دىندارلىق نوقۇل ئېتىقادتىن ئىبارەتمۇ؟

مۇستاپا ئۆزتۈرك / ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى/ تۈركىيە

دىندارلىق دىنغا ئىشەنگۈچىنىڭ ئەمەلىي دىن تەجرىبىسىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئەكس ئېتىشىنى ئىپادىلەيدىغان نىسپىي ئۇقۇمدۇر. شۇڭا دىندارلىق ئۇقۇمى دىننىڭ قانداق چۈشىنىلىشىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇش بىلەن بىرگە، قانداق ئىزاھلىنىشىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك. دىندارلىقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئىپادىلىنىشى ۋە ئەكس ئېتىشىدىن ھاسىل بولىدىغان تەسىرات ۋە يەكۈنلەر ئەمەلىيەتتە دىندارلىق ئۇقۇمىنى ئىزاھلاشنىڭ ئۇنچىۋېلا ئاسان ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بولۇپمۇ ئىنسانلارنىڭ دىنى ھاياتىنى كاتىگورىيەگە ئايرىش ياكى دىنى تەجرىبىسى توغرۇلۇق بىر قاتار دىندارلىق تۈرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەم مۈشكۈل ھەم باشنى ئاغرىتىدىغان ئىشتۇر.

ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇپ ئاكادېمىك، مېتود ۋە ئىلمىي ئانالىز قاتارلىقلار غەربكە تەۋە بىر قىسىم تەتقىقاتلاردا بىر ئىنساننىڭ دىندارلىق سەۋىيەسى ئۆلچەلگەندىن سىرت، تەتقىقاتچىنىڭ شەخسىي ۋە ئاكادېمىك مەۋقەسىگە ئاساسەن يېڭى دىندارلىق تۈرى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا، ھەتتا شەخسنىڭ قانچىلىك دىندار ئىكەنلىكى توغرىسىدا كەسكىن يەكۈنلەر چىقىرىلماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىلدىكى تەتقىقات ۋە ئەسەرلەردە شەخسنىڭ دىنى سەزگۈرلىكى ۋە ھېسسىياتى توغرۇلۇق ئانالىزلار ئېلىپ بېرىلىپ، شەخسنىڭ دىندارلىق سەۋىيەسى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئىپادىلەنمەكتە.

بىزگە نىسبەتەن بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى قانداقتۇر سەۋىيەسى ئۆلچىلىنىدىغان، سانلىق-مەلۇماتلار بىلەن ئىپادىلىنىدىغان  دىندارلىق ئۇقۇمى بولماستىن، بەلكى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلىق دائىرىسىدە دىندارلىقنىڭ تەركىبىدە چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك ئىككى ئاساسلىق ئامىلدۇر. بۇلارنىڭ بىرسى بىلىم سەۋىيە،  يەنە بىرى ئەخلاقتۇر. بىلىم-سەۋىيە قۇرئاندا ئىلىم كەلمىسى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ كەلىمە ئوخشىمىغان ۋارىيانلىرى بىلەن بىرلىكتە 700 ئايەتتە ئۇچرايدۇ. بۇ سان ئىلىم ۋە ئىلىم ئېلىشنىڭ قۇرئان نۇقتىسىدىن قانچىلىك مۇھىملىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

