21 – ئەسىردە كۈچ ۋە سىياسىي رىقابەت (3)

2019-يىلى 22-مارت

كۈچنىڭ كېلەچىكى

جوسېف س.نيې، جر

(قىسقارتىپ تەييارلىغۇچى: ئۇغۇر يۈجە)

داۋامى…

2 – پەسىل

كۈچ مەنبەلىرى: كۈچنىڭ تارقىلىشى ۋە ئورۇن ئالماشتۇرۇشى

 

5 – بۆلۈم

تارقىلىشى ۋە سىبەر كۈچ

 

دەۋرىمىزدە كۈچ ئۇقۇملىرى ئىككى خىل شەكىلدە نامايان بولماقتا؛ كۈچنىڭ يېيىلىشى ۋە / ياكى بىر قولدىن يەنە بىر قولغا ئۆتۈشى. كۈچنىڭ ھۆكۈمران ئورۇندىكى بىر دۆلەتتىن يەنە بىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ تارىختا ناھايىتى كۆپ يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇچرىتىمىز. ھالبۇكى، بىز ياشاۋاتقان ئۇچۇر دەۋرىدە، كۈچنىڭ يېيىلىپ تارقىلىشى يېڭى بىر ھادىسە. يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەر تەرىپىدىنمۇ كونترول قىلغىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى: «ئۇچۇر زىچلىقى دۇنيانىڭ قۇتۇپسىز ھالەتكە كېلىشىدە ھېچبولمىغاندىمۇ قوراللىنىشنىڭ كېڭىيىشىچىلىك رول ئوينىدى» دەيدۇ. يەنە بىر ئەنگلىيە مۇتەپەككۇرى، «مۇئەييەن بىر دۆلەتنىڭ خەلقىگە تەھدىت سالىدىغان، ئۇلارنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغان ئامىللارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ھەممىسى باشقا دۆلەتلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ… پۇل – مالىيە كىرىزىسلىرى، تەشكىللىك جىنايى قىلمىشلار، يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، خەلقئارا تېررورىزم قاتارلىقلار بۇلارنىڭ بىر قىسمىدۇر. قىيىنچىلىق تۈپ سەۋەبى، كۈچنىڭ ھەم تىك ھەم يانتۇ ھالەتتە كېڭىيىشىدۇر. بۇنىڭدىن كېيىن كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا ھەققىدە گەپ بولمايدۇ. دۇنيا قۇتۇپسىزلاشتى!»

بەزى  كۆزەتكۈچىلەر، ئۇچۇر ئىنقىلابىنىڭ  دەرىجە تۈزۈمىدىكى بىيۇروكراتىيەنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئورنىنى ئىنتېرنېت تورى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەتلەرنىڭ كۆپلىگەن ۋەزىپىسىنى بازار ئاكتىيورلىرى ۋە پايدا كۆزلىمەيدىغان ئورگانلار ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىنتېرنېت مۇھىتىدا سۈنئىي توپلۇقلار شەكىللەنگەنسېرى، بۇلار رايون رامكىلىرىدىن ھالقىپ، ئۆزلىرىنىڭ باشقۇرۇش مودېللىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ھۆكۈمەتلەرنىڭ خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا ئالاقىدار رولى ئاجىزلايدۇ، ئىنسانلار بارغانسېرى بىر توپلۇقتىن ئىككىنچى بىرىگە كۇنۇپكىغا بىر ئۇرۇپلا ئۆتەلەيدۇ. توپلۇقلار ئارا بۇ خىل ئۆزئارا ئۇچرىشىشلار ۋە بۇلارغا ئەگىشىپ ئوتتۇرىغا چىققان باشقۇرۇش مودېلى، زامانىۋى دۆلەتلەر مەيدانغا كېلىشتىن بۇرۇنقى فېئودال قۇرۇلمىغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا زامانىۋى ۋە مەدەنىي بىر مودېلنى شەكىللەندۈرىدۇ.

 

بىلگى (ئۇچۇر) ئىنقىلابى

 

بىلگى ئىنقىلابى كۈچنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزگەرتمەكتە، يېيىلىپ تارقىلىش سۈرئىتىنى ئاشۇرماقتا. دۆلەتلەر دۇنيا سەھنىسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقلىرىنى داۋاملاشتۇرسىمۇ، سەھنىنى سانلىرى بارغانچە كۆپىيىۋاتقان پەرقلىق ئاكتىيورلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ ۋە ئويۇننى كونترول قىلىش جەھەتتە قىينىلىدۇ.

