇنياسىدا قايتىدىن ياراتتى.

بىراخادارانياكا ئۇپانىشاد بىزگە مۇنداق دەيدۇ: «قۇربانلىق ئاتنىڭ كاللىسى شەپەق، كۆزى قۇياش، بەدەنلىرى پەسىللەر، بوغۇملىرى تولۇق ۋە يېرىم ئايلار، ئاياغلىرى كۈنلەر ۋە كېچىلەر، سۆڭەكلىرى يۇلتۇزلار، گۆشى بۇلۇتلاردۇر.» بۇنىڭ ئەكسىچە بۇددىزمغا مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق كىتابلاردىن ماخاساتىپاتخانا سۇتتا، بىر ئىنسان چوڭقۇر ئويغا بېرىلگەندە (مېدىتاتسىيە)، بەدىنىنى چوڭقۇر كۆزىتىدۇ ۋە «بۇ بەدەندە چاچلار، تۈكلەر، تىرناقلار، چىشلار، تېرىلەر، گۆش، مۇسكۇل، سۆڭەك، بۆرەك، يۈرەك، تۈكۈرۈك، ماڭقا، بوغۇم سويۇقلۇقى ۋە سۈيدۈك» بارلىقىنى بايقايدۇ ۋە «داۋاملىق بەدىنىنى كۆزىتىپ ئولتۇرىدۇ… ئاخىرى چۈشەنچىسى چوڭقۇرلىشىدۇ: بەدەن، چاچلار، سۆڭەكلەر ياكى سۈيدۈك باشقا نەرسىلەرگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇلار قانداق بولسا شۇنداقتۇر.»

مەزكۇر كىتابتا يەنە چوڭقۇر ئويغا بېرىلگەن ئىنسان بەدىنىدە ياكى زېھنىدە قانداق نەرسىلەرنى كۆرۈشتىن قەتئىينەزەر، بۇلارنى شۇ پېتى كۆرۈشكە باشلايدۇ، چوڭقۇر ئويغان بېرىلگەن ئىنسان نەپەس ئالغاندا، ئېلىشقا تېگىشلىك نەپەسنى ئالدىم، دەپ ئويلايدۇ، يېنىك نەپەس ئالغاندا بولسا يېنىك نەپەس ئالدىم دەپ ئويلايدۇ، ئۇزۇن نەپەس پەسىللەرگە ۋەكىللىك قىلالمىغاندەك قىسقا نەپەسمۇ ئوخشاشلا كۈنلەرگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، بۇلار پەقەت بەدەندىكى تىتىرەشلەردىن ئىبارەت.

بۇدا كائىناتنىڭ ئۈچ ئاساسلىق ھەقىقىتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: ھەممە نەرسىنىڭ توختاۋسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇشى، ھېچقانداق نەرسىنىڭ ئەبەدىي ماھىيىتىنىڭ  يوقلىقى ۋە ھېچقانداق نەرسىنىڭ يۈز پىرسەنت خۇشاللىق ئاتا قىلالماسلىقى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. پىلانېتىنىڭ، بەدىنىڭىزنىڭ ياكى زېھنىڭىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر بۇلۇڭلىرىنى بايقىغان تەقدىردىمۇ قەتئىي ئۆزگەرمەيدىغان، ئەدەبىي ماھىيەتكە ئىگە بولغان ۋە سىزنى تولۇق قايىل قىلىدىغان ياكى خۇشال قىلىدىغان بىرمۇ نەرسە تاپالمايسىز.

