ئامېرىكا – خىتاي سودا جېڭى ۋە خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى پىلانى

ئەركىن ئەكرەم

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى
ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتىتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى
ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى

2018-يىلى 25-ئىيۇل

2018- يىلى 14- ئىيۇل

ئەركىن ئەكرەم

20 يىلدىن بىرى داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ئامېرىكا – خىتاي سودا ئىختىلاپى، 2018– يىلى 6- ئىيۇن رەسمىي تۈردە سودا جېڭىغا ئايلاندى. ئامېرىكىنىڭ خىتايدىن ئىمپورىت قىلدىغان 34 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى 818 تۈرلۈك مەھسۇلاتىدىن ئېلىنىدىغان %25 لىك قوشۇمچە تاموژنا بېجىنىڭ ئەمىلىيلىششىگە ئەگىشىپ، خىتايمۇ بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا 34 مىليارد دوللارلىق قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا خىتاينىڭ تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىغا باج قويۇشقا باشلىغان بولسا، خىتاي ئامېرىكىنىڭ يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا باج قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خىتاينىڭ باج پىلانى ئەمىلىيەتتە ترامپقا بىلەت تاشلىغان تېرىقچىلىق رايونىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى نىشان قىلغاندى. خىتاينىڭ بۇ باياناتىغا قارىتا، ئامېرىكا يېزا – ئىگىلىك مىنىستىرى سونىي پەرىد ئامېرىكا دېھقانلىرىنىڭ مەنپەتلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.[1]

يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، خىتاي ئامېرىكىنىڭ پوزىتىسىيسىگە دەرھال جاۋاپ قايتۇرغاندى. خىتاي سودا مىنىستىرىنىڭ باياناتچىسى، ئامېرىكىنىڭ «دۇنيا سودا تەشكىلاتى» نىڭ نىزامنامىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ۋە تارىختىكى ئەڭ چوڭ سودا ئۇرىشىنى باشلىغانلىقىنى ئىيىتقاندى. ئۇ يەنە، ئامېرىكىنىڭ قوشۇمچە تاموژنا بېجىنىڭ يولغا قويۇشىنى تىپىك سودا مۇتتىھەملىكى ئىكەنلىكىنى، خەلقئارالىق تىجارەت زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھتىت ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سېجىل ئىششىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى، دۇنيا بازىرىنىڭ قالايمىقانچىلىق پاتقىقىغا پىتىشىغا سەۋەپ بولىدىغانلىقىنى، زەنجىرلەشكەن دۇنياۋى كارخانىلارنىڭ ۋە دۆلەت ئىچى كارخانلىرىنىڭ شۇنداقلا ئېستىمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ كارخانا باشقۇرۇش مىخانىزىمى ۋە ئامېرىكا ئېستىمالچىلىرىنىڭ مەنپەتىگە زىيان سالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. سودا جېڭىدە تۇنجى قەدەمنى خىتاينىڭ ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن باياناتچى يەنە، خىتاينىڭ خەلقىئارا مەنپەئەتلىرى ۋە ئۆز خەلىقىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ تىجارەت ئۇرىشىشىغا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەندى[2]. خىتاينىڭ سودا ئۇرىشىنى توختىتىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، لىكىن ئامېرىكىنىڭ پوزىتىسىيسىدە ئۆزگىرىش بولمىغاچقا قارشى تۇرۇشتىن[3] باشقا چارىسىنىڭ يوقلىقىنى دېگەندى. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 21- ئىيۇن غەرىپ دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭ شىركەتلىرىنىڭ لىدىرلىرىنى قوبۇل قىلغان يېغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ سودا جېڭىغا نىسبەتەن ئىنتايىن قاتتىق ئىپادە بىلدۈرگەن. ھەمدە مۇنداق دىگەن: « غەرىپ مەدەنىيىتىدە ئوڭ يۈزىگە ئۇرغانلارغا سول يۈزىنى تۇتۇپ بىرىدۇ. لىكىن، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزدە ئوڭ يۈزىمىزگە ئۇرغانلارنىڭ سول يۈزىگە سالىمىز».[4]

