ئەركىن ئالىپتېكىن بىلەن سۆھبەت

ئەكبەر مەمەدوۋ

 

ئەكبەر مەمەدوۋ: ئەركىن ئاكا، بەلكىم خەۋىرىڭىز بار، كېيىنكى ۋاقىتلاردا «بىز مۇستەقىلچى، ئۇلار ئەمەس»، «ئۇلار مۇستەقىللىق سۆزىنى ئاغزىغا ئالمايدۇ»، «بىز مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىمىز، ئۇلار ئاپتونومىيە ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش بىر- بىرىمىزگە تۆھمەت چاپلايدىغان ئىشلار كۆپىيىپ كەتتى. بۇنىڭغا نېمە دەيسىز؟

 

ئەركىن ئالىپتېكىن: ئەسلىدە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى مەزگىلدە ھېچ بىر ئىلمى ئاساسقا تايانمىغان بۇنداق پارچە – پۇرات گەپ – سۆزلەر بىلەن بىر- بىرىنى تىللاپ، قارىلاپ، ھاقارەت قىلىپ يۈرۈش ئورنىغا، ئۆز- ئارا باش قوشۇپ، بۈگۈن تارىخ سەھنىسىدىن يوق بولۇپ كېتىش خەۋپى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئانا ۋەتەندىكى خەلقىمىزنى قۇتقۇزىدىغان يوللارنى ئىزدەپ تېپىشلىرى كېرەك ئىدى.

ئەمما ئالىملىرىمىز، زىيالىيلىرىمىز ۋە سىياسىيونلىرىمىز بىر- بىرى بىلەن ھەپىلىشىپ بۇ ئىشلارغا ۋاقىت تاپالمايۋاتىدۇ. بەزىبىر ئالىم، زىيالىي ۋە سىياسىيونلار ئۆزىنى تىللاپ، قارىلاپ، ۋە ھاقارەت قىلىپ يۈرگەن خىتاينىڭ ئىغۋاگەر – قۇتراتقۇلىرىغا جاۋاب يېتىشتۈرىمەن دەپ ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىدۇ. بەزى ئالىم، زىيالىي ۋە سىياسىيونلار بولسا «لايغا تاش ئاتسام ئۈستۈمگە چاچرايدۇ» دەپ جىم تۇرۇۋېلىۋاتىدۇ.

 

كۆپچىلىك بولسا، «بۇ ئۇرۇش-جېدەل ، تالاش- تارتىش، تىللاش، قارىلاش ۋە ھاقارەتلەشلەردىن كىم ئۇتۇپ چىقىدۇ» دەپ تاماشا قىلىۋاتىدۇ.

 

ئەكبەر مەمەدوۋ: ئەركىن ئاكا، بىز تارىختىن بېرى مۇشۇنداق پېتىشماس بىر مىللەت ئىكەنمىز. سىزنىڭچە بۇنىڭ سەۋەبى نېمە ؟

 

