دىكتاتورلارنىڭ يەتتە تۈرلۈك ئادىتى

ئەھمەد بىن راشىد بىن سەئىد | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەرجىمىسى

دىكتاتور لىدىرلارنىڭ تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن بىر قاتار ئورتاق خۇسۇسىيەتلىرى بار بولۇپ، ئۇ خۇسۇسىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ۋەياكى مۇئەييەن بىر قىسمى يۈرگۈزگەن تۈزۈمى، زامان ۋە ماكانغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىدە ئەكس ئېتىدۇ. دىكتاتورلارنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىچە:

مۇشتۇمزورلۇق

19 – ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئەنگلىيەلىك سىياسەتشۇناس لورد ئاكتىن «ھاكىممۇتلەقلىق مۇتلەق رەۋىشتىكى بۇزغۇنچىلىققا ئېلىپ بارىدۇ» دەيدۇ. سۈرىيەلىك مۇتەپەككۇر ئابدۇرراھمان ئەلكەۋاكىبى بۇ خىل ھۆكۈمرانلىققا «خەلقنىڭ ئىشلىرىغا ھېساب ئېلىنىش، جازاغا تارتىلىشتىن قورقماستىن مۇداخىلە قىلىش» دەپ ئېنىقلىما بېرىدۇ. دىكتاتورلار «خەلقنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىگە ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەس ئۆز ئىرادىسىگە، ئۇلارنىڭ قانۇنلىرىغا ئەمەس، ئۆزىنىڭ ھاۋايى – ھەۋىسىگە تايىنىپ ھۆكۈم قىلىدۇ. ھالبۇكى ئۇلار، «ئاھالىنىڭ قويغا ئوخشاش ئىتائەت، ئىتلارغا ئوخشاش خۇشامەت قىلىشىنى ئارزۇ قىلغانلىقى» ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ مۇشتۇمزورلۇقىنى بىلىپ تۇرۇپ، مىليونلارچە ئىنسانلارنىڭ ئاغزىغا سونجىقىنى قويۇپ تۇرۇۋالىدۇ.» شۇ ۋەجىدىندۇركى، كەۋاكىبى، مۇستەبىتلىك توغرىسىدا «(ئۇ) ئەڭ ئېغىر بالايى – ئاپەتتۇر؛ پىتنىگە تويماس ۋابا، ئىشلارنى ئاقساتقۇچى تۈگىمەس قۇرغاقچىلىق، ئۆچمەس بولاڭ – تالاڭ ئاتەشى، ئىلگىرىلەشكە توسقۇنلۇق قىلغۇچى سەل (سۇ ئاپىتى)، دىللارنى ئەزگۈچى ۋەھىمە، كۆزلەرنى كور قىلغۇچى زۇلمەت، تۈگىمەس ئازاب – ئوقۇبەت، رەھىمسىز توقۇنۇش ۋە شۇملۇقنىڭ پۈتمەس – تۈگىمەس ھېكايىسىدۇر.» دەيدۇ.

