ئالىملار بىرلەشمىسى ۋە ئىسلاھات مەدرەسەسى

2018-يىلى 15-ئاۋغۇست

مەھمەت ئالى كارابۈيۈك-ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

نەدۋەتۇل-ئۇلەما ( ئالىملار بىرلەشمىسى ) بىلەن مەدرەسەتۇل-ئىسلاھ ( ئىسلاھات مەدرەسەسى ) دىيوبەندىييەگە ئوخشاش شەكىلدە ھىندى تۆۋەن قىتئەسىنىڭ مەدرەسە تەلىم سىستېمىسنى تەدبىقلىغان يىلتىزى چوڭقۇر ۋە تەشكىلىي ئۈلگىلىك تەلىم – تەربىيە مۇئەسسەسەسىدۇر. ھىندىستان ۋە پاكىستاندىكى ئۆزىگە ئوخشاش جامائەت ياكى تەشكىلاتلار پەقەت مەكتەپ سۈپتىدە چەكلىنىپ قالماستىن، ۋەكىللىك قىلغان چۈشەنچە ۋە كۆرسەتكەن پوزىتسىيەسى ئاساسىدا ئۆز نامى بىلەن ياد ئېتىلگەن ئېقىملارغا ئايلانغان. لېكىن دىيوبەندىييەنىڭ ئەنئەنىۋىي ئۇسۇلىغا رەقىپ سۈپتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى، ھەرىكەت نىزامنامەسىدە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان زامانىۋى تەرەپلەرنىڭ بولۇشى ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتنى ئاساسلىق نىشان قىلىشى سەۋەبىدىن بۇ ئىككى جامائەتنى ئىسلاھاتچى ئېقىم ۋە ھەرىكەتلەر ئىچىدە مۇلاھىزە قىلىش تېخىمۇ توغرا بولىدۇ. ھەر ئىككى جامائەتتە سىياسىي ئىسلامدىن روشەن ھالدا يىراق تۇرۇشى، ئىسلاھاتچىلىقنىڭ مەدەنىيەت ۋە سىياسىي تۈس ئارىسىدا بەزىدە ئايرىغىلى بولمايدىغان پەرقلەرگە ئىشارەت قىلىشى ۋە بۇلارنى ناھايىتى ياخشى شەكىلدە مىسال كۆرسىتىش نۇقتىسىدىن ئايرىم توختىلىشقا تىگىشلىكتۇر.

مۇھەممەد ئالى مونگەرى (Muhammed Ali Mongeri) يېتەكچىلىكىدە ھىندىستان ئۆلىمالىرى بولۇپ بىر تۈركۈم مەشھۇر كىشىلەر « ئەنجۇمەن-ئى نەدۋەتۇل-ئۇلەما » دېگەن بىر ئۇيۇشما ۋاستىسى بىلەن 1892 – يىلى بىر يەرگە جەم بولدى. مەجلىسنىڭ غايىسى تۆۋەن قىتئەدىكى تۈرلۈك پىرقە ۋە ئېقىملار ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنى تۈگىتىش ئارقىلىق، غەرپ مائارىپ سىستېمىسىنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى بولغان دىنىسزلىق ۋە باشقا زىيانلىق ئىدىئولوگىيىلەرگە قارشى بىرلىك سەپ بولۇپ كۈرەش قىلىش، بۇ سىستېمىغا ھەقىقىي رەۋىشتە رەقىپ بولىدىغان ئوقۇ – ئوقۇتۇش پروگراممىسىنى ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق مەزكۇر رايوندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ چىكىنىشىنى توختىتىپ، يۆنلىشنى ئىلگىرىلەشكە بۇراش ئىدى. بۇ مەقسەت بىلەن « نەدۋەتۇل ئۇلەما » ئىسمىدا بىر جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلدى. بۇ تەشكىلات كەڭ دائىرىلىك ئىشتىراكلار بىلەن قەرەرلىك يىغىنلار چاقىرىپ، مەزكۇر غايىلەرگە ماس قەدەملەر ئالاتتى.

جەمئىيەتنىڭ 1894 – يىلى كانپۇردىكى (Kanpur) تۇنجى يىغىنىغا دىيوبەندىييە، بارەلۋىييە ۋە ئەھلى ھەدىس جامائەتلىرىنىڭ ئاتامانلىرى، شىئە مەزھىبىنىڭ ئىماملىرى بىلەن مودىرنىست (چاغداش) ئالىگارھ ئېقىمىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. لېكىن بىرلىك ۋە ھەمكارلىق يولىدىكى غايە ھېچقاچان ئەمەلگە ئاشمىدى. دىيوبەندىييە ۋە بارەلۋىييە مەدرىسلىرىنىڭ ئەنئەنىچىلىكى ۋە غەرب مودىلىدىكى تەلىم – تەربىيە سىستېمىسىنى يولغا قويغان ئالىگارھ مەكتىۋى مودىرنىزمىنىڭ بىر – بىرىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق ئىسلامى چۈشەنچىدىكى كىشىلەرنىڭ تەربىيلىنىپ چىقىشىغا ۋەسىلە بولىدۇ، دەپ قارىغان نەدۋە ئالىملىرى، بۇ ئىككى تەرەپنى يىقىنلاشتۇرىدىغان ئوتتۇرا ھال تەرىقىدىكى تەلىم – تەربىيە پروگراممىسىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن لەكنەۋ (Leknev) شەھرىدە « نەدۋەتۇل-ئۇلەما دارۇلئۇلۇم »ى ئىسمى بىلەن يېڭىچە بىر مەدرىسە قۇرۇپ چىقتى (1898). شۇنىڭ بىلەن بىرلىك غايىسى بىلەن باشلىغان نەدۋە ھەرىكىتى يېپ-يېڭى بىر ئېقىمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئۇل سالدى.

