21 – ئەسىردە كۈچ ۋە سىياسىي رىقابەت (4)

2019-يىلى 22-مارت

كۈچنىڭ كېلەچىكى

جوسېف س.نيې، جر

(قىسقارتىپ تەييارلىغۇچى: ئۇغۇر يۈجە)

داۋامى…

 

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى

 

بۇ ئىبارە، گولدمان ساچس تەرىپىدىن پايدىسى يۇقىرى سېلىنما پۇرسەتلىرى سۇنىدىغان «گۈللىنىۋاتقان بازارلار» غا ئىگە دۆلەتلەرگە قارىتا ئېيتىلغان سۆزلەرنىڭ باش ھەرپلىرىنىڭ قىسقارتىلمىسىدۇر. كېسەك ئالتۇن (BRIC- Brazil, Russia, India, China) دۆلەتلىرىنىڭ دۇنيا سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدىكى پېيى 2000 – 2008 – يىللار ئارىسىدا %16 دىن %22 گە چىقتى. ھەممىسى بىرلىكتە دۇنيا نوپۇسىنىڭ %42 ىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلار، ئەسرىمىزنىڭ دەسلەپكى ئون يىلىدا دۇنيا ئىقتىسادىي گۈللىنىشىنىڭ %33 ىنى ئىشقا ئاشۇردى.

گەرچە «كېسەك ئالتۇن» (BRIC) قىسقارتىلمىسى دۇنيا سىياسىي قامۇسلىرىدىن تېزلا ئورۇن ئالغان بولسىمۇ، رۇسىيە بۇ رەسىمنىڭ ئىچىدە بىرئاز قىيپاش تۇرىدۇ. بۇ قىسقارتىلما ئوتتۇرىغا چىققاندا، نە ئىقتىسادشۇناسلار، نە دۇنيادىكى باشقا تەرەپلەر بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان ۋە خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر يەرگە جەم بولۇپ، مۇھىم بىر مۇنبەرنى شەكىللەندۈرەلەيدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى. 2009 – يىلى بۇ دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى رۇسىيەدە يىغىن چاقىرىپ، BRIC قىسقارتىلمىسىنى پەقەت ئەقىلدە قالىدىغان، جانغا يېقىن بىر سۆز بولۇپلا قىلىشتىن چىقىرىپ، مەنىلىك بىر ھەمكارلىققا ئايلاندۇرۇشنى قارار قىلدى. گەرچە بۈيۈك بىر قىسمىنى خىتاي شەكىللەندۈرسىمۇ، بۇ دۆلەتلەر  بىر يەرگە جەم بولۇپ، 2  تىرىليون 800 مىليارد دوللار بىلەن دۇنيا زاپىسىنىڭ %42 ىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرماقتا ئىدى.  مېدۋېدېۋ، بىرلا پۇل بىرلىكىنى تايانچ قىلىدىغان دۇنياۋى تاشقى پېرېۋوت سىستېمىسىنىڭ ئۇتۇققا ئېرىشەلمەيدىغانلىقى قارىشىدا ئىدى. بېيجىڭ بىلەن ساۋ پاۋلو ئوتتۇرىسىدىكى سودىنى مىللىي پۇل بىرلىكلىرىنى ئىشلىتىپ قىلىشقا قارار قىلدى. خىتاينىڭ سودا شېرىكلىرى ئارىسىدا رۇسىيە پەقەت %5 لىك پايغا ئىگە بولسىمۇ، ئۇلارمۇ ئوخشاش بىر كېلىشىمنى ئۆز ئارىسىدا ئىمزالىدى. يېقىن كېلەچەكتە يۈز بەرگەن كىرىزىستىن كېيىن گولدمان ساچس، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىللىتى كىرىمىنىڭ 2027 – يىلىغىچە 7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى تەخمىنىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ۋە مۇشۇنداق سىزىقتىكى مۇھاكىمىلەرنىڭ قانچىلىك توغرا ئىكەنلىكىنى بىلەلمىسەكمۇ، ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر كۆزنەكتىن قارالغىنىدا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۈچ مەنبەلىرىنى بىرلەشتۈرۈشى، ئوتتۇرىلىرىدىكى چوڭقۇر كېلىشمەسلىكلەر تۈپەيلى تاشقى سىياسەت رېئاللىقىغا دېگەندەك ماس كەلمەيدۇ. رۇسىيەگە ئوخشاش بىر زامانلارنىڭ ئىككى پەۋقۇلئاددە كۈچىدىن بىرىنىڭ، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۈچ دۆلەت بىلەن بىرلىكتە تىلغا ئېلىنىشىنىڭ مەنتىقىلىق ئىزاھاتى يوق. تۆت دۆلەت ئىچىدە ئەڭ ئاز نوپۇسقا، ئەڭ يۇقىرى ئوقۇش – يېزىش نىسبىتىگە ۋە ئەڭ كۆپ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي كىرىمگە بولغىنى رۇسىيەدۇر. ئەمما، خېلى كۆپ كۆزەتكۈچىنىڭ قارىشىچە، بۇ دۆلەت چېكىنىش، قالغان ئۈچى ئۆرلەش مۇساپىسىدىدۇر.  بۇنىڭدىن پەقەت 20 يىل ئىلگىرى رۇسىيە ئىلىم – پەن جەھەتتىمۇ چوڭ كۈچ ئىدى. ھازىر بولسا، يالغۇز خىتاينىڭلا ئەمەس، ھىندىستان ۋە بىرازىلىيەنىڭمۇ ئارقىسىدا قالدى. تۆۋەندىمۇ بايان قىلىپ ئۆتىمىز، BRIC قىسقارتىلمىسىنىڭ قەلبى قەيەردىن قارالسا قارالسۇن، خىتايدۇر.

 

رۇسىيە

 

1950 – يىللاردا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رۇسىيەنىڭ ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلاتتى. رۇسىيە، دۇنيانىڭ ئەڭ كەڭ زېمىنىغا، ئۈچىنچى چوڭ نوپۇسىغا، ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە ئىگە ئىدى. نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مەنبەلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاندىنمۇ كۆپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىراتتى، ئامېرىكىنىڭكىدىن كۆپ ئارمىيەنى باقماقتا ئىدى، دۇنيادىكى يادرو قوراللىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرماقتا ئىدى. تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش پائالىيەتلىرى ساھەسىدە ئەڭ كۆپ ئادەم ئىشلىتىۋاتقان دۆلەت ئىدى.

يۇمشاق كۈچ مەنبەلىرىگە كەلسەك، فاشىزمغا قارشى پوزىتسىيەسى تۈپەيلى ياۋروپا كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيەسىگە ھېسداشلىق تۇيغۇسى بىلەن قارايتتى، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن ئۈچىنچى دۇنيا دۆلەتلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىناتتى. سوۋېت تەشۋىقاتى، كوممۇنىزم غەلىبىسىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ئۇتۇقلۇق شەكىلدە سىڭدۈرمەكتە ئىدى. لېئونىد برېخنېۋ، 1976 – يىلىغا ئوخشاش يېقىن ئۆتمۈشتە، فىرانسىيە پىرېزىدېنتىغا كوممۇنىزمنىڭ 1995 – يىلى دۇنيانىڭ ھۆكۈمران ئىدېئولوگىيەسىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى دەۋا قىلماقتا ئىدى. بۇ سۆزلەر – سوۋېتلەرنىڭ ئۆز دوكلاتلىرىغا ئاساسەن – يىللىق ئوتتۇرىچە %5 – 6 لىك ئېشىشى بىلەن قوللاپ – قۇۋۋەتلەنمەكتە ئىدى. چېكىنىش 1970 – يىللاردا باشلىدى. 1986 – يىلىغا كەلگەندە گورباچېف، سوۋېت ئىقتىسادىدا تەرتىپ – ئىنتىزام دېگەن بىر نەرسىنىڭ قالمىغانلىقىنى، مەۋجۇت بارلىق ئىندېكسلەرگە كۆرە، چېكىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى. ھەيران قالارلىقى، 1970 – يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا سوۋېت كۈچىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئارقىدا قالدۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا بىۋاسىتە ئامېرىكىلىقلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەخمىنلەرنىڭ رېئاللىقتىن نەقەدەر يىراق ئىكەنلىكىدۇر.

1991 – يىلى  سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن،  رۇسىيەنىڭ قولىدا بۇرۇن ئىگە بولغان زېمىنلارنىڭ %76 ى، نوپۇسىنىڭ %50ى، ھەربىي خادىملىرىنىڭ %33ى قالغان، ئىقتىسادى بولسا، %55 چېكىنىپ كەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن، كوممۇنىست ئىدېئولوگىيەسى ئۈستىگە قۇرۇلغان يۇمشاق كۈچ نۆلگە ئايلانغانىدى. ھەربىي خىراجەتلىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىراجەتلىرىنىڭ %10 گە، مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %14 گە، سېتىۋېلىش سەۋىيەسىگە قارىتا ئۆلچەنگەن كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي كىرىمى بولسا، يەنە بۇ دۆلەتنىڭ %33 گە چۈشۈپ قالغانىدى. ئىقتىسادى ئاساسەن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېكسپورتىغا تايىناتتى، ئىلغار تېخنولوگىيەگە تايىنىدىغان سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى ئومۇمىي سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنىڭ %7 نى تەشكىل قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى.

رۇسىيە نۆۋەتتە كوممۇنىست ئىدېئولوگىيە ۋە كالانپاي ھالەتتىكى مەركىزىي پىلان تۈزۈش سىستېمىسىنى ئارقىدا قالدۇردى. ئېتنىك جەھەتتە پارچىلىنىش خەۋپى بۇرۇنقىدەك ئېغىر ئەمەس. سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىكى ئېتنىك رۇسلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇس ئىچىدىكى نىسبىتى %50 ئىدى، ھازىرقى كۈندە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىكى بۇ نىسبەت %81 دۇر. رۇسىيەدە بازار ئىقتىسادى ياخشى ئىشلىمەيدۇ، چىرىكلىك نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى، ئامما ساغلاملىقى سىستېمىلىرى ئىشلىمەس ھالەتتە، تۇغۇت نىسبىتى تۆۋەنلىمەكتە، ئۆلۈم نىسبىتى ئۆرلىمەكتە، ئوتتۇرىچە ھايات كەچۈرۈش ئارزۇسى ئەرلەردە 59 ياشقا چۈشۈپ قالدى. بۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا نوپۇسنىڭ بۈگۈنكى 145 مىليوندىن 121 مىليونغا چۈشۈپ قېلىشى كۈتۈلۈۋاتىدۇ. رۇسىيەنىڭ زامانىۋىلىشىش ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش تىرىشچانلىقلىرى بىلەن بۇرۇنقى كۈچىگە ئېرىشىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى، لىدىرلارنىڭمۇ بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن سەمىمىي كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەرمۇ بار. مېدۋېدېۋ رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ تەبىئىي مەنبەلەرنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشى سايىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ نومۇس قىلارلىق بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە سوۋېتچە قۇرۇلمىنىڭ تارىخقا كۆمۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانىدى. بۇ سۆزلەر ئۈمىدلەندۈرىدۇ.

قانداقلا بولمىسۇن، رۇسىيە سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدىكىدەك بولمىسىمۇ، قولىدىكى يادرو قوراللار، ئادەم كۈچى بايلىقى، تور تېخنولوگىيەسى ساھەسىدىكى قابىلىيەتلىرى، ياۋروپاغا يېقىنلىقى ۋە خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئېھتىمالى دېگەندەك  ئامىللار  تۈپەيلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگىدۇر.

خىتاي – رۇس ئوقىنىڭ شەكىللىنىش ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟ 1950 – يىللاردا ئامېرىكىغا قارشى رۇسىيە – خىتاي ئىتتىپاقى بار ئىدى. نېكسوننىڭ 1972 – يىلىدىكى خىتايغا ئېچىۋېتىش قەدىمى سايىسىدا ئىتتىپاق تەتۈرىگە ئايلاندى. چۈنكى ھەم خىتاي ھەم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، سوۋېت كۈچىنىڭ يۈكسىلىشىگە تەھدىت دەپ قارايدۇ، ئۇنىڭدىن بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ. بۇ ھەمكارلىق سوۋېتلەرنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن نەتىجىلەندى. 1992 – يىلى رۇسىيە بىلەن خىتاي «ئىجابىي شېرىكچىلىك» دەپ ئاتالغان بىر ھەمكارلىق قەدىمىنى ئېلان قىلدى. 1996 – يىلىنى بۇنى «ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك» دەپ ئاتىدى. 2001 – يىلىغا كەلگەندە «دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق» كېلىشىمى ئىمزالىدى. كېلىشىملەرنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى، ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى بىر قۇتۇپلۇق دۇنيادا بىرلەشمە قارشى فىرونت شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى. بەزى رۇسلارنىڭ قارىشىچە، «ئۇكا» سالاھىيىتىنى قوبۇل قىلىش بەدىلىگە خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى مۇھىم ئىشلار قاتارىغا كىرگۈزۈش كېرەك ئىدى.

بۇ خىل سۆزلەر بىر تەرەپتە تۇرۇپ تۇرسۇن، بىر فىرانسۇز دىپلوماتنىڭ دېگىنىدەك، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا دۇنيا قاراش جەھەتتە زىتلىقلار، تاشقى سىياسەت ساھەسىدە پەرقلىق پوزىتسىيەلەر ۋە بىر – بىرىگە زىت مۇھىم ئىشلار بار. رۇسىيە / خىتاي چېگراسىنىڭ رۇسىيە تەرىپىدە 6 مىليون، خىتاي تەرىپىدە 120 مىليون ئادەم ياشايدۇ. بۇ ئەھۋال، رۇسىيەنى قاتتىق ساراسىمىگە سالماقتا. مېدۋېدېۋنىڭ دېگىنىدەك، «ئەگەر رۇسىيە يىراق شەرقىدىكى مەۋجۇدىيىتىنى كۈچەيتمىسە، ھەممە نەرسىسىنى خىتايغا تارتقۇزۇپ قويۇشى مۇمكىن.»

كىلاسسىك رېئالىست قاراش، خىتاينىڭ يۈكسەلگەن كۈچىگە قارشى رۇسىيە – ھىندىستان، رۇسىيە – ياپونىيە، ھەتتا رۇسىيە – ئامېرىكا ھەمكارلىقىنى نەزەرگە ئېلىشى مۇمكىن. رۇسىيە چېكىنىۋاتقانلىقى پەيدا قىلغان ئەنسىزلىك تۈپەيلى يادرو كۈچىدىن ۋاز كېچىشنى خالىمايدۇ. بۇمۇ ئامېرىكىغا نىسبەتەن بىر يوشۇرۇن خەۋپتۇر. لېكىن، رۇسىيەنىڭ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى 40 يىل بويىچە ئامېرىكا كۈچىگە قارىتا نامايان قىلغان دوئېل ئېلان قىلغۇچى ئورنىغا قايتا ئېرىشىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوقتەك كۆرۈنمەكتە.

