ئەخلاقسىز دىندار ياكى ئەخلاقلىق دىنسىز بولامدۇ؟

ئەخلاقسىز دىندار ياكى ئەخلاقلىق دىنسىز بولامدۇ؟

بايتاش

بەزىلىرىمىزنىڭ ئېغىزىدىن «دىندار تۇرۇپ  قىلغان ئەخلاقسىزلىقىغا قارىمامسىلەر؟ موللامنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما، قاراڭلار ئاۋۇ دىنسىز تۇرۇپ تولىمۇ ئەخلاقلىقكەن»دەيدىغان ئەخلاققا ئالاقىدار زارلىنىشلارنى ۋە گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇ قارىماققا ئوبىيكتىپ رىئاللىقا ئاساسەن چىقىرىلغان يەكۈندەك قىلسىمۇ،لېكىن يۈزەكىلىكتىن خالىي ئەمەس. مەسىلىنىڭ تېگى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ماھىيىتىنى چۈشىنىپ باقىدىغان بولساق مەسىلىنىڭ چوڭقۇر ۋە چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكىنى بايقايمىز.

بىز بۇ يازمىمىزدا بۇ ئاددىغىنە لېكىن ئۇزۇن يىللىق تۇرمۇشنى كۆزىتىشنىڭ مەھسۇلى بولغان ئەخلاققا مۇناسىۋەتلىك بۇ يەكۈننىڭ ئىجتىمائىي سەۋەبلىرى ئۈستىدىن بەكرەك ئەخلاقنىڭ مەنبەسى،ئىسلام بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە  چېتىلىش دائىرىسىنى قىسقىچە يورىتىپ بېرىشكە تىرىشىمىز.

ئۆز ئەملىيىتىدە كۆپىنچە ھاللاردا دىنى ئەقىدىلەرگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان كىشلەردە ۋە ئاتىئىستلاردا ئەخلاققا مۇۋاپىق ھال ۋە ھەرىكەتلەر كۆرىلىدۇ. ئاغزاكى ئارزۇلىرى بىلەن ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى ئارسىدا كۆپىنچە ھالدا روشەن ئىختىلاپ كۆرىلىدۇ. بۇنڭىدىن باشقا، شۇنچىلىك كۆپ كىشلەر باركى، ھەققىي دىندار سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، دىنى ئەقىدىلەرنى باشقىلارغا ئۆگىتىپ تۇرۇپمۇ، ھەرىكەت ۋە يۈرۈش تۈرۈشلىرى ئەخلاق نۇقتىسىدىن تامامەن نامۇۋاپىق بولغان ماتىرىيالىستلارغا ئوخشايدۇ. ياكى دەل ئەكسىچە، ئىدىيە جەھەتتىن ماتىرىيالىست بولغان بەزى كىشلەرمۇ ئۆز ئەملىيىتىدە ھەر تۈرلۈك پىداكارلىققا جان دەپ يۈگرەشكە ۋە باشقىلار ئۈچۈن ئىشلەشكە مايىل بولىدۇ. ئەڭ زىيالى ۋە ئەڭ دۇرۇس مۇتەپەككۇرلارنىمۇ قايمۇقتۇرۇپ كېلىۋاتقان  غەلىتە ئىنساني كومىدىيەسى، دەل بۇ چىگىشلىك ۋە ئاساسىزلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ. ئېتىقادىمىز بىلەن ھەرىكەت ۋە يۈرۈش تۇرۇشلىرىمىز ئارىسىدا ئاپتوماتلاشقان ئىنتىزامچانلىق يوق. ھەرىكىتىمىز، قىلىقىمىز، ئەخلاقىمىز ئاڭلىق تاللاشنىڭ ياكى تۇرمۇش پەلسەپەسىنىڭ فونكىسيەسى ئەمەس. بۇ پەلسەپە ياكى سىياسىي ئىرادىلىرىمىزنىڭ ئەسىرى بولۇشتىن بەكرەك ئۆسمۈرلىك چېغىمىزدىكى تەربىيەنىڭ ۋە شۇ ۋاقتىدىكى چۈشەنچىنىڭ نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ. بىر ئىنسان ئەگەر كىچىك ۋاقتىدا ئائىلە ئىچىدە چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىشقا، ۋەدىسىدە تۇرۇشقا، ئىنسانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشقا، تەڭتۈشلىرىنى سۆيۇشكە ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىشقا، يالغان سۆزلىمەسلىككە، ئىككى يۈزلىمىچىلىكتىن نەپرەتلىنىشكە، غۇرۇلۇق ۋە كەمتەر بولۇشقا كۆنگەن بولسا، ئۇ ۋاقتىدا بۇلار كىيىنكى سىياسىي ئىرادىلىرى، تاللاشلىرى ۋە قوبۇل قىلغان قارىشى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئاساسەن كىشىلىك خاراكتېرىنىڭ ئالاھىدىلىكى سۈپتىىدە ساقلىنىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئەخلاقى دىندۇر، ئۆز دىنى بولمىغان تەقدىردىمۇ كىيىن قوبۇل قىلغان دىندۇر. تەربىيە ئاساسەن دېگۈدەك بەزى دىنى ئەقىدىلەرنى تارقىتىشتا مۇۋاپپەقىيەت قازانغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەخلاقنىڭ ئاساسى بولغان دىننى يېيىشقا ياكى يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچەيتىشكە مۇۋاپپەق بولالمىغان. دىننىڭ ۋاز كېچىلىشىدىن ئەخلاقىنىڭ ۋاز كېچىلىشىگە ئۆتۈش ئۈچۈن پەقەت بىرلا قەدەمگە ئېھتىياج بار. بەزى كىشلەر بۇ قەدەمنى ئۆمۈر بويى تاشلىيالمايدۇ. تۇرمۇشىدىكى ئىختىلاب، زىددىيەت دەل بۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇنداق ئاچچىق بىر رىئاللىق بار بولۇپ، تەتقىق قىلىشنى قىيىنلاشتۈرۋەتكەن ئىككى نەرسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ: ئەخلاقلىق ئاتىستلار بىلەن ئەخلاقسىز دىندارلار. )ئەلى ئىززەت بېگوۋىچ)