نەدۋە دارۇلئۇلۇمى قۇرۇلغاندا مەدرىسە ئوقۇشلىقىنى چاغداش ئىھتىياجلارغا ماس ھالدا تۈزۈش، چوڭ كۆلەملىك كۈتۈپخانا قۇرۇپ چىقىش ۋە ئىسلامغا دەۋەت قىلىشتا پايدىلىنىدىغان ئاساسلىق تېكىستنى تەييارلاپ چىقىشنى دەسلەپكى نىشان قىلىپ بەلگىلىگەن[1]. ئەرەبچىگە قوشۇپ، ئىنگىلىز تىلىنىمۇ مەجبۇرىي دەرس قاتارىغا كىرگۈزۈش قارار قىلىنغان. بۇنىڭدىكى مەقسەت غەربتىن كەلگەن ئىدىئولوگىيەلەرگە قارشى مەدەنىيەت كۈرىشى ئېلىپ بارالايدىغان ئالىملارنى ئەتراپلىق تەربىيلەش ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ئىسلام تەلىماتلىرىنى باشقا ئەللەرگە تارقىتالايدىغان تىل قابىلىيىتىگە ئىگە قىلىش ئىدى[2]. شىبلى نۇمانى ( ۋاپات، 1914،  Shibli Numani) مودىرنىست كىملىكىگە ئىگە ئالىگارھ ئېقىمىغا مەنسۇپ موھاممەدان ئانگلو ئورىيەنتال كولىجى (Mohammedan Anglo-Oriental College)دا 16 يىل خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ يەردىن ئايرىلىپ چىقىپ، ئىلىمى خىزمەتلەر مەسئۇلى سۈپتىدە 1905 – يىلى نەدەۋەگە قوشۇلغان ۋە كىلاسسىك دارۇلئۇلۇم ئوقۇشلۇقىنى مۇسبەت ئىلىملەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە يېڭىلاپ چىقىشتا ناھايىتى چوڭ تۆھپە قوشقان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ماتېرىيالىست ۋە پوزىتىۋېست (ئەقلىيەتچىلىك) ئېقىملارنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا تارقىلىشىغا قارشى توغرا بولغان ئىسلام ئەقىدىسىنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن ۋە قارشى چۈشەنچىلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش مەقسىتىدە تۈزۈپ چىققان كالام دەرسلىكى، ئۇ مەزگىلدىكى يېڭى ئىلمى كالام خىزمەتلىرىگە ناھايىتى چوڭ ھەسسە قوشقان. بۇ خىل كالام پەقەت بىر مۇداپىئە شەكلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئىسلامىيەتنىڭ ئۈستۈن ئەخلاقى ۋە ئىجتىمائىي ئالاھىدىلىكىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق چاغداش دۇنياغا يېڭى قاراش تەقدىم قىلماقتا ئىدى.  يەنە نۇمانىنىڭ سۈننىلىكتىن باشقا مەزھەبلەرگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى ھىندى ئۆلمالىرىنىڭ ئەنئەنىۋى تەكفىرچى پوزىتسىيىسىدىن پەرقلىق ئىدى. ئۇنىڭ بۇ تىرىشچانلىرى زىيادە مودىرېن دەپ قارالغانلىقتىن نەدۋە ئىچىدە نارازلىق پەيدا قىلغان بولۇپ، تەنقىد ۋە بېسىملار سەۋەبىدىن 1913 – يىلى دارۇلئۇلۇمدىن ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان.

نەدۋەتۇل-ئۇلەما دارۇلئۇلۇمنىڭ بۈگۈنكى ھىندى تۆۋەن قىتئەسىدە يۈزدىن ئارتۇق تارمىقى بار بولۇپ، پەقەت ئوقۇشلۇقى بىلەنلا باشقا مەدرىسلەردىن پەرقلىنىپ قالماستىن، ئوقۇتۇش شەكلى ۋە كۆرۈنۈشى بىلەنمۇ پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: ھازىرمۇ تالىپلار يەردە پالاستا ئولتۇرۇپ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا دەرس ئاڭلايدىغان دىيوبەند مەدرىسلىرىنىڭ ئەكسىچە، نەدۋەتۇل-ئۇلەما مەدرىسلىرىدە پارتا – ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، كومپىيوتېر ۋە باشقا تېخنىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن دەرس ئاڭلايدۇ، ئۆگىنىدۇ. نەدۋەگە قاراشلىق «مەجلىس-ئى تەھقىقات-ئۇ نەشرىييات-ئى ئىسلام » ئورگىنى پەرقلىق تىللاردا كىتاپلارنى نەشىر قىلماقتا. « مەجلىس-ئى تەھقىقات-ئى شەرىئەت » ئورگىنى ئىسلام قانۇنى ساھەسىدە تەقىقات ئېلىپ بارماقتا.

