ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ ۋە يېتەكچى كۈچ سۈپىتىدە ئىسلام

2019-يىلى 6-ماي

پروف. در. شابان ئالى دۈزگۈن[1]

 

 

كىرىش

 

ئالدى بىلەن ئىسلامنىڭ يېتەكچى كۈچ سۈپىتىدە چۈشىنىشنىڭ نېمىنى ئىپادىلەيدىغانلىقى ھەققىدە بىر ئاز توختىلىپ، ئاندىن بۇ كۈچ ئوتتۇرىغا چىقارغان شەخس ۋە ئىجتىمائىي كۈچنىڭ قايسى ئۆلچەملەر دائىرىسىدە ئۆزىگە خاس كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت ياراتقانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمەن. ئىسلامنىڭ يېتەكچى كۈچ سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشى دېگەنلىك، ئىنسانلارنىڭ ئەقىل – پاراسەت ۋە تەجرىبە مېۋىلىرىگە ئىلاۋە قىلىنغان ھالدا ئۇلارنىڭ ئىرادىلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان ئىنشا قىلغۇچى ئىرادە ۋە قۇدرەتكە تايىنىش دېگەنلىك بولىدۇ. ئۆزىنىڭ ئىچكى كۈچى بىلەن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمىغان جەمئىيەتنىڭ مانا مۇشۇنداق بىر ئىرادە ۋە كۈچ ئارقىلىق، يەنى ئالىي غايە ئارقىلىق تارىختا قانداق ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. بۇنىڭ مىساللىرىنى كۆرمەكچى بولساق، پەيغەمبەرلەر تارىخىغا قاراپ چىقىشىمىز كۇپايە قىلىدۇ. «ئۇلۇل-ئەزم» دەپ ئاتالغان پەيغەمبەرلەرنىڭ، تارىخنىڭ يۆنىلىشىدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق ئاتالغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. ئەلى ئىززەتبېگوۋىچنىڭ ئىسلام تارىخىنى ھەزرىتى مۇھەممەدتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى دەۋر دەپ ئىككىگە ئايرىغانلىقىنى تەكىتلەش ئارقىلىق شۇنى ئېيتالايمىزكى، ئىنسانىيەت تارىخى بۇ ئۆزگىرىشلەر يۈزبەرگەن باسقۇچلارغا يېتەكچىلىك قىلغان كۈچنىڭ ھېكايىسىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھېكايە ئاخىرلاشقان، يەنى مۇكەممەللىككە ئېرىشكەن نۇقتا دەل ھەزرىتى مۇھەممەد(ئە س)نىڭ ۋاپاتىدۇر. ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن پەيغەمبەرلەر ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىنسانىيەتنىڭ كامالەتكە يېتىش باسقۇچى تاماملانغان. ئەلى ئىززەتبېگوۋىچنىڭ پەقەت ئىنساننىڭ روھى قۇرۇلمىسىغا ئۆزىنى مەھكۇم قىلغان ۋە ئىجتىمائىي ھاياتنى نەزەردىن ساقىت قىلغان دىن چۈشەنچىسىگە قارشى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىسلام چۈشەنچىسى ھەم مەنىۋى، ھەم ماددىي جەھەتتىن ھاياتنى ئىنشا قىلغۇچى ئۆلچەملەر ئۈستىگە بەرپا قىلىنغان. بۇ قۇرۇلمىنى بىر قانچە ماۋزۇ ئاستىغا يىغىنچاقلاشقا توغرا كەلسە، تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنىڭ ئالدىغا تىزىلسا تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ.

 

كۆپ خىللىقتىن تەركىب تاپقان قۇرۇلمىلارغا ئورتاق بولغان ئۆلچەملەر: يەرلىككە قارشى ئالەمشۇمۇللۇق، ئۆرپ – ئادەتكە قارشى مەرۇپ

 

بىردىن ئارتۇق مىللەت ياكى چۈشەنچىلەر مەۋجۇت بولغان قۇرۇلمىلارنى باشقۇرالايدىغان مېخانىزمنىڭ قۇرئان تەرىپىدىن تەۋسىيە قىلىنغان ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەدىنىدىكى ئىجرائاتلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغان «سەھىفەتۇل – مەدىنە (مەدىنە ۋەسىقىسى)»دە، پەرقلىق مىللەت ۋە دىنى قۇرۇلمىلار ئىگە بولۇشى زۆرۈر بولغان ھەق – ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت ئاساسىدا بىرلىكتە ياشاشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتقانلىقى ھەممىمىزگە ئايان.

ئىسلام، رىم ئىمپېرىيەسى ئىچىدىكى بىر جامائەتنىڭ دىنى سۈپىتىدە تۇغۇلغان خىرىستىيانلىقنىڭ ئەكسىچە، دۆلەت دىنى سۈپىتىدە تۇغۇلدى. بۇ چۈشەنچە باشتىن تارتىپ ئۆزىنى قوغداش تۇيغۇسى بىلەن غالجىرلاشقان خىرىستىيانلىقنىڭ ئەكسىچە، ئىسلام ئۆزىدىن باشقا ئېتىقاد ۋە كۈلتۈر گۇرۇپپىلىرىغا قارىتا كەڭ قورساق بولۇش ۋە باغرىغا بېسىش پوزىتسىيەسىدە بولدى. ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ خىرىستىيانلىقنى ئوتتۇرا يولنى تېپىش قابىلىيىتى يوقلىقى سەۋەبىدىن تەنقىد قىلىدۇ[2]. ئۇنىڭچە ياۋروپانىڭ بۇ جەھەتتىكى مەغلۇبىيىتى، كۈلتۈر ۋە دىنى ئاساسىدىكى مۇداپىئەلىنىش ۋە بۇ سەۋەبتىن ھاسىل بولغان ھۇجۇم قىلىش رىفلىكىسىدىن كېلىپ چىقماقتا. ئىسلامنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدىكى بۇ كەڭ قورساقلىق، ئىسلام چۈشەنچىسى ۋە مەزكۇر چۈشەنچە ئاساسىدا مەدەنىيەت بەرپا قىلغان كىشىلەر ئۈستىدە ئىنشا قىلغۇچى تەسىر كۈچكە ئىگە. مۇسۇلمانلارنىڭ ھەم ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى، ھەم باشقىلار ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىنى بۇ كۈچ روياپقا چىقارغان. بۇ كۈچ ئادالەت، ئىلىم ۋە ھۆكۈم ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئۇقۇملار ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن تەڭپۇڭلۇق مەۋجۇت. بۇ تەڭپۇڭلۇق ئىچىدە ھەر كىمنىڭ ھەق – ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى ئېنىق بولۇپ، بۇ تەڭپۇڭلۇق ئۆزىنى ھەم مەشائىرىل ئىسلام (ﻣﺸﺂﻋﺮ اﻹﺳﻼم)، ھەم شەرائى (ﺷﺮاءع)دە، يەنى مۇئامىلاتتا ئەكس ئەتتۈرىدۇ. تەۋھىد بۇ ئىككى ئامىلنىڭ، يەنى ئىچكى ۋە تاشقى قىسمىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشىدىن ئىبارەتتۇر. ئىسلامنىڭ شوئارلىرى ياخشىلىق، ئادالەت، ۋىجدان، ۋەدە، ۋاپا، سۆيگۈ، مەرھەمەت… قاتارلىق قەدىرىيەتلەردۇر.

قۇرئاننىڭ ئەڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىدىن بىرسى باشقىلارغا بېسىم قىلماسلىق، ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا توسالغۇ بولماسلىق شەكلىدە تەرجىمە قىلىشقا بولىدىغان «ﻟﺴﺖ ﻋﻠﻴﻬﻢ ﺑﻤﺴﻴﻄﺮ»[3]پىرىنسىپىدۇر. يەنە ئوخشاش شەكىلدە دىنى ۋە كۈلتۈر جەھەتتىنمۇ كۆپ خىللىقنى ئېتىراپ قىلغان «ﻟﻜﻢ دﻳﻨﻜﻢ و ﻟﻲ دﻳﻦ»[4]، يەنى «سىلەرنىڭ دىنىڭلار (يولۇڭلار) سىلەرگە، مېنىڭ دىنىم (يولۇم) ماڭا» پىرىنسىپى كۆپ خىللىقتىن تەركىب تاپقان جەمئىيەتلەردە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ۋاسىتە بولغان. ئايەت مەككە مەزگىلىدە ئۆزىنى يېڭىچە ياشاش شەكلى ۋە ھايات دەستۇرى سۈپىتىدە تەقدىم قىلغان ئىسلامنىڭ ئۆزىنى دىن دەپ ئېلان قىلىشىنى ئىپادىلىمەكتە. يەنى، سىلەرنىڭ تۇرمۇش شەكلىڭلار بار بولسا، مېنىڭمۇ سۇدەك ئېقىپ كېتىۋاتقان زاماندا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدىغان، ئۇنى يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە تەييارلايدىغان ئۆزىگە خاس ئۇقۇملىرىم ۋە بۇ ئۇقۇملار ئۈستىگە ئىنشا قىلىدىغان ھايات شەكلىم بار، دېگەنلىكتۇر. پەرقلىق دىن ۋە كۈلتۈر ئامىللىرى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مەدىنە دەۋرىدە بۇ ئايەت، بارچىغا ئۆزىنىڭ دىنى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى قوغداش، باشقىلارغا پەقەت كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپلا قالماستىن، ئۇلارنى قوبۇل قىلىش ۋە ئېتىراپ قىلىشنى تەۋسىيە قىلماقتا. مانا بۇ، مەزكۇر ئايەتلەر چۈشىنىلگەن ۋە شەرھىيلەنگەن كۈلتۈر رامكىسىدۇر. بۇ، ئوخشاش بولمىغان زامان ۋە ماكاندا بۇ ئىككى ئايەتنىڭ تۈپتىن پەرقلىق چۈشىنىش شەكلى بولۇپ، خاتا ئەمەس. خاتا بولغان نۇقتا بولسا، بۇلاردىن پەقەت بىرسىنىلا توغرا بولغان چۈشەنچە سۈپىتىدە تەقدىم قىلىشتۇر. تارىخ ئىچىدە بۇ ئايەتنىڭ ۋە كىشىلەر ئارىسىدىكى دىن ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر ئۆلچەملىرىنى بەلگىلىگەن نۇرغۇن ئايەتنىڭ قىلىچ ئايىتى دەپ بىلىنگەن ئايەت بىلەن مەنسۇخ دەپ قارالغانلىقىنى ۋە ئىسلامنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت بىلەن باغلىنىشلىق ئۆلچەملىرىنى مېيىپ قىلىپ قويغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلىشىمىز كېرەك. ئىسلام، بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش پىرىنسىپلىرى ئارقىلىق يېڭى بەلگىلىمە سۇنماقتا ۋە ئارىدىكى زىچ مۇناسىۋەتنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغان ھالدا چۈشىنىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىپ، ئەگەشكۈچىلىرىگە ئىشەنچ قىلغان ھالدا ئۇلارغا بۇ پىرىنسىپلارغا ئاساسەن ھايات بەرپا قىلىش مەسئولىيىتىنى يۈكلىمەكتە. ئىسلامنى، تاماملانغان ۋە پۈتۈن دەۋرلەر ئۈچۈن كۈچكە ئىگە خىتابنامە دەپ ئىزاھلاش ناھايىتى خاتادۇر. بۇنداق ئىزاھات ئىسلامنى قاتتىقلاشتۇرىدۇ ۋە بېكىنمە ھالغا كېلىشىگە سەۋەب بولىدۇ[5]، بىز تارىختا بۇنىڭ سانسىزلىغان ئۆرنىكىنى كۆردۇق.

قۇرئاننىڭ پىرىنسىپلار نۇقتىسىدىن چۈشىنىلىشى ۋە بۇ پىرىنسىپلارنىڭ ئىدىيە ئاساسىدا ھاياتقا تەدبىقلىنىشى جەھەتتە، ئەلى ئىززەتبېگوۋىچنىڭ قارىشىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن چاغداش ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرىدىن بىرسىگە قۇلاق سېلىشنىڭ زىيىنى يوق. ئىرانلىق مۇتەپەككۇر ئابدۇلكەرىم سۇرۇش، كىلاسسىك ئىسلام چۈشەنچىسى ئىچىدە بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە قابز ۋە باست ئۇقۇملىرى ئاساسىدا بىر نەزەرىيە ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭچە دىن ھەر نەرسىنى بەلگىلەپ بەرمىگەن. تۇرمۇشتا لازىم بولىدىغان ئەڭ ئاساسلىق قىممەت – قاراشلارنى كۆرسىتىپ بەرگەن، قالغانلىرىنى مۇسۇلمان ئەقلىنىڭ بايقىشىغا ھاۋالە قىلغان. ھەر كىشىنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇشى، ھەر دىنى چۈشەنچە پەقەت ئۆزى بىلەن چەكلىنىدىغان شەكىلدە ئۆزىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئالەمنىڭ ئەسلى ماھىيىتى كۆپ خىللىق، رەڭدارلىق بولۇپ، بۇ ئاڭ كۆپ خىللىقنىڭ نورمال ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. جەمئىيەتنىڭ ئەسلىمۇ كۆپ خىللىق ۋە ئوخشاشماسلىق (ئىختىلاپ)لار بولۇپ، تەك مەركەزچىلىك ۋە بىر خىللىق ئىنسان تەبىئىتى ۋە تەجرىبىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئەڭ ئاساسلىق ۋە چەكلىك مىقداردىكى قىممەتلەر جۇغلانمىسى بولغان شەرىئەتنىڭ، ئۆزىنى تەجرىبىگە ئىگە ئەقىلنى ئۆزىگە ئۇل قىلغان ئىجتىھات بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇمكىن بولىدۇ.

بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قانۇننىڭ مەنبەلىرىدىن بىرى دەپ قارالغان ئۆرپ – ئادەت ئۈستىدە قايتىدىن ئويلىنىشقا ۋە پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئۆرپ مەرۇپقا، يەنى ئورتاق ياخشىلىققا مۇۋاپىق كەلسە مەنبە سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. دىننىڭ مەقسىتى ئۆرپ – ئادەتنى مەۋجۇت ھالىتىدە ساقلاپ قېلىش ئەمەس، ئەكسىچە مەرۇپقا ئۆزگەرتىشتۇر. يەنى، ھەر يەرلىك ئامىل دىن بىلەن ئۇچراشتۇرغاندىن كېيىن، خالاپ – خالىماي ئالەمشۇمۇل پىرىنسىپلارغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ ۋە بۇ يۆنىلىشتە كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ ئالەمشۇمۇل پىرىنسىپلارغا قوشۇلۇش تاكامۇللىشىشنى تولۇقلايدىغان باسقۇچلار بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. يەرلىك بولغان ئامىل ھەم چۈشەنچە، ھەم ئىش – ھەرىكەت سۈپىتىدە تېخىمۇ چوڭ پۈتۈننىڭ پارچىسىغا ئايلىنىدۇ. خۇددى دېڭىزغا قوشۇلغان دەرياغا ئوخشاش چوڭغا قوشۇلۇش ئۈچۈن ئىنتىلىش ۋە يۈزلىنىش مايىللىقى بولىدۇ، بۇ مايىللىق ھەم پۈتۈنگە، ھەم پارچىغا زوق بېغىشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پۈتۈن بىلەن بولغان بۇ مۇناسىۋەتنىڭ سەلبىي تەرىپىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەك. يەنى، بۇ كۈچكە قوشۇلغان بارلىق شەخسلەرنىڭ مۇستەقىللىقى يوق بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن پۈتۈنگە تەۋە بولغۇچىلارنىڭ ئۆزگىچىلىك (ئىختىلاپ) نامايان قىلىدىغان قىممەتلەر پەيدا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىق كېرەك. يەنى، چۈشەنچە ۋە ياشاشتا ئېقىم بولۇپ شەكىللىنىش، بىر خىللىقنى شەكىللەندۈرۈش ۋە سكولاستىك[6] ھالغا كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

پۈتۈنگە تەئەللۇق (ئالەمشۇمۇل) قەدىرىيەتلەرمۇ تەنقىدى ئەقىلنىڭ ئەلگىكىدىن ئۆتكەندىن كېيىن قوبۇل قىلىنىشى لازىم. بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئىختىيارى ھالدا ئاۋاز قوشۇش بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىنشا قىلغۇچى ئىرادە تەنقىد قىلىدۇ، مۇھاكىمە قىلىدۇ ۋە مۇۋاپىقلىق ئۆتكىلىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن بۇ قىممەت – قاراشلارنى كىشىلەرگە تەۋسىيە قىلىدۇ ۋە بۇ تەۋسىيەگە مۇۋاپىق بولغان ياشاش شەكلىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مانا بۇ مۇستەقىم بولغان يولدا مېڭىشنىڭ پەلسەپىسىدۇر. بۇ مۇستەقىم يول ھەم چۈشەنچە (ئۆلچەم)، ھەم ئۆلچەملەر ھاياتلىققا ئېرىشىدىغان ياشاش شەكىللىرىدە، ھەم بۇ ياشاش شەكىللىرىنى تەۋسىيە قىلغان ئۇلۇغ كۈچتە ئۆزىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ (ئىستىقامەت، قەييۇم، قىيام، قەۋۋام ئۇقۇملىرى بۇ ئۇلۇغ كۈچنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئىچىدە بولغانلارنى ئىزاھلايدۇ). دىننىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ (ئاسالەتۇل ۋۇجۇد) بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماستىن ساقلىنىپ قېلىشى، ھەر ۋاقىت بۇ قىيام (ئورنىدىن دەس تۇرۇش) ھالىتى بىلەن مۇمكىن بولىدۇ.

بىر سىستېما شەخسكە قانچىلىك دەرىجىدە ئىگە چىقسا، شۇنىڭغا ماس ھالدا قىممەت يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. مانا بۇ، ئۇ پۈتۈننى قىممەتكە ۋە ئەبەدىيلىككە ئىگە قىلغان ئالاھىدىلىكىدۇر. شەخسلەرنىڭ ئۇ پۈتۈنگە روھ بەخش ئېتىش ۋە قىممەت يارىتىش ئىختىيارلىقى ئېتىراپ قىلىنمىسا، بۇ ساپاسىز كوللېكتىپ پادىغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىدىغان ۋە خالىس قۇللۇقنى ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى سۈپىتىدە ئايان قىلىدىغان گۇرۇھتىن باشقا نەرسە بولالمايدۇ، خالاس.

 

ھەقىقەتنىڭ ئۇلى – دىننىڭ تەبىئەتكە ۋە ئىنسان فىترىتىگە تايىنىشى

 

ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ، ئىسلامنىڭ دوگمىچىلىقنىڭ ئورنىغا تەجرىبىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، بىلىنىدىغاندىن بىلىنمەيدىغانغا قاراپ ئىلگىرىلەيدىغان ئىرادە يارىتىشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ[7]. ئىسلام ئۆزىنىڭ بېكىنمە دۇنياسىدا پىرقىراپ تۇرغان كىشىنىڭ ئورنىغا، تاشقى دۇنياغا ئېچىلغان شەخستىن ئىجتىمائىي ساھەدە ئۆرنەك شەخسلەرگە ئايلانغان كىشىلەر بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىدۇ. بۇ تاشقى دۇنياغا يۈزلىنىش تەكىتلەش ھەم ئىنسان، ھەم بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە دۇنيانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دۇنيانىڭ (ۋە بەدەننىڭ) رەت قىلىنىشى ئۆزىنى ھەر دىنغا تاڭىدۇ. دۇنيانى ئېتىراپ قىلىش، دىن ئۈچۈن ئۆزىگە ھۆكۈمران بولۇش، ئۆزىنى ھالقىش دېگەنلىكتۇر. روھى جەھەتتىن ئىنساننىڭ ئورنىنى ۋە ئوخشاشماسلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىسلام، كونكرېت ھالدا ئىنسان تىلغا ئېلىنغاندا ناھايىتى ئەمەلىيەتچىل بولىدۇ. ئىسلام ئىنساندا ئۇنىڭ تەبىئىتىدىن ھالقىغان ئالاھىدىلىكلەرنى پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلمايدۇ. ئىنسانلارنى ئېزىز[8] ياكى پەرىشتە قىلىشقا ئۇرۇنمايدۇ، بۇ خىل ئۇرۇنۇشنى خىيالپەرەسلىك دەپ قارايدۇ. بىز ئەسلىدە نېمە بولغان بولساق، ئىسلام بىزنى شۇنداق قىلىشقا، يەنى ئىنسان قىلىشقا كۈچەيدۇ. ئىسلام تاھارەت، ناماز، روزا، جامائەت، پائالىيەت، كۈرەش ، كۆزىتىش ۋە تەپەككۇر قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تەبىئەتنىڭ ئىنساننى شەكىللەندۈرۈش رولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ[9].

ئىسلام، ئىنساندىن پۈتكۈل مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، يوقسۇللۇق ۋە ئازاب – ئوقۇبەتكە تولغان تەركى دۇنيالىقنى غايە قىلمايدۇ. ئىسلام، ئىنساندىن ئىككى ئۇل ئۈستىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ھايات تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئۇلدىن بىرسى بەخت – سائادەت ۋە قۇدرەتكە مايىللىق؛ يەنە بىرسى بولسا ئەخلاقىي جەھەتتىن يۈكسىلىش، «ئۆزىنى ئىزچىل يارىتىپ تۇرۇش»تۇر. گەرچە بۇ مايىللىقلار لوگىكا جەھەتتىن زىر – بىرىگە پۈتۈنلەي زىت بولسىمۇ، لېكىن رېئال ھاياتتا ئۆزئارا بىرلىشىدۇ، ماس ھالدا بىر – بىرىنى نوپۇزى ئاستىغا ئالىدۇ[10].

ئىسلام چۈشەنچە ئەنئەنىسىدە ئىككى دۇنيالىق بەخت – سائادەتنى نىشان قىلىپ ئىنساننىڭ ئالدىغا قويغان كۈچ، بۇ كەڭ دائىرىلىك غايىنى پەقەت دۇنيا ھاياتى ئۈچۈنمۇ نىشان قىلىپ كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاخىرەت ھاياتىدىكى سائادەتنىڭ بىز ياشاۋاتقان دۇنيادىكى سائادەت بىلەن ئۈچ تەرەپتە ئۆزئارا زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. 1) ئۆزىنى بىلىم ۋە ساغلام خاراكتېردە كۆرسەتكەن نەفس (مەن)كە مۇناسىۋەتلىك تەرەپ؛ 2) سالامەتلىك ۋە بىخەتەرلىككە ئوخشاش بەدەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەرەپ؛ 3) نەفس ۋە بەدەننىڭ سىرتىدا قالغان ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ھۇزۇرىنى ئاشۇرىدىغان بىسات ، بۇ خۇسۇسلارغا مۇناسىۋەتلىك تەرەپ[11]. بۇ پۈتۈنلۈكنىڭ پارچىلىنىشى، قۇرئان شەقاۋەت (تىراگېدىيە ) دەپ ئاتىغان ئاڭ ۋە ھايات پەلسەپىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا[12].

بىز سائادەتنىڭ، بىلىم ۋە ياخشى كىشىلىككە ئائىت ئىكەنلىكىنى ئېيتالىغان «مەن» بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە كەلسەك، ئىسلام بىلىمنىڭ ئىنساندىكى ئورنىنىڭ قەلب (heart)، نەفس (soul/self)، ئەقىل (intellect)، روھ (spirit) قاتارلىق قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان ھەر خىل روھى خاسلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بىلىمنىڭ ئورنى ئۆتكۈنچى تەقەززا ۋە شارائىت سەۋەبىدىن بىر قانچە خىل ئىسىم بىلەن تىلغا ئېلىنماقتا. بۇ سەۋەبتىن ئەقىل يۈرگۈزۈش ۋە ئىدراك قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا ئىشلىتىلگەندە «ئەقىل»؛ بەدەننى باشقۇرىدىغان رېئاللىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا ئىشلىتىلگەندە «نەفس»؛ ھېسسىي جەھەتتىن يورۇقلۇققا ئىشارەت قىلىنغاندا «قەلب » ۋە ئابستراكت مەۋجۇدىيەت دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا ئىشلىتىلگەندە «روھ» ئۇقۇمى بىلەن ئىپادىلەنمەكتە. ئەمەلىيەتتىمۇ بىلىم ئۆزىنى دائىم بۇ ئۇقۇملار بىلەن نامايان قىلماقتا. ئىنسانغا خاسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلگەن بۇ تۆت ئۇقۇمنىڭ ھەر بىرى ئىككى مەنىگە ئىگە بولۇپ، بۇلاردىن بىرسى ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىغا، يەنە بىرسى نەفسى («مەن»لىكى)گە ئىشارەت قىلماقتا[13]. ئىنساننىڭ ئىككى خىل قۇرۇلمىسى بار بولۇپ، جىسمانىي قۇرۇلمىسى ھايۋانى تەرىپىگە؛ روھى قۇرۇلمىسى بولسا راتسىيونال (ئەقلىي) تەرىپىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئالدىنقىسى ئىنساننىڭ ئەيىپلىنىشنى تەقەززا قىلغان ئىش – ھەرىكەتلەرنىڭ مەنبەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئىنساندىكى بۇ جىسمانىي، يەنى ھايۋانى سۈپەتلەر بەزى جەھەتتىن ئۇنىڭغا پايدىلىق بولسىمۇ، لېكىن ئىنساننىڭ ئەقلىي كۈچى بىلەن ئىزچىل توقۇنۇش ئىچىدە بولىدۇ. ئەيىپلىنىشنى تەقەززا قىلغان خۇسۇسلارنىڭ ئىنساننىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى بىر پارچىسى بولغان ھايۋانى كۈچ ۋە قابىلىيەتلەرگە خاس قىلىنىشىنى، ئىسلام تەلىماتىغا قارشى چىققان مايىللىق بىلەن، يەنى ئىنسان بەدىنىنىڭ خارلىنىشى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك. ئىنسان ئەڭ ياخشى شەكىلدە يارىتىلغان بولۇپ، ئەگەر ئۇنىڭدا توغرا ئىمان ۋە سالىھ ئەمەل بولمىسا، خارلارنىڭ ئەڭ خارى بولغان ۋەھشىلەردىنمۇ بەتەر ھالغا كەلمەكتە[14]. نەفسىنىڭ قابىلىيىتى ياكى كۈچى بىر قېتىم بىرسى، يەنە بىر قېتىم يەنە بىرسى غەلىبە قازانغان جەڭگە كىرگەن ئىككى رەقىب قوشۇنغا ئوخشايدۇ. بەزىدە نەفس ئەقلىي كۈچلەرگە مايىل بولماقتا ۋە ئۇنى ئاللاھقا بولغان ساداقىتىنى قايتىدىن يېڭىلاشقا يۈزلەندۈرگەن راتسىيونال قۇرۇلما بىلەن يۈزلەشمەكتە. بەزىدە ھايۋانى كۈچلىرى ئۇنى ۋەھشىي تەبىئىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەسىگە ئېلىپ بارماقتا. نەفسنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى بۇ تۇراقسىزلىق، نەفسنىڭ ئىزچىل ھالدا ئۆزىنى تەنقىد قىلىدىغان ھالىتىنى كۆرسەتمەكتە ۋە نەفسى لەۋۋامە دەپ ئاتالماقتا[15]. نەفس بۇ باسقۇچتا ھايۋانى كۈچلەر بىلەن قاتتىق ئېلىشىدۇ. ئىنسان بىلىم، ئەخلاقىي مۇكەممەللىك ۋە سالىھ ئەمەللەر ئارقىلىق پەرىشتە دەرىجىسىگە يېتىشى مۇمكىن. بۇ سەۋىيەگە يەتكەندىن كېيىن تاشقى كۆرۈنۈشىدىن باشقا تەرەپلەردە بۆلەك ئىنسانلاردا بولغان ھايۋانى ماھىيەتتىن قۇتۇلىدۇ. ئەگەر يەنە بىر تەرەپ غالىب كېلىپ، ۋەھشىي قۇرۇلمىسى ئۇنى خارلارنىڭ ئەڭ خارى بولغان ھالەتكە چۈشۈپ قالسا ۋە دائىم بۇ ھالەتنىڭ ئەسىرى بولۇپ قالسا، مانا بۇ ۋاقىتتا ئىنسانلار ئۈچۈن ئورتاق بولغان خاسلىقتىن مەھرۇم بولىدۇ ۋە پەقەت تاشقى كۆرۈنۈشى ئىنساننى ئەسلىتىدىغان مەخلۇققا ئايلىنىپ قالىدۇ. نەفس بۇ باسقۇچتا ئىزچىل يامانلىققا چاقىرىدۇ، يەنى نەفسى ئەممارە بىس-سۇ بولىدۇ[16].

