يەرشارىلىشىش مۇساپىسىدە مىللىي دۆلەت ۋە ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى

2018-يىلى 27-ئىيۇل

بۇلەنت شەنەر-ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

قىسقىچە مەزمۇنى

يەر شارىلىشىش ھادىسىسى ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئۇچۇر-ئالاقە ساھەلىرىدە بولۇپمۇ كېيىنكى چارەك ئەسىردە تەسىرى تېز سۈرئەتتە ئومۇملاشقان مۇھىم ھادىسىدۇر. يەرشارىلىشىش ئىقتىسادتىن سىياسەتكىچە، مەدەنىيەتتىن سەنئەتكىچە، قانۇندىن پەلسەپىگىچە، ھەتتا مۇھىتقىچە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئاساسەن ھەممە تەرىپىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە نۇرغۇن ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلما، ئورگان ۋە ئۇقۇم ئۆزگەرمەكتە. ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان بۇ نەرسىلەر ئىچىدە كىشىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىدىغىنى مىللىي دۆلەت ۋە ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدۇر. يەر شارىلىشىش مۇساپىسىدە مىللىي دۆلەت ۋە ئىگىلىك ھوقۇق دۇچ كېلىۋاتقان ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلار كۈنىمىزە خەلقئارادا مەيدانغا كەلگەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى چۈشىنىش نۇقتىسىدىن تولىمۇ مۇھىمدۇر. بۇ دائىرىدە ئۇچۇر-ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى، لىبېرال چۈشەنچىنىڭ تېز سۈرئەتتە يېيىلىشى نەتىجىسىدە كىچىك  تىپلىق دۆلەت قۇرۇلمىسى باش كۆتۈرۈش ۋە تونۇلۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىش بىلەن بىرگە، دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق دائىرىسى تارىيىپ بارماقتا. قىسقىسى، يەر شارىلىشىش مۇساپىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىمۇ بۇرۇنقىدىن پەرقلىق تۈسكە ئىگە بولماقتا. بۇ جەرياندا بارلىققا كەلگەن نۇرغۇن ئۆزگىرىش مىللىي دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولدى. بۇ ماقالەدە يەرشارىلىشىش، ئىگىلىك ھوقۇق ۋە مىللىي دۆلەت ھادىسىلىرى ئاساس قىلىنىپ، يەر شارىلىشىش مۇساپىسىدە مىللىي دۆلەت ۋە ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ قانداق ئۆزگىرىش ۋە بۇرۇلۇشلارغا دۇچ كەلگەنلىكى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: يەر شارىلىشىش، زامانىۋى مىللىي دۆلەت، ئىگىلىك ھوقۇق، ۋېستفالىيە ئەھدىنامىسى

1990-يىللاردىن باشلاپ مەنىسى، ئالاھىدىلىكى ۋە شەكلى مۇنازىرە قىلىنىپ كېلىش بىلەن بىرگە، مەجۇدلۇقىمۇ بەس-مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھالدا ئېتىراپ قىلىنغان يەر شارىلىشىش ھادىسىسى ھازىرقى دۇنيانى چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش جەھەتتە  ھەر ساھەدە ئاچقۇچلۇق ئۇقۇملاردىن بىرىگە ئايلاندى. ھەر خىل سەۋىيەلەردە مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان يەر شارىلىشىش ھادىسىسى قاتناش ۋە ئۇچۇر-ئالاقە تېخنولوگىيەسى ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر، دۆلەت چېگرالىرىدىن ھالقىغان كاپىتال پائالىيەتلىرىگە ئوخشاش ئامىللارنىڭمۇ تەسىرىگە ئۇچراپ سىياسىي ساھەدىمۇ مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەب بولماقتا. يەرشارىلىشىشنىڭ تۈرتكىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر بىلەن بىرلىكتە يېقىنقى يىللاردە ئىجتىمائىي پەن ساھەدە « مىللىي دۆلەتنىڭ ئۆلۈمى، ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ ماھىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى»گە ئوخشاش ئۇقۇملار كەسكىن تالاش-تارتىش قىلىنماقتا. مىللىي دۆلەتلەر قانۇنلۇق سالاھىيىتى ۋە ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزگە دۇچ كېلىش بىلەن بىرگە، كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشىگە چارىسىز قالماقتا.

بۇ ماقالەنىڭ مەقسىتى يەر شارىلىشىش ھادىسىسىنىڭ تەسىرلىرى، مىللىي دۆلەت ۋە ئىگىلىك ھوقۇق قاتارلىقلارنى قانداق ۋە قايسى خىل شەكىلدە ئۆزگەرتكەنلىكىنى مۇھاكىمە قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ دائىرىدە، ئالدى بىلەن يەر شارىلىشىش ھادىسىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئوخشىمىغان كۆز-قاراش ۋە نۇقتىينەزەرلەر بايان قىلىنىپ ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئارقىدىن مىللىي دۆلەتلەر ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بايان قىلىنىپ يەر شارىلىشىش مۇساپىسىدە مىللىي دۆلەتلەر ۋە ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ قانداق ۋە قايسى تەرىقىدە ئۆزگەرگەنلىكى توغرىسىدا مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. بۇ ئانالىز تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەردىكى مەزمۇنلار، يەكۈنلەرنى مۇھاكىمە قىلغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

1-يەر شارىلىشىش ھادىسىسى

يېقىنقى يىللاردا ئىجتىمائىي پەنلەردە تېخنولوگىيە ۋە ئۇچۇر-ئالاقە ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى ئىزاھلاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۇقۇملاردىن بىرسى يەر شارىلىشىش بولۇپ، بۇ ئۇقۇمنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى بولسا تەبىرى، ئالاھىدىلىكى، مۇقەددىمىسى،ماھىيىتى ۋە رىئاللىقتىكى ئىپادىلىرى ئۈستىدە ھازىرغىچە پىكىر بىرلىكىنىڭ ھاسىل بولماسلىقىدۇر. دەرۋەقە، يەر شارىلىشىش توغرۇلۇق ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلارغا نەزەر سالغىنىمىزدا تېخنولوگىيە، ئۇچۇر-مەلۇمات، كاپىتالىزىم، جاھانگىرلىك، مۇستەملىكچىلىك، سىياسەت ۋە ئىقتىسادقا ئوخشاش مۇھىم ئامىللاردىن بىرى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇپ ھەر خىل ئىزاھلار ئېلىپ بېرىلماقتا (ئەردوغان، 2004:21). يەر شارىلىشىش ھادىسىسنىڭ نېمە  ئىكەنلىكى ۋە قاچان باشلانغانلىقى توغرىسىدا پىكىر بىردەكلىكى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھادىسىنىڭ بار ياكى يوقلىقى ئۈستىدىمۇ مۇنازىرە قىلىشقا بولىدۇ. شۇڭا بۇ ئۇقۇمنى ئېنىق تەبىرلەشتە قىيىنچىلىق كۆرۈلمەكتە. ئېنىقلىما ۋە تەبىرلەرنىڭ كۆپ قىسمى ھاكىمىيەتكە خىزمەت قىلىش غەرىزىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ئۈچۈن، يەر شارىلىشىش توغرىسىدا نۇرغۇن قاراش مەۋجۇت. شۇڭا بىلىپ بىلمەي يەر شارىلىشىش ئۇقۇمى ھەر خىل مەقسەت كۆزدە تۇتۇلۇپ خالىغانچە ئىشلىتىلمەكتە (كەيمان، 2000، 18).

يەر شارىلىشىش كۈنىمىزدە تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەر ساھەسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئىزاھلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئاچقۇچلۇق ئۇقۇمغا ئايلاندى. ئۇ بەزىدە دۇنيادىكى مىللەت ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشاپ قېلىش جەريانىنى ۋە بۇنىڭغا ماس ھالدا ئوخشاش مەدەنىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىنى، بەزىدە بولسا جەمئىيەتلەرنىڭ، توپلۇقلارنىڭ ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلمەكتە. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يەر شارىلىشىش ئۆز ئىچىدىكى زىددىيەت ۋە مەۋھۇملۇقلار بىلەنمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ھادىسىدۇر (ئەكەن، 2006:243). يەر شارىلىشىش ھادىسىسى توغرۇلۇق ھازىرغىچە بىرلىككە كەلگەن ئېنىقلىمىنىڭ بولماسلىقى، يەر شارىلىشىش ھادىسىسنىڭ تولىمۇ كۆپ قىرلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ (كوچەر، 2004:103). مارتىن شاۋېرنىڭ قارىشىچە، يەر شارىلىشىش دائىرىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى ئۇقۇملاشتۇرۇشقا تىرىشقان نەزەرىيەچىلەر مۇنداق ئۈچ نۇقتىينەزەر ۋە قاراشنى ئاساس قىلىدۇ. بىرىنچىسى، پوست-مودېرنست نەزىرىيەچىلەر (ئۆزگىرىش)، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى نەزەرىيەچىلەر (ئۆتۈش)، يەر شارىلىشىش نەزىرىيەچىلىرى (مۇساپە ياكى جەريان)دىن ئىبارەت (شاۋېر، 2000:9).

يەر شارىلىشىش يىلتىزى 16-ئەسىرگىچە تۇتۇشىدىغان، بىراق ئاخىرقى چارەك ئەسىردە بولۇپمۇ قاتناش ۋە ئۇچۇر-ئالاقە تېخنولوگىيەسى ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە ئىنسانىيەتنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان ھادىسىدۇر (ئارسلانەل ۋە ئەريۈجەل، 2013:24). يەر شارىلىشىش دۇنيانىڭ زامان ۋە ماكان جەھەتتىن كىچىكلەپ كېتىشى ۋە دۇنيانى بىرلا ماكان سۈپىتىدە چۈشىنىش ئېڭىنىڭ ئومۇملىشىشى دەپ تەرىپلەنمەكتە (ئارسلانئوغلۇ، 1998:124-125). رونالد روبېرتسوننىڭ  تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا، يەر شارىلىشىش دۇنيانىڭ كىچىك «يېزا»ھالىتىگە كېلىشىدۇر (روبېرتسون، 1998:22). كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، يەر شارىلىشىش كۈنىمىزدە بەكرەك شىمال-غەربلىك باي دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە تۆۋەن دەپ قارىلىدىغان دۆلەتلەر ئالدىدىكى ئۈستۈنلىكى دەپ قارىلىدۇ. بۇ باي دۆلەتلەر بېكىتكەن قائىدە-پىرىنسپىلارغا رىئايە قىلغانلارنىڭ يەرشارىلىشىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىغانلىقى، رىئايە قىلمىغانلارنىڭ بولسا چەتكە قېقىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خاھىشلار كۈچەيمەكتە (تالاس، 2005:101). مەسىلىگە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىن قارىساق، مودېرنىزىمنىڭ يەنى كاپىتالىزىمنىڭ غەرب دۇنياسىدىن دۇنياغا باشقا يەرلىرىگە كېڭىيىشىدۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، يەر شارىلىشىش مودېرنىزىمنىڭ كېڭىيىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس (گىددېنس، 1998:67).

يەر شارىلىشىش ئالدى بىلەن ئىقتىسادىي ساھەدە ئۆزىنى نامايەن قىلغانلىقتىن بولسا كېرەك، ئىقتىسادىي ئامىللار بەكرەك تەكىتلەنمەكتە. دۇنيا بازارلىرىنىڭ يەر شارىلىشىشى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. كۈنىمىزدە، يەرشارىلىشىش دېيىلگەندە ئىقتىسادىي ۋە تېخنولوگىيەلىك رىقابەت ساھەلىرىدە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇچۇر-ئالاقە تېخنولوگىيەسىنىڭ يەرلىك ۋە مىللىي بازارلاردىن چىقىپ دۇنيا بازارلىرىغا كېڭىيىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك قاراش مەۋجۇت. يەر شارىلىشىش توغرىسىدىكى ئانالىزلارغا قارالغىنىدا بۇ قاراشلارنىڭ توغرىلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ (تالاس ۋە كايا، 2007:151).

يەر شارىلىشىش ئىقتىسادىي ساھە بولۇپ خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە باشقا خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىڭ ئالدىدىكى چەكلىمە ۋە توسالغۇلار ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈلگەن مۇساپە بولۇش، شۇنداقلا لىبېرال (ئەركىن) قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئومۇملىشىشى بولۇپ لىبېراللىشىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرگەن جەريان دېگەن مەنىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەر شارىلىشىش ئۇقۇمى جاھانگىرلىك ۋە ئالەمشۇمۇللۇققا ئوخشاش ئۇقۇملار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالماقتا. بولۇپمۇ جاھانگىرلىك مەنىسىدە ئىشلىتىش كەڭ ئومۇملاشماقتا. ئىقتىسادىي يەر شارىلىشىش دائىرىسىدە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلمەكتە، ئامېرىكا بولۇپ ئىقتىسادىي كۈچلۈك دۆلەتلەر جاھانگىرلىك مۇنداق قىلىپ ئېيتقاندا، كېڭەيمىچىلىك قىلىشنىڭ كويىدا يۈرمەكتە. يەر شارىلىشىشنىڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىر پۈتۈن ۋە بىر گەۋدىلىشىشىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ياقلايدىغان نەزىرىيەچىلەرنىڭ قارىشىچە،  يەر شارىلىشىش مەبلەغ بايلىقى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ يېڭى بازارلارنى يارىتىش ۋە يۇقىرى پايدىغا ئېرىشىش غەرىزىدە قانۇن ۋە شارائىتلارنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىشىدا ماسكا ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ (شاھىن، 2006:21).