ئازاب ئىنسانلار بۇنىڭ قىممىتى بىلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن پەيدا بولىدۇ، بىر يەرلەردە ئەبەدىي ماھىيەت بارلىقىنى ۋە ئۇنى بايقاپ ئۇنىڭغا باغلانغان ئەھۋالدا تولۇق قايىل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇ ئەبەدىي ماھىيەت بەزىدە تەڭرى، بەزىدە مىللەت، بەزىدە ھەقىقىي كىشىلىك، بەزىدە ھەقىقىي سۆيگۈ بولۇشى مۇمكىن، ئىنسانلار ئۆزلىرىنى بۇلارنى تېپىشقا ئاتايدۇ، لېكىن تاپالمىسا ئېغىر ئازابقا مۇپتىلا بولىدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى، بۇ ھەقىقىي ماھىيەتكە بولغان تەلپۈنۈش قانچىلىك ئۇلۇغ ۋە بۈيۈك بولسا، ئىنسان بۇ تەلپۈنۈشىگە ۋە ماھىيەتكە ئېرىشىش غايىسىگە توسالغۇ بولىدىغان بارلىق ئىنسانلاردىن، توپلۇقلاردىن ياكى ئورۇنلاردىن شۇنچىلىك نەپرەتلىنىدۇ.

ئۇنداقتا بۇدانىڭ قارىشىچە ھاياتلىقنىڭ قىلچىلىك مەنىسى ۋە قىممىتى يوق، شۇڭا ئىنسانلارنىڭ بىرەر مەنە، قىممەت يارىتىشقا ئېھتىياجى يوق. ئىنسان بۇنى چۈشىنىپ يېتىشى كېرەك، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئىنسان باغلىنىپ قالغان نەرسىلەرنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قېلىشتىن قۇتۇلۇشى لازىم. «قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟» دەپ سورايدۇ ئۆز-ئۆزىدىن. بۇدا مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ: ھېچقانداق ئىش قىلماڭ. لېكىن ئىنسانلار توختاۋسىز ھېكايىلەر، كىملىكلەر يارىتىپ ئۇرۇش قىلىدۇ، ياكى غەلىبە قىلىدۇ ياكى مەغلۇپ بولىدۇ. ھېچقانداق ئىش قىلماسلىق دېگەنلىك زېھىننىڭ ھېچقانداق ئىش قىلماسلىقى ۋە ھېچقانداق نەرسە ياراتماسلىقى دېگەنلىكتۇر.

لېكىن بۇمۇ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە قەھرىمانلىق داستانىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. پۈتۈن دىققىتىڭىزنى ئېلىۋاتقان نەپەسىڭىزگە مەركەزلەشتۈرگەن چاغدىمۇ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھېكايىلەر توقۇشقا باشلايسىز:«ناھايىتى تېز نەپەس ئېلىشقا باشلىدىم، نورمال نەپەس ئالسام تېخىمۇ سالامەت بولىمەن» ياكى «ئالغان نەپەسىمنىلا كۆزەتسەم باشقا ئىشقا ئىش قىلمىسام يورۇقلۇققا چىقىپ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلىملىك ۋە دانىشمەن ئادەمگە ئايلىنىمەن.» كېيىنچە بۇ داستان تېخىمۇ بېيىپ ھەر خىل ۋارىيانتلىرى پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ ۋە ئىنسان بۇنداق ۋاقىتتا ئۆزىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ھەر خىل ئىدىيە ۋە رىشتىلەردىن قۇتۇلۇشنىڭ ئورنىغا ئۆزگىلەرنى ئوخشاش نەرسىگە قايىل قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئىنسان ھاياتلىقنىڭ مەنىسى ۋە قىممىتىنىڭ يوقلىقىنى تەن ئالغاندىن كېيىن، بىر نەرسىگە ئىشەنمەيدىغانلارغا، گۇمانخورلارغا دەرس بېرىشكە باشلايدۇ.

بۇددىزم تارىخىدا بۇداغا ئىشەنمەسلىكنىڭ ئەھمىيىتى، تۈرلۈك ھادىسىلەرنىڭ ئۆتكۈنچىلىكى ۋە ئەھمىيەتىسزلىكىگە ئىشىنىدىغان ئىنسانلارنىڭ بىر دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت شەكلى، بىر ئىمارەتنىڭ مۈلۈك ھەققى ھەتتا بىر سۆزنىڭ مەنىسى تۈپەيلى جېدەل قىلغانلىقىغا دائىر مىڭلارچە مىسال بار.

