21 – ئەسىردە: مەدەنىيەت

2019-يىلى 20-فېۋرال

يۇۋال ھارىرى

مارك زۇككېربېرگ ئىنسانىيەتنى ئىنتېرنېت دۇنياسىدا بىرلەشتۈرۈپ جامائەت ياكى توپلۇق شەكىللەندۈرۈشنىڭ كويىغا كىرىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىنتېرنېت دۇنياسىنىڭ سىرتىدىكى دىيارلاردا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەر «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى» نەزەرىيەسىنىڭ ئوتىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى. نۇرغۇن ئالىم، سىياسەتچى ۋە ئادەتتىكى كىشىلەر سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش، دائېشنىڭ باش كۆتۈرۈشى، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشى قاتارلىق زور ھادىسىلەر تۈپەيلى كېلىپ چىققان بوھرانلار ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا مەيدانغا كەلگەن مۇقىمسىزلىقلارغا ئوخشاش ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسىگە «غەرب مەدەنىيىتى» بىلەن «ئىسلام مەدەنىيىتى» ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ سەۋەب بولغانلىقىغا ئىشىنىپ قالماقتا. غەرب ئەللىرىنىڭ مۇسۇلمان دىيارلاردا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى ئومۇملاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى زور ئىنكاس پەيدا قىلدى، مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ كۆچۈشىگە ئەگىشىپ مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ۋەقەلىرى نەتىجىسىدە ياۋروپالىق سايلىغۇچىلار كۆپ مەدەنىيەتلىك ئارزۇلىرىدىن ۋاز كېچىپ يەرلىك ۋە تار مىللەتچىلىككە مايىل بولۇشقا باشلىدى.

مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى نەزەرىيەسىدە ئىنسانىيەت ئەلمىساقتىن بۇيان بىر-بىرلىرى بىلەن ئەپ ئۆتەلىشى مۇمكىن بولمايدىغان دۇنيا قاراشلىرىغا ئىگە شەخسلەردىن تەشكىل تاپقان ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرگە ئايرىلىپ كەتكەن. بىر-بىرى بىلەن چىقىشالمايدىغان دۇنيا قاراشلىرى مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشنى مۇقەررەر قىلىدۇ، تەبىئەتتە ئوخشىمىغان جانلىق تۈرلىرى تەبىئىي شاللىنىشنىڭ رەھىمسىز قانۇنىيىتى تۈرتكىسىدە ھاياتتا قېلىشقا تىرىشسا، مەدەنىيەتلەرمۇ ئەلمىساقتىن بۇيان ئۆز-ئارا نۇرغۇن قېتىم توقۇنۇشقان ۋە ئەڭ قۇدرەتلىك بولغانلىرى ھاياتتا قالغانلىقتىن بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى كۈلتۈرلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. بۇ تىنىمسىز ۋە كۈچلۈك ھەقىقەتكە سەل قارىغانلار مەيلى لىبېرال سىياسەتچىلەر بولسۇن مەيلى ئۆزلىرىنى چوڭ بىلىدىغان ئىنژېنېرلار بولسۇن ئەڭ ئېغىر خاتالىق سادىر قىلغان بولىدۇ.

«مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى» نەزەرىيەسىنىڭ نۇرغۇن سىياسىي يەكۈنلىرى بار بولۇپ، بۇ قاراشنى ياقلىغۇچىلار غەرب بىلەن مۇسۇلمان دۇنياسىنى بىرلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغۇچىلارنىڭ ھامان بىر كۈنى مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ. مۇسۇلمان دۆلەتلەر غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ. غەربلىك دۆلەتلەرمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن كەلگەن كۆچمەنلەرنى ئۆز قوينىغا تولۇق ئېلىپ بولالمايدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغاچقا ئامېرىكا سۈرىيە ياكى ئىراقتىن كەلگەن كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىپ بىھۇدە ئاۋارە بولۇپ يۈرمەسلىكى كېرەك، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ كۆپ مەدەنىيەتلىك ئىدىيەسىدىن ۋاز كېچىپ غەرب كىملىكىنىڭ قەدرىگە يېتىشى لازىم. ئۇزۇن مەزگىللىك مۇساپىدە تەبىئىي شاللىنىش سىنىقىدىن بىرلا مەدەنىيەت ئۇتۇپ چىقىدۇ شۇڭا بىريۇسسېلدىكى بىيۇروكراتلار غەربنى ئىسلامدىن قوغداشنى رەت قىلسا ئۇنداقتا ئەنگلىيە، دانىيە ياكى فىرانسىيە ئۆزلىرىنى ئىسلامدىن قوغداپ قېلىشى كېرەك. بۇ قاراش ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان بولسىمۇ سېپى ئۆزىدىن خاتادۇر. بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆز قاراشلىرى تولىمۇ ئاشقۇن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ «ئىسلامىي» قاراشلىرى خەتەرلىك بولسىمۇ، تەھدىت سېلىۋاتقان نوقۇل غەرب مەدەنىيىتى بولماستىن بەلكى پۈتكۈل دۇنيا مەدەنىيىتىدۇر. دائېش ئىران بىلەن ئامېرىكىنى «ئاشقۇن ئىسلامىي» ئىدىيەلەرگە قارشى بىر سەپ تۇتۇشقا شارائىت يارىتىپ بەردى. شۇنداقلا ئاشقۇن مۇسۇلمانلارمۇ 7-ئەسىردىكى ئەرەب مەدەنىيىتىدىن بەكرەك چاغداش (ھازىرقى) يەنى زامانىۋى مەدەنىيەتكە بەكرەك ئېسىلىۋالغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى چارۋىچى ۋە سودىگەرلەرنىڭ ئەمەس چاغداش دۇنيادىكى چەتكە قېقىلغان ياشلارنىڭ ۋەھىمە ۋە ئۈمىدلىرىگە خىتاب قىلىدۇ. پانكاج مىشرا ۋە كىرىستوفېر دېگەندەك، ئاشقۇن مۇسۇلمانلار مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تەسىرىگە قانچىلىك ئۇچرىغان بولسا ماركس ۋە فوكولتلارنىڭمۇ تەسىرىگە شۇنچىلىك ئۇچرىغان، شۇنداقلا ئۇمەۋى ۋە ئابباسىيلار خەلىپىلىكلىرىنىڭ مىراسلىرىنى قانچىلىك قوبۇل قىلغان بولسا ئوخشاشلا 19-ئەسىردىكى ياۋروپالىق ئاشقۇنلارنىڭ مىراسلىرىنىمۇ شۇنچىلىك قوبۇل قىلغان. شۇڭلاشقا دائېشقا ئاسماندىن چۈشكەن سىرلىق بىر دەرەخنىڭ مېۋىسىگە ئوخشاش ئەمەس ھەممىمىز ئىچىدە ياشاۋاتقان دۇنيا مەدەنىيىتىدىن ئۈنگەن ناچار ئۇرۇق سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلساق مۇۋاپىقراق بولىدۇ.

ھەممىدىن مۇھىمى «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى» نەزەرىيەسىنىڭ ئاساسىي ھېسابلىنىدىغان تارىخ بىلەن بىيولوگىيە ئوتتۇرىسىدا قۇرۇلغان مۇناسىۋەت ماھىيەت جەھەتتىن خاتا. كىچىك قەبىلىلەردىن بۈيۈك مەدەنىيەتلەرگىچە بولغان بارلىق ئىنسان توپلۇقى ھايۋان تۈرلىرىدىن ماھىيەت جەھەتتىن پەرقلىنىدىغان بولۇپ، تارىخىي توقۇنۇشلار تەبىئىي شاللىنىشتىن روشەن پەرقلىنىدۇ. ھايۋان تۈرلىرى مىڭلارچە يىل پۇختا ساقلىنىپ قالغان كىملىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ كىملىكى گېنىغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ، لېكىن پەرقلىق گېنلار ئىنسانلارغا ھەر خىل ئىجتىمائىي ئىش-ھەرىكەتلەرنى تاڭىدۇ. ھايۋانلار ئىچىدە شىمپەنزىلەر چىشى ۋە ئەركەك ئارىلىشىپ ياشايدۇ. ھاكىمىيەت ئۈچۈن ھەر ئىككى جىنسىيەتتىن قوللىغۇچى تېپىپ ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ئارقىلىق رىقابەتلىشىدۇ. گورىللالار دەل ئەكسىچە بولۇپ، بىرلا كۈچلۈك ئەركەك گورىللا چىشى گورىللالارنى يىغىپ ئۇلارنى كەينىگە ئەگەشتۈرۈپ يۈرۈيدۇ، پادىشاھ گورىللا ئۆزىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان ئەركەك گورىللالارنى توپتىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. شىمپەنزىلەر گورىللالارغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلمايدۇ، گورىللالار شىمپەنزىلەرگە ئوخشاش تەشكىللىنەلمەيدۇ، بىلىشىمىزچە، گورىللا ۋە شىمپەنزىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ھەرىكەت شەكىللىرى نەچچە ئون يىل ئەمەس يۈز مىڭلارچە يىل داۋاملىشىپ كەلگەن.

