21 – ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىراگېدىيەسى: كۆچ – كۆچ

2018-يىلى 6-ماي

م.ئۇيغۇرئوغلى | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى | ئەنقەرە

دوتسېنت ئەركىن ئەمەت تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ 21- ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ تىراگېدىيەلىرىدىن بىرى بولغان كۆچۈش ھېكايىسى ئاقچاغ نەشرىياتى تەرىپىدىن 2018 -يىلى نەشر قىلىندى. تارىختا مىسلى  كۆرۈلمىگەن ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ رېئال ھايات كارتىنىسىنىڭ بىر پارچىسى بولغان289 بەتلىك  بۇ ئەسەر ئۆزىنىڭ چىنلىقى، ئاخبارات قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، بېرىدىغان ئۇچۇرنىڭ كۆپ قاتلاملىقى ۋە ھەقىقىي ھايات ھېكايىسىنى مەنبە قىلغانلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر بىلەن بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارتىۋاتقان زۇلۇمى ۋە ياشاۋاتقان كۈلپىتىنى بىلىشىمىزدە، شۇنداقلا يازمىچە ئىسپات قالدۇرۇشىمىزدا تولىمۇ قىممەتلىكتۇر.

پۈتۈن دۇنيا ئەللىرى دېموكراتىيە ۋە ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقنى ئۆزىنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئايلاندۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى مەدەنىي دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر زۇلۇم دەستىدىن ئانا ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ كېتىشى ۋە كۆلەملىك كۆچۈشى خىتاينىڭ ئىنسانىيلىقىغا ، دۇنيانىڭ ۋىجدانىغا ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانىغا ۋە  غەربنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا سوغۇق سوئال تاشلاپ تۇرماقتا.

شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئەسلىدە خىتاي كوممۇنىستلىرى 1949 – يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن تارتىپلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆزىگە ناھايىتى چوڭ تەھدىت ۋە خىرىس دەپ بىلگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى.سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇستەقىل دۆلەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن نەتىجىلەنگەن كېيىن يېڭىدىن شەكىللەنگەن رايون تەڭپۇڭلۇقى ۋە تىز سۈرەتتە ئېشىپ بارغان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى بۇ رايوندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلىدىنلا مەۋجۇت بولغان ئىستراتېگىيەلىك كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ۋە بالقان يېرىم ئارىلىدىكى ئېتنىك توقۇنۇشلار بولۇپمۇ 11- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن بىراقلا ئۆزگەرگەن رايون تەڭپۇڭلۇقى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تۇتقان قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىشىغا سىياسىي زېمىن ھازىرلاپ بەردى.شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقلەرنىڭ ئەڭ ئەقەللىي بولغان ئېتنىك، مەدەنىي ۋە سىياسىي ھەق- ھوقۇقلىرىنى ئۆزىگە تەھدىت كۆرگەن خىتاي ھۆكۈمىتى «قاتتىق زەربە بېرىش » سىياسىتىنى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىش نامىدا يۈرگۈزۈپ، يەرلىك خەلقنىڭ مىللىي ئېڭى، دىنى ئېتىقادى، تىلى، تارىخى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە كۈلتۈرىنى باشتا سۇسلاشتۇرۇش، ئاخىرىدا يوق قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئېتنىك ۋە دىنى بېسىملار تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە ئېغىرلاشتى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈنسېرى ئاشقان بېسىم ۋە سىياسەتلىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىش قەدىمىنى تېزلەشتۈردى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا يېڭى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى شەكىللەندۈرۈپ قويدى.بۇنىڭ بىلەن كىيىنكى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق داۋاسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچى -سىرتىدا بىردىنلا جانلىنىشقا باشلىدى.بولۇپمۇ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ خەلقئارالىق سىياسىي سەھنىلەردە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاكتىپ تىلغا ئېلىنىدىغان بولدى. شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ خەلقئارادا كۈچىيىشىدىن ئەندىشە ھېس قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستانغا بولغان زۇلۇمىنى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئېغىرلاشتۇردى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك بېسىقتۇردى. 11 – سېنتەبىر ۋەقەسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئاراغا تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە يۈزلىنىشى خىتاينىڭ دۆلەت پۈتۈنلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلدى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارانىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى دەستەك قىلىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىدىن يوق قىلىشقا ئۇرۇنىشى ئاشكارىدۇر. پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىشى، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بىردەك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىشى قاتارلىق سىياسىي ھادىسىلەر خىتاي دۆلىتىنى خەلقئارادا تولىمۇ پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى.بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيەدە ئېلىپ بارغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارالىق تېررورىزمغا باغلاشقا ئۇرۇنغان تىرىشچانلىقلىرى بىكارغا كەتتى. ھەتتا خىتاينىڭ  بۇ سىياسىتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشى ۋە خەلقئارادىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا سىياسىي سەھنىدىكى يىرى ئاساسەن مۇقىملاشتى.