بەزىلەرچە «ئۈچىنچى سانائەت ئىنقىلابى» دەپمۇ ئاتىلىۋاتقان بىلگى ئىنقىلابىنىڭ نېگىزىدە كومپيۇتېر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تېخنولوگىيەلەردىكى سۈرئەتتەك ئىلگىرىلەشلەر ياتىدۇ. بۇلارنىڭ سايىسىدا بىلگىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى، پىششىقلاپ ئىشلىنىشى، ئېرىشىش ۋە يەتكۈزۈش  مۇمكىنچىلىكى دەرىجىدىن تاشقىرى دەرىجىدە تېزلەشتى ۋە چىقىمىمۇ پەۋقۇلئاددە تۆۋەنلىدى. كومپيۇتېرلارنىڭ سۈرئىتى يېقىنقى 30 يىلدا ھەر 18 ئايدا بىر قېتىم ئىككى ھەسسە ئاشتى. 21 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى چىقىملار 70 – يىللارغا سېلىشتۇرغاندا مىڭ ھەسسە تۆۋەنلىدى. ئەگەر ئاپتوموبىل باھاسى يېرىم يەتكۈزگۈچ باھالىرىغا ئوخشاش تېز سۈرئەتتە چۈشكەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە ياخشى بىر ئاپتوموبىلنى 5 دوللارغا ئالالىغان بولاتتۇق.

1993 – يىلى دۇنيادا 50 دانە ئىنتېرنېت سەھىپىسى بار ئىدى. 2000 – يىللاردا بۇ سان 5 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. نۆۋەتتە پەقەت خىتايدىلا 400 مىليون ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىسى بار، دۇنيادا فەيسبۇكنى ئىشلەتكۈچىلەر سانى بولسا، يېرىم مىليارتتىن ئېشىپ كەتتى. 1980 – يىللارغا ئوخشاش ناھايىتى يېقىن ئۆتمۈشتە مىس سىملار سايىسىدا قىلىنىدىغان تېلېفون ئالاقىسىدە سېكۇنتتا بىر بەتلىك ئۇچۇر ئەۋەتكىلى بولاتتى. نۆۋەتتە ئوپتىك تالانىڭ ھەربىر تېلىدىن سېكۇنتتا 90 مىڭ توملۇق ئۇچۇرنى يۆتكىگىلى بولىدۇ. رەقەملىك ئۇچۇر مىقدارى ھەر بەش يىلدا بىر ئون ھەسسە كۆپەيمەكتە. بىلگى ئىنقىلابىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى، ئالاقىدە ھاسىل قىلىنغان سۈرئەتنىڭ باي ۋە كۈچلۈكلەرگە خاس بىر خىل ئىمتىياز بولماسلىقى، باھاسىنىڭ پەۋقۇلئاددە تۆۋەنلىشى سايىسىدا بۇ ئىمكانىيەتتىن ھەممىلا ئادەمنىڭ پايدىلىنالايدىغان بولۇشىدۇر. بۇ ئالاھىدىلىك دۆلەتلەرنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزگەرتمەكتە، كۈچنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىنى ئاشۇرماقتا.