 

ھىندىستان

 

ھىندىستاننىڭ، ئامېرىكىنىڭ تۆت ھەسسىگە تەڭ كېلىدىغان 1 مىليارد 200 مىليونلۇق نوپۇسى بىلەن، 2025 – يىلى خىتايدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى ۋە دۇنيانىڭ كېلەچەكتىكى چوڭ كۈچلىرىنىڭ بىرى بولىدىغانلىقى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلار بار.

ھىندىستان ئون يىللاردىن بۇيان «ھىندىستانچە ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى» دەپ ئاتالغان تۆۋەن ئېشىشنىڭ دەردىنى تارتتى. 1947 – يىلى مۇستەقىللىقكە ئېرىشكەندىن كېيىن  بېكىنمە، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي پىلاننى تايانچ قىلغان، ئېغىر سانائەت مەركەزلىك بىر خىل مودېلنى قوبۇل قىلدى، لېكىن، سۈرئىتىنى ئاشۇرالمىدى. 1990 – يىللارنىڭ بېشىدا بازار مەركەزلىك ئىسلاھاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىدىن كېيىن، ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنى %7 لەرگىچە يەتكۈزەلىدى. بىر ئەنگلىيەلىك يازغۇچى، ھىندىستاننى تۇرمۇش ئۆلچىمى تۆۋەن، ئىقتىسادىي كۈچلۈك دېگەن مەنىدە «بۇرۇن تۇغۇلۇپ قالغان پەۋقۇلئاددە كۈچ» كە ئوخشاتتى. ئۇ يەنە، ھىندىستان ئىقتىسادىنى ئون يىل ئىچىدە ئەنگلىيەدىن، 20 يىل ئىچىدە ياپونىيەدىن ئېشىپ كېتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ھىندىستاننىڭ يۈزلەرچە مىليونلۇق يۈكسەلگەن بىر ئوتتۇرا قاتلىمى بار. 50 مىليون بىلەن 100 مىليون ئادەم رەسمىي تىل بولغان ئىنگلىزچىدە سۆزلىشىدۇ. بۇ ئاساسقا تايانغان ھىندىستان، ئۇچۇر – ئالاقە تېخنولوگىيەلىرى ساھەسىدە خەلقئارالىق ئاكتىيور ۋە ئۇنىڭ  پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپ شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر ئالەم بوشلۇقى پىلانى بار. ھىندىستان، 60 – 70 دانە يادرو قورالىغا، ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا، 13 مىليون ھەربىي خادىمغا ۋە 30 مىليارد دوللارلىق مۇداپىئە خامچوتى (دۇنيا ئومۇمىي مۇداپىئە خامچوتىنىڭ %2 ى) غا ئىگە. يۇمشاق كۈچ جەھەتتە يىلتىز تارتقان دېموكراتىك قۇرۇلمىسى، ھەرىكەتچان كۈلتۈرى بار. پائال دىياسپوراغا ۋە يىلدا ئىشلەنگەن فىلىم سانى جەھەتتە دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ كىنو ئىشلەش سانائىتىگە ئىگە (بولىيۋۇد).

يەنە بىر تەرەپتە، ھىندىستان نوپۇسىنىڭ ⅓ ى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش ئۆلچىمى سىزىقىنىڭ ئاستىدا ھايات كەچۈرمەكتە ۋە يۈز مىليونلارچە كىشى ئوقۇش – يېزىشنى بىلمەيدۇ. دۆلەتنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى خىتاينىڭ %33 ى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ %20 ىگە توغرا كېلىدۇ. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي كىرىمى خىتاينىڭ يېرىمىغا، ئامېرىكىنىڭ %7 ىگە تەڭ. خىتاي نوپۇسىنىڭ %91 ساۋاتلىق، شەھەرلىشىش نىسبىتى %43، ھىندىستان بولسا، ھەيران قالارلىق دەرىجىدە تۆۋەن؛ %61 ۋە %29. ھىندىستان ھەر يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ كەلگۈدەك كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى يېتىشتۈرىدۇ، بىراق بۇلارنىڭ پەقەت %4.2 لا يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىدە ئىش تاپالايدۇ. چۈنكى ئۇنىۋېرسىتېت مائارىپىنىڭ يېتەرسىزلىكى تۈپەيلى لاياقەتسىز.

ھىندىستاننىڭ، ئەسىرىمىزنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئامېرىكىغا رەقىب بولالايدىغان بىر كۈچكە ئىگە بولۇشى مۇمكىندەك قىلمايدۇ. بىراق، ئورنىتىلغۇسى خىتاي – ھىندىستان ئىتتىپاقىغا كۈچلۈك تۆھپە قوشۇشى مۇمكىن. ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودىسىنىڭ كۈچىيىشى ۋە بۇ دۆلەتلەر نامايان قىلىۋاتقان ئېشىش كۈچىنى تايانچ قىلغان ھالدا، تۈزۈلگۈسى بىر ئىتتىپاقنى كۆزدە تۇتۇپ «Chindia» ئاتالغۇسى ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئوخشىماسلىقىنىڭ چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى، چېگرا كېلىشمەسلىكى تۈپەيلى 1962 – يىلى ئۇرۇش قىلغانلىقلىرىنى ۋە 1998 – يىلى ھىندىستان مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ خىتاينى «بىرىنچى نومۇرلۇق يوشۇرۇن دۈشمەن» دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك.

ھىندىستاننىڭ خىتاي بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشنىڭ ئورنىغا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن گۇرۇپپىلىشىپ، خىتاينى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان بىر كۈچ بولۇشنىڭ كويىغا كىرىشىنى كۈتۈش تېخىمۇ ئاقىلانىلىك بولىدۇ.

 

بىرازىلىيە

 

بىرازىلىيەلىكلەر ئۆزلىرى توغرىسىدا چاقچاق ئارىلاش قىلىپ مۇنداق بىر يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: «بىز كېلەچىكى پارلاق بىر دۆلەتمىز… ۋە داۋاملىق شۇ پېتى قالىمىز!» دۆلەتنىڭ بۇرۇنقى پىرېزىدېنتى لۇلا دا سىلۋا، «ھەمىشە كېلەچىكى پارلاق بىر دۆلەت ئىكەنلىكىمىزنى دەپلا كەلدۇق. بىراق، قابىلىيىتىمىزنى كونكرېت ئۇتۇققا ئېرىشتۈرۈشكە پەقەتلا مۇۋەپپەق بولالمىدۇق» دېگەنىدى.

1825 – يىلى پورتۇگالىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىللىقكە ئېرىشكەندىن كېيىنكى يۈز يىل بويىچە بىرازىلىيەنىڭ ئىقتىسادىي تۇرغۇن ھالەتنى داۋاملاشتۇردى. 20 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا يېرىم بېكىنمە ھالەتتىكى بىر ئىقتىسادىي قۇرۇلما ئىچىدە تاشقى قەرزنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بىر ئىلگىرىلەشنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، 1970 – يىلى پورتۇگالىيە كىرىزىسى بىلەن تەڭ دۆلەت ئىقتىسادى پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى. پۇل پاخاللىقى پەۋقۇلئاددە ئېغىرلىشىپ، 90 – يىللارغا كەلگەن %700 گە يەتتى. 1994 – يىلى ھەرىكەتچان تاشقى پېرېۋوت ۋە پۇل پاخاللىقىنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، دۆلەت چىقىملىرىنى مۇقىملىققا ئىگە قىلدى.

«ئىقتىساد ژۇرنىلى» نىڭ ئانالىزىغا قارىغاندا، «نۆۋەتتە بىرازىلىيە باشقا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئارىسىدا سىنىپ ئاتلىدى؛ بولۇپمۇ دېموكراتىك جەھەتتە. خىتاي ئەمەس، ھىندىستانغا ئوخشاش ئېتنىك ۋە دىنىي توقۇنۇشلار بىلەن ھەپىلەشمەيدۇ، قوشنىلىرى دۈشمەن ئەمەس، رۇسىيەگە ئوخشاش ئېكسپورتى نېفىت ۋە قورالدىن ئىبارەت ئەمەس، چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.» بىرازىلىيە، چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچى جەلپ قىلماقتا ۋە كۆپ ساندا كۈچلۈك سىياسىي ئورگاننى شەكىللەندۈردى. كۆپىنچىسى جازاسىز تاشلىنىپ قالسىمۇ، چىرىكلىككە زەربە بەرمەكتە ۋە ئۇ، ئوتتۇرىغا چىققان ئەركىن مېدىياغا ئىگە. ھىندىستاننىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىغان زېمىنلىرىدا %90 ى ساۋاتلىق 200 مىليون ئادەم ياشىماقتا. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي كىرىمى ھىندىستاننى ئۈچ، خىتاينىڭ ئىككى ھەسسىگە باراۋەر. 2007 – يىلى  بايقالغان ئوچۇق دېڭىز نېفىت زاپاسلىرى، بىرازىلىيەنى مۇھىم بىر كۈچكە ئايلاندۇرىدۇ.

بىرازىلىيە، باشقا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىگە بولغان يادرو قوراللىرىدىن مەھرۇم ۋە ھەربىي كۈچى چەكلىك بولسىمۇ، قوشنىلىرى بىلەن دۈشمەنلەرچە رىقابەت ئىچىدە ئەمەس. ئۇ، بايراملىرى ۋە پۇتبولى بىلەن پۈتكۈل دۇنيانى قوينىغا ئالىدىغان بىر يۇمشاق كۈچكە ئىگە.

بىرازىلىيەنىڭ ساقلىنىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلىرىمۇ بار. ئۈستقۇرۇلمىسى يېتەرسىز، قانۇن سىستېمىسى كالانپاي ، جىنايەت سادىر قىلىنىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى چىرىكلىك مەۋجۇت (180 دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان تىزىملىكتە بىرازىلىيە 75-، خىتاي 79 -، ھىندىستان 84 -، رۇسىيە 146 – رەتتىن ئورۇن ئالىدۇ!). دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى رىقابەتچى ئىقتىسادىي كۈچلەر تىزىملىكىدە 56 – (خىتاي 27، ھىندىستان 49، رۇسىيە 63 – ) رەتتىن ئورۇن ئالدى. ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇپ، بۇنى تېجەشنى كۈچەيتىپ، مائارىپقا تېخىمۇ كۆپ سالماي تۇرۇپ ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، دەپ قارالماقتا. يوقسۇللۇق ۋە كىرىم تەڭسىزلىكى ناھايىتى ئېغىر بىر مەسىلە، بىراق ئىلگىرىلەش بار. 2003 – يىلى نوپۇسنىڭ %28 ى يوقسۇل بولسا، بۇ نىسبەتەن 2008 – يىلى %16 گە تۆۋەنلىدى.

تاشقى سىياسەت ساھەگە كەلگەندە، بىرازىلىيە دۇنيا سىياسىتىدىكى سالمىقىنى ئەمدىلەتىن ھېس قىلىشقا باشلىدى. بىراق 2003 – يىلى ئالدىغا قويغان ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇش، كۈچلۈك بىر جەنۇبىي ئافرىقا لاگېرى شەكىللەندۈرۈش ۋە بەزى نىشانلىرىنى تېخى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولالمىدى. بىرازىلىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيەسىنى بۇرۇنقىغا قارىغاندا قىستاش كۈچىگە ئىگە بولسىمۇ، 21 – ئەسىردە ئامېرىكىنىڭ ئالدىغا بىر رەقىب سۈپىتىدە چىقىش ئىمكانىيىتى باردەك قىلمايدۇ. بۇ رول خىتاينىڭ بولىدۇ.

 

خىتاي

 

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى خىتاينىڭ ئىقتىسادى ۋە نوپۇسى باشقا ئۈچ دۆلەتنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ. سېلىشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولساق، ئارمىيەسىنىڭ چوڭلۇقى، مۇداپىئەگە ئاجراتقان خامچوتى، ئىقتىسادىي گۈللىنىش نىسبىتى ۋە ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەر سانى جەھەتتىمۇ بىرىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالىدۇ. %7 تىن ئارتۇق بولۇۋاتقان ھەرتۈرلۈك ئېشىش نىسبىتى خىتاي ئىقتىسادىنى ئىككىگە قاتلايدۇ. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىر ئىقتىسادشۇناسنىڭ قارىشىچە، 2040 – يىلىغا بارغاندا، خىتاي دۇنيا مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %40 ىنى ئۆز ئالدىغا ئىشلەپچىقىرالايدىغان ھالغا كېلىدىكەن.

خىتاي، «كۈچ» كە مۇناسىۋەتلىك قاراشلارنى چۆرىدىگەن ھالدا  ئوتتۇرىغا قويۇلغان كېلەچەككە ئالاقىدار مۆلچەرلەردىن پايدىلانماقتا. يەنى، يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ئەلرايىنى سىناش نەتىجىسىدە، ئىنسانلارنىڭ %44 ى خىتاينىڭ ھازىرمۇ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئامېرىكا ئىقتىسادى خىتاي ئىقتىسادىدىن ئۈچ  ھەسسە كۈچلۈك بولسىمۇ، بۇنى بىلىدىغانلار نىسبىتى پەقەت %27 بولدى. ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان يەنە بىر ئەلرايى تەكشۈرۈشى، كىشىلەرنىڭ %50 ىنىڭ دۆلەتلىرىنىڭ ئالدىدا تىكىلىپ تۇرۇپ دوئېل ئېلان قىلالايدىغان ئاساسلىق دۆلەتنىڭ خىتاي ئىكەنلىكى پىكرىدە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى (ياپونىيە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقۇچىلار %8، رۇسىيە ۋە ياۋروپا دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار %6).

خىتايغا ئالاقىدار كېلەچەك تەخمىنلىرى ئاساسەن تېز ئېشىۋاتقان مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ باشقا كۈچ مەنبەلىرىمۇ بار. يەر كۆلىمى جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن تەڭ بولسىمۇ، خىتاينىڭ نوپۇسى 4 ھەسسە كۆپتۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئارمىيەسىگە، 200 گە يېقىن يادرو قورالىغا ۋە خېلى گەۋدىلىك دەرىجىدە ئالەم بوشلۇقى ۋە تور – ئالەم بوشلۇقى كۈچىگە ئىگە.

يۇمشاق كۈچى كۈلتۈر سانائىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا خولىيۋۇد ۋە بولىيۋۇدقا سېلىشتۇرغان ناھايىتى ئاجىز. ئۇنىۋېرسىتېت مائارىپى ئىمتىھانى ئامېرىكىنىڭ ئارقىسىدىدۇر. ئامېرىكا ئىگە بولغان يۇمشاق كۈچنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلار جەھەتتىمۇ ناھايىتى زەئىپتۇر. شۇنداق بولسىمۇ، خىتاي يۇمشاق كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالاھىدە كۈچ چىقارماقتا. بارغانچە زورىيىۋاتقان بىر قاتلامغا جەزبىدار تۇيۇلۇۋاتقان كۈلتۈرىنى ئۈستەلگە تىزماقتا، دۇنيانىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە قۇرغان كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىغا تايىنىپ تىلىنى ۋە كۈلتۈرىنى يايماقتا، كۆپ تەرەپلىمىلىك كېلىشىملەرگە تايىنىپ، مۇلايىم ھەرىكەت شەكىللىرىنى ياقلاپ، ئۆزى توغرىسىدىكى ئەندىشلەرنى يوقىتىشقا تىرىشماقتا.

