ئېلىئوت سپېرلىڭ: ئۆز- ئۆزىنى ئالداش

2019-يىلى 3-ئاپرېل

ئۆز- ئۆزىنى ئالداش

 

ئاپتورى: ئېلىئوت سپېرلىڭ

تەرجىمە قىلغۇچى: ئەكرەم ئىلك

 

]ئاپتور ئېلىئوت سپېرلىڭ (1951.01.04 – 2017.01.29) پىروفېسسور ، دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تىبەت تارىخى ۋە تىبەت – خىتاي مۇناسىۋىتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىرى، ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى مەركىزى ياۋرو- ئاسىيا ئىلمى فاكۇلتېتى تىبەت تەتقىقاتى پىروگراممىسىنىڭ مۇدىرى. ئاپتورنىڭ بۇ يازمىسى 2014 – يىلى 5 – ئايدا بۇددىزم ئۇچۇرلىرى تورىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ يازمىنى تەرجىمە قىلىپ سۇنۇشۇمدىكى مەقسەت، بىز بىلەن ئوخشاش تەقدىر ۋە دۈشمەنگە دۇچ كەلگەن تىبەتلەرنىڭ بىز ئۇچرىغانغا ئوخشاش قىيىنچىلىقلار ئالدىدا قانداق تېڭىرقىغىنى ۋە باشقا مىللەتتىن بولغان خەلقئارا دەرىجىلىك بىر مۇتەخەسسىسنىڭ بۇنىڭغا قانداق قارىغىنىنى ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇرۇشتۇر [

 

تەھرىرلەر مېنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تىبەت مەسىلىسىدە تۇتقان ھەر خىل مەيدانلىرىمنى خۇلاسىلەپ بىر ماقالە يېزىپ چىقىشىمنى تەلەپ قىلدى. بۇنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىم ۋە ئىلگىرىكى نەچچە پارچە يازمامدىكى نۇقتىلارنىڭ يۇغۇرۇلمىسى سۈپىتىدە بۇ ئوبزورنى تەقدىم ئەتتىم. بۇ نۇقتىلار ئاساسەن «ئۆز- ئۆزىنى ئالداش» تېمىسىغا مۇناسىۋەتلىكتۇر. تىبەت داۋاسىنى قوللىغۇچىلار ۋە تىبەت سۈرگۈندىكى رەھبەرلىرىنىڭ سۆز – ھەركەتلىرىدىن داۋاملىق ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان قالايمىقانچىلىق ۋە ئىزچىلسىزلىقنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، بۇ تېمىنىڭ ناھايىتىمۇ باب كەلگىنىنى ھېس قىلالايمىز. ئەسلىدىكى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەتنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشتىن شەكىللەنگەن تىبەت خەلق ئورگىنى (بۇ يەردە مەن ئۇستاتلىق بىلەن قويۇلغان نام «تىبەت مەمۇرىي مەركىزى»نى ئەمەس، بەلكى تىبەت تىلىدىكى ھەقىقىي ئاتالغۇنى ئىشلەتتىم) شۇنچە روشەن بولغان مۇنۇ نۇقتىنى تونۇشنى رەت قىلىۋاتىدۇ يەنى: مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ئەگەر ئۇ كىشى دالاي لاما ۋە مۇھاجىرەتتىكى تىبەت رەھبەرلىرىنىڭ ئوتتۇرا يول سىياسىتىنى قوللىغانلا  بولسا، ئۇ كىشىنىڭ « تىبەتكە ئەركىنلىك» دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ ھەر قانداق ئەقەللىي ئېنىقلىمىسىدىن خېلىلا يىراقلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەتتۇر. باشقىلارنى دېمەي تۇرايلى، لوبساڭ سانگەي شەخسەن ئۆزى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ، ئۆز تەشكىلاتىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى (ج ك پ) نىڭ تىبەتتىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ھىمايە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى، ئىستەيدىغان بىردىنبىر ئۆزگىرىشىنىڭ يەرلىك پارتىيە ئورگانلىرىدا تىبەتلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك مەنسەپلەرنى تۇتۇشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى (خۇددى خىتاي كومپارتىيەسى بۇ قونچاق مەنسەپلىرىگە قويىدىغانغا ئۆزىگە سادىق تىبەتلەرنى تاپالماي قالغاندەك، خۇددى يەرلىك پارتىيە ئورگانلىرى بېيجىڭغا قارىمايدىغاندەك). شۇنداق قىلىپ، ”تىبەت مۇستەقىل دۆلەتتۇر“ دېگەن ئىدىيەنى چىقىش قىلىپ 50 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مۇھاجىرەتتە باشلانغان بۇ كۈرەش 25 يىلنىڭ ئالدىدا يولغا قويۇلغان ئوتتۇرا يول سىياسىتى تەرىپىدىن بىتچىت قىلىندى، گەرچە يەنىلا «نىشانىمىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بىرلىكتە تىبەتنى دېموكراتىك سىياسىي گەۋدە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتۇر» دەپ تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ. ھازىرقى نىشانى بولسا تىبەتتە ھېچقانداق بىر دېموكراتىك سىستېما قۇرۇش بولماستىن، بەلكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنىڭدىكى رەھبەرلىك ئورۇنلىرىنى تىبەتلەر بىلەن تولدۇرۇشتىنلا ئىبارەت.