20 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇ ئۆزگىرىشنىڭ جورج ئورۋېلنىڭ «1984» ناملىق رومانىدا بايان قىلىنغان مەركىزىي ۋە ھاكىممۇتلەق بىر دۆلەت مودېلى يارىتىشىدىن ئەندىشە قىلىنغانىدى. ئەكسىچە، مەركەزچىلىكتىن يىراقلاشتۇرىدىغان تەسىرلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئىنتېرنېت مۇھىتى نەشر قىلغۇچىلار ۋە تەھرىرلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى كۆرۈنۈشلۈك ۋە يازما ماتېرىياللارغا قارىغاندا، شەخستىن شەخسكە (ئېلخەت ئارقىلىق)، شەخستىن جەمئىيەتكە (تور بەتلىرى، تىۋىتتېر ئارقىلىق)، جەمئىيەتتىن شەخسكە (ۋىكىپېدىئا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار ئارقىلىق) ئالاقە قۇرىدىغان قاناللىرىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئاچتى. ئاساسلىق كۈچ مەنبە ھېسابلىنىدىغان بىلگى / مەلۇماتقا ئىگە بولغانلارنىڭ سانى دەۋرىمىزدە ھېچبىر دەۋردە كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە كۆپەيدى. بۇ ئەھۋال، شەخسلەرنىڭ، ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، دۆلەتسىز كۈچلەرنىڭ، يىغىنچاقلىغاندا كىشىلەرنىڭ دۇنيا سىياسەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە سۆز قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇنداق بىر ئۆزگىرىشنىڭ ئاخىرىدا نەزەرىيە جەھەتتىن چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كۈچىنىڭ ئازىيىشى، كىچىكلەر ۋە دۆلەتسىز قۇرۇلمىلارنىڭ كۈچىنىڭ ئېشىشى كۈتۈلىدۇ. بىراق، ئەمەلىيەتتە تولۇق مەنىدە بۇنداق بولۇپمۇ كەتمەيدۇ. چۈنكى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر، تېخنولوگىيە تېڭىۋاتقان ئۇقۇملاردىنمۇ بەكرەك مۇرەككەپ بولىدۇ. چوڭ دۆلەتلەر تەربىيەلەنگەن مىڭلارچە كىشىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىفىرلارنى ئېچىۋېتىشى، باشقا ئورگانلارنىڭ «ھۇجرىلىرى» غا كىرىشى مۇمكىن. يەنە بىر تەرەپتىن، مەۋجۇت ئۇچۇرنىڭ تارقىتىلىشى چىقىمسىز ھالەتكە كەلگەن بولسىمۇ، يېڭى ئۇچۇرلارنى توپلاش ۋە ئۇنى مەلۇماتقا ئايلاندۇرۇش ھازىرمۇ زور سېلىنمىلارنىڭ سېلىنىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. بەزى چاغلاردا بىر كىشىنىڭ قولىدىكى ئۇچۇرغا باشقىلارنىڭمۇ ئېرىشىشى زىيانلىق ئەمەس. توماس جېففېرسون شامنى مىسال قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە نۇر بېرەلىگەن بولسام، بۇ مېنىڭمۇ شۇ نۇر بىلەن يورۇشۇمنى توسمايدۇ.» نېمىشقىكىن، مەسىلە رىقابەتكە كەلگەندە، نۇرغۇن ئىشلار پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن ، چىراغ مەندە بولسا ۋە بەزى نەرسىلەرنى سىلەردىن بۇرۇن كۆرۈۋالسام… بۇ مىسالنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيە، ئەنگلىيە ۋە خىتايغا ئوخشاش چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىستىخبارات يىغىش كۈچى بىلەن كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى قۇربىتىنى سېلىشتۇرغان ھالدا كونكېرتلاشتۇرۇشىمىز مۇمكىن.

بىر چاغلاردا باھاسى ناھايىتى قىممەت بولغان، كۈنىمىزگە كەلگەندە، ئېلېكتىرونلۇق ئەشيالارنى ساتىدىغان ماگزىنلارغىچە كىرگەن ھەربىي تېخنولوگىيەلەر، كىچىك دۆلەتلەرگە، دۆلەتسىز كۈچلەرگە ۋە تېررورچى گۇرۇپپىلارنىڭ ئىشىغا يارىسىمۇ، چوڭ دۆلەتلەرنى خەۋپ ئالدىدا مۇداپىئەسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا. گوگۇل ئېرس ئارقىلىق چەت دۆلەتلەردە نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىز، بىر زامانلاردا پەقەت ئەسكەرلەرلا ئىشلىتىدىغان ئورۇن بەلگىلەش ئاپپاراتلىرىغا تايىنىپ ئورۇنلارنى دەل توغرا تاپالايسىز. بۇ ئىمكانىيەتلەر، خالانمىغان تەرەپلەرگە پۇرسەتپەرەستلىك قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەرگەندەك، دۆلەت تەرىپىدىن قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىۋاتقان شەخسىي ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىغا تور ھۇجۇمى قوزغاشنىڭ يوللىرىنىمۇ ئېچىپ بەرمەكتە.

ئالەم بوشلۇقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان سېنزورلار، يۇقىرى سۈرئەتلىك كومپيۇتېرلار، كەڭ بىر رايوندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى كۆزىتىش، ئۇچۇرلارنى توپلاش، تۈرلەرگە ئايرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە تارقىتىش رولىنى ئوينايدىغان مۇرەككەپ يۇمشاق دېتاللار بولسا، دۆلەتلەرنىڭ مونوپوللۇقىدا بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. مۇھىمى فانتازىيەلىك ئاپپاراتلارغا، ئىلغار سىستېمىلارغا ئىگە بولۇش ئەمەس، سىستېمىلارنى بويسۇندۇرىدىغان سىستېمىلارغا ئىگە بولۇشتۇر. چوڭ دۆلەتلەر بۇ ساھەدىمۇ ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

 

ھۆكۈمەتلەر ۋە دۆلەت ھالقىغان ئاكتىيورلار

 

