دىنى مەسىلىلەردە مۇنازىرە قىلىشنىڭ ئۇسۇلى

2018-يىلى 22-ئاپرېل

دىنى مەسىلىلەرنى ئاغزاكى ياكى يازما ھالەتتە مۇنازىرە قىلغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپلار بار. ئىختىلاپ ئەخلاقى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ پىرىنسىپلارنى تۆۋەندىكى شەكىلدە خۇلاسىلاشقا بولىدۇ:
1- ھەقىقەت ۋە مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىش
مۇنازىرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ھەقىقەتنى ياكى مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن «ھاۋايى-ھەۋەسنى خۇادىسى قىلىۋالغان» (غاسىيە، 45-23)ئىدىيەدىن ساقلىنىپ ياخشى نىيەت، سەمىمىيەت، ئىنساپ بىلەن ھەرىكەت قىلىپ ھەقىقەت ۋە مەسىلىنى يورىتىپ بېرىش كېرەك. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسۇد بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«كىمكى دىنىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئارزۇ قىلسا ھاۋايى-ھەۋەسكە مۇپتىلا بولغۇچىلار بىلەن مۇنازىرە قىلىشمىسۇن »(دارىمى، مۇقەددىمە، 29). ئىمامى مالىكمۇ «ھەدىس ئىلمىنى ئىنسانلارنى ھاۋايى-ھەۋەسكە چاقىرىدىغان نادانلاردىن ئۆگىنىشكە بولمايدۇ» دەيدۇ. شەكسىزكى، ئاگاھلاندۇرۇش خاراكتېرىدىكى بۇ ھىكمەتلىك سۆزلەر نەپسىنى قاندۇرۇشنىڭ كويىدا يۈرگۈچىلەرنىڭ سۆزىگە ئەھمىيەت بەرمەي ئۇلار بىلەن بەس-مۇنازىرە قىلماسلىق لازىملىقىنى ئۆگىتىدۇ. شۇڭا بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە ئىدىئولوگىيەلىك ئەمەس تەتقىق روھىنى ئاساس قىلغان، پايدىلىنىش مەقسەتلىك ئوقۇش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى بويىچە ھەرىكەت قىلىش لازىم. چۈنكى بەس-مۇنازىرە ئەسناسىدا نەقلىي-ئەقلىي جەھەتتىن ئوچۇق دەلىللەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەقىقەت ئالدىدا گەپ يورغىتىپ تېمىنى باشقا ياققا بۇراش ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر، بۇ سەۋەبتىن بەس-مۇنازىرە ئەسناسىدا ھەددىن زىيادە ئاچچىقلىنىپ مۇنازىرە سورۇنىدىن سەكرەپ قوپۇپ كېتىش ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. بۇ سەلبىي ھەرىكەتنى سادىر قىلغۇچى ھەقىقەت ياكى مەسىلىنى يورىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئەمەس، قارشى تەرەپنى بېسىقتۇرۇش ياكى مات قىلىشنى كۆزلەيدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ئىنساننىڭ نەپسىنىڭ خاھىشىغا ئەگىشىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ھالبۇكى، بەس-مۇنازىرە بولىۋاتقان مۇھىتتا قايىل بولغان تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ كۆز-قاراشلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ھەقىقەتكە بويسۇنۇشى ئەمەلىيەتتە ئىختىلاپ ئەخلاقىنىڭ تەقەززاسى ھېسابلىنىدۇ. ئىمامى شافى ئالاھىدە تەكىتلىگەن مۇنۇ مۇنازىرە ئەخلاقى تولىمۇ مۇھىمدۇر: «مەن بىرى بىلەن مۇنازىرە قىلىشغان چېغىمدا مۇنداق دەيمەن: ئاللاھىم ھەقنى ئۇنىڭ قەلبىدە نامايەن قىلىپ تىلى ئارقىلىق دېگۈزگىن. ناۋادا ھەق مەن تەرەپتە بولسا قارشى تەرەپنى ماڭا مايىل قىلغىن، ھەق قارشى تەرەپتە بولسا مەن ئۇنىڭغا مايىل بولاي.»