شەكسىزكى، بىر مۇسۇلمان پەزىلەتلىك ۋە ئەخلاقلىق ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن قۇرئانى كەرىم بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە مۇراجائەت قىلىدۇ. شۇڭا  قۇرئانىنىڭ ئىنسانغا ئىلىم جەھەتتىن يېتەكچىلىك رول ئوينايدىغانلىقى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقىرىلماسلىقى لازىم. ۋەھىينىڭ ئوبيېكتى بولغان ئىنساننى تەپەككۇر قىلالايدىغان، ئىلىم ئۆگىنەلەيدىغان ۋە ئىزدىنەلەيدىغان قابىلىيەتكە ئىگە مەخلۇق دەپ تەسۋىرلىگىنىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ ئىنساننىڭ بىلىش پائالىيىتىنىمۇ يېتەكلەيدۇ، دېگەن خۇلاسىگە كەلسەك خاتالاشمىغان بولىمىز. ۋەھىيە قىلىنغان ئىلىم ئىنساننىڭ بىلىش پائالىيىتىنى كېرەكسىز قىلىدىغان ئىلىمگە ئەمەس، بۇ پائالىيەتنى ياخشىلىققا، توغرا ئىشقا، ھەقىقىلىككە، چىنلىققا ۋە تېخىمۇ مۇكەممەلىككە ئېلىپ بارىدىغان ئاخىرقى ۋە مۇتلەق خاراكتېرى بولغان پىرىنسىپ ۋە ھۆكۈملەرنى ئىپادە قىلىدۇ. ۋەھىي مەنبەلىك ئىلىملەردىن باشقا ئىنساننىڭ يەنە قۇرئاندا بايان قىلىنغان ئىلىم ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىشىمۇ تەلەپ قىلىنىدۇ.

بۇ تەلەپ مەيلى بىر ئېتىقادنى قوبۇل قىلىش بولسۇن مەيلى ئۇ ئېتىقادنىڭ شەرتلىرىنى ئورۇنداشتا  بولسۇن ئىلىمنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. مەلۇمكى، نۇرغۇن ئايەتتە بولۇپمۇ مۇشرىكلەرنىڭ ئىنكارچىلىقى توغرىسىدىكى تەرىپلەرنىڭ ئىلىمسىزلىك، تەخمىن، گۇمان، شەخسىي ئارزۇ-ئىستەك ۋە ھاۋايى-ھەۋەسلەرگە ئەگىشىش تەرىقىسىدە ئىپادىلىنىشى كىشىنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇرىدۇ. مۇشرىكلارنىڭ ئىسلام دەۋىتىگە ئەگىشىنىڭ ئورنىغا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئېتىقاد ۋە ئىبادەت شەكىللىرىگە ئەگىشىپ ئۇلاردىن ۋاز كەچمەي تۇرۇۋېلىشىغا  قارىتا ئاللاھنىڭ «يا ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ھەق ۋە ھەقىقەت توغرۇلۇق ھېچنىمە بىلمەيدىغان كىشىلەر بولغان بولسا!… <مائىدە سۈرىسى، 104>» دەپ ۋەھىي قىلىدۇ، بۇنىڭدىن بىز ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىش خاھىشىنى كۈچەيىتىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەردىن بىرىنىڭ ئىلىمسىزلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش مەزمۇندىكى ئايەتتە ئەسكەرتىلگىنىدەك،  دىن ۋە دىندارلىق مەسىلىسىدىكى ئەڭ ئاساسلىق مەسىلىلەردىن بىرى ئىلىمسىزلىك، نادانلىق، قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىش ۋە ئاشقۇنلۇقتۇر. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ قويۇش زۆرۈركى، مۇسۇلمان دۇنياسىدا بولۇپمۇ دىن مەسىلىسىدە قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىش، شەكىلۋازلىق، ئاشقۇنلۇق ئۆتمۈشتە مەۋجۇت بولغىنىدەك كۈنىمىزدە مەۋجۇت.

شەكسىزكى، بىر ئىنساننىڭ ئىسلامغا كىرىش ئىشىكى ئىماندۇر، ئىمان بولسا ئوبيېكت ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكەن بىلىم بولماستىن بەلكى سوبىيكت ئىلىم، ھەتتا ئىشەنچ تۇيغۇسى ۋە كەشىپتۇر. مەسىلىگە نوقۇل بۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا ئىلىمنىڭ دىندارلىقتا ئۇنچىۋېلا كۆپ سالماقنى ئىگىلىمەيدىغانلىقىنى دېسەكمۇ بولىدۇ. بىراق تېخىمۇ ئىچكىرىلىسەك ئىلىمنىڭ زۆرۈر ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى بايقايمىز، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا،  نېمىگە قانداق ئېتىقاد قىلىشنىڭ ئىلىمنى ئاساس قىلىشى ۋە ئىماننىڭ تەقلىدتىن تەتقىققا ئايلىنىشى شەرتتۇر.

