بارەلۋىييە

2018-يىلى 13-ئىيۇل

مەھمەت ئەلى كارابۈيۈك –ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
بارەلۋىييەنى مەۋجۇت ھالىتى بىلەن بىر تەرىقەت سۈپتىدە قوبۇل قىلىش ئەسلىدە توغرا باھا ئەمەس. بۇ جامائەت ئۆز ئىچىدە سىلسىلەئى رىزاۋى دەپ ئاتالغان ئۆزىگە خاس ۋە ئىزچىللىققا ئىگە بولغان ۋارىسلىق زەنجىرىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، لېكىن بارەلۋىييە ئۆزىنى ئەڭ چوڭغول تەرىقەتلەرنىڭ بىر تارمىقى ياكى داۋامى دەپ تونۇشتۇرمىغان. جامائەتنىڭ قۇرغۇچىسى ئەھمەد رىزا خان بارەلۋى ( 1856 – 1921 Ahmed Rıza Han Barelvi, ) بىر مۇرشىت بولۇشتبەكرەك، بىر ئالىم سۈپتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. ئەھمەت رىزانىڭ « ئەل – ئاتايا ئەن – نەبەۋىييە فىل فەتاۋا ئەر رىزاۋىييە » ناملىق ئىككى توملۇق پەتىۋا كىتابىغا ئوخشاش باشقا ئەسەرلىرىدىمۇ فىقىھ ئىلىمى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.
لېكىن جامائەتنىڭ چۈشەنچە ۋە پائالىيەتلىرى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا تەرىقەت ئەنئەنىسىنىڭ كۈچلۈك ئىزنالىرى روشەن شەكىلدە ئۆزىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. خۇددى دىيوبەندىييەدىكىگە ئوخشاش بارەلۋىييەدىمۇ مەدرىسە – تەرىقەت ھەمكارلىقى بار. ئوتتۇرىسىدىكى پەرق دىيوبەندىييەدە مەدرىسە ئەنئەنىسى، بارەلۋىييەدە تەرىقەت ئەنئەنىسى قويۇق. مۇنداقچە ئېيتقاندا، دىيوبەندىييەدە تەسەۋۋۇپ فىقىھنىڭ تىزگىنى ئاستىدا بولۇپ، بارەلۋىييەدە بۇ تىزگىنلەش خېلى بەك بوشاشتۇرۇلغان. بارەلۋىلەر دەسلەپكى مەزگىلىدىن تارتىپ جامائىتىگە مۇۋاپىق كۆرگەن ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت ئىسمى، سۈننىلىككە ھەقىقىي مەنىدە ۋەكىللىك قىلغان ۋە ئەسلىگە قايتۇرۇشنى داۋا قىلغان ئالەمشۇمۇل بىر ھەرىكەتنى ئەكىس ئەتتۈرۈش بىلەن بىرگە، بىر تەرىقەتتىن ھالقىپ كەتكەن. خۇددى بۇ جامائەت مەزكۇر ئىسمى بىلەن بارلىق تەرىقەتلەرنى ۋە فىقىھ مەزھەبلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈننى ئۈست قۇرۇلمىنى بەرپا قىلىدۇ.
ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى ئۇتتار پرادەش ( Utar Pradesh ) ۋىلايىتىگە قاراشلىق بارىلى ( Bareilly ) شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن ئەھمەد رىزا خان بارەلۋى، بىر تەرەپتىن دىنى ئىلىملەردە داڭقى چىققان ئائىلىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەنئەنىۋى زاھىرى ئىلىملەرنى تەھسىل قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن تەسەۋۋۇپ ئۈگەنگەن. 1877 – يىلىدا ماراھرا ( Marahra )دىكى بەرەكەتىييە سەييىدلىرىدىن قادىرى شەيخى شاھ ئالى رەسۇل مارھەرۋىگە ( shah Al-i Resul Marhervi ) كىرگەن. كېيىنكى مەزگىللەردە باشقا ماشايىخلاردىن چەشتىييە، سۈھرەۋەردىييە ۋە نەقشىبەندىييەگە كىرىپ تەرىقەت ئەدەب – قائىدىسىنى ئۈگەنگەن. ئۇنىڭ ئون ئۈچ تەرىقەتتىن ئىجازەت ئالغانلىقى بىلىنمەكتە.