بۇ جايدا ھەق كەلىمىسىنى «كىتاب ۋە سۈننەتنىڭ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك تەلىماتلىرى»دېگەن تەرىقىدە چۈشەنسەك تېخىمۇ توغرا بولىدۇ. بۇنى مۇنداق ئىزاھلاش مۇمكىن: ساغلام دىنى چۈشەنچىنىڭ تېگىدە شەخس ئەمەس قۇرئان، سۈننەت ۋە بۇ ئىككى مەنبەدىن ئوزۇقلانغان ئەقىل ياتىدۇ.
دەرۋەقە، كۇفەلىك قۇمەيىل ب. زىياد ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېشىغا كېلىپ مۇنداق سوئال سورايدۇ: «ئەجابا، سېنىڭ ھەق ئۈستىدە ئىكەنلىكىڭگە، تالھا ۋە زۇبەيرنىڭ بولسا باتىل ئۈستىدە ئىكەنلىكىگە ئىشەنسەك بولامدۇ؟». ئەلى رەزىياللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: سەن سەخسلەرنى ھەق ئارقىلىق تونۇغىن، ھەرگىزمۇ ھەقنى شەخسلەر بىلەن تونۇمىغىن، سەن ھەقنى تونىساڭ ئۇنىڭ ئەھلىنىمۇ تونۇيسەن.»(بەيرۇت 1407. 291).
2- بىلىملىك ۋە ئاڭلىق بولۇش
بەسرەلىك ئالىم قاتادە بىن دايىمە «ئالىملارنىڭ <فەقىھلارنىڭ ئىختىلاپلىرىنى بىلمىگەن كىشى ئالىم <فەقىھ>ئەمەس»دەيدۇ. قىسقىسى، «ئىختىلاپى مەمدۇھ» (مەدھىيەلگەن ئىختلاپ)دەپ تەرىپلىنىدىغان دىندىكى ئىختىلاپلار ۋە ئىجتىھاد پەرقلىقلىرى ئىسلام دۇنياسىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن رەھمەت ۋە پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ. قورقۇش ۋە ئەندىشە پەيدا قىلىدىغان ئىختىلاپ بولسا مىللەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭ ۋە جامائەتنىڭ بىرلىكىنى، ئىتتىپاقلىقىنى ۋە باراۋەرلىكىنى بۇزۇپ بۆلۈنۈش ۋە پارچىلىنىش پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىلدىكى ئىختىلاپ «ئىختىلافى مەزمۇم» (زىيانلىق ئىختىلاپ)دەپ ئاتىلىدۇ.
ئىلىم ۋە دۆلەت ئەربابى ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ مۇنۇ سۆزى تالاش-تارتىشلىق بىر مەسىلىنىڭ ئاشخانىدا پىشۈرۈلماستىن خام پېتى مېھماننىڭ ئالدىغا قويۇلماسلىق لازىملىقىنى ئۆگىتىدۇ: «ئاۋام خەلق ئالدىدا دىنى مەسىلە ئۈستىدە سۆزلەشكەن جامائەتنى كۆرسەڭلار، بىلىڭلاركى ئۇلار ئازغۇنلۇقنىڭ كويىدا يۈرگەن بولىدۇ.»
شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، دىنى مەسىلىلەرنى ئۆزىگە خاس تېرمىن ۋە ئاتالغۇلار بىلەن بەس-مۇنازىرە قىلىش تولىمۇ مۇھىمدۇر. بۇ ئەھۋال «بىلىملىك ۋە ئاڭلىق»بولۇشنىڭ تەقەززاسىدۇر. دەرۋەقە، دىننىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق ۋەزنى، سالمىقى، تارىخىي، تىلى، تېرمولوگىيەسى، ئۇسلۇبى ۋە مەنبەلىرى بار. «دىن تىلى»گە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىنمىغان تەقدىردە مۇسۇلمانلارنى بىئارام قىلىدىغان «زىيانلىق ئىختىلاب»ھادىسى مۇقەررەر يۈز بېرىدۇ.