ئىنسانلار تامامەن پەرقلىق بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىگە خاس ئىجتىمائىي سىستېمىلىرى بار، بۇ ئىجتىمائىي سىستېمىلارنى بەلگىلەيدىغان گېنلار ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنسانلارنىڭ بىر نەچچە يۈز يىلدىن ئارتۇق پۇختا داۋاملاشقان سىستېمىسىمۇ ناھايىتى ئاز.

مەسىلەن، 20-ئەسىردە ياشىغان نېمىسلارنى مىسالغا ئالساق: بىر ئەسىردىن قىسقىراق بىر مەزگىل ئىچىدە نېمىسلار ئۆزلىرىنى پەرقلىق 6 سىستېما بويىچە تەشكىلاتقا ئىگە قىلغان بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە: ھوھېنزوللېرن خاندانلىقى، ۋېيمار جۇمھۇرىيىتى، ئۈچىنچى رېيىنچ، گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى (مەشھۇر كوممۇنىستىك شەرقىي گېرمانىيە)، گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى (مەشھۇر غەربىي گېرمانىيە) ۋە ئاخىرقىسى ئىككى گېرمانىيەدىن تەشكىل تاپقان دېموكراتىك گېرمانىيە. ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا نېمىسلار نېمىسچە پاراڭلىشىشنى، پىۋا ئىچىپ براتۋېرست يېيىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. بىراق نېمىسلارنى ئۆزگە مىللەتلەردىن روشەن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئۆزىگە خاس ۋە 2-ۋېليامدىن ئانگېلا مېركېلغىچە بولغان ئۆزگىرىشلەردىن قالغان بىر ئالاھىدە نەرسە بارمۇ؟مۇشۇنداق بىر نەرسە بار دەپ پەرەز قىلايلى، ئۇ نەرسە مىڭ ياكى بەش مىڭ يىل بۇرۇن بارمىدى؟

تېخىچە يولغا قويۇلمىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاساسىي قانۇنىنىڭ كىرىش سۆزى «ياۋروپانىڭ دەپسەندە قىلىشقا بولمايدىغان ۋە شەخسلەرنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىنمايدىغان كىشىلىك ھوقۇقلىرى، دېموكراتىيە، باراۋەرلىك ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىگە ئوخشاش قىممەت قاراشلىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا ئاساس يارىتىپ بەرگەن مەدەنىي، دىنى ۋە ئىنسانىي مىراسلارنى» ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى، دېموكراتىيە، باراۋەرلىك ۋە ئەركىنلىك پىرىنسىپلىرىدىن تەشكىل تاپقانلىقى خۇلاسىسىغا كېلىمىز. قەدىمكى ئافېنا دېموكراتىيەسى بىلەن كۈنىمىزدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە مۇناسىۋەت قۇرۇپ، ياۋروپانىڭ 2500 يىللىق ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئەنئەنىسىنى كۆككە كۆتۈرۈپ ماختايدىغان نۇرغۇن قاراش ۋە نەزەرىيە بار. بۇ ئەھۋال پىلنىڭ قۇيرۇقىنى تۇتۇپ پىلنى چوتكا دەپ ئويلىۋالغان كۆر ئادەمنىڭ ھېكايىسىگە ئوخشايدۇ. ياۋروپادا نەچچە يۈز يىل دېموكراتىيە چۈشەنچىسىنىڭ ئېقىپ يۈرگەنلىكى راست، بىراق بۇ چۈشەنچىلەر ھېچقاچان بىر پۈتۈن ۋە سىستېمىلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى ياكى تەتبىقلانمىدى. ئافېنا دېموكراتىيەسى ھەيۋىتى ۋە پەيدا قىلغان تەسىرىنىڭ ئەكسىچە، ئاران 2 ئەسىر مەۋجۇت بولالىغان بولۇپ، بالقان رايونىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا مۇنداقلا ئېلىپ بېرىلغان سىناقتىن ئىبارەت ئىدى، خالاس. ئۇنداقتا ھەقىقەتەن ياۋروپا مەدەنىيىتى 2500 يىل دېموكراتىيە، باراۋەرلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بۆشۈكى بولۇپ كەلگەن بولسا، ئىسپارتا بىلەن جۇل پادىشاھىنى، ئەھلى سەلىپلەر بىلە كونكىستادورلارنى، چېركاۋ جازا مەھكىمىلىرى بىلەن قۇل سودىسىنى، 16-لىيۇس بىلەن ناپالىيۇننى، گىتلېر بىلەن ئىستالىننى قانداق چۈشىنىمىز ياكى بۇلار ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ قانداق يېرىدىن ئورۇن ئالىدۇ؟بۇلارنىڭ ھەممىسى يات مەدەنىيەتلەردىن كەلگەن تەكلىپسىز مېھمانلارمىدى؟

قىسقىسى، ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ قانداقلىقى ياۋروپالىقلارنىڭ ئۇنى قانداق ئىزاھلىشىغا باغلىق. بۇ خىرىستىيان دىنىنىڭ قانداقلىقىنىڭ خىرىستىيانلارنىڭ ئۇنى قانداق ئىزاھلىشى، ئىسلام دىنىنىڭ قانداقلىقىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنى قانداق ئىزاھلىشى، يەھۇدىيلىكنىڭمۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى قانداق ئىزاھلىشىغا باغلىق بولغىنىغا ئوخشاش. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مەدەنىيەتلەرنىڭ مەنىلىرىمۇ ئۆزگىرىپ ھەر خىل ۋارىيانتلىرى شەكىللىنىدۇ. ئىنسان توپلۇقلىرىغا ئىزچىل داۋاملاشقان نەرسىلەردىن بەكرەك ئۇلار دۇچ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىراق ئىنسانلار ھېكايىلەر توقۇش قابىلىيىتى تۈرتكىسىدە ھەر قانداق شارائىتتا تارىخى ئۇزۇن كىملىك يارىتىشقا ماھىر كېلىدۇ. قانداق ئۆزگىرىشلەر ۋە ئىنقىلابلار يۈز بېرىشتىن قەتئىينەزەر ئىنسانلار ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا كونا بىلەن يېڭىنى بىر قازاندا ئېرىتىپ يېڭى نەرسە ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ.

شەخسلەرمۇ بېشىدىن ئۆتكەن ئىنقىلاب خاراكتېرلىك چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى مەنىلىك ۋە كۈچلۈك ھايات ھېكايىسى بولالايدىغان تۈسكە كىرگۈزەلەيدۇ: «بىر زامانلاردا سوتسىيالىست ئىدىم، ھازىر كاپىتالىست بولدۇم، فىرانسىيەدە تۇغۇلدۇم بىراق ئامېرىكىدا ياشايمەن، بۇرۇن نىكاھلىقتىم ھازىر بويتاق، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدىم، ھازىر ساقايدىم.»ئوخشاشلا نېمىسلارغا ئوخشاش بىر مىللەتمۇ ئۆزلىرىنى بېشىدىن ئۆتكەن تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن چۈشەندۈرىدۇ: «بىز زامانلاردا ناتسىست ئىدۇق بىراق بۇنىڭدىن چوڭ ساۋاق ئالدۇق ۋە تىنچلىقنى ۋە دېموكراتىيەنى ياقلايدىغان مىللەتمىز.» دەسلەپ 2-ۋىلھېم، ئارقىدىن گىتلېر ۋە مېركېل دەۋرلىرىدە ئۆزىنى ئالاھىدە نامايان قىلىدىغان نېمىس مىللىتى ئىزدەشنىڭ ھاجىتى يوق، نېمىس كىملىكىنى بەلگىلەيدىغان دەل مۇشۇ غايەت زور ئۆزگىرىشلەردۇر. 2018-يىلى نېمىسلارنىڭ لىبېرال ۋە دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنى ياقلىشى ئەمەلىيەتتە ئۆز ۋاقتىدىكى ناتسىزم بىلەن ھېسابلىشىشىدىن دېرەك بېرەتتى. 2050-يىلى نېمىسلار قايسى قىممەت قاراشلىرىنى ياقلايدىغانلىقى ۋە ناتسىزم ئۇلارغا نىسبەتەن قانداق مەنىگە كېلىشى ھازىرچە نامەلۇم.