ئەھمەد رىزانىڭ قادىرىلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، بارەلۋىلىكنى كىملىككە ئىگە قىلىش نۇقتىسىدىن ئايرىم توختتىلىشقا تېگىشلىك تەرەپتۇر. قادىرىلىكنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇلقادىر جەيلانى ( ۋاپات، 561 /1166 )نىڭ نەسەبىنىڭ ئانا ۋە دادا تەرەپتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تۇتىشىشى، تەرىقەت زەنجىرىدە ھەزرىتى ئەلىدىن تارتىپ بارلىق ئەھلى بەيت ئىماملىرىنىڭ بولۇشى، باشقا تەرىقەتلەرگە قارىغاندا تەشەييۇ دەپ ئاتالغان ئەھلى بەيتكە بولغان ھۆرمەتنى قادىرىلىكتە ئالدىنقى ئورۇنغا چىقارغان. ساما ۋە دەۋرانغا ئەھمىيەت بېرىشى ۋە زىكىرىنى ئاشكارە ھالدا ئېلىپ بېرىشى كۆپىنچە جۇشقۇن ۋە تاشقىن تەرىقەت كۆرۈنۈشىنى پەيدا قىلماقتا. شۇنداقتىمۇ جەيلانى تارىختا شەرىئەت بىلەن تەرىقەتنى بىرلەشتۈرگەن شەخس سۈپتىدە تونۇلماقتا. ئەھمەد رىزانىڭ ئىددىئاسىمۇ مۇشۇنداق بولۇپ، ئۇ قۇرغان جامائەتنىڭ چۈشەنچە مەركىزىگە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولغان مۇھەببەتنى يەرلەشتۈرگەنىدى.
ئەھمەد رىزانىڭ پەيغەمبەر سۆيگۈسى سەلەفىييە ئەنئەنىسى ۋە مەدرىسە فىقىھچىلىرى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمايدىغان دەرىجىدە ئىدى. تەرىقەت ئەنئەنىسىدە كۈچلۈك مەدھىيە سۈپتىدە ئالدىمىزغا چىقىدىغان « كائىناتنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ نۇرىدىن بىر پارچە بولغان ھەزرىتى مۇھەممەد » چۈشەنچىسى، بارەلۋىييەدە ئاشقۇن دەرىجىدە شەرھىيلەنگەن. شۈبھىسىزكى، بۇ دەتالاش قىلىنىدىغان مۇنازىرىنىڭ تەكتىدە ۋەھدەتى ۋۇجۇد پەلسەپىسىنىڭ تەسىرى بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭ مەلفۇزات ناملىق ئەسىرىدە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن « ئىنسان ئۈستى » پەيغەمبەر چۈشەنچىسى ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ چۈشەنچىگە ئاساسلانغاندا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆتمۈش ۋە كېلەچەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق غەيپ ئىلىمىنى بىلىدۇ. ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ ھەر يەردە ھازىر ( مەۋجۇت ) ۋە نازىر ( كۆرۈپ تۇرىدۇ ). دۇنيا ھاياتىدىن ئىبارەت بىر ھاياتى بولغانلىقتىن بۇ ئالاھىدىلىكى سەۋەپلىك دۇنيا ئىشلىرىغا ھەر دائىم ئارلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەش ( ئىستىغاسە ) ئاللاھتىن ياردەم تىلىگەنلىكتۇر. بۇ سەۋەپتىن مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ ھىممىتى بىلەن دەرت – ئەلەمدىن خالىي بولىدۇ. ئەھمەد رىزا ئۆزىنى پەيغەمبەرگە مەنسۇپ قىلغان ھالدا « مۇستاپانىڭ بەندىسى ( ئابدۇل مۇستاپا ) » دەپ تونۇشتۇرغان.