ئەركىن ئالىپتېكىن: بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار يېقىنقى 260 يىلدىن بېرى مانجۇ-خىتاي، مىللەتچى خىتاي ۋە كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاپ كەلدۇق. داۋاملىق رەۋىشتە خورلاندۇق، زۇلۇم كۆردۇق ۋە پۈتۈنلەي نادانلاشتۇرۇلدۇق. ئۆزىمىزنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، ئۆرۈپ – ئادەتلىرىنى ياخشى ئۆگىنەلمىدۇق. بۇ تۈزۈملەر ئاتىنى ئانىغا، ئاتا-ئانىلارنى بالىلىرىغا، بالىلارنى ئاتا-ئانىلارغا دۈشمەن قىلدى. بىر – بىرىمىزگە ئىشەنمەيدىغان، بىر – بىرىمىزدىن شۈبھىلىنىدىغان ۋە بىر- بىرىمىزنىڭ ئارقىسىدىن گەپ تاپىدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈلدۇق. بىر- بىرىمىزنى چېقىش ئارقىلىق ھايات كەچۈرۈشكە كۆندۈرۈلدۇق. بىر- بىرىمىزنى ”پىپەن“ قىلىشقا كۆندۈرۈلدۇق. دوست بىلەن دۈشمەننى، سەمىمىيەت بىلەن سەمىمىيەتسىزلىكنى، ھەقسىزلىق بىلەن ئادالەتنى، پايدا بىلەن زىياننى ۋە ئىجابىي بىلەن سەلبىينى بىر- بىرىدىن ئايرىيالمايدىغان بولۇپ قالدۇق. بىزنى ئاغزىمىزنى ئاچقۇزمايدىغان، كۆزىمىزنى يۇمدۇرمايدىغان، ئۆزىمىزنىڭ پىكىرىنى بايان قىلالمايدىغان قىلىۋەتتى. بۇ سىياسەت ئىچىمىزگە ئاسارەت روھىنى سىڭدۈرۈۋەتتى، نەتىجىدە، خاراكتېرىمىزغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزدى ۋە بىزنى تەدرىجىي رەۋىشتە ئۆزىمىزنىڭ مىللىي خىسلەتلىرىمىزدىن ئۇزاقلاشتۇرۇۋەتتى. بىز مانا مۇشۇ روھ ھالىتى ئاستىدا چەت ئەللەرگە چىقتۇق. دېموكراتىيە ، سۆز، پىكىر، مەتبۇئات، يىغىلىش، ساياھەت، تەنقىد دەپ ئاتالغان ئەركىنلىكلەر بىلەن بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرىگە كېلىپ جايلاشقاندىن كېيىن تونۇشتۇق. بەزىلىرىمىز بۇ ئەركىنلىكلەرنى ئورنىدا ئىشلىتىشكە تىرىشىۋاتىمىز، بەزىلىرىمىز ئۆگىنىۋاتىمىز ۋە بەزىلىرىمىز بولسا ئىچىمىزگە سىڭىپ كەتكەن بۇ قۇللۇق روھىدىن قۇتۇلالماي بۇ ئەركىنلىكلەرنى باشقىلارنى تىللاش، قارىلاش، ئۇلارغا تۆھمەت چاپلاش ئۈچۈن مۇنبەر قىلىۋاتىمىز. چەت ئەللەردە تۇغۇلۇپ، ئوقۇپ، چوڭ بولىدىغان يېڭى بىر نەسىل يېتىشىپ چىققانغا قەدەر بۇ تىللاش، قارىلاش ۋە تۆھمەت چاپلايدىغان ئىشلارنى توختىتىش مۇمكىن ئەمەس. „قان بىلەن كىرگەن جان بىلەن چىقىدۇ“.

 

ئەكبەر مەمەدوۋ: كۆپلىگەن يۇرتداشلار ھازىر خاتا ئۇچۇرلارنى تارقىتىۋاتقانلارنى يا ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىدىن خەۋىرى بولمىغان نادان ئادەملەر، ياكى خىتاي قېنى ئارىلىشىپ قالغان «ئەرجاڭزىلار»، ۋەياكى خىتايلار تەرىپىدىن تەربىيەلىنىپ مەخسۇس چەت ئەللەرگە چىقىرىلغان «ئىغۋاگەر – قۇتراتقۇلار» دېمەكتە. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز.

 