ئىنسانلار كۆپ چاغلاردا بولۇپمۇ سىياسىي ۋە دىنى مەسىلىلەردە چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرلىرىنىڭ مۇھىملىقىغا سەل قارىشىدۇ. مەنىۋى بايلىقلىرىمىزغا ئەزەلدىن بېرى ئىگە بولۇپ كېلىۋاتقاندەك مۇئامىلە قىلىمىز، بۇنداق قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى ئەجدادلىرىمىز ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ بىز بىلەن سۆزلىشىش پۇرسىتىنىڭ بولماسلىقى ئىدى. مەسىلەن، يەھۇدىيلارنىڭ ئاياللارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە قاراپ چىقايلى: كۈنىمىزدە ئاشقۇن ئورتودوكس يەھۇدىيلار ئاممىۋى سورۇن ۋە ئورۇنلاردا ئاياللارنىڭ بولۇشىغا قاتتىق قارشى چىقىدۇ. ئاشقۇن ئورتودوكس يەھۇدىيلار ئاياللاردىن بەكرەك ئەرلەرگە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

2011-يىلى ئاشقۇن ئورتودوكسلارغا تەۋە بروكلىيىن گېزىتى ئۇسامە بىن لادىنغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتنى بىۋاسىتە ئىكرانلاردىن كۆرگەن ئامېرىكىلىق دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ فوتو-سۈرەتلىرىنى، فوتو-سۈرەتلەردىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارى كىلىنتون بولۇپ ئاياللارنىڭ رەسىملىرىنى دىگىتال ئۇسۇل بىلەن ئۆچۈرۈۋېتىپ ئېلان قىلغاندا زور غۇلغۇلا پەيدا بولغانىدى. گېزىت بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ يەھۇدىيلارنىڭ «ئېسىل قائىدىلىرى»نىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىش تۇتۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ھامېۋاسېر گېزىتى چارلىيى يېبدو قەتلىئامىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا تارتىلغان فوتو-سۈرەتلەردىن ئانگېلا مېركېلنى  «مېركېلنىڭ رەسىمى سادىق ئوقۇرمەنلىرىنىڭ زېھنىدە شەھۋەت تۇيغۇسى پەيدا قىلسا قانداق قىلىمىز»دەپ چىقىرىپ تاشلىغاندا، قاتتىق غۇلغۇلا كېلىپ چىققانىدى.يەنە بىر ئورتودوكس يەھۇدىيلىرىنىڭ گېزىتىمۇ بۇ گېزىتنىڭ بۇنداق قىلىشىنى قوللاپ «سىلەرنىڭ كەينىڭلاردا مىڭلارچە يىللىق يەھۇدىي ئەنئەنىسى بار»دېگەن مەزمۇندا بايانات ئېلان قىلغانىدى.

ئاياللارنىڭ كۆرۈلۈشى قاتتىق چەكلەنگەن جاي يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى بولۇپ، بۇ ماكانلاردا ئاياللار ئەرلەردىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىلىدۇ، دۇئا قىلغان ياكى مۇقەددەس كىتاب ئوقۇغان ئەرلەرنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئاياللارغا چۈشۈپ قېلىشىغا توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن، ئاياللار پەردىنىڭ كەينىدىكى تارلا بىر يەردە ئىبادەت قىلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ مىڭلارچە يىللىق يەھۇدىي ئەنئەنىسىگە تايىنىدىغان بولسا، ئارخېئولوگلار ئىسرائىلىيەدىكى مىشنا ۋە تەلمۇد دەۋرلىرىدىن قالغان قەدىمكى يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرىنى قېزىپ چىقارغاندا ئاشكارىلانغان ھەقىقەتلەرنى قانداق قىلىمىز؟ چۈنكى بۇ قېزىلمىلاردا جىنسىيەت ئايرىمچىلىقىغا دائىر بىرمۇ ئىسپات تېپىلمىغاندىن سىرت، يېرىم يالىڭاچ ئاياللارنىڭ رەسىملىرى چۈشۈرۈلگەن تاملار تېپىلدى. مىشنا ۋە تالمۇد ئۈستىدە ئەسەر يازغان يەھۇدىي دىن ئالىملىرى بۇ ئىبادەتخانىلاردا دۇئا قىلغان، كۈنىمىزدە ئورتودوكس يەھۇدىيلار بۇلارنى گۇناھ، دىنغا ھاقارەت ۋە كونا ئەنئەنىلەرگە ھۆرمەتسىزلىك، دەپ قارىشىدۇ.

كونا ئەنئەنىلەرنىڭ مۇشۇنداق ئېغىر دەرىجىدە بۇرمىلىشىغا دائىر مىساللار ھەر دىندا ئۇچرايدۇ. دائېش ئىسلامنىڭ ئۆزىگە خاس تەبىئىي ۋە ساپ ھالىتىگە قايتىش بىلەن ماختىنىدۇ، بىراق ھەققى ئىسلامنى ئەمەس يېڭىچە ئىسلام پەيدا قىلىشنىڭ كويىدا يۈرۈشىدۇ. قۇرئانى كەرىمدىكى بەزى ئايەتلەرنى ئاساس قىلغانلىقى راست، بىراق قايسى ئايەتلەردىن پايدىلىنىپ قايسىسىدىن پايدىلانمايدىغانلىقىنى ئۆزلىرى قارار قىلىشىدۇ، يەنى قۇرئاندىكى ئايەتلەرنى ئۆزلىرى تىكلىۋالغان نىشانلىرىغا ئاساسەن تەپسىر قىلىشىدۇ. قىسقىسى، ھازىرقى زاماندىكى كۆپ قىسىم دىندارلار مۇقەددەس كىتابلىرىنى مەنپەئەتىگە ئاساسەن تەپسىر قىلىدىغان ئەھۋال چاغداش يەنى مودېرىن دۇنيادىكى كەڭ ئومۇملاشقان ھادىسە بولسا كېرەك. مەلۇمكى، قۇرئاننى تەپسىر قىلىش ئىشىنى ئەتراپلىق تەلىم-تەربىيە ئالغان ئۆلىمالار قاتلىمى ، تار دائىرىدىن ئېيتساق قاھىرەدىكى ئەل-ئەزھەرگە ئوخشاش نوپۇزلۇق ئورۇنلاردىكى ئىسلام قانۇنى ۋە ئىلاھىيىتى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان ئالىملار ئېلىپ باراتتى. دائېش كاتتىباشلىرى ئىچىدە ئەل-ئەزھەر ئالىملىرىغا ئوخشاش تەلىم-تەربىيە كۆرگىنى تولىمۇ ئاز، شۇڭا ئىسلام دۇنياسىدىكى ھەقىقىي ئۆلىمالار يەنى ئالىملار ئەبۇ بەكىر باغدادى قاتارلىق دائېش كاتتىباشلىرىنى نادانلىق ۋە غەيرى دىندىكىلەرنىڭ سەنىمىگە دەسسەش بىلەن ئەيىبلىشىدۇ. لېكىن بۇ ئەھۋالغا قاراپ دائېش سېپىدىكى مۇسۇلمانلارنى «ئىسلامنىڭ سىرتىدىكىلەر»دەپ كاتېگورىيەگە ئايرىشقا بولامدۇ؟مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنى غەيرى مۇسۇلمان دەپ ھۆكۈم قىلىۋېتىشقا بولامدۇ؟ باراك ئوباماغا ئوخشاش خىرىستىيان رەھبەرلەر ئەبۇ بەكىر ئەل باغدادىغا ئوخشاش ئۆزلىرىنى «ھەققى مۇسۇلمان»دەپ قارايدىغان كىشىلەرگە مۇسۇلماندارچىلىقنى ئۆگىتىشكە ئۇرۇنسا بۇ تولىمۇ بىمەنىلىك بولغان بولىدۇ. شۇڭا ئىسلامنىڭ ماھىيىتى توغرۇلۇق كەسكىن ۋە چوڭقۇر تالاش-تارتىش قىلىش بىھۇدىلىكتۇر. بۇ ئىسلامىي مەنبەلەرنى قانداق چۈشىنىشىڭىزگە باغلىق بولۇپ، مۇسۇلمانلار قانداق چۈشەنسە شۇنداق بولىدۇ. پەن نۇقتىسىدىن ئىسلامنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئىسپاتلىيالمايمىز، چۈنكى ئىسلامنىڭ دىنىئاسى ( DNA)يوقتۇر.

 

نېمىسلار ۋە گورىللالار

 

ئىنسان تۈرلىرى بىلەن ھايۋان تۈرلىرىنى بىر-بىرىدىن روشەن پەرقلەندۈرىدىغان نۇرغۇن ئالاھىدىلىك بار بولۇپ، بۇ تۈرلەر كۆپ قېتىم ئايرىلىدۇ بىراق قەتئىي بىرلەشمەيدۇ. 7 مىليون يىل ئىلگىرى شىمپەنزە ۋە گورىلالارنىڭ ئاتىسى بىر ئىدى، بۇ ئاتا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئىككى خىل تۈرگە ئايرىلدى، مۇشۇنداق بىر جەريان بىر قېتىم يۈز بەرگەندىن كېيىن بۇرۇنقىغا قايتىشقا مۇمكىن بولمايدۇ. ئوخشىمىغان تۈرلەرگە تەۋە جانلىقلار جۈپلەشكەندە ئۆز ئىچىدە ئاۋۇيالايدىغان بالىلار تۇغالمايدىغانلىقتىن، تۈرلەر بىرلىشەلمەيدۇ. گورىللالار شىمپەنزىلەر بىلەن، زىراپىلەر پىللار بىلەن،ئىتلار مۈشۈكلەر بىلەن بىرلىشەلمەيدۇ.