ئەمما بۇ خىل سەل ئۆرلەپ ئاندىن پەسكە چۈشۈپ كېتىش دەسلىپىدىلا، يەنى ئوتتۇرا يول سىياسىتى باشلانغاندىلا ئېنىق بولۇپ بولغانىدى. ئەگەر بۇ يەردە دېگەن ھەر قانداق سۆزلىرىمنىڭ بىرەرسى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرسا ياكى سىلكىندۈرگەن بولسا، ئۇ پەقەت ئورۋېلنىڭ دائىم دەيدىغان «كىشى كۆز ئالدىدىكى نەرسىنى كۆرۈش ئۈچۈن توختىماي تىركىشىشى كېرەكتۇر»دېگەن سۆزىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدۇ، خالاس.

دالاي لامانىڭ 1988-يىلى تىبەت مۇستەقىللىقىدىن ۋاز كەچكىنىنى جاكارلاپ، ئۆز باشچىلىقىدىكى بۇ ھەرىكەتنىڭ تىبەتنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك خىتاي دۆلىتى ئىچىدىكى بىر دېموكراتىك گەۋدە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى نىشان قىلغىنىنى ئىزھارلىشىنى ئۆز – ئۆزىنى ئالداش ئاپپاراتىنىڭ مەيدانغا كەلگەن ۋاقتى دەپ قاراشقا بولىدۇ. دالاي لامانىڭ يېنىدىكى بەزى ئەمەلدارلار خۇپىيانە ھالدا مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەرگە مۇنداق دەيدۇ: «دالاي لامانىڭ بۇ تەكلىپى ئەمەلىيەتتە تىبەتلىكلەرنى  ۋەتەنگە قايتىپ بېرىپ، مۇستەقىللىق كۈرىشىنى ۋەتەن ئىچىدە قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ» (بۇنداق خىيالدىكىلەرگە «ئۆز – ئۆزىنى ئالداش» دېگەن سۆزمۇ بەك يەڭگىللىك قىلىدۇ). قالغان ئەمەلدارلار بولسا مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئىشلاردىن ئۆزلىرىنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بېرى كۈرەش قىلىپ يەتمەكچى بولغان مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ يوققا چىققىنىنى بىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقكە زارىققان قەلبىنى داۋاملىق ئۈمىدلەندۈردى، يەنى ئۇلارغا «دالاي لاما ئاخىرقى قارار ھوقۇقىنى تىبەت خەلقىگە قالدۇرىدۇ» دېيىش ئارقىلىق، دالاي لامانىڭ باياناتىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىگە زىت ئەمەسلىكىگە ئىشىنىشنى خالىغان ئادەملەرنى قايىل قىلدى. نۇرغۇن ئادەملەر بۇنىڭغا ئىشىنىپ، ئۈمىدلىنىپ يۈردى. مانا بۇمۇ نەق ئۆز – ئۆزىنى ئالداشتۇر.

ئەھۋالنىڭ قانداق قىلىپ بۇ ھالغا يەتكىنى توغرىلىق ھەر خىل مۇلاھىزە قىلىشقا بولىدۇ. ئەمما بۇ خىل ھالەتنىڭ شەكىللىنىشنىڭ چوڭ سەۋەبى دالاي لاماغا قوشۇلماسلىقتىن كېلىپ چىققان ئىجتىمائىي قىيىنچىلىقلاردۇر. بۇ خىل قىيىنچىلىقلار بولسا كىشىلەرنى پۈتۈن داۋا باسقۇچىغا گۇمان بىلەن قاراشقا ۋە ئۆز – ئۆزىنى ئالداش ھېرىسمەنلىكىگە يېتەكلەيدۇ. بۇ خىل ھېرىسمەنلىك بولسا يۇقىرىدا ئېيتىلغان مەسىلىدىن، يەنى مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەرنىڭ ئۆز لېدىرىدىن ئاڭلىغانلىرى بىلەن ئەلگەكتىن ئۆتمىگەن رېئاللىقنىڭ ئۇلارغا ئىسپاتلاپ بەرگىنى ئارىسىدىكى ماس كەلمەسلىكتىن ساقلىنىشقا بولغان بىر خىل ئۇرۇنۇشتۇر. بۇ بىر ئىجتىمائىي ھاسىلاتتۇر. بۇ جەمئىيەتتە دالاي لامانىڭ باياناتلىرى مۇقەددەس بولۇپ، بۇ خىل مۇقەددەسلىك كىشىلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن مەھرۇم قىلىدۇ. ئەكسىچە بولغان بولسىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى فۇنكسىيەلىك لىبېرال سىياسىي گەۋدە ئىچىدىكى نورمال ئىشلار بولغان بولاتتى.

