بىلىم ئۇقۇمىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي پەن

2018-يىلى 27-نويابىر

 

جەمىلە زەھرا كۆرئوغلى، مۇھەممەت ئەلى كۆرئوغلۇ  | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئۈچۈن مەمەتجان تەرجىمە قىلدى

 

قىسقىچە مەزمۇنى

 

بىلىم كۈنىمىزدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ۋە ئەڭ كۆپ ئەھمىيەت بېرىلىدىغان ئۇقۇملاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. زامانىمىزدا ئەڭ كۆپ مۇراجىئەت قىلىنىدىغان  نەرسىمۇ دەل بىلىمدۇر. ئەپسۇس بۇنچىلىك مۇھىم ۋە قىممەتلىك ھېسابلىنىدىغان بىلىم ئۇقۇمى توغرىسىدا بىردەكلىككە كەلگەن ئېنىق ئېنىقلىما يوق. ئىنسانىيەت ئەلمىساقتىن بېرى ئۆزى، تەبىئەت، كائىنات، جەمئىيەتكە دائىر ھەقىقەتكە ئېرىشىش يولىدا كۈچ سەرپ قىلىپ كەلدى، ھەقىقەتكە ئېرىشىش يولىدىكى سەرپ قىلىنغان كۈچ ۋە غەيرەت دەل بىلىمگە مۇناسىۋەتلىك ئىدى. مەيلى تارىخىي بىلىم چۈشەنچىسىگە بولسۇن مەيلى ھازىرقى زامان بىلىم چۈشەنچىسىگە بولسۇن ھەر ئىككىلىسىگە ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە مۇھىتىدىن ئايرىپ مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدۇ. ھازىرقى زامان بىلىم چۈشەنچىسىنىڭ تارىخىي سەرگۈزەشتىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى 16-ئەسىرگە توغرا كېلىدۇ. يەنى 16-ئەسىر ھازىرقى زامان بىلىم چۈشەنچىسىگە نىسبەتەن دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ دەۋرگىچە بىلىم چۈشەنچىسى بارلىق جەمئىيەتلەردە ئاساسەن دېگۈدەك ئىلاھىي مەنبەنى ئاساس  قىلاتتى. مېتود جەھەتتىن يەشمە خۇلاسە ئۇسۇلى ئاساس قىلىناتتى، مەرىپەت ئويغىنىش دەۋرىدىن كېيىن ئەقىل ۋە ھادىسەچىلىك ئاساسلىق ئورۇنغا ئۆتۈپ، بىلىمدە يەشمە خۇلاسە ئورنىغا يىغما خۇلاسە ئۇسۇلى دەسسىدى. ئىجتىمائىي پەنلەر بىلەن تەبىئىي پەنلەر بىر-بىرىدىن ئايرىلىشتى. تەبىئىي پەنلەردە قوللىنىلىدىغان ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇللىرى ئىجتىمائىي پەنلەردىمۇ شۇ پېتى قوبۇل قىلىندى. كۈنىمىزدە مەيلى غەرب دۇنياسىدا بولسۇن مەيلى مۇسۇلمان دۇنياسىدا بولسۇن ئىجتىمائىي پەنلەردە بۇرۇنقىدىن پەرقلىق قاراش، پوزىتسىيە ۋە نۇقتىئىنەزەرلەر پەيدا بولۇپ، ئىجتىمائىي پەنلەرنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى كۈنتەرتىپكە كەلدى.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: بىلىم، تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن، مېتود، مەرىپەت ئويغىنىش ئېقىمى، يەشمە خۇلاسە، يىغما خۇلاسە.

 

مۇقەددىمە

 

بىلىم ئۇقۇمى ئىنسانىيەت تارىخىغا ئوخشاشلا قەدىمى بولسىمۇ، لېكىن كۈنىمىزدىكىدەك قىزىق نۇقتىلاردىن بىرى بولۇپ باقمىغانىدى. كۈنىمىزدە بولسا ئادەتتىكى گەپ-سۆزلەر، ئىش ھەرىكەتلەردىن تارتىپ ئاكادېمىك ساھەگىچە بولغان بارلىق ساھەلەردە كەڭ ئىشلىتىلگەن ئۇقۇمغا ئايلاندى. بىلىمنىڭ بۇنچىلىك كەڭ ئىشلىتىلىشى بىلىم ۋە ئىلمىيلىك ئۇقۇمىغا زور ئەھمىيەت بېرىلىشىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك. بىلىم بىر تەرەپتىن نوپۇز، ھۆكۈمدارلىق ۋە كۈچكە ئېرىشىش ئۈچۈن ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن توغرىغا، ھەقىقەتكە ئېرىشىشنىڭ يېگانە ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرۇلۇشقا كۈچ سەرپ قىلىنماقتا.

مەلۇم بىر ھادىسىنى ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن ئىزاھلاش ياكى مەلۇم بىر قاراشنى ئىلمىي ئۇسۇللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇش ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ئوبيېكتىپچانلىقىدىن گۇمان قىلىنماسلىقىنى تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى ھازىرقى زامان بىلىم چۈشەنچىسى مۇتلەق ھەقىقەتنىڭ يېگانە ۋەكىلى دەپ قارىلاتتى. لېكىن يېقىنقى مەزگىللەردە ھازىرقى زامان بىلىمنىڭ مۇتلەق ھەقىقەتنىڭ يېگانە ۋەكىلى بولالايدىغانلىقى توغرىسىدا گۇمانلار ۋە تالاش-تارتىشلار كۈچەيمەكتە.

بىلىش ئىنسانىي پائالىيەت سۈپىتىدە مەلۇم بىر ئىجتىمائىي مۇھىتتا پەيدا بولىدۇ. ئۇنداقتا بىلىم ياكى بىلىش ئۇسۇلىغا ئۆزى پەيدا بولغان جەمئىيەتنىڭ ئەنئەنىسى، تارىخىي، دىنى، مەدەنىيىتى قاتارلىقلاردىن مۇستەقىل ھالدا مۇئامىلە قىلىشقا بولامدۇ؟ بىلىش دېگەن زادى نېمە؟قايسى خىلدىكى بىلىش ئۇسۇللىرى ئىلمىي دەپ قارىلىدۇ؟ ئەلۋەتتە بۇ خىلدىكى سوئاللارنى يەنە كۆپەيتسەك بولىدۇ. لېكىن بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش سوئاللارنىڭ ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ئومۇمىي خاراكتېرلىك جاۋابى يوق. ئەھۋال مۇشۇنداق بولسىمۇ، تارىخنىڭ ھەر قايسى دەۋرلىرىدە بىلىم ۋە ئۇنىڭغا دائىر ئۇقۇملار ئۈستىدە ھەر خىل ئانالىزلار ئېلىپ بېرىلىپ مۇنازىرە قىلىنىپ كەلدى. بىلىم ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ قەدىمى مەسىلىلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە قەدىمى دەۋرلەردە دىن ۋە پەلسەپە دائىرىسىدە مۇھاكىمە قىلىندى. ئۇ چاغلاردا بىلىم ئۈستىدە شەخسلەر بەكرەك مەشغۇل بولاتتى، بىلىم بولسا سۇبيېكتىپ ۋە ئوبيېكتىپ مۇناسىۋەت شەكلى دەپ تەرىپلىنەتتى (ئايدىن، 2010:11). قەدىمكى دەۋرنىڭ دەسلەپكى مۇتەپەككۇرلىرى بىلىمنى ئەقلىي پائالىيەتنىڭ مەسئۇلى دەپ قاراشتى، بۇنداق بولغاندا بىلىم توغرا ئېتىقادنى يەتكۈزۈش ۋە بىلگۈچنىڭ ئېتىقادنىڭ نېمە ئۈچۈن توغرا ئىكەنلىكىنى ئىزاھلىيالاتتى. بىلىم شەيئى-ھادىسىلەرنى، ئىنساننى، جەمئىيەتنى، دۇنيانى ۋە كائىناتنى مەلۇم ئاساسقا تايىنىپ تۇرۇپ  ئىزاھلىغىلى بولىدىغان ۋە ئۆزىگە چۇشلۇق مەسئۇلىيەت دائىرىسى بولغان ئېتىقاد شەكلى سۈپىتىدە كۆرۈلەتتى. پەلسەپە تارىخىدا بىلىمنىڭ ماھىيىتى، قىممىتى ۋە دائىرىسى ئۈستىدە ئۇزۇن يىللار مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى. ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ مۇناسىۋەت شەكلىدە ئەڭ مۇھىم دەپ قارالغان نۇقتا دەل بىلىم نەزىرىيەسىنى شەكىللەندۈرەتتى.ماتېرىيالىزم، رېئالىزم، ئىدېئالىزم ۋە سەنسۇئالىزمغا ئوخشاش نەزەرىيەۋى سىستېمىلار بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.

ھازىرقى زامان بىلىم چۈشەنچىسى شەكىللىنىشتىن ئىلگىرى بىلىم ساھەسىدە پەلسەپە قانداق مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن بولسا دىنمۇ ئوخشاشلا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيتتى. مەيلى غەرب مەدەنىيىتىدە بولسۇن مەيلى شەرق مەدەنىيىتىدە بولسۇن ئىنساننىڭ ئەقلى ۋە ئىدىيەسىدە دىننىڭ تەسىرى ۋە رولى زور ۋە مۇھىم دەپ قارىلاتتى. لېكىن دىن-بىلىم، دىن-پەلسەپە مۇناسىۋىتىنى قانداق ئىزاھلاش ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇزۇن يىللار مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ مۇنازىرە ھېلىھەم ئېلىپ بېرىلماقتا. لېكىن بۇ مۇنازىرىلەر غەرب بىلەن شەرقتە پەرقلىق تەرىقىدە روياپقا چىققانىدى. غەربنىڭ خىرىستىيان ئوتتۇرا ئەسىرى دىن-بىلىم مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن ئاپوروزلار، گىيوتىلار ۋە چېركاۋلارنىڭ زۇلمەتلىك دەۋرى دەپ قارالدى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇشۇ نۇقتىدىن مۇھاكىمە قىلىندى. ئەپسۇس بۇ  قاراش شەرق ئىسلام مەدەنىيىتى ئۈچۈنمۇ ئاساس قىلىندى. شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ مەزگىللەردە ئىسلام مەدەنىيىتى بىلىمنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ئالتۇن دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتاتتى. مەسىلەن، ئەندۇلۇستىن بۇخاراغىغىچە بولغان كەڭ كەتكەن ئىسلام دىيارلىرىدا مېدىتسىنا ، پەلسەپە، كالام، قانۇن، ماتېماتىكا، جۇغراپىيە، فىزىكىغا ئوخشاش نۇرغۇن بىلىم ساھەسىدە زور ئۇتۇقلار قولغا كەلتۈرۈلدى، نۇرغۇن ئالىم يېتىشىپ چىقىپ ئالەمشۇمۇل نەتىجە ياراتتى. شۇڭا بۇ مەزگىللەردە دىن-بىلىم نۇقتىسىدىن ئىسلام دۇنياسىدا مەسىلە يوق دېيىشكە بولىدۇ. ئىسلام دۇنياسىدا ھاياتقا بىر پۈتۈن ھالەتتە يەنى تەۋھىد ئاساس قىلىنغان ھالدا مۇئامىلە قىلىناتتى. بىلىم ساھەسىدە ھەر قايسى پەنلەر بىر-بىرىگە ماس ھالدا ھەرىكەت قىلاتتى،شۇڭا ئىنسان، ھايات، كائىنات، دۇنيا توغرىسىدا بولسا نۇرغۇن قىممەتلىك چۈشەنچىلەر ۋۇجۇدقا كەلدى. قىسقىسى، بىلىم ساھەسىدىكى بۇ  ئەسەرلەر، ئۇتۇقلار ۋە خىزمەتلەر ئىنسانىي ۋە دىنىي ئىلھاملار تۈرتكىسىدە روياپقا چىقتى. مەلۇمكى، قۇرئاندا ئىنسانغا تەپەككۇر قىلىش بۇيرۇلىدۇ، كائىنات ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ھەقىقەتكە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ، قۇرئاننىڭ بۇ بۇيرۇقى ۋە تەرغىباتى مۇسۇلمانلارغا جەمئىيەت، ئىنسان، دۇنيا ۋە كائىنات ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇنداقلا قۇرئاندا بىلىمنىڭ ئىنساننى ئىززەتلىك قىلىشتا ئالاھىدە رول ئوينايدىغان قورال ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ، بۇ بىلىم بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ئىبادەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەينى چاغدا شەرق ئىسلام دۇنياسى دەل مۇشۇ ئاڭ ۋە ئىدىيە بىلەن ھەرىكەت قىلغانلىقتىن دىن-بىلىم مۇناسىۋىتى جەھەتتە خىرىستىيانلارغا ئوخشاش ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمىگەنىدى. قىسقىسى، ئىسلام دۇنياسى قەدىمكى گىرېك ئىدىيەلىرى بىلەن زامانىۋى غەرب دۇنياسى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدى.