كۈچنىڭ تارقىلىشى ۋە بۇنىڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە دائىر بەس – مۇنازىرىلەرگە سەل قارىلىۋاتىدۇ. بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى، دۆلەتنىڭ ئورنىنى پەقەت ۋە پەقەت دۆلەتكە ئوخشاش بىر قۇرۇلمىنىڭ ئىگىلىيەلەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى كەڭ ئومۇملاشقان قاراشتۇر. ئوتتۇرا ئەسىرگە ئالاقىدار بىر مىسال ئارقىلىق بۇ تېمىنى ئىزاھلاپ ئۆتەيلى. بۇ دەۋردە قۇرۇلغان سودا بازارلىرى، فېئودال تۈزۈمنىڭ ئورنىنى ئىگىلىيەلىگۈدەك بىر بىرلىكلەر ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ نە سېپىللارنى يىقىپ تاشلاش، نە خانلىقلارنى ئاغدۇرۇۋېتىش كۈچى يوق ئىدى، بىراق يېڭى ۋە باياشات بىر قاتلامنىڭ شەكىللىنىشىگە، ئىتتىپاقداشلىقلارنىڭ ئورنىتىلىشىغا ۋە مۇئامىلە شەكىللىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولدى. ئوتتۇرا ئەسىر سودىگەرلىرى ئىجاد قىلغان سودا قانۇنى، بۇ سودىگەرلەرنىڭ ئۆز ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەرتىپكە سالىدىغان خاس قانۇنلار ماھىيىتىگە ئىگە ئىدى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئوخشاشلا كومپيۇتېر ھۇجۇمچىلىرىدىن تارتىپ چوڭ شىركەتلەرگىچە بولغان كەڭ ساھەدىكى كىشى ۋە ئورگانلار، ئىنتېرنېت دۇنياسىدا – رەسمىي سىياسەتلىرىدىن سىرت – ئۆزىنىڭ مەخسۇس سىستېمىلىرىنى، كودلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرماقتا. بۇ ئۇيۇشمىلار (مەسىلەن، مۇھىت جەڭچىلىرى) دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق سالاھىيىتىگە بىۋاسىتە تەھدىت شەكىللەندۈرمىسىمۇ، مۇناسىۋەتلەر دۇنياسىدا دۆلەتنىڭ كونتروللۇقىنىڭ سىرتىدىكى يەنە بىر قاتلامنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە. بۇ قاتلاملار، رىقابەت ھالىتىدە بىرلىكتە ياشاشقا مەجبۇر. ئۆزئارا بېقىندىلىقلار خەلقئارالىق خاراكتېرگە ئىگە بولغان دەۋرىمىزدە، خەلقئارا كۈنتەرتىپنىڭ دائىرىسى كېڭەيدى، ئاكتىيورلىرى كۆپەيدى.

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى خەلقئارا مىقياسىدا 176 دانە ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگان بار ئىدى (سوتسىيالىست ئىنتېرناتسىيونال ، قىزىل كىرىس دېگەندەك). 20 – ئەسىرنىڭ ئاخىرقى ئون يىلىدا بۇ سان 26 مىڭغا يەتتى. ئالاقە ناھايىتى ئەرزانلىشىپ كەتكەن بۈگۈنكىدەك بىر دەۋردە، دۆلەت ھالقىغان تەشكىلاتلارنىڭ ۋە تورلارنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ چىقىمىنى نۆل دېيىشكە بولىدۇ. دۇنيادىكى نۇرغۇن توپلۇقلار قوبۇل قىلغان بۇ دۆلەت ھالقىغان تەشكىلاتلار، «يەرشارىنىڭ ۋىجدانى» بولۇشنى غايە قىلماقتا. بۇلار، بۇ خىل خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن بەزىدە ھۆكۈمەتلەرنى ۋە كۆپ مىللەتلىك شىركەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. قاتتىق كۈچلىرى بولمىسىمۇ، پاش قىلىش ۋە قارىلاش ئۇسۇللىرىدىن ھاسىل قىلىدىغان يۇمشاق كۈچكە تايىنىپ ئاسانلا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.

دۆلەت ھالقىغان بۇ خىل ئۇيۇشمىلارنىڭ سانىغا ئوخشاش تۈرلىرىمۇ كۆپەيدى. يېقىن ئۆتمۈشكىچە كۆپ مىللەتلىك شىركەتلەر، كاتولىك چېركاۋىغا ئوخشاش رەسمىي قائىدىلەر دائىرىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان بۇ تەشكىلاتلار زامانىمىزدا يا تولىمۇ ئېلاستىكلىق قۇرۇلمىسى دائىرىسىدە ياكى ھېچبىر ئورۇننىڭ بايرىقى ئاستىغا كىرمەستىن، شەخسلەر ھالىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. تېررورچى گۇرۇپپىلارمۇ بۇ دائىرىگە كېرىدۇ.

