21 -ئەسىردە: مىللەتچىلىك

يۇۋال ھەرىرى

ئىنسانىيەت ئورتاق قىيىنچىلىق ۋە پۇرسەتلەردىن نېسىۋىسىنى ئالغان بىرلا مەدەنىيەتكە تەۋە بولىدىغان بولسا، ئىنگلىزلار، ئامېرىكىلىقلار، رۇسىيە ۋە باشقا نۇرغۇن مىللەتنىڭ مىللەتچىلىك خاھىشى ۋە مايىللىقى نېمە ئۈچۈن كۈچىيىپ كېتىدۇ؟ مىللەتچىلىك ئىنسانىيەت تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە چارە بولالامدۇ ياكى ئىنسانىيەت ۋە پۈتكۈل بىئوسفېرانى پالاكەتكە سۆرەيدىغان ئاچچىق رېئاللىققا يۈزلىنىش خاھىشىمۇ؟
بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كەڭ ئومۇملاشقان مۇنداق بىر خۇراپاتلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش كېرەك. دۇنيادا كەڭ ئومۇملاشقان قاراشنىڭ ئەكسىچە، مىللەتچىلىك قانداقتۇر ئىنسان روھىنىڭ تەبىئىي ۋە ئەبەدىي بىر قىسمى ئەمەس، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ بىيولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكىدىنمۇ مەنبەلەنمەيدۇ. مىللەتچىلىك پۈتۈنلەي ئىجتىمائىي ھادىسە بولۇپ، بىر ئىنساننىڭ مەلۇم بىر ئىجتىمائىي توپلۇققا بولغان ساداقەت ئېڭىنىڭ ئۇ ئىنساننىڭ پۈتكۈل ئىش-ھەرىكىتىگە ھەتتا گېنلىرىغىچە سىڭىپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ . ئىنسانلار يۈزمىڭلارچە يىل تولىمۇ ئاز ئەزاسى بولغان ۋە يېقىن مۇناسىۋەت شەكلى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولغان كىچىك بىر ئىجتىمائىي گەۋدە ھالىتىدە ياشىدى. ئىنسانلار قەبىلە، بىر توپلۇق ياكى ئائىلە شىركىتىگە ئوخشاش يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان كىچىك گۇرۇپپىلارغا ئاسانلا ساداقەتمەن بولالايدۇ. پۈتۈنلەي ناتونۇش نەچچە مىليونلىغان ئىنساندىن تەشكىل تاپقان بىر ئىجتىمائىي گەۋدىگە ساداقەتمەن بولۇش ئىنسان تەبىئىتىگە تازا ماس كەلمەيدۇ. مىليونلىغان كىشىدىن تەشكىل تاپقان بىر ئىجتىمائىي گەۋدىگە ساداقەتمەن بولۇش يېڭى ھادىسە بولۇپ پەيدا بولغىنىغا ئۇزۇن بولمىدى، مەسىلىگە تەدرىجىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىدىن قارىساق، مىللەتچىلىك تېخى تۈنۈگۈن ئەتىگەن مەيدانغا كەلگەن ھادىسىگە ئوخشاشلا يېڭى ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئىجتىمائىي نۇقتىدىن ھەقىقەتەن مۈشكۈلدۇر.
ئىنسانلار بىرلا قەبىلە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىشتىن ئاجىز قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكى ئۈچۈن مىللىي بىرلىك قۇرۇشقا يۈزلەنگەن. بۇنى تېخىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىش ئۈچۈن مىڭلارچە يىل ئىلگىرى نىل دەرياسى ئەتراپىدا ياشىغان قەبىلىلەر ئۈستىدە ئازراق توختىلايلى: بۇ قەبىلىلەرنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى نىل دەرياسى بولۇپ، زىرائەتلىرىنى بۇ دەريانىڭ سۈيى بىلەن سۇغۇرىدۇ، مەھسۇلاتلىرىنى نىل ئارقىلىق باشقا جايلارغا توشۇيدۇ، بىراق نىل تولۇق ئىشەنگىلى بولىدىغان بىر ئىتتىپاقداش ئەمەس ئىدى. ناۋادا يامغۇر ئاز يېغىپ قالسا ئىنسانلار ئاچارچىلىقتىن ئېغىر كۈنگە قالىدۇ ياكى كۆپ ياغسا نىل دەرياسى تېشىپ ئەتراپنى سۇ بېسىپ كېتىدۇ. ھەر قەبىلە نىل دەرياسىنىڭ ئازراق بىر قىسمىغىلا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، نىل دەرياسىنىڭ تېشىپ كېتىشىگە ئوخشاش قىيىن ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە قەبىلىگە تەۋە بىر نەچچە يۈز كىشىلا ھەرىكەتكە ئۆتەلەيدۇ، ھەر قەبىلە ئايرىم ھەرىكەت قىلغاچقا ۋە ئەزا سانى ئاز بولغاچقا، قەبىلىلەر بۇ تارقاق ۋە ئەزا سانى ئەھۋالدا ئېغىر مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا كۈچى يەتمەي قالىدۇ.شۇڭا بۇ ھەيۋەتلىك نىل دەرياسىنى تىزگىنلەشنىڭ يېگانە چارىسى سۇ ئامبىرى ياساش ۋە يۈزلەرچە كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا كولاش ئۈچۈن پۈتۈن قەبىلە بىرلىشىشى كېرەك ئىدى. قەبىلىلەرنىڭ ئاستا-ئاستا بىر يەرگە كېلىپ سۇ ئامبارلىرى ۋە توسمىلىرى بەرپا قىلىپ دەريانىڭ ئېقىنىنى تىزگىنلەش، قەھەتچىلىك يىللار ئۈچۈن ئاشلىق ئامبارلىرى ياساپ چىقىش ۋە مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرى بىلەن ئالاقە قۇرغىلى بولىدىغان قاتناش ۋە ئالاقە تورى بەرپا قىلىش قۇدرىتىگە ئىگە بىر تەن بىر روھ مىللەت ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى دەل مۇشۇدۇر.
مۇشۇنداق ئارتۇقچىلىقلارنىڭ ئەكسىچە، قەبىلە ۋە ئۇرۇقلارنى يېگانە بىر دۆلەت ھالىتىگە ئايلاندۇرۇش نە ئۆتمۈشتە نە كۈنىمىزدە ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس. مۇشۇنداق بىر مىللەت بىلەن بىر پۈتۈنلىشىپ كېتىشنىڭ قىيىنلىقىنى ئىدراك قىلىش ئۈچۈن ئۆزىڭىزدىن «بۇ ئىنسانلارنى تونۇمدىمەن يوق؟» دېگەن سوئالنى سورىسىڭىزلا كۇپايە قىلىدۇ. 2 سىڭلىم ۋە 11 جىيەنىمنىڭ ئىسىملىرىنى ساناپ تولۇق بىر كۈن ئۇلارنىڭ مىجەز-خاراكتېرلىرىنى، غەلىتە قىلىقلىرىنى ۋە بىر-بىرلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەپسىلىي دەپ بېرەلەيمەن. ماڭا ئوخشاش ئىسرائىلىيە پۇقراسى بولغان 8 مىليون كىشىنىڭ ئىسىمىنى دەپ بېرەلىشىم مۇمكىن ئەمەس. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇپمۇ ئۆزۈمنى بۇ مەۋھۇم توپقا تەۋە ھېس قىلالىشىم قانداقتۇر ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى ئەجدادلىرىمدىن مىراس قالغىنى يوق، بەلكىم يېقىن ئۆتمۈشنىڭ قۇدرىتى ئىدى. ئىنسان ھەققىدە ئاناتومىيەلىك مەلۇماتلارغا ئىگە بىر مارسلىق بىيولوگ، ئىنساننىڭ مىليونلارچە يات كىشى بىلەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئورنىتىش قۇدرىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەخمىنمۇ قىلالمىغان بولاتتى. مېنى «ئىسرائىلىيە» ۋە ئۇنىڭ 8 مىليون پۇقراسىغا ساداقەتمەن بولۇشقا قايىل قىلىش ئۈچۈن زىيونىزم ۋە ئىسرائىلىيە دۆلەت مائارىپ تۈزۈمى، تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى ۋە بايراق چىقىرىش مېخانىزملىرى، دۆلەت خەۋپسىزلىك، سەھىيە ۋە پاراۋانلىق سىستېمىلىرى بەرپا قىلىش چىقىشى شەرت ئىدى.
