دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى، تەرەققىياتى ۋە مەنىسى توغرۇلۇق مۇنازىرىلەر

2019-يىلى 9-ئاۋغۇست

فىرات يالدىز
قىسقىچە مەزمۇنى: دىئاسپورا تەخمىنەن 2500 يىللىق ئۆتمۈشى بولغان ئۇقۇم بولسىمۇ، مەنىسى ۋە مەزمۇنى ھېلىھەم بەس-مۇنازىرە قىلىنماقتا. بولۇپمۇ 20 ۋە 21-ئەسىرلەردە خەلقئارانىڭ ۋەزىيىتىدە بارلىققا كەلگەن سىياسىي ئۆزگىرىشلەرگە ئەگىشىپ، بۇ ئۇقۇم كەڭ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ بۇنچىلىك كۆپ ئىشلىتىلىشى بۇ ئۇقۇمنىڭ چەك-چىگراسىنىڭ مەۋھۇمسىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، بۇ ئۇقۇمنىڭ ئەسلىدە قانداق مەنە بىلدۈرىدىغانلىقى توغرۇلۇقمۇ زور تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولدى.
بۇ ماقالىدە دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ تارىخى يىلتىزى ۋە سىياسىي ئۆزگىرىشلەر دائىرىسىدە مەنىسى ۋە مەزمۇنىنىڭ قانداق ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. ماقالىدا بولۇپمۇ تارىخىي كاتېگورىيەگە ئايرىش ئۇسۇلىنىڭ دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ كۈنىمىزدىكى مەنىسىنى چۈشىنىپ يېتىشتە ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسل ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. كىلاسسىك دىئاسپورا، مودېرن دىئاسپورا ۋە چاغداش دىئاسپورا تەرىقىسىدىكى بۇ ئۇسۇل، يەر شارىلىشىش ۋە باشقا ھادىسىلەر تۈپەيلى تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان كۆچ ھادىسىسى تۈرتكىسىدە شەكىللىنىۋاتقان ”ئانا يۇرتى سىرتىدا ياشاۋاتقان توپلۇقلار“نىڭ دىئاسپورا ئۇقۇمى بىلەن مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىمىزگە پايدىسى تېگىدۇ. يەر شارىلىشىش مۇساپىسىنىڭ دىئاسپورا ئۇقۇمى نۇقتىسىدىن، دىئاسپورا توپلۇقلىرى نۇقتىسىدىن ، ساھىبخان دۆلەت نۇقتىسىدىن ۋە قېرىنداش دۆلەت نۇقتىسىدىن ئوخشمىغان ۋە مۇھىم تەسىرلىرى تارىخىي كاتېگورىيەگە ئايرىش ئۇسۇلىنى تېخىمۇ مۇھىم قىلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق ئۇقۇملار: دىئاسپورا، ئاز سانلىقلار، قېرىنداش دۆلەت، ساھىبخان دۆلەت، كۆچ، كۆچمەن.
مۇقەددىمە
گىرىكچە دىئا (ئۈچۈن، سەۋەبتىن) ۋە سپوروس (ئۇرۇق) سۆزلىرىدىن تۈرلەنگەن دىئاسپورا كەلىمىسى ”ئۇياققا بۇياققا چېچىلىپ كەتكەن ئۇرۇقلار“دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. مەزكۇر كەلىمىنىڭ ئەسلى مەنىسىدىن ھالقىپ تارىختىن بۇيان ھەر خىل مەنىلەرگە ئىگە بولۇشى كۈنىمىزدىمۇ تالاش-تارتىش قىلىنماقتا. ئىنساننىڭ دۇنيادىكى سەپىرى تۈگىمىگىچە دىئاسپورا ھادىسىسىمۇ تۈگىمەيدۇ، يەنى ئىنسان بىلەن تەڭ مەجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. قەدىمقى دەۋرلەردىن ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بۇ ھادىسە، تارىخنىڭ رەھىمسىز زەربىلىرى ئالدىدا تىز پۈكمەي مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى ۋە كۈنىمىزدىمۇ ئىلمىي بەس-مۇنازىرىلەرنىڭ تېمىسى بولماقتا. دىئاسپورانىڭ تارىخىي ئىزچىللىقى ئىنساننىڭ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى مىڭلارچە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ. كۈنىمىزدە داۋاملىشىۋاتقان يەر شارى خاراكتېرلىك كۆچ ھادىسىسى سەۋەبىدىن، دىئاسپورا توپلۇقلىرىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ كېلەچىكىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان مۇھىم نەزىرىيەۋى بەس-مۇنازىرىلەرنىڭ مەنبەسى بولايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇبالىغە بولمىسا كېرەك.
خەلقئارا كۆچ تەشكىلاتى ((IOM-International Organization for Migration) 2005-يىلى دۇنيا مىقىياسىدا تەخمىنەن 191 مىليون كۆچمەن بارلىقىنى، 2010-يىلى بۇ ساننىڭ 214 مىليونغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. خەلقئارا تۈزۈمدە مەيدانغا كەلگەن بۇنچىلىك تىز سۈرئەتتىكى زور ھادىسە دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى تېخىمۇ تىزلاشتۇردى. لېكىن بۇ ئەھۋال بۇ ئۇقۇمىنىڭ كەلسە كەلمەس يەردە ئىشلىتىلىشىگە ۋە ئۇقۇمنىڭ ئەسلىدىكى مەنىسىدىن چەتنەپ كېتىشىگە سەۋەەب بولماقتا. ”ئۆز ۋاقتىدا يەھۇدىيلارنىڭ، گىرىكلار ۋە ئەرمەنىلەرنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىپ ماكانلىشىشىنى تەرىپلەيدىغان دىئاسپورا ئۇقۇمى، كۈنىمىزدە كۆچمەن، ۋەتەنسىز، مۇساپىر، مېھمان ئىشچى، سۈرگۈن توپلۇقى، يات ئەللەردىكى توپلۇق، ئېتنىك توپلۇققا ئوخشاش تېرمىنلار بىلەن ئوخشاش مەنىدە ئىشلىتىلمەكتە (تۆلۆليا، 1991:4). شۇنداقلا كېيىنكى مەزگىللەردە دىئاسپورانىڭ مەنىسىمۇ مەۋھۇمسىزلاشماقتا. ”ئامېرىكادىكى يەھۇدىي دىئاسپوراسى“ بىر توپلۇقنى، ”دىئاسپورادا ياشايدىغان يەھۇدىيلار“ بىر رايوننى، ”دىئاسپورادا تۇغۇلغان يەھۇدىيلار، دىئاسپورالىق يەھۇدىيلار“بىر جۇغراپىيەلىك ماكاننى، ”دىئاسپورىزم“بىر ئىدىئولوگىيەنى، ”دىئاسپورىك“بولسا بىر ئىجتىمائىي ئېقىمنى بىلدۈرىدىغان قوشۇمچە ئىبارىلەردۇر. بەزى دۆلەتلەردە ”expatriate “ (مەملىكەت سىرتىدا ياشايدىغان)، “ oversea“ (ئوكيانلاردىن ھالقىغان دۆلەتلەردە ياشايدىغانلار) ۋە ”ressortissant“ (گىراژدان)غا ئوخشاش دىئاسپوراغا يېقىن مەنىلىك كەلىمىلەر ئىشلىتىلمەكتە. شۇنداقلا دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ كىملىك، ئېتنىك، ئۇلۇس-مىللەت، كۆچ، تاشلاندۇقلار ۋە ئازسانلىقلارغا ئوخشاش ئۇقۇملار بىلەنمۇ يېقىن مۇناسىۋىتى بار. دىئاسپورا بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بولغان بۇ ئۇقۇملار باشقا بىر ماقالىنىڭ تېمىسى بولالايدىغانلىقى ئۈچۈن ماقالىمىزدا بۇ ئۇقۇملار ئىزاھلانمايدۇ.
دىئاسپورا ھادىسىسىنىڭ يەرلىك ۋە خەلقئارالىق سەۋىيەدە بولۇشى نۇقتىسىدىن ئۇنىڭ كېلەچىلىكىنى تەخمىن قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۇقۇم ۋە نەزىرىيەۋى دائىرىسى تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىنىشى كېرەك. ئىجتىمائىي پەنلەر، بولۇپمۇ خەلقئارا مۇناسىۋەت ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، دىئاسپورا ئۇقۇمى ئۈستىدە كەسكىن تالاش-تارتىشلار ۋە ئەتراپلىق تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلماقتا. نەزىرىيەۋى رامكىغا سىغمىغۇچىلىك دەرىجىدە كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقان بۇ ئۇقۇم، بەكرەك غەرب دۇنياسىدا تەتقىق قىلىنىپ مۇنازىرە قىلىنماقتا. تەنقىدتىن بەكرەك يەكۈن سۈپىتىدە تەكىتلىنىۋاتقان بۇ ئەھۋالنى، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا شەرقتىن غەربكە قاراپ ئىشقا ئېشىۋاتقان كۆچنىڭ نەتىجىسى دېيىشكە بولىدۇ. مىڭلارچە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ۋە ئومۇمەن غەربكە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۆچ ھادىسىسى، ”شەرق“كە قېرىنداش دۆلەت (ئانا ۋەتەن)، ”غەرب“كە ساھىبخان دۆلەت (ۋەتەن) رولىنى ياكى سالاھىيىتى بەرگەن بولۇپ، غەربتە ياشايدىغان شەرقلىق توپلۇقلارنىڭ، غەربلىك نۇقتىسىدىن كۆزىتىلىپ تەتقىق قىلىنىشىمۇ دىئاسپورا تەتقىقاتلىرىنىڭ ئومۇمىي خاراكتېرى بولغانىدى. دەرۋەقە ھەر قايسى ئەسەرلەردىمۇ ئىسرائىلىيەدىكى ئامېرىكا دىئاسپوراسى ئەمەس ئامېرىكادىكى يەھۇدى دىئاسپوراسىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى ياكى ئەرمېنىيەدە ياشايدىغان فىرانسۇزلارنىڭ ئەمەس فىرانسىيەدىكى ئەرمەنىي دىئاسپوراسىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ تەكىتلىنىشى تارىخىي ۋە ھازىرقى (شەرقتىن غەربكە)كۆچ مۇساپىسىنىڭ تەبىئىي نەتىجىسىدۇر. بۇ دائىرىدە دىئاسپوراغا مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق كىتابلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭمۇ غەربلىك تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن غەربتىكى ئالىي مەكتەپلەردە يېزىلىپ نەشىر قىلىنىشىنى تەكىتلەپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ كۈنىمىزدە غەربتە ياشاۋاتقان شەرق توپلۇقلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى، شەرقتە ياشاۋاتقان غەرب توپلۇقلىرى ئۈچۈن ئۇنچىۋېلا بەك ئىشلىتىلمەيۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە.
مەزكۇر ماقالە دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ مەلۇم بىر كونكرېت ئۆلچەم ئاساس قىلىنماستىن ئاناۋەتەن سىرتىدا ياشايدىغان ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ھالغا كېلىشى تۈپەيلى، مەزكۇر ئۇقۇم توغرۇلۇق مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ يەكۈن چىقىرىش ئېھتىياجىدىن يېزىلدى. دىئاسپورا توپلۇقلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر ھېسابلىنىدىغان مەجبۇربىي كۆچكە ئوخشاش بەزى ئالاھىدىكلەرنىڭ يەر شارىلىشىش ھادىسىسىنڭىمۇ تەسىرى بىلەن ئۆزگىرىشى، مەزكۇر ئۇقۇمنىڭ كۈنىمىزدىكى ئالاھىدىلىكلىرى توغرۇلۇق قايتىدىن ئويلىنىشىمىزغا سەۋەب بولماقتا. بۇ ئۆزگىرىش قايسى توپلۇقلارنى دىئاسپورا دەپ ئاتىشىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەردىكى مۇنازىرىلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئاناۋەتەن سىرتىدا ياشايدىغان ھەممە ئادەمنى دىئاسپورا دەپ ئاتاش، دىئاسپورا-دىئاسپورا، دىئاسپورا-ساھىبخان دۆلەت (ۋەتەن) ۋە دىئاسپورا-قېرىنداش دۆلەت (ئاناۋەتەن)مۇناسىۋەتلىرىنى نەزىرىيۋى ئاساسقا ئىگە قىلىشقا زور توسالغۇ پەيدا قىلماقتا. بۇ توسالغۇ يېڭىش ئۈچۈن، بۇ ئۇقۇم يېڭى ئۆزگىرىشلەر كۆزدە تۇتۇلغان ئاساستا قايتىدىن ئىزاھلىنىشى كېرەك. دۆلەتنىڭ دىئاسپورا بىلەن بولغان ۋە ”ئاناۋەتەننىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش“تىن ئىبارەت مەنتىقىنى ئاساس قىلغان يەككە مۇناسىۋىتى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۆپ قىرلىق مۇناسىۋەتكە ئۆزگىرىپ بارماقتا. كېيىنكى يىللاردا گۇرۇپپا-شەخس ھەق-ھوقۇقلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرىلەر دائىرىسىدە، شەخسلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ساھەسىدە ناھايىتى مۇھىم ئىجتىمائىي ۋە قانۇنىي ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلمەكتە (يالدىز، 2012-124). قارىغاندا، دىئاسپورانىڭ كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلىرى، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تەلەپلىرى، ئىدىئولوگىيەلىك ۋە تەشكىللىك ھالەتتىكى تەرەققىياتى قاتارلىق ساھىبخان دۆلەتلەرگە، شۇنداقلا قېرىنداش دۆلەتلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغاندەك تۇرىدۇ.
مەزكۇر ماقالىمىزدا دىئاسپورا ئۇقۇمى تارىخىي ۋە ھازىرقى ئۆزگىرىشلەر ، شۇنداقلا خەلقئارا مۇناسىۋەت نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق، قانۇن ۋە تارىخ نۇقتىسىدىن دىئاسپورا ئۇقۇمىنى ئىزاھلاش تامامەن مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن بۇ پەنلەر ئارقىلىق بۇ ئۇقۇمنى تولۇق يورىتىپ بېرىش تەسرەك، شۇڭا خەلقئارا مۇناسىۋەت ساھەسىنىڭ پەنلەر ئارا مۇھاكىمە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن بۇ ئۇقۇمنى ئىزاھلاشقا تىرىشىمىز. بىز دىئاسپورا توپلۇقلىرىنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھىم ئاكتىيورى بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ساياھەتچىلىك، تىجارەت، مائارىپقا ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلى دۇنيا مىقىياسىدا بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر ياكى يېڭى دىئاسپورا توپلۇقلىرىنىڭ شەكىللىنىشى قاتارلىقلارمۇ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە تەسىر كۆرسەتمەكتە. بۇ دائىرىدە، دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە دائىر ئەسەرلەردە كەڭ ئىشلىتىلىشى ”دىئاسپورا توپلۇقلىرىنىڭ تاشقى سىياسەتكە كۆرسەتكەن تەسىرلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟“ ۋە ”دىئاسپورا تاشقى سىياسەت ۋاستىسى بولالامدۇ؟“دېگەنگە ئوخاش سوئاللىرىنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك قىلماقتا.