18-ئەسىردە ھەم بىرما ھەمدە قوشنىسى سىيام خاندانلىقلىرى بۇداغا ئىشىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ماختىناتتى ۋە خاندانلىقىنىڭ ئاساسىنىڭ بۇدا ئېتىقادىدىن كەلگەنلىكىنى تەرغىب قىلاتتى. خانلار ئىبادەتخانىلارغا  سەدىقە قىلاتتى، ئىبادەتخانىلار سالدۇراتتى، ھەر ھەپتە پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ بەش ئاساسلىق ئەخلاقىي مەسئۇلىيىتى بارلىقى (ئۆلتۈرۈش، ئوغرىلاش، جىنسىي مۇناسىۋەت، ھىيلە-مىكىر ۋە مەستلىكتىن خالىي بولۇش)توغرىسىدا تەسىرلىك سۆزلەيدىغان سەۋىيەلىك راھىبلارنىڭ ۋەز-نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالاتتى. 1767-يىلى 7-ئاپرېلدا بۇرما خانى خسىنبىيۇھىن سىيامنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالدى، بۇرما خانىنىڭ ئەسكەرلىرى ئالدىغا چىققانلا كىشىلەرنى قەتل قىلىپ ماڭدى، بۇ جايدىكى خەلقنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى، ئارقىدىن سارايلارنى، ئىبادەتخانىلارنى ۋە ئىمارەتلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى، قايتىدىغان ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىنى قۇل سۈپىتىدە ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئېلىپ ماڭدى.

خان خسىنبىيۇشن بۇددىزمغا سەل قارايدىغان كىشى ئەمەس ئىدى، بۇ چوڭ غەلىبە بولۇپ 7  يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىراۋادى دەرياسى بويىغا يول ياسىدى، يول بويىغا ئىبادەتخانىلارنى سالدۇرۇپ بۇدادىن قوشۇنىغا تېخىمۇ بۈيۈك غەلىبىلەرنى ئاتا قىلىشىنى تىلىدى. ياڭگوغا بارغان چېغىدا بۇرما بويىچە ئەڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانا ھېسابلىنىدىغان شىۋېداگون ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن رېمونت قىلدۇرۇپ يېڭىلىدى. ئارقىدىن بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ھەممىگە يېرىگە ئالتۇن بىلەن ھەل بەردى، ھەتتا ئىبادەتخانىغا تىكلىگەن ھەيكەلنى قىممەتلىك تاشلار بىلەن بېزەتتى. ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماي، ئەسىرگە چۈشكەن باگو خانىنى، ئۇنىڭ ئوغلى ۋە ئىنىلىرىنى دارغا ئاستۇردى.

1930-يىللاردا ياپونلۇقلار بۇددىزم تەلىماتلىرىنى مىللەتچىلىك، مىلىتارىزم ۋە فاشىزم بىلەن بىرلەشتۈرۈشنىڭ يولىنى ئىزدەپ باقتى. نىسخو ئىنو، ئىككى كىتا ۋە تاناكا چىكاكۇغا ئوخشاش ئاشقۇن بۇددىست مۇتەپەككۇرلار شەخسىيەتچىلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىنى پۈتۈنلەي ئىمپېراتورغا ئاتىۋېتىشى، شەخسىي ئارزۇ ۋە مەنپەئەتلەرگە خاتىمە بېرىشى، پەقەتلا مىللەتكىلا سادىق بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى. بۇ خىلدىكى قاراشلار ھەر خىل ئاشقۇن مىللەتچىلىك ئېقىمىدىكىلەرگە زور تەسىر كۆرسەتتى، بۇلاردىن بىرسى ياپونىيەنىڭ سىياسىي ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن سۇيىقەست قىلمىشلىرى سادىر قىلىپ كېلىۋاتقان بىر تۈركۈم ئەسكەرلەر ئىدى. ئۇلار سابىق مالىيە مىنىستىرى، مىتسۇي شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋە باش مىنىستىر ئىنۇكاي تىسيوشىنى قەتل قىلىشتى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ياپونىيەنىڭ ھەربىي دىكتاتورىلىققا ئايلىنىش مۇساپىسى تېزلەشتى، ئۇرۇش باشلىغاندا بۇددىست راھىبلار ۋە زېن ئۇستازلىرى ئىنسانلارغا دۆلەت ھاكىمىيىتىگە شەرتسىز ئىتائەت قىلىشنى نەسىھەت  قىلىپ ئۇرۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئاتىۋېتىشنى تەنبىھ قىلىشتى. لېكىن بۇددىزمنىڭ باشقىلارغا رەھىمدىللىك قىلىش ۋە زوراۋانلىق قىلماسلىققا دېگەن ئوخشاش تەلىماتلىرى ئۇنتۇلۇپ، ياپون ئەسكەرلىرىنىڭ نەنجىڭ، مانىلا ۋە سېئۇلدىكى قىلمىشلىرىغا ئەكس ئېتىپمۇ قويمىدى.

