بىر ئاتېئىستنىڭ نەزىرىدىكى كەلگۈسى دۇنيا

يۇۋال نوھ ھارارى | ئۆمەرجان قۇربان تەرجىمىسى

مۇھەررىر (بىلگىن) نىڭ ئىلاۋىسى:

كەلگۈسى ھەر دائىم ئۆزىنىڭ ئېنىقسىزلىقى، ئۆزگىرىشچانلىقى، سىرلىقلىقى بىلەن ئالدىن بېشارەت بەرگۈچىلەرنى يەرگە قارىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەتىكى دۇنيانىڭ قانداق بولۇش ئېھتىماللىقلىرى ھەققىدە پەرەز-تەخمىنلەرگە جۈرئەت قىلماسلىق يەنىلا توغرا ئەمەستۇر. بولۇپمۇ ھەر ساھەلەردىكى ئەڭ ئىنچىكە، ئۇششاق سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىش مۇمكىن بولۇۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا، شۇ غايەت زور مەلۇماتلار ئاساسىدا كەلگۈسى ھەققىدە مەلۇم تەسەۋۋۇرلاردا بولۇشنىڭ ئىلمىي ۋە ئەمەلىي ئاساسلىرى مەۋجۇتتۇر. ئەتىسى ھەققىدە تەسەۋۋۇرى ئېنىق بولمىغان بىر شەخسنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى قانداق قالايمىقان، مەنىسىز، نەتىجىسىز ئۆتسە، كەلگۈسى ھەققىدە ئېنىقراق تەسەۋۋۇرى يوق بىر مىللەتنىڭ مەيلى سىياسىي، مەيلى مەدەنىيەت-مائارىپ، ئىقتىساد ساھەلىرىدىكى پائالىيەتلىرىمۇ شۇنداق چۇۋالچاق، نىشانسىز، پىلانسىز، مېۋىسىز داۋاملىشىدۇ.
مەزكۇر ماقالە ئۆزىنىڭhomo sapiens يەنى (ئىنسانىيەتنىڭ قىسقىچە تارىخى) ناملىق كىتابى بىلەن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا شۆھرەت قازانغان ئىسرائىلىيەلىك تارىخچى يۇۋال نوۋا ھارارىنىڭ homo deus (ئەتىنىڭ قىسقىچە تارىخى) ناملىق كىتابىنىڭ جەۋھىرىدۇر. بۇ ماقالە بەلكىم سىزنىڭ كۆنۈككەن تەپەككۇرىڭىزنى سىلكىۋېتىشى، سىزنى ئەندىكتۈرۈشى ھەتتا چۆچۈتۈپ ۋەھىمىگە سېلىۋېتىشى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت، ئوخشىمىغان دۇنيا قاراشقا ئىگە ئىنسانلارنىڭ ئەسەرلىرى ئەقىلسۆيەر كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرىنى بىلەيدىغان ياخشى بىلەيتاش بولالايدۇ. تۆۋەندىكى مەسەل بەلكىم بىزگە ئالدىنىلا كۆرۈش بىلەن يىراقنى كۆرۈشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بېرەلىشى مۇمكىن.
بىر تۆگە بىلەن بىر ئېشەك ئۇزاق بىر سەپەرگە بىللە چىقىپتۇ. سەپەر داۋامىدا ئېشەك يولدىكى نەرسىلەرگە پۇتلىشىپ تولا يىقىلىپ تىزلىرى يارا بولۇپ كېتىپتۇ. ئېشەك قارىسا تۆگە ھېچنىمىگە پۇتلاشماستىن بىرەر قېتىممۇ يىقىلماي مېڭىۋاتقۇدەك. شۇنىڭ بىلەن ئېشەك تۆگىدىن سوراپتۇ:
-تۆگە ئاداش ماڭا قارا، مەن تولا پۇتلىشىپ يىقىلىپ تىزلىرىم يېغىر بولۇپ كەتتى، قارىسام سەن ھېچ يىقىلماي مېڭىۋاتىسەن. ماڭا سىرىڭنى دەپ بەرسەڭچۇ، مەنمۇ يىقىلماي ماڭسام. تۆگە ئېشەككە دەپتۇ:
– ئېشەك ئاداش، مەن يول ماڭغاندا بوينۇمنى تىك تۇتۇپ يىراققا نەزەر تاشلاپ ماڭىمەن، پۇتلىشىدىغان نەرسىلەرنى بالدۇرراق كۆرۈۋالىمەن-دە، يېقىنلاشقاندا پۇتلاشماستىن ئۆتۈپ كېتەلەيمەن. بىراق ساڭا قارىسام، سەن يول ماڭغاندا بېشىڭنى كۆتۈرمەستىن ماڭىدىكەنسەن، شۇنىڭ بىلەن پەقەت بۇرنۇڭنىڭ تېگىنىلا كۆرگەچكە، پۇتلىشىدىغان نەرسىلەر پەقەت پۇتۇڭغا پۇتلاشقاندا ئاندىن كۆرىدىكەنسەن، ئەپسۇسكى ئۇ ۋاقىتتا كۆرگىنىڭ بىلەن ئۆزۈڭنى قاچۇرۇشقا ئۈلگۈرمەستىن پۇتلىشىپ يىقىلىسەن.

ئىنسانىيەتنىڭ يېڭى كۈنتەرتىپى

تارىختا تۇنجى قېتىم كۆپ يىۋېلىشتىن ئۆلگەن كىشى سانى ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن كىشى سانىغا قارىغاندا كۆپ بولدى. 21-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئوتتۇرىچە بىر ئىنساننىڭ ماكدولناز يېمەكلىرىنى بولۇشىغا يەپ ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىمالى قۇرغاقچىلىق، ئېبولا ۋىرۇسى ياكى ئەل قائىدە ھۇجۇملىرىدا ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىمالىغا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى بولماقتا.
ئوت ئاپىتى يوق بولغان بىر دۇنيا ۋە بۇنداق بىر دۇنيادا ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ئىكەنلىكىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ… دەل مۇشۇ پەيتتە ئىنسانىيەت 21-ئەسىردە كەچمىشتە پەقەتلا ئاڭلىنىپ باقمىغان مۇنداق بىر سوئالنى سوراشقا مەجبۇر بولماقتا: بۇنىڭدىن كېيىن نېمىلەر بىلەن بەند بولىمىز؟
ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىدىكى كۈنتەرتىپىنى تېپىپ چىقىشتىن ئىلگىرى 21-ئەسىرنىڭ بېشىنى يېقىندىن مۇھاكىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

بىيولوگىيەلىك نامراتلىقنىڭ چېكى

ئۆتكەن ئەسىردە ۋۇجۇدقا چىققان تېخنولوگىيەلىك، ئىقتىسادى ۋە سىياسىي ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلار مۇستەھكەم بىر ئىشەنچ تورى شەكىللەندۈرۈپ ئىنسانىيەتنى بىيولوگىيەلىك نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇپ قالدى. دۇنيانىڭ بەزى جايلىرىدا پات-پات قەھەتچىلىك يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، بۇ مۇستەسنا ئەھۋال بولۇپ بۇ قانداقتۇر تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ نەتىجىسى بولماستىن سىياسەتنىڭ نەتىجىسى ئىدى. دۇنيادا تەبىئىي ھالدا مەيدانغا كەلگەن قەھەتچىلىك ھادىسىسى تۈگەپ كەتتى، ئەگەر بار دېيىشكە توغرا كەلسە سىياسىي قەھەتچىلىكتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن. ناۋادا سۇرىيە ، سۇدان ياكى سومالى قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىنسانلار ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقان بولسا، بۇنى بىر قىسىم سىياسەتچىلەرنىڭ خاھىشى سەۋەبىدىن بولغان، دېيىشكە بولىدۇ.
ئەيدىز كېسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتلەر ۋە بەزگەككە ئوخشاش يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تۈپەيلى ھەر يىلى مىليونلارچە ئىنسان ئۆلۈپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئۆتكەن ئەسىرلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئىنسان سالامەتلىكىگە تېخىمۇ ئاز تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە. ئىنسانلارنىڭ كۆپ قىسمى يۇقۇملۇق كېسەللىك بولمىغان راك ياكى يۈرەك كېسەللىكىگە ئوخشاش ئىللەتلەر نەتىجىسى ياكى قېرىلىق كېسەللىكى تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتمەكتە.
يېڭى بىر خىل ئېبولا ۋىرۇسىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرمەسلىكى ياكى نامەلۇم بىر زۇكام تۈرىنىڭ دۇنياغا يامراپ مىليونلارچە ئىنساننىڭ جېنىغا زامىن بولماسلىقىغا ئىشەنچ قىلالمىساقمۇ، لېكىن بۇنداق بىر ئەھۋالغا ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغان تەبىئىي ئاپەتلەر سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلمايدىغانلىقىمىز ھەممىمىزگە ئايان.

ئورمان قانۇنىنى دەپسەندە قىلىش

ئۇرۇشلارنىڭمۇ ئۆمرى ئاز قالغاندەك تۇرىدۇ. ئەلمىساقتىن بېرى ئىنسانىيەت ئۇرۇشنىڭ مۇقەررەرلىكىگە چىن پۈتۈپ كەلدى، تىنچلىق بولسا ئۆتكۈنچى ۋە نازۇك بىر مەسىلە ئىدى.
20-ئەسىردە ئۆلۈملەرنىڭ پەقەت %5ىنىڭ، 21-ئەسىردە بولسا دۇنيا مىقياسىدىكى ئۆلۈملەرنىڭ پەقەت %1نىڭ سەۋەبى تۈرلۈك زوراۋانلىق ھادىسىلىرى بولغان. 2012-يىلى پۈتكۈل دۇنيادا ئۆلۈپ كەتكەن56 مىليوندىن پەقەت 620مىڭى (120مىڭدەك ئۇرۇشلاردا، 500مىڭى بولسا جىنايەتلەردە) زوراۋانلىق سەۋەبىدىن ئۆلگەن. بۇنىڭدىن سىرت 800مىڭدەك كىشى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان بولسا، 1 مىليون 500مىڭ كىشى دىيابېت تۈپەيلى جېنىدىن ئايرىلغان. شۇنىسى ئېنىقكى، دىيابېت ئوقتىنمۇ خەتەرلىك ھالغا كېلىپ قالغان.
بۇرۇنلاردا ئالتۇن كانلىرى، تېرىلغۇ ئېتىزلار ۋە نېفىت قۇدۇقلىرىغا ئوخشاش ماددىي نەرسىلەر ئاساسلىق بايلىق مەنبەلىرى بولغان بولسا، ھازىر ئەڭ چوڭ بايلىق مەنبەسى ئۇچۇر-مەلۇماتتۇر. ئۇرۇش ئارقىلىق نېفىت قۇدۇقلىرىنى قولغا كىرگۈزەلىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن ئۇچۇر-مەلۇماتقا ئۇرۇش ئارقىلىق ئېرىشەلمەيسىز. ئۇچۇر-مەلۇمات ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مەنبە ھالىتىگە كەلگەنسېرى ئۇرۇشلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىمۇ ئاجىزلاپ بارىدۇ، نۆۋەتتە ئۇرۇشلار ھېلىھەم كونىچە ئۇسۇلدىكى خام ماددىغا تايىنىدىغان ئىقتىساد تۈزۈلمىسىگە ئىگە بولغان ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئافرىقىغا ئوخشاش بەزى رايونلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماقتا.
قىسقىسى، تىنچلىق كەلىمىسى يېڭىچە مەنىلەرگە ئىگە بولدى. كونىلار تىنچلىققا ئۇرۇشنىڭ ۋاقىتلىق يوق بولۇشى سۈپىتىدە قارايتتى. كۈنىمىزدە بولسا تىنچلىقنى ئۇرۇشنىڭ مەنتىقسىزلىقى، دەپ قارايمىز.
ئۆتكەن 70 يىلدا ئىنسانىيەت ئورمان قانۇنىڭلا ئەمەس چېخوف قانۇنىنىڭمۇ يىمرىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. ئانتون چېخوفنىڭ مەشھۇر سۆزىدىكىگە ئوخشاش تۇنجى سەھنىدە چېلىققان قورالدىن ئۈچىنچى سەھنىدە چوقۇم ئوق چىقىشى مۇقەررەردۇر. تارىختىن بۇيان ھەر قانداق پادىشاھ ياكى ئىمپېراتور قولىغا بىرەر يېڭى قورال چۈشۈپ قالسا شەيتانغا ئەگىشىپ ھامان بىر كۈنى ئىشلەتمەي قالمايتتى. لېكىن 1945-يىلدىن كېيىن ئىنسانىيەت بۇ خاھىشىغا تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگەندى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا ياساپ چىقىلغان نۇرغۇن ئىلغار قورال ئىشلىتىلمىدى، بىز پارتلمىغان بومبىلار، قويۇپ بېرىلمىگەن راكېتامىيوتلار بىلەن تولۇپ تاشقان بىر دۇنيادا ياشاشقا كۆنۈپ كەتتۇق، بىز دەل بۇ سەۋىيەگە ھەم ئورمان قانۇنىنى ھەمدە چېخوف قانۇنىنى دەپسەندە قىلىش نەتىجىسىدە يەتتۇق. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ قانۇنلار قايتىدىن ئىجرا قىلىنسا بۇ تەقدىر پېشانىمىزگە پۈتۈلگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس ئۆزىمىزنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن بولىدۇ.
تېررورلۇق ئېغىر ئىقتىسادى زىيان بېرىشتىن بەكرەك ۋەھىمە پەيدا قىلىشتەك رولغا ئىگە. تېررورچىلارنىڭ كۆپ ۋاقىتلاردا بىر ئارمىيەنى مەغلۇپ قىلالايدىغان، بىر دۆلەتنى ئىشغال قىلالايدىغان ياكى شەھەرلەرنى ۋەيران قىلالايدىغان ماغدۇرى يوقتۇر. 2012-يىلى پۈتكۈل دۇنيادا سېمىزلىك ۋە بۇ تۈپەيلى كېلىپ چىققان كېسەللىكلەر 3 مىليون كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بولسا، تېررورلۇق 7697 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، تېررورلۇقنىڭ قۇربانى بولغان كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ پۇقراسى ئىدى. لېكىن ئادەتتىكى بىر ئامېرىكا پۇقراسى ياكى ياۋروپالىققا نىسبەتەن كولا، ئەل قائىدە تەشكىلاتىندىمۇ خەتەرلىك ھالغا كېلىپ قالدى.
تېررورلۇق چوڭ بىر قاچا-قۇچا دۇكىنىنى قالايمىقان قىلىشنىڭ كويىدا يۈرگەن چىۋىنغا ئوخشايدۇ. چىۋىن تولىمۇ ئاجىز ھاشارات بولۇپ ئۆز ئالدىغا بىر تال ئىستاكاننىمۇ ئۆرۈۋېتەلمەيدۇ. ناۋادا بىر بۇقىنىڭ قۇلىقىغا كىرىۋالسا قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ؟ قۇلىغا چىۋىن كىرىۋالغان بۇقا قورقۇش ۋە نەپرەت ئىچىدە تەلۋىلىشىپ دۇكاننى خانىۋەيران قىلىۋېتىدۇ.
ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدە ئوتتۇرا شەرق دەل مۇشۇنداق تەلەيسىز قىسمەتكە دۇچ كەلدى. ئاشقۇن گۇرۇھلارنىڭ ساددام ھۈسەيىننى يوق قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، لېكىن 11-سېنتەبىر ھۇجۇمىنى سادىر قىلىپ قۇدرەتلىك ئامېرىكىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى، نەتىجىدە ئامېرىكا ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئوتتۇرا شەرق دۇكىنىنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى. ھازىر بولسا خارابىلىكنىڭ ئىچىدىن قايتىدىن باش كۆتۈرگەن، ئوتتۇرا ئەسىرنى قايتىدىن بەرپا قىلىشنىڭ تاماسىدا يۈرۈۋاتقان ۋە ئورمان قانۇنىنى قايتىدىن ئىجرا قىلىشنىڭ كويىغا كىرگەن ئاشقۇن گۇرۇھلار، ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا شەرقتەك چوڭ بىر دۇكاننى ۋەيران قىلىشتىن تولىمۇ ئاجىز. ئۇلار بىزنى قانچىلىك كۈشكۈرتۈشتىن قەتئىينەزەر، مەسىلىنى ئۇلار ئەمەس باشقىلار ھەل قىلىدۇ. قىسقىسى، ئورمان قانۇنى قايتىدىن ئىجرا قىلىنسا بۇنىڭ جاۋابكارى بىز ئەمەسمىز.
تارىخ بوشلۇق سىغدۇرمايدۇ. قەھەتچىلىك، يۇقۇملۇق كېسەللىك ۋە ئۇرۇشلار ئازىيىپ كەتسە ئىنسان دېگەن بۇ مەخلۇق چوقۇم بۇلارنىڭ ئورنىغا باشقا نەرسىلەرنى دەسسىتىدۇ. ئۇنداقتا 21-ئەسىردە ئىنسانىيەتنىڭ كۈنتەرتىپىدە قەھەتچىلىك، يۇقۇملۇق كېسەللىك ۋە ئۇرۇشنىڭ ئورنىغا قايسى مەسىلىلەر دەسسەيدۇ؟
بۇنىڭدىن كېيىن ئىنسانىيەت نېمىلەر بىلەن بەند بولىدۇ؟ قەھەتچىلىك، يۇقۇملۇق كېسەللىك ۋە ئۇرۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ قالالىغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇنىڭغا شۈكۈر قىلىپ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى قوغداشقا يۈزلىنەمدۇق؟ شەكسىز، ئەڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق بۇ بولسىمۇ لېكىن ئىنسان دېگەن مەخلۇقنىڭ بۇ يولنى تاللىشى تەستەك تۇرىدۇ.
ئىنسانلار ناھايىتى ئاز ۋاقىت قولىدىكىلەرگە شۈكۈر قىلىدۇ. ئىنسان كۆپىنچە چاغلاردا قانائەت قىلىشنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ كۆپ نەرسىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئىنسانلار داۋاملىق تېخىمۇ ياخشىسىغا، تېخىمۇ كۆپ نەرسىگە ۋە تېخىمۇ لەززەتلىك بولغىنىغا ئېرىشىشنىڭ كويىدا يۈرىدۇ.
ئۇتۇق ئىنساندا ئاچ كۆزلۈك ۋە ئارزۇ-ھەۋەس پەيدا قىلىدۇ. ئىنسان ئۇتۇققا ئېرىشكەنسېرى تېخىمۇ چوڭ نىشانلارغا يېتىشنىڭ كويىدا يۈرىدۇ، يەنى ئۇتۇق بىزنى تېخىمۇ چوڭ نىشان بېكىتىشكە ئۈندەيدۇ. مىسلىسىز باياشاتچىلىق ۋە سۈپەتلىك ساقلىق تۇرمۇشىغا كۆنۈپ قالغان ئىنسانلار ئۇنداقتا بۇنىڭدىن كېيىن نېمىلەرگە يۈزلىنىدۇ؟ مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا نېمىلەر بىلەن بەند بولىدۇ؟ قارىغاندا ئىنسانىيەتنىڭ يېڭى نىشانى ئۆلۈمسىزلىك، خۇشاللىق ۋە ئىلاھىي قۇدرەتكە ئېرىشىش قاتارلىقلاردەك تۇرىدۇ. ئاچارچىلىق، كېسەللىك ۋە زوراۋانلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئۆلۈملەرنىڭ زور دەرىجىدە ئازايغانلىقىنى نەزەردە تۇتساق، ئۇنداقتا قېرىلىققا ھەتتا ئۆلۈمگە جەڭ ئېلان قىلالامدۇق قانداق؟ ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىنى خورلاپ كېلىۋاتقان ئىللەتلەردىن قۇتۇلغانلىقىنى نەزەردە تۇتقان چېغىمىزدا ئۇنداقتا ئۇلارنى تولۇق خۇشال قىلالايمىزمۇ يوق؟ ئىنسانلار ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالايدىغان كۈرەش ئېڭىغا ئاللىبۇرۇن يەتتى. ئۇنداقتا بۇنىڭدىن كېيىن ئىنساننى « تەڭرى » مەرتىۋىسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىپ باقساق نېمىشقا بولمىغۇدەك.
«پايپال» (PayPaL)نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن پېتېر تېيىل تېخى يېقىندا ئەبەدىي ياشاشنى پىلانلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. «مېنىڭچە ئۆلۈم بىلەن يۈزلىشىشنىڭ ئۈچ يولى بار» دېگەن تېيىل: ئېتىراپ، ئىنكار ياكى جەڭ ئېلان قىلىشتۇر. جەمئىيەتتىكى كۆپ قىسىم كىشى يا ئېتىراپ قىلىدۇ ياكى ئىنكار قىلىدۇ، دېدى.
بەزى مۇتەخەسسىلەر 2200-يىلى، بەزىلەر بولسا 2100-يىلى ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈمنى يېڭىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. 2050-يىلى تېنى ساق ۋە بانكىدا نۇرغۇن پۇلى بار ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ ھەر ئون يىلدا بىر قېتىم ئۆلۈمگە جەڭ ئېلان قىلىپ ئۆلۈمسىزلىك يولىغا قەدەم تاشلىيالايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئالدى بىلەن ئوتتۇرىچە ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتىنى ئىككى ھەسسىگە چىقىرىشنى سىناق باقساق بولىدۇ. 20-ئەسىردە ئوتتۇرىچە ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتىنى ئىككى ھەسسىگە يېقىن سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ قىرىقتىن يەتمىشكە يەتكۈزدۇق. دېمەككى، 21-ئەسىردە يەنە بىر ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈپ 150 ياشقا چىقىرالىشىمىز مۇمكىن. ئۆلۈمسىزلىككە ھازىرچە يېتەلمىسەكمۇ لېكىن بۇ ئەھۋال ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئىش بولىدۇ. دەسلەپ ئائىلە قۇرۇلمىسى، نىكاھ، ئاتا-ئانا ۋە بالىلىق مۇناسىۋىتى ئۆزگىرىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن نۆۋەت باشقا نەرسىگە كېلىدۇ. كۈنىمىزدە ئەر-خوتۇنلار ھېلىھەم ئۆلۈپ كەتكۈچە بىر ئائىلىدە ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە بالا يۈزى كۆرۈپ ئۇنى تەربىيەلەش چىقىش مەقسىتىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. 150 يىللىق ئۆمۈر كۆرگەن بىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. قىرق ياشتا تۇرمۇش قۇرغان تەقدىردىمۇ جۈپتى بىلەن يەنە 110 يىل ياشىيالايدۇ دېگەن گەپ.
بىر ئەر-خوتۇننىڭ 110 يىل بىرلىكتە ياشىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش سىزچە رېئاللىققا مۇۋاپىقمۇ؟ ئاشقۇن كاتولىكلارمۇ بۇ مەسىلە ئالدىدا ئارىسالدى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، كۈنىمىزدە بىردىن ئارتۇق نىكاھلىنىدىغان ئىشلار بارغانچە ئومۇملاشماقتا. ئىككى پەرزەنتى بولغان قىرىق ياشلىق بىر ئايال 120 ياشقا كىرگەندە بالىلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا قانداق چوڭ قىلغانلىقىنى غىل-پال ئەسلىيەلىشى مۇمكىن. بۇ خىل شارائىتتا پەرزەنت ۋە ئاتا-ئانا مۇناسىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىش ھەقىقەتەن قىيىن.
ئەمدى بىر كەسىپكە قاراپ باقايلى. كۈنىمىزدە بىر ئىنسان 20 ياشلاردا ئىگىلىگەن بىر كەسىپ بىلەن ئۆمۈر بويى ئىشلىيەلىشى مۇمكىن، بەلكىم ئۆمرىمىزنىڭ كېيىنكى يىللىرىدىمۇ ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز مۇمكىن، بىز ھاياتىمىزنى تەلىم-تەربىيە ۋە خىزمەت دەۋرى دەپ ئايرىپ كېلىشكە ئادەتلىنىپ قالدۇق. ھەم 150 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدىغان ، ھەمدە ھەر كۈنى يېڭى تېخنولوگىيەلەر ئىجاد قىلىنىپ تۇرىدىغان دۇنيادا ھاياتىمىزنى كاتېگورىيەگە ئايرىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. ئىنسانلار بىر كەسىپ بىلەن ئۇزۇن يىل شۇغۇللانسىمۇ، توقسان يېشىغا كىرگەندە يەنىلا يېڭى نەرسە ئۆگىنىشكە ۋە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، ئىشلەيدىغان بىر ئىنسان 65 ياشتا پېنسىيەگە چىقالمىسا، يېڭى پىكىرلىرى ۋە ھاياجانلىرى بولغان يېڭى ئەۋلادلارنىڭ ئىستىقبالى تۈگەشمەمدۇ.
سىياسىي ساھەدە ئەھۋال تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە چېگىش بولۇشى مۇمكىن. پۇتىندەك دىكتاتور بىر ئادەمنىڭ يەنە 90 يىل ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلارنىڭ ۋەزىيىتى نېمە بولماقچى؟بۇرۇنقى دىكتاتورلارنى مىسالغا ئالساق، سىتالىن ھازىرغىچە ياشىغان بولسا 138 ياشقا كىرەتتى ۋە موسكۋانىڭ بېشىدا بولغان بولاتتى. ماۋ زېدۇڭچۇ؟ ئۇمۇ 123 ياشقا كىرەتتى ۋە خىتاينىڭ ھاكىمىيىتىنى چاڭگىلدا تۇتقان بولاتتى. خانىش ئىلزابىت تەختىنى 121 ياشتىكى 6-گىئورگىيدىن ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن مەجبۇرىي ساقلايتتى، ئوغلى چارلېسقا نۆۋەت 2076-يىلى ئاران كەلگەن بولاتتى.