ئىسلام نۇقتىسىدىن ئەخلاق ۋە دىن پەرقلىق ئىككى نەرسە ئەمەس. ئەخلاقنىڭ مەنبەسى بىرلا بولۇپ ئۇ بولسىمۇ دىندۇر. مەسىلەن، دىندارلارنىڭ ئەخلاقلىق بولۇشى ياكى بولماسلىقى بۇ قانۇنىيەتنى ئۆزگەرتمەيدۇ. چۈنكى ئەخلاق يارىتىلىشتىن كەلگەن بولۇپ يارالغۇچىلۇق خۇسۇسيىتى بار. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىدۇر. دەرۋەقە، ياراتقۇچى بىلەن يارالغۇچى سۆزلىرىنىڭ يىلتىزى ئوخشاشتۇر. ياراتقۇچى ئىنسانغا تەبىئەت ياكى فىترات ئاتا قىلىدۇ. ئەخلاق دەل بۇنىڭ ئىچىدە يەر ئالىدۇ. شۇڭا بۇ تەبىئەت ياكى فىترات پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئورتاق بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئىنسانغا ئاتا قىلغان ئايىتىدۇر. بۇنىڭ ئىچىدە ئىرادە، ياخشىلىق، پەزىلەت، دۇرۇسلۇققا ئوخشاش ئەخلاقنىڭ ئاساسلىق خۇسۇسىيەتلىرى مەۋجۇت، شۇڭا بۇ خۇسۇسىيەتلەر يەھۇدىي، دىنسىز، خىرىستىيان، ياپون، رۇم، ئەرەب ،ئۇيغۇر، ئەر، ئايال، نامرات، بايغا ئوخشاش ھەممە ئىنسانلاردا بار. ئىبنى مىسكېۋېيھ بۇنىڭغا ئورتاق ئەخلاق دەيدۇ. شۇنداق دېيىشكى بولىدىكى، ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشىدىكى بۇ تەبىئەت ياكى فىترات پۈتۈنلەي دىنىدۇر. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئىنسان ياكى ئۇنى ياشايدۇ ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىدۇ. شۇڭا بىز دىنسىز بىرىنىڭ ئەخلاقىي ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈپ قالساق ھەيران قالمىز، ئەسلىدە بىز قارشى تەرەپتىكى ئىنساننىڭ تەبىئىتىنىمۇ ئاللاھنىڭ ياراتقانلىقىنى ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن قارشى تەرەپنىڭ ئەخلاقىي ھەرىكەتلەرنى قىلىشى بۇ سەۋەبتىن تولىمۇ نورمال ھادىسىدۇر. پۈتكۈل ئىنسانلار ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغاندۇر، ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئۇ ياراتقۇچىسنى ئىنكار قىلسىمۇ ئاللاھ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئۇنداقتا دىنسىز بىرىنىڭ ئەخلاقىي ھەرىكەتلىرىنى قىلىشىغا نېمىشقا تاڭ قالىمىز؟ يۇقارقىدىىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، دىنسىز كىشىنىڭ ئەخلاقىي ھەرىكەتلەرنى قىلىشى قانداقتۇر ئۇنىڭ ئاتىئىزىمنى قوبۇل قىلىشىدىن ئەمەس، بەلكى تەبىئىتىدىن كەلگەندۇر. ئاتىئىزىمنىڭ ئىنساننىڭ ئەخلاقىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك، بولمىسا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا سالغان زۇلىمىنى قانداق ئىزاھلاش مۇمكىن؟ئوخشاشلا  دىندار بىرىمۇ ئەخلاقسىزلىق قىلىشى مۇمكىن، بۇ ئەھۋال ئۇ ئېتىقاد قىلغان دىننىڭ ئەخلاقتىن ئايرىم نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. دىندار كىشىمۇ تەبىئىتىگە ياكى فىتراتىغا زىت ھەرىكەتلەرنى قىلىپ سېلىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا ئەخلاق دىنسىزلىق ۋە دىندارلىقتىنمۇ ھالقىغان بىر مەسىلە بولۇپ، ئىلاھىي مەنبە ئىگىدۇر. ئىنساندىن ھالقىغان نەرسىدۇر، لېكىن ئىنساندا ئىپادىسىنى تاپىدۇ. شۇڭا ئىنسان تەبىئىتى نۇقتىسىدىن دىنسز كىشىنىمۇ پۈتۈنلەي ئەخلاقتىن مەھرۇم دېيەلمەيمىز. بىز پەقەت ئەخلاقتىن نىسپىي ھالدا مەھرۇم دېيەلەيمىز. كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىرىنى ئەخلاقسىز دېگەن چېغىمىزدا دەل بۇنى كۆزدە تۇتىمىز.

