دىن، كىملىك ۋە ياتلىشىش

 

 

دوتسېنت دوكتور ھالىل ئايدىنئالپ | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئۈچۈن ئۆمەرجان قۇربان تەرجىمىسى

 

 

دىنلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت –سائادەت، نىجاتلىق ۋە ئادالەت ۋەدە قىلىدۇ. كىملىك ئادالەت ، بەخت-سائادەت ۋە نىجاتلىققا تەشنا ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بارلىق ئالامەت ۋە ئالاھىدىلىكلەرنىڭ جۇغلانمىسىدۇر. ياتلىشىش بولسا ئىنساننىڭ بەخت-سائادەت، نىجاتلىق ۋە ئادالەتكە تەشنا بولماسلىقىنى، ئۇلارغا ئېرىشىشنىڭ كويىدا يۈرمەسلىكىنى، ئۇلارغا يىراقلىشىشنى، شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي كىملىكنىڭ خىرەلىشىشىنى كۆرسىتىدۇ . دىننى يېگانە ھەقىقەت ۋە بەخت-سائادەت مەنبەسى دەپ قوبۇل قىلساق ئۇنداقتا بۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمىغۇچىلار ئۆز كىملىكىگە ياتلاشقان ھېسابلىنىدۇ، دىن ئىنسانلارنى ھەقىقەتكە چاقىرىش ئارقىلىق مەلۇم كىملىك يەنى مەنسۇبىيەت ۋەدە قىلىدۇ. ئۇنداقتا ئەلمىساقتىن بېرى دىندىن ئىبارەت ھەقىقەتكە چاقىرىلىۋاتقان ئىنسانىيەت يەنە نېمىشقا ھەقىقەتكە ياتلىشىدۇ ۋە كىملىك بوھرانىغا دۇچ كېلىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى ئىنسان ئۇقۇمىدىن تېپىلىدۇ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئىنساننىڭ ئۆزىدىن تېپىلىدۇ. ياتلىشىش ۋە كىملىك مەسىلىسى تەپەككۇر، سوراقلاش، گۇمانىي قاراش، ئىتائەت، ئىسيان، ئۆزگىرىش، قارشىلىق كۆرسىتىش، كۈرەش قىلىش، پۈتۈنلىشىش، توقۇنۇش، ھېس قىلىش، ھېسسىزلىشىش قاتارلىقلارنى ۋاقىت، ماكان،ھادىسە، ئالاقە، كۈچ-قۇۋۋەت ، مائارىپ، سىنىپ قۇرۇلمىسى، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي شارائىتلارغا ئاساسەن تەجرىبە قىلىدىغان ۋە بۇنىڭغا ئاساسەن ئىش-ھەرىكەت قېلىپلىرى ۋە شەكىللىرى شەكىللەندۈرىدىغان ئىنساننىڭ مۇرەككەپ ئالاھىدىلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كىملىك ۋە ياتلىشىش تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي دىنامىكلەرنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئىنسانلار ھەقىقەتنى بىلمىگەنلىكلىرى ئۈچۈن ئەمەس، ھەقىقەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇھاپىزەت قىلىپ بۇنى تېخىمۇ كۈچلۈك ھالغا كەلتۈرىدىغان قابىلىيەت ۋە ئىجادچانلىققا ئىگە بولالمىغانلىقلىرى ئۈچۈن غەم-قايغۇغا پېتىپ ھەقىقەتكە ياتلىشىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ياتلاشماسلىق داۋاملىق تەپەككۇر قىلىش، ئىشلەش، ئىنتىزام، نىشان، غايىگە ئىنتىلىش مەسىلىسى بولۇپ، مەدەنىيەت ۋە زامان بەرپا قىلىشنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