خۇشال بولۇش ھەققى

ئېپىكۇر تەڭرىلەرگە چوقۇنۇشنىڭ ۋاقىتنى بىھۇد ئىسراپ قىلىش بولىدىغانلىقىنى، ئۆلۈمدىن كېيىن ھاياتلىق يوقلىقىنى ۋە خۇشاللىقنىڭ ھاياتنىڭ يېگانە ھەقىقىي مەقسىتى ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. قەدىمكى گىرېتسىيەدە نۇرغۇن ئادەم ئېپىكۇرنىڭ قاراشلىرىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ قاراشلىرى كۈنىمىزدە بەزى كىشىلەر تەرىپىدىن كۆككە كۆتۈرۈلمەكتە. ئۇ دۇنيانىڭ بارلىقىغا بولغان شەك بەزى ئىنسانلارنى ئۆلۈمسىزلىكنىلا ئەمەس دۇنياۋى خۇشاللىقنىمۇ ئىزدەشكە يۈزلەندۈرمەكتە. ئەبەدىي بولغان بىر ئازابنى كىممۇ خالىسۇن؟
بىزنى خۇشال قىلىدىغان نەرسىنىڭ مەقسەتنىڭ ئۆزى ئەمەس بەلكى ئۇنىڭغا يېتىش جەريانىدا باسقان قەدەملىرىمىز ئىكەنلىكىنى ياقلايدىغان بىر قىسىم كىشىلەر، ئەھۋالنىڭ ئۇنچىلىك قورقۇنچلۇق ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ. ئېۋېرېست چوققىسىغا يامىشىش بۇ چوقىنىڭ تۆپىسىدە تۇرۇشتىن ياخشىراقتۇر.
كۈنىمىزدە ئىنسانلار بىيو -خىمىيەۋى ھادىسىلەرگە بەكرەك قىزىقماقتا. ھىمالايادىكى راھىبلار ياكى پىل چىشى مۇنارلىرىدىكى مۇتەپەككۇرلار نېمە دېيىشتىن قەتئىينەزەر، بۈيۈك كاپىتالىستلارغا نىسبەتەن خۇشاللىق زوقلىنىش، كەيپ ئېلىش ۋە ھۇزۇرلىنىشتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس خالاس. ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى تەتقىقاتلار ۋە بازارلار جان-جەھلى بىلەن بۇ نىشانغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ھەر يىلى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك باش ئاغرىقى دورىسى، يېڭى تەملەر، تېخىمۇ ئېسىل كارىۋاتلار، ئىنساننى بەكرەك ئۆزىگە خۇمار قىلىدىغان ئەقىللىك تېلېفون ئويۇنلىرى لايىھەلەپ چىقىپ ئىستېمالچىلارنىڭ خۇشاللىقىغا تەقدىم قىلماقتا، سىزمۇ ئاپتوبۇس ساقلاۋاتقان شۇ بەش مىنۇت ئىچىدىمۇ ئەقىللىك تېلېفوندىكى ئويۇنلارنى ئويناش ئارقىلىق خۇشال بولىسىز ئەمەسمۇ.

پىلانېتىنىڭ تەڭرىلىرى

كەيپ، ھۇزۇر ۋە ئۆلۈمسىزلىكنىڭ كويىدا يۈرگەن ئىنسانىيەت، ھەقىقەتەن تەڭرىلەر مەرتىۋىسىگە يۈكسىلىشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. بۇ نوقۇل ئىلاھىي بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، قېرىلىق ۋە ئىزتىراپنىمۇ يېڭىپ تاشلىيالىغانلىقى ۋە بىيولوگىيەلىك جەھەتتىنمۇ ئىلاھىي كونترولنى تەقەززا قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئۆلۈم بىلەن ئازابنى سىستېمىمىزدىن چىقىرىپ تاشلىيالايدىغان كۈچكە ئىگە بولغان چېغىمىزدا ئورگانلىرىمىزنى، ھېس – تۇيغۇلىرىمىزنى ۋە ئەقلىمىزنى ھەر خىل تەرىقىدە خالىغانچە كونترول قىلىپ تەرتىپكە سالالايمىز. بۇ چاغدا سىز «ھەركۈل» نىڭ كۈچىنى، ئافرويىدنىڭ شەھۋىتىنى، ئاسېنانىڭ ئىلمىنى، دىيونسوسنىڭ تەلۋىلىكىنى ياكى خالىغان ھەر نەرسىنى سېتىۋالالايسىز. ھازىرغىچە ئىنسان كۈچى ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، تاشقى ۋاسىتىلەرنىڭ تۈرتكىسىدە ئېشىپ باراتتى. كەلگۈسىدە بولسا بۇ ئىنسان بەدىنى ۋە زېھنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلۈشى ياكى بىۋاسىتە ئىشلەتكەن قورال-ۋاسىتىلەرنىڭ بىرلىشىشىگە باغلىق ھالدا ئېشىپ بېرىشى مۇمكىن.
ئىنسانلارنى تەڭرى مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈش مۇنۇ ئۈچ خىل تەرىقىدە بولۇشى مۇمكىن: بىيولوگىيە ئىنژېنېرلىقى، سىبورگ ئىنژېنېرلىقى ۋە غەيرى ئورگانىك مەخلۇقلارنىڭ ئىنژېنېرلىقى.
بىيولوگىيە ئىنژېنېرلىقى ئورگان بەدىنىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق تونۇپ يېتىشتىن تامامەن ئاجىز ئىكەنلىكىمىزنى ئاساسلىق چىقىش نۇقتىسى قىلىدۇ. بىيو -ئىنژېنېرلىق تەبىئىي تاللىنىشنىڭ پۈتكۈل ھۈنەرلىرىنىڭ نامايان بولۇشىنى كۈتۈپ بولالمايدۇ. بىيو -ئىنژېنېرلار بۇرۇنقى ئىنساننىڭ بەدىنىنىڭ گېن خەرىتىسىنى يېڭىدىن سىزىپ چىقالايدۇ، مېڭىسىدىكى ئايلانمىلارنى قايتىدىن باغلىيالايدۇ، بىيو -خىمىيەۋى مۇۋازىنەتنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، ھەتتا يېڭى بەدەن ئەزالىرى لايىھەلەپ چىقالايدۇ.
2015-يىلى ستوكھولمدىكى ئىلغار تېخنولوگىيە مەركىزى ئېپىسەنتىردىكى يۈز نەچچە خادىمنىڭ قولىغا مىكروچىپلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان. گۈرۈكچىلىك بولغان بۇ چىپلەر بىلەن كۈنىمىزدە شەخسىي بىخەتەرلىك ئۇچۇر-مەلۇماتلىرى خاتىرىلەنگەن ئىشچىلارنىڭ قوللىرى ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىشىكنى دەخلسىزلا ئاچقىلى بولىدۇ ياكى كۆپەيتكۈچ ماشىنىلىرىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ. پات يېقىندا بۇ ئۇسۇل بىلەن پۇل تۆلىگىلى بولۇشىمۇ مۇمكىن.
بۇرۇنقى تېرىقچىلىق جەمئىيەتلىرىدىكى نۇرغۇن ئېتىقاد شەكىللىرى مېتافىزىكىلىق سوئاللار ۋە ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھاياتلىققا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە سۇس قارايتتى. بۇنىڭ ئورنىغا كۆپرەك ھوسۇل ئېلىشنىڭ كويىدا يۈرەتتى. بۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، تەۋراتتا تەڭرى ئۆلۈمدىن كېيىن جازالاشنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالمايدۇ ۋە مۇكاپاتمۇ ۋەدە قىلمايدۇ. بەنى ئىسرائىلغا «سىلەرگە بەرگەن بۇيرۇقۇمنى ياخشى ئاڭلاڭلار… دىيارىڭلارغا تۇنجى ۋە ئاخىرقى يامغۇرنى دەل ۋاقتىدا ياغدۇرىمەن، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھوسۇلۇڭلارنى، يېڭى شارابلىرىڭلارنى ۋە زەيتۇن يېغىڭلارنى يىغىۋېلىڭلار. ئېتىزلىقلاردا ھايۋانلىرىڭلار ئۈچۈن ئوت ئۆستۈرۈپ بېرىمەن، سىلەرنىڭمۇ قورسىقىڭلار تويىدۇ. توغرا يولدىن چەتنەپ كەتمەڭلار، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ تازىم قىلساڭلار بولمايدۇ. رەببىڭلار سىلەرگە غەزەبلەنمىگەي، يامغۇر ياغمىسۇن، زېمىن ھوسۇل بەرمىسۇن دەپ ئاسماننى تاقىۋەتمىسۇن، سىلەرگە ئاتا قىلىدىغان مۇنبەت دىياردا ئاسانلا ۋەيران بولۇپ كەتمەڭلار (ياسانىڭ تەكرارى 11: 13-17). كۈنىمىزدە ئالىملار «تەۋراتنىڭ تەڭرىسى»دىن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلالايدۇ. سۈنئىي ئوغۇتلار، قۇرت دورىلىرى ۋە گېنى ئۆزگەرتىلگەن ئۇرۇقلار تۈرتكىسىدە ھاسىل بولغان يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بۇرۇنقى «دېھقانلارنىڭ تەڭرىلىرى» ئاتا قىلغاندىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق. پىژغىرىم ئىسسىقتىن كۆيۈپ تۇرىدىغان ئىسرائىلىيە دۆلىتى غەزەپلەنگەن بىر ئىلاھنىڭ ئاسماننى تاقىۋېلىپ بارلىق يامغۇرنى توختىتىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ كەتمەيدۇ. بەلكىم پات يېقىندا ئاق دېڭىز بويلىرىغا قۇرۇپ چىققان تۇزنى ئېرىغداش سىستېمىلىرى تۈرتكىسىدە دېڭىزدىن تاتلىق سۇ تارتىپ چىقىرىپ سۇ ئېھتىياجىنى قامدىيالىشىمۇ مۇمكىن.
ھازىرغىچە «ئۆتمۈشنىڭ تەڭرىلىرى» بىلەن رىقابەتكە چۈشۈپ تېخىمۇ ئىلغار ۋاسىتىلارنى ئىشلەپچىقىرىپ كەلدۇق. يېقىن مەزگىل ئىچىدە «قەدىمكى تەڭرى»لەرنى قورال-ۋاسىتىلىرى بىلەنلا ئەمەس جىسمانىي ۋە زېھنىي قابىلىيەتلىرى بىلەنمۇ يېڭەلەيدىغان ئادەتتىن تاشقىرى ئىنسانلار پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
ئىنسانلار مۆلچەردىكىنمۇ ئۇزۇن ياشايدۇ ۋە پېنسىيە مائاشلىرى بىلەن داۋالاش چىقىملىرىنى تۆلەشكە پۇلى يەتمەيدۇ. 70ياشلىقلار قايتىدىن 40 ياش بولۇشقا باشلىغاندا، مۇتەخەسسىسلەر پېنسىيە يېشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە مۇلازىمەت بازىرىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ياخشىلاشتۇرۇشتىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئېنىق پاسىل يوق. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئىجابىي جەريانلار ئوتتۇرىسىدا روشەن پەرق تاپالمايمىز. مېدىتسىنا كۆپ چاغلاردا ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدىكى ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يولغا چىقسىمۇ ئوخشاش تەجرىبە ۋە بىلىم نورمالدىن ھالقىپ ئۆتۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ۋىئاگرا دەسلەپ قان بېسىمىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ياسالغان دورا بولسىمۇ، پىفىزېرنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە جىنسىي تۇراقسىزلىققا چارە بولدى. مىليونلارچە ئەر قايتىدىن جىنسىي قابىلىيىتىگە ئېرىشكەن بولسا، ھېچقانداق مەسىلىسى يوقلارمۇ ئوخشاش دورىنى نورمال سەۋىيەدىن ئېشىش ۋە ئىلگىرى ئۆزىدە بولمىغان جىنسىي قابىلىيەتكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشتى.
بەزى دورىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا چۈشەندۈرگىلى بولىدىغان بۇنىڭغا ئوخشاش ھېكايىلەر ئوخشاشلا پۈتكۈل بىر مېدىتسىنا تارىخىنىڭ ھېكايىسىدۇر. مودېرىن (زامانىۋى)پىلاستىك ئوپېراتسىيەسى 1-دۇنيا ئۇرۇشى ئەسناسىدا ئالدېرشوت ھەربىي دوختۇرخانىسىدا ھارولد گىللېسنىڭ يۈزدىكى يارىلارنى داۋالاش جەريانىدا پەيدا بولدى. ئۇرۇشتىن كېيىن ۋىراچلار بۇ تېخنىكىلارنىڭ تولىمۇ ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى لېكىن مايماق بۇرۇنلارنى تۈزەپ چىرايلىق قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. بۇ ساھەدىكى دوختۇرلار ھېلىھەم بىمار ۋە يارىدارلارغا ياردەم قىلىۋاتقان بولسىمۇ بەكرەك ھۆسن تۈزەش ئىشلىرىغا يۈزلىنىشكە باشلىدى. كۈنىمىزدە بۇ ساھەدىكى ۋىراچلار ساق ئادەمنى داۋالاپ بايلارنىڭ چىرايلىرىنى تۈزەپ چىقىدىغان دوختۇرخانىلاردا مىليون دوللار كىرىم قىلماقتا. بۇ ئەھۋال گېن ئىنژېنېرلىقىدىمۇ ئۇچرايدۇ.
ئۆزگىرىشچان تەنچىلەر داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان خەتەرلەردىن ھېسابلىنىدۇ. ھەر قانداق ئادەمنىڭ د ن ئا سىدا (DNA) زىيانلىق ئۆزگىرىشچان تەنچىلەر ۋە خەتەرلىك تەڭداش گېنلار تېپىلىشى مۇمكىن. جىنسىي ئاۋۇش بىر لاتارىيە بېلىتىگە ئوخشايدۇ. (مەشھۇر لېكىن ئويدۇرما بىر ھېكايەتتە، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاناتولې فىرانس بىلەن ساھىبجامال ئۇسسۇلچى ئىسادورا دۇنكاننىڭ 1923-يىلدا قانداق دىدارلاشقانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ، ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا ئەينى ۋاقىتتىكى ئىنسان ئىرقىنىڭ ئىسلاھ ھەرىكىتى ئۈستىدە پاراڭ بولىدۇ، دۇنكان: مېنىڭ گۈزەللىكىم ۋە سىزنىڭ زېرەكلىكىڭىز مۇجەسسەملەنگەن بىر بالا ئاپىرىدە قىلىشنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟ دېگەندە فىرانس مۇنداق دېگەن: ئەلۋەتتە، لېكىن ئۇ بالا يا مېنىڭ چىرايىم ۋە سىزنىڭ ئەقلىڭىزنى مىراس ئالسا قانداق بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ.)
ئۇنداقتا نېمىشقا بۇ لاتارىيە بېلىتىگە بىر ئاز مۇداخىلە قىلىپ باقمايمىز؟ بىردىن ئارتۇق تۇخۇم ئۇرۇقلاندۇرۇپ ئەڭ ياخشى بىرلەشمىنى تاللاپ چىقايلى. ناۋادا غول ھۈجەيرە تەتقىقاتلىرى ئەرزان ۋە سان-ساناقسىز ئىنسان تۆرەلمىلىرى يېتىشتۈرۈپ چىقالىسا، ئۆزىڭىزنىڭ د ن ئا سىنى بولغان، تولىمۇ تەبىئىي، گېن ئىنژېنېرلىقىنىڭ ئازراقمۇ مۇداخىلىسى بولمىغان ئېھتىماللىقلار قاتارىدىن ئەڭ مۇۋاپىق بوۋاقنى تاللىيالايسىز. بۇ ئىشنى بىر نەچچە ئەۋلاد داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، ئاسانلا دەرىجىدىن تاشقىرى ئىنسانلاردىن تەشكىل تاپقان جەمئىيەت بەرپا قىلىپ چىقالايسىز، دېگەن گەپ.
21-ئەسىرنىڭ كۈنتەرتىپىدە مۇنۇ ئۈچ مەسىلە ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدىغاندەك تۇرىدۇ: ئۆلۈمسىزلىك، خۇشاللىق ۋە تەڭرى مەرتىۋىسىگە يېتىش.
ئىنسان ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى نەسىلىنى ئۇنتۇش ئۈچۈن جان جەھلى بىلەن كۈرەش قىلماقتا. لېكىن ئۆزىمىزنى تەڭرى مەرتىۋىسىگە يەتكۈزۈش يولىدا نەدىن كەلگەنلىكىمىزنىمۇ ئەسلەپ تۇرۇش تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى ھايۋان-ئىنسان مۇناسىۋىتى، كەلگۈسىدە دەرىجىدىن تاشقىرى ئىنسانلار بىلەن نورمال ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا ئورنىتىلىدىغان مۇناسىۋەتكە ئەڭ يېقىن ئەندىزە بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.
ئادەتتىن تاشقىرى زېرەك سىبورگلارنىڭ ئادەتتىكى ئىنسانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغا قىزىقمامسىز؟ بۇنى ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش بىلەن باشلىسىڭىز مۇۋاپىقراق بولۇشى مۇمكىن. بۇ مۇكەممەل ئوخشىتىش بولمىسىمۇ خىيال قىلىشنىڭ ئورنىغا ئەمەلىي كۆزەتكىلى بولىدىغان ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلدۇر.
گۇمانىزمنىڭ تارىخى ئۇزۇن ئەمەس. 300 يىلدىن بۇيان دۇنيادا ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا تۇرۇپ كەلمەكتە، پىرئەۋىنلەر مىسىرنى ئۈچ مىڭ يىل، پاپالىق بولسا ياۋروپانى مىڭ يىل باشقۇردى. 2.رامسېس دەۋرىدە بىر مىسىرلىققا پىرئەۋننىڭ ھامان بىر كۈنى يوق بولىدىغانلىقىنى دەيدىغان بولسىڭىز، ئۇ مىسىرلىق قاتتىق ھەيران قېلىپ: بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن، بىز پىرئەۋىنسىز قانداقمۇ ياشايمىز؟ نىزام، ئادالەت ۋە تىنچلىقنى كىم قوغدايدۇ ؟ دەپ جاۋاب بەرگەن بولاتتى. ئوتتۇرا ئەسىردە ئىنسانلارغا تەڭرىگە ئېھتىياجىمىز قالمايدىغانلىقىنى دەيدىغان بولسىڭىز، ئىنسانلار قورقۇنچ ئىچىدە: بۇ مۇمكىنمۇ؟ ئىنسان تەڭرىسىز قانداق ياشايدۇ؟ ھاياتىمىزنى كىم مەقسەت ۋە غايىگە ئىگە قىلىپ قىيامەتتىن بىزنى كىم قوغدايدۇ؟دەپ نالە-پەرياد ئوقۇغان بولمامتتى؟
بەزى ئىنسانلار ئۆتمۈشكە قاراپ پىرئەۋىنلەرنىڭ يوق بولۇشى ۋە ئىنساننىڭ تەڭرىگە ئېھتىياجى قالمىغانلىقى چۈشەنچىسىنىڭ جايىدا ئىش بولغانلىقىنى ئويلىشىدۇ. بەلكىم گۇمانىزمنىڭ يىمىرىلىشىمۇ بەزى ياخشى ئەھۋاللارنىڭ پەيدا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن. ئىنسانلار ئۆزلىرىگە قاراڭغۇ ۋە سىرلىق نەرسىلەردىن قورقىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزگىرىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇشىدۇ. لېكىن تارىخنىڭ يېگانە ئۆزگەرمەيدىغان نەرسىسى ھەر نەرسىنىڭ ئۆزگىرىشىدۇر.