بۇ ھەرگىزمۇ مىللىي رىشتىلەرنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بىر پۈتۈن مىللەتكە بولغان سۆيگۈ ياكى ساداقەتمەنلىك بولماي تۇرۇپ غايەت زور چوڭلۇقتىكى سىستېمىلار ئىشلىمەيدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ مۆتىدىل شەكىللىرى ئىنساننىڭ ئەڭ مۇھىم ئىجادلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا مەن مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل، ساداقەت كۆرسىتىشكە لايىق بىر مىللەت ئىكەنلىكىگە ۋە بۇ مىللەتنىڭ مەنسۇپلىرى ئالدىدا مېنىڭ مەلۇم مەسئۇلىيەتلىرىم بارلىقىغا ئىشەنسەم بۇ مىللەتنىڭ ئەزالىرىغا ھۆرمەت قىلىشىم ۋە ئۇلار ئۈچۈن پىداكارلىق قىلىشىم كېرەك. مىللەتچىلىك تۈگىسە لىبېرال يەنى ئەركىن جەمئىيەتتە ياشاشنى ئويلىۋېلىش تولىمۇ خاتا. بۇنداق ئويلىۋالساق قەبىلە تۈزۈمىنى ئارزۇ قىلغان بولىمىز. شىۋېتسىيە، گېرمانىيە ۋە شىۋېتسارىيەگە ئوخشاش پاراۋان، باي، تەرەققىي تاپقان ۋە لىبېرال دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى كۈچلۈك مىللەت تۇيغۇسىغا ئىگە مەملىكەتلەردۇر. مىللىي رىشتە ۋە ئاڭ جەھەتتە ئاجىز بولغان مىللەتلەر ياكى مەملىكەتلەر كاتېگورىيەسىگە ئافغانىستان، سومالى، كونگو قاتارلىق نۇرغۇن تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەر كىرىدۇ.
مۆتىدىل ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاشقۇن مىللەتچىلىككە ھەتتا ئىرقچىلىققا ئۆزگىرىپ كەتكەندە ئېغىر مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ. مىللىتىمنىڭ باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش ئېسىل ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشنىڭ ئورنىغا، ئۈستۈن ئىكەنلىكىگە، پەقەت ئۆز مىللىتىمغىلا ساداقەتمەن بولۇش كېرەكلىكىگە ۋە ئۆز مىللىتىمدىن باشقا مىللەتلەر ئالدىدا ھېچقانداق مەسئۇلىيىتىم يوقلىقىغا ئىشىنىپ قالىمەن. قاچانكى بىر مىللەت ئۆز مىللىتىنى قالتىس ۋە ئۈستۈن كۆرۈپ باشقا مىللەتلەرنى تۆۋەن كۆرۈشكە باشلىغان ھامان زوراۋانلىق ۋەقەلىرى مۇقەررەر يۈز بېرىدۇ. ئەلمىساقتىن بۇيان مىللەتچىلىك ئۇرۇشنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى بولغانلىقتىن تەنقىدلىنىپ كەلمەكتە. مىللەتچىلىك بىلەن زوراۋانلىق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئاشقۇن مىللەتچىلىكنى تىزگىنلەشتە قەتئىي ئىشقا يارىمىدى، دەرۋەقە، ھەر مىللەت قوشنا مىللەتلەرنىڭ خائىن تۇزاقلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىشكە مەجبۇر ئىكەنلىكىنى دەيدۇ. بىر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى تۇرمۇش جەھەتتىن خاتىرجەم مۇقىملىق ئامانلىق تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرگەندە خەلقمۇ بۇنىڭ بەدىلىنى قېنى بىلەن تۆلەشكە تەيياردۇر. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دۆلەت بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدا بۇ كېلىشىم ھەقىقەتەن جەلپ قىلارلىق ئىدى. مىللەتچىلىك مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان قانلىق توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولغان بولسىمۇ، مىللىي دۆلەتلەر سەھىيە، مائارىپ ۋە ئىجتىمائىي ياردەم ساھەلىرىدە غايەت زور چوڭلۇقتىكى مۇكەممەل سىستېمىلارنى قۇرۇپ چىقىشقا ماھىر ئىدى، دۆلەتنىڭ سەھىيە خىزمەتلىرى پاسچېندالې ۋە يەردۇن جەڭلىرىدىكى ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى ئۇنتۇلدۇراتتى.
1945-يىلى ھەممە نەرسە ئۆزگەردى، يادرو قوراللار مىللەت مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپتىن چىقىرىپ تاشلىدى. خىرىشوما ۋەقەسىدىن كېيىن ئىنسانلار مىللەتچىلىكنىڭ ئەنئەنىۋى ھالەتكە ئايلانغان ئۇرۇشقا ئەمەس يادرو ئۇرۇشىغا سەۋەب بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى. بىر مىللەتنىڭ يادرو قوراللىرى تۈپەيلى پۈتۈنلەي قىرىلىپ كېتىش ئەندىشىسى ئىنسانلارنىڭ زېھنىنى ئاچتى ۋە ئاتوم بومبىسى سەۋەبلىك ۋۇجۇدقا چىقىشى مۇمكىن بولمىغان بىر نەرسە ۋۇجۇدقا چىقىپ قالدى: مىللەتچىلىك جىنى چىققان قاپاققا قايتىپ كىردى. قەدىمكى چاغلاردا نىل ھاۋزىسىدا ياشايدىغان سەھرالىقلار ئۆز قەبىلىسىگە ساداقەتمەن بولۇش بىلەن بىرگە، ئەڭ چوڭ پادىشاھلىققىمۇ ساداقەتمەنلىك قىلاتتى، سەھرالىقلار بۇنداق قىلسا نىل دەرياسىنىڭ خەتەرلىرىدىن ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئوخشاشلا كۈنىمىزدىكى يادرو دەۋرىدىمۇ ئوخشىمىغان مىللەتلەردىن ھالقىغان بىر توپلۇق قۇرۇلدى، چۈنكى يادرو ئىبلىسنى كونترول قىلىشقا پەقەت مۇشۇنداق بىر توپلۇق قادىر ئىدى.
لىيوندون ب جونسوننىڭ 1964-يىلدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئەسناسىدا تېلېۋىزىيە تارىخىدا ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھېسابلىنىدىغان تەشۋىقات پائالىيەتلىرىدىن بىرى بولغان مەشھۇر «بەلىزگۈل»ئېلانى قويۇلۇۋاتاتتى. ئېلاننىڭ بېشىدا كىچىك بىر قىز بىر بەلىزگۈلنىڭ يوپۇرماقلىرىنى سانىغاچ ئۈزىدۇ بىراق قىز 10 دېگەندە بىر ئەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ، ئۇ قىز يادرو بومبىسى قويۇل بېرىلگەندە چىقىدىغان ئاۋازنى ئاڭلىغاندەكلا 10دىن تۆۋەنگە قاراپ ساناشقا باشلايدۇ. ئۇ قىز نۆلگە كەلگەندە ئېكراندا يادرو بومبىسى پارتىلغاندا پەيدا بولىدىغان پارلاق نۇر كۆرۈنىدۇ ۋە پىرېزىدېنت نامزاتى جونسون ئامېرىكا خەلقىگە خىتاب مۇنداق دەيدۇ: «ئالدىمىزدا مۇنداق ئىككى تاللاش يولى بار: بىرىنچىسى يا تەڭرىنىڭ بارلىق پەرزەنتلىرى ياشىيالمايدىغان زۇلمەتكە چۆمگەن بىر دۇنيا بەرپا قىلىمىز ياكى بىر-بىرىمىزنى ياخشى كۆرىمىز ياكى ئۆلۈپ كېتىمىز.» ، «ئۇرۇشماڭلار، دوست بۇلۇڭلار»شوئارلارنى 1969-يىللارنىڭ ئاخىرىدا مەيدانغا كەلگەن يات مەدەنىيەتنىڭ مەھسۇلاتى دەپ قارايمىز، بىراق ئەمەلىيەتتە 1964-يىلى جونسونغا ئوخشاش ئۆتكۈر پىكىرلىك سىياسەتچىلەرمۇ بۇ دەستۇرنى قوبۇل قىلغانىدى.
بۇ سەۋەبتىن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا مىللەتچىلىك خەلقئارالىق سىياسەتنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالالمىدى ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا بولسا يەرشارىلىشىش غالىب ئېقىم سۈپىتىدە كۆرۈلدى. مىللەتچىلىك بولسا ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ نادان ئاھالىسىگە قالىدىغانلىقى، ھەتتا ئىپتىدائىي دەۋرلەرنىڭ قالدۇقىغا ئايلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بىراق يېقىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر مىللەتچىلىكنىڭ رۇسىيە، خىتاي ۋە ھىندىستاندىلا ئەمەس ياۋروپا ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرى ئوتتۇرىسىدىمۇ تەسىرىنى يوقاتمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. كاپىتالىزمنىڭ غەيرىي ئىنسانىي تەسىرلىرى تەرىپىدىن ياتلاشتۇرۇلغان ۋە سەھىيە، مائارىپ ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سىستېمىلىرىنىڭ كېلەچىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىنسانلار مىللەتچىلىكتىن تەسەللىي ئىزدىمەكتە.
