ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچ: مۇسۇلمانلار نېمىشقا ئارقىدا قالدى؟

2019-يىلى 1-ماي

ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچ

I –

بۇ مەسىلە، ئۇيدۇرما ياكى ئاددىيلا تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلى ئەمەس.

جەبەلىتارىقتىن ھىندونېزىيەگىچە بولغان پۈتكۈل رايونلاردا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان سۈكۈنات ۋە ھالسىزلىق كۆرۈنۈشلىرى بۇ سوئالنى شەرت قىلماقتا. بەزىلەر تەرىپىدىن «ئىسلامنىڭ زۇلمەتلىك كېچىسى» دەپ تەسۋىرلىنىۋاتقان بۇ  ئەھۋالنىڭ روشەن گەۋدىلىنىشى، ھىندىستاننىڭ ئەنگلىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشىدىن تارتىپ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەسىرى دەۋرىمىزدىمۇ كۈچلۈك ھېس قىلىنىۋاتقان بۇ ھادىسىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر سەۋەبلىرى ۋە ناھايىتى ئۇزۇن ئۆتمۈشكىچە سوزۇلىدىغان باشلانغۇچى بار.

بىر خەلقنىڭ يۈكسىلىش ۋە يىمىرىلىش سەۋەبلىرى ھەردائىم ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە خىلمۇخىل بولىدۇ. ئۇ سەۋەبلەرنىڭ پەقەت بىر قىسمىلا ئوبيېكتىپ بولۇپ، مۇھاكىمە قىلىش ۋە ئۆگىنىشكە ئوچۇقتۇر. يەنە بىر قىسمى، ئىنسانلارنىڭ دىل ۋە ئىرادىلىرىدە بولغاچقا، ئۇنىڭغا ئېرىشكىلى ۋە ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ.

بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتىدىغان رايونلارنىڭ سىرتىدىكى كەڭ ساھەلەردە سانسىز ئەۋلاد (سەھرالىقلار) تارىخنىڭ سىرتىدا قېلىپ، بىر ئىزىدا ياشاپ، ئۆلۈۋاتقان بولسا، ئەينى ۋاقىتتا ھايات، ئىرادە ۋە ئارقارتىشنىڭ مەنبەلىرىنىڭ تارىخ بويىچە مىسىر، گىرېتسىيە، رىم، ئەرەبىستان، ھىندىستان، خىتاي ۋە مېكسىكىدا، نۆۋەتتە بولسا، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ سەۋەبلىرى نېمىلەر؟ باشقىلار بىلەن ئوخشاش قۇياش ۋە ئوخشاش شارائىتلار ئاستىدا ياشاپ، شەكىلسىز ۋە نامەلۇم ھالەتتە ئايلىنىپ يۈرۈۋاتقان بىر خەلقنىڭ بىردىنلا ئۆزىنى بايقىشى ۋە قەھرىمان، ئەزىز، شائىر بۆشۈكىگە ئايلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ئامىل نېمە؟

ئىزاھاتلار بىر رامكا ئىچىگە توپلانغاندۇر؛ لىدىرلار، ئورگانلار، ئىقتىسادىي شارائىتلار ۋەھاكازالار جاۋابكاردۇر. خەلق نادان بولغاچقا، ئەخلاقسىز لىدىرلارنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆتۈرمەكتە. لىدىرلار بولسا، شەخسىيەتچى بولۇپ، خەلقنىڭ ئېڭىنى ئۆستۈرۈشتىن يالتايماقتا. ئورگانلار مۇھىتنىڭ كۈلتۈر سەۋىيەسىنىڭ مەھسۇلىدۇر ۋە ئۆزىمۇ تۈزۈمنىڭ، تېخىمۇ توغرىسى ئوخشاش ئورگانلارنىڭ مەھسۇلىدۇر. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب نېمە، نەتىجە نېمە بولۇشى مۇمكىن؟

تارىخ مۇنداقچە دېگەندە ماتېماتىكىغا ئوخشاش كەسكىن توغرا بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۆز قائىدىلىرى بولسىمۇ، ئۇ قائىدىلەرگە قاراپ، ھادىسىلەرنىڭ جەريانىنى مۆلچەرلەش ياكى يۈز بېرىپ بولغانلىرىنى كەسكىن رەۋىشتە ئىزاھلاش مۇمكىن ئەمەس. تارىخ ھايات ھېكايىسىدۇر. ھايات بولسا، ئەركىنلىكنىڭ،  ئۆزلۈكنىڭ ۋە مۆلچەرلىگىلى بولماسلىقنىڭ ناماياندىسىدۇر. ئۇنىڭ ئاخىرقى ئېنىقلىمىسىدا ھايات سىر سۈپىتىدە قالىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، بىر خەلق نېمىشقا ئارقىدا قالىدۇ؟ دېگەن سوئالنىڭ كەسكىن ۋە تولۇق جاۋابى يوقتۇر ۋە بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

ساھە چەكلىمىسى سەۋەبلىك مۇمكىن بولمىغىنىدەك، بۇ ماقالىنىڭ نىشانى مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ چېكىنىش سەۋەبلىرىنى تەكشۈرۈش ھەتتا ساناپ ئۆتۈشمۇ ئەمەس. شۇنداقتىمۇ، ئەھمىيەت جەھەتتە باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغان ئىككى سەۋەبنى تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچىمەن: ئۇلارنى بىرى، تاشقى سەۋەب – موڭغۇل ئىستېلاسى، يەنە بىرى، ئىچكى سەۋەب – ئىسلامنىڭ تېئولوگىيەلىك ئىزاھىدۇر.

گەرچە موڭغۇل ئىستېلاسى توغرىسىدا يېزىلغان – سىزىلغانلار بار بولسىمۇ، بۇ پاجىئە كەلتۈرگەن ۋەھىمىلىك ئاقىۋەتلىرى ئىنسانلار ئېڭىدا يېتەرلىك دەرىجىدە ئايدىڭلاشمىدى، دەپ قارايمەن. ئىسلامغا نىسبەتەن ھايات – ماماتلىق ئەھمىيەتكە ئىگە ناھايىتى كەڭ رايوندىكى يۈزلەرچە شەھەر ۋە ئىنساننىڭ قولى ئارقىلىق يارىتىلغان جىمى نەرسە يېڭى، ھەتتا قەدىمكى تارىختا مىسلى تېپىلمايدىغان شەكىلدە يوقىتىپ تاشلاندى. كۆپلىگەن رايوننىڭ نوپۇسى ئەڭ ئاخىرقى كىشىسىگىچە قىرغىن قىلىندى. ئاياغ – ئاستى قىلىنغان ئىنسانلارنىڭ قايتىدىن دەس تۇرۇشىنى مۆجىزە دېيىشكە بولىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسلامنىڭ پەقەت تېئولوگىيەلىك جەھەتتىنلا چۈشىنىلىشى – ئۇنىڭ پەقەت دىنىي مەلۇماتتىنلا ئىبارەت دەپ قارىلىپ، تاشقى دۇنيانى تەرتىپكە سالغۇچى ۋە ئۆزگەرتكۈچى رولىنىڭ چەتكە قېقىلىشى ھەتتا يوق ھېسابلىنىشى – ئىسلام توپلۇقىنىڭ كۈچى ۋە تاقابىل تۇرۇش روھىنى ئىچكى جەھەتتىن ئاجىزلىتىپ، ۋەھشىيلەرنىڭ ئاسان ئولجىسىغا ئايلىنىپ قېلىشىغا سەۋەب بولدى.

ئەمدى بۇ ماقالىنىڭ ھەقىقىي ۋەزىپىسىگە قايتىدىغان بولساق، بۇ ۋەزىپە پەقەت ۋە پەقەت سەۋەبلەرنىڭ مۇرەككەپلىكىنى، ئىچىدە مىليونلارچە مۇسۇلماننىڭ دىنى، كەچۈرمىشى، ھايات شەكلى ياكى ھايات پەلسەپىسى بولغان ئىسلام، «خەلقلەرنىڭ ئارقىدا قېلىشىنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىنمۇ؟» دېگەن مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىشتىن ئىبارەت. ئۆتمۈشتە مۇسۇلمانلار ياكى ئۇلارنىڭ كۆپ سانلىقى ئارقىدا قالغان ئەمەس. نۆۋەتتە ئارقىدا قېلىش مەۋجۇت ۋە مۇسۇلمانلار ئىسلامغا رىئايە قىلمايۋاتىدۇ. بىرىنچىسىگە تارىخنى، ئىككىنچىسىگە ئۆزۈمنى، سىلەرنى شۇنداقلا ھەممىمىزنى گۇۋاھچى قىلىمەن.

II

ئىسلام، قۇرئان ھەدىس ۋە باشقا مەنبەلەردىكى كۆرسەتمىلەرنىڭ جۇغلانمىسىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ، رېئال دۇنيادىكى بىر ھادىسەنىڭ، قانۇن، شەھەرلەر، دۆلەتلەر ۋە مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان ھەرىكەتنىڭ نامى بولۇپ، ھەم خىتابلىرى ھەم ھەقىقىي تارىخىي ئەمەلىيەت جەھەتتە ئارقىدا قېلىشنى، چېكىنىشنى رەت قىلىدۇ. ئىسلامغا ئۇرۇشخۇمار دىن دەپ قاراپ ھۇجۇم قىلغۇچىلارنى، ئۇنى «ئىبادەتتىمۇ تىنچ تۇرمايدىغانلارنىڭ، ئىنسانلارنى تەڭرى ئىمپېرىيەسىگە تەييارلاشنىڭ ئورنىغا دۇنيانى پەتھى قىلىش نىشانىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ، روزا تۇتۇشلىرى ئىچىدە كۈچ ۋە مەرھەمەت بىلەن ئىتائەت ۋە زوقنىڭ ئۈمىدسىز ئارىلاشمىسى بولغان ئادەملەرنىڭ دىنى» دەپ قارىغۇچىلارنى ئەسلەپ ئۆتەيلى.

ماھىيىتىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، بۇ ھۇجۇملارنىڭ بىر ئاز ھەقلىق تەرەپلىرى بار. ئىسلام ھەردائىم ئىچكى ۋە تاشقى، ئەخلاقىي ۋە تارىخىي، بۈگۈننى ۋە ئاخىرەتنى، ئىككى دۇنيانى تەلەپ قىلىدۇ. ئىسلام بۇ ئىككى تەرەپلىمە دەۋەت ئارقىلىق تاماملىنىدۇ. ئاللاھ ۋە ياخشىلىق ئالدىدا ئىسلام تەسلىمىيەتكە بۇيرىسا، يامانلىق، زۇلۇم، دۈشمەنلىك، كېسەللىك، مەينەتلىك ۋە خاتا ئېتىقادلارغا قارشى پەقەت بىرلا بۇيرۇقى – كۈرەش قىلىش بۇيرۇقى بار ئىدى. فىرانسۇز ئىسلامشۇناس جاكۇئېس رىسلېر، ئىسلامنىڭ بەش ئەمەس ئالتە ئاساسىي شەرتى بارلىقىنى دەۋا قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىسلامنىڭ ئالتىنچى شەرتى كۈرەشتۇر. شۈبھىسىزكى، ھەقىقىي ئىسلامنىڭ روھى ۋە سۆزىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ئىزاھلىغۇچىلىرى (تەپسىرچىلىرى) دەسلەپكى دەۋر مۇسۇلمانلىرى ئىدى. بىز تۆۋەندە بېرىپ ئۆتىدىغان مەلۇماتلار، ئۇلارنىڭ ئىسلامنىڭ دەۋىتىدە تەقدىرگە بويۇن ئېگىشنى ئەمەس، دۇنيانىڭ پەتھى قىلىنىش ۋە ئۆزگەرتىلىش تەلىپىنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغانلىقلىرىنى روشەن شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئىسلام 610 – يىلى تونۇلمىغان قەبىلىلەر ئارىسىدا، شۇنداقلا شۇ دەۋر مەدەنىي دۇنياسىنىڭ يىراق رايونىدا ئوتتۇرىغا چىقتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 632 – يىلى ۋاپات بولدى ۋە ئارىدىن پەقەت 100 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بۈگۈنكى پارىژنىڭ ئەتراپىغا بېرىپ بولغانىدى (732 – يىلىدىكى پوئىتىېرس جېڭى). ھاياتنىڭ بۇ كۈچلۈك بېسىمىغا ۋە پەقەت 100 يىل ئىچىدە ئۇنىڭ غايەت زور توپقا ئايلانغان مەنسۇپلىرى باشتىن كەچۈرگەن ھادىسىلەرگە نەزەر تاشلاپ باقايلى. ئاساسلىرى داۋاملىق ھەرىكەت ۋە قۇرۇپ چىقىش پائالىيەتلىرى بىلەن مەشغۇل شۇنداقلا شۇ دەۋرگىچە كۆرۈلگەنلىرىنىڭ ھېچبىرىگە ئوخشىمايدىغان يېڭى بىر دۇنيا يارىتىلدى. ئۇ زاماندىكى كۈلتۈر دۇنياسىنىڭ بىپايان ساھەسى ئەقىل ۋە دىننىڭ گەۋدىلىك كۈچى بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنغانىدى. سۇرىيە 634، شام (دەمەشق) 635، كتېسىفون 636 – يىلى پەتھى قىلىندى. ھىندىستان ۋە مىسىرغا بولسا، 641 – يىلى قەدەم بېسىلغان بولدى. كارتاجا 647، سەمەرقەنت 676، ئىسپانىيە 710 – يىلىدا پەتھى قىلىندى. 732 – يىلىغا كەلگەندە مۇسۇلمانلار فىرانسىيەدە توختىتىلدى. 629 – يىلى يىراق خىتايغا بارغان ئىسلام دەۋەتچىلىرى ئۇ دەۋرنىڭ ھۆكۈمدارى تەي چۇڭغا مەكتۇپلىرىنى سۇنۇپ، ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن ئىجازەت ئالدى (ئۇ جەرياندا ئۇلار ھازىرقى قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتقان، دۇنيانىڭ ئۇ رايونىدىكى ئەڭ قەدىمىي جامەسىنى سالدى). بۇ ھاياجان، بۇ «مىسلى كۆرۈلمىگەن سېھىرلىك كىشىلەرنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىشى» (سپېڭلېر)، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى يېگانە ھادىسە سۈپىتىدە ئالدىمىزدا تۇرماقتا. خ.گ.ۋېلس «دۇنيا تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە، ئۇ كۈنلەر توغرىسىدا توختىلىپ، «ئەرەبىستان دىن ۋە ئىرادىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى» دەيدۇ. 655 – يىلى ئىسلام دېڭىز قوشۇنى لىكيا ساھىلىدا يۈز بەرگەن جەڭدە ۋىزانتىيە دېڭىز قوشۇنىنى يەڭدى ۋە ھازىرغىچە ئەرەبلەرنىڭ بۇنداق كۈچلۈك بىر دېڭىز قوشۇنىغا قانداق ئىگە بولغانلىقى ئىزاھلىنالمىدى. شۇنداق قىلىپ، 662 ۋە 667 – يىللىرىدا مۇئاۋىيە ئىستانبۇلنى مۇھاسىرە ئالىدۇ. خەلىپە ئابدۇلمەلىك ۋە ئوغلى ۋەلىدنىڭ خەلىپىلىكى مەزگىلىدە ئىسلام دۆلىتى غەربتە ئىسپانىيە (پىرىنېي ئارىلى) دىن شەرقتە خىتايغىچە بولغان زېمىنلارنىڭ ھۆكۈمدارى ئىدى. (685 – 715 – يىللىرى ئارىسىدا) ئارقىدىن قۇرتۇبە، باغداد ۋە دېھلى مەركەزلىرى بىلەن ئىسپانىيە، ئوتتۇرا شەرق ۋە ھىندىستاندا قۇرۇلغان ئىسلام ئىمپېرىيەلىرى تارىخنىڭ 1000 يىلدىن ئارتۇق جەريانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېنگىزىسيون (كاتولىكلارنىڭ قاتتىق دىنىي بەلگىلىمىلىرىگە قارشى چىققۇچىلارنى جازالاش مەقسىتىدە قۇرۇلغان چېركاۋ مەھكىمىلىرى -تەرجىمان) نىڭ شەپقەتسىزلەرچە زەربىلىرى ئالدىدا مۇسۇلمانلار 700 يىل بويىچە ئىسلامنىڭ چېچەكلىرى پورەكلەپ ئېچىلغان ئىسپانىيەدىن چېكىنىشكە باشلىغان پەيتلەردە يېڭى شۇنداقلا كۈچلۈك بىر دولقۇن كىچىك ئاسىيا (ئاناتولىيە)دا چوڭىيىشقا باشلىدى ۋە ئىستانبۇلنى پەتھى قىلىپ، بالقان رايونلىرى ئارقىلىق ياۋروپاغا كۈچلۈك شەكىلدە يۈرۈش قىلدى. تۈركلەر (بۇ يەردە مۇسۇلمانلار دېمەكتۇر) ئەڭ ئاخىرى 300 يىلدىن ئاز (تېخىمۇ توغرىسى 1682 – يىلىدا) ۋاقىت ئىچىدە ۋىيېنناغا يېقىنلاشتى. ھىندىستاندىكى ئىسلام ھۆكۈمدارلىقى «ھىندىستاننىڭ تارىخىدا باشتىن كەچۈرگەن ئەڭ گۈزەل دەۋرى» دىن كېيىن، يەنى 250 يىللىق جەرياندىن كېيىن ئاخىرلاشتى (خ.گ.ۋېلسنىڭ بۈيۈك موڭغۇللار خانىدانلىقى دەۋرى (1526 – 1707) ھەققىدىكى قارىشى). پەقەت خاتىرىلىتىش ئۈچۈنلا بەزى تارىخىي رېئاللىقلارنى مۇئەييەن تارىخىي تەرتىپكە رىئايە قىلماستىن بايان قىلىپ ئۆتتۈم.

بۈيۈك موڭغۇللار خانىدانىغا مەنسۇپ مەشھۇر شاھ ئەكبەر «ئەڭ بۈيۈك ھىندىستان ھۆكۈمدارلىرىنىڭ بىرى ئىدى، ئۇ شۇنداقلا دۇنيا تارىخىدىمۇ بۈيۈك ئىنسانلار گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ ئىدى. ئۇنىڭ ھىندىستاننىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدا تاشلىغان قەدەملىرىنىڭ بىر قىسمى ھازىرمۇ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ، جەڭدە ئىنتايىن جەسۇر ئىدى، بىراق زەپەر قۇچۇپ، ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالغان كىشىلەرگە ئىنسانىي مۇئامىلە قىلاتتى، ھەرتۈرلۈك زۇلۇم ۋە شەپقەتسىزلىككە قارشى ئىدى. تىنچلىقنىڭ بۈيۈك ئەسەرلىرىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشاتتى. مائارىپ تەربىيەسى جەھەتتە ھىندىستاندىكى ھاكىمىيىتىنىڭ ئىزباسارلىرى بولغان ئىنگلىزلارغا قارىغاندا خېلىلا تۆۋەن ئورۇندا تۇرسىمۇ، ئۇ دۆلىتىنىڭ خەلقى ئۈچۈن تېخىمۇ ئىشلارنى قىلىپ بەردى.» (خېلمخولتسنىڭ دۇنيا تارىخىدا دوكتور سىمىت ).

ئەكبەرنىڭ نەۋرىسىنىڭ نەۋرىسى ئەۋرەڭزىب (1658 – 1707) پۈتكۈل ھىندىستان يېرىم ئارىلىنىڭ ھەقىقىي ھۆكۈمدارى ئىدى. ئوقۇرمەنلەر، بۇنىڭ قانچىلىك يېقىن زاماندىكى ئىش ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلغاي!

مۇسۇلمانلار ھېچبىر يەرگە ۋەيرانچىلىق سالمىدى؛ ئۇلار ئۇچراتقان ئىلىم ۋە قابىلىيەتلەرنى قوبۇل قىلىپ بېيىتىپ كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزدى. شۈبھىسىزكى، بۇ ئومۇمىي پوزىتسىيەسى ئۈچۈن ئىسلامنىڭ كەسكىن بەلگىلىمىلىرى ۋە روھىغا رەھمەت ئېيتىش لازىم. بىر ياۋايى غالىبنىڭ زەپەردىن كېيىنكى تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلىرى ئارىسىدا گىرېك قوليازملىرىنى سېتىۋېلىش ھەقلىرىنىڭ بولۇشىنى قەيت قىلىشى ۋىزانتىيە پادىشاھىنى ھەيران قالدۇرغانىدى. ئۇ «ياۋايى» بىر ئەرەب قوماندان ئىدى!

