دىنىي تەربىيەدە ئۈنۈملۈك ئۇسۇل-ھېكايە

2018-يىلى 6-ماي

مۇھىددىن ئوكۇمۇش| ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

 

كىرىش

ھېكايە – كىشىلىك ۋە روھىي تەرەققىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ساھەدە خەلقئارادا ئېتراپ قىلىنغان بىر ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، بالىلارنىڭ ۋە ياشلارنىڭ پىسخىكىلىق تەرەققىياتىدا مۇھىم بىر پېداگوگىكىلىق ۋاستىدۇر. ھېكايىنىڭ مەنە يەتكۈزۈشتىكى رولى جەمئىيەتشۇناسلىق، ئەدەبىيات، تارىخ، ئانتېروپولوگىيە، ھېكايىلەشتۈرۈلگەن ئىلاھىيەت ۋە دىنىي نەسىھەتلەرگە ئوخشاش نۇرغۇن ئوخشىمىغان ساھەلەردىمۇ كۆزگە چېلىقماقتا. ھېكايە ئائىلىدە ۋە ئەنئەنىۋىي چۈشەنچىلەردە بولغىنىدەك تەربىيەۋى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي تۇرمۇشتا، بولۇپمۇ دىنىي ۋە ئەخلاقىي تەربىيەدە، شەخسنى ئىجتىمائىيلىشىش ۋە مەدەنىيەتلەشتۈرۈشتىمۇ ئىنتايىن مۇھىمدۇر. مەدەنىي، ئېتنىك ۋە دىنىي ئەنئەنىلەرگە قىزىققۇچىلار ئوچۇقلاش، چۈشىنىش، باھالاشقا ئوخشاش ئۇسۇللارنى قوللانغاندا پات-پات ھېكايە ئىشلىتىلىدۇ. ¹

ھېكايە بىلەن تەربىيە قىلىش ئۇسۇلى ئومۇمىي تەربىيەدىن سىرت دىن ۋە ئەخلاق تەربىيەسىدىمۇ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللاردىن بىرىدۇر². چۈنكى ھېكايە تەلىم-تەربىيەدىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ئۈلگە ئېلىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولغان ئۈنۈملۈك ۋاستىدۇر³.

بىر تېمىنىڭ ئابستراكت چۈشەندۈرۈلىشى ياكى ئابستراكت ئۇقۇملارنىڭ يەنە ئابستراكت سۆزلىنىشى، باشقىچە قىلىپ ئېيتساق تەربىيەنىڭ ھاياتتا يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس بىر ئىشتەك ئۈلگە قىلىشقا سۇنۇلىشى ئۆگىنىشنى كېچىكتۈرىدۇ. بولۇپمۇ تەرەققىيات باسقۇچلىرى ئاساس قىلىنغان چۈشىنىش ۋە ئۆگىنىش سەۋىيەسى بۇنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە. بۇ سەۋەپتىن ھېكاي ھەم ئابستراكت ئۇقۇملارنىڭ چۈشىنىلىشى، ھەمدە سۆزلەنگەن تېمىنىڭ كونكرېت مىساللار بىلەن ئىپادىلىنىشى نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم ۋە پەرقلىق بىر رول ئوينايدۇ.

دىن ۋە ئەخلاق تەربىيەسىنىڭ ھېكايىلەر بىلەن چۈشەندۈرۈلىشىنىڭ ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشتا ئىنتايىن چوڭ ياردىمى بولىدۇ. بىراق ئالاھىدە مەقسەت بىلەن يېزىلغان بۇ خىل ھېكايىلەرنىڭ يېزىلىشىدا ۋە بايان قىلىنىشىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نوقتىلار باردۇر. بۇ ماقالىنىڭ يېزىلىش مەقسىتى بۇ نوقتىلارنى بايان قىلىش ئىبارەت.

ئەمما شۇنى ئېنىق ئېيتىشىمىز كېرەككى، بۇ ماقالىدە دىنىي ۋە ئەخلاقىي ھېكايىلەرنى ئېستېتىك جەھەتتىن ئەمەس، تېخىمۇ كۆپرەك بىلىم نەزىرىيىسى جەھەتتىن مۇھاكىمە قىلىمىز. چۈنكى ئەدەبىي جەھەتتىن بىر ھېكايىنى دىنىي، ئەخلاقىي ۋە بۇنىڭ سىرتىدىكىلەر، دەپ ئايرىشقا بولمايدۇ. ئەمما بىلىم نەزەرىيەسى ۋە بۇنىڭغا باغلانغان شەكىلىگە ئاساسەن ھېكايىلەردە پەرق تېپىلىشى مۇمكىن. مەزكۇر ماقالىدە دىن ۋە ئەخلاق تەربىيەسىدە قايسى ھېكايىلەر قانداق ئىشلىتىلىشى كېرەك؟ دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىنى ئىزدەيمىز. بۇ ئاساسلىق مەقسەتنى ئوتتۇرىغا قويغىنىمىزدا، ھېكايىنىڭ پىسخىكىلىق، دىنىي ۋە تەربىيىۋى ئاساسلىرىنى، تېمىلارنىڭ مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىمىز.

ھېكايە دېيىلگىنىدە باشتا ئېسىمىزگە كېلىدىغىنى بالىلار ھېكايىلىرىدۇر. ئەمەلىيەتتە ھېكايە پەقەتلا بالىلارغا خاس بولماستىن، بەلكى ھەر ياشتىكى ئادەمنىڭ قىزىقىش ساھەسىگە كىرىدۇ⁴. ماقالىمىزدا ئومۇمەن ھېكايىنى مۇھاكىمە قىلىش بىلەن بىرلىكتە، بالىلار ھېكايىلىرىگە بەكرەك ئەھمىيەت بەردۇق. چۈنكى بالىلارنىڭ تەربىيەسىدە دىنىي ۋە ئەخلاقىي ھېكايىلەر، چوڭلارنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ تەسىر كۈچىگە ئىگىدۇر.

1 – ھېكايە نېمە؟

ئەدەبىيات ژانىرى بولغان ھېكاي مەلۇم بىر زامان ۋە ماكاندا، بىرقانچە كىشىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بىر ۋەقەنى بايان قىلغان ياكى بەزى كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ۋە كۆپىنچە بىر قانچە بەتلىك قىسقا يازمىلاردۇر. بۇ يازمىلار توقۇلغان بولسىمۇ ياكى ھەقىقىي يۈز بەرگەن بىر ئىشنى كۆزىتىشكە ئاساسەن يېزىلغان بولسىمۇ بولىدۇ⁵.

ئەدەبىي ژانىر ھېسابلىنىدىغان ھېكايىنىڭ بۇ قىسقا ئېنىقلىمىسىدىن كېيىن، كەلىمىنىڭ يىلتىزىنىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن پەلسەپىۋى ۋە پىسخىكىلىق ئاساسلىرىنىڭ ئۈستىدە توختىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.

 

1 – 1 – ئۇقۇم جەھەتتىن ھېكايە

بىر ۋەقەنىڭ ئاغزاكى ياكى يازما ھالەتتە بايان قىلىنىشى دەپ ئىزاھلانغان «ھېكايە»⁶ كەلىمە يىلتىزى ئەرەپچى بولۇپ، خاكا پېئىلىدىن مەيدانغا كەلگەن بىر ئىسىمدۇر. بۇ كەلىمە «بىر ئىشنى ئاغزاكى ياكى ھەرىكەت بىلەن بايان قىلىش، بىرىنىڭ قىلغىنىنى تەكرارلاش ياكى ئوخشىشىنى قىلىش، بىراۋنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈش⁷»دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. ئوخشاش مەنىدە، تۈركچىدە ئىشلىتىلگەن بىر باشقا كەلىمە بولسا قىسسەدۇر. بۇ كەلىمىمۇ ئەرەپچە بولۇپ«بىر شەيئىنى كۆزىتىش⁸، بىر شەيئىنى كۆزىتىش ئارقىلىق ئېسىگە ئېلىش، ۋەقەلەرنى قەدەممۇ قەدەم كۆزىتىش ئارقىلىق ئاخىرقى چەكنى قويماق» دېگەن مەنىلەرىنى ئىپادىلەيدىغان «قاسسا» پېئىلىدىن كەلگەن ئىسىمدۇر ۋە«خەۋەر، ۋەقە، كەچمىشتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بايان قىلىش» مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. يىلتىزى ئوخشاش بولغان قىساس كەلىمىسىمۇ« يارىلاش ياكى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا بىراۋنىڭ قىلغىنىنى قىلىش ياكى قىلغىنىنىڭ ئوخشىشىنى ئۇنىڭغا قىلىش» دېمەكتۇر⁹.

تۈركچىدە ئىشلىتىلگەن ھېكايە كەلىمىسىنىڭ ئورنىغا ئەرەپچىدە قىسسە ئىشلىتىلمەكتە. لېكىن ئىككى كەلىمىنىڭ مەنىسىدە دىققەت قوزغايدىغا ئورتاق تەرەپ « بىرىنىڭ قىلغىنىنى تەكرارلاش ياكى قىلغىنىنىڭ ئوخشىشىنى قىلىش» دېگەن قىسىمدۇر . قىسسە كەلىمىسىنى «بىر شەيئىنى كۆزىتىش، ئۇنىڭغا باغلىنىش» مەنىسىنىمۇ ئويلاشقىنىمىزدا، بۇ سۆزنىڭ ئاساسىدا باشقا بىرى بىلەن ئالاقە باغلاش ۋە ئۆزلىشىشنىڭ بارلىقى مەلۇم بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا قىسسە، مەيلى يۈز بەرگەن ياكى يۈز بەرمىگەن بىر ئىش بولسۇن، بايان قىلىنغان بىر ۋەقەدىكى قەھرىمانلارنى كۆزىتىش، ئۇلارنىڭ روللىرىغا ئەگىشىش ۋە ئۇلار بىلەن باغلىنىش ئارقىلىق ئۆزىگە ئوخشايدىغان تەرەپلىرى بىلەن ئۆزلىشىش ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە بايان قىلىنغان ۋەقەنىڭ ئەھمىيىتىنى ھېس قىلىش ئارقىلىق مۇئەييەن نەتىجىلەرگە ئېرىشىش دېيەلەيمىز.