خىتاينىڭ  چوڭ مەنبەلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى توغرا بولسىمۇ، دۆلەتنىڭ كېلەچىكى توغرىسىدىكى تەخمىنلەر پەقەت كۈندىلىك ئېشىشقا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ۋە سىياسىي پەرەزلەرنى تايانچ قىلغان بولغاچقا، بۇ كۆرسەتكۈچلەرگە بەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەسلىك كېرەك. خىتاي ھازىرمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خېلىلا ئارقىسىدا تۇرماقتا ۋە ئاساسلىق سىياسىي ئىستراتېگىيەلىرى ئۆز ئىچىدىكى رايونلارغا، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى مەركەز قىلىدۇ. خىتاينىڭ «بازار لېنىزمى» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئىقتىساد مودېلى بەزى دىكتاتور ھۆكۈمەتلەر ئۈستىدە يۇمشاق كۈچ ياراتسىمۇ، دېموكراتىك جەمئىيەتلەردە دەل تەتۈرىچە تەسىر پەيدا قىلماقتا. خىتاينىڭ يۈكسىلىشى ئادەمنىڭ ئەقلىگە تۇسىيدىدېسنىڭ «توقۇنۇشنىڭ مۇقەررەرلىكىگە بولغان ئىشىنىش، توقۇنۇش ئاساسلىق سەۋەبىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشىنى كەلتۈرىدۇ. ھامان بىر كۈنى ئۇرۇشۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن تەرەپ ھەربىي جەھەتتىن شۇنداق تەييارلىقلارنى قىلىدۇكى، بۇ ئەھۋال قارشى تەرەپنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتىدۇ، ھەرىكەتنى غىدىقلايدۇ.

ئەسلىدە «خىتاينىڭ يۈكسىلىشى» خاتا ئىشلىتىلگەن بىر ئىبارە. بۇنى خىتاينىڭ قايتىدىن چىقىشى دېگەن تېخىمۇ توغرا بولۇشى مۇمكىن. مىلادىدىن كېيىنكى 500 – يىلىدىن 1500 – يىلىغىچە ئەمەلىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتاي ئەسلىدىنلا دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەدەنىيىتى ئىدى. سانائەت ئىنقىلابى پاراۋۇزلىرىنىڭ بىرىتانىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئارقىسىغا ئەگىشىشى تېخى يېقىن ئۆتمۈشتە مەيدانغا كەلدى. خىتاي، 1980 – يىللارنىڭ ئاخىرىدا رەئىس دېڭ تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان بازار ئىسلاھاتى سايىسىدا يىللىق %8 – 9 ئېشىش نىسبىتىنى قولغا كەلتۈردى ۋە 20 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى 20 يىلىدا مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئۈچ ھەسسە ئاشۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالىدى. ئامېرىكا ئىگە بولغان كۈچ مەنبەلىرىگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن خىتاينىڭ تېخىمۇ بېسىپ ئۆتۈشى كېرەك بولغان ئۇزۇن يول بار. 21 – ئەسىردە ئامېرىكىنىڭ سېتىۋېلىش سەۋىيەسى بويىچە ھېسابلانغان ئىقتىسادى، خىتاينىڭ ئىككى ھەسسىگە باراۋەر كېلىدۇ. رەسمىي تاشقى پېرېۋوتقا ئاساسەن ھېسابلانغاندا بولسا، بۇ نىسبەت ئۈچ ھەسسىگە يېتىدۇ.

2030 – يىللاردا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى جەھەتتە ئامېرىكىدىن ئۆتۈپ كېتىشى بىلەن ئىقتىسادلار باراۋەرلىشىشى مۇمكىن. لېكىن ئىقتىسادىي بىرىكمە پەرقلىق بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. مەسىلەن، ئۇ كۈنلەردە خىتايدىكى تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان رايونلار كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ 20 – ئەسىردە يولغا قويۇشقا باشلىغان «بىر بالىلىق ئائىلە» سىياسىتىنىڭ كېچىككەن تەسىرلىرى ھېس قىلىنىشقا باشلىنىدۇ، دېموگرافىك مەسىلىلەر باش كۆتۈرىدۇ. 2011 – يىلىدىن تارتىپ ئەمگەك كۈچىگە يېڭى خىزمەتچىلەرنىڭ قېتىلىش سانىدىمۇ چېكىنىش كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. كېيىنكى يىللار ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ ھېچ ئىش قىلماستىن ئورنىدا جىملا تۇرىدىغانلىقىنى ئويلاش بىمەنىلىكتۇر. دېمەك، قولىمىزدىكى مەلۇماتلار ئۇرۇش قوڭغۇراقلىرىنىڭ چېلىنىشقا باشلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەخمىنلەرنى جەزملەشتۈرمەيدۇ.

بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي كىرىم 10 مىڭ دوللاردىن ئاشقاندىن كېيىن، دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئەتلىرىنىڭ ئاستىلايدىغانلىقى كۆرۈلمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دۆلەت ئىقتىسادىي ئورگانلىرىنىڭ يۈكى، ئېغىرلىشىۋاتقان كىرىم تەقسىماتى ئادالەتسىزلىكى، كەڭ كۆلەملىك كۆچۈشلەر، ئىجتىمائىي ياردەم يېتەرسىزلىكلىرى، چىرىكلىك دېگەندەك كېلەچەكتە خىتاينىڭ مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بار ناھايىتى مۇھىم مەسىلىلەر مەۋجۇت. خىتايدىكى 31 ئۆلكىنىڭ پەقەت ئونىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى دۆلەت ئوتتۇرىچە نىسبىتىدىن يۇقىرى. تىبەتكە ئوخشاش تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان ئۆلكىلەردە نوپۇسنىڭ كۆپ قىسمىنى ئازسانلىقلار تەشكىل قىلىدۇ. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئەڭ تېز قېرىۋاتقان دۆلەت خىتايدۇر. 2030 – يىلىغا بارغاندا خىتايدىكى ھال – ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىشقا موھتاج ياشانغانلار سانى بالىلار سانىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنىدەك، دۆلەت «بېيىماي تۇرۇپلا قېرىپ كېتىدۇ.»

خىتاي نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئېكسپورتچىسى. لېكىن، دۇنيا بانكىسى باشلىقى روبېرت زېللىك 2008 – يىلىدىكى پۇل – مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئېكسپورتنى تايانچ قىلغان ئېشىش مودېلىنىڭ داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغان بىر مودېل ئەمەسلىكىنى، %8 لىك ئىقتىسادىي ئېشىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن 2020 – يىلىغىچە ئېكسپورتىنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇشىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. تېجەشنى ئازايتىپ ئىچكى ئىستېمالنى ئاشۇرۇش بۇنىڭغا بېرىلىدىغان ئاسان جاۋاب بولۇشى مۇمكىن، لېكىن، ياشىنىۋاتقان بىر نوپۇس بىلەن بۇنى ئىجرا قىلىش قولاي ئەمەس.

خىتاينىڭ دىكتاتورىلىق باشقۇرۇش شەكلى،  ھازىرغىچە كۈچ ئايلاندۇرۇش جەھەتتە ئۇتۇقلۇق بولدى. ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈش، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول سىستېمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھەتتا خەلقئارا پۇل – مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىنلا ئىقتىسادىنى نورمال ھالەتكە قايتۇرالايدىغان بولۇش قاتارلىقلار بۇنىڭ مىسالىدۇر. لېكىن، بۇنىڭ قاچانغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى، نە چەت ئەللىكلەر، نە خىتاي لىدىرلارنىڭ ئۆزىمۇ تولۇق مەنىدە بىلمەيدۇ. كوممۇنىست ئىدېئولوگىيەسى ئاللىقاچان يىمىرىلدى ۋە مەۋجۇت ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىيلىقى پەقەت خەن مىللەتچىلىكى بىلەن ئىقتىسادىي ئېشىشنى ئاساس قىلماقتا.  ئىقتىسادتا كۆرۈلىدىغان داۋالغۇشلار ئىچكى قىسىمدا ئېغىر خاتىرجەمسىزلىكلەرنى يارىتىشى مۇمكىن. سىياسىي قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتمىگەن بىر خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى پائاللىقى چەكلىك بولىدۇ.

سىبەر سىياسەتلەرمۇ ساقلىنىۋاتقان مەسىلە بار بىر ساھەدۇر. ئەڭ كۆپ ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىسىگە ئىگە خىتاي، ئوخشاشلا ئىنتېرنېتقا قارىتىلغان چەكلىمە ۋە سۈزۈش ئەھۋاللىرى ئەڭ كۆپ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. خىتاي مۇتەخەسسىسى سۇسان شىركنىڭ مۇنداق بىر يەكۈنى بار: «ئەڭ ئېغىر خەۋپنى خىتاينىڭ كۈچىيىشى ئەمەس، بۇ دۆلەتتىكى ئىچكى نازۇكلۇقلار شەكىللەندۈرىدۇ. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ۋە لىدىرلىرىنىڭ ئاجىز ئورۇندىكى قانۇنىي ئاساسى، ئۇلارنى ناھايىتى سەزگۈر ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. بۇمۇ بىر كىرىزىس باش كۆتۈرگەندە، ئالدىراپ – سالدىراپلا قارار چىقىرىش مۇمكىنچىلىكىنى كۈچەيتىدۇ.» مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر يەكۈن 1999 – يىلى پىرېزىدېنت كىلىنتون تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ «ھەممە خىتاينىڭ كۈچىيىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا، ھالبۇكى ئىچكى توقۇنۇشلار، ئىجتىمائىي سۈركىلىشلەر ۋە قانۇنسىز پائالىيەتلەر بىلەن ھەپىلىشىش جەريانىدا ئاجىزلىغان بىر خىتاي، ئاسىيادىكى كەڭ بىر رايوندا مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.»

خىتاي گەرچە ھەربىي كۈچىنى دۇنياغا نامايان قىلىشتا ئۇنچىۋالا پائال بولمىغان بولسىمۇ، ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ۋە زورىيىۋاتقان سۇ ئاستى فىلوسى بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنى بېشىنى ئاغرىتىشى مۇمكىن. بۇمۇ ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەركىن نەپەس ئالدۇرۇش ئۈچۈن، ئۆز كۈچىنى ئاشۇرۇشى دېگەنلىك بولىدۇ.

رەئىس دېڭ 1974 – يىلى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ بىر پەۋقۇلئاددە چوڭ كۈچ ئەمەسلىكىنى ۋە بۇنداق بىر ئويىنىڭمۇ يوقلۇقىنى ئېيتقانىدى. دەۋرىمىزدىكى خىتاي لىدىرلىرىمۇ ئىچكى مۇقىملىقنى ئىزچىل ئىقتىسادىي ئېشىش بىلەنلا كاپالەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا مەركەزلىشىپ، خەلقئارا سەھنىدە توقۇنۇشلاردىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشماقتا.

بەزى گۇمانىستلار، خىتاينىڭ تۈپ نىشانىنىڭ بىر دۇنيا كۈچىگە ئايلىنىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەش، دەپ قارىماقتا. لېكىن، خىتاينىڭ بۇنى ئىشقا ئاشۇرغۇدەك ھەربىي قۇدرەتكە ئىگە ئەمەسلىكى ئاشكارىدۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، خىتاينىڭ ھۇجۇمچى پوزىتسىيەگە ئۆتۈشى، قوشنىلىرىنى كۈچ بىرلىكى ھاسىل قىلىشقا ئىتتىرىدۇ، بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ ھەم قاتتىق ھەم يۇمشاق كۈچىنى ئاجىزلىتىدۇ.

خىتاينىڭ  خەلقئارا مىقياسىدا ئامېرىكىغا رەقىب بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتىش، رايون مىقياسىدىمۇ دوئېل ئېلان قىلالمايدۇ دەپ چۈشىنىلمەسلىكى لازىم. لېكىن، ھىندىستان بىلەن ياپونىيەنىڭ خىتاينى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى ۋە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولۇشى، رايوندىكى باشقا ئىتتىپاقداشلار بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىغا مۇھىم ئەۋزەللىكلەرنى يارىتىپ بەرمەكتە ۋە خىتاينى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەرىكەتكە قىلىشقا قىستىماقتا.

 

ئامېرىكىنىڭ كۈچى: ئىچكى قىسىمدىن خوراش

 

بەزى قاراشلارغا ئاساسلانغاندا، كۈچنى ھەردائىم ۋە ھەممىلا يەردە ھۆكۈمران قىلىشقا ئۇرۇنۇش، مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن بارلىق ئىمپېرىيەلەرگە ئېغىر كېلىشكە باشلايدۇ، بۇ ھارغىنلىق بىلەن كۈچ ئورۇن ئالماشتۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويىدۇ. ئامېرىكىمۇ ھەددىدىن زىيادە ئېچىلدى ۋە مەزكۇر مۇساپىگە قەدەم قويدى. بۇ نەزەرىيە، دەۋرىمىز رېئاللىقلىرىغا دېگەندەك ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى، چەتكە قىلىنىۋاتقان سەرپىياتلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كۆپەيمىدى. ئەكسىچە مۇداپىئە ۋە تاشقى ئىشلارغا سەرپ قىلىنغان پۇلنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە سېلىشتۇرما نىسبىتى يىللاردىن بۇيان تۆۋەنلىمەكتە. ئامېرىكىنىڭ كۈچى، باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا تۆۋەنلىگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىراق، بۇنىڭ سەۋەبى ئېمپېرىيال مۇددىئا بىلەن سىرتقا كۆپلەپ ئېچىلىشى ئەمەس، ئىچكى قىسىمغا تېگىشلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمەسلىكىدۇر.

ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ۋەقەلەرگە تەسىر كۆرسىتىش كۈچى، ئىچكى قىسمىدا كۆرۈلۈۋاتقان كۈلتۈر زىتلىقى، ئورگانلارنىڭ ۋەيران بولۇشى، ئىقتىسادنىڭ تۇرغۇنلىشىشىدەك سەۋەبلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھالدا ئاجىزلىشى مۇمكىنمۇ؟ مۇمكىن، نەتىجىدە قولىدا كۈچلۈك كارتىلار بار ئاكتىيورلارنىڭ ھەممىسى ئۈستەلدىن پايدا ھالدا تۇرۇپ كەتمەسلىكى مۇمكىن.