ئىسلام فېنىكېلەرنىڭ ئەينەك ياساش تەجرىبىلىرىنى، كېيىنچە مىسىردىن توقۇمىچىلىق، سۈرىيەنىڭ پاختا، ئىرانلىقلارنىڭ يىپەك ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشلىتىش تەجرىبىلىرىنى قوبۇل قىلدى. «ۋىزانتىيە، قىبتى ۋە ساسانى رەختلىرى مەشھۇر ئىدى.مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ نام – شۆھرەتلىرىنى ساقلاپ قالدى.» دەيدۇ رىسلېر. مۇسلىن ئىسمىنى بۈيۈك ئىسلام مەركىزى مۇسۇلدىن، داماست بولسا، ئىسمىنى دەمەشقتىن ئالغاندۇر. ئۇ دەۋردىن قالغان بەزى رەخت قالدۇقلىرى لوۋرې مۇزېيى ۋە ياپونىيە خان جەمەتى خەزىنىسىدە مۇھاپىزەت قىلىنماقتا. ئەرەب ئەينەكچىلىكى يۈكسەك پەللىگە يەتكەن بولۇپ، ھازىرغىچە ھالقىپ ئۆتۈپ كېتىلگىنى يوق. لوۋرې ۋە بىرىتانىيە مۇزېيلىرىدا ساماررا ۋە فۇستاتنىڭ ئاجايىپ گۈزەل ئۈلگىلىرى بار. ئەرەب خىمىيەچىلەر تۇنجى قېتىم سوپۇننى ئىجاد قىلدى ۋە بۇ مەھسۇلاتنىڭ كۈچلۈك سانائىتىنى تەسىس قىلدى. بەرمەكئوغۇللىرىنىڭ ۋەزىرى ئەلفادىل باغدادتا قەغەز ئىشلەپچىقىرىش ئورنى قۇردى. خىتاي مەنبەلىك بۇ ئىشلەپچىقىرىش قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەرەققىي قىلدى ۋە كېيىنچە ئىسپانىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا ئۆتتى. سەمەرقەنت ئۇزۇن مەزگىل بويىچە سۈپەتلىك قەغەز ساھەسىدە دۇنيانىڭ پايتەختى بولۇشنى داۋاملاشتۇردى.

مىڭبىر كېچىنىڭ مەھلىيا قىلغۇچى شەھىرى باغدادنى، بۈگۈنكى ئىراق زېمىنلىرىغا كەلگەن ئەرەبلەر قۇردى. ئىچىدە مەشھۇر خەلىپە ھارۇن رەشىد ياشىغان زاماندا شەھەرنىڭ يېشى 500 يىلدىن ئازراقلا ئاشقانىدى ۋە دۇنيانىڭ كۈلتۈر ۋە بايلىقىنىڭ مەركىزى ئىدى. بەزى قاراشلارغا قارىغاندا، 11 – ئەسىردە ئۇنىڭ نوپۇسى ئىككى مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، شۈبھىسىزكى، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىدى. ج.رىسلېر ئىسلام ئەنئەنىسىنىڭ بۈيۈك خەلىپىسى ھارۇن رەشىد توغرىسىدا مۇنداق يازىدۇ:

ئۇنىڭ بۈيۈكلۈكى قابىلىيەتلىك، روھلۇق ئىنسانلارنى گويا بىر ماگېنت مىسالى پايتەختكە تارتماقتا ئىدى. بۇ ئارقىلىق ئۇ، كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە شائىر، قانۇنشۇناس، تېۋىپ، تىلشۇناس، مۇزىكانت ۋە سەنئەتچىلەردىن تەشكىل تاپقان بىر مەجلىسنى ئەتراپىغا يىغقانىدى. ھارۇن رەشىدنىڭ سارىيىدىكىگە ئوخشاش بۇنداق ئىلغار زىيالىيلار توپلانغان باشقا بىر يەرگە تارىخ شاھىت ئەمەستۇر. ئۇ يارقىن كۈلتۈر ۋە ئەپۇچانلىق دەۋرى ئىدى. خەلىپە مەئمۇن زامانىدا (ھارۇن رەشىدنىڭ ۋارىسى) ئىسلام دۆلىتى زېمىنلىرىدا 11 مىڭ خىرىستىيان چېركاۋى، يۈزلەرچە يەھۇدىي ئىبادەتخانىسى ۋە زوروئاستېر ئىبادەتخانىلىرى بار ئىدى… 1065 – يىلى باغدادتا قۇرۇلغان نىزامىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (مەدرىسەسى) پۈتكۈل ئىسلام ئەللىرىدىكى ئالىي ئىلىم يۇرتلىرىغا ئۈلگە بولغانىدى. بۇ يەردە قۇرئان كەرىم، ھەدىس، فىقھىي، شافىئىي مەزھىپىنىڭ خاس فىقھىسى، فىلولوگىيە، ئەدەبىيات، جۇغراپىيە، تارىخ، ئېتنوگرافىيە، ئارخېلوگىيە، ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، خىمىيە، مۇزىكا ۋە گېئومېتىرىيە ئوقۇتۇلاتتى… ئۇزۇن ئۆتمەيلا باغدادتا يەنە مۇستەنسىرىييە دېگەن نام بىلەن داڭق چىقارغان قانۇن، تەبىئىي پەنلەر، ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئۆگىتىدىغان خەلقئارالىق ئىسلامىي مەركەز قۇرۇلدى. ئۇ، دۇنيا ئومۇمىي كۈلتۈرى نۇقتىسىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان، كېيىنچە غەربمۇ پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۆت خىرىستىيان مىللەتنى بىرلەشتۈرگەن ھالدا تەقلىد قىلىدىغان بىر ئورگان ئىدى. باشلانغۇچ ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك مەكتەپلەردە (مەدرىسىلەردە) مائارىپ ھەقسىز ئىدى. بەزى كىشىلەر مەككە، قاھىرە، باغداد ياكى دەمەشق ئۆلىمالىرىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىش ئۈچۈن سەپەرلەرگە چىقاتتى. سەپەر ئەسناسىدا ھەممىلا يەردە ھەقسىز قونالغۇ، تاماق ۋە ئۆگىنىدىغان دەرس تاپالايتتى. بىرلا ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتقاندا، 11 – ئەسىردىن 12 – ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇ دەۋرگىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر نەرسىلەرنى كۆرەلەيمىز: كىتابقا نىسبەتەن ھەممىلا يەردە تەسۋىرلىگۈسىز ئارزۇ، ئۆلىمالارنىڭ خىتابلىرى بىلەن زىلزىلىگە كېلىۋاتقان مىڭلارچە جامە، شېئىر ۋە پەلسەپە مۇنازىرىلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان مىڭلارچە ئەمىر سارىيى، ئىلىمنىڭ كويىغا چۈشكەن جۇغراپىيەشۇناس، تارىخچى ۋە ئىلاھىيەتچىلەرگە تولغان يوللار… بۇ، ئىسلام تارىخىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەقىل – پاراسەت پارلىغان دەۋرىدۇر.

بەش يۈز يىل ئىچىدە – 700 بىلەن 1200 – يىللار ئارىسىدا – ئىسلام، مەدەنىيىتىنىڭ ئۈستۈنلۈكى سايىسىدا دۇنياغا ھۆكۈمران بولغانىدى. «ماراكەشتە خەلىپە ئەنناسىر ئىبنى رۇشد (ئاۋېرروئېس) بىلەن ئارىستوتېل ۋە ئەپلاتۇن توغرىسىدا بەس – مۇنازىرە قىلىۋاتقان دەۋرلەردە غەرب ئاقسۆڭەكلەر قاتلىمى ساۋاتسىزلىقى بىلەن پەخىرلىنەتتى.» ئۇمەۋىيلەر سۇلتانى مۇتەفەككىر ھاكىمنىڭ 400 مىڭ جىلد كىتاب قويۇلغان كۇتۇپخانىسى بار ئىدى ۋە ئارىدىن 400 يىل ئۆتكەندىن كېيىن «دانىشمەن» تەخەللۇسلۇق فىرانسۇز پادىشاھى V. شارل مىڭدىن ئارتۇقراق كىتابى بارلىقى بىلەن پەخىرلىنەلىدى. يەئقۇبىي 891 – يىلىدا باغدادتا 100 دىن ئارتۇق كۈتۈپخانا بارلىقىنى قەيت قىلىدۇ. «بۇ دەۋردە ئەدەبىيات ۋە سەنئەتكە ياردەم قىلمايدىغان بىرىنىڭ باي بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى.» (رىسلېر) ئىراقنىڭ كىچىك بىر بازىرى بولغان نەجەفتىكى كۇتۇپخانىدا 400 مىڭ جىلد، ھامالىق كورد شاھزادىسى ئەبۇلفىدانىڭ خۇسۇسىي كۇتۇپخانىسىدا 70 مىڭ جىلد، جەنۇبىي ئەرەبىستاندىكى رەسۇلى ئەمىر ئەلمۇئەييەدنىڭ كۇتۇپخانىسىدا 100 مىڭ جىلد، ماراگادا 400 مىڭ جىلد كىتاب بار ئىدى ۋە رەيدىكى كىتابلارنى تۈرلەرگە ئايرىش ئۈچۈن 10 چوڭ كاتالوگ كېتەتتى. لېكىن، ئەڭ ئېسىل كۈتۈپخانا 6500 جىلدى ماتېماتىكا ۋە 1800 جىلدى پەلسەپە بولۇپ جەمئىي 1 مىليون 600 مىڭ جىلد كىتاب قويۇلغان قاھىرەدىكى ئەلئەزىز كۇتۇپخانىسىدۇر. بۇخارادىكى كۇتۇپخانىغا كەلسەك، مەشھۇر ئىبنى سىنا بۇ يەردە «دۇنيانىڭ ھېچبىر يېرىدە تېپىلمايدىغان» كىتابلارنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

رىسلېر، ئىسلام ئىسپانىيەسىنىڭ بۈيۈك ھۆكۈمدارى  1.ئابدۇرراھمان ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭ غەرب خەلىپىلىكى تەۋەلىكىدىكى ھەرخىل ئېتنىك گۇرۇپپىلار (ئەرەبلەر، بەربەرلەر، نۇمىديالىقلار، ئىسپانلار) نى مەنىۋى بىرلىك ئەتراپىدا بىرلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقىنى بايان قىلىدۇ ۋە سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ:

بۇ نىشان، كېيىنكى بىر قانچە ئەسىردە ئىسپانىيەنى مەدەنىيەتنىڭ يۈكسەك پەللىسىگە يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتنىڭ ئۇلى ئىدى. 788 – يىلى 1. ئابدۇرراھمان ۋاپات بولغاندا، مۇسۇلمان ئىسپانىيە شېئىر، سەنئەت ۋە تېخنىكىسى كۆز چاقناتقۇچى پارلاقلىقى بىلەن غەربنى ئاقارتىشقا باشلىغانىدى.

