چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىق يۇرتداشلارغا مۇراجىئەت

ئەركىن ئالىپتېكىن | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

ئەزىز يۇرتداشلار!
1954 – يىلى 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھىجاز شەھرىدە چەت ئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ 1- قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىدىن بۇيان 65 يىل ئۆتتى. بۇ 65 يىل مابەينىدە چەت ئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار 1960- يىلى ئىستانبۇلدا «شەرقى تۈركىستان مۇھاجىرلار تەشكىلاتى»، 1963 – يىلى قەيسەرىدە «شەرقى تۈركىستان مۇھاجىرلىرى مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى»، 1978 – يىلى يەنە ئىستانبۇلدا «شەرقى تۈركىستان ۋەقفى»، 1985- يىلى شىۋېيتسارىيەنىڭ سىيۇرىخ شەھرىدە «شەرقى تۈركىستان، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلىيە خەلقلىرىنىڭ بىرلىكى»، 1989- يىلى يەنە قەيسەرى شەھىرىدە «شەرقى تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى»، 1990- يىلى گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى»، 1991 – يىلى گوللاندىيەنىڭ گاگا شەھىرىدە «بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىدا ئەزاسى بولمىغان مىللەتلەر تەشكىلاتى» (ئۇنپو)، 1996 – يىلى گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە «دۈنيا ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيى»، 1998 – يىلى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھرىدە «ئۇيغۇر – ئامېرىكا بىرلەشمىسى» (ئۇئائا)، 1999 – يىلى مىيۇنخېندا «شەرقى تۈركىستان/ ئۇيغۇرىستان مىللىي قۇرۇلتىيى»، 2000 – يىلى ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە «ئۇبۇنتۇ» (تىنچلىق)، 2004 – يىلى يەنە مىيۇنخېندا «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» (د ئۇ ق)، يەنە 2004 – يىلى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا قۇرۇلغان «شەرقى تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى»، 2006 – يىلى ئىستانبۇلدا مائارىپ تەشكىلاتى، يەنە 2006 – يىلى قەيسەرىدە «مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى»، 2018 – ئىستانبۇلدا «ئىسا يۇسۇف ئالىپتېكىن ۋەقفى» گە ئوخشاش يەنە ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، ياۋروپادا بىر مۇنچە مىللىي ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش، خەلقئارا جامائەتچىلىككە ئاڭلىتىش، ئۇلارنىڭ يار – يۈلىكىگە ئىرىشىش ۋە كېرەكلىك چارە – تەدبىرلەرنى يولغا قويغۇزۇش ئۈچۈن ھازىرغىچە ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەپ مۇجادىلىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بولغان ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ۋىجدانى قەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئېغىر بەدەللەر تۆلەپ مۇجادىلە قىلغان ۋە بۈگۈن ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەن ئەزىز يۇرتداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت؛ ھاياتلارغا ئاللاھتىن سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە بۇ مۇقەددەس دەۋانى پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان 3 – ئەۋلاد ياشلىرىمىزغا ئاللاھتىن چوڭ ئۇتۇقلار ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن.

ئەمدى بىزنىڭ بىرئاز ۋاقىت چىقىرىپ، دوپپىلىرىمىزنى ئالدىمىزغا قويۇپ، چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىپ، ئۆزىمىزدىن شۇ سوئاللارنى سورىشىمىزنىڭ زامانىمۇ يېتىپ كەلدى: 1954- يىلىدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە ئېغىر بەدەللەر تۆلەپ چەت ئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ مۇجادىلىمىزنىڭ ئانا ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ ئۈستىدىكى زۇلۇمنىڭ بىر ئاز بولسىمۇ ئازىيىشىغا، ئۇلارنىڭ بىرئاز نەپەس ئېلىشىغا ۋە قىلچىلىك بولسىمۇ ئىنسانچىل ياشاش شەرتلىرىگە ئېرىشىشىگە پايدىسى بولدىمۇ؟ ئەگەر بىز خىتايلارنىڭ ھازىر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تارىخ سەھنىسىدىن پۈتۈنلەي يوق قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان دەھشەتلىك سىياسىتىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، بىزنىڭ ھازىرغىچە ئېلىپ بارغان سىياسىتىمىزنىڭ ھېچ بىر پايدىسى بولمىغان. بۇنىڭدىن 10 نەچچە يىل بۇرۇن مەن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن تارىم ئەپەندىنىڭ بىر سوئالىغا مەن مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدىم «… بىر مىللەتنىڭ داۋاسىنى داۋراڭ سېلىش، ماختىنىش ۋەياكى مۇكاپات ئىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن قىلىنىدۇ… مېنىڭ 40 يىللىق لوبىچىلىق پائالىيەتلىرىمنىڭ نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان ئازاد بولۇپ قالدىمۇ؟ خەلق ئۈستىدىكى زۇلۇم ئازايدىمۇ؟ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىنسانچىل ھايات كۆچۈرۈش ئىمكانىيىتىنى قولغا كەلتۈردىمۇ؟ ياق. ئۇ ھالدا، داۋراڭ سالىدىغان، ماختىنىدىغان ۋەياكى مۇكاپات كۈتىدىغان بىر ئىشمۇ يوق…»