شەك – شۈبھىسىزكى، دالاي لاما ئۇيۇشقاق بىر تىبەت مۇھاجىرەت جەمئىيىتى ۋە تىبەت داۋاسىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ كەلگەن شەخستۇر. ئۇنىڭ بۇ داۋادىكى تارىخىي رولى ۋە مۇھاجىرەتتىكى تىبەت جەمئىيىتىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ھازىرقى رولىدىن تېنىۋېلىش مۇمكىن ئەمەستۇر. مەيلى ئېتىراپ قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن، تىبەتلەردە دالاي لامانىڭ ئىدىيەسى ۋە باياناتلىرىنى مۇتلەق توغرا دەيدىغان قاراش مەۋجۇت بولۇپ، بۇ خىل قاراش ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيان كەلتۈرۈۋاتىدۇ. بۇ شەخسكە چوقۇنۇشقا باغلانغان بولۇپ، ئەمەلىيەت ھەتتا بۇ خىل چوقۇنۇشنىڭ مەركىزىدىكى شەخس دالاي لامادەك ئابرۇيلۇق ھەم رەھىمدىل ئادەم بولغان تەقدىردىمۇ،ئۇنىڭ تەسىرىنىڭ زىيانلىق بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى يەنى، قارشى پىكىرلەر بوغۇلدى، لېدىرلار تەرغىب قىلغان پىرىنسىپلاردا چىڭ تۇرۇشلار لوگىكىلىق سەۋەب ئاساسىدىكى قايىل بولۇشتىن ئەمەس، بەلكى بۇ پىرىنسىپلارنىڭ قايسى مەرتىۋىدىكى كىشىلەردىن كېلىشىدىن بولدى.

دالاي لامانىڭ قىلغان بارلىق ياخشى ئىشلىرىنى نەزەرگە ئالغان ھالەتتىمۇ (ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بەك كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلدى)، ئەمما بۇ خىل ھالەتنىڭ ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە بولغان توسقۇنلۇقى شۇنچە كەڭ ئىپادىلىنىۋاتىدۇكى، ھەتتا مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەرنىڭ چوڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ بولدى. شۇڭلاشقا ھەر قانداق سورۇنلاردا مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەر (بولۇپمۇ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەر ئارىسىدا كۆپ ئۇچرايدۇ، ئەمما يالغۇز ئۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ) مۇنداق بىر كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ھازىر مەۋجۇت بولغان مۇھاجىرەتتىكى دېموكراتىيە دالاي لامانىڭ تىبەتلەرگە ئاتا قىلغان سوۋغىسىدۇر. دىققىتىڭلار شۇنىڭدا بولسۇنكى، دېموكراتىيە تىبەت خەلقىنىڭ تەبىئىي ھوقۇقى بولماستىن، بەلكى دالاي لامانىڭ سوۋغىتى. مۇھاجىرەتتىكى رەھبەرلەر تەرغىب قىلىۋاتقان بۇ خىل تەپەككۇر ئۇسۇلىنىڭ «دېموكراتىيە خەلقنىڭ دەخلى – تەرۇز قىلغىلى بولمايدىغان ھوقۇقىدۇر» دېگەن ئىدىيە بىلەن سىغىشىشى ئاساسەن مۇمكىن ئەمەستۇر.

 

نەچچە كۈن ئىلگىرى، مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەرنىڭ سابىق «باش مىنىستىرى» سامدۇڭ رىنپوچە كىشىنى قىزىقتۇرغۇدەك بىر بايانات ئېلان قىلدى. ئىلگىرى راڭزەن (تىبەت تىلىدىكى ئەركىنلىك، ئازادلىق دېگەن سۆز) تەشەببۇسچىلىرىنى خەتەرلىك دەپ ئەيىبلىگەن بۇ ئادەم ئەمدىلىكتە «راڭزەن تەشەببۇسچىلىرى چوقۇم دالاي لاماغا قارشى بولۇشى ناتايىن» دېدى . بۇنىڭدىكى ئۇچۇر ناھايىتى ئوچۇق: دالاي لامانىڭ مەيدانىغا قارشى چىقىش (گەرچە يەنىلا دالاي لامانىڭ ئۆزىگە سادىق بولسىمۇ) مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دالاي لاماغا بولغان ئاسىيلىق دەپ قارىلىپ كەلگەنىدى، ئەمدىلىكتە بولسا سابىق باش مىنىستىر تەرىپىدىن كەڭ قورساقلىق بىلەن تەستىقلاندى.

 

بۇ تىبەتكە، يەنى تىبەت كىملىكىگە سادىق بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاددىي ئۇقۇمدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئاساسلىقى دالاي لاماغا سادىق بولۇشتەك بىر ئىدىيە ئاستىغا كېلىپ توختىدى، ھەم بۇنداق ئىدىيەنىڭ غەيرى دېموكراتىك ماھىيىتىنى قانۇنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ، دالاي لامانى «دېموكراتىيە ئاتا قىلغۇچى» سۈپىتىدە ھەممىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويدى. مۇھاجىرەتتىكى تىبەت رەھبەرلىرى ھەر تەرەپتىكى سىياسىي كۈچلەرنى رازى قىلىپ ئۆزىگە بېقىندۇرۇشتىكى ئۈچ بۇرجەك كۈچ تەڭپۇڭلۇق ئويۇنىنى مۇنداق بىر كالانپاي ھالەتتە ئويناپ كەلدى.يەنى، راڭزەن تەشەببۇسچىلىرىغا چاندۇرماستىن ئازراق مەدەت بېرىپ قويۇپ، ئارقىدىن ئۇلارنى ئاشقۇن قىلىپ تەسۋىرلەش ئارقىلىق، رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئېغىپ كەتمەستىن ئوتتۇرىدا تۇرىدىغان ئاقىلانە ئوبرازىنى مونوپول قىلىپ كەلدى. سامدوڭ رىنپوچەنىڭ بۇ تەستىقىنى مۇشۇ ئويۇنغا بولغان قارشىلىق دەپ چۈشەنسەك خاتالاشمايمىز.