مەدەنىيەت جەھەتتىكى يەر شارىلىشىش ئىقتىسادىي يەر شارىلىشىشتىن قالسا ئەڭ كۈچلۈك يەر شارىلىشىش تېمىلىرىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. بىر تەرەپتىن يەر شارىلىشىشنىڭ ئۆزىنىڭ بىر مەدەنىيەت مەھسۇلاتى بولۇشى، يەنە بىر تەرەپتىن مەدەنىيەتلەرنىڭ يەر شارىلىشىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئۆزگىرىشى مەدەنىيەت بىلەن يەر شارىلىشىش ئارىسىدا ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ (تالاس، 2004:242).

يەر شارىلىشىشنى ئىدېئولوگىيە سۈپىتىدە ئانالىز قىلغىنىمىزدا، يەر شارىلىشىشنىڭ زادى قانداق نەرسە ياكى قانداق نەرسە ئەمەسلىكى مەسىلىسىمۇ مۇھىم تېمىلاردىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن يەر شارىلىشىش قانداقتۇر ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنىڭ بىردىنبىر شەرتى، بىۋاستە جەريانى ياكى ئاخىرقى نەتىجىسىمۇ ئەمەس. بۇنىڭدىن باشقا، خەلقئارا ئۇچۇر-ئالاقە ۋە مېدىيا پۇرسەت ۋە شارائىتلارنى مۇتلەق مەنىدە ئومۇملاشتۇرۇشنى ۋەياكى مەدەنىيەتلەرنى بىر-بىرىگە چوقۇم يېقىنلاشتۇرۇشنى زۆرۈر قىلمايدۇ. قىسقىسى، يەر شارىلىشىش مىللىي مەدەنىيەتنى پارچىلاش ياكى يوق قىلىش دېگەنلىكمۇ بولمايدۇ (تالاس ۋە كايا،2007: 152).

يەر شارىلىشىشنى سىياسىي نۇقتىدىن تەھلىل قىلغىنىمىزدا، مىللىي دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيەنىڭ يەر شارىلىشىشنىڭ تەسىرىگە قانداق ئۇچرايدىغانلىقى، شۇنداقلا مىللىي دۆلەتلەرنىڭ يېڭى شارائىتتىكى رولىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى مەسىلىسى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ. كۈنىمىزدە مىللىي دۆلەتلەرنىڭ شەكلىنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرىدىن بولغان مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە مىللىي كىملىك قۇرۇلمىسىغا بىر پۈتۈن قارايدىغان نۇقتىينەزەر ئۈستىدە تالاش-تارتىش ئېلىپ بېرىلىش بىرگە، مىللىي دۆلەت ئەندىزىسى فونكسىيەلىك جەھەتتىن يېتەرسىز بولۇش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە (جامسون، 2000: 39). يەر شارىلىشىش بىر تەرەپتىن دۇنيانى «ئاشقۇن دېموكراتىيە»گە ئىتتىرىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن دېموكراتىيە كىرىزىسىگە سەۋەب بولماقتا (ھابەرماس، 2002:27).

يۇقىرىدا قەيت قىلىنغىنىدەك، بەزى تەتقىقاتچىلار يەر شارىلىشىش ھادىسىسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرىپىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويسا، بەزىلىرى سىياسىي ياكى ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي تەرىپىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا. بەزى ئانالىزچىلار تەبىئىي ھالدا شەكىللەنگەن ھادىسىنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن يەر شارىىلشىش ئۇقۇمىنى ئىشلىتىدىغان بولسا، بەزى ئانالىزچىلارمۇ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەن ھادىسىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن يەر شارىلىشىش ئۇقۇمىدىن پايدىلانغانلىقى ۋەياكى نىسبەتەن يېڭى ھېسابلىنىدىغان ھادىسىنى ئوخشاش ئۇقۇم بىلەن ئاتىماقتا. يەر شارىلىشىشنىڭ نۇرغۇن ساھەدە پەيدا قىلغان تەسىرلىرىنى نەزەرگە ئالساق، بۇ ھادىسە تولىمۇ مۇرەككەپ، ئېنىقسىز ۋە زىددىيەتكە تولغان ھادىسە ئىكەنلىكى نامايەن بولىدۇ. شۇڭلاشقا يەرشارىلىشىشنىڭ خاراكتېرى ۋە ئالاھىلىكىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىش ئۇنچىۋېلا ئاسان ئەمەس.

يۇقىرىقىلارنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، يەر شارىلىشىش يەرلىك-خەلقئارالىق بولۇپ ئىككى زىتلىق ئىچىدە ھەر ئىككى يۆنىلىشكە قاراپ ئىگىرىلىۋاتقان مۇساپىنى ئىپادە قىلىدىغان بولۇپ، تۇرغۇن قۇرۇلمىدىن بەكرەك دىنامىك ۋە ئۆزگىرىشچان جەرياندۇر. يەر شارىلىشىش  دۇنيانىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنى ئاستا-ئاستا نوپۇزى ئاستىغا ئالماقتا، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە دائىرىسىگە قوشۇلغان يېڭى ئامىللار بىلەن ئۆزىنى تېخىمۇ بېيتماقتا (بايار، 2008:25). ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، يەر شارىلىشىش مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: تېخنولوگىيە ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەردە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ، مىللىي دۆلەتلەر ئارىسىدىكى چېگرالارنىڭ رولى ئازىيىدۇ، مىللىي دۆلەتنىڭ ئىچكى دۇنيا يارىتىش قابىلىيىتى ئاجىزلايدۇ، جەمئىيەت، مىللەت ۋە دۆلەتلەر ئارىسىدا بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ساھەدە قويۇق ۋە زىچ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت بەرپا بولىدۇ، جەمئىيەت، مىللەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ بىر-بىرىگە بېقىندىلىق مۇناسىۋىتى كۈچىيىپ كېتىدۇ. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر دەرىجىسى زىچ ۋە قويۇق بولىدۇ، بىر جەمئىيەتتە يۈز بەرگەن ھادىسە شۇ جەمئىيەتتىن ھالقىپ باشقا جەمئىيەتكىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بەرگەن سىياسىي ھادىسىلەرنىڭ پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلارغىلا تەسىر كۆرسەتكىنىگە ئوخشاش. قىسقىسى، يەر شارىلىشىش پەن، سىياسەت، تېخنولوگىيە، ئىقتىساد، پۇل-مۇئامىلە، مەدەنىيەت ۋە سەھىيە بولۇپ ئوخشىمىغان ساھەدە ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش، بېقىندىلىق، بىرلىشىش ۋە پۈتۈنلىشىش تەرىقىسىدىكى ئۆزگىرىش، ئايلىنىش ۋە تەرەققىياتلارنى ئىپادىلەيدىغان كۆپ تەرەپلىملىك ۋە مۇرەككەپ ھادىسىنى كۆرسىتىدۇ. يەر شارىلىشىش جەمئىيەتلەرنىڭ، دۆلەتلەرنىڭ، ئىقتىسادىي تۈزۈملەرنىڭ ۋە سىياسىي ئورگانلارنىڭ قۇرۇلمىسىدا غايەت زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايدۇ. يەر شارىلاشقان دۇنيادا نوقۇل ئورگان ۋە قۇرۇلمىلارلا ئەمەس ئورگان ۋە قۇرۇلمىلارنى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلىدىغان پىرىنسىپ-قائىدىلەرمۇ تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە. بۇ ئۆزگىرىشلەر 21-ئەسىرنى بۇرۇنقى ئەسىرلەردىن ئالاھىدە پەرقلىق قىلىدۇ (ئەنەر ۋە دەمىرجان، 2006:198). بۇ دائىرىدە يەر شارىلىشىش ھادىسىسى ۋە ئۇقۇمى قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىۋاتقان كۈنىمىزدە، مىللىي دۆلەت ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلاردىمۇ ئۆزگىرىش ۋە بۇرۇلۇش يۈز بېرىشكە باشلىماقتا.

2- مىللىي (ئۇلۇس) دۆلەت- ئىگىلىك ھوقۇق

مىللىي دۆلەت ئورگانلاشقان سىياسىي ھاكىمىيەت ئەندىزىسىنىڭ كونكرېت ئىپادىلىرىدىن بىرى بولغان بولسا، مىللەت -ئۇلۇس(nation) مىللىي دۆلەتنىڭ ئۆزىنى قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئۇقۇملاردىن بىرىدۇر (تەكەلى ۋە ئىلكىن، 2008: 118). مىللىي دۆلەت دېگەندە ئىنسانلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى مىللىي سىياسەت مىخانىزمىلىرى ۋە  ئورگانلار دائىرىسىدە بەلگىلەپ چىققان دۆلەت ئەندىزىسىنى كۆرسىتىدۇ.  باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، فىئودال خاراكتېردىكى سىياسىي تۈزۈمدىن مەركەزىيەتچىلىك ئالاھىدىلىك قويۇپ بولغان سىياسىي تۈزۈمگە ئۆتۈشنى ئىپادىلەيدۇ. ئوخشاش بىر تىلنى سۆزلىشىدىغان، ئوخشاش ئىرقتىن كەلگەن، ئوخشاش دىنغا مەنسۇب، ئوخشاش مەدەنىيەتگە ئىگە، ئوخشاش تارىخىي ئۆتمۈشنى ئورتاقلاشقان، تەقدىرى ئوخشاش بولغان، ئورتاق دۈشمەن ياكى دۈشمەنلىرى بولغان ئىنسان توپلۇقى بولغان «مىللەت»نىڭ سىياسىي جەھەتتە تەشكىللىنىش شەكلىنى ئىپادىلەيدىغان مىللىي دۆلەت، قانۇنلۇق ۋە رەسمىي سالاھىيىتىنى مىللەتتىن ئالىدۇ. مىللىي دۆلەت بىر مىللەتنىڭ ئەڭ ئالىي سىياسىي ئورگىنى بولۇپ، بۇ ئالىي سىياسىي ئورگان فىئودال ئالاھىدىلىكى بولغان قۇرۇلمىدىن مەركەزىيەتچىلىك يۆنىلىشتە تەرەققىيات قىلغان ئىجتىمائىي ۋە تارىخى ھادىسىنى كۆرسىتىدۇ. مىللىي دۆلەت ئورتاق مەنىۋى بايلىقلار ئەتراپىغا يىغىلغان ۋە مىللىي سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە شەكىللەنگەن سىياسىي رامكا ۋە قېلىپلار دائىرىسىدە ياشايدىغان ھەر خىل ئېتنىك توپلۇقلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى، ئىززەت-ئابرويىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان سىياسىي تۈزۈمدۇر (ئۆزياكىشىر، 2006:78).

يۇقىرىدا قەيت قىلىنغىنىدەك، مىللەت-ئۇلۇس ئۇقۇمىنى سىياسىي كۈچ – مىللىي دۆلەت ئۆزىنى قانۇنلۇق ۋە رەسمىي سالاھىيەتكە ئىگە قىلىش ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىش ئۈچۈن  ئىشلىتىدۇ. مىللەت-ئۇلۇس ئۇقۇمىنى ھەر خىل نۇقتىدىن ئىزاھلاپ كەلگەن نەزەرىيەلەرنىڭ مۇنداق ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ھازىرقى زامان مەنىدىكى مىللەت-ئۇلۇسنىڭ سىياسىي ۋە كۈلتۈر مەنىسى بولغان ھادىسە بولۇشىدۇر. يەنى مىللەت-ئۇلۇس بولۇشنىڭ شەرتى ئۆزىگە خاس كۈلتۈر ۋە سىياسىي كۈچنىڭ مەۋجۇدلۇقىدۇر. مىللەت-ئۇلۇس مىللىي دۆلەتتە بىر تەرەپتىن ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ يەنە بىر تەرەپتىن ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ مەنبەسى ۋە ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن سىياسىي تۈزۈمنىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ھازىرقى زامان مەنىدىكى مىللەت-ئۇلۇس چۈشەنچىسىنىڭ ئاپىردە بولۇشى تۈرتكىسىدە دۆلەتنىڭ مىللىي دۆلەتكە ئەندىزىسىگە كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ (ھابەرماس، 2001: 80). ئېرنېست گېللنېرنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى زاماندىكى مىللەت-ئۇلۇس زامانىۋى دۆلەت بىلەن بىرلىكتە شەكىللەنگەن سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەشكىللىنىش شەكلىدۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، مىللەت-ئۇلۇس سانائەتلىشىش نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن ئېھتىياجنىڭ مەھسۇلىدۇر. مىللەت-ئۇلۇس شارائىتقا ئاساسەن پىشىپ يېتىلىدۇ، قانداقتۇر مەجبۇرىيەتتىن ئاپىرىدە بولمايدۇ. بۇ دائىرىدە گېللنېر مۇنداق دەيدۇ: «ئىككى ئىنسان پىكىر-چۈشەنچىلەر، ئىشارەتلەر، سېمۋوللار، ئىش-ھەرىكەتلەر ۋە ئۇچۇر-ئالاقە مەنىسىدىكى بىر كۈلتۈرنى ھەمبەھرىلەشسە ئوخشاش بىر مىللەت-ئۇلۇستىن ھېسابلىنىدۇ، بۇ مىللەت-ئۇلۇسنىڭ كۈلتۈر نۇقتىسىدىن ئىزاھىدۇر، لېكىن ئىككى ئىنسان بىر-بىرلىرىنى  ئوخشاش بىر مىللەت-ئۇلۇسنىڭ ئەزاسى دەپ قارىمىسىمۇ ئوخشاش بىر ئۇلۇسنىڭ ئەزاسى ھېسابلىنىدىغانلىقى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، مىللەت-ئۇلۇسلارنى ئىنسانلارنىڭ پەيدا قىلغانلىقلىرىنى ۋە مىللەت-ئۇلۇسلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۆز-ئېتىقادىي، ساداقەت ۋە ھەمكارلىقىنىڭ مەھسۇلاتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ (گېللنېر، 1992:26).