گوللاندىيەلىك تەتقىقاتچى دوزي، ياۋروپادا ئوقۇش – يېزىش پەقەت چېركاۋنىڭ ساناقلىق كىشىلىرىنىڭلا مونوپوللۇقىدا تۇرۇۋاتقان دەۋردە، ئىسلامىي دەۋر ئەندەلۇسىدا ياشايدىغان ئاھالىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ھەممىسىنىڭلا ساۋاتلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

بىر پارلاق كۈلتۈرنىڭ جەلپكارلىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان پۈتكۈل خىرىستىيان ياۋروپاسىدىن نۇرغۇن كىشىلەر قۇرتۇبە، تولېدو ۋە سېۋىللادىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دەرسلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن سەل بولۇپ ئاقاتتى.

تېرىقچىلىق ھەممىلا يەردە يۇقىرى سەۋىيەدە بولۇپ، ئىلىمنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ئاستىدا ئىدى. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ توختىلىش ئىمكانىيىتىمىز بولمىغانلىقى ئۈچۈن، قولىمىزدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ، بەزى يەكۈنلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن كۇپايىلىنىمىز:

ئىسلام دۆلىتىنىڭ ھەر بىر ۋىلايىتىدە سۇغۇرۇش سىستېمىلىرىغا مەسئۇل بىر دۆلەت مەمۇرى بار ئىدى… 11 – ئەسىردە سېۋىللادا ئوتتۇرىغا چىققان بەس – مۇنازىرە 50 دىن ئارتۇق مېۋىدىن قانداق مەھسۇلات ئېلىنىدىغانلىقىنى، بەزى ئۆسۈملۈك كېسەللىكلىرىنىڭ قانداق يوقىتىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بەزى ئۇسۇللارنى بايان قىلىپ بەرمەكتە… ئىراندا يىپەك غوزىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ھەقىقىي ئىلىم سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلگەنىدى. بۇنىڭ سايىسىدا ئىران ئاساسەن دېگۈدەك ھەممىلا ئەسىردە ياۋروپانىڭ يىپەك ئېھتىياجىنى قامدىماقتا ئىدى. ئىدرىسى، دورىگەرلىك ئىلمى نۇقتىسىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان 360 خىل ئۆسۈملۈكنى تەرىپلىگەن، سېۋىللالىق ئەبۇ ئابباس بولسا، ئۆزىنى سۇ ئاستىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلىغانىدى (لەقىمى ئەننەباتىي (ئۆسۈملۈكچى) ئىدى). 1190 – يىلى يەنە سېۋىللالىق ئىبنى ئەۋۋان، ئۆسۈملۈك، مېۋە، قىغ تۈرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان «كىتابۇلفەللاھ (دېھقانلار قوللانمىسى)» نەشر قىلىپ داڭق چىقارغانىدى. بۇ زىرائەت مۇتەخەسسىسىنى تېرىقچىلىق ئىلمىي ساھەسىدە ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ كاتتا ئۇستازى دېيىشكە بولىدۇ. ھازىرقى تېرىقچىلىقنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى تەرەققىي قىلغان بولۇشى، ئىسپانىيە ئەرەب مەدەنىيىتىگە قەرزدار بولغان ئۈزۈل – كېسىل پايدىلارنىڭ بىرىدۇر.

بۇنى ئوتتۇرىغا قويغان رىسلېر يىغىنچاقلاپ مۇنداق دەيدۇ:

نېمەت ۋە موللۇق نىل، دىجلە ۋە فىرات ۋادىلىرىدا، ئىران ۋە سۇرىيە يايلاقلىرىدا، چوڭ شەھەرلەرنىڭ كارخانىلىرىدا ۋە پورتلىرىدا ھۆكۈمران ئىدى.

پاكىزلىق ۋە تېبابەت ئاجايىپ گۈللەندى. ئۇلارنىڭ گۈللىنىشى بىزگە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىمدۇر. چۈنكى، شۈبھىسىزكى، بۇ ئەھۋال ئىسلامنىڭ بۇيرۇقلىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىكتۇر. پاكىزلىق ۋە تېبابەتكە ئالاقىدار رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ سانى 300 دىن ئارتۇق بولۇپ، «ئاللاھ رەسۇلىنىڭ تېبابىتى» دېگەن تېما ئاستىدا ئايرىم مەجمۇئە قىلىنغان. بۇنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە ئىسلام يېتىپ بارغان ھەممىلا يەردە سۇ قاناللىرى، ھاممام ۋە دوختۇرخانىلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلەتتى. بۇ دۆلەت ئىدارىسىنىڭ پۇقرالار ئالدىدىكى ۋەزىپىسى ئىدى. 850 – يىلى ئىسلام دۆلىتىدە 34 چوڭ دوختۇرخانا بار ئىدى. ئۇلاردىن بىرىنىڭ تەرىپىدە (دەمەشقتىكى «بىمارىستان»)، ئۇنىڭ دۆلەتنىڭ مەردلەرچە قىلغان ياردىمى سايىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئەسلىھەلىرىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، باي بولسۇن، يوقسۇل بولسۇن، پۈتكۈل خەلقكە ئىشىكىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ۋە 24 دوختۇرىنىڭ بارلىقىنى كۆرىمىز. مەشھۇر تېبابەت تارىخچىسى نېئۇگېبائۇئېر مۇنداق دەيدۇ:

ئوتتۇرا ئەسىر سەيياھلىرىنىڭ ھەممىسى – سانى ناھايىتى كۆپ – شەرقتىكى دوختۇرخانىلارغا ئالاقىدار ئىنتىلدۈرگۈچى قاراشلاردا ھەمپىكىردۇر. دوختۇرخانا سېلىش ئىسلام كۈلتۈرىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىجادىدۇر. سارايبوسنىيە سۇ يوللىرىغا ۋىيېننادىن 378، لوندوندىن بولسا 148 يىل ئاۋۋال ئېرىشتى. كەڭ ئومۇملاشقان خەلقكە ئوچۇق ھامماملار ئىسلامنىڭ ئەۋزەللىكى بولۇپ، ھەرقانچە پېقىر بولسىمۇ، ھەر ئۆيدە بىر مۇنچا (ياكى شۇنىڭ ئۈچۈن ئاجرىتىلغان بىر ئورۇن) نىڭ بولۇشى بىلەن سىستېمىلىق شەخسىي تازىلىقنىڭ نورمال بىر بۆلىكى ئىدى. سېلىشتۇرۇش ئۈچۈن، 20 – ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى «ساقاللىرىدا مەينەت، ئەخلەت، ئەرزان ھاراقنىڭ پۇرىقى ۋە بۇزۇقچىلىق ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكەن» نيۇ يورك مەھەللىسى – ھارلېمنى مىسال كەلتۈرۈش مەجبۇرىيىتىمىز يوق، پارىژنى مىسال قىلايلى. 1965 – يىلى چىققان ئىتالىيە گېزىتى «كوررىئېرې دېللا سېرا» نىڭ بىر خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتىمەن. چۈنكى، ئىشىنىش قىيىن بىر ئىش ئىدى. «پارىژدىكى ئۆيلەرنىڭ %66 ىتىدە، ئەگەر پەقەت شەھەر مەركىزى ھەققىدىلا توختىلىدىغان بولساق، ئۇ ھالدا ئۆيلەرنىڭ دەل %80 ىنىڭ مۇنچىسى يوقتۇر.» پارىژ نوپۇسىنىڭ %10 ى ۋولتېرنىڭ «پۈتۈن پارىژلىقلار سۇ يوللىرىغا ئېرىشىشى كېرەك» دېگەن تىلىكىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۈتمەكتە.

773 – يىلى ئەلمەنسۇر، مىلادىدىن بۇرۇنقى 425 – يىلىدا سانسكرىتچە يېزىلغان ئاسترونومىيە توغرىسىدىكى بەزى يازمىلارنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى تەلەپ قىلدى. ئىبراھىم ئەززەرقالىنىڭ ئەسىرى بولسا كېرەك، پىلانېتالارنىڭ ھەرىكەتلىرى توغرىسىدىكى داڭلىق تولېدو رەسىملىرى ئۇزۇن زامانلار بويىچە ياۋروپا ئاسترونومىيەسىنىڭ ئۇلى ئىدى.

ئەلبىترۇنى، ئۇ نەزەرىيە سايىسىدا پتولمېينىڭ ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئانالىز قىلغان ئېپىسكل ۋە مەركەزدىن يىراقلىق نەزەرىيەسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، كوپېرنىكنىڭ يولىنى ئاچقان بولدى، (غەربتە ئاساسەن شائىر دەپ تونۇلغان) ئۆمەر ھەييامنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرى بولسا، نۆۋەتتە بىز ئىشلىتىۋاتقان گرېگورىيان كالىندارىدىنمۇ توغرا بىر كالېندارنىڭ تېپىپ چىقىلىشىنى مۇمكىنچىلىككە ئىگە قىلدى (ھەييام كالېندارىدا 5000 يىلدا بىر كۈن خاتا چىقسا، گرېگورىيان كالېندارىدا بۇ خاتالىق 3300 يىلدا بىر كۈندۇر). ئىسپانىيەلىك مۇسۇلمان ئىلىم ئەربابى ۋە ئوپتىك توغرىسىدىكى كىتابنىڭ ئاپتورى ئىبنى ھەيسەم (غەربتە ئەلخازېن) نىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلىرى ياۋروپالىق تەتقىقاتچى بېكون ۋە كېپلېرنىڭ تەتقىقاتلىرىنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈردى. ياۋروپالىق ماتېماتىكىچى چاسلېس (19 – ئەسىر) ئەلخازېننىڭ تەتقىقاتلىرىغا «ئوپتىك ساھەسىدىكى مەلۇماتلىرىمىزنىڭ نېگىزى ۋە ئاساسىي» دەپ باھا بېرىدۇ، ئاسترونوم بىگوردائىن ئۇ ئەسەرلەر توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:

ئۇلار (ئەلخازېننىڭ تەتقىقاتلىرى) پتولومېي نەزەرىيەلىرىدىن خېلىلا ئۈستۈندۇر.

سېدىللوتنىڭ ئەرەب ئاسترونومىيەسى ھەققىدىكى ئومۇمىي قارىشى مۇنداق:

ئونىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا باغداد ئاسترونومىيە مەكتىپى تېلېسكوپ ۋە لېنس ياردىمىغا تايانماستىنلا ئېرىشكىلى بولىدىغان ئىلىمنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىگە يەتتى.