ئىسلامىي دائىرىدە ئەڭ مۇناسىپ دىندارلىقنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرىدىن بىرى ئەقلىي تەپەككۇر ۋە تەنقىدىي نۇقتىينەزەر ئارقىلىق داۋملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان ئىلىم بولۇشى لازىم. لېكىن بۇ نوقۇل بىلىش سەۋىيەسىدە قالماسلىقى، ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتتە ئىپادىلىنىشى كېرەك. بۇ دەل ئىلىمنىڭ ئەمەلدە ئىپادىلىنىشىدۇر. مەنچە  نۆۋەتتە مۇسۇلمان دۇنياسىدا  ساقلىنىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەردىن بىرى ئىلىمسىزلىكتىن بەكرەك ئىلىمگە ئەمەل قىلماسلىقتۇر، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىلىم بىلەن ئەمەل ئارىسىدىكى مۇساپىنىڭ بىر-بىرىدىن بارغانچە يىراقلىشىپ كېتىشىدۇر. دەرۋەقە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلىم-ئەمەلگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ھەدىسىدە ئىلىمنىڭ ئىنساننى ئەخلاقىي جەھەتتىن تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە ئېلىپ بېرىشى لازىملىقى،  گەپ-سۆز، پوزىتسىيە ۋە ئىش-ھەرىكەتلەردە ئىپادىلەنمىگەن ئىلىمنىڭ ئىنسانغا ھېچقانداق پايدىسى يوقلىقى تەكىتلىنىدۇ. (ئىنبى ماجە، مۇقەددىمە.)

شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش زۆرۈركى، دىنى چۈشەنچە ۋە ھەرىكەتلەردە يۈزەكىلىك، ئاشقۇنلۇق، مۇتەئەسسىپلىك، شەكىلۋازلىق، بىر تەرەپلىملىك ۋە نادانلىقتىن كېلىپ چىققان جۈرئەتكارلىققا ئوخشاش ئىللەتلەرنى ھەل قىلىشتا ئىلىم تولىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەلۇم جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا،  ئىلىم ئىگىللەش ئىنساننى چارچىتىپ قويۇشى مۇمكىن، بىراق بۇ ئىنسانغا ئوخشىمىغان كۆز-قاراش ۋە چۈشەنچىلەرگە ئىلمىي تەمكىنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىدۇ.

كۈنىمىزدە دىندارلار ۋە دىندارلىق توغرىسىدا زارلىنىش ۋە ئەيىبلەشلەرنى كۆپ ئۇچرىتىمىز، زارلىنىش ۋە ئەيىبلەشلەرنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ئەسلىدە يۈزەكى قاراشلار، ئالدىن ھۆكۈم چىقىرىۋېلىش، قېلىپلاشقان چۈشەنچە ئۇسۇللىرى ۋە شەخسىي خاھىشلارنىڭ توغرا ئىلىمنى ئاساس قىلغان ھەقىقەتلەرگە ئوخشاش چۈشىلىنىپ قالغانلىقتىن بولغان. بۇ چۈشىنىۋېلىش شەكلى ئىنساننىڭ ئىلىمنىڭ ئاز ۋە چەكلىك ئىكەنلىكىنى، نۇرغۇن نەرسىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلمەسلىكىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئىپادىلىنىدىغان نادانلىق، ئاشقۇنلۇق ۋە مۇتەئەسسىپلىكنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن ئىلىم بەزىدە ئىلىم ئۆگەتكۈچى تەرىپىدىن مەغرۇرلۇق ۋە تىجارەتنىڭ ۋاستىسى قىلىۋېلىنىشى مۇمكىن. لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى، ئىنسان ئىلمى ئاشقانسېرى تېخىمۇ كەمتەر بولىدۇ، بولۇپمۇ مۇسۇلمان شۇنداق بولۇشى كېرەك. بىر مۇسۇلمان ئالىم، ئىلىم ئەھلى ياكى زىيالىنىڭ قەلب دۇنياسىدا كىبىر، چوڭچىلىققا ئوخشاش ئىللەتلەرگە ئورۇن بولماسلىق لازىم، ئەگەر بۇ ئىللەتلەر ئىلىم ئەھلىنىڭ قەلبىگە ماكانلاشسا دېمەككى بۇ يەردە ئەخلاقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