كۈنىمىزدە بۇددىزمغا ئىشىنىدىغان بىرما دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرى سادىر قىلغان دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ، بىرمادىكى بۇددىست راھىب ئاشىن ۋىراتخۇ بىرمادىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ يېتەكچىسى بولۇپ، ئۇ بىرما بىلەن بۇددىزمنى مۇسۇلمان مۇجاھىدلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن مۇھاپىزەت قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى دېسىمۇ، لېكىن ئۇ دېگەن گەپلەر ۋە ۋەز-نەسىھەتلەر شۇنچىلىك ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىككە تولغانكى، بۇددىزمنىڭ رەھىم-شەپقەت قىلىش دېگەن تەلىماتىغا تۈپتىن زىت. مەسىلەن، 2018-يىلى فېۋرالدا فېيسبۇك ئۇنىڭ ئادرېسىنى تاقىۋەتتى. 2017-يىلى گۇئاردىيان گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بىر تال پاشىغىمۇ رەھىم قىلىشنى دېگەن بۇ راھىب، بىرما ئەسكەرلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئاياللارغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى كۈنتەرتىپكە كەلگەندە كۈلۈپ كېتىپ: «بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدلىرى تولىمۇ كۆرۈمسىز ۋە مەينەت»دېگەنىدى.

8 مىليارد ئىنسان تەرتىپلىك ھالدا چوڭقۇر ئويغا (مېدىتاتسىيە)پېتىشقا باشلىسا، دۇنياغا تىنچلىق ۋە ئامانلىق كېلىش ئېھتىمالى يەنىلا تۆۋەن. ئىنساننىڭ ئۆزى توغرۇلۇق ھەقىقەتنى چوڭقۇر كۆزىتەلىشى تولىمۇ قىيىن. بىر ئامال قىلىپ كۆپ قىسىم ئىنساننى بۇ سىناقنى قىلىشقا كۆندۈرگەن تەقدىردىمۇ، كۆپ قىسمىمىز ھەقىقەتنى دەرھال بۇرمىلاپ قەھرىمانلار، خائىنلار ۋە دۈشمەنلەر بىلەن تولغان بىر ھېكايىگە ئايلاندۇرۇپ قويىمىز ۋە ئۇرۇش قوزغاش ئۈچۈن پۇختا باھانىلەر تېپىپ چىقىمىز.

يۇقىرىدا قەيت قىلىنغانلار بىز ئۆزىمىز پەيدا قىلغان نەرسىلەر بولسىمۇ ئۈمىدسىزلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. ھەقىقەت جايىدا تۇرىدۇ، ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئىنسانلار پەقەت ئۆزگەرتەلگىنىنى ئويلىۋالىدۇ، خالاس. خىيال مەھسۇلاتى بولغان بىر تىياتىردا رول ئالالمايسىز لېكىن نېمىشقا بۇنداق بىر ئىشنى قىلماقچى بولىسىز؟. بىز بارلىق توقۇلمىلاردىن ۋاز كەچكەندە ھەقىقەتنى تېخىمۇ سۈزۈك كۆرەلەيمىز ۋە ئۆزىمىز، شۇنداقلا دۇنيا توغرۇلۇق ھەقىقەتكە ئېرىشەلەيمىز. بۇنداق سەۋىيەگە كەلسەك ھېچنېمە بىزنى تۇزاققا چۈشۈرەلمەيدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ گەپنى دېيىش تولىمۇ ئاسان، لېكىن قىلىش ئاسان ئەمەس.

شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، بىز ئىنسانلار ئىدىيەلەر، ھېكايىلەر، ئەپسانىلەر، چۆچەكلەر پەيدا قىلىپ بۇلارغا ئىشىنىش قابىلىيىتىمىز تۈرتكىسىدە دۇنيانى پەتىھ قىلدۇق. بۇ سەۋەبتىن ھەقىقەت بىلەن بۇلارنى ئايرىش ھەقىقەتەن قىيىن. بۇ ئىككى نەرسە ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كۆرمەسلىككە سېلىش بىزگە نىسبەتەن ھايات-ماماتلىق مەسىلىسىگە ئايلىنىپ قالغان. لېكىن بۇ پەرقنى ئايدىڭلاشتۇرماقچى بولسىڭىز، سىز دۇچ كەلگەن ئازابقا ئاساسەن ھەرىكەتكە ئۆتسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى دۇنيادىكى چىن نەرسىلەردىن بىرسى ئازابتۇر.

ناۋادا سىز چوڭ بىر ئىدىيەنى ئاڭلاپ قالسىڭىز ئۇنىڭ توقۇلما ياكى چىنلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن سورىلىدىغان ئەڭ مۇھىم سوئاللارنىڭ بىرسى بۇ ئىدىيە ياكى ھېكايىنىڭ ئاساسلىق پېرسۇناژىنىڭ ئازاب تارتىپ تارتمىغانلىقىغا قارىسىڭىزلا بولىدۇ. مەسىلەن، بىرسى قوپۇپ سىزگە پولشا خەلقىنىڭ ھېكايىسىنى بايان قىلسا، سىز پولشا خەلقىنىڭ ئازاب چېكىپ چەكمىگەنلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىپ بېقىڭ. رومانتىزم دەۋردىكى شائىر ۋە ھازىرقى زامان پولشا مىللەتچىلىكىنىڭ ئاتىسى بولغان مىكىۋېكز، پولشا خەلقىنى «مىللەتنىڭ مەسىھى»دەپ ئاتىغانىدى. پولشا رۇسىيە، بېلارۇسىيە ۋە ئاۋسترىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىنىپ ئون  يىل ئۆتكەندىن كېيىن ۋە 1830-يىلى پولشا قوزغىلىڭىنىڭ رۇسلار تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلۇشىدىن كېيىن مىكىۋېكز 1832-يىلى، پولشا خەلقى تارتقان ئازابنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ۋاكالىتەن چېكىلگەنلىكىنى، ئەيسا مەسىھنىڭ پىداكارلىقىغا تەڭ كېلىدىغان بۈيۈك پىداكارلىق ئىكەنلىكىنى ۋە مەسىھكە ئوخشاش پولشانىڭمۇ قايتىدىن تىرىلىدىغانلىقىنى يازغانىدى.

مىكىۋېكز مۇنداق دەيدۇ: «پولشا خەلقى ياۋروپالىقلارغا مۇنداق نىدا قىلدى: <بىزدىن ئاپىرىدە بولىدىغان ھەر قانداق نەرسە ئەركىن ۋە باراۋەر بولىدۇ، چۈنكى مەن ئەركىنلىكنىڭ دەل ئۆزىمەن.> بۇنى ئاڭلىغان خانلارنىڭ قەلبىگە ۋەھىمە چۈشتى ۋە پولشا خەلقىنى كىرېستقا مىخلاپ قەبرىستانلىققا قويغاندا مۇنداق دېيىشتى: <ئەركىنلىكنى قىرغىن قىلىپ ئۇنى كۆمۈۋەتتۇق.>  ئەپسۇس ئۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق نىدالىرى بىھۇدە ئىدى… چۈنكى پولشا مىللىتى ئۆلمەيدۇ… ئۈچىنچى كۈنى، روھ بەدەنگە قايتىپ كېلىدۇ ۋە مىللەت قايتا تىرىلىپ پۈتكۈل ياۋروپا خەلقىنى قۇللۇقتىن ئازاد قىلىدۇ.»