3- قارشى تەرەپكە يامان نىيەت ۋە ھېس-تۇيغۇ بىلەن قارىماسلىق
قارشى تەرەپكە يامان نىيەت ۋە نەزەر بىلەن قاراپ ئۇنى كەمستىش تەپرىقىچىلىق پەيدا قىلىدۇ، ياتلاشتۇرىدۇ ۋە ئىجتىمائىي رىشتىنى بۇزىدۇ. ئۇھۇد ۋە ھۇنەيندە رەسۇلۇللاھنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىغان جەڭگىۋار ۋە باتۇر ئەبۇ دۇجانەنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغان ئىككى ئەمەلدىن بىرىسىنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشقا ئارىلاشماسلىق، يەنە بىرىنىڭ قەلبىدە مۇسۇلمانلارغا ناچار ھېس-تۇيغۇ پەيدا قىلماسلىق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
4- ھاقارەت، قارغاش ۋە تەكفىرگە ئوخشاش ناچار پوزىتسىيە ۋە قىلىقلاردىن ساقلىنىش
شۇنىسى روشەنكى، بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ناچار پوزىتسىيە ۋە قىلىقلاردىن ساقلانمىغان تەقدىردە قارشى تەرەپكە ئېغىر زەربە بېرىلىپ چەمبەرنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىنىپ ھەقىقەت بىلەن تونۇشۇشىغا توساق سېلىنىدۇ. دەرۋەقە، رەسۇلۇللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىنگەن بىر ھاراقكەشكە جازا بېرىلىپ بولغاندىن كېيىن سورۇندىكى بىرسى «ئاللاھ سېنى رەزىل ۋە رەسۋا قىلغاي، لەنەت ياغدۇرغاي»دەپ تىلاپ كەتكەندە، رەسۇلۇللاھ «ئۇنداق دېمىگىن، بۇ قېرىندىشىڭلارغا زىيانلىق بولىدىغان تەرىقىدە شەيتانغا يانتاياق بولماڭلار، ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇماڭلار، قەسەم قىلىمەنكى، بۇ ئادەم ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرىدۇ» (بۇخارى، ھۇدۇد، 4.5) ۋە «ئاللاھىم ئۇنى مەغپىرەت قىلغىن، ئۇنىڭغا مەرھمەت قىلغىن،دەپ دۇئا قىلىڭلار»(ئەبۇ داۋۇد، ھۇدۇد، 35، 36)دەپ ئۇنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.
رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنۇ ھەدىسىمۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ياخشى ئىزاھلايدۇ:«بىرى مۇسۇلمان قېرىندىشىنى كەمسىتىپ ھاقارەت قىلسا بۇ ئۇنىڭ ناچارلىقىغا كۇپايەدۇر» (مۇسلىم، بىرر، 32: ئەبۇ داۋۇد، ئەدەب، 35: تىرمىزى، بىرر، 18: ئىبىن ماجە، فىتەن، 2: ئەھمەد ب. ھامبەل، 2، 227).
«ھېچكىم بىرىنى پاسىق ياكى كاپىر دەپ تىللىمىسۇن، ناۋادا ئەيىبلەنگەن بۇ سۈپەتلەر بۇ كىشىدە بولمىسا ئۇ سۆز ئۇنى دېگۈچىگە قايتىدۇ» (بۇخارى، ئەدەب، 44).
«مۇسۇلماننى ھاقارەتلەش پاسىلىق بولسا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلىش كۇپۇرلۇقتۇر»(بۇخارى ئىمان، 36، ئەدەب، 44، فىتەن8: مۇسلىم ئىمام، 116).
«مۆمىن كىشىگە لەنەت ياغدۇرۇش ئۇنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئوخشاشتۇر» (بۇخارى، ئەدەب، 48).
«مۆمىن كىشى ھەرگىزمۇ چېقىشتۇرىدىغان، ھاقارەتلەيدىغان، سۇخەنچىلىك قىلىدىغان، ئاغزى بىزەپ ۋە قوپال سۆزلۈك بولمايدۇ» (تىرمىزى، بىرر، 48).
5- قارشى تەرەپنى ھۆرمەت قىلىش،مۇلايىم ۋە سەۋىر بىلەن ھەرىكەت قىلىش
سۆزنى ئاز قىلىپ قارشى تەرەپكە سۆزلەش پۇرسىتى بېرىش قارشى تەرەپكە ھۆرمەت قىلغانلىق بولىدۇ. بىھۇد سۆزلەرنى كۆپ قىلىپ قارشى تەرەپكە سۆزلەش پۇرسىتى بەرمەسلىك ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭلى يېرىم قىلىپ چارىتىپ قويىدۇ. شۇنداقلا ئايىغى چىقمايدىغان تېمىلاردىن ساقلىنىش لازىم.