دىندارلىقنىڭ ئەخلاقىي تەرىپىگە قارىساق تۇنجى بولۇپ ئەقلىمىزگە كىبىرلىك، يالغانچىلىق، تۆھمەت، غەيۋەت، ۋەدىسىگە تۇرماسلىق قاتارلىق ناچار ئىللەتلەردىن قۇتۇلۇپ ھەققىي مەنىدىكى دۇرۇسلۇق، كەمتەرلىك، كەچۈرۈمچان، سېخى قاتارلىق خىسلەتلەر كېلىدۇ. شەكسىزكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي ئەخلاقنىڭ بىر قىسمى خالاس، بىراق ئىسلامىي مەنىدە دىندارلىق ئۇقۇمىنى تېخىمۇ بېيتىدىغان باشقا خۇسۇسلارمۇ بار بولۇپ، بۇلار بولۇپمۇ مۇسۇلمان شەخس ۋە جەمئىيەتنىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەسىلەن، ئادالەتلىك ۋە ھەققانىيەتچىل بولۇش، قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئادالەتتە چىڭ تۇرۇش (نىسا: 128، مائىدە:8)، ئامانەتنى يەنى ۋەزىپە، ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتنى ئەھلىگە تاپشۇرۇش (نىسا: 58)، بارلىق ئەھدىلەرگە رىئايە قىلىش، ۋەدىسىدە تۇرۇشقا ئوخشاش خۇسۇسلار (مائىدە-1، مۆمىنۇن: 8) ئەخلاقنى ئاساس قىلغان دىندارلىقنىڭ مۇھىم تەرەپلىرىدۇر.

قۇرئاندا بايان قىلىنغان بۇ بىر نەچچە خۇسۇسقىلا رىئايە قىلىنسا جەمئىيەتتە ساقلىنىۋاتقان بەزى ئەخلاقسىز قىلمىشلار مەلۇم دەرىجىدە تۈگىشى مۇمكىن ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت، قۇرئاندا بايان قىلىنغىنىدەك باشقىلارغا ئەخلاقىي-پەزىلەتلىك بولۇشنى نەسىھەت قىلغاندا «ئۆزىنى» بۇنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش (بەقەرە:44)، ئۆزىدە بولمىغان ئەخلاقىي-پەزىلەتنى ئۆزىدە باردەك كۆرسىتىشتىن ھۇزۇرلىنىش (ئال-ئىرام:188)، ھاياتىدا رىئال ئىپادىسى بولمىغان گۈزەللىكلەرنى كۆككە كۆتۈرۈپ سۆزلەشكە ئوخشاش ئىللەتلەر ئەخلاقسىزلىقنىڭ كونكرېت ئىپادىلىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇنداقتا ئەخلاق دېگەن زادى نېمە؟ ئەخلاق ئىنساننىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بولۇپ مەيلى ئۆزى بىلەن، مەيلى ئۆزگىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى بولۇشقا تېگىشلىك سەۋىيەدە تەرتىپكە سالىدىغان قائىدە-پىرىنسىپلارنىڭ ئەمەلىي ھاياتتا كونكرېت ئىپادىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھغا چىن ئىشىنىپ قۇرئاندا كۆرسىتىلگەن ئەخلاقىي پىرىنسپلار بويىچە ھەرىكەت قىلىش، قۇللۇق ۋەزىپىسىنى بەجاندىللىق بىلەن ئادا قىلىش كېرەك.