بىر مىللەت ھەقىقەتەن ئازاب چېكەمدۇ؟ بىر مىللەتنىڭ كۆزلىرى، قوللىرى، ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە ئارزۇ-ھەۋەسلىرى بارمۇ؟ يىڭنە سانجىپ باقسىڭىز قان چىقامدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئۇرۇشتا يېڭىلسە بىر قابىلىيىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، ھەتتا مۇستەقىللىقى قولدىن كېتىدۇ، لېكىن ئازاب ساقلىنىپ قالىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ بەدىنى، زېھنىي ۋە ھېسسىي يوقتۇر. بۇ يەردىكى مەسىلە پولشا خەلقى باشقىلارنىڭ  نەزىرىدە  ئازابقا چىدىيالايدىغان خەلقتۇر، پولشا خەلقى ئازابقا چىدايدۇ چۈنكى ئىنسانلار پولشاغا بەدەنلىرىنى قەرز بېرىپ تۇرغان. بۇ پولشا ئارمىيەسىدە ئەسكەر بولۇپ ئەمەس مىللەتنىڭ خۇشاللىقى ۋە قايغۇ-ئازابلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئارقىلىق بولغان. 1831-يىلى مايدا ئوسترولېكا جېڭىدە پولشالىقلارنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى خەۋىرى ۋارشوۋاغا يېتىپ كەلگەندە، ئىنسانلارنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئاقىدۇ ۋە قاتتىق ئازابلىنىدۇ.

يۇقىرىدا قەيت قىلىنغانلار قانداقتۇر رۇسلارنىڭ پولشانى ئىشغال قىلىۋېلىشىنى ھەقلىق ۋە يوللۇق قىلمايدۇ، شۇنداقلا پولشالىقلارنىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇش ۋە ئۆز قانۇنلىرى ئارقىلىق قائىدە-يوسۇنلىرىنى بەلگىلەپ چىقىش ھوقۇقىنىمۇ تۆۋەن  كۆرمەيدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە، ھەقىقەتنىڭ نوقۇل پولشا مىللىتىنىڭ ئىدىيەسى ۋە ھېكايىلىرى ئەمەسلىكىدۇر، چۈنكى پولشانىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىنسانلارنىڭ زېھنىدىكى ئوبرازلارغا باغلىقتۇر.

يەنە بىر تەرەپتىن رۇس ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان بىر ۋارشوۋالىق ئايالنىڭ تەقدىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. پولشا مىللىتىنىڭ ئىدىيەسىنىڭ ئەكسىچە، بۇ ئايالنىڭ تارتقان ئازابى تولىمۇ چىندۇر. بۇ ئازابقا سەۋەب بولغان ئامىللار رۇس مىللەتچىلىكى، ئورتودكوس خىرىستىيانلىق ۋە سۈنئىي قەھرىمانلىققا ئوخشاش نەرسىلەرگە بولغان ئىشىنىشتۇر. بۇ نەرسىلەردىن رۇس دۆلەت ئەربابلىرى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ زور ئىلھام ئالغانلىقى ئېنىقتۇر. لېكىن پولشا مىللىتىنىڭ ئازابى يۈز پىرسەنت چىندۇر.

قىسقىسى،  ئىنسانلارنىڭ تارتقان ئازابىغا قۇلاق سالساق، ھاياتلىق توغرۇلۇق نۇرغۇن چىنلىققا ئېرىشەلمەيمىز.

 

تەرجىمان: ئادىلجان

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*