تېررورىزمنىڭ يىلتىزى تارىخنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىغىچە سوزۇلىدۇ. كۈنىمىزگە نىسبەتەن يېڭىلىق ھېسابلىنىدىغىنى، دەۋرىمىز تېخنولوگىيەلىرىنىڭ بەزى خاتا كىشى ياكى تەشكىلاتلارغا ۋەيرانچىلىق سېلىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش كۈچى بېرىۋاتقان بولۇشىدۇر. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە،  بۇ ئەھۋالنىڭ ئىسمى «ئۇرۇشنىڭ خۇسۇسىيلاشتۇرۇلۇشى» دۇر. زوراۋانلىق تەرەپدارى ئاشقۇن مۇسۇلمان دىندارلارنىڭ دەۋرىمىزدىكى ۋەكىللىرى، 7 – ئەسىردىكى ئىسلامىي قاراشلارنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلغاندا 21 – ئەسىرنىڭ ئىمكانىيەتلىرىدىنمۇ ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنالايدۇ. تېررورىزم تىياتىر سەھنىلىرىگە ئوخشاش ئۆزىگە تاماشىبىن جەلپ قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئەندىكىش پەيدا قىلىدىغان ۋەقەلەر دىققەتنى تارتىش، رەقىبنى نورمالدىكىدىن كۈچلۈك شەكىلدە قارشىلىق بىلدۈرۈشكە كۈشكۈرتۈش مەقسىتىدە سادىر قىلىنىدۇ. 2004 – يىلى ئىراقتا گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان بىر ئامېرىكىلىق ئەسكەرنىڭ بېشىنىڭ كېسىلىشى جەريانىنى كۆرسەتكەن ۋىدېئونىڭ ئىنتېرنېتتىن بىر مىليون قېتىم كۆرۈلگەنلىكى ئېنىقلاندى ۋە بۇ ۋەقە يانداش تېررورلۇق كۈچلىرىگە تارقىلىپ كۆپ قېتىم تەكرارلاندى.

قانۇنلۇق كۈچلەرنىڭ تەقىب قىلىشىدىن قۇتۇلۇش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. شايكىلار ھالىتىدە چېگرا سىرتىغا كېڭىيىشتە قىيىنچىلىق تارتىدۇ (تارتاتتى). 1990 – يىللاردا ئەزالىرىنى جامەلەر، تۈرمىلەرگە ئوخشاش جايلاردىن تېپىپ تەشكىللەيتتى. بۈگۈنكى كۈندە بولسا، دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدىن ئىنتېرنېت مۇھىتىغا تايىنىپ تەرەپدار تاپالايدۇ، ئۇلارنى تەربىيەلىيەلەيدۇ. بۇ تور بەتلەرنىڭ بىر قىسمى دۆلەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ تاقىۋېتىلسىمۇ، بەزىلىرى پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىش مەقسىتىدە كۆرمەسكە سېلىنىدۇ. قانۇنىي كۈچلەر بىلەن تېررورچى گۇرۇپپىلار ئارىسىدىكى مۈشۈك – چاشقان ئويۇنى بۇ شەكىلدە داۋاملىشىپ ماڭىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئوخشاش قاتتىق كۈچى يۇقىرى دۆلەتلەرمۇ، تېررورچى بولسۇن – بولمىسۇن، سانسىزلىغان سۈنئىي ئاكتىيور بىلەن مەيداننى ئورتاقلىشىشقا مەجبۇر بولۇپ قالماقتا، بۇلارنى تىزگىنلەپ تۇرۇش تىرىشچانلىقى بىلەن چېگرالىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشتا قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە.

جۇغراپىيەلىك ئورۇنلاردا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق كۈچى بولىدۇ. تور ساھەلىرى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ مەزكۇر كۈچلىرىنى يوقىتىپ تاشلىماسلىقى مۇمكىن. لېكىن 21 – ئەسىردە «دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى» ۋە «چوڭ دۆلەت» دېگەندەك ئۇقۇملارنىڭ قانداق مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغانلىقى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ.