2008  –  يىلى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى «بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى»نىڭ بىخەتەرلىك باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا نىكاھ ئوقۇلۇشى، جىنازا نامىزى، مۇبارەك جايلارنىڭ زىيارەت قىلىنىشى ۋە جامائەت سورۇنلىرىدا ناماز قىلىش قاتارلىق «23 خىل دىنى پائالىيەت» نى رەسمىي تۈردە چەكلىدى. بۇنىڭ بىلەن قالماي جامەلەرنىڭ تاملىرىغا مەمۇر، ئوقۇغۇچى، 18  ياشتىن تۆۋەنلەر، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ۋە پىنسىيونىرلارنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى چەكلەش ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشنى ئاستى ۋە ھەر مەسچىت بېشىدا تۇرغۇزغان بىخەتەرلىك خادىملىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىبادەت ئەركىنلىكىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى. ساقچى، ئوقۇتقۇچى،ئىشچىلار ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ دىنى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى ئومۇميۈزلۈك چەكلەندى ۋە پائالىيەتكە قاتناشقانلار ئىقتىسادىي ۋە ياكى قاماق جازاسى ئارقىلىق جازالاندى. شۇنىڭدەك ئاياللارنىڭ ھىجابلىنىشى، ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ساقال-بۇرۇت قويۇشى، ھەج قىلىش قاتارلىق خەلقنىڭ نورمال دىنى ئەركىنلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي قارارى بىلەن بىردەك چەكلەندى.

سىياسىي ۋە دىنى بېسىملارنىڭ ئېشىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مائارىپ ۋە تىلىغىمۇ تۈپتىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى. 1993  – يىلى 25 سېنتەبىردە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق تىل- يېزىق كومىتېتىنىڭ قارارى بىلەن «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي خىزمەت، ئالاقە تىلى بىردەك خەنزۇ تىلىدا بولۇشى كېرەك» دېگەن تەكلىپ سۇنۇلغان ۋە ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى بارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا بىردەك خىتايچە يېزىقنىڭ قوللىنىلىدىغانلىقى ماقۇللانغان. 1996 – يىلى 6- ئاينىڭ 14 -كۈنىدىن باشلاپ خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى تۇنجى يولغا قۇيۇلغان.2004 – يىلى مارت ئېيىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى باشلانغۇچ،تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇيغۇرچە دەرسلىك ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئۇيغۇرچىنىڭ مائارىپتىن قالدۇرۇشقا قارشى چىققان ۋە خىتايچە بىلمىگەن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ياكى خىزمەتتىن تازىلانغان ۋە ياكى مەجبۇرى بالدۇر پېنسىيەگە چىقىرىلغان. 2010- يىلىغا كەلگەندە شەرقىي تۈركىستاندا باشلانغۇچتىن تارتىپ ئۇنىۋېرسىتىتقىچە مائارىپ تىلىنىڭ خىتايچە بولۇشى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشقان. خىتاينىڭ بۇ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى ۋە قارشىلىقىغا ئۇچرىغان . بۇ قارشىلىقنىڭ نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاندا 5- فېۋرال غۇلجا قەتلىئامى ۋە 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئوخشاش قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن. ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئوققا تۇتۇلغان ،تۈرمىگە سولانغان ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان.

5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن شىددەت بىلەن ئېشىپ بارغان مىللىي زۇلۇم شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقنى ئۆز پەرزەنتىنىڭ كەلگۈسىنى چەتئەلدىن ئىزدەشكە مەجبۇر قىلغان. كۈنسېرى ئېغىرلاۋاتقان زۇلۇمغا چىدىمىغان ئۇيغۇرلار 2014 ۋە 2015 -يىلى خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى شەھەرلەر ئارقىلىق ۋىيېتنام، تايلاند ۋە مالايسىياغا قاچقان ۋە ئۇ دۆلەتلەردىن تۈركىيەگە كەلگەن.  بۇ كۆچ – ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى 1949- يىلى ئىشغال قىلىشىدىن كىيىنكى ئۈچىنچى قېتىملىق چوڭ كۆچۈشىدۇر.

