بىلىم بىلەن ئىمپېرىيەنىڭ ئۆيلىنىشى

2019-يىلى 3-ئاۋغۇست

يۇھال ھارىرى
قۇياش دۇنيادىن قانچىلىك ئۇزاقلىقتا؟بۇ سوئال مودېرن دەۋرنىڭ باشلانغۇچىدا بولۇپمۇ كوپىرنىك دۇنيانىڭ ئەمەس قۇياشنىڭ كائىناتنىڭ مەركىزىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىن كېيىن نۇرغۇن مۇنەججىمنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغانىدى. نۇرغۇن مۇنەججىم ۋە ماتېماتىكىچى بۇ مۇساپىنى ئۆلچەشكە تۇتۇش قىلدى، لېكىن ئۇلار پەرقلىق ئۇسۇللارنى ئىشلەتكەن بولغاچقا چىققان نەتىجىلەرمۇ پەرقلىق بولدى. ئاخىرى 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇ مۇساپىنى ئۆلچەپ چىقىش ئۈچۈن ئىشەنچىلىك ۋە مۇۋاپىق بىر ئۇسۇل ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھەر بىر نەچچە يىل ئىچىدە بىر قېتىم ۋېنۇس قۇياش بىلەن دۇنيانىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتەتتى، كېسىپ ئۆتكۈشكە كەتكەن ۋاقىت دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان يېرىدىن قارالغىنىدا كۆزەتكۈچىنىڭ تۇرغان يېرىدىكى كىچىككىنە پەرق تۈپەيلى پەرقلىق بولاتتى، شۇڭا ئاينى كېسىپ ئۆتۈش ئۈچۈن پەرقلىق قىتئەلەردىن نۇرغۇن قېتىم كۆزىتىش ئېلىپ بېرىلسا، ئاددىغىنە تىروگىئومېترىيەلىك ئۇسۇل بىلەن دۇنيانىڭ قۇياشقا يىراقلىقىنى تولۇق ئۆلچەپ چىققىلى بولاتتى.
شۇنىڭ بىلەن مۇنەججىملەر ۋېنۇسنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ئايلىنىش ھەرىكىتىنىڭ 1761-1769 يىللىرى ئارىسىدا بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقىشتى. ياۋروپادىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كۆزىتىش ھەيئەتلىرى ئەۋەتىلىپ، ۋېنۇسنىڭ ئايلىنىش ھەرىكىتى كۆزىتىلدى. 1761-يىلى مۇنەججىملەر ۋېنۇسنىڭ ئايلىنىش ھەرىكىتىنى سىبىىرىيە، شىمالىي ئامېرىكا، ماداگاسكار ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدىن كۆزەتتى. 1769-يىلى ۋېنۇس نىشانغا يېقىنلاشقانسېرى، ياۋروپا مۇنەججىملىرى پۈتۈن دىققىتىنى بۇ ئىشقا مەركەزلەشتۈردى. نۇرغۇن مۇنەججىم شىمالىي كانادا ھەتتا كالىفورنىيەگىچە (ئۇ چاغلاردا چۆلدەرەپ كەتكەت قاقاس بىر زېمىن ئىدى)ئەۋەتىلدى. لوندوندىكى خان جەمەتىگە تەۋە تەبىئەت بىلىملىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەمئىيىتى بۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئەڭ توغرا نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بىر تەجرىبىلىك مۇنەججىمنى تاھ غەربىي تىنچ ئوكيانغا ئەۋەتىشنى ئويلاشتى. جەمئىيەت مەشھۇر مۇنەججىم چارلېس گىرېننى غەربىي تىنچ ئوكياندىكى تاھىتقا ئەۋەتىشنى ۋە بۇ ئىشقا قانچىلىك كۈچ ۋە چىقىم كەتسە چوقۇم قىلىش لازىملىقىغا قارار قىلىشتى. لېكىن جەمئىيەت نۇرغۇن چىقىم ۋە كۈچ سەرپ قىلىنىدىغان بۇ ئىشنى نوقۇل ئاسترونومىيەلىك ھەقىقەتلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈنلا قىلمايتتى ئەلۋەتتە. بۇ سەۋەبتىن مۇنەججىم چارلېسقا جوسېف بانكس ۋە دانيال سولاندېر ئىسىملىك ئىككى بوتانىكچى بولۇپ ئوخشىمغان كەسىپتىكى بىلىم ئىنسانلىرىدىن 8 كىشىنى قوشۇپ قويدى. بۇ گۇرۇپتا يەنە بىلىم ئىنسانلىرى ئۇچرىشىدىغان يېڭى زېمىنلار، يېڭى ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانلار ۋە ئىنسانلارنىڭ رەسىملىرىنى سىزىپ چىقىدىغان سەنئەتچىلەرمۇ بار ئىدى. خان جەمەتى ۋ بانكىلارنىڭ تۈرلۈك ياردىمى بىلەن تولۇق قوراللانغان بۇ گۇرۇپپا، تەجرىبىلىك دېڭىزچى شۇنداقلا جۇغراپىيەچى ۋە ئېتنوگراف بولغان كاپىتان جېيمىس كوكقا ئامانەت قىلىندى.
ئەنگلىيەدىن 1768-يىلى ئايرىلغان بۇ گۇرۇپپا، 1769-يىلى تاھىتتا ۋېنۇسنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزەتتى، تىنچ ئوكياندىكى نۇرغۇن ئارالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زىنلاندىيەگىمۇ ئاياغ باستى ۋە 1771-يىلى ئەنگىلىيەگە قايتتى. ئۇلار يېنىدا ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە، مېتېرولوگىيە، بوتانىكا، زولوگىيە ۋە ئانتروپولوگىيەگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئۇچۇر-مەلۇماتنىمۇ بىللە ئېلىپ كەلدى. بۇ قېتىمقى كەڭ كۆلەملىك ئېكسپېدىتسىيە ھەرىكىتى نۇرغۇن پەننىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشتى. ياۋروپالىقلار تەسەۋۋۇر كۈچىنى جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىن ھېكايىلەر بىلەن ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، كېلەچەكتىكى تەبىئەت ئالىملىرى ۋە ئاسترونوملارغا ئىلھام بەردى.
كاپىتان كوكنىڭ بۇ قېتىمقى ئىلمىي سەپىرىدىن مىدېتسىنا ساھەسىمۇ نەپلەندى. ئۇ چاغلاردىكى يىراق سەپەرلەردە ئەترەتتىكىلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى كېسەل تېگىپ ئۆلۈپ كېتەتتى. ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان قانداقتۇر يەرلىكلەر، دېڭىز قاراقچىلىرى ياكى ۋەتەن ھەسىرىتى ئەمەس ئىدى، بەلكى ئىسكوربۇت دەپ ئاتىلىدىغان سىرلىق بىر كېسەللىك ئىدى. بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار ھالسىزلىنىپ ھوشىدىن كېتىدىغان بولۇپ قالاتتى، چىش ۋە بەدەندىكى يۇمشاق توقۇلمىلار قانايتتى، كېسەل ئېغىرلاشقانسېرى چىش چۈرۈپ كېتەتتى، بەدەننى جاراھەتلەر قاپلاپ كېتىپ قىزىتما ئۆرلەپ كېتەتتى، تېرىلەر سېرىقلىشىپ قول-پۇتلار كونتروللۇقىنى يوقىتىپ قوياتتى. 16 ۋە 18-ئەسىرلەردە ئىسكوربۇت كېسەللىكىنىڭ تەخمىنەن2 مىليون دېڭىزچىنىڭ جېىنغا زامىن بولغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. ھېچكىم بۇ كېسەللىككە نېمىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلمەيتتى، ئەقىلگە كەلگەن بارلىق چارىلەر قوللىنىلغان بولسىمۇ، دېڭىزچىلار توپ توپ ھالدا ئۆلۈپ كېتەتتى. لېكىن بۇ ئاچچىق قىسمەت 1747-يىلى جېيمىس لىند ئىسىملىك بىر ئەنگىيەلىك دوختۇرنىڭ دېڭىزچىلار ئۈستىدە ئېلىپ بارغان سىنىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلىشىشى نەتىجىسىدە ئۆزگەردى. لىند دېڭىزچىلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ پەرقلىق داۋالاش ئۇسۇلى تەدبىقلىدى، بىر گۇرۇپپا ئىسكوربۇتقا قارشى خەلق تەرىپىدىن كەڭ قوللىنىلىدىغان نارەنجىيە يىدى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ساقايدى. لىند نارەنجىيە ئىسىملىك بۇ مىۋىنىڭ دېڭىزچىلارنىڭ بەدىنىگە ماس كېلىدىغان ۋە زۆرۈر نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى، لېكىن بىز كۈنىمىزدە بۇ نەرسىنىڭ ۋىتامىن-س ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئەينى چاغلاردا دېڭىزچىلارىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتىدە ئىنسان بەدىنىگە زۆرۈر ئېھتىياجلىق بولغان بۇ نەرسە يوق ئىدى. ئۇزۇن سەپەرلەردە دېڭىزچىلار دانلىق زىرائەت، قۇرۇتۇلغان گۆش قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلاتتى، مىۋە-چىۋە ۋە كۆكتاتقا يېقىنمۇ كەلمەيتتى.
ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيەسى لىندنىڭ سىناقلىرىغا قايىل بولمىسمۇ، لېكىن دوختۇر جېيمىس كوكنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئويلايتتى. شۇنىڭ بىلەن كېمىگە جىققىدە ئېچتىلغان ئوتياش سېلىپ بەردى، كېمىلەر بىرەر پورتتا توختىسا شۇ يەردىن مىۋە-چىۋە ۋە ئوتياش سېتىۋېلىشنى بۇيرىدى. دېگەندەك ئۇزۇن سەپەرگە چىققان بىرمۇ دېڭىزچى ئىسكوربۇت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيادىكى كېمە كاپىتانلىرى جيېمىس كوكنىڭ ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلى بويىچە ئىش تۇتۇپ سان-ساناقسىز دېڭىزچى ۋە يولۇچىنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالدى.
لېكىن جېيمىس كوكنىڭ دېڭىز سەپىرىنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرىمۇ بار ئىدى، جېيمىس كوك تەجرىبىلىك دېڭىزچى ۋە جۇغراپىيەچى بولۇپلا قالماستىن، دېڭىز ئوفېستىرى ئىدى. ئەنگلىيە خان جەمەتى يول چىقىملىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى كۆتۈرۈپ بەرگەنىدى، ھەتتا كېمىنىمۇ خان جەمەتى چىقىرىپ بەرگەنىدى. كېمىدە تولۇق قوراللانغان 85 دېڭىزچى ۋە ئەسكەر بار ئىدى، بۇنىڭدىن سىرت كېمىدە توپ ئوقلىرى، مىلتىق، مىلتىق دورىسى ۋە باشقا قوراللار يەتكۈچە بار ئىدى. سەپەر نەتىجىسىدە ئېرىشىلىدىغان مەلۇماتلارنىڭ كۆپ قىسمى (بولۇپمۇ ئاسترونومىيەلىك، جۇغراپىيەلىك، مېتېرولوگىيەلىك ۋە ئانتروپولوگىيەلىك مەلۇماتلار) سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن قىممەتلىك ماتېرىياللار ھېسابلىناتتى. ئىسكوربۇت كېسەللىكىنىڭ داۋاسىنىڭ تېپىلىشى ئەنگلىيەنىڭ دۇنيا دېڭىزچىلىرىنىڭ تىزگىنىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا دېڭىز ئارمىيەسى ئەۋەتىشىگە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە پايدا ئېلىپ كەلدى. جېيمىس كوك ئاۋاسترالىيە بولۇپ «يېڭىدىن بايقالغان»نۇرغۇن ئارالغا ۋە زېمىنغا ئەنگىلىيەگە ۋەكالىتەن نام بەردى. جېيمىس كوكنىڭ دېڭىز سەپىرى نەتىجىسىدە ئىنگىلىزلار غەربىي جەنۇب تىنچ ئوكياننى ئىشغال قىلدى، ئاۋاسترالىيە، تازمانىيە ۋە يېڭى زىللاندىيەنى بېسىۋالدى، مىليونلارچە ياۋروپالىق يېڭى مۇستەملىكە رايونلىرىغا ماكانلاشتى، نۇرغۇن يەرلىك كۈلتۈر ۋە خەلقنىڭ يوق قىلىنىشىغا ئۇل سېلىندى.
ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زىللاندىيەنىڭ بەرىكەتلىك زېمىنى جېيمىس كوكنىڭ بۇ قېتىملىق دېڭىز سەپىرىدىن كېيىن ياۋروپالىق كۆچمەنلەر تەرىپىدىن ئاستا-ئاستا قولغا كىرگۈزۈۋېلىندى. يەرلىك نوپۇسنىڭ سانى %90 ئازىيىپ كەتتى، ھاياتتا قالغانلار بولسا ئېغىر دەرىجىدە ئىرقىي كەمسىتىشكە دۇچ كەلدى. جېيمىس كوكنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى ئاۋسترالىيەنىڭ ئابورجىنلىرى بىلەن يېڭى زىللاندىيەنىڭ ماۋرىلىرىغا نىسبەتەن مەڭگۈلۈك ئىشغالىيەتنىڭ ۋە يوق بولۇشنىڭ مۇقەددەسى بولۇپ قالدى.
تازمانىيانىڭ يەرلىكلىرىنى بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر پالاكەت كۈتۈۋاتاتتى. نۇرغۇن ئېسىل نازۇ-نېمەتلەر ئىچىدە 10مىڭ يىلدەك مەۋجۇدلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بۇ ئىنسانلار، جېمىس كوك تازمانياغا قەدەم بېسىپ 100 يىل ئىچىدىلا تامامەن يوق قىلىندى. ياۋروپالىق كۆچمەنلەر يەرلىكلەرنى دەسلەپ ئارالنىڭ باي رايونلىرىدىن يىراقلاشتۇردى، ئارقىدىن ئۇلارنى قەيەرگە كەتكەن بولسا شۇ يەردە بىر-بىرلەپ ئوۋلاپ يوق قىلدى. ھاياتتا قالغان ئازغىنە كىشىلەر بولسا خىرستىيانلىق ئۆگىتىلىدىغان لاگېرلارغا سولاندى، لاگېرلاردىكى ياخشى نىيەتلىك لېكىن قاتمال ئىدىيەلىك مىسيونېرلار ئۇلارنى مودېرن دۇنيانىڭ ئەندىزىلىرى بىلەن تەربىيلەتتى. تازمانىيالىقلار ساۋات چىقىرىشقا، خىرىستىيان دىنىنى ئۆگىنىشكە، كىيىم تىكىپ دېھچقانلىق قىلىشقا مەجبۇرلاندى. ھەممىدىن ئېچىنىشلىق بولغىنى پەرزەنت يۈزى كۆرۈشتىن ۋاز كەچتۈرۈلدى. بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ ھاياتقا بولغان ئۈمىدىنىمۇ يوق قىلدى. ئۇلار ئاخىرى بىلىم ۋە توختاۋسىز تەرەققىياتنى ئاساس قىلىدىغان مودېرن دۇنيادىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇش يولىنى تاللىدى: ئۆلۈم.
ئەپسۇس بىلىم ۋە توختاۋسىز تەرققىيات ئۇلارنى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئارامىدا قويمىدى. ئۆلتۈرۈلگەن تازمانىيالىقلارنىڭ جەسەتلىرى ئىنسانشۇناسلار ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى ساتقۇچىلىرى تەرىپىدىن بىلىم نامىغا مۇسادىرە قىلىندى. كېيىنچە، ئۇلارنىڭ باش سۆڭىكى ۋە ئىسكىلىتلىرى ئۆلچەپ چىقىلىپ مۇزېيلار ۋە ئانتروپولوگىيەلىك بۇيۇملار زالىدا كۆرگەزمە قىلىندى. تازمانىيا مۇزېي ئىدارىسى ھاياتتا قالغان ئەڭ ئاخىرقى ساپ قان تازمانىيالىق ترۇگانى ئىسىملىك كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى ساقلىدى ۋە ئۇ ئۆلۈپ 100 يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىسكىلىتىنىڭ كۆمۈلىشىگە رۇخسەت قىلدى. بۇ 1976-يىلغا توغرا كېلەتتى، ئەنگلىيە خان جەمەتى ئوپىراتسىيە مەكتىپى ترۇگانىنىڭ چاچ ۋە تېرە ئەۋرىشكىلىرىنى 2002-يىلغىچە تەجرىبىخانىسىدا ساقلىدى.