 

جەمئىيەت ۋە كۈلتۈر

 

ئامېرىكىنىڭ ساقلىنىۋاتقان بىر دۆۋە ئىجتىمائىي مەسىلىسى بار، لېكىن بۇلار بارغانسېرى ناچارلىشىش يۆنىلىشىدە ئەمەس. يەنە كېلىپ، جىنايەت نىسبىتى، ئاجرىشىش، بالدۇر ھامىلىدارلىق دېگەندەك بەزى كۆرسەتكۈچلەردە ياخشىلىنىش بار. قوش جىنسلىقلارنىڭ ئۆيلىنىشى، بالا ئالدۇرۇۋېتىش دېگەندەك مەسىلىلەردە پىكىر ئوخشىماسلىقلىرى بولسىمۇ، ئەپۇچانلىق دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە. مۆلچەر بىلەن رېئاللىقلار ئارىسىدا بىر خىل ياخشى ئويلىۋېلىش بوشلۇقى بار بولۇپ، بۇ بوشلۇقنى تاراتقۇلارنىڭ لەرزىگە سالغۇچى پوزىتسىيەلىرى كېڭەيتمەكتە. ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەلرايى تەكشۈرگۈچىلىرىگە ھاياتلىرىدىن، مۇھىتىدىن، مەكتەپلىرىدىن، دۆلەت مەجلىسىدىكى ۋەكىللەردىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى، بىراق دۆلەتتە ئىشلارنىڭ ياخشى يۆنىلىشكە قاراپ ماڭمايۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىشىدۇ. ھاسىل بولغان يامان تەرەپنى ئويلاش مۇھىتى ۋەيران بولۇشنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس. ئۆتمۈشتە كۆچمەن مەسىلىلىرى، قۇللۇق تۈزۈمى، ھاراق چەكلىمىسى، ماككارتىيچىلىككە ئوخشاش مەسىلىلەرگە ئالاقىدار دەتالاشلار بۈگۈنكىدىن خېلىلا ئېغىر ئىدى.

بۇ خىل مەدەنىيەتكە چېتىشلىق قارارلار ئامېرىكىنىڭ كۈچىگە ئىككى تۈرلۈك يول بىلەن سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. بىرىنچىسى، ئىجتىمائىي – مەدەنىي مەسىلىلەردىكى پەرقلىق قاراشنىڭ زورىيىشى ۋە تاشقى سىياسەتكە ئالاقىدار مەسىلىلەردە بىر پۈتۈنلۈك ھالىتىدە پوزىتسىيە بىلدۈرمەسلىك، ئامېرىكىنىڭ قاتتىق كۈچىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇنىڭ مىسالى، 1970 – يىللاردىكى ۋىيېتنام مەسىلىسىدە كۆرۈلدى. ئىككىنچىسى، ئامېرىكىنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىت سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى بولۇپ، بۇ يۇمشاق كۈچنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

ئامېرىكا بەزى ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە ئىلگىرىلەشنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان بولسىمۇ، باشقا باي دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇلغىنىدا، بالىلار ئۆلۈملىرى، بالىلار يوقسۇللۇقى ۋە جىنايەتلەر دېگەندەك ئىشلاردا ئارقىدا قالماقتا. بۇ ھەقىقەتلەر، ئامېرىكىنىڭ يۇمشاق كۈچىگە زىيان يەتكۈزسىمۇ، بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەر باشقا دۆلەتلەردىمۇ يۈز بەرمەكتە، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئورتاقلىققا ئىگە بولغانسېرى يۇمشاق كۈچكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئازىيىدۇ. مەسىلەن، 1960 – يىللاردىن بۇيان غەرب دۇنيانىڭ ھەممىسىدە دۆلەت رەھبەرلىكىگە بولغان ھۆرمەتنىڭ ئاجىزلىشىشى، ئۆلچەملىك ھەرىكەت قىلىش شەكىللىرىنىڭ زەئىپلىشىشى دېگەندەك ئامىللار روشەن شەكىلدە كۆزگە چېلىقماقتا. ئامېرىكىنىڭ پۇقرالار مەسئۇلىيىتى جەھەتتە باشقا غەرب جەمئىيەتلىرىنىڭ ئارقىسىدا ئىكەنلىكىگە دائىر ئالامەتلەرنىڭ بولمغىنىدەك، ئىجتىمائىي ياردەملىشىش ۋە ئاممىۋىي خىزمەتلەر ساھەسىدە تېخىمۇ ئىلغار تەرەپلىرى بار.

 

كۆچۈشلەر

 

ئامېرىكىنىڭ ئىشىكىنى تاقاپ، كۆچۈشكە كۈچلۈك رەۋىشتە توسقۇنلۇق قىلىشى ئېغىر مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئامېرىكا ھازىرقى كۆچۈش سەۋىيەسىنى ساقلاپ قالالىسا، كېلەچەكتە دېموگرافىك مەسىلىلەردىن ئۆزىنى مۇھاپىزەت قىلالىشى ۋە دۇنيا نوپۇسى ئىچىدىكى پېيىنى ساقلاپ قالالىشى مۇمكىن. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ناھايىتى ئاز ساندىكىلىرى مۇشۇنداق ئىمكانىيەتكە ئىگە. ئەگەر چەت ئەللىكنى يامان كۆرۈش ۋە تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشلەر كۈچىيىپ كېتىپ، چېگرالار تاقىلىپ قالسا، ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. 20 – ئەسىر بويىچە، ئامېرىكا سىرتىدا دۇنياغا كەلگەن پۇقرالار سانى ناھايىتى كۆپ ئىدى. بۇ سان، 1910 – يىلى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %14.7 ىنى تەشكىل قىلسا، نۆۋەتتە %11.7 ىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئامېرىكا بىر كۆچمەن دۆلىتى بولسىمۇ، كۆچۈشكە گۇمان بىلەن قارايدىغانلارنىڭ سانى كەڭ قورساقلىق بىلەن قارايدىغانلار سانىدىن كۆپتۇر. 2000 – يىلىدىكى نوپۇس ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئەسلىي لاتىن ئامېرىكىسىدىن كەلگەنلەرنىڭ سانى (قانۇنسىز كۆچۈپ كەلگەنلەرمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) ئەڭ چوڭ ئاز سانلىق بولغان قارا تەنلىكلەر سانىغا يېتىپ قالغان. نوپۇسشۇناسلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2050 – يىلىغا بارغاندا لاتىن ئامېرىكىلىق بولمىغان ئاق تەنلىكلەر ناھايىتى ئاز پەرق بىلەن كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىكەن (كېلىپ چىقىشى لاتىن ئامېرىكىلىق ئامېرىكىلىقلار %25، قارا تەنلىكلەر %14، كېلىپ چىقىشى ئاسىيالىق ئامېرىكىلىقلار %8ى تەشكىل قىلىدىكەن). كۆچمەنلەر ئالاقە ئىمكانىيەتلىرى ۋە بازار كۈچى سايىسىدا ئىنگلىزچىنى تېزلا ئۆگىنىپ، جەمئىيەت بىلەن ماسلىشىپ كېتەلەيدۇ.

تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىز ياشاۋاتقان بۇ ئەسىرنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىللىرىدە نوپۇس سانىدا ئازىيىشنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ياپونىيەنىڭ ھازىرقى نوپۇسىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن ئالدىمىزدىكى 50 يىل بويىچە تەۋەلىكىگە يىلدا 350 مىڭ كۆچمەن قوبۇل قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. بىراق، دۆلەتنىڭ كۈلتۈر قۇرۇلمىسىنىڭ بۇنداق قىلىشنى قوبۇل قىلىدىغاندەك كۆرۈنمەيدۇ. ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ ئالدىمىزدىكى 40 يىل ئىچىدە %49 ئېشىشى تەخمىن قىلىنماقتا. بۇ، 50 يىلدىن كېيىن (ھىندىستان ۋە خىتايدىن قالسا) دۇنيانىڭ نوپۇس سانى جەھەتتە ئۈچىنچى چوڭ دۆلىتى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىقتىسادىي كۈچ نۇقتىسىدىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

 

ئامېرىكا بېرىۋاتقان H-1B ۋىزىسى[1]نىڭ سانى بىلەن پاتېنت ھوقۇقى ئىلتىماسى سانى ئارىسىدا ناھايىتى قويۇق مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقى كۆزگە چېلىقماقتا. ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرگەن كۆچمەنلەر سانىدىكى ھەر %1 لىك ئېشىش، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان پاتېنت ھوقۇقى سانىنى %6 ئاشۇرماقتا. 1998 – يىلى سىلىكون ۋادىسىدا ئايلىنىۋاتقان 17 مىليارد 800 مىليون دوللارلىق ئىش ھەجىمىنى باشقۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئۈچتىن بىرى خىتاي ياكى ھىندىستاندا دۇنياغا كەلگەن ئىنژېنېرلار ئىدى. ئامېرىكا بىر ماگېنت مىسالى ئىنسانلارنى ئۆزىگە تارتماقتا، كەلگەنلەر ئارقىسىدا قالدۇرۇپ قويغان ئائىلە – ئەزالىرى بىلەن ئورناتقان ئالاقە ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ يۇمشاق كۈچىگە ھەسسە قوشماقتا. پەرقلىق كۈلتۈرلەر بىلەن تونۇشۇشمۇ بىز ياشاۋاتقان يەرشارىلىشىش دەۋرىدە ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ياردەمچى بولماقتا.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە خىتاينى ئۇزۇندىن بۇيان ناھايىتى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان لىې كۋان يېۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي 21 – ئەسىردە ئامېرىكىنى كۈچ رىقابىتىدە ئارقىسىدا قالدۇرالمايدۇ. چۈنكى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۇنيانىڭ ئەڭ ياراملىق مېڭە كۈچىنى ئۆزىگە تارتماقتا ۋە مەدەنىيەت خىلمۇخىللىقى ئىچىدە ئىجادكارلىق مۇھىتى شەكىللەندۈرمەكتە.  بۇنىڭ ئەكسىچە، خىتاي خىزمەتچى ئېھتىياجىنى پەقەت ئۆز دۆلىتى ئىچىدىنلا قامدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ خىل ئىجادكارلىقتىن مەھرۇم بولماقتا.

 

ئىقتىساد

 

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان كۈلتۈرگە ۋە ئىجتىمائىي ساھەگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ئامېرىكىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىۋەتكۈدەك دەرىجىدە بولمىسىمۇ، ئىقتىسادىي ساھەدە كۆرۈلىدىغان بىرەر سەلبىي ھالەت ئېغىر ئاقىۋەتلەر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئىقتىسادىي جەھەتتىكى سەلبىيلىك دېگەندە كۆزدە تۇتقىنىمىز كاپىتالىست ئىقتىسادلاردا كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئادەتتىكى چېكىنىشلەر ئەمەس.  بايان قىلىنماقچى بولغان نۇقتا، ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك چېكىنىشلەر ۋە داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغان ئېشىشنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىدۇر. گەرچە ئىقتىسادىي مۆلچەرلەر خاتا چىقىدىغان ئەھۋاللار بولسىمۇ، 2008 – يىلىدىكى مالىيە كىرىزىسىدىن كېيىنكى ئون يىللىق مەزگىلدە ئامېرىكىدا ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ئاستا بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

خېلى كۆپ كۆزەتكۈچى، 80 – يىللاردا ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ نەپىسى قىسىلىپ قالدى، دەپ ئويلىغانىدى. ئاپتوموبىل ۋە ئىستېمالچى ئېلېكتىرونلۇق ئەشيالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ كۆپلىگەن نۇقتىلىرىدا تېخنولوگىيە جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈك قولدىن كەتكەنىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قولغا كەلتۈرۈلگەن يىللىق %2.7 لىك ئەمگەك كۈچى ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى 80 – يىللاردا %1.4 گە چېكىندى. داڭلىق ئىقتىساد ژۇرناللىرى 1987 – يىلى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش كىرىزىسىغا قەدەم قويغانلىقىنى جار سالماقتا ئىدى. ياپونىيە بىلەن گېرمانىيە ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىش ئالدىدا تۇراتتى. دۆلەت رىقابەتچى كۈچىنى يوقىتىپ قويغانىدى ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىنىڭ قاتتىق ۋە يۇمشاق كۈچىنى ئاجىزلىتىپ قوياتتى. ھالبۇكى، 2008 – يىلىدىكى كىرىزىستىن كېيىنمۇ دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان خەلقئارا ئىقتىسادىي رىقابەت كۈچى تىزىملىكىدە ئامېرىكا، شىۋېيتسارىيە، شىۋېتسىيە ۋە سىنگاپوردىن كېيىن، يەنى تۆتىنچى رەتتىن ئورۇن ئالدى.

ئامېرىكا ئۇچۇر تېخنولوگىيەلىرى، بىيوتېخنولوگىيە، نانوتېخنولوگىيەگە ئوخشاش كۆپلىگەن يېڭى ساھەلەردە بايراقدار ئورۇندا تۇرماقتا. ئامېرىكا، تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، ئۆزىدىن كېيىنكى يەتتە دۆلەتنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىدىكى ئېشىش ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 21 – ئەسىرنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىللىرىدە ئۆزىگە تايىنىپ تۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالامدۇ؟ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى مەسىلىسى ئاچقۇچلۇق ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى، بىر ئىشچىنىڭ سائەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى قانچىلىك ئاشسا، قىيىنچىلىقلارغا ۋە پۇل پاخاللىقىغا قۇربان بولماستىن ئىقتىسادىي ئېشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىمكانىيىتى شۇنچىلىك ئاشىدۇ. پۇل پاخاللىقىسىز داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغان ئىقتىسادىي ئېشىش مۇھىتى بولسا، يۇمشاق كۈچنى ئاشۇرىدىغان قاتتىق كۈچكە سېلىنما مەنبەسى يارىتىدۇ.