تۈركچىدە ھېكايە ئورنىغا ئىشلىتىلگەن « öykü »كەلىمىسىگىمۇ «تەپسىلىي بايان قىلىنغان ۋەقە، ھەقىقىي ياكى توقۇلغان ۋەقەلەر يېزىلغان نەسىر تۈرىدۇر. »دەپ ئېنىقلىما بېرىلمەكتە . يىلتىزى ئوخشاش بولغان « öykünmek» كەلىمىسىنىڭ بولسا «باشقا بىرىنىڭ قىلغىنىدەك قىلىش، بىرىگە ياكى بىر شەيئىگە ئوخشاشقا تىرىشىش، تەسىرگە ئۇچراش¹¹» دېگەن مەنىلىرى باردۇر. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، بىر ئەدەبىيات ژانىرى بولغان ھېكايە كەلىمىسىنىڭ يىلتىزى، ئۇنىڭ پەلسەپىۋى ئاساسىنى ئىنتايىن روشەن ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.
ئۆتكەن زامان، بىر باشقا ئىپادە بىلەن ھېكايە، ئىنسان ھاياتىدىكى پۈتۈن ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى باشقىلارغا سۆزلەيدۇ. ھەممەيلەن ئۆزى ياشىغان ھېكايىنىڭ قەھرىمانىدۇر. شۇنداقلا ھەممەيلەن، باشقىلارنىڭ ھايات ھېكايىلىرىنى ياكى بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى ئاڭلايدۇ، ئاڭلاشتىن زېرىكمەيدۇ. بۇ تۈپەيلى ئىنسان بېشىغا كەلگەن ياكى بېشىغا كېلىشى مۇمكىن بولغان، ھەتتا ھاياتىدا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولمىغان، توقۇلغان بىر ئەسەر بولغان ھېكايىلەرگىمۇ ئوخشاشلا قىزىقىدۇ¹².
ھېكايە، قىسسە ۋە « öykü»كەلىمىلىرىنىڭ «باشقا بىرىنى كۆزىتىش»مەنىسىنىڭ بولۇشى، مۇھىم بىرتەربىيە ئۇسۇلى بولغان ھېسداشلىقنى ئېسىمىزگە سالىدۇ.

 

1  – 2 – ھېكايە ۋە ھېسداشلىق

نۆۋەتتە ھېسداشلىق پىسخىكىلىق داۋالاشتا ۋە پىسخىكىداكۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان مۇھىم بىر ئۇقۇمدۇر. مەيلى پىسخىكىلىق داۋالاشتا بولسۇن، مەيلى پىسخىكىنىڭ ھەر خىل تارماقلىرىدا، بولۇپمۇداۋالاش ۋە ئىجتىمائىي پىسخولوگىيەدە تەرەققىيات، مەسلىھەت، مەكتەپ ۋە ئالاقە پىسخىكىسى ساھەلىرىدە ھېسداشلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلماقتا ۋە بۇ ساھەلەردە ھېسداشلىق ئۇقۇمىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىلماقتا.

ھېسداشلىق كىشىنىڭ ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇش ئارقىلىق ئۇ كىشىنىڭ تۇيغۇلىرىنى، ئارزۇلىرىنى، چۈشەنچىلىرىنى ۋە ھەرىكەتلىرىنى چۈشىنەلەش ئىقتىدارىدۇر³¹. ئەسلىدە ھېسداشلىقتا مۇھىم بولغىنى، ئادەمنىڭ ئۆزىنى باشقا مەۋجۇداتلارنىڭ ئورنىغا قويۇشىدۇر. مەسلەن: ماھىر بىر پۇتبولچى توپنى ياخشى ئويناۋاتقاندا، ھاۋادا ئۇچۇۋاتقان توپقا قاراپ خۇددى ئۆزى ئۇچۇۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. قەدىمىي ئەسەرلەرنى كۆرگەن بىر ئادەم، ئىنىچكە تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى ئېغىرلىقنى قانداق كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئويلاپ ئۆزىنى تۈۋرۈكلەر بىلەن ئۆزلەشتۈرىدۇ، دە تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى ئېغىرلىق خۇددى ئۆز مۈرىسىدىكىدەك ھېس قىلىدۇ.

پىسخىكىلىق داۋالاشتا ھېسداشىق ھېسسىي ئالاقە ئورنىتىش توغرىسىدا تەتقىق قىلىنىدۇ ۋە تەبىر بېرىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا«بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنى قارشى تەرەپنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ۋەقەلەرگە ئۇنىڭ كۆزىتىش نەزىرى بىلەن قارىشى، ئۇ كىشىنىڭ تۇيغۇلىرىنى ۋە چۈشەنچىلىرىنى توغرا دەپ قارىشى ۋە بۇ ئەھۋالنى ئۇنىڭغا يەتكۈزۈش جەريانىغا ھېسداشلىق دېيىلىدۇ.

بۇ ماقالىدە ھېسداشلىقنىڭ «ئادەمنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى قارشى تەرەپكە سۆزلەپ بېرىشى»دېگەن تەرىپىنى تەتقىق قىلمايمىز. چۈنكى بۇ پىسخىكىنىڭ ۋە پىسخىكىلىق داۋالاشنىڭ تېمىسى بولۇپ، ئالاقە جەريانى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ھېسداشلىقنىڭ بۇ ماقالىدە مۇھاكىمە قىلىنىدىغان تەرىپى، ئادەمنىڭ ئۆزىنى قارشى تەرەپنىڭ ئورنىغا قويۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ تۇيغۇلىرىنى ۋە چۈشەنچىلىرىنى توغرا ئىدراك قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك.
ھېسداشلىقنىڭ بۇ تەبىرىدە ئىككى ئاساسلىق ئامىل دىققىتىمىزنى تارتماقتا:

1 – ھېسداشلىق قىلغۇچى، ئۆزىنى قارشى تەرەپنىڭ ئورنىغا قويۇشى، ۋەقەلىكلەرگە قارشى تەرەپنىڭ كۆزى بىلەن قارىشى كېرەك. باشقىچە ئىپادىلىسەك، ھېسداشلىق قىلغۇچىنىڭ قارشى تەرەپنىڭ ھېسسي ساھەسىگە كىرىشى زۆرۈر. پىسخىكىدىكى ھېسسي يېقىنلىشىشقا ئاساسلانغاندا، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس بىر ھېسسي ساھەسى باردۇر. ھەر ئادەم ئۆزىنى ۋە ئەتراپىنى ئۆزىگە خاس بىر تەرزدە ئىدراك قىلىدۇ؛بۇ ئىدراك قىلىش ئوبيېكتىپ بولۇپ ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاستۇر. مۇنداقچە دېسەك، ھەممە ئادەم دۇنيانى ئۆزىگە خاس بىر تەرزدە كۆرىدۇ.
2- ھېسداشلىق قىلغان بولۇش ئۈچۈن قارشى تەرەپنىڭ تۇيغۇلىرىنى ۋە چۈشەنچىلىرىنى توغرا ئىدراك قىلىش كېرەك. ھېسداشلىققا ئېنىقلىما بەرگىنىمىزدە، بۇ نوقتىنى تەكىتلەش ئارقىلىق، ھېسداشلىقنىڭ ئىككى ئاساسلىق تەركىبىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇق. بۇلار ھېسداشلىقنىڭ ئەقلىي ۋە ھېسسي تەرەپلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆزىنى قارشى تەرەپنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ئۇنىڭ نېمە ئويلىغىنىنى بىلىش ئەقلىي تەرىپىنى كۆرسەتسە، قارشى تەرەپنىڭ ھېس قىلغانلىرىنىڭ ئوخشىشىنى ھېس قىلىش بولسا ھېسسي تەرىپىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ يەرگىچە سۆزلىگەنلىرىمىزنىڭ ھېكايە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە كەلسەك تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز: ئەدەبىي ئەسەر بىلەن ئۆزلەشمەستىن، ئەسەردىكى ئېستېتىك ھاياجاننى ھېس قىلىش ۋە بايان قىلىنغان تېمىدىن پايدىلىنىش مۇمكىن ئەمەستۇر. ئەدەبىي بىر ئەسەر بولغان ھېكايىدىكى ئېستېتىك ھاياجان، ئەسەرنىڭ دۇنياسى بىلەن بىرلىشىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ھېكايىنى ئوقۇغان ياكى ئاڭلىغان كىشى، ھېكايىدىكى قەھرىمانلاردىن بىرىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ تاللايدۇ ۋە ئۇنىڭ خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ ياشاشقا باشلايدۇ. ئادەمنىڭ ھېكايە بىلەن قۇرۇلغان بۇ زۆرۈرىي مۇناسىۋىتى تۈپەيلى، دېيىشكە بولىدۇكى ھېكايە ئوقۇغان ياكى ئاڭلىغان ئادەم، ھېكايىدىكى قەھرىمانلارنىڭ ئورنىغا ئۆزىنى قويۇپ مىجەز ۋە سۈپەتلىرى ئۆزىگە ئەڭ مۇۋاپىق ياكى ئەڭ يېقىن كۆرۈنگەن بىرى بىلەن ئۆزلىشىدۇ. ھېكايىلەردىكى قەھرىمانلار، ھېكايىۋىي شەكىللەر ئىچىدە—مەسلەن كومېدىيە، تېراگىدىيە، خۇشاللىق بىلەن ئاخىرلىشىشقا ئوخشاش—ئۆزىگە خاس روللارنى ئوينايدۇ. بۇ روللار ۋە ھېكايىنىڭ قۇرۇلمىسى، ئوقۇرمەننىڭ ئۆز ھاياتى ئىچىدە باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يېقىن بولۇشىغا پايدىلىق. ھېكايىنىڭ تەربىيەدىكى مۇھىم ۋە ئۈنۈملۈك بىر ئۇسۇل بولۇشى بۇ ئۆزلىشىشنىڭ نەتىجىسىدۇر.

تەربىيە قىلىنغان ئادەملەرنىڭ بولۇپمۇ، بالىلارنىڭ ئۆزىگە ئابستراكت سۆزلەنگەن تېمىلارنى/ ۋەقەلەرنى چۈشىنىشى مەلۇم سەۋىيەدە تىرىشچانلىق ۋە بىلىم تەلەپ قىلىدۇ. بىر بالىغا قىلىشى ۋە قىلماسلىقى كېرەك بولغان ئىشلارنى ئابستراكت بىر تەۋسىيە سۈپىتىدە سۆزلەپ بېرەلەيسىز/سۆزلەپ بېرىشىڭىز كېرەك. ئەمما بۇ تەۋسىيەنىڭ بالىغا بولغان تەسىرى ,بالىنىڭ ئۆزىگە سۆزلەنگەنلەرنىڭ ھاياتتا مۇمكىن دەپ قارىشى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. بالا ئۆزىدىن تەلەپ قىلىنغان ئىش ھەرىكەتلەرنى، باشقا بىرىنىڭ قىلغانلىقىنى كۆرسە، ئۇنى ئۈلگە قىلىدۇ ۋە بۇلارنى تېخىمۇ ئاسان قىلالايدۇ. شۇڭلاشقا ئائىلىسى ۋە ئەتراپىدىكىلەر بالىلارغا تۇنجى ئۈللگىدۇر. بالىغا سۆزلەپ بېرىلگەن ياكى بالىنىڭ ئوقۇغان ھېكايىلەرمۇ ئۇنىڭ تەربىيەسىدە ئۈلگە بولالايدىغان ۋەقەلەرنىڭ تەسۋىرى دېمەكتۇر.

