ئەرەب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىۋاتىدۇ

2019-يىلى 4-سېنتەبىر

«ئېرۇسالېم پوچتىسى» گېزىتى ئوبزورى

ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەت رەھبەرلىرى مۇسۇلمان ئازسانلىق مىللەت خەلقىنى قوغداپ قېلىش بەدىلىگە خىتاينىڭ ياردىمىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئىبارەت بۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا بولمايدۇ دەپ قارىدى.

21 – ئاۋغۇست قاتار ب د ت غا ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ ۋەزىيىتى كۈنسېرى جىددىيلىشىپ كېتىۋاتقان شىنجاڭ رايونىدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇر ۋە ئازسانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى قوللاپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمىسىگە يېزىلغان ئورتاق خەتتىكى ئىمزاسىنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قاتارنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئىمزاسىنى قايتۇرۇۋالغانلىقى بەك ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ قارار ئوچۇقلا، دوھا ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭغا ئاشكارا ھالدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى يېقىنلىقنى سەل يىراقلىتىش نىيىتى بارلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

قاتارنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئەلى ئەلـمەنسۇرىي بۇ ئۆزگىرىشنى ھېچكىمگە يامان بولـمايدىغان ئىبارىلەر بىلەن چۈشەندۈرۈپ: بىز بىتەرەپ پوزىتسىيەنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرىمىز، شۇنداقلا ئارىنى مۇرەسسە قىلىش ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز، دېدى.

ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئېيتىلغان بۇ سۆزلەر، قاتار ئەمىرى تەمىم بىن ھەمەد ئال سانىنىڭ ئۆتكەن ئالتە ئايدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئىككى قېتىم كۆرۈشكەنلىكى ۋە بېيجىڭ بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قوشۇلغانلىقىنى نەزەرگە ئالغاندا ھەيران قالارلىق ئەمەس.

تېخىمۇ مۇھىمى، قاتارنىڭ مەيدانى كەڭرىرەك يۈزلىنىشنى ئايدىڭلاشتۇردى: ب د ت دىكى باشقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قاتارىدا بۇ ئىشنى تىلغا ئېلىش پۇرسىتى بېرىلگەندە، قولتۇق رايونىدىكى ۋە باشقا بارلىق ئەرەب ھۆكۈمەتلىرى، جۇڭگونىڭ يالغۇز شىنجاڭدىلا ئىككى مىليونى ياشاۋاتقان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۆرمەسكە سېلىشنى ياكى قوللاشنى تاللىدى. شۇنچە كۆپ ساندىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئۆزلىرىنىڭ دىنداشلىرىغا قاراتقان دەلىل-ئىسپاتلىق خورلاشلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىدەك بۇ پاكىتنى قانداق چۈشەندۈرىمىز؟

زىددىيەتلىك ب د ت مەكتۇپلىرى

ئىيۇلدا، ئىككى ئىتتىپاق ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ھەيئىتىگە ئۆزئارا زىت مەكتۇپلارنى ئىمزالاپ سۇندى: بىرى جۇڭگونىڭ شىنجاڭدىكى سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى، يەنە بىرى قوللىدى. 22 دۆلەتتىن تەركىب تاپقان بىرىنچى سەپ بېيجىڭنى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئازسانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، نازارەت ۋە چەكلىمىلەرنى توختىتىشقا چاقىردى.

37 دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان ئىككىنچى سەپ ئوقۇماققا خۇددى جۇڭگونىڭ تەرغىباتىغا ئوخشايدىغان بىر مەكتۇپنى سۇندى. بېيجىڭنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى كۆرۈنەرلىك ئۇتۇقلىرى»نى تەبرىكلىگەندىن كېيىن، بۇ مەكتۇپ شىنجاڭدىكى باستۇرۇشنىڭ تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىكتىن ئىبارەت ئۆلكىدىكى «ياشاش، ساغلاملىق ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان «كىشىلىك ھوقۇقلارغا ئېغىر زىيانكەشلىك قىلغان» ئۈچ مەسىلىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ مەكتۇپ جۇڭگونىڭ ئالاھىدە «كەسپىي مائارىپ ۋە تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى قۇرۇش» تەك «تېررورىزمغا قارشى ۋە رادىكالسىزلاشتۇرۇش ئۆلچەملىرى»نى ماختاپ تىلغا ئالىدۇ.

ئىككى سەپ ئارىسىدىكى جۇغراپىيەلىك بۆلۈنۈش كىشىنى چۆچۈتىدۇ. بىرىنچى سەپ ئاساسلىقى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە جايلاشقان بولسا، ئىككىنچى سەپ ئاساسلىقى ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئالجىرىيە، بەھرەين، مىسىر، كۇۋەيت، ئومان، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۇدان، سۇرىيە ھەم ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكلىرى بار.

