دائېش

2018-يىلى 22-ماي

مەھمەت ئەلى كارابۈيۈك | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

 

ئەھلى ھەدىس – سەلەفىييە ئېقىمىنىڭ ئىمان ئۇقۇمىنى تەستىق، ئىقرار ۋە ئەمەلدىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئامىلدىن تەركىپ تاپقان شەكىلدە ئىزاھلىشى، ھەر دائىم خاۋارىچلىققا ئېغىپ كېتىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. چۈنكى خاۋارىچلىقتىمۇ ئوخشاش شەكىلدە ئەمەل ئىماننىڭ بىر پارچىسى سۈپتىدە قوبۇل قىلىنماقتا ۋە بىر مۆئمىننىڭ ئەمەل قىلماسلىقى ۋە گۇناھكار بولۇشى نەزىرىيە نۇقتىسىدىن كاپىرلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمەكتە. ئىبن تەيمىييەگە ئوخشاش ئالىملار «دىندىن چىقارمايدىغان كۇپۇر (كۇفرۇن لا يەنقۇل ئەنىل مىللە) »گە ئوخشاش يۇمشاتقۇچى ئۇقۇملار ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەزكۇر ئېغىپ كېتىش ياكى يېقىنلاشتۇرۇش ۋە ئوخشىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشقان. جاھان خاراكتېرلىق جىھاد چۈشەنچىسىنىڭ مەھسۇلى بولغان ئىراق – شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ( دائېش )، تەكفىرچى مۇئامىلىسىدە ھەددىدىن ئاشقانلىقى، ئۇرۇشنى غەيرى مۇسلىم ۋە زالىملارغا قارشى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئىسلامى جامائەتلەرگە ۋە مۇسۇلمان ئاۋامغا قاراتقانلىقى ئۈچۈن، ئەڭ باشتا ئەلقائىدە باشچىلىقىدىكى جىھادى سەلەفى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن «خاۋارىچ» دەپ ئەيىپلەنگەن.

داۋامىنى پ د ف ھۆججىتىدىن ئوقۇيالايسىز…

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*