دىن بىلەن ئەخلاقنى بىر-بىرىدىن تامامەن پەرقلىق نەرسە سۈپىتىدە كۆرۈش ئەمەلىيەتتە سېكۇلارلىشىش (دەرھىيلىشىش)ھادىسىسىنىڭ تەسىرىدىن بولغان. دېمىسىمۇ، مودېرنلىق (زامانىۋىلىق)ھادىسىسىنىڭ گۇمانىزىم ئېقىمى دەل ئەخلاقنى دىندىن ئايرىۋېتىپ، ئەخلاقنىڭ مەنبەسىنى دىندىن خالىي ساھەلەردىن ئىزدەشكە ئۇرۇندى. جەمئىيەتشۇناسلار دىننىڭ مەنبەسىنى جەمئىيەت دەپ بېقىشتى، ئىنسانشۇناشلار كۈلتۈر دەپ بېقىشتى، ماتىرىيالىستلار بولسا پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشتى. چاتاق يېرى ئەخلاقنىڭ مەنبەسى بۇ دۇنيالىق ساھەلەر بىلەن ئىزاھلانغاچقا ئەخلاق ئېڭىمۇ ئۆزگىرىپ كەتتى. دۇنيانىڭ ماددىي مۇناسىۋەتلىرى ئۆزگەرگەنسېرى ئەخلاقنىڭمۇ ئۆزگىرىدىغانلىقى پىكىرى باش كۆتۈردى. شۇڭلاشقا ئەخلاق چۈشەنچىسى نىسپىيلاشتى. ئەخلاقنىڭ ماددىدىن ھالقىغان خۇسۇسيىتىمۇ بۇزۇلدى. نەتىجىدە، ئەخلاق بەرپا قىلىنغان، تارىخىي ۋە كۈلتۈرگە مۇناسىۋەتلىك نەرسە دېيىلدى. ھەممە بىلگىنىنى، كۆرگىنىنى ئەخلاق دەپ قوبۇل قىلىشتى. نىتىىزى «ياخشىلىق ۋە رەزىللىكنىڭ نېرىسىدا»دېيىش ئارقىلىق ئەخلاقنى رەت قىلىپ كۈچنى مۇقەددەسلەشتۈرۈۋەتتى. بۇ مېتافىزىكا ۋە ئەخلاق چۈشەنچىسىنىڭ سەپتىن قالغانلىقىنىڭ ئېلانى ئىدى، شۇنداقلا نىھىلىزىم (ھېچلىق)نىڭ ئەخلاق ئورنىغا كۈچ- قۇدرەتنى دەسسىتىپ بارلىق ھاۋايى-ھەۋەس، ئىسيان، شەخسىيەتچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىكى توساقلارنى ئېلىۋېتىش ئىدى.(ئەرگۈن يىلدىرىم)