بىر بالا ئۈچۈن ھېكايە ھېچقاچان پەقەت زوقلىنىپ ئوقۇيدىغان ياكى ئاڭلايدىغان بىر كۆڭۈل ئېچىش ئىشى ئەمەس، ئەكسىچە ئىچىگە كىرىپ ئۇ يەردىكى قەھرىمانلار بىلەن بىرلىكتە ياشايدىغان ھاياتنىڭ بىر پارچىسىدۇر. بالا تەبىئىتىنىڭ مايىللىقى بىلەن، كۆپىنچە ياخشى روللاردىكى قەھرىمانلارغا ھېسداشلىق قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۆزىنى قويىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە خاس كۆزىتىش ئۇسۇلى، ياشاش شەكلى ۋە كىشىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىدراك قىلىش ئارقىلىق، بۇ قەھرىمانلارغا ئوخشاش تەپەككۇر قىلىشقا ۋە ئۇلارغا ئوخشاش ھېس قىلىشقا تىرىشىدۇ. قەھرىمانلارنىڭ دوستلىرى بالىغىمۇ دوست، دۈشمەنلىرىمۇ بالىغا دۈشمەندۇر. ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى بىلەن خۇشال بولىدۇ، خاپىلىقى بىلەن خاپا بولىدۇ. ھەتتا بالىلار ئۇلارنىڭ ئورنىغا قارار بېرىشكە تىرىشىدۇ. ئەسلىدە بۇ دېگەنلىرىمىز پەقەت بالىلاردىلا ئەمەس، چوڭلاردىمۇ ئوخشاشتۇر.

چوڭلارمۇ ھېكايە ئوقۇغاندا ياكى ئاڭلىغاندا ئوخشاش جەرياننى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. پەقەت پىسخىكىلىق ئىدراك قىلىش سەۋىيەلىرى ئوخشىمىغانلىقتىن، ھېكايىدىن ئېرىشكەنلىرى ئوخشىمايدۇ، چوڭلارنىڭ ئېرىشكەنلىرى تېخىمۇ كۆپ خىل بولىدۇ. مانا بۇ ئوقۇرمەن ياكى ئاڭلىغۇچى نوقتىسىدىكى، ھېكايىلەردىكى ھېسداشلىق تەرىپىدۇر.
يەنە بىر تەرەپتىن بولسا ھېكايىنىڭ يازغۇچىسىنىڭ ئۈستىدە توختىلىش كېرەك. ياخشى بىر ھېكايە يازغۇچىسى ھېكايىسىدىكى قەھرىمانلارغا بەرگەن روللارغا ۋە ئۇلارغا قىلدۇرغان ھەرىكەتلەرگە دىققەت قىلىدۇ. چۈنكى ھېكايىسىنى ئوقۇيدىغانلار ئۇ روللارغا ھېسداشلىق قىلىدۇ ۋە بىر ئۆزلىشىش يولىغا كىرىدۇ. بۇنداق بىر نۇقتىدا ھېكايە يازغۇچىسىغا، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ تاللىغان ھېكايە قەھرىمانىغا ھېسداشلىق قىلىشى تەۋسىيە قىلىنسا بولىدۇ. يەنى يازغۇچى ئوقۇرمەننىڭ قايسى سوئاللارنى سورايدىغانلىقىنى، قايسى ئېھتىياجلىرىغا جاۋاب بېرىشنى، ئۆزىنى ئوقۇرمەننىڭ ئورنىغا قويۇش ئارقىلىق بەلگىلەشكە تىرىشىشى كېرەك. ھەممەيلەن ئاساسەن باشقا بىرىگە تەسەللى بېرىش ياكى ئۇنى قوللاش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى ياكى باشقا ھېكايىلەرنى سۆزلەيدۇ. بۇ يەردە ھېكايە يازغۇچىسىدىن تەلەپ قىلىنغىنى، تەربىيەدە مۇھىم بىر ۋاسىتە بولغان ھېكايىنىڭ يېتەكلەش رولىنىڭ تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىدۇر.

 

2 – ھېكايە ۋە مەسەل ئارىسىدىكى پەرق

مەسەل قەھرىمانلىرىنىڭ (پىرسۇناژلىرى) بەزىلىرى ھايۋانلار ۋە تەبىئەتتىن تاشقىرى مەخلۇقلار بولغان، ۋەقەلىرى مەسەل دۆلىتىدە يۈز بەرگەن، فانتازىيە مەھسۇلاتى بولغان تۇرۇقلۇق، ئاڭلىغۇچىلارنى ئىشەندۈرەلىگەن ئاغزاكى بىر بايان تۈرىدۇر. مەسەلنىڭ بايان قىلغانلىرىغا ئىشەندۈرۈش مەقسىتى يوقتۇر. ھېكايە ھەقىقىي ھاياتنىڭ پارچىلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىشىنىشكە بولىدۇ. پىرسۇناژلىرى تەبىئەتتىن تاشقىرى، تېمىسى فانتازىيە مەھسۇلاتى، ۋەقەلىكلىرىگە ئەقىل يەتمەيدىغان مەسەللەر، ئاڭلىغۇچىلارغا تەسىر قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆز دۇنياسىغا جەلپ قىلىدۇ. مەسەلنى ھېكايىدىن ئايرىغان ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىك فانتازىيەدۇر.
مەسەل تىل، مەدەنىيەت، دىن، ئىرق پەرقى ئايرىماستىن پۈتۈن جەمئىيەتلەردە ئورتاق بىر بايان تۈرىدۇر. بەزى مەسەللەردە مېتودولوگىيەنىڭ تەسىرى كۆرۈلىدۇ. ھېكايە خەلقئارالىق بولماستىن مىللىيدۇ.
مەسەلدە ئۆتكەن زاماننىڭ رىۋايەت شەكلى ئىشلىتىلسە، ھېكايىدە ئۆتكەن زاماننىڭ بايان شەكلى ئىشلىتىىدۇ. بۇمۇ ھېكايىنىڭ ھاياتتا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ۋەقەلىكلەرنى بايان قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
ھېكايە بىلەن مەسەل ئارىسىدا بۇ پەرقلەر مەۋجۇتتۇر، بالىلارنىڭ تەربىيەسىدە بۇ ئىككى ژانىر ئارىسىدا بىر سېلىشتۇرما ئېلىپ بېرىش كېرەكسىزدۇر. ماقالىمىزنىڭ كېيىنىكى قىسىملىرىدا تىلغا ئېلىنغان، ھېكايىلەردە تېپىلىشقا تېگىشلىك ئالاھىدىلىكلەرگە دىققەت قىلىنغان ئاساستا، مەسەللەرمۇ توغرا بىر تەربىيە ئۈچۈن ئىشلىتىلسە بولىدۇ.

 

3 –  ئىسلام مەنبەلىرىدە ھېكايە

 

1 – قۇرئان قىسسىلىرى

قۇرئاندا قىسسىلەر تېمىسىنىڭ سۇنۇلۇش مېتودى ۋە ۋەقەلىكلەرنىڭ تەرتىپكە سېلىنىشى نۇقتىسىدىن ئەدەبىي، ئەركىن مەقسەت بىلەن يېزىلغان، ھۆر ھېكايىلەردە بولغىنىدەك مۇستەقىل بىر سەنئەت تارمىقى بولماستىن دىنىي مەقسەتكە يېتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ۋاسىتىلەردىن پەقەت بىرىدۇر¹². قۇرئاندا قىسسەلەر قۇرئاننىڭ نازىل بولۇشتىكى ئومۇمىي مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن قۇرئاننىڭ باشقا تېمىلىرىدىن پەرقلىق ئەمەستۇر. قۇرئاننىڭمۇ ئاساسلىق مەقسىتى ئادەملەرنى قۇرئاننىڭ غايىسى بولغان ھەقكە ۋە ھىدايەتكە يەتكۈزۈشتۇر.

ئەمما، بۇ ئومۇمىي مەقسەتنىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا پاراللېل بولغان، قىسسىلەرنىڭمۇ ئۆزىگە مەخسۇس مەقسەت ۋە روللىرى باردۇر. مەقسەت ۋە روللارنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلەش مۇمكىن.

1 -ئىلاھى ۋەھىينى ۋە پەيغەمبەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلاش.

2 -ئادەملەرگە تەپەككۈر قىلدۇرۇش ۋە ئىبرەت، ئۆگۈت ئېلىشلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش.

3 – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىلەرنى روھىي جەھەتتىن قوللاش.

4 -ھەر دەۋردە يۈز بەرگەن ۋە تەكرارلانغان ۋەقەلىكلەرگە ئاساسەن ئىجتىمائىي قانۇنىيەتلەرنى تېپىپ چىقىش ²². بۇ قانۇنىيەتلەرنى تېپىپ چىقىش ئاسانغا توختىمايدۇ. شۇڭا قۇرئان قىسسىلىرىنىڭ بۇ تەرىپى ئەڭ مۇھىم ۋە ئۈستىدە بەكرەك توختىلىشىمىز كېرەك بولغان نۇقتىدۇر.

 

قۇرئاندىكى قىسسىلەرنى ئۈچ كاتېگورىيەگە ئايرىپ مۇھاكىمە قىلىشىمىز مۇمكىن:

1 –  يەر زامان ۋە ۋەقەلىكلىرى بېرىلگەن تارىخىي قىسسىلار. قۇرئاندا بايان قىلىنغان پەيغەمبەر قىسسىلىرى بۇ كاتېگورىيگە كىرىدۇ.