بۇنىڭ تەتۈرىسىنى ئويلىساق ياتلىشىش تەپەككۇر، ئىشلەش، ئىنتىزام، نىشان ۋە غايىدىن مەھرۇم قېلىشنى، مەدەنىيەت ۋە زامان بەرپا قىلالماسلىق دېگەنلىك بولىدۇ. ئەپسۇس كېيىنكى بەش ئەسىرگە قارايدىغان بولساق، بىز كەينىدىن ئەگىشىشكە تىرىشىۋاتقان مەدەنىيەت ۋە زاماننىڭ بىزنىڭ سىرتىمىزدا بەرپا بولغانلىقىغا شاھىت بولىمىز. كۈنىمىزدە مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات كۈلتۈرلەر ۋە مىللەتلەر ئارىسىدا داۋاملىق كېزىپ يۈرۈپ ناز-كەشمىرلىك كېلىنچەككە ئوخشاش قەيەردە ئەتىۋارلانسا شۇ يەردە بازار تاپماقتا.

1500 –يىلدىن كېيىن دۇنيانى شەكىللەندۈرگەن مەرىپە ئويغىنىش دەۋرى، فىرانسىيە ئىنقىلابى، سانائەتلىشىش، مۇستەملىكىچىلىك ۋە ئۇچۇر دەۋرى ئەمەلىيەتتە غەرب دۇنياسىدا مەيدانغا كەلگەن ھادىسىلەر بولۇپ پۈتكۈل دۇنياغا تېز سۈرئەتتە كېڭەيدى. نوقۇل مەھسۇلاتنىلا ئەمەس نەزەرىيە ، ھاكىمىيەت، كۈچ، نوپۇز ۋە ئېيتىملارنىمۇ پەيدا قىلغان غەرب، ئۆزىگە پايدىلىق ئىقتىسادى ۋە كۈلتۈر بېقىندىلىق سىستېمىسى ۋۇجۇدقا چىقىرىش بىلەن بىرگە، كۈچ، ھاكىمىيەت، نەزەرىيە ، نوپۇز ۋە ئېيتىملار بەرپا قىلىشتىن ئاجىز بولغانلارغا ئۆزى ياراتقان بۇ ھايات ئەندىزىلىرىنى ياشاشقا مەجبۇرلىدى. بۇ ئەلۋەتتە تەقدىر ئەمەس ئىدى، بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەھۋاللارمۇ بولدى. پۈتكۈل دۇنيادا ماھىيەت جەھەتتىكى ئوخشىماسلىقلارنىڭ ئەكسىچە سانائەتلىشىش، كۆچ، شەھەرلىشىش، ئىندۇۋۇداللىشش، راتسىيوناللىشىش، سېكۇلارلىشىش، لايىكلىشىش قاتارلىق ھادىسىلەر «زامانىۋى ۋە مەدەنىي»ئىنسان بولۇشنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىنى ئاپىرىدە قىلدى. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ياتلىشىش ئۆزگىلەر سىزىق بەرگەن ھايات مىزانى بويىچە ياشاشنى، ئۆزىنىڭ تارىخى ۋە كۈلتۈرىگە مۇۋاپىق مەدەنىيەت بەرپا قىلالماسلىقى، ئۆزگە دۇنيانىڭ مەھسۇلاتلىرىنى، ئەسەرلىرىنى، قائىدە-پىرىنسىپلىرىنى، ئۇقۇملىرىنى، نەزەرىيەلىرىنى، كۈلتۈرىنى، سىمۋوللىرىنى قوبۇل قىلىپ ياشاشنى كۆرسىتىدۇ.