ئەكسىچە ئىنسان قەبىلىلىرى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆز-ئارا جۈپلىشىپ تېخىمۇ چوڭ توپلۇقلار ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ. چاغداش نېمىسلار بولسا بۇرۇنلاردا بىر-بىرلىرىنى قەتئىي ياخشى كۆرمەيدىغان ساكسونلار پرۇسىيەلىكلەر، سىۋابيالىقلار ۋە باۋيېرالىقلارنىڭ بىرلىشىپ كېتىشىدىن شەكىللەنگەنىدى.

ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئوتتو ۋون بىسمارىك دارۋىننىڭ «تۈرلەرنىڭ مەنبەسى» ئەسىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئاۋسترالىيەلىكلەر بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى ئۈزۈكلۈكنىڭ باۋيېرالىقلار ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىكەن. فىرانسىيە خەلقى فىرانكلار،نورمانلار، برېتونلار، گاسكونلار ۋە پروۋانسلىقلارنىڭ بىرلىشىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن بولسا، ئىنگلىز، شوتلان، گاللى ۋە ئىرلاندىيەلىكلەرنىڭ بىرلىشىشى نەتىجىسىدە بىرىتانىيەلىكلەر مەيدانغا كەلگەن. بەلكىم كېيىنچە نېمىسلار، فىرانسۇزلار ۋە بىرىتانىيەلىكلەر بىرلىشىپ ياۋروپالىقلارنى شەكىللەندۈرسە ئەجەب ئەمەس.

لوندون، ئېدىنبرگ ۋە بىريۇسسېلدا ياشىغان ئىنسانلار كۈنىمىزدە ئوخشىمىغان ئېتنىك توپلۇقلارنىڭ بىرلىشىشىنىڭ ئەبەدىي بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشتى. ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشى ھەم بىرىتانىيە ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا يىمىرىلىشىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. لېكىن يىراق كەلگۈسىگىچە تارىخنىڭ قايسى يۆنىلىشكە قاراپ ماڭىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس، ئون يىل ئىلگىرى ئىنسانلار قەبىلىلەر ھالىتىدە تارقاق ياشايتتى، ھەر مىڭ يىل ئىچىدە بۇ تارقاق قەبىلىلەر بىرلىشىپ غايەت زور چوڭلۇقتىكى ئىنسان توپلۇق شەكىللەندۈردى، بىر-بىرلىرى بىلەن ئۇچراشمىغان مەدەنىيەتلەر تولىمۇ ئاز قالدى. ھەتتا ئاخىرغىچە ئۈزۈپ چىققان يەنى قەد كۆتۈرۈپ كەلگەن مەدەنىيەتلەرمۇ دۇنيا مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش يولىدا ئىلگىرىلمەكتە. سىياسىي، ئېتنىك، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي پەرقلەر يەنىلا بولسىمۇ لېكىن بۇلار ئەسلىدىكى بىرلىكنى بۇزالمايدۇ، ھەتتا بەزى پەرقلەرنىڭ بولۇشىنى مۇمكىن قىلغان نەرسە دەل مۇشۇ غايەت زور چوڭلۇقتىكى ئورتاق قۇرۇلمىدۇر. مەسىلەن، ئىقتىسادىي ساھەدە ھەممە ئادەم بازارغا ئىشتىراك قىلمىسا ئىش تەقسىماتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمايدۇ. ئاپتوموبىل ياكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتا مۇتەخەسسىسلەشكەن بىر دۆلەت ئىككىنچى بىر دۆلەتتىن بۇغداي، قوناق ۋە گۈرۈچ قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلالىغانلىقى ئۈچۈن ئاپتوموبىل ۋە نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتا مۇتەخەسسىسلىشەلىگەن، ناۋادا ئاشلىق ئىمپورت قىلالمىغان بولسا مۇتەخەسسىسلىشەلىشى تولىمۇ قىيىن بولغان بولاتتى.

ئىنسانلارنىڭ بىرلىشىشنىڭ مۇنداق ئىككى روشەن شەكلى بار: ئوخشىمغان توپلۇق ۋە قاتلاملار ئوتتۇرىسىدا ئالاقە قۇرۇش بىلەن بۇ توپلۇق ۋە قاتلاملار ئوتتۇرىسىدىكى پائالىيەتلەرنى بىر خىللاشتۇرۇش. بىر-بىرىدىن تولىمۇ پەرقلىقتەك كۆرۈنگەن توپلۇقلار ئوتتۇرىسىدىمۇ ئالاقە ئورناتقىلى بولۇشى مۇمكىن، ھەتتا دۈشمەن توپلۇقلار ئوتتۇرىسىدىمۇ مۇناسىۋەت قۇرۇپ چىققىلى بولۇشى مۇمكىن. ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى بەزى ئەڭ كۈچلۈك مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇش مەزگىلىدە شەكىللىنىدۇ. تارىخچىلار يەر شارىلىشىشنىڭ 1913-يىلى يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنى، ئارقىدىن دۇنيا ئۇرۇشلىرى ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىللىرىدە زور دەرىجىدە چېكىنگەنلىكىنى، بىراق 1989-يىلدىن كېيىن قايتىدىن باش كۆتۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ. «بۇ خۇلاسە ئىقتىسادىي يەرشارىلىشىش نۇقتىسىدىن توغرا بولۇشى مۇمكىن، بىراق ھەربىي ساھەدە ئۇنداق ئەمەس.چۈنكى ھەربىي جەھەتتە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلىق تولىمۇ چوڭ. كۆز-قاراشلارنىڭ،تېخنولوگىيەلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىش سۈرىتى سودىغا قارىغاندا ئۇرۇش مەزگىلىدە بەكرەك تېز بولىدۇ. 1918-يىلى ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا بولغان مۇناسىۋىتى 1913-يىلىغا قارىغاندا تېخىمۇ قويۇق بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بىلەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئوتتۇرىسىدىكى مەزگىلدە بىر-بىرىدىن يىراقلىشىپ كەتكەن تەرەپلەرنىڭ تەقدىرى 2-دۇنيا ئۇرۇشى ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تۈرتكىسىدە بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ قالدى.

ئۇرۇش يەنە ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرلىرىگە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە بولغان قىزىقىشى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا يۇقىرى پەللىگە يەتكەنىدى. موسكۋا كارىدورلىرىدا بىرى يۆتەلسە ۋاشىنگتون پەلەمپەيلىرىدە جىددىيچىلىك يۈز بېرەتتى. ئىنسانلارنىڭ دۈشمەنلىرىگە بولغان قىزىقىشى سودىدىكى شېرىكلىرىگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ. ۋىيېتنام توغرۇلۇق ئىشلەنگەن فىلىم سانى تەيۋەن ھەققىدە ئىشلەنگەن فىلىملەرنىڭ سانىغا قارىغاندا 50 ھەسسە كۆپ.

 

ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئولىمپىك مۇسابىقىلەر

 

21-ئەسىرنىڭ بېشىدا دۇنيادا ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئالاقە ئورنىتىشنىڭ بۇرۇنقىدەك ئەھمىيىتى قالمىدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر بىر-بىرلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىش بىلەنلا قالماي، ئوخشاش ئېتىقاد ۋە ھەرىكەت شەكىللىرىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى. مىڭ يىل ئىلگىرى يەر شارى ئوخشىمىغان سىياسىي ئەندىزىلەرگە ماس كېلىدىغان زېمىنلارغا ئىگە ئىدى، ياۋروپادا مۇستەقىل شەھەر دۆلەتلىرى ۋە كىچىك تىپتىكى تىئوكراتىيەلەر (دىنى دۆلەت)بىلەن زىددىيەت ئىچىدىكى فېئودال كېنىزەكلەرنى كۆرەلەيتتۇق. ئىسلام دۇنياسىدا ئالەمشۇمۇل ھاكىمىيەت غايىسىنى تەشەببۇس قىلىدىغان خەلىپىلىك بولسىمۇ پادىشاھلىقلار، سۇلتانلىقلار ۋە ئەمىرلىكلەر بار ئىدى. خىتاي ئىمپېراتورلىرى ئۆزلىرىنى دۇنيادىكى يېگانە سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە كۆرەتتى، قەبىلىلەردىن تەشكىل تاپقان ئىتتىپاقداش كۈچلەر خىتاينىڭ شىمالى ۋە غەربىدىكى رايونلاردا توقۇنۇش ئىچىدە ئىدى. ھىندىستان ۋە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادا ئوخشىمىغان سىياسىي ھاكىمىيەت تۈزۈلمىلىرى بار ئىدى، ئامېرىكا، ئافرىقا ۋە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ئاراللاردا ھەم ئىپتىدائىي توپلۇقلار ياشايتتى، ھەمدە قۇدرەتلىك ئىمپېرىيەلەر ھۆكۈم سۈرەتتى. ئۇ چاغلاردا خەلقئارا قانۇن بويىچە مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، ھەتتا قوشنا خەلقلەرمۇ ئورتاق دىپلوماتىك قائىدىلىرىگە ئاساسەن مۇناسىۋەت ئېلىپ بارمايتتى، ھەر جەمئىيەتنىڭ ئۆز ئالدىغا سىياسىي ئىدىيەسى ۋە ئەندىزىسى بار بولغاچقا، ئۆزگىلەرنىڭ سىياسىي ئۇقۇملىرىنى چۈشىنىپ ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشى تولىمۇ تەس ئىدى.