 

ئەلۋەتتە، مۇھاجىرەتتىكى تىبەت جەمئىيىتىدە بىر قىسىم ھەقىقىي ۋە كۆزگە كۆرۈنەرلىك دېموكراتىك تەرەققىياتلار بولدى. ئەمما مۇھاجىرەتتىكى تىبەت قۇرۇلمىسى ۋە جەمئىيىتى دېموكراتىك ئىدىيە ۋە دېموكراتىك قائىدىلەرنى ئۆزىگە سىڭدۈردى دېيىش مەلۇم دەرىجىدە مۇبالىغىلەشتۈرگەنلىك ھەم ئۆز – ئۆزىنى ئالدىغانلىق بولىدۇ. مۇھاجىرەتتىكى تىبەت جەمئىيىتى شەكىللىنىپ 50 نەچچە يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، تىنچلىق ئۇسۇلىدا دالاي لاماغا قوشۇلماسلىقنى ئىپادىلەش ئۈچۈن يۇقىرى قاتلامنىڭ ھاكاۋۇرلارچە كەڭچىلىكىگە ئېرىشىشنى كۈتۈشنىڭ ئۆزى بۇ نۇقتىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. شەخسكە چوقۇنۇش ماھىيەتتىن ئادەملەرنى زەئىپلەشتۈرىدۇ. بەزىلەر دالاي لامادىن قورال ياكى قونچاق سۈپىتىدە پايدىلانسا، يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ نامىنى شىپى كەلتۈرۈشنى مۇنازىرىدىكى تۈگۈننى يېڭىشنىڭ ئاچقۇچى قىلىۋالغان. شەخسكە چوقۇنۇشتىن يېتىلگەن تەپەككۇر ئۇسۇلى بەلكىم ھازىرقى رەھبەر لوبساڭ سانگەينىڭ ئىشخانىسىنىڭ بېزىلىشىدە ئېنىق ئىپادىسىنى تاپقان بولسا كېرەك. يېقىندا ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا تارتىلغان رەسىملەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ تامغا ئاز دېگەندە ئۆز سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئىككى پارچە تاڭكانى ئاسقان. (ئىلاۋە: تانكا thangka تىبەتلەرنىڭ بۇددىزم مەزمۇنىدىكى سۈرەتلەر چۈشۈرۈلگەن بىر خىل رەسىم سەنئىتى). ئەلۋەتتە، بۇنداق دېيىش مەيلى ئۇ ئەخلاقىي جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئەمەلىيەتتە بولسۇن خىتاي جۇمھۇرىيىتى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى تىبەت سىياسىي قۇرۇلمىسى ئوتتۇرىسىدا بىرەر ئوخشاشلىقنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مۇھاجىرەتتىكى تىبەت جەمئىيىتى ياكى تىبەت جامائىتىگە قىلىنغان ئۈنۈملۈك تەنقىد سەۋەبىدىن بىرەر ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنىشى، قىيىن – قىستاققا ئۇچرىشى ياكى ئۆلتۈرۈلۈشى  يۈز بېرىشى مۇمكىن بولمىغان بىر ھادىسىدۇر. شۇنداقلا ھەممىدىن روشەن يېرى شۇكى، تىبەتنىڭ ئىچىدە ۋە مۇھاجىرەتتىكى تىبەت جەمئىيىتىدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئۆز – ئارا سېلىشتۇرۇش سەمىمىيلىك ئەمەس، شۇنداقلا ئەھمىيىتىمۇ يوقتۇر. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ بىراۋنى مۇھاجىرەتتىكى تىبەت جەمئىيىتىدە مەۋجۇت ئىللەتلەرنى تەنقىدلەشتىن توسۇشقا سەۋەب بولماسلىقى كېرەك. بۇ ئىللەتلەرنىڭ بىرى مۇھاجىرەتتىكى نۇرغۇن تىبەتلەرنىڭ فۇنكسىيەگە ئىگە دېموكراتىك پۇقرالار جەمئىيىتىنىڭ تۈزۈلۈشىگە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقىدۇر.