خاراكتېرنى قوبۇل قىلىش، بىر پۈتۈن ھالەتتە ئىنساننىڭ تەبىئىتىنىمۇ قوبۇل قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. قۇرئان «فىترەت» دەپ ئۇقۇملاشتۇرغان بۇ ھەقىقەت، ئىنسانغا مۇناسىۋەتلىك رېئاللىقنىڭ ئۇلى بولۇپ، تېيولوگىيەلىك نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتىشقا توغرا كەلسە، بۇ مىجەز (فىترەت)گە ھەمراھ بولىدىغان باشقا ئىككى قۇرئانى ئۇقۇم تەقدىر ۋە ھىدايەتتۇر. تەقدىر – بارلىق مەۋجۇدىيەت ئۈچۈن پىرىنسىپ سۈپىتىدە بەلگىلەنگەن ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇش قانۇنىيىتىدۇر. ھىدايەت بولسا بۇ قانۇنىيەتلەرنى بايقاپ، كېلەچەكنى پەملەشنى ئىپادىلەيدىغان ئىلمىي پائالىيەتنى ئىپادىلەيدۇ.

قۇرئان «ئىنسان»غا نادىر ئەھۋالدا، «ئىنسانلار»غا بولسا زىچ، ئانچە – مۇنچە «ۋەتەنداش» شەكلىدە خىتاب قىلىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى بولغان ئىنسان بۇ دۇنيانىڭ پەرزەنتىدۇر. لېكىن ئۇ، شەخس سۈپىتىدە پەلەكنىڭمۇ ئاھالىسىدۇر. ئىنسان باشقا ئىنسانلار بىلەن ئورتاق ھالدا ئىگە بولغان شەيئىلەرگە ئاساسەن ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيەتتۇر. جەمئىيەت (ئىنسانلار) ئۇرغۇسى سەۋەبىدىن قۇرئان، ئادالەتنى ئەڭ ئالىي نىشان قىلىپ بەلگىلىمەكتە[17] ۋە ئادالەتنىڭ ھەم شەخسى، ھەم ئىجتىمائىي (ئارىستوتېلنىڭ ئىپادىسى بىلەن ئېيتقاندا سىياسىي پەزىلەت) ساھەدە كاپالەتكە ئىگە بولۇشىنى تەلەپ قىلماقتا.

ماددىي ۋە ئەخلاقىي تەلەپلەر مۇۋازىنىتىنىڭ يارقىن ئىپادىسى بولغان مۇسۇلماننىڭ ھەرقانداق مۇكەممەل كىشىدىن تېخىمۇ بەكرەك مۇھىتى ۋە ئۆزى كېلەچىكىنىڭ تەقەززاسى بىلەن ماسلىشىش ئىچىدە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىشى رېئاللىققا مۇۋاپىق پوزىتسىيەدۇر. خىرىستىيان ۋە باشقا ئىدېئالىست تەلىماتلار نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت سەۋەبىدىن ئۈمىدسىزلىك ۋە ئىشەنچىسزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. غەرب دۇنياسىدىكى نېرۋا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بىلەن شەكىل بۇزۇلۇش ھادىسىلىرى، قىسمەن خىرىستىيان ئىنسان تىپى بىلەن خىرىستىيان غايىسىدىن مۇستەقىل ھالدا شەكىللەنگەن جەمئىيەتتىكى سىياسىي ئۆرنەكلەر ئوتتۇرىسىدا داۋاملاشقان ئىچكى توقۇنۇشنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ، چېركاۋنىڭ روھنى تەربىيە قىلىدىغان، دۆلەتنىڭ بولسا بەدەنگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھالىتىدۇر. بۇ، شەخسى تۇرمۇشتا خىرىستىيان، رەسمىي شەخس ياكى ئىش، سودا ھاياتىدا بولسا ماكياۋېلىست بولۇش شەكلىدۇر… ئىسلامنى ھەم ماددىي، ھەم مەنىۋى تۇرمۇشنى بىرلىكتە داۋاملاشتۇرۇش ياكى قۇرئاننىڭ بايانى بىلەن ئېيتقاندا، بۇ دۇنيادىنمۇ نېسىۋىسىنى ئۇنتۇماستىن ئەبەدىي ھايات ئۈچۈن ياشاش، دەپ ئىزاھلاشقا بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا پۈتكۈل ئىنسانلار ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا بىرەر مۇسۇلمان نامزاتىدۇر. ۋ. گىئوتىنىڭ ئىپادىسى بىلەن ئېيتقاندا: «ئەگەر ئىسلام بۇ شەكىلدە بولسا، ئۇنداقتا ھەممىمىز ئىسلامنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتىمىز، دېگەنلىكتۇر»[18].

 

ئىتائەت دىنى (كۈلتۈرى)نى رەت قىلغان، خەلقنى ئاساس قىلغان سىياسەت

 

«مېنىڭ ئۈممىتىم خاتالىق ئۈستىدە قەتئىي بىرلەشمەيدۇ» شەكلىدىكى پەيغەمبەر تەلىماتى بىلەن بىرگە، ئىدارە قىلغۇچىنىڭ ئاۋامدىن «بەيئەت» ئېلىشى، ئىسلامدا قانۇنلۇق كۈچكە ئىگە بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتنىڭ خەلق ئىكەنلىكىنى ئىشارەت قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىدارە قىلغۇچىنىڭ باشقۇرۇش جەريانىدا رىئايە قىلىشى كېرەك بولغان پىرىنسىپلارنىڭ بىر قىسمى قۇرئاندىن ئېلىنماقتا، بىر قىسمى بولسا شەرت – شارائىتقا قاراپ بەلگىلەنمەكتە. بۇ پىرىنسىپلاردىن ئەڭ زۆرۈر بولغانلار تۆۋەندىكىچە:

  1. ئادالەت. بۇ پىرىنسىپ ئىدارە قىلىش (كىلاسسىك ئاتالغۇسى بىلەن ئىپادىلىگەندەك «ئىمامەت»)نىڭ بارلىق شەرتلىرىگە تەڭداش بولۇپ، ئەخلاقىي سۈپەت، دۇرۇسلۇق ۋە ھەققانىيەت چۈشەنچىسىدۇر.
  2. ئىلىم. قانۇنى مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ ۋە قانۇننى ئىزاھلاشنى مۇمكىن قىلغان ئىلىم جۇغلانمىسى بولۇپ، پەم – پاراسەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  3. ئەقىل (ھېكمەت). خەلقنى باشقۇرۇش جەريانىدا توغرا قارار چىقىرىش قابىلىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  4. ساغلاملىق. ئىدارە قىلغۇچىنىڭ ئۈممەتنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا زۆرۈر بولغان ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ زۆرۈر شەرتلەردىن باشقا يەنە شۇلارمۇ تەلەپ قىلىنماقتا: شىجائەت، قەيسەرلىك ۋە جىھاد (تىرىشىش، كۈرەش قىلىش ۋە جەڭ قىلىش قاتارلىق بۇ ئۈچ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا)، قەتئىي ئىرادە ۋە ئۇرغۇپ تۇرغان كۈچكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. شەرت – شارائىتقا قاراپ ئىلاۋە قىلىنغان تەلەپلەر مەۋجۇت شارائىتقا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. قۇرەيشتىن بولۇش شەرتى، ئالەمشۇمۇل ۋە ئەڭ ئاساسلىق شەرت ئەمەس، بەلكى شەرت – شارائىت ۋە ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خەلقچىل سىياسەتنىڭ ئىچىدە «ئۈممەت» ئۇقۇمى ھەققىدە ئەستايىدىللىق بىلەن توختىلىش كېرەك. ئۈممەت – ئائىلە، ئايماق ۋە قەبىلىدىن ھالقىغان ھالدا ئىسلام ئۈممىتىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن ئەرەبىستاننى دەۋەت قىلغان پەيغەمبەر روياپقا چىقارغان جانلىق ھەقىقەتتۇر. ئۇ باشلامچىلىق قىلغان قېرىنداشلىق، ئوخشاش چۈشەنچىگە ئىگە مۇئمىنلەر شەكىللەندۈرگەن جامائەت ئىدى. ئۇ، بۇلارنى پەقەت قانداشلىقنى ئاساس قىلغان قېرىنداشلىقتىنمۇ ئۈستۈن تۇتقانىدى[19]. ئۈممەت ئۇقۇمى، ئىسلام ئىمپېرىيەسى ئىچىدىكى بىر – بىرىدىن پەرقلىق مىللەتلەر ئارىسىدا بىرلەشتۈرگۈچى ئامىل سۈپىتىدە رول ئويناپ كەلدى. ئۈممەت ئاتالغۇسى، پەقەت مۇسۇلمانلارغىلا خاس بولۇپ قالماستىن، بىر جەمئىيەت ياكى خەلقنى تەشكىل قىلغان بارلىق ئىنسانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۈممەت ۋە جامائەت ئۇقۇملىرى، مۇسۇلمان، يەھۇدىي ۋە مۇشرىك بولسۇن، جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى بارلىق ئەزالىرىغا بەزى ئىمتىياز (ھوقۇق) ۋە مەجبۇرىيەتلەر بېرىش ئارقىلىق تەشكىللىنىش سۈپىتىدە دىننى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەنىدە ئىشلەتكەن. ئۈممەت ئۇقۇمى ھەممىدىن ئاۋۋال سىياسىي بىرلىكنى نىشان قىلغان بولۇپ، ئاتالغۇنىڭ پەقەت مۇسۇلمانلارنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە مەنا جەھەتتىن تارىيىشقا دۇچار بولۇشى، مەدىنىدە باشلانغان پارچىلىنىش (يەھۇدىيلارنىڭ خىيانىتى) بىلەن تېزلەشكەن. ئۈممەتنىڭ مەركىزىنى مۇئمىنلەرنىڭ تەشكىل قىلغانلىقىدا شۈبھە يوق ئىدى. لېكىن مەدىنە ئۆرنىكىدە كۆرۈلگەندەك مۇئمىنلەر دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىشى بىلەن تەڭ، ئۇلارنى كۆرسىتىدىغان ئۇقۇملارنىڭمۇ يەرلىك ھالەتتىن ھالقىپ، ئالەمشۇمۇل ھالغا كېلىشى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىغا ئايلانغان.

ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ، شەخسى مەسئۇلىيەتنىڭ پائال ئىشلىتىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۆرنەك شەخس تىكلەپ چىقىشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرمەكتە، ئىرادىسى ۋە ئەقلىنى باشقىلارنىڭ تىزگىنى ۋە باشقۇرۇشىغا تاشلاپ بېرىشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇرىتلىق كۈلتۈرىگە قارشى چىقىشنى تەكلىپ قىلماقتا. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپتە ئىنساننىڭ ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىكى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭچە بىخەتەرلىك، تەشكىلات، ياخشى ۋەتەنداش بولۇشقا ئوخشاش مودېرىن ئۇقۇملار، ئىنساننىڭ ئۆزىدىكى ئەركىنلىكنى بوغماقتا. شۇنداقلا ئىنسانلار جەمئىيىتىنى تەشكىللەنگەن ۋە قانۇن – تۈزۈملەر ئارقىلىق ھەرىكەت قىلىدىغان ھالغا كەلتۈرۈلگەن جەمئىيەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماقتا. ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ بۇ خىل مەقسەتلىك يۈزلەندۈرۈلىدىغان بويۇنتۇرۇقىنى پاچاقلاپ تاشلاش ئۈچۈن، جەمئىيەتكە قارشى كوللېكتىپ پىكىرىنى ياقىلىغان. كوللېكتىپ ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى قۇرئان رامكىسى ئىچىدە ئىپادىلەشكە توغرا كەلسە مېھرى – مۇھەببەت (تەۋاددۇھۇم)، ياخشىلىق (تۇھسىنۇ)، نازاكەت (ئەللەتى ھىيە ئەھسەن) ۋە ئۆزئارا ھىمايە (ھىممە) قىلىشنىڭ؛ جەمئىيەتتە بولسا ئۆزئارا مۇناسىۋەتتە مەنپەئەتنىڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتماقتا.

ئەتىئەنە دە لا بوئىتە (Etienne De La Boetie) «ئىتائەت سىياسىتى: ئىختىيارى قۇللۇق ھەققىدە نۇتۇق» ناملىق ئەسىرىنىڭ كىرىش سۆزىدە سىياسەت، ھاكىمىيەت ۋە دۆلەت ھەققىدە ھەممىگە مەلۇم بولغان چۈشەنچىلەرنى قايتىدىن مۇھاكىمە قىلماقتا[20]:

«…مەن بۇ نۇقتىدا ئۈستىدە توختالماقچى بولغان خۇسۇس، بۇنچە كۆپ كىشى، بۇنچە كۆپ سەھرا، شەھەر ۋە بۇنچە كۆپ مىللەت نېمە ئۈچۈن ھۆكۈمرانلىقىنى ئۆزلىرى بەرگەن كۈچتىن ئالغان مۇستەبىتكە باش ئېگىدۇ؟ ئى تەڭرىم بۇ قانداق ئىش؟ بۇنى قايسى ئۇقۇم بىلەن چۈشەندۈرەلەيمىز؟ بۇ قانداق بالادۇر؟… ھەيۋەتلىك دۈشمەن قوشۇنى ياكى ۋەھشىي باندىتلار ئەمەس، پەقەت بىر كىشى سادىر قىلغان ناھەقچىلىق، بۇلاڭ – تالاڭ ۋە زوراۋانلىققا قانداق بولۇپ باش ئېگىدۇ؟…»[21].