ئەھمەد رىزا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدا بار دەپ تەرىپلىگەن بارلىق بۇ سۈپەتلەرنى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەكىللىرى دەپ قارالغان ئەۋلىيالاردىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئەھلى ھەدىس ۋە دىيوبەندى قاتارلىق ھىندى ئۆلىمالارنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. ئەھمەد رىزا بۇنىڭغا قارشى ھالدا بۇ جامائەتلەرگە قارىتا كەڭ كۆلەمدە قارا چاپلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، دىن چۈشەنچىلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارنى ۋاھھابىلىق بىلەن ئەيىبلەپ تەكفىر قىلغان. ئۇ، ساھابە ۋە ئىمامەت مەسىلىسىدىكى قاراشلىرى سەۋەبىدىن شىئە ئالىملىرىنى، يېتەكچىسى مىرزا غۇلام ئەھمەدكە نەبىلىك سۈپىتى بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن ئەھمەدىييە قادىيانىييە مەزھىبىنى تەكفىر قىلغانىدى. ئەھمەد رىزا، پەرقلىق مەزھەپ ۋە مەشرەپلەرگە مەنسۇپ ھىندى ئالىملىرىنى بىر تەشكىلات ئاستىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەم تەپرىقىچىلىققە خاتىمە بېرىشنى، ھەم كۈچلۈك ھەمكارلىق ئۈستىدە يېڭىلىقنى ياقلايدىغان تەلىم – تەربىيە ئېلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان نەدۋەتۇل ئۇلەما تەشكىلاتىغا قاتتىق ھۇجۇم قىلغان. نەدۋەنىڭ گۇناھى ئەسكى ۋە گۇناھكار كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىش ئىدى. 1905 – يىلىدىكى ھەج سەپىرىدە بەزى ھىجاز ئالىملىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، مەزكۇر گۇرۇپپىلارغا قارشى بارلىق بۇ ئەيىپلەشلىرىنى بىر پەتىۋا بىلەن ئىسلام ئالەمىگە ئېلان قىلدى.
مەزكۇر زىتلىشىش ۋە ئايرىمچىلىقلار كۈنىمىزدىمۇ يۈز يىل بۇرۇنقىدەك قاتتىق شەكىلدە داۋاملاشماقتا. ئەسلىدە تەكفىرچىلىك خۇش پىئىيللىق خاراكتېرغا ئىگە تەرىقەت ئەنئەنىسىدە ئانچە ئۇچراپ كەتمەيدىغان ھادىسە ئىدى. ھالبۇكى، بۇ تەكفىرچى پوزىتسىيە بارەلۋىييەنىڭ جامائىتى كىملىكىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، كۈنىمىزدىكى خاۋارىچلىققا مايىل بەزى ئاشقۇن سەلەفى گۇرۇپپىلارنىڭ ئىپادىلىرىدە ئۇچرايدىغان « كاپىرنى تەكفىر قىلمىغانلار كۇپۇرغا مۇپتىلا بولغاندۇر » ھۆكمىنىڭ ئەھمەد رىزا تەرىپىدىن ئېيتىلغانلىقىنى كۆرىمىز[1]. بۇ مۇئامىلە تەبىئىي ھالدا ئوخشاش ئۇسلۇپتا جاۋاپقا ئېرىشكەن بولۇپ، بارەلۋىييە باشقا گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن ئازغۇن جامائەت دەپ ئاتالغان.
ئاللاھقا يېقىنلىشىشنىڭ ۋاستىسىز مۇمكىن بولمايدۇ دەپ قارايدىغان بارەلۋىييەنىڭچە، ھەزرىتى مۇھەممەد ئارقىلىق قىلىنغان تەۋەسسۇل[2]، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ يولىدىكى مۇھىم باسقۇچتۇر. ئەمما بۇ يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى ھەزرىتى مۇھەممەدكە يېقىن بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ۋەكىللىرى بولغان پىرلەرگە ۋە شەيخلەرگە مۇراجەت قىلىش كېرەك. بۇ سەۋەپتىن مۇرشىدقا بەيئەت قىلىش ۋاجىپتۇر. مۇرشىدنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدىغان مەنىۋى ئىرشاتتىن پايدىلىنىش ۋە بەرىكىتىنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان باغلىنىش قەۋرە ئارقىلىق بولىدۇ. بۇ سەۋەپتىن مازارلار، قەۋرە ۋە گۈمبەزلەر ھەم دىنى ھەم دۇنيالىق ئۇتۇقلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ماكانلاردۇر. يەنى مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغان ماكانلاردۇر. مەزكۇر مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن بەزى خۇسۇسىي قائىدىلەر ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەرەپچە ۋە پارسچە توي دېگەن مەنىدىكى ئارۇس سۆزىدىن كەلگەن ئۇرس مۇراسىملىرى، ئىككى مەشۇقنىڭ ئۇچرىشىشنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ئەۋلىيانىڭ ۋاپات يىل كۈنلىرىدىكى بۇ خاتىرىلەش مۇراسىملىرىدا بارەلۋىلەر شېئىر ۋە مۇزىكا تەڭكەش قىلغان ساما مۇراسىملىرىدا جەزبە ھالىتىگە يېتىش ئارقىلىق ئارزۇ قىلىنغان ۋىسالنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا تىرىشىدۇ. ھەزرىتى مۇھەممەد ۋە ئەھمەد رىزانىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرىدە ئۇيۇشتۇرغان مۇراسىملىرىملار ئوخشاش مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بارەلۋىييەنىڭ مەۋلىد ۋە ئۇرس مۇراسىملىرى ناھايىتى تەنتەنلىك بولىدۇ.