ئەجدادتىن مىراس قالغان ئېھتىياجلار

بارلىق ئېھتىياج، ئارزۇ-ھەۋەس، ئىستەك ۋە ھېس-تۇيغۇلارنىڭ ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئاۋۇشىنىڭ تەبىئىي شاللىنىشنىڭ بېسىملىرىنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن شەكىللەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. لېكىن بۇ بېسىم تۇيۇقسىز غايىب بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئۇلارنى شەكىللەندۈرگەن ئېھتىياج، ئىستەك، ئارزۇ-ھەۋەس، ھېس-تۇيغۇلار غايىب بولۇپ كەتمەيدۇ. ھېچ بولمىغاندا تۇيۇقسىز غايىب بولۇپ كەتمەيدۇ. بۇلار ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئاۋۇشى ئۈچۈن فۇنكسىيەلىك رولغا ئىگە بولمىسىمۇ ھايۋانلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ھەم ھايۋانلار ھەمدە ئىنسانلارغا نىسبەتەن تەبىئىي شاللىنىشنىڭ بېسىملىرىنى بىر كېچىدىلا ئۆزگەرتىۋەتكەن تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى جىسمانىي، ھېس-تۇيغۇ ۋە ئىجتىمائىي ئېھتىياجلىرىنى ئۆزگەرتەلمىدى. تەدرىجىي تەرەققىيات ئەلۋەتتە ھېچقاچان ئۆز ئورنىدا تۇرمايدۇ ۋە تېرىقچىلىق پەيدا بولغان 12000 يىلدىن بۇيان ئىنسانلارنى ئۆزگەرتىپ كەلمەكتە. مەسىلەن، ياۋروپا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى ئىنسانلار كالا سۈتىنى ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش جەريانىدا ئىنسانلاردىن قورقمايدىغان كالىلارمۇ ۋەھشىي ئەجدادلىرىغا قارىغاندا بەكرەك سۈت ئىشلەپچىقىرىدۇ. لېكىن بۇلار يۈزەكى ئۆزگىرىشلەر ھېسابلىنىدۇ، كالىلار ۋە ئىنسانلارنىڭ تېرىلىرىدىكى سېزىم ۋە ھېس-تۇيغۇلۇق قۇرۇلمىلار تاش-قوراللار دەۋرىدىن بۇيان ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلمىدى.
سىزچە ھازىرقى ئىنسانلار تاتلىق-تۈرمىلەرنى نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا ياخشى كۆرۈپ يېيىشىدۇ؟ 21-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئىنسانلار ھاياتتا قېلىش ئۈچۈن شاكىلات ۋە ماروژنى بىلەن ئوزۇقلىنىشقا مەجبۇر ئەمەس ئىدى، لېكىن تاش-قوراللار دەۋرىدىكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىر مېۋە ياكى ھەسەلگە ئېرىشكەندە قانچىلىك يېيەلىسە شۇنچىلىك يېيەلەيتتى. ئۇلارغا نىسبەتەن قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىش قانچىلىك يېيەلىسە شۇنچىلىك مېۋە ياكى ھەسەل يېيىش ئىدى. نېمىشقا ياشلار پەرۋاسىزلارچە ماشىنا ھەيدەيدۇ، جېدەل قىلىدۇ ياكى ئىنتېرنېتتە مەخپىي ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى خاكېرلاشقا ئۇرۇنىدۇ؟ چۈنكى كۈنىمىزدە مەنىسىز ھەتتا پايدىسىزدەك بىلىنىدىغان بۇ كونا گېنلىق قارار ۋە خاھىشلار، 70 مىڭ يىل ئىلگىرى تەدرىجىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىن زۆرۈر ئىدى. ھاياتىنى خەتەرگە ئىتتىرىپ ناھايىتى يۈرەكلىك ھالدا يىلپىزدەك يۈگۈرگەن بىر ئوۋچى، بارلىق رەقىبلىرىنى شاللاپ رايوندىكى ساھىبجامال قىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالايتتى. كۈنىمىزدە بولسا بۇنداق يۈرەكلىك ۋە قالتىس يىگىتلەرنىڭ گېنلىرى ئەمەس ئەرلەرگە ئوخشايدىغان گېنلارلا بار.
نەتىجىدە ئوخشاش تەدرىجىي تەرەققىيات مەنتىقىسى ئىنسانلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدىكى كالىلارنىڭ، بۇقىلارنىڭ ۋە موزايلارنىڭ ھاياتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
يېقىنقى مەزگىلدە بىيولوگىيە ساھەسىدىكى ئالىملار ئاڭ-سېزىملارنىڭ شېئىر يازدۇرىدىغان ياكى سىمفونىيە ئىجاد قىلالايدىغان سىرلىق، رۇھانى ۋە غايىۋانە نەرسە ئەمەسلىكىنى بايقاپ چىقتى. دەرۋەقە، ئالىملار ئاڭ-سېزىملارنى سۈت ئەمگۈچىلەرنىڭ ھاياتتا قېلىشى ۋە ئاۋۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىيو -خىمىيەۋى ئالگورىتمىلار (ھېسابلاش مېتودى) سۈپىتىدە كۆرۈشكە باشلىدى. ئۇنداقتا بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟ ئالدى بىلەن ئالگورىتمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە ئىزاھات بېرەيلى.
ئالگورىتما كۈنىمىزدە ئەڭ مۇھىم ئۇقۇملاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
بىر ئالگورىتما قۇرۇش مەسىلىنى يېشىش ۋە قارار چىقىرىش مەقسىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بىر قاتار مېتودلارنى كۆرسىتىدۇ. ئالگورىتما مۇئەييەن بىر ھېسابلاش قائىدىسى بولماستىن، ھېسابلاش جەريانىدا ئىشلىتىلىدىغان مېتودنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ئىككى ساننىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتىنى ھېسابلىماقچى بولسىڭىز ئالدى بىلەن ئاددىي بىر ئالگورىتما ئىشلىتىسىز.
ئالگورىتمىغا ئاساسلانغاندا، «بىرىنچى قەدەم ئىككى ساننى قوشۇش، ئىككىنچى قەدەم يىغىندىنى بۆلۈش»، 4 ۋە 8 رەقەملىرىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتىنى چىقارماقچى بولسىڭىز 6گە ئېرىشىسىز. 117 ۋە 231نى تاللىغان ۋاقتىڭىزدا ئوتتۇرىچە سان 174 چىقىدۇ.
بۇنىڭدىن تېخىمۇ مۇرەككەپ مىسال بېرىشكە توغرا كەلسە تاماق ئېتىش ئۇسۇللىرى مۇۋاپىقراق. بىر كۆكتاتلىق شورپا تەييارلاشنىڭ ئالگورىتمىسى مۇنداق:
1 – يېرىم ئىستاكان ماينى قازاندا ئىسسىتىڭ.
2 – تۆت باش پىيازنى ئىنچىكە قىلىپ توغراڭ.
3 – پىيازنى ساغارغۇچە قورۇڭ.
4 – ئۈچ باش بەرەڭگىنىمۇ ساغارغۇچە قورۇڭ.
5 – كاللەك سەينى قەلەمچە شەكلىدە توغراپ قازانغا سېلىڭ.
ۋە بۇ مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىدۇ. ئوخشاش ئالگورىتمىنى قايتا-قايتا ھەر قېتىم ئوخشىمىغان كۆكتاتلارنى ئىشلىتىپ پەرقلىق شورپىلارنى تەييارلاپ چىقسىڭىز بولىدۇ. لېكىن ئالگورىتما ئۆزگەرمەي شۇ پېتى قالىدۇ.
تەييارلاش ئۇسۇلى ئۆز ئالدىغا شورپا قىلالمايدۇ ئەلۋەتتە. تەييارلاش ئۇسۇلىنى ئوقۇپ قەدەم باسقۇچلىرى بويىچە ئىش تۇتۇش ئۈچۈن بىرسىگە ئېھتىياجىمىز بار. لېكىن بۇ ئالگورىتمىنى ئاپتوماتىك بىر تەرەپ قىلالايدىغان بىر ماشىنا لايىھەلەپ چىقسىڭىزمۇ بولىدۇ. ماشىنىغا سۇ، كۆكتات ۋە توك بەرسىڭىز ماشىنا بىردەمدىلا شورپىنى تەييارلاپ چىقىدۇ. شورپا تەييارلايدىغان ماشىنىلار بولمىسىمۇ لېكىن ئىچىملىك تەييارلايدىغان ماشىنىلار ئاللىبۇرۇن ئىجاد قىلىنىپ بولدى. بۇ ماشىنىلارنىڭ پۇل سالىدىغان كىرىش ئېغىزى، ئىچىملىك چىقىرىپ بېرىدىغان چىقىش ئېغىزى ۋە رەت-رەت كۇنۇپكىلىرى بار: تۇنجى رەتتە قەھۋە ۋە چاي كۇنۇپكىلىرى، ئىككىنچى رەتتە قەنتسىز، ئاز قەنت ۋە قەنت يېزىلغان كۇنۇپكىلىرى، ئۈچىنچى رەتتە سۈتسىز، سۈتلۈك ۋە قويۇق سۈتلۈك كۇنۇپكىلىرى بار. ماشىنا قېشىغا كەلگەن بىرى پۇلنى كىرىش ئېغىزىغا سالىدۇ، قەھۋە، ئاز قەنت ۋە سۈت يېزىلغان كۇنۇپكىلىرىنى باسىدۇ. قوزغىلىشقا باشلىغان ماشىنا ئاللىبۇرۇن تەڭشىلىپ بولغان قەدەم باسقۇچلار بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ. ئىستاكانغا قەھۋەنى ۋە قايناق سۇنى قوشىدۇ، بىرئاز قەنت ۋە سۈتتىن كېيىن سىگنال بېرىدۇ ۋە بىر ئىستاكان قەھۋە تەييار بولىدۇ. مانا مۇشۇ دەل ئالگورىتمىدۇر.
بۇرۇنلاردا بىيولوگلار كۇنۇپكىلارنى بېسىپ قەھۋە ئىچكەن ئىنسانلارنىڭمۇ بىرەر ئالگورىتما ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقانىدى. شەكسىزكى، ئاپتوماتىك ماشىنىدىن تېخىمۇ مۇرەككەپ بىر ئالگورىتما مەۋجۇت بولسىمۇ، ئىنسانمۇ بىر ئالگورىتما ھېسابلىنىدۇ.
ئاپتوماتىك ماشىنىلارنى كونترول قىلىدىغان ئالگورتىمالار مېخانىك ئۈسكۈنىلەر ۋە ئېلېكتىر ئېقىملىرى بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. ئىنسانلارنى كونترول قىلىدىغان ئالگورىتمالار بولسا خۇددى ئىنسانلارنىڭ كالىلارنى، بابۇنلارنى، بۇلغۇنلارنى ياكى توخۇلارنى كونترول قىلغىنىغا ئوخشاش ھېس-تۇيغۇلار، سېزىملار ۋە چۈشەنچىلەر بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ.

ئىنساننىڭ تاۋار ماركىسى

ئىنسانلارنىڭ روھلىرىنىڭ ئەبەدىيلىكتە ياشايدىغانلىقى، ھايۋانلارنىڭ بەدەنلەردىن تەشكىل تاپقان مەخلۇقلار ئىكەنلىكىگە بولغان ئېتىقاد قانۇن، سىياسىي ۋە ئىقتىساد تۈزۈلمىلىرىمىزنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ يېيىش ئۈچۈن ھەتتا بەزىدە ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ۋە ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈشىنىڭ ئادەتتىكى ئىشتەك بىلىنىشى ئىشنىڭ نە قەدەر ۋەھىمىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە تىپىك مىسال بولالايدۇ.
يېقىنقى يىللاردا ئىلىم-پەن ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن ئىجاد ۋە يېڭىلىقلار بەزى دىنى ئەقىدىلەر تەشەببۇس قىلغان تەلىماتلارغا زىت بولماقتا. بىر خۇدالىق دىنلاردا «ھايۋانلارنىڭ روھى»نىڭ يوقلىقى قەيت قىلىنىدۇ. تەجرىبىخانىلاردا ئېلىپ بېرىلغان سىناقلارمۇ بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە، بۇ ساھەدە ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەتقىقات ۋە خىزمەتلەر نەتىجىسىدە كالىلار، چاشقانلاردا روھنىڭ ئازراقمۇ ئىزى ئۇچرىمىدى. لېكىن بۇ تەجرىبىخانىلاردا ئىنسانلارنىڭ روھىنىڭ يوقلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقىش ئۈچۈن سىناقلار ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇ تەجرىبىخانىلاردىكى تەتقىقاتچىلار بۇ ساھەدە مۇئەييەن نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنىمۇ ئىلگىرى سۈرمەكتە.
تەتقىقاتچىلار ، ئالىملار ئىنسان ئۈستىدە ئون مىڭلارچە غەلىتە سىناق ئېلىپ بېرىپ قەلبىمىزنىڭ ھەر بۇلۇڭى، مېڭىمىزنىڭ ھەر يېرىگە قاراپ چىققان بولسىمۇ، ھازىرغىچە سىرلىق بىر ئالاھىدىلىك بايقاپ چىقالمىدى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، پەن ساھەسىدە كالىلارغا ئوخشاش ئىنساننىڭ روھى يوقلىقى توغرىسىدا ئازراقمۇ دەلىل تېپىلمىدى. بىز بىلىدىغان نەرسىلەر نوقۇل بۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلىك بولغان بولسا ئىدى، ئالىملار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقاتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان بولاتتۇق. ھازىرغىچە روھ دەپ بىر نەرسە تاپالمىغىنىغا قارىغاندا بەلكىم بۇنى ياخشى تەتقىقات قىلالمىغان بولسا كېرەك. لېكىن بىيولوگىيە يېتەرلىك دەلىل تېپىلماسلىقىدىن ئەمەس، روھقا بولغان ئېتىقاد تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق قانۇنىيەتلىرىگە زىت كەلگەنلىكى ئۈچۈن روھنىڭ بارلىقىدىن گۇمانلىنىدۇ. تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىنىڭ بىرلا خۇداغا ئىشىنىدىغان دىندارلار ئارىسىدا پەيدا قىلغان نەپرەتنىڭ سەۋەبى دەل مۇشۇدۇر.
مەكتەپلەردە تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسى توغرۇلۇق ئەتراپلىق ۋە توغرا مەلۇمات بېرىلمەيۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان. بۇنىڭ ئەكسىچە ئاشقۇن دىندارلار ھېلىھەم تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىنىڭ مەكتەپلەردە ئوقۇتۇلماسلىقىنى تەشەببۇس قىلماقتا ۋە بارلىق ئورگانىزملارنىڭ ئۈستۈن ئەقىل (تەڭرى) تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى ياقلايدىغان ئەقىللىك لايىھە نەزەرىيەسىنىڭ بالىلارغا چوقۇم ئۆگىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلماقتا: «ھەر ئىككى نەزەرىيەنى ئۆگىتىڭلار، بالىلار قايسىغا ئىشىنىشنى ئۆزلىرى قارار قىلسۇن.»
نىسپىيلىك نەزەرىيەسىمۇ بىز قەدىرلەپ كېلىۋاتقان ئېتىقادىمىزغا زىت كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ھېچكىمنى خاپا قىلىپ قويمايدۇ. كۆپ قىسىم ئىنسان زامان ياكى ماكاننىڭ مۇتلەق ياكى نىسپىي بولۇپ بولماسلىقىغا قىزىقىپ كەتمەيدۇ. ناۋادا سىز زامان ۋە ماكاننى قول قايرىۋەتكەندەك قايرىۋېتەلىشكە كۆزىڭىز يەتسە، قېنى سىناپ بېقىڭ. ئەپسۇس دارۋىن روھلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى، ناۋادا تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسى ئىسپاتلانغان تەقدىردە، روھنىڭ يوقلۇقى پەن ساھەسىدە رەسمىي مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ. دىندار بىر خىرىستىيان ياكى مۇسۇلمان ۋەياكى سېكۇلارغا نىسبەتەن ئۆلۈمدىن كېيىن باقى بولىدىغان ئەبەدىي ھاياتلىق قارىشىدىن ۋاز كېچىش تولىمۇ ۋەھىمىلىك بولسا كېرەك.
«شەخس»كەلىمىسىنىڭ ئىنگلىزچە مەنىسى بولغان « individual» ئەسلىدە بۆلۈش مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «divide » كەلىمىسىنىڭ « in » دېگەن بولۇشسىز قوشۇمچىسى بىلەن بىرلىشىشىدىن ھاسىل بولغان ۋە مەنە جەھەتتىن «بۆلگىلى بولمايدىغان» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بۆلگىلى بولمايدىغان بىر «individual» ئىكەنلىكىمنى ئېتىراپ قىلىش شەخسىيىتىمنىڭ بىر يەرگە جەم قىلىنغان پارچىلاردىن تەشكىل تاپمىغانلىقىنى، ئەكسىچە پۈتۈن مەخلۇق ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ھاياتلىق تەڭپۇڭلۇقى

زامانىۋى بىلىمنىڭ تۇنجى پېشۋالىرى نۇرنىڭ ھەرىكىتىنى ئىزاھلىغاندا كائىناتنىڭ ئىفېرا ئىسىملىك بىر ماددا بىلەن تولۇپ تاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ نۇرنىڭ ئىفېرا دولقۇنلىرى ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغانىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئىفېرانىڭ بارلىقى توغرىسىدا بىرمۇ دەلىلگە ئېرىشەلمەي نۇر توغرۇلۇق يېڭى ۋە تېخىمۇ ئەتراپلىق نەزەرىيەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاقىۋەت، ئىفېرا بىلىمنىڭ ئەخلەتخانىسىغا كۆمۈلدى.
ئىنسانلار مىڭلارچە يىل ھەر خىل تەبىئەت ھادىسىلىرىنى ئىزاھلاش ئۈچۈن دىندىن پايدىلاندى. نېمە ئۈچۈن چاقماق چاقىدۇ؟ «تەڭرى»خالىغانلىقى ئۈچۈن. نېمە سەۋەبتىن يامغۇر ياغىدۇ؟ «تەڭرى»ئارزۇ قىلغانلىقى ئۈچۈن. زېمىندىكى ھاياتلىق قاچان باشلىغان؟ «تەڭرى»باشلىدى. ئۆتكەن ئەسىرلەردە ئالىملار ۋە تەتقىقاتچىلار تەڭرىنىڭ بارلىقى ھەققىدە تەجرىبىدىن ئۆتكەن ھېچقانداق ئىسپات تاپالمىغان بولسىمۇ، لېكىن چاقماق، يامغۇر ۋە ھاياتلىقنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئىزاھلاش مەسىلىسىدە زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدى. تارىخچىلار ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا تەڭرىنىڭ ياردىمى بىلەن غەلىبە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمىگىنىدەك، ئىقتىسادچىلارمۇ 1929-يىلدىكى كىرىزىس سەۋەبىدىن تەڭرىدىن ئاغرىنىپ كەتمەيدۇ. گىئولوگلار يەر قاتلاملىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئىزاھلاش ئۈچۈن تەڭرىگە مۇراجىئەت قىلمايدۇ.
پەن ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە قارىساق روھنىمۇ ئوخشاش قىسمەت ساقلاپ تۇرۇۋاتقاندەك قىلىدۇ. مىڭلارچە يىل ئىنسانلار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قارارلىرىنى روھنىڭ شەكىللەندۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ كەلدى. لېكىن روھنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان بىرمۇ دەلىل تېپىلمىغاچقا، باشقا نەزەرىيەلەرنىڭ نوپۇزىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ بىيولوگىيە روھ ئۇقۇمىنىمۇ تارىخنىڭ سەھىپىلىرىگە كۆمۈۋەتتى. نۇرغۇن بىيولوگ ۋە دوختۇر ھېلىھەم روھنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ، لېكىن كەسپىي ھاياتىغا روھ ئېتىقادىنى ئارىلاشتۇرماسلىققا تىرىشىدۇ.
زېھىننىڭمۇ روھ، تەڭرى ۋە ئىفېرا ئۇقۇملىرى بىلەن بىرلىكتە پەن تارىخىنىڭ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلمىدىمۇ؟ قىسقىسى، ھازىرغىچە ھېچكىم مىكروسكوپتا ئازابنى ۋە سۆيگۈنى كۆزىتىپ باقالمىغان بولسىمۇ بۇ ھېس-تۇيغۇلارنى سۇبيېكتىپ چۈشەنچىلەر بىلەن ئەمەس ئوبيېكتىپ بولغان بىيولوگىيە ئىلمىي بىلەن ئىزاھلىيالايمىز. زېھىن بىلەن روھ ئوتتۇرىسىدا روشەن پەرق بار بولۇپ، پەن ساھەسىدە روھنىڭ ئەبەدىي ئىكەنلىكى تەخمىندىن ئىبارەت دەپ قارالسا، ئاغرىق ۋە ئازابنى بىۋاسىتە ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
ئاڭ-سېزىم مېڭە خىزمىتىنىڭ كېرەكسىز بىيولوگىيەلىك مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ. موتورلار غەلىتە ئاۋاز چىقىرىپ قوزغىلىدۇ لېكىن بۇ غەلىتە ئاۋاز ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشىدا ھېچقانداق رول ئوينىمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ كاربون تۆت ئوكسىگېنغا ئېھتىياجى يوق، لېكىن ھەر نەپەس ئالغاندا كاربون تۆت ئوكسىگېن قويۇپ بېرىدۇ. ئوخشاش ئاڭ-سېزىممۇ مۇرەككەپ نېرۋا سىستېمىلىرىنىڭ قوزغىلىشى نەتىجىسىدە پەيدا بولغان زېھنىي بۇلغىنىش بولۇپ، بۇ ھېچنېمىگە يارىمايدىغان پەقەت مەۋجۇتلا بولغان نەرسىدۇر. ناۋادا بۇ قاراش توغرا بولسا مىليونلارچە يىلدىن بۇيان مىلياردلارچە مەخلۇق چەككەن ئازاب-ئوقۇبەت ۋە ئاغرىق پەقەتلا زېھنىي بۇلغىنىشتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس دېگەن گەپ. بۇ قاراشنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلانمىغان بولسىمۇ، لېكىن 2016-يىلى پەن ساھەسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەتراپلىق نەزەرىيە ھېسابلىنىدۇ.
مايمۇن ۋە چاشقانلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان سىناقلارنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، ھېچ بولمىغاندا بۇ ئىككى ھايۋاننىڭ مېڭىسىدە ھېسنىڭ ئىزلىرى بايقالغان. ئىنسان ۋە ھايۋان مېڭىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشىماسلىقلار ۋە نۆۋەتتە ھېسنىڭ سىرلىرىنى بايقاپ چىقىشتىن تولىمۇ ئاجىز ئىكەنلىكىمىزنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، پەن ساھەسىدىكىلەرنى قايىل قىلىدىغان سىناقلارنى ئېلىپ بېرىشقا نۇرغۇن يىل كېتىدىغاندەك تۇرىدۇ. ئۇنداقتا ھايۋانلارنىڭ ھېسقا ئىگە ياكى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش ۋەزىپىسىنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟ ئەكسى ئىپساتلانغۇچە ئىتلارنى ئەقىلسىز ماشىنىلار دەپ قارىساق بولامدۇ؟ ياكى قايىل قىلارلىق ئىسپات تېپلمىغۇچە ئىتلارنى ھېسقا ئىگە مەخلۇق دەپ قارامدۇق؟
2012-يىلى 7-ئىيۇلدا نېرۋا ئىلمى ۋە ھېسسىي ئىلىملەرنىڭ نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلىرى كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا «كامبىرىج ئاڭ-سېزىم خىتابنامىسى» ئىمزالىدى. بۇ خىتابنامىدە «ئورتاق دەلىللەر ھايۋانلاردا نېرۋا ئاناتومىيەسى، نېرۋا خىمىيەسى ۋە نېرۋا فىزىيولوگىيەلىك سېزىملىرىنىڭ تۆۋەن قاتلاملىرىنىڭ بارلىقىنى ۋە ھايۋانلارنىڭ قەستەن ھەرىكەت قىلىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. قولىمىزدىكى ئىسپاتلارغا قارىغاندا ئىنسان ئاڭ-سېزىم پەيدا قىلالايدىغان نېرۋا خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە يېگانە مەخلۇق ئەمەس. بارلىق سۈت ئەمگۈچىلەر ۋە قۇشلار، شۇنداقلا سەككىز پۇتلۇق بېلىق بولۇپ نۇرغۇن جانلىقلاردا نېرۋا خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىك بار.»
خىتابنامىدە باشقا ھايۋانلارنىڭمۇ ئاڭ-سېزىمغا ئىگە ئىكەنلىكى توغرىسىدا گەپ يوق، چۈنكى ھېلىھەم بۇ ھەقتە ئوچۇق دەلىللەر ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى. بۇنىڭ زىتىنى ئويلايدىغانلار ئىسپاتلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ.
2015-يىلى ئىلىم-پەن دۇنياسى بايرام تەنتەنىسى ياشىدى. يېڭى زېللاندىيە «ھايۋان ھوقۇقىنى قوغداش قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاش ئارقىلىق، دۇنيادا ھايۋانلارنىڭ ھېس قىلالايدىغان ئاڭ-سېزىملىك مەخلۇقلار ئىكەنلىكىنى قانۇن جەھەتتىن ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۆلەت بولدى.
ئۆتكەن 20000 يىلدا ئىنسان نەسلى ئۇچى تاش بولغان نەيزىلەر بىلەن ئوۋ ئوۋلايتتى، ھازىر بولسا ئالەم كېمىسى ئارقىلىق قۇياش سىستېمىسىنى بايقاپ چىقىش يولدا كۈچ سەرپ قىلماقتا. بۇ ئۇزۇن مۇساپە جەرياندا ئىنسان نەسلى قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلارغا قانداقتۇر ماھارەتلىك قوللىرى ۋە چوڭ مېڭىلىرىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىشى تۈرتكىسىدە ئېرىشمىدى (ھەتتا مېڭىمىز بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كىچىكرەك). دۇنيانى قولغا كىرگۈزۈپ كونترول قىلىشتا ئەڭ ھالقىلىق رول ئوينىغان نەرسە نۇرغۇن ئىنساننى بىر يەرگە يىغىپ بىر-بىرى بىلەن ئالاقە تور ھاسىل قىلىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتۇر. بۇ قانداقتۇر ئىنساننىڭ شىمپەنزە ياكى بۆرىگە قارىغاندا تېخىمۇ زېرەك بولۇشى ياكى ماھارەتلىك قوللارغا ئىگە بولغانلىقىدىن ئەمەس. ئىنسان زور تۈركۈمدىكى كىشىلەر بىلەنمۇ ئېلاستىك ھەمكارلىق ئورنىتىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان يېگانە مەخلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلالايدۇ. ئەقىل ۋە قورال ياساش قابىلىيىتىمۇ مۇھىم ئەلۋەتتە. لېكىن ئىنسانلار كوللېكتىپ ھالەتتە ئېلاستىك ھالدا ھەمكارلىق ئونىتالمىغان بولسا ئىدى، ئىجادچى مېڭىمىز ۋە چېۋەر قوللىرىمىز ئۇران ئاتوملىرى ئورنىغا ھېلىھەم چاقماق تېشى پارچىلاپ ياشىغان بولاتتى.
ئۇنداقتا ھەمكارلىق مۇھىم ئالاھىدىلىك بولىدىغان بولسا، مىليونلارچە يىلدىن بۇيان كوللېكتىپ ھالەتتە ھەمكارلىق ئورنىتالىشىنىڭ ئەكسىچە نېمە ئۈچۈن چۆمۈلىلەر ۋە ھەرىلەر يادرو بومبىلىرى بىلەن بىزنى يوق قىلالمىدى؟ چۈنكى ئۇلار ئېلاستىك ھەمكارلىق ئورنىتىش قابىلىيىتىدىن مەھرۇمدۇر. ھەرىلەر كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلغۇدەك دەرىجىدىكى مۇرەككەپ ئۇسۇللار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ، لېكىن ئۇلار ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلىرىنى بىر كېچىدە ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ھەرىلەر كۆنەكلىرى خەۋپكە ئۇچرىسا ياكى قولىغا پۇرسەت كەلسە ئىنسانلارغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلالمايدۇ.
پىل ۋە شىمپەنزىگە ئوخشاش ھايۋانلار ھەرىلەرگە قارىغاندا بەكرەك ئېلاستىك ھەمكارلىق ئورنىتالايدۇ لېكىن ئۇلارنىڭ دوستلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سانىنىڭ ئاز بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك.