دىننى سۇيىئىستېمال قىلىش

(مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىكى مۇسۇلمان سۈپەت – ت) دىكتاتورلار، ئاللاھتىن قورقىدىغان، نامازلىرىنى ئادا قىلىدىغان، قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىدىغان، بەزىدە كۆزلىرىدىن تارام – تارام ياشلار تۆكۈلىدىغان، ھەج – ئۆمرە قىلىدىغان، قۇرئان ئوقۇيدىغان، ئىلىم سورۇنلىرىغا بارىدىغان تەقۋادار كىشىدەك كۆرۈنۈشنى خالايدۇ؛ فىقھى ئۆلىمالىرى بىلەن سۆزلىشىۋاتقان، قارىيلارغا مۇكاپات تارقىتىۋاتقان چاغلىرىنىڭ چوقۇم سۈرەتكە ئېلىنىشىنى ئارزۇلايدۇ، ھەتتا سىياسەت، پىلان ياكى پوزىتسىيەسىنى ئاقلاش ئۈچۈن تارىخىي ۋەقەلەر ۋەياكى شەرئىي نەس (تېكىست ) لەرنى نەقىل كەلتۈرىدۇ.
ساددام ھۇسەيىن 80 – يىللاردىكى ئىرانغا قارشى قوزغىغان شىددەتلىك ئۇرۇشىنى، ئىسلامنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى ساھابىلەردىن ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قوماندانلىق قىلغان «قادىسىيە» ئۇرۇشىغا سېلىشتۇرۇپ، «ساددام قادىسىيەسى» دەپ ئاتىغانىدى. ئەنۋەر سادات كەمپ دېيۋىد كېلىشىمىنىڭ قانۇنىيلىقىنى ئىزاھلاش ئۈچۈن «ئەگەر ئۇلار تىنچلىققا مايىل بولسا، سەنمۇ تىنچلىققا مايىل بولغىن» دېگەن ئايەتنى دەلىل قىلسا، ئەزھەرگە ئوخشاش رەسمىي دىنىي مۇئەسسەسەدىن بىرلىرى چىقىپ، مەزكۇر كېلىشىمنى ھۇدەيبىييە كېلىشىمىگە ئوخشاتقان ئەھۋاللارمۇ بولدى.
ئەرەب ئەللىرى باشلىقلىرى 1978 – يىلىدىكى «باغداد باشلىقلار يىغىنى» دا كېلىشىم تۈزۈشنىڭ تەسلىم بولۇش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋېدى، سادات ئۆزى بىلەن ئەرەبلەر ئارىسىدىكى ھالەتنى نۇھ ئەلەيھىسسالام بىلەن قەۋمى ئارىسىدىكى ھالەتكە ئوخشىتىپ، «نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن قەۋمىمنى كېچە ـ كۈندۈز (ئىمانغا) دەۋەت قىلدىم. مېنىڭ دەۋىتىم ئۇلارنى تېخىمۇ قاچۇرۇۋەتتى. مەن ئۇلارنى سېنىڭ مەغپىرىتىڭگە ئېرىشسۇن دەپ، ھەر قاچان دەۋەت قىلسام، (دەۋىتىمنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن) بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقىۋالدى، (سۆزۈمنى ئاڭلىماسلىق ياكى مېنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن) كىيىملىرى بىلەن باشلىرىنى چۈمكىۋالدى، (كۇفرىدا) چىڭ تۇردى، چوڭچىلىق قىلىپ (ئىماندىن) تېخىمۇ باش تارتتى. ئاندىن مەن ئۇلارنى توۋلاپ دەۋەت قىلدىم. ئاندىن ئۇلارنى ئاشكارا دەۋەت قىلدىم ۋە يوشۇرۇن دەۋەت قىلدىم» دېگەن ئايەتلەرنى دەلىل قىلدى. پەلەستىن رەھبىرى ياسىر ئەراپات، زىيۇنىستلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈش ئۇرۇنۇشلىرىنى «سالاھۇددىن تىنچلىقى» دەپ تەرىپلىدى. بۇ، ئاۋامنى قايمۇقتۇرۇش، ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھەق – ھوقۇقلىرىغا زىيان يەتكۈزمىگەنلىكىگە ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇش – بولماسلىقدىىن قەتئىينەزەر، ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈننى مۇناسىۋەتلەشتۈرۈشتۇر.