بارەلۋىييە، ئىلىم ئېلىش ۋە ھىدايەت يولى ئارقىلىق ئۆزىگە مەنسۇپ بولغانلارنىڭ مەنىۋى ئىلگىرلىشىنى نىشان قىلغان ۋە بۇ يولدا ئۇلارغا مەسئۇلىيەت ئارتقان باشقا جامائەتلەرنىڭ ئەكسىچە، مەزكۇر مازار مەركەزلىك پائالىيەتلىرى ئارقىلىق بۇ مەسئۇلىيەت مەلۇم دەرىجىدە يىنىكلىتىلىدۇ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغۇچىلىرىغا ئۆلۈمدىن كېيىن شاپائەت قىلىشقا كېپىللىك قىلىش ئارقىلىق نىجاتلىق ۋەدە قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا شىپاچىلىق ۋە تۇمارچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە مەنسۇپ بولغانلارنىڭ ئۈستدىكى بەزى دۇنيالىق قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ خىل چۈشەنچە ۋە ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن بارەلۋىييە، بولۇپمۇ چەت يېزا – قىشلاقلاردا ناھايىتى كۆپ سانلىق كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان. بارەلۋىييە، شەھەرلىك ئالاھىدىلىكى ناھايىتى روشەن بولغان ئەھلى ھەدىس ۋە دىيوبەندىييەگە ئوخشاش ئەنئەنىنى ياقىلايدىغان گۇرۇپپىلار ياكى جامائەت ئىسلامىغا ئوخشاش سىياسىي ئىسلامچى تەشكىلاتلارغا قارىغاندا، ھىندى ئەللىرىدە ناھايىتى كۆپ سانلىق كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلالىغان بولۇپ، پاكىستاندىكى جامە ۋە مەسچىتلەرنىڭ يېرىمىنى تىزگىنى ئاستىدا تۇتىۋاتقانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە[3]. بۇ جامائەتنىڭ مەتبۇئات، تاراتقۇ پائالىيەتلىرى ۋە سىياسىي ئورگانلىرى ۋە ئاساسەن دېگۈدەك مائارىپ سەۋىيىسى تۆۋەن كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان مەنسۇپلىرى نەزەرگە ئېلىنغاندا، ھىند تۆۋەن قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ دىنى جامائەت بولۇش يولىدا ناھايىتى كۆپ ئىلگىرىلىگەن[4].