قۇرۇلۇش جەريانى پەرقلىق بولۇش بىلەن بىرگە، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي زېمىن سۈپىتىدە مىللىي دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىدا مىللەت-ئۇلۇسنىڭ بولۇشى، خەلقئارا تۈزۈمنىڭ بۇ ئاساستا مېڭىشى ۋە نۇرغۇن ساھەدە كىلاسىك مىللىي دۆلەت سىياسەتلىرى دەپ تەرىپىلىنىۋاتقان قائىدە-پىرىنسىپلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى قاتارلىقلار قېلىپلاشقان قۇرۇلما پەيدا قىلىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىر مىللەت-ئۇلۇس بەرپا قىلىش ۋە مىللىي كىملىك يارىتىش جەريانى بارلىق مىللىي دۆلەتلەردە بار. ئىچكى ۋە تاشقى ئىگىلىك ھوقۇققا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، مەركەزىيەتچىلىك ئۇقۇمى تېرروتورىيەلىك ۋە تىلنى ئاساس قىلغان ھالدا ئورگانلاشتۇرۇلماقچى بولغان بىر خىللىق ئەندىزىسىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ھەر يەردە ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ (شاھىن، 2006:92). قۇرۇلمىلىق جەھەتتە بىر پۈتۈنلۈك ۋە بىر مەركەزلىك ئالاھىدىلىك بولمىغان مىساللار بولۇپ بارلىق مىللىي دۆلەتلەردە مىللەت-ئۇلۇس بولۇشنىڭ تەقەززاسى ھېسابلىنىدىغان تارىخ، كىملىك، ئورتاق مەنىۋى بايلىقلار ۋە ئۈستۈن كىملىك چوقۇم بولىدۇ ۋە مەركىزى سىياسىي قۇرۇلما تەسىس  قىلىنىدۇ. تەخمىنەن ئىككى ئەسىردىن بۇيان بارلىق مىللىي دۆلەتلەردە ئۇچرايدىغان بۇ ئالاھىدىلىكلەر بىر پۈتۈنلۈك، مەركەزلىك ۋە مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق پىرىنسپىلىرىغا ئىگە سىياسىي تۈزۈمنى مىللىي دۆلەت تۈسىگە ئىگە قىلغان (ھوبىسباۋىن، 2003:104).

يۇقىرىدا قەيت قىلىنغىنىدەك، 19-ئەسىردە كېڭەيگەن تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي ھادىسە ھېسابلىنىدىغان مىللىي دۆلەت ئىنسانلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى مىللىي سىياسەت مېخانىزمىسى ۋە ئورگانلار دائىرىسىدە بەلگىلەش چۈشەنچىسى ۋە قابىليىتىگە تايىنىدىغان، تارىخىي مۇساپىدە ئىجتىمائىي ھادىسە سۈپىتىدە مەركەزىيەتچىلىك ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك بولغان سىياسىي تۈزۈمنى قوبۇل قىلغان، ئوخشاش بىر تىلنى سۆزلىشىدىغان، ئوخشاش ئىرقتىن كەلگەن ۋە ئوخشاش دىنغا ئىشىنىدىغان، ئوخشاش تارىخىي ئۆتمۈشنى ھەمبەھرىلەشكەن، ئورتاق دۈشمەن ياكى دۈشمەنلىرى بولغان بىر توپلۇق ھېسابلىنىدىغان مىللەت-ئۇلۇسنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتە تەشكىللىنىپ ئورگانلىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن، مىللىي دۆلەتنى چېگرالىرى ئېنىق بەلگىلەنگەن بىر پارچە زېمىن ئۈستىدە كۈچ ئىشلىتىش ھوقۇقى بولغان، ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى خەلقنى ئوخشاش تىل، كۈلتۈر، ئەپسانە، سېمۋول ۋە مەنىۋى بايلىقلار يارىتىپ بىرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەنىدە مىللەت-ئۇلۇس ئۈستىگە بەرپا قىلىنغان دۆلەت شەكلى دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ (شاھىن، 2006:113).

مىللىي دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى ئاستىدىكى زېمىنلارنى چېگرا ۋاستىسى ئارقىلىق ئۆزگە دۆلەتلەرنىڭ زېمىنلىرىدىن ئايرىيدىغان بولۇپ، بۇ دائىرىسى بېكىتىلگەن زېمىن ئىچىدە باشقا ھەرقانداق ئىگىلىك ھوقۇق مەنبەسى ياكى ئامىلنى قوبۇل قىلمايدۇ. دۆلەت چېگرالىرى دائىرىسىدە ھاكىمىيەتكە مۇتلەق ئىگىدۇر. دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ دائىرىسى دۆلەتتىكى بارلىق شەخس ۋە قاتلامنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (جەبەجى، 2008: 24). باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەڭ ئالىي سىياسىي ئورگان ھېسابلىنىدىغان مىللىي دۆلەتنىڭ نوپۇزى ۋە قانۇنلۇق سالاھىيىتى زېمىنىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ دۆلەت تېررورتورىيەسىدىكى ئۇچۇر-مەلۇمات، بايلىق، كاپىتال ۋە ئىنسان كۈچىنى نازارەت قىلىش ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ (تەكەلى ۋە ئىلكىن، 2000: 118). دۆلەت ھەر قانداق بىر چەت ئەل پۇقراسىنىڭ دۆلىتىگە كىرىشىگە ياكى ئۆز پۇقراسىنىڭ دۆلەتتىن ئايرىلىشىغا، يەنى چېگرادىن چېگرا ئىچىگە، چېگرا ئىچىدىن چېگرا سىرتىغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلماسلىق ھوقۇقىغا ئىگىدۇر (جەبەجى، 2208: 25).

مىللىي دۆلەتنىڭ مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق دائىرىسىدىكى ئېنقىلىمىسغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي مۇساپە 12-ئەسىرگىچە سوزۇلىدۇ، بىراق ۋېستفالىيە ئەھدىنامىسىنىڭ تېمىغا مۇناسۋەتلىك بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىكەنلىكى بىردەك قوبۇل قىلىنىدۇ (داۋۇتئوغلۇ: 2003:48). 1648-يىلى  ئىمزالانغان ۋېستفالىيە ئەھدىنامىسى مىللىي دۆلەتنىڭ خەلقئارا تۈزۈمدە قانداق ئورۇنغا ۋە ئۆز چېگراسى ئىچىدە قانداق كۈچگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويۇش نۇقتىسىدىن بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. ۋېستفالىيە ئەھدىنامىسىگە ئاساسلانغاندا دۆلەتلەر، دۆلەتلەرئارا قانۇندا باراۋەر ھېسابلىنىدىغان سىياسىي كۈچلەردۇر (بۇلۇت، 2003:185). ۋېستفالىيە ئەھدىنامىسىدە تەكىتلەنگەن «زېمىن» ۋە «ھاكىمىيەت»ئامىللىرىمۇ ئەنئەنىۋى دۆلەتلەردىمۇ تەكىتلىنەتتى. ۋېستفالىيە ئەھدىنامىسى ئارقىلىق ھاكمىيەت ۋە چېگرا ئارىسىدا بىۋاستە مۇناسىۋەت قۇرۇلغان. دۆلەتنىڭ ھاكىمىيىتى بىلەن دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ساھەلىرىنى ئايرىپ تۇرىدىغان چېگرا ئارىسىدا قۇرۇلغان بۇ مۇناسىۋەت شەكلى، دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى نۇقتىسىدىن يېڭىچە ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. بۇرۇنلاردا بۇنىڭغا ئوخشاش قانۇنىي ئۆلچەملەر بولسىمۇ، لېكىن ۋېستفالىيە ئەھدىنامىسى ئارقىلىق ھاكىمىيەت بىلەن زېمىن ۋە چېگرا ئارىسىدىكى ئېنىق سىزىقلار بىلەن بېكىتىلگەن بېقىندىلىق مۇناسىۋەت ئورنتىلغاندىن سىرت، مىللىي دۆلەت بىلەن ئىگىلىك ھوقۇق ساھەسى ئارىسىدىكى بېقىندىلىق مۇناسىۋەت ئېنىق يورىتىپ بېرىلگەن (داۋۇتئوغلۇ، 2003:48).

ئىگىلىك ھوقۇق ئۇقۇمى لۇغەتكە تۇنجى قېتىم بۇ ئۇقۇمىنى ئىزاھلاپ سىستېمىلاشتۇرۇپ ئۇنى نەزىرىيەۋى ھالەتكە ئېلىپ كەلگەن فىرانسىيەلىك مەشھۇر قانۇنشۇناس جېن بودىننىڭ «دۆلەتنڭ ئالتە كىتابى»ناملىق ئەسىرى بىلەن كىرگەن. بۇ ئەسەردە جېن بودىن ئىگىلىك ھوقۇقنى  جەمئىيەتتىكى بارلىق پۇقرالارنىڭ ئۈستىدە قانۇن بىلەن چەكلەنمەيدىغان ئەڭ ئالىي ھوقۇق دەپ تەرىپلەيدۇ ( ئاغائوغۇللىرى ۋە كۆكەر، 2004:26). جېن بودىن ئىگىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىنى سىستېملىق ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ۋە دائىرىسىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

ئىگىلىك ھوقۇق مۇتلەقتۇر: ئەڭ ئالىي ھاكىمىيەت كۈچى بولغان ئىگىلىك ھوقۇق باشقا بىر كۈچنىڭ دەخلىسىگە ئۇچرىسا بولمايدۇ ۋە جەمئىيەتتىكى باشقا كۈچلەر ئەڭ ئالىي ھاكىمىيەت يول قويغان دائىرىدە ھەرىكەت قىلىدۇ.

ئىگىلىك ھوقۇق ئىزچىللىقا ئىگىدۇر: ئىگىلىك ھوقۇق بىلەن دۆلەتنىڭ بېشىدىكى كىشىنى بىر-بىرىدىن ئايرىيدىغان بودىننىڭ قارىشىچە، مەلۇم مۇددىتى بولغان ياكى خالىغان ۋاقىتتا قايتۇرۇپ ئېلىنىدىغان ھۆكۈمەت ئىگىلىك ھوقۇق بولماستىن پەقەت ھوقۇقتۇر.

ئىگىلىك ھوقۇق پارچىلانمايدۇ ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىلمەيدۇ: ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ مۇتلەق ۋە ئىزچىل بولۇشى ئۇنىڭ «بىر»بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىگىلىك ھوقۇق پارچىلانماسلىق ۋە بىر پۈتۈن بولۇش شەرتى ئاستىدا بىر ھۆكۈمداردا، ئاقسۆڭەڭلەردە ياكى جەمئىيەتنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ.

سىتېپخېن كراسنېر ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە توختىلىپ ، بۇ ئۇقۇمنى تۆت كاتېگورىيەگە ئايرىغان (كىراسنېر، 1999:3).