ئۇچۇر – ئالاقىنى قامال قىلىش

دىكتاتورلار ئاممىنىڭ ئۇچۇر – مەلۇماتقا ئېرىشىشىگە يول قويمايدۇ؛ چۈنكى، ئۇچۇر – مەلۇمات ئۇلارنى بۈگۈنىنى تونۇپ يېتىشكە، كېلەچىكىنىڭ يورۇقىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق قىلىدۇ. دىكتاتورلار، خەلق رېئاللىقىدىن غاپىل قېلىشنى داۋاملاشتۇرغىنىدىلا ھاكىمىيىتىنى تۇتۇپ تۇرالايدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ئۇلارنى غايەت زور تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىغا تايىنىپ قايمۇقتۇرۇش، نادان قالدۇرۇش يولىنى تۇتىدۇ-دە، ئۇلارنى باشقۇرۇشقا تېخىمۇ قولاي ھالەتكە كەلتۈرىدۇ.
تەشۋىقات باستۇرۇش مۇھىتىدا راۋاج تاپىدۇ؛ ئۇ ئاممىغا شەخس سۈپىتىدە ئەمەس، كوللېكتىپ سۈپىتىدە خىتاب قىلىدۇ؛ شەخسلەرگە چاقىرىق قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، كوللېكتىپ روھىغا مايىل ھەرىكەت قىلىدۇ. سىياسىي ئالاقىلەر پىروفېسسورى دان نىيمونىڭ ئېيتقىنىدەك، تەشۋىقات «كوللېكتىپنى كونترول قىلىش مېخانىزمى» بولۇپ، لوگىكىنى ئەمەس ھېسسىياتنى چىقىش قىلىدۇ، تەنقىدىي تەپەككۇردىن زېرىكتۈرىدۇ.
بۇ ئىشنىڭ ھاكىممۇتلەق جەمئىيەتلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقى، ئامېرىكىغا ئوخشاش لىبېرال دېموكراتىك جەمئىيەتلەرنىڭمۇ تەشۋىقاتنىڭ قۇربانى بولىدىغانلىقى دىققەتنى تارتىدۇ. لېكىن، ئامېرىكىدىكى تەشۋىقات يېپىق جەمئىيەتلەردىكىگە ئوخشاش ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدىكى بىۋاسىتە تەشۋىقات ئەمەس، بەلكى، ئۇلارنىڭ ئالدانمايۋاتقانلىقىغا، رېئال، مۇۋازىنەتلىك پىكىرلەردىن ۋاقىپ بولۇۋاتقانلىقىغا ئىشەندۈرۈشنى نىشان قىلغان يېپىق، شۇنداقلا مۇرەككەپ تەشۋىقاتتۇر.
تاراتقۇلار سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى، ناخشا – مۇزىكىلىرىنى، نامزاتلارنىڭ پىلان – پىروگراممىلىرى ھەتتا ئۇلارنىڭ ئەپتى – بەشىرىلىرى ئېچىپ تاشلانغان ئۇچۇرلارنى تارقاتقىنىدەك، ئېلانلار، بەس – مۇنازىرىلەر، سايلام پائالىيەتلىرى ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەش مۇراسىملىرىنىمۇ تارقىتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى مەۋجۇت سىياسىي جەرياننىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىغا ئاممىنى ئىشەندۈرۈش مەقسەتلىك كۆرۈنۈشلەردىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئىشەنچنى كۈچەيتىش ئۈچۈن «ئامېرىكا چۈشى»، «رەڭدار جەمئىيەت»، كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلىپ، دۇنيانى تېخىمۇ بىخەتەر ھالەتكە كەلتۈرۈشكە تىرىشىدىغان «تىنچلىقسۆيەر دۆلەت» دېگەندەك ئەپسانىلەر بازارغا سېلىنىدۇ.
نوئام چومىسكىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىدىكى تەشۋىقات «ئويلاشنى كونترول قىلىش (thought control)» ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، «زۆرۈرىي ئالداش (necessary illusions) » ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاممىنى قايمۇقتۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ. بۇ خىل ئالداش ئۇسۇلى پاش بولۇپ، قانۇنسىز قىلمىشلار ئاشكارىلانغاندا بولسا، «زىياننى كونترول قىلىش damage control) )» تىن ئىبارەت باشقا بىر خىل تەشۋىقات تاكتىكىسى ئىشقا سېلىنىدۇ، بۇ باسقۇچ تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، گۇۋاھلىق يىغىنلىرى قاتارلىق كۆپىنچە ھاللاردا تىلغا ئالغۇدەك نەتىجە چىقمايدىغان ئىشلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. دىكتاتورلار ئۆتكۈزگەن خاتالىقى، ئارىلىشىپ قالغان سەتچىلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى قامال قىلىش جەھەتتە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغىنىدا، چېگرا ھالقىپ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشتەك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، خەلقنىڭ دىققىتىنى تاشقى دۈشمەنگە مەركەزلەشتۈرۈشىمۇ مۇمكىن.