جېيمىس كوكنىڭ سەپىرى ئەسكەرلەرنىڭ قوغدىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ئېكىسپىدىتسىيەمۇ؟ ياكى بىلىم ئىنسانلىرىمۇ قاتناشقان ھەربىي يۈرۈشمۇ؟ بۇ خۇددى ئىستاكاننىڭ يېرىمىنىڭ بوشمۇ ياكى تولاقمۇ دېگەن سوئالغا ئوخشايدۇ. ئەسلىدە ھەر ئىككىسىلىدۇر. ئىلىم-پەن ئىنقىلابى ۋە مودېرن جاھانگىرلىك ئەمەلىيەتتە بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدىغان، بىر-بىرىگە چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكە نەرسىلەردۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بىر تەڭگىنىڭ ئىككى يۈزىدۇر. كاپىتان جېيمىس كوك ۋ بوتانىكچى جوسېف بەنكسكە ئوخشاش كىشىلەر ئىلىم-پەن بىلەن ئىمپېراتورلۇقنى بىر-بىرىدىن ئايرىمايتتى، خۇددى كاج تەلەي ترۇگانىغا ئوخشاش.
نېمە ئۈچۈن ياۋروپا؟
شىمالى ئاتلانتىكتىكى چوڭ بىر ئارالدا ياشايدىغان ئىنسانلارنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بىر ئارالنى بېسىۋېلىشى تارىختىكى ئەڭ غەلىتە ھادىسىلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. جيېمىس كوكنىڭ دېڭىز سەپىرىدىن بۇرۇن بىرىتانىيە ئاراللىرى ۋە غەربىي ياۋروپا ئاق دېڭىز دۇنياسىدىكى ئەڭ قالاق جايلاردىن ئىدى. بۇ جايلاردا دۇنيانى زىل زىلىگە سالىدىغان چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولمايتتى. مودېرن دەۋرىدىن ئىلگىرىكى بىردىنبىر قۇدرەتلىك ياۋروپا ئىمپېرىيەسى ھېسابلىنىدىغان رىمنىڭ كۈچى ۋە بايلىقىنىڭ كۆپ قىسمى شىمالىي ئافرىقا، بالقان رايونى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىن كېلەتتى. رىم ئىمپېرىيەسى زېمىنلىرى ئىچىدە غەربىي ياۋروپا ئەڭ قالاق ۋە ئەڭ نامرات رايون ھېسابلىناتتى، بۇ جايلار ئىمپېرىيەگە كان بايلىقلىرى ۋە قۇلدىن باشقا بىر نەرسە بېرەلمەيتتى. شىمالىي ياۋروپا شۇنچىلىك ناچار يەر بولۇپ، بۇ يەرنى بېسىۋېلىشقىمۇ ئەرزىمەيتتى.
15-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ياۋروپا سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ئۆزگىرىشلەرگە ساھبىخانلىق قىلىشقا باشلىدى. 1500-1750 يىللار ئارىسىدا، غەربىي ياۋروپا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ تاشقى دۇنيانىڭ يەنى ئىككى ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ئوكيانلارنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندى، لېكىن ياۋروپا ئاسىيادىكى بۈيۈك كۈچلەرگە نىسبەتەن كەينىدە ئىدى. ياۋروپالىقلار ئامېرىكانى قولغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق دېڭىزلاردا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى، چۈنكى ئاسىيادىكى چوڭ كۈچلەر دېڭىزغا كۆڭۈل بۆلمىگەنىدى. مودېرن دەۋرنىڭ باشلانغۇچى ئاق دېڭىزدا ئوسمانلى ئىمپرىيەسى، ئىراندا سافەۋى ئىمپېرىيەسى، ھىندىستاندا بابۇر ئىمپېرىيەسى، خىتايدا مىڭ ۋە چىڭ خانىدانلىقلىرىغا نىسبەتەن ئالتۇن دەۋر ھېسابلىناتتى. بۇ ئىمپېرىيەلەر ھەم تىزگىنى ئاستىدىكى جايلاردا ھاكىمىيىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، ھەمدە ئىقتىسادىي ۋە نوپۇس جەھەتتىن كۈچەيدى. 1775-يىللاردا ئاسىيا ئىقتىسادى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ %80نى تەشكىل قىلاتتى، ھىندىستان ۋە خىتاينىڭ ئىقتىسادى پۈتكۈل دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئۈچتە ئىككىسىگە ئىگە ئىدى. ياۋروپا بۇ ئىمپېرىيەلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئىقتىسادىي جەھەتتىن تولىمۇ كەينىدە ئىدى.
دۇنياۋى كۈچنىڭ مەركىزى 1759-يىلىدىن 1850-يىللارغىچە بولغان مەزگىلدە ياۋروپالىقلار ئاسىيا كۈچلىرىنى بىر قاتار ئۇرۇشلاردا مەغلۇب قىلىپ ئاسىيانىڭ نۇرغۇن يېرىنى بېسىۋالغاندا ئاندىن ياۋروپاغا ئۆتتى. 1900-يىلىغا كەلگەندە ياۋروپالىقلار دۇنيا ئىقتىسادى ۋە زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمىنى چاڭگىلىغا ئېلىپ بولدى. 1950-يىللاردا غەربىي ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا دۇنيا ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئېلىپ باراتتى. خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۈلۈشى 5%كە چۈشۈپ قالغانىدى. ياۋروپا مەركەزلىك يېڭى بىر خەلقئارالىق تۈزۈم ۋە كۈلتۈر بەرپا بولدى. كۈنىمىزدە نۇرغۇن ئىنسان تەن ئالغۇسى بولمىسىمۇ، كىيىم-كىچەك، ئوي ۋە زوقلاردا ياۋروپالىقتىن پەرقلەنمەيدۇ. ئېغىزىدا ياۋروپانى تىللاپ تۇرسىمۇ سىياسەت، مىدېتسىنا، جەڭ، پۇل-مۇئامىلە ۋە ئىقتىساد قاتارلىقلارنى ياۋروپانىڭ كۆزىدىن كۆزىتىدۇ، ئانالىز قىلىدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىدۇ. ياۋروپا مېلودىيەلىرى بىلەن يېزىلغان ۋە ياۋروپا تىللىرىدا ئېيتىلغان ناخشىلارنى ئاڭلايدۇ. ھەتتا يېقىن كەلگۈسىدە دۇنيا بويىچە بىرىنچىلىككە ئۆتۈشى تەخمىن قىلىنىۋاتقان خىتاي ئىقتىسادىمۇ ياۋروپاچە ئىشلەپچىقىرىش ۋە پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىغا ئاساسىغا قۇرۇلغان.
ياۋرو-ئاسىيانىڭ بۇ سوغۇق ۋە ئەرزىمەس بۇلۇڭىدىكى ئىنسانلار قانداق بولۇپ بۇ سىرلىق چەمبىرەكتىن چىقىپ پۈتكۈل دۇنياغا يېيىلدى؟ ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ مەسىلىدە ياۋروپانىڭ بىلىم ئىنسانلىرى ماختىلىپ كۆككە كۆتۈرۈۋېتىلىدۇ. 1850-يىللاردىن بۇيان ياۋروپالىقلارنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ تېخنولوگىيە، ھەربىي سانائەت ۋە بىلىم ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى مۇنازىرە قىلىشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. كېيىنكى مودېرن دەۋردىكى بارلىق ئىمېرىيەلەر تېخنوگىيە جەھەتتە يېڭىلىقلارنى يارىتىش مەقستىىدە ئىلمىي تەتقىقاتلارنى قوللىدى، شۇنداقلا كۆپ قىسىم بىلىم ئىنسانىمۇ ھاياتىنى ئىمپېرىيە ھۆكۈمدارلىرى ئۈچۈن يېڭى قوراللار، دورىلار ۋە ماشىنىلار ياساپ چىقىشقا بېغىشلىدى. ئافرىقىلىقلار بىلەن ئۇچراشقان ياۋروپالىق ئەسكەرلەر ئارىسىدا مۇنداق بىر گەپ مودا بولغانىدى: بىز ئەڭ قالتىسمىز، قوللىرىمىزدا مىلتىقلىرىمىز بار، ئۇلارنىڭ يوق.» بۇنىڭدىن سىرت، ھەربىي تېخنولوگىيەدىن سىرت نورمال ھاياتتىكى تېخنولوگىيەلەرگىمۇ پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەت بېرىلدى. ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىغا زاۋۇتتا تەييارلانغان تەييار يېمەكلىكلەر قويۇلۇشقا باشلىدى، تۆمۈر يوللار ۋە پار كېمىلىرى ئەسكەرلەرنى ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى دۇنيانىڭ بۇ چېتىدىن يەنە بىر چېتىغا تېز سۈرئەتتە يۆتكەشكە باشلىدى، يېڭى دورىلار ئىشلەپچىقىرىلىپ ئەسكەرلەر، دېڭىزچىلار، پاراۋۇز شوپۇرلىرى ۋە ئىنژىنېرلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولدى. بۇ يېڭىلىقلار ياۋروپانىڭ ئافرىقىنى پۈتۈنلەي يۇتۇۋېلىشىدا مىلتىقتىن بەكرەك مۇھىم رول ئوينىدى.
لېكىن 1850-يىلدىن ئىلگىرى ئەھۋال باشقىچە ئىدى. ھەربىي سانائەت ئۆمىلەش باسقۇچىدا ئىدى، ئىلىم-پەن ئىنقىلابىنىڭ مىۋىلىرى تېخى پىشمىغان ئىدى. ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقالىقلار ئوتتۇرىسىدا تېخىنولوگىيە جەھەتتىن پەرق زور ئەمەس ئىدى، بىراق 1770-يىلى جېيمىس كوك ئاۋسترالىيەلىك ئابورجىنلارغا قارىغاندا يۇقىرى تېخنىكىغا ئىگە ئىدى، خىتاي خاندانلىقى بىلەن ئوسمانلى ئىمېرپىيەسىمۇ ياۋروپالىق بىلەن تېخنولوگىيە جەھەتتىن قېلىشمايتتى. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇپ، ئاۋسترالىيە نېمە ئۈچۈن خىتاي ياكى ئوسمانلى ئىمپېرىيەلىرى تەرىپىدىن ئەمەس ياۋروپالىق كاپىتان جېيمىس كوك تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىندى؟ھەممىدىن مۇھىمى، 1770-يىللاردا ياۋروپالىقلار تېخنولوگىيە جەھەتتە مۇسۇلمانلار، ھىندىستانلىقلار ۋ خىتايلارغا سېلىشتۇرغاندا ئالدىدا بولمىغان ئاستىدا، قانداق بولۇپ كېيىنكى ئەسىردە ئۆزگىلەردىن نەچچە ھەسسە ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى؟ نېمىشقا ھەربىي-سانائەت ۋە ئىلىم-پەن ھىندىستاندا ئەمەس ياۋروپادا تەرەققىي قىلدى؟ ئىلىم-پەندە ئەنگلىيەدىن كېيىنلا خىتاي ئەمەس فىرانسىيە، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە تەرەققىي قىلدى؟ سانائەتلەشكەن ۋە سانائەتلەشمىگەن جەمئىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق مۇھىم بىر ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئامىلغا ئايلانغان مەزگىللەردە، رۇسىيە، ئىتالىيە ۋە ئاۋسترالىيە بۇ پەرقنى تۈگىتىشكە مۇۋەپپەق بولغان بولسا مىسىر، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى نېمىشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى؟ دەسلەپكى سانائەت دولقۇنىنىڭ تېخنولوگىيەسى نىسبەتەن ئاددى ئىدى، خىتايلار ياكى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە نىسبەتەن پار ماشىنىسى، مىلتىق ياكى تۆمۈر يول ياساپ چىقىش شۇنچىۋېلا تەس ئىشمىدى؟
دۇنيانىڭ تۇنجى سودا تۆمۈر يولى 1830-يىلى ئەنگلىيەدە ياسالدى. 1850-يىى غەرب دۆلەتلىرى 40 مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلىقتىكى تۆمۈر يول لىنىيەلىرى بىلەن قاپلانغان بولسا،ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكانىڭ ھەممىسىدە ئاران 4000 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا تۆمۈر يول لىنىيەسى بار ئىدى. 1880-يىلىغا كەلگەندە غەرب دۇنياسىدىكى تۆمۈر يول لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلىقى 350 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكەنىدى (بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىنگىلىزلەرنىڭ ھىندىستاندا ياسىغان تۆمۈر يولنى تەشكىل قىلىدۇ). خىتايدا تۇنجى تۆمۈر يول 1876-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئۇزۇنلىقى ئاران 25 كىلومېتىر ئىدى، بۇنىمۇ خىتايلار ئەمەس ياۋروپالىقلار ياساپ بەرگەنىدى. كېيىنكى يىلىلا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تۆمۈر يولنى ئىشلىتىشنى چەكلدى، ھەتتا بۇزۇپ تاشلىدى. 1880-يىلغا كەلگەندىمۇ خىتاي تۆمۈر يولغا يەنە سوغۇق قارىدى. تۈركىيەدە بولسا تۇنجى تۆمۈر يول 1856-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنىدى، ئىزمىرنى سەيدىكۆيگە تۇتاشتۇرىدىغان بۇ لىنىيە، كېيىنچە ئايدىن ۋىلايىتىگىچە ئۇزارتىلدى. بۇمۇ بىر ئەنگلىيە شىركىتى تەرىپىدىن ياساپ چىقىلغانىدى ۋە ئىنگىلىزلەر باشقۇراتتى. بىرىتانىيەنىڭ ئۈچ ھەسسىچىلىك زېمىنى بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى تۆمۈر يولنىڭ ئۇزۇنلىقى 4000 كىلومېتىرغىمۇ يەتمەيتتى.
خىتايلار ۋە تۈركلەرنىڭ قولىدا پار ماشىنىلىرىغا ئوخشاش تېخنىكىلىق نەرسىلەرمۇ بار ئىدى (بۇلارنى ئۆزلىرى ياسىغان بولماستىن، بەلكى تەقلىد قىلىپ ياساپ چىققان ياكى سېتىۋېلىغان نەرسىلەر ئىدى). بۇنىڭدىن باشقا، غەربتە شەكىللىنىپ پىشىپ يېتىلىشىگە نەچچە ئەسىر كەتكەن قىممەت قاراشلىرى، ئىدىيەلەر، تەپەككۇر شەكلى، قانۇنىي تۈزۈملەر، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي قۇرۇلمىلار بۇ دۆلەتلەردە يوق ئىدى. پار ماشىنىلىرىنى ئاسان تەقلىد ياساپ چىققىلى بولغان بىلەن، بۇ نەرسىلەرنى ئاسانلا تەقلىد قىلىپ ئۆگىنىۋالغىلى بولمايتتى. فىرانسىيە بىلەن ئامېرىكا ئەنگلىيەگە ئەگىشىپ ماڭالىدى، چۈنكى فىرانسۇزلار بىلەن ئامېرىكالىقلار ئىنگىزلەرنىڭ تەپەككۇر شەكلى، ئىدىيەسى، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارغا يات ئەمەس ئىدى. خىتايلار ۋە تۈركلەرنىڭ ھەم دۇنيا قارشى، ھەم ئىجتىمائىي-سىياسىي تۈزۈلمىسى ھەمدە تەپەككۇر شەكلى پەرقلىق بولغاچقا، تەرەققىياتقا ئامېرىكالىق ۋە فىرانسۇزلارغا ئوخشاش ماسلىشالمىدى.