شىبلى نۇمانىدىن كېيىن نەدۋەتۇل-ئۇلەما ئېقىمىنىڭ ئەڭ مەشھۇر شەخىسلىرىدىن بىرسى شۈبھىسىزكى ئەبۇل ھەسەن ئەن-نەدۋى ( 1914-1999 ) بولۇپ، ھىندىستانلىق مەشھۇر ئالىم ۋە تارىخچى ئابدۇلھەي ئەل-ھەسەنىنىڭ ( ۋاپات، 1923 ) ئوغلى ۋە 1929 – يىلى 15 يېشىدا دارۇلئۇلۇمغا كىرگەن. نەدۋى بۇ تارىختىن ۋاپات بولغان 1999 – يىلىغىچە ئۆتكەن ئۆمرىنى پۈتۈنلەي نەدۋەگە ئاتىغان بولۇپ، 1934 – يىلى دارۇلئۇلۇمدا ئۇستاز، 1961 – يىلى دارۇلئۇلۇم مۇدىرى بولغان. نەدۋىنى ھىندى قىتئەسىدىكى باشقا مۇددەرىسلەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان خاسلىق كۆپ. ئۇ ئالدى بىلەن ئىسلامنى بىر پۈتۈن گەۋدە ئىچىدە چۈشەنگەن ۋە چۈشەندۈرگەن بولۇپ دەرسلىرىدە، ماقالىلىرىدە ۋە لېكسىيەلىرىدە ئەقىدە، ئىلىم ۋە ئەمەل بىلەن بىرگە ئەخلاق، تىجارەت، سىياسەت ۋە ھۆكۈمەت ھەققىدىكى مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بەرگەن. غەرپپەرەستلىك، مىللەتچىلىك ۋە ئەخلاقى بۇزۇلۇش نەدۋى تەنقىدلىرىنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالغان مەسىلىلەر بولۇپ، دەۋەت قىلغۇچى سالاھىيىتىنى دائىم ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان. بۇ سەۋەپتىن ھەر دائىم تەبلىغ جامائىتىگە يىقىن شەخس بولغان[3].

ئەبۇل-ھەسەن ئەن-نەدۋى ئۈممەتنىڭ بىرلىكى مەسىلىسىنى ئىزچىل كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ كەلگەن بولۇپ، باشقا دىنى جامائەتلەردە كۆرگەن خاتالىقلارنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە، ھېچقاچان جامائەتچىلىك ۋە مەزھەپچىلىك قىلىپ، ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىمىغان، تەكفىرچىلىك قىلمىغان. ئىسلاھاتچى ئېقىملارنىڭ كۆپ سانلىقىدا كۆرۈلگەن مەزھەپلەر ئۈستى نۇقتىئىنەزەرنىڭ دەل ئىسلاھاتچى بولغان نەدۋىدىمۇ بارلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. گەرچە ئۇ چىشتىييە ۋە نەقشىبەندىييە تەرىقەتلىرىگە مەنسۇپ بولسىمۇ، ئەرەپ ئەللىرىدىكى سەلەفى تەشكىلاتلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتالىغان. ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدا 1962 – يىلى قۇرۇلغان رابىتاتۇل-ئالەمىل-ئىسلامنىڭ قۇرغۇچىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

ھەتتا زىچ مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى سەۋەبىدىن خۇددى سىياسىي ئىسلاھاتچىلىقنىڭ ھىندى تۆۋەن قىتئەسىدىكى مەشھۇر ۋەكىلى مەۋدۇدىغا ئوخشاش ۋاھھابىلىق بىلەن ئەيىپلەنگەن. لېكىن شۇنىمۇ قەيت قىلىپ ئۆتۈش كېرەككى، نەدۋىنىڭ سەلەفىييە بىلەن بولغان بۇ زىچ مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن شىئە – سۈننى يىقىنلىشىشىنى قوللايدىغان قاراشلىرى ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۆزگەرگەن، خىتاپلىرىدا شىئە مەزھىبى ۋە ئىران ئىنقىلاۋى رەھبىرى ھۇمەينى ھەققىدە ئېغىر سۆزلەرنى قىلغان.

نەدۋىنى دەۋرداش ئەنئەنىۋى ھىند مۇسۇلمان ئالىملىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرغان يەنە بىر ئالاھىدىلىك، ئۇنىڭ ئەڭ كونا سىياسىي ئىسلامچى ھەرىكەتلەردىن جامائەتى ئىسلامنىڭ قۇرۇپ چىققۇچىلىرى ئارىسىدىن ئورۇن ئېلىشى ئىدى. لېكىن جامائەتى ئىسلامنىڭ ئاتامانى مەۋدۇدى بىلەن بولغان بۇ ھەمسەپەر ئۇزۇن داۋاملاشمىغان بولۇپ، ھەرىكەت مېتودى ھەققىدىكى پەرقلىق قاراش سەۋەبىدىن بۇ دەۋاداشلىق ئۇزۇنغا بارماي ئاخىرىلاشقان. نەدۋىنىڭچە مەۋدۇدى ئىسلامنى سىياسىي جەھەتتىن ئىزاھلاۋاتقانىدى. ئەسلىدە بۇ بىر ئىزاھاتتىن ئىبارەت، خالاس. لېكىن ئىسلامنى پەقەت سىياسەت مەقسەتكىلا مەھكۇم قىلىپ قويۇش توغرا ئەمەس. ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرىدىغان ئەمەللەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا يىقىنلىشىش، ئىخلاس ۋە سەمىمىيەت بىلەن ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىدىغان بولۇش كېرەك[4].