يالغانچىلىق

دىكتاتورلار (ئادەتتىمۇ)، ھەقىقەت بىلەن يۈزلىشىپ قالغان چاغلىرىدىمۇ يالغان ئېيتىش يولىنى تاللايدۇ. دەرۋەقە، كۆپىنچە سىياسەتچىلەر يالغاننى ئوبرازىنى ياخشىلاش، دۆلىتىنىڭ مىللىي خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا پايدىلىق دەپ قارىغان ئىشلارنى قىلىش ۋەياكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى قوبۇل قىلدۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى، دەپ قارايدۇ. ھاكىممۇتلەق رەھبەرلەر بىلەن «دېموكراتچى» رەھبەرلەر يالغان ئېيتىش جەھەتتە ئوخشاش بولۇپ، بۇ قىلمىش (بۈگۈنكى دۇنيا) سىياسىتىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ قالدى. سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى يالغان راۋاج تاپىدىغان بىر بازاردىن ئىبارەت بولۇپ، بېلەت تاشلىغۇچىلار نامزاتلارنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن ۋەدىلىرىنىڭ ئاۋازغا ئېرىشش ئۈچۈن قىلىنغان ئۇرۇنۇشلاردىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ.
دىكتاتورلار يالغاننى تەكرارلاش ئارقىلىق بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ھەقىقەتتىن گۇمانلىنىدىغان، ئۆز نىشانىغا خىزمەت قىلىدىغان خۇراپىيلىقلارغا ئىشەندۈرگىلى بولىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. لېكىن، يالغان ۋەيران قىلغۇچ ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئىككىنچى بۇش يالغانلارنى رەھىمسىزلەرچە تەكرارلىدى، ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنى ياقلايدىغان مەتبۇئاتنىڭ ئۈزلۈكسىز يەل بېرىشى، ئۇنىڭغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ۋە ئۆكتىچىلىرىنىڭ بىتەرەپ تۇرۇشىغا ئېلىپ باردى؛ «شارون تىنچلىقپەرۋەر كىشىدۇر»، «ئىراقتا ئاممىۋى قىرغۇچى قوراللار بار»، «ھاماس تېررورلۇق تەشكىلاتى»… بۇلار پەقەت مىساللاردىن ئىبارەت. بەزى دىكتاتورلار سىياسىتىنى مەلۇم بىر جامائەتنى «تېررورچى» دېيىشكە مەركەزلەشتۈرۈشى مۇمكىن؛ بۇ خىل يالغانلار تەدرىجىي ھالدا ئاممىۋى خىتابنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ، ئۇنىڭ توغرا – خاتالىقىنى سۈرۈشتە قىلىش بىھۇدە ئىشتەك تۇيۇلۇشى، بۇ مەسىلىدىن گۇمانلانغۇچىلار خائىنلىق بىلەن ئەيىبلىنىش ياكى سېھىرگەر ئوۋلاش دولقۇنىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