2 –  ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى مىسال قىلىپ كەلتۈرگەن قىسسەلەر. ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ۋەقەلىكىنى بايان قىلغان قىسسە بۇ كاتېگورىيەگە كىرىدۇ. قىسسىدە بايان قىلىنغانلار ھەم يۈز بەرگەن بىر ۋەقەلىكتۇر ھەمدە ئىسىمسىز بىر ۋەقەلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنسان ئوغلىنىڭ ھەممىسىنىڭ روھىي ھالىتىنى بايان قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش بولغان يەنە بىر ۋەقەلىك، ياسىن سۈرىسىدە تىلغا قىلىنغان رايوندىكى خەلقنىڭ پەيغەمبەرلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدۇر⁴². قىسسىدە پەيغەمبەرلەرگە قىلىنغان ئومۇمى مۇئامىلە بايان قىلىنىدۇ.

3 – يۈز بەرگەن ۋەقەلىك ئەمەس، ھەر قانداق بىر زاماندا ياكى مۇھىتتا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان قىسسىلەردۇر. قۇرئاندا بايان قىلىنغان باغ ئىگىلىرىنىڭ قىسسىسى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

 

ھەدىسلەردە قىسسەلەر

 

قىسسە ئىنتايىن مۇھىم بىر تەربىيە ۋاسىتىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىسسەدىن ئىنتايىن ياخشى پايدىلانغان، قۇرئاندىكى قىسسىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆزىمۇ بەزى قىسسىلەرنى بايان قىلغان. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىلىرى قۇرئاندىكى قىسسىلەردىن تېخىمۇ تەپسىلى ۋە ئۆزگىچىدۇر.
ھەدىسلەردىكى قىسسىلەرنىڭ تۈرلىرى قۇرئاندىكى قىسسىلەرنىڭ تۈرىگە ئوخشاشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بايان قىلغانلىقى ئېيتىلغان قىسىسەلەرنىڭ يۈز بەرگەن ياكى يۈز بەرمىگەنلىكى مۇنازىرە تېمىسىدۇر. ئەمما مۇھىم بولغىنى، قىسسىلەردىكى ئۇچۇرنىڭ توغرا يەتكۈزۈلىشىدۇر. ئەلۋەتتە ھەدىسىلەردىكى قىسسىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتا، ھەدىسنىڭ سەھىھ ھەدىس بولۇشىدۇر.

 

4 – دىن ۋە ئەخلاق تەربىيەسىدە ھېكايىنىڭ رولى

 

دىن ۋە ئەخلاق تەربىيەسىدە ھېكايىنىڭ مۇھىملىقىنى سۆزلەشتىن بۇرۇن، بىر ئادەمنىڭ ياش ئالاھىدىلىكلىرىگە مۇۋاپىق ھېكايىلەرنىڭ بەلگىلىنىشى ياكى ھېكايىلەرنىڭ بۇ مەسىلىنى ئويلاشقان ئاساستا يېزىلىشى ئۈچۈن، پىسخىك-ھېسىسىي تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش پايدىلىقتۇر.
پىسخىك ۋە ھېسسىي تەرەققىيات باسقۇچى

 

تەرەققىيات ئەقلىي، ھېسسىي ۋە ئەخلاقى تەرەپلىرى بولغان مۇرەككەپ بىر ئۇقۇمدۇر. ئەمما، بۇ تەرەپلىرىنى بىر-بىرىدىن ئېنىق ئايرىش ئىمكانسىزدۇر. چۈنكى ئەقلىي، ھېسسىي ۋە ئەخلاقىي تەرەققىيات ئاساسەن ئوخشاش ۋاقىتتا شەكىللىنىدۇ ۋە بىر بىرىگە تەسىر قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئەقلىي تەرەققىياتنىمۇ باشقا تەرەپلىرى بىلەن بىرلىكتە تەتقىق قىلساق بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئەقلىي تەرەققىيات ئۆزىگە ۋە دۇنياغا مەنە بېرىشكە ئائت ھەممە خىل پىكرى ۋە ھېسسىي پائالىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەقلي تەرەققىياتنى تەپەككۇر ۋە ئەقىل يۈرگۈزۈش ئۇسۇللىرىدا كۆزىتىلگەن باسقۇچلارغا ئاساسەن بۆلگەن تۇنجى پىسخولوگ پىئاگەت« Piaget » بولۇپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئەقلىي تەرەققىيات باسقۇچلىرى تەربىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

پىئاگەت بالىلارنىڭ دۇنيانىڭ پاسسىپ بىر پارچىسى ئەمەسلىكىنى، ئەمما ئىچكى دۇنيالىرىنىڭ چوڭلارنىڭكىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ياقىلىغان ۋە ئەقلي تەرەققىياتنى تۆت باسقۇچقا بۆلگەن.

1 – سېزىمچان ماتور:0-2 ياش

بوۋاق رېفلېكسلىق ھەرىكەتلەردىن سىمۋوللۇق تەپەككۇر باسقۇچىغا قاراپ قەدەممۇ قەدەم تەرەققىي قىلىدۇ. شەيئىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۆز ھەرىكەتلىرى بىلەن تونۇيدۇ ۋە مەقسەتلىك ھالدا ئۇلارنى ھەرىكەت قىلدۇرىدۇ. بوۋاق ئۈچ ياشقا ماڭغاندا، شەيئىلەرنى ھېسسىي جەھەتتىن ئىدراك قىلالمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئۇقىدۇ. باسقۇچنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، زامان ۋە ماكانغا مۇناسىۋەتلىك ئۆتكۈنچى سەۋەب نەتىجە مۇناسىۋەتلىرىنى باغلاشقا باشلايدۇ.

2 – تەييارلىق ئىدىيە باسقۇچى: 2 -7 ياش(Preparational Thought)

بالا تىلنى ئىشلىتىشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىمۋوللۇق تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. شەيئىلەرنى سىمۋول ۋە كەلىمىلەر بىلەن تەمسىل قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. ئەمما، بالىنىڭ تەپەككۇرى يەنىلا مەن مەركەزچى بولغانلىقى ئۈچۈن، مەسىلىلەرنى باشقىلارغا ئوخشاش كۆزىتىشتە قىينىلىدۇ.

3 – كونكرېت ھەرىكەت: 7 -12 ياش(Concrete Operations).

بالىلاركونكرېت شەيئىلەر ۋە ۋەقەلىكلەر ئارىسىدىكى مەنتىقىلىق مۇناسىۋەتلەرنى چۈشىنىدۇ. ئەمما كونكرېت مەنتىق يۈرگۈزەلمەيدۇ ۋە پەرەز قىلىش ئارقىلىق سىستېمىلىق سىناق ئېلىپ بارالمايدۇ. تەپەككۇرى مەن مەركەزچى ئەمەستۇر. شۇڭلاشقا ۋەقە ۋە مەسىلىلەرگە باشقا ئادەملەرنىڭ كۆزىتىش نۇقتىلىرىغىمۇ دىققەت قىلغان ئاساستا يېقىنلىشىدۇ.

4 – فورمال ھەرىكەت: 12 ياش ۋە كېيىنكى ياشلار(Formal Operations)

بۇ باسقۇچتا بالىلار كونكرېت تەكلىپلەر ئارىسىدا مەنتىقىلىق باغلىنىش شەكىللەندۈرىدۇ ۋە بۇ باغلىنىشلار بىلەن سىستېمىلىق سىناق ئېلىپ بارىدۇ. ھەر تېمىدا ئەتراپلىق ئانالىتىك ۋە تەنقىدىي تەپەككۇر قىلىش ۋە چۈشەنچىلىرىنى ئاكتىپ بىر ئالاقە ئىچىدە باشقىلارغا يەتكۈزۈش قابىلىيىتى يېتىلدۈرىدۇ.
ئەقلىي تەرەققىياتنىڭ بۇ باسقۇچلىرىنى بالىلاردا ھېسسىي ۋە ئەخلاقىي تەرەققىياتنىڭ باسقۇچلىرى، دەپ قارىساقمۇ بولىدۇ. بالىنىڭ ھېسسىي ۋە ئەخلاقىي قۇرۇلمىسى بۇ تەرەققىيات باسقۇچلىرىدا ئەقلىي قۇرۇلمىسىغا ئوخشاش تەرەققىي قىلىدۇ.

بالىلارنىڭ ئۆگىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك جەرياننى شۇنداق باسقۇچلارغا ئايرىشقا بولىدۇ.

 

0-3 ياش: پاسسىپ تەسىرىگە ئۇچراش مەزگىلى

4-9 ياش:ھېسسىي تەرەققىيات مەزگىلى

10-13 ياش:ئەقلىي تەرەققىيات مەزگىلى

14-24 ياش: ئاڭلىق تەرەققىيات مەزگىلى

 

بالىلارغا دىنىي تەربىيە قىلغان چاغدا، بۇ تەرەققىيات باسقۇچلىرى ئاساس قىلىنمىسا فورمال ھەرىكەت ۋە ئاڭلىق تەرەققىيات مەزگىلىدىن بۇرۇنقى بالىلارنىڭ، ئابستراكت(ئىمان، غەيبكە ئوخشاش) ئۇقۇملار بولغان دىننى ئۆزلەشتۈرۈشى مۇمكىن بولمايدۇ. بالا ئۆزىگە ئۆگىتىلگەن مەزمۇنلارنى پەقەت يادلايدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مەنىسىنى ئىدراك قىلالمايدۇ. ئۇنداقتا بۇ ياشتىكى بالىلارغا دىننىڭ قايسى تەرىپىنى سۆزلىشىمىز كېرەك؟
تەبىئىتىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسلانغاندا، ھەرىكەت قىلىش مەنىسىنى بىلدۈرىدىشان ئۇقۇم بولغان ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتنى بەلگىلەيدىغان قائىدىلەر دېيىشكە بولىدىغان ئەخلاقنىڭ مەنبەسى كۆپىنچە دىندۇر. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا ئىسلامدىكى ئەخلاق دىننىڭ مۇھىم بىر پارچىسىدۇر، ھەتتا ئەخلاق دىننىڭ پۈتۈنىنى شەكىللەندۈرىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭلاشقا بالىلارغا ئالدى بىلەن ئەخلاقىي تەربىيە ئېلىپ بېرىش كېرەك.