بولۇپمۇ جىددىي كەيپىيات ۋە كەسكىن بەس-مۇنازىرە ھۆكۈم سۈرۈۋاتقاندا قىلىنغان تەنقىدلەر ئالدىدا قايتۇرۇلىدىغان ئىنكاسلار ئامال بار سىلىق بولۇشى لازىم. «ھىلىم» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان پوزىتسىيە مۇشۇنداق كەسكىن پەيتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ، «ھىلىم»كەلىمىسى ئەسلىدە «جاھىل»كەلىسىمىنىڭ زىتى بولۇپ بەدەۋىلىك ۋە ئالدىراڭغۇلۇقتىن خالىي مۇلايىم، قائىدە-يوسۇنلۇق، مەدەنىي ۋە كەمتەر پوزىتسىيەنى بىلدۈرىدۇ. سىلىق-سىپايە تىل ئۇسلۇبى قارشى تەرەپنىڭ روھى دۇنياسىغا تەسىر قىلىپ سوغۇق ۋە ناچار كەيپىياتنى تۈزەشكە پايدىسى تېگىدۇ. ئىجتىمائىي-پىسخىكىلىق كېسەللىكنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدىغان ئۆزىنى چوڭ چاغلاش ۋە كىبىرلىك بولسا كىشىنىڭ نەپرىتىنى ۋە ئادىۋىتىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىدۇ. ئەلى رەزىياللاھۇ ئەنھۇ «ئۆزىنى چوڭ چاغلاش ئەقىل ۋە قەلىبنىڭ ئاپىتىدۇر»دەيدۇ. ئۇنىڭ يەنە مۇنۇ سۆزى ئۆزىنى چوڭ چاغلاپ ئەقلىگە پەردە تاقىۋالغان كىشىنىڭ ئىبرەتلىك ئاقىۋىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ: «ئىنساننىڭ ئۆزىنى چاغلاپ كىبىرلىنىشى ئەقلىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ ئۇنى مۇھاكىمىسىز قىلىپ قويىدىغان ئامىللاردىن بىرىدۇر» (ئىبنى ئەبىل-ھادىد، شەرھۇ نەھجىل-بالاغە <مۇھەممەد ئەبۇ فازىل ئىبراھىم>، مىسىر 1382، 19. 21) قۇرئاندا ئۆزىنى چوڭ چاغلاپ مۇتەكەببىرلىشىشنىڭ كۇپۇر قاتارىدا قەيت قىلىنىشى (نۇھ 71-7، مۇددېسس’ر، 74-23، ئەلەق، 96-7)بۇ كېسەللىكنىڭ نە قەدەر ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىش نۇقتىسىدىن تولىمۇ مۇھىدۇر.
قارشى تەرەپكە مۇلايىم ۋە كەمتەر بولۇش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ سۆزىگە چىداپ ئاخىرغىچە سەۋىر قىلىپ ئاڭلاشمۇ مۇھىمدۇر. دەرۋەقە، بۇ توغرۇلۇق ئەيسا ئەلەيھىسساللام مۇنداق دەيدۇ: «ياقمايدىغان نەرسىلەرگە سەۋر قىلماي تۇرۇپ، ياقىدىغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلمەيسىز.»
6- قارشى تەرەپ سەزگۈر قارايدىغان مەسىلىنى كوچىلاپ ئۇلغايتماسلىق
قارشى تەرەپ سەزگۈر قارايدىغان مەسىلىدە ئۇنى كۈشكۈرتىپ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان گەپ سۆزلەردىن يىراق تۇراش لازىم، چۈنكى بۇ ئەھۋال ھەددىن ئاشىدىغان گەپ-سۆز ۋە قىلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولۇش بىلەن بىرگە، مەزھەپچىلىك، پىرقىۋازلىق ۋە گۇرۇھۋازلىق ھادىسىسىنىمۇ ئۇلغايتىدۇ.
بۇ سەۋەبتىن ئۆتمۈشتە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىز ھادىسىلەردىن ئىبرەت ئېلىش، ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ۋە نەتىجىسىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇش، مەسىلىگە ئىبرەت نەزىرى بىلەن قاراپ قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن تەدبىر ئېلىش كېرەك. بىر قىسىم كىشىلەر ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباستىن جەمال، سىففىن ۋە كەربالا ۋەقەسى توغرىسىدا سوئال سورىشىدۇ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس ئۇلارغا مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇپ جاۋاب بېرىدۇ: «ئۇلاردىن كېيىن كېلىدىغان مۇنداق يالۋۇرىدۇ: رەببىمىز! بىزنى ۋە بىزدىن بۇرۇن ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن ۋە ئىمان ئېيتقانلارغا قارشى قەلبىمىزدە ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن، رەببىمىز شەكسىزكى سەن تولىمۇ شەپقەتلىك ۋە مەرھەمەتلىكسەن.» (سۈرە ھاشر، 59:10).