بىراق بەزىلگۈلى ئېلانىدا جونسون ئوتتۇرىغا قويغان سوئال كۈنىمىزدە 1964-يىلىغا قارىغاندا بەكرەك كۈچكە ئىگە. ئىنسانلار بىر يەردە خاتىرجەم ياشىيالايدىغان بىر دۇنيامۇ ياكى زۇلمەتلىك بىر دۇنيا بەرپا قىلالامدۇق؟ دونالد ترامپ، تېرېسا مېي، ۋىلادىمىر پۇتىن، نارېندرا مودى ۋە كابىنېت ئەزالىرى مىللىي تۇيغۇ ۋە ئېڭىمىزنى ئۇرغۇتۇپ دۇنيانى قۇتقۇزالامدۇ يوق؟ ياكى قايتىدىن باش كۆتۈرگەن مىللەتچىلىك ئېقىمى بىز دۇچ كېلىۋاتقان دۇنياۋى مەسىلىلەردىن ساقلىنىشنىڭ يېگانە چارىسىمۇ؟

يادرو تەڭقىسلىقى

ئالدى بىلەن ئىنسانىيەت تولۇق تونۇپ يەتكەن دۈشمىنى يادرو ئۇرۇشى ئۈستىدە توختىلايلى، بەزىلگۈل ئېلانى كۇبا يادرو كىرىزىسى يۈز بېرىپ 2 يىل ئۆتكەندىن كېيىن 1964-يىلى ئېلان قىلىنغاندا، يادرو ئۇرۇشى زور تەھدىت ھېسابلىناتتى. ھەم مۇتەخەسسىلەر ھەمدە ئادەتتىكى ئىنسانلار ئىنسانىيەتنىڭ ھالاكەتكە يۈزلىنىشىگە توسالغۇ بولالايدىغان قۇدرەتكە ئىگە بولمىغانلىقتىن قاتتىق ئەندىشە ئىچىدە ياشايتتى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ دۇنيانىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئويلايتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئىنسانىيەت يادرو مەسىلىسىنى مەلۇم سەۋىيەگىچە ھەل قىلىپ خاتىرجەملىككە ئېرىشتى، سوۋېت ئىتتىپاقى، ياۋروپالىقلار ۋە خىتاي مىڭ يىللىق گىئوسىياسىي ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشىنى كۆپ قان تۆكۈلمەستىن ئاخىرلاشتۇردى، نەتىجىدە يېڭى خەلقئارا تۈزۈم بەرپا بولدى ۋە تىنچلىق دەۋرى باشلىدى. يادرو ئۇرۇشى بىر تەرەپ قىلىنىپلا قالماستىن ھەر خىلدىكى ئۇرۇشنىڭ نىسبىتى بىردىنلا تۆۋەنلىدى. 1945-يىلدىن بۇيان ئوچۇق ئاشكارا ھۇجۇم نەتىجىسىدە قايتىدىن سىزىلغان چېگرالار تولىمۇ ئازدۇر، نۇرغۇن دۆلەت ئۇرۇشتىن قېلىپلاشقان بىر سىياسىي ۋاسىتە سۈپىتىدە پايدىلىنىشتىن ۋاز كەچتى. 2016-يىلى سۇرىيە ، ئۇكرائىنا ۋە باشقا مەسىلە كۆپ بولغان رايونلاردا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشلارنىڭ ئەكسىچە، ئىنسان سەۋەب بولغان زوراۋانلىق ۋە توقۇنۇش تۈپەيلى ئۆلگەنلەرنىڭ سانى سېمىزلىك، قاتناش ۋەقەسى ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش تۈپەيلى ئۆلگەنلەرگە قارىغاندا ئازدۇر. شۇڭا بۇنىڭ دەۋرىمىزنىڭ ئەڭ بۈيۈك سىياسىي ۋە ئەخلاقىي مۇۋەپپەقىيىتى دېسەك ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز.
ئەپسۇس بۇ مۇۋەپپەقىيەتكە سەل قارايدىغان بولۇپ قالدۇق، ھەتتا بۇ مۇۋەپپەقىيەتكە كۆنۈپمۇ قالدۇق. ئىنسانلارنىڭ ئوت بىلەن ئوينىشىدىغان بولۇپ قېلىشىمۇ دەل مۇشۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك. رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا نۆۋەتتە يېڭى يادرو قوراللىرى رىقابىتىگە كىردى، نۇرغۇن يىل سەرپ قىلىنىپ مىڭ تەسلىكتە قولغا كەلگەن مۇۋەپپەقىيەتنى يوق قىلىپ، بىزنى يەنە يادرو پالاكەتنىڭ گىرۋىكىگە سۆرەپ ئاپىرىدىغان يېڭى قىيامەت ماشىنىلىرى لايىھەلەپ چىقماقتا. بۇ جەرياندا خەلق يا ئەندىشىنى تاشلاپ بومبىلارنى ياخشى كۆرۈشكە باشلىدى ياكى بومبىلارنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالدى.
يادرو پىروگراممىلىرىدىن ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىغىچە بولغان نۇرغۇن چوڭ مەسىلە ئىقتىسادىي ۋە كۆچ ھادىسىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا تالاش-تارتىش قىلىنماقتا، بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيا تىنچلىقىدا ئوينايدىغان رولىغا سەل قارالدى. يۈز يىللار داۋاملاشقان ۋەھشىيانە قەتلىئاملاردىن كېيىن فىرانسۇزلار، نېمىسلار، ئىتالىيەلىكلەر ۋە بىرىتانىيەلىكلەر ئاخىرى قىتئە خەلقىنىڭ تىنچ ۋە ئىتتىپاق ھالدا ياشىشى ئۈچۈن چوڭ بىر مىخانىزما قۇرۇپ چىقتى، بىراق ئەنگلىيە خەلقى بۇ مېخانىزمنىڭ قارشى چىقىپ ئايرىلىش يولىنى تالىدى.
يادرو ئۇرۇشىغا توسالغۇ بولۇپ دۇنيا تىنچلىقىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان خەلقئارا ھاكىمىيەت قۇرۇش تولىمۇ تەس ئىدى. بۇ ھاكىمىيەتنى دۇنيانىڭ ئۆزگىرىۋاتقان شەرت-شارائىتلىرىغا ماسلاشتۇرۇش شەرت ئىدى، مەسىلەن ئامېرىكىدىن ئاز مەدەت كۈتۈپ ھىندىستان ۋە خىتايغا ئوخشاش غەربلىك بولمىغان دۆلەتلەرگە كۆپرەك رول بېرىش كېرەك. بىراق بۇ ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ مىللەتچى ھاكىمىيەتكە قايتىش مەسئۇلىيەتسىزلەرچە قىمار ئوينىغانلىق بىلەن ئوخشاش. 19-ئەسىردىكى دۆلەتلەر ئىنسانىيەت ياراتقان مەدەنىيەتنى يوق قىلىشتىن ئىلگىرى مىللەتچىلىك ئويۇنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئويناپ چىقتى، بۇ دەۋر خىروشىمادىن بۇرۇنقى دەۋر ئىدى. ئۇ دەۋردىن بېرى يادرو قوراللار ۋەزىيەتنى تامامەن ئۆزگەرتىپ ئۇرۇش بىلەن سىياسەتنىڭ تەبىئىتىنى باشقىچە تۈسكە ئىگە قىلدى. ئىنسانلارنىڭ ئۇران ۋە پىلاتون ئېلېمېنتلىرىنى قانداق كۈچەيتىشنى بىلگەن ئەھۋالدا ھاياتتا قېلىشى ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ مەنپەئەتىدىن بەكرەك يادرو ئۇرۇشىنى توسۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىگە باغلىق. «ۋەتەن ھەممىدىن ئەلا»دەپ ھەممە يەردە توۋلاپ يۈرىدىغان ھېسسىياتچان مىللەتچىلەردىن، پۇختا بىر خەلقئارا ھەمكارلىقى بولماي تۇرۇپ دۆلىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا دۇنيانى ھەتتا ئۆزىنى يادرو پالاكىتىدىن قوغداپ قوغدىيالمايدىغانلىقىنى سوراپ بېقىش لازىم.