ئەرەب شېئىرىنىڭ تەسىرىنى غەرب ئەدەبىياتىنىڭ تۇنجى بۈيۈك شېئىرى بولغان رولاند توغرىسىدىكى شېئىر (1080 – يىللار ئەتراپىدا) دىمۇ ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. گوياكى ئۇنىڭ بوكاسى، چاسېر، تېنيسون ۋە بروۋنىڭغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ دەتالاشسىزلىقىغا ئوخشاشلا. ئىلاھىي كومېدىيە شائىرى دانتې ئىسلام مەنبەلىرىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ئاستىدا ئىدى.

بىر يازغۇچى مۇنداق دەيدۇ:

بۇ ئۆلمەس شېئىر، ئاسمان ۋە دوزاخ يوللىرىدىكى سىرلىق سەپەرنى تەسۋىرلىگەن يەرلىرىدە ئەرەب تەسۋىرلىرى تولۇپ كەتكەندۇر.

بەزى يازغۇچىلار (بارۇخ كالمى)، بۇ تەسىرنى بىۋاسىتە ھالدا قۇرئان كەرىمدىكى ئىسا ۋەقەسىگە ۋە مېراج ھادىسىسىگە چېتىپ ئىزاھلايدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا، ئەرەب ئەدەبىياتىغا، بولۇپمۇ 12 – ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئەرەب پەلسەپىچى ۋە مۇتەسەۋۋۇپ ئىبنى ئەرەبىگە باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ (ج.رىسلېر). دونكىخوت توغرىسىدىكى پىكىر ئەسلىدە ئەرەب مەنبەلىكتۇر (سېرۋانتىس ئۇزۇن يىللار بويىچە ئالجىرىيەدە ئەسىر بولۇپ ياشىغان، ئۆزىمۇ بۇ ئەسىرىنى دەسلىپىدە ئەرەبچە يازغانلىقىنى بىلدۈرگەن) گوياكى دانىئېل دېفوئېنىڭ «روبىنسون كروزۇ» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئەرەب پەلسەپە يازغۇچىسى ئىبنى تۇفەيلنىڭ «ھەيي بىن يەقزان» ناملىق ئەسىرىدىن ئىلھام ئالغىنىغا ئوخشاش.

ھەممە ئۆز ئىچىدە ۋە ئۆزى ئۈچۈن «ئىسلام بىر خەلقنىڭ كۈچلىرىنى ئۇخلىتامدۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرەلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بۇ «ھەقىقەتلەرنىڭ قاقشاتقۇچ كۈچى» ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەردىن كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇرمەن. بىر چاغلاردا ئىلھام ۋە ھەرىكەت بېغىشلىغان، شەھەرلەرنى ۋە دۆلەتلەرنى قۇرغان ئىسلامنىڭ بۇنىڭغا زىت نەتىجىلەرنى بېرىشىنى قوبۇل قىلىش مۇمكىنمۇ؟

بۇنىڭدىن سىرت، بىزنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ نەتىجىلىرى توغرىسىدىكى تەسۋىرلىرىمىزنىڭ پارچە – پارچە ۋە ناتامام ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈش لازىم.

ئونلارچە بايراقدار زات ئارقىلىق ئۆزىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان ئىسلام پەلسەپىسى بۇ يەردە تىلغا ئېلىنمىدى. ئىسلام پەلسەپىسى تارىخىنىڭ ئەڭ قىسقا تەسۋىرىمۇ بىر قانچە توم يېزىنى تەلەپ قىلىدۇ ( مەسىلەن، ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرى ناملىق فىرانسۇزچە ئەسەر 10 تومدۇر). يەنە، مەرۋايىت مارجاننىڭ ئىككى ئۇچى بولغان ھىندىستاندىكى ھەشەمەتلىك تاج مەھەل ۋە ئىسپانىيەدىكى سۆيۈملۈك ئەلھامرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلام بىناكارلىقىمۇ بايان قىلىنمىدى. بىزمۇ مۇئەييەن نىشاننى كۆزلەپ ئىسلام مەدەنىيىتى ھادىسىسىگە ئالاقىدار نۇرغۇن ئۇچۇرلاردىن، گوياكى بىر گېئولوگنىڭ ئالدىدىكى غايەت زور توپراقتىن بىر ئاۋۇچ قۇم ياكى تاش پارچىسى ئالغىنىدەك، رەت تەرتىپىگە قاراپ ئولتۇرماستىن ئەڭ يۇقىرىدىكىلىرىنىڭ ناھايىتى ئاز ساندىكىلىرىنى مۇھاكىمە قىلدۇق.

ئەمدى نۇرغۇن ئادەم ئورۇنلۇق ھالدا مۇنۇ سوئالنى سورايدۇ: «مۇشۇنداق تارىخىي ھەقىقەتلەر مەۋجۇت ئىكەن، ئىسلام فاناتىزم، نادانلىق ۋە زۇلۇم دىنى سۈپىتىدە تونۇتۇلغان يالغان ۋە كەڭ ئومۇملاشقان ئەپسانە قانداقسىگە ئىزچىل ھالدا كۈنتەرتىپتە قالالىدى؟»

ئوتتۇرا ئەسىردە يارىتىلغان ئىسلام توغرىسىدىكى ھەقىقەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز تەسەۋۋۇرلار، بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا، ھازىرمۇ ياۋروپادىكى ھەر خىل ئىدېئولوگىيەلىك ۋە سىياسىي كۈچلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىگە پايدىلىق بىر ئەھۋالدۇر. بۇ كۈچلەر باشقا بارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆزئارا جېدەل قىلىشسىمۇ، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا زىيان يەتكۈزۈشكە توغرا كەلگەندە ھەردائىم ھەمپىكىردۇر. ئاتالمىش «تەرەققىيپەرۋەر ئۇنسۇرلار» نىڭ باشقىچە، چېركاۋنىڭ باشقىچە سەۋەبلىرى بار ئىدى ۋە ئىمپېرىيالىست دۆلەتلەر شەرقنى ئىشغال قىلىش ۋە بۇلاپ – تالاش يۈرۈشلىرىنى – بۇ يەردە – ياۋايىلارنى مەدەنىيلەشتۈرۈش ۋەزىپىسى دەپ كۆرسىتەلەيتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە يېڭى ئەۋلادنىڭ نۆل دېيىشكە بولىدىغان تارىخ مەلۇماتىدىن ئىبارەت ھەقىقەت ياردەمچى بولدى ۋە چېكىنىش مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مۇسۇلمان شەھەرلەرنىڭ مەينەت، قالايمىقان كۆرۈنۈشلىرى تېگىشلىك دەرىجىدە بۇ قايمۇقتۇرغۇچى تىياتىرغا ھەمدەم بولدى. ئەلۋەتتە، بۇ نەتىجىگە سىناقتىن ئۆتكەن مېتود بويىچە يېرىم ھەقىقەتلەردىن پايدىلىنىپمۇ ئېرىشىش مۇمكىن ئىدى. بۇ مېتودنىڭ مەزمۇنى ئىسلامنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىدىكى ھەربىر كۈننىڭ پۈتكۈل سەلبىي ھادىسىلىرىنى ئىزچىل ھالدا ئەستايىدىللىق بىلەن بىرمۇبىر خاتىرىلەپ مېڭىش ۋە ئۇلارنى داۋاملىق تەكرارلاش، ئىجابىي ھادىسىلەرنى بولسا، سىستېمىلىق ھالدا كۆرمەسكە سېلىشتىن ئىبارەتتۇر. مانا بۇ «سۈكۈت خىيانىتى» نىڭ يەكۈنى سۈپىتىدە ئىسلامنىڭ ئىلىم – پەنگە قوشقان تۆھپىلىرىگە بىر مىسال كۆرسىتىپ ئۆتەيلى.

مۇسۇلمانلارنىڭ ماتېماتىكىغا قوشقان تۆھپىلىرىسىز بۇ پەننىڭ تارىخىي تەرەققىياتى توغرىسىدا ئەستايىدىل مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش مۇمكىن ئەمەس. لېكىن، شۇنداق «قابىلىيەتلىك»(!) تارىخچىلار بولدىكى، بۇ ئىمكانسىز دەپ قارىلىۋاتقان ئىشنى روياپقا چىقىرالىدى. ئۇلار، 1000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتنى چاقچاق مىسالى ئاتلاپ ئۆتۈپ، ئۆكلىدتىن كېيىنلا بىۋاسىتە ھالدا ياۋروپا ماتېماتىكىسىنىڭ باشلانغۇچىغا ئۆتۈپ كېتەلىدى. ئەستايىدىل بولمىغان ئوقۇرمەن بۇنداق «ھايات – ماماتلىق ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىش» نى پەرق ئېتەلمەيدۇ، ھېس قىلغان تەقدىردىمۇ، ئالدىنئالا ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئاتالمىش بوشلۇقىغا تەييارلانغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭغا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ. ئۇ خىل ئوقۇرمەنلەر، ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئىسپانىيەدىن ھىندىستانغىچە بولغان كەڭ كەتكەن رايونلاردا ئۇنداق بوش ئەمەسلىكىنى بىلمەيدۇ. ھالبۇكى، ماتېماتىكىنىڭ تەرەققىياتىدا ناھايىتى ئۇزۇن بىر دەۋر ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىلدى. چۈنكى، ئىسلام ماتېماتىكىچىسى ئىبنى ئەھمەد (ئىشلىتىلىشىنى «ئىلىمنىڭ ئاچقۇچى» ناملىق ئەسىرىدە تەۋسىيە قىلغان) نۆل سانىنى كەشىپ قىلدى. بۇ كەشىپنىڭ ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئەھمىيىتىنى پەقەت بۇ نۇقتىغا تولۇق مەنىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر ئوقۇرمەنلا پەرەز قىلالايدۇ. ئىبنى مۇسانىڭ «ئەلجەبر ۋەلمۇقابەلە» ناملىق ئەسىرى گېرارد دې كرېمون تەرىپىدىن 12 – ئەسىردە لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىندى ۋە بۇ ئەسەر غەرب ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا 16 – ئەسىرگىچە ئاساسلىق ئەسەر سۈپىتىدە ئوقۇتۇلماقتا ئىدى. يۇقىرى بايان قىلىنغان ئۆمەر ھەييام ئۆكلىدنىڭ گېئومېتىرىيەگە ئالاقىدار قاراشلىرىغا قاراتقان مەشھۇر تەنقىدلىرىنى ئېلان قىلغان. ئۇ (ھەييام) ئوتتۇرىغا قويغان كۇبمېتىر ئۆلچەملىرى بولسا، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئەسىر ماتېماتىكىسىنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسى دەپ قارىلىدۇ. ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەلبەتتامى (غەربتە ئالباتېگىئۇس دەپ ئاتىلىدۇ، 10 – ئەسىر) زامانىۋى تىرگونومېتىرىيەنىڭ ھەقىقىي ئىجادچىسى دەپ قارالماقتا ۋە ئۇنىڭ بۇ مەنىدە ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرى ھازىرمۇ ئوخشاش شەكىلدە ئىشلىتىلمەكتە. غەرب سىنۇس، كوسىنۇس، تانگىنىس، كوتانگېنس، ئىككى نامەلۇملۇق ئۇقۇملىرىدا ئەرەبلەرگە قەرزداردۇر. تۇنجى سىنۇس جەدۋەللىرىنى 1229 – يىلى ئەتراپىدا ھەسەن ئەلمەراكەشى سىزدى. ج.رىسلېر: «ئۇلار گىرېتسىيەلىكلەر ئەمەس، بىزنىڭ رېنېسانسنىڭ ئۇستازلىرى بولغان ئەرەبلەر ئىدى» دەيدۇ.