ئۇ چاغدا بىز بۇنىڭدىن كېيىن قانداق بىر ئىستراتېگىيە ياقلىشىمىز كېرەك ؟

«بىرلەشتۇق» دەيمىز، بىراق دەۋايىمىزنى تېخىچە بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ماڭىدىغان بىر خەلق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرالمىدۇق. بۇنىڭ سەۋەبلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟ شەخسى مەنپەئەتنى مىللىي مەنپەئەتتىن ئۈستۈن تۇتۇشمۇ؟ «بىر دەريا، ئۆستەڭ ۋە ئېرىق بولۇپ بىر كۆلگە ئاقساق بولۇۋېرىدۇ دېگەنلىكتىنمۇ؟» «رىقابەتتىن كۈچ تۇغۇلىدۇ؟ دېگەنلىكتىنمۇ؟» «بىز مۇستەقىلچى، ئۇلار ئاپتونومىيەچى، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىگۈچى، گومىنداڭچى، گۇڭسەنداڭچى»، «خائىن»، «ساتقۇن»، «جاسۇس» دەپ بىر – بىرىمىزنى قارىلاشنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈنمۇ؟ خىتايلارنىڭ بولۇپمۇ كىيىنكى 70 يىل مابەينىدە ئاتىنى ئانىغا، ئانىنى دادىغا، ئاتا – ئانىلارنى بالىلىرىغا، باللىرىنى ئاتا – ئانىلارغا دۈشمەن قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان سىياسىتنىڭ بىر نەتىجىسىمۇ؟ بىزدە بىر «مىللەت» بولۇش ئېڭىنىڭ ئۆسمىگەنلىكىمۇ؟ ياكى، بىلگە خاقاننىڭ 1500 يىل بۇرۇن يازغىنىدەك بىز زادى «بىرلىشەلمەيدىغان» بىر مىللەتمۇ؟

بۇنىڭ ھەقىقىي سەۋەبلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟ بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ مېڭىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك ؟ بىزنى بىرلەشتۈرىدىغان بىر ئورتاق نىشانىمىز يوقمۇ؟ بولسا، بۇ ئورتاق نىشانىمىز نېمە؟
ئىنسانلار پانى، داۋالار ئەبەدىيدۇر. ھازىر مۇقەددەس بايرىقىمىزنى قولغا ئالغان 3 – ئەۋلاد شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى بۇ بايراقنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىلەرگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن مۇجادەلە قىلىۋاتىدۇ. ئۇلاردىن كېيىن بۇ بايراقنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان 4 – ئەۋلاد بارمۇ؟ ئەگەر بولمىسا، 4 – ئەۋلادنى كىملەر، قەيەردە ۋە قانداق يېتىشتۈرىدۇ؟
ھازىر دۇنيانىڭ ئىككى قۇدرەتلىك دۆلىتى بولغان خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا باشلانغان «سودا ئۇرۇشى» بارغانسېرى قىزىشىپ كېتىپ بارىدۇ. بۇ «سودا ئۇرۇشى» ئەتە – ئۆگۈن قوراللىق ئۇرۇشقا ئايلىنىپ قالسا، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار قانداق يول تۇتۇشى كېرەك؟ ھازىر چەت ئەل تور بەتلىرىدە ئىنگلىزچە «Are we ready if China suddenly collapse» يەنى «بىز خىتاينىڭ ئۇشتۇمتۇتلا پارچىلىنىپ كېتىشىگە تەييارمۇ؟» دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئەگەر ئاللاھ تائالا نېسىپ قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا بولغىنىدەك شەرقىي تۈركىستان ئۇشتۇمتۇت مۇستەقىل بولۇپ قالسا، ئانا ۋەتەندىكى يۇرتداشلىرىمىزغا ھەر جەھەتتىن يار يۆلەكتە بولالايدىغان يېتىشكەن ياراملىق ئادەملىرىمىز، پىلان – پىروگراممىمىز بارمۇ؟ ياكى بىز ھازىرقى چېچىلاڭغۇ ۋە ئۇرۇش-تالاشلارنى كۆتۈرۈپ بېرىپ ئانا ۋەتەننى بۇلغايمىزمۇ؟