ئېكولوگىيەلىك قىيىنچىلىق

ئىنسانىيەت ئالدىمىزدىكى يىللاردا يادرو ئۇرۇشىدىن باشقا 1964-يىلىدىكى سىياسىي رادارلارغا چۈشۈپ قالمىغان يەنە بىر مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى يەنى ئېكولوگىيەلىك كىرىزىسقا دۇچ كېلىدۇ. ئىنسانلار دۇنيانىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىنى جېنىنىڭ بارىچە بۇزۇشقا ئۇرۇنماقتا، تەبىئەتتىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ كۆپ بايلىق چىقارماقتا، بىراق تەبىئەتكە غايەت زور مىقداردا ئەخلەت ۋە زەھەر تاشلاپ قويۇپ زېمىن، سۇ ۋە ئاتموسفېرانىڭ قۇرۇلمىسىنى بۇزماقتا.
مىلياردلارچە يىلدا شەكىللەنگەن سەزگۈر ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى قانچىلىك ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇۋەتكەنلىكىمىزدىنمۇ خەۋىرىمىز يوق. مەسىلەن، ئوغۇتلاشتا فوسفور ئىشلىتىدۇ، فوسفور ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان نەرسىدۇر، بىراق نورمىدىن كۆپ ئىشلىتىلگەن تەقدىردە زەھەرلىك ھالغا كېلىپ قالىدۇ. كۈنىمىزدە تېرىلغۇ ئېتىزلار سۈنئىي ئوغۇتلىنىدىغان بولۇپ، كۆپ مىقداردا فوسفور ئىشلىتىدۇ، سانائەتلەشكەن يېزا-ئىگىلىك ساھەسى دەل سۈنئىي ئوغۇتلىنىشنى ئاساس قىلىدۇ، تېرىلغۇ-ئېتىزلاردىن قويۇپ بېرىلگەن تەركىبىدە كۆپ مىقداردا فوسفور بولغان قالدۇق ماددىلار دەريالار،كۆللەر ۋە ئوكيانلارنى زەھەرلەپ دېڭىزدىكى جانلىقلارنى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. مەسىلەن، لوۋا رايونىدا قوناق تېرىيدىغان بىر دېھقان ئۆزىمۇ بىلمەي قېلىپ مېكسىكا قولتۇقىدىكى بېلىقلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
يېزا –ئىگىلىك ساھەسىدىكى بۇ پائالىيەتلەر نەتىجىسىدە تېرىلغۇ ئېتىزلارمۇ بۇزۇلۇپ ماڭىدۇ، ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرلىرى يوقايدۇ، شۇنداقلا ئاۋسترالىيەدىكى بۈيۈك سەت رەسىپى بىلەن ئامازون يامغۇر ئورمانلىرىغا ئوخشاش غايەت زور چوڭلۇقتىكى ئېكولوگىيەلىك سىستېمىلار يوق بولۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. ئىنسانلار مىڭلارچە يىلدىن بۇيان ئېكولوگىيەگە ئېغىر زىيانلارنى بېرىپ كەلمەكتە، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئېكولوگىيەنىڭ قاتىلى دەل ئىنساندۇر، بۇرۇنلاردا ئىنسانلار ئېكولوگىيە ئازراق زىيان سېلىپ كەلگەن بولسا، ھازىر كەڭ كۆلەمدە ۋە ئېغىر دەرىجىدە زىيان سالماقتا. ئىنسانىيەت مۇشۇ پېتى ماڭسا بىر نەچچە تۈرنىڭ نەسلىنى يوقىتىپلا قالماستىن ھازىرقى مەدەنىيەتنىڭ يىلىتىزىنىمۇ قۇرۇتۇپ تاشلايدۇ.
بىزنى ھەممىدىن بەك ساراسىمىگە سېلىۋاتقان ھادىسە كىلىمات ئۆزگىرىشىدۇر. ئىنسانلار يۈز مىڭلارچە يىلدىن بۇيان ياشاپ كەلمەكتە ۋە بۇ جەرياندا نۇرغۇن مۇز دەۋرى ۋە ئىسسىق مەزگىللەرنى باشتىن كەچۈردى. بىراق دېھقانچىلىق، شەھەرلەر ۋە مۇرەككەپ جەمئىيەتلەرنىڭ ئاپىرىدە بولغانلىقىغا ئۇزۇن بولمىدى، ئەك كۆپ بولغاندا 10 مىڭ يىلدىن كۆپرەك بولغان بولۇشى مۇمكىن. 10 يىل بۇرۇنقى دەۋرنىڭ نامى ھولوسېن بولۇپ، بۇ دەۋردە دۇنيانىڭ كىلىماتى مۇقىم ھەرىكەت قىلاتتى، ھولوسېن دەۋرىدە كىچىككىنە بىر ئۆزگىرىشمۇ بۇرۇن پەقەتلا كۆرۈلۈپ باقمىغان قىيىنچىلىقلار تۇغدۇرىدۇ، ئىنسانلار ھامان بىر كۈنى بۈيۈك مەدەنىيەتلەر ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان قابىلىيەتكە ئىگە بولسىمۇ، بىراق مەدەنىيەت بەرپا قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن ئىنساننىڭ ئۆلۈپ كېتىشى مۇقەررەر ئىدى.
ھەممىمىزنى پالاكەتكە سۆرەپ ئاپىرىدىغان يادرو ئۇرۇشىنى كېلەچەكتە يۈز بەرمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ، بىراق نۆۋەتتە بىزگە كىلىمات ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت ۋەھىمىلىك ھادىسىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. ئىنسان پائالىيەتلىرىنىڭ بولۇپمۇ كاربون تۆت ئوكسىدغا ئوخشاش زەھەرلىك گازلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنىڭ دۇنيا كىلىماتىنى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرتىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم. قايتۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان بىر پالاكەتنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئىلگىرى ئاتموسفېراغا يەنە قانچىلىك زەھەرلىك گاز قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم. بىراق قولىمىزدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك ئىلمىي پاكىتلارغا قارىغاندا، ئالدىمىزدىكى 20 يىل ئىچىدە ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىلىدىغان زەھەرلىك گاز مىقدارى تۆۋەنلىتىلمىگەن تەقدىردە يەرشارى تېمپېراتۇرىسى ئوتتۇرىچە 2 گىرادۇس ئۆرلەپ چۆللەرنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى، مۇز قاتلاملىرىنىڭ
يوق بولۇشى، ئوكيان سۇلىرىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، بوران-چاپقۇن ۋە تەيپىڭ بورىنىغا ئوخشاش ئېغىر تەبىئەت ھادىسىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بۇ ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە تېرىلغۇ ئېتىزلار ۋەيران بولۇپ، شەھەرلەر سۇ ئاستىدا قالىدىكەن، دۇنيانىڭ نۇرغۇن يېرى ياشىغىلى بولمايدىغان جايغا ئايلىنىپ قېلىپ، يۈز مىڭلارچە كۆچمەن يېڭى يۇرت ئىزدەشكە مەجبۇر بولىدىكەن.
قىسقىسى، نۇرغۇن ئىشتا بارغانچە چارىسىز ھالغا كېلىپ قېلىۋاتىمىز. يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن ئاتموسفېراغا زەھەرلىك گاز قويۇپ بېرىش نىسبىتى مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلسىمۇ كىلىماتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ. مەسىلەن، يەرشارى ئىسسىپ كەتكەنسېرى قۇتۇپلاردىكى مۇز يېپىنچىلىرى شۇنچە ئېرىپ ماڭىدۇ، زېمىن يۈزىدىن ئاتموسفېرا سىرتىغا تېخىمۇ ئاز قۇياش نۇرى ئەكس ئېتىدۇ. نەتىجىدە پىلانېتا تېخىمۇ ئاز ئىسسىقلىق سۆمۈرلىدىغانلىقتىن تېمپېراتۇرا تېخىمۇ كۆپ ئاشىدۇ ۋ مۇز قاتلاملىرى تېخىمۇ تېز ئېرىيدۇ. بۇ ئەھۋال خەتەر باسقۇچقا يېتىپ بارغان تەقدىردە بۇنى توسۇۋېلىش مۇمكىن بولمايدۇ ۋە ئىنسانلار كۆمۈر ۋە تەبىئىي گازغا ئوخشاش ئېنېرگىيەلەرنى ئىشلەتمىسىمۇ قۇتۇپ رايونلىرىدىكى بارلىق مۇز قاتلاملىرى ئېرىيدۇ. شۇڭا مەسىلىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتسەكلا بولمايدۇ، چوقۇم ئەمەلىي ئىش قىلىش كېرەك، بولمىسا كېچىپ قالىمىز.