1960 – 2006 – يىللىرى ئارىسىدا كومپيۇتېر ۋە ئېلېكتىرون سانائىتى، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ئېشىشىنىڭ %44 ى تەشكىل قىلدى. ئامېرىكىدا ئۇچۇر تېخنولوگىيەلىرى ساھەسىنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئىچىدىكى پېيى باشقا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپتۇر.  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سېلىنغان مەبلەغلەر مەسىلىسىگە كەلسەك، باشقا دۆلەتلەرنىڭ سېلىنمىلىرى زورايغانسېرى ئامېرىكىنىڭ سېلىشتۇرما چوڭلۇقى چېكىنسىمۇ (1996 %40، 2007 %35)، 2007 – يىلى سالغان 369 مىليارد دوللارلىق مەبلىغى بىلەن دۇنيا لىدىرلىقىنى ساقلاپ قالماقتا (ئاسىيا 338 مىليارد دوللار، ياۋروپا ئىتتىپاقى 263 مىليارد دوللار). ئامېرىكا مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %2.7 ىنى تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سەرپ قىلسا، خىتاي بۇنىڭ پەقەت يېرىمىنى بۇ ئىشقا ئاجراتماقتا (ياپونىيە ۋە كورېيە %3). ئامېرىكىلىق كەشپىياتچىلار، 2007 – يىلى جەمئىي 80 پاتېنت ھوقۇقى ئىلتىماسى سۇندى. بۇ پۈتكۈل دۆلەت دۆلەتلىرىنىڭ ئومۇمىي سانىدىنمۇ يۇقىرى. ئامېرىكىنىڭ خەۋپ سەرمايىسى ئورگانلىرى دۆلەت سىرتىغا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئورنىغا پۇللىرىنىڭ %70 ىنى ئامېرىكا زېمىنلىرىدىكى يېڭى شىركەتلەرگە ياتقۇزماقتا. بۇ خىل ئىجابىي شارائىتقا زېمىن ھازىرلىغان ئامىللارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مەدەنىيەت مۇھىتىنىڭ ئۇيغۇن بولۇشى، دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار خەۋپ سەرمايىسىنىڭ مۇئەسسەسەلىشىشى، ئۇنىۋېرسىتېت – سانائەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەنئەنىگە ئايلانغان ھەمكارلىق ۋە ئوچۇق كۆچمەن سىياسەتلىرى ئورۇن ئالىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆرلەۋاتقان ئىستېمال نىسبىتىنىڭ سىجىللىققا ئىگە ياكى ئەمەسلىكى، تەسەررۇپلارنىڭ تۆۋەنلىكى، تاشقى سودا قىزىل رەقىمىنىڭ زورىيىشى (ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ تاشقى قەرزلىرىنىڭ ئېشىشى)، دۆلەت قەرزلىرىدىكى ئۆرلەش دېگەندەك مەسىلىلەر ئادەمنى ئويغا سالىدۇ. ئېغىر تۇرغۇنلۇق يۈز بەرگەندە، چەت ئەللىكلەرنىڭ پۇللىرىنى ئېلىپ تېز سۈرئەتتە ئامېرىكىدىن چىقىپ كېتىشى مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. بىراق، 2008 – يىلىدىكى پۇل – مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىنمۇ دوللارنىڭ بىخەتەر بىر پورت ئىكەنلىكى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنىسىنىڭ ئائائا شەكلىدىكى دەرىجە كۆرسەتكۈچىنى ساقلاپ قالغانلىقى كۆرۈلدى. شۇنداقتىمۇ ئامېرىكىنىڭ سېلىنمىلىرىنى ئىچكى مەنبەلەرگە تاياندۇرۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى پايدىلىقتۇر.

مالىيە كىرىزىسىدىن كېيىن  دۆلەت قەرزلىرىنىڭ كۆپلۈكى كۈنتەرتىپكە كەلگەن، ئەنگلىيەلىك تارىخچى نىئال فېرگۇسون «مانا ئىمپېرىيەلەر مۇشۇنداق ۋەيران بولىدۇ، ھەممە ئىش قەرز پارتلىشى بىلەن باشلىنىدۇ. 1941 – يىلى پېئارل خاربور قانچىلىك بىخەتەر بولغان بولسا، پۇل جەھەتتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىمۇ شۇنچىلىك بىخەتەردۇر» دېگەنىدى.  ئىجتىمائىي پاراۋانلىق چىقىملىرىنى قىسقارتىپ، باجلارنى ئۆستۈرمىگەن تەقدىردە، ئامېرىكىنىڭ ھەرگىزمۇ خامچوتىنى تەقلەشتۈرۈپ بولالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن فېرگۇسون، قەرز قايتۇرۇشتىمۇ مەسىلە چىقىدۇ، دەپ قارىغانىدى. لېكىن، نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى كېرەك بولغان بىر نۇقتا بار؛ ئۇ بولسىمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىر گىرېتسىيە ئەمەس.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خامچوت باشقارمىسى 2023 – يىلىغىچە دۆلەت قەرزلىرىنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %100 گە يېتىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا. باي دۆلەتلەردە بۇ نىسبەت %90 كە يەتكەندە ئىقتىسادشۇناسلار جىددىيلىشىشكە باشلايدۇ. لېكىن، ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەردە بولمىغان ناھايىتى چوڭ ئىككى خىل ئەۋزەللىكى بار: ئۇ بولسىمۇ، دۇنيانىڭ زاپاس پۇل بىرلىكىگە ۋە خەزىنە زايوملىرى جەھەتتە دۇنيانىڭ ئەڭ راۋان زايوم بازىرىغا ئىگە بولۇشىدۇر. پۇل – مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن دوللار ئۆرلىدى، زايوم ئۆسۈملىرى تۆۋەنلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا بوشلۇقلىرىنى ئاسانلا تولدۇرۇۋالالىدى. قەرزلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، چېكىنىشنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ ئىشارىتى بولمىسىمۇ، بىر خەۋپ ئامىلى ئىكەنلىكى ئېنىقتۇر.

بىز ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇچۇر دەۋرىدە ياخشى تەربىيەلەنگەن بىر ئەمگەك كۈچى قوشۇنى ئىقتىسادىي ئۇتۇقنىڭ ئاچقۇچىدۇر. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئالىي مائارىپى ئۈچۈن مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىن ئاجرىتىلغان پاي، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە ۋە ياپونىيەنىڭكىدىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇنىۋېرسىتېتلىرى دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلىرى قاتارىدا كۆرسىتىلمەكتە. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئامېرىكىلىق ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ سانى دۇنيانىڭ باشقا دۆلەتلىرىدىن كۆپتۇر. ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىلەر سانى جەھەتتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يەنە باشلامچى ئورۇندا تۇرماقتا (خىتاينىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە ئارتۇق). بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، باشتا تەرەققىياتى ئاستا ئىشتاتلار بولۇپ، باشلانغۇچە ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى مەسىلىسى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا بىر مەسىلە پەيدا قىلماقتا. بۇمۇ ئەمگەك كۈچى قوشۇنىنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۇچۇر دەۋرىنىڭ تەلىپىنى قامدىيالماستەك بىر خەۋپنى تەشكىل قىلىدۇ. باشقا دۆلەتلەرنىڭ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى ساھەسىدە نامايان قىلغان ئىلگىرىلەش، ئامېرىكىنىڭ ئارقىدا قالغانلىقى تۇيغۇسىنى بېرىپ قويىدۇ. دۇنيانىڭ ئەڭ باي 30 دۆلىتىنىڭ رەت تەرتىپىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر سانى جەھەتتە ئامېرىكا پەقەت تۈركىيە، يېڭى زېلاندىيە، ئىسپانىيە ۋە مېكسىكىنى ئارقىدا قالدۇرماقتا. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇچۇر مەركەزلىك بىر ئىقتىساد ئىچىدە گۈللىنىدىغان بولسا، مائارىپ سىستېمىسىنى تېزدىن كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەك.

ئامېرىكا ئىقتىسادىغا نىسبەتەن مەسىلە بار يەنە بىرى، كىرىم تەقسىماتىدۇر. 1947 – 1968 – يىللىرى ئارىسىدا ئائىلە كىرىملىرى ئارىسىدىكى تەڭسىزلىكتە تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن بولسا، 1969 – يىلىدىن كېيىن ئېشىشقا باشلىدى. ئىش ئورۇنلىرىنىڭ خىزمەتچى ئېھتىياجىنىڭ ئاز ئوقۇغانلاردىن كۆپ ئوقۇغانلارغا يۈزلىنىشى بىلەن مائاشلار ئېرىشكە، كىرىم تارقىلىشى بۇزۇلۇشقا باشلىدى. تەڭسىزلىكلەر سىياسىي نارازىلىقلارغا، سىياسىي نارازىلىقلار ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلىشىگە پاراللېل ھالدا ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۈبھىسىزكى، بۇمۇ قاتتىق ۋە يۇمشاق كۈچنى زەخمىلەندۈرىدىغان بىر ئامىلدۇر.

ئامېرىكا ئىقتىساد مودېلى ياراتقان يۇمشاق كۈچنىڭ تەسىرى دەتالاشلىق بىر مەسىلە. ئامېرىكىدا دۆلەت خىراجەتلىرى مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. ياۋروپادا دۆلەتلەر مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يېرىمىنى سەرپ قىلىدۇ. ئامېرىكىدا رىقابەتچى بازار كۈچلىرى ھۆكۈمراندۇر. ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، ئۇيۇشمىلار، ئەمگەك كۈچى بازارلىرى ئاز تەكشۈرۈلىدۇ. قانۇنلار تەشەببۇسكارلارنى قوغدايدۇ. چەت ئەللىكلەرنىڭ بىر قىسمى بۇ ئالاھىدىلىككە يۇقىرى باھا بەرسىمۇ، يەنە بىر قىسمى پەيدا قىلغان تەڭسىزلىك، ئىشەنچ يېتەرسىزلىكى، بازار كۈچلىرىگە بېقىندى بولۇپ قېلىش ۋە ماكرو ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىقلارنىڭ بەدىلىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

 

سىياسەت ئورگانلىرى

 

ساقلىنىۋاتقان مۇشۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە قارىماي، ئامېرىكا ئىقتىسادى دۆلەت ئۈچۈن كۈچ يارىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. تۇراقسىزلىقلارنىڭ ئېغىرى ئامېرىكا ئورگانلىرى تەكشۈرۈلگەندە ئوتتۇرىغا چىقماقتا. خېلى كۆپ كۆزەتكۈچىلەر، ئامېرىكا سىياسىي سىستېمىسىدىكى قۇلۇپلىنىپ قېلىشنىڭ كۈچتىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئىلكىدىكى كۈچلەرنى كۆزلەنگەن تەسىرنى پەيدا قىلىدىغان شەكىلدە ئىشلىتىش ئىقتىدارى، دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدىغان «كۈچنى ئايلاندۇرۇش» مەسىلىسى، ئامېرىكىغا نىسبەتەن بۇرۇندىن تارتىپلا بىر ساقلىنىۋاتقان مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە. ئاساسىي قانۇن 18 – ئەسىر لىبېرال قاراش پەلسەپىسىگە تايىنىدۇ. ئۇنىڭغا قارىغاندا، كۈچنى پەقەت پارچىلاش، تورمۇزلاش ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. ئاساسىي قانۇنلۇق قۇرۇلما تاشقى سىياسەت مەسىلىلىرىدە پىرېزىدېنت ۋە كېڭەشنى ئىزچىل بىر كۈرەشنىڭ ئىچىدە تۇتۇپ تۇرىدۇ. كۈچلۈك ئىقتىسادىي ۋە ئېتنىك بېسىم گۇرۇپپىلىرى مىللىي مەنپەئەتلەرنى داۋاملىق ئۆزلىرىنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئانالىز قىلىدۇ ۋە سىياسەتكە تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. كىسىنجېرنىڭ بىر چاغلاردا ئىشارەت قىلىپ ئۆتكىنىدەك، «چەت ئەللىك كۆزەتكۈچىلەرنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇش ھەۋىسى، دەپ ئەيىبلەيدىغان سىياسەتلىرى، ئادەتتە دۆلەت ئىچىدىكى بېسىم گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئىستەكلىرىگە ئاساسەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بىر تەرەپلىمىلىك تېڭىش سىياسەتلىرىگە ئايلىنىدۇ.»

ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە، خەلقنىڭ دۆلەت ئىدارە – ئورگانلىرىغا بولغان ئىشەنچ يېتەرسىزلىكىدۇر. 2010 – يىلىدىكى بىر قېتىملىق ئەلرايى تەكشۈرۈشىدە، ئاۋاز قاتناشتۇرغانلارنىڭ %61 ى دۆلىتىنىڭ چېكىنىۋاتقانلىقىنى؛ %81 ى ھۆكۈمەتنىڭ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا خاتا ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ۋىليام گالستوننىڭ دېگىنىدەك، «خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئەڭ كۆپ ئېھتىياج چۈشكەن چاغ، تېخىمۇ ياخشى كېلەچەك يارىتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ پىداكارلىق قىلىشى تەلەپ قىلىنغان چاغدۇر. بۇنداق  چاغلاردىكى ئىشەنچسىزلىك چېكىنىشنىڭ خەۋەرچىسى، ھەتتا سەۋەبىدۇر.»

1964 – يىلى خەلقنىڭ تۆتتىن ئۈچى فېدېراتىپ ھۆكۈمەتكە ئىشىنەتتى. ئارىلىقتا ئۆرلەش – تۆۋەنلەشلەر كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەڭ ئېغىر تۆۋەنلەش 2009 – يىلى كۆرۈلدى. خەۋپسىزلىك مەسىلىسىدە رەھبەرلىك ئاپپاراتى يالغۇز ئەمەس. ئاساسىي ئورگانلارغا بولغان ئىشەنچ سەۋىيەسىمۇ ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلىدى؛ ئۇنىۋېرسىتېتلار، مۇھىم شىركەتلەر، سەھىيە ساھەسى ۋە مېدىيامۇ بۇ دائىرىگە كېرىدۇ.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدا رەھبەرلىك ئاپپاراتىغا قارىتا ئىشەنچسىزلىك پەلسەپىسى بار ئىدى. ئاساسىي قانۇن بولۇپمۇ كۈچنىڭ مەركەزگە يىغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان شەكىلدە تۈزۈلگەنىدى. ئەنئەنىۋى جېففېرسون ئېقىمىغا قارىلىدىغان بولسا، ئامېرىكىلىقلارنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرىغا ئىشىنىپ – ئىشەنمەسىلىكىگە بەك كۆڭۈلشىمەسلىك كېرەك. كۈندىلىك مەسىلىلەر بىردەملىك بىر يانغا قايرىپ قويۇلغىنىدا، خەلق ئاساسىي قانۇنلۇق قۇرۇلمىدىن مەمنۇندۇر. خەلقنىڭ %80 ى ياشاش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى يەرنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ؛ %90 ى بولسا، ئىگە بولغان دېموكراتىك سىستېمىنى ياقتۇرىدۇ.

ھازىرقى روھىي ھالەت، ئۆتكۈنچى بولۇشى مۇمكىن. ئېغىر چۈشكۈنلۈك ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى زەپەر مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرگەن ئەۋلادلارنىڭ ھۆكۈمىتىگە بولغان ئىشەنچىسى ھەددىدىن زىيارەت يۇقىرى ئىدى.  مەسىلىنىڭ ماھىيىتىگە قارىلىدىغان بولسا، ھەيران قالارلىقى، 1960 – يىللارنىڭ بېشىغىچە داۋاملاشقان بۇ كۈچلۈك ئىشەنچ تۇيغۇسى ئىدى؛ ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۆۋەنلەش ئەمەس. قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئەھۋال، ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچنىڭ زەئىپلىشىش مەسىلە پەيدا قىلمايدۇ، دەپ قارالماسلىقى لازىم. بۇنداق بىر مايىللىق باج تۆلەش ئىستەكسىزلىكىدىن قانۇنلارغا ئۆزى خالاپ رىئايە قىلىش ئادەتلىرىگىچە، ئىستىقبالى پارلاق ياشلارنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىدارە – ئورگانلاردا ئىشلەشتىن يىراق تۇرۇشلىرىغىچە بولغان كۆپلىگەن ساھەلەرگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىجتىمائىي خاتىرجەمسىزلىكلەر نەتىجىسىدە بەزى ئازغۇنلار، 1995 – يىلىدىكى ئوكلاخوما بومبىچىسى ۋەقەسىدىكىگە ئوخشاش، ئىشلارنى دۆلەتنىڭ خىزمەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش دەرىجىسىگىچە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. ئىشنىڭ ياخشى تەرىپى، باج كىرىمى ئىستاتىستىكىلىرىغا ئوخشاش بىر قاتار كۆرسەتكۈچلەر سەلبىيلىكنىڭ ئېغىر دەرىجىگە بېرىپ يەتمىگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. زامانىۋى توپلۇقلارنىڭ كۆپىنچىسىدە تۈزۈمگە ئىسيان كۆتۈرۈش ۋە خۇسۇسىيلىق يۈكسەلمەكتە.