ئەھمەد رىزا ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان چۈشەنچە ۋە ھەرىكەتلەرگە فىقىھ جەھەتتىن ئاساس تېپىشتا ئانچە قىيلىنىپ كەتمىگەن. گەرچە بارەلۋىلەر سۈننى ھەدىس توپلاملىرىغا شەرتسىز ئىگە چىققان بولسىمۇ، كۆپچىلىك قوبۇل كۆرمەيدىغان ئەقىدە ۋە ئەمەللىرىنى، ئومۇمەن مۇھەددىسلەر ئاجىز ۋە توقۇلما دەپ قارىغان رىۋايەتلەر ئارقىلىق شەرئى ئاساسقا ئىگە قىلغان. مەزھەپلەر ئۈستى پوزىتسىيەنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلماسلىقى ۋە ھەنەفىلىكتە چىڭ تۇرۇشى، مەزھەب ئەنئەنىسى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ھىندى قىتئەسىدە بارەلۋىلىكنىڭ باش كۆتۈرۈپ كەڭ تارقىلىشىنى ئاسانلاشتۇرغان. خانىقا ياكى دەرگاھ دەپ ئاتالغان ماكانلارنىڭ ئورنىغا مەدرىسە مەركەزلىك كېڭەيىش يولىنى تاللىشى ، باشقا جامائەتلەر بىلەن رىققابەتتە ئالدىنى ئاچقان. 1904 – يىلى قۇرۇلغان « مەنزارۇل ئىسلام دارۇلئۇلۇمى »نىڭ ئارقىسىدىن بۇنىڭغا ئوخشاش تەلىم – تەربىيە ئورگانلىرىنى تەسىس قىلىپ، كۈنىمىزدە مىڭلارچە مەدرىسىگە ئىگە بولغان. دەسلەپكى مەزگىلدىن باشلاپ ئۇلار كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان ژورنال ۋە نەشىر ئەپكارلىرى مەزكۇر رايوندىكى باشقا تەرىقەتلەر ئانچە كۆڭۈل بۆلمىگەن ساھەلەر ئىدى.
بۇ پائالىيەتلەرگە باشلامچىلىق قىلغان ئەھمەد رىزا خان، تەرەپدارلىرى تەرىپىدىن 20 – ( ھىجرى 14 ) ئەسىرنىڭ مۇجەددىدى دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. دوستلىرى ۋە مۇرىتلىرى ئۇ ھايات ۋاقىتتا بولسۇن ياكى ۋاپات بولغاندىن كېيىن بولسۇن ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈشكە ئۇرۇنمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ قۇلى ( ئابدۇر – رىزا، ئۇبەيدۇر – رىزا ) بولۇش بىلەن پەخىرلەنگەن. ھۆرمەت بايانى سۈپتىدە ئۇنى ئىسمى بىلەن چاقىرماسلىققا ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ئەلا ھەزرەت ( ئۇلۇغ ھەزرەت ) شەكلىدە ياد ئېتىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن. ھايات ۋاقتىدا پۇت – قولىنى سۆيۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن تەرەپدارلىرى، ۋاپاتىدىن كېيىن بارىلىدىكى شاشائالى مازىرىنىڭ ئىشكلىرىنى سۆيۈش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.
دىيوبەندىييەنىڭ مۇستەملىكىچىلىككە تۇتقان سىياسىي پوزىتسىيەسى روشەن ئىدى، بىراق بارەلۋىييەنىڭ ئۇنداق بولمىغان.ئۇلارنىڭ بۇ پاسسىپ مۇئامىلىسى قانداقتۇر ئەھلى قۇرئانچىلار ياكى ئەھمەدىييە مەزھەبىدىكىگە ئوخشاش ئىنگىلىزلارغا دوست قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشى سەۋەبىدىن بولغان ئەمەس. ئەھمەد رىزانىڭ مۇستەملىكىگە قارشى ھىندى ئۆلىما جەمئىيىتى، خىلاپەت ھەرىكىتى، كەبە ھادىملىرى ئەنجۈمەنى، جىنناھ يېتەكچىلىكىدىكى مۇسۇلمان بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنى قوللىماسلىقى، ئۇنىڭ « ئەقىدىسى بۇزۇق مۇسۇلمانلار بىلەن » ۋە ھىندىلارغا ئوخشاش غەيرى مۇسلۇلمانلار بىلەن ھەمكارلاشماسلىق پىرىنسىپىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارالماقتا. لېكىن ئەنگىلىيە قارشى ئىكەنلىكى كىتاپ ۋە ماقالىلىرىدە ئەكىس ئەتمىگەن. « ھىندى مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھاياتىنى ئىنگىلىز ھاكىمىيىتى ئاستىدا شەرىئەت ئاساسىدا دەخلى – تەرۇزغا ئۇچرىماستىن داۋاملاشتۇرۇشى »، ئەھمەد رىزانىڭ سۈكۈت قىلىشىنىڭ سەۋەبى دەپ قارالىدۇ[5]. مۇسۇلمان ھىندى زىيالىلىرىنىڭ كۆپ سانلىقى قوللىغان ئوسمانلى خەلىپىلىكنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ساقلاپ قېلىشى كۈرىىشىگە بارەلۋىييە يەنە سوغۇق مۇئامىلە قىلغان. ئەھمەد رىزانىڭ قارىشىچە « خەلىپىنىڭ قۇرەيشتىن بولۇشى » رىۋايىتىنىڭ روھىغا ئاساسەن ئوسمانلى سۇلتانلىرى خەلىپە بولۇشقا لايىق ئەمەس ئىدى. سەۋەبى ۋە باھانىسى نېمە بولۇشتىن قەتئىينەزەر، بارەلۋىييەنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ۋە خەلىپىلىك مەسىلىسىدىكى سىياسىي مەيدانى ئىنگىلىزلارنى ئوبدانلا مەمنۇن قىلىدىغان تەرىقىدە نامايەن بولغانىدى.