ئوتتۇرا يول پىرىنسىپىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتساق، دائىم ئۇچرايدىغان ئۆز – ئۆزىنى ئالداشنىڭ بىر تۈرى ئوتتۇرا يول پىرىنسىپىنى «كۆپ ساندىكى خىتايلارنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ» دەپ ھۆكۈم قىلىشتۇر (ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىكى زارىقىشتىن چىقىرىلغان ھۆكۈم بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن). بۇ يىل ئەتىيازدا، مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتى ئىشلىرىغا ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا ئارىلىشىدىغان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ تىبەتچە بۆلۈمى «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ راي سىنىشى: نۇرغۇن خىتايلار تىبەتكە ھېسداشلىق قىلىدۇ» دېگەن تېمىدىكى ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ھېكايىنى ئېلان قىلدى ھەم «خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى كۆپىنچە خىتايلار تىبەت داۋاسىغا ھېسداشلىق قىلىدۇ» دەپ بايان قىلدى. بۇ ماۋزۇ ۋە باشلىنىش جۈملىلىرى ئېنىقلا مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ «ئوتتۇرا يول ئۈنۈملۈك بىر سىياسەت، ئۇنىڭ يارىشىشتىن ئىبارەت بۇ تەبىئىتى كۆپىنچە خىتايلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ» دېگەن قارىشىنى قۇۋۋەتلىدى. ھالبۇكى بۇ ھېكايىنى ئىنچىكىلەپ ئوقۇغان ئادەم شۇنى بايقايدۇكى، پۈتۈن ھۆكۈم تېلېفون ئارقىلىق 30 خىتايدىن سورالغان سوئال-جاۋاب ئاساسىغا قۇرۇلغان! بۇ نەق خىتايغا بولغان ئۆز – ئۆزىنى ئالداش قارىشىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، يەنى مۇھاجىرەتتىكى بەزى تىبەتلەر خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىچىدىكى قىسمەن خىتايلارنىڭ تىبەت بۇددىزمغا بولغان قىزىقىشىنىڭ ئېشىپ بېرىشىنى ئۇلارنىڭ تىبەت داۋاسىغا بولغان قوللىشىنىڭ ئىپادىسى دەپ چۈشەنگەن (ئوتتۇرا يول پىرىنسىپىمۇ شۇنداق دەپ ئېنىقلىما بېرىدۇ).

بۇ قاراشتىكىلەر مۇنداق بىر پاكىتنى نەزەردىن ساقىت قىلغان، يەنى خىتاي دۆلىتى ئىچىدىكى تىبەت بۇددىزمغا قىزىقىدىغان نۇرغۇن خىتايلار تىبەت مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى توغرىلىق ناھايىتى ئاز ساۋاتقا ئىگە ياكى چورتلا ھېچنېمە بىلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ جەھەتتە ئۇلار غەربتە ياشاۋاتقان خىتايلاردىن پەرقلىنىدۇ.

 

ئەمەلىيەتتە ، دائىم سورىلىدىغان «خىتايلار تىبەت توغرىلىق قانداق ئويلايدۇ؟» دېگەن سوئالنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئاساندۇر : تىبەت مۇتلەق كۆپچىلىك خىتاينىڭ خىيالىغا كىرىپمۇ قويمايدۇ. ئېسىگە كېلىپ قالسىمۇ، پەقەت خەلقى ناھايىتى قورقۇنچلۇق فېئوداللىق زۇلۇمدىن ئازاد قىلىنغان بىر رايون سۈپىتىدە ياكى سىياسەت بىلەن ئالاقىسى يوق ھالدىكى سىرلىق بىر ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. ھەقىقەت شۇكى، كۆپچىلىك خىتاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ تىبەت توغرىلىق ئويلانمايدۇ ياكى ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.

ئەمەلىيەتتە ، خۇددى 2008- يىلى نامايىش بولغىنىدەك، تىبەت مەسىلىسى ئاۋام خەلقنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىرگەندە، خىتايلاردىكى بۇ خىل تىبەت مەسىلىسى توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلانماسلىق ئۇلارنى تېڭىرقاشقا، تېخىمۇ كۆپ ھاللاردا غەزەپكە باشلايدۇ، يەنى تىبەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنى قۇللۇقتىن ئازاد قىلغان خىتايلارنىڭ مېھنىتىنى بىلمىگىنىگە غەزەپلىنىدۇ. بۇ دېگەنلىك خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە ئۇلترا مىللەتچىلىرى تارقاتقان ئۇچۇرلارنى رەت قىلىشقا جۈرئەت قىلغان خىتايلارنى نەزەردىن ساقىت قىلغانلىق ئەمەس، ئۇنداقلار ھەقىقەتەن مەۋجۇت، ئەمما ئۇلار خىتاي نوپۇسىنىڭ كىشى ئىشەنمىگۈدەك دەرىجىدىكى كىچىك بىر قىسمى. ئۇلارنى ئاۋامنىڭ پوزىتسىيەسىنى ( ھۆكۈمەتنىڭكىنىغۇ دېيىش كەتمەيدۇ) مەلۇم يۆنىلىشكە قارىتا ئىلگىرى سۈرۈشتە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ دەپ قاراش، خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ تەبىئىتىنى خاتا چۈشەنگەنلىكتىندۇر. ئەمما مۇھاجىرەتتىكى تىبەت جامائىتىنىڭ نۇرغۇنى مۇشۇنداق ئويلاشقا مايىل.

شۇ سەۋەبتىن ، تىبەتلىكلەر ئۈمىدىنى خىتاينىڭ ئىچىدە بارغانسېرى زورىيىۋاتقان خىتاي خەلقىنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرىغا باغلىدى، بۇ خىل ئەھۋالنى تىبەت ئەركىنلىكىگە كەڭرەك سەھنە ھازىرلايدۇ دەپ ھېس قىلدى، ئەمما ئۇلار ئېغىر دەرىجىدە خاتالاشتى. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە يۈز بېرىۋاتقان كۆپلىگەن نارازىلىقلار ھەقىقەتەن دىققەت تارتتى. ئەمما بۇ نارازىلىقلارنى «خىتايدا كەڭ مەنىدىكى ئادالەت ۋە ئىنسان ھەقلىرى ئاساسىدىكى خىتاي جەمئىيىتىنىڭ شەكىللىنىۋاتقىنىدىن دېرەك بېرىدۇ ۋە بۇ خىل يۆنىلىش تىبەتلىكلەرنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ» دەپ قارايدىغان تىبەتلىكلەر ئەمەلىيەتتە بۇ نارازىلىقلارنىڭ سەۋەب-نەتىجىلىرىنى خاتا چۈشەنگەنلەردۇر.