خىتاي ھۆكۈمىتى بەلكى تىجارەتتىن باشقا ساھەلەردىمۇ ئامېرىكا ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرىشى مۇمكىن. مەسىلەن، تاموژنا تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش ۋە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىشنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەردە ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرىشى مۇمكىن.[5] خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان    Qualcomm, JP Morgan Chase ، Micron قا ئوخشاش ئامېرىكىنىڭ چوڭ شىركەتلىرى ئاۋارىچىلىققا ئۇچىرىشى مۇمكىن. تىرامپ ھۆكۈمىتى يەنە ئەگەر خىتاي داملىق قارشىلاشسا، ئۆزلىرىنىڭ 11- ئىيۇلدا 200 مىليارد دوللارلىق خىتاي مەھسۇلاتىغا %10 تاموژنا بېجى قويدىغانلىقىنى بىلدۈردى.[6] ئەگەر مۇشۇنداق بولىدىغان بولسا بۇ 2019 -2020 يىللىق خەلقىئارالىق ئىقتىساد ئېشىشىنىڭ %0.5 تۆۋەنلەيدىغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ.[7] سودا جېڭىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغان سەلبى تەسىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى.[8] تەتقىقاتچىلارنىڭ پىكىرىچە، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر 100 مىلىيارد دوللارلىق ئېكىسپورتى خەلقىئارالىق مال ئېكىسپورتىنىڭ %0.5 نى ئىگەللەيدىغان بولۇپ دۆلەت ئىچى مىللىي دارامىتىنىڭ %0.1 چۈشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. خىتاينىڭ 2018- يىللىق ئىقتىسادى ئېشىشى %0.1 – %0.3 ئارسىدا تۆۋەنلەيدىكەن، شۇنداقلا ئېمپورت ماللىرىغا %1 تەسىر كۆرسىتىدىكەن. دۇنيانىڭ ئىقتىسادى كىرزىسىنىمۇ %0.1 – %0.3 يۇقىرى كۆتۈرۈۋىتىدىكەن.[9] ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ پوزىتىسىيىسىگە قاراپ ئۈچنجى قەدەمدە، خىتاي ماللىرىغا 500 مىليارد دوللارلىق باج قويىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى. ئامېرىكىنىڭ قوزغىغان بۇ سودا جېڭىدە خىتاينىڭ كۆپ قارشىلىق بىلدۈرەلمەيدىغانلىقى ۋە خىتاينىڭ تېخخمۇ كۆپ زىيانغا ئۇچىرايدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.[10]

سودا جېڭىنىڭ تېخىمۇ شىددەتلىك بولىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.[11] ئەڭ يامان بولغاندىمۇ بۇ سودا جېڭىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى ئىچىدە ئامېرىكا، خىتاي ۋە ياۋرۇپانىڭ ئىقتىسادى 3%-%4 تۆۋەنلشى مۇمكىن. بۇ جەرياندا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %6نىڭ تۆۋىنىگە چۈشۈپ قالسا، خىتايدىكى نۇرغۇن شىركەتلەر ۋەيران بولۇپ ئىشسىزلىق نىسبىتى  يۇقىرى كۆتۈرلىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىجتىمائى ۋە سىياسى مەسىلىلەرمۇ مەيدانغا كىلىدۇ. ترامىپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا ئەمىلىلەشتۈرگەن تاموژنا قوشۇمچە بېجى تەھتىتى، 1989 – يىلدىن بۇيانقى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تارىختا كۆرۈلمىگەن قېيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرماقتا. خىتاي بۇ سودا جېڭىغا قارشىلىق بىلدۈرسىمۇ ياكى بىلدۈرمىسىمۇ ئوخشاشلا زىيان تارتىدۇ. 1960 – 1991 يىللار ئارسىدىكى ئامېرىكا – ياپونىيە ئارسىدا يۈز بەرگەن يەتتە قېتىملىق سودا ئىختىلاپىغا قارشى توكىيو ھۆكۈمىتى بەزى تۆلەملەرنى تۆلەپ قۇتۇلۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، لىكىن ياپونىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان تىجارىتى ئېغىر زىيانغا ئۇچىرىغاندى. بۇ مىسالغا قارىغاندا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا جېڭى ئۇزۇنغا سوزۇلسا خىتاي تېخىمۇ كۆپ زىيانغا ئۇچىرايدۇ. ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا يۈرگۈزگەن تاموژنا قوشۇمچە بېجى، ئامېرىكىنىڭ 1930– يىلى ماقۇللىغان  Smoot-Hawley قانۇنىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىغاندىن بۇيانقى قويۇلغان ئەڭ چوڭ باج سىياسىتىدۇر. لىكىن ئامېرىكىنىڭ تىجارىتى ئۆز نۆۋىتىدە بۇ قانۇننىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان ۋە ئىقتىسادى تۇرغۇنلۇقى كۈچەيتىۋەتكەندى.[12]