بولۇپمۇ 2008 – يىلىدىكى پۇل – مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە سىياسىي ئورگانلىرىدىكى قۇتۇپلىشىش كۈچەيدى؛ قاپسىلىپ قېلىشلار پات – پاتلا كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان بولدى. بىر ئەنگلىيەلىك كۆزەتكۈچى، سىياسىي سىستېمىنىڭ قانۇن چىقىرىشنى ئاسانلاشتۇرغۇچى ئەمەس، قىيىنلاشتۇرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەنگەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

سىستېمىنىڭ ئىسلاھ قىلىشقا موھتاج كۆپلىگەن تەرەپلىرىنىڭ بارلىقى ئېنىق بولسىمۇ، بەزى تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنىدەك، رىم ئىمپېرىيەسىدىكىگە ئوخشاش بىر يىمىرىلىشنىڭمۇ يۈز بەرگىنى يوق. ئامېرىكا ئىچىدە كۆزگە چېلىقىۋاتقان بۇزۇلۇشلارنىڭ 21 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا كۈچنىڭ تېز سۈرئەتتە ئورۇن ئالماشتۇرۇشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىندەك قىلمايدۇ.

 

مۇھاكىمە

 

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كۈچىنىڭ كەلگۈسى ئون يىللاردا قانداق شەكىلگە ئىگە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشنىڭ بەزى قىيىنچىلىقلىرى بار. 1970 – يىللاردا سوۋېت كۈچى، 1980 – يىللاردا ياپونىيەنىڭ كۈچى توغرىسىدا بىۋاسىتە ھالدا ئامېرىكىلىقلارنىڭ مۇبالىغىلەشتۈرگەن ھالدا مۇھاكىمە يۈرگۈزگەنلىكىنى كۆردۇق. نۆۋەتتە بەزىلەر، ئۆزلىرىگە كۈچلۈك ئىشەنچ قىلغان ھالدا، 21 – ئەسىردە خىتاينىڭ رەھبەرلىكنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قولىدىن ئالىدىغانلىقىنى ئېيتماقتا. يەنە بەزىلەر، 21 – ئەسىرنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەسىرى بولىدىغانلىقىنى… مۆلچەرلەنمىگەن ۋەقەلەر تەخمىنلەرنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋېتەلەيدۇ. پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئوچۇق ناھايىتى كۆپ ساھە بار.

خىتاي ۋە ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ بىر – بىرىگە قارىتا قانداق ئورۇنغا ئىگە بولىدىغانلىقى، ئاساسلىقى خىتاي ئىچىدە قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىغا باغلىق. بۇلارنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويىدىغان بولساق، خىتاي چوڭلۇقى ۋە يۈكسەك تەرەققىيات سۈرئىتى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئالدىدىكى كۈچىنى نىسپىي ھالدا ئاشۇرىدۇ. بىراق بۇ، لىدىرلىك رىقابىتىدە ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، دەپ ئانالىز قىلىنماسلىقى لازىم.

خىتاي ئەگەر كېلەچەكتە ھېچقانداق سىياسىي قالايمىقانچىلىققا سەھنە بولمىغان تەقدىردىمۇ، بۇ دۆلەت توغرىسىدىكى پەقەت مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېىشىشىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەخمىنلەر، ھەقىقەتەنمۇ بىر تەرەپلىمىدۇر. ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ۋە يۇمشاق كۈچلىرى، خىتاينىڭ ئاسىيا رايونىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرى كۈرىشىدىكى قىيىنچىلىقلىرى، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا، ياپونىيە، ھىندىستان ۋە باشقىلىرى بىلەن ئورناتقان كۈچلۈك ئىتتىپاقداشلىقلىرى نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى كېرەك. شەخسىي قارىشىم، خىتاينىڭ ئامېرىكىنى ھەيران قالدۇرىدىغانلىقى، بىراق بۇ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدىكى لىدىرلىك رىقابىتىدە ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتەلمەيدىغانلىقىدۇر.

ئەنگلىيەلىك ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى لاۋرېنس فىرىدوم ئامېرىكىنى باشقا چوڭ كۈچلەردىن تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرىدۇ: «ئامېرىكا كۈچىنى مۇستەملىكىلىرىدىن ئەمەس، ئىتتىپاقداشلىرىدىن ئالىدۇ. ئىدېئولوگىيەلىرىمۇ ئېلاستىكىلىقتۇر. ھەددىدىن زىيادە ئېچىلىپ كەتكەن بولسا، قايتىشنىمۇ بىلىدۇ.» كېلەچەك توغرىسىدىكى يەنە بىر يەكۈن بولسا، ئىنتېرنېتنىڭ كۈچى دەرىجە قاتلىمىغا ئىگە كۈچنىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي ئىگىلىمىسىمۇ، ئۇنىڭچىلىك مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كېلەچەكنىڭ دۇنياسىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، كۈلتۈرىنىڭ ئوچۇقلۇقى ۋە يېڭىلىقچىلىقى بىلەن ناھايىتى مەركىزىي بىر نۇقتىدا بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ نىسپىي ئەمەس، مۇقەررەر چېكىنىشكە باشلىغانلىقى مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ دۆلەتنىڭ قەرز، ئوتتۇرا ئىشلەپچىقىرىش، سىياسىي جەھەتتە تورمۇزلىنىپ قېلىش دېگەندەك ساھەلەردە ئېغىر مەسىلىلىرى بار. بۇلارنى ھەل قىلىش قىيىن، لېكىن، ھېچبولمىغاندا چارىسى بار. ھەتتا بەزى مەسىلىلەرنى ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەستىنلا ھەل قىلىش مۇمكىن. ئامېرىكىنىڭ چېكىنىشكە يۈزلىنىشى نەتىجىسىدە كۈچنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرىدىغانلىقىغا دائىر مۆلچەرلەر خاتا يۆنىلىشكە باشلايدۇ؛ بۇ، خىتاينى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارشى تەۋەككۈلچى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشقا قىزىقتۇرۇشى، ئامېرىكىنىمۇ خەۋپسىرەپ ئاشۇرۇپ ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئىتتىرىشى مۇمكىن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى «مۇتلەق چېكىنىش» مۇساپىسىدە ئەمەس. مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى بۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئالدىمىزدىكى ئون يىللاردا ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا ئامېرىكىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كۆپلىگەن دۆلەت ۋە دۆلەتسىز كۈچلەرنىڭ دوئېل ئېلان قىلىشىغا دۇچ كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كۈچىنى باشقىلارنىڭ ئۈستىگە ئەمەس، باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئىشقا سېلىشقا مەجبۇر بولىدىغان ئەھۋاللارغىمۇ دۇچ كېلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە يېڭى ھەمكارلىقلارنى ئورنىتىش قابىلىيىتى، قاتتىق ۋە يۇمشاق كۈچىنىڭ مۇھىم ئامىللىرى بولىدۇ.

بۇنداق شارائىتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىمكانىيەتلىرىنى تاشقى كۈچكە ئايلاندۇرالىشى ئۈچۈن، ئىچكى ئىسلاھاتلارنى ئاقىلانە ئىستراتېگىيەلەر بىلەن يۇغۇرۇپ ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئەھمىيىتى بارغانچە ئاشماقتا. بۇ ھەقتە كېيىنكى پەسىلدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

 

3 – پەسىل

سىياسەتلەر

7 – بۆلۈم

ئەقلىي كۈچ

كۈچ دىيەت تۇتۇش باسقۇچىدىكى كالورىيەگە ئوخشايدۇ؛ كۆپ بولۇشى ياخشىلىقىنى كۆرسەتمەسلىكى مۇمكىن. كۈچ شەكىللەندۈرەلەيدىغان مەنبەلەر ئاز بولسا، كۆزلەنگەن ئۈنۈمنى ھاسىل قىلىش مۇمكىنچىلىكى شۈبھىسىزكى ئازىيىدۇ. لېكىن، ئۇ پەيدا قىلغان ھەددىدىن زىيادە ئىشەنچ تۇيغۇسى، نامۇۋاپىق ئىستراتېگىيەلەرنىڭ تاللىنىشىغا ئېلىپ بارسا، كۈچنىڭ ئارتۇقىمۇ پايدىنىڭ ئورنىغا زىيان ئېلىپ كېلىدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ. قولىمىزدا لورد ئاكتوننىڭ «كۈچ چىرىتىدۇ؛ مۇتلەق كۈچ مۇقەررەر چىرىتىدۇ» دېگەن سۆزىنى تەكىتلەش ماھىيىتىدە نۇرغۇن مىساللار بار. تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كۈچنى ئەڭ كۆپ چىرىتكەنلەر، ئۇ كۈچكە ئىگە بولۇشقا يېتەرلىك دەرىجىدە لايىق بولغانلىقىنى ئويلىغانلاردۇر.

21 – ئەسىرنىڭ ئەقلىي كۈچ ئېيتىمى، كۈچنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ياكى ھۆكۈمرانلىقنى ساقلاپ قېلىشنى تىلغا ئالمايدۇ. ئۇنىڭ تىلغا ئالىدىغىنى، باشقىلار يۈكسىلىشكە ئۆتكەن، كۈچ پەرقلىق تەرەپلەرگە تارقىلىپ كەتكەن بىر مۇھىتتا، كۈچ مەنبەلىرىنى توغرا ئىستراتېگىيەلەر بىلەن يۇغۇرۇشنىڭ يوللىرىنى تېپىپ چىقىشتۇر. ئىستراتېگىيە، مەۋجۇت ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ ھاسىل قىلغىلى بولىدىغان نەتىجىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ بولسا، نىشاننىڭ روشەن بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەقلىي ئىستراتېگىيە تۆۋەندىكى بەش سوئالغا جاۋاب بېرەلىشى كېرەك:

1 – كۆزلەنگەن نىشان ياكى ھاسىل قىلىنماقچى بولغان نەتىجە نېمە؟

كۆزلەنگەن ھەممىلا نەرسىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمىغان ئىكەن، مۇھىم ئىشلار ۋە ئال / بەر سودىلىقلىرىغا ئالاقىدار تەييارلىقلار قىلىنغان بولۇشى كېرەك. تونۇلغان بىر تارىخچى مۇداپىئە مىنىستىرى دىك چېنېي ھەققىدە مۇنداق دېگەنىدى: «1990 – يىللارنىڭ مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسى پەقەتلا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلدۇرۇش مەقسىتىنى چىقىش قىلاتتى. بۇنىڭ قانداق مەقسەت بىلەن قىلىنماقچى بولغانلىقىغا دائىر بىر ئىزاھاتى يوق ئىدى.»

2 – قولدىكى ئىمكانىيەتلەر نېمىلەردىن ئىبارەت ۋە بۇ ئىمكانىيەتلەردىن قايسى دائىرىدە پايدىلىنىشقا بولىدۇ؟

ئەلۋەتتە، ياخشى بىر تىزىملىك تەييارلاش زۆرۈر بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك بولمايدۇ. بۇلارنى قاچان ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقى ۋە ئىشلىتىلگەن چاغلاردا پەرقلىق ئەھۋاللارنى قانداق ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقلىرىنى مۆلچەرلەشمۇ مۇھىم.

3 – تەسىر كۆرسىتىش كۆزلەنگەن نىشاننىڭ ئورنى ۋە تاللاشلىرى نېمىلەر؟ رەقىبلىرىنىڭ قوللىرىدا نېمە بار، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلار قانداق ئويلايدۇ؟

مەقسەت پەقەت رەقىبنى ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت بولسا، ئۇنىڭ قانداق ئويلايدىغانلىقىنىڭ ئەھميىتى يوق، ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن؟

4 – ئۇتۇققا ئېرىشىش ئىمكانىيىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان كۈچ ئىشلىتىش شەكلى قايسى؟

مەسىلەن، قانداق ئەھۋاللادا قاتتىق، قانداق ئەھۋاللاردا يۇمشاق كۈچ ئىشلىتىش لازىم؟ بۇلارنىڭ بىر – بىرلىرىنى تولۇقلىشى قانداق ۋە قاچان ئىشقا ئاشىدۇ؟

5 – ئۇتۇققا ئېرىشىش پۇرسىتى قانچىلىك؟

ئۇتۇق قازىنىلىدىغانلىقى توغرىسىدا قارىغۇلارچە  ئۈمىدۋار بولۇش، مەركىزىي دەپ قارالغان رېئاللىق بىلەن بىرلەشكىنىدە، بىر قىسىم ئىشەنگۈسىز دەرىجىدىكى ناچار ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ (ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئىشغالىدىكىگە ئوخشاش).

 

دۆلەتلەر يۈرگۈزۈۋاتقان ئەقلىي كۈچ ئىستراتېگىيەلىرى

 

مەيلى قاتتىق، مەيلى يۇمشاق كۈچ ئىمكانىيەتلىرىنىڭ مەنتىقىلىق شەكىلدە پۈتۈنلەشتۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان «ئەقلىي كۈچ» ئۇقۇمى، ئوباما ۋە كىلىنتوننىڭ تاشقى سىياسەت قارىشىنىڭ مەركىزىدە بولۇش بىلەن بىرگە، بۇ كۈچ كىچىك دۆلەتلەر تەرىپىدىنمۇ ئۇستىلىق بىلەن ئىشلىتىمەكتە. سىنگاپور، بىر تەرەپتىن قوشنىلىرى ئاسانلا يۇتۇۋالالايدىغان بىر لوقما بولۇشتىن قۇتۇلغۇدەك دەرىجىدە قوراللاندى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىۋېرسىتېتلىرى، خەلقئارا دىپلوماتىك تەشكىلاتلاردىكى رولى سايىسىدا گېپى ئۆتىدىغان بىر دۆلەتكە ئايلاندى. شىۋېيتسارىيە مەجبۇرىي ئەسكەرلىك تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تاغلىق جۇغراپىيەلىك ئورنىدىن بىر ۋاز كەچتۈرگۈچى كۈچ سۈپىتىدە پايدىلاندى، يەنە بىر تەرەپتىن بانكىچىلىق كۈلتۈرى ۋە سودا تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق ئۆزىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ نەزىرىدە جەلپكار ئورۇن ئىگە قىلدى.