كۈنىمىزدە ھەر يەردە ئېتىراپ قىلىنغان بىر سىياسىي ئەندىزە بار بولۇپ، يەر شارىدا 200 مۇستەقىل دۆلەت مەۋجۇت. بۇ دۆلەتلەر ئوخشاش دىپلوماتىك قائىدىلەر ۋە ئورتاق خەلقئارا قانۇن مەسىلىلىرىدە ئاساسەن بىردەك قاراشقا ئىگە. شىۋېتسىيە، نىگېرىيە، تايلاند، بىرازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئاتلاسلىرىمىزدا ئوخشاش رەڭلىك شەكىللەر بىلەن كۆرسىتىلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىدۇر، بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر غايەت زور بولسىمۇ، بىراق ب د ت دا ھەممىسىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئىمتىيازلىرى بار بولۇپ، ھەممىسى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەر سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىدۇ. بۇ دۆلەتلەر سىياسىي جەھەتتە نۇرغۇن ئورتاقلىققا ئىگە، مەسىلەن ھەممىسىنىڭ ئۆزگە دۆلەتلەردە دىپلوماتىك ئورۇنلىرى بار، دۆلەت ئىچىدە بولسا سىياسىي پارتىيەلەر ۋە پارلامېنتلىرى بار، سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ. مەسىلەن، لوندون ۋە پارىژدا بولغىنىغا ئوخشاش تېھران،موسكۋا ۋە يېڭى دېھلىدىمۇ پارلامېنت بار. ئىسرائىلىيەلىكلەر بىلەن پەلەستىنلىكلەر، رۇسلار بىلەن ئۇكرائىنالىقلار، تۈركلەر بىلەن كۈرتلەر (كوردلار) خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆزلىرىنى قوللىشى ئۈچۈن ئوخشاش ئېيتىملاردىن پايدىلىنىدۇ: كىشىلىك ھوقۇق، مۇستەقىل دۆلەت، ئىگىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا قانۇن.

دۇنيانى «ناقابىل دۆلەتلەر»سىستېمىسى خېلى ھالسىراتتى، بىراق دۇنيا يەنىلا چاغداش (زامانىۋى) دۆلەت ئەندىزىسىنى ياقلايدۇ. دۇنيا سىياسىتى ئاننا كارېنىنا پىرىنسىپىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىدۇ: مۇۋەپپەقىيەت قازانغان دۆلەتلەر ئوخشاش بولسىمۇ بىراق مەغلۇپ بولغان بارلىق دۆلەتلەر سىياسىي ئەندىزىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن تولۇق پايدىلانمىغانلىقى ياكى پايدىلىنىشى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. دائېش دۇنيا سىياسىي تۈزۈلمىسىنى يەنى ئەندىزىسىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىپ دۇنياۋى خەلىپىلىكنى ئاساس قىلىدىغان سىياسىي تۈزۈم قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بىراق دائېش دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئاسانلا مەغلۇپ بولدى. چۈنكى مەۋجۇت سىياسىي تۈزۈمنى رەت قىلىپ يېڭىچە تۈزۈم يارىتىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس ئىدى. نۇرغۇن پارتىزانلىق ھەرىكىتى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى يېڭى دۆلەتلەر قۇردى ياكى مەۋجۇت دۆلەتلەرنى يېڭىپ ئورنىغا كەلدى. بۇ كۈچلەر دۇنيا سىياسىي تۈزۈلمىسىنى قوبۇل قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن مۇۋەپپەق بولدى. تالىبانمۇ خەلقئارادا مۇستەقىل ئافغانىستاننىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىش ئۈچۈن كۈچەپ باقتى. ھازىرغىچە دۇنيا سىياسىتىنىڭ پىرىنسىپلىرىنى رەت قىلغان بىرمۇ گۇرۇھ ياكى تەشكىلات مەلۇم بىر رايوننىڭ تىزگىنىنى ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرالمىدى.

دۇنيا سىياسىي ئەندىزىسىنىڭ كۈچىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش ۋە دىپلوماتىيەگە ئوخشاش سىياسىي مەسىلىلەرگە مۇراجىئەت قىلساق بولىدۇ، ئۇنداقتا 2016-يىلدىكى رىيو ئولىمپىك مۇسابىقىلىرى ئۈستىدە بىر ئاز توختىلايلى: ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ قانداق تەشكىللىنىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، 11 مىڭ تەنتەربىيەچى دىن، سىنىپ ياكى تىل پەرقى ئاساس قىلىنماي دۆلەت تەۋەلىكىلا ئاساس قىلىنىپ ۋەكىللەرگە ئايرىلىدۇ. تەنتەربىيەچىلەر قانداقتۇر بۇددىست ۋەكىللەر، پىرولېتارىيات ۋەكىللىرى ياكى ئىنگلىز تىللىقلار دەپ ۋەكىللەرگە ئايرىلمايدۇ. بىر نەچچە مۇستەسنا سىرتىدا (تەيۋەن ۋە پەلەستىنلىك)تەنتەربىيەچىلەرنىڭ سىياسىي تەۋەلىكىنى بېكىتىش تولىمۇ ئاسان.

2016-يىلى 5-ئاۋغۇستتا ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا تەنتەربىيەچىلەر گۇرۇپپا ھالىتىدە دۆلەت بايراقلىرىنى لەپىلدەتتى. مايكېل پېلپس ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن چاغدا ئامېرىكا دۆلەت مارشى ھەمراھلىقىدا ئامېرىكا دۆلەت بايرىقى چىقىرىلدى. ئېمىلىي جۇدو تۈرى بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەندە «مارسېيلياس»چېلىنىپ فىرانسىيەنىڭ ئۈچ رەڭلىك بايرىقى كۆكتە لەپىلدىدى.

دۇنيادىكى ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئوخشاش دۇنياۋى ئەندىزە دائىرىسىدە بىر دۆلەت مارشى بار. بۇ دۆلەت مارشى بىر ئوركېستىر ھەمراھلىقىدا بىر نەچچە مىنۇت ئوقۇلىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ دىنى قاتلام تەرىپىدىن 20 مىنۇت ئوقۇلىدىغان ئىلاھىي (دىنى ناخشا)ئوخشىمايدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ۋە كونگوغا ئوخشاش دۆلەتلەرمۇ دۆلەت مارشى ئۈچۈن غەربنىڭ مۇزىكا ئۆلچەملىرىنى قوبۇل قىلغان. كۆپ قىسىم دۆلەت مارشىنىڭ مۇزىكىسىنى بىتخوۋىن ناھايىتى ئاسانلا ئىجاد قىلىپ چىقالايدۇ (دوستلىرىڭلار بىلەن بىر يەرگە كېلىپ يۇتىيۇپتىن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مارشىنى ئاڭلاپ چىقىپ، بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئايرىشقا تىرىشىپ باقساڭلار بولىدۇ). دۆلەت مارشلىرىنىڭ تېكىستلىرىنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن ئوخشاش قالىدۇ: ئوخشاش ئورتاق سىياسىي قاراشلار ۋە مىللەتنىڭ سادىقلىق ئىدىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مەسىلەن، سىزچە تۆۋەندىكى دۆلەت مارشى قايسى دۆلەتكە تەۋە بولۇشى مۇمكىن؟ (دۆلەتنىڭ نامىنى ئومۇمىي بىر ئىبارە بولسۇن دېگەن مەقسەتتە پەقەت <دۆلىتىم>دېگەن تەرىقىدە ئۆزگەرتتىم):

 

دۆلىتىم، ۋەتىنىم

زېمىنىڭغا قېنىمنى ئېقىتتىم.

بېشىڭدا ساقلايمەن،

قارۇۋۇلىمەن ۋەتىنىمنىڭ.

دۆلىتىم، ۋەتىنىم،

خەلقىم ۋە مىللىتىم،

بىرلىكتە سادايىمىزنى ياراڭىتايلى

«بىرلىكتە بولايلى ۋەتىنىم!»

ياشىسۇن زېمىنىم، دۆلىتىم،

مىللىتىم، ۋەتىنىم، مەڭگۈگە بىر قالسۇن.

روھى تىرىلسۇن، جانلانسۇن جىسمى،

بۈيۈك دۆلىتىم ئۈچۈن بۇلارنىڭ ھەممىسى!

بۈيۈك دۆلىتىم، مۇستەقىل ۋە ئەركىن

جانىم ماكانىم ۋە دۆلىتىم.

بۈيۈك دۆلىتىم، مۇستەقىل ۋە ئەركىن

سەن تۈمەن مىڭ يىل ياشا بۈيۈك دۆلىتىم!