ئەخلاقىي تەربىيە ئورنىغا، بالىلارغا ئۆگىتىلگەن ئابستراكت مەزمۇنلار، پەقەت شۇئار خاراكتېرلىك دىنىي چۈشەنچە شەكىللەندۈرىدۇ. «بالىلارغا يېڭى تىل چىققاندا چوڭلارنى دورايدۇ. بالىلارنىڭ ئۆگىنىۋالغان بەزى كەلىمىلەرنى سۆزلىشى چوڭلارغا سۆيۈملۈك تۇيۇلىدۇ. شۇڭلاشقا چوڭلار بالىلارغا يېڭى مەزمۇنلارنى ئۆگىتىشنى خالايدۇ. نۇرغۇن يەردە، بۇ ياشتىكى بالىدىن قېلىپلاشقان سوئاللارنى سورايدۇ ۋە قېلىپلاشقان جاۋابلارنى يادلىتىدۇ. مەسىلەن« ئاللاھ قانچە؟» «سەن كىمنىڭ قۇلى؟»، «سەن كىمنىڭ ئۈممىتى؟»، «سەن قاچاندىن بېرى مۇسۇلمان؟»دېگەنگە ئوخشاش. بالا بۇ سوئاللارنى ۋە جاۋابلارنى ئۆگەنگەن ۋاقتىدا ھەم سۆزلەش قابىلىيىتى تەرەققىي قىلىدۇ، ھەم ئۆزىنى تونۇشقا باشلىغان چاغدا، بەزى سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى ئالدىنئالا ئۆگىنىپ بولغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ²³. لېكىن، بالا بۇ سوئاللارنىڭ ۋە جاۋابلارنىڭ مەنىسىنى ئۇزۇن بىر مەزگىل چۈشىنەلمەيدۇ. بالا دىنغا مۇناسىۋەتلىك غايىبانە تېمىلارنىمۇ يادلىغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما كۈندىلىك ھاياتنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئەخلاقى ياخشى بولمىسا، بۇ دىنىي تەربىيەنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر پايدىسى يوقتۇر. بۇنىڭ ئەكسىچە بالا يېشى تۈپەيلى، ئىدراك قىلالمايدىغان مەزمۇنلارنى ئۆگىنىشنىڭ ئورنىغا، ئەقلىي تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچلىرىغا مۇۋاپىق ئەخلاقىي تەربىيەلەرنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئۆزىگە مۇۋاپىق دىنىي بىر ھاياتنى ياشىيالايدۇ.

بالىلارغا ئەخلاق تەربىيەسى قىلغان ۋاقتىمىزدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم بىر نۇقتا، ئاتا ئانىنىڭ ئۆز نوپۇزىغا تايىنىپ ئەمەس، بەلكى بالىلار قوبۇل قىلالايدىغان ۋە ئۆزلەشتۈرەلەيدىغان تەربىيە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىدۇر. بولۇپمۇ، ھېسسىي تەرەققىيات مەزگىلىدىكى بالىلارغا قىل ۋە قىلما دېگەن ئىشلارنى، ساۋاب ياكى گۇناھقا باغلاشتىن بۇرۇن، بۇ قىلمىشلارنى تەبىئىي قىلىشىغا يۈزلەندۈرۈشىمىز كېرەك. مەسىلەن، سول قولى بىلەن تاماق يېگەن بىر بالىغا بۇنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتىن بۇرۇن، ئوڭ قولى بىلەن تاماق يېيىشى كېرەكلىكىنى، چۈنكى بۇنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىكەنلكىنى ئېيتىپ ئوڭ قولى بىلەن تاماق يېيىشكە ئادەتلەندۈرۈش كېرەك. ياكى قېرىندىشىغا خاپا بولغان بىر بالىغا، بۇنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتىن ئىلگىرى، ئاچچىقلانماسلىقى كېرەكلىكىنى، چۈنكى خاپا بولمىسا تېخىمۇ ياخشى بىرى بولالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك³³.

ئەخلاقىي تەربىيەنىڭ ئالدىنقى پىلاندا بولۇشى، ئۇلارغا ئىبادەتلەرنى ئۆگەتمەسلىك دېگەنلىك ئەمەستۇر. ئەلۋەتتە، بالىلارغا يېشىغا قارىتا قىلالايدىغان ئىبادەتلەرنىمۇ ئۆگىتىش كېرەك. ئەمما بالىلار نۇرغۇن ئىشلارنى ئۈلگە ئېلىش ئارقىلىق ئۆگىنەلەيدۇ. بالىلار ئاتا-ئانىلىرى ۋە يېقىن ئەتراپىدىكىلەرنى ھەر جەھەتتىن دورىغانغا ئوخشاش ئۇلارنىڭ ئىبادەتلىرىنىمۇ دورايدۇ. بولۇپمۇ ئەقلىي تەرەققىيات يېشىغا كەلگۈچە، (9ياش) بالىلار ئىبادەتلەرنى دوراش ئارقىلىق ئۆگىنىدۇ ۋە قىلىدۇ.

 

دىنىي ۋە ئەخلاقىي تەربىيەدە ھېكايىلەر

 

ھېكايە ئەڭ ئۈنۈملۈك بايان قىلىش تۈرلىرىدىن بىرىدۇر. ھېكايە ئېيتىش ئارقىلىق ئەڭ قىيىن تېمىلارنىمۇ ئاسانلا چۈشەندۈرگىلى، قەلبىمىزدە ئۇنتۇلمايدىغان بىر خاتىرە شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. چۈنكى ئادەمنىڭ تەبىئىتى، چۈشىنىش ۋە ئىدراك قىلىش جەھەتتىن ئابستراكت ۋە قۇرۇق گەپلەرنى ئاڭلاشتىن بەكراق كونكرېت پىكىرلەرنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ھېكايىدە پىكىرلەر كونكرېتلاشتۇرۇلىدۇ، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ چۈشىنىشى ئاسانلىشىدۇ. شۇڭلاشقا پىكىرلەر زېھنىمىزگە تېخىمۇ ياخشى ئورۇنلىشىدۇ ۋە ئېسىمىزدە قالىدۇ. ھالبۇكى، ئوچۇق ئاشكارا ھەقىقەتلەر ۋە ئابستراكت چۈشەنچىلەر ھەم ئىتتىك ئۇنتۇلىدۇ، ھەمدە ئەقلىمىزنى چارچىتىپ دىققىتىمىزنى چېچىۋېتىدۇ.

ھېكايە بىلەن چۈشەندۈرۈش دىنىي تەربىيە ئۈچۈن كەلگۈسى ئەڭ پارلاق بولغان ئۇسۇللاردىن بىرىدۇر. ئەمما، دىنىي ھېكايىلەر دېيىلگەندە، قۇرئان قىسسىلىرىدىن تەسەۋۋۇپ ھېكايىلىرىگىچە ئىنتايىن كەڭ دائىرىلىك، ئىنتايىن كۆپ تۈرلۈك ھېكايە ئېسىمىزگە كەلتۈرىدۇ. ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلارنىڭ توغرىلىقى ئۈستىدە توختالغىنىمىزدا قۇرئان قىسسىلىرىدىن باشقا ھېكايىلەر ئەستايىدىل تەنقىد ۋە تەتقىق قىلىنىشى، ۋە بۇنىڭغا قارىتا قىممەتلەندۈرۈلۈشى كېرەك. دىنىي دەپ سۈپەتلىگەن ھېكايىلەرنىڭ مەزمۇنىدا، دىن بولۇشتىن زىيادە دىننى، توغرا ئۆگىنىشكە پايدىسى بولۇشى مەقسەت قىلىنىشى كېرەك. يەنى، بىر ھېكايىنىڭ ئىچىدە دىنىي مەزمۇنلار تېپىلمىسىمۇ بولىدۇ. مۇھىمى بۇ ھېكايىنىڭ دىنىي بىر مەزمۇننىڭ تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىلىشىگە پايدىلىق بولۇشىدۇر. يەنە بىر تەرەپتىن دىنىي ھېكايىلەر دەپ يېزىلغان ياكى ئوقۇلغان ھېكايىلەرنىڭ كۆپ قىسمدا خاتا ئۇچۇرلار بولغانلىقتىن، بۇ ھېكايىلەرئوقۇرمەنلەرنىڭ خاتالىشىشىغا سەۋەبچى بولماقتىدۇر. شۇ تۈپەيلى دىنىي ۋە ئەخلاقىي ھېكايىلەر دېيىشنىڭ ئورنىغا دىن ۋە ئەخلاق تەربىيەسىدە ئىشلىتىشكە بولىدىغان ھېكايىلەر دېيىش تېخىمۇ توغرا بىر ئۇسۇل بولسا كېرەك.

بالىلارغا تەربىيە قىلغاندا ئۇلارنىڭ ھېسداشلىق قىلىش ئارقىلىق ئۆگىنىشىنى مەقسەت قىلغان ھېكايىلەر دىنىى ۋە ئەخلاقىي تەرەققىيات ئالاھىدىلىكلىرىگە مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. ھېكايىلەر بالىلارنىڭ ئەخلاق قائىدىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشىگە پايدىلىق بولۇشى ۋە بالىلارنى بۇ جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. بۇ خىل ھېكايىلەر بالىلارنىڭ دىنىي ۋە ئەخلاقى تەربىيەسىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.

كونكرېت تەرەققىيات مەزگىلىدە دىنىي ۋە ئەخلاقىي مەزمۇنلارنى بايان قىلغان، ئەمما ئىسمى دىنىي ۋە ئەخلاقىي ھېكايە بولمىغان ھېكايىلەرنى ئوقۇپ چوڭ بولغان بىر بالا، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەقلىي ۋە ئاڭلىق تەرەققىيات مەزگىلىدە، بۇ تېمىلارنىڭ دىنىي ئاساسلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ئۆگىنىشتە قىينالمايدۇ، پەقەت رەسمىي بىر ئۇچۇر بىلەن ئۇچراشقان بولىدۇ. چۈنكى بالا ھېكايىلەردە بايان قىلىنغان تېمىلارنى ئاللىبۇرۇن ئۆگىنىپ بولغان.

 

5 – دىنىي ۋە ئەخلاقىي ھېكايىلەردە كۆرۈلگەن مەسىلىلەر

 

مەزمۇنىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەر

 

دىنىي ھېكايە دېگەن نام بىلەن نەشر قىلىنغان ھېكايىلەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە مەزمۇنىدا كۆرۈلىدۇ. دىنىي مەزمۇنلار بايان قىلىنغان بۇ خىل ھېكايىلەردە ئاساسلىق مەنبەلەردىكى بىلىم ۋە كۆزقاراشلارغا زىت بولغان بەزى ئۇچۇرلارمۇ يېزىلىدۇ. گەرچە بۇ خاتا ئۇچۇرلار قەستەن يېزىلمىسىمۇ، ھېكايە ئوقۇرمەننىڭ دىنىي بىلىمىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھېكايە يازغۇچىسى بۇنىڭغا ئىنتايىن دىققەت قىلىشى كېرەك.