نەدۋىنىڭچە « ھاكىمىيەت باشقۇرۇۋاتقانلارغا ئىماننى يەتكۈزۈش تىرىشچانلىقى، ئىمان ئىگىلىرىنى بىۋاستە ھاكىمىيەتكە ئىگە قىلىش تىرىشچانلىقىدىن بەكرەك ئەۋزەل ». بۇ مېتودنىڭ ئىسلامنىڭ ھاكىمىيىتىنى كېچىكتۈرۈپ – كېچىكتۈرمەيدىغانلىقى جەھەتتىكى سورالغان سوئالغا، نەدۋى: « بىرئاز كېچىكسىمۇ زىيىنى يوق » دەپ جاۋاپ بەرگەن. چۈنكى خەلقنى تەربىيلەش يولى ئارقىلىق ئېرىشىدىغان نەتىجە مۇقىم ۋە چوڭقۇر بولىدۇ. نەدۋى بۇ مەسىلىدە ئىمام رەببانىنى ئۆرنەك سۈپتىدە كۆرسەتكەن. ئۇ، ئەكبەر شاھنىڭ « دىنلارنىڭ بىرلىكى » چۈشەنچىسىگە قارشى كۈرەش قىلغاندا نە سىياسىي نە ھەربىي ئۇسلۇبنى تاللىغان بولۇپ، پەقەت دۆلەت ئەربابلىرىغا نەسىھەت قىلىپ، ئۇلارنى يازغان مەكتۇبلىرى ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرغانىدى.  بۇ تەدرىجىي ۋە ئىھتىيات بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مېتوت ئۈنۈم بېرىپ، ئەكبەردىن كېيىن تەختكە چىققان ئوغلى جاھانگىر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى شاھ جاھان ۋە ئالەمگىر ئىسلامىيەتكە ۋە مۇسۇلمانلارغا كاتتا خىزمەتلەرنى قىلغان ھۆكۈمدارلار بولغانىدى[5].

بۇ تەنقىدلەرنىڭ پەقەت سىياسىي ئىسلامچىلارغىلا ئەمەس، يەنە پارتىيە ۋە مىلىتارىست ئۇسلۇبلارنى ئىشقا سالغان مەدرىسە ۋە سەلەفىييە ئەنئەنىچىلىكىگىمۇ قارىتىلغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەك. نەدۋى، نەدۋەتۇل-ئۇلەمانىڭ قۇرۇلۇش غايىسىگە ئاساسەن ئۇنى ئۆتمۈش بىلەن كېلەچەكنى بىرلەشتۈرگەن بىر ئېقىم سۈپتىدە تونۇشتۇرىدۇ: … « كونا بىلەن يېڭىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك ئىدى. كونىسى بىز ئۈچۈن كېرەك ئىدى، لېكىن ئۇنى يېڭى ئەۋلادلارنىڭ ئەقلى ۋە سەۋىيىسىگە لايىق شەكىلدە ئىپادىلەش، قايتىدىن چۈشىنىشلىك قىلىش… كېرەك ئىدى »[6]. بۇ سۆزلەر بىر غايىنىڭ ئىپادىسى سۈپتىدە نەدۋە مەدرىسلىرىنى ئەنئەنىچىلىكتىن ئايرىپ تۇرغان تەرەپنى كۆرسىتەتتى. ئەمما نۇمانىدىن كېيىنكى مەزگىلدە ئالىگارھقا قارىتىلغان قاتتىق تەنقىدكە ماس ھالدا ئەنئەنىگە بولغان يۈزلىنىش ئېغىر سالماقنى ئىگىلەشكە باشلىغان ۋە نەدۋەتۇل-ئۇلەما بۇ مۇھاپىزىكار پوزىتسىيىسى بىلەن ئەنئەنىۋى ئېقىمغا خېلى بەك يېقىنلاشقان.