بۇ سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەلگەن ئەسەرلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىققىنىمىزدا تېمىغا مۇناسىۋەتلىك كىتاب سانىنىڭ ھەقىقەتەن ئاز ئىكەنلىكىنى بايقايمىز، بۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىدۇر. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، كۆچ ۋە ئېتنىك كىملىككە ئوخشاش تېمىلار تىلغا ئېلىنغان كىتابلاردا دىئاسپورا ھادىسىسىگە ئازلا يەر ئاجرىتىلغان بولۇپ، تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر بىرلەشتۈرۈلۈپ كىتابلاشتۇرۇلغانىدى. دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ ئەھمىيىتى كۈچىيىۋاتقان كۈنىمىزدە تېمىغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلار ۋە ماقالىلەر ھەقىقەتەن ئاز ئۇچرايدۇ.
دىئاسپورا ئۇقۇمىنى ئىلمىي نۇقتىدىن تۈرگە ئايرىش ھەقىقەتەن تەس بولماقتا. دىئاسپورالار تارىخىي جەھەتتىن ( كىلاسسىك دىئاسپورالار، مودېرن دىئاسپورالار، چاغداش دىئاسپورالار) ياكى شەكىل جەھەتتىن (ئىشچى دىئاسپوراسى، تىجارەت دىئاسپوراسى، مەزلۇملار دىئاسپوراسى)دەپ تۈرلەرگە ئايرىلغان بولسىمۇ، بۇ تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى ئىلمىي ساھەدە تولۇق ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلمىدى. بۇ ئەھۋال دىئاسپورا ئۇقۇمىنى ئىزاھلاش ۋە قايسى توپلۇقلارنى دىئاسپورا دەپ ئاتاشنى قىيىنلاشتۇرماقتا.
ماقالىمىزدا دەسلەپكى قەدەمدە دىئاسپورا ئۇقۇمىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي مۇساپىلەر ۋە ئۇقۇم جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. بىرىنچى بۆلۈمدە (ئاناۋەتەندىن سۈرگۈن ۋە مەجبۇرىي كۆچكە ئوخشاش) تارىخىي تىراگېدىيەلەر، بۇ ئۇقۇمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە ئىشلىتىلىشىگە پاراللېل ھالدا ئانالىز قىلىنىدۇ.
”ئۇنداقتا ھەر ئېتنىك توپلۇق دىئاسپورا بولامدۇ؟“ دېگەن سوئالغا جاۋاب ئىزدىلىدىغان ئىككىنچى بۆلۈمدە، دىئاسپورا توپلۇقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر ۋە تەتقىقاتچىلار تۇتقا قىلىنىپ مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. بۇ بۆلۈمدە تارىخىي مۇساپىدە خاراكتېرى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى ئۆزگىرىپ ماڭغان دىئاسپورا توپلۇقلىرىنى ئاتاش ۋە تۈرلەرگە ئايرىشقا مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرىلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلىدۇ.
دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ تارىخىي كەچمىشى
دىئاسپوراغا دائىر ھەر قانداق بىر تەتقىقاتنى يەھۇدىي دىئاسپوراسىنى تىلغا ئالماي تۇرۇپ ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ. لېكىن نوقۇل يەھۇدىيلار تىلغا ئېلىنغان بىر ئەسەرمۇ دىئاسپورا ئۇقۇمىنى تولۇق ئىزاھلاپ بېرەلمەيدۇ. مەزكۇر ئۇقۇمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان يەھۇدىيلارنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرى بۇ ئۇقۇمنىڭ ئىشلىتىلىشى، تەرەققىياتى ۋە مەنىسى قاتارلىقلارغا زور تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، كېيىنكى يىللاردا مەيدانغا كەلگەن سىياسىي ئۆزگىرىشلەر بۇ ئۇقۇمنى باشقىچە خاراكتېرگە ئىگە قىلدى. دەرۋەقە،تەتقىقاتچى كوھېنمۇ دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ بىر زامانلاردا كۆپرەك يەھۇدىيلار، قىسمەن گىرىكلار، ئەرمەنىيلەر ۋە ئافرىقالىقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكىنى، كۈنىمىزدە بولسا ئەڭ ئاز پەرقلىق ئوتتۇز ئېتنىك توپلۇقنىڭ ئۆزلىرىنى دىئاسپورا دەپ ئاتايدىغانلىقىنى ياكى ئۆزگىلەر تەرىپىدىن دىئاسپورا دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى دەيدۇ (1999، 266).
تارىخىي ۋە ئۇقۇم جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەر
ئېتنىك توپلۇقلار، كۆچمەنلەر ۋە چەت ئەللىكلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئاكادېمىك تەتقىقاتلارنىڭ كۆپ قىسمى ۋە ئازسانلىق-كۆپ سانلىقلار مۇناسىۋىتىگە دائىر ئەسەرلەردە دىئاسپورا ئۇقۇمى ئاز تولا بولسىمۇ ئۇچرايدۇ (سافران، 1999-364). ھالبۇكى، دىئاسپورا ئۇقۇمىنى بۇ مۇنازىرىلەر نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مۇھىم ئورۇنغا ئىگە دېيىشكە بولىدۇ. تارىخ ۋە تەلەينىڭ ئوبېيكتى بولغان ئىنسانىيەت سەرگۈزەشتىلىرىنى ئىزاھلاپ بېرىدىغان كەلىمە (مارىيانتىس، 1999-363)دەپ تەرىپلەنگەن دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ كۈنىمىزدىكى مەنىسىنى چۈشىنىپ يېتىش ئۈچۈن، تارىخقا نەزەر سېلىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئەسلىدە قەدىم بىر كەلىمە بولغان دىئاسپورا، يەر شارىلىشىشنىڭ تەسىرىدە– جۇغراپىيە، كىملىك ۋە مەنسۇبلۇققا ئوخشاش ئۇقۇملار بىلەن مۇناسىۋىتىنى پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلىغان- يېڭىچە مەنىگە ئىگە بولدى (برازىل ۋە مەننۇر، 2007-1). دۇفۇيكس بۇ ئەھۋالنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ: يىغىنچلاپ قىلىپ ئېيتقاندا، دىئاسپورا كەلىمىدىن ئىبارەت خالاس، بارلىق كەلىمىلەرگە ئوخشاش رىئاللىقنىڭ پەقەت بىر قىسمىنىلا ئىزاھلاشقا يارايدۇ ۋە ھەر قېتىم ئىشلىتىلگىنىدە ئوخشاش قىسمنى كۆرسەتمەيدۇ… ھەر قانداق بىر كونكرېت ئەھۋال، دىئاسپورا كەلىمىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە پەرقلىق تىللاردىكى <ھەم جىنىسلىقلىرى> قاتارلىقلاردىن مۇستەقىل بولغان يەككە دىئاسپورا ھادىسىسى يوقتۇر.
ئېتىمولوگىيەلىك جەھەتتە، گىرىكچە دىئا (dia)ۋە سپرىن (sperien )كەلىمىلىرىنىڭ ئۆز-ئارا قوشۇلۇشىدىن تەركىب تاپقان دىئاسپېيرو (diaspeiro) پىئىلىنى مىلادىن بۇرۇنقى 5-ئەسىردە سوفوكلېس، ھېرودوتوس ۋە تۇكىدىدېس قاتارلىق شەخسلەر ئىشلەتكەن (دۇفۇيىكس، 2011-17). گىرىكچە دىئاسپېيرو-دىئاسپېريېن (diaspeiro/diasperien) كەلىمىسىدىن تۈرلەنگەن دىئاسپورا ئۇقۇمى ”سېپتۇئاگىنت“تە ئاناۋەتىنىنىڭ سىرتىدا سۈرگەندە ياشاۋاتقان يەھۇدىيلارنى ئىزاھلاش ۋە ئىسكەندېرىيەدە ياشاۋاتقان خېلېنىك يەھۇدىي توپلۇقلىرى كۆزدە تۇتۇلۇپ ئىشلىتىلگەنىدى (برازىل ۋە مەننۇر، 2007-1).
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، پەلەستىن سىرتىدا ياشاۋاتقان يەھۇدىيلار ئۈچۈن ئىشىلىتىلىدىغان ھالغا كەلگەن دىئاسپورا كەلىمىسىنىڭ، ئىپتىدائىي دەۋردە گىرىكلار تەرىپىدىن كىچىك ئاسىيا ۋە ئاقدېڭىزغا (مىلادىن بۇرۇنقى 800-600)تەۋە بولغان رايونلارنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكى مەلۇم (كوھېن، 1999-266).
بۇ ئۇقۇمنىڭ يەھۇدىيلار ئۈچۈن ئىشتىلىشىگە كەلسەك، يەھۇدىي نوپۇسىنىڭ مۇستەقىل بىر سىياسىي مەركەزدىكى مەۋجۇدلۇقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈندۇر. يەنى يەھۇدىيلارنىڭ سىياسىي مۇستەقىللىق مەركىزىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ ئۇقۇم ئىشلىتىلگەن. 1948-يىلى ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغۇچە بولغان ئارىلىقتا، بۇ مەركەز <ئېرىتز ئىسرائىل> (Eretz Israel) دەپ ئاتىلىپ كەلگەنىدى. مارىيىنستراس (1999) بەزى يازغۇچىلارنىڭ دىئاسپورا ئۇقۇمىنى پەقەت <ئېرىتز ئىسرائىل> نى تەرك قىلغانلار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكىنى دەيدۇ. دىئاسپورانىڭ <ئېرىتز ئىسرائىل> بىلەن مەنىگە ئېرىشكەن سىياسىي مەركەز تەسۋىرى ئۇقۇم نۇقتىسىدىن مۇھىمدۇر. دەرۋەقە، بۇ دىئاسپورا ئۇقۇمىنى ئىبرانىچە سۈرگۈن مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ”گالۇت“كەلىمىسىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئەڭ ئاساسلىق ئامىلدۇر. دىئاسپورا يەھۇدىي نوپۇسى زىچ بولغان بىر سىياسىي مەركەزنى كۆزدە تۇتسا، گالۇت بۇنداق بىر مەركەز بولمىغان دەۋەرلەردىكى توپلۇقلار ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ: ئۆزگە بىر ھاكىمىيەتنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتۈپ كەتكەن ئاناۋەتەننى ۋە ئاناۋەتەندىن مەجبۇرىي كۆچۈشنى كۆرسىتىدۇ (مەررىيانستراس، 1999-358).
بۇ ئۇقۇمنىڭ يەھۇدىيلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى جۇغراپىيەلىك مۇناسىۋەت نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرىدىغان بۇ نەزىرىيە قاتتىق تەنقىد قىلىنماقتا. گۇرۇپپا ياكى توپلۇق كىملىكىنىڭ نەسەب يىلتىزى ۋە جۇغراپىيەلىك كېلىپ چىقىشى بولۇپ ئىككى جەھەتتىن بەرپا قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بويارىن، يەھۇدىي كىملىكىنى جۇغراپىيەلىك مۇناسىۋەت نۇقتىسىدىن ئەمەس ئەۋلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت نۇقتىسىدىن ئىزاھلاشنىڭ تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ يەنە دىئاسپورانىڭ قانداقتۇر ئۇرۇش ياكى پالاكەتنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى ئەمەسلىكىنى، يەھۇدىيلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ يەھۇدانىڭ قولدىن چىقىپ كېتىشىدىن نەچچە ئەسىر ئىلگىرىمۇ ئۆزلىرى خالاپ باشقا دىيارلاردا ياشىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ (بويارىن، 2007، 85-118). مەيلى جۇغراپىيەلىك مۇناسىۋەت بولسۇن مەيلى يەھۇدىيلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بولسۇن، ھەر ئىككىلىسىدە ”ئورتاق ئاڭ“تولىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. سۈرگۈن ۋە سۈرگۈن ئېڭى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يەھۇدىي تارىخىغا خاس ئىكەنلىكى ۋە يۈزلەرچە يىللىق كۆچنىڭ ئەكسىچە يەھۇدىي مىللىي ئېڭىنى پائال قىلىپ كەلگەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ (مارىيانستراس، 1999-358). سۈرگۈن ئۇقۇمى نوقۇل ئۇقۇم جەھەتىنلا ئەمەس تارىخىي ھادىسە بولۇش سۈپىتى بىلەنمۇ يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىم ئەھىيەتكە ئىگە. مىلادىن ئىلگىرى 586-يىلى يۈز بەرگەن بابىل سۈرگۈنى، تەسنىيەدە (تەۋرات) <رەب سېنى دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا غەزەبلەندۈرىدۇ…. ۋە دۇنيانىڭ بارلىق مەملىكەتلىرىدە لايغەزەل بولىسەن (ھۆججەت، 2001-1) تەرىقىسىدە بايان قىلىنىدۇ.>
كۈنىمىزدە (2011-يىلدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا)، 13 مىليون 428مىڭ 300 بولغان يەھۇدىي نوپۇسىنىڭ 5 مىليون 703مىڭ 700نىڭ ئىسرائىلىيەدە، 7 مىليون 724مىڭ 600ى (يېرىمىدىن كۆپرەكى)ئىسرائىلىيە سىرتىدا ياشايدۇ (پېرگولا، 2010-5). ئاناۋەتىنىدە بىر دۆلەت بولمىغان 2534 يىللىق مەزگىلدىن كېيىن، مۇستەقىل بىر دۆلەت (ئىسرائىلىيە)قۇرۇلغان 1948-يىلىدىن كېيىنمۇ دىئاسپورا يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن زور ۋە مۇھىم مۇۋازىنەت ئامىلى ھېسابلىنىدۇ.