ئىنساننىڭ ھەقىقەتكە ئېرىشىش تىرىشچانلىقىنىڭ تارىخىمۇ دەپ ئاتىلىدىغان بىلىم تارىخى پەلسەپە، جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئىلاھىيەت قاتارلىق پەنلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەقىل ئىشلىتىش، تۇنجى گۇمانى قاراش، سوراقلاش ۋە نەزەرىيەۋى چۈشەنچە سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت زېھنىي پائالىيەتنىڭ نامى پەلسەپەدۇر. بۇنىڭدىن باشقا دىن ئەڭ كۈچلۈك ئىجتىمائىي مۇئەسسەسەلەردىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پەلسەپە ۋە بارلىق بىلىش پائالىيەتلىرىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دىن ئۆز ئالدىغا ئۇقۇملار، ئىدىيەلەر، ھەقىقەتلەر، نەزەرىيەلەر بەرپا قىلالايدۇ. بۇلار دەل مەلۇم ئىجتىمائىي مۇھىتتا روياپقا چىقىدۇ، بۇ يەردىكى ئىجتىمائىي مۇھىت بىلىم جەمئىيەتشۇناسلىقىنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئىنسانىيەتنىڭ بىلىم سەپىرى ۋە سەرگۈزەشتىسى دىن، پەلسەپە ۋە بىلىم جەمئىيەتشۇناسلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىدىن ئانالىز قىلىنىشى كېرەك. شۇڭا ئىسلام دۇنياسى بىلەن غەرب دۇنياسىنىڭ ئالاقىسى، پەلسەپىنىڭ تەرەققىياتى، بىلىم پەيدا بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت  ۋە دىن-بىلىم مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش تولىمۇ مۇھىمدۇر.

 

ھازىرقى زامان بىلىمنىڭ ئاپىرىدە بولۇشىدا دىن-بىلىم زىتلىقى

 

ئوتتۇرا ئەسىردىكى غەربتە دىن بىلەن بىلىم ئۈستۈنلۈك تالىشىشتىن ئىبارەت كەسكىن رىقابەت ھەتتا كۈرەش ئىچىدە ئىدى. سىياسەت، ئىدېئولوگىيە ۋە سىنىپىي ھاكىمىيەتنى يوللۇق ۋە ھەقلىق قىلىشتا ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇلغان دىن ھەقىقەتنىڭ يېگانە ئۆلچىمى قوبۇل قىلىناتتى، ئەقىل ۋە تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى ھەقىقەتنى پىچىرلىسىمۇ، لېكىن تەڭرىنىڭ زېمىندىكى ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن چېركاۋغا نىسبەتەن ھەقىقەتنىڭ يېگانە ئۆلچىمى ئۆزى ۋە  تەرغىباتلىرى ئىدى. پاپا تەڭرىنىڭ ھەقىقەتنى ئۆزىگە ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىكىنى، شۇڭا يېگانە ھەقىقەتنىڭ ئۆزىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرەتتى. ئوتتۇرا ئەسىردە ئىنسان ۋە كائىنات توغرىسىدا پەيدا بولغان بارلىق چۈشەنچىلەر دەل مۇشۇ خىل قاراشنىڭ مەھسۇلى ئىدى. كوپېرنىك، گالىلېي، كېپلېر ۋە نىيۇتون قاتارلىق ئالىملارنى ئەينى ۋاقىتتىكى ھۆكۈمران ئىدىيەنى نەزەرگە ئالماي تۇرۇپ چۈشەنگىلى بولمايدۇ (كويرې، 2000-108). ئەينى ۋاقىتتىكى ئىدىيەگە كۆرە، ئىنسان تەڭرى تەرىپىدىن مۇۋازىنەتلىك ۋە ئۆلچەملىك يارىتىلغان پانىي ۋە قاتلاملىق دۇنيادا، تەبىئەت بىلەن تەڭرى ئوتتۇرىسىدىكى ۋاسىتىدۇر، خالاس. ئىنسانمۇ بىلىپ يېتەلەيدىغان بۇ دۇنيا تەرتىپى تەڭرى تەرىپىدىن ئىنسانغا پىچىرلانغان سىمۋوللۇق سىستېمىدۇر. ئىنسان كۆرۈنگەن ۋە كۆرۈنمىگەن، ماددا ۋە روھ ئارىلىقىدىكى ۋاسىتىچى بولۇپ، ھەر ئىككى دۇنيا ئىنساننىڭ جىسمىدا مۇجەسسەملەشكەن. تەڭرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان كائىنات، ئىنسان ۋە دۇنيا قاتارلىق كىتابلار ئۇنىڭ ھاكىمىيەت ۋە قۇدرىتىنىڭ تەجەللىسىدۇر. شۇڭا كۆزىتىش ۋە تەجرىبىگە تايانغان تۇنجى تەتقىقاتلارنىڭ كائىنات نەزەرىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى تاسادىپىي ئەمەس. ئۇنىۋېرسىتېت دېگەن ئۇقۇمنىڭ ئارخېئولوگىيەسى بىزگە بۇ توغرۇلۇق يىپ ئۇچى بېرىدۇ. ئاسترونومىيە توغرۇلۇق ئېلىپ بېرىلغان دەسلەپكى تەتقىقاتلار چېركاۋنىڭ تەلىماتلىرىغا زىت نەتىجىلەر پەيدا قىلغان بولسىمۇ، چېركاۋنىڭ بۇ تەتقىقاتلانى قوللىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك.

ھازىرقى زامان بىلىمنى ھاكىمىيەت ۋە نوپۇز نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندا، ئوتتۇرا ئەسىردىكى خىرىستىيان تەلىماتلىرىنىڭ ھاكىمىيەتتىكى تەسىرىنى چوقۇم نەزەرگە ئېلىش لازىم. بۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، كۈنىمىزدىكى نۇرغۇن مۇتەپەككۇر بىلىم ئۇقۇمىغا گۇمانىي نەزەر بىلەن قارايدۇ. فوكالت ئىبرانى مەدەنىيىتىدىكى «پادىچى تەڭرى» چۈشەنچىسىگە تەنقىدىي نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلغان ئاساستا، بىلىم-ھاكىمىيەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىبرانى مەدەنىيىتىدىن خىرىستىيانلىققا مىراس قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ «پادىچى تەڭرى»، ئۆلىمالارنىڭ مەسئۇلىيىتى، ئۆلىمالارنىڭ كونتروللۇقىدىكى جەمئىيەتنىڭ ئىتائەت ئەنئەنىسى، جەمئىيەتنىڭ تەجرىبىسى، ۋىجدان ۋە ئېتىراپ شەكلى دېگەندەك ئىبارىلەرنى چىقىش قىلغان ھالدا بىلىم سىستېمىلىرى سەۋەب بولغان نوپۇز ۋە ھاكىمىيەت خاھىشىنى تەنقىد قىلىدۇ (فوكالت 2011: 40). ھازىرقى زامان بىلىمنىڭ مەنىسىنى ۋە قىممىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، بۇ بىلىم چۈشەنچىسى پەيدا بولغان ئەينى چاغدىكى ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە تارىخىي مۇساپىرلارنى ئەتراپلىق ئانالىز قىلىش تولىمۇ مۇھىمدۇر. بىلىم ئىنسان تەرىپىدىن روياپقا چىقىرىلغان ئىدىيە ۋە چۈشەنچە شەكىللىرىنىڭ پەقەت بىرسىلا، خالاس. شۇڭا ئەڭ مۇكەممەل بولۇشى شەرتمۇ ئەمەس. بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاپىرىدە قىلغان مەدەنىيەتتىن مۇستەقىل ھالدا مۇئامىلە قىلالمايمىز (فېيېرابېند، 1999: 20). ھەتتا بىلىم سەنئەتتىنمۇ بەكرەك ئىنسانىي مەدەنىي پائالىيەت ھېسابلانمايدۇ.

بىلىم دۇنيادىكى بارلىق نەرسىدىن خەۋەردار بولۇش يولىدا ئېلىپ بېرىلغان زېھنىي پائالىيەتنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، يېتەكچى قوللانمىدۇر (ھايدىگېر، 1998). بىلىمنى بىلىم ئەمەس تەركىبلەردىن ئايرىشتا قوللىنىلىدىغان ئۆلچەملەر كۈندىن-كۈنگە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا بىلىمنىڭ ئېنىقلىمىسى، مەنىسى ۋە قىممىتىمۇ ھەر قايسى جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەتلەردە ئوخشىمايدۇ. چۈنكى بىلىم مەلۇم بىر مەدەنىيەت مۇھىتىدا مەنىگە ئىگە بولىدىغان  بىلىش كاتېگورىيەسىدۇر. بۇ بىلىش كاتېگورىيەسى مەلۇم دەرىجىدە نوپۇزغا ئىگە بولىدىغان بولۇپ، بۇ نوپۇز دەل شۇ خىل مەدەنىيەتتىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.  بۇ سەۋەبلىك زامانىۋى دۇنيانى قورشاۋ ئاستىغا ئالغان ئەڭ ئۈنۈملۈك بىلىمگە ئېرىشىش ئۇسۇلى، شۇنداقلا زامانىۋى ئىنسان ھەممىدىن بەك ئىشىنىدىغان بىلىش تۈرى ھېسابلىنىدىغان بىلىم ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بىلىم ئاپىرىدە بولغان مەدەنىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش كېرەك. مەدەنىيەت ئۈستىدە بىر پۈتۈن ھالدا ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس، مەدەنىيەت ئىنساننىڭ تەپەككۇرى، ئىش-ھەرىكىتى، دۇنيا قارىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ، شۇڭا ئىنساننىڭ زېھنىي پائالىيىتى بولغان بىلىممۇ سوبيېكتىپچانلىقنىڭ تەسىرىدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلالمايدۇ. شۇڭا ھېچقانداق بىر بىلىم ماھىيەتلىك پىرىنسىپنى رەت قىلغان  بىرىگە ئۆزىنى ئىسپاتلاپ بېرىلمەيدۇ (ۋېبېر، 2000:233). بۇ سەۋەبتىن، ھازىرقى زامان بىلىم ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشتىن ئاۋۋال ، ئۇنىڭ پەيدا بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان غەرب دۇنياسىدىكى ئىسلاھات ھەرىكىتى ۋە مەرىپەت ئويغىنىش ئېقىمىغا ئوخشاش ئىككى مۇھىم ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي ھادىسىلەر ئۈستىدە توختىتىلىش تولىمۇ زۆرۈر. چۈنكى  ئوتتۇرا ئەسىردىكى دىن-بىلىم مۇناسىۋىتى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلاردا مەيدانغا كەلگەن ھادىسىلەر ھازىرقى زامان بىلىمىگە شارائىت تەييارلىغان.