ماۋ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي، يادرو قوراللىرى قاتارلىق ھەربىي قۇدرىتىنى تەرەققىي قىلدۇردى، يۇمشاق كۈچى سايىسىدىمۇ ئۆزىگە ئىدېئولوگىيەلىك ئىتتىپاقداشلارنى تېپىپ، ئۈچىنچى دۇنيا ھەمكارلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالىغانىدى. 1970 – يىللاردىكى ئىدېئولوگىيەلىك يىمىرىلىشتىن كېيىن رەھبەرلىكى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە بازار مېخانىزملىرىغا يۈزلەندى. دېڭ، پۈتكۈل پۇقرالىرىنى تەرەققىيات نىشانىدىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدىغان سىرتقا قارىتا تەۋەككۈلچى قەدەملەرنى تاشلاشتىن ساقلىنىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. رەئىس خۇ، 2007 – يىلى خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى. بۇ سىياسەت، ئىقتىساد ۋە ھەربىي ساھەدە چوڭ قەدەملەرنى تاشلىغان بىر دۆلەتكە نىسبەتەن، ئاقىلانە بىر ئىستراتېگىيە ئىدى. نېمىشقىدۇر، قولغا كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي ئۇتۇقلىرى يۈزىسىدىن ھەددىدىن زىيادە ئىشەنچ تۇيغۇسىغا مۇپتىلا بولغان خىتاي، 2009 – يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ، بۇ ئەقلىي ئىستراتېگىيەلەردىن يىراقلىشىشقا باشلىغاندەك كۆرۈنمەكتە. دېڭنىڭ، قەدەملەرنىڭ دىققەت بىلەن تاشلىنىشى ۋە «ئۇستىلىق بىلەن ئاجىزدەك كۆرۈنۈش» توغرىسىدىكى تەۋسىيەسى ئەستىن چىقىرىلغاندەك قىلىدۇ.

بىر دۆلەتنىڭ «بۈيۈك ئىستراتېگىيە»سى، رەھبەرلىرىنىڭ خەۋپسىزلىك، باياشاتلىق ۋە كىملىك مەسىلىسىدىكى نەزەرىيەلىرىدۇر. بۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، دۆلەتلەر ئومۇمىيلىققا ئىگە بىر ئويۇن پىلانى تۈزۈپ چىقىدۇ. بىراق، بۇ پىلان ئېلاستىكلىق بولۇشى ۋە ئۆزگىرىشچان شەرتلەرگە ماسلىشالايدىغان بولۇشى كېرەك.

سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ – مەۋجۇت بىردىنبىر چوڭ كۈچ سۈپىتىدە – دۇنياغا نېمىنى خالىسا، قوبۇل قىلدۇرالايدىغانلىقىدەك بىر خىل قاراش ھاسىل بولدى. بۇ ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسى بۇش ھۆكۈمىتىگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئالدىنى ئالغۇچى ئۇرۇش ۋە بېسىم يولى بىلەن دېموكراتىيەلەشتۈرۈش پىكرى ئوتتۇرىغا چىقتى. ۋەھالەنكى ، بۇ يېڭى بىر قۇتۇپلۇقلۇق نەزەرىيەسى، مەيلى دۇنيا سىياسىتىدە كۈچكە قانداق قارىلىدىغانلىقى، مەيلى قايسى كۈچ ئىمكانىيەتلىرىنىڭ قانداق شارائىتتا، قانداق نەتىجىلەرنى يارىتىدىغانلىقى جەھەتتە بولسۇن، ناھايىتى قورقۇنچلۇق خاتالىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

دەۋرىمىز دۇنياسىدا ئاساسىي مايىللىقلار قايسىلار؟ بۇلار قانداق ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە؟ دەۋرىمىز سىياسەتلىرىنى ئۈچ ئۆلچەملىك بىر شاھمات تاختىسىغا ئوخشىتىش مۇمكىن. تاختىنىڭ بىرىنچى يۈزىدىكى دۆلەتلەرئارا كۈچ، ئاساسەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قولىغا توپلانغان بولسا، ئىككىنچى يۈزىدىكى ئىقتىسادىي كۈچ كۆپ قۇتۇپلۇق بىر شەكىلدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياپونىيە ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئارىسىغا يېيىلماقتا. ئۈچىنچى يۈزىدىكى كىلىمات ئۆزگىرىشى، جىنايەت، تېررورلۇق، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە ئوخشاش دۆلەت ھالقىغان مەسىلىلەرگە ھۆكۈمران كۈچلەر بولسا، تولىمۇ چېچىلاڭغۇدۇر.

دۇنيا بىر قۇتۇپلۇقمۇ، كۆپ قۇتۇپلۇقمۇ، قالايمىقانمۇ ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇلارنىڭ ھەممىسىدۇر! شۇڭا ئەڭ ياخشى ئەقلىي ئىستراتېگىيە، كۈچنىڭ ھەرقايسى تارقىلىش شەكىللىرىنى، بۇلارنىڭ پەرقلىق رايونلاردىكى تەسىرلىرىنى ۋە ئارىسىدىكى ئال / بەر مۇناسىۋىتىنى ئىنتايىن ياخشى تەھلىل قىلغان ئىستراتېگىيەدۇر. رېئالىست كۆزئەينەك بىلەن شاھمات تاختىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرىدىكى قىسمىغا ياكى لىبېرال كۆزئەينەك بىلەن قالغان ئىككى يۈزىگە مەركەزلىشىشنىڭ ئەھمىيىتى قالمىدى. دەۋرىمىزنىڭ كونتېكىستقا ئۇيغۇن ئەقلى ئۈچ تەرەپنىڭ ھەممىسىگە لىبېرال رېئالىزم بىلەن قاراشنى شەرت قىلىدۇ. شاھمات تاختىسىنىڭ يۇقىرى تەرىپىنى مەنبە قىلغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىتتىپاقداشلىقلارنى تۈزۈش، كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرىنى نەزەرگە ئېلىش مۇھىم بولسىمۇ، ھەربىي چارىلەر ئۈچىنچى تەرەپتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا كارغا كەلمەيدۇ. بۇلار جەمئىيەتنىڭ ياخشىلىقىنى نىشان قىلىدىغان، ھېچكىم چەتكە قېقىلمايدىغان ھەمكارلىقلارنى ۋە ئورگانلار ئارا تەشكىلاتلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنداق مەسىلىلەردە،  تۈزۈمنىڭ پائاللىقىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن چوڭ دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىكىگە ئېھتىياج چۈشىدۇ. چۈنكى، كىچىك مىللەتلەرنىڭ بۇ خىل ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىشكە قۇربى يەتمەيدۇ. ئەپسۇسكى، ئومۇمىي خەلق بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەۋپسىزلىك، سودا دېگەندەك مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مۇنبەرلەردە، غۇژمەكلىشىۋېلىشلار كۆرۈلمەكتە، بەزى دۆلەتلەر سەپنىڭ سىرتىغا ئىتتىرىلمەكتە.

21 – ئەسىرگە نىسبەتەن دۇنياۋى بىر ھۆكۈمەت قۇرۇلىدىغاندەك قىلمايدۇ. بىراق، دۇنياۋى بىر تۈزۈم مۇئەييەن دەرىجىدە ئىجرا قىلىنماقتا. پوچتا – تېلېگراف، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى، سودا، ھەتتا يادرو قوراللارنىڭ كېڭىشى ۋە ئېشىندىلارنىڭ ئوكيانلارغا قويۇپ بېرىلىشىگە ئوخشاش نۇرغۇن مەسىلىلەر توغرىسىدا دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنى تەرتىپكە سالىدىغان كېلىشىم، تۈزۈم ۋە ئورگان بار. لېكىن، بۇ ئورگانلار ناھايىتى نادىر ئەھۋاللاردىلا ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقماقتا. كۆپىنچە ھاللاردا چوڭ كۈچكە ئىگە دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىك ئورنىدىن پايدىلانماقتا. چوڭ دۆلەتلەرنىڭ 21 – ئەسىر بويىچە مەسئۇلىيەتلىرىنى ئورۇنداپ – ئورۇندىمايدىغانلىقىنى، خىتاي، ھىندىستاندەك ئالدىغا ئۆتۈش ئۈچۈن چېلىشىش ئىشقىغا مۇپتىلا بولغانلارنىڭ، مەزكۇر خەلقئارالىق ئورگانلارنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۇرۇشىغا كىرىپ – كىرمەيدىغانلىقىنى كۈتۈپ كۆرىمىز.

خەلقئارا دىپلوماتىيەنىڭ ئەڭ ئېغىر قىيىنچىلىقلىرىنىڭ بىرى، ھەم ھەممىنى مۇئەييەن رولغا ئىگە قىلىش ھەم ھەممە ئىشتىراك قىلغان بىر ئويۇننى كىرىزىسقا دۇچار قىلماستىن مەنىگە ئىگە قىلالايدىغان بولۇشتۇر. بۇ پەقەت بەزىلىرىگە يالغان ئېيتىش ئارقىلىقلا مۇمكىن بولىدۇكى، ياۋروپالىقلار بۇنى «ئۆزگىرىشچان گېئومېتىرىيە» دەپ ئاتايدۇ. تەجرىبىلىك بىر دىپلوماتنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالىدىغان بولساق:

«تاشقى پېرېۋوتقا مۇناسىۋەتلىك 20 دۆلەت ئىشتىراك قىلغان بىر يىغىندىن ياكى كىلىنتون دەۋرىدىكىگە ئوخشاش، مېكسىكىنى مالىيە قىيىنچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەش توغرىسىدىكى كەڭ دائىرىلىك بىر مۇزاكىرىدىن ئۈنۈمگە ئېرىشىش قىيىندۇر. 10 دۆلەتنىڭ ئىشتىراك قىلىشىمۇ چىگىش بولۇپ كېتىدۇ. نەتىجىدە ئۈچ تەرەپ ئىشتىراك قىلغان يىغىندا ئۈچ جۈپ مۇناسىۋەت بولىدۇ. 10 دۆلەت ئىشىتراك قىلغاندا، 45 جۈپ، 100 دۆلەت ئىشتىراك قىلغاندا بولسا، 500 جۈپكە يېقىن مۇناسىۋەت بولىدۇ. كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىغا قاراپ باقايلى: بۇ مەسىلىدە ب د ت رول ئوينايدىغان بولسىمۇ، سودىلىشىشلار 10 – 12 دۆلەت ئىشتىراك قىلغان كىچىك مۇنبەرلەردە ئېلىپ بېرىلىدۇ. چۈنكى، پارنىك گازى تەسىرىنىڭ %80 ىگە  مەزكۇر 10 – 12 دۆلەت جاۋابكاردۇر.»

دۇنيا تۈزۈمى رەسمىي ۋە غەيرىي رەسمىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىجرا قىلىنىدۇ. 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئوخشاش تەشكىلىي ئورگانلار كۈنتەرتىپنى بېكىتىدۇ، يارىشىشلارنى تەرتىپكە سالىدۇ، سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرىدۇ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ ۋە ئۆلچەملەرنى بېكىتىپ چىقىدۇ. مانا مۇشۇنداق تور مىسالى تەشكىلاتلار باشقا ئاكتىيورلارنىڭ ئۈستىگە بېسىپ ئۆتۈش ئۇسۇلى بىلەن ئەمەس، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئۈنۈم ھاسىل قىلغۇچى كۈچ بىرلىكىنى يارىتىدۇ. ئەگەر بىر دۆلەت ب د ت، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، دۇنيا بانكىسىغا ئوخشاش تەشكىلاتلاردا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولمىسا، ئۇنىڭ دۇنياۋى كۈچ بولۇش پۇرسىتى يوقتۇر. بۇ نۇقتىدىن قارالغىنىدا، 21 – ئەسىرنىڭ ئاسىيانىڭ ئەسىرى بولىدىغانلىقىغا دائىر قاراشلار تاكامۇللاشمىغان قاراشلاردۇر. ئامېرىكا، باشقۇرۇش تورلىرىنىڭ مەركىزىدىكى رولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

 

ئامېرىكىنىڭ ئەقلىي كۈچ ئىستراتېگىيەسىنىڭ شەكىللىنىشى

 

ياخشى تۈزۈلگەن بىر ئىستراتېگىيە توغرىسىدا سورىلىشى كېرەك بولغان بەش سوئال توغرىسىدا يۇقىرىدا توختىلىپ ئۆتكەنىدۇق. ئەمدى، ئامېرىكا ئەقلىي كۈچ ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ شەكىللىنىشى باسقۇچىدا تاشلىنىشى كېرەك بولغان قەدەملەرگە قاراپ چىقايلى:

بىرىنچى قەدەم:

ئامېرىكىلىقلار ئۇزۇندىن بۇيان قايسى نىشان بىلەن كۈچلۈك بولۇشلىرى كېرەكلىكىنى بەس – مۇنازىرە قىلماقتا. مەقسەت، دۆلەتنىڭ ئۆز كۈچىنى قۇرۇپ چىقىش ۋە  يۈكسەلتىش بولۇشى كېرەكمۇ؟ ياكى بۇ كۈچ دېموكراتىك قىممەت – قاراشلارنى دۆلەت ئىچىدە – سىرتىدا لىبېرال مۇداخىلىچىلىك ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى لازىممۇ؟  بۇ بىر نۇقتىدىن قارىغاندا، رېئالىستلىق بىلەن ئىدېئالىزم ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشتۇر. ئامېرىكىنىڭ قارىشى، بۇنىڭ ھەر ئىككىسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

دېموكراتىيە نۇقتىسىدىن دۆلەت مەنپەئەتلىرى دېمەك، خەلقنىڭ تاللىشى دېمەكتۇر. خەلق، ئەتراپلىق بەس – مۇنازىرىلەردىن كېيىن دۆلەت مەنپەئەتلىرى ۋە ئالدىنقى پىلاندىكى ئىشلىرىنى قانداق بىرلەشتۈرگەن بولسا، مەنپەئەت ۋە ئالدىنقى پىلاندىكى ئىشلارمۇ ئۇلاردۇر. كۈچلۈك ئىستراتېگىيە ئۆز ھاياتىنى كاپالەت ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن، ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭ نەزەردە تۇتۇلۇشىنى ۋە قوغدىلىشىنى نىشان قىلىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ تاللىشى بولغان دېموكراتىك ۋە لىبېرال قىممەت – قاراشلارنى دۇنيا مىقياسىغا كېڭەيتىشكە تىرىشىش، رايونلۇق توقۇنۇشلارنىڭ تەرەپلىرىنى ياراشتۇرۇش بىلەن مەشغۇل بولۇش، مۇقىملىق ۋە باياشاتلىق يارىتىشقا كۈچ چىقىرىش ئارقىلىق كۈچىنى ھەم ئۆز مەنپەئەتى، ھەم باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.