ھىندىستان ئازامگارھتا 1908 – يىلى قۇرۇلغان « مەدرەسەتۇل-ئىسلاھ »نىڭ غايىسىمۇ ئاساسەن دېگۈدەك نەدۋەنىڭ قۇرۇلۇش غايىسىگە ئوخشاپ قالاتتى. مۇسۇلمان خەلقنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ دىنى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش مەدرەسەتۇل-ئىسلاھنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى قىلىپ بەلگىلەنگەنىدى. قۇرۇپ چىقىش تەكلىۋىنىڭ مۇھەممە شافىدىن كەلگەنلىكى بايان قىلىنماقتا. لېكىن مۇپەسسىر ئالىم ھامىدۇددىن فەراھى ( ۋاپات، 1930 ) بىلەن شىبلى نۇمانىنىڭ مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا قوشقان تۆھپىسى ناھايىتى چوڭ. فەراھىنىڭ قۇرئاننى مەركەزگە ئالغان ئوقۇ – ئوقۇتۇش سىستېمىسى مەدرەسەتۇل-ئىسلاھقا ئۆزگىچە خاسلىق بەرگەنىدى. نۇمانى ئوقۇشلۇق تۈزۈش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقاندا « قۇرئان نۇرى ئاسىتىدا كونا ئىلىملەرنىڭ يېڭىلىنىشى ۋە يېڭى ئىلىملەرنىڭ تازلىنىشى » غايىسى بىلەن ھەرىكەت قىلغان. ئوقۇتۇش پروگراممىسى ئىچىدە دىنى ئىلىملەر بىلەن بىرگە گېزىتچىلىق، جۇغراپىيە، زامانىۋى پەلسەپەگە ئوخشاش ئىلىملەرگىمۇ ئورۇن بەرگەن بولۇپ، ئىنگىلىزچە ۋە ھىندىچە دەرسلەر بۇلارغا قوشۇلغان[7].

مەدرەسەتۇل-ئىسلاھ ئېقىمىغا مەنسۇپ ھىندى تۆۋەن قىتئەسىدىكى مەشھۇر شەخسلەر ئىچىدە ئەڭ مۇھىم ۋە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان كىشى ئەمىن ئەھسەن ئىسلاھى ( ۋاپات، 1997 ) بولۇپ، نەدۋە دارۇلئۇلۇم ئۇستازلىرىنىڭ « نەدۋى » لەقىمى بىلەن تىلغا ئېلىنغىنىدەك ئەمىن ئەھسەنمۇ پۈتتۈرۈپ چىققان ۋە ئۇزۇن مەزگىل ئۇستازلىق قىلغان ئورگاننىڭ ئىسمى بىلەن « ئىسلاھى » دەپ تىلغا ئېلىنماقتا ئىدى. ئۇمۇ ئەبۇل-ھەسەن ئەن-نەدۋى بىلەن بىرگە جامائەتى ئىسلامنى قۇرۇپ چىققانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان، جامائەتنىۇ ئەڭ ئالىي ئورگىنى بولغان مەجلىسى شۇرادە ۋەزىپە ئېلىپ، رەئىس ياردەمچىلىكى دەرىجىسىگە يەتكەنىدى. ئون يەتتە يىلدىن كېيىن 1958 – يىلى مەۋدۇدىنىڭ ئاتامانلىق تەرزىنىڭ شۇرا سىستېمىسىنى ئەھمىيەتسىز ھالغا كەلتۈرۈپ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ جامائەتتىن ئايرىلغان.

ئىسلاھى ئاۋامنى ئىسلاھ قىلىشنى دۆلەتنى ئىسلاھ قىلىشتىن بەكرەك مۇھىم دەپ قارايتتى. بۇ ئايرىلىشىدا جامائەتى ئىسلامىنىڭ جەمئىيەتى تالەبە بۆلىمىدە ئۇزۇن مەزگىل باشلىق بولۇپ كەلگەن ئوقۇغۇچىسى خالىد مەسئۇد ئىسلاھى ( ۋاپات، 2003 )نىمۇ بىللە ئېلىپ جامائەتتىن چىقىپ كەتكەن. ئاندىن « تانزىمى ئىسلامى » ئىسىملىك سىياسىي بولمىغان بىر تەشكىلات قۇرغان ۋە نەشىر قىلغان « مىساق » ژورنىلىدا مەۋدۇدىنىڭ سىياسەت چۈشەنچىسىنى تەنقىد قىلغان[8]. كېيىن خالىد مەسئۇد بىلەن بىرگە « ئىدارەئى تەدەببۇرى قۇرئانى ھەدىس ( قۇرئان ۋە ھەدىس تەتقىقات ئىدارىسى ) » ئىسىملىك ئورگاننىڭ ئۇلىنى سالغان. ئەمىن ئەھسەن ئوتتۇز يىلغا يىقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ يېزىپ چىققان ئىلىم ئالەمىگە سۇنغان مەشھۇر تەپسىرى « تەدەببۇرى قۇرئان »نى مەزكۇر ئورگاننىڭ بىر مەھسۇلى دەپ قاراش كېرەك[9]. خالىد مەسئۇدمۇ بۇ جەرياندا ئىدارىنىڭ باشلىقى بولغان ھەمدە بۇ ئىدارىنىڭ قەرەرلىك ژورنىلى « تەدەببۇر »نىڭ مەسئۇل تەھرىرى بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا « تەدەببۇر » تەپسىرىنىڭ يېزىلىشىدا ئۇستازىغا ئەڭ كۆپ ياردەم قىلغان.