 

ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى ۋە مەرىپەت ئويغىنىش ئېقىمى

 

غەربلىكلەر ئوتتۇرا ئەسىردە ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەكرار ئورنىتىشقا مۇۋەپپەق بولدى، دىننىڭ ئىجتىمائىي ۋە تەشكىلات قۇرۇلمىسىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى، مۇشۇنداق مۇھىم ھادىسىلەر نەتىجىسىدە مەرىپەت ئويغىنىش ئېقىمى بارلىققا كەلدى، بۇ مەزگىلدە غەرب دۇنياسى سەنئەت، دىن، بىلىم، ئەدەبىيات قاتارلىق ساھەلەردە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشلەرگە سەھنە بولدى. غەرب  ئىسلام مەدەنىيىتى تۈرتكىسىدە قەدىمكى گىرېك ۋە يۇنان دەۋردىكى ئىلمىي ئۇتۇقلار ۋە تەپەككۇر ئۇسۇللىرىنى بايقاش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بۇنىڭدا ئەندەلۇس مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى مەلۇم. شەرق ئىسلام دۇنياسىدا مىلادى 832-يىلى ئابباسىيلار دەۋرىدە قۇرۇلغان ئىلىم مەركەزلىرىدە (بەيتۇل ھىكمە) ھىندى، يۇنان ۋە پارس مەدەنىيىتىگە تەۋە بارلىق ئىلمىي ۋە پەلسەپىۋى ئەسەرلەر تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلدى، بۇ ئەسەرلەر ئۈستىدە ئىلمىي تالاش-تارتىشلار ئېلىپ بېرىلدى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ ئىلىم مەركەزلىرى بىلىم ۋە مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلاندى. 13-ئەسىرگىچە داۋاملاشقان بۇ پارلاق ۋە ئۆرنەك مەدەنىيەت شەرق ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئالتۇن دەۋرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ دەۋردە بارلىق ئىلىم ساھەسىدە زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈردى، نۇرغۇن ئالىم يېتىشىپ چىقىپ ئۆلمەس ئەسەرلەرنى، يېڭىلىقلارنى ياراتتى، بۇ غايەت زور ئۇتۇق ۋە نەتىجىلەردە ئەلۋەتتە مۇسۇلمانلاردىن باشقا غەيرى دىندىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭمۇ رولى كۈچلۈك بولغان ئىدى. پەرقلىق دىن، مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىنىڭ جۇغلانمىسىدا شەكىللەنگەن بۇ پارلاق مەدەنىيەت ھەر خىل يوللار بىلەن غەربكىمۇ تەسىر كۆرسەتتى، غەرب ھەتتا دىن ۋە دىنى ئېتىقاد مەسىلىسىدىمۇ بۇ تەسىردىن خالىي بولالمىدى.

غەرب دۇنياسىدا ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان مەرىپەت ئويغىنىش ئېقىمى، ئەدەبىيات-سەنئەت گۈللىنىش دەۋرى ۋە ئىسلاھات ھەرىكەتلىرىنىڭ مەيدانىغا كېلىشىدە نوقۇل شەرق ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش سەل يۈزەكىلىك بولۇپ قالىدۇ. بۇ ماھىيەتلىك ھادىسىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە شەرق ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرنىڭ پەقەتلا يوقلىقىنى، نوقۇل قەدىمكى دەۋردىكى يۇنان ئىلمىي ئۇتۇقلىرى ۋە تەپەككۇر تەجرىبىلىرىنىڭ رول ئوينىغانلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش تېخىمۇ توغرا ئەمەس. 13- ۋە 15-ئەسىرلەردە غەربنىڭ  فارابى، ئىبنى رۇشىدقا ئوخشاش ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئەپلاتۇن ، سوقراتقا ئوخشاش قەدىمكى يۇنان مۇتەپەككۇرلىرى بىلەن ئالاقە باغلىيالىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭلاشقا ھازىرقى زامان بىلىم ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغاندا بىلىمگە  غەربتىلا ئاپىرىدە بولۇپ شۇ يەردىلا مەۋجۇت بولغان بىر خىل بىلىش شەكلى دەپ قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى مىدېتسىنادىن ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيەگىچە، پەلسەپىدىن جەمئىيەتشۇناسلىققىچە بولغان بىلىمنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ھەم شەرق ئىسلام مەدەنىيىتى ھەمدە غەرب مەدەنىيىتى ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن. ھەتتا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە نوپۇزلۇق نەزەرىيەلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان قۇرۇلما-چۇۋۇش نەزەرىيەسىنىڭ بەرپاچىسى دەررىدا بىلەن ئىبنى ئەرەبى ئوتتۇرىسىدا ئورتاقلىق مەۋجۇت (ئالمود 2012). بۇ ئورتاقلىق خىمىيە، فىزىكا ۋە ماتېماتىكا ساھەلىرىدە بەكرەك گەۋدىلىنىدۇ (يىلدىرىم، 2015: 69).

15-ئەسىر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن ھادىسىلەر ھازىرقى زامان بىلىم چۈشەنچىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. مەرىپەت ئويغىنىش ئېقىمى تۈرتكىسىدە ئىنسان، تەبىئەت، دىن ۋە جەمئىيەت توغرىسىدىكى سكولاستىك دىنىي چۈشەنچىلەرنىڭ ئورنىغا يېڭىچە چۈشەنچە شەكلى دەسسەشكە باشلايدۇ. ئىنسان ۋە تەبىئەت توغرىسىدا ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش دولقۇنى كۆتۈرۈلىدۇ، ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بىلىم ساھەسىدە كوپېرنىكقا ئوخشاش ئالىملار يېتىشىپ چىقىدۇ. كوپېرنىكنىڭ ئالەم نەزەرىيەسى مەرىپەت ئويغىنىش ئېقىمىنىڭ غول كۈچلىرىدىن بىرى بولۇپ قالىدۇ. بۇ نەزەرىيە بىلىم بىلەن چېركاۋ ۋە چېركاۋنىڭ دۇنياۋى ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن توقونۇشنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ. كوپېرنىك نەزەرىيەسى بىرۇنېي ، گالىلې، دېسكارتېس، نىيۇتون، ۋولتايېرغا ئوخشاش چوڭ ئالىم ۋە مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئىلمىي ۋە پەلسەپىۋى قاراشلىرىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. كوپېرنىك بىلەن ئوخشاش يولنى تۇتۇپ ماڭغان گالىلېنىڭ نەزەرىيەسى ھەم مەرىپەت ئويغىنىش ئېقىمىدا زور رول ئوينايدۇ ھەمدە ھازىرقى زامان بىلىم چۈشەنچىسىنىڭ مۇقەددىمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. گالىلې بىلەن بىرلىكتە ئىدىيە تارىخىدا مۇنداق ئۈچ مۇھىم چۈشەنچە روياپقا چىقىدۇ: تەبىئەت مۇئەييەن قانۇنىيەت بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ، ئاسترونومىيەدىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك غايەت زور چوڭلۇقتىكى مېخانىزملارنىمۇ ئادەتتىكى شەيئىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن چىقىرىلغان يەكۈن بىلەنمۇ ئىزاھلىغىلى بولىدۇ. كائىناتنىڭ سىرى ۋە ھەقىقىتىنى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق قانداق ئىزاھلىغىلى بولسا گېئومېترىيەگە ئوخشاش ماتېماتىكىمۇ ئەقىلنىڭ ئەڭ مۇكەممەل ئەندىزىسىنى تەشكىل قىلىدۇ (پورد، 2004: 25).

گالىلې ئۆلگەن يىلىدا دۇنياغا كەلگەن نىيۇتون، بىلىم ئىنقىلابىنى تاماملىغان چوڭ ئالىمدۇر. 17-ئەسىردە بىلىم ساھەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ھېسابلىنىدىغان نىيۇتون فىزىكىسى، 20-ئەسىرگىچە بولغان نۇرغۇن ئىلمىي چۈشەنچە ۋە ئەندىزىلەرنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان ماتېماتىكىلىق دۇنيا نەزىرىيەسىنى ئىلمىي ئاساسقا ئىگە قىلىدۇ. كائىنات-ماتېماتىكا مۇناسىۋىتى ئاساس قىلىنىپ مېخانىكىلىق تەبىئەت ئۇقۇمى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بۇ ئۇقۇمدا تەبىئەت مۇئەييەن قانۇنىيەتكە ئاساسەن ھەرىكەت قىلىدىغان مېخانىكىلىق قۇرۇلما ياكى ماشىنا دەپ قارىلىدۇ، تەبىئەت پۈتۈنلەي ماددىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ماددىنىڭ زامان ۋە ماكاندىكى ھەرىكەتلىرى كۈچ قانۇنىيەتلىرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ناۋادا بۇ ھەرىكەت  ۋە قانۇنىيەتلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلغان تەقدىردە تەبىئەتنىڭ سىرلىرىنى يېشىپ چىققىلى بولىدۇ (چىغدەم 2003: 60). بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەسىلە بىلىشتىن ئىبارەت بۇ زېھنىي پائالىيەتنى قانداق ۋە قايسى ئۇسۇل بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر. بۇ ئەھۋالنى چۆرىدىگەن ھالدا  ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇللىرى توغرىسىدا كەسكىن مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ. تەبىئىي پەن ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن زور نەتىجىلەر ئىنسانىي ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرىدىمۇ بارلىققا كېلىشى كۈتۈلىدۇ، تەبىئىي پەن بىلەن ئىجتىمائىي پەن ھازىرقىدەك ئېنىق ئايرىلمايدۇ. تەبىئىي پەن تەرەققىي قىلغانسېرى ئىجتىمائىي پەنلەرنى مېتود جەھەتتىن يېتەكلەپ ماڭىدۇ. ھەقىقەتەن توغرا ئىلمىي ئۇچۇرغا ئېرىشتۈرىدىغان ئۇسۇل قايسى؟ بۇ ئۇسۇلنى ھەممە پەنگە ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟ ئۇسۇل توغرۇلۇق سوئالغا بېكون جاۋاب بېرىدۇ. بىلىمنىڭ مېتودىنى 17-ئەسىردە فرانسىس بېكون ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بىلىمنىڭ مەقسىتى ئىنساننىڭ زېمىندىكى تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ قارىشىچە بويىچە بولغاندا، بۇ مەقسەتكە ۋەقە-ھادىسىلەر كۆزىتىلىش ئارقىلىق بۇلاردىن نەزەرىيە بەرپا قىلىش نەتىجىسىدە يەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا بىلىم رېئال، ئوبيېكتىپ ۋەقە-ھادىسىلەرنى تۇتقا قىلىشى كېرەك. بېكوننىڭ بىلىم مېتودى ھازىرغىچە نۇرغۇن قېتىم ئۆزگەرتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاساس يەنىلا ئۆزگەرمەي شۇ پېتى داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بىلىم تېگىشلىك  پىرىنسىپ ۋە سۇبيېكتىپ نەرسىلەرگە ئەمەس رېئال، ئوبيېكتىپ نەرسىلەرنى ئاساس  قىلىشى لازىم. ئۇ دۇنيانى ئاساس قىلغان خىرىستىيان ئەقىدىسىگە قارىغاندا  ھازىرقى، نۆۋەتتىكى رېئال ۋە ئوبيېكتىپ نەرسە توغرىسىدىكى ئۇچۇر تېخىمۇ مۇھىم ۋە قىممەتلىكتۇر. شۇڭا ئومۇمىي نەسلەردىن خۇلاسە چىقىرىش شەكلى بولغان يەشمە خۇلاسىنىڭ ئورنىغا، كونكرېت ھادىسىلەرنى كۆزىتىش ئارقىلىق خۇلاسە چىقىرىش شەكلى بولغان يىغما خۇلاسە دەسسەيدۇ (دەمىر، 2000: 29). قىسقىسى،  بىلىم تەبىئەتنىڭ سىر ۋە ھەقىقەتلىرىنى بايقاشتا ئىشقا يارايدىغان ماتېماتىكىلىق ۋاسىتە سۈپىتىدە قارىلىدۇ. كائىناتتىكى ھەر قانداق نەرسە بولۇپمۇ بىزگە ئىنتايىن مۇرەككەپ بىلىنگەن سىستېمىلارنىمۇ ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن كاتېگورىيەگە ئايرىپ ئىزاھلىغىلى بولۇشى مۇمكىن. بۇ يەردىكى مەقسەت، تەڭرى ئەڭ دەسلەپ مۇكەممەل ياراتقان كائىناتنىڭ ئىلمىگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت. ئىنسان بۇ ئىلىمگە ئېرىشەلەيدىغان قۇدرەتكە ئىگە. ئەمەلىيەتتە بىلىم ئۈستىدىكى بۇ ئىزدىنىشلەر قانداقتۇر چېركاۋ ۋە خىرىستىيانلىق ئەقىدىلىرىنى بىھۇدە نەرسىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلمىغان، لېكىن بۇ جەھەتتىكى تەرەققىيات تەبىئىي ھالدا مۇشۇ يۈزلىنىشتە بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن  يىغما خۇلاسە ئۇسۇلى ۋە ئۇنى ئاساس قىلغان تەجرىبىۋى ئىلىم چېركاۋ  ۋە ئۇنىڭ ئىلىم چۈشەنچىسىگە قارشى ئەڭ كۈچلۈك قوراللاردىن بىرى سۈپىتىدە قوللىنىلغان. ئەمەلىيەتتە بۇ يەردىكى توقۇنۇش پەن ساھەسىدىكىلەر بىلەن چېركاۋ ۋە دىن ئۆلىمالىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئەمەس ئىدى. بۇنىڭ ئەكسىچە، غەربتە يىمىرىلگەن فېئوداللىق تۈزۈمدىن بۇرژۇئازىيە سىنىپى شەكىللەنگەنىدى. بۇرژۇئازىيە سىنىپى ھاكىمىيەت ئۈچۈن چېركاۋ، ئاقسۆڭەك ۋە بىيۇروكراتىيە سىنىپى بىلەن كۈرەش قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقتىن، پەن ساھەسىدىكىلەرنى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بىلىم بىلەن ئىتتىپاقلاشتى.