 

سىبەر (تور) كۈچ

 

مەلۇماتنى كۈچ ھاسىل قىلىش مەقسىتىدە ئىشلىتىش يېڭى بىر ئىش ئەمەس. سىبەر كۈچ بولسا يېڭىدۇر. «سىبەر ساھە» ئۇقۇمىنىڭ ئونلارچە ئېنىقلىمىسى بار. بىراق، ئومۇملاشتۇرۇپ ئەسكەرتىشكە توغرا كەلسە، «سىبەر» نىڭ ئېلېكتىرون تېخنىكىلىرى ۋە كومپيۇتېرلارغا تايىنىپ قىلىنىدىغان بارلىق پائالىيەتلەرنى ئىزاھلايدىغان سۆزلەرنىڭ بېشىغا قويۇلغان بىر «ئالدى قوشۇمچە» ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىمىز مۇمكىن. بىر ئېنىقلىمىغا ئاساسەن، سىبەر ساھە، چېگرالىرى ئېلېكتىرونلۇق ئىمكانىيەتلەر تايىنىپ سىزىلغان ۋە ئىچىگە ھەر خىل پائالىيەتلەر سىغدۇرۇلغان بىر سۈنئىي رايوندۇر. مەزكۇر رايوندا مەلۇماتنى ئىشلىتىشكە دائىر بارلىق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ.

سىبەر ساھەلەرنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكىنى بەزىدە ئەستىن چىقىرىپ قويىمىز. 1969 – يىلى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (ئامېرىكا)، بىر قانچە كومپيۇتېر بىر – بىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتالايدىغان ARPANET ناملىق بىر سىستېمىنى ئىشلەتتى. 1972 – يىلى رەقەملىك ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان ئىپتىدائىي شەكىلدىكى بىر ئىنتېرنېت تۈرى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئىنتېرنېت ئادرېسلىرىنىڭ ئىسىملىرى ئېلىنىدىغان سىستېما 1983 – يىلى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى ۋە تۇنجى كومپيۇتېر ۋىرۇسىمۇ شۇ يىلى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئىنتېرنېت مۇلازىمەت تورلىرى (World Wide Web –www.) 1989 – يىلى ئىشلىتىلىشكە باشلاندى.   ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان ئىزدەش موتورى گوگۇل 1998- يىلى، ئەڭ داڭلىق ئوچۇق ئېنسىكلوپېدىيە – ۋىكىپېدىئا – 2001 – يىلى قۇرۇلدى. شىركەتلەر، 1990 – يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا بۇ يېڭى تېخنولوگىيەدىن پايدىلىنىپ، يەرشارى خاراكتېرلىك تەمىنلەش زەنجىرى شەكىللەندۈردى. يېقىنقى چاغلارغا كەلگەندە، ئۇچۇرلارنىڭ كىشى ياكى ئورگانلارنىڭ ئۆز كومپيۇتېرلىرىنىڭ ئورنىغا ئىنتېرنېت مۇھىتىدا (بۇلۇت) ساقلاش سىستېمىسى ئىجاد قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن، چوڭ ھەجىملىك ئارخىپ ۋە ماتېرىياللارنىڭ كومپيۇتېرلارنىڭ مېڭىسىنى ئىگىلىۋېلىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى. بۇ بۇلۇتلارغا ياردەمچى مۇلازىمەتلەرنى قىلىش قىلىش ئۈچۈن Server Farm (مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرىدىغان تور) لار قۇرۇلدى. سىبەر بىخەتەرلىكنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى يولىدىكى خىزمەتلەر بىز ياشاۋاتقان بۇ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئامېرىكا تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىشقا باشلاندى.

1992 – يىلى 1 مىليون بولغان ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىسىنىڭ سانى 15 يىلدا بىر مىلياردقا يەتتى. بەزى مۇتەپەككۇرلار، بۇ ئۆزگىرىشنى «ئۇچۇرنىڭ ئەركىن بولۇش ئىستىكى» گە چېتىپ ئىزاھلىدى. ئىنتېرنېتنى دۆلەتنىڭ كونتروللۇقى ئاخىرلاشقان نۇقتا، دەپ تەسۋىرلەشتى ۋە «مۇساپە ئۇقۇمى ئۆلدى» دەپ جار سېلىشتى. ئەمەلىيەتتە، دۆلەتلەر ۋە جۇغراپىيەلىك كونترول ساھەلىرى ھېلىھەم مۇھىم رول ئوينىماقتا، بىراق ئويۇن ئوينىلىدىغان ساھە پەۋقۇلئاددە كېڭىيىپ كەتتى ۋە كۈچنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلار سانى خېلىلا كۆپەيدى.