ئوباما ھۆكۈمىتى ۋاقتىدا، ئامېرىكا خىتاينىڭ تىجارەت ۋە ئىقتىسادى كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن  TPP (Trans Pacific Partnership) ۋە  TTIP (Transatlantic Trade and Investment Partnership) دىن ئىبارەت ئىككى سودا پىلانى بار ئىدى. خىتاي ئۆزىنىڭ يەر ئالمىغان بۇ سودا پىلانىدىن تولىمۇ قورققان ۋە بۇنىڭغا قارىشى  RCEP (Regional Comprehensive Economic Partnership) سودا پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغاندى. شۇنداقلا رايوندىكى دۆلەتلەردىن ياردەم تەلەپ قىلغاندى. لىكىن ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەتكە ئۆتىشى بىلەنلا بۇ پىلانىنى يوق قىلىۋەتكەن. رەئىس جۇمھۇر ترامپمۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى بىلگەن ئۇسۇلىدا خىتايغا قارشى سودا جېڭى ئېلان قىلدى.

ترامپ ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سالغىنى، خىتاينىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى تەرەققى قىلغان ئەللەرنىڭ تېخىكىسىنى ئوغۇرلىغانلىقى ۋە خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان غەرىپ تېخنىكا شىركەتلىرىدىن ئۆز تېخنىكىسىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بىرىشكە مەجبۇرلىغانلىقىدۇر. ئامېرىكا، ئوغۇرلىغان ۋە مەجبۇرى ئىلىۋالغان بۇ تېخنىكا بىلەن ئىشلەپچقىرىلغان خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە دۇنيا بازىرىغا كىرىشى ئامېرىكىغا ئىقتىسادى زىيان بىرىدۇ دەپ قارايدۇ. شۇنداقلا بۇ تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ ياسىغان ماشىنا ئادەم، بىئو-تېخنىكىلىق ۋە سۈنئىي ئەقلى ئىقتىدار  قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكىنىڭ بۇ ساھەدىكى تېخىنكا باشلامچىلىق ئورنىغا ۋە يىتەكچى لىدىرلىق  ئورنىغا بىۋاستە زىيان سالىدۇ دەپ قارايدۇ. بولۇپمۇ خىتاينىڭ 2015 – يىلى ئوتتۇرىغا قويغان «خىتاي 2025» پىلانىنى بىت–چىت قىلىشنى نىشانلىغان. بۇ پىلان بولسا، خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكا كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە «يۇقرى تېخىنىكىلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى» غا ئايلىنىشنى مەقسەت قىلغان 10 يىللىق پىلان ئىدى.

ئامېرىكا-خىتاي سودا جېڭى يالغۇز ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. دۇنيانىڭ بىرىنجى ۋە ئىككىنجى ئىقتىسادى كۈچى بولغان بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى جېدەل دۇنيا ئىقتىسادى ۋە تىجارىتىگىمۇ زىيان بەرمەكتە. بۇ جەرياندا بۇ ئىككى كۈچتىن باشقا مەۋجۈت كۈچلەر ئۆز ئىچلىرىدە يېڭىدىن ئىتتىپاق قۇرۇشى مۇمكىن. ھەتتا ئىقتىسادى ۋە تىجارەت تەڭپۇڭسىزلىقى خەلىقئارا سىياسەت ۋە خەۋىپسىزلىكىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇڭىلاشقا بۇ جەڭ يالغۇز ئىقتىساد ۋە سودا بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.[13]

ئامېرىكا – خىتاي سودا جېڭىنى بەزىلەر ئەپىيۇن ئۇرىشىغا ئوخشاتسا[14] يەنە بەزىلەر ئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشىغا ئوخشاتماقتا. [15]ئادەملەرنىڭ خاتالىقىغا ئورۇن بەرگەن بۇخىل پىكىرلەر، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتىلاشنىڭ ئېھتىماللىقىنى ۋە خىتاينىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى ئىشارەت قىلماقتا. بۈگۈنمۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا جېڭى توغرا ئىلىپ بىرىلمىغاندا تارىخى خاتالىقلارنىڭ تەكرارلىنىش ئېھتىماللىقى تولىمۇ چوڭدۇر.