ئەپسۇس 2018-يىلدىن باشلاپ ئاتموسفېراغا زەھەرلىك گاز قويۇپ بېرىش نىسبىتى تۆۋەنلەش ئۇياقتا تۇرسۇن بارغانچە ئېشىپ بارماقتا. ئىنسانىيەتنىڭ فوسىل يېقىلغۇ ئىشلىتىشتىن دەرھال ۋاز كېچىشى كېرەك، داۋاملىق ئىشلىتىۋەرسە ئېغىر پاجىئەلەر كېلىپ چىقىدۇ. فوسىل يېقىلغۇ ئىشلىتىشتىن قانداقتۇر كېلەر يىلى ياكى كېلەر ئاي ئەمەس شۇ مىنۇتتىن باشلاپ ۋاز كەچمىسەك بولمايدۇ. ئەپسۇس: «ئىنسان ئاللىبۇرۇن فوسىل يېقىلغۇ ئىشلىتىشكە خۇمار بولۇپ قالىدۇ.» ئۇنىڭغا نىسبەتەن ۋاز كېچىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس.
مىللەتچىلىك زادى قانچىلىك خەتەرلىك ھادىسە؟ مىللەتچىلىك ئېكولوگىيەلىك خەتەرنى يوق قىلالامدۇ؟ قۇدرەتلىك بىر دۆلەت ئۆز ئالدىغا يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسىگە تاقابىل تۇرالامدۇ؟ بەزى دۆلەتلەر مۇھىتىدىن باشقا ئىقتىسادنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىدىغان بىر قاتار يېشىل سىياسەتلەرنى يولغا قويسا ئەجەب ئەمەس، ھۆكۈمەتلەر ئاتموسفېراغا زەھەرلىك گاز قويۇپ بەرگۈچىلەرگىمۇ باج قويسا نېمىشقا بولمىغۇدەك، بېنزىن ۋە گاز باھاسىغا مۇھىت چىقىمىنىمۇ قوشۇۋېتىش كېرەك، مۇھىت قانۇنلىرىنى تەتبىقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم، مۇھىتنى بۇلغايدىغان سانائەت سىستېمىلىرى ئورنىغا يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيەگە ماس سانائەت سىستېمىلىرى بەرپا قىلىش كېرەك. مۇھىت دوستى تېخنولوگىيەلەر بەرپا قىلىش ئۈچۈن مەبلەغ ئاجرىتىلىشى شەرت، ئىچىدىن يانىدىغان موتور 150 يىل مابەينىدە تەرەققىياتقا زور پايدىسى تەگدى، بىراق ساغلام بىر مۇھىت ۋە ئىقتىسادىي گۈللىنىش ئىچىدە ياشاشنى ئارزۇ قىلساق، فوسىل يېقىلغۇلارنى ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىپ مۇھىتنىمۇ بۇلغىمايدىغان ۋە ئىقتىسادىنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىدىغان يېڭى تېخنولوگىيەلەرنى ئويلاپ چىقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
تېخنولوگىيە ساھەسىدە بارلىققا كېلىدىغان تەرەققىياتلار ئېنېرگىيەدىن سىرت باشقا ساھەگىمۇ زور پايدىلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، مەسىلەن، «پاكىز گۆش»ئىشلەپچىقىرىشى ئۈستىدە ئازراق توختىلايلى، كۈنىمىزدە گۆش سانائىتى مىلياردلارچە جانلىققا ئازاب چەكتۈرۈشتىن باشقا يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ، ماشىنا ئىنژېنېرلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ 2013-يىلدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، بىر كىلو كالا گۆشى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن 15 مىڭ لىتىر سۇ ئىشلىتىش كېرەك. بىر كىلو بەرەڭگە ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن بولسا 287 لىتىر سۇ كېتىدۇ.
خىتاي ۋ بىرازىلىيەگە ئوخشاش تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى بەرەڭگە يېيىشنى توختىتىپ ئومۇميۈزلۈك گۆش ئىستېمال قىلىشقا يۈزلەنسە ئۇ ۋاقتىدا مۇھىتقا بولغان بېسىم تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. خىتايلار ۋە بىرازىيەلىكلەرنى كالا گۆشى، ھامبۇرگېر ۋە قىزا يېيىشتىن ۋاز كەچتۈرۈش تولىمۇ تەس، ئامېرىكىلىقلار ۋە نېمىسلارنى ۋاز كەچتۈرۈش تېخىمۇ قىيىن. ناۋادا ئىنژېنېرلار ھۈجەيرىلەردىن گۆش ئىشلەپچىقىرىدىغان تېخنىكىنى بايقاپ چىقسىچۇ؟ ھامبۇرگېر يېمەكچى بولسىڭىز ئۇنداقتا ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ چوڭ بىر كالا يېتىشتۈرۈپ ئۇنى مىڭلارچە كىلومېتىرغا يۆتكەشنىڭ ئورنىغا ھامبۇرگېر ئىشلەپچىقىرىلسا بولىدۇ. بۇ بەلكىم سىزگە ئىلمىي فانتازىيە فىلىمىنى كۆرگەندەك بىلىنىشى مۇمكىن،بىراق ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس، دۇنيادىكى تۇنجى پاكىز ھامبۇرگېر 2013-يىلى ئىشلەپچىقىرىلىپ ئىستېمال قىلىنىپ سىنالدى، بۇنىڭغا 330 مىڭ دوللار كەتتى. تۆت يىللىق تەتقىقات ۋە خىزمەت نەتىجىسىدە چىقىمنىڭ مىقدارى بىر تال ھامبۇرگېر ئۈچۈن 11 دوللارغا تۆۋەنلىتىلدى ۋە ئون يىلدىن كېيىن سانائەتتە ئىشلەپچىقىرىلغان پاكىز گۆشنىڭ باھاسىنىڭ ھەققى گۆشنىڭ باھاسىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئەرزان بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. بۇ تېخنولوگىيە روياپقا چىقىپ قالسا مىلياردلارچە ھايۋان بوغۇزلىنىشتىن قۇتۇلۇپ مىلياردلارچە ئوزۇقلۇق يېتىشمەيۋاتقان ئىنساننى تويغۇزۇشتىن سىرت ئېكولوگىيەنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمۇ مۇمكىن.
كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتلەر، شىركەتلەر ۋە شەخسلەرنىڭ قولىدىن بىر نەرسە كەلمەيدۇ. كىلىمات مەسىلىسى قانداقتۇر بىر دۆلەتنىڭ مەسىلىسى ئەمەس بەلكى پۈتكۈل دۇنيانىڭ مەسىلىسىدۇر. ئەپسۇس كىلىمات جەھەتتە تەقدىرىمىزنى دۇنيانىڭ باشقا بىر يېرىدە ياشايدىغان بىرىنىڭ خاتالىقى بەلگىلەپ قويىدۇ. تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى بولغان كىرىباتى جۇمھۇرىيىتى كاربون تۆت ئوكسىد گازى قويۇپ بېرىشنى نۆلگە تۆۋەنلەتسىمۇ باشقا دۆلەتلەر بۇ ئىشنى قىلمىغان تەقدىردە مەسىلە يەنىلا ھەل بولمايدۇ. چاد زېمىنىدىكى ھەر ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە قۇياش تاختايلىرى ئورۇنلاشتۇرسىمۇ، باشقا جايلاردىكى كىشىلەرنىڭ ئاڭسىزلارچە ۋە مەسئۇلىيەتسىزلەرچە يولغا قويغان مۇھىت سىياسەتلىرى تۈپەيلى، چاد زېمىنلىرى يەنىلا چۆللىشىپ مېڭىۋېرىدۇ. خىتاي ۋە ياپونىيەگە ئوخشاش كۈچلۈك دۆلەتلەرمۇ ئېكولوگىيەلىك جەھەتتىن مۇستەقىل ئەمەس، شاڭخەي، خوڭكوڭ ۋە توكيونى شىددەتلىك كەلكۈن ۋە تەيپىڭ بورانلىرىدىن قوغداپ قېلىش ئۈچۈن خىتاي ۋە ياپونىيە ھۆكۈمەتلىرى رۇسىيە ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنى بىپەرۋا پوزىتسىيەسىدىن ۋاز كەچتۈرۈشكە تىرىشىشى كېرەك.
دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىگە قارىتا مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىشى يادرو ئۇرۇشىنىڭ خەۋپىدىن بەكرەك خەتەرلىك. ئومۇميۈزلۈك يادرو ئۇرۇشى پۈتكۈل مىللەتلەرنى يوق قىلىدىغانلىقى تۈپەيلى بارلىق مىللەتلەر بۇ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بىردەك ئەھمىيەت بېرىشى تۇرغانلا گەپ. ھالبۇكى يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە پەرقلىق تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ، بەزى دۆلەتلەر مەسىلەن رۇسىيە بۇ ئەھۋالدىن پايدىلىنىشىمۇ مۇمكىن، رۇسىيەنىڭ دېڭىز بويىغا تۇتۇشىدىغان شەھەرلىرى نىسبەتەن ئاز بولۇپ، خىتاي ۋە كىرىباتىغا قارىغاندا دېڭىز سۈيى سەۋىيەسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن ئازراق ئەندىشە قىلىدۇ. تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى چادنى چۆللەشتۈرۈۋېتىپ، سىبىرىيەنى دۇنيانىڭ بۇغداي ئامبىرىغا ئايلاندۇرۇشى مۇمكىن. شىمالىي قۇتۇپتىكى مۇز قاتلاملىرى ئېرىگەندە رۇسىيە تەۋەلىكىدىكى ئاركتىك قاناللىرى دۇنيا سودىسىنىڭ غول لىنىيەسىگە ئايلىنىشىمۇ مۇمكىن، شۇنداقلا دۇنيانىڭ كېسىش نۇقتىسى بولغان سىنگاپوردىن كامچارتكاغا ئۆتۈشى مۇمكىن.
ئوخشاشلا بەزى دۆلەتلەر فوسىل يېقىلغۇلىرىنىڭ ئورنىغا يېڭىلىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەسىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشى مۇمكىن. خىتاي، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەر سىرتتىن كۆپلەپ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىدۇ، بۇ دۆلەتلەر مەلۇم سەۋىيەگىچە ئېنېرگىيەدە سىرتقا بېقىندى ھالەتتە تۇرماقتا. بۇ دۆلەتلەر ناۋادا يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيەگە ئەھمىيەت بەرسە ئېنېرگىيە جەھەتتە سىرتقا بولغان بېقىندىلىقتىن قۇتۇلىدۇ. رۇسىيە، ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىقتىسادىي نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېكسپورتىغا تايىنىدۇ. ئەگەر بۇ دۆلەتلەردىن ئېنېرگىيە ئىمپورت قىلىۋاتقان دۆلەتلەر يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيەگە يۈزلەنسە بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋەيران بولىدۇ.
بۇ سەۋەبتىن خىتاي، ياپونىيە ۋە كىرىباتى قاتارلىق دۆلەتلەر كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىش نىسبىتىنى ئازايتىشقا كۆڭۈل بۆلسە، رۇسىيە، ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەر كۆڭۈل بۆلۈش ئۇياقتا تۇرسۇن قارشى چىقىشى مۇمكىن. ئامېرىكىغا ئوخشاش يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى تۈپەيلى ئېغىر زىيانغا ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان دۆلەتلەردىمۇ، بۇ خەتەرگە سەل قارايدىغان شەخسلەر ۋە خاھىشلار كۆپ. مەسىلەن، 2018-يىلى يانۋاردا ئامېرىكا چەت ئەلدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان قۇياش تاختايلىرى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى ئۈسكۈنىلىرىگە %30 قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇپ، يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيەنى ئىشلىتىشنىڭ بەدىلىگە ئامېرىكىلىق قۇياش ئېنېرگىيەسى كارخانىچىلىرىنى قوللىغان.
ئاتوم بومبىسى قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدىغان ناھايىتى خەتەرلىك نەرسىدۇر. ئاتوم بومبىسىنىڭ خەتىرى ناھايىتى روشەن بولۇپ بۇنى بىلىش تولىمۇ ئاسان. بىراق يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسىنىڭ خەتىرى يوشۇرۇن بولۇپ، كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتلىرىنىڭ تەسىرى تولىمۇ ئېغىر بولىدۇ، ئۇنىڭ تەسىرىنى يوق قىلىشقا ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقى كۈنتەرتىپكە كەلگەندە مىللەتچىلەر بۇنىڭغا دەرھال قارشى چىقىپ، بۇ ئىشقا ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى، شۇڭا باشقا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەر بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ. ھەتتا بەزى ئاشقۇن مىللەتچىلەر يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىدەك بۇ خەتەرلىك ئەھۋالنى كۆرمەسلىككە سېلىپ پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشىمۇ مۇمكىن. يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسىگە ھەر دائىم گۇمان بىلەن قارايدىغان ئىجتىمائىي قاتلامنىڭ مىللەتچى ئوڭچىللار بولۇشى تاسادىپىيلىق ئەمەس. كوممۇنىست بىر كىشىنىڭ «كىلىمات ئۆزگىرىشى خىتايلار ئويدۇرۇپ چىقارغان نەرسىدۇر»دېگەن مەزمۇندا ئۇچۇر يازغانلىقىغا ئاساسەن شاھىت بولالمايسىز. يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى ھادىسىسى دۇنياۋى مەسىلە بولغانلىقتىن، بىر مىللەت ياكى دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا چارە تېپىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا بەزى مىللەت ياكى دۆلەت بۇنداق بىر ھادىسىسىنىڭ بارلىقىنىمۇ تەن ئالمايدۇ.

تېخنولوگىيەلىك جەھەتتىكى قىيىنچىلىق

ئوخشاش دىنامىك ۋە ئامىللار مىللەتچىلىكنى 21-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت ۋە خەتەرگە، شۇنداقلا تېخنولوگىيەلىك ئىلگىرىلەشكە چارە بولۇشتىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇشى مۇمكىن. بۇرۇنقى بۆلۈملەردە قەيت قىلىنغىنىدەك ئۇچۇر تېخنولوگىيەلىرى بىلەن بىيوتېخنولوگىيە دىگىتال دىكتاتورىلىق ۋە ئومۇميۈزلۈك كارغا كەلمەس بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئېچىنىشلىق سېنارىيەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنداقتا مىللەتچىلىك بۇ مۇسىبەتلەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولالامدۇ ياكى چارە تاپالامدۇ؟

تەخمىن قىلىش تەس بولمىغىنىدەك مىللەتچىلىكىنىڭ بۇنىڭغا چارىسى يوق. مىللىي دۆلەت كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئوخشاش دۇنيا خاراكتېرلىك بىر مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن تولىمۇ ئاجىز. تەتقىقات ۋە ئىجادىيەت خىزمەتلىرى بىرلا دۆلەتنىڭ قولىدا بولمىغانلىقتىن، ئامېرىكىغا ئوخشاش دەرىجىدىن ھالقىغان دۆلەتلەرمۇ بۇنى ئۆز ئالدىغا ھەل قىلالمايدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گېن ئىنژېنېرلىقى ساھەسىدە ۋۇجۇدقا چىقىرىلغان ئىنسان ئېمبرىيولىرىنى چەكلىسە، بۇ چەكلىمە خىتاي ئىنژېنېرلىرىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، ناۋادا گېن ئىنژېنېرلىقى ساھەسىدە زور ئۇتۇقلار قولغا كەلتۈرۈلسە خىتاي بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى بۇ ساھەدە كۈچەيتىۋالسا، ئامېرىكا دەرھال بۇ چەكلىمىنى قالدۇرۇۋېتىپ بۇ ساھەسىنى كۈچەيتىشكە يۈزلىنىدۇ. چەت دۈشمەنلىكى ئەۋجىگە چىققان بۇ بۆرىلەر ۋادىسىدا يالغۇز بىر دۆلەتنىڭ زور خەتەر-زور كىرىم پەلسەپىسى ئاقىدىغان تېخنولوگىيەلىك چۈشەنچىنى قوبۇل قىلىشى، تەبىئىي ھالدا ئۆزگە دۆلەتلەرنى ئوخشاش يولدا مېڭىشقا مەجبۇر قىلىدۇ، چۈنكى ھېچكىم كەينىدە قېلىشنى خالىمايدۇ. بۇ كەسكىن ۋە رەھىمسىز رىقابەتنىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىپ كېتىپ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيا كىملىكىگە ۋە دۇنيا ساداقىتىگە ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ.
يادرو ئۇرۇشى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىش ھادىسىسى ئىنسانىيەتنىڭ جىسمانىي مەۋجۇتلۇقىغىلا تەھدىت سالىدۇ، بىراق تېخنولوگىيەلىك تەرەققىياتلار ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان قۇدرەتكە ئىگە، كۈنىمىزدە بۇ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي دىنى ئېتىقادى ۋە ئەخلاقىي بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتتى. يادرو ئۇرۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش لازىملىقى مەسىلىسىدە ھەممەيلەن بىردەك قاراشقا ئىگە، بىراق بىيو-ئىنژېنېرلىق ۋە سۈنئىي ئەقىلدىن ئىنسانلارنى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ۋە يېڭى ھاياتلىق ئەندىزىلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن پايدىلىنىش مەسىلىسىدە بىر-بىرىدىن پەرقلىق قاراشلار مەۋجۇت. ئىنسانىيەت دۇنيا مىقياسىدا ئېتىراپ قىلىنىدىغان ئەخلاقىي قائىدىلەر بېكىتىپ چىقىپ بۇنى تەتبىقلىمىغان تەقدىردە، دۇنيا دوكتور فىرانكېنستېيىن ئوتتۇرىغا قويغان مىساللار بىلەن تولۇپ تېشىشى مۇمكىن.