بەكرەك يەھۇدىيلار ئۈچۈن ئىشلىتىپ كېلىنىۋاتقان دىئاسپورا ئۇقۇمى، تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ ئۆزگە دىيارلاردا ياشايدىغان بەزى ئېتنىك ۋە ئىجتىمائىي توپلۇقلار ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ توپلۇقلار ئىچىدە ئافرىقلىقلار ۋە ئەرمەنىلەر بار.ئافرىقا قىتئەسى سىرتىدا ياشايدىغان ئافرىقالىقلار ئۈچۈن ”دىئاسپورا“ئۇقۇمىنىڭ ئىشلىتىلىشىدىن ئىلگىرىمۇ ئافرىقالىقلار ۋە يەھۇدىيلار ئوتتۇرىسىدا زىھنى ۋە ئىجىتىمائىي پاراللىللىق مۇناسىۋىتى قۇرۇلغانىدى. 19-ئەسىردە پان-ئافرىقىچىلىق دەۋاسىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولغان ۋ.ئې.ب. دۇ بويىس (W.E.B. Du Bois) ۋە ئېدۋارد ۋىلموت بالىدېنغا (Edward Wilmot Blyden) ئوخشاش مۇتەپەككۇرلار بۇ پاراللىللىق مۇناسىۋىتىنى قۇرغان شەخسلەردۇر (دۇفوكيس، 2011-21). ئېدۋارد ۋىلموت بالىدېن (1832-1912) ئاناۋەتىنىگە قايتىش چۈشەنچىسى نۇقتىسىدىن سىيونىزمنىڭ پەۋقۇلئادە رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئافرىقا ئىرقىنىڭ تارىخى بىلەن (قۇللۇق، زۇلۇم، سۈرگۈن، تىراگېدىيە)يەھۇدىي تارىخى ئوتتۇرىسىدا زور ئوخشاشلىق بارلىقىنى دەيدۇ (برەكمەن، 2010-2). يەھۇدىيلار ۋە قارا تەنلىكلەر ئوتتۇرىسىدا بۇ ئوخشاشلىقنىڭ ئەكسىچە، ”دىئاسپورا“كەلىمىسى 1965-يىلىغىچە ئافرىقالىقلار ئۈچۈن پەقەتلا ئىشلىتىپ باقمىدى. ”قارا تەنلىكلەر دىئاسپوراسى“ تۇنجى بولۇپ ئابىئولا ئىرېلې تەرىپىدىن 1965-يىلى ئۆكتەبىردە نەشىر قىلىنغان ”نېگرىتۇد ياكى قارا تەنلىكلەرنىڭ كۈلتۈر مىللەتچىلىكى “ ناملىق ماقالىسىدە (1965) ئىشلىتىلگەن. ”ئافرىقا دىئاسپوراسى“جورج شېپپېرسون تەرىپىدىن ”چەت ئەللەردىكى ئافرىقالىقلار ۋە ئافرىقا دىئاسپوراسى“ناملىق لېكسىيەسىدە (1966) تىلغا ئېلىنغان. دۇفويكس (2011)بۇ تېرمىنلارنىڭ 1950-يىلدىن باشلاپ ئىلمىي ساھەدە ئىشلىتىلىشكە باشلىغانلىقىنى دەيدۇ. پاۋۇل گىلروي ئافرىقا دىئاسپوراسىنى ”قارا ئاتلانتىك: مودېرنىزم ۋە قوش ئاڭ“ناملىق كىتابىدا ئافرىقا تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىزاھلايدۇ. بۇ كىتاب 1993-يىلى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ دىئاسپورا ئۇقۇمى ۋە ھادىسىسىنىڭ ئىلمىي سەۋىيەدە تەتقىق قىلىنىشىدا كۆرىنەرلىك تۆھپىسى بار.
چەت ئەللەردىكى مەۋجۇدلۇقىنى تەرىپلەش ئۈچۈن يىلتىزى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تۇتۇشىدىغان ياڭاق دەرىخى سېمۋولىنى ئىشلىتىدىغان ئەرمەنىلەر، ھەقىقەتەن بۇ سېمۋولغا خاس ھالدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تارقاق ھالەتتە ياشىماقتا. تارىخچىلار تەرىپىدىن يىلتىزى مىلادىن ئىلگىرى 5-ئەسىرگىچە تۇتاشتۇرۇلىدىغان ئەرمەنى مىللىتى، دىئاسپورا كەلمىسى نۇقتىسىدىن يەھۇدىيلارغا ھەممىدىن بەك ئوخشايدىغان مىللەتتۇر (سافران، 1999-365). تارىختىن بۇيان ئەرمېنىيەنىڭ سودا يولى ئۈستىدە بولۇشى، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە تەبىئىي بايلىقلىرى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن پارس، گىرىك، رىم، ۋىزاتىنىيە، ئوسمانلى ۋە چاررۇسىيە ئىمپېرىيەسى قاتارلىق ھۆكۈمران كۈچلەر تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ كەلگەن. بۇ ھۆكۈمران كۈچلەر ھەر قېتىم ئەرمېنىيە ئۈچۈن ئۆز-ئارا ئۇرۇشقاندا ئەرمەنىلەر كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. شۇنداقلا ئەرمېنىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىمۇ ئەرمەنىلەرنىڭ سودا مەقسەتلىك ئۆزگە دىيارلارغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كۆچۈشىگە سەۋەب بولغان (شېففېر، 2003-59). شېففېر مىلادىن ئىلگىرى 5-ئەسىردىن بۇيان بۇلغارىيە، ئانادولۇ ۋە بالقانلاردا ئەرمەنېىيەگە تەۋە رايونلارنىڭ بارلىقىنى دەيدۇ (2003-59). مىلادىن كېيىن 7-ئەسىردە ئەرمەنىلەر (بەزىلىرى سۈرگۈن، بەزىلىرى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن) ۋىزاتىنىيە ئىمپېرىيەسىگە كۆچكەن بولۇپ، بۇ جايلاردا سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، ھەتتا ئالىي ۋەزىپىلەرنى ئۆتۈشكە نائىل بولغان. بۇ ساھەلەر (سودا ۋە ھاكىمىيەت) كېيىنچە ئەرمەنى دىئاسپوراسى تالىشىدىغان كەسىپ ساھەلىرى بولۇپ قالغان. 10-ئەسىردىن بۇيان ۋەنەدىك، مارسىليا، پارىژ، برۇگېس، لوندونغا ئوخشاش نۇرغۇن غەربىي ياۋروپا شەھەرلىرىدىمۇ ئەرمەنى توپلۇقلىرى بەرپا بولغان. لېكىن تۇنجى كەڭ كۆلەملىك كۆچ دولقۇنى 11-ئەسىردە باگراتىد خانىدانلىقى يىمرىلگەندىن كېيىن يۈز بەرگەن بولۇپ قىرىم، ۋېنگرىيە، پولشا ۋە مولدوۋا قاتارلىق مەملىكەتلەردىمۇ ئەرمەنى توپلۇقلىرى شەكىللىنىشكە باشلىغان. 13-ئەسىردە پەلەستىن، مىسىر، ئىراق، ھىندىستان، تىبەت ۋە خىتاي قاتارلىق ئەللەردىمۇ ئەرمەنى توپلۇقلىرى بارلىققا كەلگەن. ئىككىنچى چوڭ كۆچ دولقۇنى –ئەرمەنېيە جۇمھۇرىيىتى 1991-يىلى قۇرۇلغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەڭ ئاخىرقى ئەرمەنى دۆلىتى بولغان- كىلىكيا خاندانلىقىنىڭ 14-ئەسىردە يىمرىلىشىدىن كېيىن باشلىغان بولۇپ، ئەرمەنىلەر پولشا ۋە لىتۋانىيەگە، 17-ئەسىردە ئىران ۋە فىلىپپىنگە ئولتۇراقلاشقان (شېففېر، 2003-59).
دۇفۇيكس 1915-يىلىدىكى ۋەقەلەردىن كېيىن ئەرمەنىلەرنىڭ يېرىمىغا يېقىن بىر قىسمىنىڭ رۇسىيەگە، قالغان قىسمىنىڭ مىسىر، ئىران، ئارگېنتىنا، فىرانسىيە، لىۋان، سۈرىيە ۋە ئامېرىكاغا ئوخشاش ئەرمەنى توپلۇقلىرى بۇرۇنمۇ ياشىغان ئەللەرگە كەتكەنلىكىنى دەيدۇ. فىرانسۇز تارىخچى تېر-مىناسىيان 1915-يىلدىكى ۋەقەلەرنى ”ۋجۇدقا چىقارغۇچى ھادىسە“دەپ تەرىپلەپ، ”بىر پالاكەت خاتىرىسى“نىڭ ئۇلى بولغانلىقىنى ۋە ”بۈيۈك دىئاسپورا“ھادىسىسىنىڭ مۇقەددىمىسىگە زېمىن ھازىرلاپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ (تېر-مىناسىيان، 1989، نەقىل قىلغۇچى دۇفۇيكس، 2011-57).
مىڭلارچە يىل داۋاملاشقان تارقاقلىقتىن كېيىنمۇ ئەرمەنىلەر 19-ئەسىرگىچە ”دىئاسپورا“ئۇقۇمى بىلەن ئىزاھلانمايدۇ. بۇ دەۋردە گېرمانىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان دىئاسپورا ئۇقۇمى، دىن ئەتراپىغا يىغىلىپ بىرلەشكەن ئەرمەنىلەرگە ئوخشاش خەلقلەر ئۈچۈن قوللىنىلىشقا باشلىغان (دۇفۇيكس، 2011-26). 1931-يىلى سىمون دۇبنوۋ “ ئىجتىمائىي پەنلەر دىئاسپورا قامۇسى“ناملىق ماقالىسىدە ئەرمىلەرنى مىسال كۆرسىتىدۇ: ”ئۆز دۆلىتى ياكى يۇرتىدىن ئايرىلغان ۋە ئۆزگە مىللەتلەر ئىچىگە تارقالغان، لېكىن ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالغان مىللەت ياكى مىللەتنىڭ پارچىسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان گىرىكچە تېرمىندۇر… دىئاسپورانىڭ تىپىك بىر مىسالى بولسا ئەسىرلەرچە ئۆزىنىڭ مەملىكەتلىرى سىرتىدا خالىسانە ياشاپ كەلگەن ئەرمەنىلەردۇر…“ (دۇفۇيكس، 2011-27).
دىئاسپورا ئۇقۇمىنى نوقۇل يەھۇدىيلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان خاس بىر ئىسىم بولۇشتىن چىقىرىپ يەھۇدىيلارغا ئوخشاش تارىخىي تەجرىبىلەرنى باشتىن كەچۈرگەن باشقا مىللەتلەر ئۈچۈنمۇ ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىغا شارائىت تەييارلاپ بەرگەن بۇ ئىزاھات، دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تۆھپە قوشقان. دەرۋەقە، ”دۇبنوۋ“نىڭ تېكىستى ”دىئاسپورا“تېرمىنىنىڭ تارقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ: ئومۇمىي جەھەتتىن سېكۇلارلىشىشنى، كونكرېت جەھەتتىن يەھۇدىي خەلقىنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىدىن ئاستا-ئاستا يىراقلىشىشىنى كۆرسىتىدۇ“ (دۇفۇيكس، 2011-27). بەزى ئاكادېمىكلار دۇبنوۋنىڭ دىئاسپورا تەبىرىنىڭ دىئاسپورا كەلىمىسىنىڭ دائىرىسىنى تارايتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسا، يەنە بەزىلىرىمۇ بۇ تەبىرنىڭ دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ ئىزاھلىنىشىغا مەلۇم دەرىجىدە پايدىلىق بولغانلىقىنى تەكىتلىشىدۇ. روبېرت پارك 1939-يىلى دۇبنوۋنىڭ تەبىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ دىئاسپورا كەلىمىسىنى ئاسىيالىقلار ئۈچۈنمۇ ئىشلەتكەن (پارك 1939، نەقىل قىلغۇچى دۇفۇيكىس، 2011-28). ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ روبېرت پاركنىڭ دىئاسپورا تەبىرى دۇبنوۋنىڭ دىئاسپورا تەبىردىنمۇ كەڭ ئىشلىتىلىشكە باشلايدۇ، ھەتتا بەزى چاغلاردا بۇ تەبىرنىڭ ئەسلى ئىگىسىنىڭ روبېرت پارك ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ (ھاررىس ۋە چارلېس، 1958، نەقىل قىلغۇچى دۇفۇيكس، 2011-28).
1960-يىللارغا كەلگەندە دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ دائىرىسنىڭ تېخىمۇ كېڭەيگەنلىكىنى كۆرىمىز. گېزىت-ژۇرناللار ۋە لۇغەتلەردىمۇ دىئاسپورا كەلىمىسى كەڭ ئىشلىتىلىشكە باشلايدۇ. 1961-يىلى ۋېبستېر بۇ ئۇقۇمنى ئورتاق مىللىي يىلتىزغا ياكى ئېتىقاد ئورتاقلىقىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ باشقا مەملىكەتلەرگە تارقىلىشى ۋە بىر مەملىكەتنىڭ ئۆزگە مەملىكەتلەرگە تارقالغان خەلقى دەپ تەرىپلەيدۇ (دۇفۇيكس، 2011-28). لې موندې 1968-يىلى ”چېخ دىئاسپوراسى“تېرمىنىنى ئىشلىتىدۇ ( دۇفۇيكس، 2011-28). پىئىر گىلبېرت “ Dictionnaire des mots contemporains “ ناملىق ئەسىرىدە دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ دائىرىسىنىڭ ”يەھۇدىيلاردىن سىرت ئۆزگە خەلقلەرنى ئۆز ئىچىدە ئالىدىغان تەرىقىدە كېڭەيتىلىشى“نى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە مۇشۇ بويىچە ئۆزى ئىشلىتىدۇ (گىلبېرت، 1980، نەقىل قىلغۇچى، دۇفۇيكس، 2011-28). ”ئىجتىمائىي پەنلەر دىئاسپورا قامۇسى“دىن 1968-يىلى چىقىرىپ تاشلانغان ”دىئاسپورا“ماددىسى 2001-يىلى روبىن كوھېننىڭ ئىزاھاتى بىلەن قايتىدىن قامۇسقا كىرگۈزۈلىدۇ (كوھېن، 2001-3642).
قىسقىسى، دىئاسپورا ئۇقۇمىغا مۇناسىۋەتلىك تەرەققىياتلار ئىككى مۇھىم نۇقتا بويىچە داۋاملاشقان بولۇپ، بىرىنچىسى، ئۇقۇمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە تۇنجى مەنىسى پەقەت يەھۇدىيلار بىلەنلا بىۋاستە مۇناسىۋەتلەندۈرۈلگەن بولۇپ، خاس ئىسىمدەكلا ئىشلىتىلگەن. لېكىن تارىخىي مۇساپىدە كۆچ، سۈرگۈنگە ئوخشاش ھادىسىلەرنى باشتىن كەچۈرگەن باشقا خەلقلەرمۇ دىئاسپورا بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق مۇنازىرىلەر كۈچىيىپ، بۇ ئۇقۇمنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلگەن ئاساستا ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. بۇ مۇنازىرىلەر 19-ئەسىردىن كېيىن بەكرەك ئەۋجىگە چىققان. ئافرىقالىقلار ۋە ئەرمەنىلەر بۇ ئۇقۇم دائىرىسىدە ئىزاھلانغان دەسلەپكى مىللەتلەر بولسىمۇ، لېكىن ئۆزگە دىيالاردا ياشاۋاتقان گىرىكلار، ھىندلار، خىتايلار، كۈرتلەر، پەلەستىنلىكلەر ۋە باشقا نۇرغۇن مىللەت دىئاسپورا نۇقتىسىدىن ئانالىز قىلىنىشقا باشلىغان. ئىككىنچىسى، دىئاسپورا ئۇقۇمى ياۋروپا تىللىرىدا 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىغىچە پەقەت ئىلاھىيەت ياكى دىن تەتقىقاتلىرى ساھەسىنىڭ تېمىسى بولغانىدى (دۇفۇيكس، 2011-26).
دىئاسپورا كەلىمىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىگە دائىر تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش بۇ ئۇقۇمنىڭ ھازىرقى مەنىسى ۋە دائىرىسىگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلىرىمىزغا ئاساس بولالايدۇ.
دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ مەنىلىرى
مىڭلارچە يىللىق ئۆتمۈشكە ئىگە بولغان دىئاسپورا ئۇقۇمى تارىخىي سەپىرىنى مەنە ۋە مەزمۇن ئۆزگەرتىش ئارقىلىق داۋاملاشتۇرماقتا. ”بۇ كۆپ مەقسەتلىك ۋە مەنىلىك كەلىمە نۆۋەتتە گېزىت-ژۇرناللارنىڭ،رادىيو-تېلېۋۇزۇرلارنىڭ، مىللىي ۋە دىنى جامائەت ۋەكىللىرىدىن سىرت بۇرۇنقى كۆچمەنلەرنىڭ نەسەبىدىن كەلگەنلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ كەلىمە بايلىقىنىڭ، شۇنداقلا كۆچ مەسىلىسى توغرۇلۇق تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇقۇم ئىسكلاتىنىڭ بىر قىسمى“غا (دۇفۇيكس، 2011-13) ئايلاندى. بۇ دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ مەنىسى ۋە دائىرىسىگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى.
دىئاسپورا كەلىمىسى ئۆزگە مەملىكەتلەردە ئاز سانلىق بولۇش، چەت ئەللىك دەپ قارىلىش، شەھەرنىڭ بۇلۇڭلىرىدا ياشاش، ئاناۋەتىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىش، يۇرت-ماكانسىزلىققا ئوخشاش سەلبىي مەنىلەرنىمۇ بىلدۈرىدۇ. قىسقىسى، بۇ كەلىمە ئوتتۇرىغا چىققاندىن باشلاپ تاھ ھازىرغىچە سەلبىي مەنىلەرنىمۇ بىلدۈرۈپ كەلدى. بۇنداق بولۇشىدا ئاز سانلىق (باشقىلار)بولۇشنىڭ مۇھىم تەسىرى بار.
كوھېن 1996-يىلى يازغان ماقالىسىدە بۇرۇنقى دىئاسپورا تەبىرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ دىئاسپورانىڭ تىراگېدىيەلىك يىلتىزلىرى ۋە سەلبىي تەرەپلىرىنى تەكىتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دىئاسپورا كەلىمىسىدىكى مەجبۇرىي كۆچۈش ۋە ئۆزگە دىيارلارغا تارقىلىشنىڭ دىنى تېكىستلاردا كونا ۋە توغرا يولنى تەرك قىلغان ئىنسانلار ئۈچۈن جازا سۈپىتىدە كۆرۈلىدىغانلىقىنى دەيدۇ (1999، 266).
دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ بۇ سەلبىي مەنىسى دىئاسپورا توپلۇقلىرىغا ئۆزگىلەرنىڭ بەرگەن باھاسى ۋە قارىشىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك. دىئاسپورا بولۇپمۇ غەرب دۇنياسىدا ساھىبخان دۆلەت ۋە ساھىبخان جەمئىيەت تەرىپىدىن مىللىي-ئۇلۇس دۆلەتكە ۋە لىبېرال دېموكراتىك تۈزۈمگە قارشى تەھدىت سۈپىتىدە كۆرۈلمەكتە (كوھېن، 1997). دىئاسپورا توپلۇقلىرى بەزىدە بىرەر زېمىنغا ياكى ماكانغا ئېرىشىش ئۈچۈن ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايدۇ. مەسىلەن، ئۇلار بۇ مەقسىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن زوراۋانلىق ھەتتا تېررورلۇق ۋاستىلىرىنى ئىشقا سالىدۇ. كوھېن ”AP ”گېزىتىدە 1995-يىلى 30-ئىيۇلدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئۈچ ھادىسىنى دىئاسپورا كەلىمىسىنىڭ سەلبى تەرىپىگە مىسال قىلىپ كۆرسىتىدۇ (1997، 193). ۋوللاكوت دىئاسپورا توپلۇقلىرىنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشتىن سىرت، ئۆز ئىچىدە – ساھىبخان دۆلەتكە ياكى ساھىبخان مىللەتكە ھۇجۇم قىلىش پىلانىدا يۈرۈۋاتقان تېررورچىلارنى يوشۇرۇش ياكى قانات ئاستىغا ئېلىشقا ئوخشاش- بىر قاتار ناچار قىلمىشلارنىمۇ سادىر قىلىدىغانلىقلىرىنى دەيدۇ (1995، نەقىل قىلغۇچى كوھېن، 1997).
يۇقىرىدا قەيت قىلىنغىنىدەك، دىئاسپورا كەلىمىسى ھەم تارىخىي تەجرىبىلەر ھەمدە دىئاسپورا جەمئىيەتلىرىنىڭ ساھىبخان دۆلەتلەردىكى ئىش-ھەرىكەتلىرى تۈپەيلى سەلبىي مەنىگە ئىگە بولۇپ قالغان ئۇقۇمدۇر. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇپمۇ بۇ كەلىمە كېيىنكى يىللاردا كۆپ ئىشلىتىلمەكتە. ”غەرب دۇنياسىدا بىر دىئاسپورا توپلۇقىغا تەۋە بولۇش چۈشەنچىسى ئۇياتقا قالىدىغان ناچار ئىش ھېسابلانمايدۇ، ھەتتا ئەكسىچە نۇرغۇنلىرى بۇ چۈشەنچىنى ئارزۇ-تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە كىملىك سىياسەتلىرى ئۈچۈن پۇرسەت دەپ قارىماقتا“ (ئوھلىگېر ۋە مۇنز، 2003-3).
قىسقىسى، دىئاسپورا كەلىمىسىنىڭ ھازىر بۇرۇنقى ئازاب-ئوقۇبەت، تىراگېدىيە، زۇلۇم ۋە جازالاندۇرۇشقا ئوخشاش سەلبىي مەنىسىدىن قۇتۇلغانلىقىنى بايقايمىز (دۇفۇيكس، 2011-103). ئۇنىڭ ئۈستىگە، دىئاسپورا كەلىمىسىنىڭ پايدىلىق بىر تېرمىن بولۇشى ئۈچۈن بۇ كەلىمىنى بىر تەرەپ ھالدا ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك (سىچناپپېر، 1999-225). بىر توپلۇقنى دىئاسپورا ئاتاش ئۈچۈن بۇ توپلۇقنى نە كەمسىتمەسلىك نە ئۇلۇغلىماسلىق كېرەك.
دىئاسپورانىڭ ئەركەك-چىشى مەنىلىرى
دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ ھەر خىل مەنىلىرى كۆزدە تۇتۇلۇپ بۇ ئۇقۇمنى ھەم ئەركەك (masculine) ھەمدە چىشى (feminine)بولۇپ جىنسىي تەرەپتىن ئىزاھلايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە.
دىئاسپورا كەلىمىسىنىڭ ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق تەرىپىنىڭ تولىمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھېلمرېچ (1992-245)، -پاۋۇل گىلروينىڭ دىئاسپورا تەبىرىنى تەنقىد قىلىپ يازغان ماقالىسىدە – كەلىمىنىڭ ئېتىمولوگىيەسىدە ئۇرۇقلارنىڭ چېچىلىشىنىڭ تەكىتلىنىدىغانلىقىنى، يەھۇدىي-خىرىستىيان (ۋە ئىسلام)ئىلاھىيىتىدە ئۇرۇقنىڭ ئەرلەرنىڭ سىپىرمىسىغا ئوخشىتىلىدىغانلىقىنى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ”دىئاسپورا“كەلىمىسىنىڭمۇ ئېتىمولوگىيەلىك جەھەتتە ”سىپىرما“كەلىمىسى بىلەن ئوخشاش يىلتىزدىن كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. قىسقىسى، دىئاسپورا كەلىمىسىنىڭ كىلاسسىك مەنىسىگە قارايدىغان بولساق، دىئاسپورا ئەرلەر ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇلىدىغان ئۇرۇق-تۇغقاندارچىلىق تۈزۈمىگە بەكرەك چېتىلىدۇ ۋە ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق نۇقتىئىينەزىرى ئارقىلىقمۇ ئاتىلىق نۇقتىسىدىن نوپۇز تىكلەيدۇ. گىلروي بولسا ئۇقۇم جەھەتتىن ئەرلەرنىڭ ئۈستۈنلىكى ۋە نوپۇزىنى تەكىتلەشنىڭ مۇبالىغە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ (1999-296).
تەتقىقاتچى ئوران يەھۇدىيلاردا نەسەبنىڭ ئايال ئارقىلىق داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئۇقۇمنىڭ ئەركەك تۈسىنىڭ كېيىن پەيدا بولۇش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلارنىڭ يىلتىز تارتىپ مىۋە بېرىشى نۇقتىسىدىن (ياكى ئاناۋەتەن سىرتىدا بىر زېمىن ياكى ماكانغا تارقالغان ئىنسانلارنىڭ دىئاسپوراغا ئايلىنىشى)، دىئاسپورا ئانا بالياتقۇسى بىلەن تەڭلەشتۈرۈلۈپ، دىئاسپورا ئۇرۇق ئەمەس بالياتقۇ دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭ چىشى تۈسى بەكرەك گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
ئىنسانلار بىلەن ماكانلار ئوتتۇرىسىدا تەبىئەت ئارقىلىق مۇناسىۋەت قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان مالككى (1992، 31)، دىئاسپورانى زېمىنغا يىلتىز تارتقان ئائىلە دەرىخى تەرىقىسىدە ئىزاھلايدۇ. كوھېن (1997) مالككىنىڭ دىئاسپورا توغرۇلۇق بەرگەن بۇ تەكلىپىنىڭ بىتەرەپ بولغانلىقىنى، لېكىن چىشى تۈسىنىڭ قويۇق بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دىئاسپورا ئۇقۇمىغا قارىتىلغان بۇنداق جىنسىيەت مەركەزلىك ئايرىم ۋە بەس-مۇنازىرىلەرنىڭ چەكتىن ئېشىپ كەتمەستىن مەلۇم دائىرىدە بولۇشى لازىملىقىنى دەيدۇ.
ماقالىمىزدىمۇ دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ تارىخى يىلىتىزىدا ھەم ئەركەك ۋە چىشى تۈسىنىڭ تەكىتلىنىدىغانلىقى رەت قىلىنمايدۇ، لېكىن بۇ ئۇقۇمنىڭ باشتىن كەچۈرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە، ئەركەك ۋە چىشى تۈسىنىڭ بارغانچە سۇسلىشىپ ماڭغانلىقى ھەتتا يوق بولۇشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
دىئاسپورانىڭ بوشلۇق تۈسى ياكى خاراكتېرى
دىئاسپورا كەلىمىسىنىڭ بوشلۇق (space)تۈسى، ئارقا كۆرۈنۈشى ياكى خاراكتېرى بۇ ئۇقۇمنىڭ كۈنىمىزدىكى چېتىشلىق دائىرىسنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن مۇھىم نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. دىئاسپورا قەيەردە باشلىنىپ قەيەردە ئاخىرلىشىدۇ؟ دىئاسپورا بىر ئىنسان توپلۇقى- جامائىتىمۇ؟ ياكى بىر جايمۇ؟ بۇ ئۇقۇمنى تېخىمۇ مۇجمەللەشتۈرۈۋېتىدىغان بۇ خىلدىكى سوئاللار ۋە دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ دائىرىسىنىڭ ئېنىقسىزلىقى بۇ ئۇقۇمنىڭ بوشلۇق (يەنى دىئاسپورا چۈشەنچىسىنىڭ ئاساسلىق خاراكتېرى توغرۇلۇق) تۈسى توغرۇلۇق بەس-مۇنازىرىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولماقتا. كوھېن دىئاسپورا كەلىمىسىنى ئارغامچىغا ئوخشىتىپ، بۇ ئارغامچىدىن تەشكىل تاپقان يىپلارنى قايتىدىن توقۇپ چىقىپ ئارغامچا ئۆرۈپ چىقىش لازىملىقىنى تەۋسىيە قىلىدۇ (1997، 187).
دىئاسپورا كەلىمىسىنىڭ ئاساسلىق خاراكتېرىدىكى بۇ ئېنىقسىزلىق، بۇ ئۇقۇمنىڭ ئوخشاش بىر جۈملە ئىچىدىمۇ پەرقلىق مەنىلەردە ئىشلىتىلىشىگە سەۋەب بولماقتا. بۇ ئۇقۇمنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەنىلىرى ۋە مىساللىرى تۆۋەندىكىچە (دۇفۇيكس، 2011-59).
• دىئاسپورانى تەشكىل قىلغان كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى: خىتاي دىئاسپوراسى تەخمىنەن 20 مىليون كىشىدۇر.
• تەشكىللىك توپلۇق-جامائەت: ھىندى دىئاسپوراسىنىڭ ۋەكىللىرى.
• بىر دۆلەتتە ياكى شەھەردىكى ئېتنىك نوپۇس: فىرانسىيەدىكى خىتاي دىئاسپوراسى، لوس ئانجىلىستىكى ئىران دىئاسپوراسى.
• ئالاھىدە بىر كۆچ مەنتىقىسسى: سودا دىئاسپوراسى
• ھەم تارىخىي ھەم ئەخلاقىي ھەم شەخسىي ھەمدە كوللېكتىپ ئەھۋال: دىئاسپورا خەلقى بولۇش ۋە دىئاسپورادا ياشاش.
• تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ ئۆزگە يۇرتلارغا تارقىلىش: دىئاسپورادىكى ئەرمەنىلەر
• چوڭ بىر دىئاسپورانىڭ كىچىك گۇرۇپپىلىرى: يەھۇدىي دىئاسپوراسىدىكى ئاشكەناز دىئاسپورالىرى
دۇفۇيكسنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلغانلىرىغا قوشۇمچە ھالدا، رادھاكرىشنان ”ھىندىستان دىئاسپوراسىنىڭ قابىلىيەتلىك پەرزەنتلىرى“(2007-122) جۈملىسىدە تەكىتلەنگىنىدەك، دىئاسپورا ئۇقۇمى چوڭ بىر ئائىلە مەنىسىنىمۇ بىلدۈرىدۇ.
شېففېر ئېتنىك دىئاسپورا ھادىسىسىنىڭ چاغداش بىر ھادىسە ياكى ئەمەسلىكى توغرۇلۇق سوئالىغا جاۋاب ئىزدەش جەريانىدا ”بوشلۇق ئامىللىرى“نى (spatial factor) نەزەرگە ئالىدۇ (2003-14). قەدىمقى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردە پەيدا بولۇپ مەۋجۇدلۇقىنى ھېلىھەم مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان يەھۇدىي، ئەرمەنى، گىرىك، خىتاي دىئاسپورالىرىنىڭ خاراكتېرلىرى، ئالاھىدىلىكلىرى، ئادەتلىرى ۋە قىلىقلىرى قاتارلىقلار بوشلۇق تۈسى نۇقتىسىدىن ئانالىز قىلىنسا تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا جۇغراپىيەلىك ۋە رايونلۇق ئامىللار تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن، شۇنداقلا ھەر خىل سەۋىيەدىكى (شەھەر، دۆلەت ئىچى، مىللەتتىن ھالقىغان ۋە خەلقئارالىق) ماكان ۋە بوشلۇقلاردا دىئاسپورالارنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى توغرۇلۇق ئاساسلىق تەسىرلەرنى ئېنىقلاپ چىققىلى بولىدۇ.
