ئەھمەد يەسەۋىي- ھاياتى، ئەسەرلىرى، ئىدىيەسى ۋە تەسىرى

2018-يىلى 15-ماي

پروفېسسور، دوكتور ئەھمەد تۇران يۈكسەل

(تۈركىيە سەلجۇق ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيات فاكۇلتېتى ئىسلام تارىخى بۆلۈمىدە)

تۈركچىدىن  ئابدۇقاھار ئابدۇۋارىس مەھزۇن تەرجىمىسى | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

 

1-ھاياتى

ئەھمەد يەسەۋىي، بۈيۈك سەلجۇقيلار دۆلىتىنىڭ ئاخىرقى شانلىق دەۋرلىرىدە ياشىغان بولۇپ، ئۇ «تۈركىستان پىرى، تۈركىستان خوجىسى، ھەزرىتى سۇلتان، ئەۋلىيالار سۇلتانى، ئەۋلىيالار سەركىسى ۋە ئاناتولىيەنىڭ مەنىۋى فەتھى قىلغۇچىسى» دېگەندەك شەرەپلىك ناملارغا نائىل بولغان. ئۇ تۈركىي خەلقلىرىنىڭ ئىسلام تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ساھەسىدە تەسىرى زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن مۇتەسەۋۋۇپ، شائىر ۋە پەيلاسوپلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئاناتولىيە ۋە تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئىسلامىيەت بىلەن تۈركىي تىللىرىنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى ۋە كېڭىيىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان زاتتۇر.

ئەھمەد يەسەۋىي، قولىمىزدىكى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا 1085-1095-يىللىرى [1] يەنى، -XIئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا[2]  ئاھالىسى تۈركىي خەلقلەر ۋە غەيرىي ئەرەبلەردىن تەركىب تاپقان سايرامدا دۇنياغا كەلگەن. سايرام[3] قازاقىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان چىمكەنت شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى تارىم ئۆستىڭىگە قويۇلىدىغان شەھيار دەرياسىنىڭ كىچىك بىر ئېقىنى بولغان قاراسۇ چايدىكى بىر جاينىڭ ئىسمىدۇر. بىر قىسىم مەنبەلەردە ئەھمەد يەسەۋىي يەسىدە تۇغۇلغان دەپ قارالماقتا.يەسى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تۈركىستان شەھىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما يەسىدە تۇغۇلغان دېگەن قاراش تازا كۈچلۈك قاراش ئەمەس.[4]

 

[1]  ئەھمەد يەسەۋىينىڭ تۇغۇلغان يىلىنى ئېنىق بىلگىلى بولمىسىمۇ، لىكىن ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىلگەن «پېقىرنامە» ناملىق رىسالىدە كۆرسىتىلگەن يەتمىش ئۈچ يىل ياشىغانلىقى، 1166-يىلى ۋاپات بولغانلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغىنىمىزدا، ئۇنىڭ 1093-يىلى تۇغۇلغانلىقىنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. (قاراڭ: ھاياتى بىجە، ئەھمەد يەسەۋىي، دىۋانى ھېكمەت، ئەنقەرە 1993-يىل.). 1993- يىلىنىڭ تۈركىيەدە ئەھمەد يەسەۋىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 900-يىلى دەپ ئېلان قىلىنىشىمۇ بۇ قاراشقا تايانغان بولۇشى مۇمكىن. يەنە باشقا بىر قاراش: 1041-يىلى تۇغۇلغان دېگەن قاراشتۇر. (مۇھەممەد رەھىم جارمۇھەممەد ئۇلى، «خوجا ئەھمەد يەسەۋىينىڭ ھاياتى ھەققىدىكى يېڭى دەلىللەر ۋە ئۇنىڭ رىسالە  ناملىق تۇنۇلمىغان ئەسىرىنىڭ ئىلمىي قىممىتى»، ئەھمەد يەسەۋىي خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىندا ئوقۇلغان ماقالىلەر، 16-بەت، 1992-يىل ئەنقەرە.)

[2]  فۇئاد كۆپرۈلۈ، ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى «ئەھمەد يەسەۋىي» ئىستانبۇل 1975، 1-توم 210-بەت.

[3]  چىمكەنىتكە 7 كىلومېتىر، يەسى (تۈركىستانغا) 157 كىلومېتىر يىراقلىقتا. ئىسفىجاب ۋە ئاقشەھەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

[4]  كەمال ئەرئارسلان، «ئەھمەد يەسەۋىي»  دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، ئىستانبۇل، 1989-يىل، 2-توم، 159-160-بەتلەر.