سىبەر ساھەلەر بىرلەشمە پائالىيەت قاتلىمىغا ئىگە بىر مۇھىت بولۇش بىلەن بىرگە، ئاساسلىقى ئۆزىگە خاس ماددىي ۋە سۈنئىي ياكى ھېسسىي ئامىللاردىن تەشكىل تاپقان بىر شالغۇت سىستېمىدۇر. ماددىي ئۈستقۇرۇلما قاتلىمى ھۆكۈمران كۈچلەرنىڭ قانۇنلىرى ۋە كونترول قىلىش مېخانىزملىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ. سۈنئىي ياكى ھېسسىي قاتلامنى قانۇنلار ئارقىلىق تىزگىنلەش قىيىنغا توختايدۇ. سۈنئىي ساھەلەردىن ماددىي ساھەلەرگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ چىقىمى تۆۋەن بولۇپ، پات – پاتلا قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ھۇجۇملارنىڭ ماددىي ساھەلەر تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىشىنىڭ چىقىمى بولسا، ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. بىراق، ماددىي ساھەلەرنى تىزگىنلەپ تۇرۇۋاتقان كۈچلەر سۈنئىي ساھەلەرگە چېگرانىڭ ئىچى – سىرتىدا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

سىبەر كۈچكە «كومپيۇتېرنى ئاساس قىلغان ئۇچۇر ئۈستقۇرۇلمىسى، تور، يۇمشاق دېتال ۋە ئىنسان قابىلىيەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى، كونترول قىلىنىشى ۋە يەتكۈزۈلۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىمكانىيەتلەر جۇغلانمىسى» دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ. ھەرىكەت جەھەتتە سىبەر كۈچ، مەزكۇر ئىمكانىيەتلەرنىڭ ئىشقا سېلىنىشى ئارقىلىق كۆزلەنگەن نىشانغا يېتىش قابىلىيىتىدۇر. سىبەر كۈچنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق سىبەر ساھەلەرنىڭ <ئىچىدە> كۆزلەنگەن ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولغىنىدەك، ھەرخىل سىبەر ئىمكانىيەتلەرنىڭ ياردىمى بىلەن <سىرتى> دىمۇ ئۈنۈم ئالغىلى بولىدۇ. ئوخشىتىشقا توغرا كەلسە، «دېڭىز كۈچى»، ئوچۇق دېڭىزلاردا ھۆكۈمران بولۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئىمكانىيەتلەر جۇغلانمىسى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ، ھاكىمىيەتنىڭ دۆلەتنىڭ ئۆز چېگرالىرىنىڭ سىرتىدىمۇ بار بولىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. بۇ ھۆكۈمرانلىق، ئۇرۇشلارنىڭ يۆنىلىشىگىمۇ، ئوكيانلارنىڭ سودا مەقسەتلىك ئىشلىتىلىشىگىمۇ، قۇرۇقلۇقتىكى جامائەت پىكىرلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ھاكىمىيەت ئورنىتىش ساھەلىرى جەھەتتە قۇرۇقلۇقتىن كېيىن دېڭىزلار، دېڭىزلاردىن كېيىن ھاۋا ساھەلىرى، ھاۋا ساھەلىرىدىن كېيىن ئالەم بوشلۇقى ۋە ئالەم بوشلۇقىدىن كېيىن سىبەر ساھەلەر  ئورۇن ئالدى. تېخنولوگىيە تەرەققىي قىلغانسېرى ھاكىمىيەت ساھەلىرىمۇ ئۆزگەرمەكتە، سىياسىي لىدىرلارمۇ بۇ ئۆزگىرىشكە ماسلىشىشقا تىرىشماقتا. سىبەر ساھەلەرنىڭ خۇسۇسىيىتى ئۇنىڭ تېخى تولىمۇ يېڭى بولۇشى، ئىنسان ئامىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇشى ۋە باشقا ساھەلەرگە سېلىشتۇرغاندا، تېخنولوگىيەلىك ئىلگىرىلەشلەر بىلەن بىرلىكتە كۈچلۈك ئۆزگىرىشلەرگە ھامىلىدار بولۇشىدۇر. تاغلارنى، دېڭىزلارنى مىدىرلىتىش ئاسان ئەمەس، بىراق، سىبەر ساھەلەر بىر كۇنۇپكا بىلەن ئېچىلىپ يېپىلالايدۇ.