ماقالىمىزدا دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ بوشلۇق تۈسى ياكى ئالاھىدىلىك نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىنىشىنىڭ ئۇقۇمنىڭ كۈنىمىزدىكى مەنىسى ۋە ۋارىيانلىرىنى چۈشىنىشىمىزدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ. يەنى بۇ ئۇقۇمنىڭ تارىخىي يىلتىزى ۋە پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى قاتارلىقلار ئالدىنقى شەرت ۋە ئۇقۇمنىڭ ئۆزگىرىشگە توسالغۇ بولۇشتىن چىقىپ، كۈنىمىزدىكى مەنىسى قايتىدىن ئىزاھلىنىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، دىئاسپورا كەلىمىسىنىڭ كۈنىمىزدە ئۇقۇم جەھەتتە تولدۇرماقچى بولغان بوشلۇق، ئۆتمۈشتىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ.
دىئاسپورانىڭ ئېتنىك-مىللىي جەھەتتىكى مەنىسى
شېففېر ”چەت ئەللەردە دىئاسپورا سىياسىتى“ناملىق كىتابىدا،ئېتنىك-مىللىي دىئاسپورا ئۇقۇمىنى ئىككى نۇقتىدىن ئىزاھلايدۇ. بىرىنچىسى، شېففېر دىئاسپورا ئۇقۇمىغا مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرىلەرنى مەلۇم بىر ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي توپلۇق نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىدۇ(2003-10). بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەبلەردىن بىرى، دىئاسپورا كەلىمىسىنىڭ ئۇقۇم سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۋاتقان بىر كەلمە بولۇشىدۇر. دىئاسپورا ئۇقۇمى مۇشۇ نۇقتىدىن مۇھاكىمە قىلىنغىنىدا، ئېتنىك-مىللىي دىئاسپورالار بىلەن بۇنىڭغا ئوخشاش توپلۇقلارنى بىر-بىرىدىن تولۇق ئايرىغىلى بولىدۇ. دەرۋەقە، نۇرغۇن ژۇرنالىست، ئانتروپولوگ (ئىنسانشۇناس)، جەمئىيەتشۇناس ۋە سىياسەتچى دىئاسپورا كەلىمىسىنى تېررىتورىيەلىك بولمىغان كىملىكلەر (غەيرى تېررىتورىيەلىك كىملىك) ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە. بۇنداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە شالغۇت كىملىكلەرنىڭ ئانا ۋەتەن ئۇقۇمى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. شېففېر دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ كۈنىمىزدىكى مەنىسىگە دائىر بۇ مۇنازىرىلەرگە قوشۇمچە قىلىپ، دىئاسپورا سىرتىدىكى مىللەتتىن ھالقىغان تۆت ئىجتىمائىي گەۋدىنىڭ دىئاسپورا دەپ ئاتىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مىللەتتىن ھالقىغان تۆت ئىجتىمائىي گەۋدە تۆۋەندىكىچە: دۇنياۋى دىنلار (مۇسۇلمان دىئاسپوراسى)، سىياسىي-ئىدىئولوگىيەلىك گۇرۇپپىلار (پان-ئەرەب گۇرۇپپىلىرى، بەزى ئىجتىمائىي دېموكراتىك پارتىيەلەر)، مىللەتتىن ھالقىغان تىل توپلۇقلىرى (فىرانكوفون دىئاسپوراسى ۋە ئىسپانچە سۆزلىشىدىغانلار)، دۇنياۋى ياشلار كۈلتۈرى قاتارلىقلار ( 2003-73).
شېففېر تەتقىقاتلىرىدا ئەزالىرىنىڭ ئۆزلىرىنى (ئورتاق كىملىكى، ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئوخشاشلىقلىرى بولغان)بىر مىللەتنىڭ مەنسۇبى سۈپىتىدە كۆرىدىغان گۇرۇپپىلارغا مەركەزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋالنىڭ ئېتنىك-مىللىي سۈپىتىنى ئىشلىتىشىنىڭ ئىككىنچى سەۋەبى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ (2003-11). بىر ئاناۋەتەن تەسەۋۋۇرى بولمىغان گۇرۇپپىلار ئۈچۈن دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى مۇۋاپىق كۆرمىگەن بۇ قاراش، دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق. كوھېن دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ ئېتنىك توپلۇقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۇقۇمغا قاراپ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. شۇڭا دىئاسپورا كەلىمىسىگە ”ئېتنىك-مىللىي“دېگەن سۈپەتنى قوشۇشنىڭ ھاجىتى يوق، دىئاسپورانىڭ ئۆزى ئېتنىك-مىللىي دېگەن ئۇقۇمغا قاراپ ئۆزگەرمەكتە. بۇنىڭغا ئاساسەن، دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ ئېتنىك-مىللىي دېگەن كونتېكىسنىڭ سىرتىدا ئىشلىتىلىشى (مۇسۇلمان دىئاسپورا، كوممۇنىستىك دىئاسپورا دېگەنلەر دىنىي ياكى ئىدىئولوگىيەلىك گۇرۇپپىلارنىڭ دىئاسپورا نۇقتىسىدىن ئىپادىلىنىشى)توغرا ئەمەس.
دىئاسپورانىڭ ئالاھىدىلىكلىرى: ھەر ئېتنىك توپلۇق دىئاسپورامۇ؟
مەزكۇر ماقالىدە ئوچۇق ھالدا ”ياق“جاۋابى بېرىلگەن يۇقىرىدىكى سوئالغا مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرىلەر، تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆپ چاغلاردا بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان، لېكىن بەزى نۇقتىلاردا ئوخشىمايدىغان قاراشلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ.
دىئاسپورا تەتقىقاتلىرى ساھەسىدە نوپۇزلۇق شەخسلەردىن بىرى بولغان شۇنداقلا ئەسەرلىرىگە ئەڭ كۆپ مۇراجائەت قىلىنىدىغان تەتقىقاتچى ۋىليام سافران، دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ مەزمۇنىدىن بەكرەك خاراكتېرىگە مەركەزلىشىدۇ. ۋىليام سافران “ زامانىۋى جەمئىيەتتە دىئاسپورا: ئارزۇ قىلىنغان ئانا ۋەتەن ۋە قايتىش“ناملىق ماقالىسىدە، دىئاسپورانىڭ ”نېمە ئىكەنلىكى“ئەمەس، ”قانداق ئىكەنلىكى“ ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، بىر دىئاسپورا توپلۇقىنىڭ ئالتە ئاساسلىق ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلىدۇ. بۇلار تۆۋەندىكىچە:
• ئۆزلىرى ياكى ئەجداتلىرى مەلۇم بىر مەركەزدىن ئىككى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ (ئەتراپقا ياكى يات) رايونغا تارقالىدۇ.
• ئاناۋەتىنى توغرۇلۇق (جۇغراپىيەسى، تارىخى ۋە غەلبىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئورتاق خاتىرىسى، ئارزۇسى ۋە غايىسى بولىدۇ.
• ماكانلاشقان، پاناھلىنىۋاتقان ياكى مېھمان بولىۋاتقان مەملىكەت ياكى جەمئىيەت تەرىپىدىن تولۇق قارشى ئېلىشقا ئېرىشەلمىگەنلىكىگە، ھەتتا قەتئىي قارشى ئېلىشقا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ ۋە بۇ سەۋەبتىن ئۆزلىرىنى قىسمەن بولسىمۇ چەت ئەللىك ۋە چەتكە قېقىلغاندەك ھېس قىلىدۇ.
• تارىخىي ئاناۋەتىنىنى ئۆزلىرىنىڭ ھەققىي ۋە يېگانە ئۆي-ماكانى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدۇ، شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە ئۆزلىرى ياكى كېيىنكى ئەۋلادلار ئاناۋەتىنىگە قايتىدۇ ياكى قايتىشى كېرەك.
• ھەر دائىم ئانا ۋەتىنىنىڭ قوغدىلىشى ياكى قايتىدىن ئىسلاھ قىلىنىشى ۋە ئاناۋەتىنىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىدۇ.
• ئاناۋەتىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، مىللىي ئېڭى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى ئاساسەن مۇشۇ مۇناسىۋەت دائىرىسىدە بولىدۇ.
سافران يۇقىرىقىلارغا قوشۇمچە قىلىپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ”ھېچبېرىدە يەھۇدىي دىئاسپوراسىنىڭ <ھەققىي ئارزۇسى>قاندۇرۇلمىسىمۇ، كۈنىمىزدە ئەرمەنى، مەغرىبى (شىمالىي ئافرىقا)، تۈرك، پەلەستىن، كۇبا، گىرىك ۋە خىتاي دىئاسپورالىرىغا يەنىلا مۇشۇ دائىرىدە مۇئامىلە قىلىشقا بولىدۇ.“ (1999-364).
سافران تەرىپىدىن يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان دىئاسپوراغا مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدىلىكلەر، 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا يەھۇدىي دىئاسپوراسىنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدۇ. لېكىن كۈنىمىزدە ئۆزىنى دىئاسپورا دەپ ئاتايدىغان نۇرغۇن توپلۇقنىڭ (خىتاي، مېكسىكا، ئافرىقا دىئاسپورالىرى)، ھەتتا يەھۇدىي دىئاسپوراسىمۇ بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىر قىسمىغا (ئاناۋەتىنىگە قايتىش چۈشەنچىسى، ساھىبخان دۆلەت تەرىپىدىن قارشى ئېلىنماسلىققا ئىشىنىش قاتارلىقلار)ئىگە ئەمەس. سىدېرى سافراننى تىراگېدىيە، زۇلۇم، ئازاب-ئوقۇبەت، سۈرگۈن ۋە ھىجران ئازابى قاتارلىقلارنىلا ئاساس قىلىش بىلەن تەنقىد قىلىپ، دىئاسپورا ئۇقۇمىنى ئىزاھلاشنىڭ بىزنى دىئاسپورانىڭ نەزىرىيەۋى رامكا سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشنى سىناشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ تارىخىي تەجرىبىلەرنىڭ، مايىللىقلارنىڭ ۋە كۈنتەرتىپتىكى ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ كۆپلىكى سەۋەبىدىن بىھۇدە ئىش بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ (2008-47).
دىئاسپورا تەتقىقاتىدا ھازىرغىچە يېزىلغان ئەسەرلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئالقىشقا ئېرىشكەن ”دۇنياۋى دىئاسپورا: تونۇشتۇرۇش“ ناملىق كىتابنىڭ مۇئەللىپى روبىن كوھېن (1997-4)، سافراننىڭ دىئاسپورا چۈشەنچىسىنىڭ، بولۇپمۇ ئاناۋەتەننى ھەددىدىن زىيادە تەكىتلىشىنىڭ يەھۇدىي دىئاسپوراسىنىڭ ئەنئەنە ۋە تەجرىبىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. كوھېن ھەم يەھۇدىي دىئاسپوراسىنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ھەمدە كۈنسايىن تېخىمۇ كەڭ مەنىدە ئىشلىتىلىۋاتقان دىئاسپورا تېرمىنىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالالايدىغان بىر ئۇقۇم رامكىسى بەرپا قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ تۆۋەندىكى 9 ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلىدۇ.
• ئانايۇرتتىن ئاساسەن تىراگېدىيەلىك بىر شەكىلدە ئايرىلىش
• (ياكى) ئانايۇرتتىن ئىش ئىزدەش، سودا ياكى يۇرت ئىزدەپ ماكانلىشىشقا ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلى ئايرىلىش
• كوللېكتىپ خاتىرە ۋە ئانايۇرتقا مۇناسىۋەتلىك ئەپسانە يارىتىش
• ئارزۇ قىلىنغان ئانايۇرتنى تەسەۋۋۇر دۇنياسىدا غايىۋى ماكانغا ئايلاندۇرۇش
• ئانايۇرتقا قايتىشنىڭ تەييارلىقى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈش
• ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلۇپ كېلىنگەن مىللىي ئاڭ
• ساھىبخان جەمئىيەتلەر بىلەن مەسىلىسى بولۇش
• ئۆزگە مەملىكەتلەردىكى ئىرقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش تۇيغۇسى
• ياخشى مۇئامىلە قىلغان ساھىبخان دۆلەتلەردە تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش قۇرۇش ئېھتىمالى ( 1997-187).
كوھېن تەرىپىدىن بايان قىلىنغان دىئاسپوراغا مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدىلىكلەر بولۇپمۇ ئىككىسى دىئاسپورا توپلۇقلىرىنى كۈنىمىزدىكى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاسان تەھلىل قىلىش ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ئۆلچەملەر ھېسابلىنىدۇ. دىئاسپورا ئۇقۇمىنى ”ئانايۇرتتىن ئاساسەن تىراگېدىيەلىك بىر شەكىلدە ئايرىلىش“دېگەن شەرتنى ئاساس قىلىپ چۈشەندۈرىدىغان قاراشنىڭ ئورنىغا، دىئاسپورا توپلۇقلىرىنىڭ ”ئانايۇرتتىن ئىش ئىزدەش، سودا ياكى يۇرت ئىزدەپ ماكانلىشىشقا ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلى ئايرىلىش“نەتىجىسىدىمۇ شەكىللىنىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىش، 21-ئەسىرنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي، خەلقئارا ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. كوھېن ئوتتۇرىغا قويغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولسا “ ئۆزگە مەملىكەتلەردىكى ئىرقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش تۇيغۇسى“ دۇر. قاتناش، ئۇچۇر-ئالاقىگە ئوخشاش ساھەلەردە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭمۇ تەسىرىدە، دىئاسپورالارنىڭ پەقەت ئاناۋەتىنى بىلەنلا ئەمەس، باشقا مەملىكەتلەردىكى ئىرقداشلىرى بىلەنمۇ ئالاقە ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە بولۇشى قاتارلىقلار دىئاسپورالارنىڭ دۇنياۋى كۈچ بولالىشى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىمدۇر.
كوھېن يۇقىرىقىلارغا قوشۇمچە قىلىپ، دىئاسپورالارنىڭ ”نوقۇل مىللەتچى“بولمايدىغانلىقىنىمۇ قەيت قىلىدۇ (1997-135). دىئاسپورالار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكى بلەن ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ سىياسىي كىملىكى ئوتتۇرىسىدا تۇرىدۇ. بەزى دىئاسپورالار ئىچىدە ئۆز مىللىي دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىشنى ئارزۇ قىلىدىغان مىللەتچى گۇرۇپپىلار بولسىمۇ، بۇلارنىڭ مىللىي ئېڭى قانداقتۇر ئارمىيەسى، ساقچىسى ۋە بايرىقى بولغان ب د ت ئەزاسى بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقالىغۇچىلىك سەۋىيەدە ئەمەس. دىئاسپورالار مىللىي دۆلەت بىلەن ”ساياھەتتىكى كۈلتۈرلەر“ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغان بىر نەرسىدۇر. ماددىي جەھەتتە مەلۇم بىر دۆلەتتە ياشايدۇ لېكىن مەنىۋى جەھەتتە ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتكە خاس زامان ۋە ماكاندىن خالىيدۇر (1997-136).
روگېرس برۇباكېر 2005-يىلى يازغان ”دىئاسپورا“ناملىق ماقالىسىدە دىئاسپورا توغرۇلۇق تۆۋەندىكى ئۈچ ئۆلچەمنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىرىنچىسى، تارقىلىش-چېچىلىش، ئىككىنچىسى، ئانايۇرتقا مايىللىق، ئۈچىنچىسى، پىسخىكىلىق پاسىللارنى قوغداش. برۇباكېرنىڭ دىئاسپوراغا دائىر باشقا قاراشلارغا قارىغاندا يۈزەكى ئىكەنلىكى چىقىپلا تۇرىدۇ.