نۆۋەتتە ئادەملەرنىڭ زېھىنلىرىدىكى دىنىي چۈشەنچىنىڭ ئىنتايىن كۆپ بىر قىسمىنى دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھېكايىلەر شەكىللەندۈرمەكتە. ئادەملەر بۇ ھېكايىلەرنى ئائىلىسىدىن، دىنغا ۋەكىللىك قىلغۇچىلارنىڭ ئېغىزىدىن، ئىماملار، ۋەز- نەسىھەت قىلغۇچىلار ياكى ئوقۇتقۇچىلاردىن ئاڭلىماقتا. ھېكايىنىڭ پىسخىكىلىق تەسىرى تۈپەيلىبۇ ھېكايىلەر ئۇنتۇلماستىن، نەسىلدىن نەسىلىگە يېتىپ كەلمەكتە.

مەسلەن، موللىلارمۇ بايان قىلىدىغان، خەلق ئارىسىدا تارقالغان شۇ ھېكايىگە قاراپ باقايلى.

ھەزرىتى مۇسا ۋە پىرئەۋن ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش جەريانىدا بىر كۈنى پىرئەۋن ھەزرىتى مۇساغا شۇنداق بىر تەكلىپ بېرىپتۇ:خالايىقنى يىغايلى، خالايىقنىڭ كۆز ئالدىدا، كىم نىل دەرياسىنى تەتۈرىگە ئاققۇزالىسا، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان بولسۇن. ھەزرىتى مۇسا بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىدۇ، كۈن بەلگىلىنىدۇ. بەلگىلەنگەن كۈن يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى پىرئەۋن، تاڭ ئاتقۇچە ئاللاھقا يالۋۇرىدۇ، ئۆزىنىڭ غەلبە قىلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ. ھەزرىتى مۇسا بولسا پەيغەمبەرلىكىگە ئىشىنىدۇ، دۇئا قىلىشنى ئويلىمايدۇ. بەلگىلەنگەن كۈن يېتىپ كېلىدۇ، خالايىق يىغىلىپ ھاياجان بىلەن مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىنى كۈتىدۇ. ھەزرىتى مۇسا ئەي نىل تەتۈر تەرەپكە قاراپ ئاق دەپ نىدا قىلىدۇ. ئەمما دەريانىڭ ئېقىشىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئارقىسىدىن پىرئەۋن ئوخشاش تەكلىپنى دېيىشىگە نىل دەرياسى تەتۈر تەرەپكە قاراپ ئېقىشقا باشلايدۇ. ھەزرىتى مۇسا ھەيران قالىدۇ ۋە دەرھال ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا ئەھۋالنى بىلدۈرىدۇ ۋە دۇئا قىلغۇچىنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى، پىرئەۋننىڭ دۇئا قىلغانلىقى تۈپەيلى غەلىبە قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

دىننىي ھېكايىلەردە كۆرۈلگەن يەنە بىر مەسىلە بولسا تەبىئىي بولمىغان تېمىلارنىڭ ئىشلىتىلىشىدۇر. مەسەللەردە تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەپسانىۋى ۋەقەلىكلەر بەزى دىنىي ھېكايىلەردىمۇ كۆزگە چېلىقماقتا. ئادەتتىن تاشقىرى كۈچكە ئىگە بولغان قەھرىمانلارنىڭ قىلغانلىرى دىنىي بىر مەزمۇن ئىچىدە بېرىلمەكتە. مەسىلەن، ئاق ساقاللىق بوۋاي زىيارەت قىلغان بىر ئۆي، ئۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ بوۋايغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى تۈپەيلى سارايغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بولۇپمۇ بالىلار ئۈچۈن يېزىلغان بۇ خىل ھېكايىلەردىكى ۋەقەلىكلەر، بالىلارنىڭ ئۈمىدىنى ئۆزى ياشىغان دۇنيانىڭ ھەقىقەتلىرىدىن يىراقلاشتۇرماقتا. بۇ بالىلارنىڭ خىيالپەرەس بولۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولمىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، چوڭلار ئاڭلىغان بۇ خىل ھېكايىلەر ياكى تەسەۋۋۇپ ھېكايىلىرىمۇ ئۇلارنىڭ ئۆزى قىلغان ياكى قىلالايدىغان ئىبادەتلىرىنى يېتەرسىز دەپ قارىشىغا سەۋەبچى بولماقتا. چۈنكى ئۇلار ھېچقاچان ھېكايىلەردە بايان قىلىنغان ئەۋلىيالارنىڭ دەرىجىسىگە يېتەلمەيدۇ، شۇڭلاشقا ئۆزىدە كەمتۈكلۈك ھېس قىلىدۇ، خىيالىي قەھرىمانلارنى بولسا زېھنىدە ئۇلۇغلاشتۇرىدۇ.

بەك كۆپ كۆرۈلمىسىمۇ، دىن ۋە ئەخلاقنى تېما قىلغان بەزى ھېكايىلەرنى بايان قىلغان بەزى كىتابلاردا، ئەدەپكە زىت ھېكايىلەر ئۇچرىماقتا. توغرا بىر ئەخلاقى قىلمىشىنى ئىپادىلەش ياكى خاتا بىر قىلمىشنى تۈزىتىش مەقسىتى بىلەن يېزىلغان بۇ خىل ھېكايىلەر ۋاسىتىلىك بايان قىلىنماقتا. مەسىلەن، مەۋلانا جالالىدىن رۇمىنىڭ مەسنەۋىسىدە بۇ خىل ھېكايىلەر بار. ئەلۋەتتە، بۇ ھېكايىلەرنىڭ يېزىلىش سەۋەبلىرى نامەلۇم. لېكىن ئەخلاقى بىر تېما، ئەخلاققا زىت بولغان تەسۋىر بىلەن چۈشەندۈرۈلمەسلىكى كېرەك. بۇ مائارىپچىلارنىڭمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك بولغان مۇھىم نۇقتىدۇر. يەنى، دىن ۋە ئەخلاق ئۆگەتكەن بىرى، ئۆزى بايان قىلغان ھېكايىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك.

 

سەۋىيەدە كۆرۈلگەن مەسىلىلەر

 

بالىلار ئۈچۈن يېزىلغان ياكى ئېيتىلغان دىنىي ھېكايىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ پىسخىكا ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مۇۋاپىق بولۇشى كېرەكلىكىنى، ماقالىمىزنىڭ ئىلگىرىكى قىسمىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۇ يەردە يېزىلغان ھېكايىلەردە كۆرۈلگەن سەۋىيە مەسىلىلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز.

10 – 12   ياش ۋە تېخىمۇ چوڭ ياشتىكى بالىلاردا ئېلىپ بارغان دىنىي ھېكايىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر تەتقىقات ئارقىلىق مۇھىم نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق. بالىلار ئومۇمەن دىنىي ھېكايىلەرنى بىز ئۈمىد قىلغاندەك ئىدراك قىلغان ۋە ئۇلاردىن ئىنتايىن مۇۋاپىق ئەخلاقى قىممەت قاراش يەكۈنلىيەلىگەن. ئەمما بۇنى قىلالىغانلار
ھېكايىلەرنى چۈشىنەلىگەنلەر، ئەلۋەتتە توغرا چۈشىنەلىگەنلەردۇر. ئەپسۇس، ئۆزلىرى ئىلگىرى بىلىدىغان ھېكايىلەرنى ئېيتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى ھېكايە، دەپ پەقەت بەزى كارامەتلەرنى ۋە مۆجىزىلىك ھېكايىلەرنى بايان قىلغان. بەزى ئوقۇغۇچىلار بولسا خوراپەتلەرگە ئارىلاشتۇرىۋالغان ۋەقەلىكلەرنى ئويلشماستىن دىنىي ھېكايە دەپ نەقىل كەلتۈرگەن.

بالىلارنىڭ باھالاشلىرى⁹³ تەرەققىيات پىسخىكىسىنىڭ نەتىجىسى بىلەن ئوڭ تاناسىپتۇر. پەرقلەر ئومۇمەن ئىدراك قىلىش سەۋىيىسى تۈپەيلى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئەخلاقى ساۋاق يەكۈنلەشتە، يېشى يېقىن بولغانلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكى كۆرۈلمەكتە.

بۇ نەتىجىلەر شۇنى كۆرسىتىدۇكى، بالىلار يېشىغا مۇۋاپىق بىر ئىدراك قىلىش سەۋىيىسى بىلەن ھېكايىلەرنى چۈشىنەلەيدۇ. بولۇپمۇ تېخى ئەقلىي تەرەققىيات مەزگىلىگە كەلمىگەن بالىلارغا ئېيتىلغان ھېكايىلەرگە دىققەت قىلىنىشى كېرەك. مەيلى قۇرئان قىسسىلىرى ياكى باشقا ئابستراكت مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېكايىلەر بولسۇن، قولىمىزدىن كېلىشىچە بۇ ياشتىكى بالىلارنىڭ سەۋىيىسىگە مۇۋاپىق قىلىپ ئېيتىلىشى كېرەك. ئۇنداق قىلالمىساق، باشقا مۇۋاپىق ھېكايىلەرنى تاللاپ ئېيتىشىمىز زۆرۈر.

ھېكايە يازغاندا ۋە نەشر قىلغاندا ئوقۇرمەننىڭ سەۋىيەسىگە چوقۇم دىققەت قىلىنىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تەرەققىيات ۋە ئۆگىنىش پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىشىمىز لازىم. قايسى ھېكايىنىڭ قايسى ياش گۇرۇپپىسىدىكى بالىغا خىتاپ قىلىدىغانلىقى بەلگىلىنىشى كېرەك. ئەمما، كۆپىنچە دىنىي ھېكايىلەردە بۇنداق بىر مەلۇماتقا ئۇچرىمايمىز. بۇ دىنىي مەزمۇنلۇق ھېكايە كىتابلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ بىر كەمتۈكلۈكتۇر. بەزى ھېكايە كىتابلىرىنىڭ ئىچىدە بىردىن جىق ھېكايە بار ۋە ھەر ھېكايىنىڭ سەۋىيىسىمۇ پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. مۇنداق ئەھۋاللاردا پەرقلەرنى يوقىتىش، بالىنىڭ ھەممە ھېكايىدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

 

شەكىلدە كۆرۈلگەن مەسىلىلەر

 

ھېكايە تىل تەربىيەسىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەيلى كىتاب ئوقۇشنى بىلمەيدىغان بىر بالىغا ئوقۇلغان ياكى ئېيتىلغان ھېكايە بولسۇن، ياكى ئۆزى كىتاب ئوقۇيالايدىغان بالىنىڭ ئوقۇغان ھېكايىسىدىكى تىل بايلىقى، بالىنىڭ تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بالا ئۆزى ياشىغان دەۋردە ئىشلىتىلگەن تىلنى چۈشىنەلەيدۇ. بەك قەدىمىي، كۆپىنچە ئىشلىتىلمەيدىغان سۆزلەر بىلەن يېزىلغان ھېكايىنى بالا چۈشىنەلمەيدۇ.
دىنىي ھېكايىلەرنىڭ تىلىدىمۇ بۇ ماھىيەتتىكى مەسىلە كۆرۈلمەكتە. دىنىي ئۇقۇملار ۋە ئىشلىمەيدىغان بىر تىل بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەر مەۋجۇتتۇر. شۇڭىلاشقا دىنىي ھېكايىلەرنى يازغۇچى شۇ دەۋردە ئىشلىتىلىدىغان ۋە چۈشىنىشلىك بىر تىلنى تاللىشى كېرەك.