ھازىرقى زامان بىلىم چۈشەنچىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يېڭى چۈشەنچىلەرنىڭ تارقىلىشىدا 17-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىدىن باشلاپ ياۋروپادا شەكىللەنگەن زال ۋە قەھۋەخانا سورۇنلىرى مۇھىم رول ئوينايدۇ. 18-ئەسىردە ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق ئىلىم ئەھلىلىرى مۇشۇ جايلاردا ئەسەرلىرىنى كەڭ جامائەتچىلىككە يەتكۈزەتتى. كېيىنچە بۇ ئەسەرلەر ئېلىپ سېتىلىدىغان تاۋارغا ئايلىنىپ چوڭ بازار پەيدا قىلدى. نەتىجىدە ئىلىم ئەھلىلىرى ۋە بۇرژۇئازىيە سىنىپى زور كىرىملەرنى قىلدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ چېركاۋ ھەم ھاكىمىيەت ھەمدە خىرىستىيان ئىلىم ساھەسىدىكىلەر بەزىبىر ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولدى، غەرب دۇنياسىدا مەيدانغا كەلگەن ئىسلاھات نەتىجىسىدە چېركاۋنىڭ ئورنى ۋە سالاھىيىتىمۇ ئۆزگىرىشكە باشلىدى. چېركاۋ ۋەكىللىك قىلغان تەڭرى ھاكىمىيىتى ئومۇمنىڭ مەسىلىسىدىن خۇسۇسىي مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. دىن ئەركىنلىكى تارىختا تۇنجى قېتىم بۇ دەۋردە شەخسىي ۋىجدان ئەركىنلىكى ساھەسىدىن ئورۇن ئالدى، بۇ جەرياندا چېركاۋ باشقا دۆلەت ئورۇنلىرىغا ئوخشاش تەڭ سالاھىيەت بىلەن ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىدى، چۈنكى چېركاۋ بۇرۇن جەمئىيەتنىڭ ئۈستىدىكى ھۆكۈمران ئاپپارات ئىدى. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۆزگىرىشلەر تۈرتكىسىدە ھازىرقى زامان بىلىمنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى بولغان «سېكۇلارلىق» بارلىققا كەلدى. سېكۇلارلىق ھادىسىسى دىن، ئېتىقاد، مۇقەددەسلىك، غايىۋى نەرسىلەر، مېتافىزىكىلىق چۈشەنچىلەرنىڭ جەمئىيەت ۋە ئىنسان ھاياتىدىكى نوپۇزىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كۆرسىتىدۇ.

چېركاۋ-بىلىم كۈرىشىدە بىلىم غەلىبە قىلغاندىن كېيىن دىن ئىنسانلارنىڭ  پەقەت ۋىجدانىدا، يەكشەنبە كۈنىدىكى چېركاۋ مۇراسىملىرىدىلا بولسا بولىدىغان، لېكىن ئىنسان ۋە كائىناتقا دائىر ئىلمىي پائالىيەتلەردە بولسا بولمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. بۇ ۋەزىيەتتە دىن پەقەت ئىنساننىڭ شەخسىي ھاياتىدىلا ئۆز مەنىسىنى تاپاتتى، ئىنسان ھاياتىنى مەنىگە ئىگە قىلاتتى، لېكىن بۇ دائىرىدىن چىقىپ كەتسە بولمايتتى. بۇ ئاشقۇن ئايرىمىچىلىق سەۋەبىدىن كۈنىمىزدىمۇ دىننىڭ دۆلەت ۋە ئاممىۋى ئورۇنلاردىن ئورۇن ئېلىشىنى ياقلاش ھەقىقەتەن تەس بولماقتا. ناۋادا بۇ قاراشنى دۆلەت ۋە ئاممىۋى ئورۇنلاردا ياقلاشقا توغرا كەلسە، چوقۇم سېكۇلار ئۇسۇل بىلەن ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرمىز. مەسىلەن، دىندا بالا ئالدۇرۇۋېتىش گۇناھ دەپلا بالا ئالدۇرماسلىقنى ياقلاش  ھازىرقى زامان ئىجتىمائىي پەن سېكۇلار چۈشەنچىسى نۇقتىسىدىن مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر مۇشۇنداق قاراشنى دۆلەت ۋە ئاممىۋى ئورۇنلاردا ياقلايمەن دېسىڭىز ئىنسان ھەقلىرى، ياشاش ھوقۇقى دېگەندەك سېكۇلار ئېقىملارنىڭ تەرغىباتلىرى بويىچە ھەرىكەت قىلىشىڭىز كېرەك. شەكسىزكى، ھازىرقى زامان بىلىمنىڭ يېگانە ئالاھىدىلىكى سېكۇلارلىق ئەمەس. ئەدەبىيات-سەنئەت قايتا گۈللىنىش ۋە ئىسلاھات ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن مەرىپەت ئويغىنىش دەۋرى ھازىرقى زامان بىلىم چۈشەنچىسىگە ئاساس سالغان. دىننىڭ چۈشىنىش ۋە بىلىش ۋاسىتىسى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىدىن مەھرۇم قالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ئەقىل دەسسىگەن.  بۇ سەۋەبتىن 18-ئەسىر غەرب تارىخى نۇقتىسىدىن مەرىپەت ئويغىنىش ۋە ئەقىل دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئەقىل مەرىپەت ئويغىنىش ئېقىمى پەلسەپىسىنى چۈشىنىشتە ئاچقۇچلۇق ئۇقۇمدۇر. شەيئى ۋە ھادىسىلەرنى ئانالىز قىلىدىغان ئەقىل ئونتولوگىيەلىك   كاتېگورىيە بولماستىن فۇنكسىيەلىك نەرسىدۇر. ئەقىلنى ئاساس قىلىپ شەكىللەنگەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن، شەخسلەر ھازىرقىدىنمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئۈچۈن قانداق قىلىش توغرىسىدا بىمالال قارار چىقىرالايدۇ. ئەقىل بۇ جەھەتتە ئىنسانىي نەرسە بولۇپ دىن، مېتافىزىكا ۋە ئەنئەنىگە ئوخشاش مەرىپەت ئويغىنىش ئېقىمى تەرىپىدىن خۇراپاتلىق دەپ قارالغان ھەر قانداق نەرسىگە قارشى چىقىدۇ (چىغدەم، 1997:21). ئەقىل ئىنساننىڭ ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەشتە مۇراجىئەت قىلغان مۇتلەق، ئومۇمىي ۋە توغرا كاتېگورىيەدۇر. ئەقىل بارلىق شەخس، مىللەت، ئەنئەنە ۋە كۈلتۈرلەردىن مۇستەقىل ھالدا ھەر يەردە بىر ۋە ئوخشاش نەرسىدۇر. دىن، ئەخلاق، ئەنئەنە ۋە كۈلتۈرلەر ئۆزگىرىدۇ، لېكىن ئەقىل ئۆزگەرمەيدۇ (كاسسىر، 2000: 39). ئەقىلنىڭ پىرىنسىپى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىرىلغان ئىجتىمائىي مۇئەسسەسەلەر (ئورگان)نى راتسىيونال جەھەتتىن تەنقىد قىلغىلى بولىدۇ. ئىنسانلار ئەقىل ئىشلەتسە بارلىق قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلىرىدىن خالاس بولالايدۇ، ئەبەدىي تىنچلىق ۋە مۇكەممەل جەمئىيەتكە ئېرىشەلەيدۇ. ئەقىل، تەبىئەت ۋە تەرەققىيات ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مۇقەررەر مۇناسىۋەتتۇر. قىسقىسى، مەرىپەت ئويغىنىش لايىھەسىدە ئىنسان ۋە جەمئىيەت ھەققىدىكى ھەقىقەتلەرگە راتسىيونال ئەقىل ۋە بىلىم ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى تەشەببۇس قىلىنىدۇ. ئىنسان ۋە جەمئىيەت توغرىسىدىكى ھەقىقەت يېگانە ۋە ئالەمشۇمۇل ھەقىقەت، دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. ھىيۇم، لوك، ھوببېس، روسسوغا ئوخشاش مۇتەپەككۇرلار ئەقىلنى چىقىش قىلغان ھالدا ئىجتىمائىي ئانالىزلارنى ئېلىپ بارغانىدى. مەرىپەت ئويغىنىش ئېقىمىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى تۈز تارىخىي تەرەققىيات يۆنىلىشىگە بولغان مايىللىقىدۇر. بىلىم جانلىق ۋە ئاكتىپ پائالىيەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنسان ھەر كۈنى بىلىم دائىرىسىگە يېڭىلىرىنى قوشۇپ تۇرالايدۇ. ئىنسان بىلىم ۋە ئەقىل ئىشلىتىش ئارقىلىق جەمئىيەتنى قايتىدىن بەرپا قىلىپ چىقالايدىغانلىقى ئۈچۈن داۋاملىق تەرەققىيات ئىچىدە بولىدۇ (شايلان، 2009: 134). مەرىپەت ئويغىنىش ئېقىمى تۈرتكىسىدە قايتىدىن بايقالغان، دىن، ئەنئەنە ۋە كۈلتۈر قاتارلىقلارنىڭ بارلىق كىشەنلىرىدىن قۇتۇلۇپ ھەقىقەتنىڭ يېگانە ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرۇلغان ئەقىل، ئىنساننىمۇ قايتىدىن بەرپا قىلىپ چىقىدۇ يەنى تەرىپلەپ چىقىدۇ. ئەقىل بىلەن كۆزى ئېچىلغان بىر شەخس ئۆزى ۋە جەمئىيەت توغرۇلۇق ئەقلىي خۇلاسە چىقىرالايدىغان، دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى پۇقرالىق كېلىشىمى  بىلەن ئورنىتالايدىغان، دىن ۋە ئەنئەنىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلغان، ھاياتىنى بىلىمگە ئاساسەن ياشايدىغان دۇنياۋى ئىنسان سۈپىتىدە تەرىپلىنىدۇ. ئەقىلنى يېتەكچى قىلمىغان ئىنسان كېرەكسىز ئىنساندۇر، ئەقىلنى ئاساس قىلمىغان  بىلىش شەكلى قىممەتسىزدۇر.

دۇنيانىڭ راتسىيوناللىشى پەقەت بىلىم بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. بۇ جەريان دىنغىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. دۇنيا بىلىمنىڭ تۈرتكىسىدە مۇقەددەس، غايىۋى ۋە سېھىر قۇتىسىدىن قۇتۇلۇپ رېئال ۋە  ئوبيېكتىپ ھادىسگىلا مەركەزلەشكەن نەرسىگە ئايلىنىدۇ. دۇنيانىڭ دىنى، ئىنسانىي، ئەخلاقىي ۋە غايىۋى تەرەپلىرى يوق بولىدۇ، ئىنسان تەڭرى تەرىپىدىن يارىتىلغان قىممەتلىك ۋە غايىسى بولغان مەخلۇق ئەمەس بەلكى تىزگىنسىز، ئەركىن ۋە مۇستەقىل مەخلۇقتۇر. بۇ چۈشەنچە  ھازىرقى زامان بىلىمنىڭ راتسىيوناللىق ئالاھىدىلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى تەقەززا قىلىدۇ. بىلىم ئەقىلنىڭ مەھسۇلاتىدۇر، بىلىم ئەھلى بولسا مېتافىزىكىلىق ھېس-تۇيغۇلاردىن خالىي بولغان، كۆزەتكىلى بولىدىغان ھادىسىلەرنى ئاساس قىلىپ، تەجرىبە ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالەمشۇمۇل ئومۇمىي ئىلمىي نەتىجە روياپقا چىقىرالايدىغان كىشىدۇر. شۇنداقلا بىلىم ئادىمى سەۋەب-نەتىجە پىرىنسىپىغا ئەھمىيەت بېرىپ،  ئوبيېكتىپ بولۇشى كېرەك.