يۇقىرىدىكى ئىزاھاتلار 1500-يىلدىن 1850-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يىللارنى چۈشىنىشىمىزگە يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ دەۋرلەردە ياۋروپا ئاسىياغا قارىغاندا تېخنولوگىيە، سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردە ئالاھىدە پەرقلىق ئەھۋالدا ئەمەس ئىدى، لېكىن ياۋروپا ھازىرقى تەرققىياتنىڭ ئۇلىنى ئاستا-ئاستا سېلىۋاتاتتى، يەنى ئۆزىگە خاس بىر ئالاھىدىلىك بەرپا قىلىۋاتاتتى. بۇ ئالاھىدىلىك 1850-يىللاردىن كېيىن گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. 1750-يىللاردا ياۋروپا، مۇسۇلمان ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدا سىرتتىن قارىسا ھېچقانداق پەرق يوقتەك بىلىنەتتى. بۇنى ئاڭقىرىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى مىسالغا قاراڭ: ئىگىز بىنا سالماقچى بولغان ئىككى بىنكارنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. ئۇستىلاردىن بىرى مۇنارغا تاختاي ۋە لايدىن خىش ئىشلەتكەن بولسا، يەنە بىرى پولات-تۆمۈر ۋە سىمونت ئىشلىتىدۇ. دەسلەپ ئىككى ئۇستىنىڭ قوللانغان ئۇسۇلىدا پەرق يوقتەك بىلىنىدۇ، چۈنكى ئىككى بىنا ئوخشاش ۋاقىتتا ئېگىزلەۋاتىدۇ، لېكىن ئەڭ ھالقىق يېرىگە كەلگەندە تاختاي ۋە لايدىن ياسالغان بىنا ئېغىرلىقنى كۆتۈرەلمەي ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ، پولات-تۆمۈر ۋە سىمونتتىن ياسالغان بىنا بولسا تېخىمۇ ئېگىزلەپ سېلىنىپ ماڭىدۇ.
ياۋروپا باشلانغۇچ مودېرن دەۋردە كېيىنچە قانداق بولۇپ پۈتكۈل دۇنيانى چاڭگىلىغا ئالىدىغان بىر كۈچنىڭ ئۇلىنى سالالىدى؟ بۇ سوئالغا بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان مۇنداق ئىككى جاۋابنى بېرىشكە بولىدۇ: ئىلىم-پەن ۋە كاپىتالىزم. ياۋروپالىقلار مەلۇم دەرىجىدە تېخنولوگىيەلىك ئارتۇقچىلىقى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ ئىلمىي ۋە كاپىتالىستىك ئاڭ بىلەن تەپەككۇر قىلىشقا ۋە شۇ بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا كۆنىۋاتاتتى. تېخنولوگىيە قالتىس تەرەققىي قىلغاندا ياۋروپالىقلار بۇنىڭ مىۋىسىنى باشقىلارغا قارىغاندا كۆپلەپ يىغدى. شۇڭلاشقا، ئىلىم-پەن ۋە كاپىتالىزمنىڭ ياۋروپانىڭ 21-ئەسىرگە قالدۇرۇپ قويغان ئەڭ مۇھىم جاھانگىرلىك مىراسى بولۇشى تاساددىپىي ئەمەس. كۈنىمىزدە دۇنيانى ياۋروپا ۋە ياۋروپالىقلار باشقۇرمايۋاتىدۇ، لېكىن ئىلىم-پەن ۋە سەرمايە باشقا ۋاقىتلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ئورۇندا تۇرماقتا. كاپىتالىزمنىڭ غەلبىسى كېيىنكى بۆلۈمدە ئىزاھلىنىلىدۇ. بۇ بۆلۈم ياۋروپا جاھانگىرلىكى بىلەن ئىلىم-پەن ئوتتۇرىسىدىكى ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىگە ئاجرىتىلدى.
ئىشغال زىھنىيىتى
ئىلىم-پەن ياۋروپا ئىمپېرىيەلىرى تۈرتكىسىدە زور دەرىجىدە ئىلگىرىلىدى، لېكىن شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىي قىلىشىدا مۇسۇلمانلار، كىلاسىك يۇنان ۋە ھىندلارنىڭمۇ زور تۆھپىلىرى بار. لېكىن ئىلىم-پەننىڭ ئۆزىگە خاس قۇرۇلمىسى تۇنجى بولۇپ باشلانغۇچ مودېرن دەۋردە شەكىللەندى ۋە ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە ۋە گوللاندىيەنىڭ جاھانگىرلىك قىلمىشلىرى بىلەن قولمۇ قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە تەرەققىي قىلدى. باشلانغۇچ مودېرن دەۋردە مۇسۇلمانلار، ھىندلار، ھىندىئانلار، خىتايلار ۋە پولىنېزيالىقلار ئىلىم-پەن ئىنقىلابىغا كۆرىنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشتى. مەسىلەن، مۇسۇلمانلار ئىقتىسادچىلارنىڭ نەزىرىيەلىرى ئەدەم سىمىس ۋە كارس ماركس تەرىپىدىن ئوقۇلدى، ھىندىئانلار تەرىپىدىن پەيدا قىلىنغان داۋالاش ئۇسۇللىرى ئىنگىلىز مىدېتىسنا ساھەسىگە كىردى، پولىنېزيادىن يىغىلغان مەلۇماتلار غەرب ئانتروپولوگىيەسىدە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا زېمىن ھازىرلىدى. لېكىن 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى بۇ سان-ساناقسىز ئىلمىي نەتىجىلەرنى يىغىپ رەتلەش ئارقىلىق پەن سەۋىيەسىگە كۆتۈرگۈچىلەر دەل ياۋروپا ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى سەر خىل كىشىلەر ئىدى. مۇسۇلمانلار ۋە ئۇزاق شەرقلىقلەر ياۋروپالىقلارغا ئوخشاش قالتىس ئىلىملىك ۋە دانا ئىنسانلارنى يېتىشتۈرۈش چىقتى، لېكىن 1500-1950 يىللار ئارلىقىدا نىيۇتون فىزىكىسى ياكى دارۋىن بىيولوگىيەسىگە تەڭ كېلىدىغان ياكى يېقىنراق بولغان بىرەر نەرسە روياپقا چىقىرالمىدى.
بۇ ياۋروپالىقلارنىڭ ئىلىم-پەنگە مايىل گېن قۇرۇلمىسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ياكى فىزىكا ۋە بىيولوگىيە ساھەلىرىنى ئەبەدىي قولىدا تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەيدۇ. دەسلەپ ئەرەبلەرنىڭ ھاياتىدا نوپۇز تىكلىگەن ئىسلام كېيىن قانداق بولۇپ تۈرك ۋە پارسلارنىڭ ھاياتىدىن كەڭ ئورۇن ئالغان بولسا، ئىلىم-پەنمۇ كۈنىمىزدە ياۋروپالىقلارنىڭ مونوپۇللىقىدىن چىقىپ باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ھاياتىدىن كەڭ ئورۇن ئالدى.
ئۇنداقتا ئىلىم-پەن بىلەن ياۋروپا جاھانگىرلىكى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت پەيدا قىلغان نەرسە زادى نېمە؟ تېخنولوگىيە 19- ۋە 20-ئەسىرلەردە مۇھىم نەرسە ئىدى، لېكىن ئىلىم-پەننىڭ باشلانغۇچىدا تەسىرى ۋە رولى چەكلىك ئىدى. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى، ئۆسۈملۈك ئىزدەشنىڭ كويىدا يۈرگەن بىر بوتانىكچى بىلەن يېڭى مۇستەملىكە رايونى قولغا چۈشۈرۈشنىڭ كويىدا يۈرگەن دېڭىزچىنىڭ ئوخشاش بىر ئىدىيەدە بولۇشى ئىدى. مەيلى بىلىم ئىنسانى بولمىسۇن مەيلى دېڭىزچى بولمىسۇن ئىشنى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ نادانلىقىنى تەن ئالغان ئاساستا باشلىدى، ئۇلار «يىراق دىيالاردا نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن»دەپ ئويلىدى ۋە يېڭى نەرسىلەر بايقاش ئېھتىياجىنى ھېس قىلىشتى. نەتىجىدە ھەر ئىككىلىسى بايقاپ چىقماقچى بولغان يېڭى نەرسىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى دۇنيانىڭ خوجايىنىغا ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى، ھەتتا مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
ياۋروپا جاھانگىرلىكى دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدىكى جاھانگىرلىكتىن پەرقلىنەتتى. بۇرۇنقى ئىمپېرىيەلەر دۇنيانى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدىغانلىقىنى ئويلاتتى، ئۇلار باشقا دىيالارنى ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىنى تارقىتىش ئۈچۈن قولغا كىرگۈزەتتى. مەسىلەن، ئەرەبلەر مىسىرنى، ئىسپانىيەنى ۋە ھىندىستاننى قانداقتۇر بىلمەيدىغان بىر نەرسىنى بىلىش ياكى يېڭى نەرسىلەر بايقاپ چىقىش ئۈچۈن پەتىھ قىلمىدى. رىملار، موڭغۇللار ۋ ئازتەكلەر يېڭى زېمىنلارنى كۈچ ۋە بايلىق ئۈچۈن بېسىۋالدى، لېكىن يېڭى ئىلىمنى ئىگىللەش ئۈچۈن ئەمەس. ياۋروپالىق جاھانگىرلار بولسا ھەم يېڭى زېمىنلارنى مۇستەملىكە قىلىش ھەمدە يېڭى نەرسىلەرنى ۋە ئىلىملەرنى ئۆگىنىش مەقسىتىدە ئۇزاق دىيارلارغا يۈزلەندى.
ئەلۋەتتە مەشھۇر جېيمىس كوك مۇشۇنداق ئويلايدىغان تۇنجى كىشى ئەمەس ئىدى. 15- ۋە 16-ئەسىردە پورتۇگالىيەلىكلەر بىلەن ئىسپانىيەلىكلەر مۇشۇنداق ئويلايتتى. دېڭىزچى پرېنس ھېنرى ۋە ۋاسكو دا گاما، ئافرىقا ساھىللىرىنى بايقىدى، بايقاش بىلەنلا بولدى قىلماي ئاراللارنى ۋە قولتۇقلارنى بېسىۋالدى. ئامېرىكانى «بايقىغان» كىرستوف كولومبو، بۇ يېڭى زېمىننى ئىسپانىيە پادىشاھلىقىغا ۋاكالىتەن باشقۇردى. فېردىناند ماجەللان دۇنيانىڭ ئەتراپىنى كېزىۋاتقاندا ئىسپانيەلىكلەر فىلىپپىننى ئىشغال قىلدى.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئىلىمنىڭ پەتھىي بىلەن زېمىننىڭ پەتىھى بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدىغان ھالەت شەكىللەندى. 18 ۋە 19-ئەسىرلەردە ياۋروپادىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي سەپەرلەردە چوقۇم بىلىم ئىنسانلىرى بولاتتى. ناپاليون مىسىرنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققاندا يېنىغا 165 بىلىم ئىنسانى ئېلىۋالغانىدى، ئۇ 1798-يىلى مىسىرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن يېنىدىكى بىلىم ئىنسانلىرى مىسىر ئىلمى دەپ بىر پەن ئىجاد قىلىشىپ ئىلاھىيەت، تىلشۇناسلىق ۋە بوتانىكا قاتارلىق ساھەلەرگە مۇئەييەن تۆھپىلەرنى قوشتى.
1831-يىلى ئەنگلىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسى «HMS Beagle »ناملىق ھەربىي كېمىنى جەنۇبىي ئافرىقا، فالكاند ئاراللىرى ۋە گالاپاگوس ئاراللىرىنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىش يولغا سالدى. ئەنگلىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسى ئۇرۇشقا تېخىمۇ پۇختا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن جۇغراپىيەلىك ئۇچۇرلارغا ئېھتىياجلىق ئىدى. «HMS Beagle »ناملىق ھەربىي كېمىنىڭ كاپىتانى ئىلىمخۇمار بىر كىشى بولۇپ، سەپەردە بىرەر گىئولوگىيەلىك ھادىسەنىڭ يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىمالىنى كۆزدە تۇتۇپ يېنىغا بىر گىئولوگ ئېلىۋېلىشنى قارار قىلدى، لېكىن كېمىدىكى باشقا كىشىلەر بۇنىڭغا قارشى چىقتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدىن يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن 22 ياشلىق چارلىز دارۋىنغا سەپەرگە بىرگە چىقىش تەكلىپىنى بەردى. دارۋىن ئانگىلكان پوپى بولۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئوقىغان ئىدى، لېكىن ئىنجىلدىن بەكرەك تەبىئەتكە ۋە گىئولوگىيەگە قىزىقاتتى. شۇڭا بۇ تەكلىپنى دەرھال قوبۇل قىلدى ۋە كېيىن نېمە ئىشلار بولغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. كېمە كاپىتانى سەپەر جەريانىدا خەرىتە سىزىش بىلەن بەند بولدى، دارۋىن بولسا تەدرىجىي تەرەققىيات نەزىرىيەسىگە خام ماتېرىيال يىغىش بىلەن ئاۋارە بولدى.
1969-يىلى 20-ئىيۇلدا نېيىل ئارمستروڭ ۋە بۇز ئالدرىن ئاينىڭ يۈز قسىمىغا قەدەم باستى. مەشھۇر «ئاپوللو 11 ئاسترونوملىرى»بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكانىڭ غەربىدىكى ئايغا ئوخشاش كېتىدىغان تىتماس بىر چۆلدە تەلىم ئالدى. بۇ چۆلدە ھىندىئانلار ياشايتتى، بىر يەرلىك بىلەن بىر تۈركۈم ئاسترونوملار ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن مۇنداق بىر ھېكايە بار.
بىر كۈنى تەلىم ئەسناسىدا ئاسترونوملار ياشانغان بىر ھىندىئان بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ. ھىندىئان
ئۇلاردىن نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى سوراپتۇ. ئاسترونوملار ئايغا چىقىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتقانلىقىنى دەپتۇ. ياشانغان ھىندىئان بۇنى ئاڭلاپ تۇرۇپ قاپتۇ ۋە ئۇلاردىن ياردەم تەلەپ قىپتۇ. ئاسترونوملار ئۇنىڭدىن:
-سىزگە نېمە ئىش قىلىپ بىرەلەيمىز؟-دەپ سوراپتۇ. ياشانغان ھىندىئان جاۋابەن:
-قەبىلەمدىكىلەر ئايدا مۇقەددەس رۇھلارنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ. شۇڭا ئۇلارغا خەلقىنىڭ تەلىپىنى يەتكۈزۈپ قويۇشۇڭلارنى ئۆتىنمەن، -دەپتۇ. ئاسترونوملار:
-تەلىپىڭلار نېمە؟-دەپ سوراپتۇ. ياشانغان ھىندىئان ئۆز تىلدا بىر نەرسىلەرنى دەپتۇ ۋە ئاسترونوملاردىن بۇ گېپىنى شۇ پېتى تەكرارلىشىنى ئۆتۈنىپتۇ.ئاسترونوملار قىزىقىپ:
-بۇنىڭ مەنىسى نېمە؟-دەپ سوراپتۇ. ياشانغان ھىندىئان بىر ئار ئەندىكىپ:
-مەنىسىنى دەپ بېرەلمەيمەن، بۇنى قەبىلىمىزدىكىلەر بىلەن ئايدىكى مۇقەددەس روھلارلا بىلىدۇ، دەپتۇ.
ئاسترونوملار بازىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەرلىك تىلنى بىلىدىغان بىرسنى تېپىپ شۇ سىرلىق گەپنى تەرجىمە قىلىپ بېرىشنى دەپتۇ. ئاسترونوملار يادقا ئېلىۋالغان بۇ گەپنى دېگەندە تەرجىمان قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ. تەرجىمان كۈلكىسىنى توختىپ گەپنى تەرجىمىسىنى دېيىشكە باشلاپتۇ: «ئى مۇقەددەس روھ!بۇ ئادەملەرنىڭ دېگەنلىرىگە قەتئىي ئىشەنمەڭ، بۇ ئادەملەر سىلەرنىڭمۇ زېمىنىڭلارنى ئىستېلا قىلىش ئۈچۈن كېلىۋاتىدۇ.»