بۇ ئاساسەن بىر – بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان نۇرغۇن مىساللارنىڭ پەقەتلا بىرىدۇر. بىزنىڭ ئۆز ئۆتمۈشىمىزدە ھەققىمىز بار ۋە كىم ئىكەنلىكىمىزنى، قەيەردىن كەلگەنلىكىمىزنى ۋە قەيەرگە كېتىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىشىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئېرىشتۈرىدىغان يولنى ئېچىشقا مەجبۇرمىز. بۇ تارىخىي كۆزنەك، ئىنسانىيەتنىڭ، مەيلى سىياسىي، مەيلى كۈلتۈر تارىخىدا بولسۇن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىل بويىچە قانداق پائال ئىشتىراكچى بولغانلىقىنى ۋە بىزنىڭ چېكىنىش دەۋرىمىزنىڭ ئەسلىدە قانچىلىك قىسقا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. چۈنكى، ئىسلامىي چېكىنىشنىڭ ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسى بولغان 1918 – يىلىنىڭ كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان، ھېچبىر مۇستەقىل مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ قالمىغانلىقىدەك رېئاللىق ئەمدى ئاساسەن دېگۈدەك ئۆتمۈشكە ئايلاندى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئەسىر، پېقىر ۋە نادان دېمەك مۇسۇلمان دېمەك دېگەن قاراشنىڭمۇ ئۆتمۈشتە قالغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ پۈتكۈل جايلىرىدا ئويغىنىش ئىشارەتلىرى ۋە يېڭى ئىرادىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە. بىر نەرسە ھەرىكەت قىلدىمۇ، ئۇنى توختاتقىلى بولمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى تېخىمۇ يېڭىدىن تۇغۇلۇش ئەمەس، بىراق بۇ يېڭىدىن تۇغۇلۇشنىڭ ئىشەنچكە تولغان ۋەدىسىدۇر.

III

بىز باشتا سورىغان «مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشىنىڭ جاۋابكارى ئىسلاممۇ؟» دېگەن سوئال بۇ يەرگە كەلگەندە، تەتۈر ھالەتتە ئالدىمىزغا چىقىدۇ: مەزكۇر ئارقىدا قېلىشنىڭ سەۋەبى خۇسۇسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتىن ئىسلامنىڭ يەكلىنىشىمۇ نېمە؟ بۇ سوئال بىزنى، بۇ ماقالىنىڭ بېشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىككىنچى شەرتنى مۇھاكىمە قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ: مۇسۇلمانلار ئىسلامغا رىئايە قىلىۋاتامدۇ؟

ئىسلام زۇلۇمغا قارشىلىق كۆرسىتىشنى، جاسارەتلىك بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇرا سۈرىسىنىڭ 39 – ئايىتىنىڭ مەزمۇنىدىن زۇلۇمغا باش ئەگكۈچىلەرنىڭ مۇسۇلمان بولالمايدىغانلىقىنى يەكۈنىنى چىقىرىشقا بولىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇنىڭغا كەسكىن رەۋىشتە قۇرئان كەرىم دەۋەت قىلىدۇ ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار ئىسلامنىڭ ئۆتمۈشىدە مىڭلارچە مىسال بار. بىراق، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى توخۇ يۈرەك – قورقۇنچاقلار ۋە يەرلىك ياكى يات بولسۇن، ھۆكۈمدارلارغا يالاقچىلىق قىلىدىغان كىشىلەر بىلەن تولۇپ ياتىدۇ. موڭغۇللار تەييارلىغان قۇشخانىغا قارشىلىق بىلدۈرمەستىن قويلارغا ئوخشاش ياۋاشلىقچە ماڭغان باغدادنىڭ مىڭلارچە ئاھالىسى (پەقەت ئۇلارلا ئەمەس) (ئۇ پوزىتسىيەدىن كېيىن) كەسكىن ھالدا مۇسۇلمان ئەمەس ئىدى. ئىسلام ھاراقنى چەكلىدى. بىراق، ئۇ ئارقىسىدا ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردە ۋەيرانچىلىق پەيدا قىلماقتا؛ كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلىتىدە ئىشلەپچىقىرىلماقتا ۋە ئىچىلمەكتە.

ئىسلام پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ قېرىنداشلىقىنى پەرز قىلدى، بىراق مۇسۇلمانلار ئىتتىپاق ئەمەس، ھەتتا باشقىلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ئۆزئارا جەڭ قىلماقتا.

ئىسلام ئاياللارغا ئىنسانىي ئورۇن، ئالىي دەرىجىدە مۇستەقىللىق ۋە بەزى مەسىلىلەردە تولۇق باراۋەرلىك بەردى. ئىسلامنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا مۇسۇلمان ئاياللار ئەرلىرى ئۇرۇشقا ماڭغاندا ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ماڭمىغانمىدى ۋە تەنتەنە قىلىپ ئۇلارغا جاسارەت بېغىشلىغۇچى ھەرىكەتلەرنى قىلمىغانمىدى؟ (مەسىلەن 634 – يىلى ھىراكىليۇس ئۈستىدىن ئۈزۈل – كېسىل غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلگەن يەرمۇك ئۇرۇشىدا). دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمىي ئۇنىۋېرسىتېتى  بولغان ماراكەشتىكى قەيرەۋان ئۇنىۋېرسىتېتى (1960 – يىلى بۇ ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 1100 يىللىقىنى تەبرىكلىدى) ئىككى مۇسۇلمان ئايالنىڭ ۋەخپىسى ئىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئەھۋالى ئاياللارنى ئېزىش ۋە ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلىتىش جەھەتتە قۇللارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاپ قالدى.

ئىسلام تۇپراقنىڭ جەمئىيەتكە، يەنى پۈتكۈل مۇسۇلمانلارغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بىراق، كۈچلۈك ئاز سانلىقنىڭ مىليونلارچە دېھقاننى يەر – زېمىنسىز قالدۇرۇپ، ئەڭ كۆپ پاينى ئۆزىنىڭ ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈلمەكتە. ئىراقتا يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلغان 1958 – يىلىدىن بۇرۇن 22 مىليون كىۋادرات مېتىر تېرىقچىلىق قىلىشقا بولىدىغان يەرنىڭ 18 مىليون كىۋادرات مېتىرى ياكى %82 ى 3629 چوڭ يەر ئىگىسىنىڭ قولىدا قالدى. بۇ مەزگىلدە 1 مىليون 400 مىڭ دېھقان پۈتۈنلەي يەر – زېمىنسىز تاشلىنىپ قالدى. بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار كۆپلىگەن مۇسۇلمان ئەللىرىدە مەۋجۇت ئىدى. ئىسلام «مۇسۇلمانلار قېرىنداشتۇر» دەيدۇ، بىراق چوڭ يەر ئىگىلىرى بىلەن دېھقانلارنىڭ قېرىنداش ئەمەسلىكى بىر رېئاللىقتۇر.  ئىسلام ھەقىقىي مەنىدە تەتبىقلانغان تەقدىردە، ئىجتىمائىي ئوخشىماسلىقلارنىڭ ئىزچىل ئازىيىشىغا سەۋەب بولىدىغان، بايلارنىڭ مېلىدا يوقسۇللارغا ئائىت بىر مىقدار مالنىڭ بارلىقىدىن ئىبارەت قائىدىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىراق، كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار شەھىرى بىرلا ۋاقىتتا ھەددىدىن زىيادە ئىسراپخورلۇق بىلەن دەرىجىدىن تاشقىرى يوقسۇللۇق ئىچىدە ياشىماقتا. ئىسلام قوشنىسى ئاچ تۇرسا، توق ھالەتتە ئۇخلاپ قالغان كىشى مۇسۇلمان ئەمەس، دەيدۇ. بەزى ئىستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلەردە ئىزچىل ھالدا باشقىلارنىڭ ياردىمىگە موھتاج كىشىلەرنىڭ سانى بەزىدە ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %20 ىگە يەتمەكتە. دەل شۇ پەيتلەردە ئۇلارنىڭ دىن «قېرىنداشلىرى» يىپەك ۋە ئەتلەستىن تەييارلانغان تۆشەكلەردە بەھۇزۇر ئۇخلىماقتا، ھېچبولمىغاندىمۇ ۋىجدانى بىئارام بولۇپ ئۇخلىيالماسلىق دەردىگە دۇچار بولمايۋاتماقتا.