سەۋەب-نەتىجىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئوبيېكتىپلىق مېخانىك كائىنات تەسەۋۋۇرىنىڭ تەبىئىي نەتىجىسىدۇر. بۇ تەسەۋۋۇر بويىچە بولغاندا كائىنات ئۆز قانۇنىيەتلىرى ئەتراپىدا سائەتكە ئوخشاش ھەرىكەت قىلىدىغان ماشىنا بولۇپ، ئېنېرگىيەسى تۈگىگۈچە ھەرىكەت قىلىدۇ. مۇشۇنداق بىر كائىناتتا پارچىلار ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب-نەتىجىلىك مۇناسىۋەت تېپىپ چىقىلغاندا بۇ مۇناسىۋەتنىڭ نەتىجىلىرىنى ئىزاھلاش ئاسان بولىدۇ. ئىلمىي نەتىجىگە ئەقىل، تەجرىبە ۋە كۆزىتىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ، بۇ جەرياندا كۆزىتىلگەن شەيئى-ھادىسە بىلەن كۆزىتىش ۋە سىناق ئېلىپ بارغان بىلىم ئادىمى ھېس-تۇيغۇ جەھەتتىن بىر-بىرىدىن تامامەن ئايرىلىشى كېرەك (يىلدىرىم شىمشەك، 2000: 3). مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەقىقەت ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھالدا مەۋجۇتتۇر. ھەقىقەتنى پەقەت مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىقلا بىلگىلى بولىدۇ. بىلىم ئادىمى بولسا ئۆزى يېتىشىپ چىققان مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن تامامەن خالىي بولۇشى كېرەك، يەنى ھېس-تۇيغۇسىنى تەتقىقات  ئوبيېكتىغا ئارىلاشتۇرماسلىق لازىم.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، مەرىپەت ئويغىنىش ئېقىمىنىڭ ئېپىستىمولوگىيەلىك (بىلىش ئۇسۇلى)مۇنازىرىسى ئىككى خىل تەرىقىدە بولغان بولۇپ، بىرىنچىسى بىلىم ۋە بىلىشنىڭ مەنبەسىنىڭ نېمە بولۇشى بولسا، ئىككىنچىسى بىلىم ۋە بىلىشنىڭ مەزمۇنى، ماھىيىتى ۋە ئېرىشىش ئۇسۇلىدۇر. بىلىم ۋە بىلىشنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە مۇنداق ئىككى خىل پەلسەپىۋى نۇقتىئىنەزەر ئوتتۇرىغا چىقتى: بىرىنچىسى ئىنسان ئەقلى ۋە ئىقتىدارىنى تەكىتلەيدىغان نۇقتىئىنەزەر بولۇپ،بۇ ئىدېئالىست خاھىش دەپ ئاتىلىدۇ، ئىككىنچىسى، بىلىمنىڭ ئىگىسى ۋە مەنبەسىنىڭ ئەقىلنىڭ سىرتىدا مۇستەقىل ئوبيېكتىپ بىر كائىنات بارلىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان پەلسەپىۋى قاراش بولۇپ، بۇ رېئالىزم دەپ ئاتىلىدۇ.

رېئالىزمدىمۇ ھەر خىل قاراشلار بار بولۇپ، بىلىمنىڭ ماھىيىتى ۋە مېتودىغا دائىر قاراشلار ئىككى خىل بولىدۇ. راتسىيونالىستىك پەلسەپە بىلىش ئۇسۇلى ئۈچۈن ئەقىلنى يەنى يەشمە خۇلاسە ئۇسۇلىنى ئاساس قىلىدۇ. تەجرىبە پەلسەپىسىدە دۇنياغا دائىر ئۇچۇر-مەلۇماتلارغا پەقەت تاشقى دۇنيانى كۆزىتىش ۋە تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. لېكىن ھەر ئىككى پەلسەپە ئېقىمىدا مېتافىزىكىدىن خالىي بولغان ئەقىل ئاساس قىلىنىدۇ، راتسىيونالىستىك پەلسەپە دېسكارتېس تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا، تەجرىبە پەلسەپىسى (ئىلمىي تەجرىبىدىن ئۆتۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ) لوك، بېكون، ھوببېسقا ئوخشاش مۇتەپەككۇرلارنىڭ تۈرتكىسىدە ھازىرقى زامانغىچە يېتىپ كەلگەن. مەرىپەت ئويغىنىش دەۋرىدىكى بىلىم پەلسەپىسى توغرۇلۇق ئېلىپ بېرىلغان بۇ خىلدىكى مۇنازىرىلەرنىڭ كېيىنكى دەۋرلەرگە ھەتتا كۈنىمىزدىكى بىلىم چۈشەنچىسىگىمۇ زېمىن تەييارلاپ بەرگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. كۈنىمىزدە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە ھېلىھەم نوپۇزلۇق ھېسابلىنىدىغان ئەمەلىيەتچانلىق ئۇسۇلى (پوزىتىۋىزم)دەل بۇلاردىن ھېسابلىنىدۇ. ئەقىل، كۆزىتىش، تەجرىبە، ئوبيېكتىپچىلىق، ئومۇمىيلىق، سانلىق ئىلمىي مېتودلار دەل مۇشۇنىڭغا ئاساسەن شەكىللىنىدۇ. ئەمەلىيەتچانلىق ئۇسۇلى ۋىيانا ئېقىمى تەرىپىدىن ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ. ۋىيانا ئېقىمىنىڭ قارىشىچە، بىلىم پەننىي ۋە غەيرى پەننىي دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. ئىلىم-پەن پەقەتلا ئوبيېكتىپ دۇنيا بىلەنلا چەكلىنىدۇ (دەمىر، 2000:31). بىلىم ئادىمى كونكرېت ھادىسىلەرنى ئاساس قىلىپ تەجرىبە ۋە كۆزىتىش ئارقىلىق ھەققى پەننىي بىلىمگە ئېرىشەلەيدۇ، باشقىچە يول بىلەن ئېرىشىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا دىن، ئەنئەنە، كۈلتۈر، سەنئەت، ئېستېتىك قاتارلىقلارنى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزگىلى بولمايدۇ، سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىدىن ئىزاھلىغىلى تېخىمۇ بولمايدۇ، بۇ سەۋەبتىن بۇلار پەننىي بىلىمنىڭ سىرتىدا بولىدۇ. بۇ چۈشەنچە مېخانىك كائىناتنى ئىزاھلاش ۋە تەبىئەتنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى بايقاپ چىقىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىنسان تەبىئەت سىرلىرى ۋە قانۇنىيىتىنى قانچە كۆپ بايقاپ تەبىئەتنى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالسا، ئۆزى ۋە جەمئىيەتكە دائىر بارلىق ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلارنىڭ تۈرلىرىنى  شۇنچە كونترول قىلالايدۇ.

بۇ تىزگىنلەش ئارزۇسى زامانىۋى ھاياتقا بىلىم جەھەتتىن ئاساس يارىتىپ بېرىدۇ. يەنى زامانىۋى ھاياتنىڭ ئاساسى بىلىمدۇر. زامانىۋى ئىنسان مەيلى تىرىكچىلىك قىلىشتا بولسۇن، مەيلى تۇرمۇشىنى قولايلاشتۇرىدىغان قوراللار، ۋاسىتىلەردە بولسۇن،  مەيلى كۆڭۈل ئېچىش ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىشتا بولسۇن ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئىجادلار، يېڭىلىقلار ۋە تېخنىكىلارغا بېقىندىدۇر (رۇسسېل، 2000:31).  بۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك كۈنىمىزدە نۇرغۇن ئىنسان بىلىم دېگەن كەلىمىنى ئاڭلىغان چاغدا كالىسىغا دەرھال تەجرىبىخانىلار، سىناق پىروبىركىلىرى، كومپيۇتېرلار، ئالەم كېمىسى ۋە ئاق خالات ئىچىدىكى دوختۇرلار كېلىدۇ. مەرىپەت ئويغىنىش دەۋرىدىن بۇيان ئىزچىل مۇنازىرە قىلىنىپ كېلىنىۋاتقان بىلىم ئەسلىدە تەبىئىي پەنلەر بولۇپ، پەقەت ماددىي دۇنيا بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك. بۇ پەنلەر يېڭى تېخنولوگىيەنىڭ ئاساسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ كاللىسىغا بىلىم دېگەندە ئالدى بىلەن تەبىئىي پەن كېلىدۇ. چۈنكى بۇ پەنلەر ئىنسانلارنىڭ كونكرېت ئېھتىياجلىرىنى قامداشتا ئىشقا يارايدىغان تېخنولوگىيەلەر ئىدى. لېكىن ئىلاھىيەت، سەنئەت، جەمئىيەتشۇناسلىق، پىسخولوگىيە، ئانتروپولوگىيە، سىياسەتكە ئوخشاش بەشەرىي  (ئىنسانىي)بىلىملەرنىڭ ئىلمىيلىكى تەبىئىي پەنگە سېلىشتۇرغاندا نىسبەتەن تۆۋەن بولىدۇ. ئوبيېكتىپ ھادىسە ۋە شەيئىلەر ئۈستىدە تەجرىبىخانىلاردا تەتقىق ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ، لېكىن ئىنسان ۋە جەمئىيەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تەجرىبىخانىلاردا سىناق قىلىپ تەتقىق قىلغىلى بولمايدۇ، بۇ ئويلىغاندەك ئاسان ئىش ئەمەس. شۇڭلاشقا مەرىپەت ئويغىنىش ئېقىمىنىڭ ئاساسلىق تايانچ كۈچى بولغان ئەمەلىيەتچانلىق (پوزىتىۋىزم) بىلىم چۈشەنچىسىدىكى بىلىم  بولسا كونكرېت تەبىئىي پەنلەردۇر.

ئىلىم-پەن 19-ئەسىردىن باشلاپ خىلمۇ-خىل پەنلەرگە ئايرىلىشقا باشلىدى. تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن ئايرىمى بۇ دەۋردە بارلىققا كەلدى، تەبىئىي پەن ئۆز ئىچىدە قانداق ئىنچىكىلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن بولسا ئىجتىمائىي پەنمۇ شۇ خىل يۈزلىنىشكە قاراپ ماڭدى. ئىجتىمائىي پەن ئۆزىگە ئاڭلىق يوسۇندا  ۋەھىي ئارقىلىق ئېرىشىلگەن ياكى ئەقىل ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەقىقەتلەرنى ئەمەس باشقا ئوبيېكتىپ ۋە رېئال ھەقىقەتلەرنى ئىزدىگۈچى، دەپ قارايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئىنسان دانالىقىنىڭ  ۋاپاسىز مىراسچىسى سۈپىتىدە قاراش كېرەك. مەسىلىگە بۇ نۇقتىدىن قارالغىنىدا، ئىجتىمائىي پەنگە بېرىلگەن ئېنىقلىما زامانىۋى دۇنياغا تەۋەدۇر. مەرىپەت ئويغىنىش دەۋرىگىچە ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن، ئىنسان بىلىمى ياكى روھ بىلىمى دەيدىغان ئۇقۇملار يوق ئىدى. ئىجتىمائىي پەن 16-ئەسىردىن باشلاپ پىشىپ يېتىلىشكە باشلىغان بولۇپ، ئۆزى تەۋە بولغان زامانىۋى دۇنيادا رېئاللىق ۋە ھەقىقەت ئۈستىدە تەجرىبىدىن ئۆتكەن ئىشەنچلىك نەتىجە ۋە مەلۇمات ئوتتۇرىغا قويۇش،   سىستېمىلىق ۋە ئوبيېكتىپ بىلىم بەرپا قىلىش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇنىڭدا نېمىس ئىدىيە ئەنئەنىسىنىڭ مۇھىم رولى بار، چۈنكى تۇنجى قېتىم دىلتىي، رىكېرت، كانت، ھېگېلغا ئوخشاش نۇرغۇن مۇتەپەككۇر تەبىئىي پەن بىلەن كۈلتۈر بىلىملىرىنى ئايرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. گېرمان ئېدىئالىزمىدىمۇ كۈلتۈر بىلىملىرى كۆپرەك تەكىتلەندى، بۇ دائىرىدە ئىجتىمائىي پەنلەر تەبىئىي پەنلەردىن ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىن ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ بىلىش شەكلى ۋە ئۇسۇلى قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا كەسكىن مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.