بۇ سودا جېڭىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىچ سىياسىتى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىگە سەلبى تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارمۇ بار.[16] ھەتتا ئامېرىكىنىڭ ئۆزلىرى قۇرغان دۇنياۋى سېستىمىسى ۋە تۈزۈمىلىرىنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن يىقىلىشقا باشلىغانلىقى ھەققىدىكى كۆز قاراشلارمۇ مەۋجۈت.[17]

ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قوزغىغان سودا جېڭى خىتاي مىللەتچىلىكىنى كۈچەيتىۋىتىشىمۇ مۇمكىن.[18] خىتاي 40 يىللىق تىرىشچانلىقى بىلەن دۇنيانىڭ بىرىنجى چوڭ تىجارەت دۆلىتى ۋە ئىككىنجى چوڭ ئىقتىسادى دۆلىتىگە ئايلاندى. خىتاينىڭ زامانىۋى ھەربىي كۈچىمۇ ئىقتىسادى كۈچى بىلەن تەڭ ماس قەدەمدە ئىلگىرلىمەكتە. ھەرخىل ۋاستىلەر بىلەن خىتاينىڭ ئىرىشكەن تېخنىكىلىرى بۇ كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرماقتا. « 2025خىتاي » پىلانىمۇ خىتاينىڭ تېخىنىكا جەھەتتىن دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى دۆلەت بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت نىيىتىنى ئاشكارىلىماقتا. خىتاينىڭ يۇقىرى تېخىنىكىغا ئۈچ قەدەملىك پىلان بىلەن ئىرىشىش پىلانىمۇ مەۈجۈت. بىرنجى قەدەمدە، يۇقىرى تېخنىكىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ ئىزىدىن مېڭىش ، ئىككىنجى قەدەمدە يىتىشىۋىلىش ۋە ئۈچىنجى قەدەمدە بولسا ئىشىپ كىتىش. لىكىن دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى باشقا دۆلەتلەرگە تەۋە، شۇنداقلا خىتاي پەقەت بۇلاردىن تەقلىد قىلىپ تېخخنىكىلىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقارماقتا. خىتاينىڭ ئۆزىگە ئائىت بولغان يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشىغا بولسا يەنە بىر ئاز ۋاقىت ۋە تىرىشچانلىق كىتىدۇ.[19] بەزىلەر خىتاينىڭ ئەڭ ئىلىغار ۋە موھىم بولغان تېخنىكا كۈچىگە ئىگە بولماي تۇرۇپ چوڭ دۆلەت بولالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.[20] يەنى، خىتايدىكى ھەممىلا ئادەم مۇۋەپپىقىيەت مەستخۇشلىقىنىڭ ئىچىدە ئەمەس. ترامپ ھۆكۈمىتىمۇ بۇ ساھەدە خىتاينى تىزگىنلەش ۋە ئامېرىكىنىڭ تېخنىكا كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش نىيىتىدە.

خىتاينىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىرلكتە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «جۇڭگو ئارزۇسى» ۋە ئۈچ قەدەملىك (2020، 2035، 2050)[21] دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك خوجايىنى بولۇش ئېستىراتىگىيىلىك پىلانى خىتايلارنى ھاياجانلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك نىيىتىنىمۇ ئاشكارىلاپ قويدى.   بۇنىڭغا خەلقىنى ۋە خىتاي جەمئىيتىنى تەييار قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغا ھۆججەتلىك فېلىم ۋە كىتاپلار نەشىر قىلىندى. خىتاي، سانائەت ئىنقىلابىنىڭ تۆتىنجى باسقۇچىدا لىدىرلىق ئورنىغا چىقىش ئۈچۈن غايەت زور مەبلەغ سالماقتا. چۈنكى، سانائەت ئىنقىلابىنىڭ  تۇنجى ۋە ئىككنجى باسقۇچىغا ئەنگىلىيە، ئۈچىنجى ۋە تۆتىنجى باسقۇچىغا ئامېرىكا يىتەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيمىچىلىك قىلغاندى. خىتاينىڭ سۈنئىي ئىدىراك ساھەسىدىكى تىرىشچانلىقلىرى، ئامېرىكىنىڭ بۇ ساھەسىدىكى يىتەكچىلىك ئورنىغا تەھتىت سالماقتا. كىينكى زامانلاردىكى تەرەققى قىلۋاتقان «چوڭ جۇڭگو»نى تەشۋىق قىلىش مەنىسىدە تەييارلانغان ھۆججەتلىك فېلىم «دۇنيانى تاڭ قويغان خىتاي»(Amazing China) ئارقىلىق ئۆز خەلقىنى ھاياجانلاندۇرغان ۋە ئامېرىكىنىڭ چۆكىشىىدىن كىيىن خىتاينىڭ يۈكسىلىۋاتقان دۇنياۋى كۈچ ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق خىتاي مىللەتچىلىكىنى كۈچەيتىۋەتكەن. خىتايدىكى بۇ سەۋەپلەر خەلقتە ئامېرىكىغا نىسبەتەن دۈشمەنلىك كەيپىياتى شەكىللەندۈرگەن. يەنى، خىتاي بۇ «ئاستىمدا ئىشتان يوق، ئىسمىم مارجانبۈۋى» ھالى بىلەن دۇنيادىكى بىرىنجى چوڭ كۈچ بولغان ئامېىرىكىنىڭ ئورنىغا خىرىس قىلماقتا.

ئامېرىكىغا قارشى ياۋروپا بىلەن  ئىتتىپاق تۈزىش بەلكىم خىتايغا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا – خىتاي سودا جېڭى مۇزاكىرە ھەيئەت مۇدىرى ۋە خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى لىيۇخې بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، ئامېرىكىنىڭ سودا جېڭىغا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە بىريۇسسېل ۋە بېرلىندا ئچىلغان يېغىنلاردا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىن ئامېرىكىغا قارشى ئېستىراتىگىيىلىك ھەمكارلىق تۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن بولسا ياۋرۇپا بىلەن « دۇنيا سودا تەشكىلاتى» ھەمكارلىقى ئىچىدە ئامېرىكىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. بۇنىڭ بەدىلىگە بولسا، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ شىركەتلىرىگە خىتاي تېخىمۇ چوڭ ئىشىك ئىچىشى كىرەك ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سىلىشى كىرەك. بۇ سەۋەپتىن تۈپەيلى خىتاينىڭ پۈتۈن ياۋرۇپا دۆلەتلىرىن ئورتاق بىر جاۋاپ ئالالىشى تولىمۇ تەس.[22] خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتنىڭ رەئىسى كىرىستىنا لېگاردمۇ ياۋرۇپانىڭ ئامېرىكا – خىتاي سودا جېڭىغا ئارلىشىشنىڭ ھېچبىر زۆرۈرىيىتىنىڭ يوقلىقىنى، بۇ ئويۇن قەرىتىنى ئويناشنىڭ ياۋرۇپاغا زىيانلىقىنى ئەسكەرتتى.[23] ھەم خىتايمۇ ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ دۈمبىسىىدىن پىچاقلىشىدىن قورقىدۇ.[24]