«خېرىدار» چىللاش

دىكتاتورلار ئۆز پىكىرلىرىنى يېيىش، ئىچكى – تاشقى سىياسەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن سەزگۈر نۇقتىلارغا ئۆزىگە سادىق تەشۋىقاتچىلارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا ۋە كارىزماسى بار كىشىلەر بولۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. مەسىلەن، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دىكتاتورنىڭ (بىرەر تەشكىلاتنى تېررورچى، دەپ ئېلان قىلىشىغا ئوخشاش) يالغىنىنى بازارغا سالغۇچىلار قوبۇل قىلىپ، ئۇنى ئىشەنگۈدەك، ئاقىۋىتىنى ئاقلىغۇدەك دەرىجىدە پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقىدۇ. چۈنكى، ئۇ پەقەت سۆزدىنلا ئىبارەت ئەمەس، باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى، كۆرسەتمىلىك سوتلاشلار، كەڭ كۆلەملىك دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، (يۇقىرىقىدەك تەييارلىقلار بۇ خىل قىلمىشلارنى) زۆرۈردەك، ھېچبولمىغاندىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىپ كۆرسىتىدۇ.
كەۋاكىبى «ئۇلۇغلار تونىغا ئورۇنۇۋالغۇچىلار (بەلكى بۇلارغا پالتىچىلار، شەببىيھە دېگەن ئىسىملار چۈشۈشى مۇمكىن)» دەپ ئاتىغان بۇ تائىپىنىڭ خەتىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە ئۇلارنى «مەغرۇر مۇستەبىتلەر يانىدىغان جەھەننەم ئاتەشىنىڭ يالقۇنجاپ تۇرغان بىر پارچىسى بولۇپ، ئىنسانىيەت ئارىسىدىكى باراۋەرلىك شەرىپىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ» دەپ تەسۋىرلەيدۇ ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، دىكتاتورلارنىڭ ئۇلارنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۈممەتنى «مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇۋاتقان نام ئاستىدا زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، قوشنىسىغا زۇلۇم سالىدىغان، دۈشمەنلىك قىلىشنى تەقەززا قىلىدىغان ئۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ، ئۇلاردا دىنىغا ياردەم قىلىشنى خالايدىغاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ ياكى ئۈممەتنىڭ مال – مۈلكىنى ھۇزۇر – ھالاۋىتى ۋە مۇستەبىتلىكىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۈممەتنىڭ ئار – نومۇسى، مەملىكەتنىڭ تەقدىرى، دېگەن ناملار ئاستىدا سەرپ قىلىدۇ ۋەياكى ئۈممەتنى، ئادالەتسىزلىكىگە قارشى تۇرغۇچىلارنى ئۈممەتكە قارشى تۇرغۇچىلاردەك قىلىپ كۆرسىتىپ سۇيىئىستېمال قىلىدۇ. بەزىدە ھېكمەت ۋە سىياسەتنىڭ تەقەززاسى دېگەن نام ئاستىدا دۆلەت ۋە ئۈممەتنىڭ ھوقۇقىغا خالىغىنىچە مۇداخىلە قىلىدۇ. كەۋاكىبى، «دىكتاتورلار ئۆزلىرىنى ياردەم قىلغۇچى ۋە ھىمايە قىلغۇچى گۇرۇھلارغا موھتاج دەپ ھېسابلىمايدۇ، ئۇ ۋە مىنىستىرلىرى بىر گۇرۇھ ئوغرىلاردۇر» دەيدۇ.