شېففېر ئېتنىك-مىللىي دىئاسپورالارنى مۇنداق تەرىپلەيدۇ (2003-10).
مەجبۇرىي ياكى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن قىلىنغان كۆچ نەتىجىسىدە شەكىللىنىدۇ.
ئەزالىرى ئوخشاش بىر ئېتنىك-مىللىي يىلتىزدىن كەلگەنلىكلىرىگە ئىشىنىدۇ.
ئاناۋەتەن سىرتىدىكى بىر ياكى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتتە ئاز سانلىق ھالەتتە ياشايدۇ.
ئەزالىرى ھەم ئاناۋەتەن بىلەن ھەمدە باشقا دۆلەتلەردىكى ئىراقداشلىرى بىلەن ئالاقە ئىچىدە بولىدۇ.
ئەزالىرى ھەم دىئاسپورانىڭ باشقا ئەزالىرى بىلەن ھەمدە پۈتكۈل مىللەت بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە بولىدۇ. مەسىلەن، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ساھەلەردە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىدۇ.
باشقا نۇرغۇن پائالىيەتلەردىن سىرت، دىئاسپورا ئەزالىرى دىئاسپورالار، ساھىبخان دۆلەتلەر، ئاناۋەتەن ۋە خەلقئارالىق ئاكتىيورلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتكە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان دۆلەتتىن ھالقىغان (rans-state) ئالاقە تورلىرى قۇرىدۇ.
شېففېرمۇ كوھېنغا ئوخشاش مەجبۇرىي كۆچ تۈرتكىسىدە ئەمەس ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كۆچۈش نەتىجىسىدە دىئاسپورانىڭ شەكىللىنىدىغانلىقىنى دەيدۇ. شۇنداقلا كوھېن ئوتتۇرىغا قويغان «باشقا مەملىكەتلەردىكى ئىرقداشلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق تۇيغۇسى»شەرتىنى، شېففېر يەنىمۇ بىر قەدەم ئىچكىرىلىگەن ھالدا دىئاسپورا ئەزالىرىنىڭ ھەم ئاناۋەتەن بىلەن ھەمدە باشقا مەملىكەتلەردىكى ئىرقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، مەدەنىيەت، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە دىئاسپورالار، ساھىبخان دۆلەتلەر، ئاناۋەتەن ۋە خەلقئارالىق ئاكتىيورلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋتكە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان دەرىجىدىكى دۆلەتتىن ھالقىغان ئالاقە تورلارنى قۇرالايدىغانلىقىنى تەكىتلىشى دىئاسپورا تەتقىقاتىدا تاشلانغان مۇھىم قەدەملەردىن ھېسابلىنىدۇ.
شېففېر (2003-78) دىئاسپورالارنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلايدۇ.
بىر ياكى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتكە مەجبۇرىي ياكى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان كۆچ نەتىجىسىدە شەكىللىنىدۇ.
ئانايۇرتتىن ئايرىلىش سەۋەبلىرى ۋە كۆچمەنلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىمۇ دىئاسپورانىڭ خاراكتېرىنى، تەشكىللىنىشىنى ۋە ساھىبخان دۆلەتتىكى پائالىيەتلىرىنى يەكۈنلەپ چىقىش ئۈچۈن تەخمىن قىلىنغىنىدەك مۇھىم ئورۇندا تۇرمايدۇ. كۆچمەنلەر مەيلى نامرات بولسۇن مەيلى باي بولسۇن بارغان يېرىدە ئوخشاش مەسىلىلەرگە ۋە ئوخشاش زىددىيەتلىك ئەھۋالارغا دۇچ كېلىدۇ.
كۆچمەنلەرنىڭ كۆپ قىسمى كۆچۈپ بارغان جايغا ماكانلىشىش ۋە بىر دىئاسپوراغا قوشۇلۇش ياكى يېڭى بىر دىئاسپورا بەرپا قىلىش قارارىنى ساھىبخان دۆلەتكە كەلگەندىن كېيىن ۋە ساھىبخان دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي شارائىتىغا ئاساسەن چىقىرىدۇ.
ئېتنىك كۆچمەنلەر- ئەبەدىي ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن كەلگەن بولسىمۇ- ساھىبخان دۆلەتتىكى قانۇنىي چەكلىمىلەر، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تۈپەيلى ئىككىنچى (بەزىدە ئۈچىنچى، ھەتتا تۆتىنچى )بىر دۆلەتكىمۇ كۆچۈشى مۇمكىن.
كۆچمەنلەرنىڭ ئېتنىك-مىللىي كىملىكلىرىنى ساھىبخان دۆلەتتە قوغداپ قېلىش ئارزۇسى، ئىمكانىيىتى ۋە قابىلىيىتى دىئاسپورا بەرپا قىلىش نۇقتىسىدىن تولىمۇ مۇھىمدۇر. كۆچمەنلەر ئۆزلىرىگە ياخشى مۇئامىلە قىلغان بىر دۆلەتتىكى جەمئىيەتكە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئاسىمىلاتسىيە بولۇش، قوشۇلۇپ كېتىش ياكى دىئاسپورا بەرپا قىلىش ۋەياكى مەۋجۇت بىر دىئاسپوراغا قوشۇلۇش ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلايدۇ. كۆچۈپ كەلگەن دۆلەتتىكى قانۇنىي ۋە ئىجتىمائىي چەكلىمىلەر تۈپەيلى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ياكى ئانايۇرتىغا قايتىشنى ئويلاشقان كۆچمەنلەر دىئاسپورا بەرپا قىلىش ياكى دىئاسپوراغا قوشۇلۇشنى ئويلاشمايدۇ.
زور مىقداردىكى كۆچمەن گۇرۇپپىلار كەلگەن دۆلەتتە يېڭى دىئاسپورا بەرپا قىلىدۇ،لېكىن ئۇلار مۇستەقىللىققە ئېرىشسە ئېتنىك-مىللىي دىئاسپورا دەپ ئاتالمايدۇ. ئانايۇرتلىرى بىلەن مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاقىسىنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردىمۇ، بۇ توپلۇقلارنىڭ ساداقەتملىك قىلىدىغان، ياخشى كۆرىدىغان بىر دۆلىتى، يېڭى كىملىكى ۋە يېڭى يۇرتلىرى بولىدۇ.
پەرقلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ دىئاسپورا توغرۇلۇق ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىغا ئورۇن ئاجرىتىلغان بۇ بۆلۈمدە، بىر توپلۇقنى دىئاسپورا دەپ ئاتاش ئۈچۈن «زامان»ئامىلىنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ قويۇشنى زۆرۈر تاپتۇق. مارىيېنستراس «دىئاسپورا كەلىمىسى كۈنىمىزدە ساھىبخان جەمئىيەتتە سان جەھەتتىن كۆرىنەرلىك دەرىجىدە كۆپ بولغان بارلىق كۆچمەنلەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلمەكتە. لېكىن بۇ كۆچمەن توپلۇقلىرىنىڭ ھەقىقەتەن دىئاسپورا ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، بىر مەزگىل ئۆتۈشى لازىم» (1999-363).كوھېن مارىيېنستراسنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىنى قۇۋەتلەپ، بىر كۆچمەن توپلۇقىنىڭ باشقا بىر دۆلەتكە كېلىشى بىلەنلا دىئاسپورا بەرپا بولمايدىغانلىقىنى، ئامېرىكادا بۇ خاتالىقنىڭ داۋاملىق سادىر بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. دىئاسپورا ئېڭىنىڭ شەكىللىنىشى ياكى ساقلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن، كەچمىش بىلەن كۈچلۈك رىشتە ياكى بۈگۈن ۋە ئەتىكى ئاسىمىلاتسىيەگە قارشى بەرداشلىق بېرىش كېرەك (كوھېن، 1997-186). بىر توپلۇقنىڭ بىر سالاھىيەت (كۆچمەن)تىن باشقا بىر سالاھىيەتكە (دىئاسپورا)غا ئۆتۈشى توغرىسىدا ئەتراپلىق ئانالىز ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، كۆچمەن توپلۇقلارنى دىئاسپورا توپلۇقىغا ئايلاندۇرۇغان سەۋەبلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش زۆرۈردۇر. شېففېر كونكرېتلاشتۇرۇلغان ۋاقىت ۋە تەبىرلەر (ساھىبخان دۆلەتكە كەلگەن ۋاقىت، پۇقرالىققا ئىتلىماس قىلغان ۋاقىت، پۇقرالىققا ئۆتكەن ۋاقىت، ساھىبخان دۆلەتتە خىزمەت تېپىش ياكى ئۆي سېتىۋېلىش) ، ئىجتىمائىي ۋە پىسخولوگىيەلىك تەتقىقاتلارغا ئاساسەن، دىئاسپورا تەتقىقاتىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرگە جاۋاب ئىزدەشكە تىرىشىدۇ.
دىئاسپورا جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى نېمە ئۈچۈن كىملىكلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بۇ كىملىك بىلەن ئاتىلىشنى، بىر دىئاسپورا ئەتراپىدا تەشكىللىنىشنى، ھەرىكەت قىلىشنى، ھەم ئانايۇرتى ھەمدە باشقا مەملىكەتلەردىكى ئىرقداشلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى قوغداپ قېلىشنى خالايدۇ؟ جاۋابى جۇغراپىيە، ئانايۇرت، ساھىبخان دۆلەت، ئېتنىك كىملىككە ئوخشاش ھادىسىلەرگە ئاساسەن پەرقلىق بولىدىغان بۇ سوئالنىڭ، مەلۇم بىر دىئاسپورا جەمئىيىتىنى، شۇنداقلا دىئاسپورا ئۇقۇمىنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن ئەھمىيىتى زوردۇر.
دىئاسپورانىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئارىلىقتىن مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئورتاق ئاڭنىڭ داۋاملىشىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلاردا، دىئاسپورا توپلۇقلىرىدىكى ياش ۋە ياشانغانلار ئوتتۇرىسىدا ئالاقە جەھەتتە كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەرنىڭمۇ نەزەرگە ئېلىنىشى تەكىتلىنىدۇ. ئانايۇرتتا تۇغۇلغان ۋە ساھىبخان دۆلەتكە كۆچكەن بىرىنچى ئەۋلاد بىلەن ساھىبخان دۆلەتتە تۇغۇلغان ئىككىنچى ئەۋلادنىڭ دۇنيا قاراشلىرى بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولۇشى تەبىئىي بىر ئەھۋال. شۇڭا بۇ ئىككى ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقەنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ۋە دىئاسپورا ئېڭىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن، بۇ ئىككى ئەۋلاد چوقۇم ئۆزىنى يەنە بىر ئەۋلادنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، چوڭلار ياشلارنى توغرا چۈشىنىشى، ياشلارمۇ چوڭلارنى توغرا چۈشىنىشكە تىرىشىشى لازىم، ھەر ئىككىلى تەرەپ مەسىلىلەرنى ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشى نۇقتىسىدىنلا كۆزەتمەسلىكى، قارشى تەرەپنىڭ دۇنيا قارىشى، ئىش-ھەرىكەتلىرى، مايىللىقلىرى، پوزىتسىيەسى قاتارلىقلارغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشىماسلىقلارنى قانداقتۇر ئىختىلاپ مەنبەسى سۈپىتىدە ئەمەس، بايلىق سۈپىتىدە چۈشىنىش مۇھىم. لوۋ (2007-132) بىرىنچى ئەۋلاد بىلەن ئىككىنچى ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدا چوقۇم پەرقلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كۈلتۈرنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ۋە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئۆزگەرمەس ھادىسە سۈپىتىدە كۆرۈشنىڭ ئورنىغا، بىر جەمئىيەتتىن باشقىسىغا –ئىرق، جىنسىيەت ۋە مىللىيەت پاسىللىرىدىنمۇ ھالقىپ- تۈز ھالەتتە ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ھەرىكەتچان ۋە ئاكتىپ ھادىسە سۈپىتىدە كۆرۈشنىڭ تېخىمۇ مەنتىلىق بولىدىغانلىقىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دىئاسپوراغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلاردا كۈنىمىزدە ئاناۋەتەن سىرتىدا ياشايدىغان ھەممە ئادەم ئۈچۈن (كۆچمەن، مۇساپىر،ئىشچى، كارخانچى، ئوقۇغۇچى)دىئاسپورا ئۇقۇمى ئىشلىتىلمەكتە، دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ بۇنچىلىك كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىشى بۇ ئۇقۇمىنىڭ مەنىسىنىڭ ئېنىقسىز ۋە مەۋھۇم ھالەتكە كېلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولماقتا. دىئاسپورا ئۇقۇمنىڭ بۇ ھالغا كېلىپ قېلىشى تەبىئىي ھالدا دىئاسپورا تەتقىقاتلىرىنىڭ ئوبيېكتىپلىقىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. شۇڭا دىئاسپورا تەتقىقاتلىرىدا كۆرۈلگەن بۇ خاتالىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن مۇنۇ سوئالغا جاۋاب ئىزدەلمەكتە: «ئانايۇرت سىرتىدا ياشايدىغان ھەممە ئادەم (بىر ئېتنىك توپلۇق) تەبىئىي ھالدا دىئاسپورا بولامدۇ؟» (رېيىس، 2004-42). دىئاسپورانىڭ ئالاھدىلىكلىرىنى بېكىتىپ چىقىش مەقسىتىدە يۇقىرىدا مۇھاكىمە قىلىنغان تەتقىقاتلاردىمۇ كۆرۈلگىنىدەك، بۇ سوئالغا بېرىلگەن جاۋاپ «ياق»تۇر. يەنى ئانايۇرت سىرتىدا ياشايدىغان ھەممە ئادەم تەبىئىي ھالدا دىئاسپورا بولمايدۇ. لېكىن بۇ تەتقىقاتلاردا كىملەرگە قاچان ۋە قانداق شارائىتلاردا دىئاسپورا دېيىلىدىغانلىقىمۇ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان. دىئاسپورا ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكى ۋە قايسى گۇرۇپپىلارنىڭ دىئاسپورا دېيىلىدىغانلىقىغا ئوخشاش مەسىلىلەردە ھازىرغىچە ئېنىق ۋە ئورتاق قاراش شەكىللەنمىدى. لېكىن، دىئاسپورا تەتقىقاتلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان«دىئاسپورانىڭ شەكىللىنىشىگە مەجبۇرىي كۆچنىڭ ئەمەس تىجارەت، مائارىپ، تۇرمۇش قۇرۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەن ئىختىيارى كۆچنىڭمۇ سەۋەب بولىدىغانلىقى» ۋە «دىئاسپورالارنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى ئىرقداشلىرى بىلەنمۇ ئالاقە ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە بولۇشى كېرەكلىكى»قاتارلىق قاراشلار، ھېچ بولمىغاندا دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ تەرەققىياتىغا مەلۇم دەرىجىدە پايدىلىقتۇر.