بۇنداق ئەخلاقىي ئۆلچەملەرنى بېكىتىدىغان ئىش كۈنتەرتىپكە كەلگەن چاغدا، مىللەتچىلىك تار رامكا ۋە يۈزەكى قاراشلارغا ئىگە بولغانلىقتىن كارغا كەلمەيدۇ. چۈنكى مىللەتچىلىك يۈزلەرچە يىل داۋاملاشقان توقۇنۇشلارنى چۆرىدىگەن ھالدا تەپەككۇر قىلىشقا مايىل كېلىدۇ، لېكىن 21-ئەسىردىكى تەرەققىياتلار ۋە قىيىنچىلىقلارغا چوقۇم دۇنيا خاراكتېرلىك چارە تېپىشقا توغرا كېلىدۇ.تۆت مىليارد يىللىق ئورگانىك ھاياتلىقتىن كېيىن بىلىم ئەقىللىك لايىھەلەر ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈلگەن ئانئورگانىك ھاياتلىق دەۋرىنى يارىتىدۇ.

دۇنيا ئالەم كېمىسى

يادرو ئۇرۇشى، ئېكولوگىيەلىك يىمىرىلىش ۋە تېخنولوگىيەلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ مۇھىم ھادىسەنىڭ ھەر بىرى ئىنسانلار بەرپا قىلغان مەدەنىيەتنىڭ كېلەچىكىگە تەھدىت سالالايدىغان قۇدرەتكە ئىگە. ناۋادا بۇ ئۈچى تىل بىرىكتۈرۈۋالسا كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئېغىر بوھرانغا دۇچ كېلىدۇ.
مەسىلەن، ئېكولوگىيەلىك كىرىزىس مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت سالسىمۇ، سۈنئىي ئەقىل ۋە بىيوئىنژېنېرلىقنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش مۇمكىن ئەمەس. ئوكيان سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرىلاپ مېڭىشى، ئوزۇقلۇق مەنبەسىنىڭ ئازىيىشى ۋە كەڭ كۆلەملىك كۆچ ھادىسىلىرى قاتارلىقلار دىققىتىمىزنى ئالگورىتما ۋە گېنلاردىن يىراقلاشتۇرالمايدۇ. ئېكولوگىيەلىك كىرىزىس كۈچەيگەندە زور خەتەر ۋە زور كىرىم ئېلىپ كېلىدىغان تېخنولوگىيەلەر تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدۇ. ھەتتا كىلىمات ئۆزگىرىش ھادىسىسى دۇنيانى پالاكەتكە ئىتتىرىش جەھەتتىن دۇنيا خاراكتېرلىك ئۇرۇشلاردىن قىلچە پەرقلەنمەيدۇ،1914-1918 ۋە 1939-1945-يىللاردا تېخنولوگىيە ساھەسىدە زور تەرەققىياتلار ۋۇجۇدقا چىقتى، چۈنكى ئۇرۇشقا كىرگەن مىللەتلەر تەدبىرلىك ۋە تېجەشلىك ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئورنىغا جەسۇرلارچە ھەرىكەت قىلىپ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز لايىھەلەرگە زور مەبلەغ ئاجراتتى.گەرچە بۇ لايىھەلەرنىڭ كۆپ قىسمى نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئاقىۋەت تانكىلار، رادار سىستېمىلىرى، زەھەرلىك گازلار، چاقماق تېزلىكىدىكى ئايروپىلانلار، قىتئەلەرئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ۋە يادرو بومبىلىرى ياسالدى. كىم بىلىدۇ، كىلىمات پالاكىتىگە دۇچ كېلىۋاتقان مىللەتلەر زېھنىنى، ۋاقتىنى ۋە بايلىقىنى ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قوراللارغا ئاجرىتامدۇ تېخى. ئىنسانىيەت سۈنئىي ئەقىل ۋە بىيوئىنژېنېرلىق ساھەسىدىكى تەرەققىياتلاردىن ئەندىشە قىلىشى تولىمۇ نورمال، ئەپسۇس ئىنسانلار ھالقىلىق ۋە بوھران مەزگىللىرىدە خەتەرلىك ھەرىكەتلەرگە يۈزلىنىدۇ. سىز ئۆز-ئۆزىڭىزدىن زىيانغا سەۋەب بولىدىغان تېخنولوگىيەلەرنى قانداقراق بىر قانۇن ۋاسىتىسى ئارقىلىق كونترول قىلغىلى بولىدۇ دېگەن سوئالنى سوراشتىن باشقا، يەنە كىلىمات ئۆزگىرىشى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شەھەرلەرنىڭ سۇ ئاستىدا قېلىشىنى ۋە يۈز مىليونلارچە ئىنساننىڭ ياققا يۇرتلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىمۇ، بۇ قانۇنلار يەنىلا كۈچكە ئىگە بولالامدۇ دېگەن سوئالنى سوراپ بېقىڭ.
تېخنولوگىيەلىك تەرەققىياتلارنى ھەم دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنى ئۇلغايتىپ ھەمدە يادرو كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ قىيامەت ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك دۆلەتلەر 1950-يىلدىن بۇيان بىر-بىرى بىلەن بىۋاسىتە توقۇنۇشتىن ساقلىنىپ كەلدى، چۈنكى ئۇلار ئۇرۇش يۈز بەرگەن تەقدىردە ئۆزى ۋە قارشى تەرەپنىڭ بىراقلا يوق بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى، بىراق يېڭى ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە قوراللىرى ياسىلىپ چىققاندا، تېخنولوگىيەلىك جەھەتتىن قۇدرەت تاپقان بىر كۈچلۈك دۆلەت ئۆزىگە خەتەر كەلمەي تۇرۇپمۇ رەقىبلىرىنى يوق قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىپ قېلىشى مۇمكىن، بۇ ئەھۋالغا قارىتا نوپۇزى ۋە كۈچى ئاجىزلىشىشقا قاراپ مېڭىۋاتقان دۆلەت «پات يېقىندا قولۇمدىكى ئەنئەنىۋى يادرو قوراللىرى كارغا كەلمەس بولۇپ قالىدۇ، ئەڭ ياخشىسى يېڭىسىغا ئېرىشىپ بولغۇچە قولۇمدىكىلەرنى ئىشلىتىۋېتەي»دەپ ئويلىشىمۇ مۇمكىن. ماھىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يادرو رىقابىتى ھەددىدىن زىيادە ئەقلىي بىر شاھمات ئويۇنىغا ئوخشايدۇ. ئۇنداقتا ئويۇنچىلار سىبەر ھۇجۇم قوزغاش ئارقىلىق رەقىبىنىڭ ئۇرۇقلىرىنى قولغا چۈشۈرۈۋالغاندا، كىملىكى نامەلۇم ئۈچىنچى بىر تەرەپ ئۆزىنى ئاشكارىلىماي بىر ئۇرۇقىنى ئالدىغا تاشلىغاندا ياكى «ئاتاس» ياكى «ئالپازېرو» دېگەن ئالگورىتما ئويۇنى شاھمەت ئويناشنى تاشلاپ يادرو شاھمەت ئويۇنى ئويناشقا باشلىسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟
ئوخشىمىغان مەسىلىلەر بىر-بىرلىرىنى كۈشكۈرتۈپ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكىنىگە ئوخشاش، بىر مەسىلە بىلەن يۈزلىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تىرىشچانلىقلارمۇ باشقا بىر يەردىكى مەسىلىلەر تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن. قورال رىقابىتىگە مەركەزلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ سۈنئىي ئەقىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چەكلەش مەسىلىسىدە كېلىشەلىشى ناتايىن، شۇنداقلا رەقىبلىرىنىڭ تېخنولوگىيەلىك جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرىدىن ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئورتاق پىلان ئۈستىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشى تېخىمۇ قىيىن. بىر-بىرىگە رەقىب مىللەتلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن ھازىرقى دۇنيادا، يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ئۈچ ھادىسىگە بىرلا ۋاقىتتا تاقابىل تۇرۇش ھەقىقەتەن تەس، ھەتتا بىر ھادىسىگە تاقابىل تۇرالماي مەغلۇپ بولۇشنىڭ ئۆزىلا پالاكەتكە سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.