مۇتەپەككۇرنىڭچە باشقۇرغۇچىغا قۇل بولۇش ئۆگىنىلگەن نەرسە بولۇپ، كىشىلەرنىڭ خۇددى يوقۇتۇپ قويغان نەرسىسىنى تېپىۋالغاندەك قۇللۇققا بۇنچە ئاشىنا بولۇشى ۋە باشقۇرغۇچى (ھۆكۈمدارغا) جاندىللىق بىلەن قۇللۇق قىلىشقا مايىل بولۇشى ھەيران قالارلىق ئىشتۇر.

 

دىن – دۆلەت ۋە دىن – سىياسەت مۇناسىۋىتى

 

دىن مۇئەييەن باشقۇرۇش تۈزۈمى تەۋسىيە قىلامدۇ؟

 

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا جەمئىيەتنى باشقۇرۇشتا قايسى تۈزۈمدىن پايدىلىنىش ھەققىدە دەتالاش بولغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. بۇنداق دەتالاشنىڭ سادىر بولۇشى ئىسلامدا قۇرئان ۋە پەيغەمبەر تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن مۇئەييەن باشقۇرۇش شەكلىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ئەرەب جەمئىيىتىدە دۆلەت ۋە ئاۋامدىن ئىبارەت ئۇقۇملارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن ئەمەس. قۇرئاندا «مەلە» دەپ تىلغا ئېلىنغان ۋە قەبىلە رەئىسلىرىنىڭ تەسىر كۈچى ئىما قىلىنغان ئۇقۇمنى، مەلۇم دەرىجىدە ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ئەرەب جەمئىيىتىنىڭ ھاكىمىيەت شەكلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان سىياسىي ئۇقۇم دەپ قاراشقا بولىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا شەخس ياكى ئاۋامنىڭ تۇرمۇشىنى تەرتىپكە سالىدىغان قانۇن چۈشەنچىسى يوق دېيەرلىك. بۇ سەۋەبتىن ئەرەب جەمئىيىتى قۇرئاندا ئۈممى (قانۇندىن مەھرۇم) جەمئىيەت دەپ تىلغا ئېلىنغان. بۇ قانۇنى بوشلۇققا مۇناسىۋەتلىك ھالدا ھەزرىتى مۇھەممەد(ئە س)نىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن دۆلەتنىڭ قايسى شەكىلدە ۋە كىم تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدىكى دەتالاش باش كۆتۈرۈپ چىققانىدى. دۆلەت رەئىسى (خەلىپە) سۈپىتىدە ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرگە خەلىپىلىكنى تارتقۇزۇپ قويۇشنى خالىمىغان مەدىنىنىڭ مۆتىۋەر قەبىلىلىرىدىن بىرى بولغان خەزرەجلىكلەر: «بىر ئەمىر سىلەردىن، بىر ئەمىر بىزدىن بولسۇن» دېگەن تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ قەبىلىنىڭ رەئىسى ساد ب. ئۇبادەنىڭ بۇ تەكلىپى ئەبۇ بەكىر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغان ۋە «ئەمىرلەر بىزدىن، ۋەزىر (ياردەمچى)لەر سىلەردىن بولسۇن» دېگەن. لېكىن بۇ ۋەدە ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەن. ئىجتىمائىي سۈلھى ئۇقۇمى تۇنجى زەربىنى مانا بۇ يەردە يېگەن. سۈلھىنىڭ ھاسىل بولۇشى ئۈچۈن «خەلىپە قۇرەيش قەبىلىسىدىن بولىدۇ» دېگەن پەيغەمبەرگە مەنسۇپ قىلىنغان، لېكىن پۈتۈنلەي شەرت – شارائىتقا ماس كېلىدىغان بىر سۆزنى توقۇپ چىقىپ، ئىدارە قىلغۇچىنى سايلام ئۇسۇلى ئارقىلىق سايلاپ چىقىشنىڭ، مۇسۇلمان جەمئىيەتلەردە يىلتىز تارتىشىنى مۇمكىن قىلىدىغان ئۇسلۇبىنى باشتىنلا پالەچ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغانىدى.

دىن ۋە دۆلەتنىڭ ئايرىلىشى: دىن خالىسلىقنى ئاساس قىلىدۇ، دۆلەت بولسا ھۆكۈمرانلىق كۈچى بىلەن ئىشىنى يۈرۈشتۈرىدۇ. ئەگەر دۆلەتنىڭ دىنى بولسا، ئۇ چاغدا مەجبۇرلاش تەبىئىتىنىڭ تەقەززاسى بولىدۇ. دۆلەت سىياسىي ئاپپارات بولۇش سۈپىتى بىلەن باشقىسىنى تىزگىنلەش ئاساسى ئۈستىگە قۇرۇلغان. شەخسنى ئاساس قىلغان دىننىڭ تىزگىنلەش خاراكتېرى يوق بولۇپ، بۇ جەھەتتە پەيغەمبەرگە بېرىلگەن تەلىمات، ئۇنىڭ ۋەكىل ئەمەسلىكى، ئاللاھ نامىدىن ھېچكىمنى مەجبۇرلايدىغان سالاھىيەتكە ئىگە ئەمەسلىكىدۇر (لەستە ئەلەيھىم بى مۇسايتىر)[22].

سىياسەت ھاكىم مۇتلەقچى بولۇپ، مۇقىملىقنى بەرپا قىلىش ئۇنىڭ غايىسىدۇر. لېكىن دىن ئۆزىگە مەنسۇپ بولغۇچىلاردىن مۇقىملىقتا ئەمەس، بەلكى توغرىلىقتا چىڭ تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. دىن شەخسكە تەنقىدى ئاڭ ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇت قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ ياخشى ھالغا كەلتۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئارتىدۇ.

سىياسەت ساھەسى، ئىنسان ئەقلى ۋە تەجرىبىسى بايقايدىغان ساھە ئىچىدە بولۇپ، مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى ئەقىل ئارقىلىق بەلگىلىگىلى بولىدىغان بولۇپ، بۇ مەسىلىدە دىننىڭ تەلىماتلىرى بۇ بەلگىلىمىلەرنى قوغداشتا شەخسنىڭ ئىرادىسىنى كۈچلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. قۇرئان مۇنداق دېمەكتە: «ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى (ئەلچىسى ۋە ۋەھىي) بولمىغان تەقدىردىمۇ، كىشىلەردىن ئاز بىر قىسمى توغرىنى تاپالايتتى»[23].

ئەخلاق ۋە دىننىڭ مەسئۇلىيەتنىڭ ئاساسى بولۇشى جەھەتتە مەشھۇر سىياسەت نەزەرىيەچىسى ئالىم ماۋەردى ئەقىلنىڭ دىننىڭ ئالدىدا تۇرىدىغانلىقىنى ياقلىماقتا. بۇ سەۋەبتىن ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ قايسى پىرىنسىپلار ئاساسىدا بىنا قىلىنىدىغانلىقى ئەقىل ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ. دىننىڭ بۇيرۇقلىرى ئەقىل ئارقىلىق بايقالغان ساھەگە قىلىنغان ئىغۋاگەرچىلىك ئەمەس، ئەكسىچە ئەقىل ئارقىلىق بايقالغان ياخشىلىقلارنىڭ ئادا قىلىنىشى، يامانلىقلاردىن ھەزەر ئەيلەش جەھەتتە ئىنسان ئىرادىسىنى تەربىيەلىمەكتە .

ئىسلامنىڭ دۇنيا قارىشى دىن – دۆلەتنىڭ ئايرىلىشىغا يول قويىدۇ. دۆلەت (باشقۇرۇش)كە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىشلارنىڭ تەپتىش ۋە تەنقىدكە ئوچۇق بولۇشى بۇ ئايرىلىش ئارقىلىق روياپقا چىقىدۇ. دىننىڭ، ئاللاھ نامىدىن باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان ۋە دىننىڭ پەقەت ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ داۋاملىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان يانتاياق سۈپىتىدە پايدىلانغان خەلىپە، سۇلتان، پادىشاھ … نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بارلىق ھۆكۈمدارلارنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇشى، بۇ ئايرىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.

چۈنكى دىنى تۈس ۋە مەزمۇنغا ئىگە بولغان بارلىق ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇملار دۇنيادا ئاكتىپ ھالغا كېلىدۇ ۋە دۇنيادا ھاياتىنى ئۆتكۈزگەن بىر كىشىنىڭ ھەرقانداق ساھەدىكى ھەرىكەت لىنىيەسىنىڭ توغرا يۆنىلىشتە بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

دىن ۋە سىياسەتنىڭ مۇناسىۋىتى: دىن ۋە سىياسەت ئوتتۇرىسىدا يۇقىرىقىدەك چەك – چېگرا ئايرىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. ئۇنداقتا دىندار كىشىلەر سىياسەت بىلەن مەشغۇل بولمامدۇ؟ شۈبھىسىز، دىندار كىشى سىياسەت بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. لېكىن سىياسەت بىلەن شۇغۇللانغاندا ئۆزلەشتۈرگەن دىنى پىرىنسىپلار ئاساسىدا سىياسەت ئېلىپ بارىدۇ. مۇسۇلمانلار  بۇ پىرىنسىپلارنى ھېچقاچان باشقىلارغا تېڭىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس. مۇشۇنداق بولغاندا دىن سىياسەتنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ قېلىش خەۋپىدىن خالىي بولىدۇ. تارىخقا قارايدىغان بولساق، دىننى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ۋاسىتە سۈپىتىدە ئىشلەتكەن، ئۆزىنى دىندار دەپ دەۋا قىلغان مۇستەبىتلەر بارلىق دىنى ئەنئەنىدە مەۋجۇت.

ئىجتىمائىي سۈلھى: ئىسلامدا سىياسىي تۈزۈمنىڭ مەنبەسى ئىلاھى ئىرادە ئەمەس، ئەكسىچە ئىنساندۇر. چۈنكى قۇرئاننىڭ دۇنيا قارىشىغا ئاساسلانغاندا، ئىنسان تۇغۇلۇشتىنلا ياخشى – يامان، پايدا – زىياننى بىلىدىغان، ئايرىيالايدىغان ئالاھىدىلىككە، ئەقىل ۋە ۋىجدانغا ئىگە. (بۇ قاراش مودېرىن دەۋردە جون لوكە[24]نىڭ ئىجتىمائىي سۈلھىنى ئىنسانغا تاياندۇرۇشىنى ئەسلىتىدۇ. چۈنكى ئۇمۇ ھوبىسنىڭ[25] ئەكسىچە ئىنسانلارنىڭ ياخشى ۋە تىنچلىقپەرۋەر خاراكتېرغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. توماس ھوبىسدىمۇ بىر خىل كېلىشىم مەۋجۇت. لېكىن بۇ كېلىشىمنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىش سەۋەبى، ئورتاق ئىنسان ئەقلىنى قوللىنىپ، ھەر ئىنسان تەبىئىتى پەيدا قىلىدىغان مەسىلىلەردىن ئازاد بولۇشتۇر. ھوبىسنىڭ قارىشىچە، ئىنساننىڭ تەبىئىتى شەخسىيەتچىلىك بولۇپ، سۈلھى ياكى كېلىشىم ئارقىلىق بۇ شەخسىيەتچىلىك بوغۇپ تاشلىنىشى كېرەك). ئىنسانلار بۇ سىستېمىنى ئىجتىمائىي سۈلھى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. ئىجتىمائىي سۈلھىنىڭ تۇنجى ئۆرنىكىنى مەدىنە ۋەسىقىسى دەپ ئاتالغان 47 ماددىلىق كېلىشىمدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ كېلىشىم سۈلھى قىلغۇچى بارلىق تەرەپلەرنى بىرمۇ بىر تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەق – ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى بەلگىلىگەن.

ئىسلام ئوتتۇرىغا قويغان، مۇئمىنلەر رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپ، بەلگىلىمە، مەقسەتلەر سىياسىي تۈزۈملەرنىڭمۇ ئىسلامغا مۇۋاپىق ۋە يوللۇق بولۇپ – بولمىغانلىقىنى بەلگىلەشتە يول كۆرسەتكۈچى بولۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئىسلامى سىياسەت قۇرۇلمىسىدا ھەر بىرى قۇرئاندا قايتا – قايتا تىلغا ئېلىنغان ۋە قۇرئانى مەنىسىمۇ روشەن بولغان تۆۋەندىكى ئامىللار مەۋجۇت بولىدۇ:

تەۋھىد: دىنى، مىللىي … ھەرقانداق پەرقلىق تەرەپلىرى نەزەردە تۇتۇلماستىن، بارلىق ئىنسانلارنى ياراتقۇچىنىڭ شەرەپلىك بەندىسى دەپ قوبۇل قىلىش ۋە تەبىئىي كىشىلىك ھوقۇقلارنى ھەر بىر شەخس ئۈچۈن ياقىلاش.

ئىتائەت: ئاساسلىق پىرىنسىپلارغا رىئايە قىلغانلا بولسا باشقۇرغۇچىلارغا قارشى چىقماسلىق، ئىتائەتسىزلىك، باشباشتاقلىق پەيدا قىلماسلىق. ئاساسلىق ھەق – ھوقۇق ۋە پىرىنسىپلار دەپسەندە قىلىنغاندا ئاممىۋى ئىتائەتسىزلىك يولىنى تۇتۇش ۋە تەپتىش مېخانىزمىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشتۇر (بۇ ۋەلايەت دەپ ئاتىلىدۇ).