مەرىپەت ئويغىنىش ئېقىمى ئىجتىمائىي پەنگە  مۇنداق ئىككى جەھەتتىن زور تەسىر كۆرسەتتى، بىرىنچىسى، بىلىم ئىنسان چۈشەنچىسىنى تارىخىي ۋە كۈلتۈر ئامىللىرىنىڭ ئېنىقسىزلىقىدىن تازىلاپ ساپ ھەقىقەتكە يەتكۈزىدۇ. ئىنسان تەبىئىتى ئومۇمىي، ئۆزگەرمەس، ئالەمشۇمۇل ۋە ئورتاقتۇر. ئىجتىمائىي پەننىڭ مەقسىتىمۇ ئورتاق ئىنسان تەبىئىتىنى بايقاپ چىقىشتۇر. ئىجتىمائىي پەنلەردە  «ھەقىقەت»كە ئىنساننى تارىخىي ۋە  ئىجتىمائىي مەخلۇق سۈپىتىدە ئەمەس، مەلۇم بىر زامان ۋە ماكاندىن خالىي تارىختىن ھالقىغان ئىنسان چۈشەنچىسىنى ئاساس قىلغاندا ئېرىشكىلى بولىدۇ (ھېكمەن، 1999: 16). تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى بايقاپ چىقىپ تەبىئەتنى قانداق كونترول قىلغىلى بولسا، ئوخشاشلا ئىنسان تەبىئىتىنى بايقاپ چىقىپ، ئىنسان ۋە جەمئىيەتنىمۇ كونترول قىلغىلى بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئىنسان ۋە جەمئىيەت تارىخ، كۈلتۈر ۋە ئەنئەنە قاتارلىقلارنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ ئورتاق ئالەمشۇمۇل بىرلىك ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈن ئورتاق قانۇن ۋە ئورتاق ئىجتىمائىي نىزام بەرپا قىلغىلى بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن 19-ئەسىردىكى نۇرغۇن مۇتەپەككۇر غەربىي ياۋروپانىڭ ئىنسانىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىلمىي جەھەتتىن يەتكەن سەۋىيەسىنى ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى دەپ قارايتتى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، زېمىندىكى بارلىق جەمئىيەتلەر بۇ تەرەققىيات يۆنىلىشى بويىچە ماڭسا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتەتتى، بۇ پەللە بارلىق جەمئىيەتلەر ئۈچۈن مۇقەررەر يۈزلىنىشتۇر. بۇ سەۋەبتىن غەرب دۇنياسى سىياسىي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى جەمئىيەتلەرگە مۇشۇ خىلدىكى ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تاڭغانىدى.

مەرىپەت ئويغىنىش ئېقىمى يەنە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات ئۇسۇلىغىمۇ زور تەسىر كۆرسەتتى. تەبىئىي پەندىكى ئەمەلىيەتچانلىق (پوزىتىۋىزم)ئۇسۇلى  ئىجتىمائىي پەنلەرگە شۇ پېتى قوبۇل قىلىندى. ئەمەلىيەتچانلىق ئۇسۇلنى ئاساس قىلىدىغان ئىجتىمائىي نەزەرىيەگە ئاساسلانغاندا، ئىجتىمائىي دۇنيا تەبىئەت دۇنياسىدىن قىلچە پەرقلەنمەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئىجتىمائىي دۇنيانى ئىزاھلاش ئەندىزىسىمۇ تەبىئەت دۇنيانى ئىزاھلاش ئەندىزىسى بىلەن ئوخشاشتۇر. شۇڭا مەيلى ئىجتىمائىي پەنلەر بولسۇن مەيلى تەبىئىي پەنلەر بولسۇن بارلىق پەنلەرنىڭ مەقسىتى تەجرىبە ۋە كۆزىتىش ئارقىلىق ئىسپاتلىغىلى بولىدىغان ئومۇمىي خۇلاسە ياكى قائىدە-پىرىنسىپ بېكىتىپ چىقىشتىن ئىبارەت. تەجرىبىدىن ئۆتمىگەن ياكى توغرىلىقى ئىسپاتلانمىغان ئىدىيە شەكىللىرى قانداق سەۋىيەدە بولۇشتىن قەتئىينەزەر سوبيېكتىپچانلىقتىن ۋە ئىدېئولوگىيەدىن خالىي بولمايدۇ (سۇنار، 1999: 25). تەبىئىي پەنلەر ۋە نىيۇتوننىڭ مېخانىك كائىنات قارىشىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغان ئىجتىمائىي پەنلەرگە ئاشقۇن ئوبيېكتىپچىلىق ۋە ئومۇمىيلىقنى راۋا كۆرگەن ئەمەلىيەتچانلىق (پوزىتىۋىزم)ئېقىمى، ئىلىم-پەنگە ئېرىشىشنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك يولى، دەپ قارالغان. شۇڭا ئىنسان ۋە جەمئىيەت ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش بىلەن تەبىئىي بىر ھادىسە ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق. ئىجتىمائىي پەنلەردە ئەمەلىيەتچانلىق (پوزىتىۋىزم)ئۇسۇلى نوپۇزلۇق ئورۇنغا ئۆتۈۋالغان مەزگىللەردە، چۈشىنىش ۋە ئىزاھلاشتىن ئىبارەت ئىككى تەتقىقات ئۇسۇلىمۇ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىن ئاستا-ئاستا ئورۇن ئېلىشقا باشلايدۇ.

بۇ تەتقىقات ئۇسۇللىرىنىڭ قارىشىچە، ئىجتىمائىي پەن ئىنساننىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىشقا يارايدۇ. بۇ يەردىكى چۈشىنىش ئىنساننىڭ ئۆز ئىش-ھەرىكەتلىرىنى قانداق چۈشىنىشىنىڭ ئىزاھلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى ئىش-ھەرىكەتنىڭ تېگىدىكى ئىنساننىڭ چۈشەنچىسىنىڭ ئىزاھلىنىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىجتىمائىي پەنلەرگە نىسبەتەن بىلىمگە ئېرىشىشنىڭ يولى بىلىم ئادىمىنىڭ رېئاللىققا قويغان سوئالىغا باغلىقتۇر. تارىخ، مەنىۋى بايلىقلار، ئىدىيەلەر ۋە كۈلتۈرلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى-يېڭى سوئاللار سوراش ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ، بۇ ئەھۋال تەبىئىي ھالدا جەمئىيەت، تارىخ ۋە ئىنسان توغرۇلۇق ھادىسىلەرنىڭ چۈشىنىلىپ ئىزاھلىنىشىنى تەقەززا قىلىدۇ، ئىجتىمائىي پەنلەر بۇ تەقەززانى چىقىش قىلغان بولۇشى كېرەك (ئارون، 1994: 348). چۈشىنىش ئۇسۇلى باشقا مەۋجۇداتلار ياكى تەبىئەت ۋاسىتىسى ئارقىلىق پەقەت ئىنسانغا دائىر قىممەت قاراشلار، ئەخلاقىي پىرىنسىپلار ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرى توغرۇلۇق مېتود ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئىنسان ئۆز نىيەتلىرىنى ئىچكى كۆزىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق چۈشىنەلەيدۇ، شۇڭا ئۆزگىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن نىيەتنى تۇتقا قىلىپ ئانالىز ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ (ۋېبېر، 2000: 102). تىل، مەنە، چۈشەنچە ۋە  بىلىمنىڭ كونتېكىستى ۋە ئىمكانىيىتى توغرۇلۇق ھېلىھەم مۇنازىرىلەر داۋاملاشماقتا. ئىنسان ۋە ئۇنىڭ ئىش ھەرىكىتىنى بىرلا سەۋەبتىن ئىزاھلاپ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئىنساننىڭ ئىش –ھەرىكىتىنىڭ كەينىدە نۇرغۇن سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، مەلۇم بىر ئىش-ھەرىكەت دىنى، مەدەنىيەت، ئىقتىسادى ۋە ئەنئەنىۋى سەۋەبلەر تۈپەيلى پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن، بىلىم ئەھلىنىڭ ۋەزىپىسى بۇلارنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ  ئىنسان ۋە جەمئىيەت توغرۇلۇق مەنتىقلىق ئانالىز ئېلىپ بېرىشتۇر.

كۈنىمىزدە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە ئەينى چاغدىكى مەرىپەت ئويغىنىش دەۋرىنىڭ مەھسۇلى بولغان ئىنسان ۋە بىلىم چۈشەنچىسى، شۇنداقلا ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇلى بولغان ئەمەلىيەتچانلىق (پوزىتىۋىزم) ئۇسۇلى قاتتىق تەنقىد قىلىنماقتا. بۇ تەنقىدلەر نوقۇل ئەمەلىيەتچانلىق ئۇسۇلىغىلا ئەمەس مودېرنىزمنىڭ بارلىق تەرغىباتلىرىغا قارىتىلماقتا، كۈنىمىزدە ھېلىھەم ئەمەلىيەتچانلىقنى ئاساس قىلغان بىلىم چۈشەنچىسى نوپۇزلۇق ئورۇندا تۇرماقتا. لېكىن مەرىپەت ئويغىنىش ئېقىمىدا شەكىللەنگەن تەبىئەتنى ئىنسان ئېھتىياجلىرىغا ئاساسەن تەرتىپكە سېلىش، تەرەققىيات، مۇتلەقلىق ۋە  ئالەمشۇمۇل تىنچلىققا ئوخشاش ئۇقۇملار مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. شۇڭا بۇ ئۇقۇملارغا ئېغىر تەنقىدلەر ئېلىپ بېرىلماقتا (بىلسەل، 2012: 125).  بۇ سەۋەبتىن، نۇرغۇن مۇتەپەككۇر ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ كىرىزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسان بىلىملىرىنى ئىسلاھ قىلىشنى تەشەببۇس قىلماقتا، نەتىجىدە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە بۇرۇنقىدەك ئالەمشۇمۇللۇق،يېگانىلىق، ئومۇمىيلىق،مۇتلەقلىق، بىر خىللىق خاھىشىنىڭ ئورنىغا كۆپ خىللىق، كۆپ مەدەنىيەتلىك، مىللىيلىك، نىسپىيلىك خاھىشى دەسىسمەكتە. بىلىم ئىنسان-ئىنسان ۋە ئىنسان-تەبىئەتنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش پائالىيىتىنىڭ مەھسۇلاتىدۇر. ئىنسان كۆپ خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە مەخلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنسان ۋە جەمئىيەت ئۈستىدىكى ئانالىزلارمۇ كۆپ خىل، كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇشى كېرەك. بىلىم بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ يۈزلەرچە ئەسىردىن بۇيان بىرلىكتە ياشاپ كەلگەن مەدەنىيەت، دىن، ئەنئەنىگە ئوخشاش ئامىللارنىڭ رولىنى قەتئىي نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ ئىنسان بىلىملىرىگە نىسبەتەن بىرلا بىلىش ئۇسۇلىنىڭ يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە نۇرغۇن بىلىش ئۇسۇلىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىنسان ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ماتېماتىكىلىق سان-سىپىرلارنىلا ئاساس قىلىدىغان بىرلا بىلىش ئۇسۇلى بىلەن مۇھاكىمە قىلىشقا بولمايدۇ.