بوش خەرىتىلەر
مودېرن «بايقا ۋە ئىشغال قىل»چۈشەنچىسىنى خەرىتەنىڭ تەرەققىياتى شۇنداق مېغىزلىق ئىزاھلاپ بېرەلەيدۇ. يەنى خەرىتىچىلىك ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىنى ياخشى بىلسەك مودېرن «بايقا ۋە ئىشغال قىل»چۈشەنچىسىنى ياخشى چۈشىنەلەيمىز. نۇرغۇن مىللەت مودېرن دەۋردىن ئىلگىرى زېمىننىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىقتى، لېكىن بۇ مىللەتلەر دۇنيادىكى جايلارنى تولۇق بىلمەيتتى،ئافرىقىلىقلار ئامېرىكانى، ئامېرىكالىقلار ئافرىقانى بىلمەيتتى، شۇڭا ئىنسانلار بىلمەيدىغان جايلارنى يا يوق چاغلىدى ياكى بۇ جايلارنى خىيالى جىن-ئەرۋاھ ۋە غايىۋى نەرسىلەر بىلەن تولدۇردى. بۇ غايىۋى نەرسىلەردە بىرمۇ بوش يەر يوق ئىدى. ئۇلار بۇ خەرىتىلىرىگە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنى سىغدۇرغانلىقىنى ئويلايتتى. بوش خەرىتىلەر ھەم پىسخولوگىيەلىك ھەم ئىدىئولوگىيەلىك جەھەتلەردىن بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىناتتى، شۇنداقلا ياۋروپالىقلارنىڭ نادانلىقىنى تەن ئېلىشىنىڭ ئىپادىسى ئىدى.
1492-يىلى كىرىستوف كولومبو ئىسپانىيەدىن شەرقىي ئاق دېڭىزغا بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقتى، ئەمەلىيەتتە بۇ ھادىسە زور بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىناتتى. لېكىن كولومبو بۇرۇنقى «مۇككەممەل»دۇنيا خەرىتىسىگە ئىشىنەتتى، ئۇ بۇ خەرىتىگە ئاساسەن، ياپونىيەنىڭ ئىسپانىيەنىڭ 7000 كىلومېتىر غەربىدە ئىكەنلىكىنى ھېسابلاپ چىققانىدى. شەرقىي ئاسىيانى ئىسپانىيەدىن 20 مىڭ كىلومېتىر بولغان ۋە ئۇ ۋاقىتقىچە بىلىنىپ باقمىغان بىر قىتئە ئايرىپ تۇراتتى. 1492-يىلى12-ئۆكتەبىر ئەتىگەندە كولومبونىڭ كېملىرى ناتونۇشلا بىر قىتئەگە كېلىپ قالدى، جۇەن رودرىگۇز بېرجېمجو، ھازىرقى باھامالار دېگەن ئارالنى ئۇچرىتىپ «قۇرۇقلۇق كۆرۈندى»دەپ ۋاقىرىۋەتكەنىدى.
كولومبو شەرقىي ئاسىيادىكى بىرەر ئارالغا كەلگەنلىكىنى ئويلاپ قالغانىدى، ئۇ بۇ يەردىكى ئىنسانلارنى «ھىندلىق»دەپ ئاتىدى، چۈنكى شەرقىي ھىندىستان ئاراللىرىغا (بۈگۈن شەرقىي ھىند ئاراللىرى ياكى ھىندونېزىيە تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتىلىدىغان رايون)كەلگەنلىكىنى ئويلاتتى. كولومبو بۇ خاتانى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇردى، ئۆزى ۋە باشقا نۇرغۇن كىشىگە نىسبەتەن ناتونۇش ۋە شۇ ۋاقىتىچە ھەممە ئادەمگە يات بولۇپ كەلگەن بىر ئارالنى بايقاش تەسەۋۋۇرر قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى. مىڭلارچە يىل بۈيۈك مۇتەپەككۇرلار، مۇقەددەس كىتابلار ياۋروپا، ئافرىقا ۋە ئاسىيا توغرۇلۇقلا توختىلىپ كەلگەنىدى. مۇقەددەس كىتابلاردا بۇ قىتئەلەر توغرۇلۇق بايانلارنىڭ بولماسلىقىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
كولومبو باشقىلارغا ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ نادانلىقىنى تەن ئالمىدى. ئۇمۇ دۇنيانىڭ ھەممىسىنى بىلىدىغانلىقىنى ئويلايتتى، ئۇ دۇنيا تارىخىدا بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى.
تۇنجى مودېرن ئىنسان ئامېرىكانى 1499-يىلدىن 1504—يىلغىچە نۇرغۇن قېتىم ساياھەت قىلغان ئىتالىيەلىك دېڭىزچى ئامېرىگو ۋېسپۇككۇ ئىدى. ئۇنىڭ 1502-1504 يىللىرى ئارىلىقىدىكى ساياھەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك كىتاب ياۋروپادا ئېلان قىلىندى. بۇ كىتابتا كولومبو تەرىپىدىن بايقالغان يېڭى زېمىنلارنىڭ شەرقي ئاسىيا دېڭىزىدىكى ئاراللار ئەمەسلىكى، كونا جۇغراپىيەچىلەرۋە ياۋروپالىقلارمۇ بىلەلمىگەن يېپ-يېڭى زېمىنلار ئىكەنلىكى بايان قىلىناتتى. 1507-يىلى يېڭى زېمىن توغرۇلۇق ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلارغا قايىل بولغان مارتىن ۋالدسېمۇللېر ئىسىملىك مەشھۇر خەرىتىچى تولۇقلانغان بىر دۇنيا خەرىتىسى ئېلان قىلدى، بۇ خەرىتىگە يېڭى بايقالغان قىتئەمۇ كىرگۈزۈلدى، مارتىن ۋالدسېۇللېر بۇ خەرىتىگە ئىسىم قويۇشى كېرەك ئىدى، ئۇ شۇنىڭ بىلەن ئامېرىگو ۋېسپۇككېنىڭ بۇ قىتئەنى بايقىغانلىقىنى ئويلىۋېلىپ، ئامېرىگونىڭ ئىسمىنى يېڭى قىتئەگە قويدى: يەنى ئامېرىكا. ۋالدسېۇللېرنىڭ خەرىتىسىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا داڭقى چىقىپ كەتتى، نۇرغۇن خەرىتىچى ئۇنىڭ خەرىتىسىنى ئىشلەتتى، شۇنداق قىلىپ يېڭى بايقالغان قىتئەگە قويۇلغان ناممۇ كەڭ تارقالدى. دۇنيانىڭ بىر چەرىكى ۋە يەتتە قىتئەنىڭ ئىككىسىگە نادانلىقىنى تەن ئالماسلىقتىن باشقا ھېچقانداق ئالاھىدىلىكى بولمىغان بىر ئىتالىيەلىك نامىنىڭ بېرىلىپ قېلىشى ئىلاھىي ئادالەتنىڭ تەجەللىسى ئىدى.
ئامېرىكانىڭ بايقىلىشى ئىلىم-پەن ئىنقىلابىنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ ياۋروپالىقلارغا يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان كۆزىتىشلەرنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئەنئەنىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ توغرا بولىدىغانلىقىنى ئۆگىتىپلا قالماستىن، ئامېرىكانى ئىشغال قىلىش ئارزۇسى بىلەن يېڭى ئۇچۇر ۋە بىلىمگە ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئېرىشىش ئىشتىياقىنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يېڭى زېمىننى كونترول قىلىش ئۈچۈن بۇ جاينىڭ جۇغراپىيەسى، تارىخى، كۈلتۈرى، كىلىماتى ۋە باشقىلار توغرۇلۇق زور مىقداردا ئۇچۇر-مەلۇمات يىغىپ چىقىش كېرەك ئىدى، بۇ ئىشقا كونا جۇغراپىيە كىتابلىرى، رىۋايەتلەر كارغا كەلمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ياۋروپالىق تەتقىقاتچىلار يېڭى قىتئە توغرۇلۇق مەلۇماتقا ئېرىشىشكە ئاتلاندى، لېكىن بۇ يېڭى قىتئەگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا يەنىلا نۇرغۇن نۇقسان بار ئىدى، بۇنى تەتقىقاتچىلارمۇ ئېتىراپ قىلاتتى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ بۇنى ئېتىراپ قىلىشى ئۆزلىرىنىڭ نادانلىقىنى ۋە ئاز بىر نەرسە بىلىدىغانلىقىنى تەن ئېلىشى ئىدى.
ياۋروپالىقلار يېڭى قىتئەمۇ كىرگۈزۈلگەن خەرىتىنىڭ مۇككەممەل ئەمەسلىكىنى، بۇ خەرىتىگە دۇنيادا يەنە قوشۇشقا تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن جاينىڭ بارلىقىنى ئويلايتتى، شۇڭا ئۇلار ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ خەرىتىدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇشقا تىرىشتى، 15 ۋە 16-ئەسىرلەردە ئافرىقانىڭ ئەتراپىنى كېزىپ چىقتى، ئامېرىكانى بايقىدى، تىنچ ۋە ھىندى ئوكيانلاردىن ئاشتى، نەتىجىدە پۈتكۈل دۇنيا مىقىياسىدا مۇستەملىكە تورى شەكىللەندۈرۈپ چىقتى، ئۇلار ھەققىي مەنىدە دۇنياۋى ئىمپېرىيەلەر ۋە تۇنجى يەر شارىلاشقان سودا تورى قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدى. ياۋروپانىڭ جاھانگىرلىك سەپەرلىرى دۇنيا تارىخىنىڭ يۆنىلىنىشى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋتتى، يىڭى تارىخ بىر-بىرىدىن ئۈزۈك ھالدا ياشايدىغان خەلقلەرنىڭ ۋە كۈلتۈرلەرنىڭ ئەمەس، پۈتۈنلەشكەن بىر ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تارىخى بولۇشقا باشلىدى.
ياۋروپالىقلارنىڭ «بايقا-ئىشغال قىل»سەپەرلىرى بىزگە نىسبەتەن شۇنچىلىك تونۇشكى، ئەينى چاغدىكى بۇنىڭ پەۋقۇلئادە ھادىسە بولغانلىقىنى تەس چۈشىنىمىز. بۇ سەپەرلەردىن بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار يۈز بەرمىگەنىدى، ئۇزۇن مەزگىللىك پەتىھلەر ۋە سەپەرلەرنى ئېلىپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇ چاغقىچە كۆپ قىسىم ئىنسان جەمئىيىتى توقۇنۇشلار ۋە ئۇرۇش-جېدەللەر بىلەن بەند بولغاچقا، ئۇلارنىڭ يىراق دىيالارنى بايقاپ قولغا كىرگۈزۈشتەك بىر غەرىزى يوق ئىدى. نۇرغۇن ئىمپېرىيە ھاكىمىيىتىنى ئۆزى ھۆكۈم سۈرگەن جايلاردىن بىر ئاز يىراق جايلارغىچە ئېلىپ ئېلىپ بارالىدى. ئۇزاق دىيارلارنى پەتىھ قىلالىغىنى راست، سەۋەبى قوشنا بولغان رايونلار بارغانچە كېڭىيىپ باراتتى، يەنى چېگرالىرىنى مەركەزدىن ئەتراپقا كېڭەيتىپ ماڭدى، قانداقتۇر مەركەزدىن بىراقلا باشقا يىراق جايغا كەتمىدى. مۇشۇ تەرىقىدە رىم ئىمپېرىيەسى رىمنى قوغداش ئۈچۈن ئېترۇيانى بېسىۋالدى (مىلادىن ئىلگىرى 350-300). كېيىنچە ئېترۇيانى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن، ئېترۇيانىڭ قوشنىسى پو ۋادىسىنى قولغا كىرگۈزدى (مىلادىن ئىلگىرى 200)، ئارقىدىن پو ۋادىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن پو ۋادىسىغا چېگراداش پروۋېنس رايونىنى (مىلادىن ئىلگىرى 120)، ئۇنىڭدىن كېيىن پروۋېنسنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن گاليانى (مىلادىن ئىلگىرى 50) ۋە گاليادىن كېيىن بىرىتانىيەنى ئىشغال قىلدى. نەتىجىدە رىم ئىمپېرىيەسى رىمدىن بىرىتانىيەگە كېڭيىش ئۈچۈن 400 يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى. مىلادى ئىلگىرى بىرمۇ رىملىقنىڭ بىرىتانىيەگە يەلكەن ئېچىپ بۇ جاينى ئىشغال قىلىش خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايتتى.
ئانچە-مۇنچە تەلۋىرەك پادىشاھ ياكى تەۋەككۈلچى بىرسى ئۇزۇنغا سوزۇلغان پەتىھ سەپەرلىرىگە چىقىپ قوياتتى، لېكىن بۇ خىلدىكى سەپەرلەردە ھەممە ئادەم تونۇش بولۇپ كەتكەن سودا ياكى جاھانگىرلىك يوللىرىنى ئىشلىتىلەتتى. مەسىلەن، بۈيۈك ئىسكەندەرمۇ يېڭى بىر ئىمپېرىيە قۇرمىدى، مەۋجۇت بىر ئىمپېرىيەنى قولغا كىرگۈزدى، ئۇنىڭ جاھانگىرلىك سەپەرلىرى يېڭى ئىمپېرىيە قۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس مەجۇت بىر ئىمپېرىيەنى قولغا كىرگۈزۈش نەتىجىسىدە تاماملاندى. ئىسكەندەر قولغا كىرگۈزگەن ئىمپېرىيە مەشھۇر پارس ئىمپېراتورلۇقى ئىدى، مودېرن ياۋروپا ئىمپېرىيەلىرىگە ئافېنا ۋە كارتاجانىڭ دېڭىز ئىپېرىيەلىرى ۋە 14-ئەسىرد ھىندونېزىيەنىڭ كۆپ قىسمىدا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ماجاپاخت ئىمپېرىيەسى بەكرەك ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ ئىمپېرىيەلەرمۇ ئۆزلىرىگە ناتونۇش جايلارغا يەلكەن ئېچىپ باقمىدى، بۇ ئىمپېرىيەلەرنى مودېرن ياۋروپاغا سېلىشتۇرساق، ئۇلارنىڭ دۇنياۋى تۈسىدىن بەكرەك يەرلىك تۈسى قويۇق ئىدى.
نۇرغۇن تەتقىقاتچى خىتايدىكى مىڭ خاندانلىقىدا ياشاپ ئۆتكەن گېنېرال جېڭ خېنىڭ سەپەرلىرى ئالدىدا ياۋروپالىق ئېكسپىدىيەتچىلەرنىڭ سەپەرلىرىنىڭ دېڭىز مۇساپىسى جەھەتتىن ھېچنېمە ئەمەسلىكى مەسىلىسىدە بىردەك پىكىرگە ئىگە. 1405-1433 يىللىرى ئارىلىقىدا جېڭ خې غايەت زور چوڭلۇقتىكى يەتتە كېمە بىلەن خىتايدىن ھىندى ئوكياننىڭ يىراق جايلىرىغىچە بولغان يەرلەرنى كېزىپ چىقتى، جېڭ خېنىڭ كېمە ئەترىتىدە ئەڭ ئاز 30مىڭ كېمە خادىمى بار ئىدى. جېڭ خې ۋە ئادەملىرى ھېندونېزىيە، سىرى لانكا، ھىندىستان، بەسرە قولتۇقى، قىزىل دېڭىز ۋە شەرقىي ئافرىقىغىچە باردى، جېڭ خېنىڭ كېمىلىرى ھىجاز رايونىنىڭ غول پورتى جىددە ۋە كېنىيە ساھىللىرىدىكى مالىندى پورتىدا توختىدى. كولومبونىڭ 1494-يىلدىكى كېمە ئەترىتى جېڭ خېنىڭ كېمە ئەترىتى ۋە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسىغا سېلىشتۇرغاندا ھېچنېمە ئەمەس ئىدى.