ئەركىن ئالىپتېكىن: بەزىبىر غەربلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ دېگەنلىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر تەيۋەندە مۇستەقىللىق تەرەپدارى بولغان دېموكراتىك پىروگرېسسىۋ پارتىيەسىنى ، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە تەرەپدارلىرىنى، بولۇپمۇ ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكراتلىرىنى، تىبەتلىكلەرنى، ئىچكى موڭغۇلىيەكلەرنى ۋە بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى بىر- بىرىگە دۈشمەن قىلىش، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، ۋە نەتىجىدە بىر خەلقئارا مەسىلە بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچ سەرپ قىلماقتا. بۇنىڭغا قارىغاندا خىتاينىڭ ئىچىمىزدىكى نادان ئىنسانلاردىن، سىز دېگەن «ئەرجاڭزىلاردىن» ۋە مەخسۇس تەربىيەلىنىپ چەت ئەللەرگە چىقارغان «ئىغۋاگەر – قۇتراتقۇلار» پايدىلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بىز شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، بىر- بىرىمىزگە تۆھمەت چاپلايدىغان بۇنداق خاتا مەلۇمات بېرىشلەر، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئالدىدا ئابرۇيىمىزنىڭ تېخىمۇ تۆكۈلىشىگە يول ئېچىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ پېتىشماس بىر مىللەت بولغانلىقىنى ئىسپاتلاۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئانا ۋەتەندە تارىخ سەھنىسىدىن پۈتۈنلەي يوق بولۇپ كېتىش خەۋپى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان ئېزىز مىللىتىمىزنى تېخىمۇ ئۈمىدسىزلىكلەرگە غەرق قىلىۋاتىدۇ. مەن بۇرۇنمۇ يازغان: كۆپلىگەن دۆلەتلەر بىزنىڭ تور بەتلىرىمىزدە نەشر قىلىنىۋاتقان ماتېرىياللىرىمىزنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ ئوقۇيدۇ. خىتايلار ھازىرغىچە: «ئۇيغۇرلار پېتىشماس بىر مىللەت»، «بۇلارغا ھېچ قانداق ھوقۇق بەرگىلى بولمايدۇ، ھوقۇق بېرىلسىمۇ سالاھىيەت بەرگىلى بولمايدۇ، چۈنكى بۇلار مۇستەقىل بولسا بىر- بىرىنى بوغۇزلايدۇ» دېگەنگە ئوخشاش تەشۋىقات يۈرگۈزۈپ كەلدى. مانا بىز ھازىر ئۇلارنىڭ بۇ تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىۋاتىمىز. ئانا ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ئۈمىدى چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردا. ئەگەر ئۇلارنىڭ چەت ئەللەردىكى يۇرتداشلىرىغا بولغان ئۈمىدى پۈتۈنلەي يوق قىلىنىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ بەرقارارلىقىمۇ يوق قىلىنغان بولىدۇ. بەرقارارلىقىنى يوقاتقان بىر مىللەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش تېخىمۇ ئاسانلىشىدۇ.

 

ئەكبەر مەمەدوۋ: ئەركىن ئاكا، سىزنىڭچە چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايدىغان، مۇستەقىللىق سۆزىنى ئاغزىغا ئالمايدىغان ياكى مۇستەقىللىق سۆزىنى ئۇنۇتتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان ئادەم بارمۇ؟

 

ئەركىن ئالىپتېكىن: مېنىڭ پىكىرىمچە، بۈگۈن چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان يۇرتداشلارنىڭ ئارىسىدا مۇستەقىللىق ئىستىمەيدىغان، مۇستەقىللىق سۆزىنى ئاغزىغا ئالمايدىغان ۋە خەلقىمىزگە مۇستەقىللىقنى ئۇنۇتتۇرىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمايدۇ. چىقىپ قالسىمۇ مىللەت تۈكۈرۈكلىرى بىلەن ئۇلارنى بوغۇۋېتىدۇ. بولۇپمۇ مۇستەقىللىق پىكرى 1950- يىلىدىن تارتىپ تۈركىيەگە كېلىپ جايلاشقان، ئۇ يەردە تۇغۇلۇپ، ئوقۇپ يېتىشكەن ياشلارنىڭ ئارىسىدا بەك كۈچلۈك. چۈنكى بۇلار تۈركىيەدە «تۈركچىلىك»، «مىللەتچىلىك»، «تۇران، تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان» دېگەن شوئارلار بىلەن چوڭ بولدى. بۇ ياشلار، مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ھەزرىتىم ۋە ئەيسا ئالىپتېكىنلەرنىڭ 1950 – يىلى ھىندىستانغا كېلىپ جايلاشقاندىن كېيىن قەلەمگە ئالغان ۋە 1956 – يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھىجاز شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن چەت ئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ 1 – قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن تەستىقلانغان: 1-«…شەرقي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى تولۇق مەقسەت قىلىش، 2-ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىدىيەسىگە مۇستەقىللىق پىكرىنى سىڭدۈرۈش…» دىگەن شوئار بىلەن يېتىشىپ چىقتى. شۇنداقلا تۈركىيەدە چوڭ بولغان ياشلار، شەرقىي تۈركىستان تارىخى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرۈپ- ئادەتلىرى، كېيىنكى 260 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ مانجۇ- خىتاي، مىللەتچى خىتاي، كوممۇنىست خىتايلارغا قارشى ئېلىپ بارغان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى، كۆتۈرۈلگەن ئىنقىلاب ، قوزغىلاڭ، توپىلاڭ، نامايىش، قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يېتىشىپ چىققان ئەر-ئايال خەلق قەھرىمانلىرى توغرىلىق يېزىلغان نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى ئوقۇپ، ئۆزلىرىنى يىتىشتۈرۈشكە مۇيەسسەر بولدى.