ئىجتىمائىي دۇنيا

ئىنسانلار ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ ھەقىقەتلەر بولۇپ پەقەت ئىككى خىللا ھەقىقەت شەكلى بارلىقىنى ئويلىۋالغانلىقتىن «توقۇلما نىزاملار» (ئىجتىمائىي نىزام) قارىشىنى تەن ئالمايدۇ. ئوبيېكتىپ ھەقىقەتتە ھەر نەرسە ئېتىقادلىرىمىز ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىمىزدىن مۇستەقىل ھالدا مەۋجۇت بولىدۇ. مەسىلەن، يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى ئوبيېكتىپ ھەقىقەت بولۇپ، بۇ نيۇتوندىنمۇ بۇرۇن بار بولغان ھەقىقەتتۇر ۋە ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلەرگىمۇ ئوخشاش دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت سۇبيېكتىپ ھەقىقەتلەر شەخسىي ئېتىقادلىرىمىز ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىمىز بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ.
نۇرغۇن ئىنسان ھەقىقەتنىڭ نوقۇل ئوبيېكتىپ ياكى سۇبيېكتىپلا بولىدىغانلىقىنى، ئۈچىنچى بىر تاللاشنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئويلىۋالىدۇ. بىر نەرسە ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ ھېسلىرىدىن ئاپىرىدە بولمىغان بولسا، ئۇنداقتا ئوبيېكتىپ ئىكەنلىكىگە تېزلا ھۆكۈم قىلىۋېلىپ ئۆزىگە تەسەللىي تاپىدۇ. ئەگەر نۇرغۇن ئىنسان تەڭرىگە ئىشەنسە، پۇل دۇنيادا ئەركىن-ئازادە ئېقىپ يۈرسە، مىللەتچىلىك ئېقىمى ئۇرۇشلار چىقىرىپ ئىمپېراتورلۇقلار قۇرالىسا، بۇلار قانداقتۇر سۇبيېكتىپ ئېتىقادىمىزدىن شەكىللەنگەن نەرسىلەر ئەمەس. تەڭرى، پۇل ۋە مىللەتلەر چوقۇم ئوبيېكتىپ ھەقىقەتلەر بولۇشى كېرەك. يەنە بىر مۇھىم ھەقىقەت بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ: ئىجتىمائىي دۇنيادۇر. بۇ بىراۋنىڭ ئېتىقادى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىدىن بەكرەك بىردىن ئارتۇق ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە تارىختىكى نۇرغۇن نەرسە ئىجتىمائىيدۇر. مەسىلەن، پۇلنىڭ ھېچقانداق ئوبيېكتىپ قىممىتى يوق، قەغەز پۇلنى يېيەلمەيسىز، ئىچەلمەيسىز ياكى كىيەلمەيسىز، لېكىن ئىنسانلار پۇلنىڭ قىممىتىگە ئىشىنىشنى داۋاملاشتۇرسا پۇل بىلەن يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇ-جاي سېتىۋالغىلى بولىدۇ. ناۋادا ئىنسانلار پۇلنىڭ قىممىتىگە ئىشەنمىسە ياكى ئىشىنىشتىن ۋاز كەچسە پۇلنىڭ قىممىتى تۈگەيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت قانۇنلار، قائىدە-پىرىنسىپلار، تەڭرىلەر، ھەتتا بۈيۈك ئىمپېرىيەلەرگە مۇشۇ نۇقتىدىن قارىساق بولىدۇ. دۇنيادا چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلار ياكى ھۆكۈمدارلار ھامان بىر كۈنى يوق بولىدۇ. بۇرۇنمۇ شۇنداق بولغان، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ. ئوتتۇرا دېڭىز ھاۋزىسىدا بىر زامانلار ئەڭ قۇدرەتلىك تەڭرىلەر ھېسابلىنىدىغان زىئۇس ۋە ھېراغا كۈنىمىزدە ھېچكىم ئىشەنمەيدىغانلىقى ئۈچۈن پەقەت تارىخىي ئوبرازلار سۈپىتىدىلا مۇئامىلە قىلىنىدۇ.
لېكىن، ھاياتىمىزنى قىممەتكە ئىگە قىلىدىغان تەڭرىمىزنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ ياكى مەنىۋى بايلىقلىرىمىزنىڭ ئۆزىمىز ئويلاپ شەكىللەندۈرۈۋالغان توقۇلما نەرسىلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى قەتئىي قوبۇل قىلالمايمىز. ئەسلىمىلىرىمىزنىڭ ئوبيېكتىپ قىممىتى بارلىقىغا، پىداكارلىقىمىزنىڭ زېھىن دۇنيايىمىزدىكى ھېكايىلەردىن ھالقىغان قىممەتلىك نەرسە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. شۇڭا نۇرغۇن ئىنساننىڭ ھاياتى جەمئىيەتتە ئېقىپ يۈرگەن ھېكايىلەردىن شەكىللىنىدۇ.
ھايۋانلار روھلىرى ياكى زېھىنلىرى تەرەققىي قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتى تەرەققىي قىلمىغانلىقى ئۈچۈن بىزگە تاقابىل تۇرالمايدۇ. يولۋاسلار يۈگۈرەيدۇ، سەكرەيدۇ، چىشلەيدۇ، لېكىن بانكىغا بېرىپ ئۆزىگە ھېسابات بېجىرەلمەيدۇ ياكى سوتقا ئەرز قىلالمايدۇ. 21-ئەسىردە سوتقا ئەرز قىلالايدىغان بىر بانكىر ئورمانلىقتىكى بىر يولۋاسقا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈكتۇر.
بىر نەرسىنىڭ توقۇلما ياكى ئەمەسلىكىنى قانداق پەرق ئېتەلەيمىز؟ ئەمەلىيەتتە بۇ ئاددىي بىر ئىشتۇر. بىز پەقەت: «ئازابلىنامدۇ؟» دېگەن سوئالنى سورىساقلا بولىدۇ. ئىنسانلار زىئۇسنىڭ ئىبادەتخانىلىرىنى چېقىپ تاشلىسا زىئۇس ئازابلانمايدۇ. ياۋرو قىممىتىنى يوقىتىپ قويغاندا ياۋرو ئازابلانمايدۇ. بانكىلار ۋەيران بولغاندا بانكىلارمۇ ئازابلانمايدۇ. بىر دۆلەت ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قالسا دۆلەت ئىزتىراپتا قالمايدۇ. شۇڭا بانكىلار ۋە دۆلەتلەر ئوخشىتىشلاردىن ئىبارەت خالاس. لېكىن ئۇرۇشتا يارىلانغان بىر ئەسكەرنىڭ ئاغرىقى راستتۇر. بىر چىشلەممۇ نان تاپالمىغان كەمبەغەل كىشىنىڭ ئازابىمۇ چىندۇر. ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بىر موزاي ھەقىقەتەن ئازابلىنىدۇ. ھەقىقەت ئەسلىدە بۇلاردۇر…

مودېرىن (زامانىۋى) ئەھدىنامە

كاپىتالىزىمنىڭ چاقلىرى توختاۋسىز ئايلىنىپ تۇرىدۇ. كاپىتالىستلارنىڭ «بولدى بەس، زورىيىپ قۇدرەتلىك ھالغا يەتتۇق، ئەمدى بىر ئاز ئاستىلايلى»دەيدىغان كۈنى سىزچە كېلەمدۇ؟ قەتئىي كەلمەيدۇ، بىھۇدە كۈتمەڭ.
كاپىتالىستلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن توختىمايدىغانلىقىغا قىزىقسىڭىز، بانكىدا 100000 دوللىرى بولغان ۋە بۇ دوللار نېمە ئىش قىلىشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالغان بىر دوستىڭىز بىلەن ئازراقلا سۆھبەت قىلسىڭىز بۇنى چۈشىنەلەيسىز.

نۇھنىڭ كېمىسىگە ئىنتىلىش كېسەللىكى

ئىقتىساد ئەبەدىيەت مۇشۇنداق زورىيىپ ماڭامدۇ؟ ھامان بىر كۈنى مەنبەلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىپ يوق بولمامدۇ؟ بۇنداق ئەھۋالدا، زورىيىشنى دائىملىققا ئىگە قىلىشنىڭ يېگانە چارىسى تۈگىمەس مەنبەلەرنى بايقاشتۇر. بۇرۇن بۇ مەنبەلەرگە ئېرىشىشنىڭ يوللىرىدىن بىرى يېڭى زېمىنلارنى قولغا كىرگۈزۈش ئىدى. ياۋروپا ئىقتىسادى ۋە كاپىتالىست تۈزۈمنىڭ ئەسىرلەرچە داۋاملاشقان ئىقتىسادى گۈللىنىشنىڭ ئاساسى، ئاساسەن قىتئەلەردىن ھالقىغان جاھانگىرلىك ۋە مۇستەملىكە ئىدى. لېكىن دۇنيادىكى قىتئەلەرنىڭمۇ بىر چېكى بار، يەنى قىتئەلەر چەكسىز ئەمەس. بەزىلەر يېڭى پىلانېتىلار ھەتتا يېڭى يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى بايقاپ چىققىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، شۇڭا زامانىۋى ئىقتىساد ئۇ ۋاقىتقىچە تېخىمۇ گۈللىنىشنىڭ چارىسىنى تېپىشى شەرت.
ئىقتىسادى ئۈلۈشنىڭ چوڭايمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان ئەنئەنىۋى دۇنيا قارىشى ئىككى خىللا مەنبە-بايلىق بارلىقىغا ئىشىنىدۇ: خام ماددا ۋە ئېنېرگىيە. ئەمەلىيەتتە دۇنيادا ئۈچ خىل مەنبە-بايلىق بار: خام ماددا، ئېنېرگىيە ۋە بىلىم.
خام ماددا ۋە ئېنېرگىيە تۈگەپ كېتىشى مۇمكىن، قولىڭىزدىكى ئىشلەتكەنسېرى ئازىيىپ ماڭىدۇ. بىلىم بولسا داۋاملىق كۆپىيىپ ماڭىدىغان مەنبە-بايلىقتۇر، قانچىلىك ئىشلەتسىڭىز شۇنچە زورىيىپ ماڭىدۇ. ھەتتا بىلىمىڭىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرسىڭىز خام ماددا ۋە ئېنېرگىيەگىمۇ شۇنچە كۆپ ئېرىشەلەيسىز. ئالياسكىدا نېفىت بۇرغىلاشقا 100مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ نېفىت ئىشلەپچىقارغىنىمدا نېفىتكە ئېرىشەلەيمەن، لېكىن نەۋرىلىرىمگە ئاز نېفىت قالىدۇ. ناۋادا قۇياش ئېنېرگىيەسى تەتقىقاتلىرىغا 100مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ يېڭى ۋە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى تېپىپ چىقسام ھەم ئۆزۈمنى ھەمدە نەۋرىلىرىمنى تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىيەلەيمەن.
مىڭلارچە يىلدىن بۇيان ئىنسانلار پۈتكۈل بىلىمگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن مۇقەددەس كىتابلار ۋە قەدىمكى ئەنئەنىلەرگە ئىشىنىپ كەلگەنلىكتىن ئىلگىرىلەش ۋە تەرەققىياتنى مەقسەت قىلىدىغان ئىلىم-پەنگە توساقلار قويۇشتى. زېمىندىكى بارلىق نېفىت قۇدۇقلىرىنى تېپىپ چىققانلىقىنى ئويلىۋلغان بىر شىركەت بۇنىڭدىن كېيىن نېفىت ئىزدەشكە پۇل ۋە ۋاقىتنى چىقىرىشنى خالامدۇ؟ ئوخشاشلا ئەھمىيەتلىك، پايدىلىق ۋە قىممەتلىك نەرسىلەرگە ئاللىبۇرۇن ئېرىشىپ بولغانلىقىنى ياقلايدىغان بىر كۈلتۈرمۇ، يېڭى بىلىمگە ئېرىشىشنىڭ كويىدا يۈرمەيدۇ. مودېرىن (زامانىۋى)دەۋردىن بۇرۇن نۇرغۇن مەدەنىيەتنىڭ ئەھۋالىمۇ مۇشۇنداق ئىدى. ئىلىم-پەن ئىنقىلابى ئىنسانلارنى بۇ خىل ئىدىيەدىن قۇتقۇزدى. ئەڭ بۈيۈك ئىلمىي بايقاش نادانلىقنى بايقاشتۇر. ئىنسانلار قاچانكى دۇنيا توغرۇلۇق تولىمۇ ئاز نەرسە بىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ دۇنيانىڭ سىرلىرىنى يەشكىلى بولىدىغان ئىلىم-پەنگە مەھكەم يېپىشتى.
قىسقىسى، مەنبە-بايلىق قىسلىقىنى ھەل قىلىش ئېھتىمالى تولىمۇ يۇقىرى. ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق ھازىرقى زامان ئىقتىساد سىستېمىسىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ھېسابلىنىدۇ. ھەم ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى تەرەققىياتلار ھەمدە ئىقتىسادى گۈللىنىش ئىنچىكە ۋە سەزگۈر بىيوسفېرا قەۋىتىدە شەكىللىنىدۇ. تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش تېزلەشكەنسېرى، ئېكولوگىيەمۇ شۇنچە بۇزۇلۇپ ماڭىدۇ. دۇنيادىكى ھەممە ئادەمنى ئامېرىكىلىقلارغا ئوخشاش پاراۋان تۇرمۇش سەۋىيەسىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر نەچچە پىلانېتاغا ئېھتىياجىمىز بار، لېكىن قولىمىزدا يەر شارىدىن باشقا بىر پىلانېتا يوق. تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش نەتىجىسىدە ئېكولوگىيەلىك سىستېما يوق بولۇپ كەتسە بۇنىڭ بەدىلىنى مۈشۈك ياپىلاق، تۈلكە ۋە توشقانلارلا ئەمەس ئىنسانلارمۇ تۆلەيدۇ.
تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى مەلۇم دەرىجىدە ئاستىلىتىپ بۇ خەتەرنى ئازايتقىلى بولۇشى مۇمكىن. كارخانىچىلار بۇ يىل %6 زورىيىشنى نىشان قىلغان بولسا، ئون يىلدىن كېيىن %3، يىگىرمە يىلدىن كېيىن %1 زورىيىشقا رازى بولسا ۋە 30 يىل ئۆتكەندىن كېيىن زورىيىشنى نىشان قىلمىسىمۇ، يەنىلا بىز خۇشال ئۆتۈۋېرىمىز. ئەپسۇس، زورىيىشقا بولغان چوقۇنۇش بۇ باتىل چۈشەنچىگە قارشى چىقىدۇ ۋە تېخىمۇ زورىيىشنى بۇيرۇيدۇ. بايقاشلىرىمىز ۋە ئىجادلىرىمىز ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا زىيان يەتكۈزۈپ ئىنسانىيەتكە تەھدىت شەكىللەندۈرسە، ئۇنداقتا بىز ئۆزىمىزنى قوغدايدىغان بىر نەرسە ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىز كېرەك. ئۇزۇن قاتلىمى بارغانچە نېپىزلىشىپ بىزنى تېرە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىگە دۇچار قىلسا تېخىمۇ كۈچلۈك ئاپتاپتىن قوغدىنىش مايلىرى، راكنى ساقايتىدىغان ئىلغار ئۇسۇللار تېپىپ چىقىمىز ۋە ئىككىلەنمەي يەنە نۇرغۇن ئاپتاپتىن قوغدىنىش مايلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلارنى، راكنى ساقايتىدىغان ئىلغار داۋالاش ئورۇنلىرىنى قۇرىمىز.
بېيجىڭدا مۇھىت شۇنچىلىك بۇلغانغانكى، بېيجىڭلىقلار سىرتقا چىقىشتىن ئەنسىرەيدۇ. پۇلدار خىتايلار بولسا يېپىق يەرلەرگە ھاۋا تازىلاش سىستېمىلىرى ئورنىتىپ بۇنىڭ كەيپىنى سۈرىدۇ.
قىسقىسى، ئىنسانلارنىڭ ئىككى پۇتى بىر ئۆتۈككە تىقىلىپ ھەر ئىككى سەپتە بىردىن ئارتۇق ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا. ئەھۋال شۇنداق تۇرۇپ، ئىلىم-پەن ساھەسىدىمۇ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى يارىتىشقا، ئىقتىسادى زورىيىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ئىنتىلىپ تۇرىمىز، ھەممىدىن چاتىقى مۇشۇنداق بولۇشى كېرەكلىكىنى ئويلايمىز. نۇرغۇن ئوتتۇرا تەبىقىگە مەنسۇپ خىتاي ياكى ھىندىستانلىق ئامېرىكىلىقلارغا ئوخشاش پاراۋان تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ.ئامېرىكىلىقلار يۇقىرى ئىستېمال تۇرمۇشىدىن قانداق ۋاز كېچىشنى خالىمىسا، ئوخشاشلا ئوتتۇرا تەبىقىگە مەنسۇپ خىتاي ۋە ھىندىستانلىقمۇ پاراۋان ياشاش ئىستىكىدىن ۋاز كەچمەيدۇ. بىز يەنە ئېكولوگىيەلىك قىيامەت يېقىنلىشىۋاتقانسېرى ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكىنىمۇ بىلىپ تۇرىمىز. ئىككى سەپتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇرۇشلارنى داۋاملاشتۇرۇش كۈندىن-كۈنگە قىيىن ھالغا كەلمەكتە. ھىندىستاندىكى ھەر ئۆزگىرىش يېڭى دېھلىنىڭ بۇلاڭ-پۇچقاقلىرىدا ياشاۋاتقانلارنى ئامېرىكا چۈشىگە يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتۇرۇۋاتقان بولسا، پلانېتامىزمۇ ھاڭ گىرۋىكىگە يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشماقتا.
ياخشى خەۋەرگە قايتىپ كەلسەك، ئىنسانلار يۈزلەرچە يىلدىن بۇيان ئېغىرلىشىپ بېرىۋاتقان ئېكولوگىيەلىك مەسىلىلەرگە مەغلۇپ بولماي ئىقتىسادىنى زورايتىپ زور نەتىجە ياراتتى.
كىم بىلىدۇ، بەلكىم بىلىم ئىقتىساد بىلەن بىرلىشىپ ئېكولوگىيەنىمۇ قۇتقۇزىدىغان چارىلەر تاپامدۇ تېخى. بۇرۇن بىر ئەسىردە پەقەت بىرلا ئىجاد يارىتىش كۇپايە قىلسا، كۈنىمىزدە ئىككى يىلدا پەن ۋە تېخنولوگىيە ساھەسىدە بىر مۆجىزە يارىتىدىغان ھالەت شەكىللەندى.
2000-يىلدا ھاۋاغا قانچىلىك كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىلگەن بولسا، 2010-يىلىمۇ بۇ ئەھۋال ئۆزگەرمىدى. لېكىن 1970-يىللار ئەھۋال پەرقلىق ئىدى، ئۇ يىللاردا بۇ تۆۋەنرەك بولۇپ، 30 يىل ئىچىدە %2.2 ئاشتى.
ھاۋاغا گاز قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ئۈچۈن 1997-يىلى تەييارلانغان كىيوتو كىلىمات كېلىشىمى، يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنى توختىتىش ئەمەس كېچىكتۈرۈشنى مەزمۇن قىلاتتى. لېكىن ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ باش جاۋابكارى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ زورىيىشىغا زىيان ئېلىپ كېلىشتىن ئەنسىرەپ، كىيوتو كىلىمات كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلىپ، ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قىلىنىمۇ تەۋرىتىپ قويمىدى.
2015-يىلى دېكابىردا پارىژدا كىلىمات توغرۇلۇق تېخىمۇ ئەتراپلىق كېلىشىم ئىمزالاندى. كېلىشىم ئوتتۇرىچە كىلىمات ئىسسىپ كېتىش سۈرئىتىنى سانائەت دەۋرىدىن ئىلگىرىكى سەۋىيەلەرنىڭ %1.5 ئاستىغا چۈشۈرۈشنى مەزمۇن قىلاتتى. بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك بارلىق قىيىن ئىشلار 2030-يىلدىن كېيىنگە، ھەتتا 21-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىغا كېچىكتۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭ بەدىلىنى كەلگۈسى ئەۋلادلار تۆلەيدىغان ئەھۋال شەكىللەندى.