ئەخلاق يەنە تەبىئەتتىكى قۇرت-قوڭغۇزلارنىڭمۇ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشنى تەقەززا قىلىدۇ. مۇسۇلمان ئاللاھ، ئىنسان ۋە جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت، تەبىئەتتىكى باشقا جانلىقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىمۇ ئەخلاقىي ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا مەجبۇر. شەكسىزكى، ئەخلاق نوقۇل ئىجتىمائىي ساھەگىلا مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇم ئەمەس. ئەخلاقنى ئىجتىمائىي ساھەگىلا تاشلاپ قويۇپ ئۇنىڭ ۋىجدان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا يەنە بولمايدۇ. شۇڭا بۇ يەردە «بىر كىشىگە ياخشلىق قىلغىنىڭدا خوشال بولغىن، يامان قىلغىنىڭدا قايغۇرغىن» (ئەھمەد بىن ھانبەل، مۇسنەد، 1.398)تەرىقىسىدىكى ھەدىسىنى ئەسلەپ ئۆتۈش كېرەك. دەرۋەقە، ۋىجدان بىلەن ئەخلاق ئارىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

قىسقىسى، دىندارلىقتا ئىلىمگە ئوخشاش ئەخلاقمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى، جەمئىيەت ياكى قانۇنغا ئوخشاش تاشقى ئامىللارنىڭ بېسىمىدىن قورقۇلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ۋىجدانىي بېسىمنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھەرىكەت قىلىشتۇر. ئەخلاقتا مۇھىم بولغىنى سەممىيلىكتۇر. مۇسۇلمان ئىلىملىك بولۇش بىلەن بىرگە، ئەخلاقلىقمۇ بولۇشى شەرت. ئەخلاقىي تەرىپى سۇس بولغان ياكى بولمىغان دىندارلىق شەكلى ئەمەلىيەتتە دىنى ئىبادەتلەرنىڭ شەكلىگىلا بويسۇنۇش ۋە سەممىيەتسىزلىكتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. ئوخشاشلا ئىلىمسىزلىكمۇ كۆپ ۋاقىتلاردا ئاشقۇنلۇق ۋە مۇتەئەسسىپلىككە سەۋەب بولىدۇ.

يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، مۇسۇلمانچە دىندارلىقتا ئىلىم، ھېس-تۇيغۇ ۋە ھەرىكەت (ئەمەل) ئارىسىدا دىئالىكتىكىلىق مۇناسىۋەت بولۇشى كېرەك. چۈنكى دىندارلىق نە نوقۇل ئىلىملا ئەمەس، نە ھېس-تۇيغۇلا ئەمەس نە قۇرۇق ئەمەلدىنلا ئىبارەت ئەمەس. بۇ ئۈچ ئامىل ئىچىدە بىرىگىلا ئېسىلىۋېلىش ياكى بىرىنىلا ئاساس قىلغان دىندارلىق تەجرىبىسى سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا دىندارلىقتا ئىمان تۇيغۇسى ئىلىم بىلەن ئوزۇقلىنىشى، ئىلىم بولسا ئەخلاقىي ھەرىكەتلەر (ئەمەللەر)بىلەن بېزىلىشى كېرەك. يەنى ھەققىي دىندارلىقنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن بۇ ئۈچ ئامىل بىر يەردە بولۇشى ۋە بىر-بىرلىرى بىلەن ماس ھالدا ھەرىكەت قىلىشى لازىم. دەرۋەقە، ئىسلامىي دىندارلىق تۈرلىرى ئېتىقاد، ئىبادەت ۋە ئەخلاق جەھەتلەردە ئانالىز قىلىنىپ كەلمەكتە ۋە ھەققىي دىندارلىقنىڭ بۇ ئۈچ ئامىلنىڭ مۇۋاپىق بىرلىشىشىدىن ھاسىل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىلمەكتە.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئالىم ئىمىن

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*