لېكىن بۇ ئىككەيلەن ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بار ئىدى، جېڭ خې ئوكيانلارنى كېزىش ئارقىلىق خىتايغا مايىل ھۆكۈمدارلار بىلەن ئالاقە ئورناتتى، لېكىن بۇ جايلارنى قولغا كىرگۈزۈشكە ياكى مۇستەملىكە قىلىشقا ئۇرۇنمىدى. ھەممىدىن مۇھمى جېڭ خېنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق دېڭىز سەپەرلىرى خىتاي خاندانلىقىنىڭ سىياسىتى ياكى كۈلتۈرى بىلەن بەكمۇ ئالاقىسى يوق ئىدى. مەسىلەن 1430-يىلى خىتايدا ھۆكۈمدار ئالماشتى، شۇنىڭ بىلەن جېڭ خېنىڭ سەپەرلىرىمۇ بىردىنلا توختىدى، جېڭ خېنىڭ كېمە ئەترىتى تارقىتىۋېتىلدى، مۇھىم جۇغراپىيەلىك ۋە تېخنىكىلىق مەلۇماتلار يوق قىلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇنچىلىك كۈچلۈك بىر كېمە ئەترىتى ئوكيانلارغا يەلكەن ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمىدى ياكى جېڭ خېنىڭكىدەك بىر كېمە ئەترىتى چىقىپ باقمىدى. كېيىنكى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمدارلىرى خۇددى بۇرۇنقى خانلارغا ئوخشاش ئەتراپتىكى خانلىقلارغا ياكى جايلارغا كۆز تىكىپ ئۇلارغىلا مەركەزلەشتى.
جې خېنىڭ سەپەرلىرى ياۋروپانىڭ باشقا جايلىرىغا سېلىشتۇرغاندا تېخنىكا جەھەتتىن ئۈستۈن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ياۋروپالىقلارنى ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە قىلغان نەرسە دۇنيانى يىپتىن-يىڭنىسىغىچە بايقاش ۋە قولغا كىرگۈزۈشتە مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان تويۇمسىز ئىشتىياق ئىدى. ياۋروپالىقلار بىلەن قابلىيەت جەھەتتىن پەرقلەنمەيدىغان رىملار ھېچقاچان ھىندىستان ياكى ئىسكانىناۋىيە، پارسلار ماداگاسكارنى ياكى ئىسپانىيەنى، خىتايلار ھىندونېزىيەنى ياكى ئافرىقىنى قولغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇپ باقمىدى. ھەتتا نۇرغۇن خىتاي ھۆكۈمدارى يېنىدىكى ياپونىيەگە چېقىلىپ باقمىدى، بۇ ناھايىتى نورمال ئىدى. باشلانغۇچ مودېرن دەۋردىكى ياۋروپالىقلار يات كۈلتۈرلەر بىلەن تولغان ئۇزاق دىيارلارغا يەلكەن ئېچىپ قۇرۇقلۇققا قەدەم تاشلىغاندا، ئىكىلەنمەي«بۇ زېمىنلارنى خانىمغا ۋاكالىتەن مۇسادىرە قىلىمەن»دېيەلەتتى، بۇ تولىمە غەلىتە ۋە بىنورمال چۈشەنچە ئىدى.
تاشقى پىلانتلىقلارنىڭ ئىشغالىيىتى
1517-يىلى ئەتراپىدا كارايىپ ئاراللىرىدىكى ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرى مېكسىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرىغا ھۆكۈمران قىلىدىغان خانلىق توغرۇلۇق بەزى قاراشلارنى ئاڭلاپ قالىدۇ. مۇشۇ ئىش بولۇپ 4 يىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ يەرلىك خانلىقنىڭ پايتەختى يەر بىلەن يەكسان قىلىندى ۋە نامى ئازتەك بولغان بۇ خانلىق تارىخ سەھىپىسىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاندى،شۇنداقلا بۇ جايلار ئىسپانىيەلىك ھېرمان كورتېسنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتتى.
ئىسپانىيەلىكلەر بۇ قالتىس غەلبىسىنى كۆككە كۆتۈرۈپ مەغرۇرلىنىدىغان ئىشنى قىلمىدى، ئۇلار بۇ غەلبىسىنى تەبرىكلەشكىمۇ ئېرەنشىمەي، يەنە داۋاملىق ئەتراپنى بېسىۋېلىشنىڭ كويىغا كىرىشتى. ئوتتۇرا ئامېرىكانىڭ كونا ھۆكۈمدارلىرى (ئازتەكلەر، تولتېكلەر، مايالار) جەنۇبىي ئامېرىكا دەپ بىر يەرنىڭ بارلىقىدىنمۇ خەۋىرى يوق ئىدى، شۇڭلاشقا بۇ جايلارنى تىزگىنلەشنى ئويلىشىپمۇ باقمىدى. ئىسپانىيەلىكلەر مېكسىكانى بېسىۋېلىپ 10 يىل ئۆتمەيلا فىرانسىكو پىياررو جەنۇبىي ئامېرىكادا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنكا خانلىقىنى بايقاپ قېلىپ 1532-كەلگەندە بۇ خانلىقنى يوق قىلدى.
ئازتەكلەر ۋە ئىنكالىقلار ئەتراپىغا مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا دۇنياغا بىر ئاز كۆڭۈل بۆلۈپ قويغان بولسا ئىدى (ئىسپانيەلىكلەرنىڭ قوشنىلىرىغا نېمىلەرنى قىلغانلىقىدىن ئازراقمۇ خەۋىرى بولغان بولسا ئىدى)ئىسپانىيە ئىشغالىيىتىنى توسالىغان بولاتتى. كولومبونىڭ ئامېرىكاغا قەدەم بېسىشى (1494) بىلەن كورتېسنىڭ مېكسىكاغا كېلىشى (1519) ئارىلىقىدىكى قىسقىغىنە مەزگىل ئىچىدە، ئىسپانىيەلىكلەر كارايىپ ئاراللىرىنىڭ كۆپ قىسىمىنى بېسىۋېلىپ بىر قاتار مۇستەملىكە رايونىغا ئىگە بولۇپ بولغانىدى، بويسۇندۇرۇلغان يەرلىكلەر بولسا بۇ دۇنيادىلا دوزاخنىڭ كۈنىنى كۆرۈشكە باشلىغانىدى، ئۇلار قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرۇلاتتى، ئاچكۆز ۋە ۋىجدانسىز مۇستەملىكچىلەر تەرىپىدىن كانلار ۋە ئېتىزلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىناتتى، بىرەرسى ئازراقلا قارشى چىقىپ قويسا دەرھال ئۆلتۈرەلەتتى. يەرلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى يا ئېغىر شارائىتتا ياكى ئىسپانىيەلىكلەر يۇرتىدىن بىللە ئېلىپ كەلگەن كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلۈپ كېتەتتى. 20 يىل ئىچىدە كارايىپلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆلۈپ تۈگىدى، بۇنىڭغا قارىتا ئىسپانىيەلىك مۇستەملىكچىلەر بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئافرىقادىن قۇل ئىمپورت قىلىشقا يۈزلەندى.
مۇشۇنداق ۋەھشىيانە ئىرقى قىرغىنچىلىق ئازتەك خانلىقىنىڭ يېنىدىلا سادىر بولغانىدى. ھەتتا كوررتېسنىڭ شەرقتىكى زېمىنلارغا كېلىشىدىنمۇ خەۋىرى بولمىغانىدى. ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ كېلىشى خۇددى فىلىملاردا تەسۋىرلىنىدىغان تاشقى پىلانېتا ئادەملىرىنىڭ زېمىنغا كېلىشىگىلا ئوخشايتتى. بىچارە ئازتەكلىكلەر دۇنيانى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ھەتتا دۇنيانىڭ كۆپ قىسمىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى ئويلايتتى. ئۇلارغا نىسبەتەن بۇ دۇنيادا ئۆزلىرىدىن باشقا ھېچكىم ياشىمايتتى، مۇستەملىكچى كورتېس ۋە ئادەملىرى بۈگۈنكى ۋېراكرۇز ساھىللىرىغا قەدەم باسقاندا، تۇنجى قېتىم ناتونۇش بىر ئادەملەر بىلەن ئۇچراشقان ئازتەكلەر نېمە قىلىشنى بىلمەي قالدى.
ئازتەكلەر بۇ ناتونۇش مەخلۇقلارنىڭ قانداق بىر نەرسە ئىكەنلىكىنىمۇ جەزملەشتۈرەلمىدى، چۈنكى بۇ ناتونۇشلار ئاق تەنلىك ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈزلىرى يۇڭلۇق ئىدى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ چېچى قۇياشنىڭ سېرىقىغا ئوخشايتتى ۋە بۇ ناتونۇشلار قاتتىق سېسىق پۇرايتتى. (يەرلىكلەر ئىسپانىيەلىكلەرگە قارىغاندا پاكىز ئىدى، ئىسپانيەلىكلەر مېكسىكاغا دەسلەپ كەلگەندە، يەرلىكلەر ئۇلارغا مىزىلىك پۇراقلارنى چېچىپ قويىدىغان بىرەرسىنى قوشۇپ قوياتتى، ئىسپانىيەلىكلەر بۇنى پۈتۈنلەي خاتا چۈشىنىپ تەڭرى لۇتىپى دەپ ئويلىۋالدى. لېكىن يەرلىكلەر ئۇلارنىڭ تېنىنىڭ سېسىقلىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەي مۇشۇ ئۇسۇلنى ئويلاپ تاپقانىدى.)
ياتلارنىڭ قولىدىكى نەرسىلەر كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇراتتى. ئازتەكلەر كۆزلىرى بىلەن كۆرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇلار تەسەۋۋرمۇ قىلالمايدىغان چوڭ كېمىلەر ساھىلدا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ناتونۇش ئىنسانلار يىرتقۇچ ۋە يۈگرەك ھايۋانلارغا مىنەتتى، پارلاق مېتال كالتەكلەر بىلەن چاقماق ۋە گۈلدۈرماما چىقىرالايتتى، پاقىراپ تۇرىدىغان ئۆتكۈر قىلىچىلىرى ۋە تېشىپ ئۆتۈش مۇمكىن بولمايدىغان قالقانلىرى بار ئىدى. يەرلىكلەرنىڭ ياغاچ قىلىچ ۋە چاقماق تاشتىن ياسالغان قالقاندىن باشقا قولىدا تۈزەكرەك بىر نەرسىسى يوق ئىدى، بۇ ئادەتتىكى نەرسىلەر بىلەن كۈچلۈك قوراللانغان ناتونۇشلارغا قانداقمۇ تاقابىل تۇرغىلى بولسۇن، دەيسىز.
ھەتتا بەزى ئازتەكلەر سىرتتىن كەلگەن بۇ كەلكۈندىلەرنىڭ «تەڭرى»ئىكەنلىكىنىمۇ ئويلاپ قېلىشقانىدى، يەنە بەزى ئازتەكلەر ئۇلارنى شەيتان، ئەرۋاھ ياكى سىھىرگەرلەر دەپ چاغلاشتى. ئازتەكلەر بىرلىشىپ ئىسپانىيەلىكلەرگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىگە بەكرەك قىزىقتى، ئازتەكلەر مۇشۇ خىل ھېسسىيات ۋە چۈشەنچە بىلەن ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتتى، ئۇلار سىرتتىن كەلگەن بۇ ناتونۇش ئىنسانلارغا قارشى تەدبىر ئېلىشقا پەقەتلا ئالدىرمىدى، چۈنكى كورتېسنىڭ يېنىدا ئاران 550 ئادەم بار ئىدى، بۇ بىر ئوچۇم ئىنسان مىليونلارچە ئازتەكلىكلەرنى نېمىمۇ قىلالىسۇن.
كورتېسمۇ ئازتەكلەر توغرۇلۇق كۆپ نەرسە بىلمەيتتى، لېكىن ئۇ ۋە ھەمراھلىرىنىڭ رەقىبلىرىگە قارىغاندا ئارتۇقچىلىقى بار ئىدى. ئازتەكلەرنىڭ تېنى ناھايىتى قانسىق پۇرايدىغان ۋە غەلىتە چىراي بۇ ياتلارغا قارشى تاقابىل تۇرالايدىغان ھېچقانداق تەجرىبىسى يوق ئىدى، لېكىن ئىسپانىيەلىكلەر دۇنيانىڭ چەكسىز يەر ئىكەنلىكىگە ۋە بايقىلىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان نۇرغۇن جاينىڭ بارلىقىنى بىلەتتى،شۇڭا ئۇلار يات ئەللەرنى ئىشغال قىلىش ۋە ناتونۇش ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلار جەھەتتە مۇئەييەن تەجرىبىگە ئىگە ئىدى. ياۋروپالىق بىلىم ئىنسانلىرىغا ناتونۇش نەرسىلەرنىڭ سىرىنى بىلىشكە ئىنتىلىش قانداق ھاياجان ئېلىپ كەلسە، ئوخشاشلا ياۋروپالىق ئىشغالىيەتچىلەرگە نىسبەتەنمۇ ناتونۇش ئەللەرنى ئىشغال قىلىپ بويسۇندۇرۇش شۇنداق ھاياجانلىق ئىدى.
بۇ سەۋەبتىن كورتېس 1519-يىلى ئىيۇندا كۈن نۇرى بىلەن تولغان بۇ بەرىكەتلىك زېمىنلارنى ئىشغال قىلىشتا ئازراقمۇ ئىككىلەنمىدى. ئۇ ئىلمىي فانتازىيە ھېكايىلىرىدىكى بىر تاشقى پىلانتلىقنىڭ ئالەم كېمىسىدىن چۈشكىنىگە ئوخشاش ھەيرانلىق ئىچىدىكى خۇددىنى يوقاتقان يەرلىكلەرگە مۇنداق دېدى: «تىنچلىق ئۈچۈن كەلدۇق، بىزنى لىدېرىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ بېرىڭلار.» كورتېس بۈيۈك ئىسپانىيە پادىشاھى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن تىنچلىق ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئازتەك پادىشاھى 2-مونتېزۇما بىلەن كۆرۈشكۈسى بارلىقىنى بىلدۈردى (بۇ قىپ-قىزىل يالغانىدى، كورتېس ئاچكۆز تەۋەككۈچىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇزۇن سەپەرگە چىققانىدى، ئىسپانىيە پادىشاھنىڭ نە كورتېسنى نە ئازتەكلەرنى بىلمەيتتى.)ئازتەكلەرنىڭ يەرلىك دۈشمەنلىرى كورتېسقا ئوزۇق-تۈلۈك،يول باشلىغۇچى ۋە لەشكەر ياردەم قىلدى. پۇختا تەييارلىق قىلغان كورتېس ئازتەك ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى تېنوچتىدلەنگە قاراپ يولغا چىقتى.
ئازتەكلەر بۇ «تاشقى پىلانېت ئىنسانلىرى»نىڭ پايتەختكە كېلىشىگە رۇخسەت قىلدى ۋە كورتېس ۋە ئادەملىرىنى پادىشاھ مونتېزۇمانىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ باردى. كۆرۈشۈش ئەسناسىدا كورتېسنىڭ ئىشارىتى بىلەن، ئۆتكۈر قىلىچلىق ئادەملىرى پادىشاھنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىنى بىر دەمدىلا بىر تەرەپ قىلىۋەتتى (مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ قولىدا كالتەك ۋە تاش پىچاقتىن باشقا بىر نەرسە يوق ئىدى). كورتېس ۋە ئادەملىرى پادىشاھ ۋە بالا-چاقىلىرىنى ئەسىرگە ئېلىۋالىدى. كورتېس ھايات-ماماتلىق پەيتتە تۇرۇۋاتاتتى، ئازتەكلەرنىڭ پادىشاھىنى ئەسىرگە ئېلىۋالغان بولسىمۇ، ئۇ ۋە ئادەملىرى ناتونۇش بىر قىتئە، مىليونلارچە كىشى ۋە غەزەبكە تولغان ئەسكەرلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىلا قالغانىدى. كورتېسنىڭ قولىدا ئاران نەچچە يۈز كىشىلا بار ئىدى،ئۇنىڭغا ئەڭ يېقىن ئىسپانىيە قوشۇنى بولسا 1500 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كۇبادا ئىدى.