خىتايدىكى يەرلىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئاساسەن كونكرېت يەرلىك مەسىلىلەرگە ئالاقىداردۇر، بۇ دۆلەت مەسىلىلىرى ۋە دۆلەت خاراكتېرلىك نارازىلىققا چېتىلىدىغان نارازىلىق نامايىشلىرىغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. ئۆز گۇرۇپپىسىنىڭ مەنپەئەتىدىن ھالقىپ، كەڭ مەنىدىكى ئىنسان ھەقلىرىنى قوللاپ ئاۋاز چىقىرىۋاتقان نەچچە تال ئادەمنى ھېسابقا ئالمىغاندا (تەكرار ئېيتىمەن، بۇنداق ئادەملەر خىتايدا ھەقىقەتەنمۇ مەۋجۇت)، كونكرېت نارازىلىق قىلغۇچىلارنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىدىن ھالقىغان ئىشلارنى قوللىغۇدەك پۇقرالار جەمئىيىتى ھەددىدىن تاشقىرى ئاجىز ھالەتتىدۇر. 1960-يىللاردىكى ئامېرىكىنىڭ پۇقرالار ھوقۇقى ھەرىكىتى مەزگىلىدە ئاق تەنلىكلەرنىڭ كەڭ تۈردە قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بۇ ھەرىكەتنىڭ نەتىجىگە ئېرىشىشىدە ھالقىلىق رول ئوينىغانىدى. خىتايلارنىڭ تىبەتكە بولغان قوللىشىنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق، بۇنىڭغا يېقىنمۇ كەلمەيدۇ.

دەسلەپتە دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، خام خىيال ۋە ئۆز – ئۆزىنى ئالداش بىلەن ئوتتۇرا يول سىياسىتىنىڭ ئۈزۈل – كېسىل مەغلۇپ بولۇشى دەسلىپىدىنلا بىر-بىرىگە زىچ باغلانغانىدى. مەسىلىنى ئېنىق تونۇپ يېتەلمىگەنلىكتىن، تىبەتلىكلەر 1970- يىللاردىن باشلاپ بارلىقىنى دوغا تىككەن سۆھبەت باسقۇچىنى خىتايلار سوزۇپ ئويناشقا مۇۋەپپەق بولالىدى. بۇ سۆھبەتلەر ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى، ئەمما تىبەت رەھبەرلىرىنىڭ 1980- يىللاردىن تا 2001-يىلىغىچە بولغان ئۆلچەملەشكەن چۈشەندۈرۈشى بولسا «خىتاي دۆلىتى دالاي لامانىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايدىغىنىنى چۈشەنمەيۋاتىدۇ» دېيىش بولدى. بولۇپمۇ 1990- يىللاردا، دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ ۋەكىللىرى ئوخشىمىغان خەلقئارالىق رەھبەرلەر ۋە سىياسىي ئەربابلارغا تەكرار ھالدا دالاي لامانىڭ مۇستەقىللىق ئىستىمەيدىغىنىنى بايان قىلىپ كەلدى، ھەم بۇ مەيدانىنى ئېنىق ئىپادىلەش ئۈچۈن  ئالايىتەن راڭزەن (مۇستەقىللىق) تەشەببۇسچىلىرىنى «ئاشقۇن» قىلىپ سۈپەتلىدى.

باشقا بىر نۇقتىدىن قاراپ باقساق، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەرنىڭ بۇ خىل ساددىلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، «دالاي لامانىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايمىز دېگىنى يالغاندۇر، ئۇ چوقۇم ئۆز مەيدانىنى راستچىللىق بىلەن ئىپادىلىشى كېرەك» دەپ كەلدى. دالاي لامامۇ ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئوخشىمىغان سورۇنلاردا تەكرار ئىزاھلاپ كەلدى. گەرچە خىتاينىڭ 1951- يىلى تىبەتنى ئۆزىگە زورلاپ قوشۇۋالغان تارىخى دېغى بولسىمۇ ۋە خىتاي باياناتچىسىنىڭ سۆزلىرى ئىشەنچسىز بولسىمۇ، دالاي لاما بىلىپ-بىلمەستىن تىبەت مۇستەقىللىقىغا قارشى ئاساسلىق باياناتچىغا ئايلىنىپ قالدى. بۇ خىتاينىڭ پايدىسىغا ماڭدى.