ئۆز ۋاقتىدا تونۇشۇپ قالغان بىر نىمىس ئالىمى ماڭا: «… بىز 1956 – يىلى، ئەگەر ۋاقتى – سائىتى كېلىپ سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ كەتسە، سوۋېت ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي گېرمانىيە بىلەن غەربى گېرمانىيەنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن نېمىلەر قىلىشىمىز كېرەك دېگەن بىر پىلان تاييارلاپ چىقتۇق. بۇ پىلاننى ، ئۆزگىرىپ تۇرغان دۇنيا سىياسىتىگە ماسلاشتۇرۇپ ھەر ئىككى يىلدا بىر يېڭىلاپ تۇردۇق…» دېگەن ئىدى.

ھازىر بىزنىڭ يېتىشكەن ئادەملىرىمىز، پىلان ۋە پروگراممىمىز بارمۇ؟

ئەزىز يۇرتداشلار! بۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ پۈتۈن ئالىملىرىمىزنىڭ، زىيالىيلىرىمىزنىڭ، تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ، ئاقساقاللىرىمىزنىڭ ۋە بولۇپمۇ چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ھەر قاتلامدىكى يۇرتداشلىرىمىزنىڭ ئۆزئارا ئاداۋەت، ئۇرۇش-جەدەل ۋە تالاش-تارتىشىشلارنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ؛ ئۆزئارا يىغىلىپ، باش قوشۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ مانا بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش خەلقىمىزنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب تېپىپ، كېرەكلىك چارە – تەدبىرلەرنى ھازىردىن باشلاپ يولغا قويۇپ يولغا چىقىش ناھايىتى پايدىلىق ئىدى. بىراق ئىچىمىزدە يېتىشىپ چىققان چوڭ ئالىملىرىمىزدىن بىرى بولغان دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ 2018 – يىلى 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى يازغان تۆۋەندىكى قۇرلىرىنى ئوقۇپ بەكمۇ ئېچىندىم:

«…(Elite ئىسىملىك) بۇ توپنى چەت ئەلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئومۇمىي داۋاسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ۋە كېڭىشىش ئۈچۈن قۇرغان. مەقسەت، بارلىق تەشكىلات ۋە جەمئىيەت ئەربابلىرىنىڭ مۇشتەرەك (ئورتاق) ئەقىل – پىكىرلىرىدىن پايدىلىنىش، تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى كەمچىلىكلەرنى تولۇقلاپ، كۈچ بىرلىكى ھاسىل قىلىش، ئومۇمىي دەۋايىمىز ئۈچۈن ئورتاق نىشان ۋە ئورتاق ئىستراتېگىيە ئوتتۇرىغا قويۇش ، تەشكىلاتلارنىڭ سىياسىي يولى پەرقلىق بولسىمۇ، ئورتاق مەنپەئەتىمىزدە بىرلىشىش ئىدى… لېكىن بۇ مەقسەتكە ئېرىشەلمىدۇق، بۇ سەۋەبتىن بۇ توپنى تاقىۋېتىشنى قارار قىلدۇق…»

مۆھتەرەم يۇرتداشلار، ئەمدى ھەممىمىز دوكتور ئەركىن ئەكرەمگە ئوخشاش ياخشى نىيەت بىلەن يولغا چىققان كىشىلەرگە يار – يۆلەك بولماي، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى قىلىپ ئۆتۈپ كېتىمىزمۇ؟ سىڭگەن ناننى يەپ ياتىمىزمۇ؟ ھازىرقىدەك «ھۇررا-چۇررالار» بىلەن كېتىۋېرىمىزمۇ ۋەياكى بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، يۇقىرىدىكى سوئاللارغا كېرەكلىك جاۋابلارنى تېپىپ، خەلقىمىزنىڭ تارىخ سەھنىسىدىن پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دەۋايىمىزنى بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ماڭىدىغان بىر خەلق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەپ تېپىشقا تىرىشىشىمىزمۇ؟

ئىختىيار ئۆزۈڭلاردا، 81 ياشقا كىرگەن بىر بوۋاي بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن پەقەت سەمىڭلارغا سېلىپ قوياي دېگەن مەقسەت بىلەن بۇ قۇرلارنى يېزىپ چىقتىم.

سۆيگۈ ۋە ئېھتىرام بىلەن: ئەركىن ئالىپتېكىن

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*