ئىسلام خەلىپىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، لېكىن ئۇ پادىشاھلاردىنمۇ ئۈستۈن پادىشاھقا ئايلاندى. دەسلەپكى خەلىپىلەر ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر ۋە ھەزرىتى ئۆمەر، سارايلارنى سېلىپ، خىزمەتچىلەر بىلەن سارايلارنىڭ قېلىن تاملىرىنىڭ ئارقىسىغا كىرىۋالغان، جىھاد قىلىشنىڭ ئورنىغا بولاڭ – تالاڭ يۈرۈشلىرىنى پىلانلاپ ئىجرا قىلغان «ۋارىسلىرى (ۋالىيلار)»غا قانداق ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى سىز تەسەۋۋۇر قىلىشقا تىرىشىپ بېقىڭ. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ كۇفە ۋالىيسىغا يوللىغان مەكتۇپى (بۇ ۋالىي ناھايىتى كۆپ مۇسۇلمان ھۆكۈمدارنى ئەسلىتىدۇ) ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىدىغان ھۆكۈم ھەققىدە ھېچقانداق گۇمان – شۈبھىگە ئورۇن قالدۇرمايدۇ (بۇ مەكتۇپنىڭ بىر قىسمىنى خ.گ.ۋېلس «دۇنيا تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە نەقىل كەلتۈرىدۇ). بىراق، خەلقلەر ئۆزلىرىگە لايىق باشقۇرغۇچىلار قاتلىمىغا ئىگە بولىدۇ. بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىدە نوپۇزغا ئىگە ھەرخىل پادىشاھ ۋە ئەمىرلەر ياكى سېتىۋېلىنغان پۇقرالار خەلقنىڭ ئىچىدىكى «بىر نەرسىنىڭ چىرىپ» كەتكەنلىكىنىڭ روشەن ئىشارىتىدۇر. چۈنكى، تەلەپ پەقەت جەسۇر ئادەملەرگە ئەگىشىدۇ ۋە پەقەتلا ياخشى ۋە ساغلام خەلقلەرلا ياخشى ھۆكۈمەتكە ئىگە بولۇش «تەلىيى» گە ئىگىدۇر.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەيدۇكى: «ئۈچ ھاكىمنىڭ كەم دېگەندە ئىككىسى جەھەننەمگە لايىق بولىدۇ.» بۇ ھاكىمىيەتكە ئالاقىدار ئومۇمىي ئىشتۇر. ھەر ھۆكۈمدارلىق ئىنسانلارنى بۇزىدۇ ۋە بۇ بۇزغۇنچىلىقنىڭ ۋەيران قىلغۇچ تەسىرىگە پەقەت ئاللاھقا ئېيتقان ئىمان ۋە ئەخلاقىي قىممەت – قاراشلارنى ئىزچىل جانلىق ھالەتتە تۇتۇپ تۇرۇش پائالىيىتىگە تاقابىل تۇرالايدۇ. خەلق بولسا، دوزاخقا لايىق ئۇ ئىككى ھۆكۈمدارنى تونۇپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇلاردىن قۇتۇلۇشقا ئېلىپ بارىدىغان شارائىتلارغا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئىسلام خاتا ئېتىقادلارغا قارشى تۇردى ۋە ئۇنى بىر قېتىمدىلا ئۇ دەۋر دۇنياسىنىڭ بىپايان سەيناسىدىن سۈپۈرۈپ تاشلىدى. ئاللاھ دىن بىلەن باتىل ئېتىقاد ئارىسىدا روشەن بىر سىزىق سىزىپ بەردى. بىراق، باتىل ئېتىقاد نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ روھ ۋە ئۆيلىرىدە ئەركىن – ئازادە پاناھلىنىش ئورنىغا ئېرىشتى، ئارقىدىن ھەرخىل تۇمارلار ۋە باشقىلار شەكلىدە تولۇق مەنىدىكى دىن سودىسىغا ئايلاندى. ئەگەر دىن باتىل ئېتىقادنى يوقىتىپ تاشلىيالمىسا، باتىل ئېتىقاد دىننى يوقىتىپ تاشلايدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇرۇشنىڭ مۇشەققەتلىك كۈنلىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ نادانلىقتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلدى (ئەسىر دۈشمەن مۇئەييەن ساندا مۇسۇلمانغا ئوقۇش – يېزىشنى ئۆگىتىپ قويسا، قويۇپ بېرىلەتتى). ئىلگىرىكى مۇسۇلمانلار، بۇددىست مەدەنىيەتنىڭ مەھسۇلاتى دەپ تەرەددۇتلىنىپ ئولتۇرماستىن، لاتىنچە ۋە گىرېكچە نۇرغۇن كىتابنى تەرجىمە قىلىشقا باشلىدى. چۈنكى «ئىلىم مۇسۇلماننىڭ يوقىتىپ قويغان نەرسىسىدۇر ۋە ئۇچراتقان يەردىن ئېلىشى لازىمدۇر» (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام). بۇ يەردە بولسا، ئاتالمىش بىر ئىسلام ھۆكۈمدارى ئىسلام نامىدىن مائارىپنى ئاساسەن چەكلىمەكتە. ئۇ ئىسلامغا نادانلىق يولى بىلەن خىزمەت قىلىشنى خالايدۇ.

مائارىپنىڭ بۇ قورقۇنچلۇق چەكلىمە قويۇش پىكىرىنى بىر يانغا قايرىپ قويۇپ، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە مائارىپقا ناھايىتى ئاز پۇل – ئوتتۇرىچە مىللىي كىرىمنىڭ %1 ى ئاجرىتىلماقتا ۋە مەۋجۇت پەرقنىڭ ئازدۇر – كۆپتۇر چۈشىنىشكە بولىدىغان بىر مۇددەت ئىچىدە تۈگىتىلىشى ئۈچۈن، بۇ مەبلەغ 4 – 5 ھەسسە كۆپەيتىلىشى لازىم (بۇ ئىككى يەكۈن، ب د ت پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىقى مۇسۇلمانلار ياشايدىغان دۆلەتلەرگە ئالاقىدار  1964 – يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدىن ئورۇن ئالغان).

ئىسلام، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش، ناماز، جامائەت، روزا، ھەج ۋاسىتىسى بىلەن، ئىنسانلار بىرلىكتە كۈرەش قىلىدىغان، خاپىلىقنى تەڭ تارتىپ، خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ بايلىقنى ئېرىشكىلى بولمىسىمۇ، ئىزچىل ئىنتىلدۈرگۈچى بىر نىشانى بولغان ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى ياراتماقچى بولدى. بىراق، بۈگۈنكى (تېخىمۇ توغرىسى بىر مەزگىل بۇرۇنقى) مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ رېئال ۋە ھەقىقىي كارتىنىسى، يوقسۇل يېزىلىقلار، نام چىقارغان بايلار ۋە ئۆز دۆلەتلىرىدە ياتلىشىۋاتقان نەسەبسىز زىيالىيلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يوقسۇل ۋە نادان يېزىلىق ئىسلامنى (بەلكى چۈشەنمەي تۇرۇپ) ياخشى كۆرىدۇ، باي ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن ئىسلامغا بويۇن ئېگىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، زىيالىي بولسا، ئۇنىڭغا بىپەرۋا قارايدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا، «ئىككى نەرسىدىن سەسكىنىمەن؛ ئابىد ناداندىن ۋە ئەمەل قىلمايدىغان ئالىمدىن» دەيتتى. ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! سېنىڭ سەسكىنىدىغان يەنە نۇرغۇن نەرسىلەر بار، ھەتتا بىر چەت ئەللىكمۇ ئۆزىنى تۆۋەندىكى ۋايساشنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا مەجبۇردەك ھېس قىلىپتۇ: «ئەگەر ئاللاھنىڭ رەسۇلى ھازىر قەبرىسىدىن تۇرۇپ، ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئۆز دىنى بىلەن نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسە، جەزمەنكى قاتتىق ئاچچىقلانغان ۋە بۇنىڭغا ئىشتىراك قىلغانلارغا لەنەت ئېيتقان بولاتتى» (لوتروپ ستوداردنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ھارپىسىدا ئېلان قىلىنغان «ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۈگۈنى» ناملىق ئەسىرىدىن).

بىر قانچە يىل ئاۋۋال پاكىستاندا، پاكىستان جەمئىيىتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان بەزى ئىجتىمائىي ناچارلىقلارنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ تاشلاش توغرىسىدا تەكلىپ سۇنىدىغان بىر كومىتېت خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى؛ نىشانغا ھاراق، پاھىشىۋازلىق، ئۆسۈم (جازانە) ۋە پاكىستان خەلقىنى ئېغىر ماددىي ۋە مەنىۋى قىيىنچىلىققا دۇچار قىلغان غەيرىي ئىسلامىي ئادەتلەر ئېلىندى. ئارقىدىن تاراتقۇلار، بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە كاراچىدىكى پاھىشىخانا ساھىبلىرى ئۇ يەردە ئىشلەيدىغان ئاياللار بىلەن بىرلىكتە، ھەرھالدا ئۆزىنى ئىسلام دۆلىتى دەپ ئېلان قىلغان بىر دۆلەتتە بىرلىكتە ياشاش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىپ، ھەقىقىي كىچىك نارازىلىق يىغىلىشلىرىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئىشلار مۇشۇ تەرتىپ بويىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن.

مۇسۇلمانلارنىڭ يېقىن رېئاللىقىنىڭ كارتىنىسى پۈتۈنلەي بولمىسىمۇ، ئادەمنى يېتەرلىك دەرىجىدە بىئارام قىلىدۇ. ئۇلارنى يىقىپ تاشلىغۇچىلارغا يالۋۇرغۇدەك بولۇپ كەتكەن بۇ ئازابلىق نەرسىلەرنى ساناش ئىشىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، ئىسلامغا ئىمان كەلتۈرگۈچىلەر بىر تەسەللىي قالدى: بۇ ئەھۋال ئىسلام تەتبىقلانغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئۇنىڭ يەكلەنگەنلىكىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلماقتا. ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئەمەس، يوقلۇقىنى مەنبە قىلماقتا. بۇ تەسەللىي مۇنۇ مەنتىقىنى ھەرىكەتكە  كەلتۈرىدۇ: ئىسلامنىڭ يوقلۇقى ئارقىدا قېلىش ۋە قالايمىقانچىلىققا ئېلىپ بارغان بولسا، ئىسلامنىڭ قايتىشى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىغا يېڭى روھ ۋە تېخىمۇ يورۇق بىر دەۋرنى ئېلىپ كېلەرمۇ؟ بۇ سوئال قاچانلا سورالمىسۇن، يەنە بىر سوئالنىمۇ بىرلىكتە ئېلىپ كېلىدۇ. ئىسلامنىڭ چاغداشلىقى (زامانىۋىلىقى)، ئۇنىڭ ھاياتنىڭ يېڭى شۇنداقلا ئۆزگەرگەن شارائىتىدا ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش، ھاياجانلاندۇرۇش ۋە لىدىرلىك قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ياكى ئەمەسلىكى مەسىلىسى. چۈنكى، ناھايىتى كۆپ ئاڭلايدىغىنىڭىز: بۈگۈن ئاتوم دەۋرىدۇر، ئىسلام كونا زامانغا مۇۋاپىق ئىدى، ئۇ دەۋردە ئىلگىرىلەش ھېسابلىناتتى ۋەھاكازالار . بۇ ئاتالمىش «ئاتومچە قاراش» مۇشۇ خىل سۆزلەرنىڭ كۆپلەپ مۇراجىئەت قىلىنىدىغان بىر سەۋەبىدۇر.