خىلاپەت (ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى): بۇ ھوقۇق، ھاكىمىيەت تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن بەلگىلىك كىشىلەر تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ھەر بىر شەخس تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدۇ. ھەر بىر شەخسنىڭ باشقۇرۇشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار. يەنە ھەر بىر شەخسنىڭ ھۆكۈم چىقارغۇچىنى نازارەت قىلىش ۋە تەپتىش قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. خىلاپەت باشقۇرۇش تۈزۈمى ئەمەس. خەلىپە، ھەر بىر شەخس بولۇپ، ھەر شەخسنىڭ نۇقتىلىق پىرىنسىپلار ئاساسىدا باشقۇرغۇچى بولۇشقا ئۆزىنى نامزات قىلىپ كۆرسىتىش ھوقۇقى خىلاپەت دەپ ئاتىلىدۇ. لىدېر ھېچقاچان ئاللاھنىڭ خەلىپىسى دەپ قارالمىغان. بۇ قاراش، پارس كۈلتۈرىدىكى تەڭرىنىڭ يەر يۈزىدىكى سايىسى چۈشەنچىسىنى ۋە خاتالاشماس ھۆكۈم چىقارغۇچى (خاتالىقتىن خالىي ئىمام) تەلىماتىنى تەنقىد قىلماقتا.

بەيئەت: خەلقنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ھوقۇقنى ئىشلىتىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش بولۇپ، باشقۇرغۇچىغا بەيئەت قىلغۇچىلار نېگىزلىك پىرىنسىپلارنى ئىجرا قىلىش ھەققىدە ۋەدە بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن بەيئەت قىلىدۇ. بۇ پىرىنسىپلار، يەنى ھەق ۋە مەسئۇلىيەتلەر پايمال قىلىنسا، قۇرئاننىڭ ئىپادىسى بىلەن ئاللاھ بەلگىلىگەن چەك (ھۇدۇدۇللاھ)تىن ئېشىپ كېتىلسە، ئاممىۋى ئىتائەتسىزلىك قىلىپ قارشىلىق كۆرسىتىش ھوقۇقى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، ئاللاھنىڭ ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇسۇلمانلار بىلەن كېڭىشىش (شۇرا) ۋە بەيئەت بۇيرۇقى بەرگەنلىكىگە قارىغاندا، باشقۇرۇشنىڭ مەنبەسى ئىلاھى ئەمەس، ئەكسىچە ئىجتىمائىيدۇر. جەمئىيەتتىكى بەيئەت ئەبەدىي ئەمەس، بەلكى ئۆتكۈنچى بولۇپ، پەرقلىق ۋەزىيەت ۋە شارائىتلاردا بەيئەتنى يېڭىلاش كېرەك.

شۇرا: باشقۇرغۇچىلارنىڭ سايلىنىشى ۋە ئىشلارنىڭ ئۇتۇقلۇق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن مەسلىھەت، كېڭەش ئاساس قىلىنىشى كېرەك. شۇرا پەقەت سىياسىي ساھەگىلا خاسلاشتۇرۇلماسلىقى لازىم. كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىشلار ئۈچۈنمۇ شۇرا زۆرۈر. قۇرئاننىڭ شۇرا بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەكىتلىرى دېموكراتىيە نۇقتىسىدىن مۇنازىرە قىلىنىشى كېرەك. نەزەرىيەۋى ئاساسى كۈچلۈك ۋە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇۋاپىق سىياسەت كۈلتۈرى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق ئۇقۇملاردىن بىرسى شۇرا ئىدى. ئەپسۇسكى، بۇ ئۇقۇم رەسمىي كىملىككە ۋە كىشىلەر ئۆزئارا ھەل قىلىدىغان ئىشلاردا بىر – بىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىشنى تەۋسىيە قىلىدىغان تار دائىرىدىكى ساھەدىن ھالقىتىلىپ، كەڭ دائىرىلىك مەنىگە ئىگە قىلىنالمىدى.

ئەمرى بىلمەئرۇف ۋەننەھيى ئەنىلمۇنكەر: ھاكىمىيەتتە ياخشى، پايدىلىق ۋە ئۇزۇن مۇددەت تەسىرگە ئىگە بولغان ئىشلارنى ئومۇمىيلاشتۇرۇش، شەخس ياكى ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ئىشلارنى چەكلەشنى بىلدۈرىدۇ. شەخسنى يوللۇق شەكىلدە سىياسەتكە قاتناشتۇرىدىغان ئۇقۇم، قۇرئاندا ئەمرى بىلمەئرۇف ۋەننەھيى ئەنىلمۇنكەر (ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش) شەكلىدە پىرىنسىپلاشتۇرۇلغان.

ۋەلايەت (نازارەت): سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچى ۋە باشقۇرغۇچىنى نازارەت قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغۇچىلار تەرىپىدىن تەشكىل تاپقان ئورگاننى بەرپا قىلىشتۇر. پەرىكلەستىن (Perikles’ten، ۋاپات، مىلادىدىن بۇرۇنقى 495 – 429)نىڭ تۆۋەندىكى سۆزى بۇ تەپتىشنىڭ باشقىچە قىسقا ئىپادىسىدۇر:

«گەرچە ناھايىتى ئاز ساندىكىلىرىمىز سىياسەت يارىتىش ۋە ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر بولساقمۇ، لېكىن ھەممىمىز ئۇ سىياسەتنى سوراققا تارتىشىمىز كېرەك»[26].

بۇ سەۋەبتىن ئورتاق ئىنسان ئەقلى نازارەتنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ ئىپادىنىڭ قۇرئاندا بولۇشى، باشقۇرۇش شەكلىگە دىنى تۈس كىرگۈزۈشنى تەقەززا قىلمايدۇ. ۋەلايەت، خەلق ياكى خەلققە ۋاكالىتەن قۇرۇلغان نازارەت دېگەنلىكتۇر. بۇ نۇقتىدا ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرنىڭ خەلىپە سايلىنىشىدىن كېيىن قىلغان نۇتقى ئۈستىدە توختىلىش كېرەك. ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر تۇنجى نۇتقىدا: «ئاللاھقا قارشى چىقىپ، ئادالەتنى بەرپا قىلالماي قالسام، ماڭا ئىتائەت قىلماڭلار»[27] دېگىنىگە قارىماستىن، كېيىنكى دەۋرىدە يۈز بەرگەن كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ۋەقەلەردىن كېيىن ئىستېپا بېرىش تەلەپ قىلىنغاندا، ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئىستېپا بېرىشنى رەت قىلغان بولۇپ، ئۇ شۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچتا شېھىت قىلىنىپ، ھۆكۈمەت قان تۆكۈش يولى ئارقىلىق ئالماشتۇرۇلغان. بۇ مىسالدا كۆرۈلگەندەك، ئىسلام دۇنياسى شۇرا پىرىنسىپىغا رىئايە قىلمىدى ۋە ئۇنى بىر پىرىنسىپقا ئايلاندۇرالمىدى. شۇرا باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلارنى، ئۆز مەيلىچە باشقۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش ئېھتىمالىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگەن، باشقۇرۇلغۇچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىلار ئۈستىدىكى نازارەت مېخانىزمىنى ئاكتىپ ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن… پىرىنسىپ ھالىغا كەلتۈرەلمەسلىكتىن كېلىپ چىققان سەلبىي ئاقىۋەتلەر دائىم مەسىلە تۇغدۇرۇپ كەلمەكتە. قۇرئاندىكى «ۋەلى» ئۇقۇمىدىن تۈرلىنىپ چىققان «ۋەلايەت» ئۇقۇمىنى پەقەت «دوستلۇق» ئۇقۇمى بىلەن ئىپادىلەش توغرا ئەمەس.

مۈلك: تۈزۈم (مۈلك)نىڭ ئىككى پۇتى بار بولۇپ، ئۇلار قۇرۇلما ۋە ھۆكۈمەتتىن ئىبارەتتۇر. تۈزۈمنىڭ قۇرۇپ چىقىلىشىدا دىن (ئاساسلىق پىرىنسىپ)، كۈچ ۋە بايلىقتىن ئۈچ ئاساسلىق نۇقتا بار. ماۋەردى ئىجتىمائىي چوڭقۇرلۇقنىڭ تۆۋەندىكى ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ:

ئەمەل قىلىنغان دىن، كۈچلۈك ھۆكۈمەت، ئومۇمىيلاشقان ئادالەت، ئومۇمىي بىخەتەرلىك، ئىزچىل داۋاملاشقان پاراۋانلىق ۋە چەكسىز غايە (ئۈمىد ). چەكسىز غايە، تەشەببۇس ئارزۇسىنى قامچىلاپ، كىشىنى ئۆمرىگە سىغمىغۇدەك ۋە ھاياتى بويىچە ئېرىشەلمەيدىغان نەرسىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىنتىلدۈرىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىنسانىيەتكە ئاتا قىلغان خەلىپىلىك رولىنىڭ تەقەززاسى بىلەن بەرگەن چەكسىز غايە نەتىجىسىدە تەرەققىيات، گۈللىنىش ۋە ئىلگىرىلەش ئەمەلگە ئاشقان بولۇپ، ماددىي ئىلگىرىلەش يولى تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ھالدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزۈلگەن (ئەدەبۇد دۇنيا، 69 – بەت).

مۈلك دۆلەت تۈزۈمى مەنىسىدە ئىشلىتىلمەكتە. باشقۇرغۇچى، مەھكىمنىڭ قازىنىڭ مۈلكى ئەمەسلىكى چۈشەنچىسى بىلەن باشقۇرۇشى، بارلىق مۈلكنىڭ ئەسلىدىنلا ئاللاھقا ئائىت ئىكەنلىكى ئېڭى ھاسىل قىلغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە ئىدراكى بىلەن باشقۇرۇشى كېرەك. باشقۇرغۇچى ئاللاھنىڭ مۈلكىدە تەسەررۇپ قىلغان كىشى سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىشى ۋە قىلمىشلىرىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇمىغان ھالدا ئىش قىلىشى لازىم. بۇ سەۋەبتىن باشقۇرغۇچى ياكى ھۆكۈمدار ھېچقاچان ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى سايىسى ئەمەس.

ئاللاھنىڭ مۈلك ۋە باشقۇرۇشنى خالىغان كىشىگە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئايەتلەر، تۈزۈم (مۈلك) ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەنبەسىنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. بۇ ھۆكۈم ۋە مۈلكنىڭ لايىقىدا ئىدارە قىلىنىشىدا ئادالەت ۋە ئاللاھنىڭ نازىل قىلغىنى ئاساس قىلىنىدۇ. «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم  قىلىشقا بۇيرۇيدۇ»[28].

ھۆكۈم: ھەم ھۆكۈمەتنى، ھەم سوتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇقۇم بولۇپ، دىندا ئاساسلىق ھالدا ھۆكۈمنىڭ ئاللاھقا خاس ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. ئىدارە قىلغۇچىلار ئاللاھنىڭ بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن بەلگىلەپ بەرگەن نېگىزلىك ھەق – ھوقۇقنى نەزەردىن ساقىت قىلماستىن باشقۇرۇشى كېرەك. بۇ نېگىزلىك ھەق – ھوقۇقلار بولسا دىننىڭ ھىمايە قىلىنىشى (دىن ئەركىنلىكى)، جان بىخەتەرلىكى، مال – مۈلك بىخەتەرلىكى (مۈلكىيەت ھوقۇقى)، نەسىل، ئەقىل (چۈشەنچە ئەركىنلىكى) بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىدۇر.

«بىر نەرسىدە ئىختىلاپلىشىپ قالساڭلار ئۇنىڭ ھۆكمى ئاللاھقا خاستۇر» (شۇرا سۈرىسى، 10 – ئايەت). دەتالاشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، ھاكىمىيەتنىڭ ئىنسان تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاللاھنىڭ ھۆكمىنىڭ ئەقىل، ھېكمەت ۋە ۋىجدانغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكى نەزەردە تۇتۇلغاندا، ئەسلىدە بۇ ئامىللار قايتىدىن ھاكىم ئورۇنغا ئۆتكەن يېشىمگە يېتىشى مەقسەت قىلىنماقتا.

بۇ ئايەتتە ئىنسان ئىشلىتىدىغان ھاكىمىيەت دائىرىسىنىڭ چەكسىز ئەمەسلىكىمۇ بىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ھېچكىم ئاللاھ نامىدىن ھەرقانداق بىر سىستېما ئاستىدا چەكسىز ۋە مەسئۇلىيەتسىز ھۆكۈمرانلىقنى دەۋا قىلالمايدۇ. ھەرقانداق ئەھۋالدا ئاستىدا ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغان ھاكىمىيەت بولۇپ، ئىنساننىڭكى بولسا سىياسىي خاراكتېرلىك ھاكىمىيەتتۇر، يەنى باشقۇرۇش سالاھىيىتىدۇر.

«ئىنىلھۇكمۇ ئىللا لىللاھ (ھۆكۈم چىقىرىش پەقەت ئاللاھقا خاستۇر)» ئىپادىسىدىكى «لى»، ھۆكۈمنىڭ ئاللاھقا خاس ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ، ئاللاھنى ھەق – ھوقۇقلارنىڭ كېپىلى دەپ بىلىشنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ بولسا قانۇن (پىرىنسىپلار)نىڭ ئۈستۈنلىكى دېگەنلىكتۇر. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، «ئىدارە قىلغۇچى زۇلۇم قىلغان تەقدىردىمۇ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جائىز ئەمەس» دېيىش ئارقىلىق نېگىزلىك پىرىنسىپلار دەپسەندە قىلىنغان. ھالبۇكى، زۇلۇم قۇرئاندا قەۋملەرنىڭ ھالاك قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى سۈپىتىدە كۆرسىتىلمەكتە: «ئەنە شۇلار زۇلۇم قىلغانلىقى سەۋەبىدىن خانىۋەيران بولغانلارنىڭ يۇرتلىرىدۇر» (نەمل سۈرىسى، 52 – ئايەت).