 

ئەكبەر مەمەدوۋ: ئەركىن ئاكا، بۇ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى توغرىلىق بىرئاز مەلۇمات بېرەلەمسىز؟

 

جاۋاب : مەن تارىخچى ئەمەس ئەمما شۇنداق بولسىمۇ بىرئاز مەلۇمات بېرىشكە تىرىشاي: تارىخچىلار، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مانجۇ-خىتاي ئىستېلاسىغا دۇچ كەلگەن 1760 – يىلىدىن بۇيان 400 دىن ئارتۇق ئىنقىلاب كۆتۈرگەنلىكىنى، بۇ ئىنقىلابلاردا 2.5 مىليون ئۇيغۇرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ۋە 500 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئالتىشەھەردىن ئىلىغا پالانغانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ساقلاپ تۇرىدىغان 100 مىڭ مانجۇ-خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئاشلىقىنى تەمىن قىلىش ئۈچۈن دېھقانچىلىققا سېلىنغانلىقىنى يېزىشىدۇ.

 

خىتاي تارىخچىلىرى بولسا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى «ھەر 30 يىلدا چوڭ ۋە ھەر 10 يىلدا كىچىك قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ئىسيانكار بىر مىللەت» دەپ تەرىپ قىلغان ئىكەن.

 

بۇنىڭغا مىسال قىلىپ 1819- يىلى ئۇچتۇرپان ئىنقىلابىنى، 1824- يىلى جاھانگىرخوجا ئىنقىلابىنى، 1828 يىلى مۇھەممەت يۈسۈپ خوجا ئىنقىلابىنى، 1845- يىلى مۇھەممەت ئىمىن كاتتا ئىنقىلابىنى، 1855- يىلى ۋەلى خان تۆرە ئىنقىلابىنى، 1862- يىلى داۋۇت خەلپە ئىنقىلابىنى، 1863- يىلى رەشىت خان ئىنقىلابىنى، يەنە 1863- يىلىدا قاغىلىق، قەشقەر، خوتەن، يەكەن، ئىلى، ئۈرۈمچى ۋە چۆچەكتە ئابدۇللاھ بەگ، سىدىق بۇغرا بەگ، ھېبىبۇللا خوجا ۋە مۇھەممەتئېلى بەگ، ئەبۇ ئەلا خۇداقۇلىئوغلى، داۋۇت خەلپە، ئىمام مۇھەممەد باشچىلىقىدىكى ئىنقىلابلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن. بۇ ئىنقىلابلارنىڭ نەتىجىسىدە 1863- يىلى قەشقەردە ياقۇپ بەگ بەدۆلەت باشچىلىقىدا بىر دۆلەت قۇرۇلدى. 1930- يىللاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ قۇمۇل، تۇرپان، ئاقسۇ، كۇچا، قەشقەر، يەكەن، خوتەن ئوخشاش چوڭ شەھەرلەردە كۆتۈرۈلگەن ئىنقىلابلار نەتىجىسىدە 1933- يىلى قەشقەردە مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. 1944- يىلى ئىلىنىڭ نىلقا ناھىيەسىدە كۆتۈرۈلگەن ئىنقىلابنىڭ نەتىجىسىدە ئىلى، ئالتاي ۋە تارباغاتاي ۋىلايەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. بۇنىڭغا ئوخشاش مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى ، شەرقىي تۈركىستان كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن ئىستېلا قىلىنغان 1949- يىلىدىن تارتىپ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

 

شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇ مۇستەقىللىق كۈرىشى جەريانىدا چىن تۆمۈر باتۇر، سادىر پالۋان، ئىپارخان، نۇزۇگۇم، سارىخان بانۇ، تۆمۈر خەلپە، غېنى باتۇر، فاتىھ باتۇر ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئەر-ئايال خەلق قەھرىمانلىرىنى باغرىدىن چىقاردى. خەلقىمىز بۇ قەھرىمانلىرىمىزغا بولغان مىننەت بۇرچىنى شۇ مىسرالار بىلەنمۇ تەرەننۈم قىلغان:

 

ئۆمرىنىڭ 58 يىلىنى مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى بىلەن ئۆتكۈزگەن سادىر پالۋان توغرىلىق :

 

تاغمۇ- تاغ ئۇرۇشۇپ يۈرۈپ،

پۇتلىرىم يېغىر بولدى.