21 –  ئەسىردەك كىشىلىك ھوقۇق پۈتۈن دۇنيانىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئايلىنىۋاتقان مۇشۇنداق بىر دەۋردە مىڭلارچە ئۇيغۇرنىڭ بالا -چاقىلىرى بىلەن خىتاينىڭ جەنۇبىدىن پىيادە ھالدا ۋىيېتنام، تايلاند ۋە مالايسىياغا، ئۇ دۆلەتلەردىن بولسا تۈركىيەگە كېلىشى تەرەققىي قىلغان خىتاينىڭ يۈزىگە سۈرتۈلگەن قارا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك زۇلۇم، چارىسىزلىكتە قالغانلىقىنىڭ پولاتتەك ئىسپاتى ئىدى. بۇ كۆچ ئېقىمى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كۆچ ئەسناسىدا 200گە يېقىن كىچىك بالا ۋە ياشانغانلار ئۆلگەن.ئاپتورنىڭ توپلىغان مەلۇماتلىرىغا كۆرە 2014 ۋە 2015-يىلى تايلاند ۋە مالايسىيا يولى ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 7500 ئەتراپىدا بولغان.

 

مەزكۇر كىتابنىڭ كىرىش قىسمىدىن باشلاپ باشقا پۈتۈن قىسمى كۆچكەن ئۇيغۇرلار بىلەن قىلىنغان بىۋاسىتە زىيارەت ۋە «ئەركىن ئاسىيارادىيوسى   »نىڭ كۆچكە مۇناسىۋەتلىك ئېلان قىلغان ئىشەنچلىك خەۋەرلىرىدىن تەركىب تاپقان.

كىتابنىڭ كىرىش قىسمى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى كۆچ قىلىشلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچ قىلىشنىڭ سەۋەبلىرى، كۆچ جەريانىدا ۋە كۆچتىن كىيىنكى ئۇچرىغان قىسمەت تىراگېدىيەلىرى ۋە ھازىر ياشاۋاتقان دۆلەتلىرىدىكى ئۇچرىغان ۋە ئۇچراۋاتقان قىيىنچىلىقلىرىغا ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن . بۇ كۆچ ئەسناسىدا نۇرغۇن ئىنسانلار جان بەرگەن بولسىمۇ يەنىلا 7500 ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ تۈركىيەگە كەلگەن. ئەمما ھازىرغىچە تايلاندتا 50، مالايسىيادا 11 جەمئىي 61 ئۇيغۇر مۇشۇ كۆچ ھەرىكىتىدە تۇتۇلۇپ قالغاچقا تايلاند ۋە مالايسىيا تۈرمىسىدە قاماقتا ياتماقتا.

مۇشۇ قېتىملىق كۆچ سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتى 2017- يىلى 5- ئايدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار قاتارلىق تۈركى مىللەتلەرنىڭ چېگرا سىرتىغا چىقىشنى چەكلىگەن ۋە  بىر مىليونغا يېقىن بىگۇناھ ئۇيغۇرنى«تەربىيەلەش مەركىزى» ئىسىملىك ناتسىست لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ .

خۇلاسىلىگىنىمىزدە مەزكۇر كىتاب –  خىتاينىڭ چەكتىن ئاشقان زۇلۇمغا ئۇچرىغان ۋە بۇ زۇلۇمغا چىدىماي 2014ۋە 2015- يىللىرى ئانا ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ خىتاينىڭ جەنۇبىدىن ۋىيېتنام، تايلاند ۋە مالايسىيا يولى ئارقىلىق تۈركىيەگە كۆچ قىلىشقا مەجبۇر بولغان بەختسىز ئۇيغۇرلارنىڭ سەپەر جەريانىدا باشتىن كەچۈرگەن ھەقىقىي تىراگېدىيەلىك كەچۈرمىشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ماددىي – مەنىۋى يوقىتىشلىرىنىڭ جانلىق كارتىنىسى شۇنداقلا روھى بېسىم، كېسەللىك ، ئۆلۈم قاتارلىق بەدەللەرنى تۆلىگەن ناتىۋان خەلقنىڭ يازمىچە قالدۇرۇلغان يالدامىسىدۇر. بۇ كىتابتا ئاپتور ئۆتكەن ئەسىردىكى كۆچ ھەرىكىتىگە قوشۇلغان 21- ئەسىردىكى بۇ ئۈچىنچى قېتىملىق كۆچ ھەرىكىتىنى ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان ئاچچىق تىراگېدىيەنىڭ ماھىيىتىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقان.

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



One Comment

  1. بۇ تونۇشتۇرۇش ماقالىسىدىن قارىغاندا، مۇھىم كىتابتەك قىلىدۇ. بۇ كىتاب ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنسا ياخشى بولغۇدەك…

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*