  • ئىچكى ئىگىلىك ھوقۇق: بىر دۆلەتتە دۆلەت نوپۇزىنىڭ سىستېمىلىق ھالغا كەلتۈرۈلۈشى ۋە بۇ نوپۇزنىڭ نازارەت مىخانىزمىسى ۋە كونترول كۈچىگە ئىگە بولۇشى.
  • چېگرا ۋە ئۆز-ئارا بېقىندىلىق ئىگىلىك ھوقۇقى: دۆلەت نوپۇزىنىڭ چېگرادىن ھالقىغان ھەرىكەتلىرىنىمۇ نازارەت قىلىش قابىلىيىتى
  • خەلقئارا قانۇن ئىگىلىك ھوقۇقى: دۆلەتلەرنىڭ بىر-بىرلىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا تايىنىدىغان ئىگىلىك ھوقۇق دائىرىسى
  • ۋېستفالىيە ئىگىلىك ھوقۇقى: تاشقى كۈچلەرنىڭ بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقى

بۇ كاتېگورىيەگە ئاساسلانغاندا، بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىگىلىك ھوقۇقى، چېگرالاردىكى ئېغىزلارنى كونترول قىلىدىغان چېگرا ئىگىلىك ھوقۇقى، خەلقئارا ئىگىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن ئۆز-ئارا ئېتىراپ قىلىشقا تايىنىدىغان خەلقئارا ئىگىلىك ھوقۇقى، بىر مىللىي دۆلەتنىڭ مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق دائىرىسىگە ئۆزگە دۆلەتنىڭ ئارىلىشالماسلىقىنى ئاساس قىلىدىغان ئىگىلىك ھوقۇقلار بار. ئوخشاشلا بىر دۆلەتتە بۇ تۆت ئامىلنىڭ ھەممىسىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا تەڭ مەۋجۇت بولىدىغان ئەھۋالمۇ بولماي قالىدۇ. مەسىلەن، ھەر قانداق بىر خەلقئارا تەشكىلاتقا ئەزا بولۇش قانۇن جەھەتتىكى ئىگىلىك ھوقۇققا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، بىراق ۋېستفالىيە ئىگىلىك ھوقۇقى بۇنى بىكار قىلىۋېتىلەيدۇ (داۋۇتئوغلۇ، 2003:50).

يۇقىرىدا قەيت قىلىغىنىدەك، ئىگىلىك ھوقۇق ئۇقۇمى 16-ئەسىردە ياۋروپادا فىئودال تۈزۈمدىن مىللىي دۆلەت تۈزۈمىگە ئۆتۈش جەريانىدا پەيدا بولغان. جېن بودىن ئىگىلىك ھوقۇق كۈچىنىڭ «مۇتلەق، بۆلمەنمەيدىغان ۋە ئىزچىل»بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ھاكىمىيەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىدىغان چاغدا نە ئۆزى بىلەن  تەڭ نە ئۆزىدىن ئۈستۈن ھەر قانداق كۈچكە بېقىندى بولمايدۇ. ئىگىلىك ھوقۇق بىر شەخستە، بىر ئاز سانلىق توپلۇقىدا ياكى خەلقنىڭ كۆپ قىسمىدا بولۇشىمۇ مۇمكىن. مۇھىم بولغىنى ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ پارچىلانماسلىقى، بىرلا شەخس ياكى ئورگانغا يىغىلىشىدۇر. بىر دۆلەتتە بىرلا ھاكىمىيەت بولۇشى لازىم. دۆلەت ئىچىدە بىردىن ئارتۇق ھاكىمىيەت بولۇپ قالسا، چېركاۋ،  فېئودال بەگلەر ياكى باشقا كۈچلەر ئىگىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلسا بۇنداق دۆلەت پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ (ئۇيغۇن، 2003:250).

ياۋروپادا تارقاق ۋە چېچىلاڭغۇ ھالەتتىكى فىئودالىزىمدىن مىللىي دۆلەتكە ئۆتۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان بۇ چۈشەنچىگە ئاساسلانغاندا، ئەينى دەۋىرنىڭ مۇتلەق مونارخلىرى ھەققىي مۇستەقىل دۆلەتلەر ئىدى. چۈنكى مۇتلەق، بۆلەنمەيدىغان ۋە چەك-چېگراسىز ئالاھىدىلىكى بولغان ھاكىمىيەت بىرلا شەخس يەنى پادىشاھنىڭ ئىلكىدە ئىدى. ھۆكۈمدارنى نە دۆلەت ئىچىدە نە سىرتتا چەكلەپ تۇرىدىغان كۈچ يوق ئىدى. ياۋروپادا «ئوتتۇز يىل ئۇرۇشلىرى»دىن كېيىن ھاسىل قىلىنغان ۋېستفالىيە ئەھدىنامىسى (1648) دەل مۇشۇ ھاكىمىيەت چۈشەنچىسىنى ئاساس قىلغان. ۋېستفالىيە ئەندىزىسى دۇنيانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقى چۈشەنچىسىنى ئاساس قىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا دۆلەتتىن ھالقىغان كۈچلەر نوپۇزىدىن ئايرىپ قالغان، پاپالىق مۇئەسسەسى تىنچلىق ئەھدىنامىسىغا ئارىلاشتۇرۇلمىغان ۋە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيەسى پارچلانغانىدى (ئۇيغۇن، 2003:250). ئوران ساندەر تەكىتلەپ ئۆتكىنىدەك، بۇ زور ۋەقەلەردىن كېيىن ياۋروپا ئۆزلىرى تۈزۈپ چىققان قانۇن بويىچە ئىش قىلىدىغان، ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنىڭلا ئەلا بىلىدىغان، ئەركىن ئىرادە ئىچىدە ئىتتىپاق تۈزىدىغان ياكى بۇزىدىغان، ئۇرۇش بىلەن تىنچلىق ئارىسىدا كۈچ تەڭپۇڭلۇقى پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان، ئۆزگە دۆلەتلەرگە ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ ئەلچىلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان مۇستەقىل ۋە ئەركىن دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپاتتى (ساندەر، 2005: 100). ئىگىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىغا مۇناسىۋەتلىك چېگرا-ھاكىمىيەت مۇناسىۋىتى ۋە ئۆز-ئارا ئېتىراپ قىلىشنى ئاساس قىلىدىغان چۈشەنچە تارىخىي مۇساپىلەردە 19-ئەسىردىن باشلاپ ھېگېلنىڭمۇ بىر كىشىلىك ھەسسىسى بىلەن سىستېملىق ھالەتكە كەلگەن. كېيىنكى مەزگىللەردە بولۇپمۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۇنيا مىقىياسىدا قېلىپلاشقان مىللەت-ئۇلۇس ۋە مىللىي دۆلەت چۈشەنچەسى كەڭ تارقالغان. نوپۇزلۇق نېمىس جەمئىيەتشۇناس ماكس ۋېبېرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىغا بەرگەن ئېنىقلمىسى ئالاھىدە دىققەت قوزغايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى زامان مىللىي دۆلەتنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولسا مەلۇم بىر تېرروتورىيە ئىچىدە قانۇنلۇق ۋە رەسمىي ھالدا كۈچ ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت. يەر شارىلىشىش مۇساپىسىدە مەلۇم بىر تېرروتورىيە ئىچىدە قانۇنلۇق ۋە رەسمىي ھالدا كۈچ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئاساس قىلىدىغان مىللىي دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىپ قىلىنمايدىغانلىقى ۋە بۇ چۈشەنچىنىڭ قانچىلىك ئۆزگەرگەنلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىش تولىمۇ مۇھىمدۇر (داۋۇتئوغلۇ، 2003:50).

ۋېستفالىيە ئەندىزىسىنىڭ 1948-يىلىدىن 1945-يىلغىچە داۋاملىشقانلىقى توغرىسىدا بىردەك قاراش مەۋجۇت. بۇ مەزگىللەردە دەل دۇنياۋى ئىنسان ھەقلىرى چۈشەنچىسى سىستېمىلىق ھالغا كېلىپ كەڭ تارقالغان ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا تەسىر كۆرسەتكەنىدى.  ئەپسۇس ئىنسان ھەقلىرى چۈشەنچىسىنىڭ خەلقئارالىق ئالاھىدىلىكى قوبۇل قىلىنغان تۇرۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىنسان ھەقلىرى ھەممە دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرى بولۇپ قالغانىدى، ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ ھەقلەرنىڭ ھەر قاچان ۋە ھەر يەردە ئەمەلىيلىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان خەلقئارالىق ئورگان روياپقا چىقماي قالدى. دۆلەتلەر ئۆز تېرروتورىيەسى ئىچىدىكى شەخس ۋە توپلۇقلارغا مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان، ھەتتا قانۇنلىرىنى ئۆزلىرى خالىغانچە ئىجرا قىلىدىغان ناچار كەيپىيات باش كۆتۈردى (ئۇيغۇن، 2003:251).

3-يەر شارىلىشىش مۇساپىسىدە مىللىي دۆلەت ۋە ئىگىلىك ھوقۇق كىرىزىسى

ئىلىم- پەن ساھەسىدە مىللىي دۆلەتنىڭ پۈتۈنلەي فونكسىيەسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى، ھەتتا يوق بولغانلىقى توغرىسىدا كىتابلار، ماقالىلەر يېزىلدى. بۇ يەردىكى ئاساسلىق ئىدىيە مۇنداق: مىللىي دۆلەتلەر مىللىي ئىقتىسادىنى، پۇللىرىنى، چېگرالىرىنى، تېرروتورىيەلىرىنى ھەتتا كۈلتۈر ۋە تىللىرىنى كونترول قىلىش قابلىيىتىدىن مەھرۇم بولدى. ماكرو كۈچ مىللىي دۆلەتلەرنىڭ قولىدىن چىقىپ دۇنيا بازىرى، دۆلەت ھالقىغان خەلقئارالىق شىركەتلەر ۋە خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ چاڭگىلىغا چۈشتى ( كوناك، 2011:24).

مىللەت-ئۇلۇس ئۇقۇمىنى ئاساس قىلىپ بەرپا بولغان مىللىي دۆلەت مەيلى قانۇنلۇق مەنبەسىنىڭ ئۆزگىرىشى نۇقتىسىدىن بولسۇن مەيلى يەر شارىلىشىش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە سىياسىي تەسىرلەر نۇقتىسىدىن بولسۇن يەر شارىلىشىشنىڭ تەسىرى ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان ئالىي سىياسىي ئاپاراتتۇر ( جەبەجى، 2008: 24).

شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش زۆرۈركى، يەر شارىلىشىش ھادىسىنىڭ مىللىي دۆلەتنى مەسىلىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇش قويماسلىقى توغرىسىدا ھەر خىل قاراشلار مەۋجۇت. مەسىلەن، روبېرت كوكس خەلقئارالىق سىياسەتنىڭ باش كۆتۈرگەنلىكىنى، ۋېستفالىيە ئەندىزىسىنىڭ مىراسى بولغان مىللىي دۆلەتلەر تۈزۈمىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئورنىغا ئوتتۇرا ئەسىر ياۋروپانىڭ كۆپ قاتلاملىق تۈزۈمىنىڭ دەسسىگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ (پايېنى، 2003:215). دانى رودرىك يەر شارىلىشىشنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي سۈركىلىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ مىللىي دۆلەتنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ مەسىلىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ( رودرىك، 2003: 379). سىمىس بولسا يەر شارىلىشىش ھادىسىسىنىڭ مىللەتچىلىككە سەلبىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكىنى، بۇ سەۋەبتىن مىللىي دۆلەتلەر تۈزۈمىنىڭ كىرىزىس ئىچىدە ئەمەسلىكىنى دەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئاز سانلىق ئېتنىك توپلۇقلارنىڭ كىملىك تەلەپ قىلىش ئارقىلىق يېڭى دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن دۆلەتكە بېسىم قىلىشى سەۋەب بولغان ( سىمىس، 2002:113). ئوخشاشلا روبېرت گىلپىنمۇ ئىقتىسادىي يەر شارىلىشىشنىڭ بارلىقىنى تەن ئېلىپ مىللىي دۆلەتنىڭ بۇ قۇرۇلما ئىچىدە مەۋجۇدلۇقىنى داۋاملاشتۇرالايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ (گىلپىن، 2003: 349).

مىللىي دۆلەت نۇقتىسىدىن يەر شارىلىشىش ھادىسىسىغا مۇناسىۋەتلىك قاراشلارنى ئۈچ خىلغا ئايرىش مۇمكىن. بىرىنچىسى، يەر شارىلىشىش ھادىسىسى مىللىي دۆلەت ۋە مىللىيلىقنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق مىللەتلەرنى (ئۇلۇسلارنى) خەلقئارا كاپىتالنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا مەھكۇم قىلىپ قويغانلىقىنى تەكىتلەيدىغان قاراش، ئىككىنچىسى، يەر شارىلىشىشنىڭ دۇنيانىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن زۆرۈر ۋە مۇقەررەر ھادىسە ئىكەنلىكىنى ۋە يېڭى دۇنيا تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىش لازىملىقىنى ياقلايدىغان قاراش بولسا، ئۈچىنچىسى مىللىي دۆلەتنىڭ يەر شارىلىشىش ئالدىدىكى ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا يا يەر شارىلىشىشقا قارشى تۇرۇش ياكى قوللاش مەسىلىسىگە سوغۇققان قارايدىغان، ھەتتا يۇقىرىدىكى ئىككى قاراشنى رەت قىلىدىغان قاراشتۇر. بۇ ئۈچ خىل قاراشنى «يەر شارىلىشىشقا قارشى چىققۇچىلار»(گۇمانچىلار)، «ئاشقۇن يەر شارىچىلار»(ئاشقۇنلار) ۋە «ئۆزگىرىشنى ياقلىغۇچىلار»دېگەن تەرىقىدە فورمىلا قىلساقمۇ بولىدۇ (ئەسگىن، 2001: 187).