ئەھمەد رىزانىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بارەلۋى ھەرىكىتى بىر پۈتۈن گەۋدىسىنى ساقلاپ قالالمىغان. پاكىستاننىڭ ھىندىستاندىن ئايرىلىپ چىقىشىنى قوللاشقا ئوخشاش سىياسىي سەۋەبلەر ياكى قادىرى، نەقشى، چىشتى، سۇھرەۋەردىغا ئوخشاش پەرقلىق تەرىقەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان چوڭ ئائىلىلەرنىڭ ئارىسىدىكى رىقابەت سەۋەبىدىن بارەلۋىييە گۇرۇپپىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى پەيدا بولىدۇ. دىيوبەندى گۇرۇپپىلاردا كۆرۈلگەنگە ئوخشاش كۈنىمىزدە پەقەت بىر بارەلۋى جامائەتتىن ئېغىز ئېچىشنىڭ ئورنىغا، پەرقلىق بارەلۋى گۇرۇپپىلارنىڭ تۈرلۈك ئورتاق غايىلەر بىلەن جەم بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقارغان بارەلۋى فىدراتسىيەسى ھەققىدە توختىلىش تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ. دىيوبەندىلەرنىڭ ئىسلام ئۆلىما جەمئىيىتىگە رەقىپ سۈپتىدە بارەلۋىلەر 1925 – يىلى قۇرۇپ چىققان ھىندى مۇسۇلمان كونفېرانسىيەسى ( All India Muslim Conference ) تەشكىلاتى پاكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، پاكىستاندا جەمئىيەتى ئۆلەمائى پاكىستان ( JUP ) بولۇپ تەشكىللىنىپ مەۋجۇدلىقىنى ساقلاپ كەلگەن. ھىندىستاندا بولسا ھىندى ئۆلەما ۋە ماشايىخ بىرلەشمىسى ( All India Ulama and Mashaikh Board – AIUMB ) دەپ ئاتالغان. ئاخىرقى بۇ تەشكىلات ئاممىۋى تەشكىلات سۈپتىدە خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا . ( JUP ) بولسا پاكىستاندا سىياسىي پارتىيە تۈسىنى ئالغان.
بارەلۋىلەرنىڭ پاكىستاندىكى سىياسىي ۋەكىللىرى پەقەت ( JUP ) دىنلا ئىبارەت ئەمەس. ( JUP ) نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارەلۋىدىن كېلىپ چىققان سىياسىي پارتىيە ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار 2009 – يىلى Sunni Ittehad Council ئۈست قۇرۇلمىسى ئاستىدا ئىتتىپاق شەكىللەندۈرگەن. بۇ پارتىيەلەرنى بىرلىشىشكە مەجبۇرلىغان ئامىل، ئۇلارنىڭ بايانى بويىچە پاكىستاننىڭ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە « تالىبانلىشىشى » بولۇپ، ئۇلار بۇنىڭغا قارشى بىرلىك سەپ ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ئەڭ كونا سىياسىي خاراكتېرلىك بارەلۋى تەشكىلات بولغان JUPنىڭ 1979 – 2008 – يىللىرى ئارىسىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئافغان جىھادىنى قوللىمايلا قالماستىن، يەنە كېيىنكى مەزگىلدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا كونا مۇجاھىت گۇرۇپپىلار ۋە تالىبانلارنىڭ ئىجرائاتلىرىنى ئەيىپلەپ كەلگەنىدى. پاكىستان تالىبانىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، مەسچىتلەرگە ئىمام تەيىنلەشتە كۆرۈلگەندەك دىيوبەندىلەرنىڭ دۆلەتنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشىشى، ئافغانىستاندا مازارلىقلارغا قارىتىلغان سەلەفىييە ۋە مەدرىسە مەنبەلىك ھۇجۇملار[6]، تېخىمۇ قاتتىق رەددىيە قايتۇرۇشنى ۋە قاتتىق تەدبىر ئېلىشنى تەقەززا قىلغانىدى. يەنە بىر بارەلۋى سىياسىي تەشكىلاتى سۈپتىدە 1990 – يىلىدا ئۇلى سېلىنغان « سۈننى تەھرىك » تەشكىلاتى ، مەزكۇر ۋەقەلەرگە قارىتا ئۇۋالچىلىق ۋە ناھەقچىلىقنىڭ باياناتچىسى سۈپتىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، 2000 – يىللاردا بارغانسېرى كۈچەيگەن تېررورلۇقنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ قېلىشتىن خالىي بولالمىغان.
