ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» رومانىدىكى دىنىي زاتلار

2018-يىلى 20-ماي

دەريا ئەرسۆز[1] | ئابدۇلئەزىز ئاقھۇن تەرجىمىسى | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

قىسقىچە مەزمۇنى

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنىپ، 1985 – يىلى شەرقىي تۈركىستان خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ئىز»، تارىخىي بىر رومان بولۇپ، ھۆججەتلىك بايان قىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. روماندا ھەقىقىي بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى بايان قىلغان يازغۇچى، رومان پېرسوناژلىرىنىمۇ ئەمەلىيەت بىلەن ئاساسەن دېگۈدەك ئوخشىشىپ كېتىدىغان شەكىلدە تاللىغان. ئەسەر ئومۇمەن ئەمەلدارلارنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ئېزىلگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشى ۋە بۇنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن تۈگەللىنىشىنى تېما قىلىدۇ. روماندىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەنگىنىدەك بۇنداق بولۇشنىڭ تۈپ سەۋەبى دىننىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنىشىدۇر. زالىم ئەمەلدارلارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى خەلق راۋرۇس ئوقۇش – يېزىشنى بىلمەيدۇ. قۇرئان كەرىمنى ئوقۇيالمىغانلىقى ئۈچۈن، سۇيىئىستېمالچى دىنىي زاتلارنىڭ سۆزلىرىنى دىن دەپ قوبۇل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، قوراللىق كۈرەشتە غەلىبە قازانغان بولسىمۇ، پىتنە ئالدىدا مەغلۇپ بولىدۇ. دىنىي زاتلار، ئەمەلدارلارنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدەكلا بىلىپ خەلقنىڭ ئىچىدە پىتنە تېرىغۇچىلارنىڭ ئالدىنقى سېپىدىن ئورۇن ئالىدۇ. بۇ ماقالە، «ئىز» رومانىدىكى دىنىي زاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قوزغىلاڭدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراش سەۋەبلىرىنى دىنىي نۇقتىدىن مۇھاكىمە قىلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئىز، تارىخىي رومان، دىنىي زاتلار.

[1] ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى، تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى ئىنستىتۇتى، تۈرك فولكلورى كافېدراسى دوكتورانتى، ersoz.derya@hotmail.com

داۋامىنى پ د ف ھۆججىتىدىن ئوقۇڭ…

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*