دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەنقەرەدىكى “ مىللىي چۈشەنچە مەركىزى“دە “ دۇنيا ھاكىمىيىتى كۆرىشىدە خىتاي“ تىمىسىدا لىكسىيە بەردى

 

2019-يىلى 1-ئاينىڭ 30ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەنقەرەدىكى “ مىللىي چۈشەنچە مەركىزى“دە “ دۇنيا ھاكىمىيىتى كۆرىشىدە خىتاي“ تىمىسىدا لىكسىيە بەردى

بۇ قىتىملىق لىكسىيەگە “ مىللىي چۈشەنچە مەركىزى“نىڭ قۇرغۇچىسى تۈرك سىياسەتچى سادى سومۇنجۇئوغلۇ قاتارلىق 40تىن ئارتۇق كىشى ئشتىراك قىلدى لىكسىيەدە خىتاينىڭ خەلقئارا سىياسەتتىكى ئورنى، خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۆلىتى بولۇش يولىدىكى پىلانلىرى ۋە يىپەك يولىنى چۆرىدىگەن ئاساستا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئوتتۇرغا قويۇلدى

مىللي چۈشەنچە مەركىزى 2008 يىلى تۈرك سىياسەتچى سادى سومۇنجۇئوغلۇ، پىروفېسسوردوكتور ئىسكەندەر ئۆكسۈز،پىروفېسسور  دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن قاتارلىقلار تەرىپىدىن تۈرك سىياسىتىنى ئانالىز قىلىش، ياش سىياسەتچىلەرنى يىتىشتۈرۈش مەقسىتىدە قۇرۇلغان

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*