شىئەلەرگە قارشى ھەرىكەتلىرى بىلەن تونۇلغان دىيوبەندىييەدىن ئاپىرىدە بولغان سىپاھى ساھابەنىڭ 2001 – يىلىدىكى سۈيقەستىدە ئاتامانى سەلىم قادىرىدىن ئايرىلىپ قالغان سۈننى تەھرىك، 2007 – يىلى بىر ئەھلى ھەدىس جامىسىغا ئېلىپ بېرىلغان قوراللىق ھۇجۇمنىڭ جاۋاپكارى دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ رايوندىكى تېرورلۇق ھەرىكىتىگە، قوراللىق كۈرەش مېتودىغا پىرىنسىپ سۈپتىدە باشتىن تارتىپ قارشى چىققان بارەلۋىييەگە ئوخشاش تەشكىلاتلارمۇ بۇ خىل ھەرىكەتلەردىن خالىي بولالمىغان. بارەلۋى ياشلار تەشكىلاتى بولغان ئەنجۈمەنى تۇلەبائى ئىسلام، 1968 – يىلىدىن تارتىپ يېڭى كۈچ تەمىنلەيدىغان تەشكىلات سۈپتىدە پائال ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە.
ئانتى مىللىتارىست، دىموكراتىيە تەرەپدارى ۋە تىنچلىقپەرۋەر شۇئارلىرى بىلەن تونۇلغان ئىسلام قانۇنشۇناسلىق كەسپى پىروفېسسورى مۇھەممەد تاھىرۇل قادىرى ۋە 1980 – يىلى قۇرۇغان مىنھاجۇل قۇرئان جەمئىيىتى، بۈگۈن بارەلۋىلىكنىڭ ئىلمىي يۈزى سۈپتىدە تونۇلماقتا. ناھايىتى كەڭ دائىرىدە خەلقئارالىق تەشكىلات تورى شەكىللەندۈرگەن تاھىرۇل قادىر، بولۇپمۇ 11 – سېنتەبىردىن كېيىن ئىسلام بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېررورىزم ۋە غەرب مەنبەلىك ئىسلام ئۆچمەنلىكىگە قارشى ماقالە ۋە لېكسىيەلەر بىلەن، غەرب ئەللىرىدە مەشھۇر بولغان. مىنھەجنىڭ پاكىستاندا ئېلىپ بارغان رامىزان ئىتىكاپلىرى ئون مىڭلىغان كىشىنى جەم قىلىدىغان چوڭ پائالىيەتلەر بولۇپ، قەدىر كېچىسىدە بۇ كىشىلەرنىڭ سانى مىليونغا يېتىدۇ. تاھىرۇل قادىرى قۇرغان بۇ پارتىيە بىلەن سىياسەتكىمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان، دىموكراتىك ئىسلامى دۆلەت پىكىرىنى ياقىلىماقتا. ئۇنىڭ بۇ نەزىرىيىسىنىڭ مەدىنە ۋەسىقىسىگە ئاساسلىنىدۇ[7]. لېكىن كۆرگەن چۈشلىرىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئالغانلىقىنى دەۋۋە قىلغان تەلىماتلار بىلەن پاكىستان سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشى، سىياسىي رەقىپلىرىنى بارەلۋى ئۆزگىچىلىكى بىلەن كۇپۇرغا مۇپتىلا بولۇش ۋە دوزاخقا لايىق بولۇش بىلەن ئەيىپلىشى، ئاۋامنى ئانتى دىموكراتىك مېتودلار بىلەن قوزغاپ ئىنقىلاپ ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشىنى پىلانلىغانلىقى[8]، تاھىرۇل قادىرىنى ھازىرمۇ دىنى ۋە سىياسىي زاتلارنىڭ تەنقىد ئوبىيكتىگە ئايلاندۇماقتا.