قىسقىسى، دۇنيادا باش كۆتۈرگەن مىللەتچىلىك دولقۇنى 1939 ۋە 1914-يىللىرىدەك پالاكەتكە سەۋەب بولساق بولمايدۇ. تېخنولوگىيە ھېچبىر مىللەت ئۆز ئالدىغا ھەل قىلالمايدىغان دەرىجىدە ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت پەيدا قىلىپ، ھەممە نەرسىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى. ئورتاق كىملىك يارىتىش ئۈچۈن ئەڭ ئۈنۈملۈك كاتالىزاتور ئورتاق دۈشمەن بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ بۇ ئۈچ دۈشمىنى مۇنداق: يادرو ئۇرۇشى، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە تەڭسىز تېخنولوگىيەلىك تەرەققىيات. ئىنسانلار بۇ ئورتاق تەھدىتلەر ئالدىدا ۋەتىنى ۋە مىللىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى ئەۋزەل بىلسە، كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر1914 ۋە 1939-يىلدىكىدىن تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاساسىي قانۇنىدا مۇنداق كۆرسىتىلىدۇ: «ياۋروپالىقلار ئۆز مىللىي كىملىكلىرى ۋە تارىخلىرىدىن پەخىرلىنىش بىلەن بىرگە، بۇرۇنقى ئىختىلاپ ۋە ئايرىمچىلىقلارنى تۈگىتىپ تېخىمۇ كۈچلۈك رىشتىلەر تۈرتكىسىدە بىرلىشىپ ئورتاق يول بېكىتىش ئۈچۈن قەتئىي نىيەتكە كەلدى.» بۇ قانداقتۇر بارلىق مىللىي كىملىكلەرنى يوق قىلىپ ئىنسانىيەتنىڭ بىرلا رەڭگە ئايلىنىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، شۇنداقلا ۋەتەنپەرۋەرلىك پۇرىقى كۈچلۈك ئىبارىلەردىن ۋاز كېچىشتىنمۇ دېرەك بەرمەيدۇ. ئەكسىچە ياۋروپا ئىتتىپاقى ياۋروپا قىتئەسىنى قوغدايدىغان ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي سېپىل بەرپا قىلىپ، لومباردىيە، كاتالونىيە، فىلاندرا ۋە شوتلاندىيەگە ئوخشاش رايونلاردا يەرلىك مىللەتچىلىك ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ھەسسە قوشتى. نېمىسلارنىڭ ئىستېلا قىلىشىدىن قورقۇشنىڭ ھاجىتى بولمىسا ۋە يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى، شۇنداقلا خەلقئارالىق شىركەتلەرگە قارشى سىزنى قوغدايدىغان كۈچلۈك ياۋروپا بولىدىغان بولسا، مۇستەقىل شوتلاندىيە ياكى كاتولونىيە قۇرۇشقا نېمىشقا بولمىغۇدەك.
شۇڭلاشقا ياۋروپالىق مىللەتچىلەر بەكمۇ ئەنسىرەپ كەتمەيدۇ، مىللەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق گەپ-سۆزلەرنىڭ ئەكسىچە، مىللىتى ئۈچۈن ئۆلىدىغان ياكى ئۇرۇشىدىغان ناھايىتى ئاز ياۋروپالىق چىقىشى مۇمكىن. ئەينى چاغدا ۋىليام ۋاللاس ۋە روبېرت بىرۇس دەۋرلىرىدە لوندوننىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلماقچى بولغان بىر توپلۇق، چوقۇم زور قوشۇن تەشكىللەپ چىقىشى كېرەك ئىدى. بىراق 2014-يىلى شوتلاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەل رايىنى سىناش پائالىيىتىدە بىرمۇ كىشىنىڭ قېنى تۆكۈلمەي مەسىلە چىرايلىقچە ھەل بولدى، ناۋادا كېيىنكى قېتىملىق ئەل رايىنى سىناش پائالىيىتىدە شوتلاندىيە مۇستەقىللىقكە ئېرىشىپ قالسا، باننوكبۇرۇن ئۇرۇشى قايتا يۈز بەرمەيدۇ. كاتالونلۇقلارنىڭ مۇستەقىل بولۇش تىرىشچانلىقلىرى بەزى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھادىسىلەرنى ھەرگىزمۇ 1939-يىلى ياكى 1714-يىلى بارسېلونادا يۈز بەرگەن قەتلىئامغا قەتئىي سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.
دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەردىمۇ ياۋروپا قىتئەسىدە يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنى ئۆرنەك ئېلىشى مۇمكىن. ئىنساننىڭ ئۆز ۋەتىنىنى ئۇلۇغلايدىغان ۋە ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدىغان يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى، يەرشارىلاشقان كۈنىمىز دۇنياسىدىمۇ ياتسىراپ قالمايدۇ. بىراق ھاياتتا قېلىپ تەرەققىي قىلىشنى خالايدىكەنمىز، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى چوقۇم دۇنيا جامائىتى ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمىز بىلەن چوقۇم بىرلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. بىر ئىنسان بىرلا ۋاقىتتا ھەم ئائىلىسىگە، ھەم قوشنىلىرىغا، ھەم خىزمىتىگە ھەمدە ۋەتىنىگە سادىق بولالايدۇ ۋە بولۇشى كېرەك. بۇلارغا سادىق بولالىغان ئادەم پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ھەتتا دۇنياغا سادىق بولسا نېمىشقا بولمىغۇدەك؟بىردىن كۆپ نەرسىگە بىرلا ۋاقىتتا سادىق بولسىڭىز بەزى پەيتلەردە چوقۇم دىلىغۇلا ۋە تېڭىرقاپ قېلىشىڭىز ئېنىق، ھايات ئەلۋەتتە مۇرەككەپ ۋە ئەگرى توقايلىق بىلەن تولغان، لېكىن بىز دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى يەڭمەي ئامالىمىز يوق.
بۇرۇنقى ئەسىرلەردە مىللەت كىملىكى بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىنسانلارنىڭ يەرلىك قەبىلىلەردىن ھالقىپ دۆلەت سەۋىيەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئارقىلىق ھەل قىلالايدىغان مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىشى ئىدى. 21-ئەسىردىكى مىللەتلەرمۇ بۇرۇنقى قەبىلىلەردىن قىلچە پەرقسىز بولۇپ، دۆلەت ۋە رايوندىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان مىللەتتىن ئىبارەت بۇ كىچىك ئىجتىمائىي گەۋدە بىلەن ھازىرقى يەرشارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تەس. مىللىي ئورگانلار يەنى دۆلەت ئورگانلىرى يەرشارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن ئاجىز كېلىۋاتقانلىقتىن، يېڭى بىر دۇنيا خاراكتېرلىك كىملىككە جىددىي ئېھتىياجلىقمىز. كۈنىمىزدە بىلىم، ئىقتىساد ۋە ئېكولوگىيەلىك مەسىلىلەر يەرشارىلاشتى، بىراق يەنىلا مىللەتچى سىياسەت بىلەن بەند بولۇپ يۈرۈۋاتىمىز. بۇ زىددىيەتلىك ئەھۋال سىياسىي تۈزۈمنىڭ قىيىنچىلىقلىرىمىزنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ، ئۈنۈملۈك سىياسەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بىلىم، ئىقتىساد ۋە ئېكولوگىيەلىك مەسىلىلەرنى يا يەرشارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەر دائىرىسىدىن ياندۇرۇپ چىقىشىمىز ياكى بولمىسا سىياسىتىمىزنى يەرلىك ۋە مىللەتچىلىكتىن قۇتقۇزۇپ يەرشارىلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ئىقتىساد بىلەن ئېكولوگىيە يەرشارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەر دائىرىسىدىن ياندۇرۇپ چىقىشىمىز ھەقىقەتەن تەس ھەتتا مۇمكىن ئەمەس. ئىقتىسادنى بەلكىم ھەل قىلغىلى بولۇش مۇمكىن، بىراق نۇرغۇن بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى سىياسەتنى يەرشارىلاشتۇرۇش لازىم. مەن قانداقتۇر «دۇنيا ھۆكۈمىتى»قۇرۇپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلمايۋاتىمەن،دۇنيا ھۆكۈمىتى رېئاللىقتىن تولىمۇ يىراق خىيالىي بىر تۈزۈمدۇر. سىياسەتنى يەرشارىلاشتۇرۇش بولسا دۆلەتلەرنىڭ ھەتتا شەھەرلەرنىڭ سىياسىي مېخانىزملىرىدا دۇنياۋى مەسىلىلەر ۋە مەنپەئەتلەرگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. مىللەتچى قاراشلار دۇنياۋى مەسىلىلەر ۋە مەنپەئەتلەرگە ماس كەلمەيدۇ. ئۇنداقتا دۇنياۋى بىر نەرسە تېپىش كېرەك، سىزچە ئۇ نېمە بولۇشى مۇمكىن؟

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*