شالۋىنى كاۋاپ قىلسام،

بىر تاتلىق بېغىر بولدى.

يامۇلنىڭ ياغاچلىرى

ئېگىز قارىغاي چەنزە

يامۇلدىن قېچىپ چىققان

سادىر ئۆزى خوخەنزە.

يامۇلدا تولا يېتىپ،

بېشىم بىر قۇچاق بولدى.

مەن يامۇلنى تەشكەندە،

قوۋۇرغام پىچاق بولدى.

 

غېنى باتۇر توغرىلىق :

 

قازانلار قايناپ تاشقان،

خىتايلار ھەددىدىن ئاشقان.

غېنى باتۇر كىرىپ كەلسە،

ھەرەمگە قاراپ قاچقان.

ئىلى يولى ھەيۋەتلىك،

ئىچكەن سۈيى شەربەتلىك.

 

دىن ئالىمى، ئىنقىلابچى، تارىخچى، سىياسىيون بولغان ئۇلۇغ لىدىرلىرىمىزدىن مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ھەزرىتىم: «دۇنيا تارىخىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئوخشاش مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش ئېلىپ بارغان باشقا بىر مىللەت يوق» دەيدۇ.

 

پۈتۈن تارىخىي مۇستەقىللىق كۈرىشى، ئىنقىلاب ، قوزغىلاڭ، توپىلاڭ، قارشىلىق ۋە نامايىشلار بىلەن ئۆتكەن بىر مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمدى بىر- بىرىنى «مۇستەقىللىق ئىستەيدۇ، ئىستىمەيدۇ، ئاغزىغا ئالمايدۇ، ئۇنۇتتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر بىلەن بىر- بىرىنى تىللاپ، قارىلاپ، ھاقارەت قىلىپ چىقىشى جاھالەتتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس.

 

ئەمما مەن، ئۇزۇن يىللىق تەجرىبەمگە ئاساسلانغان ھالدا، ئەڭ كۆپ ئۆزىنى «مەن مۇستەقىلچى» دەپ بايراقنى كۆتۈرۈپ ئالدىنقى سەپلەرگە ئۆتۈۋالىدىغان ئادەملەردىن قورقىمەن. بۇلار، مۇشۇ يول بىلەن مىللەتنىڭ بېشىنى قايمۇقتۇرۇپ، خاتا يوللارغا باشلايدۇ ياكى مىللەتنىڭ ئىشەنچىنى ھاسىل قىلىۋېلىپ ئاستا – ئاستا خىيانەتكە باشلايدۇ. چۈنكى داۋاغا خىيانەت قىلىدىغان بىر ئادەم ھېچ قاچان «مەن مۇستەقىلچى ئەمەس» دەپ ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ.

 

ئەكبەر مەمەدوۋ: ئەركىن ئاكا، مۇستەقىللىق سىزگە نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

 