 

داۋامىنى پ د ف ھۆججىتىدىن ئوقۇيالايسىز…

 

 

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



One Comment

  1. يەكچەشمە گېنىرال says:

    قازاقىستاندىكى سايرام ئەمەس ئاقسۇدىكى سايرامدۇ!؟مېھمەت كۆپرۈلۈمۇ شۇنى تاللىغان تۇرسا،مەنبەلەردە «ھەزرىتى ئەھمەت يەسسەۋىي ئاقسۇ سايرامدا تۇغۇلۇپ،كىچىك چېغىدىلا يىراقتىكى يەسسىگە كۆچۈپ بارغان»دېيىلگەن .قازاقىستاندىكى سايرامدىن يەسسىگە يول يېقىن،بىراق ئاقسۇ سايرامدىن يەسسىگە ئەلۋەتتە ئۇزاق يول.بۇ تۈرك قەلەمكەشلىرى نېمىشقا ھەدېسىلا ئۇيغۇرنى كىچىك كۆرسۈتۈشكە ھېرىسمەندۇ ھە !؟ تېخى ئۇيغۇرلارنى «ئوسمان باتۇرنىڭ ياكى ئىسابەگنىڭ تورۇنلىرى »دەپ تارىخىمىزنى70يىلغا يىغىپ قويۇۋاتىدۇ؛تۈرك مىللىتى ئۆزلىرى ھەدېسىلا ئالپ ئارسلان ئەۋلادى بىز دەپ تولا پەخىرلىنىدۇ؛ئۇلارغا دەپ قويۇڭلار،ئالپ ئارسلاننىڭ دادىسى چاغرىبەگ ۋە تاغىسى توغرۇل بەگلەر مىلادى 1027/1029-يىللاردا ئەينى ۋاقىتتىكى بۈيۈك قاراخانىيلار خاقانى،سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ 3-ئەۋلادى «مەلىكۇل مەشرىق »يۈسۈپ قادىرخاننىڭ يېنىدا تۇرغاقلىقتا تۇرغان. ناۋادا يۈسۈپ قىدىرخان كەڭ قورساقلىق قىلماي ،مەھمۇد غەزنەۋىدەك سالجۇق ئوغۇللىرىنى نەزەربەنت قىلغان ياكى قىلىچتىن ئۆتكۈزگەن بولسا، سالجۇقىيلارغا بۈيۈك قاغانلىق قۇرۇش نەدەتۇرۇپتۇ !؟ مەيلى سالجۇقنىڭ ئىسلامغا كىرىشى،ياكى ئۇنىڭ ئەۋلادىغا خارەزم/خۇراسان تۇپراقلىرىنى بۆلۈپ بېرىش بولسۇن ئاخىرىدا بۈيۈك بىر تۈرك ئىسلام قاغانلىقى قۇرۇلۇپ،ئەۋلادلىرى ئىسلام دۇنياسىنى ئازكەم 1000يىل قوغدىشىغا سەۋەپ بولدى .بۇلار ھەممىسى ئوخشاشلا قاراخانىيلار خاقانلىقىنىڭ تارىخىي تۆھپىلىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.شۇڭلاشقا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۇندىن توپتوغرا مىڭ يىل ئىلگىرى سىلەرنىڭ بۈگۈنۈڭلار ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىق قىلىپ قويغان دانا ئەجداتلىرىڭلار ئۈچۈن مۇشۇ مۇبارەك كۈنلەردە خالىس دۇئا قىلىپ قويۇڭلار!«ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار».سىلەرنىڭ ئاناتولىيىگە كېلىشىڭلار دەل ئايلىنىپ يۈرۈپ ئوقۇرۇڭلارنى تاپقىنىڭلار !بىراق بۇ ئوقۇردىن تېزدىن لايىقىدا ئوزۇقلىنىپ «ئەجدات مىراس زېمىنىڭلار بولغان »قوتانغا قايتىش تەييارلىقىنى قىلىڭلار . قۇرۇق گەپ سېتىپ ياكى ساھىپخانلارنى رەنجىتىپ بۇ ئوقۇردىن مەھرۇم قالماڭلار ! يۈسۈپ قىدىرخان چاغرىبەگنى قويۇپ بەردى،ئۇنىڭ ئوغلى ئالپ ئارسلان ئاناتولىيەنى فەتھى قىلدى.قاراخانىيلار شاھزادىسى بوۋىمىز مەھمۇد قەشقەرى دىۋاندا ئېنىق قىلىپ «تۈرك تىلىنىڭ ئەڭ پاساھەتلىك شېۋىسى  كاشغەر  تۈركچىسى »دەپ يازدى،ئالپ ئارسلان قايىللىق بىلەن بۇنى ئېتىراپ قىلىپ قوللىدى. گېرمانىيىلىك ئۇيغۇرشۇناس گابائىن خانىم«كاشغەر  تۈركچىسىنىڭ دەل ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزى»دەپ كېسىپ ئېيتىپ بۇ توغرىسىدىكى گۇمانلارنى تۈگەتتى .

    بۇنى بىزدىن ياخشى بىلىدىغان دۈشمەنلەر 2017-يىلى -5ئىيۇل ھۆججەت چىقىرىپ «ئەرەپ تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشۈپ تۆر تالىشالىغان ئۇيغۇر تىلىمىزنى مائارىپ ئورۇنلىرىدىن چەكلىدى».بۇ يىل ھەتتا ئۆ تىلىمىزنى تۇرمۇشتا ئىشلىتىشتىنمۇ چەكلەشكە باشلىدى .
    تۈركىيەدىكى سۈيۈملۈك يۈرەك پارىلىرىمىزگە رامزانلىق سوۋغات! 2018-15-ماي

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*