يەر شارىلىشىش توغرۇلۇق مۇلاھىزىلەر بەكرەك مىللىي دۆلەتنىڭ ئاپىرىدە بولۇشىغا زېمىن ھازىرلاپ بەرگەن كاپىتالىزىمنىڭ كۈنىمىزدە مىللىي دۆلەتنى يوق قىلىش ياكى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىۋاتقان ھالەتكە كېلىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كاپىتالىزىمدىن مۇستەقىل ئويلاشقا قەتئىي بولمايدىغان يەر شارىلىشىش ھادىسىسى ھەقىقەتەن مىللىي دۆلەتكە تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە (ئەسگىن، 2001:185). شۇنى چۈشىنۋېلىشقا بولىدىكى، مىللىي دۆلەتنىڭ تارىختا شەكىللىنىشىگە زېمىن تەييارلاپ بەرگەن كاپىتالىزىم بۇ قېتىم يېڭى ئۇسۇللار بىلەن مىللىي دۆلەتنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتىنى ئازايتىش ياكى يوق قىلىش غەرىزىدە ئىكەنلىكى مەلۇم. يەر شارىلىشىشنىڭ كاپىتالىزىمنىڭ بىر باسقۇچى بولۇشتەك چۈشەنچىنىڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدىغان بۇ قاراش، نۇرغۇن تەتقىقاتچى تەرىپىدىن جاھانگىرلىك ياكى كاپىتالىزىمنىڭ ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ ئالدىنى شەرتى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. شۇڭا يەر شارىلىشىش  يېڭى ھادىسە بولماستىن پەقەت يېڭى تېرمىن ياكى ئۇقۇم بولۇپ ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىۋتقان جاھانگىرلىكنىڭ دەل ئۆزى بولۇپ، جاھانگىرلىقنى ئىجابىي تۈسكە ئىگە قىلىش ۋە جاھانگىرلىك ئالدىدا چارىسىزلىك پەيدا قىلىشتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس (بوراتاۋ، 1997:23). ئەلى ياشار سارىباينىڭ قارىشىچە، كاپىتالىزىم كېيىنكى مەزگىللەردە مىللىي دۆلەت پۈتۈنلىكىنى پارچىلىماقتا، مىللىي دۆلەت ئاساس قىلىدىغان ھەم سىياسىي توپلۇقنىڭ ئىجتىمائىي ئالاھىدىلىكىنى ھەمدە بۇ توپلۇق تەرىپىدىن قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئىگە قىلىنغان ئىگىلىك ھوقۇقنى ماھىيىتىدىن يىراقلاشتۇرماقتا (سارىباي، 1998:16).

سامىر ئەمىن كاپىتالىزىمنىڭ زىددىيەتلىك تەرىپىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، كاپىتالىزىمدا بىر تەرەپتىن كاپىتال جۇغلانمىنى كونترول قىلىۋالغان ئىقتىسادىي كۈچلەرنىڭ ئېغىرلىق مەركەزلىرى دۆلەت چېگراسىدىن ھالقىتىلىدىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بارلىق سىستېما ۋە تۈزۈمنى باشقۇرۇشتا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدىغان خەلقئارا سەۋىيەدە سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىدىئولوگىيەلىك ۋە مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ بولماسلىقىدۇر. سىياسىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كاپىتالىزىم دۆلەتنى جەمئىيەتنىڭ «بازار»تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇشىنىڭ بىردىنبىر يول ئىكەنلىكىنى مەجبۇرىي قوبۇل قىلدۇرىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا دۆلەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك ئىدىئولوگىيەلىك ھۇجۇملار باشلىنىدۇ (ئەمىن، 1999:10). شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، مىللىي دۆلەت ۋە يەر شارىلىشىشنى كاپىتال (سەرمايە) جۇغلانمىسىدىن مۇستەقىل ھالدا تەھلىل قىلىش ھەقىقەتەن تەسكە توختايدۇ. بۇ ئىككى ھادىسەنىڭ يىلتىزى بىر بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىككىسى ئارىسىدا زىددىيەت ۋە سۈركىلىش كەسىن بولماقتا (شايلان، 2003:316).

ھارمۇت بەھرنىڭ قارىشىچە، يەر شارىلىشىش مۇساپىسىدە دۆلەتلەر مۇنداق ئىككى قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ بىرىنچىسى، دۆلەتنىڭ تېرروتورىيەلىك ھوقۇقىنىڭ ئاجىزلىشىشى بولسا ئىككىنچىسى دۆلەتنىڭ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشىدۇر. يەر شارىلىشىش مۇساپىسىدە دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي فونكسىيەسى ئۆزگەردى. بۇ ئۆزگىرىش چېگرالارنىڭ نوقۇل دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئاجىزلاشتۇردى، ئاقىۋەت بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە چېگرالارنىڭ رولى تۈگىدى. دۆلەت تېرروتورىيەسىنىڭ ھوقۇقىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن دۆلەتتىن ھالقىغان كۈچلەر دۆلەتنىڭ تېرروتورىيەلىك ھوقۇقى ۋە ھاكىمىيىتىگە قول تىقماقتا. چېگرالارنىڭ بىخەتەرلىكنى ساقلاشتىكى رولىمۇ ئاجىزلىماقتا، قىسقىسى، تەھدىت دۆلەتتىن ھالقىغان كۈچلەردىن كەلمەكتە. بۇرۇنمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، مىللىي دۆلەتلەرنىڭ ئالىي سىياسىي ئورگانلىق خۇسۇسىيىتى زور دەرىجىدە مەلۇم بىر زېمىن ئۈستىدىكى ئىگىلىك ھوقۇققا باغلىق بولۇپ، بۇ چېگرا ئىچىكى ئۇچۇر –مەلۇمات، بايلىق، كاپىتال ۋە ئىنسان كۈچىنى نازارەت قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. ناۋادا مىللىي دۆلەت نازارەت كۈچىنى ئۆزگىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشقا مەجبۇر بولۇپ قالسا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. شۇڭا «مىللىي دۆلەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى» ۋە «مىللىي دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى»تولىمۇ مۇھىمدۇر. چۈنكى ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ ئاجىزلىشىشغا ھەتتا قولدىن كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئۆزگىرشىلەر، دەل مىللىي دۆلەتنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىدۇ. بىر مىللىي دۆلەت قانۇنلۇق سالاھىيىتىدىن ئايرىپ قالسا ئۆزگە بىر مىللىي دۆلەت پايدا تاپىدۇ، شۇ مىللىي دۆلەتنى قانۇنلۇق سالاھىيىتىگە ئىگە قىلغان مىللەت-ئۇلۇس كىملىكسىز ۋە باش پاناھسىز ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ (ئەسگىن، 2001:186).

مىللىي دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى  ۋە قانۇنلۇق سالاھىيىتىگە ئېغىر خەۋپلەرنى ئېلىپ كەلگەن ھادىسىنىڭ يەر شارىلىشىش ئىكەنلىكىنى دېسەك خاتالاشمىغان بولىمىز. چۈنكى يەر شارىلىشىش دۆلەتتىن ھالقىغان ئىقتىسادىي كۈچلەرنىڭ كىرىزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىجتىمائىي، سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە تېخنولوگىيەلىك ساھەلەرنى يېڭىلاش ۋە دۇنيانى چوڭ بازارغا ئايلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. كىرىزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن دۇنيانىڭ ۋەزىيىتى چۈشىنىش كېرەك ئىدى، شۇڭا ھەر خىل سىنارىيەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ سىنارىيەلەر دۇنيانىڭ ۋەزىيىتىدە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى تۆت جەھەتتىن ئىپادە قىلاتتى. مەسىلەن، بىرىنچىسى،  سانائەت جەمئىيىتىدىن ئۇچۇر جەمئىيىتىگە، ئىككىنچىسى فوردىست ئىشلەپچىقىرىش شەكلىدىن ئىلاستىكىلىق ئىشلەپچىقىرىش شەكلىگە، ئۈچىنچىسى مودېرنىزىمدىن پوستمودېرنىزىمغا، تۆتىنچىسى مىللىي دۆلەتتىن يەر شارىلاشقان دۇنياغا ئۆتۈشىن ئىبارەت (تەكەلى ۋە ئىلكىن، 2000:119). يەنە بىر  مۇنداق مۇھىم سىنارىيە بار بولۇپ ئۇ بولسىمۇ، يەرلىك ياكى مىللىي ئىقتىسادنىڭ دۆلەتتىن ھالقىغان ئىقتىسادىي كۈچكە قاراپ يۈزلىنىشىدۇر. بۇ مۇساپىدە مۇھىم بولغىنى شۇكى، دۇنيا مىقىياسىدا كاپىتاللارنىڭ يۈرۈشۈش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى خەلقئارا سەۋىيەدە بىر-بىرىگە باغلىق  بولغان كاپىتال بازارلىرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. نوپۇزلۇق جەمئىيەتشۇناس جۇرگان ھابەرماسنىڭ قارىشىچە، كۈنىمىزدە دۆلەتلەرنىڭ چېگرالىرى ئىچىگە يوشۇرۇنغان دۆلەت ئىقتىسادىدىن بەكرەك خەلقئارالىق بازارلار ئىچىدە يوشۇرۇنغان دۆلەتلەر بار (ھابەرماس، 2000:204). ئا. ياشار سارىباينىڭ قارىشىچە، مىللىي دۆلەتنىڭ كىرىزىسگە پېتىپ قېلىشى ياكى ماغدۇرىدىن كېتىشىنى «مىللەت-ئۇلۇسنىڭ خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىش كېتىشى ۋە بۇنىڭغا ماس ھالدا دۆلەتنىڭمۇ خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى»سەۋەبىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئىزاھلاش كېرەك. ھابەرماس مىللىي دۆلەتنىڭ خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىش جەريانىنىڭ ئۈچ شەكىلدە ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. 1- دۆلەتنىڭ كونترول قابلىيىتى ئاجىزلايدۇ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە نوپۇزى ئاجىزلايدۇ. بۇنداق بولغاندا، دۆلەت ئۆز پۇقرالىرىنى ئۆزگە كۈچلەرنىڭ قارارلىرى ياكى چېگراسى سىرتىدا مەيدانغا كەلگەن ھادىسىلەرنىڭ تەسىردىن قوغداشتىن ئاجىز كېلىدۇ. 2-مىللىي دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ۋە دېموكراتىك كۈچىگە دەز كېتىدۇ. 3- مىللىي دۆلەتلەرنىڭ باشقۇرۇش كۈچى ئاجىزلايدۇ.

ھابەرماس بۇ ئۈچ خىل ئەھۋالنىڭ تەسىرى تۈپەيلى مىللىي ھۆكۈمەتلەر دۆلەت ئىقتىسادىنى باشقۇرۇشقا كېرەكلىك بولغان بارلىق مىخانىزمىلارنى سەپەرۋەر قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىنى تىزلىتىشتىن ئاجىز كېلىدۇ (ھابەرماس، 2000:206).