25- ئىيۇن بېيجىڭدا، خىتاي-ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىكەر ئىقتىسادى–تىجارەت دېئالوگ يېغىنى ئىچىلدى. بۇ يېغىندا خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئېستىراتىگىيە ئورتاقلىقىنى كۈچلەندۈرۈش؛ خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپلىك ۋە مۇداپىئەلىنىشكە قارشى ئورتاق ھەمكارلىق؛ قوش ياكى كۆپ تەرەپلىك تىجارەت سېستىمىسىنى قوللاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىجابى سىگىناللارنىڭ بىرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.[25] 7- ئىيۇل خىتاي باش مىنسىتىرى لى كېچىياڭ 8. نۆۋەتلىك خىتاي – ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋرۇپا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى ئۇچىرىششى[26] يېغىندىن كىيىن بۇلغارىيە ۋە گىرمانىيەنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت ئەسناسىدا ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزگەن ھەمكارلىقنىڭ موھىملىقىنى تەكىتلىدى. 16-17 ئىيۇن كۈنلىرى، 7- نۆۋەتلىك خىتاي- ياۋرۇپا چوققىسى باشلىقلار ئۇچىرىششى بېيجىڭدا ئىچىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ يېغىندا ئىككى تەرەپنىڭ ئامېرىكىغا قارشى ئىتتىپاقلىششى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. ئەگەر خىتاي – ياۋرۇپا سودا ھەمكارلىقى ئورنىتىلسا، بۇ ھەمكارلىق خىتاي – ئامېرىكا سودا جېڭىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.[27] شۇنداقلا بۇ ھەمكارلىق، خىتاينىڭ خىتاي – ئامېرىكا سودا جېڭىدا ئۈستۈنلۈك قازىنىشىغا ياردەم بىرىدۇ.لىكىن، خىتاي – ياۋرۇپا سودا ھەمكارلىقىدا ساقلىنىۋاتقان مەسلىلەرمۇ ئاز ئەمەس. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرسا، خىتاي ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئىختىلاپىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، ياۋرۇپا دۆلەتلىرى بىلەن قانداقمۇ قۇرۇق ۋەدىگە تايىنىپ تۇرۇپ ھەقىقى ھەمكارلىق ئورنىتالىسۇن؟ غەرىپنىڭ قىممەت قارىشى خىتايغا تەسىر كۆرسىتەلەمدۇ ؟[28] گىرمانىيە قاتارلىق ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتايدا تېخىمۇ چوڭ بازار ئىچىشىغا خىتاي نىمە دەيدۇ ؟[29] خىتاي بۇ سوئاللارغا ئىجابى جاۋاپ بەرگەندىلا ئاندىن ئامېرىكىغا قارشى ياۋرۇپا بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتالايدۇ.

ياۋرۇپا بىلەن بولغان ھەمكارلىقتىن باشقا خىتاينىڭ يەنە بىر كۈتۈۋاتقىنى بولسا، ئامېرىكىدىكى 2018 –يىلى 6- بويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدۇر. ئەگەر بۇ سايلامدا جۇمھۇرىيەتچىلەر كۆپ ئاۋازغا ئىرىشسە، خىتاي، ترامىپ ھۆكۈمىتى باشلىغان سودا ئۇرشىغا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئەھۋالنى ئۆزگەرتەلىشى مۇمكىن. يەنە بىر تەرەپتىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۆزىنى، ئەركىن تىجارەت ۋە ئۆز-ئارا ھەمكارلىقنىڭ قوغدىغۇچىسى سۈپىتىدە كۆرسەتمەكتە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم ئىلىشنى پىلانلىماقتا.[30] بىر سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ كاپتالىستىك تۈزۈمنى قوغدىشى تولىمۇ كۈلكىلىك. بۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ دۇنياۋى كۈچ بولماي تۇرۇپ خەلقئارالىق مەسلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئۇرنىشىمۇ ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا جېڭى ھەر ئىككى دۆلەتكە زىيان سالغاندىن سىرت باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغىمۇ زىيان سالغاچقا، بۇ ئىختىلاپنىڭ ئۈستەلدە ھەل قىلىنىشى بەكرەك مۇۋاپىق قارالماقتا. لىكىن كۈچىيىۋاتقان خىتاي ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلشنى تەلەپ قىلماقتا. بۇمۇ ئەسلىدىنلا مەۋجۈت بولغان دۇنياۋى كۈچ بىلەن ئۇنىڭ ياراتقان دۇنياۋى سېستىمىسى ۋە يولغا قويغان تۈزۈمىگە قارشى يىڭىدىن يۈكسىلىۋاتقان بىر كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ ئىلىشىشنى مەيدانغا كەلتۈرىشى مۇمكىن.