گۇمانىزملىق ئىنقىلاب

2016- يىلدىن باشلاپ ئىنسان نەسلى بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ قۇدرەتكە ئېرىشتى، تەڭرى ئۆلۈمىنىڭ ئېلانىمۇ مۆلچەردىكىنىڭ ئەكسىچە جەمئىيەتنى ھالاكەت گىردابىغا سۆرىمىدى. تارىختا پەيغەمبەرلەر ۋە پەلسەپىچىلەر بۈيۈك ئالەم پىلانىغا ئېتىقاد قىلىنمىسا نىزام ۋە بىرلىكنىڭ يوق بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. كۈنىمىزدە بولسا بۈيۈك ئالەم پىلانىغا ئىشىنىدىغانلار ھازىرقى زامان دۇنيا تەرتىپىگە تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە. تەڭرىدىن قورقىدىغانلار ياشايدىغان سۇرىيە ، سېكولار گوللاندىيەگە قارىغاندا زوراۋانلىققا توشۇپ كەتكەن جايدۇر.
بۈيۈك ئالەم پىلانى بولمىسا ۋە ھېچقانداق ئىلاھى ياكى تەبىئىي قانۇنىيەتكە تەۋە بولمىساق، ئۇنداقتا جەمئىيەتنى ياشىتىۋاتقان زادى نېمە؟
قانۇنىيەتنى رەت قىلىدىغان ۋە مەنىسىز ھاياتىمىزنىڭ زەھەر قايتۇرغۇچىسى دەل دۇنيانى ئۆتكەن ئەسىرلەردە ئىستېلا قىلغان ئىنقىلابىي خاراكتېرلىك ئىدىيە بولغان گۇمانىزمدۇر. گۇمانىزم دىنى ئىنسانىيەتكە چوقۇنۇشنى، بۇددىزم ۋە تاۋىزمدا تەبىئىي قانۇنىيەتلىرىنىڭ، خىرىستىيانلىق ۋە ئىسلامدا بولسا تەڭرىنىڭ ئوينايدىغان رولىنى ئىنسانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
گۇمانىزمنىڭ قارىشىچە، ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسى، تەجرىبىلىرى ۋە سەرگۈزەشتىلىرى ئارقىلىق پەقەت ئۆزىنىڭلا ھاياتىنى ئەمەس بارلىق كائىناتنىمۇ مەنە ۋە قىممەتكە ئىگە قىلالايدۇ. گۇمانىزمنىڭ بىرىنچى بۇيرۇقىمۇ مۇشۇ بولۇپ، مەنە، غايىدىن مەھرۇم دۇنيانى مەنە ۋە غايىگە ئىگە قىلىشتۇر. چۈنكى گۇمانىزم كائىناتنى مەنە، غايە ۋە مۇقەددەسلىكتىن خالىي نەرسە، دەپ قارايدۇ. ئىنسانلا كائىناتنى مەنىگە، غايىگە ۋە مۇقەددەسلىككە ئىگە قىلىدۇ.
ھازىرقى زاماندىكى ئىنسانلار غەيرى نىكاھ مەسىلىلىرى توغرۇلۇق پەرقلىق قاراشلارغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن. لېكىن قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر قاراشلىرىنى مۇقەددەس كىتابلار ياكى ئىلاھىي بۇيرۇقلارنى ئەمەس ئىنسان تۇيغۇلىرىنى ئاساس قىلىشتەك يولنى تۇتىدۇ. گۇمانىزمدا بىر نەرسىنىڭ ناچار دەپ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ئۇ نەرسىنىڭ پەقەت بىرلا ئىنساننى ناچار كەيپىياتقا چۈشۈرۈپ قويۇشى يېتەرلىك، دەپ قارىلىدۇ. جىنايەت تەڭرى بىر زامانلار «ئۆلتۈرمەڭلار»دەپ بۇيرۇغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، قۇربانغا، ئائىلىسىگە، دوستلىرىغا ۋە يېقىن-يورۇقلىرىغا چوڭقۇر ئازاب ھېس قىلدۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن خاتادۇر.
ئوغرىلىق ئىنجىلدا «ئوغرىلىق قىلماڭلار»دەپ بۇيرۇلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئىنساننىڭ قولىدىكى نەرسىدىن ئايرىپ قالغاندا كۆڭلىنىڭ قاتتىق يېرىم بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ناچار قىلىقتۇر. بىر ئىش ياكى ھەرىكەت بىرسىنىڭ كۆڭلى يېرىم قىلىپ قويمىسىلا ئۇ مەسىلە ھېسابلانمايدۇ. تەۋراتتا تەڭرىنىڭ ھەر قانداق بىر جانلىققا ئوخشايدىغان بۇت ياسىمايسىلەر دەپ بۇيرۇغانلىقى يېزىلىدۇ (مىسىردىن چىقىش 20:4). لېكىن ھېچكىمگە زىيان سالمىغان ئاساستا كىچىك ھەيكەل ياساشنىڭ نېمىسى گۇناھ؟
بۇنىڭغا ئوخشاش چۈشەنچە ئوخشاش جىنسلىقلار مەسىلىسىدىكى مۇنازىرىلەردە ئەكس ئېتىدۇ. ئەگەر بالاغەتكە يەتكەن ئىككى ئوغۇل بالا سۆيۈشسە ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ئىشى ھېچكىمگە زىيان ئېلىپ كەلمىسە ئۇنداقتا بۇنىڭ نېمە زىيىنى بار ۋە بۇ ئەھۋالغا نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا سەزگۈر مۇئامىلە قىلىمىز؟
گۇمانىزم «نېمىگە كۆڭلىڭىز تارتسا شۇنى قىلىڭ»دېگەننى نەسىھەت قىلىدۇ. «سايلىغۇچى ئەڭ ياخشىسىنى بىلىدۇ» دېگەن گەپ گۇمانىزملىق تەلىماتلارنىڭ سىياسەتتە ئەكس ئېتىشى بولسا، «گۈزەللىك نەزەر سالغۇچىنىڭ كۆزىدە» دېگەن گەپ گۇمانىزمنىڭ ئېستېتىكىدا ئەكس ئېتىشىدۇر.
گۇمانىست قاراشلارنىڭ مائارىپ سىستېمىسىغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىگە كەلسەك، ئوتتۇرا ئەسىرلەردە بارلىق مەنىۋى نەرسە ۋە كۈچنىڭ مەنبەسى تاشقى كۈچ ئىدى، بۇ سەۋەبتىن مائارىپ ئىتائەت تۇيغۇسىنى سىڭدۈرۈشكە، مۇقەددەس تېكىستلەرنى يادقا ئالدۇرۇشقا ۋە قەدىمكى ئەنئەنىلەرنى ئۆگىتىشكە مەركەزلىشەتتى. ئۇستازلار تالىپلىرىدىن سوئال سورىغاندا تالىپلار ئارىستوتېل، پادىشاھ سۇلايمان ياكى ئەزىز توماس ئاكىيۇناسنىڭ قانداق جاۋاب بەرگەنلىكىنى دەپ بېرەلىسە بولاتتى.
ھازىرقى زامان گۇمانىست مائارىپ بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا چۈشىنىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى ياقلايدۇ.
يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ ياكى ئالىي مەكتەپ ئىچىدىن قايسى بىرىدە ۋەزىپە ئۆتۈشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، بىر ئوقۇتقۇچىدىن ئوقۇغۇچىلارغا نېمىلەرنى ئۆگىتىۋاتقانلىقى سورالغىنىدا «بالىلارغا تارىخ، كانتۇم فىزىكىسى ياكى سەنئەت ئىلمى ئۆگىتىۋاتىمەن لېكىن بۇلاردىن بەكرەك ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگىتىۋاتىمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. گۇمانىست مائارىپ ھەر ۋاقىت مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىسىمۇ لېكىن نىشانى مۇشۇدۇر.

سېرىق تاش بىلەن بېزەلگەن يولدىن مېڭىڭ

ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپادا بىلىمنىڭ ئاساسلىق فورمۇلاسى ئېنىق بولۇپ مۇنداق ئىدى: بىلىم= مۇقەددەس كىتابلار X مەنتىق. ئىنسانلار بىر سوئالغا جاۋاب بەرمەكچى بولغاندا مۇقەددەس كىتابلاردىن ئوقۇپ بېرەتتى ۋە مەنتىق ئىشلىتىش ئارقىلىق ئوقۇغانلىرىنى ئانالىز قىلىپ بېرەتتى.
ئىلىم-پەندىكى ئىنقىلاب بولسا ئۆزگىچە بىر بىلىم فورمىسلا ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ فورمۇلا مۇنداق: بىلىم= تەجرىبىدىن ئۆتكەن يەكۈنلەر X ماتېماتىكا. ئىنسانلار مۇھىم بىر سوئالغا جاۋاب تاپماقچى بولسا ئالدى بىلەن ئوبيېكتىپ ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى يىغىشى كېرەك، ئارقىدىن ماتېماتىكىلىق ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ بۇ ئۇچۇر – مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىشى لازىم. مەسىلەن، دۇنيانىڭ ھەقىقىي شەكلىنى سىزىپ چىقىش ئۈچۈن قۇياشنى، ئاينى ۋە پىلانېتلارنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن كۆزىتىش بىلەن ئىشنى باشلايمىز، ئارقىدىن كۆزىتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تىروگونومېتىر ئىشلىتىپ دۇنيانىڭ شەكلىنى سىزىپ چىقىپلا قالماستىن، بارلىق قۇياش سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلمىسىنىمۇ تېپىپ چىقالايمىز.
گۇمانىزم ھەقىقەتەن ئۆزگىچە دۇنيا تەشەببۇس قىلاتتى. ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاشقانسېرى، يېڭى ئەخلاقىي ئىلىملەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن مۇنداق بىر يېڭى فورمۇلا ئاپىرىدە بولدى: بىلىم =تەجرىبىلەر X سەزگۈر نۇقتىلار. ھەر قانداق بىر ئەخلاقىي مەسىلىگە جاۋاب تاپقاندا ئىچكى دۇنيايىمىزغا يۈزلىنىپ، ئىچكى دۇنيايىمىزنى ئىنچىكە كۆزىتىش بىلەن بىرگە سەزگۈر نۇقتىلارغىمۇ دىققەت قىلىشقا سەل قارىماسلىق كېرەك.
گۇمانىست تۇرمۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانى ئىلمىي، ھېسسىي ۋە جىسمانىي تەجرىبىلەر ئارقىلىق بىلىم دائىرىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. 19-ئەسىرنىڭ بېشىدا ھازىرقى زامان مائارىپ سىستېمىسىنىڭ غول ئاساسچىلىرىدىن ۋىلھېم ۋون ھۇملوت، مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ مەقسىتىنى
«ئېلىپ بارغان تەجرىبىلەردىن قانچىلىك يېڭى بىلىمگە ئېرىشەلىسەك شۇنچە ياخشى»دېگەن نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ مۇنداق دەيدۇ: «ھاياتنىڭ يۇقىرى پەللىسى ھەر نەرسىنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىشتىن ئىبارەت.» بۇ سۆز گۇمانىزمنىڭ ئاساسلىق شوئارىدۇر.

گۇمانىزمنىڭ مەزھەپلىشىشى

ئەمەلىيەتتە گۇمانىزممۇ خۇددى خىرىستىيانلىق ۋە بۇددىزمغا ئوخشاش دىنلار بىلەن ئوخشاش قىسمەتكە دۇچ كەلگەن بولۇپ، زورىيىپ كېڭەيگەنسېرى بىر-بىرىگە زىت مەزھەپلەرگە ئايرىلدى. گۇمانىست مەزھەپلەرنىڭ ھەممىسى ئىنسان تەجرىبىسى ۋە سەرگۈزەشتىسنىڭ مەنە-مەنىۋى ۋە كۈچنىڭ ئەڭ مۇقەددەس مەنبەسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ، لېكىن ئىنسان تەجرىبىسىنى پەرقلىق نۇقتىدىن كۆزىتىدۇ.
گۇمانىزم ئۈچ تارماققا ئايرىلىدۇ.
1- ئورتودوكس ئېتىقاد
2- ھەر ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس ئىچكى دۇنياسى ۋە نىداسى بار
3 – ھەر ئىنساننىڭ ھاياتتا قايتا تەكرارلانمايدىغان تەجرىبىلىرى ۋە سەرگۈزەشتىلىرى بار

ھەر ئىنسان دۇنياغا ئوخشىمىغان بۇلۇڭلاردىن ئەكس ئەتكەن ئالاھىدە نۇر شولىسى بولۇپ، ھەر بىرى كائىناتقا رەڭ، مەنە ۋە چوڭقۇرلۇق ئاتا قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىنسانلارغا دۇنيادىكى ھەر قانداق نەرسە ۋە ئىشنىڭ تەمىنى تېتىشى، تەجرىبە قىلىشى ئۈچۈن چەكسىز ئەركىنلىك بېرىلىشى، ئىچكى دۇنياسىغا قۇلاق سېلىشى، تەجرىبىلىرىنى، ئۇتۇقلىرىنى، قاراشلىرىنى ۋە ھېس – تۇيغۇلىرىنى باشقىلار بىلەن ھەمبەھرىلىشىشى كېرەك.
شەخسىي ئەركىنلىكلەر دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ باي، تېخىمۇ رەڭدار ۋە تېخىمۇ مەنىگە ئىگە قىلىدۇ. گۇمانىزمنىڭ ئورتودوكس مەزھىپى ئەركىنلىكنى كۆككە كۆتۈرگەنلىكى ئۈچۈن «لىبېرال گۇمانىزم» ياكى «لىبېرالىزم» دەپمۇ ئاتالغانىدى.
لىبېرال سىياسەتچىلەر سايلىغۇچىغا ئىشىنىدۇ. لىبېرال سەنئەتتە بولسا گۈزەللىك نەزەر سالغۇچىنىڭ نەزىرىدە بولىدۇ. لىبېرال ئىقتىسادتا خېرىدار تېپىلماس نېمەتتۇر. لىبېرال ئەخلاق نېمىنى خالىساق شۇنى قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. لىبېرال مائارىپ بارلىق سوئاللارنىڭ جاۋابىنىڭ ئۆزىمىزدىن تېپىلىدىغانلىقىنى ئاساس قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن تەپەككۇرنى ياقلايدۇ.

گۇمانىست دىن ئۇرۇشلىرى

بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا ھەممە نەرسە ئۆزگەردى، لىبېرال دېموكراتىيە تارىخ «ئەخلەتخانىسى»دىن قۇتۇلۇپ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ دۇنيانى ئىستېلا قىلدى. جەنۇبىي ياۋروپادا باشلىغان بلىتزكرېگ (چاقماق ئۇرۇشى:نېمىس ئۇرۇش ئىدىيەسى) تۈرتكىسىدە گىرېتسىيە، ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيەدىكى ھاكىم مۇتلەق ھاكىمىيەتلەر يىمىرىلىپ ئورنىغا دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەر دەسسىدى. 1977-يىلى ئىندىرا گاندى جىددىي ھالەتنى بىكار قىلىپ ھىندىستاندا تەكرار دېموكراتىيەنى جاكارلىدى. 1980-يىللاردا شەرقىي ئاسىيا ۋە لاتىن ئامېرىكىدىكى تەيۋەن، جەنۇبىي كورېيە، بىرازىلىيە ۋە ئارگېنتىناغا ئوخشاش دۆلەتلەردىكى ھەربىي دىكاتورلارمۇ دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەرگە يۈزلەندى. 1980-يىللارنىڭ ئاخىرى 90-يىللارنىڭ بېشىدا لىبېرالىشىش دولقۇنى ھەقىقىي بورانغا ئايلىنىپ، قۇدرەتلىك سوۋېت ئىتتىپاقىنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى ۋە تارىخنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى توغرىسىدا نەزەرىيەلەر بازارغا سېلىندى. ئون يىللارچە داۋاملاشقان مەغلۇبىيەت ۋە مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكلەردىن كېيىن لىبېرالىزم بىر ئاز ھالسىرىغان بولسىمۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ بەس-مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان غالىبى سۈپىتىدە گۇمانىست دىن ئۇرۇشلىرىنى قازاندى.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن شەرقىي ياۋروپادىلا ئەمەس بالتىق دۆلەتلىرى، ئۇكرائىنا، گىرۇزىيە ۋە ئەرمېنىيەگە ئوخشاش سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى كوممۇنىست دۆلەتلەرنىڭ ئورنىغا لىبېرال دېموكراتىيەلەر دەسسىدى. كۈنىمىزدە رۇسىيەمۇ دېموكراتىك دۆلەتتەك قىياپەتكە كىرىۋالماقتا، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى غەلىبىسى لاتىن ئامېرىكا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئافرىقا بولۇپ لىبېرال ئەندىزىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىشى ئۈچۈن قايتىدىن قوزغاتقۇچى كۈچ بولۇشتەك ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.
1914-يىلى ئىيۇندا چوڭقۇر ئۇيقۇغا پاتقان لىبېرالىزم 2014-يىلى ئويغانغاندا ئارزاقمۇ غېرىبسىنىپ قالمىدى. ئىنسانلار لىبېرال ئەركىنلىكلەر ئومۇملاشقانسېرى دۇنيانىڭ تىنچ ۋە باياشات ماكانىغا ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. 20-ئەسىرگە نەزەر سالغىنىمىزدا لىبېرالىزم توغرىسىدا چىققان يەكۈننىڭ زور خاتالىق ئىكەنلىكىنى ئويلاپ قالىمىز.
1914-يىلى باھاردا لىبېرال يولدا ئىلگىرىلەۋاتقان ئىنسان نەسلى ئېزىپ خالتا كوچىغا كىرىپ قالغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى يولىنى قايتىدىن تېپىۋېلىشى ئۈچۈن، ئارىلىقتىن 80يىل ئۆتۈشى ۋە ئۈچ ۋەھشىي دۇنيا ئۇرۇشى يۈز بېرىشى كېرەك ئىدى.