مىللىي دۆلەتنىڭ ئاساسلىق تايانچىسى بولغان ئىگىلىك ھوقۇق ئۇقۇمى كۈنىمىزدە دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى ئىزاھلاشقا قۇربى يەتمەيۋاتىدۇ. كىلاسىك مەنىدە ئىگىلىك ھوقۇق بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى مۇناسىۋەتلەردىكى مۇتلەق كۈچىنى ئىپادە قىلاتتى. كۈنىمىزدە بولسا مىللىي دۆلەت قارار چىقىرىش مىخانىزمىسىنىڭ يېگانە كۈچى بولۇشتەك سالاھىيىتىدىن بارغانچە ئايرىلىپ قالماقتا (جەبەجى، 2008:27). دۇنيانىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە قارىساق، مىللىي دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ كىرىزىس ئىچىدە تۇۇۋاتقانلىقىنى تەن ئالماي تۇرالمايمىز. ھېچ بولمىغاندا ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ ھەممىگە قادىر بولۇشتەك سالاھىيەتتىن چىققانلىقىنى ئېتىراپ قىلىمىز. ۋېستفالىيەچە ئىگىلىك ھوقۇق ئۇقۇمى توغرۇلۇق ئەينى ۋاقىتتا سۈنئىي يارىتىلغان بەزى ئەپسانىلەر زاۋالىققا يۈز تۇتتى (ئۆزلۈك ۋە دوغان، 2010:132). مەسىلەن، بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ھالقىىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان چېگرالار پەيدا قىلغانلىقى ۋە ۋېبېرنىڭ قارىشىدىكى دۆلەتنىڭ قانلۇنلۇق كۈچ ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا قاراش پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان ھالەتكە كەلدى (مەنسسبېچ، 2007:13). بولۇپمۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا قاتتىق تەكىتلەنگەن ئىگىلىك ھوقۇق مىللىي دۆلەتنىڭ كاپىتال، بايلىق، ئىنسان، شىركەتلەر ۋە ئۇچۇر-مەلۇماتلار ئۈستىدىكى نوپۇزى ۋە ھاكىمىيىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشىقا باشلىشى بىلەن كىرىزىسكە كىرىپ قالدى (پىلپوت، 2001:298). 1970-يىللارنىڭ ئوتتۇرىدىن باشلاپ بۇ كىرىزىس تۈپەيلى ۋېستفالىيە تۈزۈمى ئېغىر تەھدىت ئاستىدا قالدى. ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ بۇنچىلىك ئېغىر تەھدىت ئاستىدا قېلىشىغا ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەپسانە ۋە قاراشلار ئۈستىدە مۇنازىرىلەرنىڭ بولۇشىغا يەر شارىلىشىش ھادىسى سەۋەب بولماقتا (ئارسلانەل ۋە ئەريۈجەل، 2013). يەرشارىلىشىش مۇساپىسىدە مەيدانغا كەلگەن نۇرغۇن ئۆزگىرىش ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ باشقىچە سەۋىيەگە كەلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. بۇ مۇساپىدە فېدارالىزىم، كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقى، قانۇن دۆلىتى، ئىنسان ھەقلىرى، خەلقئارا قانۇن، خەلقئارا، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، دۆلەتتىن ھالقىغان شىركەتلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن «مۇتلەق، چەكسىز، يېگانە، بۆلۈنمەيدىغان»دېگەندەك ئالاھىدىلىكلىرى بولغان كىلاسىك ئىگىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسىنى كۈنىمىزدە ياقلاشنىڭ كۆپ ئەھمىيىتى قالمىدى. كۈنىمىزدە ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ مۇتلەق ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى ئىمكانسىز ھالەتكە كېلىپ قالدى. چۈنكى يەر شارىلىشىش مۇساپىسىدە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىپ سىياسەت يولغا قويالايدىغان ساھە ۋە مەسىلىلەر ئىزچىل ئازىيىپ بارماقتا. قىسقىسى، يەر شارىلىشىش ھادىسى تۈپەيلى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ساھەسىدە زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، لېكىن بۇ ئۆزگىرىشلەر مىللىي دۆلەتنىڭ زىيانىغا بولماقتا. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب خەلقئارالىق جەمئىيەت، گۇرۇھ ۋە توپلۇقنىڭ شۇنداقلا خەلقئارا قانۇننىڭ قۇرۇلمىلىق ئالاھىدىلىكگە ئىگە بولۇشىدۇر. بۇ دائىرىدە خەلقئارالىق كېلىشىملەر تۈرتكىسىدە خەلقئارالىق رەسمىي ئورگانلار مىللىي دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىت ھالدا ھوقۇق دائىرىسىنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتمەكتە، خەلقئارا قانۇن كۈچەيمەكتە ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەر نۇرغۇن ساھەدىكى خىزمەتلەرنى ۋە سىياسەتلەرنى خەلقئارا كېلىشىملەرنى نەزەردە تۇتقان ھالدا ئېلىپ بارماقتا (شاھىن، 2006:126).

خەلقئارا قانۇننىڭ دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى زىچلىق، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ سانىدىكى كۆپىيىش ۋە قارارلارنىڭ ئىناۋەتلىك كۈچىنىڭ بولۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بەكرەك ئىقتىسادىي جەھەتتىكى يەر شارىلىشىشقا مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، جەنۇب دۆلەتلىرىنىڭ تەكشىسىز ئىقتىسادىي يەر شارىلىشىش سەۋەبىدىن نۇرغۇن ساھەدە پاسسىپ ھالەتتە خەلقئارا ھەمكارلىققا كىرىپ قالغانلىقىنى نەزەردە تۇتساق، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدا ئاجىزلىشىشنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى تەخمىن قىلىش تەس ئەمەس. ئىگىلىك ھوقۇق دائىرىسىنىڭ تارىيىپ كېتىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ھاكىمىيەت ياكى ھۆكۈمەتنىڭ ئاجىزلىشىشىدۇر. يېڭچە-لىبېرال پىرىنسىپلار دائىرىسىدە دۆلەتنىڭ قايتىدىن قۇرۇلمىشىشىمۇ ھاكىمىيەت ياكى ھۆكۈمەتنىڭ ئاجىزلىشىشىنى تېزلەتتى، شۇنداقلا ھاكىمىيەت چۈشەنچىسى ۋە ھۆكۈمەت كۈچىدىكى ئاجىزلىشىشمۇ قۇرۇلمىلىق تۈس ئالدى، يېقىنقى مەزگىللەردىكى سىياسىي چۈشەنچىنىڭ مەھسۇلاتى بولغان كىچىك تىپلىق دۆلەت قۇرۇش ئىدىيەسىمۇ ھەر نەرسە ۋە ئۆزگىرىشنى كونترول قىلىشنىڭ كويىدا يۈرۈيدىغان كىلاسىك ئىگىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان قاراشنىڭ نەتىجىسىدۇر (ھىرست ۋە تومپسون، 2003:23).

مىللىي دۆلەت كۈچلۈك ئىگىلىك ھوقۇققا ئېھتىياجلىق دەۋىرلەرنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، بۇ دەۋىرلەردە دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتە تۈردەشلىك ۋە بىر پۈتۈنلۈك پەيدا قىلالاشى ئۈچۈن بارلىق كۈچنى ئىلكىدە تۇتۇشى زۆرۈر دەپ قارالغان ۋە مۇشۇ دائىرىدە شارائىت يارىتىلغانىدى. بىراق ئەركىن ئىقتىساد، خۇسۇسىيلاشتۇرۇش، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنىڭ كېڭەيتىلىشى، ئۈچىنچى كەسىپنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە دېموكراتىيەلىشىشقا ئوخشاش ئامىللار دۆلەتنىڭ ۋەزىپە ۋە فونكسىيەسىنى ئازايتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولدى. بۇ دائىرىدە دۆلەتنىڭ ۋەزىپە ۋە فونكسىيەلىرىنى مۇمكىن قەدەر بازارغا تاپشۇرۇپ بېرىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان خۇسۇسىيلاشتۇرۇش سىياسەتلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئاجىزلىشىشىنى، دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى كىلاسىك مەنىسى ۋە قۇرۇلمىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى (توپمپسون، 2003:209).

يەر شارىلىشىش مۇساپىسىدە ئۇچۇر-ئالاقە ۋە قاتناش تېخنولوگىيەلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يېڭىچە-كىلاسىك چۈشەنچەنىڭ دۇنيادا تېز سۈرئەتتە يېيىلىشى نەتىجىسىدە كىچىك تىپلىق دۆلەت ئەندىزىسى باش كۆتۈردى. دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق دائىرىسى بىر تەرەپتىن چەكلىمە ئۇچرىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن زور دەرىجىدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى. شۇنداقلا يەر شارىلىشىش توغرىسىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە بولسا كىچىك تىپلىق دۆلەت ئۆزىنىڭ ئورگانلىرى ۋە قائىدە-پىرىنسىپلىرىنى بەرپا قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدى. نەتىجىدە، يەر شارىلىشىشمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆز دۆلىتىنى قۇرالايدىغان سەۋىيەگە يەتتى. كۈنىمىزدە دۆلەتلەر دۇنيادىن مۇستەقىل ۋە خالىي ھالدا ئۆز ئالدىغا سىياسەت شەكىللەندۈرۈپ يولغا قويالمايدۇ. بۇ جايدا دۆلەتنىڭ سىياسەت شەكىللەندۈرۈش مۇساپىسىدە ئاكتىپ رول ئوينىغان ياكى كىلاسىك نۇقتىدىن مىللىي دۆلەت ۋە ئىگىلىك ھوقۇققا تەھدىت شەكىللەندۈرگەن ئۈچ ئاساسلىق كۈچنى  تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەك. بۇ كۈچلەر دۆلەتتىن ھالقىغان خەلقئارالىق شىركەتلەر، خەلقئارا ۋە دۆلەتتىن ھالقىغان ئورگانلار ۋە خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتلاردۇر. بۇ كۈچلەر يەر شارىلىشىشنىڭ ئىپادىسى بولۇشى بىلەن بىرگە، خەلقئارا دۇنيا تۈزۈمىنىڭ شەكىللىنىشىدە كۈچلۈك رول ئوينىغان (جەبەجى، 2008:23).

يەر شارىلىشىش مۇساپىسىدە مىللىي دۆلەت ۋە كىلاسىك ئىگىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسىنىڭ سۇسلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ئىچىدە دۆلەتتىن ھالقىغان خەلقئارالىق شىركەتلەر ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بولۇپمۇ 1980-يىلدىن كېيىن تەسىر دائىرىسى ۋە نوپۇزى تېز سۈرئەتتە كۈچەيگەن بۇ شىركەتلەر مىللىي دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان ھالەتكە كەلدى. دۇنيا بانكىسىنىڭ تەتقىقاتىغا كۆرە، 500دىن ئارتۇق دۆلەتتىن ھالقىغان شىركەت دۇنيانىڭ مال ۋە پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ %90گە تىزگىنلىۋالغان. بۇ شىركەتلەر مىللىي دۆلەتلەرنىڭ ئەسلىدىكى فونكسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇش بىلەن بىرگە، كۆپ ۋاقىتلاردا دۆلەتلەرنى كونترول قىلماقتا. 19-ئەسىردە ئىقتىسادنىڭ ھەر ساھەسىنى كونترول قىلىش قابلىيىتى بولغان مىللىي دۆلەت 20-ئەسىردە خەلقئارا قانۇن ۋە سودا قانۇنلىرى سەۋەبىدىن دۆلەتتىن ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ نوپۇزىغا ۋە كۈچىگە تاقابىل تۇرۇشتىن ئاجىز كەلمەكتە. قىسقىسى دۆلەتتىن ھالقىغان شىركەتلەر خەلقئارا ئىقتىسادنى كونترول قىلىۋالغانلىقتىن «دۆلەت مەنپەئەتى»دېگەن ئۇقۇم مەنىسىنى يوقىتىپ قويدى، بازار مىخانىزمىلىرى پايدا ۋە كىرىمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان خاھىش كەڭ ئومۇملاشتى. مەسىلەن، سودىنىڭ ئاساسلىق قائىدە-پىرىنسىپلىرىنى بەلگىلەش ئۈچۈن ئامېرىكا باشچىلىقىدا «كاپىتاللار توغرۇلۇق كۆپ تەرەپلىك كېلىشىمى» ئىمزالاندى. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ 1995-يىلدىن 1999-يىلغىچە باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن رېناتو رۇگگېرىيو «دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى تەييارلىۋاتىمىز»دېگەنىدى، ئۆز ۋاقتىدا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ خەلقئارادىكى قانۇنىي ئاساسىنى تۇرغۇزۇش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن «كاپىتاللار توغرۇلۇق كۆپ تەرەپلىك كېلىشىمى»دە، دۆلەتتىن ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنىڭ مىللەت دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنمۇ ئەلا ئىكەنلىكى تەشەببۇس قىلىندى. بۇ كېلىشىم ئارقىلىق دۆلەتتىن ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ ئىمتىيازلىرى تېخىمۇ كۆپەيگەن بولسا، پۈتۈن مەسئۇلىيەتلەر ھۆكۈمەتلەر ئارتىپ قويۇلغانىدى (كىراز، 2012: 100). ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، خەلقئارلىق شىركەتلەر مەلۇم بىر مىللىي دۆلەتتە ھېچقانداق بىر دۆلەتكە بېقىنمايدىغان دۆلەتتىن ھالقىغان شىركەتلەرگە ئايلاندى. خەلقئارا كاپىتالنىڭ مەنپەئەتلىرى بىلەن مىللىي دۆلەتلەرنىڭ سىياسەتلىرى توقۇنۇشماقتا، بۇ توقۇنۇشتىن سىرت مىللىي دۆلەتلەر تېررورتورىيەسىدىكى خەلقئارا ئىقتىسادىي كۈچلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش جەھەتتە كۈندىن-كۈنگە پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالماقتا. كۈنىمىزدە جاھانگىرلىك، مۇستەملىكچىلىك ۋە ھەربىي ئىشغالىيەتنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكتىن خەلقئارا شىركەتلەر مەنپەئەتلىرىنى خەلقئارا قانۇن ۋاستىسى ئارقىلىق قوغداپ كەلمەكتە (كونگار، 2001:29). مىللىي دۆلەتلەر بىلەن دۆلەتتىن ھالقىغان شىركەتلەر ئارىسىدا قانۇنىي مەسىلىلەر باش كۆتۈرگەنلىكتىن، بۇلارنى ھەل قىلىدىغان ئورۇن مىللىي دۆلەتلەرنىڭ سوت مەھكىملىرى ئەمەس بەلكى «خەلقئارا مۇستەقىل سوت ئورگانلىرى»بولماقتا. نەتىجىدە مىللىي دۆلەتلەرنىڭ تېرروتورىيەسىدە سوت كۈچىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقى خەلقئارا قانۇن تەرىپىدىن چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا (كونگار، 2001:36).