 

جاۋابى: ھىندونېزىيە، ئۇنداقتا پولشا، نىگېرىيە ياكى بىرازىلىيە دېسەم ھەيران قالغان بولارمىدىڭىز؟

دۆلەت بايراقلىرىغىمۇ ئوخشاش پوزىتسىيە تۇتۇلىدىغان بولۇپ، بىرلا مۇستەسنا بار. بارلىق بايراقلار بىر تىك تۆت بۇلۇڭلۇق رەختنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈلگەن ناھايىتى چەكلىك رەڭ ۋە گېئومېتىرىيەلىك شەكىلدىن ئىبارەت. بىراق نېپال بايرىقى پەرقلىق، نېپال بايرىقى ئىككى ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ ھازىرغىچە ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە پەقەتلا مېدالغا ئېرىشىپ باقمىدى. ھىندونېزىيە بايرىقىدا ئاق رەڭ ئۈستىگە قىزىل سىزىق سىزىلغان بولۇپ نىسبەتەن پەرقلىق.پولشا بايرىقىدا قىزىل رەڭ ئۈستىدە ئاق سىزىق بار، موناكو بايرىقى بىلەن ھىندونېزىيە بايرىقى ئوخشاش، رەڭ قارىغۇسى بىرىنىڭ بېلگىيە، چاد، كودىۋور، فىرانسىيە، گىنە، ئىرېلاندىيە، ئىتالىيە، مالى ۋە رومىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بايراقلىرىنى بىر-بىرىدىن ئايرىشى مۇمكىن ئەمەس: ھەممىسىدە پەرقلىق رەڭلەردىن تەشكىل تاپقان يانمۇ يان ئۈچ سىزىق بار.

بۇ دۆلەتلەر ئىچىدە بەزىلىرى بىر-بىرلىرى بىلەن قانلىق جەڭ قىلغان بولسىمۇ، 20-ئەسىرنىڭ داۋالغۇش ۋەزىيىتىدە ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ئۇرۇش سەۋەبلىك بىكار قىلىۋېتىلگەن (1916، 1940، 1944). 1980-يىلى ئامېرىكا بەزى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە موسكۋا ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى بايقۇت قىلغانىدى. 1984-يىلىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە قوللىغۇچىلىرى ۋاشىنگتوندىكى ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى بايقۇت قىلدى. نۇرغۇن قېتىم ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى سىياسىي كىرىزىس ئەسناسىدىمۇ ئۆتكۈزۈلدى (ناتسىستلار دەۋرىدە بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن 1936 ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدىكى قالايمىقانچىلىق، 1972-يىلى مىيۇنخىندىكى ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە بىر تۈركۈم پەلەستىنلىكنىڭ ئىسرائىلىيە ماھىرلىرىنى قەتل قىلىشى). ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، سىياسىي ئىختىلاپلار ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدىن تەلتۆكۈس يوق قىلالمىغان.

مىڭ يىل بۇرۇنقى دەۋرگە قايتىپ بارايلى: 1016-يىلدىكى ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى رىيودا ئۆتكۈزۈشنى پىلان قىلىۋاتىمىز. ئۇ چاغلاردا رىيو خەلقىنىڭ كىچىك بىر يېزىدا ياشىغانلىقىنى ۋە ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپا يەرلىك خەلقلىرىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىن خەۋىرى يوقلىقىنى ئۇنتۇڭ. دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى تەنتەربىيە ماھىرلىرىنى ئايروپىلانسىز رىيوغا قانداق توشۇيدىغانلىقىمۇ ئېسىڭىزدىن چىقىرىۋېتىڭ، پەقەت مۇسابىقىگە چۈشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ نېمىگە ئاساسەن قەيەردە ئولتۇرىدىغانلىقىنىلا ئويلاڭ، كۈنىمىزدىكى ئولىمپىك تەشكىلىي ھەيئەت كومىتېتى تەيۋەن ۋە پەلەستىن مەسىلىلىرى تۈپەيلى سائەتلەپ باش قاتتۇرىشىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ سىياسىي مەسىلىلەر ئۈستىدە قانچە سائەت سەرپ قىلىش كېرەكلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن بۇ ۋاقىتنى ئون مىڭغا كۆپەيتىڭ.

1016-يىلى خىتايدىكى سۇڭ سۇلالىسى پادىشاھى دۇنيادىكى باشقا سىياسىي ھاكىمىيەتنى ئۆزى بىلەن تەڭ دەپ قارىمايتتى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاي پادىشاھى ئۆزىنى تەڭداشسىز پادىشاھ دەپ قارايتتى. شۇڭلاشقا ئۆزىنىڭ ئولىمپىك ۋەكىللىرى بىلەن كورېيەنىڭ كوريو پادىشاھلىقى ياكى ۋېيتنامدىكى داي ۋېيت پادىشاھلىقى، بولۇپمۇ باشقا جايلاردىكى ئىپتىدائىي قەبىلىلەرنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ تەڭ ئورۇنغا قويۇلۇشىنى ئېغىر ھاقارەت سۈپىتىدە چۈشىنەتتى.

باغدادتىكى خەلىپە ئۆزىنى ئەڭ چوڭ سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە كۆرەتتى، كۆپ قىسىم سۈننىي مۇسۇلمانمۇ خەلىپىنى دىنى رەھبەر سۈپىتىدە قوبۇل قىلاتتى. لېكىن ئەمەلىيەتتە خەلىپىنىڭ باغداد ھاكىمىيىتىدە نوپۇزى ئۇنچىۋالا كۈچلۈك ئەمەس ئىدى. ئۇنداقتا پۈتكۈل سۈننىي تەنتەربىيە ماھىرلىرى بىرلا خەلىپىنىڭ ۋەكىللىرى بولامدۇ ياكى سۈننىي مۇسۇلمان دۇنياسىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان سان –ساناقسىز ئەمىرلىك ۋە سۇلتانلىقلارنىڭ ۋەكىللىرى بولامدۇ؟ بىراق نېمىشقا ئەمىرلىكلەر ۋە سۇلتانلىقلار بىلەن چەكلىنىپ قالىمىز؟ئەرەبىستان چۆللىرىدە ئاللاھنىڭ ھۆكۈمدارلىقىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ ھۆكۈمدارلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان نۇرغۇن بەدەۋى قەبىلە ياشايدۇ. بۇلارنىڭ ئۆزلىرى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالايدىغان ئوقياچىلىق ياكى تۆگە مىنىش تۈرلىرى بويىچە مۇسابىقە چۈشىدىغان ماھىرلار ئەۋەتىشىگە رۇخسەت قىلىنامدۇ؟ ياۋروپامۇ ئوخشاشلا مۇشۇنداق بىر قاتار مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. نورمان ناھىيەسى ئىۋرىيدىن چىققان بىر ماھىر ئىۋرىي ئۈچۈنمۇ ياكى ئاجىز فىرانسىيە پادىشاھىنىڭ تۇغى ئاستىدا مۇسابىقىگە چۈشەمدۇ؟

يۇقىرىدىكى سىياسىي كۈچلەرنىڭ كۆپ قىسمى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تارىخ سەھنىسىدىن يوق بولدى.سىز 1016-يىلدىكى ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىگە تەييارلىق قىلغاندا قايسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلەلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس.چۈنكى ھېچكىم كېيىنكى يىللاردا قايسى سىياسىي كۈچنىڭ باش كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلەلمەيدۇ. ئەنگلىيە پادىشاھلىقى 1016-يىلدىكى ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ دۆلىتىگە قايتقاندا، لوندوننىڭ دانىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى ۋ ئەنگلىيەنىڭ دانىيە، نورۋېگىيە ۋە شىۋېتسىيە بىلەن بىرلىكتە پادىشاھ كىنۇدنىڭ شىمالىي دېڭىز ئىمپېرىيەسىگە قوشۇلۇپ كەتكەنلىكىگە شاھىت بولغان بولاتتى. 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ ئىمپېرىيە يىمىرىلدى بىراق 30 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەنگلىيە قايتىدىن نورماندىيە دۈكى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى.

بۇ ئۆتكۈنچى سىياسىي كۈچلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ نە ئوقۇلىدىغان دۆلەت مارشى يوق ئىدى نە خادىغا چىقىرىدىغان بايرىقى يوق ئىدى. بۇ دەۋردە سىياسىي سىمۋوللار ئەلۋەتتە مۇھىم ئىدى، بىراق سىياسەتنىڭ سىمۋوللۇق تىلى بويىچە ئېيتقاندا، ھىندونېزىيە، خىتاي ياكى تۇپى سىياسەتلىرىنىڭ سىمۋوللۇق تىللىرى بىر-بىرىدىن روشەن پەرقلىنەتتى. ئۇ دەۋردە زەپەرگە سىمۋوللۇق قىلىدىغان ئورتاق كېلىشىم ھاسىل قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ سەۋەبتىن 2020-يىلدا توكيو ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى كۆرگەن چېغىڭىزدا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئاتالمىش زىددىيەتنىڭ ئەمەلىيەتتە تولىمۇ كۈچلۈك خەلقئارالىق ئىتتىپاققا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى قەتئىي ئېسىڭىزدىن چىقىرىپ قويماڭ. ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ بايراقلىرى چىقىرىلغاندا ھەممە ئادەمنىڭ مىللىي غۇرۇرى جۇش ئۇرۇپ ھاياجانلىنىدۇ ۋە مىللىتىدىن پەخىرلىنىدۇ، بىراق ئەسلىدە ئىنسانىيەتنىڭ مۇشۇنداق غايەت زور كۆلەمدىكى بىر پائالىيەتنى تەشكىللىيەلىشى ئەڭ چوڭ پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك.

ھەممىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان دوللار

بۇرۇنقى دەۋرلەردە ئىنسانلار ھەر خىل سىياسىي تۈزۈملەرنى سىناپ باققاندىن سىرت، خېلىلا ئىلغار ئىقتىسادى سىستېمىلىرىنىمۇ سىناپ مەلۇم دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. رۇس بويارلىرى، ھىند مىخراجىلىرى، خىتايلار ۋە ھىندىئانلارنىڭ قەبىلە ئاقساقاللىرى پۇل، سودا، باج، كەسىپ ۋە خىزمەت قاتارلىقلاردا بىر-بىرىدىن روشەن پەرقلىنىدىغان قاراشلارغا ئىگە ئىدى. كۈنىمىزدە بولسا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش كاپىتالىستىك تۈزۈمگە ئىشىنىدۇ ۋە ھەممىمىز ئوخشاش بىر خەلقئارالىق ئىشلەپچىقىرىش چاقىنىڭ چىشلىرى ھېسابلىنىمىز. مەيلى كونگودا ، مەيلى موڭغۇلىيەدە ، مەيلى يېڭى زىللاندىيەدە ياكى بولىۋىيەدە ياشاڭ كۈندىلىك تۇرمۇش شەكلىڭىزنى، ئىقتىسادىي ھاياتىڭىزنى ئوخشاش بىر ئىقتىسادىي نەزەرىيەلەر، ئوخشاش بىر شىركەت ۋە بانكىلار، ئوخشاش بىر پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى بەلگىلەيدۇ. ئىسرائىلىيە بىلەن ئىراننىڭ مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىرى بىرلىكتە چۈشلۈك تاماق يېسە، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئورتاق ئىقتىسادىي تىل بولغانلىقتىن بىر-بىرلىرى بىلەن ئاسانلا چۈشىنىشەلەيدۇ.

دائېش سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ زور بىر قىسمىنى ئىشغال قىلغاندا نۇرغۇن ئادەمنى قىرغىن قىلىپ ئارخېئولوگىيەلىك بايلىقلارنى ۋەيران قىلدى ۋە بۇرۇنقى ھاكىمىيەتلەر بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى بولغان سىمۋوللارنى سىستېمىلىق ھالدا يوق قىلدى. بىراق يەرلىك بانكىلارغا كىرىپ ئۈستىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىرىنىڭ رەسىملىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ۋە دىنى تەلىماتلىرىنى ماختايدىغان ئىنگلىزچە شوئارلار بىلەن دەستە-دەستە ئامېرىكا دوللىرىنى قولغا چۈشۈرگەندە، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ سىمۋولنى كۆيدۈرۈپ تاشلىمىدى. چۈنكى دوللارغا دۇنيادىكى بارلىق سىياسىي ۋە دىنى قاراشلار ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىدۇ. دوللار ئۆز ئالدىغا ھېچقانداق ئىشقا يارىمىسىمۇ (قەغەز دوللارنى يەپ ئىچەلمەيسىز) لېكىن دوللار ۋە ئامېرىكا مەركەز بانكىسىنىڭ ھېكمىتىگە شۇنچىلىك چوڭقۇر ئىشىنىمىزكى، ھەتتا دائېشقا ئوخشاش ئاشقۇنلار گۇرۇھى، مېكسىكىلىق زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرى ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ ئەڭ رەھىمسىز دىكتاتورلىرىمۇ دوللارغا ئېرىشىشنىڭ تاماسىدا يۈرۈشىدۇ.

ھازىرقى زاماندىكى ئىنسانلارنىڭ بىر تەن ۋە بىر ۋۇجۇتلۇقى تەبىئەت ۋە ئىنسان بەدىنىگە بولغان قارشىمىزدا روشەن گەۋدىلىنىدۇ. مىڭ يىل ئىلگىرى مەلۇم بىر كېسەللىككە گىرىپتار بولغان بولسىڭىز سىزنىڭ قەيەردە ياشىغانلىقىڭىز ھەممىنى بەلگىلەپ قوياتتى. ياۋروپادا بىر مەھەللىنىڭ پوپى سىزگە تەڭرىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغانلىقىڭىزنى ۋە ساقىيىش ئۈچۈن چېركاۋغا بىر نەرسە ئىئانە قىلىشىڭىز كېرەكلىكىنى، مۇقەددەس ماكانلىرىنى زىيارەت قىلىپ تۇرۇشىڭىزنى ۋە تەڭرىدىن مەغپىرەت تىلىشىڭىزنى تاپىلىغان بولاتتى. بۇنىڭدىن سىرت مەھەللىدىكى جادۇگەر خوتۇن ئىچىڭىزگە شەيتان كىرىۋالغانلىقىنى، ناخشا-ئۇسۇل ئويناش ۋە قارا رەڭلىك توخۇنىڭ قېنى بىلەن ئىچىڭىزگە كىرىۋالغان شەيتاننى قوغلاپ چىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى دېيىشى مۇمكىن ئىدى.

ئوتتۇرا شەرقتە ئەنئەنىۋى تەلىماتلار بىلەن يېتىشىپ چىققان دوختۇرلار بەدەن تەبىئىتىڭىزنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ۋە توغرا ئوزۇقلىنىپ قاڭسىق ئىكسىرلەر بىلەن بەدەن تەڭپۇڭلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى دەيتتى. ھىندىستاندا ئايۇرۋەدا مۇتەخەسسىسلىرى دوشا ئىسىملىك ئۈچ جىسمانىي ئامىلنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا دائىر نەزەرىيەلەرنى سۆزلەپ شىپالىق ئوتلار، بەدەن ئۇۋۇلاش ۋە يوگا قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان بىر داۋالاش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولاتتى. خىتاي تېۋىپلىرى، سىبىرىيە شامانلىرى، ئافرىقىلىق سېھىرگەر داخانلار، ئىندىيان تېۋىپلار بار ئىدى، قىسقىسى ھەر ئىمپېرىيە، پادىشاھلىق ۋە قەبىلىنىڭ ئۆزىگە خاس ئەنئەنىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى بار بولۇپ ھەممىسىنىڭ ئىنسان بەدىنى بىلەن كېسەللىكنىڭ تەبىئىتى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلارغا ئىگە ئىدى. ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس قائىدىلىرى، شىپالىق شەربەتلىرى، كومۇلاچلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى بار ئىدى. بۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ئۈنۈملۈك تەسىرلىرى بار بولسا، يەنە بەزىلىرى ئۆلۈمىنى چىلاپ كېلىدىغان دەرىجىدە قالاق ئىدى. ياۋروپا، خىتاي، ئافرىقا ۋە ئامېرىكىغا خاس مېدىتسىنا ئۇسۇللىرىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بولسا ھەر يەردە بالىلارنىڭ ئەڭ ئاز ئۈچتە بىرىنىڭ بالاغەتكە يەتمەي تۇرۇپ ئۆلۈپ كېتىشى ۋە ئوتتۇرىچە ئۆمۈر كۆرۈش مۇددىتىنىڭ 50 ياشنىڭ ئاستىدا بولۇشىدۇر.

ھازىر كېسەل بولۇپ قالسىڭىز سىزنىڭ قەيەردە ياشىشىڭىز مۇھىم ئەمەس. تورونتو، توكيو، تېھران ياكى تېل ئاۋىۋدا ئوخشاش تەرىزدىكى دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئوخشاش شەكىلدىكى فاكۇلتېتلاردا ئوخشاش ئىلمىي ئۇسۇللار ئۆگەنگەن ئاق خالاتلىق دوختۇرلارغا كۆرۈنىسىز. بۇ دوختۇرلار ئوخشاش رەسمىيەتلەردىن پايدىلىنىپ ئوخشاش سىناقلارنى تەتبىق قىلىپ ئاساسەن ئوخشاش دېگۈدەك دىياگنوزلارنى قويۇشىدۇ. ئارقىدىن ئوخشاش خەلقئارا دورا شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان دورىلارنى بېرىدۇ. ھېلىھەم مەدەنىيەت جەھەتلەردە بەزى پەرقلەر مەۋجۇت، بىراق كانادالىق، ياپون، ئىرانلىق ۋە ئىسرائىلىيەلىك دوختۇرلار ئىنسان بەدىنى ۋە كېسەللىكلەر مەسىلىسىدە ئوخشاش قاراشقا ئىگە. دائېش راققە ۋە مۇسۇلنى ئىشغال قىلىۋالغاندا يەرلىك دوختۇرخانىلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلىمىدى. ئەكسىچە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشايدىغان مۇسۇلمان دوختۇر ۋە سىستېرالارنى بۇ جايلاردا خىزمەت قىلىشقا چاقىردى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىسلامچى دوختۇر ۋە سىستېرالارمۇ ئىنسان بەدىنىنىڭ ھۈجەيرىلەردىن مەيدانغا كېلىدىغانلىقىغا، كېسەللىكلەرگە باكتېرىيەلەرنىڭ سەۋەب بولىدىغانلىقىغا ۋە ئانتىبىيوتىكلەرنىڭ باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