مەزكۇر ئېقىمدىكى يەنە بىر مەشھۇر شەخس 1925 – يىلى تۇغۇلغان مەۋلانا ۋاھىدۇددىن خان بولۇپ، 1944 – يىلى مەدرەسەتۇل-ئىسلاھنى پۈتكۈزگەن. ۋاھىدۇددىن خان جامائەتى ئىسلامنىڭ ھىندىستان تەشكىلاتىدا ۋەزىپە ئېلىپ مەجلىسى شۇرا ئەزالىقىغىچە ئۆسكەن. ئۇمۇ بىر مەزگىلدىن كېيىن 1962 – يىلى ئوخشاش سەۋەپلەر بىلەن جامائەتتىن ئايرىلغان. ئۇنىڭچە ئۇستاز مەۋدۇدىنىڭ سىياسىي كۈرەش ئۇسلۇبى غەرپ جاھانگىرلىكىگە قارشى ئىنكاسنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئىسلامنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئسىتىراتىگىيەسىدىن مەھرۇم ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن بىر « ئىسلام دۆلىتى »نىڭ بەرپا قىلىنىشى، مۇسۇلمانلار ئاز سانلىقتا بولغان ھىندىستان ئۈچۈن رېئاللىقتىن يىراق غايە ئىدى.

ۋاھىدۇددىن خاننىڭ سىياسى ئىسلاھاتنىڭ ئورنىغا كىچىك دائىرىدە شەخسلەرنى، كەڭ دائىرىدە ئاۋامنى ئىسلاھ قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىسلاھات ئىسىتىراتېگىيەسى ئۇنى بىر مەزگىلدىن كېيىن تەبلىغ جامائەتكە يىقىنلاشتۇردى. لېكىن ئىسلاھ ئېقىمىدىن مىراس قالغان قۇرئان مەركەزلىك تەپەككۇر ئادىتى ئۇنى بۇ جامائەت بىلەن ئۇزۇن مەزگىل ھەمسەپەر بولۇشتىن توسۇپ قويدى. ئەنئەنىۋى قەدىرىيەتلەرگە سادىق بولغان تەبلىغ جامائىتى، بولۇپمۇ ئىجتىھادقا قارشى تۇرۇشى، فىقىھنى كىلاسسىك ئەسەرلەر دائىرىسىدە چۈشۈنۈپ ئىجرا قىلىشى، دەۋر خاراكتېرلىق ئۆزگۈرۈشلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ھالدا ناس ( شەرئى دەلىل )لارنى شەرھىيلىشى، ئەقلىي تەدبىرلەردىن يىراق تۇرىدىغان پوزىتسىيىدە بولۇشى ۋە دەۋر تەرەققىياتىغا ماس پەتىۋالارنى ئوتتۇرىغا قويالماسلىقى، ۋاھىدۇددىن خان ئۈچۈن ئايرىم يول تۇتۇشنىڭ سەۋەبى ئىدى. تەبلىغچىلەردىن 1975 – يىلىدا ئايرىلغان ۋاھىدۇددىن خان، 1976 – يىلى يېڭى دېھلىدا ئىسلام مەركىزى (Islamic Centre)نى قۇرۇپ چىقىپ، « رىسالە » ئىسىملىك ئوردۇچە ژورنال نەشىر قىلىشقا باشلىغان. 1984 – يىلى مەزكۇر ژورنالنىڭ ئىنگىلىزچە، 1990 – يىلىدا ھىندىچە ۋارىيانتلىرى نەشىر قىلىنىشقا باشلاندى. ۋاھىدۇددىن خانىڭچە ئىسلامىيەت، مۇسۇلمان – غەيرى مۇسلىم دەپ ئايرىماستىن تەلىم – تەربىيە ئالغان ھەر قانداق كىشى چۈشىنىپ پايدىلىنالايدىغان ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى زېھىنلارغا يەتكۈزۈلىشى كېرەك. ئۇ ئۆزىنى مەنسۇپ دەپ قارىغان ھىندىستاننىڭ ئىجتىمائى، دىنى ۋە سىياسى شەرت – شارائىتىغا مۇۋاپىق ھالدا كۆپچىللىك ۋە كەڭ دائىرىلىك مۇناسىۋەت شەكلىنى ياقىلىغان ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەقىدىلەر ئارا دىئالوگ خىزمىتىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغان مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۈچۈن شارائىت ياراتماقچى بولغان[10].

ھىندى ئىسلام دۇنياسىدا ئىسلاھ ئېقىمىدا يېتىشىپ چىققان يەنە بىر مەشھۇر شەخس جاۋىد ئەھمەد غامىدى بولۇپ، 1951 – يىلى تۇغۇلغان. ئۇمۇ توققۇز يىلىنى جامائەتى ئىسلامى ئىچىدە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئېلىپ بارغان قاتتىق تەنقىدى سەۋەبىدىن 1977 – يىلى جامائەتتىن يىراقلاشتۇرۇلغان. غامىدىنىڭچە ئىسلامىيەتنىڭ مۇسۇلمانلاردىن ئەڭ باشتا تەلەپ قىلغىنى سىياسى ئىسلامى تۈزۈم قۇرۇپ چىقىش ئەمەس. بۇ دىنغا مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ ئەڭ باشتا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى ئاللاھقا لايىقىدا بەندە بولۇشتۇر. ۋەھىي بۇ غايىنى مەقسەت قىلىپ نازىل بولغان ۋە مۇسۇلمانلار بۇ ئىلاھى بۇيرۇقنى بارلىق ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشكە مەسئۇل. بۇ سەۋەپتىن سىياسى ئىسلام تەشەببۇس قىلغان ئىزچىل كۆرەش مۇھىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا تىنچلىق مۇھىتى بەرپا قىلىنىشى كېرەك. كىشىلەرنى مانا مۇشۇنداق مۇھىت ئىچىدە دەۋەت قىلىش ئۈنۈم بېرىدۇ. غامىدى، زۇلۇمنى يوقۇتۇش ئۈچۈن باشقا بارلىق ۋاستىلەر ئۈنۈم بەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن قوراللىق جىھاد قىلىش كېرەك دەپ قارايدۇ. جىھات پەقەت بىر دۆلەت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىر گۇرۇپپا ياكى جامائەتنىڭ قوراللىق ھەرىكىتىنى جىھاد دەپ ئاتىغىلى بولمايدۇ. بۇ قاراشلىرى بىلەن غامىدى تالىبانغا ئوخشاش ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇسلۇبىنى قەتئىي رەت قىلماقتا[11].