كورتېس پادىشاھ مونتېزۇمانى سارايدا ئەسىرگە ئېلىۋېلىش جەريانىدا، سىرتتىكىلەرگە چاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈۋاتقاندەك تەسىر پەيدا قىلىشقا تىرىشتى. پۈتۈن ھوقۇق پادىشاھ مونتېزۇمانىڭ قولىدا بولغاچقا، ئىمپېرىيەنىڭ ئىشلىرى ئاستا-ئاستا ئاقساپ قېلىشقا باشلىدى. مونتېزۇما ئۆزى ۋە بالا-چاقلىرىنىڭ ھاياتىنى خەۋپكە ئىتتىرمەسلىك ئۈچۈن ئىمپېرىيەنى باشقۇرغاندەك قىپايەتكە كىردى، ئازتەك سەر خىللىرىمۇ ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇشنى داۋاملاشتۇردى، ئەمەلىيەتتە ئازتەكلىكلەر پادىشاھىغا ئەمەس كورتېسقا ئىتائەت قىلىۋاتاتتى. بۇ جەرياندا كورتېس پادىشاھ مونتېزۇما ۋ مەسلىھەتچىلىرىنى سوراققا تارتىپ ئىمپېرىيە توغرۇلۇق بەزىبىر مۇھىم مەلۇماتلارنى بىلىۋالدى، ئادەملىرىدىن بىر نەچچىسىگە يەرلىك تىلنى بىر ئاز بولسىمۇ ئۆگەتتى، ئۇ يەنە ئادەملىرىنى يەرلىك قەبىلىلەرنىڭ تىلى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ئازتەك تېرروتورىيەسى توغرۇلۇق مەلۇمات ئىگىلەشكە ئەۋەتتى.
لېكىن كورتېسنىڭ بۇ ئىشى قانچىلىك داۋاملىشاتتى دەيسىز، ئازتەك سەرخىللىرى بۇ خەتەرلىك ئەھۋالىنى بايقاپ قېلىپ، كورتېس ۋە پادىشاھ مونېزۇماغا قارشى چىقىپ يېڭى بىر ئىمپېراتور سايلاپ چىقتى ۋە ئىسپانىيەلىكلەرنى تېنوچتىتلەنتىن قوغلىۋەتتى. كورتېس سارايدىكى ۋاقتىدا بىلىۋالغان مۇھىم مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ ئازتەك ئىمپېرىيەسىنى ئىچىدىن يىقىتىشقا تىرىشتى، ئۇ ئازتەك ئىمپېرىيەسى تەۋەلىكىدىكى يەرلىك قەبىلىلەرنى ئىمپېراتورغا قارشى ئۆز سېپىغا قوشۇلۇشقا چاقىردى. ئەپسۇس يەرلىك قەبىلىلەر ئىپېراتورىدىن يۈز ئۆرۈپ بۇ ناتونۇش ئىنساننىڭ كەينىدىن ماڭدى، يەرلىك قەبىلىلەرمۇ ئازتەك ئىمپېرىيەسىدىن خېلىدىن بېرى نارازى بولۇپ كېلىۋاتاتتى،لېكىن بۇ قەبىلىلەر ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىسپانىيە ياكى كارايىپ قىرغىنچىلىقىدىن خەۋىرى يوق ئىدى، ئۇلار ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئازتەك ئىمپېرىيەسىنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇشنى ئويلاپ كورتېسقا ياردەم قىلدى، لېكىن ئۇلار چوتنى خاتا سوققانىدى. ئۇلار كورتېسنىڭ ئىمپېراتورنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ تەختىنى تارتىۋالىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغانىدى. ئىسيانكار قەبىلىلەر كورتېسقا ئون مىڭلارچە لەشكەر يىغىپ بەردى، كورتېس بۇ قوشۇننى باشلاپ پايتەخت تېنوچتىتلەننى قورشىۋالدى.
بۇ جەريانىدا كۇبا ۋە ئىسپانىيە تەرەپتىن مېكسىكىغا كېلىۋاتقانلارنىڭ سانىمۇ كۆپيىشكە باشلىغانىدى. يەرلىك خەلقنىڭ بۇ يوچۇن ئىشغالچىلارنىڭ غەرىزىنى بىلگەندە ئاللىبۇرۇن نۇرغۇن نەرسىسىدىن ئايرىلىپ بولغانىدى. ئىسپانىيەلىكلەر ۋېرا كرۇز ساھىلىگە چىقىپ 100 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئامېرىكادىكى يەرلىك نوپۇس ئىشغالىيەتچىلەر ئېلىپ كەلگەن يۇقۇملۇق كېسەللىك تۈپەيلى %90 ئازىيىپ كەتكەنىدى. ھاياتتا قالغانلار بولسا مۇشتۇمزور،ئاچكۆز، رەھىمسىز ۋە ئىرقچى بىر ھاكىمىيەتنىڭ قولىغا قالدى.
كورتېس مېكسىكىغا قەدەم بېسىپ 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن پىزاررو، ئىنكا ئىمپېرىيەسىنىڭ ساھىللىرىغا قەدەم باستى، ئۇنىڭ كورتېسچىلىك ئادىمى يوق ئىدى، ئۇنىڭ يېنىدا ئاران 168 كىشى بار ئىدى. پىزاررو ئۆزىدىن بۇرۇنقى ئىشغالىيەتچىلەر تەمىنلىگەن مەلۇماتلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنكالىقلارنىڭمۇ ئازتەكلىكلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېچىنىشلىق پاجىئەلەردىن ئازراقمۇ خەۋىرى يوق ئىدى، لېكىن پىزاررو كورتېس ۋە ھېكايىسىنى ياخشى بىلەتتى، ئۇ كورتېس نېمىنى قىلغان بولسا شۇنى قىلدى، ئۆزىنى ئىنكالىقلارغا ئىسپانىيە پادىشاھىنىڭ ئەلچىسى دەپ تونۇشتۇردى، ئۇ بىر ئامال قىلىپ ئىنكا لىدېرى ئاتاخۇالپانى دىپلوماتىك كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلىپ ئەسىرگە ئېلىۋالدى، ئارقىدىن يەرلىك شىرىكلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئىنكا ئىمپېرىيەسىنى قولغا چۈشۈرۈشنىڭ كويىغا كىردى. ناۋادا ئىنكا ئىمپېرىيەسى مېكسىكا خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېچىنىشلىق قىسمەتلەردىن خەۋىرى بولغان ئىدى، ئىسپانىيەلىك ئىشغالىيەتچىلەر ئۇلارغا ھېچنېمە قىلالمىغان بولاتتى، ئەپسۇس ھېچنېمە بىلمەيتتى.
تار دائىرلىك قاراشلار تۈپەيلى ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىگەن نوقۇل يەرلىك ئامېرىكالىقلارلا ئەمەس. ئاسىيادىكى قۇدرەتلىك ئىمپېرىيەلەر (ئوسمانلى، سافەۋى، بابۇر ۋە خىتاي)ياۋروپالىقلارنىڭ دۇنيانى بايقاش سەپىرىگە چىققانلىقىدىن خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا بەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمىدى. ئۇلار دۇنيانىڭ ئاسىيا ئەتراپىدا ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىشى داۋاملاشتۇردى، ياۋروپالىقلار بىلەن ئامېرىكا، ئاتلانتىك ياكى تىنچ ئوكياننى تىزگىنلەش ئۈچۈن رىقابەتكە چۈشمىدى. شوتلاندىيە ۋە دانىيەگە ئوخشاش كىچىك ياۋروپا كىنەزلىكلىرىمۇ ئامېرىكادا يېڭى زېمىن بايقاش ئۈچۈن سەپەرگە چىققان كۈنلەردە، نە مۇسۇلمانلار، نە ھىندىستانلىقلار نە خىتايلار ئامېرىكادا يېڭى زېمىن قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن سەپەرگە چىقمىدى. ئامېرىكاغا ھەربىي قوشۇن ئەۋەتكەن تۇنجى ياۋروپالىق بولمىغان كۈچ ياپونىيە ئىدى، بۇمۇ نەچچە ئەسىردىن كېيىن يەنى 1923-يىلى ئىشقا ئاشتى، بىر ياپون دېڭىز ئارمىيەسى قوشۇنى ئالياسكا بويىدىكى كىسكا ۋە ئاتتۇ ئىسىملىك ئىككى ئارالنى بېسىۋېلىپ 10 ئامېرىكا ئەسكىرى بىلەن بىر ئىتنى ئەسىرگە ئېلىۋالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ياپونلار ئامېرىكا قىتئەسىگە بۇنىڭدىنمۇ بەكرەك يېقىنلىشالمىدى.
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ياكى خىتاي خاندانلىقلىرىنىڭ ئامېرىكادىن ناھايىتى يىراقتا ئىكەنلىكىنى ۋە لازىملىق تېخنولوگىيە، ئىقتىسادىي ياكى ھەربىي ۋاستىلارغا ئىگە ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرا ئەمەس. مەسىلەن، 1420-يىللاردا خىتايدىن ئافرىقا ساھىللىرىغىچە كەلگەن خىتاي دېڭىزچىسى جېڭ خې قولىدىكى كۈچ بىلەن ئامېرىكاغا بىمالال بارالايتتى، لېكىن خىتايلار بۇنداق ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيتتى. ئامېرىكانىمۇ ئىچىگە ئالغان تۇنجى دۇنيا خەرىتىسىنى خىتايلار 1602-يىلى كەلگەندە ئاران سىزىپ چىقالىدى. بۇنىمۇ بىر ياۋروپالىق مىسيونېرىڭ ياردىمى بىلەن قىلالىدى.
ياۋروپالىقلار ئامېرىكا، تىنچ ئوكيان ۋە ئاتلانتىك ئوكيانلارنى دەل 300 يىل سەرپ قىلىپ تولۇق تىزگىنلدى. بۇ جەرياندا توقۇنۇشلار،ئۇرۇشلار يۈز بەردى، لېكىن كۆلىمى چوڭراق بولغىنى يەنىلا ياۋروپالىقلار ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەنىدى. ياۋروپالىقلار تەرىپىدىن بۇ رايونلاردىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان بايلىقلار، ئۇلارنىڭ ئاسىيانى بېسۋىلىپ ئاسىيادىكى ئىمپېرىيەلەرنى يوق قىلىشىغا يارىدى.ئوسمانلى، خىتاي، ھىندىستان ۋە ئىران ئىمپېرىيەلىرى ياۋروپالىقلارنىڭ جاھانگىرلىك قىلمىشلىرىنى تولۇق چۈشىنىپ يەتكەن چاغدا، پۇرسەت ئاللىبۇرۇن قولدىن كەتكەنىدى.
ياۋروپالىق بولمىغان كۈلتۈرلەر 20-ئەسىرگە كەلگەندە ئاران ئۆزىگە نىشان ۋە يۆنىلىش بېكىتىشكە مۇۋەپپەق بولالىدى، بۇ ئەھۋال ياۋروپا جاھانگىرلىكىنى تەۋرىتىدىغان مۇھىم ئامىللاردىن بىرى بولۇپ قالدى. ئالجىرىيە مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا (1954-1962) پارتىزانلار ھەربىي، تېخنولوگىيە ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردە ئۆزلىرىدىن نەچچە يۈز ھەسسە ئۈستۈن تۇرىدىغان فىرانسۇزلارنى مەغلۇب قىلدى، ياۋروپا جاھانگىرلىقىغا قارشى ئېقىم ھەممە ياقتا باش كۆتۈرگەن بولغاچقا، بۇ ئەھۋال ئالجىرىيەلىك پارتىزانلارغا ياخشى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەرگەنىدى، ئالجىرىيەلىكلەر فىرانسىيە خەلقىنىڭ ھېسسىياتى ۋە دۇنيا تاراتقۇلىرىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلاندى،ھېچكىم كۆزگە ئىلمايدىغان شىمالىي ۋېيتنامنىڭ قۇدرەتلىك ئامېرىكانى يېڭىۋېلىشىمۇ تاساددىپى ئەمەس ئىدى، شمالىي ۋېيتناملىقلار ئالجىرىيەلىكلەرگە ئوخشاش ئىستراتېگىيە ۋە تاكتىلارنى قوللىنىپ غەلىبەگە ئېرىشكەنىدى. ئالجىرىيە ۋە شىمالىي ۋېيتناملىق پارتىزانلار يەرلىك كۈرەشلەرنى خەلقئارالىق داۋاغا ئايلاندۇرغان ۋاقىتتا قۇدرەتلىك كۈچلەرنىمۇ يېڭىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. مونتېزۇمانىڭ ئىسپانىيە خەلقىنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئىسپانىيەنىڭ رەقىبلىرىنىڭ (پورتۇگالىيە، فىرانسىيە ياكى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى)ياردىمىگە ئېرىشىش پۇرسىتى بولغان بولسا ئىدى ئەھۋال قانداقراق بولغان بولاتتى؟
نادىر تېپىلىدىغان ئۆمۈچىكلەر ۋە ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئەسەرلەر
مودېرىن بىلىم ۋە مودېرن ئىمپېرىيەلەرگە دۇنيانى قولغا كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت كۈچلۈك بىر ئارزۇ-ئىستەكنىڭ ئىلھام مەنبەسى بولغانلىقى دەر ھەقىقەت، لېكىن بىلىم بىلەن ئىمپېرىيەلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تولىمۇ مۇرەككەپ ۋە چوڭقۇر. ئىمپېرىيەلەرنى قۇرۇپ چىققانلارنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرىلا ئەمەس ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن بىلىم ئىنسانلىرىنىڭ ئارزۇ-ئىستەك ۋە ئىش ھەرىكەتلىرى روشەن پەرقلىنىپ كەتمەيتتى. مودېرن ياۋروپالىقلارغا نىسبەتەن ئىمپېرىيە قۇرۇش ئىلمى بىر لايىھە يەنى يېڭى بىر پەن ھېسابلىناتتى، ئوخشاشلا يېڭى بىر پەن بەرپا قىلىشمۇ جاھانگىرلىك لايىھەسى ھېسابلىناتتى.
مۇسۇلمانلار ھىندىستاننى پەتىھ قىلىشقا يولغا چىققاندا، يېنىغا ھىندىستان تارىخىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىدىغان ئارخىئولوگلارنى، ھىندىستان كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىنسانشۇناسلار، ھىندسىتان زېمىنلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان گىئولوگلارنى ۋە ھىندىستاندا ئۆسىدىغان ئۆسۈملەرنى تەتقىق قىلىدىغان بوتانىكچىلارنى ئېلىۋالمىغانىدى. ئىنگىلىزلەر ھىندىستاننى بېسىۋېلىشقا يولغا چىققاندا، بۇ بىلىم ئىنسانلىرىنىڭ ھەممىسىنى يېنىغا ئېلىۋالغانىدى. 1802-يىلى 10-ئاپرېدا ھىندىستان توغرۇلۇق كەڭ كۆلەملىك تەتقىقات خىزمىتى باشلىدى.بۇ دەل 60 يىل داۋاملاشتى، ئون مىڭلارچە يەرلىك، ئاكادېمىك ۋە مەسلىھەتچىنىڭ كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە ئىنگىلىزلەر ھىندىستاننىڭ تولۇق خەرىتىسىنى سىزىپ چىقتى، چېگرالارنى بېكىتتى، مۇساپىلارنى بىر-بىرلەپ ئۆلچەپ چىقتى. ھەتتا ئېۋېرېست ۋە ھىمالايا چوقلىرىنىڭ ئىگىزلىكى تۇنجى قېتىم تولۇق ۋە توغرا ئۆلچەپ چىقىلدى. ئىنگىلىزلەر ھىندىستان ۋىلايەتلىرىنىڭ ھەربىي مەنبەلىرى ۋە ئالتۇن مەدەنلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتى،بۇنىڭدىن سىرت ناھايىتى ئاز تېپىلىدىغان ھىندىستان ئۆمۈچىكلىرى توغرۇلۇقمۇ مەلۇمات يىغدى، رەڭلىك كىپىنەكلەرنى كاتېگورىيەگە ئايرىدى، يوقاپ كەتكەن ھىندىستاندىكى يەرلىك تىللارنىڭ يىلتىزى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ باردى، ئاللىبۇرۇن باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتكەن قەدىمكى خارابىلىكلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ باردى.