[1] ئۇشا سانيال ( Usha Sanyal )نىڭ تۆۋەندىكى ئەسىرىگە قاراڭ:
Devotional Islam and Politics in British India: Ahmad Rıza Khan Barelvi and His Movemet 1870 – 1920, New Delhi, 2010, P. 233
[2] ئاللاھقا يېتىش مەقسىتىدە ئاللاھنىڭ سۆيۈملۈك بەندىلىرىنى ( ئەۋلىيائۇللاھ ) ۋاستە قىلىش، تەۋەسسۇل ئاتالغۇسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
[3] 2014 – يىلى ئىتىبارى بىلەن 190 مىليۇن نۇپۇسقا ئىگە پاكىستاندا سۈننى مۇسۇلمانلارنىڭ 50 – 70 پىرسەنتىنىڭ بارەلۋىييە جامائىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇمات ئىشەنچلىك مۆلچەرگە ئاساسلانغان بولسا، 15 پىرسەنتى غەيرى مۇسلىم ۋە شىئە دەپ تەخمىن قىلىنىپ، قالغانلىرى سۈننى مۇسۇلمان دەپ قارالغاندا بارەلۋىييە مەنسۇپلىرىنىڭ تەخمىنەن 80 – 100 مىليۇن نۇپۇسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلىشقا بولىدۇ. بېرىلگەن تەخمىنى سانلىق مەلۇماتلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى مەنبەگە قاراڭ:
Aarish U. Khan, “Suni Ittehad Council: The Strengths and Limitations of Barelvi Activism against Terrorism”,›http://crss.pk/downloads/Reports/Research-Reports/Barelvi-Activism-against-terrorism.pdf‹(5.6.2014),P.1.
[4] كەڭ دائىرىدە مەلۇمات ئۈچۈن ئابدۇلھامىت بىرئىشىك ( Abdülhamit birışık )نىڭ تۆۋەندىكى ئەسىرىگە قاراڭ:
Hint Altkıtası Düşünce ve Tefsir Ekolleri, İstanbul, P. 178 – 186.
ئۇنىڭدىن باشقا « رىزا خان بىرەلۋى »، دىيانەت ئىشلىرى ئانىسكىلوپېدېيىسى، 35 – جىلىت، 61 – 64 – بەت؛
Metcalf, Islamic Revival in British India, P. 296 – 314.
[5] Sanyal, Devotional Islam, P. 301
[6] پاكىستاندا 2005 – 2011 – يىللىرى ئارىسىدا مازارلىقلارغا قىلىنغان 29 قېتىملىق ھۇجۇمدا 209 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
Khan, “Suni Ittehad Council”, p. 2- 3.
[7] ھىجرەتتىن كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ باشچىلىقىدا مەدىنىلىك مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىي قەبىلىلىرى ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ۋە شەھەرنى باشقۇرۇش بىلەن مۇداپىئە قىلىشتا ئۆزئارا مەسئۇلىيەت ۋە ھەقلىرىنى بەلگىلىگەن مەدىنە ۋەسىقىسى، دۇنيا تارىخىدىكى سىياسىي كېلىشىمنىڭ تۇنجىسى سۈپتىدە قوبۇل قىلىنماقتا.
[8] تاھىرۇل قادىرى ھەققىدىكى مەزكۇر ئەھۋالنى ئانالىز قىلغان ماقالىلەر ئۈچۈن تۆۋەندىكى ماقالىگە قاراڭ:
Jane Louise Kandur, “Oddly Similar Political Phenomena in Pakistan and Turkey”, Daily Sahah: 29 May 2015, 06 June 2015

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



ئاپتورنىڭ يېقىنقى ئەسەرلىرى

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*