ئىسلامنىڭ زامانىۋىلىقى توغرىسىدىكى بىر دەتالاشنى ئومۇملاشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئىسلام باشتىن كەچۈرۈلۈپ ئاخىرلاشقان بىر نەرسىمۇ ياكى زامانىۋىمۇ دېگەن سوئال، ئۇ بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن نەرسىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك سوئالدۇر. مەسىلەن، ئىسلامنىڭ ھاراق چەكلىمىسى ۋە پاكىزلىققا بۇيرۇشىنىڭ زامانىۋى ياكى ئەمەسلىكى ياكى ئۇنىڭ ئاساسىي ئۇقۇملىرىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئېقىمنىڭ سىرتىدا قېلىپ – قالمىغانلىقى سورىلىشى مۇمكىن.

ئىسلامنىڭ ئاساسىي ئۇقۇملىرىنى زىكىر قىلغىنىڭىزدا، ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭ بەش ئاساسىي پەرزنى، ئاساسلىقى ئىسلامنىڭ بەش شەرت، دەپ بىلىنىدىغان نەرسىلەرنى ئەقلىگە كەلتۈرىدۇ. شۇڭا ئاتالمىش ئاتوم دەۋرىدە، ئۇلارنىڭ زامانىۋىلىقىنى قىسقىچە مۇھاكىمە قىلىپ چىقايلى.

ئىسلامنىڭ تۇنجى شەرتى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشتۇر. ئاتوم دەۋرىدە دىنغا شۈبھە بىلەن قارىغۇچىلارغا، يېڭى دەۋرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك خەۋەرچىسى بولغان ئالبېرت ئېينىشتىيىننىڭ ئاللاھقا ئىشىنىدىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتىمىز. مەسىلەن ئۇ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن شۇنچىلىك مۇھىم بولۇش بولۇش بىلەن بىرگە، فىزىكا ۋە كائىنات توغرىسىدىكى بارلىق بىلىدىغانلىرىنى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ، دەپ ئويلىمىغانىدى… ئۇنىڭ بۇ ھەقتە مۇنداق بىر بايانى بار: «ھەر دىننىڭ نېگىزىدە، ھېچقاچان تولۇق چۈشىنىش مۇمكىن بولمايدىغان، بىزنىڭ قابىلىيىتىمىز ئۇنى پەقەت ئەڭ ئاددىي شەكىلدىلا چۈشىنەلەيدىغان، بىراق ئۇنى ئەڭ يۈكسەك ھېكمەت ۋە پارلاق گۈزەللىك بىلەن كۆرسىتىدىغان بىر مەۋجۇتلۇقنىڭ مەۋھۇملۇقى ۋە تۇيغۇسى بار. بۇ مەنىدە مەن ناھايىتى دىندار بىر ئىنسانمەن. ئەبەدىي ھاياتنىڭ سىرلىق تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىش بىلەن، مەۋجۇت دۇنيانىڭ مۆجىزىۋىي مىمارىي قۇرۇلمىسىنى چۈشىنىش ۋە ھېس قىلىش بىلەن، تەبىئەتتە ئۆزىنى نامايان قىلغان ئەقىلنىڭ ئەڭ كىچىك بىر پارچىسىنى ئەيمىنىش ئىچىدە چۈشىنىشكە تىرىشىش بىلەن كۇپايىلىنىمەن.» يەنى، دىن تارىخنىڭ باشلانغۇچىغا، ئاتبئىستلىق بولسا، ئاتوم دەۋرىگە خاس بىر نەرسە ئەمەس. دىن ۋە ئاتېئىزم تارىختىن بۇيان باراۋەر مەۋجۇت بولۇپ كەلدى.

ناماز پەقەت دۇئا، ئىبادەتلا ئەمەس. ئۇ، بۇرۇن تەرتىپ – ئىنتىزام، بىرلىك ۋە ھەمكارلىق مەكتىپى ئىدى، يەنە مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك. ئۇ، پاكىزلىق، خىزمەت، باراۋەرلىكتۇر. كۆپ تەڭرىلىك ئىراننىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىگەن قادىسىيە ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى، يىراقتىن تۈپتۈز سەپ تارتىپ، بىر – بىرىگە يېقىن تۇرۇپ ناماز ئۆتەۋاتقان مۇسۇلمان ئەسكەرلىرىنى كۆرگەن پارس قوماندان ئەتراپىدىكىلەرگە «مانا مانېۋىردىكى ئۆمەرنىڭ ئەسكەرلىرى» دېگەنىدى.

روزا مەقسەتلىرى ھەرخىل بولغان ئېغىر شەكىلدىكى ئادەتلەندۈرۈشتۇر. بىر خىل ئىبادەت بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ جەزمەن پېداگوگىكىلىق، تېببىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھمىيىتى بار. ئىسلام جەمئىيىتى ئۇنىڭغا ھېچقاچان ھەر بىر كىشىنىڭ شەخسىي مەسىلىسى دەپ قارىمىدى ۋە بۇ پەرزنىڭ ئادا قىلىنماسلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرەتتى. خەلق روزا تۇتماسلىققا روزىنىڭ پەيدا قىلىشى زۆرۈر بولغان ئىچكى باغلىنىشقا خىلاپ ئىش قىلىش دەپ قارايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ زاكات ئۈچۈن پىسخىك جەھەتتىن تەييارلىق قىلىشتۇر. چۈنكى، ئاچ قېلىشنىڭ نېمە دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان مۇسۇلمان يوقتۇر. ھالبۇكى، نۇرغۇن ئىنسان بۇ تۇيغۇنىڭ قانداق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەي ياشاپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.

زاكات سەدىقە ئەمەس، ئۇ ئاساسلىقى يوقسۇللارغا بېرىلىشى شەرت بولغان بىر خىل باجدۇر. زاكات پىرىنسىپى، پەقەت قالايمىقانچىلىق ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشەنچ يوقاپ كەتكەن، ئىشەنچ ۋە چۈشەنچە ئەڭ ئېغىر سىناقلارغا دۇچار بولىدىغان جايلارغا نىسبەتەن ھازىرغىچە بايقالمىغان مۇھىم ئىمكانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھەج، ئىنسانلارنىڭ دۇنيادا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئەڭ چوڭ ۋە مىسلىسىز يىغىلىشىدۇر. 1962 – يىلى رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھەجگە 68 دۆلەتتىن 1 مىليون 185 مىڭ 948 ئادەم قاتناشقان. بۇ مىسلىسىز يىغىننىڭ يوشۇرۇن مەنىۋى ۋە سىياسىي ئىمكانىيەتلىرى ناھايىتى ئاز ياكى پەقەت مۇھاكىمە قىلىنمىدى. ھەج، بۇ ياتلىشىش دەۋرىدە ئىنسان ۋە خەلقلەرنىڭ بىر – بىرىگە يېقىنلىشىشى ۋە ئۆزئارا تونۇشۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان كۈچلۈك بىر ئامىل بولۇشى مۇمكىن. ھەجدىكى ھۆكۈمران مەنزىرە باراۋەرلىكتۇر. بىر خىل كىيىم ۋە ئوخشاش پىكىردىكى مىليونلارچە ئىنساننىڭ يوقىتىشقا بولىدىغان بارلىق ئوخشىماسلىقلاردىن خالىيلاشقان – بىز ھەردائىم چۈش بىلەن رېئاللىق ئارىسىدا دەپ ئويلايدىغان – ئىنسانىي قېرىنداشلىقى ۋە باراۋەرلىكىنىڭ تەكرارلىنىشى مۇمكىن بولمايدىغان كۆرۈنۈشى. ۋىدالىشىش ھەجىدە قىلغان كاتتا خىتابىدا (632 – يىلى ئەتراپىدا) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دېدىكى: «ئەي ئىنسانلار! سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلارمۇ بىردۇر، ئاتاڭلارمۇ! ھەممىڭلار ئادەمدىن كەلدىڭلار، ئادەم بولساق توپراقتىندۇر. ئەرەبنىڭ ئەرەب ئەمەسلەردىن، نېگىرنىڭ ئاق تەنلىكتىن ۋە ئاق تەنلىكنىڭ نېگىردىن ھېچقانداق ئۈستۈنلۈكى يوقتۇر. ئەڭ ياخشىلىرىڭلار، ئەڭ كۆپ ياخشىلىق قىلغىنىڭلاردۇر.» ئاللاھنىڭ رەسۇلى، ئىنسانىيەت باراۋەرلىكىنىڭ ئەڭ روشەن ۋە ئەڭ سەمىمىي ئىپادىسىنى – بىز ياشاۋاتقان 20 – ئەسىردىمۇ ناھايىتى يېڭى پېتىنى ساقلاپ قېلىۋاتقان بۈيۈك سۆزلىرىنى – ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ ياخشى يەر ۋە ۋاقىت مۇئەييەنلەشتۈرەلەرمىدى؟

مۇسۇلمانلارنىڭ ھايات – ماماتلىق پەيتلىرىدە ئىسلامنىڭ بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش كۆرسەتمىلىرىنىڭ ۋاقتىنىڭ ئۆتكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشلىرىنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوقتۇر. ئۇلار ئىنسانلارغا تۈنۈگۈنكىگە ئوخشاشلا بۈگۈنمۇ زۆرۈردۇر.

ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەممىلا تەرىپىدە يېڭى ئىرادىنىڭ نامايان بولۇۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە. چۈنكى، بۈگۈنكى ھەرىكەت ۋە ئىزدىنىش ئۆتكۈنچى قۇرۇلمىلارغا، ئېغىشلارغا، خاتالىشىشلارغا ۋە باشقىلار سەۋەب بولغان باشقا ۋەقەلەرگە قارىماي، ناھايىتى ئۇزۇن داۋاملاشقان كىرىزىس ۋە چېكىنىش دەۋرىنىڭ ئۇيقۇ ۋە تۇرغۇنلۇقىدىن باشقا بىر نەرسىگە ئوخشاۋاتىدۇ.

ئىسلام ئىدىيەسى يول كۆرسىتىدىغان ۋە ئسىلام دۆلەتلىرىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى تەبىئىي بايلىقلىرىمۇ ماددىي مەنبە بولىدىغان بۇ ئىرادە، يېقىنلىشىۋاتقان ئىسلامىي يېڭىدىن تۇغۇلۇش كۈنلىرىدە دۇنيانى يەنە بىر قېتىم ئۆزىگە ھەيران قالدۇرىدۇ.

بۇ يېڭىدىن تۇغۇلۇشقا بارلىق مۇسۇلمانلار تەكلىپ قىلىنىدۇ.

(1967 – يىلى سېنتەبىر)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



One Comment

  1. ئەبەيدۇللاھ says:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؛

    ناھايتى ياخشى خىزمەت باشلاپسىلە. ئۈزۈلۈپ قالماسىلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.ئاللاھ ئەجىر قىلغۇنچىلارنىڭ مۇكاپاتىنى بەرگۈچىدۇر.

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*