ئادالەت، باراۋەرلىك ۋە ئەركىنلىك: بۇلار ھەم ئىدارە قىلىش، ھەم ھۆكۈم چىقىرىشتىكى ئەڭ ئاساسلىق پىرىنسىپ بولۇپ، بىر ھاكىمىيەت تۈزۈمىنىڭ ئىسلامى بولۇپ – بولمىغانلىقىنىڭ نېگىزلىك شەرتلىرىدىن بىرسىدۇر. ئەركىنلىك مۇقەددەس بولۇپ، ھاكىمىيەتنى ئىدارە قىلغۇچىنىڭ ئاساسلىق نىشانى، ئەركىنلىكتىن پايدىلىنىشنىڭ ئالدىدىكى بارلىق توساقلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتۇر.

لاياقەت: باشقۇرغۇچى بولۇش ئۈچۈن مەزكۇر ئىشقا لايىق بولۇشتۇر. لاياقەتلىك بولۇش ئۇقۇمى، پادىشاھلىق، ئاقسۆڭەكلىك ۋە مۇستەبىت تۈزۈملەرنىڭ ھەممىسىنى رەت قىلىدۇ. سەلتەنەت بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا لاياقەت پىرىنسىپىغا زىت كېلىدۇ. چۈنكى باشقۇرغۇچى نامزات شۇ ئىشقا لايىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمران خانىدانغا مەنسۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن تاللىنىدۇ. لاياقەت ئۇقۇمى، كۆپ سانلىقنى ئاساس قىلىشقا شارائىت يارىتىپ بېرىدىغان ئاتالغۇ بولۇپ، ئىدارە قىلىشقا لايىق بولغان كىشىلەرنىڭ دىنى نەزەرگە ئېلىنمايدۇ، مەزكۇر ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ – چىقالمايدىغانلىقى، يەنى لاياقىتى ئاساس قىلىنىدۇ.

 

غايە ۋە رېئاللىق پەرقى

 

دىن پەقەت شەھەردە، يەنى مەدەنىيەت ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئىجتىمائىي ماكاندا ئۆزىگە بىر كىشىلىك ئورۇن تاپالايدۇ. ئەلى ئىززەتبېگوۋىچنىڭ قارىشىچە مەككىدە بولۇپ ئۆتكەنلەر تېخى ئىسلام ئەمەس بولۇپ، ئىسلام مەدىنىدە باشلىغانىدى. ھىرا غارىدا ھەزرىتى مۇھەممەد بىر زاھىت ھەنىف كىشى ئىدى. ئۇ، مەككىدە دىنى چۈشەنچىنىڭ خەۋەرچىسى بولۇپ، ئۇ ئېلىپ كەلگەن تەلىماتلار مەدىنىدە تاماملانغان ۋە كىشىلەرنىڭ ئېڭىدىن ئورۇن ئالغانىدى. «بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە بولغان نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنىڭ سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشىغا رازى بولدۇم» ئايىتى بۇنى ئىما قىلماقتا. ئىسلامنىڭ ئىجتىمائىي ۋە قانۇنى تۈزۈلمىسىنىڭ باشلانغۇچى ۋە مەنبەسى مەككە دەۋرى ئەمەس، بەلكى مەدىنە دەۋرىدۇر.

ھەزرىتى مۇھەممەد غاردىن قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر ئىدى. ئەگەر ئۇ قايتىپ كەتمىگەن بولسا ھەنىف سۈپىتىدىلا قالغان بولاتتى، لېكىن قايتىپ چۈشكەنلىكى ئۈچۈن ئىسلامنىڭ ئەلچىسى بولدى. بۇ ئىچكى ۋە تاشقى دۇنيانىڭ، مېستېتىزم (روھانىيلىق) بىلەن ئەقىلنىڭ، تەپەككۇر بىلەن ھەرىكەتنىڭ مۇجەسسەملىشىشى ئىدى. ئىسلام مېستېتىزم سۈپىتىدە باشلانغان بولۇپ، سىياسىي ۋە دۆلەت چۈشەنچىسى شەكلىدە داۋاملاشتى. دىن رېئال دۇنياغا قەدەم بېسىپ ئىسلام بولدى. دىن ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ھاياتىدا ھەقىقەتەن تەبىئىي ماسلىشىشچانلىق ئىچىدە مېھرى – مۇھەببەت بىلەن كۈچ، مۇقەددەس بىلەن ئادەتتىكى، ئىلاھىي بىلەن ئىنسانى خۇسۇسلارنىڭ تەبىئىي بىرلىشىشى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. دىن بىلەن سىياسەت مەيدانغا كەلتۈرگەن بۇ پارتلىغۇچى بىرلەشمە ماددا، كىشىلەرنىڭ ھاياتىدا مىسلىسىز ئېنېرگىيەنى ئاشكارا قىلغانىدى. مانا بۇ نۇقتىدا ئىسلامنىڭ شەكلى بىلەن ھايات شەكلىنىڭ بىر – بىرىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى دەرھال كۆزگە چېلىقىدۇ. «مېنىڭ ئۈممىتىم زالالەت ئۈستىدە بىرلەشمەيدۇ» دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىستە، ئۈممەت بىر پۈتۈنلۈك ۋە جامائەت پىرىنسىپ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا. كىشىلەرگە قىلغان خىتابنىڭمۇ دۇنياۋى ماھىيىتى بار. ئۈممەت تېخىمۇ يۇقىرى، ئورتاق ئەقىلنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە تەرىپلەنمەكتە. بۇمۇ ئەركىن تەپەككۇر قىلىشنىڭ، باراۋەرلىكنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئالاھىدە  مۇئامىلە ۋە تەبىقە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ زىتتىدۇر. ئىسلام راھىب ۋە ئەزىزلەردىن ئىبارەت تاللانغان تەبىقىنى ۋە بىرسى سەرخىللار، يەنە بىرسى بولسا خەلق ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى پەرقلىق پىروگراممىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇ خۇسۇس باراۋەرلىك پىرىنسىپىنىڭ جاكارلىنىشىغا ئوخشايدۇ[29].

ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ، ئىسلامنى ئىنساننىڭ تەكرارى دەپ قارايدۇ. ئىسلامنىڭ خۇددى ئىنسانغا ئوخشاش «ئىلاھى ئۇچقۇن»ى بار. لېكىن ئىسلام ھاياتنىڭ كۆرۈنمەس تەرىپى ۋە ئادەتتىكى شەيئىلەر ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىدىغان ۋەز بولۇپ، ئۇنىڭ شائىرلار ۋە رومانتىك كىشىلەر تەرىپىدىن ياقتۇرۇلماسلىقى مۇمكىن بولغان بەزى تەرەپلىرى بار. قۇرئان رېئالىست بولۇپ، ئانتى – ھىروئىك (ئەپسانە قەھرىمانلارغا قارشى) كىتابتۇر. ئۇنى تەتبىقلايدىغان كىشى بولماستىن ئىسلامنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ، ھەتتا ئىبارىلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسىمۇ مەۋجۇت بولالمايدۇ. ئەپلاتۇننىڭ غايىلىرى، لىپنىز (Leipniz)نىڭ موناد (پارچىلانماس بىرلىك)لىرى ۋە خىرىستىيانلىقتىكى پەرىشتىلەر ئاساسەن ئوخشاش خۇسۇسقا، يەنى زاماندىن ھالقىغان، مۇكەممەل، مۇتلەق ۋە ھەرىكەتسىز بىر ئالەمگە دالالەت قىلماقتا. ئىسلام بۇنداق ئالەمنى تەسەۋۋۇر قىلمايدۇ[30].

ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ مەدىنە دەۋرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان بولسا، بەزى مۇتەپەككۇرلار مەككە دەۋرىنىڭ ئىسلام چۈشەنچىسىنىڭ جەۋھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى ئېيتماقتا. سۇدانلىق يازغۇچى مەرھۇم مەھمۇد مۇھەممەد تاھانىڭ ۋارىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ چۈشەنچە، ئەنئەنىۋى شەرىئەت چۈشەنچىسىنىڭ ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ كېيىنكى مەدىنە دەۋرىگە ئائىت تەلىماتلارغا ئاساسلانغانلىقى، ھالبۇكى ئىسلامنىڭ ئەبەدىي ۋە نېگىزلىك تەلىماتلىرىنىڭ ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ دەسلەپكى مەككە دەۋرىدىكى تەلىماتلار ئىكەنلىكىنى ياقلايدۇ. ئەن-نائىم، ئەڭ نېگىزلىك بولغان مەككە تەلىماتلىرى ۋە پىرىنسىپلىرىغا (7 – ئەسىرنىڭ تارىخى نەزەردە تۇتۇلغاندا) قارىغاندا، رېئاللىققا تېخىمۇ مۇۋاپىق ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان بولغان مەدىنە تەلىماتلىرىنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، چۈنكى خەلقنىڭ مەككىدىكى ئەڭ نېگىزلىك تەلىماتلارنى تەتبىقلاشقا نىسبەتەن ئىدىيە جەھەتتىن تەييار ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. كۈنىمىزدە تارىخى شەرت – شارائىتلار ئۆزگەرگەنلىكى نەزەرگە ئېلىنغاندا، ئەن-نائىم مۇسۇلمانلارنىڭ شەرىئەتنى شەرھىيلەشتە مەككە دەۋرىنىڭ ئىزىدىن مېڭىشى كېرەكلىكىگە ئىشەنمەكتە. بۇ شەكىلدە ئىزاھلانغاندا شەرىئەتنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق دېموكراتىيەنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتماقتا[31].

ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ خۇددى ئۆزى ياشاۋاتقان رايوننىڭ تىلىغا تەرجىمان بولغاندەك ئىزچىل ھالدا رېئاللىققا، ھەرقانداق كىشىنىڭ ئالدىغا ئۇچرايدىغان ۋە ئۆزىنى ئۇنىڭغا تاڭغان كۈلتۈر خاراكتېرلىك ، جۇغراپىيە، سىياسىي … شەرت – شارائىتلارغا ئىشارەت قىلماقتا. بېگوۋىچ بار بولغىنىدىن تارتىپ ئىنساننىڭ تارىخىنى كۆزەتكەن بىرىنىڭ بىتەرەپلىكى نۇقتىسىدا تۇرۇپ، تەسۋىرلىرى بىلەن رېئاللىقنى يەكۈنلەپ بەرمەكتە. بۇ ئەسلىدە شۇنداق بولۇشى كېرەك بولغان ئەمەس، بەلكى بار بولغىنىدۇر. ھاياتنىڭ سەرگۈزەشتىسى بۇ پىرىنسىپ ئۈستىگە بەرپا قىلىنغان:

« شۇنى دېيەلەيمىزكى، مۇكەممەل دەپ قارالغان جەمئىيەتنىڭ رەقىبى تۇنجى يارىتىلىشىتىن، ئىنساننىڭ ‹ئىنسان بولۇشى›دىن بېرى ئىمكانسىز بولۇپ كەلدى. شۇنىڭدىن تارتىپ ئىنسان دائىم توقۇنۇش، خاتىرجەمسىزلىك، ناخۇشلۇق ۋە دىرامماغا دۇچ كەلمەكتە («بۇيەردىن مۇئەييەن بىر ۋاقىتقىچە بىر – بىرىڭلارغا دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈپ كېتىڭلار»، بەقەرە سۈرىسى. 36 – ئايەت). غايىۋى جەمئىيەت كىشىلىك خاراكتېردىن پۈتۈنلەي مەھرۇم نەسىللەرنىڭ بىر خىل رىتىم بىلەن بىر – بىرىنى ئەبەدىي تەقىب قىلىشى دېگەنلىك بولىدۇ. بۇلار تاكى ‹رەزىل› ئەبەدىي دۇنياغىچە تۇغىدۇ، ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئىستېمال قىلىدۇ ۋە ئۆلىدۇ. يارىتىلىش ھەقىقىتى ۋە ئىنساننىڭ مەۋجۇت بولۇشىدا ئاللاھنىڭ ئارلىشىشىنى بۇ ‹مېخانىزمنى› مۇمكىن بولمايدىغان خىيالغا ئايلاندۇرغان. پۈتكۈل ئۇتوپىيەلەرنىڭ ئاللاھقا ۋە دىنغا قاتتىق ئۆكتە قوپۇشى مانا بۇ سەۋەبتىن بولغان. جەمئىيەتنىڭ مۇكەممەل شەكىلدە تەرتىپكە سېلىنىشى كاھىنلارنىڭ جەمئىيەتنى ۋە مەنپەئەتلىرىنى ئەڭ ئالىي قانۇن سۈپىتىدە ئېلان قىلىشىنىڭ ئەكسىچە، ئاللاھ ئەڭ ئالىي قانۇننىڭ ‹ئىنسان› بولۇشىنى تەلەپ قىلماقتا. دۇنيانىڭ ئىمتىھان مەيدانى بولالىشى، ئىنساننىڭ ئەڭ ئالىي بايلىق سۈپىتىدە قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرالىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەركىنلىك بېرىلگەن. بۇ ئەھۋالدا ئۇتوپىيەنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىش، ئىنسان روھىنىڭ ئىنكار قىلىنىشى ئاساسىغا بەرپا قىلىنغان بىغۇبار ئۈمىدۋارلىقتىن ئىبارەتتۇر، خالاس. لېكىن ئىنسان روھىنىڭ، كىشىلىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشەنمەيدىغان كىشىنى ‹ئارام تاپقۇزۇش›، ‹جازالاش› مېخانىزمىنىڭ بىر قىسمى بولۇشنى قوبۇل قىلالايدىغان جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى قىلىشنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشى مۇمكىن… (بىر خۇدالىق ئېتىقادنى باشتىن كەچۈرمىگەن جەمئىيەتلەرنىڭ ئۇتوپىيەگە ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىدىغانلىقى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاندى. ئىتائەت، بىر خىللىق، بىر كىشىنىڭ ئېغىزىغا قارايدىغان، يېتەكچىگە چوقۇنىدىغان مۇرىتلار جامائىتى ۋە مەجبۇرىي تەلىم – تەربىيە ئۆلچەملىرىنى تېڭىش بۇنداق جەمئىيەتلەردە ناھايىتى ئاسان)[32].