كۈنىمىزدە كاپىتالىستىك ئىقتىسادى تۈزۈمى ۋە مۇستەبىت سىياسىي تۈزۈلمىلەر ياتلىشىشنىڭ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. تەننەرخىنى چۈشۈرۈش، تېخىمۇ كۆپ نەپ ئېلىش، ئەرزان ئەمگەك كۈچى تېپىش، بازارنىڭ تۈرىنى خىلمۇ خىللاشتۇرۇش، رەقىبلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، ئاز تېپىلىدىغان بايلىقلارنى مونوپول قىلىۋېلىش ئۈچۈن دۇنيا ئىقتىسادىنى كونترول قىلىۋاتقان خەلقئارا كۈچلەر نوقۇل ئەمگەكنى ۋە مەھسۇلاتلارنىلا ئەمەس مەدەنىيەتنى، كۈلتۈرنى، كىملىكنى، دىننى، ئېتنىك تۈركۈمنى، چېگرالارنى ھەتتا جىنسىيەتنىمۇ ئېلىپ ساتقىلى بولىدىغان تاۋار ھالىتىگە كەلتۈرمەكتە. ھەممە ئادەم ۋە ھەممە نەرسە نەپ ئېلىش ۋە مال-دۇنيا يىغىش بەدىلىگە تاۋار سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقان كۈنىمىز دۇنياسىدا كۈچلۈكلەر ئالدىدا تېخنولوگىيەلىك يېڭىلىق يارىتالمىغان، ئىجادلار روياپقا چىقىرالمىغان ۋە سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرالمىغان ئاجىز مىللەتلەر ئۆز دىنى ۋە مەدەنىيىتىگە ئومۇميۈزلۈك ياتلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە. بۇ مىللەتلەر دۇنيا ئىقتىسادى ۋە كاپىتالىستىك كۈچلەرنىڭ خاھىشى ۋە ئارزۇسى بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ مىللەتلەر ياشاۋاتقان جەمئىيەتلەردە ئىشغالىيەت، ئىچكى ئۇرۇش، ھاكىمىيەت بوشلۇقى، سىياسىي مۇقىمسىزلىق، ئاشقۇنلۇق، ئېتنىك پارچىلىنىش، مەزھەپ توقۇنۇشى، دىنى ۋە مەدەنىيەت نىزامسىزلىقى يۈز بەرمەكتە. ئاجىز مىللەتلەر ئۆز ۋەتىنى ۋە كۈلتۈرىگە تولۇق ئىگە بولالماي ئۆز كىملىكىگە قارار بېرىشتىن ئاجىز قالغاندا، بۇنىڭغا دۇنيا ئىقتىساد سىستېمىسى ئىمتىياز ۋە ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ رەھىمسىزلەرچە قارار بېرىدۇ. تاۋارلارغا چوقۇنۇش يۇقىرى پەللىگە چىققان كۈنىمىز دۇنياسىدا ماددىغا قۇل بولۇشتىن قۇتۇلۇپ، ئۆز كۈلتۈر ۋە دىنىنىڭ خوجايىنى بولۇش تولىمۇ زۆرۈردۇر.