باشقىلارنى قۇربان قىلىش

دىكتاتورلار، ئەيىبلىنىشنى ئازايتىش ياكى خەلقنىڭ غەزىپىنى مۇھاجىرلار، ئازسانلىقلار، رەڭلىكلەر، ئىسلامچىلار، تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى «تېررورچىلار» دەپ ئاتايدىغان قاتلاملارغا ئوخشاش باشقا تەرەپلەرگە بۇرىۋېتىش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتسىزلىكىنىڭ جاۋابكارلىقىنى بىرەر جامائەت، دۆلەت ياكى شەخسلەرگە دۆڭگەپ قويىدۇ. گىتلېر، يەھۇدىيلار گېرمانىيەنىڭ قېنىنى شوراشقا تىرىشقانىدى، دېگەن بولسا، ترامپ، مۇسۇلمان مۇھاجىرلار ۋە مېكسىكىلىقلار ئامېرىكا خەلقىگە ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن خەۋپ ئېلىپ كەلمەكتە دەۋاتىدۇ، سىسى بولسا، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تېررورچىلار بولۇپ، سۇۋەيس ۋە سىنانى چەت كۈچلەرگە سېتىشنى خالايدۇ، دەيدۇ. بىر دىكتاتور بەزىدە مەغلۇبىيىتىنى بىر مىنىستىر ياكى ۋەزىرگە دۆڭگەپلا، ئۇنى خىزمەتتىن بوشىتىپ تاشلىشىمۇ مۇمكىن.
«باشقىلارنى قۇربان قىلىش» بىر خىل رەزىل سىياسەت بولۇپ، قۇربانلىرى ئادەتتە بىگۇناھ ۋە ئىنتىقام ئېلىش خەۋپى بولمىغان ئاجىز كىشىلەردۇر. ئەپسۇسكى، بۇ سىياسەت تەشۋىقات كۆلەڭگىسى، ئىرقچىلىق تۇيغۇلىرى شۇنداقلا دېموكراتىيە مۇھاپىزەتچىلىرى ئىز قوغلاش، كۆزىتىشتىن ئىبارەت ۋەزىپىلىرىنى تاشلىغان ئەھۋاللاردا ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ.

خاتالىقنى ئېتىراپ قىلماسلىق

خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلغان دىكتاتور دىكتاتورىلىق قىلىشتىن ۋاز كېچىدۇ. خاتالىقنى ئېتىراپ قىلىش كۈچلۈكنىڭ ئەمەس، ئاجىزلىقنىڭ ئالامىتىدۇر، «يول قويۇش» غەپلەتتە قالغۇچىلارنىڭ ئىشىدۇر، بېسىمغا بويۇن ئېگىش ھاكىمىيەت ۋە نوپۇزنى ساقلاپ قېلىشقا زىتتۇر. دىكتاتورلۇقنى ھېچنەرسە ئاممىنىڭ پىكرىگە كۆڭۈل بۆلۈشتەك ئۈنۈملۈك ۋەيران قىلالمايدۇ. دىكتاتورىلىق زوراۋانلىقنىڭ بالىياتقۇسىدىن چۈشكەن بولغاچقا، ئۇ قانۇن، نىزام، ئەپۇچانلىق ۋە ھېساب بېرىشنى ئىنكار قىلىدىغان زوراۋان مەدەنىيەتنىڭ ئاپىرىدە بولۇشىغا يول قويىدۇ.
دىكتاتور ئۆزىنى خاتالىقتىن خالىي ۋە نەسىھەتلەرگە بىھاجەت «ئۈممەت» نىڭ ئاتىسى، ھەتتا «ئالىي پەرۋىشكارى» دەپ قارايدۇ. دىكتاتورلار نەسىھەت قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار جورج ئورۋېل ئېيتقاندەك، ھاكىمىيەتكە ۋاسىتە ئەمەس، غايە دەپ قارايدۇ، «ھېچكىم ئىنقىلابنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن دىكتاتورلۇق قىلمايدۇ، ئەكسىچە دىكتاتورلۇقىنى تەسىس قىلىش ئۈچۈن ئىنقىلاب قىلىدۇ.»
سىزگە كۈنلەرنىڭ بىرىدە باشلىق بولۇش نېسىپ بولۇپ قالسا، بۇ خىل ئادەتلەرنىڭ بىرىنى سادىر قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ، ئادالەت توغرىسىدا مىساللارنى كەلتۈرۈشكە تىرىشىڭ. دىكتاتور ھەرقانچە ئۇزۇن ياشىسىمۇ تارىخ مۇقەررەر ھالدا ئۇنىڭغا لەنەت ئېيتىدۇ.

مەنبە: ئەلجەزىرە

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*