ھەقىقەت ۋە بىلىم مەلۇم بىر ئىجتىمائىي مۇھىتتا بەرپا بولىدىغان بولۇپ، ئىجتىمائىي شارائىتلارغا ئاساسەن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. تىبەتلىك بىر پوپقا نىسبەتەن ھەقىقەت ھېسابلىنىدىغان نەرسە ئامېرىكىلىق بىر كارخانىچىغا نىسبەتەن ھەقىقەت ۋە قىممەتسىز ھېسابلىنىشى مۇمكىن. جىنايەتچىنىڭ مەلۇماتى جىنايەتشۇناسنىڭ مەلۇماتى بىلەن تەڭ بولمايدۇ، كونكرېت ھەقىقەت ۋە بىلىم جۇغلانمىسى كونكرېت ئىجتىمائىي مۇھىتقا مۇناسىۋەتلىك، شۇڭلاشقا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان چاغدا چوقۇم يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلارنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك (بېرگېر ۋە لۇكمان، 2008:5). كۈنىمىزدە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە باش كۆتۈرگەن بىلىم چۈشەنچىسى بىلىم ئىشلەپچىقىرىش مۇساپىسىگە ئوبيېكتىپ جەريان سۈپىتىدە ئەمەس، دۇنيانىڭ نىسپىيلىكىنى ئاساس قىلغان جەريان سۈپىتىدە قارايدۇ. بۇ قاراش بويىچە بولغاندا، ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى ئىجتىمائىي ئىش-ھەرىكەتنى بەلگىلەيدىغان ئومۇمىي قانۇنىيەتلەرنى تېپىپ چىقىش يولى ئارقىلىق ئەمەس، ئىجتىمائىي ئەھۋالنىڭ بارلىق تەرەپلىرىنى نەزەرگە ئالغان ئاساستا چۈشىنىپ ئىزاھلىغىلى بولىدۇ. ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى ئىزاھلاش ئۇسۇلى دېگەندە، تەتقىقاتقا تېما بولغان ھادىسەنىڭ ئۆزى ۋە باشقا ھادىسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىق ۋە پەرقلىقلەرنى تېپىپ چىقىپ ئىزاھلاشنى كۆرسىتىدۇ (يىلدىرىم ۋە شىمشەك، 2000:9). ئىجتىمائىي پەنچىلەر ئىجتىمائىي ھەقىقەتنىڭ مۇقىم شەكىللىرىنى ئەمەس، ئۆزگىرىشچان ئالاھىدىلىكلىرىنى، كىشىلىك مۇناسىۋەت دائىرىسىدە قايتىدىن بەرپا بولغان قۇرۇلمىسىنى ۋە سۇبيېكتىپ قۇرۇلمىلارغا ئەكس ئېتىشىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ھادىسىلەرنى سان-سىپىرلار ئارقىلىق توپلاشتىن باشقا ئۇسۇللارغىمۇ ئېھتىياج ھېس قىلىدۇ. تەتقىقاتچى ئىجتىمائىي ھەقىقەت (ھادىسە)كە كۈلتۈر، مەنە ۋە تىل قاتارلىق ئامىللارنى چىقىش قىلغان ھالدا مۇئامىلە قىلىش لازىم، بۇ ئەھۋال تەبىئىي ھالدا مېتود ۋە بىلىش جەھەتتە كۆپ خىللىقنى تەقەززا قىلىدۇ. ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى چۈشىنىش ۋە ئىزاھلاش ئۇسۇلىمۇ تەنقىدكە ئۇچرىماقتا، ئەمەلىيەتچانلىق (پوزىتىۋىزم)ئۇسۇلى بىلىم ساھەسىدە كۈچلۈك نوپۇزلۇق ئىگە بولسىمۇ، بۇ ئۇسۇلغا قارىتىلغان تەنقىدلەر بۇرۇنقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولماقتا، چۈشىنىش ۋە ئىزاھلاشنى ئاساس قىلغان نەزەرىيەلەرنىڭمۇ ئەھمىيىتى زور بولماقتا. ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە كۆرۈلگەن بۇ زىتلىق ئىجتىمائىي پەنلەرنى قايتىدىن رەتكە سېلىپ ئىسلاھ قىلىشنى تەقەززا قىلماقتا.

 

غەربتە ئىلىم-پەن ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن تەرەققىياتلارنىڭ شەرق ئىسلام دۇنياسىغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى

 

غەرب دۇنياسىدا ئىلىم-پەن ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردە مەرىپەت ئويغىنىش ئېقىمى، ئىسلاھاتچىلىق، ئەمەلىيەتچانلىق (پوزىتىۋىزم)ئېقىمى ۋە بۇلارنىڭ نەتىجىلىرى ئۈستىدە مۇنازىرە بولۇۋاتقاندا، شەرق ئىسلام دۇنياسىدا 15-ئەسىرلەردىن كېيىن بىلىمنىڭ بىرمۇ ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك تەرەققىيات بارلىققا كەلمىدى. بىلىم ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك ئۇتۇق ۋە نەتىجە بارلىققا كەلمەسلىك بىلەن بىرگە، غەربتە ئىلىم-پەن ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن تەرەققىياتلارغا سەل قارالدى. شەرق ئىسلام دۇنياسىغا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ۋەكىللىك قىلاتتى، سىياسىي ساھەدە ئەڭ پارلاق دەۋرىنى ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي دۇنيانىڭ ئۆزى توغرىسىدا ئويلىنىش، سوراقلاش ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئىلىم-پەن ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن تەرەققىياتلارنى يېقىندىن تەقىب قىلىش ئېھتىياجى بولمىغان. بۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، بولۇپمۇ 17-ئەسىردىن كېيىن شەرھىي ۋە ھاشىيەلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالغانىدى. قاچانكى سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتە چېكىنىش كۆرۈلدى، شۇ ۋاقىتتىن ئېتىبارەن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دىققىتىنى سىرتقا ئەمەس ئۆزىگە بۇراشقا باشلىدى، ئۆزىنى سوراقلاپ كەمچىلىكى ۋە ئاجىزلىقى ئۈستىدە ئويلىنىشقا يۈزلەندى. شەرق ئىسلام دۇنياسى ئۆزىنى ھېسابقا تارتىپ تەنقىد قىلىش جەريانىدا،  ئىسلام ياخشى چۈشىنىلىپ ئۇنىڭ روھى بويىچە ياشالمىغانلىقتىن ئېغىر بوھرانغا دۇچ كەلگەنلىكىنى خۇلاسىلەپ چىقتى، سىياسىي ساھەدىكى ئاجىزلىقلارنى بولسا ھەربىي ساھەنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىپ يېڭى ھەربىي تېخنىكىلارنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا قارار قىلىشتى. شەرق ئىسلام دۇنياسى غەربنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى تەن ئالغاندىن كېيىن ، غەربتىن نېمىلەرنى قوبۇل قىلىپ نېمىلەرنى قىلماسلىق توغرىسىدا كەسكىن مۇنازىرە قىلىشتى، بۇ مۇنازىرىلەر جەريانىدا غەربنىڭ تېخنىكا ۋە بىلىمىنى قوبۇل قىلىپ مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلماسلىقتەك چۈشەنچە نىسبەتەن نوپۇزلۇق ئورۇنغا ئۆتتى. لېكىن 19-ئەسىردىن كېيىن شەرق ۋە ئىسلام دۇنياسىدا ھەر ساھەدە ئومۇميۈزلۈك چېكىنىش بارلىققا كەلدى، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە مەيدانغا كەلگەن بۇ مەسىلىلەرنى چۈشىنىپ ئىزاھلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئەنئەنىۋى بىلىم چۈشەنچىسىگە مۇراجىئەت قىلىنمىدى، ھەممىدىن مۇھىمى ئەنئەنىۋى ئىلىم مۇئەسسەسىلىرىمۇ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى.

بۇ غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە ماس ھالدا، ئىسلام دۇنياسىدا سىياسىي بوھران كەسكىنلىشىپ پارچىلىنىش كېلىپ چىقىپ مۇستەقىل دۆلەتلەر بارلىققا كەلدى. مۇشۇنداق بىر سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي كىرىزىستا ئىلىم-پەننىڭ بىرمۇ ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە يارىتىلىشى تەس ئىدى، ئىسلام دۇنياسى غەربتىكى مودېرنلىشىش ھادىسىسىنىڭ خىرىس قىلىشىغا دۇچ كەلدى، غەرب دۇنياسىدا بارلىققا كەلگەن بۇ ئالاھىدە ئەھۋال مۇسۇلمان دۇنياسىغا زور بېسىم ئېلىپ كەلدى، مۇسۇلمان دۇنياسى تەرەققىي قىلىپ مەدەنىي ھالغا كېلىشنى ئارزۇ قىلسا چوقۇم غەربتە مەيدانغا كەلگەن مودېرنلىشىش ھادىسىسىگە ماسلىشىشى كېرەك ئىدى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، مۇسۇلمان ۋە شەرق دۇنياسى غەربكە ئەگىشىشى لازىم ئىدى. مۇسۇلمان دۇنياسىدا مودېرنلىشىش ۋە ھازىرقى زامان ئىلىم-پەنگە نىسبەتەن ئۈچ خىل پوزىتسىيە شەكىللەندى، بىرىنچىسى، ئەمەلىيەتچانلىق (پوزىتىۋىزم) ئۇسۇلىغا تايانغان بىلىم چۈشەنچىسىنى شۇ پېتى قوبۇل قىلىپ، بارلىق سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئورگانلارنى مۇشۇنىڭغا ئاساسەن تەرتىپكە سېلىش، بۇ قاراش بويىچە بولغاندا يېگانە ۋە مۇتلەق توغرا بىلىم ئەمەلىيەتچانلىق (پوزىتىۋىزم) بىلىمدۇر، جەمئىيەت مۇشۇ بىلىم ئەندىزىسى بويىچە تەرتىپكە سېلىنىشى لازىم. غەربتىكى مودېرنلىشىش مۇساپىسىنى مۇشۇ بىلىم ئەندىزىسىگە ئىشەنگەن بىر تۈركۈم يۇقىرى قاتلام كىشىلىرىنىڭ ئىنژېنېرلىق لايىھەسى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئىجتىمائىي پەنلەرگە ئەھمىيەت بېرىلمىگەندىن سىرت ئىلاھىيەت ۋە دىنىي ئىلىملەرگىمۇ بىلىم نەزەرى بىلەن قارالمىدى. دىنى ئىلىملەر مودېرنلىشىش ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توساق دەپ قارىلىپ ھۇجۇم نىشانى قىلىندى. نەتىجىدە ئەمەلىيەتچانلىق (پوزىتىۋىزم) مەنتىقىسىنى ئاساس قىلىپ جەمئىيەتنى مودېرنلاشتۇرماقچى بولغان ۋە ئۆزىگە يات بىر مەدەنىيەتنى جەمئىيەتكە تاڭغان، جەمئىيىتىگە، مەدەنىيىتىگە ۋە خەلقىگە يات بىر زىيالىي سىنىپى شەكىللەندى.

بۇ سىنىپقا قارشى ھالدا ئەمەلىيەتچانلىق (پوزىتىۋىزم)نى ئاساس قىلغان بىلىم ئارقىلىق دىننى ھەقلىق ۋە يوللۇق رەۋىشكە ئىگە قىلماقچى بولغان يەنە بىر ئېقىم پەيدا بولدى. بۇ ئېقىمنىڭ قارىشىچە، ئايەت ۋە ھەدىسلەر ئەمەلىيەتچانلىقنى ئاساس قىلغان بىلىم تەرىپىدىن بايقالغان ھەقىقەتلەردىن نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى بېشارەت بەرگەن، شۇڭا دىن ئۆز جەمئىيىتىنىڭ مەنىۋى بايلىقلىرىغا يات بولغان زىيالىيلار قارشى تۇرغاندەك قارشى تۇرۇشقا بولىدىغان نەرسە ئەمەس. بۇ ئېقىمدا ئەمەلىيەتچانلىقنى ئاساس قىلغان بىلىم مېتودى بىلەن ئىلىم-پەن ساھەسىدە نەتىجە يارىتالمىغانلىقتىن، پەقەتلا غەربتە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلمىي نەتىجىلەر دىن نۇقتىسىدىن ئىزاھلىنىپ چۈشەندۈرۈلدى، خالاس. بۇ ئېقىم دىندار قاتلام ئارىسىدىلا  پەيدا بولغانلىقى، شۇنداقلا بۇ قاتلامنىڭ سىياسەتكە يىراق بولۇشى تۈپەيلى تەسىرى دېگەندەك كۈچلۈك بولمىدى.قىسقىسى،  بۇ ئېقىم ئەمەلىيەتتە غەربتە ئىلىم-پەن ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇتۇق ۋە نەتىجىلەرگە ئىنكاس سۈپىتىدە پەيدا بولغانىدى.

غەربنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ئۇتۇقلىرىغا قارشى يەنە بىر ئېقىم شەكىللەندى، بۇنى ئېقىمدەك بەكرەك ئىنكاس دەپ تەرىپلىسەك تېخىمۇ مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئېقىم ئەمەلىيەتچانلىقنى ئاساس قىلغان بىلىمنى يەنى ھازىرقى زامان ئىلىم-پەننى ئومۇميۈزلۈك رەت قىلىپ، ئىسلامىي مەنبەلەرنى ئۇنىڭدىن قوغداشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ ئېقىمدا، پۈتكۈل ھەقىقەت باشقا يەردىن ئەمەس دەل ئۆزىمىزدىن تېپىلىدۇ، شۇڭا ئۆزىمىزنىڭ مەنبەلىرىگە ئومۇميۈزلۈك مۇراجىئەت قىلساق ھەقىقەتكە ئېرىشىمىز، دەپ قارالدى، بۇ ئېقىمدىكىلەر غەربتە ئاپىرىدە بولغان ئىلىم-پەننىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامىي مەنبەلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يىراقلاشتۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ زېھىن دۇنياسىنى قالايمىقان قىلىۋېتىدىغانلىقىنى ياقلاپ، ياۋروپادا پەيدا بولغان مەيلى تەبىئىي پەن بولسۇن مەيلى ئىجتىمائىي پەن بولسۇن ئۇلاردىن يىراق تۇرۇش لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلدى.