مەنبەلەر:

[1]Berkeley Lovelace Jr., Ag Secretary Perdue on Trump’s message to farmers: You won’t suffer in a trade fight with China, CNBC News, 28 June 2018, 9:26 AM ET. https://www.cnbc.com/2018/06/28/ag-secretary-perdue-you-wont-suffer-in-any-trade-fight-with-china.html

[2]商务部新闻办公室, <商务部新闻发言人就美国对340亿美元中国产品加征关税发表谈话>, 《中华人民共和国商务部》, 2018年07月06日 12:05. http://www.mofcom.gov.cn/article/ae/ag/201807/20180702763232.shtml

[3]<社评: 中国尽力了, 我们将回敬美国的施压>, 《环球时报》  2018年07月04日 20:18. http://opinion.huanqiu.com/editorial/2018-07/12416824.html

[4]Lingling Wei and  Yoko Kubota, “China’s Xi Tells CEOs He’ll Strike Back at U.S.”, Wall Street Journal, June 25, 2018 11:42 a.m. ET. https://www.wsj.com/articles/chinas-xi-tells-ceos-hell-strike-back-at-u-s-1529941334

[5]Danielle Paquette, “U.S. companies in China think the government is already messing with them”, The Washington Post, July 4, 2018. https://www.washingtonpost.com/world/asia_pacific/us-companies-in-china-think-the-government-is-already-messing-with-them/2018/07/04/565a333a-7ebf-11e8-b9f0-61b08cdd0ea1_story.html?noredirect=on&utm_term=.7110c7f1c1ba

[6]Tony Munroe and Eric Beech, “China vows to hit back over U.S. proposal for fresh tariffs”, Reuters, July 11, 2018 / 10:46 AM. https://www.reuters.com/article/us-usa-trade-china/u-s-ramps-up-trade-row-with-china-threatens-new-tariffs-idUSKBN1K1074?feedType=RSS&

[7]Joe Mcdonald, Paul Wiseman and Darlene Superville, “US-China trade battle kicks off; markets take it in stride”, AP,  July 06, 2018. https://www.apnews.com/e319be1a6c324445b00fccaf8a29f903/US-China-trade-battle-kicks-off;-markets-take-it-in-stride

[8]Tom Miles, “WTO sees signs of trade tensions starting to affect global economy”, Reuters, July 4, 2018 / 6:17 PM. https://www.reuters.com/article/us-britain-poison-kremlin/kremlin-says-offered-britain-salisbury-attack-help-was-rebuffed-idUSKBN1JV120

[9]Marius Zaharia, “How trade war with U.S. can hurt growth in China and beyond”, Reuters, July 6, 2018 / 7:35 AM. https://www.reuters.com/article/us-usa-trade-china-economics-explainer/how-trade-war-with-u-s-can-hurt-growth-in-china-and-beyond-idUSKBN1JV37K

[10]林琦、李文科, <焦点:中美贸易战加码 中国再现股汇双杀但冲击力减弱>, 《路透社》中文, 2018年7月11日 / 下午5点11分. https://cn.reuters.com/article/china-us-trade-war-fx-stx-0711-idCNKBS1K112E

[11]Ana Swanson, “Trump’s Trade War Against China Is Officially Underway”, The New York Times, July 5, 2018. https://www.nytimes.com/2018/07/05/business/china-us-trade-war-trump-tariffs.html?_ga=2.173291235.1131382455.1530880677-2108006387.1450908274

[12]Bob Davis and Lingling Wei, “U.S., China Dig In for Long Trade Fight as Tariffs Take Effect”, Wall Street Journal, July 6, 2018 3:34 a.m. ET. https://www.wsj.com/articles/u-s-china-prepare-for-trade-battle-1530824054

[13]梁国勇, <中美贸易战走向的四个关键维度>, 《金融時報》中文网, 2018年5月4日 06:48. http://www.ftchinese.com/story/001077410?full=y&archive

[14]<觀察:從鴉片戰爭到中美貿易持久戰>,《BBC中文》2018年 5月 24日. https://www.bbc.com/zhongwen/trad/world-44241451

[15]赵灵敏, <百年前贸易战最终导致战争,今天我们如何避免>, 《金融時報》中文网, 2018年7月11日 06:07.  http://www.ftchinese.com/story/001078411?adchannelID=&full=y

[16]方星海, <特朗普打贸易战的民意基础从何而来>, 《中國網》, 2018年07月09日. http://www.china.com.cn/opinion/think/2018-07/09/content_55756968.htm

[17]Ken Moak, “America’s self-defeating quest for global supremacy”, Asia Times, July 10, 2018, 9:20 PM (UTC+8). http://www.atimes.com/americas-self-defeating-quest-for-global-supremacy/