1981 – يىلىدا ئەل-مەۋرىد تەتقىقات ئىنستىتۇتى قۇرۇپ چىققان جاۋىد ئەھمەد غامىدى، « ئىشراق ۋە رۆنەسانىس » (ئىشتىراك ۋە ئويغىنىش) نامى بىلەن ژورنال چىقىرىۋاتىدۇ. ئەقىدە ۋە فىقىھ ساھەلىرىدە مودىرېن دەپ ھېساپلاشقا بولىدىغان قاراش ۋە پەتىۋالار مەۋجۇت بولسىمۇ، يەنىلا ئەنئەنىۋى فىقىھ ئۇسلۇبىنى ئاساس قىلىشى ۋە بۇنى مودىرېن ئىھتىياجلارنى ھەل قىلالايدۇ دەپ قارىغانلىقى سەۋەبىدىن غامىدىنى ئىسلام مودىرېنىستى قاتارىدىن دەپ قاراش توغرا ئەمەس.

ئوتتۇرىغا چىقىش مەقسىتى ۋە ئوينىغان رولى جەھەتتىن ئوخشاش فونكىسىيەگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، لېكىن يېتىپ كەلگەن ئورنى نەزەردە تۇتۇلغاندا نەدۋەتۇل-ئۇلەمانىڭ دىيوبەند ئەنئەنىچىلىكىگە، مەدرەسەتۇل ئىسلاھنىڭ بولسا ئالىگارھ مودىرېنىزمىغا يىقىنلاشقانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. لېكىن ھەر ئىككى ئېقىمنىڭ پەرقلىق تۈستە ھازىرمۇ مەدەنىيەت ئىسلاھاتچىلىقى دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەنئەنچىلىكنىڭ ياكى مودىرېنىزمنىڭ دائىرىسىگە پۈتۈنلەي كىرمىگەنلىكىنى، بارلىق ئىسلاھاتچى ھەرىكەتلەردە كۆرۈلگەندەك مودىرېن ھەل قىلىش تەدبىرلىرىگە ئىھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى، ئەمما بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندا كۈچىنىڭ يېتىشىچە كىلاسسىك ئۇسۇلنىڭ قائىدىلىرىگە خىلاپ ھالدا ئېلىپ بارماسلىققا تىرىشقانلىقىنى ئېيتقىلى بولىدۇ.

[1]  ئازمى ئۆزجان، « نەدۋەتۇل-ئۇلەما»، دىيانەت ئانىسكىلوپېدېيىسى، 32 – جىلىت، 514 – بەت.

[2] Metcalf, Islamic Revival in British India, P. 338 – 339.

[3]  نەدۋىنىڭ ھاياتى ۋە چۈشەنچىسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئۈچۈن ئابدۇلھەمىت بىرئېشىكنىڭ « نەدۋى، ئەبۇل-ھاسان»، د ئى ئا، 32 – جىلىت، 515 – 516 – بەتلەرگە قاراڭ.

[4]  ئەبۇل ھەسەن ئەن-نەدۋەنىڭ « ئەت-تەفسىرۇس-سىياسى لىل-ئىسلام » ناملىق كىتابى ( قاھىرە، 1400/1980 ) مەدەنىيەت ئىسلاھاتچى ئېقىمنىڭ سىياسىي ئىسلاھاتچى ئېقىمغا قاراتقان چوڭقۇر تەنقىتلىرىنى كۆرۈپ چىقىشىمىز جەھەتتىن ئۈلگىلىك ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نەدۋى بۇ ئەسىرىدە مەۋدۇدى ۋە سەييىد قۇتۇبنىڭ قاراشلىرىدىكى ناتوغرا دەپ قارىغان تەرەپلىرىنى تەنقىت قىلغان. بۇ ئەسەرنىڭ « ئىسلامنىڭ سىياسىي ئىزاھاتى » سەرلەۋھەسى بىلەن ئىككى ئايرىم تۈركچە تەرجىمىسى بار ( ئىستانبۇل، ئاقابە نەشرىياتى، 1986؛ ئىستانبۇل: بەدىر نەشرىياتى، 2007 ).

Ebü’l Hasan en-Nedvi, “İslam’in Siyasi Yorumu”, İstanbul, Akabe Yay., 1986; İstanbul, Bedir Yay., 2007.