يەنە بىر تەرەپتىن ھېكايە ئەدەبىي بىر ئەسەردۇر. بۇ ئەدەبىي ئەسەر سەنەتنىڭ توغرا ۋە سەرخىل بولغان شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

 

قوشۇمچە ئامىللاردا كۆرۈلگەن مەسىلىلەر

 

نۇرغۇن قوشۇمچە ئامىللار، مەسىلەن، كىتابلار بېسىلغان قەغەز، خەتنىڭ بېسىلىش تېخنىكىسى، ھېكايىلەرنىڭ ئىچىدىكى رەسىملەرنىڭ شەكلى ۋە ھەجىمى، ھېكايىلەرنى كۆرۈنۈش جەھەتتىن تاماملايدۇ. نەشرىيات تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ بۇ قوشۇمچە ئامىللارنىڭ يەنىلا ئېستېتىك بولماسلىقى، ھېكايە كىتابلارنىڭ تەربىيەدىكى پايدىلىرىنى ئازايتماقتىدۇر.

بىر ھېكايە بالىغا ئوقۇپ بېرىلگەن ياكى ئېيتىپ بېرىلگەندىكى ئىنتوناتسىيە، روللارغا مۇۋاپىق بولغان ئاۋازغا ئوخشاش ئاڭلاش جەھەتتىكى ئامىللارمۇ ھېكايىلەر ئۈچۈن مۇھىمدۇر. مەسلەن بىر رادىيو پروگراممىسىدا ھېكايە ئوقۇغان بىرىنىڭ بۇلارغا چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك. يەرلىك رادىئولار كۆپەيگەن بۈگۈنكى كۈندە، بەزى بالىلار پروگراممىلىرىدا ئوقۇلغان دىننىي ھېكايىلەردە، بۇ مەسىلە دىققىتىمىزنى ئىنتايىن بەك تارتماقتا.

شەكىل جەھەتتىن دىنىي ۋە ئەخلاقىي ھېكايىلەر دېيىشنىڭ ئورنىغا، تېخىمۇ مۇۋاپىق بىر ئۇسۇل بىلەن دىن ۋە ئەخلاق تەربىيىسىنى مەقسەت قىلىپ يېزىلغان ھېكايىلەر دېيىش مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى شۇنداق ھېكايىلەر بار كى، ئەسلىدە بۇ كاتېگورىيەگە كىرمىسىمۇ، ئەخلاقىي بىر تەربىيە ئۈچۈن ئىشلىتىلسە بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، بۇ مەقسەت ئۈچۈن يېزىلغان ھېكايىلەردە نېمىلەرگە دىققەت قىلىنىشى كېرەك دېگەن سوئالغا جاۋاب ئىزدەش مۇۋاپىق بولىدۇ.

6 – دىنىي ۋە ئەخلاقىي تەربىيەنى مەقسەت قىلىپ يېزىلغان ھېكايىلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ئومۇمىي ئالاھىدىلىكلەر.

ھېكايىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئالتە ئاساسلىق ئېلېمىنتى باردۇر. بۇ ئېلېمىنتلار دىنىي ۋە ئەخلاقىي تەربىيىنى مەقسەت قىلىپ يېزىلغان ھېكايىلەردىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. شۇڭلاشقا بۇ قىسىمدا يېزىلىپ بولغان ھېكايىلەرگە ئەمەس، بۇنىڭدىن كېيىن يېزىلىدىغان ھېكايىلەرگە تەكلىپىمىزنى سۇنىمىز.

 

قۇرۇلما

قۇرۇلما ھېكايىنىڭ بېشىدىن ئاخىرغىچە بولغان شەكىلىدۇر. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ھېكايىنىڭ قۇرۇلمىسى قالايمىقان پارچىلارنى سىستېمىلىق قىلىپ يىغىش ۋە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە ئۇلارنىڭ تەرتىپىنى ساقلاپ قېلىشتۇر. ھېكايە مەنتىقىلىق مۇنازىرە ياكى ئالاقە ئورنىتىش ئۇسۇللىرى بىلەن شەكىللەندۈرۈلىدۇ. ۋەقەلىكلەر ۋە قەھرىمانلار يازغۇچى تەرىپىدىن مۇھىم رەت-تەرتىپ ئارقىلىق بېرىلىدۇ.

بالىلارغا ئەخلاقىي تېمىلارنى سۆزلەپ بېرىش ئۈچۈن ھېكايە يازغاندا، ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى بىۋاسىتە نەقىل كەلتۈرۈشنىڭ ئورنىغا ئۇلاردا بايان قىلىنغان ئەخلاقىي ئاساسلارنى تەسۋىرلەش كېرەك، ھېكايە دىننىڭ ئىسمى بېرىلمەستىن سۇنىلىشى كېرەك. چۈنكى بالىلار ئالدى بىلەن ئەخلاقى مۇئامىلىلەرنى ئۆگىنىشى ۋە قوبۇل قىلىشى كېرەك. بۇ مۇئامىلىلەرنى ھېكايىنىڭ ئىچىدە تېخىمۇ ئاسان چۈشەندۈرەلەيمىز. دىنىي تېكىستلەر بىلەن بايان قىلساق، تېخىمۇ بەكراق قائىدىلىك بىر ئۇسۇل شەكىللىنىدۇ. ھالبۇكى ھېكايە ۋە ھېسداشلىقنىڭ نەتىجىسىدە بالا، ھېكايىنىڭ ئىچىگە جەلپ قىلىنىدۇ ۋە خۇددى ھېكايىنىڭ ئىچىدە تەربىيىلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. چوڭ بولغاندىن كېيىن، بالا ئۆز يېشىغا مۇۋاپىق سەۋىيەدىكى دىنىي تېكىستنى ئوقۇغاندا، ئۇ مەزمۇنلارنى ئاللىبۇرۇن ئۆگىنىپ بولغان بولىدۇ.

 

مەركىزى ئىدىيە

 

مەركىزى ئىدىيە، يازغۇچىنىڭ تاللاشلىرىدىكى ياكى ھېكايىلىرىدە ئىپادىلەشكە تىرىشقان كۆز قارىشىدۇر. شۇڭلاشقا مەركىزى ئىدىيە ۋەقەلىكلەرنىڭ تاللىنىشى ۋە باھالىنىشىدىن ئىبارەتتۇر، دېيەلەيمىز. بۇ سەۋەبتىن جەمئىيەتنىڭ ۋە دىننىڭ ئۆز-ئارا تەسىرى، ھېكايە يازغۇچىسىنىڭ جىنسىيىتى، يېشى ۋە ئېتنىك قۇرۇلمىسىغا ئوخشاش ئامىللار، قىزىقىشلىرى ۋە قىيىنچىلىقلىرى پۈتۈنلەي ھېكايىدە ئەكس ئەتتۈرۈلىدىغان ئالاھىدىلىكلەردۇر.
دىن ۋە ئەخلاق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھېكايىلەردە يازغۇچى، ئۆزىچە توغرا دەپ قارىغانلارنى ئەمەس، مەنبەسى ئىشەنچلىك مەزمۇنلارنى يېزىشى كېرەك. مەلۇم بىر ئېقىم ياكى جەمئىيەتنىڭ يېنىدا ياكى قارشى تەرىپىدە تۇرماستىن، ئوبيېكتىپ بىر كۆز قاراش بىلەن ھېكايىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

 

تەجرىبە

ھېكايىدە تەجرىبە، تۇيغۇ، ھاياجان ۋە باھالاش ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا بولغان دىئالېكتىك تەسىردۇر. ھېكايىلەردە ھېسسىيات بىلەن چۈشەنچىلەر ۋە ئەقىل بىلەن ۋىجدان، ئۆزئارا تەسىر قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئادەم تەجرىبىسىگە بۇ ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىشىشى لازىم. شۇنىڭدەك ئادەمنىڭ ھېسسىي ۋە فىزىكىلىق قۇرۇلمىسىنىمۇ ئايرىماستىن ھېكايە يېزىش كېرەك. ئەگەر پەقەت مەنىۋى تەرىپىنى بايان قىلىش بىلەن ئادەمنىڭ ماددىي تەرىپىگە سەل قارالسا، بۇ ھېكايىلەر مەقسىتىگە يەتمىگەن بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن يازغۇچىلار ھېكايىلىرىدە قەلئەنىڭ چوققىسىدا تۇرۇپ كۆرگەنلىرىنى ئەمەس، خەلقنىڭ ھاياتىدا يۈز بەرگەنلەرنى ۋە خەلقنىڭ شۇ دەۋردىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يېزىشى كېرەك.

 

رول بەلگىلەش

 

رول بەلگىلەش يازغۇچىنىڭ ھېكايىدىكى پىرسۇناژلارغا بەرگەن روللىرىنى كۆرسىتىدۇ. ھېكايە قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولسا ھېكايىدىكى روللار ئارىسىدىكى باغلىنىشلار، ئۇلارنىڭ تالاش تارتىشلىرى ۋە بىر بىرىنى تاماملىشىدۇر. يازغۇچى قەھرىمانلارنى ناھايىتى ياخشى بەلگىلىشى ۋە ئۇلارغا بەرگەن روللارغا ئىنتايىن بەك دىققەت قىلىشى كېرەك. پىرسۇناژلار ئادەتتىن تاشقىرى قابىلىيەتكە ئىگە بولماسلىقى، مەنتىقىلىق ۋە چۈشىنىشلىك ھەرىكەتلەرنى قىلىشى كېرەك. يامان ۋە سەلبىي روللارنى ئالغان پىرسۇناژلىرى قىلمىشلىرى كونكرېت تەسۋىرلەنمەسلىكى كېرەك، ھەمدە ئۇلارنى جەلپكار بايان قىلىشتىن قېچىش كېرەك.