ئۈچ بۈيۈك دىننىڭ تارىخى رولى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئىنسان بۇلار سەۋەبىدىن تارىخنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان، دۇنيا ۋە ئىنسانىيەتنى بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە قاراشقا ئادەتلەنگەن. دىنلار ئارىسىدا يەھۇدىيلىق دۇنياغا بېرىلىپ كېتىشنى، «سولچىللىققا مايىل بولۇش»نى تەشكىل قىلىدۇ. دۇنيادىكى جەننەت نۇقتىئىنەزەرنى ۋەدە قىلغان ۋە كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان پۈتكۈل يەھۇدىي نەزەرىيەلىرى مەزكۇر مايىللىقتىن ئىلھام ئالغان. «ئەييۇب كىتابى» بۇ دۇنيانىڭ ئۆزىدىلا ئەمەلىيلىشىشى زۆرۈر بولغان ئادالەتنىڭ چۈشىدۇر. يەنى، ئۇ دۇنيادا ئەمەس، بۇ دۇنيادا ۋە ھازىرنىڭ ئۆزىدە بەرپا قىلىنىشى كېرەك. «يەر يۈزىدە جەننەت» تەلەپ قىلغان بارلىق ئىنقىلابلار، ئۇتوپىيەلەر، سوتسىيالىزملار ۋە باشقىلار ئەسلىدە «ئەھدى قەدىم (تەۋرات)»دىن ئىلھام ئالغان، يەنى يىلتىزى يەھۇدىيلىققا تۇتىشىدۇ. يەھۇدىيلىقنىڭ بۇ ئاشقۇن ئەمەلىيەتچانلىقىنى خىرىستىيانلىقنىڭ ئاشقۇن ئىدېئالىزمى توختىتالىغان.

پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرى ئەۋەتىلگەن جەمئىيەتنىڭ رېئال قۇرۇلمىسىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا خىتاب قىلىدۇ. لېكىن خىتابلىرىنىڭ پۈتۈنلەي بۇ قۇرۇلما تەرىپىدىن ئىستېمال قىلىنغانلىقىنى ئېيتىش مۇمكىن ئەمەس. مۇتلەق ئادالەت، مۇتلەق باراۋەرلىك، لاياقەت… قاتارلىق ئۇقۇملار پۈتۈنلەي غايىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەمما بۇ غايىۋى شەكلى بىلەن مەزكۇر ئۇقۇملارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتتا يىلتىز تارتقانلىقىنى ئېيتىش مۇمكىن ئەمەس. لېكىن شۇ ھەقىقەتنى بىلىشىمىز كېرەككى: «يېرىم قالغان بۇ غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەسئۇلىيىتى پەيغەمبەر تەرىپىدىن ئۈممىتىگە ھاۋالە قىلىنغان».

ئالەمشۇمۇل بولغان نەرسە غايە ۋە نىشان بولۇپ، ھېچقاچان يەتكىلى بولمايدىغان ئۇپۇققا ئوخشاش ئىنساننىڭ ئالدىدا ئالغا قاراپ ماڭىدۇ. ئاساسلىق يېتەكچى پىرىنسىپلارنىڭ ئالەمشۇمۇل بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئارزۇ قىلىنغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك. بىر سىستېمىنىڭ پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا قىممەت يارىتىش دەۋاسى بولسا ئالەمشۇمۇل نىشانىدىن ئېغىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىسلامنىڭ نىشانى مەۋجۇت يەرلىك ئەنئەنە ۋە ئۆرپ – ئادەتنى مەرۇپقا، يەنى ئورتاق ياخشىغا ئايلاندۇرۇشتۇر.

 

يېتەكچى قىممەتلەرنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مۇئەسسەسەلىشىگە (مۇھاپىزىكارلىققا) قارشى دىنى دىنامىزم

 

دىنى ھەرىكەتلەر ھەمىشە بىرەر ئالمىشىشنىڭ ۋاسىتىسى بولغان. بىر دىننىڭ مۇھاپىزىكارلىققا ئىگە بولۇشى ۋە ئۆزىنى ئۆزگىرىشكە يېپىق تۇتۇشى، ھاياتلىق سۈيىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى دېگەنلىكتۇر. يېڭىدىن كەلگەن بىر دىن باشتىن ئاخىر ئۆزگىرىش ۋە تەجرىبىلەر بىلەن تولۇپ تاشقان بولۇپ، ھەر جەھەتتىن يېڭى قاراشلارغا ئۆزىنى ئوچۇق تۇتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىسلام تۇغۇلغان ۋاقىتتا جامائەتلەشتۈرگۈچى ۋە زامانىۋىلاشتۇرغۇچى مۇھىت ياراتقان. يەنە ئوخشاش شەكىلدە خىرىستىيانلىقمۇ ياۋروپانىڭ «ۋەھشىي» قەبىلىلىرى ئارىسىدا مەدەنىيلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىشنى بارلىققا كەلتۈرگەن. پىروتستانت چېركاۋىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن نەتىجىلەنگەن ئىسلاھات دەۋرى، دىننىڭ ئۆزگىرىشتىكى رولىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەڭ روشەن ۋەقەلەردىن بىرسىدۇر.

ئەلى ئىززەتبېگوۋىچنىڭ قارىشىچە دىن ۋە ئىنقىلابلار قاتتىق ئازاب – ئوقۇبەت ۋە جاپا – مۇشەققەتلەر ئىچىدە مەيدانغا كېلىدۇ. ھەر ئىككىلىسى راھەت – پاراغەت ۋە باياشاتچىلىق ئىچىدە يوق بولۇپ كېتىدۇ. ھەقىقىي داۋاملاشقىنى بۇلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش تىرىشچانلىقى بولۇپ، بۇلارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئەينى ۋاقىتتا ئۆلۈملەردىن دېرەك بېرىدۇ. دىنمۇ، ئىنقىلابمۇ ۋۇجۇدقا چىققاندا ئۆزىنى چۈشەپ قويىدىغان مۇئەسسەسە ۋە قۇرۇلمىلارنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. مەزكۇر رەسمىي قۇرۇلمىلار ۋە مۇئەسسەسەلەر ئىنقىلابى ۋە دىنى ئەمەس بولۇپ، ئىنقىلاب يالغان سۆزلەشكە ۋە ئۆز ئۆزىگە خىيانەت قىلىشقا باشلىسا، ئىنقىلاب ساختا دىن بىلەن ئورتاق تىلغا ئىگە بولدى، دېگەنلىكتۇر[33].

ئىنسان ئەتراپىدا كۆرگەن، ئاڭلىغان ۋە زىچ مۇناسىۋەتتە بولغان دۇنيا ۋە جەمئىيەت ھەققىدە ئومۇمەن مەۋجۇت ھالەتنى قوبۇل قىلىدىغان ۋە داۋاملاشتۇرۇشنى تەرغىب قىلىدىغان ئىدىيە ياكى مەۋجۇت ھالەتنى قوبۇل قىلماي ئۆزگەرتىشنى ئارزۇ قىلغان ئىدىيەدىن ئىبارەت  ئىككى خىل ئىدىيەگە ئىگە بولىدۇ. دىنلار ئىككىنچى كاتېگورىيە ئىچىدە مۇلاھىزە قىلىنىشى كېرەك.

بىر جەمئىيەتنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشكە ۋە گۈللىنىشكە باشلىشىغا ياكى چىرىكلىشىپ كېتىشىگە ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىشىگە، بىر – ئىككى ئەسىر ئىچىدە جەمئىيەتنىڭ پۈتكۈل خاراكتېرى، روھى، نىشانى، بارلىق شەخسى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت تۈرلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولغان ئاساسلىق ئامىل نېمە؟

ئەسىرلەر بويى بۇ سوئالغا جاۋاب ئىزدەلدى ۋە ئىزدەلمەكتە. بەزى مۇتەپەككۇرلارنىڭ قارىشىچە تارىخنىڭ يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلغۇچى ئەڭ ئاساسلىق ئامىل «تاسادىپىيلىق»تۇر. مىللەتلەرنىڭ ھاياتىدىكى ئۆزگىرىشلەر، ئىلگىرىلەشلەر، چېكىنىشلەر… ھەممىسى تاسادىپىيلىقنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

ماتېرىيالىستلار ۋە تارىخى دېتېرمىنىزمغا ئىشىنىدىغانلاردىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپپىنىڭ قارىشىچە، تارىخ ۋە جەمئىيەت باشلانغۇچتىن تارتىپ بۈگۈنگىچە ھېچقانداق ئىرادىسى بولمىغان بىرەر دەرەخكە ئوخشاش ئۆزلۈكىدىن تەرەققىي قىلغان. دەرەخ ئەڭ باشتا بىر تال ئۇرۇق ئىدى، كېيىن بۇ ئۇرۇق بىخ تارتىپ تۇپراقنى يېرىپ چىقىدۇ، يىلتىز تارتىدۇ، ئەي بولۇپ شاخ، يوپۇرماق چىقىرىپ چوڭ دەرەخ بولىدۇ، مېۋە بېرىدۇ، قىشتا يوپۇرماقلىرى تۆكۈلىدۇ، باھاردا چېچەك ئاچىدۇ، يېتىلىدۇ ۋە قۇرۇپ قاقشال بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى -دەرەخ مەيلى خالىسۇن – خالىمىسۇن- ئۆزلۈكىدىن بولىدۇ. بۇ گۇرۇپپا جەمئىيەتنىڭ تارىخ بويىچە تەبىئەت قانۇنلىرىنىڭ تەبىئەتتە ئوينىغان رولىنىڭ، ئىنسان جەمئىيەتلىرىدە كۆرۈلگەن بەزى نېگىزلىك ئامىللار ۋە قانۇنلارغا ماس كېلىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىدۇ.

بۇ ئەقىدىچە بولغاندا جەمئىيەتنىڭ ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە ھېچقانداق بەلگىلىگۈچى تەسىرى يوق بولۇپ، جەمئىيەت تەبىئىي ئامىللار ۋە قانۇنلارغا ئاساسەن ئوتتۇرىغا چىققان تەبىئىي ھادىسىدۇر.

باشقا بىر گۇرۇپپا تاسادىپىيلىققا ياكى تەبىئەت قانۇنلىرىغا ئىشەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭچە، جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىدە ئۇلۇغ كىشىلەر ۋە قەھرىمانلار ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. تەبىئەت قانۇنلىرى بۇ كىشىلەرنىڭ قولىدىكى بىرەر ۋاسىتىدىن ئىبارەت، خالاس. ئۇنىڭدىن باشقا ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزگىرىشلەردە ھېچقانداق تەسىرى يوق بولۇپ، ئۇلارمۇ كۈچلۈكلەر پايدىلانغان ۋاسىتىدۇر. جەمئىيەتنىڭ ئوڭشىلىشى، گۈللىنىشى ياكى زاۋاللىققا يۈزلىنىشىدە ھالقىلىق رول ئوينىغۇچى بىردىنبىر ئامىل يەنىلا كۈچلۈك كىشىدۇر.

ئۆزگىرىشنىڭ مەنبەسى شەخس، دەپ قارايدىغانلارمۇ بىر – بىرىدىن پەرقلىق ئىككى قاراشقا ئىگە. بۇلاردىن بىرىنچىسى، مۇتلەق مەنىدە بىر كىشىنىڭ تارىخنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى ياقىلىماقتا. ئىككىنچى گۇرۇپپا بولسا، ئالدى بىلەن ئۇلۇغ بىر كىشىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىغا، ئاندىن مەزكۇر جەمئىيەت مۆتىۋەرلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغانلىقىغا، شۇنىڭ بىلەن «غوللۇق خادىم»لارنىڭ شەكىللىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. جەمئىيەتكە يول كۆرسىتىدىغان ۋە ئۆزىگە بىر نىشان بەلگىلەپ بەرگۈچىلەر مانا بۇ ئاقساقاللاردىن تەشكىل تاپقان جامائەدۇر.

ئىسلام، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدا بۇ قاراشلارنىڭ ھېچبىرىگە مۇتلەق ئامىل بولۇش سالاھىيىتىنى بەرمەيدۇ. قۇرئان ئۆزگىرىشنىڭ ئۇلىغا شەخسلەرنى ۋە شەخسلەردىن تەشكىل تاپقان خەلقنى قويىدۇ. ئىسلامدا بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە خەلقنىڭ ئۆزى مەسئۇلدۇر. بۇ سەۋەبتىن قۇرئان خىتاب قىلىنغان ئوبيېكت «ئەن-ناس(خەلق)»تۇر. پەيغەمبەر «ئەن-ناس»قا ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئۇلارغا خىتاب قىلغان. قىلمىشلىرىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلغۇچىلارمۇ يەنىلا خەلقتۇر.

ئىسلام بەزى چۈشەنچە ئېقىملىرىنىڭ ئەكسىچە، خىتاب قىلىۋاتقان ئىنسانلاردىن مۇئەييەن بىر گۇرۇپپىغا ئالاھىدە ئىمتىياز بەرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق ياكى ئۇنداق تەبىقىدە بولۇشىغا، باي ياكى كەمبەغەل بولۇشىغا قارىمايدۇ. تەبىقىۋازلىق ۋە كىشىلەرنى گۇرۇپپىلارغا ئايرىشنى قاتتىق چەكلەيدۇ. بۇنى پاسات (مالىمانچىلىق) پەيدا بولۇشنىڭ مەنبەسى دەپ قارايدۇ.

ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشنىڭ ئاساسلىق بەلگىلىگۈچى ئامىلى ئىرق ياكى سىنىپ ئاساس قىلىنماستىن ياكى ھەرقانداق ئۈستۈنلۈك ۋە ئايرىپ تۇرغۇچى ئالاھىدىلىكتىن خالىي ھالدا خەلقتۇر.