ئېلېكتىر، گېن ۋە ئاشقۇن گۇرۇھلار

ئىندىۋىدۇئاللىق، ئىنسان ھەقلىرى، دېموكراتىيە ۋە ئەركىن بازار قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان لىبېرالىزم، 2016-يىلدىن باشلاپ مۈشكۈل ۋەزىپىگە ئاتلاندى.
ئۇنداقتا ئوتتۇرا شەرقتىكى ئاشقۇن گۇرۇھلار توغرۇلۇق نېمىلەرنى دېيەلەيمىز؟ ياكى ئاشقۇن خىرىستىيانلىق، مەسىھچى يەھۇدىيلىق ۋە ئويغاق ھىندىزمچۇ؟
خىتايلار نېمىگە ئىشىنىشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ يۈرۈۋاتقان بولسا، مۇتەئەسسىپ دىندارلار ئۆزلىرىگە قاتتىق ئىشەنگەن ھالدا ھەرىكەت قىلماقتا. نىتىزىنىڭ «تەڭرىنىڭ ئۆلۈمى»نى ئېلان قىلغانلىقىغا بىر ئەسىرمۇ بولدى، لېكىن «تەڭرى قايتىپ كەلدى» دېيىلىۋاتىدۇ. مەنچە بۇ خام خىيالدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. «تەڭرى ئۆلدى، ئۇزۇن داۋاملاشقان نەرسە بولسا جىنازىنى چۈشۈرۈش ئىشى، خالاس». ئوتتۇرا شەرقتىكى ئاشقۇن گۇرۇھلار 21-ئەسىرنى تولۇق مەنىدە چۈشىنەلمىگەنلىكلىرى ئۈچۈن لىبېرالىزمغا تەھدىت شەكىللەندۈرەلمەيدۇ، بۇ گۇرۇھلار ئەتراپىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن يېڭى تېخنولوگىيەلەر ياراتقان پۇرسەتلەر ۋە خەتەرلەر توغرۇلۇق دىققەت قوزغىغىدەك چۈشەنچە ياكى يېڭىلىق پەيدا قىلالمىدى.
دىن ۋە تېخنولوگىيە تارىخنىڭ ھەر دەۋرىدە بىر-بىرى بىلەن تانگو ئوينىغان بىر جۈپلەردەك مۇناسىۋەتكە ئىگە بولۇپ كەلدى. بىر-بىرلىرىنى ئىتتىرىپ تۇردى – يۇ لېكىن قولىنى قويۇۋەتمىدى ۋە ھېچقاچان بىر-بىرىدىن ئايرىلمىدى. ھەر ئىجاد پەرقلىق شەكىللەردە ئەمەلىيەتكە تەتبىقلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىنژېنېرلار مۇھىم قارارلاردا ناھايىتى مۇھىم نىشاننى كۆرسىتىپ يول خەرىتىسى سىزىپ بېرىدىغان «پەيغەمبەرلەر»گە موھتاج بولىدۇ، بۇ سەۋەبتىن تېخنولوگىيە دىنغا موھتاجدۇر.
يەنە بىر تەرەپتىن تېخنولوگىيە قولىمىزغا تىزىملىك بېرىپ، نېمىنى يەپ نېمىنى ئىچىدىغانلىقىمىزنىڭ چېكىنى گويا مۇلازىمەتچىكىگە ئوخشاش، دىن تەسەۋۋۇرلىرىمىزنىڭ چېكىنى ۋە دائىرىسىنى بېكىتىپ بېرىدۇ. يېڭى تېخنولوگىيەلەر «تەڭرىلەر»نى ئۆلتۈرۈپ يېڭىلىرىنى يارىتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن تېرىقچىلىق دەۋرىنىڭ «تەڭرىلىرى» ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى تەڭرىلەردىن پەرقلىقتۇر. زاۋۇتلاردا ئىشلەيدىغانلارنىڭ خىياللىرى ئېتىزلاردا ئىشلەيدىغانلارنىڭ خىياللىرىغا ئوخشىمايدۇ، بىرى باشقا نەرسىنىڭ كويىدا يەنە بىرى باشقا نەرسىنىڭ كويىدا يۈرىدۇ. 21-ئەسىردە ۋۇجۇدقا چىققان ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تېخنولوگىيەلەر ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىدىيەلەرنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشنىڭ ئورنىغا، مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى دىنى ھەرىكەتلەر پەيدا قىلىدۇ.
ئاشقۇن گۇرۇھلار «نىجادلىق دىنلاردا»دېگەن شوئارلارنى كۆككە كۆتۈرۈشى مۇمكىن. لېكىن دەۋرنىڭ تېخنولوگىيەلىك ھەقىقەتلىرى ۋە قۇدرىتىنى ھېس قىلىپ يېتەلمىگەن دىنلار، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن سوئاللارنىمۇ چۈشىنىپ يېتىش قابىلىيىتىدىن مەھرۇمدۇر.
سۈنئىي ئەقىل زېھنىي ئىشلاردا نۇرغۇن ئىنساننىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان سەۋىيەگە كەلگەندە ئەمگەك كۈچىنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولىدۇ؟ مەقسەتسىز ۋە كارغا كەلمەس ئىنسانلاردىن تەشكىل تاپقان غايەت زور يېڭى سىنىپنىڭ سىياسىي تەسىرلىرىچۇ؟
بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تەۋرات، ئىنجىل ياكى كۇڭزى تەلىماتلىرىدا تېپىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى قەدىمكى خىتايدا ياكى ئوتتۇرا ئەسىردە كومپيۇتېر، گېن ئىلمى ياكى نانو تېخنولوگىيەسى توغرۇلۇق پىكىرمۇ يوق ئىدى. ئاشقۇن دىنلار تېخنولوگىيەلىك ۋە ئىقتىسادى بوران-چاپقۇنلار چىققان دېڭىزدا لەڭگەر ۋەزىپىسىنى ئۆتىيەلىشى مۇمكىن، لېكىن بوران-چاپقۇندا يۆنىلىشنى تېپىش ئۈچۈن لەڭگەرگە ئەمەس خەرىتە ۋە كومپاسقا ئېھتىياجىڭىز بار.
بۇ سەۋەبتىن دىنلار ھۆكۈم سۈرگەن رايونلاردا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان كىشىلەرگىلا خىتاب قىلالايدۇ، لېكىن ئىشسىز ئىسپانىيە ياشلىرى ياكى ئەندىشە ئىچىدىكى مىلياردېر خىتايلارغا دەيدىغانلىرى يوق.
21-ئەسىرنىڭ بېشىدا تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەش پويىزى يەنە بىر قېتىم ۋوگزالدىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ بەلكىم «ھومو ساپيېنىس» (homo sapiens) ناملىق ۋوگزالدىن قىلىنىدىغان ئاخىرقى سەپەر بولىدۇ ۋە پويىزغا يېتىشەلمىگەنلەرنىڭ يەنە بىر قېتىم پۇرسىتى بولمايدۇ. پويىزدا ئورنىڭىز بولۇشىنى خالىسىڭىز بۇ ئەسىرنىڭ تېخنولوگىيەسىنى بولۇپمۇ بىيو -تېخنولوگىيەنى ۋە كومپيۇتېر ئالگورىتمىلىرىنىڭ قۇدرىتىنى چۈشىنىپ يېتىشىڭىز كېرەك.
21-ئەسىرنىڭ ئەڭ زور ئۆزگىرىشلىرىنىڭ قەيەردىن باشلايدىغانلىقىنى ئۆزىڭىزدىن ئەستايىدىل سوراپ بېقىڭ. دائېشمۇ ياكى گوگۇلمۇ؟ دائېش بەلكىم يۇتىيۇبقا ۋىدېئو قاچىلاشنى بىلىشى مۇمكىن، لېكىن قىيىن-قىستاق، زوراۋانلىقتىن باشقا سۇرىيە ۋە ئىراقتىن يېقىنقى مەزگىللەردە قانداق ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىدى؟ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، قولىدىن زوراۋانلىقتىن باشقا نېمە كەلدى.

ھومو ساپىينېس تىزگىنلەش كۈچىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىدۇ

پەن ئەھلىلىرىمۇ ۋاقتى توشۇپ كەتكەن تېيولوگىيەلىك ئۇقۇملارنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقتىن، ئىنسانلار ھېلىھەم ئەركىن ئىرادە ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئەسىرلەردىن بۇيان خىرىستىيان، مۇسۇلمان ۋە يەھۇدىي تېيولوگلار روھ بىلەن ئىرادە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۈستىدە باش قاتتۇرۇپ كەلدى. ئۇلار ھەر ئىنساننىڭ ھەقىقىي جەۋھىرىنى تەشكىل قىلىدىغان، «مەنىۋى ئۆز» نامى بېرىلگەن ئۆز-نەپىسكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلىشتى. كېيىنچە بۇ ئۆز-نەپىسنىڭ خۇددى كىيىم-كېچەك، ماشىنا ياكى ئۆي ئىگىسى بولۇشقا ئوخشاش ھەر خىل ئىستەكلەرگە مايىل ئىكەنلىكىنى ياقىلاشتى. ئۇلار مۇنۇ ئىدىيەنى تەشەببۇس قىلاتتى: خۇددى كىيىم-كېچەك تاللىغاندەك ئىستەكلىرىمنىمۇ تاللىيالايمەن ۋە تەقدىرىم بۇ ئىستەكلىرىم بىلەن شەكىللىنىدۇ. ياخشى ئىستەكلەر جەننەتكە، يامان ئىستەكلەر دوزاخقا ئاپىرىدۇ، ئۇنداقتا ئىستەكلىرىمنى قانداق تاللايمەن؟
ھەۋۋا يىلان تەڭلىگەن چەكلەنگەن مېۋىنى نېمە ئۈچۈن يېمەكچى بولدى؟ بۇ ئىستەك ئۇنىڭغا مەجبۇرىي تېڭىلدىمۇ؟ ياكى تامامەن تاسادىپىيلىقمۇ ۋەياكى تۇيۇقسىزلا كاللىسىدا بۇ ئىستەك پەيدا بولدىمۇ؟ ياكى ئەركىن ئىرادىسى بىلەن تاللىدىمۇ؟ ئۇنداقتا ئۇنىڭ تاللىشى ئەركىن ئىرادىسى بىلەن بولمىغان بولسا قىلغانلىرى سەۋەبلىك نېمە ئۈچۈن جازالاندى؟
روھنىڭ يوقلىقىنى قوبۇل قىلساقلا، ئىنساننىڭ «ئۆزلۈك »نامىنى بەرگەن ئۆز-نەپسىمۇ ئۆزلۈكىدىن يوقايدۇ ۋە «ئۆزلۈك ئىستەكلەرنى قانداق تاللايدۇ؟ »دېگەن سوئال قىممىتىنى يوقىتىدۇ. بۇ «ئايالىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى قانداق تاللايدۇ؟»دېگەن سوئالنى بويتاق بىرىدىن سورىغانغا ئوخشىسا كېرەك. ئەمەلىيەتتە بىرلا ھېس-تۇيغۇ ئېقىنى بار بولۇپ، ئارزۇلار بۇ ئېقىندا يۈكسىلىپ تۆۋەنلەيدىغان دولقۇنلارغا ئوخشاش داۋالغۇپ تۇرىدۇ. لېكىن ئارزۇلارنىڭ بىر ساھىبى بولمىغانلىقتىن، ئارزۇلىرىمنى قارارچىلىق (دېتىرمىزم)، تاسادىپىي ياكى ئەركىن ھالدا تاللايمەن دەپ سوراشنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوق.
كاللىڭىزدا بىر پىكىر پەيدا بولسا ئۆزىڭىزدىن شۇنى سوراپ بېقىڭ: «نېمە ئۈچۈن بۇ سوئالىنى سوراپ قالدىم؟ بىر مىنۇت ئىلگىرى بۇنى ئويلىشىم كېرەكلىكىنى ئويلىغانىدىم ۋە بۇ ئويلاش كېيىن باشلىدىمۇ؟ ياكى بۇ پىكىر ئۆزلىكىدىنمۇ پەيدا بولدى؟». بۇلارنى سىناپ نېمىلەر بولىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭ.

مەن؟ بىز كىم؟

بىلىم ئەركىن ئىرادىگە تايىنىدىغان لىبېرال ئېتىقادنى چىرىتىپ تاشلاپلا قالماستىن، ئىندىۋىدۇئاللىقنىمۇ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ تاشلايدۇ. لىبېراللار «in-dividual» يەنى يەك ۋە بۆلۈنمەس بىر ئۆزلۈككە ئىگە ئىكەنلىكىمىزگە ئىشىنىدۇ. تەخمىنەن 37 تىرىليون ھۈجەيرىدىن شەكىللەنگەن مەن، زېھنىم بىلەن بىرلىكتە ھەر كۈنى سان-ساناقسىز ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرىمىز.
ناۋادا ھەقىقەتەن ئۆزۈمنى تېپىشقا ئىنتىلىپ دىققىتىمنى بۇنىڭغا مەركەزلەشتۈرسەم، ئۆزۈمنى شەكىللەندۈرگەن، كائىناتتىكى بارلىق مەنە ۋە كۈچنىڭ مەنبەسى بولغان يېگانە ۋە ئۆزگىچە نەرسىنى تاپالايمەن. لىبېرالىزم پەقەتلا ئىنساننىڭ بىرلا ھەقىقىي ئۆزلۈكى بولسا مەنىگە ئىگە بولالايدۇ. ئەگەر بىردىن ئارتۇق ئالاھىدە ئارزۇ-ئىستەككە ئىگە بولغان بولسام ئىدىم سايلام ساندۇقى، تاللا بازىرى ياكى ھەمراھ تاللىغاندا قايسىسىغا قۇلاق سېلىشىم كېرەكلىكىنى قانداق بىلەلەيمەن؟
ئىنسان مېڭىسى قېلىن نېرۋا تالالىلىرى بىلەن بىر-بىرىگە تۇتۇشۇپ كەتكەن يېرىم شارلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. ھەر بىر يېرىم شار بەدەننىڭ ئوخشىمىغان ئىككى تەرىپىنى تىزگىنلەپ تۇرىدۇ.ئوڭ يېرىم شار يەنى ئوڭ مېڭە بەدەننىڭ ئوڭ تەرىپىنى كونترول قىلسا، سول يېرىم شار يەنى سول مېڭە كۆرۈش ئارقىلىق پەيدا بولغان سىگنال ۋە ئۇچۇرلارنى پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ ۋە بەدەننىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئەزالارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ. سول مېڭە بولسا ئوڭ مېڭىنىڭ دەل تەتۈرىنى قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن مېڭىسىنىڭ ئوڭ تەرىپى پالەچ بولۇپ قالغانلار پات-پات بەدەنلىرىنىڭ سول تەرىپىنى كۆرەلمەي قالىدۇ (چېچىنىڭ ئوڭ تەرىپىنى تارايدۇ ياكى تەخسىدىكى تاماقنىڭ ئوڭ تەرىپىنى يەيدۇ).
ئىككى مېڭە ئوتتۇرىسىدا روشەن ئايرىم بولمىسىمۇ، لېكىن ھېسسىي ۋە زېھنىي جەھەتلەردە پەرقلىقتۇر. نۇرغۇن زېھنىي پائالىيەتلەر ھەر ئىككىلى مېڭىدە ئېلىپ بېرىلسىمۇ زىچلىق دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، سول مېڭە سۆزلەش ۋە لوگىكىلىق تەپەككۇر قىلىشتا كۆپ چاغلاردا مۇھىم رول ئوينىسا، ئوڭ مېڭە ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى تېخىمۇ ياخشى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