موھېنجو-دارو مىلادىن ئىلگىرى مىلدىن ئىلگىرى 3000-يىللاردا
تەرەققىي تېپىپ مىلادىن ئىلگىرى 1900-يىللاردا ۋەيران بولغان ئىندۇس ۋادىسى مەدەنىيىتىنىڭ غول شەھەلىرىدىن بىرى ئىدى. ھىندىستاننىڭ ئىنگىلىزلەردىن بۇرۇنقى ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ھېچقايسسى (نە مايالىقلار، نە گۇپتالىقلار، نە دېھى سۇلتانلىقلىرى، نە قۇدرەتلىك بابۇر ئىمپېرىيەسى) بۇ خارابىلىكلەرگە ئازراقمۇ نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ باقمىدى، لېكىن ئىنگىلىزلەر 1922-يىلى بۇ كونا مەەدەنىيەتنىڭ ئىزنالىرىنى تېپىپ چىقتى ۋە دەرھال تەتىقاتقا كىرىشىپ بىرمۇ ھىندىستانلىق بايقىمىغان ياكى نەزەرگە ئېلىپ قويمىغان ھىدىنىستاننىڭ بۇ تۇنجى بۈيۈك مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇشتۇردى.
ئىنگىلىزلەرنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلارغا بولغان زور قىزىقىشىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىرىدىن بىرى مىخ يېزىقىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلىشى ئىدى. 3000 يىلدەك ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئاساسلىق يېزىق شەكلى بولغان مىخ يېزىقىنى ئوقۇپ يېزىشنى بىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى كىشى بەلكىم مىلادىن كېيىنكى 1-ئەسىردە ئۆلۈپ كەتگەن بولسا كېرەك. بۇ كۈندىن باشلاپ رايوندا ياشاپ كەلگەنلەر داۋاملىق ئابىدىلەر، تاشلار، قەدىمكى خارابىلىكلەر ۋە ساپال قاچىلار ئۈستىدە بۇ يېزىقلارنى ئۇچرىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ غەلىتە سىزىقلارنى ئوقۇشنى بىلمەيتتى. تەخمىنىمىزچە، بۇ غەلىتە سىزىقلارنى ئوقۇپ مەنىسىنى چۈشىنىشكە ھېچقاچان قىزىقىپمۇ باقمىدى. مىخ يېزىقى 1618-يىلى ئىراندىكى ئىسپانىيە ئەلچىسى قەدىمىي پېرسېپولىس خارابىلىكلىرىنى كېزىۋاتقاندا شۇ ۋاقىتقىچە بىرمۇ ئىنسان تەرىپىدىن دىققەت تارتىلىپ ئىزاھلانمىغان بۇ غەلىتە يېزىقلارنى كۆرۈپ قېلىپ دىققىتىنى تارتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ توغرۇلۇق ياۋروپالىق بىلىم ئىنسانلىرىغا مەلۇمات بېرىدۇ، بۇ يېڭى مەلۇمات ياۋروپانىڭ مۇناسىۋەتلىك ساھەسىدە تېزلا تارقىلىدۇ. 1657-يىلىغا كەلگەندە ياۋروپالىق مۇتەخەسسىسلەر پېرسېپولىستىكى مىخ يېزىقىنىڭ تۇنجى تەرجىمىسىنى قىلىپ ئېلان قىلدۇردى، ئارقىدىنلا بۇ ھەقتە نۇرغۇن تەرجىمىلەر ئېلان قىلىندى، 200 دەك ۋاقىت ئىچىدە غەربلىك ئالىملار بۇ يېزىقنى تولۇق يېشپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى، لېكىن ھېچقايسىسى مۇۋەپپەققىيەتكە ئېرىشەلمىدى.
1830-يىللاردا شاھنىڭ قوشۇنىنى ياۋروپاچە تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن ئىرانغا ھېنرى راۋلىنسون ئىسىملىك بىر ئىنگىلىزچە ئوفېستىر ئەۋەتىلدى. بوش ۋاقىتلىرىنى ئىراننى كېزىش ئارقىلىق ئۆتكۈزگەن بۇ ئىنگىلىز ئوفېستىرنى، بىر كۈنى زاگروس تاغلىرىدىكى بىر جىلغىغا باشلاپ كەلگەن يەرلىك يولباشلىغۇچىلار، ئۇنىڭغا غايەت زور چوڭلۇقتىكى بېھىستۇن يازما تاشنى كۆرسىتىدۇ. 15 مېتىر ئېگىزلىكتە ۋە 25 مېتىر كەڭلىكتە بولغان بۇ يازما تاش، مىلادىن ئىلگىرىكى 500-يىللاردا پادىشاھ 1-دارىيۇسنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئويدۇرۇلغانىدى. بۇ يازما تاش مىخ يېزىقى بىلەن كونا پارسچە، ئېلمانىجە ۋە بابىلچە بولۇپ ئۈچ خىل تىلدا يېزىلغانىدى. يەرلىك خەلقنىڭ بۇ يېزىقتىن خەۋىرى بولسىمۇ لېكىن ئوقىيالمايتتى. راۋلىنسون ناۋادا بۇ يازما تاشنى ئوقۇپ يېشەلىگەن تەقدىردە ئۆزى ۋە باشقا تەتقىقاتچىلارنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بايقالغان نۇرغۇن كونا ئەسەرلەرنى يېشەلەيدىغانلىقىغا ۋە بۇنىڭ كونا ۋە ئۇنتۇلۇپ كەتكەن دۇنيالارنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنەتتى.
بۇ يېزىقلارنى يېشىپ چىقىشنىڭ تۇنجى قەدىمى بولسا، ياۋروپاغا بۇلارنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئەۋەتىش ئىدى. راۋلىنسون بۇنى قىلىش ئۈچۈن ئۆلۈمگە دۇئېل ئېلان قىلىپ يەرلىك خەلقنىڭ ياردىمى بىلەن، تىك جىلغىدىكى بۇ يازما تاشتىكى خەتلەرنى كۆچۈرۈشكە تىرىشتى. جىلغىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك نۇقتىسىغا بىر كۈرت (كورد)يىگىت يامىشىپ چىقتى ۋە راۋلىنسوننىڭ ئىشىنى قولايلاشتۇردى. 1847-يىلى بۇ مۇشەققەتلىك خىزمەت ئاخىرلىشىپ مەزكۇر يازما تاشنىڭ كۆچۈرمە نۇسخسىى تولۇق ۋە توغرا ھالدا ياۋروپاغا ئەۋەتىلدى.
راۋلىسون بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلمىدى، ئۇ ئەسلىدىكى ۋەزىپىسىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ھەربىي ۋە سىياسىي ئىشلارغىلا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك ئىدى، لېكىن بۇ بوش ۋاقىت تاپسىلا شۇ غەلىتە يېزىقنى يېشىپ چىقىش باش قاتتۇردى. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن ئۇسۇلنى سىناپ باقتى ۋە ئاخىرى يازما تاشتىكى پارسچە قىسىمنى يېشىپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشنىڭ ئەڭ ئاسان تەرىپى ئىدى، چۈنكى كونا پارسچە يېڭى پارسچىدىن ئۇنىچىۋېلا بەك پەرقلىنىپ كەتمەيتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە راۋلىسونمۇ ئوبدانلا پارسچە بىلەتتى. يازما تاشنىڭ كونا پارسچە قىسمى ھەل بولغاچقا، قالغان ئېلامىجە ۋ بابىلجە قىسىملارنى ھەل قىلىش تەسكە توختىمايتتى. بۇ تەرىقىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسىدە يازما تاشنىڭ سررى يېشىلدى. ئەسلىدە سىرلىق يازما تاش سۈمەر بازارلىرىدىكى سودىگەرلەرنىڭ توختاملىرى، ئاسۇر خانلىرىنىڭ پەرمانلىرى، بابىللىق ئەمەلدارلارنىڭ مۇنازىرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىدى. راۋلىنسونغا ئوخشاش ياۋروپالىق جاھانگىرلار بۇنچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەن بولسا ئىدى، ھازىر قەدىمكى ئىمپېرىيەلەر توغرۇلۇق بۇنچىلىك كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشەلمەيتتۇق.
بۇ خىلدىكى ئىزدىنىشلەرگە راۋلىسوندىن كېيىن ۋىليام جونېېس مىسال بولالايدۇ. 1783-يىلى ھىندىستانغا بېنگال ۋىلايىتىنىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسىدە باش سوتچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن جونېس، ھىندىستاندىكى مەدەنىيەت ئەسەرلىرىگە مەپتۇن بولدى، ئۇ ھىندىستانغا كېلىپ 6 ئايدىن كېيىن ئاسىيا ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ تەتقىقات ئورنى ئاسىيادىكى بولۇپمۇ ھىندسىتاننىڭ كۈلتۈرى، تارىخى، ئەنئەنىسى، ئېتنىك توپلۇقلارنى تەتقىقات قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلدى. مەزكۇر تەتقىقات ئورنى قۇرۇلۇپ ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن جونېېس سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ساھەسىنىڭ نەزىرىيەۋى ئاساسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان سانسكرىتچە ناملىق كىتابنى يېزىپ ئېلان قىلدۇردى.
جونېس مەكۇز كىتابىدا ھىندىستاندىكى دىنى مۇراسىملارنىڭ مۇقەددەس تىلىغا ئايلانغان سانسكرىتچە بىلەن گىرىك ۋە لاتىن تىللىرى، گوتچا، كېلتچە، كونا پارسچە، نېمىسچە، فىرانسۇزچە ۋە ئىنگىلىزچە ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقلارنى بايان قىلدى. مەسىلەن، ئانا سانسكرىتچىدە ماتار، لاتىنچىدە ماتەر، كونا كېلتچىدە ماتھىر، ئىنگىلىزچىدە مادېر دۇر. جونېس بۇ تىللارنىڭ ھازىر ئۇنتۇلۇپ كەتكەن كونا ئورتاق بىر تىلدىن تۈرلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ھەتتا مۇشۇنداق خۇلاسىگە كەلدى. شۇنداق قىلىپ جونېېس ھىندى-ياۋروپا تىل ئائىلىسى دەپ قېلىپلاشقان ئىبارىنى تۇنجى قېتىم تەسۋىرلىگەن كىشى بولۇپ قالدى.
« سانسىكرتىچە» (The Sanskrit Language) ناملىق بۇ كىتاب تىلشۇناسلىق ساھەسىدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلدى، جونېس ئوتتۇرىغا قويغان نەزىرىيەلەر (كېيىن توغرا بولۇپ چىقتى) ۋە سىستېمىلىق مېتودلارمۇ تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تولىمۇ قىممەتلىك ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىيەلىرى ۋە مېتودلىرى كېيىنچە باشقا تىلشۇناسلار تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىندى، ئۇنىڭ تىلشۇناسلىق ساھەسىگە قوشقان بۇ تۆھپىسى تۈرتكىسىدە دۇنيادىكى بارلىق تىللارنىڭ تەرەققىياتى سىستېمىلىق ھالدا تەتقىقات قىلىنىش شارائىتىغا ئىگە بولدى.
تىلشۇناسلىق ساھەسى ئىمپېراتورلارنىڭ زور قوللىشىغا ئېرىشتى، ياۋروپا ئىمپېرىيەلىرى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش شەكلى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىزگىنى ئاستىدىكى خەلقلەرنىڭ تىلى ۋە كۈلتۈرلىرىنى بىلىشنى زۆرۈر دەپ قارايتتى. ھىندىستانغا كەلگەن ئىنگىلىز بىيۇكراتلار كالكۇتتا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىنگىلىز قانۇنىدىن سىرت ھىندىستان ۋە ئىسلام قانۇنى، گىرىك ۋە لاتىنچىغا قوشۇمچە ھالدا سانسكرتىچە، ئوردۇچە ۋە پارسچە، ماتىماتىكا، ئىقتىساد ۋە جۇغراپىيە پەنلىرى، شۇنداقلا تامىل، بېنگال ۋە ھىندىستان كۈلتۈرلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۈچ يىلدەك ئوقۇيتتى. تىلشۇناسلىق دەرسى يەرلىك تىللارنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە گىراماتىكىسىنى چۈشىنىشتە زور قولايلىق ئېلىپ كېلەتتى.
ۋىليام جونېس ۋە ھېنرى راۋلىنسونغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە، ياۋروپالىق جاھانگىرلار يېڭى ئىمپېرىيەلەرنى بۇرۇنقى جاھانگىرلار، ھەتتا يەرلىك خەلقلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەتتى. ھەممىدىن مۇھىمى ھىندىستاننى ئىلمىي جەھەتتىن چۈشىنىشنىڭ ئەمەلىي قىممىتى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولدى، ھىندسىتان توغرۇلۇق بۇ بىلىملەر بولمىغان بولسا ئازغىنە ئىنگىلىز مىليونلارچە ھىندىستانلىقنى ئىككى يۈز يىل شۈمۈرۈپ باشقۇرۇلمىغان بولاتتى. 19-ئەسىر ۋە 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى چەرىكىدە 5000دەك ئىنگىلىز بىيۇكرات،40-70مىڭدەك ئەسكەر، 100مىڭدەك ئىنگىلىز سودىگەر ۋە ئۇلارنىڭ قولچوماقچىلىرى 300 مىليون ھىندسىتانلىقنى باشقۇردى.
بۇ ئەمەلىي نەپلەر ۋە ئۈستۈنلۈكلەر ئىمپېرىيەلەرنىڭ تىلشۇناسلىق، بوتانىكا، جۇغراپىيە ۋە تارىخ قاتارلىق پەنلەرنىڭ ئوقۇتۇلۇشىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى ئەمەس، بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر مۇھىم سەۋەب بىلىمنىڭ بۇ ئىمپېرىيەلەرگە ئىدىئولوگىيەلىك ھەقلىقلىق بەرپا قىلىشى ئىدى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىلىم بۇ ئىمپېرىيەلەرنىڭ قانۇنىيلىقىغا ئىدىئولوگىيەلىك جەھەتتىن نەزىرىيەۋى ئاساس يارىتىپ بەردى. مودېرن ياۋروپالىقلار بىلىم ئىگىللەش بولۇپمۇ بىلىم ساھەسىدىكى يېڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردا بولۇشنىڭ ئىنساننى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىدىغانلىقىغا شۇنداقلا تېخىمۇ ياخشى ۋە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ياۋروپا ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدە داۋاملىق يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى، تەبىئىي ھالدا بۇ سىياسىي قۇرۇلمىلارنىڭ تەرەققىياتنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىلغار سىياسىي ئاپپاراتتەك تەسىر پەيدا قىلدى. كۈنىمىزدىمۇ جۇغراپىيە، ئارخىئولوگىيە ۋە بوتانىكىغا ئوخشاش پەنلەرنىڭ تارىخچىلىرى ياۋروپا ئىمپېرىيەلىرىنى ۋاستىلىك بولسىمۇ ماخىتاپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. مەسىلەن، بوتانىكا تارىخچىلىرى ئاۋسترالىيەلىك ئابورجىنلارغا تارتقان ئازاب-ئوقۇبەت توغرۇلۇق ئازراقمۇ توختالمايدۇ، لېكىن جېميىس كوك ۋە جوسېپ بەنكىسنى چوقۇم تىلغا ئېلىشىدۇ.
بۇ ئىمپېرىيەلەر ئىلىم-پەن ساھەسىدە يارىتىلغان ئىلمىي نەتىجىلەرنىڭ ھېچ بولمىغاندا قەغەز ئۈستىدە بولسىمۇ ئىشغال قىلىنغان مىللەتلەرگە مەلۇم جەھەتتە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنى «تەرەققىيات»تىن بەھرىمان قىلىش، سەھىيە ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى ياخشى شارائىتلار بىلەن تەمىنلەش، تۆمۈر يول ۋە سۇ ئامبارلىرى ياساش، ئادالەت ۋە پاراۋانلىق بەرپا قىلىش قاتارلىق ياخشى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلاتتى. جاھانگىرلار ئىمپېرىيەلەرنىڭ كەڭ كەتكەن مۇستەملىكە تورلىرى بولماستىن ياۋروپالىق بولمىغان ئىرقلارنىڭمۇ پايدىسىغا قۇرۇلغان ياخشى نىيەتلىك سىياسىي لايىھەلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى. بۇ خەلقلەر رۇديارد كىپىڭنىڭ مەشھۇر سۆزى بويىچە ئېيتقاندا «ئاق تەنلىكلەرنىڭ بۇرچى»بولۇپ، ئاق تەنلىكلەر پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى تېخىمۇ مەدەنىيەتلىك قىلىپ پاراۋان تۇرمۇشقا يەتكۈزەتتى.