قۇرئاندا بىۋاسىتە ھالدا ئىنسانلارغا خىتاب قىلىنىدۇ ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنىڭ مەركىزىگە ئۇلار قويۇلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۆزگىرىش ۋە ئالمىشىشنىڭ روياپقا چىقىشىدا ئەڭ چوڭ يۈك ۋە مەسئۇلىيەت ئىنسانغا ئارتىلماقتا. لېكىن ئىسلام، تارىخ ۋە جەمئىيەتتە بەزى قانۇنىيەتلەرنىڭ رول ئوينايدىغانلىقىنىمۇ ئىنكار قىلىشنىڭ ئەكسىچە، تۆۋەندە تەپسىلىي ھالدا توختالغىنىمىزدەك، تارىخى قانۇنىيەتلەرنىڭ خۇددى تەبىئەت قانۇنلىرىغا ئوخشاش بايقىغىلى ۋە تىزگىنلىگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئىنسانغا كەڭ ئىمكانىيەت ساھەلىرىنى سۇنىدۇ. ئىسلامدا ھەم ئۆزىنىڭ قىلمىشىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغان ئىنسانلار كوللېكتىپى، ھەم ئۆزىدىن قاتمۇقات ھېساب ئېلىنىدىغان شەخسلەر بار. بۇ مەسئۇلىيەت ساھەلىرىنى قۇرئان مۇنداق بايان قىلماقتا:

«ئۇلار ئۈچۈن ئۆزى ئېرىشكەنلىرى، سەن ئۈچۈن سېنىڭ ئېرىشكەنلىرىڭ باردۇر»[34].

«بىز ئەلۋەتتە رەسۇل (ئەلچى) ئەۋەتىلگەن كىشىلەردىنمۇ، ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەردىنمۇ ھېساب ئالىمىز»[35].

بۇ سەۋەبتىن مەيلى شەخس بولسۇن ياكى ئىجتىمائىي جەمئىيەت بولسۇن ياراتقۇچىنىڭ ئالدىدا قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى ئايرىم – ئايرىم ھالدا بېرىدۇ ۋە ھەر بىرىگە ئۆزىنىڭ كېلەچىكىنى ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلىش مەسئۇلىيىتى ئارتىلغاندۇر.

 

كۈلتۈرنى ئاساس قىلغان مەدەنىيەت

 

ئەلى ئىززەتبېگوۋىچنىڭ كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتنى بىر – بىرىدىن ئايرىپ قارىشىنى چىقىش نۇقتىسى قىلساق، ئىسلامنىڭ ئىنساننى (كۈلتۈر) ئىنشا قىلىپ، ئۆزىگە خاس زامان ۋە ماكاندا قانداق قىلىپ ئورۇن تۇتقانلىقىنى، يەنى مەدەنىيەت ياراتقانلىقىنى تەھلىل قىلالايمىز.

كۈلتۈرنىڭ يەتكۈزگۈچىسى ئىنسان، مەدەنىيەتنىڭ بولسا جەمئىيەتتۇر. ئىنسان، پەلسەپە، سەنئەت، شېئىر، ئەخلاق، ئېتىقاد كۈلتۈرگە ئائىتتۇر. دۆلەت، بىلىم، شەھەرلەر، تېخنىكىلار مەدەنىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدۇر. رىملىقلار مەدەنىيەت بەرپا قىلغان مەدەنىيەتسىزلەر ئىدى[36]. ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئۇنسۇرلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ئۆزىگە خاس سىياسەت (باشقۇرۇش پەلسەپىسى) شەكىللەندۈرىدىغان ئىسلام كۈلتۈرى بارمۇ؟ كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىسلامى ئاساسى نېمە؟ مەدەنىيەت كۈلتۈرنىڭ جانلىق ھالغا كېلىشىدۇر. جاھانگىرلىك تارىخى مەدەنىي مىللەتلەرنىڭ ھۆرلۈكىنى مۇداپىئە قىلغان قالاق مىللەتلەر قارشى ئېلىپ بارغان ئېزىش ۋە يوقۇتۇش ئۇرۇشلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئىستىلاچىلارنىڭ مەدەنىيەتلىك بولۇشى غايە ۋە مېتود جەھەتتىن ئىجابىي نەتىجىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارمىغان. كۈلتۈرنىڭ ئەسلى ۋەزىپىسى مەدەنىيەت ھەققىدىكى ئەپسانىلەرنى بىتچىت قىلىش ۋە دۇنيانىڭ ئادەمگەرچىلىكنى داۋاملاشتۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بەرمەكتە.

ئىسلام ئىنسان ئىرادىسىگە مەلۇم كۈلتۈر دائىرىسى ئىچىدە ئارىلىشىدۇ. بۇ كۈلتۈرلەشكەن «مەن» ئۆزى پەرق قىلغۇچى ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۆز مەدەنىيىتىنى يارىتىدۇ. دىن ئالدى بىلەن ئىنسان زېھنىنىڭ شەكىللىنىدىغان كۈلتۈر باسقۇچىنى بەرپا قىلىدۇ. بۇ كۈلتۈر باسقۇچىدا ئىنساننىڭ ئۆزى بىلەن، ئەتراپى بىلەن، باشقا كىشىلەر بىلەن، ئاللاھ بىلەن … بولغان مۇناسىۋىتىگە دائىر بەلگىلىمىلەرنى بېكىتىدۇ ۋە بۇلارنى بايقايدىغان ئىنسان ئېڭىنى يارىتىدۇ. مەدەنىيەت قول بىلەن تۇتقىلى، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان نەرسىدۇر. كۈلتۈر بولسا بۇنىڭ ئىچىدىكى روھتۇر. دۇنيادا شۇنداق مەدەنىيەتلىك مىللەتلەر بار بولۇپ، ئۇلار كۈلتۈر جەھەتتىن ئارقىدا قالغان. يەنە شۇنداق كۈلتۈرلەر باركى، ئۇلار مەدەنىيەت بەرپا قىلالمىغان. مۇھىم بولغان نەرسە شۇكى، تۇتقىلى، كۆرگىلى بولىدىغان مەدەنىيەت يارىتىپ كۈلتۈرنى سىرتتىن كۆرۈنىدىغان ھالغا كەلتۈرۈشتۇر. بۇ مەدەنىيەت ئۆزىنى ئىزچىل ئالەمشۇمۇل سەۋىيەدە تۇتۇپ تۇرىدىغان ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇملار يارىتىشى كېرەك. ئۆز پەيدا بولغان يەرلىك ئالاھىدىلىك دائىم ئالەمشۇمۇلنى تەقىب قىلىش ئارقىلىق ئوبيېكتىپ ھالغا كېلىشنى نىشان قىلىشى كېرەك.

 

تەرجىمە قىلغۇچى – باتۇر قاراخانلې

[1]ئەنقەرە ئۈنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيەت فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى

[2]ئەلى ئىززەت بىگوۋېچ، «شەرق ۋە غەرپ ئارىسىدا ئىسلام»، ئىستانبۇل، نەھىر نەشىرىياتى، 1994، 19 – بەت.

[3]غاشىيە سۈرىسى، 22 – ئايەت.

[4]كافىرۇن سۈرىسى، 6 – ئايەت.

[5] ئەلى ئىززەت بىگوۋېچ، «شەرق ۋە غەرپ ئارىسىدا ئىسلام»، ئىستانبۇل، نەھىر نەشىرىياتى، 1994، 19 – بەت.

[6] ئېتىقاد ۋە بىلىمنى، بولۇپمۇ ئارىستوتىلنىڭ ئىلىمى چۈشەنچىلىرىنى چېركاۋ چۈشەنچىسىگە مۇۋاپىق ھالغا كەلتۈرۈپ بىرلەشتۈرمەكچى بولغان ئوتتۇرا ئەسىر پەلسەپىسىنى كۆرسىتىدۇ.

[7]ئەلى ئىززەت بىگوۋېچ، «شەرق ۋە غەرپ ئارىسىدا ئىسلام»، ئىستانبۇل، نەھىر نەشىرىياتى، 1994، 243  – بەت.

[8]خىرىستىيانلىقتىكى دىنى پىشىۋا

[9]ئەلى ئىززەت بىگوۋېچ، «شەرق ۋە غەرپ ئارىسىدا ئىسلام»، ئىستانبۇل، نەھىر نەشىرىياتى، 1994، 245  – بەت.

[10]ئەلى ئىززەت بىگوۋېچ، «شەرق ۋە غەرپ ئارىسىدا ئىسلام»، ئىستانبۇل، نەھىر نەشىرىياتى، 1994، 246  – بەت.

[11]غەززالى، «ئىھيائۇ ئۇلۇمىد دىن»، قاھىرە، 1939، 4 – جىلد، 229 – بەت. سائادەت ۋە ئۇنىڭ زىتى بولغان شاقاۋەت ئۇقۇملىرى قۇرئاننىڭ ھۇد سۈرىسى 105 – 108 – ئايەتلىرىدىن چىقىرىلدى. سائادەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ ئۈچ خۇسۇس ھەققىدە يەنە تۆۋەندىكى ئەسەرگە مۇراجەت قىلىڭ:

Aristo, Nicomachean Ethics, terc. Sir David Ross, O.U.P. London, 1963, Ethics I.8.1098b5.

[12]سائادەت ۋە ئۇنىڭ زىتى بولغان شاقاۋەت ئۇقۇملىرى قۇرئاننىڭ ھۇد سۈرىسى 105 – 108 – ئايەتلىرىدىن چىقىرىلدى. سائادەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ ئۈچ خۇسۇس ھەققىدە يەنە تۆۋەندىكى ئەسەرگە مۇراجەت قىلىڭ:

Aristo, Nicomachean Ethics, terc. Sir David Ross, O.U.P. London, 1963, Ethics I.8.1098b5.

[13]غەززالى، «ئىھيائۇ ئۇلۇمىد دىن»،3-جىلد؛ ئۇنىڭدىن باشقا غەززالىنىڭ «مائارىجۇل قۇدس فى مەدارىجى مارىفەتىن نەفس» ناملىق ئەسىرى، بەيرۇت، 1978، (3-باب)، 15 – بەت.

[14]تىن سۈرىسى، 4،5- ئايەتلەر

[15]قىيامەت سۈرىسى، 2 – ئايەت.

[16]يۈسۈپ سۈرىسى، 53 – ئايت. بۇ مەسىلە ھەققىدە تەپسلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ناكىب مۇھەممەد ئاتتاسنىڭ «ئىسلامدا سائادەتنىڭ مەنىسى ۋە تەجرىبىسى» ناملىق ئەسەرگە مۇراجەت قىلىڭ. تۈركچىگە تەرجىمە قىلغۇچى  – شابان ئالى دۈزگۈن، 10 – قۇرئان مۇھاكىمە يىغىنى مەجمۇئاسى، ئەنقەرە، فەجر نەشرىياتى، 2007.

[17]نىسا سۈرىسى، 135؛ مائىدە سۈرىسى، 9، 45 – …ئايەتلەر.

[18]ئەلى ئىززەت بىگوۋېچ، «شەرق ۋە غەرپ ئارىسىدا ئىسلام»، ئىستانبۇل، نەھىر نەشىرىياتى، 1994، 247  – بەت.

[19]Ilse Lichtenstaedter, “From Particularism to Unity: Race, Nationality and Minorities in the Early İslamic Empire”, Islamic Culture, C. XXIII, S. 251-80;

[20] The Politics of Obedience: The Discourse of Voluntary Servitude, New York: Free Life Edit., 1975.

[21]The Politics of Obedience: The Discourse of Voluntary Servitude, New York: Free Life Edit., 1975.  S.46.

[22] غاشىيە سۈرىسى، 22 – ئايەت.

[23] نىسا سۈرىسى، 83 – ئايەت.

[24]John Locke

[25]Thomas Hobbes

[26] كارل ر. پوپىر (Karl R. Popper)، «ھايات مەسىلىلەرنى يېشىشتۇر»، تەرجىمە قىلغۇچى – ئالى نالبانت، ياپې كرەدى نەشرىياتى، 2006، 178 – بەت.

[27] جەمال ئەل-بەننا، «ئەل-ئىسلامۇ دىنۇن ۋە ئۇممەتۇن لەيسە دىنەن ۋە دەۋلەتەن»، 53 – بەت.

[28] نىسا سۈرىسى، 58 – ئايەت.

[29]  ئەلى ئىززەت بىگوۋېچ، «شەرق ۋە غەرپ ئارىسىدا ئىسلام»، ئىستانبۇل، نەھىر نەشىرىياتى، 1994، 225 – بەت.

[30] ئەلى ئىززەت بىگوۋېچ، «شەرق ۋە غەرپ ئارىسىدا ئىسلام»، ئىستانبۇل، نەھىر نەشىرىياتى، 1994، 222 – بەت.

[31]ئابدۇللاھى ئەھمەت ئەن-نائىم

“Toward an Islamic Reformation: civil Liberties, Human Rights and International Law” (Syracuse: Syracuse University Press, 1990), P. 5257.

بۇ ئۈزۈندىنىڭ ئىزاھات شەكلىدىكى نەقلى ئۈچۈن جون راۋلس (John Rawls)نىڭ «سىياسىي لىبرالىزىم» ناملىق ئەسىرىگە قاراڭ. تەرجىمە قىلغۇچى – م.ف. بىلگىن، ئىستانبۇل بىلگى ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2007، ئىستانبۇل، 484 – بەت.

 

[32]ئەلى ئىززەت بىگوۋېچ، «شەرق ۋە غەرپ ئارىسىدا ئىسلام»، ئىستانبۇل، نەھىر نەشىرىياتى، 1994، 203 – بەت.

[33]ئەلى ئىززەت بىگوۋېچ، «شەرق ۋە غەرپ ئارىسىدا ئىسلام»، ئىستانبۇل، نەھىر نەشىرىياتى، 1994، 92  – بەت.

[34][34]بەقەرە سۈرىسى، 134 – ئايەت.

[35]ئەئراف سۈرىسى، 6 – ئايەت.

[36]ئەلى ئىززەت بىگوۋېچ، «شەرق ۋە غەرپ ئارىسىدا ئىسلام»، ئىستانبۇل، نەھىر نەشىرىياتى، 1994، 76  – بەت.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*