ئەركىن ئالىپتېكىن: مۇستەقىللىق بىر ئىدېئالدۇر. بۇ ئىدېئال بىزگە ئوخشاش ئەسىر بىر مىللەتنىڭ ئاخىرقى نىشانىدۇر. بۇ ئىدېئالنى تىلدا ئەمەس، دىلدا ياشىتىش كېرەك. بۇ ئىدېئال ، ئېغىزدا چايناپ يۈرىدىغان سېغىز ئەمەس. بۇ ئىدېئال ئۆزىمىزنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە بازاردا ئېلىپ سېتىلىدىغان بىر مالمۇ ئەمەس. بۇ ئىدېئال ھېچ كىمنىڭ مونوپولىيەسىدىمۇ ئەمەس. ئەگەر مۇستەقىللىق شوئارىنى توۋلاپ يۈرۈپ شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىش مۇمكىن بولسا ئىدى، ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستان مىڭ قېتىم ئازاد بولۇپ كېتەتتى. شۇنداق بولسىمۇ، شەخسەن مەن، شوئار توۋلاپ شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىمەن دېگەنلەرگە ھەرگىز قارشى ئەمەسمەن. ئەمما مەن شوئار توۋلاش ئورنىغا بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇۋاتقان ئەۋلادلىرىمىزنى مۇستەقىللىق پىكرى بىلەن تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بەرسەك تېخىمۇ پايدىلىق ئىش قىلغان بولىمىز دېگەن پىكىردە. چۈنكى باشقىلىرىنى «مۇستەقىلچى ئەمەس» دەپ قارىلاپ، كېلەچەكتە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ بايراقدارلىرى بولىدىغان ئەۋلادلىرىمىزنى «مۇستەقىللىق» پىكرى بىلەن يېتىشتۈرەلمىسەك بۇنىڭ ھېسابىنى قىيامەتتە ھەرگىز بېرەلمەيمىز. ھازىر مەن ياشلىرىمىزدىن ئىنگلىزچە يېزىلىۋاتقان «ئۇيغۇر» دېگەن نېمە ، «بىز ئەزەلدىن بېرى مۇسۇلمان بولغانمۇ»، «تارىختا ئۇيغۇرلار باشقا دىنلارنى قوبۇل قىلغانمۇ، بۇ دىنلار نېمىلەردىن ئىبارەت بولغان»، «ئۇيغۇر تىلى قايسى تىل گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ»، «ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ دەسلەپ قىلىدىغان ئىشلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك» دېگەنگە ئوخشاش ناھايىتى كۆپ سوئاللار كېلىۋاتىدۇ. دېمەك ، كۆپى چەت ئەللەردە تۇغۇلۇپ، ئوقۇپ، چوڭ بولۇۋاتقان بۇ ياشلارنى بىزنىڭ ئۆزئارا جېدەللىرىمىز ھېچ قىزىقتۇرمايدۇ.

 

ئەكبەر مەمەدوۋ: ئەركىن ئاكا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقنى ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئاسان بولسىمۇ، بىز بەندىلەر ئۈچۈن ناھايىتى قىيىندەك كۆرۈنىدۇ . بىز مۇستەقىللىقىمىزنى قانداق قولغا كەلتۈرەلەيمىز؟ سىزنىڭ بۇ خۇسۇستىكى پىكرىڭىز نېمە ؟

 

ئەركىن ئالىپتېكىن: ئاللاھتىن ھېچقاچان ئۈمىد ئۈزمەسلىك كېرەك. ئەمما ئاللاھ تائالا ئۆز- ئۆزىگە ياردەم قىلغانغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلىدۇ. مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن. ئەمما مۇستەقىللىق بېرىلمەيدۇ، ئېلىنىدۇ. خىتاي ھېچ قاچان ئۆزلۈكىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مۇستەقىللىقىنى بەرمەيدۇ. ئەگەر خىتاي دۆلىتى، ئەنگلىيە ئىمپېرىيەسى، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە بۇرۇنقى يۇگوسلاۋىيەگە ئوخشاش ئۆزلۈكىدىن پارچىلانمىسا، مۇستەقىللىقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز ئۈچۈن يەنە ئۆتمۈش تارىخىمىزدا بولغىنىدەك بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بېرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ . بۇ قوراللىق كۈرەشنى ئېلىپ بېرىشىمىز ئۈچۈن چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان يۇرتداشلىرىمىز ئانا ۋەتەنگە قايتىشى كېرەك. چۈنكى چەت ئەللەردە ئۇخلاپ، جۆيلۈپ قوپۇپ ”مۇستەقىللىق“ دەپ ۋارقىراپ قويۇپ شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلغىلى بولمايدۇ. ئەگەر مەركىزى ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە، تۈركىيەدە، ھەرقايسى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ياكى ئامېرىكىدا ياشاپ تۇرۇپ، ”شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىللىقكە ئېرىشتۈرىمەن “ دەپ قولىمىزغا، تاپانچا، مىلتىق ۋە بومبىنى كۆتۈرۈپ كوچىغا چىقساق ”ما گۇي ساراڭ بولۇپ قاپتۇ“ دەپ ساراڭخانىغا پالايدۇ، يا ”تېررورىست“ دەپ تۇتۇپ سولايدۇ ۋە ياكى ئۆلتۈرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن قوراللىق كۈرەش ئۈچۈن ئانا ۋەتەنگە قايتىشىمىز كېرەك .