[5]  بۇ قارىشى ئۈچۈن ئەبۇل ھەسەن نەدۋى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ زىيارەت خاتىرىسىگە مۇراجەت قىلىڭ: « ئىسلامنىڭ ئىزاھاتىنىڭ سىياسىي ئۇقۇملارغا، پەقەت سىياسىي مەقسەتلەرگە بويۇن ئەگدۈرۈلىشى توغرا ئەمەس ». تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد خەير ر. يۈسۈپ. تەرجىمە قىلغۇچى: ھ. ئاكپۇر، نىدا ژورنىلى، 144 ( ئۆكتەبىر – دېكابىر، 2010 )، 37 – 45 – بەتلەر.

“ İslam’in Yorumunu siyasi Istılahlara, sadece Siyasi Hedeflere boyun Eğdirilmesi Uygun Değildir ”. Haz. Muhammed Hayr R. Yusuf, tercüme: H. Akpur, Nida Dergisi, 144 (Ekim, Ankara, 2010 ),

[6]  يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان زىيارەت خاتىرىسى، 40 – بەت.

[7]  ئابدۇلھەمىت بىرئېشېك، « ھىند تۆۋەن قىتئەسىدە ئىسلامى تەتقىقاتلارنىڭ تۈنۈگۈنى بۈگۈنى: ئورگانلار، ئىلىمى پائالىيەتلەر، شەخسلەر، ئەسەرلەر »، دىۋان، 17 ( 2004/2 )، 18 – 19 – بەتلەر.

[8]  ئەمىن ئەھسەن ئىسلاھى « ئەل-مىساق » ژورنىلىنى ۋە « تانزىمى ئىسلامى »نى كېيىن دوكتۇر ئىسرار ئەھمەدكە ( ۋاپات، 2010 ) ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئىسرار ئەھمەدمۇ مەۋدۇدىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى دەۋا سەپداشلىرىدىن ئىدى. ئۇ جامائەتى ئىسلامنىڭ بىر سىياسى پارتىيە ھەرىكىتىگە ئايلىنىشىنى، بۇ ھەرىكەتنىڭ « ئىسلامى ئويغۇنۇش ۋە ئاممىۋى ئىنقىلاپ »نى نىشان قىلغان پرىنسىپىغا خىلاپ دەپ قاراپ، 1950 – يىللارنىڭ ئاخىرىدا جامائەتتىن ئايرىلغان. تانزىمى ئىسلامى زوراۋانلىققا مۇراجەت قىلماستىن ۋە مەۋجۇت دىموكراتىك سىستېمىغا مەنسۇپ بولماي، پەقەت ئاۋامنىڭ ئاڭ – سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش ۋە ئىنقىلاپقا باشلاش بىلەن ئىسلامى خەلىپىلىكنى جانلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان غايىنىڭ ئورگىنىغا ئايلاندى. بۇ جەھەتتىن دوكتۇر ئىسرار ئەھمەدنىڭ ھەرىكىتى كېيىنكى « سىياسى ئىسلامچىلىق »  بابىدا توختىلىدىغان « ھىزبۇت-تاھرىر »نى ئەسلىتىدۇ. ئەمما پەرق شۇكى، دوكتۇر ئەھمەد 1991 – يىلى پاكىستاندا قۇرغان « تاھرىكى خىلافەت پاكىستان » ئىسىملىك تەشكىلات، خىلاپەت قۇرۇشقا ئەڭ مۇۋاپىق جاينىڭ پاكىستان ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ سەۋەپتىن دوكتۇر ئەھمەد، بولۇپمۇ قۇرئان مەركەزلىك چۈشەنچە نۇقتىسىدا ئىسلاھ ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرىغان شەخس بولۇشىغا قارىماستىن، كېيىنكى مۇلاھىزلىرىدە خىلاپەت مەركەزلىك ۋە سىياسى خاراكتېرلىق ئېيىتمىلارغا ئىگە بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئىسلاھ ئېقىمىدىن پەرقلىق قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

[9]  كەڭ دائىرىلىك مەلۇمات ئۈچۈن ئا. بىرئېشېك، « ئىسلاھى، ئەمىن ئەھسەن »، د ئى ئا، 19 – جىلىت، 191 – 193 – بەتلەر.

Abdul Rauf,  “Life and Works of Mawlana Amin Ahsan Islahi (1904-1997)”, Pakistan Journal of History and Culture, 30/1 (2009), P. 183-219.

[10]  تەپسىلىي مەلۇمات ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئەسەرگە مۇراجەت قىلىڭ:

Maulana Wahiduddin Khan, “Jihad, Peace and Inter-Community Relations in Islam

تەھرىر ۋە تەرجىمە قىلغۇچى Yogindar Sikand ، يېڭى دېھلى، 2010، كىرىش سۆز قىسمى، 4 – بەت.

[11]  جاۋىد ئەھمەد غامىدى ۋە چۈشەنچىلىرى ھەققىدە تۆۋەندىكى نەشىر قىلىنمىغان دوكتۇرا ماقالىسىگە قاراڭ:

Asif Iftihar, “ Jihad and the Establishmet of Islam’s Global Order: A Comparative Study of the Interpretative Approaches and World Views of Abu al-A’la Mawdudi and Javed Ahmed Ghamidi”, Mc Gill University, 2005.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



ئاپتورنىڭ يېقىنقى ئەسەرلىرى

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*