ياتلىشىش ئۆز دۇنياسىدىن يىراقلىشىش، باشقا مەھسۇلاتلار، ئۇقۇملار، سىمۋوللار، ئارزۇ-خىياللار ئىچىدە كىملىكىدىن ئايرىلىپ قېلىش، يات دىيارلاردا قېقىلىپ سوقۇلۇپ ياشاشنى كۆرسىتىدۇ . ياتلىشىش مەسىلىنى قايسى نۇقتىدىن كۆزىتىشكە قاراپ ئۆزگىرىدۇ، مەسىلەن، دىنى ياتلىشىش تەۋھىدتىن يىراقلىشىش، ئىنسانىي ياتلىشىش ئۆز شەخسىيىتىدىن ئۇزاقلىشىش، ئىجتىمائىي ياتلىشىش ئىجتىمائىي نىزاملاردىن چەتنەپ كېتىش، ئىقتىسادى ياتلىشىش ئىش ھەققىنى ئالالماسلىق، سىياسىي ياتلىشىش سىياسىي پىرىنسىپ ۋە ئورگانلارنىڭ سىرتىدا قېلىش، مائارىپ جەھەتتىكى ياتلىشىش بولسا تەلىم-تەربىيەدىن مەھرۇم قېلىش ۋە كەسىپ ئىگىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ. پىكىر ۋە ۋىجدانى جەھەتتە ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قېلىش ياكى بەدەن بىلەن روھ ئوتتۇرىسىدىكى زىتلىق پەيدا قىلغان توقۇنۇش بولسا پەلسەپىۋى جەھەتتىكى ياتلىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جەمئىيەت بىر پۈتۈن ھالدا نەزەرگە ئېلىنغىنىدا جەمئىيەتنىڭ نىزاملىرى، فۇنكسىيەلىرى، ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلىرى، سىمۋوللىرى بىر گەۋدىنىڭ پارچىلىرىغا ئوخشاش بىر-بىرىنى تولۇقلىيالمىسا ياتلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. شەخس، جەمئىيەت، دۆلەت، ھاياتنى مەنىگە ئىگە قىلىدىغان ئورتاق نىشان ۋە غايىلەردىن يىراقلىشىشمۇ نىزامسىزلىق، مۇقىمسىزلىق، كىملىك بوھرانى ۋە ياتلىشىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شەھەرلىشىش، لىبېرالىزم، راتسىيوناللىشىش ۋە ئىنىدۇۋداللىققا ماس ھالدا يېڭى پىكىر، بىلىم ۋە تېخنولوگىيە روياپقا چىقىرىشتىن زىيادە، كاپىتالىستىك ئىقتىسادى تۈزۈمنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن بىلىپ بىلمەي ھەسسە قوشقان ، ماددىي مەدەنىيەتلەردىن ئاڭسىزلارچە پايدىلىنىدىغان، ماركىلار، سىمۋوللار، ئوبرازلار تەرىپىدىن بېكىتىلگەن «ئىنتېرنېت دۇنياسىدىكى مەۋھۇم ھەقىقەتلەر»دە ياشايدىغان، سۈنئىي ئېھتىياجلارنىڭ كويىدا يۈرىدىغان ، كىرىمىدىن بەكرەك چىقىمغا مەجبۇرلانغان، قەرز پاتقىقىغا پېتىپ كەتكەن، يالغۇزلۇققا مەھكۇم بولغان، ئائىلە، مەدەنىيەت، كۈلتۈر ۋە ئىقتىسادى كاپىتال يېتىشمىسىمۇ ئابرۇي تالىشىدىغان ۋە بۇ سەۋەبتىن ئىجتىمائىي تىنچلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئىجتىمائىي نىزام، ئەنئەنىۋى قىممەت ئۆلچەملىرى ۋە دىنى قائىدىلەرگە زىت ھالدا تېلېۋىزىيە ۋە ئىنتېرنېت ۋاسىتىسى ئارقىلىق سۈنئىي ھالدا ئىجتىمائىيلىشىۋاتقان، شەخسىيەتچى، نەپخور، كەيىپخور، ئىجتىمائىي ئەخلاقنى جىنسىيەت سەۋىيەسىگە چۈشۈرۈپ ھەر قانداق ئەخلاقسىزلىقنى قىلىدىغان شەخسلەر كۆپەيگەنسېرى كىملىكسىزلىك، نىشانسىزلىق ۋە ياتلىشىشمۇ ئومۇملىشىپ ماڭىدۇ. ناۋادا بۇ خىلدىكى نىزامسىزلىق بولۇپمۇ دىن، كۈلتۈر ۋە ئىقتىسادنىڭ غول كۈچى ھېسابلىنىدىغان ئوتتۇرا قاتلام كىشىلىرى ئارىسىغا تارقىلىپ كەتكەن تەقدىردە، ياتلىشىش ھادىسى تېخىمۇ خەتەرلىك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مۇشۇ خىل