مىللىي دۆلەت ۋە كىلاسىك ئىگىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسى ئىچكى ئىگىلىك ھوقۇق جەھەتتىنلا ئەمەس تاشقى ئىگىلىك ھوقۇق جەھەتتىنمۇ زور ئۆزگىرىشلەر ھاسىل قىلدى. شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، تاشقى ئىگىلىك ھوقۇق جەھەتتە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر ئىچكى ئىگىلىك ھوقۇق جەھەتتە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ دىققەت قوزغايدۇ. تارىخىي مۇساپىلەردە دۆلەتلەر تاشقى مۇناسىۋەتلەر دائىرىسىدە نۇرغۇن كېلىشىملەرنى ئىمزا قويغانىدى، بۇ ئەھۋال خەلقئارا نىزاملار دەپ ئاتىلىدىغان قانۇن قائىدە-پىرىنسپلارنى پەيدا قىلدى. بۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا، خەلقئارا قانۇنمۇ مىللىي دۆلەتنىڭ تاشقى ئىگىلىك ھوقۇقىنى مەلۇم دەرىجىدە چەكلەپ تۇرىدىغان ساھە بولۇپ قالدى (جەبەجى، 2008: 30). دۆلەتلەرنىڭ بىر-بىرىدىن مۇستەقىل ھالدا ياشىيالمايدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، دۆلەتلەر بىر-بىرلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ئۆز-ئارا كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئېھتىياجى تەبىئىي ھالدا مۇناسىۋەتلەرنى تەرتىپكە سالىدىغان قائىدە-پىرىنسىپلار ۋە نىزاملارغا بولغان زۆرۈرىيەتنى تۇغدۇردى. بۇ ئەھۋال خەلقئارا ۋە دۆلەتتىن ھالقىغان تەشكىلاتلارنى پەيدا قىلدى، شۇڭا بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ياكى ھەربىي قۇرۇلمىسى سەۋەبلىك دۆلەتلەر ياۋروپا ئىتتىپاقى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو، ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشاش دۆلەتتىن ھالقىغان ياكى خەلقئارا ئورگانلارغا ئەزا بولدى. دۆلەتلەر بۇ تەشكىلاتلارنىڭ چىقارغان قارار ۋە ھۆكۈملىرىگە رىئايە قىلىدىغانلىقلىرى توغرىسىدا ۋەدە بېرىشتى، ياۋروپا ئىنسان ھەقلىرى ئەھدىنامىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قىيىن-قىستاقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھىنامسىغا ئوخشاش ئەھدىنامىلەرگە قول قويۇپ، بۇ ئەھدىنامىلەردە بېكىتىلگەن قائىدە-پىرىنسىپلارغا رىئايە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالدى (ئۇيغۇن، 2003: 254).

مىللىي دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئورگانلارغا ئەزا بولۇش ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىلەرنى قوبۇل قىلىشىمۇ مىللىي دۆلەت ۋە كىلاسىك ئىگىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋە بولغان مۇھىم ئامىللاردىن بىرىدۇر، بۇ ئەھۋال دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرى خالاپ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن قىسمەن ۋاز كېچىشىگە سەۋەب بولدى. ئەسلىدە دۆلەتلەرنىڭ مۇشۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىدىن بولغان. دەرۋەقە، خەلقئارا تۈزۈمدە بىر دۆلەتنىڭ ھېچقانداق دۆلەت بىلەن ياكى خەلقئارا ئورگان بىلەن ھەمكارلاشماي مۇستەقىل ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ھازىرقى كۈندە  مۇمكىن ئەمەس ئىش ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا،  دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا تەشكىلات ۋە ئەھدىنامىلەرگە ئەزا بولۇشىنى نورمال دەپ قاراشقا بولىدۇ. مىللىي دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئەھۋالنى قوبۇل قىلىشىنى دەل  يەر شارىلىشىش بىلەن ئىزاھلاش مۇمكىن. ۋېليام ئاكېۋېسنىڭ قارىشىچە، يەر شارىلىشىشنىڭ كەينىدىكى يېڭى لىبېرال ئىدىئولوگىيە خەلقئارا تۈزۈمنىڭ ئۈچ ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ ئاساسلارغا كۆرە، خەلقئارا سىياسەتنىڭ ئاساسلىق ئويۇنچىلىرى مىللىي دۆلەتلەر بولماستىن شەخسلەر، توپلۇقلار، گۇرۇھلار، شىركەتلەر، شەخسىي ئورگانلار بولۇپ، دۆلەتنىڭ خەلقئارادىكى ئاساسلىق رولى تېرروتورىيەسىدىكى توپلۇق، قاتلاملارنىڭ مەنپەئەتلىرىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماقتا. دۆلەت خەلقئارا سىياسەتنىڭ يېڭى ئويۇنچىلىرىنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرى ۋە مەنپەئەتلىرىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ھەرىكەت قىلىدىغان مىخانىزمغا ئايلىنىپ قالماقتا، يېڭى خەلقئارا تۈزۈمدە دۆلەت مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، خەلقئارا قانۇن بېكىتىپ بەرگەن مەسئۇلىيەتلىرىنى تېرروتورىيەسىدە ئورۇنداشقا مەسئۇلدۇر. شۇڭا يېڭى دۇنيا تۈزۈمىدە مىللىي دۆلەتلەرنىڭ ۋېستفالىيە دۆلەتلەر تۈزۈمىنىڭ پىرىنسىپى بويىچە ھەرىكەت قىلىشى تولىمۇ مۈشكۈل.

ھۆكۈمەتلەردىن ھالقىغان تەشكىلاتلارمۇ مىللىي دۆلەت ۋە كىلاسىك ئىگىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسىنىڭ ئاجىزلىشىشىدا مۇھىم ئوينىغان ئامىللاردىن بىرىدۇر. بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان ھۆكۈمەتلەردىن ھالقىغان تەشكىلاتلار دەل ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تەشكىلاتلار ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ سىرتىدا پائالىيەت قىلىدىغان، سودا  قىلىپ كىرىم قىلىشنى كۆزلىمەيدىغان ۋە شەخسلەر خالىسانە ئەزا بولۇپ خىزمەت قىلىدىغان قۇرۇلمىلاردۇر. كاپىتالىست ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنىڭ دۇنيا مىقىياسىدا ئومۇملىشىشى، بولۇپمۇ تەرەققىي تاپمىغان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە مۇھىت قوغداش خىزمەتلىرىنىڭ خەلقئارالىق ئىقتىسادىي ئويۇنچىلارنىڭمۇ كۈتكىنىكدەك بولماسلىقى، تاۋار-مەھسۇلاتلارنىڭ دۇنيا مىقىياسىدا ئادىل ھالدا تەقسىم قىلىنماسلىقى، دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنىڭ ھەر قايسى رايونلاردا ئوخشاش بولماسلىقى قاتارلىقلار ھۆكۈمەتلەردىن ھالقىغان تەشكىلاتلار دەپ ئاتىلىدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولدى (جەبەجى، 2008:33). بۇ تەشكىلاتلار ھۆكۈمەتنىڭ دىققىتىنى خەلقنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرى ۋە مەسىلىلىرىگە بۇراپ جامائەت پىكىرى تەشكىل قىلىدۇ ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىپ ھەق تەلەپ قىلىدۇ. بۇ تەشكىلاتلار ھۆكۈمەتنىڭ قارار ۋە ھۆكۈم چىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىش، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئوخشاش پائالىيەتلەرنىمۇ قىلىدۇ. ئاممىۋى تەشكلاتلارنىڭ نوپۇزى كۈچەيگەنسېرى ھۆكۈمەتلەرمۇ ئۇلارنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىگە قۇلاق سېلىشقا شۇنچە مەجبۇر بولىدۇ، ھەتتا ھوقۇقىدىن نىسبەتەن ۋاز كېچىدۇ (يىلدىرىم، 2004:82).

ئاممىۋى تەشكىلاتلار «ئىنسان ھەقلىرى» (مەسىلەن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش تەشكىلاتى) ئايال، بالاغا ئوخشاش ئوخشىمىغان قاتلام ۋە ساھەلەردە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا ۋە ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ ھۆكۈمەتلەرگە بېسىم ئىشلەتمەكتە. كۈنىمىزدە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئەزا سانى ۋە ئىقتىسادىي مەنبە تېپىشتا قىيىنىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا بانكىسى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى، ئاسىيا تەرەققىيات پارتىيەسى ۋە نۇرغۇن خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ھۆكۈمەتلەرنىڭ قارارلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ قارارلارنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتلەرگە بېسىم قىلماقتا. بولۇپمۇ 1980-يىلدىن كېيىن سانى تېز سۈرئەتتە كۆپەيگەن ئاممىۋى تەشىلاتلار يەر شارىلىشىش ھادىسىسى ياراتقان ئۇچۇر-مەلۇمات ۋە تېخنولوگىيەلەردىن پايدىلانماقتا، ھەتتا تۆتىنچى كۈچ دەپمۇ ئاتىلىدىغان تاراتقۇلارنىڭمۇ كۈچىگە مۇراجائەت قىلماقتا. بۇ ئەھۋاللارغا نەزەر سالغىنىمىزدا ئاممىۋى تەشىلاتلارنىڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنىڭ ئەكسىچە، دۆلەتلەرنىڭ چەكسىز ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن مەلۇم دەرىجىدە چەكلىمە ئېلىپ كېلەلەيدىغان قۇدرەتتە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز (كىراز، 2012). ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ باش كۆتۈرۈپ قۇدرەت تېپىشى ئەسلىدە يېڭىچە بىر جەمئىيەت ئەندىزىسىنىڭ ئاپىرىدە بولىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇ يېڭى جەمئىيەت ئەندىزىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى قانداقتۇر ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ تەرەققىىياتىنىلا ئەمەس پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى كۆزلەيدىغان بولۇشتۇر. بۇ خىل ئەھۋال دەل مەلۇم تېرروتورىيەسى بولغان دۆلەت ئۇقۇمىدىن ھالقىغان جەمئىيەت چۈشەنچىسىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئۇچۇر جەمئىيەتىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەسمىي ھاكىمىيەتنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنىڭ سىرتىدا ھەرىكەت قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكتە. قىسقسىى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار دۆلەتلەرگە ئارزۇ-تەلەپلىرىنى يەتكۈزۈپ مەلۇم دەرىجىدە ئۈنۈمگە ئېرىشمەكتە، ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلالايدىغان ھوقۇقلارغا ئىگە بولماقتا، ھەتتا دۆلەتكە بېسىم قىلالايدىغان سەۋىيەگە كەلمەكتە (ئاقدېڭىزلى، 2011: 39).

خۇلاسە

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي پەنلەردە «يەر شارىلىشىش»مىللىي دۆلەتنىڭ زىتى ۋە رەقىبى سۈپىتىدە مۇھاكىمە قىلىنماقتا. كۈنىمىزدە يەر شارىلىشىش مۇساپىسىدە مىللىي دۆلەت بىردىنبىر قارار چىقىرىپ ھۆكۈم بېرەلەيدىغان كۈچ ۋە مىخانىزما بولمىسمۇ، لېكىن يەنىلا سىياسىي ئورگان سۈپىتىدە مەۋجۇدلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. خەلقئارادىكى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ مىللىي دۆلەتنىڭ كۈچىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويالىساقمۇ لېكىن بۇ دۇنيا يەنىلا مىللىي دۆلەتلەرنىڭ دۇنياسىدۇر. دۇنيا خەلقئارا سەۋىيەدە مىللىي دۆلەتلەر تۈزۈمى بولۇپ، بۇ تۈزۈمدە مىللىي دۆلەتلەر ھەر خىل سىياسىي، ئىقتىسادىي، سودا، مەدەنىيەت ۋە ئالاقە مۇناسىۋەتلىرى ئىچىدە بولماقتا (ئۆزياكشىر، 2006:79). ھېلىھەم دۇنيانىڭ نۇرغۇن يېرىدە ئاكتىپ ئىشلەۋاتقان پارلامېنتلىق تۈزۈم، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھۆكۈمەت، بۇ ھۆكۈمەتلەردىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتقان پۇقرا، «چەت ئەللىكلەر»نىڭ كىرىش-چىقىشىنى كونترول قىلىدىغان چېگرا-تاموژنا تۈزۈمى مەۋجۇت. بىراق بۇ ئەھۋال يەر شارىلىشىش نەتىجىسىدە پەيدا بولغان خەلقئارالىق ئورگان، قۇرۇلۇش ۋە مىخانىزىمىلار بىلەن مىللىي دۆلەتلەر ئارىسىدا زىددىيەتلىك مۇناسىۋەت پەيدا قىلماقتا. يەر شارىلىشىشنىڭ مەھسۇلاتلىرى بولغان ئورگان ۋە مىخانىزمىلارنىڭ مىللىي دۆلەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئاكتىپ بولۇشى مىللىي دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى توغرىسىدا قاراشلارنى پەيدا قىلدى. ھەتتا مۇشۇنداق بولغانلىقىغا چىن پۈتۈلدى. بۇ جەريان تاق يۆنىلىشلىك ۋە سىجىل دائىرىدە بولماستىن پات-پات دولقۇنسىمان ۋە زىددىيەت ئىچىدە داۋاملاشماقتا ۋە «دۇنيا كۈچلىرى»نى مىللىي دۆلەتلەرنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان «رەسمىي خەلقئارا قۇرۇلۇش»نى ئورگانلاشتۇرۇلمىغانلىقلىرى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، بۇ ئەھۋال مەۋھۇم پېتى ماڭىدۇ. قىسقىسى، يەر شارىلىشىشىنىڭ كېلەچىكى مىللىي دۆلەتنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىگە، مىللىي دۆلەتنىڭ ئەتىسى بولسا يەر شارىلىشىشنىڭ بېسىمىغا باغلىقتۇر (تۈرە، 2009:41).

