دىنىي بىلىم ۋە كۈنىمىزدە ئىسلام (1)

2019-يىلى 16-ماي

ئالى بارداكئوغلۇ

بۈگۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ پەخىرلىنىدىغان نۇرغۇن قىممەت – قاراشلارغا ۋە ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولۇشى بىلەن بىرگە، ئېغىر كىرىزىس بىلەن تىركىشىۋاتقانلىقى، ئەتراپىمىزنىڭ يېقىن ۋە يىراق قىرلىرىدا بىز ھېچقاچان رازى بولمايدىغان ئىسلام چۈشەنچىسىنىڭ كۈنسېرى يىلتىز تارتىشقا باشلىغانلىقى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ئاچچىق ھەقىقەتتۇر. بىر تەرەپتىن ئىگە بولغانلىرىمىزنىڭ قەدىر – قىممىتىنى بىلىشىمىز، يەنە بىر تەرەپتىن دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى تېگى تەكتىدىن بىلىپ يېتىشىمىز ۋە بۇلاردا ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك ھەسسىسى بارلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ ئوتتۇرىغا چىققان بۇ مەسىلىلەردە ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك ئۈلۈشى بارلىقىغا دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ، سالماقلىق بىلەن ھەل قىلىش تەدبىرلىرى تېپىپ چىقىشقا يۈزلىنىش جەمئىيىتىمىزنىڭ ئۇقۇمۇشلۇقلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ يەلكىسىگە ئارتىلغان ئېغىر مەسئۇلىيەت بولۇشى كېرەك. كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە مۇرەككەپ مەسىلىلەر ئەلۋەتتە كۆپ قىرلىق ۋە مەجھۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، بۇلارغا ئادەتتىكى مەسىلىدەك مۇئامىلە قىلىپ، مەسىلىنىڭ بىرلا جاۋابىنى ئىزدەش توغرا ئەمەس. مەزكۇر ئەندىشە نەزەردە تۇتۇلغان ھالدا، بۇ ماقالىدە دىنى بىلىم، دىنى بىلىمنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىسلامى ئىلىملەر ئوتتۇرىغا چىقارغان مول بىلىم جۇغلانمىسى ۋە بۇلار ئاساسىدا كۈنىمىزدىكى ئىسلام چۈشەنچىسى ۋە ئىسلامنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

1 – دىنى بىلىم

دىنى بىلىم دېيىلگەن ۋاقىتتا ئەقلىمىزگە نېمە كېلىدۇ؟ دىن، كىشىلەر تەپەككۇرنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن ۋە مۇئەييەن قاراشقا ئىگە بولغان ساھەدۇر. بۇ سەۋەبتىن دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئومۇمىيلاشقان چۈشەنچىلەرنى سالماقلىق بىلەن، ئىلمىي نۇقتىئىنەزەردە تۇرۇپ كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىمىز كېرەك. دىن دېيىلگەندە، ئالدى بىلەن ھاياتىمىزنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى، مەۋجۇت بولۇشنىڭ مەنىۋى ئارقا كۆرۈنۈشىنى بايان قىلغان، مەۋجۇتلۇقنىڭ ئاداققى مەقسىتىنى ئىزاھلاپ بەرگەن مېتافىزىكىلىق نۇر ئەقلىمىزگە كېلىدۇ. مېتافىزىك مەنا، مەنىۋى ئارقا كۆرۈنۈش دېگەن ۋاقتىمدا كۆز بىلەن كۆرگىلى، قۇلاق بىلەن ئاڭلىغىلى، تەجرىبە ئارقىلىق يەتكىلى بولمايدىغان مەنا ۋە قىممەت – قاراشنى نەزەردە تۇتۇۋاتىمەن. دىن، مۇسبەت بىلىمنىڭ سىرتىدا ۋە ئۈستىدە ئۇنىڭغا قوشۇلغان ئىلاۋە بولۇپ، ئۇنى تولۇقلىغۇچىدۇر. تېبابەت ، ئىنژېنېرلىق، فىزىكا، جۇغراپىيە ساھەسىدە ئەقىل ۋە ھېس – تۇيغۇ ئورگانلىرىمىز ئارقىلىق كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولالايمىز. بۇ ساھەلەردىكى بىلىمىمىز تەجرىبە جۇغلانمىلىرىمىز، قابىلىيەت ۋە تىرىشچانلىقىمىز بىلەن ئوڭ تاناسىپتۇر. دىن، ھاياتنىڭ ئاداققى مەنىسىنى ئۆگىتىش، يارىتىلىشنىڭ كەڭ دائىرىدىكى ئانالىزىنى قىلىش ئۈچۈن ھاياتىمىزدا مەۋجۇتتۇر. دىن، مەۋجۇدىيەتنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى، يارىتىلىشنىڭ مەناسى، بۇ يەردە مەۋجۇت بولۇشىمىزنىڭ مەقسىتى، مەۋجۇدىيەتنىڭ قاياققا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ. بىز بۇلارنى تەجرىبە قىلىش، كۆزىتىش ۋە ئەقىل بىلەن بىلەلمەيمىز. بۇ سەۋەبتىن مۇسبەت بىلىملەر بىلەن دىنى بىلىم بىر – بىرىگە زىت ئەمەس. دىنى بىلىم دىن ساھەسىدە بولۇپ، ئاللاھنىڭ كىتابلىرى، مۇقەددەس بايانى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق بىزگە يېتىپ كەلگەن.

داۋامىنى پ د ف ھۆججىتىدىن ئوقۇيالايسىز

 

View Fullscreen

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*