 

مۇناسىۋەت بەلگىلەش

 

يازغۇچىنىڭ ھېكايىنى يېزىشى، ۋەقەلىكنى داۋاملاشتۇرۇشى، شەكىل بېرىشى ۋە مۇناسىۋەتلەرنى نەتىجىلەندۈرۈشىدۇر. رول بەلگىلەش ھېكايە ئىچىدىكى باغلىنىشلارنىڭ ئېنىقلىنىشى بولسا، مۇناسىۋەتلەرنى بەلگىلەش بولسا باغلىنىش ئىچىدىكى ھېكايىنىڭ ئىشلىتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.

 

قوشۇمچە پىرسۇناژلار

 

قوشۇمچە پىرسۇناژلار بولسا يازغۇچىنىڭ ھېكايىسىدە ئورۇن بەرگەن مۇھىم باشقا كىشىلەردۇر. بۇلار ھېكايىدىكى باش پىرسۇناژلارغا ياردەم قىلىدۇ.

ئالدى بىلەن يازغۇچىنىڭ ھېكايە يېزىش مەقسىتى ئېنىق بولۇشى كېرەك. يازغۇچى باشتا بۇ ھېكايە بىلەن بالىغا قايسى مەزمۇننى چۈشەندۈرمەكچىمەن,قايسى قىلمىشىنى تەسۋىرلىمەكچىمەن؟ دېگەن سوئاللارنى ئويلىشى كېرەك.

ھېكايىدە مەقسەت بەلگىلەنگەندىن كېيىن شۇ مەقسەتىكە مۇۋاپىق بولغان ۋەقەلىكلەرنى تاللاش كېرەك. چۈشىنىشلىك ھېكايىلەر بولسا شۇ ھېكايىدىكى ۋەقەلىكلەر بىلەن مەقسەتكە ئەڭ ئاسان يەتكۈزگەن ھېكايىلەردۇر.

ياخشى يېزىلغان بىر ھېكايىدە پىرسۇناژلار ياكى شەيئىلەرگە ھېكايىنىڭ داۋامىدا مۇقىم كىملىكلەر بىلەن ئورۇن بېرىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىدىئال ھېكايىنىڭ چاغداش ئۆلچەملىرىدە تەسۋىرلەر ئىنتايىن مۇھىم. بايان ۋە تەسۋىرخۇددى بىر رەخت توقۇلغاندەك توقۇلۇشى كېرەك. ئەمما بۇ بايان قىلىش شەكلى ھېكايىنى قالايمىقانلاشتۇرماسلىقى كېرەك. ھېكايىنىڭ باشتىن ئاخىرىغىچە ئېنىق چېگرالىرى بولۇشى ۋە بۇ چېگرالاردىن چىقىلماسلىقى كېرەك.

ھېكايىنىڭ ئاخىرى چۈشىنىكسىز، پەقەت بىر نۇقتا بولۇشى كېرەك. ھېكايىلەردە تاللانغان نەتىجىلەر كۆپىنچە تىپىك قىممەت قاراشلار ئىپادىلەنگەن بىر ساۋاق بولۇۋاتىدۇ. ھېكايىدىن ئېرىشمەكچى بولغان ئەخلاقىي دەرس ئوچۇق بىر شەكىلدە-مەسىلەن، بۇ ھېكايىدىن چىقىرىلىدىغان ساۋاق دېگەنگە ئوخشاش-بېرىلمەستىن چۈشىنىشلىك ۋە ھېس قىلىنىدىغان بىر شەكىلدە بېرىلىشى ۋە ساۋاقنى ئوقۇرمەن ئۆزى چىقىرىشى كېرەك.

 

پايدىلانمىلار

 

¹ Graham Rossiter,Film and Television:An Introductoru Study of the 'Alternative'Religious Stories that Shape the Spirituality of Children and Adolescents,http://www. acu. edu. au/ren/rosarwfl. htm,25. 12. 2001
 ² Bkz. Heinz Streib,Mass Media,Myth,and Narrative Religious Education,http://www. tgkm. unibielefeld. de/hstreib/literatur/massmediahtm 25. 12. 2001
 ³Bkz. Abdullah Özbek,Bir Eğitimci Olarak Hz. Muhammed,Konya,1991,s. 196
 ⁴Bkz. Abdullah Özbek,Bir Eğitimci Olarak Hz. Muhammed,Konya,1991,s. 195
 ⁵A. Ferhan Oğuzkan,Çocuk Edebiyatı,Ankara,1997,s. 92
 ⁶Türkçe Sözlük,TDK,Ankara,1983,1/532
 ⁷İbn Faris,Ebu'l-Huseyn Ahmed. Mu'cemu'l-Mekayis fı'l-Luğa,thk. Şihabuddin Ebu Amr,Beyrut,1998,s. 277;İbn Manzur,Ebu'l-Fadl Cemalüddin Muhammed b. Mükerrem,Lisanü'l-Arab,1990,7/73-74;Ebu Bekir er-Razi,İzahu Muhtaru's-Sıhah,Dımeşk,1997,s. 98
 ⁸Kassa fiili Kur'an'da "izlemek"anlamında kullanılmaktadır:"Musanın kız kardeşine"onun izini takip et(kussihi)"dedi. "(Kasas 28/11)"Musa,"işte aradığımız o idi"dedi. Tekrar izlerini takip ederek (kasasan)geri döndüler"(Kehf18/64)
 ⁹İbn Faris,age,s. 755;Ebu Bekir er-Razi,age,s. 355;er-Rağıb el-İsfehani,Müfredatü Elfazi'l-Kur'an,Beyrut,1992,s. 671
 ⁰¹Türkçe Sözlük,TDK,Ankara,1983,2/929
 ¹¹Şemsettin Sami,Kamus-ı Türki,İstanbul,1317,s. 228;Türkçe Sözlük,TDK,Ankara,1983,1/532
 ¹²Bkz. R. Ruard Ganzevoort. Proposal for a Narrative Analytical Technique in Empirical Theology. Journal of Empirical Theology 11(2),1998,23-40
 ¹³Üstün Dökmen,Sanatta ve Günlük Yaşamda İletişim Çatışmaları ve Empati,İstanul,2000,s. 134
 ¹⁴Bkz. Richard L. Gregory,Ed. ,The Oxford Companion to The Mind,New York,1987,s. 220
 ⁵¹Üstün Dökmen,age,s. 135
 ¹⁶Bkz. Üstün Dökmen,age,s. 135-136
 ¹⁷Bkz. Ali Fuat Bilkan,Masal Estetiği,İstanbul,2001,s. 45
 ¹⁸Kenneth J. Gergen Narrative,Moral Identity and Historical Consciousness:a Social Constructionist Account http://www. swarthmore. edu/socsci/kgergen1/text3. html,25,12. 2001
 ⁰²Ali Fuat Bilkan,Masal Estetiği,İstanbul,2001,s. 13-14
 ²¹Seyyid Kutup,Kur'an'da Edebi Tasvir,çev. Mehmet Yolcu,İstanbul,1991,s. 175
 ²²Mehmet Şanver,Kur'an'da Tebliğ ve Eğitim Psikolojisi,İstanbul,2001,s. 188;Ayrıca Bkz. Seyyid Kutup,age,s. 177-190;Said Şimşek,Kur'an Kıssalarına Giriş,İstanbul,1993,s. 71
 ²³Bkz. Maide 5/26-30
 ⁴²Bkz. Yasin36/13-27
 ²⁵Bkz. Kehf18/32-44;Kalem 68/17-32
 ²⁶Muhammed Kutup,Menhecu't-Terbiyeti'l İslamiyye,Beyrut,1986,1/93
 ⁷²Abdullah Özbek,Bir Eğitimci Olarak Hz. Muhammed,Konya,1991,s. 196,202
 Ayrıca Bkz. Abdulfettah Ebu Gudde,Bir Eğitimci Olarak Hz. Muhammed ve Öğretim Metodları,çev. Enbiya Yıldırım,İstanbul,1998,s. 194
 ⁸²Ayhan Aydın,Gelişim ve Öğrenme Psikolojisi,İstanbul,2000,s. 29
 ²Bkz. David Fontana,Psychology for Teachers,London,1995,s. 53-59
 ³⁰Bkz. Münire Erden,Yasemin Akman,Eğitim Psikolojisi,Ankara,1996,s. 103
 ³¹Beyza Bilgin,Mualla Selçuk,Din Öğretimi,Ankara,1995,s. 74
 ²³Beyza Bilgin,Mualla Selçuk,age,s. 77
 ³³Muhiddin Okumuşlar,Fıtrattan Dine,-Din Fıtrat Eğitim İlişkisi-,Konya,2002,s. 73
 ³⁴ Beyza Bilgin,"Ahlak Terbiyesinde Dini Hikayeler",Din Eğitimi Araştırmaları Dergisi,Sayı:1. İstanbul,1994,s. 51
 ³⁵Mehmet Şanver,age,s. 187(H. Fikret Kanad'dan naklen,Pedagoji,Ankara,1951,1/148)
 ⁶³İdris Şengül,"Kur'an'ın Mesajını Ulaştırmada Kıssaların Önemi",Kur'an Sempozyumu,Ankara,1994,s. 137
 ³⁷Bkz. Beyza Bilgin,"Ahlak Terbiyesinde Dini Hikayeler",Din Eğitimi Araştırmaları Dergisi,Sayı:1,İstanbul,1994,s. 54-55
 ⁰⁴Bkz. Heinz Streib,Mass Media,Myth,and Narrative Religious Education,http://www. tgkm,unibielefeldde/hstreib/literatur/massmedia. htm25. 12. 2001
 ⁴¹Bkz. R. Ruard Ganzevoort. Proposal for a Narrative Analytical Technique in Empirical Theology. Journal of Empirical Theoogy l l (2),1998,23-40
 ⁴² Kenneth J. Gergen Narrative,Moral Identity and Historical Consciousness:a Social Constructionist Account http://www. swarthmore. edu/socsci/kgergen l /text3. html 25. 12. 2001
 ⁴³J. J. Rousseau,Emile ya da Çocuk Eğitimi Üzerine,ç. Mehmet Baştürk,Yavuz Kızılçim,Erzurum,2000,s. 148

 
تەرجىمە قىلغۇچى: تاجىگۈل سەمەت

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*