يەر شارىلىشىش مۇساپىسىدە ئىگىلىك ھوقۇق ئۇقۇمى كېيىنكى 50 يىل ئىچىدە دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەرگە ماس ھالدا ئۆزگىرىش ۋە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى. خەلقئارا جەمئىيەت ئىگىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىنى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا قايتا-قايتا ئىزاھلاپ ئېنىقلىما بېرىپ كەلدى. يەر شارىلىشىش دۇنيادىكى دۆلەتلەرنى بىر-بىرىگە تېخىمۇ بېقىندى قىلىپ قويماقتا، بۇ ئەھۋال مىللىي دۆلەتلەرنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىپ قويماقتا، لېكىن مەۋجۇدلۇقىدىن پۈتۈنلەي ئايرىپ قالىدىغان دەرىجىگە تېخى كەلمىدى. ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ خەلقئارادا يەر شارىلىشىشنى كۆككە كۆتۈرۈپ كېڭەيمىچىلىك ۋە جاھانگىرلىكنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتقان دۆلەتلەرمۇ ئۆزىنى ئاشكارلىماقتا.  كىلاسىك ئىگىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسىنى قوبۇل قىلغان ۋە ياقلايدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ ئىگىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى تەن ئالماقتا. دەرۋەقە، دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئالەمشۇمۇل قىممەت قاراشلىرى تەكىتلىنىشى ئىگىلىك ھوقۇقتىنمۇ مۇقەددەس ھېسابلىنىدىغان ئۇقۇملارنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولدى. داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئىگىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

پايدىلانمىلار

ACEVES, William J. (2000), “Liberalism and International Legal Scholarship: The Pinochet Case and the Move Toward a Universal System of Transnational Law Litigation”, Harvard International Law Journal, 41 (1), 129-184.

AĞAOĞULLARI, Mehmet Ali ve Levent KÖKER (2004), Kral-Devlet ya da Ölümlü Tanrı, Ankara: İmge Kitabevi.

AKDENİZLİ, Banu (2011), “İnternet, Egemenlik ve Devlet: İnternet’in Ulusal ve Uluslararası Yönetime Etkileri Üzerine Bir Değerlendirme”, Global Media Journal, 1 (2) (Bahar), 31-51.

AMİN, Samir (1999), Küreselleşme Çağında Kapitalizm, Vasıf Erenus (çev.), İstanbul: Sarmal Yayınevi.

ARSLANEL, M. Nazan ve Ertuğrul ERYÜCEL (2013), “Küreselleşme Sürecinde Egemenlik Kavramının Dönüşümü”, Atatürk Üniversitesi Sosyal Bilimler Enstitüsü Dergisi, 17 (1), 23-36.

ARSLANOĞLU, Rana (1998), Kent, Kimlik, Küreselleşme, Bursa: Asa Yayınevi.

BAUMAN, Zygmunt (1998), Küreselleşme, Abdullah Yılmaz (çev.), Ankara: Otopsi Yayınevi.

BAYAR, Fırat (2008), “Küreselleşme Kavramı ve Küreselleşme Sürecinde Türkiye”, Uluslararası Ekonomik Sorunlar Dergisi, XXXII, 25-34.

BEHR, Harmut (2008), “Deterritorialisation and the Transformation of Statehood: The Paradox of Globalisation”, Geopolitics, 13 (2) (April), 359-382.

BORATAV, Korkut (1997), “Ekonomi ve Küreselleşme”, Işık Kansu (der.), Emperyalizmin Yeni Masalı Küreselleşme, Ankara: İmge Kitabevi, 19-28.

BULUT, Nihat (2003), “Küreselleşme: Sosyal Devletin Sonu mu?”, Ankara Üniversitesi Hukuk Fakültesi Dergisi, 52 (2), 173-197.

CEBECİ, Kemal (2008), “Küreselleşme Bağlamında Ulus-Devletin Egemenlik Gücünün Dönüşümü”, Sayıştay Dergisi, 71 (Ekim-Aralık), 23-39.

DAVUTOĞLU, Ahmet (2003), “Küreselleşme ve AB-Türkiye İlişkileri Çerçevesinde Ulusal Egemenliğin Geleceği”, Anayasa Yargısı Dergisi, 20, 46

EKEN, Hurigül (2006), “Küreselleşme ve Ulus Devlet”, Selçuk Üniversitesi Sosyal Bilimler Enstitüsü Dergisi, 16, 243-262.

Küreselleşme Sürecinde Ulus-Devlet veENER, Meliha ve Esra DEMİRCAN (2006), “Küreselleşme Sürecinde Yeni Devlet Anlayışı ve Türkiye”, Yönetim Bilimleri Dergisi, 4 (2), 197-219.

ERDOĞAN, Türkan (2004), “Küreselleşmenin Ekonomik, Politik ve Toplumsal Yansımaları”, Türkiye Sosyal Araştırmalar Dergisi, 8 (2-3) (Ağustos-Aralık), 21-44.

ERÖZDEN, Ozan (1997), Ulus-Devlet, Ankara: Dost Kitabevi.

ESGİN, Ali (2001), “Ulus-Devlet ve Küreselleşmeye İlişkin Bazı Tartışmalar”, Cumhuriyet Üniversitesi Sosyal Bilimler Dergisi, 25 (2) (Aralık), 185-192.

FERGUSON, Yale H. ve Richard W. MANSBACH (2007), “The Myths of State Sovereignty”, The Bologna Center Journal of International Affairs, 10, 9-19.

GELLNER, Ernest (1992), Uluslar ve Ulusçuluk, Büşra Ersanlı Behar, Günay Göksu Özdoğan (çev.), İstanbul: İnsan Yayınları.

GELLNER, Ernest (1998), Milliyetçiliğe Bakmak, Simten Coşar (çev.), İstanbul: İletişim Yayınları.

GIDDENS, Anthony (1998), Modernliğin Sonuçları, Ersin Kuşdil (çev.), İstanbul: Ayrıntı Yayınları.

GILPIN, Robert (2003), “The Nation-state in the Global Economy”, D. Held ve A. McGrew (ed.), The Global Transformations Reader, Great Britain: Polity Press, 349-358.

HABERMAS, Jürgen (2000), “Avrupa Ulus Devleti ve Küreselleşme Tazyikleri”, Alev Özkazanç (çev.), Mürekkep Dergisi, 14, 202-215.

HABERMAS, Jürgen (2001), “Avrupalı Ulus-Devlet”, İsmail Türkmen (çev.), Tartışılan Sınırlar Değişen Milliyetçilik, Mustafa Armağan (der.), İstanbul: Şehir Yayınları, 79–97.

HABERMAS, Jurgen (2002), Küreselleşme ve Milli Devletlerin Akibeti, Medeni Beyaztaş (çev.), İstanbul: Bakış Yayınları.

HIRST, Paul ve Grahame THOMPSON (2003), Küreselleşme Sorgulanıyor, 3. bs., Ankara: Dost Yayınevi.

HOBSBAWM, Eric J. (2003), Sermaye Çağı: 1848–1875, Bahadır Sina Şener (çev.), 2. bs., Ankara: Dost Kitabevi Yayınları.

JAMESON, Fredric (2000), “Küreselleşme ve Politik Strateji”, Birikim, 139 (Kasım), 39-50.

KARYELİOĞLU, Selim (2012), “Ulus Devlet ve Milliyetçiliğin Tarihsel Dayanakları ve Küreselleşmenin Ulus Devlet ve Milliyetçilik Üzerindeki

Etkileri”, Felsefe ve Toplumsal Bilimlerde Diyaloglar Dergisi, 5 (1) (Ocak), 137-169.

KEYMAN, E. Fuat (2000), “Globalleşme Söylemleri ve Kimlik Talepleri: ‘Türban Sorununu’ Anlamak”, E. Fuat Keyman ve A. Y. Sarıbay (der.), Global Yerel Eksende Türkiye, İstanbul: Alfa Yayınevi, 17-38.

KİRAZ, Sami (2012), “Uluslararası İlişkilerde Egemenliğin Değişen Yüzü”, Niğde Üniversitesi İİBF Dergisi, 5 (1), 93-102.

KOÇAK, Mustafa (2006), Batı’da ve Türkiye’de Egemenlik Anlayışının Değişimi Devlet ve Egemenlik, Ankara: Seçkin Yayıncılık.

KOÇER, Gökhan (2004), “Küreselleşme ve Uluslararası İlişkiler’in Geleceği”, Uluslararası İlişkiler Dergisi, 1 (3) (Güz), 101-122.

KONAK, Nahide (2011), “Ekonomik Küreselleşme ve Ulus-Devlet: Kuramsal Yaklaşımlar”, Hacettepe Üniversitesi Edebiyat Fakültesi Dergisi, 1, 149-164.

KONGAR, Emre (2001), Küresel Terör ve Türkiye, İstanbul: Remzi Kitabevi.

KRASNER, Stephen D. (1999), Sovereignty: Organized Hypocrisy, Princeton: Princeton University Press.

ÖZLÜK, Erdem ve Fazlı DOĞAN (2010), “Türkiye Avrupa Birliği İlişkilerini Egemenlik Tartışmaları Üzerinden Okumak”, Ankara Avrupa Çalışmaları Dergisi, 9 (1), 125-146.

ÖZYAKIŞIR, Deniz (2006), “Ulus-Devlet ve Milli Egemenlik Bağlamında Teorik Bir Küreselleşme Eleştirisi”, Jeopolitik Dergisi, 5 (31) (Ağustos), 78-80.

PAYNE, A. (2003), “Globalization and Modes of Regionalist Governance”, D. Held ve A. McGrew (ed.), The Global Transformations Reader, Great Britain: Polity Press, 223-233.

PHILPOTT, Daniel (2001), “Usurping the Sovereignty of Sovereignty”, World Politics, 53 (2), 297-324.

ROBERTSON, Roland (1998), Küreselleşme: Toplum Kuramı ve Küresel Kültür, Ümit Hüsrev Yolsal (çev.), Ankara: Bilim ve Sanat Yayınevi.

RODRİK, Dani (2003), “Has Globalization Gone Too Far”, D. Held ve A. McGrew (ed.), The Global Transformations Reader, Great Britain: Polity Press, 379-383.

SANDER, Oral (2005), Siyasi Tarih: İlkçağlardan 1918’e, 13. bs., İstanbul: İmge Kitabevi.

Küreselleşme Sürecinde Ulus-Devlet ve Egemenlik Olguları

SARIBAY, Ali Yaşar (1998), “Küreselleşme, Postmodern Uluslaşma ve İslam”, Fuat Keyman, Ali Yaşar Sarıbay (der.), Küreselleşme Sivil Toplum ve İslam, Ankara: Vadi Yayınları, 213-231.

SHAW, Martin (2000), Theory of the Global State, Cambridge: Cambridge University Press.

SMITH, A. D. (2002), Küreselleşme Çağında Milliyetçilik, Derya Kömürcü (çev.), İstanbul: Everest Yayınevi.

ŞAHİN, Köksal (2006), Türkiye’de Küreselleşme Işığında Ulus-Devlete Bakış, Yayınlanmamış Doktora Tezi, Sakarya: Sakarya Üniversitesi Sosyal Bilimler Enstitüsü.

ŞAYLAN, Gencay (2003), Değişim, Küreselleşme ve Devletin Yeni İşlevi, İstanbul: İmge Kitabevi.

TALAS, Mustafa ve Yaşar KAYA (2007), “Küreselleşmenin Kültürel Sonuçları”, TÜBAR, XXII (Güz), 149-162.

TALAS, Mustafa (2004), “Küreselleşme ve Kültür”, Küreselleşme ve Psikiyatri, Ankara: Türk Tabipler Birliği Yayınları, 229-244.

TALAS, Mustafa (2005), “Küreselleşmenin Sonucu Olarak Türkiye’de Kimlik Krizi”, Tabula Rasa Felsefe-Teoloji Dergisi, 5 (14) (Mayıs-Ağustos), 99-115.

TEKELİ, İlhan ve Selim İLKİN (2000), “Küreselleşme Ulus-Devlet Etkileşimi Bağlamında AB−Türkiye İlişkilerinin Yorumlanması”, Doğu−Batı Dergisi, 10 (Şubat-Mart-Nisan), 113-138.

TÜRE, İlknur (2003), “Küreselleşme, Kapitalizm ve Ulus-Devlet”, Finans Politik & Ekonomik Yorumlar Dergisi, 46 (530), 41-52.

UYGUN, Oktay (2003), “Küreselleşme ve Değişen Egemenlik Anlayışının Sosyal Haklara Etkisi”, Anayasa Yargısı Dergisi, 20, 250-284.

YILDIRIM, İbrahim (2004), Demokrasi Sivil Toplum Kuruluşları ve Yönetişim, Ankara: Seçkin Yayıncılık.

تەرجىمان: ئۆمەرجان قۇربان

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*