ئوخشاش سوئال ئىمام جەپەر ئەس-سادىقتىن سورالغىنىدا، ئۇ مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇپ جاۋاب بېرىدۇ:«ئۇلار توغرۇلۇق مەلۇمات پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى كىتابتا بار. رەببىم قەتئىي خاتالماشمايدۇ ۋە ئۇنتۇپ قالمايدۇ.»(سۈرە تاھا، 20:62).
7- زۆرۈر تېپىلسا ۋاقىتلىق توختىتىپ تۇرۇش
ھەددىنى ئاشقانلىقى تۈپەيلى كۆپ گەپ قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ خاتالىقلىرىمۇ كۆپ بولىدۇ، «ئىنساننىڭ مۇناسىۋەتنى مۇۋاپىق ئېلىپ بېرىپ توغرا ھەرىكەت ئۇسۇللىرى بويىچە ئىش تۇتۇشى»نى كۆرسىتىدىغان ئۆزىنى بىلىش ئەخلاقىي ھەرىكەتتۇر. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ مۇنۇ سۆزىنى تولىمۇ مەنىلىكتۇر: «ئۆزىدىن سورالغان ھەر پەتۋاغا جاۋاب بەرگەن كىشىنىڭ ئەقلىي جايىدا ئەمەس» (ئەبۇ يۇسۇپ، كىتابۇل ئەسەر، 200، دارىمى، مۇقەددىمە، 21).
بەزىدە دەلىل يېتەرلىك بولماي قالسا مەسىلە يورىتىپ بېرەلمەيدۇ ياكى ھەل بولمايدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا نۇرغۇن ئالىم ۋاقىتلىق توختاپ تۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىدۇ. توختاپ تۇرۇش ياكى توختىتىپ تۇرۇش قانداقتۇر مەسىلىنىڭ مەڭگۈ ئايدىڭلاشماسلىقى ياكى ھەل بولماسلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكىم قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتا دەلىللەرنىڭ يېتەرسىز بولۇشى ۋە مۇۋاپىق چارە تېپىلماسلىقى سەۋەبىدىن مەسىلە توغرۇلۇق يەكۈن چىقىرىشنىڭ ئورنىغا باشقا دەلىل ۋە چارە ئىزدەش، ناۋادا چارە ياكى دەلىل تېپىلمىسا ۋاقىتلىق توختاپ تۇرۇش، كۈتۈش ياكى ئېنىق يەكۈن چىقارماسلىق، ئۇنىڭ ئىزاھلىنىشىنى كېچىكتۈرۈپ باشقا بىر ۋاقىتا قالدۇرۇپ قويۇش دېگەنلىك بولىدۇ.
«ئەگەر بىلمىسەڭلار ئىلىم ئەھلىدىن سوراڭلار» (نەھل سۈرىسى، 16:43)ئايىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە بىلمەيدىغان مەسىلىنى بىلگۈچىدىن سوراپ ئۆگىنىش قۇرئاندە كۆرسىتىلگەن ئەخلاقتۇر. «بىلمەيمەن»دېيىش ئارقىلىق بىلمىگەننى تەن ئېلىش ئەمەلىيەتتە پەزىلەتتۇر. ھەدىس ئالىمى ۋە ئەش-شابىنىڭ مۇنۇ ھىكمەتلىك سۆزىگە قۇلاق سالايلى: «مەن بىلمەيمەن دېيىش ئىلىمنىڭ يېرىمىدۇر.»
بەس-مۇنازىرە ئەسناسىدا قاراشنى چوقۇم ئىشەنچىلىك مەنبەگە ئاساسلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇش شەرتتۇر. ئوخشىمىغان كۆز-قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەھۋالدا كېلىشىش ئۈچۈن بۇ شەرت چوقۇم بولۇشى لازىم.
قۇتلۇق بىلگە تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*