دىئاسپورا ئۇقۇمىنى تۈرگە ئايرىشتىكى قىيىنچىلىقلار
دىئاسپورانىڭ تەبىرى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى توغرۇلۇق يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مۇنازىرىلەر، بۇ ئۇقۇمنى تۈرگە ئايرىش مەسىلىسىدىمۇ كۆرۈلمەكتە.
ئامستروڭ 1976-يىلى ئېلان قىلدۇرغان «كۆچمەن ۋە پرولېتارىيات دىئاسپوراسى»ناملىق ماقالىسىدە، دىئاسپورانى (1976-393) كۆچمەن دىئاسپورالار ۋە پرولېتارىيات دىئاسپورالىرى دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىيدۇ. پرولېتارىيات دىئاسپورالىرى مودېرن ھاكىمىيەتلىرىنىڭ تەلەيسىزلىكى بولسا، كۆچمەن دىئاسپورالار سالاھىيەت جەھەتتىكى يەرلىكلەرگە قارىغاندا تۆۋەن ئورۇندا تۇرسىمۇ، لېكىن باشقا گۇرۇپپىلارغا سېلىشتۇرغاندا جىسمانىي ۋە كۈلتۈر جەھەتتە نىسبەتەن ئەۋزەللىككە ئىگىدۇر (ئارمستروڭ، 1976-393).
شېففېر 1986-يىلى ئېلان قىلدۇرغان «يېڭى تەتقىقات ساھەسى: خەلقئارا سىياسەتتە مودېرن دىئاسپورالار»ناملىق ماقالىسىدە، دىئاسپورالارنى پەرقلىق نۇقتىدىن تۈرگە ئايرىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ (1986-15). ئۇ دىئاسپورالارنى تارىخىي دىئاسپورالار ۋە مودېرن دىئاسپورالار دەپ ئىككىگە ئايرىيدۇ. يەھۇدىي، ئەرمەنى ۋە گىرىك دىئاسپورالىرىغا ئوخشاش تارىخىي دىئاسپورالاردىن باشقا، كۈنىمىزدە يېڭى ھادىسە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان مودېرن دىئاسپورالار ئاناۋەتەن سىرتىدا باشقا بىر ساھىبخان دۆلەتتە ياشايدىغان، لېكىن ئاناۋەتىنى بىلەن بولغان مەنىۋى ۋە ماددىي مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان كۆچمەن ئەسىللىك ئېتنىك ئاز سانلىق گۇرۇپپىلاردۇر. مودېرن دىئاسپورالار ياۋروپاغا، شىمالىي ئامېرىكاغا ۋە بەسرە قولتۇقى دۆلەتلىرىگە ئېلىپ بېرىلغان كۆچ نەتىجىسىدە شەكىللەنمەكتە (شېففېر، 1986-15). شېففېرنىڭ دىئاسپورانى بۇ نۇقتىدىن تۈرگە ئايرىشى دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ كۈنىمىزدىكى مەنىسىنى چۈشىنىش نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تارىخىي دىئاسپورا ۋە مودېرن دىئاسپورا ئايرىمى بۇ ئۇقۇمنىڭ نەزىرىيەۋى رامكىسىنى بېكىتىپ چىقىشنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرىدۇ.
روبىن كوھېن دىئاسپورالارنى 5 تۈرگە ئايرىيدۇ.
مەزلۇم دىئاسپورالار (Victim diasporas ): يەھۇدىيلار، پەلەستىنلىكلەر، ئىرلاندىيەلىكلەر، ئافرىقالىقلار ۋە ئەرمەنىلەر.
ئىشچى دىئاسپورالار (Labour diasporas): ھىندىستانلىقلار، ئىتالىيەلىكلەر، تۈركلەر
جاھانگىر دىئاسپورالار (Imperial diasporas): ئىسپانىيەلىكلەر، پورتاگىيەلىكلەر، گوللاندىيەلىكلەر، نېمىسلار، فىرانسۇزلار، ئىنگىلىزلەر.
تىجارەت دىئاسپورالىرى (Trade diasporas): خىتايلار، لىۋانلىقلار.
كۈلتۈر دىئاسپورالىرى (Cultural diasporas): كارايىپلىكلەر.
كوھېن (1997) بۇ قاراشنىڭ دىئاسپورانىڭ ئېنىق دائىرىسىنى بېكىتىشتە يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دىئاسپورا گۇرۇپپىلىرىنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇ يەھۇدىيلارنى ھەم مەزلۇم دىئاسپورا ھەم ئىشچى دىئاسپورا ھەم تىجارەتچى دىئاسپورا ھەمدە مەدەنىيەت دىئاسپوراسى دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. كوھېننىڭ بۇ قارىشى دىئاسپورا تەتقىقاتلىرىغا مەلۇم دەرىجىدە پايدىسى بولسىمۇ، بىر دىئاسپورا گۇرۇپپىسىنى (يەھۇدىي دىئاسپوراسى)ئايرىم تۆت تۈرگە نۇقتىسىدىن توغرا ئەمەس. چۈنكى بۇ قاراش دىئاسپورانى تۈرگە ئايرىش مەنتىقىسىگە زىت بولۇپ، تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزىگە خاس چىقىش نۇقتىسى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قاراش ھەم تارىخىي ھەمدە يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىڭ دىئاسپورا ھادىسىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ.
شېففېر (2003-23) دىئاسپورالارنى ئاناۋەتىنىنىڭ سىياسىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، دۆلىتى بولغان دىئاسپورا (state-linked)ۋە دۆلىتى يوق دىئاسپورا (stateless) دەپ ئىككىگە ئايرىدۇ. شېففېر دۆلىتى يوق دىئاسپورالارنىڭ يا ئاناۋىتىنىنىڭ نا ئېنىق ئىكەنلىكى ياكى ئاناۋەتىنىنىڭ باشقا بىر مىللەت ياكى دۆلەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغانلىقىنى دەيدۇ. شېففېرنىڭ دىئاسپورانى بۇ خىل تۈرگە ئايرىشى دىئاسپورا ھادىسىسىنىڭ ئومۇمىي دائىرىسىنى بېكىتىش ئۈچۈن يېتەرلىك بولمىسىمۇ، دىئاسپورا مۇناسىۋەتلىرى نۇقتىسىدىن مۇھىمدۇر.
دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ مەزمۇنى ۋە مەنىسىنىڭ ھەر قايسى دەۋرلەردە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسەن بېيىپ ماڭىدىغانلىقىنى ئېيتقان مېشېل رېيس، «دىئاسپورانى نەزىرىيەلەشتۈرۈش: كىلاسسىك ياكى مودېرن دىئاسپورا»ناملىق ماقالىسىدە (2004)، دىئاسپورالارنى ئۈچ دەۋردە ئانالىز قىلىدۇ: كىلاسسىك دەۋر (تارىخىي دىئاسپورالار: گىرىك دىئاسپوراسى، يەھۇدىي دىئاسپوراسى)، مودېرن دەۋر (1500-1945)، چاغداش دەۋر (1945-يىلدىن كېيىن).
رېيىس كىلاسسىك دەۋرنىڭ قەدىمقى چاغ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى چاغلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ۋە بۇ دەۋرگە يەھۇدىي دىئاسپوراسى ۋە بۇ دەۋردە شەكىللىنىشكە باشلىغان ئەرمەنى دىئاسپوراسىنى مىسال كۆرسىتىدۇ.
مودېرن دەۋرنى 1500-1814 يىللار ئارىلىقى ( بۇ مەزگىلدە ياۋروپا بازىرى كېڭەيگەن ئىدى)، 1815-1914 يىللار ئارىلىقى (سانائەت ئىنقىلابى دەۋرى)، ئىككى دۇنيا ئۇرۇشى ئارىلىقى (1914-1945) دەپ ئۈچ دەۋرگە ئايرىيدۇ. بۇ دەۋردە مەيدانغا كەلگەن سىياسىي ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلى ئۆزگەرگەن جۇغراپىيەلىك ۋە سىياسىي چېگرالار، بولۇپمۇ قۇللۇق ۋە مۇستەملىكە جەريانلىرى، دىئاسپورا ھادىسىسىگە كىلاسسىك دەۋرگە قارىغاندا پەرقلىق جەھەتلەردە تەسىر كۆرسەتتى. رېيس كىلاسسىك دەۋر ۋە مودېرن دەۋرنى سېلىشتۇرغانلىقى ئۈچۈن مودېرن دەۋرنى يېتەرلىك ئانالىز قىلالمىغانلىقىنى دەيدۇ (2004-42).
رېيس ماقالىسىدە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن باشلىنىپ كۈنىمىزگىچە داۋاملاشقان چاغداش دىئاسپورا ھادىسىسىنى ئامېرىكادىكى ئىسپانىيەلىكلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئانالىز قىلىدۇ.
رېيىس دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ مەزمۇنىنى ۋە دىئاسپورا توپلۇقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى، تارىخىي مۇساپە ۋە خەلقئارادا مەيدانغا كەلگەن سىياسىي ئۆزگىرىشلەر بىلەن بىرلىكتە ئانالىز قىلىدۇ. دىئاسپورا ئۇقۇمى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ تارىخىي دەۋەردە بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى ، شۇنداقلا دۇنيا مىقىياسىدا مەيدانغا كەلگەن سانائەت ئىنقىلابى، يەر شارىلىشىش، دۇنيا ئۇرۇشلىرىغا ئوخشاش غايەت زور ئۆزگىرىشلەر دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ مەزمۇنىغا ۋە مەنىسىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى، بىز دىئاسپورا ئۇقۇمىنى مۇھاكىمە قىلغاندا بۇ ئۆزگىرىشلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەك.
دىئاسپورانىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان ئەھمىيىتى: ئىقتىساد ۋە سىياسەت
كوللېكتىپ كۆچ ھەرىكەتلىرى، مۇستەملىكىزم، سانائەتلىشىش، مىللىي-ئۇلۇس دۆلەتنىڭ ئاپىرىدە بولۇشى ۋە كاپىتالىستىك دۇنيا بازىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئوخشاش بولۇپمۇ كېيىنكى بەش ئەسىرىن بۇيان مەيدانغا كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر دىئاسپورالارنىڭ شەكىللىنىشى ياكى تەرەققىياتى نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە (كاستلېس ۋە مىللېر، 1998-283). رېيىس سىياسىي توقۇنۇشلار، ئىقتىسادىي مۇقىمسىزلىقلار ۋە يەر شارىلىشىش قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ دىئاسپورانىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بولۇپمۇ لاتىن ئامېرىكا دىئاسپوراسىنىڭ ئامېرىكاغا نىسبەتەن تولىمۇ قىممەتلىك ھالغا كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ (2004-42). ئۇنىڭ ئۈستىگە، نۇرغۇن دىئاسپورا توپلۇقى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىن پەقەت بىخەتەرلىك ۋە ياخشى تۇرمۇش شارائىتلىرى تەلەپ قىلىش بىلەنلا چەكلەنمەيۋاتىدۇ. ئۇلار ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىن ئاناۋىتىنى ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئىراقداشلىرى بىلەن ئىزچىل ئالاقە ئىچىدە بولۇش ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق، مىللىي-ئۇلۇس دۆلەتلەردىن ۋاستە سۈپىتىدە پايدىلىنىش كويىدا يۈرمەكتە (1997-195). خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تۈزۈمىدە مىللىي-ئۇلۇس دۆلەتنىڭ رولى ۋە كۈچى، مۇھىم ئانالىز تېمىسى بولۇشقا باشلىغان دىئاسپوراغا ئوخشاش توپلۇقلارغا پايدىلىق بولماقتا. خەلقئارا تۈزۈمدە ئاممىۋى تەشكىلاتقا ئوخشاش ئاكتىيورلارنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، دىئاسپورا ھادىسىسىنىڭ ئەھمىيىتىمۇ ئاشماقتا. ياۋروپادىكى دىئاسپورا تەتقىقاتلىرى دىئاسپورالارنىڭ دۆلەتتىن ھالقىغان ئاكتىيورلار ھالىتىگە كەلگەنلىكىنى ۋەخەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە مەلۇم دەرىجىدە ھەسسە قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە (رېيىس، 2004-42).
دىئاسپورا-سىياسەت مۇناسىۋىتى
دىئاسپورا ۋە سىياسەت مۇناسىۋىتى ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئۆزگىچە مۇناسىۋەتتۇر. يەھۇدىي دىئاسپوراسىدا بولغىنىدەك، ئىنسانلارنىڭ كۆچكە مەجبۇرلىنىشىغا ئوخشاش دىئاسپورالارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولغان تارىخىي ھادىسىلەر، كېيىنكى تارىخىي مۇساپىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشىلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن.
ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان دىئاسپورا ۋە سىياسەت مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن، تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
مىللىي-ئۇلۇس دۆلەت تەرىپىدىن ئۇ دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولمىغان لېكىن ئۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان توپلۇقلارنىڭ باشقۇرۇلۇشى (كۆچ سىياسىتى).
سىياسىي ۋە لوبىچىلىق جەھەتلەردە كۈچلۈك بولغان دىئاسپورا توپلۇقلىرىنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ دۆلەت ۋە خەلقئارا سىياسەتلىرىدىكى تەسىرى (ئېتنىك لوبىچىلىق).
دىئاسپورالارنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشلەرگە، نەزىرىيەرلەرگە ۋە قارارلارغا تۆھپىلىرى ۋە نارازىلىقلىرىنىڭ نەزەرگە ئېلىنىشى (كۆپ مەدەنىيەتلىك گىراژدانلىققا ئوخشاش) (لىيونس ۋە مەنداۋىللې، 2010-91).
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ قاراشقا قوشۇمچە ھالدا كۈنىمىزدە يەنە بىر قاراش ئوتتۇرىغا چىقتى. دىئاسپورالار يەر شارىلىشىشىنىڭ –بولۇپمۇ قاتناش ۋە ئۇچۇر-ئالاقىگە ئوخشاش ساھەلەردىكى-تەسىرلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ مەقسەت ۋە مەنپەئەتلىرىنى چىقىش قىلغان ھالدا پايدىلانماقتا. دىئاسپورالارنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى لوبىچىلىق پائالىيەتلىرىگىلا ئەمەس ئاناۋىتىنىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىشىشى قېرىنداش دۆلەتلەرنى سىرتتا ياشاۋاتقان پۇقرالىرىغا ئەھمىيەت بېرىشكە ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا مەجبۇرلىماقتا (لىيونس ۋە مەنداۋىللې، 2010-91).
دىئاسپورا-ئىقتىساد مۇناسىۋىتى
دىئاسپورالارنىڭ ئىجتىمائىي نۇقتىدىن كۈنسايىن ئېشىۋاتقان ئەھمىيىتىگە پاراللېل ھالدا مۇھاكىمە قىلىنىشى زۆرۈر بولغان يەنە بىر تېما بولسا ھازىرغىچە يېتەرلىك دەرىجىدە تەتقىق قىلىنمىغان دىئاسپورا ۋە ئىقتىساد مۇناسىۋىتىدۇر.