ئەرەبلەر نېمىشقا سۈكۈت قىلىدۇ؟

دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش، ئەرەب ھۆكۈمەتلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ تاشقى سىياسەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي مۇھىتلىرى ۋە بىر قاتار دائىمىي رىقابەت نىشانلىرى ئاساسىدا تۈزىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى قوللىشى ياكى كۆرمەسكە سېلىشتەك ئومۇمىي خاھىشى بىر قانچە ئورتاق ئەندىشىلىرىگە باغلىقتەك قىلىدۇ.

دەخلى-تەرۇزسىز ئىتتىپاقلىق

 قاتار چېكىنىپ چىقىشتىن ئاۋۋال، قولتۇق ھەمكارلىق ھەيئىتىنىڭ پۈتۈن ئالتە ئەزاسى باشقا نۇرغۇن مەسىلىلەردىكى ئاچچىق ئىختىلاپلىرىغا قارىماي، جۇڭگو تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان مەكتۇپنى ئىمزالىدى. بۇنى چۈشەندۈرۈشنىڭ بىر يولى شۇكى، بارلىق بۇ دۆلەتلەر ئازدۇر-كۆپتۇر ھوقۇقپەرەس دىكتاتۇر دۆلەتلەر بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى ياقتۇرمايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش ئۆزلىرىنىمۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئارىلىشىشلارغا مۇپتىلا قىلىدۇ. مەسىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جامال قاشىقجى دېلوسىدا ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن ئاۋارىچىلىقلارغا قوشۇپ يەنە خەلقئارالىق بېسىمنى ئاۋۇتىۋالغۇسى يوق. قولتۇق ھەمكارلىق ھەيئىتىنىڭ سىرتىدىكى ئىمزالارغا كەلسەك، مىسىر مىڭلىغان سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاشتەك خەلقئارالىق چاقىرىققا گۇمانىي پوزىتسىيە تۇتىدۇ، شۇڭا جۇڭگونىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ تۇتۇشلىرىنى تەنقىدلىگۈسى يوق.

سىياسىي ئىسلام قورقۇنچىسى

2011 – يىلىدىن كېيىن بۇ رايوندىكى ئىسيانلار ۋە سىياسىي ئىسلامچىلارنىڭ كۈچىيىشىنىڭ، بىر قانچە دۆلەتنى تەۋرىتىپ قويغان جىھادچى تېررورىزمنىڭ باشلىنىشىغا توغرا كېلىشى بىلەن نۇرغۇن ئەرەب ھۆكۈمەتلىرىدە بۇ ئەندىشە كۈچىيىپ كەتتى. شۇنىڭدىن تارتىپ، ئەرەب رەھبەرلىرى دىنىي ئىدېئولوگىيە ئاساسىغا قۇرۇلغان توقۇنۇشلاردىن بەكرەك بىئارام بولىدىغان بولدى ھەمدە ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى سىياسىي ئىسلامنى تېررورىزم بىلەن باغلىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش تىرىشچانلىقى بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى بىر تۈرلۈك تېررورىزمغا قارشى ھەرىكەت دەپ جاكارلىشىغا نىسبەتەن ھېسداشلىققا ئېلىپ باردى. بۇ مىسىرغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ نېمىشقا جۇڭگونىڭ قاھىرەدە ئۇيغۇرلارنى سوراق قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشنىڭ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭدا نەچچە يۈز مىڭلىغان كىشىنى تۇتۇپ تۇرۇشىنى ماختىشىنىڭ سەۋەبى.

بۆلگۈنچى ھەرىكەتلەردىن قورقۇش

تارىختا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر رايونى ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئوتتۇرا شەرققە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن جۇڭگوغا نىسبەتەن ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم ئورۇن بولۇپ كەلدى. ھالبۇكى، بۇ رايوندىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەر بىلەن مەدەنىيەتلەر بېيجىڭنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشى ۋە مۇقىم تۇتۇپ تۇرۇشىنى قىيىنلاشتۇرىۋەتتى. 2011-يىلىدىن كېيىن، جۇڭگو ئەرەب دۇنياسىنى قاپلىغان قالايىمىقانچىلىقنىڭ غەربىي شىمالدىكى مۇسۇلمان رايونىدا دولقۇنسىمان تەسىر پەيدا قىلىپ، بۇ رايوندىكى مەۋجۇت بۆلگۈنچى ھەرىكەتلەرنىڭ تېخىمۇ تىرىشىشىغا ئىلھام بولۇپ، مۇستەقىللىقىغا تۈرتكە بولۇشىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى. بۈگۈن، بېيجىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى غەربنىڭ جۇڭگونىڭ چېگرا ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىكى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئىلگىرىلىشىگە توسالغۇ بولۇشنى مەقسەت قىلغان ئىغۋاگەرچىلىك سۈيىقەستى،  بۇ نۇرغۇن ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ئەھۋال بىلەن ئوخشاش دەپ داۋراڭ سالدى. ھالبۇكى، ھۆكۈمەت كۇرت بىلەن باشقا ئازسانلىق مىللەتلەر ھەرىكىتىنى غەرب قۇتراتقان ئىچكى توقۇنۇش ۋە بۆلگۈنچىلىك دەپ قاراشقا مايىل. ئەرەب ۋە جۇڭگو رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ چېگراسى ئىچىدىكى ھەرقانداق بۇ تۈردىكى ھەرىكەتلەرنىڭ باستۇرۇلىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇ.

ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارزۇسى

جۇڭگونىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى زور ساندىكى قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز يوللىرى ئارقىلىق ئاسىيا بىلەن ياۋروپانى تۇتاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ . بۇلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئوتتۇرا شەرققە جايلاشقان . ھازىرغىچە بېيجىڭ 18 ئەرەب دۆلىتى بىلەن توختاملاشتى. جۇڭگو شىركەتلىرى 35. 6 مىليارد دوللارلىق توختام تۈزدى. بۇنىڭ 1. 2 مىلياردى يەرلىكنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە بېرىلدى. ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگونىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئۆتكەن يىللىق سودا ھەجىمى 244. 3 مىليارد دوللارغا يەتتى. ھۆكۈمەت يەنە كېلەر ئايدا ئىككى مەبلەغ سېلىش يىغىنىغا تەييارلىق قىلماقتا. بۇلار 4 – قېتىملىق جۇڭگو ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى يەرمەنكىسى ۋە 3 – قېتىملىق ئەرەب ۋە جۇڭگو ئىقتسادى يىغىنى.  بۇنداق باغلىنىش ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلىشتىن توسۇپ قويىدۇ. مەسىلەن،21 – ئاۋغۇستتا يەنى، قاتار ب د ت دىن جۇڭگو سىياسىتىنى قوللىغان خېتى ياندۇرۇۋالغان كۈنى – دوھاغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن خىتاي ئەلچىسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ماختىدى ۋە قاتارنىڭ خىتاينىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز مەنبەسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاينى قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ دەپ قاراش

 ئەرەب دۆلەتلىرى سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتلەردە خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇرۇپ بۇ مۇناسىۋەتلەرنى زىيانغا ئۇچرىتىشقا ئەرزىمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ خەلقئارادا غايەت زور تەسىركۈچى بار بولۇپ، خىتاي بۇ كۈچىنى دائىم ئۇلارنىڭ سەمىگە سېلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئەرەب دۆلەتلىرى شىنجاڭدا بولۇۋاتقان ئىشلارنى سۈرۈشتە قىلىپ بېيجىڭنىڭ ئۇلارغا قارشى جازالاش خاراكتېرىدىكى ئىنكاسىدىن قورقىدۇ.

بۇ ھەقتە ۋاشىنگتون نېمە قىلالايدۇ؟

ئامېرىكا ئۆتكەن يىلى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چېكىنىپ چىقتى. شۇڭا ۋاشىنگتون ب د ت بىلەن ئوخشاش ئىنكاس بىلدۈرەلمەيدۇ . شۇنداقتىمۇ ۋاشىنگتون خەلقئارادا بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆھبەتلەرنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ . دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ جۇڭگو ئىشلىرىغا بىر ئۇيغۇرنى مەسئۇل قىلىشى، كىشىنى ئۈمىدلەندۈرىدىغان قوش بىسلىق بىر قەدەم ئېلىش بولدى. لېكىن ئەمەلدارلار خىتاينىڭ خەلقئارادىكى باياناتلىرىغا قارشى تېخىمۇ زور كۈچ ۋە مەبلەغ ئاجرىتىشى كېرەك.

بۇ ئەرەبلەرنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ شىنجاڭدا ۋە مسىردەك بەزى دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارغا قانداق زۇلۇم بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئەرەب دۇنياسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قىزىقماي كەلدى. بۇنىڭ ئۆزى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە . چۈنكى بۇ سەۋەبتىن ئۇلار (ئەرەبلەرگە) زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ زور دەرىجىدە دىققەتنى تارتىشىغا توسالغۇ بولۇپ قالدى. بۇنىڭ  ئۈچۈن ئەلھۇررە تېلېۋىزىيەسى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئەرەب دۇنياسىغا قارىتىلغان باشقا دۆلەت مېدىيالىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتالايدۇ ۋە جۇڭگونىڭ بىزنىڭ مۇقىمسىزلىقىمىز پۈتۈنلەي تېررورىزم سەۋەبىدىن بولۇۋاتىدۇ دېگەن گېپىنى يوقىتالايدۇ. خەلقنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تېخىمۇ چۈشىنىشى، ئەرەب ھاكىمىيەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ زىددىيەتلىك تاشقى ئىشلار سىياسىتىگە بويسۇنۇپ تۇرۇشىنى قىيىنلاشتۇرىدۇ.

«ئېرۇسالېم پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 2019 – يىلى 1 – سېنتەبىر سانىدىن ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*