 

خۇلاسە

 

ئىنساننىڭ ئۆزى ۋە كائىنات توغرىسىدىكى قىزىقىشىنىڭ نەتىجىسىدە پەيدا بولغان بىلىش پائالىيىتى ئەلمىساقتىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. ئىنسان ئۆزىگە نامەلۇم نەرسە ۋە ھادىسىلەرنى بىلىش ئۈچۈن تەبىئىي ھالدا شۇ نەرسە ۋە ھادىسىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ، بۇ سەۋەبتىن قەدىمى دەۋردىلا توغرا مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلىنىدىغان ئەقىل ئىشلىتىشنىڭ پىرىنسىپلىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلغان. ئىنساننى باشقا مەخلۇقلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان نەرسىنىڭ دەل ئەقىل ئىكەنلىكى توغرىسىدا قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بۇنىڭدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان. ئۇ دەۋرلەردە ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق جەمئىيەتتە ئىنسان ئۆزى، دۇنيا ۋە كائىنات توغرىسىدىكى قىزىقىشىغا جاۋاب تېپىش، ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنى ئىزاھلاش ئۈچۈن ھەممىدىن بۇرۇن دىندىن ئىبارەت ھايات مىزانىغا مۇراجىئەت قىلىشقان.دىن مەيلى شەرق ئىسلام دۇنياسىدا بولسۇن مەيلى غەرب دۇنياسىدا بولسۇن جەمئىيەتنىڭ بارلىق قاتلاملىرىدا بولغىنىدەك بىلىم چۈشەنچىسى ۋە ئىلمىي پائالىيەتلەردىمۇ ئاساسلىق بەلگىلەش رولى ئوينىغان. شەرق ئىسلام دۇنياسىدا 15-ئەسىرگىچە  بىلىمنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە زور ئۇتۇقلار ۋە نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.  ئىسلام دۇنياسىنىڭ پارلاق دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۇ دەۋردە دىن ئەڭ ئاساسلىق ئىلھام مەنبەسى بولدى. لېكىن 16-ئەسىردىن كېيىن ئىسلام دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىدە نەتىجە يارىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن كەينىگە چېكىنىشكە باشلىدى. بۇنداق بولۇشىغا ئاساسلىقى ئىسلام دۇنياسنىڭ ھەر ساھەدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنى ئويلىۋېلىشى سەۋەب بولغان، ئەلۋەتتە باشقا سەۋەبلەرمۇ بار.

غەرب دۇنياسىدا بولسا 15-ئەسىردىن كېيىن قايتىدىن قەدىمكى گىرېك مەدەنىيىتىگە قايتىش ۋە كائىناتنى چېركاۋ ھەقىقەتلىرىنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىغان ئاساستا قايتىدىن ئىزاھلاپ چىقىش ھەرىكىتى  باشلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ نىيۇتوننىڭ مېخانىك كائىنات چۈشەنچىسىنى چىقىش قىلغان ھالدا دىن، تارىخ ۋە كۈلتۈردىن مۇستەقىل خاراكتېرگە ئىگە بولغان بىلىش ئۇسۇلىغا يۈزلىنىش خاھىشى باش كۆتۈرىدۇ. مەرىپەت ئويغىنىش ئېقىمى بىلەن بىرلىكتە ئەقىل، ھادىسە، ئالەمشۇمۇللۇق، مۇتلەقلىق، بىر خىللىققا ئوخشاش پىرىنسىپلار بىلەن دائىرىسى ئېنىق سىزىلغان بىلىش ئۇسۇلى ھۆكۈمران ھالغا كېلىدۇ. تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنى بايقاپ چىقىشتا ئىشلىتىدىغان ئۇسۇللاردىن ئىنسان ۋە جەمئىيەت قانۇنىيەتلىرىنىمۇ بايقاپ چىقىشتا پايدىلىنىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ، چۈنكى تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى بايقاپ چىقىلغان تەقدىردە تەبىئەتنى ئىنسان بويسۇندۇرالايتتى، ئوخشاشلا ئىنسان ۋە جەمئىيەتنىڭ قانۇنىيەتلىرى بايقاپ چىقىلغان ئەھۋالدا ئىنسان ۋە جەمئىيەتنىمۇ ئالدىن تىزگىنلىگىلى بولاتتى، يەنى تەبىئىي پەندىكى بىلىش ئۇسۇلىنى ئىجتىمائىي پەنگىمۇ تەتبىق قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. كۈنىمىزدە بىلىم دۇنياسى بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پەنلەر نىيۇتوندىن بەكرەك ئېينىشتىننىڭ بىلىم ئەندىزىسى بويىچە ئىش تۇتۇپ مېڭىۋاتىدۇ. چۈنكى نىيۇتون مۇتلەقلىقنى تەشەببۇس قىلاتتى، ئېينىشتىن بولسا نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنىڭ تەشەببۇسچىسى ئىدى. ئىجتىمائىي پەنلەر نىسپىيلىكىنى ئاساس قىلماقتا، شۇڭا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە مۇتلەقلىق، ئومۇمىيلىق، توغرىلىق، بىر خىللىق، يېگانىچىلىققا ئوخشاش ئۇقۇملارنىڭ بۇرۇنقىدەك نوپۇزى يوق. كۈنىمىزدە باشقا بىلىش شەكىللىرىنىڭمۇ بارلىقى ۋە توغرا ۋە ھەقىقەتنىڭ بىرلا بولمايدىغانلىقى بەلكى كۆپ خىل بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ قاراش بويىچە بولغاندا، بىلىم بىر خىل ئىجتىمائىي پائالىيەت شەكلى بولۇپ، جەمئىيەتنى شەكىللەندۈرگەن بارلىق ئامىلنىڭ ئىزى تېپىلىدۇ. بىر جەمئىيەتكە نىسبەتەن ھەقىقەت ۋە توغرا دەپ قارالغان نەرسە باشقا بىر جەمئىيەتكە نىسبەتەن ھەقىقەت ۋە توغرا دەل قارالماسلىقى مۇمكىن. شۇڭلاشقا ھەقىقەت مۇتلەق ئەمەس نىسپىيدۇر. شەكسىزكى، بىلىم ساھەسىدىكى بۇ ئۆزگىرىشتە نىيۇتوننىڭ مېخانىك كائىنات نەزەرىيەسىدىن كائانتۇم فىزىكىسىغا ئۆتۈش زور رول ئوينايدۇ. مەسىلىگە بۇ نۇقتىدىن قارالغىنىدا ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ بوھرانغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، شۇڭا ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئىسلاھ قىلىش لازىملىقى توغرىسىدا كەسكىن تالاش-تارتىشلار ئېلىپ بېرىلماقتا.

 

پايدىلانمىلار

 

Aydın, M.(2010). Bilgi Sosyolojisi, Açılım Kitap, İstanbul.

Almod,İ.(2012).İbni Arabi ve Derrida; Tasavvuf ve yapısöküm,(Çev: K. Filiz), Ayrıntı Yayınları, İstanbul.

Aron, R.(1994).Sosyolojik Düşüncenin Evreleri,(Çev: K. Alemdar),Bilgi Yayınları, İstanbul.

Berger, L.P. ve Luckman, T. (2008).Gerçekliğin Sosyal İnşası, (Çev: V. S. Öğütle), Paradigma Yayınları, İstanbul.

Bilsel, H. (2012). “Kültürün Toplumsal Simge Üretme Özelliği: Kalıcı ve Dönüştürücü

Öğeler”,Kültür Sosyolojisi, (Ed: A. Ergur ve E. Gökalp), Anadolu Üniversitesi Açıköğretim Fakültesi Yayını,Eskişehir.

Cassier, E.(2000). “Aydınlanma Çağının Düşünme Biçimi”. Çev: Doğan Özlem.

Toplum Bilim Aydınlanma Özel Sayısı(içinde).İstanbul: Bağlam Yayınları.37-49.

Capra, F. (2014). Batı Düşüncesinde Dönüm Noktası, (Çev: Mustafa Armağan), İnsan Yayınları, İstanbul.

Chalmers, A. (1997). Bilim Dedikleri, Vadi Yayınları, Ankara.

Cottigham, J.(2003).Akılcılık,Doruk Yayımcılık, İstanbul.

Çiğdem, A. (1997). Akıl ve Toplumun Özgürleşimi; Jurgen Habermas ve Eleştirel Epistemoloji Üzerine Bir Çalışma, Vadi Yayınları,Ankara.

Çiğdem, A. (2003). Aydınlanma Düşüncesi,İletişim Yayınları,İstanbul.

Demir, Ö. (2000). Bilim Felsefesi,Vadi Yayınları,Ankara.

Fay, B.(2000). Çağdaş Sosyal Bilimler Felsefesi; Çok kültürlü Bir yaklaşım, (Çev: İ. Türkmen), Ayrıntı Yayınları, İstanbul.

Feyerabend, K. P.(1991). Yönteme Hayır; Bir Anarşist Bilgi Kuramının Ana Hatları, Ara Yayınları, İstanbul.

Forti, A.(2004). “Modern Bilimin Doğuşu ve Düşünce Özgürlüğü” ,(Çev: M. Küçük), Bilim ve İktidar,(Ed: F. Mayor, A. Forti), TÜBİTAK Yayınları, Ankara.

Foucault, M.(2011). Özne ve İktidar, Ayrıntı Yayınları, İstanbul.

Gulbenkian Komisyonu (2003). Sosyal Bilimleri Açın; Sosyal Bilimlerin Yeniden Yapılanması Üzerine Rapor, (Çev: Şirin Tekeli),Metis Yayınları,İstanbul.

Grayling, A. C.(2008). Wittgenstein; Düşüncenin Ustaları, (Cev: Muhsin Yılmaz), Altın Kitaplar, İstanbul.

Habermas, J.(2002). Kamusal Alanın Yapısal Dönüşümü,(Çev: T. Bora ve M. Sancar), İletişim Yayınları, İstanbul.

Heidegger, M.(1998). Bilim Üzerine İki Ders,(Çev:H. Hünler), Paradigma

Yayınları, İstanbul.

Hekman, S.(1999). Bilgi Sosyolojisi ve Hermeneutik,Paradigma Yayınları, İstanbul.

Jeanniere, A.(2000). “Modernite Nedir?”, (Çev: N. Tutal)ModerniteversusPostmodernite,  (Der: M. Küçük), Vadi Yayınları, Ankara.

Koyre, A.(2000). Bilim Tarihi YazılarıI, (Çev: K. Dinçer), Tübitak Yayınları, Ankara.

Kümbetoğlu, B.(2000). Sosyoloji ve Antropolojide Niteliksel Yöntem ve Araştırma,Bağlam Yayınları, İstanbul.

Neuman, W.L.(2013). Toplumsal Araştırma Yöntemleri; Nitel ve Nicel YaklaşımlarI., (Çev: S. Özge), Yayın Odası Yayınları,Ankara.

Russel, B.(2000). Sorgulayan Denemeler,( Çev:N. Arık), TÜBİTAK Yayınları. Ankara.

Sunar, İ.(1999). Düşün ve Toplum,Doruk Yayınları, Ankara.

Şaylan, G.(2009). Postmodernizm, İmge Kitabevi, Ankara.

Trigg, R.(2004). Akılcılık ve Bilim; Bilim Herşeyi Açıklayabilir mi?, (Çev: İ. Şener),İzdüşüm Yayınları, İstanbul.

Weber, M.(2000). Sosyoloji Yazıları , (Çev: T. Parla), İletişim Yayınları, İstanbul.

Yıldırım, A. ve Şimşek, H.(2000). Sosyal Bilimlerde Nitel ve Nicel Araştırma Yöntemleri, Seçkin Yayınları, Ankara.

Yıldırım, C.(2015). Bilim Tarihi, Remzi Kitabevi, İstanbul.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*