تارىختىكى ھەققىي ھادىسىلەر يۇقىرىدىكى قاراشلارنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى. ھىندىستاننىڭ ئەڭ باي ۋىلايىتى بولغان بىنگالنى 1764-يىلى بېسىۋالغان ۋە بايلىق توپلاشتىن باشقا مەقسىتى بولمىغان ئىنگىلىزلەر، بىر نەچچە يىل ئۆتمەيلا مەشھۇر «بىنگال ئاچارچىلىقى»نىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان ئىقىسادىي سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشتى. 1769-يىلى باشلاپ 1770-يىلى ئېغىر پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاچارچىلىق ھادىسىسى 1773-يىلغىچە داۋاملاشتى. بۇ پاجىئەدە 10مىليون بىنگاللىق ئۆلدى، بۇ ۋىلايەت نوپۇسىنىڭ ئۈچتە بىرىنى تەشكىل قىلاتتى.
شۇ بىر ھەقىقەتكى، ياۋروپالىقلارنىڭ باشقا مىللەتلەرنى شۈمۈرۈپ بېسىم قىلىشىغا دائىر ھېكايىلەر ۋە «ئاق تەنلىكلەرنىڭ بۇرچى»دېگەن سەپسەتىلەر ھەققىي ھادىسىلەرنى تولۇق يورىتىپ بېرەلمەيتتى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، دېگەنلەر بىلەن قىلىنغانلار ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بار ئىدى. ياۋروپالىقلار نۇرغۇن ئىشنى «ۋايىغا»يەتكۈزۈپ قىلغان بولغاچقا، ئۇلار توغرۇلۇق ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلارنى قۇۋەتلەيدىغان نۇرغۇن مىسال بار. ئەگەر بۇ ئىمپېرىيەلەرنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆلۈم، بېسىم ۋە ئادالەتسىزلىك تېرىيدىغان يامان نىيەتلىك مەخلۇقلار ئىكەنلىكىنى ئويلىسىڭىز، سادىر بولغان ۋەھشىي جىنايەتلەردىن قامۇس يېزىپ چىقالايسىز.ناۋادا ئىمپېرىيەلەرنىڭ باشقۇرۇشىدىكى خەلقلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگەنلىكىنى، سەھىيە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى، مەدەنىيەتلىك قىلغانلىقىنى، سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئويلىسىڭىز، بۇلارغا مۇناسىۋەتلىكمۇ نەچچە توم قامۇس تەييارلىيالايسىز. بۇ ئىمپېرىيەلەر بىلىم بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئارقىلىق، زور كۈچكە ئېرىشىش بىلەن بىرگە، دۇنيانى خېلىلا ئۆزگەرتىشكە مۇۋەپپەق بولدى، شۇڭا بۇنىڭغا ياخشى ياكى يامان دەپلا باھا بەرگىلى بولمايدۇ. ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، بۈگۈنكى دۇنيا سىستېمىسىنى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ھازىرقى مودېرن دۇنيانى بۇ ئىمپېرىيەلەرگە باھا بېرىش ئۈچۈن مۇراجائات قىلىنىدىغان ئىدىئولوگىيەلەر بولۇپ ھەممىسىنى بۇ ئىپېرىيەلەر بەرپا قىلدى.
بۇنىڭدىن سىرت ياۋروپالىق جاھانگىرلار بىلىمدىن شەيتانى مەقسەتلىرى ئۈچۈنمۇ پايدىلاندى. ياۋروپالىق بىيولوگلار، ئانتروپولوگلار، ھەتتا تىلشۇناسلارمۇ ياۋروپالىقلارنىڭ باشقا ئىرقلارغا قارىغاندا ئۈستۈن ئىكەنلىكى توغرۇلۇق ئىلمىي نەتىجىلەر ئويدۇرۇپ چىقىشتى. ۋىليام جونېس بارلىق ھىندى-ياۋروپا تىللىرىنىڭ ئورتاق بىر كونا تىلدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەندە، نۇرغۇن تىلشۇناس بۇ كونا تىلنى زادى كىملەرنىڭ سۆزلىشىدىغانلىقى ئۈستىدە تەتقىقاتقا كىرىشىپ كەتتى. سانسكرتىچە سۆزلىشىدىغان بىر قەۋمنىڭ ئۈچ مىڭ يىل ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىن يولغا چىقىپ ھىندىستاننى ئىشغال قىلغان ۋە ئۆزىنى ئارىيا دەپ ئاتايدىغان خەلق ئىكەنلىكىنى بايقاشتى. ئەڭ كونا ئىران تىلىنى سۆزلىشىدىغانلارمۇ ئۆزىنى ئايرىيا دەپ ئاتايتتى، ياۋروپالىق تەتقىقاتچىلار ھەم سانسكرتچە ھەمدە ھەم پارسچىنىڭ (گىركچە، لاتىنچە، گوتچا ۋە كېلتچە)تۇغۇلۇشىغا سەۋەب بولغان بۇ تىلنى سۆزلىشىدىغانلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئارىيان دەپ ئاتىشى لازىملىقىنى ئويلاپ قېلىشقا باشلىدى. پارس، گىرىك ۋە رىمدىن ئىبارەت بۈيۈك مەدەنىيەت بەرپا قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارىيان بولۇپ قېلىشى سىزچە تاساددىپىيمۇ؟
كېيىنچە ئىنگىلىز، فىرانسۇز ۋە نېمىس تەتقىقاتچىلار بۇ قۇدرەتلىك، ئېسىل،تىرىشچان ئارىيانلار توغرۇلۇق تىل نەزىرىيەلىرىنى، دارۋىننىڭ تەبئىي شاللىنىش نەزىرىيەسىنى قوشۇپ، ئارىيانلارنىڭ تىلى گۈزەل بولغان بىر قەۋم بولۇپلا قالماستىن، بىيولوگىيەلىك جەھەتتىنمۇ ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى. ئۇلار ئارىيان ئىرقىنىڭ ئىگىز بويلۇق، رەڭلىك چاچلىق، كۆك كۆزلۈك، تىرىشچان، ئەقىللىق، شىمالنىڭ تۇمانلىق ھاۋاسىدا ئاپرىدە بولۇپ پۈتكۈل دۇنياغا مەدەنىيەت تارتقان ئۈستۈن ئىرق ئىكەنلىكىنى ياقلاشتى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ھىندىستان ۋە ئىراننى ئىشغال قىلغان ئارىيانلار يەرلىكلەر بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ بارلىق ئۈستۈن ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقىتىپ قويغانىدى، شۇڭلاشقا بۈيۈك ھىندىستان ۋە ئىران مەدەنىيەتلىرى ۋەيران بولغان. ياۋروپاغا كەلگەن ئارىيانلار بولسا بىيولوگىيەلىك قاتارلىق ھەر قايسى ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ياۋروپالىقلار بۇنىڭ تۈرتكىسىدە پۈتكۈل دۇنيانى قولغا كىرگۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولغان، ناۋادا تۆۋەن ئىرقلارغا ئارىلىشىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن تەدبىر ئالسا، بۇلارنىمۇ باشقۇرۇشقا تامامەن قادىر ئىدى.
يىللارچە نوپۇز تېپىپ بىلىم دۇنياسىدا ئابروي تاپقان بۇ خىلدىكى ئىرقچىلىقنى ياقلايدىغان نەزىرىيەلەر كۈنىمىزدە سىياسەتچىلەر ۋە بىلىم ئىنسانلىرى ئارىسىدا ئەڭ يامان كۆرىلىدىغان نەرسە قاتارىدا كۆرۈلىدۇ. ئىنسانلار ئىرقچىلىققا پۈتۈن كۈچى قارشى چىقىۋاتقان كۈنىمىزدە، دۇنيانىڭ ئاللىبۇرۇن ئۆزگەرگەنلىكى ۋە جاھانگىرلىكنى ياقلايدىغان ئىرقچى ئىدىئولوگىيەلەرنىڭ ئورنىغا «كۈلتۈر»نى كۆككە كۆتۈرىدىغان نەزىرىيەلەرنىڭ بازار تاپقانلىقى ئۇنتۇلۇپ قېلىنىۋاتىدۇ. ئەسلىدە بۇنداق بىر ئۇقۇم يوق، لېكىن پەيدا قىلىشنىڭ ۋاقتى ئاللىبۇرۇن يېتىپ كەلدى. كۈنىمىزدىكى سەر خىللار دۇنياسىدا ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنىڭ بىيولوگىيەلىك ئەمەس كۈلتۈر جەھەتتىكى پەرق ئىكەنلىكى ياقلايدىغان خاھىش تولىمۇ كۈچلۈك. ھازىر «بۇ ئۇلارنىڭ قېنىدا ئەمەس»، «ئۇلارنىڭ كۈلتۈرى مۇشۇنداق»دەيمىز.
مۇسۇلمانلارنىڭ ياۋروپاغا كۆچۈپ كېلىشىگە ئىزچىل قارشى چىقىپ كېلىۋاتقان ياۋروپالىق ئوڭچىل پارتىيەلەر، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سەۋەبلەر تۈپەيلى «ئىرقچىلىق»تېرمنىنى ئىشلىتىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرىدۇ. مەسىلەن، مارىنې لې پېننىڭ نۇتۇقىنى تەييارلىغۇچىلار ناۋادا مىللىي فىرونت لىدېرلىرىنىڭ تېلېۋۇزۇرلاردا «بۇ پەس سامىلەرنىڭ ئارىيان قېنىمىزنى بۇلغاپ مەدەنىيىتىمىزنى بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى خالىمايمىز»دېيىشىنى تەۋسىيە قىلغان بولسا ئىدى دەرھال قوغلاندى قىلىناتتى.لېكىن بۇنداق قىلىشنىڭ ئورنىغا فىرانسۇز مىللىي فىرونتى، گوللاندىيە ئەركىنلىك پارتىيەسى، ئاۋسترالىيەدىكى كېلەچەك ئۈچۈن ئىتتىپاق قۇرۇش پارتىيەسى ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش پارتىيەلەر غەرب كۈلتۈرىنىڭ دېموكراتىك قىممەت-قاراشلار، كىشىلىك ھوقۇقلىرى، ئەركىنلىك ۋە جىنسىيەت باراۋەرلىكى قاتارلىقلار ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەكسىچە ئوتتۇرا شەرقتە پەيدا بولغان مۇسۇلمان كۈلتۈرىنىڭ ئاشقۇنلۇق، قەبىلىۋازلىق، تەبىقىۋازلىق ۋە ئايال دۈشمەنلىكى قاتارلىقلار ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىككى كۈلتۈر بىر-بىرىدىن روشەن پەرقلىنىدىغان تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ قىسىم كۆچمەن مۇسۇلمان غەرب كۈلتۈرىنى قوبۇل قىلىشنى خالمىسا، نېمىشقا يەنە كۆچمەن مۇسۇلمانلارنى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قوبۇل قىلىش كېرەك؟ ياكى نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كىرىشى چەكلەنمەيدۇ؟ ناۋادا ئۇلارنىڭ ياۋروپاغا كىرىشىگە رۇخسەت بېرىلسە چوقۇم توقۇنۇش كېلىپ چىقىدۇ، نەتىجىدە ياۋروپا دېموكراتىيەسى، كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، لىبېرالىزم قاتارلىق قىممەت قاراشلىرى زىيانغا ئۇچرايدۇ.
كۈلتۈرنى چىقىش نۇقتىسى قىلىدىغان بۇنداق قاراشلار مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە كۈلتۈرلەر ئوتتۇرىسىدىكى روشەن پەرقلەرنى ئالدىنى ئورۇنغا قويىدىغان ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن ئوزۇقلىنىدۇ. ئەلۋەتتە ھەممە تارىخچى ۋە ئىنسانشۇناسلار بۇ قاراش ۋە نەزىرىيەلەرنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سىياسەتتە ئىشلىتىلىشىنى توغرا دەپ قارىمايدۇ. لېكىن كۈنىمىزدە بىيولوگلارنىڭ ئىرقچىلىقنىڭ رەزىل نەرسە ئىكەنلىكىنى ۋە ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بىيولوگىيەلىك پەرقلەرنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى قانچىلىك ئاسانغا توختىسا، تارىخچىلار ۋە ئىنسانشۇناسلارنىڭ كۈلتۈرچىلىكنى ناچار نەرسىگە چىقىرىۋېتىشى شۇنچىلىك قىيىندۇر. ناۋادا ئىنسان كۈلتۈرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئەھمىيەتسىز بولغان بولسا ئىدى، تارىخچىلار ۋە ئىنسانشۇناسلارغا بۇ پەرقلەرنى تەتقىق قىلىپ چىقىشى ئۈچۈن ئىقتىساد ئاجرىتىلغان بولارمىيدى؟
بىلىم ئىنسانلىرى جاھانگىرلىك لايىھەلىرىنى ئەمەلىي بىلىملەر، ئىدىئولوگىيەلىك سەۋەبلەر ۋە تېخنولوگىيەلىك ئويۇنچاقلار بىلەن بېزەپ چىقىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا بۇلار بولماي تۇرۇپ ياۋروپالىقلارنىڭ دۇنيانى تىزگىنلىۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. جاھانگىرلار ياكى ئىشغالىيەتچىلەر بىلىم ئىنسانلىرىنىڭ بۇ ياخشىلىقىغا لايىقىدا جاۋاب قايتۇردى، ئۇلارنىڭ ئىناۋىتىنى قىلدى، قوغدىدى، ئۇلارنىڭ ھەيران قالدۇرىدىغان ۋە قالتىس لايىھەلىرىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىدى، ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇللىرىنى ۋە ئىلمىي چۈشەنچە ئەندىزىلىرىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا يايدى. مودېرن ئىلىم-پەننىڭ جاھانگىر ۋە ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ ياردىمىسىز دۇنيادا كەڭ ئومۇملىشىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ھاياتىنى جاھانگىرلىكنىڭ يېيىلىشىغا خىزمەتكارلىق قىلماستىن باشلىغان، كەشپىياتلىرىنىڭ، ئىجادلىرىنىڭ، ئەسەرلىرىنىڭ، ئۇتۇقلىرىنىڭ، نەتىجىلىرىنىڭ ۋە مەبلەغلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئوفېستىرلارغا، كاپىتانلارغا ۋە جاھانگىرلارغا قەرزدار بولمىغان پەنلەرنىڭ سانى تولىمۇ ئازدۇر.
ئەلۋەتتە بارلىق ھېكايە يۇقىرقىلاردىن ئىبارەت ئەمەس، بىلىم نوقۇل ئىمپېرىيەلەر تەرىپىدىنلا ئەمەس باشقا ئورگانلار تەرىپىدىنمۇ قوللاپ كېلىنگەن. ياۋروپا ئىمپېرىيەلىرى بىلىمدىن باشقا ئامىللار تۈرتكىسىدىمۇ ھازىرقىدەك تەرەققىياتقا ئېرىشكەن. ھەم بىلىم ھەمدە ئىمپېرىيەلەرنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى قۇدرەت تېپىشىنىڭ كەينىدە ناھايىتى مۇھىم بىر كۈچ بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ كاپىتالىزمدۇر. تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشنىڭ كويىدا يۈرمىگەن سودا-سانائەتچىلەر بولمىغان بولسا ئىدى، نە كولومبو ئامېرىكاغا نە جېيمىس كوك ئاۋسترالىيەگە بارالمايتتى، نە نېيىل ئارمستروڭ ئايغا قەدەم باسالمايتتى.
تەرجىمان: ئادىلجان

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*