تىبەت رەھبەرلىرىنىڭ «خىتايلار بىزنى چۈشەنمىدى» دەپ ئويلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە  مۇستەقىللىقتىن ۋاز كەچكىنىنى تەكرار تۈردە ئىزاھلاپ كېلىشى ئىنتايىن كۈلكىلىك بىر ئىشتۇر.  بېيجىڭدا زور ساندىكى ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى تىبەتكە ئالاقىدار خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شۇڭا خاتىرەڭلارنى جەم قىلىڭلاركى، دالاي لامانىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەر بىز سۆزنى ئۇلار ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ كەلدى ۋە داۋاملىق قىلىدۇ. ئەكسىچە دالاي لامانىڭ سەرگەردان ھۆكۈمىتىدە بۇ خىل خادىملار ۋە تالانت كەمچىل بولغاچقا، خىتاينى ۋە ئۇلارنىڭ سىياسىتىنى چۈشىنىشتە ئىنتايىن قىينالماقتا. قارىغاندا تىبەتلەرنىڭ خىتاينىڭ مەقسىتىنىڭ بىمەنە ئويۇنلار ئارقىلىق ۋاقىتنى دالاي لامانىڭ ئۆلۈمىگە قەدەر سوزۇپ، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ دالاي لاماسىنى تىكلەشتىن (خىتاي بۇنى ئاللىقاچان قارار قىلىپ بولغان) ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىگە خېلى يىللار كېتىدىغاندەك تۇرىدۇ.

ئېچىنارلىقى شۇكى، تەجرىبە- ساۋاقلار يېڭىچە خام- خىياللارنىڭ ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇشىنى توسىيالمىدى. نەچچە ئاي ئىلگىرى خىتايدىكى ناھايىتى تۆۋەن دەرىجىلىك بىر ئەربابنىڭ ئاغزىدىن دالاي لامانىڭ كەلگۈسىدە خوڭكوڭنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى توغرىلىق گەپ چىقىۋىدى، ئۈمىدۋار مۇلاھىزىلەر ھەممە يەرنى قاپلىدى.  ئۇنىڭ كەينىدىنلا چىققان مەلۇم رايونلاردىكى تىبەت بۇتخانىلىرىدا دالاي لامانىڭ رەسىمىنى ئېسىشقا يول قويغانلىق توغرىسىدىكى بىر قاتار خەۋەرلەر خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىدە زور بۇرۇلۇش بولۇش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدا ئۈمىد تۇغدۇردى. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ ئىككى خەۋەردىن تۇغۇلغان ئۈمىدلەرنىڭ خام خىيال ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.

بۇ خىل پات ئارىدا خىتاينىڭ سىياسىتىدە زور ئۆزگىرىش بولۇشىنى كۆرۈش تەقەززاسى دەل ئوتتۇرا يول سىياسىتىنىڭ رېئاللىقتىن ئايرىلىپ قالغانلىق تەبىئىتىدۇر. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ھادىسىلەردىن يەنە بىرى خىتاي رەھبەرلىرى ئارىسىدىكى پوزىتىپ بەلگىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئاخىرقى نىجاتلىق يولى دەپ قاراشتۇر. ئەگەر بۇنى سۈرۈشتۈرسەك، 1990- يىللاردا دالاي لامانىڭ دېڭ شاۋپىڭنى دائىم «قەدىناس دوستۇم» دەپ تىلغا ئالغىنىنى دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر دېڭ بۇنى بىلگەن بولسا ھەيران قالغان ياكى قايمۇققان بولاتتى. بۇنىڭ قانداق دوستلۇقتىن دېرەك بېرىشىنى تەسەۋۋۇر قىلماق بەسى مۈشكۈل. بۇ ئىككىيلەننىڭ ئۇچرىشىپ باققىنى ئېنىق. لېكىن ئۇلار «دوست»مۇ؟ ئۇلار بىر-بىرىنىڭ ئۆيىنى پەتىلىشىپ باققانمۇ؟ ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي پاراڭلىرىنى دېيىشىپ باققانمۇ؟ ۋە ياكى دېڭ نىڭ 1950- يىلى تىبەتكە تاجاۋۇزلۇق قىلىشقا قوماندانلىق قىلغىنىنى مۇزاكىرە قىلىشىپ باققانمۇ؟ بۇلارنىڭ ھېچقايسىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. گەرچە لوگىكا جەھەتتىن ئەقىلگە سىغمىسىمۇ، ئەمما دېڭ توغرىسىدىكى بۇنداق تەرىپلەرنىڭ مۇھاجىرەتتىكى قىسمەن تىبەتلەرگە ئۈمىد بېغىشلىشىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئوخشاش سەۋەبتىن ، خۇ جىنتاۋ خىتاينىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قاتلىمىغا كىرگەندىمۇ، ئۇنىڭ تىبەتتىكى خىزمەت تارىخىنى (گەرچە ئۇ قاتتىق قوللۇق بىلەن تىبەتلەرنى باستۇرغان زۇلۇم تارىخى بولسىمۇ) كۆزدە تۇتقان بىر قىسىم تىبەتلەر بۇنى «ياخشىلىقنىڭ بېشارىتى ، ئۇ تىبەتلەرگە بولغان چۈشەنچىنى ئۆز خىزمىتىگە ئېلىپ كىرىدۇ» دەپ قىياس قىلىشتى. ئەمما ئۇنداق ھەيران قالارلىق يېڭىلىق يۈز بەرمىدى، ئۇنىڭ تىبەتلەر توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى تىبەتلەرنىڭ ئارزۇ- ئارمىنىغا يېقىنمۇ كەلمىدى.