چوڭقۇر ھاڭ

يېقىنقى يىللاردا كومپيۇتېر ساھەسىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، كومپيۇتېر ھېس-تۇيغۇ جەھەتتىن ھېچقانداق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلالمىدى. 2016-يىلى كومپيۇتېر 1950-يىللاردىكى ئوخشاش جىنسلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ھېس-تۇيغۇنىڭ يوقلىقى جەھەتتىن ئوخشاش. لېكىن ناھايىتى مۇھىم بىر ئىنقىلابنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرۇۋاتىمىز. ئىنسانلار ئىقتىسادى قىممەتلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، چۈنكى ئەقىل ئاڭ-سېزىمدىن ئايرىلىدىغاندەك تۇرىدۇ. بۈگۈنگىچە ئەقىل ھەر ۋاقىت ئاڭ-تۇيغۇدىن ئايرىلماي كەلدى ياكى بىرلىكتە كۈنتەرتىپكە كەلدى. بۇرۇنلاردا پەقەت ئاڭ-سېزىملىك ئىنسانلارلا شاھمات ئويناش، ئاپتوموبىل ھەيدەش، كېسەللەرگە دىياگنوز قويۇش ياكى تېررورچىلارنى ئېنىقلاپ چىقىشقا ئوخشاش زور ئەقىل تەلەپ قىلىدىغان ئىشلارنى قىلالايتتى. ھازىر بۇ ئەھۋال ئۆزگەردى، بۇنداق ئىشلارنى قىلالايدىغان ئىنسانلارغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ياخشىسىنى قىلالايدىغان لېكىن ھېس-تۇيغۇ ۋە ئاڭغا ئىگە بولمىغان يېڭى ئەقىللىك ئۈسكۈنىلەر لايىھەلەپ چېقىلدى . بۇ ساھەدە مەيدانغا كەلگەن تەرەققىياتلار پات يېقىندا ئاڭسىز ۋە ھېس-تۇيغۇسىز ئالگورىتمىلارنىڭ بىر تورنىڭ نۇقتىلىرىنى بىرلەشتۈرۈشتە ئىنسان ئېڭىدىنمۇ ھالقىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
دەل مۇشۇ يەردە مۇنداق بىر مەسىلىگە دۇچ كېلىمىز: ئەقىل مۇھىممۇ ياكى ئاڭ-سېزىممۇ؟ھەر ئىككىلىسى بىرلىكتە مەۋجۇت بولسا قايسىسىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى ئۈستىدە پەلسەپىچىلەر ئۇزۇن يىللار باش قاتۇردى. لېكىن 21-ئەسىردە بۇ سوئال سىياسىي ۋە ئىقتىسادى مەسىلىگە ئايلاندى. بۇ مەسىلە ئارمىيەلەر ۋە شىركەتلەر نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىنغاندا ئىنساننى مۇنۇ ئاچچىق رېئاللىق بىلەن يۈزلىشىشكە قىستايدۇ: ئەقىل بولمىسا بولمايدۇ لېكىن ئاڭ-سېزىم بولمىسىمۇ بولىدۇ.
ئاتلارنىڭ سانائەت دەۋرى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. ئادەتتىكى بىر ئات پۇراقلارنى پۇراپ ئىنسانلارنى تونۇيالىشى مۇمكىن، ھەتتا ئېغىللاردىن ئاتلاپ كېتىشىمۇ مۇمكىن، ئات فورد ماشىنا ياكى مىليون دوللارلىق لومبورگھىن ماشىنىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلالىشى مۇمكىن. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇپ، ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممىسى بەزى ئىشلارنى قىلالىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس زامانىۋى سىستېمىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامدىيالايدىغانلىقى ئۈچۈن ئاتلارنىڭ ئورنىغا دەسسىدى. شۇڭا تاكسى شوپۇرلىرىمۇ ئۇزۇنغا قالماي ئاتلار بىلەن ئوخشاش قىسمەتكە دۇچ كېلىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ يوللاردا تاكسى ۋە ماشىنا ئىشلىتىشىنى چەكلەپ كومپيۇتېرغا قاتناش ساھەسىدە تولۇق ھوقۇق بېرىدىغان بولساق، بارلىق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى بىرلا تور مەركىزىگە يىغالايمىز، بۇنداق بولغاندا قاتناش ۋەقەلىرىنى نۆل سەۋىيەگە چۈشۈرەلەيمىز. مۇنداق بىر ئىشنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى: 2015-يىلى ئاۋغۇستتا گوگۇل تەرىپىدىن ياسالغان شوپۇرسىز ماشىنا قارشى تەرەپكە ئۆتمەكچى بولغان پىيادە بىر كىشىنى دەرھال پەرق ئېتىپ تورمۇزغا باسقاندا، دەل بۇ ئەسنادا دىققىتىنى قاتناشقا بەرمەي بەلكىم كائىناتنىڭ سىرلىرى ئۈستىدە باش قاتۇرغان پەرۋاسىز بىر شوپۇر ماشىنىسىنى گوگۇلنىڭ بۇ ئەقىللىك ماشىنىسىغا كەينىدىن ئۈستۈرۈۋەتتى. ناۋادا بۇ ئىككى ماشىنا بىر-بىرىگە تور ئارقىلىق تۇتۇشۇپ كەتكەن كومپيۇتېرلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان بولسا ئىدى، بۇ قاتناش ۋەقەسى مەيدانغا كەلمىگەن بولاتتى. ئالگورىتما كونتروللۇقى ئاستىدىكى ھەر بىر ماشىنىنىڭ ئەھۋالى ۋە بارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ياخشى بىلگەچكە، ئىككى ماشىنىنىڭ سوقۇلۇپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلمىغان بولاتتى. بۇ سىستېما ھەم ۋاقىت ۋە ئېنېرگىيەنى تېجەپ قېلىشتا زور رول ئويناپ نۇرغۇن جاننى قۇتقۇزۇپ قالغاندەك، ئاپتوموبىل ھەيدەشنى كېرەكسىز ئىشقا ئايلاندۇرۇپ مىليونلارچە ئىنساننى ئىشسىز قالدۇرۇپ قويمايدۇ دېيەلەمدۇق؟
ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئىنسانلارنىڭ ئورنىغا كومپيۇتېرلارنىڭ دەسسىشى ئاسان بولىدۇ لېكىن بۇنىڭ سەۋەبى قانداقتۇر كومپيۇتېرلارنىڭ ئەقىللىكلىشىپ كېتىشى بولماستىن بەلكى مۇتەخەسسىسلىشىش مەسىلىسىدۇر. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى بىر ئوۋچىنىڭ ماشىنا ئادەمىنى ياساپ چىقىش تولىمۇ زور بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئۆتمۈشتىكى ئوۋچىلار ساق قېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ماھارەتنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر ئىدى. بۇنداق بىر ماشىنا ئادەم ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى ھەقىقىي ئوۋچىغا ئوخشاش تاشلاردىن نەيزە ياسىيالىشى، ئورمانلاردا موگۇ يىغالىشى، جاراھەتلەرنى تېڭىشى ئۈچۈن تېببىي ئۆسۈملۈكلەرنى ئىشلىتەلىشى، بىر ھايۋاننىڭ ئىزىدىن ماڭالىشى ۋە داۋاملىق ئونلارچە ئوۋچى بىلەن ئالاقە ئىچىدە بولالىشى لازىم، لېكىن بۇ تولىمۇ تەس.
شۇنىسى ئېنىقكى، بىر نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئىنسانلار كەسىپلەر بويىچە بارغانچە مۇتەخەسسىسلىشىپ بارماقتا. بىر تاكسى شوپۇرى ياكى يۈرەك كېسەللىرى دوختۇرى، بۇرۇنقى ئوۋچى بوۋىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى چەكلىك ساھەدىلا مۇتەخەسسىسلەشمەكتە. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئورنىغا سۈنئىي ئەقىلنىڭ دەسسىشى تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ. مەن داۋاملىق تەكىتلەپ تۇرغىنىمدەك، سۈنئىي ئەقىل ھەر قانداق جەھەتتىن ئىنسانىي بىر مەخلۇق بولۇشتىن تولىمۇ يىراقتۇر. ئەپسۇس، ئىنسان ئالاھىدىلىكلىرى ۋە قابىلىيەتلىرىنىڭ %99ى ھازىرقى زامان خىزمەت تۈرلىرىگە نىسبەتەن ھەم ئارتۇقچە ھەمدە كارغا كەلمەيدۇ. سۈنئىي ئەقىلنىڭ بىزنى ئەمگەك ۋە خىزمەت بازىرىدىن سىقىپ چىقىرىشى ئۈچۈن كەسپىي ئېھتىياجىنى قامدىيالايدىغان قابىلىيەتلىرى بىزدىن ئېشىپ كەتسىلا بولىدۇ.
زور مەسئۇلىيەتلىرىنى زىممىسىگە ئالغان مۇدىرلار ياكى مەسئۇللارمۇ ئورنىنى سۈنئىي ئەقىلگە تارتتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئۇبەر (Uber)نامىدىكى ماشىنا تېپىش پىروگراممىسى تۈرتكىسىدە مىليونلارچە تاكسى شوپۇرىنى ساناقلىقلا كىشى باشقۇرالايدۇ.
ئالگورىتما توغرا قارارنى چىقىرالىغان تەقدىردە زور دەرىجىدە مەبلەغ سېلىپ خالىغان تۈرگە مەبلەغ سېلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ. مەسىلەن، بىر ئۆي سېتىۋېلىپ ئۆي ئىگىسى بولالىشى مۇمكىن.ئالگورىتمانىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ سالسىڭىز، مەسىلەن، ئۆي ئىجراسىنى تاپشۇرمىسىڭىز، ئالگورىتما دەرھال ئادۋوكات تۇتۇپ ئۈستىڭىزدىن ئەرز قىلىشىمۇ مۇمكىن. ناۋادا مۇشۇنداق قابىل ئالگورىتمىلار ئىنسان قابىلىيەتلىرىدىن ئېشىپ كېتەلىسە، يەر شارىنىڭ كۆپ قىسمىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالىدىغان ئالگورىتمىلىق يۇقىرى قاتلام سىنىپى شەكىللىنىشى تۇرغانلا گەپ. مۇمكىنچىلىكى تۆۋەن ھەتتا يوقتەك بىلىنىدىغان بۇ قاراشنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇشتىن ئىلگىرى، يەر شارىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن شىركەتلەر ۋە مىللەتلەرگە ئوخشاش ئىجتىمائىي مەخلۇقلارنىڭ مۈلكى ئىكەنلىكىنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. مەلۇمكى، بەش مىڭ يىل ئىلگىرى سۈمەرنىڭ بارلىق مال-دۇنياسى «خىيالى تەڭرىلەر» بولغان ئەنقى ۋە ئىناننانىڭ قولىدا ئىدى. تەڭرىلەر زېمىنلارنى مۈلكى قىلىۋالغان يەردە ئالگورىتمىلار نېمىشقا قىلىۋالمىسۇن؟
ئۇنداقتا بىز ئىنسانلار زادى قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ مېنىڭچە، سەنئەت ئەڭ ئاخىرقى پاناھلىنىدىغان ماكانىمىز بولۇپ قالىدۇ. دوختۇرلار، شوپۇرلار، ئوقۇتقۇچىلار ھەتتا مۈلۈكدارلارنىڭ ئورنىغا كومپيۇتېرلار دەسسەيدىغان بىر دۇنيادا، ھەممە ئادەم سەنئەتچى بولۇپ كېتىدۇ. لېكىن سەنئەت ئىجادىيەتلىرىنىڭ ئالگورىتمىلاردىن خالىي ۋە يىراق تۇرالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇۋاپىق سەۋەب يوق، كومپيۇتېرلارنىڭ بىزگە ئوخشاشلا ئېسىل مۇزىكا ئىشلىيەلمەيدىغانلىقىغا جەزم قىلالامسىز؟
2013-يىلى سېنتەبىردە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەت قىلىدىغان بېنېدىكت فرېي بىلەن مايكېل ئوسبورن ئىسىملىك ئىككى تەتقىقاتچى، «كەسىپلەرنىڭ ئىستىقبالى »ناملىق تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلدى.
بۇ تەتقىقات كەلگۈسى 20يىل ئىچىدە كومپيۇتېر ئالگورىتمىلىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىدىغان كەسىپلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىدى. فرېي ۋە ئوسبورن تەرىپىدىن لايىھەلەپ چىقىلغان ئالگورىتما، ئامېرىكىدىكى كەسىپلەرنىڭ %47نىڭ زور خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ھېسابلاپ چىقتى. مەسىلەن، 2023-يىلى ئىنسانلار %99ئېھتىماللىق بىلەن تېلېفوندا بازارلاش ۋە سۇغۇرتا ئىشلىرىنى ئالگورىتمىلارغا تارتتۇرۇپ قويىدۇ. بۇ ئېچىنىشلىق قىسمەت رېپىرلارنىڭ %98نىڭ، كاسسىرلارنىڭ %97نىڭ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ %96نىڭ، مۇلازىمەتچىلەر ۋە ئادۋوكات ياردەمچىلىرىنىڭ %94نىڭ، ساياھەت يېتەكچىلىرىنىڭ %91نىڭ، ئاپتوبۇس شوپۇرلىرىنىڭ %89نىڭ، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ %88نىڭ، مال دوختۇرلىرىنىڭ %86نىڭ، ئامانلىق قوغداش خادىملىرىنىڭ %84نىڭ، دېڭىزچىلارنىڭ %83نىڭ، كېچىلىك كۇلۇبلىرىدىكى مۇلازىملارنىڭ %77نىڭ، ئارخىپچىلارنىڭ %76نىڭ، ياغاچچىلارنىڭ %72نىڭ ۋە نۇرغۇن كەسىپتىكى كىشىنىڭ بېشىغا كېلىدىكەن.
ئەلۋەتتە بەزى بىخەتەر كەسىپلەرمۇ بولىدۇ. كومپيۇتېر ئالگورىتمىلارنىڭ 2033-يىلى ئارخىئولوگلارنىڭ ئورنىغا كېلىشى ئاران %0.7ئەتراپىدا ئىكەن. چۈنكى كۆپ كىرىم ئېلىپ كەلمەيدىغان بۇ كەسىپ مۇرەككەپ مەسىلىلەردە ئالاھىدە قابىلىيەت ۋە جىسىملارنى تونۇش ماھارىتى تەلەپ قىلىدۇ.بۇ سەۋەبتىن شىركەتلەر ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئالدىمىزدىكى 20 يىل ئىچىدە ئارخېئولوگىيەنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئېھتىمالى تولىمۇ تۆۋەن.
ئىنسانلار بىكار قالسا ئىچى پۇشۇپ قالىدۇ. ئۇنداقتا پۈتۈن كۈن ئۆيدە نېمە ئىش قىلىدۇ؟ ھازىرچە بۇنىڭغا چارە سۈپىتىدە زەھەرلىك چېكىملىك ياكى كومپيۇتېر ئويۇنلىرى تەۋسىيە قىلىندى. نىشانسىز ۋە ئىشقا يارىماس ئىنسانلار ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمىنى سىرتتىكى تۇرغۇن ۋە مەنىسىز ھاياتقا قارىغاندا تېخىمۇ ھاياجانلىق، رەڭدار ۋە مۇناسىۋەت تورى زىچ بولغان ئۈچ شەكىللىك مەۋھۇم (تور دۇنياسى)دۇنيادا ئۆتكۈزىدۇ. ئىنسانغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان بۇ ئۆزگىرىش، لىبېرالىزمنىڭ ئىنسان ھاياتى ۋە تەجرىبىسىنىڭ مۇقەددەسلىكىگە بولغان ئېتىقادىغا ئېغىر زەربە ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا كۈنلىرىنى ئەتىدىن كەچكە كومپيۇتېر ئويۇنلىرى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بىكار تەلەت كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە تەجرىبىلىرى قانداقمۇ مۇقەددەس بولسۇن؟
دىنا (DNA)سىناق بازىرى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلمەكتە. گوگۇلنىڭ قۇرغۇچىسى سېرگېي برىننىڭ كونا رەپىقىسى ئاننې ۋوجكىكى تەرىپىدىن قۇرۇلغان «23 ۋە مەن» (23 and me)شىركىتى دىئانا سىناق بازىرىنىڭ غول كاپىتالىستلىرىدىن بىرىدۇر. «23 ۋە مەن»شىركىتىنىڭ نامى بەدىنىمىزدىكى 23 قوش خروموسوم (ئىرسىي گېنلار)غا ئاساسەن قويۇلغان بولۇپ، شىركەتنىڭ شوئارىدا بىزنىڭ خروموسوملار بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋىتىمىز بارلىقى تەكىتلىنىدۇ. شىركەت خروموسوملارنىڭ سىرىنى يېشىپ چىقالىغانلارنىڭ ئىنسانغا دائىر ئەڭ كىچىك ئۇچۇرنىمۇ بىلەلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
«23 ۋە مەن» شىركىتىگە 99 دوللار تۆلىسىڭىز، شىركەت سىزگە بىر خالتا ئەۋەتىدۇ، ئارقىدىن سىز خالتىدىكى سىناق پروبىركىسىنىڭ ئىچىگە تۈكۈرىسىز، بۇنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن سىناق پروبىركىسىنى قايتا خالتىغا سېلىپ شىركەتنىڭ كالىفورنىيەدىكى ئادرېسىغا ئەۋەتىسىز. تۈكۈركىڭىزگە ئاساسەن سىزنىڭ د ن ئا يىڭىز ئېنىقلاپ چىقىلىدۇ ۋە نەتىجىسى توردا ئېلان قىلىنىدۇ، سىز خالىغان ۋاقىتتا بۇ نەتىجىنى كۆرەلەيسىز. نەتىجىلەر خاتىرىلەنگەن تىزىملىكتە سالامەتلىك ئەھۋالىڭىز، كۆرۈش قۇۋۋىتىڭىز، چېچىڭىز بولۇپ 90دىن ئارتۇق گېنلىق ئالامەتلىرىڭىزنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولىسىز. «ئۆزىڭىزدىن بۇنچىلىك تەپسىلىي خەۋەردار بولۇش»بۇرۇنلاردا بۇنچىلىك ئەرزان ۋە ئاسانغا توختىمايتتى.
ناۋادا گوگۇل ياكى رەقىبلىرىگە بىئومېتىرلىق ئۈسكۈنىلىرىمىز، دىنا نەتىجىلىرىمىز ياكى تېببىي خاتىرىلىرىمىزگە ئېرىشىشى ئۈچۈن تولۇق ھوقۇق بەرسەك،يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرۇشتىن سىرت بىزنى راكتىن، يۈرەك ۋە قېرىلىق كېسەللىكلىرىدىن ساقلايدىغان تېببىي سىستېمىمىز تەبىئىي شەكىللىنىپ قالىدۇ، دېگەن گەپ. گوگۇلدەك شىركەتلەرنى ئۆزىمىز توغرۇلۇق قانچە كۆپ ئۇچۇر-مەلۇماتلار تەمىنلىسەك، بۇ شىركەتلەر تېخىمۇ زور ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىشى مۇمكىن.
سايىڭىزغا ئوخشاشلا سىزگە ئەگىشىپ يۈرىدىغان بىر سىستېما تەسەۋۋۇر قىلىڭ، بۇ سىستېما بانكا ھېساباتىڭىزدىن تومۇرىڭىزنىڭ سوقۇشىغىچە، قاندىكى شېكەر سەۋىيەڭىزدىن جىنسىي سىرلىرىڭىزغىچە بولغان ھەر ئىشىڭىزنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. شەكسىزكى، بۇ سىستېما سىزنى ئۆزىڭىزگە قارىغاندا بەكرەك تونۇيدۇ. ئىنسانلارنى ناچار ئىشلارغا، خاتا كەسىپلەرگە ياكى بولمىغۇر ئادەتلەرگە ئۈندەيدىغان ئۆزىنى ئالداش خاھىشلىرى ۋە ئارزۇ-ھەۋەسلەر گوگۇلنى ھەرگىز ئالدىيالمايدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، گوگۇل تىنغان تېنىقىڭىزدىن تاشلىغان ھەر بىر قەدىمىڭىزغىچە ھەممە ئىشىڭىزدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدۇ.
ئىشىنىڭكى، نۇرغۇن ئىنسان قارار چىقىرىشتىن ئىبارەت مۇرەككەپ بىر جەرياننى گوگۇلغا ئوخشاش بىر سىستېمىغا قوش قوللاپ ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ،خۇشال بولمىغان تەقدىردىمۇ پۇشايمان قىلمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىنسانلار بىرەر قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە بۇ سىستېمىدىن مەسلىھەت سورايدۇ. گوگۇل قايسى فىلىمنى ياقتۇرىدىغانلىقىمىزنى، قايسى يەردە ساياھەت قىلىدىغانلىقىمىزنى، قايسى مەكتەپكە بارىدىغانلىقىمىزنى سىزگە دەرھال دەپ بېرىدۇ، ھەتتا خىزمەت تەكلىپلىرىنى سىزگە ۋاكالىتەن ئويلىشىدۇ، كىم بىلەن مۇھەببەتلىشىپ تۇرمۇش قۇرۇش مەسىلىسىدىمۇ سىزگە مەسلىھەت بېرىدۇ.

تەڭسىزلىكنى كۈچەيتىش

ئىنسانلارنى بىيولوگىيەلىك قاتلاملارغا ئايرىش لىبېرال ئىدېئولوگىيەگە ئېغىر زەربە بەرگەنلىك بولىدۇ. لىبېرالىزم ئىجتىمائىي-سىياسىي پەرقلەر بىلەن مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن، شەكسىزكى باراۋەرلىكتىن بەكرەك ئەركىنلىكنى ئەلا بىلىدىغان لىبېرالىزم يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىجتىمائىي-سىياسىي پەرقلەرنى ئىككىلەنمەي قوبۇل قىلىدۇ. بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئوخشاش قەدىر-قىممەتكە ۋە نوپۇزغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلىدىغان لىبېرالىزم، بىر مىلياردېرنىڭ ھەشەمەتلىك بىر داچىدا ياشىشى بىلەن بىر نامراتنىڭ ئەسكى بىر ئۆيدە تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى مەسىلە سۈپىتىدە كۆرمەيدۇ. لىبېرالىزمغا كۆرە، نامرات كىشىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە سەرگۈزەشتىلىرى مىلياردېر كىشىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە سەرگۈزەشتىسىگە ئوخشاشلا قىممەتلىكتۇر. بۇ سەۋەبتىن لىبېرال يازغۇچىلارنىڭ نامراتلارنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىلىرىنى تېما قىلىپ يازغان ئۇزۇن سەھىپىلىك رومانلىرىنى مىليارنېرلارمۇ ئالاھىدە زوق بىلەن ئوقۇشىدۇ. برودۋېي ياكى كونۋېنت گاردېن ناملىق تىياتىر زالىدا «بەختسىزلەر»ناملىق تىياتىرنى كۆرگىلى بارغان چېغىڭىزدا، ئالدىنقى رەتلەردە ئولتۇرغانلارنىڭ مىلياردېرلار ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز ۋە بۇ ئىنسانلار تىياتىرنى كۆرگەندە،ئادەتتىكى بىر ئىنسانغا ئوخشاشلا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدىكى جىيەنلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر پارچە نان ئوغرىلاۋاتقاندا تۇتۇلۇپ قېلىپ 19 يىل تۈرمىدە ياتقان جىن ۋالجېنغا ھېسداشلىق قىلىدۇ. بۇ مەنتىق ياكى چۈشەنچە مىليادېرلار بىلەن نامرات بىر سەھرالىقنىڭ ئاۋاز بېلىتىنىڭ ئوخشاش ۋە تەڭ دەپ قارىلىدىغان سايلاملاردىمۇ كۈچكە ئىگە.
داڭلىق كىنو ئارتىسى ئانگېلىنا جولىيا نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىگە يازغان بىر پارچە ماقالىسىدە، گېنلىق سىناقلارنىڭ قىممەتلىكىنى تېما قىلغانىدى. ئانگېلىنا جولىيا قىلدۇرغان گېنلىق سىناقنىڭ بىرسىگىلا ھازىرقى كۈندە 3000دوللار پۇل كېتىدۇ. كۈنىمىزدە 1 مىلياردقا يېقىن ئىنسان كۈندە 1 دوللاردىن ئاز، 1 يېرىم مىلياردتەك ئىنسان كۈندە 1، 2 دوللار تاپىدۇ. كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ بېرىۋاتقان ئىقتىسادى تەڭسىزلىكنى بىر چەتكە قايرىپ قويساق، ئۆمۈر بويى ئىشلىسىمۇ 3000 دوللارلىق گېنلىق سىناق قىلدۇرالمايدىغان مىليونلارچە ئىنسان بار.
2016-يىلىدىكى بىر سانلىق-مەلۇماتقا قارىغاندا، دۇنيادىكى ئەڭ باي 62 كىشىنىڭ بايلىقى ئەڭ نامرات 3 مىليارد 600 مىليون كىشىنىڭ جەمئىي بايلىقىغا تەڭ كېلىدىكەن. دۇنيا نوپۇسىنىڭ 7 مىليارد 200 مىليون ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، بۇ 62 مىلياردېرنىڭ بايلىقى پۈتكۈل دۇنيا نوپۇسىنىڭ يېرىمىنىڭ بايلىقىغا تەڭ، دېگەن گەپ.
دىنا (DNA)سىنىقىغا كېتىدىغان چىقىم ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ چۈشىدىغاندەك تۇرىدۇ، لېكىن يېڭى ۋە تېخىمۇ قىممەت سىناقلارنىڭ پەيدا بولمايدىغانلىقىغا جەزم قىلالامدۇق؟ بۇرۇنقى داۋالاش ئۇسۇللىرى ھازىر نۇرغۇن كىشىنىڭ سالامەتلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئۈنۈملۈك رول ئويناۋاتقان بولسىمۇ، سەھىيە ۋە سالامەتلىك جەھەتتە پۇلدارلار يەنىلا بىر نەچچە قەدەم ئالدىدا ماڭىدۇ. تارىختا بايلار ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن نۇرغۇن ئىمتىيازلارغا ئىگە ئىدى، بىراق ھېچقاچان بۇ بايلارنى نامراتلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان بىيولوگىيەلىك پەرق بولمىغانىدى.
ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئاقسۆڭەكلەر تومۇرلىرىدا ئېسىل كۆك قاننىڭ ئاقىدىغانلىقىغا ياكى ھىندۇ بىراخمانلىرى باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئەقىللىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى، شۇنىسى ئېنىقكى بۇ توقۇلمىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس ئىدى. كەلگۈسىدە يۇقىرى قاتلام كىشىلىرى بىلەن تۆۋەن قاتلام كىشىلىرى ئوتتۇرىسىدا جىسمانىي ۋە زېھنىي قابىلىيەت ۋە ئۈستۈنلۈك جەھەتتە ئالاھىدە پەرقلىقلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

ئاڭ-سېزىم دېڭىزى

ئافغانىستاننىڭ ئۆڭكۈرلىرى ياكى ئوتتۇرا شەرقتىكى مەدرىسلەردە يېڭى دىنلار ئاپىرىدە بولىدىغاندەك ئەمەس. يېڭى دىنلار ھازىرقى زامان ئىلغار تەجرىبىخانىلاردا ئاپىرىدە بولۇپ بۇ يەرلەردىن تارقىلىدىغاندەك تۇرىدۇ. سوتسىيالىزم پار ۋە توكتىن تەشكىل تاپقان نىجادلىق ۋەدىسى بىلەن دۇنيانى قانداق ئىستېلا قىلغان بولسا، تېخنولوگىيەلىك دىنلارمۇ ئوخشاشلا ئالگورىتمالار ۋە گېنلارغا تايانغان نىجادلىق ۋەدىسى بىلەن دۇنيانى ئىستېلا قىلىدۇ.
ئاشقۇن دىنى مەزھەپلەر ۋە گۇرۇھلار ئۈستىدە كەسكىن تالاش-تارتىشلار بولۇۋاتقان بولسىمۇ، دىنى نۇقتىدىن دۇنيا بويىچە ئەڭ جەلپ قىلارلىق يەر دائېشنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلار ياكى ئامېرىكىنىڭ ئىنجىل بەلبېغى دەپ ئاتىلىدىغان كونسېرۋاتىپلار ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي رايونلار بولماستىن، ئامېرىكىدىكى سىلىكون ۋادىسىدۇر. ئىلغار تېخنولوگىيە پېشىۋالىرىنىڭ تېخنولوگىيەنىلا ئاساس قىلىدىغان، تەڭرىسىز بۇ يېڭى دىنى دەل سىلىكون ۋادىسىدا بىخ سۈرمەكتە. سىلىكون ۋادىسى خۇشاللىق، تىنچلىق، پاراۋانلىق ھەتتا ئەدەبىي ھاياتلىققا ئوخشاش قەدىمكى سۆزلەرنى ئىلاھىي كۈچلەر ئەمەس تېخنولوگىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق تەقدىم قىلماقتا. ھەممىدىن مۇھىمى بۇ گۈزەل نەرسىلەرنى ئۆلۈمدىن كېيىنكى دۇنيادا ئەمەس بۇ دۇنيادا ۋەدە قىلماقتا.
ئىلىم-پەن ۋە تېخنولوگىيە ساھەسىدە ھومو ساپيېنىسنىڭ ( HOMO SAPİENS) تارىخى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ كەلگۈسىدە ئۆتەيدىغان رولى قالمىغانلىقى، بۇنىڭ ئورنىغا ئىنسان نەسىلىنىڭ تېخىمۇ ئىلغار تۈرى بولغان ھومو دۇيۇس (HOMO DUES)نى يارىتىش ئۈچۈن تېخنولوگىيەدىن پايدىلىنىشىمىز كېرەكلىكى تەشەببۇس قىلىنماقتا. ھومو دۇيۇس ئىنسانىي ئالاھىدىلىكلىرىنى بىر قىسىمىنى قوغداپ قېلىش بىلەن بىرگە، ئەڭ مۇرەككەپ ئالگورىتمالارغا قارشى قەلئەسىنى قوغدىيالايدىغان ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن جىسمانىي ۋە زېھنىي قابىلىيەتلىرىنىڭ كەيپىنى سۈرىدۇ.
ئاڭ-سېزىمدىن مەھرۇم ئەقىل تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن ئىنسانلار ھاياتتا قېلىش ئۈچۈن ھېرىپ-چارچاشتىن قورقماي زېھىنلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك.
ئاڭ-سېزىم ئىنقىلابى 70 مىڭ يىل ئىلگىرى ھومو ساپيېنىسنىڭ زېھنىي قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ قىممەتسىز بىر ئافرىقا مايمۇنىنى دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارىغا ئايلاندۇردى.
تېخنو-گۇمانىزمغا كۆرە، گېنلىرىمىزدا ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ مېڭىمىزدىكى ئۇلىنىشلارنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىپ ئىككىنچى بىر ئاڭ-سېزىم ئىنقىلابىنى قوزغىتىش مۇمكىن بولىدۇ. بىرىنچى قېتىملىق ئاڭ-سېزىملىك ئىنقىلابنىڭ زېھنىي يېڭىلىقلىرى تۈرتكىسىدە ھومو ساپيېنىس ئىجتىمائىي دۇنياغا كىرىشكە مۇۋەپپەق بولدى ۋە بىزنى يەر شارىنىڭ يېڭى خوجايىنى قىلدى. ئىككىنچى قېتىملىق ئاڭ-سېزىملىك ئىنقىلابىمۇ ھومو دۇيۇسقا تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان يېڭى ئالەملەرنىڭ ئاچقۇچىنى بېرىدۇ، ھەتتا بىزنى كائىناتنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندۇرۇشى مۇمكىن.