دىۋيېر (2010-90) مۇرەككەپ، كۆپ قىرلىق ۋە خىلمۇ-خىل دىئاسپورالار بىلەن ئىقتىساد ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت دائىرىسىدە، ھارلېم كوچىلىرىدا يايمىكەشىلىك قىلىدىغان نىگېرىيەلىكلەردىن خوڭ كوڭدىن ۋانكوۋېرغىچە بولغان كەڭ كەتكەن جايلاردا كەڭ ئىشلىتىلىدىغان ئۇقۇمغا ئايلانغان ”مىليونېر كۆچمەن“ھادىسىسىنىڭمۇ نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
خەلقئارا كۆچ تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2008-يىلى 444 مىليارد دوللار، 2009-يىلى 420 مىليارد دوللار كۆچمەنلەر تەرىپىدىن ئاناۋەتەنلىرىگە ئەۋەتىلگەن. لېۋىت دىئاسپورالارنىڭ ئاناۋەتەنلىرىگە قوشقان تۆھپىلىرىنىڭ نوقۇل پۇل بىلەن ئۆلچەنمەسلىكى كېرەكلىكىنى، ”ئىجتىمائىي سەرمايە-كاپىتال“ (social remittances)ئۇقۇمى نۇقتىسىدىن ئاناۋەتەنگە ئەۋەتىلگەن ئىدىيە، پىكىر، قىممەت-قاراشلىرى قاتارلىق مەنىۋى نەرسىلەرنىڭمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
دىئاسپورالارنىڭ ھەم ساھىبخان دۆلەتتە ھەمدە ئاناۋەتەنلىرىگە سالغان مەبلەغلىرى، تىكلىگەن ئىگىلىكلىرى ۋە ياراتقان تېخنولوگىيەلىك تەرەققىياتلار نوقۇل مىللىي-ئۇلۇس دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغىلا ئەمەس دۇنيا ئىقتىسادىغىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە.
خۇلاسە
دىئاسپورا كەلىمىسى مىڭلارچە يىل ئىلگىرى باشلىغان سەپىرىنى كۈنىمىزدىمۇ داۋاملاشتۇرماقتا، ھەتتا كېلەچەكتىمۇ داۋاملاشتۇرىدىغاندەك قىلىدۇ. بۇ ئۇزۇن سەپەر ئەسناسىدا ئۇقۇمنىڭ مەنىسى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن مەلۇم ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى بارغانچە كېڭىيىپ ماڭدى شۇنداقلا خالىغانچە ئىشلىتىلىدىغان ئەھۋال شەكىللەندى.
بۇ دائىرىدە دىئاسپورانىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىدىن ئانالىز قىلىش مۇۋاپىق بولىدۇ.
1- دىئاسپورا كەلىمىسى نۇقتىسىدىن
2- دىئاسپورا توپلۇقى نۇقتىسىدىن
3- ساھىبخان دۆلەت نۇقتىسىدىن
4- قېرىنداش دۆلەت نۇقتىسىدىن
1- دىئاسپورا كەلىمىسىنىڭ ئېتنىك-مىللىي مەنىسى بەكرەك قويۇپ بولۇپ، بۇ كەلىمىنىڭ ئالدىغا ياكى كەينىگە قوشۇمچە قوشۇپ ئىشلىتىشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق بولغىنىغا ئوخشاش، دىنى ياكى ئىدىئولوگىيەلىك گۇرۇپپىلارنى قارا قويۇق دىئاسپورا دەپ ئاتاش توغرا بولمايدۇ.
2- دىئاسپورانىڭ ئاسان ۋە كۆپ ئىشلىتىلىشى بۇ كەلىمىنىڭ كۆپ قىرلىق مەنىلىرىگە باغلىقتۇر. دىئاسپورا كەلىمىسىنىڭ سەلبىي مەنىسى، شۇنداقلا چىشى ۋە ئەركەك دەپ جىنسىي نۇقتىدىن ئايرىشمۇ ئاساسەن تۈگىدۇ. بۇ ئەھۋال دىئاسپورا كەلىمىسىنىڭ كۈندىلىك ئىستېمالدىكى ئىشلىتىلىشى ۋە كېلەچىكى نۇقتىسىدىن پايدىلىقتۇر.
3- دىئاسپورا كەلىمىسىنىڭ كۈنىمىزدىكى مەنىسىنى قايتىدىن بېكىتىپ چىقىش ئۈچۈن، ئۇقۇمنى تارىخىي دەۋەرلەر نۇقتىسىدىن تۈرگە ئايرىش زۆرۈر. دىئاسپورانىڭ تارىخىي دىئاسپورا، مودېرن دىئاسپورا ۋە چاغداش دىئاسپورا دەپ ئۈچكە ئايرىلىشى، شۇنداقلا بۇلارنىڭ ئايرىم ئايرىم ئىزاھلىنىشى دىئاسپورا تەتقىقاتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىمدۇر. ئوخشىمىغان دەۋرلەردە شەكىللەنگەن دىئاسپورا جەمئىيەتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، ئىدىيەلىرى، دۇنيا قاراشلىرى، ئاناۋەتەنلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى، ياشىغان مەملىكەتلەردىكى ئورنى ۋە سالاھىيىتى، ساھىبخان دۆلەتتىكى خەلقلەرنىڭ ئۇلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسى، باشقا ئىرقداش توپلۇقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى بىر-بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. دىئاسپورا ئۇقۇمى بۇ تەرىقىدە تۈرگە ئايرىش ئەمەلىيەتتەبۇ ئۇقۇمنىڭ نەزىرىيەۋى رامكىسىنى بەلگىلەپ چىقىش ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. ئاناۋەتەنلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈشنىڭ ئورنىغا ئائىلە، سودا ۋە مائارىپقا ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلىنغان كۆچنىڭمۇ چاغداش دىئاسپورانىڭ شەكىللىنىشى نۇقتىسىدىن مۇھىم ئۆلچەم سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشى بۇنىڭغا مىسال بولايدۇ.
4- دىئاسپورا جەمئىيەتلىرىنىڭ خەلقئارا تۈزۈمدە كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان تەسىرلىرىگە پاراللېل ھالدا دىئاسپورا ئۇقۇمنىڭمۇ –ئازسانلىق ئۇقۇمىدا بولغىنىدەك-قانۇنىي مۇنازىرىلەرنىڭ، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي قائىدە-پىرىنسىپلارنىڭ ۋە ئاكادېمىك مۇنازىرىلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ئوبيېكتىغا ئايلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
دىئاسپورا جەمئىيىتى-ئەزالىرى نۇقتىسىدىن: 1-دىئاسپورا ئەزالىرىنىڭ ساھىبخان دۆلەتنىڭ پۇقرالىقىنى ئېلىشى تولىمۇ مۇھىمدۇر. چەت ئەللىك ۋە پۇقرالىق ئۇقۇملىرىغا دائىر قانۇنىي بەلگىمىلەر بۇ نۇقتىدىن تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، ھەق-ھوقۇقلارنىڭ گىراژدانلارغىلا ئەمەس ھەممە ئادەمگە بېرىلىشى بۇ ئەھمىيەتنى سۇسلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەر شارىلىشىشنىڭ تەسىرى بىلەنمۇ دىئاسپورالارنىڭ نۇرغۇن پەرقلىق دۆلەتلەردە ياشاشقا باشلىشى، خەلقئارالىق شەھەرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، مىللىي-ئۇلۇس دۆلەتلەرنىڭ ئاجىزلىشىشى قاتارلىق ھادىسىلەر گىراژدانلىق ئۇقۇمىنىڭ ئەھمىيىتىنى سۇسلاشتۇرۇۋەتكەن ئاساسلىق سەۋەبلەردىن ھېسابلىنىدۇ. قوش پۇقرالىق، كۆپ پۇقرالىققا ئوخشاش قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگىمۇ بۇ نۇقتىدىن قاراش كېرەك.
2- دىئاسپورا تەتقىقاتلىرىدا دىئاسپورانىڭ قېرىنداش دۆلەت بىلەنلا ئەمەس باشقا دۆلەتلەردىكى ئىرقداشلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىلمەكتە. چاغداش دىئاسپورا مۇنازىرىلىرىدە ئۇچۇر-ئالاقە، قاتناش ۋە باشقا ساھەلەردە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر دائىرىسىدە بىر توپلۇقنىڭ دىئاسپورا بولۇشى ئۈچۈن باشقا ئىرقداش دىئاسپورالار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تولىمۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئامېرىكادىكى لىتۋانىيەلىكلەرنىڭ دىئاسپورا جەمئىيىتى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن، نوقۇل لىتۋانىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىشىشى يېتەرلىك ئەمەس. ئامېرىكادىكى لىتۋانىىيەلىكلەرنىڭ رۇسىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيەدىكى لىتۋانىيەلىكلەر بىلەنمۇ (ئاساسەن ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋاستىسى ئارقىلىق)كوللېكتىپ مۇناسىۋەت ئىچىدە بولۇشى پات يېقىندا دىئاسپورا دەپ ئاتىلىشى ئۈچۈن زۆرۈرىيەت ھالىتىگە كېلىدۇ.
3- دىئاسپورالار خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە ئىقتىسادنىڭ مۇھىم ئاكتىيورلىرىدىن بىرىگە ئايلانماقتا. يەر شارىلىشىش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن ئەھۋاللار دىئاسپورا ئەزالىرىغا مۇھىم پۇرسەتلىرىنى يارىتىپ بەرمەكتە. دىئاسپورا ئەزالىرىنىڭ پەرقلىق جەمئىيەتلەر، كۈلتۈرلەر ۋە تىللارنى پىششىق بىلىشى،تەجرىبىلىرى، خەلقئارادىكى مۇناسىۋەت تورلىرى ۋە ھەرىكەت قابىلىيەتلىرى قاتارلىقلار دىئاسپورا جەمئىيەتلىرى ۋە ئەزالىرىنى خەلقئارادا مۇھىم ئاكتىيور دەرىجىسىگە كۆتۈرمەكتە.
ساھىبخان دۆلەت نۇقتىسىدىن: 1- كۈنىمىزدە ساھىبخان دۆلەت چېگراسى ئىچىدە ياشاۋاتقان دىئاسپورا توپلۇقلىرىغا خالىغانچە ئاسمىلىياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزەلمەيدۇ، بۇ ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر، كۈلتۈر ۋە كىملىككە ئوخشاش ساھەلەردىكى پائالىيەتلەر، شۇنداقلا مىللىي-ئۇلۇس دۆلەتنىڭ بارغانچە ئاجىزلىشىشى قاتارلىقلار ساھىبخان دۆلەتلەرنى دىئاسپورالارنى ئاسسىمىلياتسىيە ياكى يەرلىك مىللەتلەرگە پۈتۈنلەي سىڭدۈرۈۋېتىشكە مەجبۇرلاش ئەمەس، بۇلارنى دىئاسپورالارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىغا قويۇش بېرىشكىچە ئېلىپ كەلدى. 2-دىئاسپورالارنى يەرلىكلەرگە سىڭدۈرۈش ۋە جەمئىيەتكە ماسلاشتۇرۇش سىياسىتى، ساھىبخان دۆلەت بىلەن دىئاسپورا ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك مۇناسىۋەت شەكىللىنىشىدە زور رول ئوينايدۇ. بۇ ئەھۋال ساھىبخان دۆلەتكە تولىمۇ پايدىلىق. دىئاسپورا جەمئىيەتلىرىنىڭ خەلقئارادىكى نوپۇزى ۋە دىئاسپورا ئەزالىرىنىڭ مەدەنىيەت-ساپاسى قاتارلىقلار ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ساھىبخان دۆلەتكە نىسبەتەن پايدىلىق ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. 3-كۈنىمىزدە ساھىبخان دۆلەتلەر دىئاسپورالارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا مەجبۇردۇر. چۈنكى دىئاسپورالارنىڭ كىملىكلىرىنى قوغداش قېلىش ئۈچۈن تەشكىللىك ھالدا پائالىيەت قىلىشى ۋە ئاناۋەتەنلىرى بىلەن بولغان كۈچلۈك مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار ساھىبخان دۆلەتنىڭ مەنپەئەتلىرىگىمۇ پايدىلىق. 4- چاغداش دىئاسپورانى ئىزاھلىغاندا ساھىبخان دۆلەتلەر ئەڭ ئاخىرقى بېكەت سۈپىتىدە كۆرۈلمەسلىكى كېرەك. دىئاسپورا ئەزالىرىنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇشى ۋە خەلقئارادىكى ھەرىكەت قابىلىيەتلىرى قاتارلىقلار ساھىبخان دۆلەتلەرنىڭمۇ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، دىئاسپورا بىلەن ئورنىتىلىدىغان مۇناسىۋەتلەر ساھىبخان دۆلەتكە –دىئاسپورا ئەزالىرى باشقا بىر دۆلەتكە كەتكەن تەقدىردىمۇ- ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناۋىسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا پۇرسەت بېرىدۇ.
قېرىنداش دۆلەت نۇقتىسىدىن: 1-قېرىنداش دۆلەت دىئاسپورالىرىنى ئۆز ئالدىغا ئايرىم مەسىلىلىرى ۋە ئارزۇ-تەلەپلىرى بولغان ئىجتىمائىي گەۋدە سۈپىتىدە كۆرىدۇ. بۇ چاغداش دىئاسپورانى چۈشىنىش نۇقتىسىدىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. دىئاسپورالار سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە كۆۋرۈكلۈك رولغا ئىگە بولۇپ، دىئاسپورانىڭ بۇ خىلدىكى فونكسىيەسى قېرىنداش دۆلەت نۇقتىسىدىن تولىمۇ پايدىلىقتۇر. 2-دىئاسپورالارنىڭ ئۆزگە دۆلەتلەردىكى ئىرقداشلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى قېرىنداش دۆلەت نۇقتىسىدىن مۇھىمدۇر. قېرىنداش دۆلەتنىڭ خەلقئارا سەۋىيەدە تەشكىللىك بىر دىئاسپوراغا ئىگە بولۇشى، بۇ دۆلەتنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە خەلقئارادىكى پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىشىگە پايدىلىق. 3- دىئاسپورالارنىڭ تەشكىللىي قۇرۇلمىسى ۋە دىئاسپورا ئەزالىرىنىڭ تەجرىبە جۇغلانمىلىرى ۋە قابىيەتلىرى ئاناۋەتەنگە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىنلا ئەمەس ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىنمۇ پايدىلىق.
5-قېرىنداش دۆلەتنىڭ دىئاسپورا ئۇقۇمىنى قانداق چۈشىنىشىمۇ مۇھىمدۇر. دىئاسپورا ئۇقۇمىنى ئاناۋەتەن سىرتىدىكى ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان دەرىجىدە ئىزاھلاپ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، بۇ ئۇقۇمغا پايدىلىق بولۇشتىن بەكرەك زىيانلىقتۇر.
دىئاسپورا ئۇقۇمىغا دائىر مۇنازىرىلەرنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرۇش كېرەك. دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ مەنىسى ۋە دائىرىسى شەكىللىنىۋاتقان كۈنىمىزدە، ئۇقۇمغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مۇنازىرىلەر بۇ ئۇقۇمنىڭ كېلەچىكىنى بەلگىلەيدۇ.

پايدىلانمىلار

تەرجىمان: ئادىلجان

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*