 

ئەمما ھەر قوراللىق كۈرەشنىڭ، چەت ئەللەردە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتالايدىغان، ئۇلارنىڭ يار- يۆلىكىگە ئىگە بولالايدىغان، كېرەكلىك تەدبىر- چارىلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئانا ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قوراللىق كۈرىشىگە ھەسسە قوشالايدىغان كۈچلۈك بىر لوبىسى بولۇشى كېرەك . چۈنكى مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى پەقەت قوراللىق كۈرەش بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى دېيىلگەندە بۇنىڭ ئىچىگە سىياسىي كۈرەش، دىپلوماتىك كۈرەش، دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش، كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش، ھوقۇق دۆلىتى بولۇش ئۈچۈن كۈرەش، ئۆز- ئۆزىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئۈچۈن كۈرەش ، ئۆزىنىڭ يەرئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن كۈرەش ، مىللىي مائارىپ، مەدەنىيەت، تىل، دىن ۋە سەنئەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش ؛ بۇلاڭ- تالاڭنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈرەش ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش ، ئاسسىمىلياتسىيە، نوپۇس يۆتكەش ۋە تۇغۇتنى چەكلەشكە قارشى كۈرەشكە ئوخشاش يەنە ناھايىتى كۆپ تارماقلىرى بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇستەقىللىق كۈرىشى ئىچىگە كىرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلماي تۇرۇپ مۇستەقىل بولغىلى بولمايدۇ.

 

ئەكبەر مەمەدوۋ: ئەركىن ئاكا، يۇقىرىدا دېگىنىڭىزدەك شەرقىي تۈركىستان خەلقى جېنىنى تىكىپ، قېنىنى تۆكۈپ ، شېھىت بولۇپ، ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا كۆكرەك كېرىپ ، كېيىنكى 260 يىلدىن بېرى قوراللىق قوزغىلاڭلارنى كۆتۈرۈپ كەلدى. ئەمما تۆكۈلگەن بۇ قان، بېرىلگەن قۇربانلىق ۋە قىلىنغان ئاجايىپ پىداكارلىقلارغىمۇ قارىماي، ھازىرغىچە ھېچ بىر نەتىجە بەرمىدى. سىزنىڭچە، بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان قوراللىق كۈرەشنى ئۇتۇققا ئېرىشتۈرۈشنىڭ يوللىرى نېمىلەردىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك .

 

ئەركىن ئالىپتېكىن: مەن بۇ ساھەدە بىر مۇتەخەسسىس ئەمەسمەن. ئەمما ئۆز ۋاقتىدا كۆرۈشكەن بەزى بىر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ماڭا قىلغان تەۋسىيەلىرىنى سۆزلەپ بېرەي :

 

„… 1- ئۆتمۈشتە ئۇچرىغان مەغلۇبىيىتىڭلارنىڭ سەۋەبلىرىنى ئىلمىي رەۋىشتە تەتقىق قىلىپ يولغا چىقىشىڭلار كېرەك ، 2- : دۈشمىنىڭلارنىڭ ھازىر دۇنيادا ئىگىلىگەن ئورنى، سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئەسكىرى كۈچىنى كۆز ئالدىڭلاردا تۇتۇشۇڭلار كېرەك . 3- سىلەرگە بىر ئەسكىرى بازا كېرەك . شەرقىي تۈركىستانغا قوشنا بولغان قايسى دۆلەتلەر سىلەرگە ئەسكىرى بازا قۇرۇشقا ئىجازەت بىرىدۇ؟ 4- قورال-جابدۇق، دورا-دەرمان ۋە ماددىياتنى قانداق تەمىنلەيسىلەر؟ 5 – ھازىرقى مەزگىلدە سىلەر خىتايغا قارشى پەقەت گورىللا ياكى پارتىزان ئۇرۇشى ئېلىپ بارالايسىلەر. بۇ گورىللا ياكى پارتىزانلارنى كىم، نەدە ۋە قانداق تەربىيەلەپ بېرىدۇ؟ 6 – شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كۆپچىلىكى بۇنداق بىر قوراللىق كۈرىشىنى قوللامدۇ؟ – چۈنكى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ يار – يۆلىكىگە ئىگە بولالمىغان بىر قوراللىق كۈرەشنى ھېچقانداق ئۇتۇققا ئېرىشتۈرگىلى بولمايدۇ….“