ۋەھىمىنىڭ ھىدىنى ھېس قىلىۋاتىمەن

تېخنو-گۇمانىزم ئاخىرقى ھېسابتا ئىنسانلارنىڭ ئىقتىدار دېتاللىرىنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن. سىستېما دەرىجىدىن تاشقىرى ئىنسان قابىلىيەتلىرىگە ئىگە بولۇشتىن قورقىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، سىستېمىغا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان ئىنسان ئالاھىدىلىكلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىقتىدار دېتاللىرى تۆۋەنلىتىلگەن ئىنسانلارنى تاللايدۇ. ھەر پادىچىغا ئايان بولغىنىدەك، پادىدا چاتاق چىقارغان ئۆچكە ئەڭ زېرەك ئۆچكىدۇر. بۇ سەۋەبتىن تېرىقچىلىق ئىنقىلابىمۇ ھايۋانلارنىڭ زېھنىي قابىلىيەتلىرىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى قاراشلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
تېخنو-گۇمانىستلار تەرىپىدىن تەسەۋۋۇر قىلىنىۋاتقان ئىككىنچى قېتىملىق ئاڭ-سېزىملىك ئىنقىلاب، بىزگە مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان سۈرئەتتە ئۇچۇر-مەلۇمات يەتكۈزۈپ پىششىقلاپ ئىشلىيەلەيدىغان، چۈش ۋە گۇماندىن خالىي، دىققىتىنى يىغالمايدىغان ئىنسان تۈرلىرى ئىشلەپچىقىرالايدۇ. مىليونلارچە يىل ئىلغار «شىمپەنزىلەر»دىن ئىدۇق. كىم بىلىدۇ، كەلگۈسىدە غايەت زور چۈمۈلىلەرگە ئۆزگىرىپ كېتەمدۇق تېخى.
ئىچكى دۇنيايىمىز ۋە ھايات سەزگۈرەشتىمىزگە ئەھمىيەت بېرىشنى تەۋسىيە قىلىدىغان گۇمانىزم نۇرغۇن ئىنساننىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلدى، لېكىن توغرا خىمىيەۋى ماددا مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئىشلىتىلىپ مىليونلارچە ئىنساننىڭ روھى ھالىتى، كىشىلىك خاراكتېرى ئوڭشالدى. بەزى ئىنسانلار ئىچكى دۇنياسىنى قالايمىقان قىلىۋەتكەن ئاۋازلارنى جىمىقتۇرغاندىلا ئاندىن ئىچكى دۇنياسىغا كۆڭۈل بۆلەلەيدۇ.
ھازىرقى زامان روھى كېسەللىكلەر ئىلمىدە نۇرغۇن «سەزگۈ» ۋە «ئۆزگىچە ئارزۇ» نېرۋا كېسەللىكى ۋە بىيو -خىمىيەۋى تەڭپۇڭسىزلىقلارنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلاتى، دەپ قارىلىدۇ. كلىنكا چۈشكۈنلۈكىدىن تەشۋىشلىنىدىغان كىشىلەر بىيوخىمىيەۋى نۇقسانلىق سەۋەبىدىن ھەر نەرسىنى قاراڭغۇ ئەينەكلەرنىڭ كەينىدە كۆرىدىغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئىستىقباللىق كەسىپلەر ياكى نورمال كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردىن ۋاز كېچىدۇ. شۇڭا ئىچكى دۇنيايىمىزنى قالايمىقان قىلىدىغان بۇنداق نەرسىلەرگە قۇلاق سالماي، سۈكۈت قىلىش تېخىمۇ ئەۋزەلدۇر.

ئۇچۇر دىنى

ئۇچۇرىزم تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ئەنئەنىۋى ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى پۈتۈنلەي كېرەكسىز قىلدى. ئۇچۇر-مەلۇمات تېخى يېقىنغىچە زېھنىي پائالىيەتنىڭ ئۇزۇن زەنجىرىدىكى تۇنجى ھالقىسى دەپ قارىلاتتى. ئىنسانلار ئۇچۇرنى بىلىمگە، بىلىمنى چۈشىنىشكە، چۈشىنىشنى ھېكمەت دەرىجىسىگە يەتكۈزۈش بىلەن بەند ئىدى. لېكىن ئىنسانلارنىڭ غايەت زور بېسىملىق ئۇچۇر ئېقىنىنى بىر تەرەپ قىلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن ئۇچۇرچىلار ئەنئەنىۋى بىلىش ئۇسۇلىنىڭ ۋاقتىنىڭ ئۆتكەنلىكىنى، ئۇچۇرنى ئىلىم- بىلىمگە ئايلاندۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى، چۈشىنىش ۋە ھېكمەتنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى. ئۇلار بۇنىڭغا ئاساسەن، ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ ئىنسان مېڭىسىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئالگورىتمىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى لازىملىقىنى يەكۈنلەپ چىقىشتى. ئەسلىدە بۇ ئەھۋال، ئۇچۇرچىلارنىڭ ئىنساننىڭ چۈشىنىش ۋە پاراسەتلىكىدىن شەك قىلىشى، شۇنداقلا بۈيۈك ئۇچۇر ۋە كومپيۇتېر ئالگورىتمىلارنى تېخىمۇ ئىشەنچلىك دەپ قارىشىنىڭ نەتىجىسى ئىدى.
ئۇچۇرىزم مۇنداق ئىككى نەرسە بىلەن ماھىيەتلىك مۇناسىۋەت ئورنىتالايدۇ: كومپيۇتېر ئىلمى ۋە بىيولوگىيە . بۇ ئىككى پەن ئىچىدە بىيولوگىيە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئۇچۇرنىڭ ھەجىمى ۋە سۈرئىتى ئاشقانسېرى سايلاملار، سىياسىي پارتىيەلەر ۋە پارلامېنتقا ئوخشاش نوپۇزلۇق ئورگانلار غەيرى ئەخلاقى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس ئۇچۇر-مەلۇماتلاردىن يېتەرلىك ۋە ئۈنۈملۈك دەرىجىدە پايدىلىنالماسلىقلىرى سەۋەبىدىن ئاجىزلىشىدۇ. بۇ ئورگانلار سىياسەت تېخنولوگىيەسىگە قارىغاندا تېخىمۇ تېز ئۆزگىرىدىغان بىر دەۋردە ئاپىرىدە بولدى. سىياسەتنىڭ رىتىمى پار ماشىنىسى ئىجاد قىلىنغاندىن بۇيان زور بۇرۇلۇشقا دۇچ كەلمىدى، لېكىن تېخنولوگىيە بىرىنچى خوتتىن بىراقلا تۆتىنچى خوتقا ئۆتتى. تېخنولوگىيەلىك تەرەققىياتلار سىياسىي تەرەققىياتتىن ئاللىبۇرۇن ئېشىپ كەتتى، بۇ ئەھۋال پارلامېنت ئەزالىرى ھەمدە سايلىغۇچىلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش قابىلىيىتىدىن مەھرۇم قېلىشىغا سەۋەب بولماقتا.
بىيۇروكراتىيە ئالدىدىكى ئۇچۇر تېغىنىڭ ئاستىدا بېسىلىپ قالغان تاشپاقا مىسالى دۆلەتنىڭ، توشقان مىسالى تېخنولوگىيەگە يېتىشىۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس. ھازىرقى پەيتنىڭ ئۆزىدىلا كىم بىلىدۇ، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ھەر كەلىمىمىزنى كۆزىتىۋاتامدۇ تېخى.
لېكىن ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكلىرىگە قاراپ، ۋاشىنگتوندىكىلەرنىڭ قولىدىكى ئۇچۇرلاردىن قانداق پايدىلىنىشى بىلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بۇ ئەھۋالى رەقىبىنىڭ قولىدىكى بارلىق كارتىلارنى بىلىپ تۇرۇپ، ھەر قېتىملىق ئويۇندا ئۇتتۇرۇپ قويغۇچىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ.
تارىختا تۇنجى قېتىم بىر دۆلەت دۇنيانىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق بۇنچىلىك ئۇچۇر-مەلۇماتقا ئىگە تۇرۇپ بۇنچىلىك لەقۋالارچە ۋە دىتسىزلارچە ئىش قىلغان ئەمەس.
ئالدىمىزدىكى يىللاردا تېخنولوگىيەنىڭ سىياسەتنىڭ ۋەزىپىسىنى تارتىۋېلىپ ئىنتېرنېتكە ئوخشاش زور ئىنقىلاب پەيدا قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل. سۈنئىي ئەقىل ۋە بىيو -تېخنولوگىيە ھېلىھەم سىياسەت رادارىمىزدا كىچىك بىر سىگنالدىن ئىبارەت بولسىمۇ يېقىن كەلگۈسىدە جەمئىيەتلىرىمىزنى، ئىقتىسادىمىزنى، بەدەنلىرىمىزنى ۋە زېھىنلىرىمىزنى ئىستېلا قىلىدۇ.
ئادەتتىكى سايلىغۇچى دېموكراتىك مىخانىزملارنىڭ سىياسەتنى بۇرۇنقىدەك ئاكتىپ ھالەتكە ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى. دۇنيا سايلىغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزگىرىشكە باشلىدى، سايلىغۇچىلار بولسا بۇ ئۆزگىرىشنىڭ نېمە ئۈچۈن ۋە ۋە قانداق بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشتىن ئاجىزدۇر. سىياسەتچى ۋە سايلىغۇچىلار كۈچىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىدۇ، لېكىن ئۇلار بۇ كۈچنىڭ قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلىشكە چارىسىز. بىر ئەنگلىيەلىك سايلىغۇچى بۇ كۈچنىڭ قولىدىن چىقىپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش ئۈچۈن بېلەت تاشلىدى. ئامېرىكا سايلىغۇچىلىرى بارلىق كۈچنىڭ «مەۋجۇت دۇنيا تەرتىپى»نىڭ (يەرشارىلاشقان كۈچ) چاڭگىلىدا ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ كۈچكە قارشى چىقىپ كېلىۋاتقان بېرنې ساندېرس ۋە دونالد ترامپقا ئوخشاش نامزاتلارنى قوللىدى.
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ھېچكىم بۇ كۈچنىڭ قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز. ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن تولۇق ئايرىلىپ چىققاندا ياكى دونالد ترامپ ئاقساراينى قولغا كىرگۈزگەندە، كۈچنىڭ ئادەتتىكى سايلىغۇچىنىڭ قولىغا قايتىپ كەلمەيدىغانلىقى شەكسىزدۇر.
كەلگۈسىمىزنى بازار كۈچلىرىگە ئامانەت قىلىش تولىمۇ خەتەرلىكتۇر، چۈنكى بۇ كۈچلەر ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى ئەمەس بازارنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ياقلايدۇ. بازارنىڭ قولىنىڭ قەيەرگىچە سوزۇلىدىغانلىقى قاراڭغۇ، ناۋادا بازار نازارەت قىلىنمىسا كىلىماتنىڭ ئىسسىپ كېتىشى ياكى سۈنئىي ئەقىلنىڭ كۈچى ئالدىدا مەغلۇپ بولىدۇ.
يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان بۇ ئىشلارنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغان قاراڭغۇ قوللارنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي قاراش مەۋجۇت. كۆپ قىسىم ئىنسانلار دېموكراتىك سىياسەتچىلەر ياكى دىكتاتورلارنىڭ ئورنىغا دۇنيانى يوشۇرۇن باشقۇرۇۋاتقان بىر ئوچۇم مىلياردېرلار تەبىقىسىنىڭ ھەر نەرسىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى ئويلايدۇ. تۈزۈم ۋە سىستېمىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى ئاددىيلا ئويلىۋالىدىغان بۇنداق سۇيىقەست نەزەرىيەلىرى ئازراقمۇ كارغا كەلمەيدۇ. مەخپىي ۋە سىرلىق ئۆيلەردە ئولتۇرۇۋېلىپ چىلىملىرىنى كۈچەپ شوراۋاتقان بۇ بىر ئوچۇم مىلياردېرلار، دۇنيانى كونترول قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، دۇنيادا بولۇۋاتقان ئىشلارنى چۈشىنىپ يېتىشتىنمۇ ئاجىز.
قىسقىسى، ئىنسان نەسلى 70 مىڭ يىل ئىچىدە دەسلەپ ئاپىرىدە بولدى، ئارقىدىن پەرقلىق تەبىقە ۋە قەبىلىلەرگە ئايرىلدى، ئاخىرى يەنە بىر يەرگە جەم بولدى. لېكىن بۇ جەم بولۇش بىزنى تۇنجى نۇقتىمىزغا قايتۇرالمىدى، ئىنسان توپلۇقلىرى كۈنىمىزدىكى شەھەرلەرگە يىغىلغاندا، تارىختىن بۇيان ئىجاد قىلىنغان ماددىي ۋاسىتىلار ، ۋۇجۇدقا چىقىرىلغان چۈشەنچە، كۈلتۈر، مەدەنىيەت ۋە ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ تەڭداشسىز مىراسىمۇ ئۇلارغا ھەمراھ ئىدى. بۈگۈن زامانىۋى ئىسكىلاتلىرىمىز ئوتتۇرا شەرقنىڭ بۇغدىيى، ئەند تاغلىرىنىڭ بەرەڭگىلىرى، يېڭى گىنەنىڭ شېكەرلىرى ۋە ئېفىيوپىيەنىڭ قەھۋەلىرى بىلەن تولۇپ تاشماقتا. ئوخشاشلا تىلىمىز، دىنىمىز، ناخشا-مۇزىكىلىرىمىز ۋە سىياسىتىمىزمۇ يەر شارىنىڭ ھەر بۇلۇڭىدىن يىغىلغان مىراسلار بىلەن موللاشماقتا.
ئۇنداقتا ئىنسان نەسلى بىرلا ئۇچۇر سىستېمىسىدىن ئىبارەت بولسا، بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟ ئۇچۇرچىلار بۇنىڭ «شەيئىلەرنىڭ ئىنتېرنېتى» نامى بېرىلگەن، يېڭى ۋە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئۇچۇر سىستېمىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. «ھومو ساپيېنىس»نىڭ ئۆمرى بۇ سىستېما تولۇق پۈتۈن چىققاندىن كېيىن ئاخىرلىشىدۇ.

بىلىم ئەركىنلىككە چىقىشنى خالايدۇ

خۇددى كاپىتالىزمغا ئوخشاش ئۇچۇرىزممۇ يولىنى بىتەرەپ ھالدا ئىلمىي نەزەرىيە سۈپىتىدە باشلىغان بولسىمۇ، توغرا ۋە خاتانى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان دىندەك بولۇش يولىدا ئىلگىرىلمەكتە. بۇ يېڭى دىننىڭ ئەڭ ئۇلۇغ شوئارى «ئۇچۇر ئېقىنى»بولۇپ، ئەگەر ھاياتلىق بىلىم ۋە ئۇچۇرنىڭ قوزغاتقۇچى كۈچى بولسا ۋە بىز ھاياتلىقنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە چىن پۈتسەك، ئۇنداقتا كائىناتتىكى ئۇچۇر ئېقىنىنى تېخىمۇ تېزلەشتۈرۈپ ھەممە ياققا تارقىتىشىمىز كېرەك.
ئۇچۇرىزمنىڭ قارىشىچە، ئىنساننىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ۋە تەجرىبىلىرى گۇمانىزىمدىكىگە ئوخشاش مۇقەددەس ۋە قىممەتلىك ئەمەس، «ھومۇ ساپيېنس» يارىتىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولمىغىنىدەك، «ھومۇ دۇيۇس»نىڭ باشلامچىسىمۇ بولالمايدۇ. ئىنسانلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ پىلانىتېمىزنىڭ پاسىللىرىدىن ھالقىپ بارلىق يۇلتۇز سىستېمىسى ھەتتا كائىناتقىچە تارقىلىدىغان «شەيئىلەرنىڭ ئىنتېرنېتى»نى ئاپىرىدە قىلىش مەقسىتىدە ئىشلىتىلىدىغان ۋاسىتىلەردىنلا بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئالەم ئۇچۇر سىستېمىسى، ئادەتتە ئىلاھقا ئوخشاش ھەر يەردە بولىدۇ ۋە ھەممە نەرسىنى كونترول قىلىدۇ، ئىنسانلارنىڭ بۇ سىستېمىغا قوشۇلۇپ كېتىشتىن باشقا چارىسى قالمايدۇ.
ئامېرىكا نېمە سەۋەبتىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىغاندا بەكرەك قۇدرەت تاپتى؟ چۈنكى ئۇچۇر ۋە بىلىم ئامېرىكىدا تېخىمۇ ئەركىن تارقىلىپ يۈرەتتى. ئۇنداقتا، ئامېرىكىلىقلار نىگېرىيەلىكلەرگە قارىغاندا نېمىشقا بەكرەك تېنى سالامەت، خۇشال ۋە باي؟ ئەلۋەتتە ئۇچۇر ۋە بىلىمنىڭ ئەركىنلىك بولۇشى سەۋەبىدىن. قىسقىسى، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىشنى خالىساق ئۇچۇر ۋە بىلىمنىڭ ئومۇملىشىنى تېخىمۇ ئەركىن ھالەتكە ئېلىپ كېلىشىمىز كېرەك.

ساقلىغىن، قاچىلىغىن ۋە ئورتاقلاشقىن

ۋولتېيىرغا ئوخشاش مۇتەپەككۇرلارنىڭ دەۋرىدە گۇمانىستلار «تەڭرى ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىنىڭ مەھسۇلاتىدۇر» دېگەنىدى.
ئۇچۇرىزم گۇمانىزمنى گۇمانىزمنىڭ قورالى بىلەن بىتچىت قىلىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇچۇرىزم گۇمانىزمنى ئۆزىنىڭ يېغى بىلەن گۆشىنى قورۇيدۇ. بۇنى مۇنداق فورمۇلا قىلساق بولىدۇ: «تەڭرىنىڭ ئىنسان تەسەۋۋۇرىنىڭ مەھسۇلاتى ئىكەنلىكى توغرا، لېكىن ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىمۇ بىيو-خىمىيەۋى ئالگورىتمالارنىڭ مەھسۇلاتىدۇر.»
18-ئەسىردە گۇمانىزم تەڭرى مەركەزلىك دۇنيا قارىشىنى ئىنسان مەركەزلىك دۇنيا قارىشىغا ئۆزگەرتىپ تەڭرىنى چەتكە قاقتى.
21-ئەسىرگە كەلگەندە ئۇچۇرىزم ئىنسانلارنى چەتكە قېقىپ ئىنسان مەركەزلىك دۇنيا قارىشىنى ئۇچۇر مەركەزلىك دۇنيا قارىشىغا ئۆزگەرتىدىغاندەك تۇرىدۇ.
ئۇچۇر ئىنقىلابى ئالدىمىزدىكى 70، 80 يىل ئىچىدە ۋۇجۇدقا چىقىشى مۇمكىن. مەلۇمكى، گۇمانىزممۇ بىر كېچىدىلا ۋۇجۇدقا چىقمىدى، ئىنسانلار ئۇزۇن مەزگىل ئىمان ئېيتىپ ئىنسان نەسىلىنىڭ تەڭرى تەرىپىدىن ئىلاھىي مەقسەت ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشۈپ، ئىنساننىڭ مۇقەددەس يارالغۇچىلار ئىكەنلىكىنى كۆككە كۆتۈرۈشتى. ئارىلىقتىن ئۇزۇن يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ تەڭرىگە باغلىق ئەمەسلىكىنى، مۇستەقىل مەخلۇق ئىكەنلىكىنى، تەڭرىنىڭ بولسا يوقلىقىنى جار سالالايدىغان جاسارەتكە كەلدى.
ئوخشاشلا كۈنىمىزدىكى ئۇچۇرچىلارمۇ «شەيئىلەرنىڭ ئىنتېرنېتى»نىڭ مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى كۆككە كۆتۈرۈشىدۇ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، «شەيئىلەرنىڭ ئىنتېرنېتى» ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئىنسانلار تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا چىقىرىلغان نەرسىلەردۇر. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، «شەيئىلەرنىڭ ئىنتېرنېتى»مۇ مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى جاكارلايدۇ.
ئىنسان مەركەزلىك دۇنيا قارىشىنىڭ ئورنىغا ئۇچۇر مەركەزلىك دۇنيا قارىشى دەسسەيدۇ، بۇ خۇددى بارلىق مۇھىم ئىنقىلابلارغا ئوخشاش، پەلسەپىۋى بولماستىن ئەمەلىيەتكە مۇۋاپىق بىر ئىنقىلاب يولى بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ.
«ئىنسانلارنىڭ تەڭرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ چىققانلىقىنى»كۆككە كۆتۈرۈشىدىغان گۇمانىزم ئەينى ۋاقىتتا مۇھىم ھېسابلىناتتى. چۈنكى ئەمەلىيەتكە مۇۋاپىق تەرغىباتلىرى بار ئىدى. «ئورگانىزمىلار ئالگورىتمىلاردىن ئىبارەت»دەيدىغان ئۇچۇرىزممۇ ئوخشاشلا مۇھىم بولۇپ، كۈندىن-كۈنگە ئەمەلىيەتكە مۇۋاپىق ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارماقتا. ئىدىيەلەر دۇنيا ۋە ھەرىكەتلەرگە قانچىلىك تەسىر كۆرسىتەلىسە شۇنچىلىك ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.
ئۇچۇرىزم «كىم ئىكەنلىكىگە قىزىقامسىز؟» دېگەن سوئالنى سورايدۇ ۋە «ئۇنداقتا تاغ تۆپىسىدە كېزىشنى تاشلاپ، د ن ئا تىزىلىشىڭىزنى ئانالىز قىلدۇردىڭىزمۇ؟ ئەگەر بۇنداق قىلمىغان بولسىڭىز ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي دەرھال بۇنى قىلدۇرۇڭ. ھەتتا چوڭ ئاپىڭىز، چوڭ دادىڭىز، ئاتىڭىز، ئانىڭىز، سىڭلىڭىز، ئاكىڭىز ۋە ئىنىلىرىڭىزغىمۇ بۇ سىناقنى قىلدۇرۇڭ…»
ھاياتقا كەڭ دائىرىدىن قارايدىغان بولساق بارلىق مەسىلىلەر ۋە ئۆزگىرىشلەر بىر-بىرىگە باغلىق تۆۋەندىكى ئۈچ ھادىسە دائىرىسىدە يۈز بېرىدۇ:
1- ئىلىم-پەن بارلىق جەمئىيەتنى ئورگانىزملارنىڭ ئالگورىتمىلار، ھاياتنىڭ بولسا ئۇچۇرلارنىڭ پائالىيەت جەريانى ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىدىغان دوگما بولۇش يولىدا ئىلگىرىلمەكتە.
2- ئەقىل ئاڭ-سېزىمدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىشىدۇ.
3- ئاڭ-سېزىمسىز لېكىن ئەقىللىك ئالگورىتمىلار پات يېقىندا بىزنى بىزگە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى تونۇيدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*