[18] Deb Riechmann and Matthew Pennington, “Analysis: Trade rocks already unstable US-China relations”, AP, July 07, 2018. https://apnews.com/01d1b9293c734d91be96318a493931ab/Analysis:-Trade-rocks-already-unstable-US-China-relations

[19]刘亚东, <除了那些核心技术,我们还缺什么?>,《科技日报》2018年06月22日 10:05:43. http://www.stdaily.com/index/kejixinwen/2018-06/22/content_683428.shtml

[20]刘诗瑶, <把关键核心技术掌握在自己手中>, 《人民日报》2018年06月25日   20 版. http://paper.people.com.cn/rmrb/html/2018-06/25/nw.D110000renmrb_20180625_2-20.htm

[21]张欣, <「一词之变」的深刻内涵与强大力量>, 《瞭望》新闻周刊2017年 第43期, 頁34-35. 陳柏廷, <習強軍目標 2050建成世界一流軍隊>,《旺報》, 2017年10月23日 04:10. http://www.chinatimes.com/newspapers/20171023000558-260301

[22]Robin Emmott and Noah Barkin, “Exclusive: China presses Europe for anti-U.S. alliance on trade”, Reuters, July 3, 2018 / 9:03 PM. https://www.reuters.com/article/us-usa-trade-china-eu-exclusive/exclusive-china-presses-europe-for-anti-u-s-alliance-on-trade-idUSKBN1JT1KT

[23]“EU has ‘card to play’ in trade war: IMF”, AFP, 8 July, 2018. https://www.afp.com/en/news/23/eu-has-card-play-trade-war-imf-doc-17d1ay1

[24Keegan Elmer, “China fears Europe will ‘stab it in the back’ as trade conflict with US escalates, Foreign minister Wang Yi issues plea amid fear that Brussels will leave Beijing isolated by striking its own deal with US over tariffs”, South China Morning Post, 06 July, 2018, 2:32pm

https://www.scmp.com/news/china/diplomacy-defence/article/2154058/china-fears-europe-will-stab-it-back-trade-conflict-us

[25] <第七次中欧经贸高层对话25日召开 中欧将携手反对保护主义>, 《第一财经》2018年06月22日. 15:31:00. https://www.yicai.com/news/5433699.html

[26]李克强, <在第八届中国—中东欧国家经贸论坛上的致辞 (2018年7月7日,索非亚)>, 《人民日报》 2018年07月08日   03 版. http://paper.people.com.cn/rmrb/html/2018-07/08/nw.D110000renmrb_20180708_7-03.htm

[27]莉雅, < 中欧重组贸易联盟 专家:长远来看对中美贸易影响深远 >,  VOA New中文, 2018年7月10日 09:45. https://www.voachinese.com/a/china-eu-us-trade-dispute-20180709/4476017.html

[28]Stefan Kornelius, “Trump schwingt die Abrissbirne”, Süddeutsche Zeitung, 6. Juli 2018, 14:03 Uhr. http://www.sueddeutsche.de/wirtschaft/trump-china-strafzoelle-kommentar-1.4043705; Felix Lee, “Auch China ist schuld”, General-Anzeiger Bonn, 6. Juli 2018, http://www.general-anzeiger-bonn.de/news/wirtschaft/ueberregional/Auch-China-ist-schuld-article3895433.html; Karl Doemens, “Kommentar zum Handelskrieg Alle Zeichen stehen auf Eskalation”, Berliner Zeitung, 6. Juli 2018, 16:36 Uhr. https://www.berliner-zeitung.de/wirtschaft/kommentar-zum-handelskrieg-alle-zeichen-stehen-auf-eskalation-30920648#

[29]Jetzt teilen, “Deutsche Wirtschaft: China soll sich öffnen und uns gleichbehandeln”, Handelsblatt, 8 Juli, 2018- 14:46 Uhr. https://www.handelsblatt.com/wirtschaft-handel-und-finanzen-deutsche-wirtschaft-china-soll-sich-oeffnen-und-uns-gleichbehandeln/22779112.html?ticket=ST-264463-IVgvsgVrs03csH3p6jlL-ap3

[30]Orange Wang and Zhou Xin, “How China plans to push back against Donald Trump in ‘economic cold war’”, South China Morning Post, 11 July, 2018, 9:00pm. https://www.scmp.com/news/china/economy/article/2154699/how-china-plans-push-back-against-donald-trump-economic-cold-war

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*