ئىككىنچى قەدەم:

قىممەت – قاراشلار بىلەن مەنپەئەتلەرنى ئۆزئارا يۇغۇرۇپ باشقۇرۇشقا بولىدىغان نىشانلار ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان قاتتىق ۋە يۇمشاق كۈچلەرنىڭ دائىرىسى ئانالىز قىلىنىشى ۋە قايسى كۈچنى، قەيەردە، قايسى نىشانغا قارىتا ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقى بېكىتىپ چىقىلىشى لازىم. دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچى بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، بېكىتىلگەن نىشانلارنى بويلاپ ئىلگىرىلەش جەريانىدا قولىنىڭ ئېغىر، سىياسەتلىرىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكى تونۇشىنى پەيدا قىلىپ قويۇشتىن ئالاھىدە ساقلىنىشى، يۇمشاق كۈچىنى ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە ئىشقا سېلىشى كېرەك.

ئۈچىنچى قەدەم:

ئىستراتېگىيەنىڭ ئۈچىنچى قەدىمى، تەسىر ئاستىغا ئېلىنماقچى بولغان رايونلاردىكى ئىمكانىيەتلەرنىڭ ۋە خەلقنىڭ نېمىلەرنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى بېكىتىپ چىقىش بولۇشى لازىم.

تۆتىنچى قەدەم:

بۇ قەدەمدە، كۈچ ئىمكانىيەتلىرىنىڭ قايسىلىرىدىن پايدىلىنىلىدىغانلىقىغا قارار قىلىنىدۇ. سىياسەتلەر بۇيرۇق يولى بىلەن ئىجرا قىلىنامدۇ ياكى ھەمكارلىق ئورنىتىش يولى بىلەنمۇ؟ قارار قىلىنىدۇ. ئىككى خىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ بىر – بىرىنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلىتىۋېتىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسلىقىغا، ئەكسىچە بۇلارنىڭ بىر – بىرىنى تولۇقلىشىغا دىققەت قىلىنىدۇ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا كۆرۈلگەن ئۆزگىرىشلەرگە ماس تاكتىكىلىق پەرقلەر يارىتىلىدۇ.

بەشىنچى قەدەم:

ناھايەت بەشىنچى قەدەمدە، كۆزلەنگەن نىشانلارغا يېتىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ئەستايىدىللىق بىلەن مۇھاكىمە قىلىنىشى كېرەك. ئەقلىي ئىستراتېگىيە، كۈچىنىڭ چەك – چېگرالىرىنى بىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ھالقىپ كەتمەيدۇ. باشقا دۆلەتلەرنى ئامېرىكىنىڭ قىممەت – قاراشلىرىغا ماس كېلىدىغان شەكىلدە قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش، ئامېرىكىنىڭ تۈگىمەس ئارزۇسىدۇر. بىراق، ئەگەر ئەمەلىيەتچان بىر تاشقى سىياسەت كىيىمى تىكىلىدىغان بولسا، رەختنى تەشكىل قىلىدىغان كۈچ مەنبەلىرى ئۇ كىيىمگە  ماس كېلىشى كېرەك. بۇ دۆلەت ئۈچۈن ئەقلىي كۈچ ئىستراتېگىيەسى ۋە نەزەرىيەسى «ئۇيغۇن كىيىم ئۈچۈن ئۇيغۇن رەخت» بولۇشى كېرەك.

 

خۇلاسە

 

ئەقلىي كۈچ ئىستراتېگىيەسى رېئالىستلار بىلەن لىبېراللار ئارىسىدىكى كونا پىكىر ئوخشىماسلىقلىرىنىڭ بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇلۇشىنى ۋە بۇنىڭ ئورنىنى لىبېرال رېئاللىق تېمىسى ئاستىدىكى يېڭى بىر بېرىكمىنىڭ ئىگىلىشىنى شەرت قىلىدۇ. لىبېرال رېئالىست بىر ئەقلىي كۈچ ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئامىللىرى نېمىلەردىن ئىبارەت بولۇشى لازىم؟

ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ كۈچى ۋە بۇ كۈچنىڭ چەك – چېگراسىنىڭ نېمىلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا رېئالىست قاراشقا ئېھتىياج بار. ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇش ئىمپېراتورلۇق قۇرۇش ياكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىتىش دېگەنلىك بولمايدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىغا تەسىر كۆرسىتەلىشى مۇمكىن، بىراق كونترول قىلالمايدۇ. كۈچ ئۇقۇمى شەرت – شارائىتقا قاراپ ئۆزگىرىدۇ. كىلىمات ئۆزگىرىشلىرى، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە تېررورىزمغا ئوخشاش چېگرا ھالقىغان مەسىلىلەرگە كەلگەندە ئىشلار تېخىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. كۈچ ھەممىلا تەرەپكە تارقالدى ۋە قالايمىقان شەكىلدە تەقسىملەندى. ھەربىي كۈچ بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا يېتەرلىك ئەمەس. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش دۆلەتلەرئارا ھەمكارلىقنى ۋە خەلقئارا ئورگانلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرى شۇنداقلا ئۆزئارا ماسلىشىشىنى شەرت قىلىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، دۇنيا ئاھالىسىنىڭ ئورتاق ساھەسى بولغان ھاۋا ۋە ئوچۇق دېڭىزلاردا ھەربىي جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى نامايان قىلغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ ئۈستۈنلۈك ئۇنى مىللەتچىلىككە چېتىشلىق مەسىلىلەر باش كۆتۈرگىنىدە يېتەرلىك ئەۋزەللىككە ئىگە قىلمايدۇ. مۇۋەپپەقىيەت بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭ يولى كونا ئىتتىپاقداشلىقلارنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، يېڭى تەشكىلاتلارنى قۇرۇش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ مۇساپىگە خىتاي، ھىندىستان ۋە بىرازىلىيەگە ئوخشاش يۈكسىلىۋاتقان كۈچلەرمۇ كىرگۈزۈلۈشى كېرەك.

ئىككىنچى، لىبېرال ئىدىيەدىكى رېئالىست ئىستراتېگىيە، سوغۇق ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش جەريانىدىكىگە ئوخشاش، قاتتىق ۋە جەزبىدار يۇمشاق كۈچ ئامىللىرىنىڭ بۈيۈك بىر ئەقلىي كۈچ ئىستراتېگىيەسى دائىرىسىدىكى بېرىكمىسىدىن تەشكىل تېپىشى لازىم. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يىراق يەرلەردىكى  قوپال ۋە يارىشىشنى بىلمەيدىغان تېررورچىلارغا قارشى تۇرغاندا قاتتىق كۈچىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇردۇر. لېكىن، مۆتىدىل مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقلى ۋە كۆڭلىنى ئۇتماي تۇرۇپ، بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش مۇمكىن ئەمەس.

ئۈچىنچى،  لىبېرال ئىدىيەدىكى رېئالىست ئىستراتېگىيە تايىنىدىغان ئاساسلىق دىيەكلەر، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، كۈچلۈك ئىقتىسادىي قۇرۇلما تەسىس قىلىش، مۇھىت پاجىئەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش (يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ سەلبىي تەسىرلىرى دېگەندەك)، لىبېرال دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپلىرىنى دۆلەت ئىچى – سىرتىدا ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە مۇۋاپىق بەدەل تۆلەپ تەشۋىق قىلىشتىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك. ئامېرىكىنىڭ كۈلتۈر پەرقى ئەمەلىيىتىنى تونۇپ يېتىپ، بۇنى قوبۇل قىلغان ھالدا دېموكراتىيەنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى ئاقىلانىلىك بولىدۇ. بۇ ئىستراتېگىيە بولسا، تۆۋەندە بايان قىلىنغان بەش مەسىلىنى ئالدىنقى پىلانغا قويۇشى كېرەك:

1 – ئامېرىكىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ئەڭ ئېغىر زەربە خەلقئارالىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇپ قېلىشى بولىدۇ. بۇنىڭ جەزمەن ئالدى ئېلىنىشى كېرەك.

2 – سىياسىي ئىسلام ۋە بۇنىڭ قايسى يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلىدىغانلىقى: ئاشقۇنلۇق تەرەپدارى ئىسلامىي ئۇنسۇرلارغا قارشى نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەش، بىر مەدەنىيەتلەر توقۇنۇش ئەمەس. ماھىيىتىگە قارىلىدىغان بولسا، ئىسلامنىڭ ئۆز ئىچىدىكى ئۇرۇشتۇر. بىر ئاشقۇن ئازسانلىق، ئىسلام دىنىنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇۋېلىنغان ۋە ئىدېئولوگىيەلەشتۈرۈۋېلىنغان بىر تەرىپىنى تېخىمۇ كەڭ دۇنيا قاراشقا ئىگە مۆتىدىل مۇسۇلمانلارغا بېسىم ئىشلىتىش ۋە زوراۋانلىق يولى بىلەن تېڭىشقا تىرىشماقتا. مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ سانلىقى ئاسىيادا بولسىمۇ، ۋەقە ئوتتۇرا شەرقتىن كېلىپ چىقماقتا ۋە دۇنيادىكى ناھايىتى رايونغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھالەتكە كەلمەكتە. ئوتتۇرا شەرق يەرشارىلىشىش، ئوچۇق – ئاشكارا بولۇش، مۇئەسسەسەلىشىش ۋە دېموكراتىيەلىشىش جەھەتتە  دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئارقىدا قالغان. ئىقتىسادىي ئېشىش كاپالەتكە ئىگە قىلىنالىسا، بۇنىڭ ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ كۈچەيتىلىشى، باشقۇرۇش قاتلىمىغا قېتىلىش سۈرئىتىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى، ئومۇمىي ئىجتىمائىي ئادەتلەرنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەمچى بولىدۇ. لېكىن، بۇ جەرياندا ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا مۇسۇلمانلارغا قىلىنىدىغان مۇئامىلىلەرمۇ ناھايىتى مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. غەربنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى، مۆتىدىل مۇسۇلمانلارنى جەلپ قىلالامدۇ ياكى ئۇلارنى ئاشقۇن ئىسلامچىلارنىڭ قوينىغا ئىتتىرەمدۇ؟ بۇنى ئەستايىدىل ئويلاش كېرەك.

3 – دۇنيا نوپۇسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئورۇنلاشقان ئاسىيانىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۈكسىلىشىنىڭ، بۇ رايوندا دۈشمەنلەچە بىر ھۆكۈمدارلىقنى يارىتىپ – ياراتمايدىغانلىقى: بۇنداق بىر ھالەتنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتاينى مەسئۇلىيەتچان بىر شېرىك دەپ قوبۇل قىلىنىشىغا توغرا كېلىدۇ. بىراق، خىتاي كۈچىنىڭ دۈشمەنلەرچە تۈسكە كىرىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياپونىيە، ھىندىستان ۋە ئاسىيادىكى باشقا ئامېرىكا دوستى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى ساقلاپ قېلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم.

4 – مالىيە باشقۇرۇشىنىڭ ناچارلىقىدىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەر ياكى بەسرە قولتۇقىدىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرى بىلەن ئالاقىدار بىر مۇقىمسىزلىق تۈپەيلى دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىققا دۇچ كېلىشى: بۇنىڭ چارىسى نېفىتقا بولغان بېقىندىلىقنى ئازايتىش بولىدۇ. ئەمما بۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېنېرگىيە بازارلىرىدىن ئۆزىنى تارتىشى ۋە پايدىدىن كۆپ زىيان ئېلىپ كېلىدىغان قورۇقچىلىق تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشى دېگەنلىك بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.

5 – بەشىنچى چوڭ مەسىلە، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ياكى كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ سەلبىي تەسىرلىرىگە ئوخشاش مۇھىتقا مۇناسىۋەتلىك پاجىئەلەردۇر. بۇ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئاقىلانە ئېنېرگىيە سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە خەلقئارا ئورگانلار بىلەن تېخىمۇ يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىش لازىم.

خۇلاسىلىگەندە، خەلقئارا قۇرۇلمىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتنىڭ، دۇنياۋى ياكى ئورتاق پايدا ۋە ياخشىلىقلارنى روياپقا چىقىرىش مەقسىتىدە دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىيات مۇساپىسىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، بىر ئەقلىي كۈچ ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ئېھتىياج بار.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، 21 – ئەسىرنىڭ ئەڭ چوڭ دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوچۇق خەلقئارالىق ئىقتىسادنى، دېڭىزلارنىڭ، ئالەم بوشلۇقىنىڭ ۋە ئىنتېرنېت دۇنيا خەلقى تەرىپىدىن ئەركىن – ئازادە ئىشلىتىلىشىنى قوللىشى لازىم. بۇنىڭدىن باشقا خەلقئارالىق ئىختىلاپلارنى ئېغىرلىشىپ كېتىشتىن ئىلگىرى بېسىقتۇرىدىغان مۇرەسسەلەشتۈرگۈچى ۋەزىپىلىرى، خەلقئارالىق ئورگانلار ۋە قائىدە – پىرىنسىپلارنىڭ تەرىپىنى ساقلاپ رولىنىمۇ جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

ئۇچۇر تېخنولوگىيەلىرى تېخىمۇ كۆپ ئاكتىيور ئىشتىراك قىلىدىغان بىر دۇنيا مۇھىتى ياراتتى. بۇ مۇھىتتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كۈلتۈر ۋە ئىقتىسادىي مەنىدىكى ئۈستۈنلۈكى نىسبەتەن تۆۋەنلەيدۇ. لېكىن، بۇ يىمىرىلىشنىڭ باشلىنىشى، دېگەن يەرگە تارتىلماسلىقى كېرەك.  21 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىنىڭ «ئامېرىكىدىن كېيىن دۇنيا» بولۇشى مۇمكىندەك قىلمايدۇ. بىراق، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى «باشقىلار يۈكسەلگەن دۇنيا» ئۇقۇمىغا، مەيلى دۆلەتلەرئارا، مەيلى دۆلەتسىز كۈچلەر نۇقتىسىدا بولسۇن، ئۆزىنى ئادەتلەندۈرۈشى ۋە بۇنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىستراتېگىيەلەرنى تۈزۈم چىقىشى لازىم. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى، ئورگانلىرى ۋە يەرشارى ئۇچۇر دەۋرى ئۇقۇملىرىغا ماس تەشكىلات تورلىرىنى كۈچەيتىدىغان بىر قاراش ۋە بۇنىڭغا ئۇيغۇن ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئېھتىياجى بار. قىسقىسى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، 21 – ئەسىردە ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن، قانداق قىلغاندا ئەقلىي كۈچ بولغىلى بولىدىغانلىقىنى قايتىدىن بايقىشى كېرەك.

 

— تۈگىدى —

 

[1] H-1B پەقەت ئۇنىۋېرسىتېت پۈتكۈزگەنلەرگىلا بېرىلىدىغان ۋاقىتلىق ئىشلەش ۋىزىسىدۇر.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*