ئەمما بۇمۇ يېڭى بىر قېتىملىق خام-خىيال دولقۇنىنى توسۇيالمىدى. شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇق تۇتۇشى بىلەن فانتازىيەلىك تەسۋىرلەرگە يەنە تەلۋىلەرچە ئۈمىد قوشۇلدى. بۇ قېتىمقىسىغا خىتاي سىياسىتىدە پوزىتىپ ئۆزگىرىش بولۇش، ھەتتا ئوتتۇرا يول سىياسىتىنى قوبۇل قىلىش مۇمكىنچىلىكى قوشۇلدى. بۇنداق دېيىشنىڭ ئاساسى شى جىنپىڭنىڭ دادىسى، خىتاي ئىنقىلابىغا قاتناشقان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار شى جوڭشۇننىڭ مۇھاجىرەتتىكى بىر نەچچە تىبەتلىكلەر تەرىپىدىن دالاي لامانىڭ «يېقىن دوستى» دەپ تەسۋىرلەنگىنىدىن بولدى. يەنە شۇ گەپ، بۇ يەردىكى «دوست» دېگەن سۆزنىڭ ھەقىقىي مەنىسى نېمە ؟ لېكىن مەيلى قانداق بولسۇن، شى جىنپىڭنىڭ تىبەتلىكلەرنى بۇرۇنقىدەكلا، ھەتتا تېخىمۇ ئېغىرراق باستۇرۇشىدىن كېيىن بۇ سوئاللارغا جاۋاب ئىزلەشنىڭمۇ ھاجىتى قالمىدى.

ئاخىرىدا، نۆۋەتتە مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئۆز – ئۆزىنى  ئالداش خىيالى بىلەن ئاخىرلاشتۇرايلى، ئۇ بولسىمۇ: تىبەت رەھبەرلىرى خىتاي ھۆكۈمدارلىرىغا خىتاي ئاساسى قانۇنى ۋە قانۇنلىرىدىكى ئاپتونومىيەگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنىڭ تىبەتلەرنىڭ ئوتتۇرا يول پىرىنسىپى بىلەن تۈپتىن ماس كېلىدىغىنىنى توختىماي چۈشەندۈرىۋەرسە، ھامىنى  نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ،دېگەن قاراش. قىزىقتە، خۇددى خىتاي ھوقۇقدارلىرى ئۆز قانۇنىنىڭ مۇرەككەپ ھەم گادىرماچ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغاندەك، ياكى تېخىمۇ پەيزىرەك تەسەۋۋۇر قىلساق، ئۇلار ئۆز قولىدا قانۇننى ئۆزلىرى خالىغان شەكىلدە چۈشەندۈرىدىغان ھەل قىلغۇچ ھوقۇق بارلىقىنى بىلمەيدىغاندەك.

مۇھاجىرەتتىكى تىبەت رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى مەقسىتى ئاۋام مۇھاجىرەت خەلقىنى تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىغا ئىشەندۈرۈشتۇر: بىرىنچى ، ئەگەر ئۇلار خىتاي رەھبەرلىرىگە خىتاي قانۇنىدىكى مەزمۇنلاردىن دەرس بەرسە، تىبەتلەر «ھەقىقىي ئاپتونومىيە» گە ئېرىشەلەيدۇ. ئىككىنچى ، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى «ھەقىقىي ئاپتونومىيە» تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە لوبساڭ سانگەينىڭ سۆزىگە قارايدىغان بولساق، مۇھاجىرەتتىكى بارلىق تىبەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىستەيدىغىنى پەقەت كۆرۈنۈشتىكىلا ئۆزگىرىشتۇر، يەنى تىبەتتىكى كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئورۇنلىرىغا تىبەتلەرنى قويۇشتۇر. ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇلار دېموكراتىك مەشغۇلاتلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلمايدۇ. ھالبۇكى بۇ دېموكراتىك مەشغۇلاتلار «ھەقىقىي ئاپتونومىيە» دەپ ئاتىلىدىغان ھەر قانداق بىر نەرسىنىڭ رەسمىي فۇنكسىيەگە ئىگە بولۇشىنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر.

بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، مۇھاجىرەتتىكى تىبەت قۇرۇلمىسىدىكى سەرخىللار قاتلىمى ئۆزىنى سەل ئازراق ئالدايدىغاندەك قىلىدۇ، ئەمما پەقەت شۇ ئازراقلا. چۈنكى ئۇلار ھېلىھەم «قورقۇنچاقلارچە جىم يېتىۋېلىپ قارشىلىق قىلىش ئارقىلىق خىتاينى سۆھبەتكە ئەكېلىشكە بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، مەسئۇلىيەتسىز سىياسىي تاللاشنى قوغلىشىشنى بۇلارنىڭ ئىزچىل، ئۆزگەرمەس مەيدانىغا ئايلانغان دېيىشكە بولىدۇ. تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى بولسا ئۆزىنىڭ داۋاملىق مەۋجۇتلۇقىنىلا قوغلىشىدىغان قاتمال بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ بولدى.

 

ئەسلى يازما :

https://info-buddhism.com/Self-Delusion_Middle-Way-Approach_Dalai-Lama_Exile_CTA_Sperling.html

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*