غەربتە ئاتىئىستلار چېركاۋنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىن يىمرىلىشىغا قارشى رەسمىي جەڭ ئېلان قىلىپ قايتىدىن سېكۇلار (دەھرىيلىك ياكى دىندىن خالىيلىق)ئەخلاق بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنۇشتى ۋە مەلۇم دەرىجىدە ئۇتۇققا ئېرىشتى. «تەڭرى»ئەخلاق ساھەسىدىن (چېركاۋنىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپىدىن)چېكىنىپ چىققانلىقتىن ھاسىل بولغان «مېتافىزىكىلىق بوشلۇق»سېكۇلار گۇمانىزىم بىلەن تولدۇرۇلدى. ئىنساننىڭ كائىناتتا بىردىنبىر «قۇدرەتلىك»كۈچ ئىكەنلىكى تەرغىپ قىلىندى. لېكىن ھازىر بۇ سېكۇلار گۇمانىزىملىق ئەخلاق چۈشەنچىسىنىڭمۇ ۋاقتى ئۆتەي دەپ قالدى. ھېچكىم مەۋجۇداتنىڭ ياخشى بىلەن يامان ئارىسىدىكى كۈرىشىگە ئىشەنمەيدۇ. ئىنسانلارنىڭ كاللىسىدا ياخشىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا كۈچلۈك گۇمان پەيدا بولدى.

ئەخلاقنىڭ دىنغا تايىنىشى بىزنى قايتىدىن ئورتاق ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئېلىپ بارىدۇ.

دېمەككى، ئەخلاق داۋاملىق دىنغا تاينىدۇ. ئەمما، ئەخلاق ۋە دىن ئوخشاش نەرسە ئەمەس. پىرىنسىپ جەھەتتە ئەخلاق دىنسىز مەۋجۇت بولمايدۇ. ئەخلاق تەدبىق ۋە شەخسىي قىلىق سۈپىتىدە بىۋاستە دىندارلىققا باغلىق ئەمەس. ئۇلارنى بىر-بىرىگە چېتىشلىق قىلغان نەرسە مۇنۇ ئورتاق دەلىلدۇر: ئالاھىدە باشقا بىر دۇنيا…  «باشقا» دېگەن تەبىر بويىچە بۇ دۇنيا دىنى بولسا، «ئالاھىدە» دېگەن تەبىر بويىچە ئەخلاقىيدۇر. بۇ مۇناسىۋەت دىن بىلەن ئەخلاق ئارىسىدا ھەم ئۆز-ئارا بېقىندىلىق ھەمدە مۇستەقىللىق سەۋەبىدۇر. ئاپتوماتىك، ماتېماتىكىلىق، ئوبىيكتىپ قانۇنىيەتلىك بولمىغان ئەمەلىي بىر ئىچكى بىردەكلىك مەۋجۇت. بۇ يەردە بەزى ئېغىشلار كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بىراق بىردەكلىك ۋە ماسلىق ھامان بىر كۈنى تەكرار مەيدانغا كېلىدۇ. ئاتېئىزىم چوقۇم بىر كۈنى ئەخلاقنى ئىنكار قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتە بولسا، ئەخلاقىي ئويغىنىش دىنى ئىسلاھات بىلەن باشلىنىدۇ. ئەخلاق ئارزۇ-ئىستەكلەر ۋە يۈرۈش تۈرۈش قائىدىلىرىگە ئايلاندۇرۇلغان دىندۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتساق،ئۇ ئىنساننىڭ ئىچىدىن خالاپ قىلغان ھەرىكىتىگە ياكى ئاللاھنىڭ بارلىقى ھەقىقىتىگە ماس ھالدا باشقا ئىنسانلارغا تۇتقان پوزىتەسىيەسىدۇر. چۈنكى ۋەزىپەمنى پۈتكۈل قىيىنچىلىق ۋە خىيىم خەتەرلەرگە قارىماستىن ئورۇنداش تەلەپ قىلىنسا (بۇنىڭغا مەنپەئەتنى چىقىش قىلغان ھەرىكەتتىن پەرقلىق ھالدا ئەخلاق دەيمىز)، بۇنداق بىر تەلەپ ۋە ئىستەك پەقەت بۇ دۇنيانى ۋە بۇ ھاياتنى يالغۇز بىرلا دۇنيا ۋە بىرلا ھايات كۆرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن يوللۇق كۆرسىتىشى مۇمكىن. مانا مۇشۇ خۇسۇس ئەخلاق ۋە دىننىڭ ئورتاق ھەرىكەت نۇقتىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. (ئەلى ئىززەت بېگوۋىچ)

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*