 

1990- يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان بەزى بىر قوراللىق كۈرەشلەر توغرىسىدىمۇ تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان بۇ مۇتەخەسسىسلەر :

 

„… پلانسىز، پىروگراممىسىز ۋە كېرەكلىك تەدبىر چارىلەرنى ئالماي پەقەت ھېسسىياتقا تايىنىپ باشلىتىلغان بۇ كۈرەشلەرنىڭ نەتىجىسىدە كۆپلىگەن ياشلار قىرىلىپ كەتتى. بىر قىسمى قولغا ئېلىنىپ خىتايلار تەرىپىدىن قىيىن-قىستاق ئاستىدا ئۆلتۈرۈلدى. بىر قىسمى چەت ئەللەرگە قېچىپ چىقىپ سىياسىي باشپاناھ ئىزدەش مەجبۇرىيىتىدە قالدى. ئەمما بۇ قوراللىق قارشىلىقنىڭ ھېچ بىرى ئومۇمىي بىر قوزغىلاڭغا ئايلانمىدى. بۇنىڭ سەۋەبلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟ بۇنىڭدىن كېيىن دۇنيا جامائەتچىلىكى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر قوراللىق كۈرەشكە قانداق قارايدۇ؟ خىتايلار سىلەرنى يەنە ”تېررورىست“ دەپ ئېلان قىلامدۇ؟ دۇنيا جامائەتچىلىكى سىلەرنى ھىمايە قىلىپ چىقامدۇ؟ ئون مىڭلارچە شېھىت بېرىپ قۇرۇلىدىغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىڭلارنى دۇنيا جامائەتچىلىكى دەرھال ئېتىراپ قىلامدۇ ياكى شىمال سىپرۇس (قىبرىس) تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەزىيىتىگە چۈشۈپ قالامدۇ؟ خىتايلار، شەرقىي تۈركىستاننى ئىلى قازاق، قىزىلسۇ قىرغىز، بايىنغولىن موڭغۇل دېگەندەك پارچىلارغا بۆلۈۋەتتى. مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا قازاق، قىرغىز، موڭغۇللارنىڭ سىلەردىن تۇپراق تەلەپ (تېررىتورىيە) قىلىشى مۇمكىنمۇ؟ سىلەرنىڭ مانا بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان سوئاللارغا كېرەكلىك جاۋابلارنى تېپىپ، كېرەكلىك تەدبىر چارىلەرنى ئېلىپ يولغا چىقمىساڭلار، ئۆتمۈشتە بولغىنىدەك بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇستەقىللىق كۈرىشىڭلارمۇ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ…“

 

شوئار توۋلاپ يۈرۈپ شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىشقا قارار بەرگەن يۇرتداشلىرىمىزنىڭ ، باشقىلارنى مۇستەقىلچى بولمىغانلىقتا، مۇستەقىللىق سۆزىنى ئاغزىغا ئالمىغانلىقتا، مۇستەقىللىق سۆزىنى ئۇنۇتتۇرۇشقا تىرىشقانلىقتا ئەيىبلەپ يۈرمەي، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يۇقىرىدىكى سوئاللىرىغا جاۋابلارنى تېپىپ، كېرەكلىك تەدبىر چارىلەرنى ئېلىپ، قوراللىنىپ ئانا ۋەتەنگە بېرىپ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى باشلاتسا بولىدىغۇ؟ بۇنىڭغا ھېچ كىم قارشى چىقالمايدۇ.

 

ئەركىن ئاكا، ۋاقتىڭىزنى ئالدۇق، بەرگەن مەلۇماتلىرىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت. ئەسلىدە سىزدىن سورايدىغان كۆپ سوئاللىرىمىز بار. ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا يېڭى يىلدىن كېيىن ئۇ سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرساق.

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*