ئەھۋالدا ياتلىشىش ۋە كىملىك بوھرانىغا قارشى ئادالەت، بىرلىك، خۇش پېئىللىق، ئادىل بولۇش قاتارلىق پىرىنسىپلارغا ئېھتىياجىمىز چۈشىدۇ. دەرۋەقە، ئۆتمۈشتىن كۈنىمىزگىچە مۇسۇلمان تۈركلەر ئىسلامنى ئاساس قىلىنىپ روياپقا چىققان مەدەنىيەت ئەتراپىدا مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. كۈنىمىزدىمۇ ئاساسى ئىسلام بولغان بۇ مەدەنىيەت ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىشقا ئېھتىياجلىقمىز. بىز بۇ يەردە كۆزدە تۇتقان مەدەنىيەت كائىنات، دۇنيا، ئىنسان ۋە جەمئىيەت ھەققىدىكى «مەنە ۋە غايە»نى كۆرسىتىدۇ. يەنى بۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇق غايىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەنە ۋە غايە ئەقىل ۋە تەپەككۇردىنمۇ ھالقىغان بولۇپ، بىزگە ھاياتلىق ھەققىدە نۇرغۇن جاۋابلار بېرىدۇ. بۇ مەنە ۋە غايىنىڭ ئورنىنى بىلىم بولۇپ ھەر قانداق بەشەرىي (ئىنسانىي)پائالىيەت بىلەن تولۇق مەنىدە تولدۇرۇپ بولغىلى بولمايدۇ. بۇ تولىمۇ قۇدرەتلىك بىر كۈچكى ئاللاھ، ئىنسان، جانلىقلار ۋە تەبىئەت توغرۇلۇق ئاساسلىق پىرىنسىپلارنى بىزگە تەقدىم قىلىپ، زېھنىيەت ۋە كىملىك ئاتا قىلىدۇ. نەتىجىدە ئىنسان ئۆزىگە، ياراتقۇچىغا، باشقا ئىنسانلارغا ۋە تەبىئەتكە ياتلىشىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، مىللىي كۈلتۈرنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ، مۇھاپىزەت قىلىدۇ ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈلۈشىدە ۋاسىتىلىك رول ئوينايدۇ، نورمال ۋە بىنورمال ھەرىكەت شەكىللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىپ جەمئىيەتنىڭ پائالىيەت دائىرىسىنى بېكىتىپ چىقىدۇ. بىنورمال ئىش-ھەرىكەتلەرنى بولسا بىمالال شاللىۋېتىپ ئىجتىمائىي بىرلىك ۋە قېرىنداشلىققا خىزمەت قىلىدۇ. ئاشقۇن گۇرۇھۋازلىق خاھىشىدىن ھالقىغان خۇش پېئىللىق تۈسىنى ئالغان دىنى مەدەنىيەت تۈرتكىسىدە، دىنى قائىدىلەر جەمئىيەت ئەزالىرىنى بىر پۈتۈنلەشتۈرۈپلا قالماستىن ئىجتىمائىي تىزگىننى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىمۇ پائال رول ئوينايدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن تارىخىي كۈرەش ۋە قەھرىمانلىقلىرىمىزدا ئىپادىلەنگىنىدەك جىھاد روھى، نورمال ۋاقىتلاردا سەۋر ۋە ئىشلەش، قىيىن كۈنلەردە جاسارەت ۋە پىداكارلىق سىڭدۈرۈپ ماددىي ۋە مەنىۋى ھەمكارلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ. بۇ ھەمكارلىق تۇيغۇسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىلغان ئەھۋالدا ئۈممەت ئېڭى شەكىللەندۈرۈپ مىللىي چېگرالاردىن ھالقىغان كۈچكە ئايلىنىدۇ. نەتىجىدە، دىن ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇق سەپىرىدە ئۆزى ۋە دۇنياغا دائىر ھەقىقەتلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ. ھەقىقەتنىڭ سىرىنى يېشەلىگەن بىر جەمئىيەت پۈتۈن بىر كىملىك بەرپا قىلىشتا داۋاملىق ئاكتىپ ۋە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ.

 

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*