ئۇنداقتا بۇ ھۈجەيرە ۋە باكتېرىيەلەر نېمىلەردىن تەشكىل تاپىدۇ؟ مۇنداقچە قىلىپ ئېيتساق پۈتكۈل دۇنيا نېمىلەردىن تەشكىل تاپىدۇ؟ مىڭ يىل ئىلگىرى ھەر مەدەنىيەتنىڭ كائىنات ۋە ئالەمنىڭ ماھىيىتى توغرۇلۇق ئۆزىگە خاس چۈشەندۈرۈش شەكىللىرى بار ئىدى. ھازىر بولسا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىلىم تەھسىل قىلغان بارلىق ئىنسان ماددا، ئېنېرگىيە، تاشقى پىلانېتا ۋە زامان ھەققىدە ئوخشاش قاراشقا ئىگە. مەسىلەن، ئىران ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىروگراممىلىرى توغرۇلۇق بىر توختىلايلى: بۇ يەردە مەسىلە دەل ئىران ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ئوخشاش فىزىكا چۈشەنچىسىگە ئىگە بولۇشىدۇر. ئىرانلىق ۋە شىمالىي كورېيەلىكلەر e=فورمۇلاسىغا ئىشەنگەن بولسا ئىدى، ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا بۇ دۆلەتلەرنىڭ يادرو پىروگراممىلىرىغا قەتئىي چېقىلمىغان بولاتتى.

ئىنسانلار ھېلىھەم ئوخشىمىغان دىنى ۋە مىللىي كىملىكلەرگە ئىگە. بىراق دۆلەت، ئىقتىساد، دوختۇرخانا قۇرۇش ياكى بومبا ياساشقا ئوخشاش ئەمەلىي مەسىلىلەردە ھەممىمىز ئوخشاش بىر مەدەنىيەتكە ئىگىمىز. مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپلار كېلىپ چىققىنى راست، بىراق ھەر مەدەنىيەتتە ئىچكى ئىختىلاپلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ھەتتا ئەڭ ھالقىلىق رولغا ئىگە بولغىنى دەل مۇشۇ ئىختىلاپلاردۇر. ئىنسانلار كىملىكىنى قىسقىچە خۇلاسىلىگەندە چاغدا داۋاملىق ئورتاق ئالاھىدىلىكلەرنى تىزىپ چىقىدۇ. بۇ خاتا بىر ئۇسۇل، مېنىڭچە ئورتاق ئىختىلاپلار ۋە توقۇنۇشلارنى تىزىپ چىقىش تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. مەسىلەن، 1618-يىلدىكى ياۋروپادا ئورتاق دىنى كىملىك يوق ئىدى، بىر ئۇ دەۋردىكى ياۋروپانى دىنى توقۇنۇشلار ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى. كاتولىكلار بىلەن پروتېستانلار، كالۋىنىستلار بىلەن لۇتېريانلار ئوتتۇرىسىدىكى بەزى پەرقلەرنى توغرا چۈشىنىش ۋە بۇ پەرقلەر سەۋەبلىك بىر-بىرلىرىنى ئۆلتۈرۈش دېگەندەك ئىشلار 1618-يىلدىكى ياۋروپالىقلارنىڭ ئومۇمىي كىملىكىنى ئەكس ئەتتۈرەتتى. 1618-يىلىدا ياشىغان بىر ئىنسان بۇ توقۇنۇشلار بىلەن كارى بولمىسا ياكى ياۋروپادىكى دىنى ئىختىلاپلاردىن ئازراقمۇ كۆڭلى يېرىم بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇ كىشى ياكى تۈرك ياكى ھىندىستانلىق ئىدى، ھەرگىزمۇ ياۋروپالىق ئەمەس ئىدى.

ئوخشاشلا 1940-يىلى ئەنگلىيە بىلەن گېرمانىيە بىر-بىرىدىن تامامەن پەرقلىنىدىغان سىياسىي قىممەت قاراشلىرىغا ئىگە ئىدى، بىراق ھەر ئىككىلىسى ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ غول كۈچلىرىدىن ئىدى. گىتلېر ياۋروپالىق بولۇش جەھەتتىن ھەرگىز چېرچىلدىن قېلىشمايتتى، تارىخنىڭ ئۇ دەۋردىكى ياۋروپا كىملىكىنى بۇ ئىككى كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ ئىزاھلاپ بېرەلەيتتى. بۇنىڭ ئەكسىچە 1940-يىلى كۇڭ ئەزاسى بولغان بىر قەبىلە ئەزاسى ياۋروپالىق بولالمايتتى، چۈنكى ياۋروپانىڭ ئىرق ۋە جاھانگىرلىق توقۇنۇشلىرىنىڭ بۇ قەبىلە ئەزاسىغا نىسبەتەن ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ئىدى.

سىز بىلەن جېدەل قىلغانلار ئاساسەن دېگۈدەك سىز بىلەن ئوخشاش ئائىلىنىڭ ئەزالىرىدۇر. شۇڭلاشقا كىملىك قانداقتۇر ئوخشاش ۋە ئورتاق نەرسىلەردىن بەكرەك زىددىيەت ۋە توقۇنۇش تەرىپىدىن بەلگىلىنىپ قالىدۇ. 2018-يىلى ياۋروپالىق بولۇش نېمىدىن دېرەك بېرەتتى؟ كۆچ مەسىلىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە كاپىتالىزمنىڭ پاسىللىرى توغرۇلۇق كەسكىن مۇنازىرە قىلىش، ھەتتا كىملىكىمنى بەلگىلەيدىغان زادى نېمە دېگەن سوئال ئۈستىدە ئويلىنىش، قېرىپ بېرىۋاتقان نوپۇس، تىزگىنسىز ئىستېمال، يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەردىن ئەندىشە قىلىشتىن دېرەك بېرەتتى. 21-ئەسىردىكى ياۋروپالىقلار 1618 ۋە 1940 –يىللاردا ياشىغان ئەجدادلىرىدىن پەرقلىق بولسىمۇ، بىراق خىتاي ۋە ھىندىستانلىق سودا شېرىكلىرىگە بارغانچە ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ.

كەلگۈسىدە بېشىمىزغا قانداق ئۆزگىرىش كېلىشتىن قەتئىينەزەر، بۇلار قانداقتۇر يات مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئەمەس بەلكى بىرلا مەدەنىيەت ئىچىدىكى قېرىنداشلارنىڭ توقۇنۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. 21-ئەسىردىكى قىيىنچىلىقلار رايون خاراكتېرلىك بولماستىن دۇنيا خاراكتېرلىك بولىدۇ، كىلىمات ئۆزگىرىشى ئېكولوگىيەلىك پالاكەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندا قانداق قىلىمىز؟ كومپيۇتېرلار بەزى ساھەلەردە ئىنسانلاردىن ئېشىپ كېتىپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ قولىدىن ئىشنى تارتىۋالسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىن؟ بىيوتېخنولوگىيە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ۋۇجۇدقا چىقىرىپ ئىنسانلارنىڭ ئۆمرىنى تېخىمۇ ئۇزارتالسا قانداق بولىدۇ؟ بۇ سوئاللار ئۈستىدە كەسكىن مۇنازىرىلەر بولىدىغانلىقى ئېنىق، ھەتتا بۇ تۈپەيلى ئېغىر كۆڭۈلسىزلىكلەر كېلىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن، لېكىن بۇ كەسكىن مۇنازىرە ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەر بىزنى بىر-بىرىمىزدىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىشنىڭ ئورنىغا ھاياتىمىزنى تېخىمۇ رەڭدار قىلىپ بىر-بىرىمىزگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئىنسانىيەت ئىتتىپاق ۋە ئىناق بىر جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىن ئاجىز بولسىمۇ ھەممىمىز ئوخشاش بىر مەدەنىيەتكە تەۋەمىز.

ئۇنداقتا دۇنيانى پالاكەتكە سۆرەپ بېرىۋاتقان مىللەتچىلىك دولقۇنىغا قانداق تاقابىل تۇرىمىز؟ بەلكىم يەر شارىلىشىش بىلەن بولۇپ كېتىپ بۇرۇنقى كونا مىللىتىمىزنى نەزەردىن ساقىت قىلغان بولۇشىمىزمۇ مۇمكىن، بىزنى چارىسىز قىلىپ قويغان يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىسنىڭ چارىسى ئەنئەنىۋى مىللەتچىلىكمۇ؟ يەر شارىلىشىش بۇنچىۋالا ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتسا يەنە ئۇنىڭغا يېپىشۋالالامدۇق؟

 

 

  • ئادىلجان ئەرئۇيغۇر تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*