ھەربىي كۈچ ھالىتىدە بىر ئورۇنغا كىرىش قانچىلىك قىيىن ۋە چىقىمى يۇقىرى بولسا، سىبەر ساھەلەرگە كىرىش شۇنچىلىك ئاسان ۋە ئەرزانغا توختايدۇ. شۇڭا كىچىك دۆلەتلەر ۋە دۆلەتسىز كۈچلەر بۇ ساھەلەردە ئاسانلا نوپۇزغا ئېرىشەلەيدۇ. دەرۋەقە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيەگە ئوخشاش چوڭ دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز ۋە ھاۋادىكى قۇدرىتى تىلغا ئېلىنسىمۇ، نۆۋەت سىبەر كۈچكە كەلگەندە، مەزكۇر قۇدرەتنىڭ ئۇنچىۋالا چوڭ رولى يوق. ئەكسىچە، بۇ دۆلەت چوڭ دۆلەتلەر مۇرەككەپ سىبەر سىستېمىلارنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن، كىچىك ئاكتىيورلارنىڭ سىبەر ھۇجۇملىرى ئالدىدا ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ. ئىنتېرنېتنىڭ ھۇجۇم مەقسەتلىك ئىشلىتىلىشى مۇداپىئە مەقسەتلىك ئىشلىتىلىشىنى يېتەرلىك دەرىجىدە ئۇپىراتماقتا.

سىبەر كۈچ ئۇرۇشتىن تارتىپ سودىغىچە بولغان كۆپلىگەن ساھەلەرگە تەسىر كۆرسەتمەكتە. بۇ كۈچنىڭ قاتتىق كۈچ شەكلىدە ئىشلىتىلىشىگە بىر قانچە مىسال كەلتۈرەيلى: دۆلەت ياكى دۆلەتسىز كۈچلەر «بوتنېت» ئىسىملىك بىر ھۇجۇم پىروگراممىسىغا تايىنىپ يۈز مىڭلارچە كومپيۇتېرنى توختىتىپ قويالايدۇ، شىركەتلەرنىڭ، ھەتتا دۆلەتلەرنىڭ ئىنتېرنېت ئۈستقۇرۇلمىسىنى پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويالايدۇ. بۇ ھۇجۇم، 2008 – يىلى گىرۇزىيەگە قارشى قىلىنغانىدى. بوتنېت پىروگراممىلىرىنى بىر قانچە يۈز دوللارغا قانۇنسىز ھالدا ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئىجارىگە ئالغىلى بولىدۇ. بۇلارنىڭ شەخسلەر تەرىپىدىن پۇرسەتپەرەستلىك قىلىش مەقسىتىدە ئىشلىتىلگەنلىكىمۇ كۆرۈلدى.

خىتاي ۋە تەيۋەن كومپيۇتېر ھۇجۇمچىلىرى پات – پات ئۆزئارا توقۇنۇشۇپ، بىر – بىرلىرىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىگە زىيان سالىدۇ. 2007 – يىلى «ۋەتەنپەرۋەر رۇسلار» ناملىق بىر تور ھۇجۇمچىلىرى گۇرۇپپىسى، مۇلازىمەت توختىتىش ھۇجۇمى (Denail of Service Attack) قوزغاپ، ئېستونىيەنىڭ ئىنتېرنېت ئۈستقۇرۇلمىسىغا زىيانكەشلىك قىلدى. خاككېرلار بۇ قىلمىشنى ئېستونىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى قۇربانى رۇس ئەسكەلەرگە سىمۋوللۇق قىلىدىغان بىر خاتىرە ئەسىرىنى يۆتكىمەكچى بولغانلىقىغا غەزەپلىنىپ سادىر قىلغانىدى (ئىنكار قىلسىمۇ، ھۇجۇمنى رۇس ھۆكۈمىتىنىڭ كۈشكۈرتۈپ قىلدۇرغانلىقى مەلۇمدۇر). نۆۋەتتە، سىستېمىلارغا ۋىرۇس يۇقتۇرۇش ئارقىلىق ھەرتۈرلۈك مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ ئوغرىلىنىشى پات – پاتلا كۆرۈلۈپ تۇرماقتا.

جىنايەتچىلەر بۇ ئىشنى ئوغرىلىق  قىلىش ئۈچۈن قىلسا، دۆلەتلەر ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە قىلىدۇ. خىتاي بۇ جەھەتتە بىر قانچە قېتىم ئەيىبلەنگەنىدى. لېكىن، بۇ خىل قىلمىشلارنى ئىسپاتلاش ناھايىتى قىيىن. بۇنى قانداقمۇ تەقىب قىلغىلى بولسۇن، مەسىلەن، گىرۇزىيە ۋە ئېستونىيەگە قىلىنغان ھۇجۇملار، ئامېرىكا مۇلازىمېتىرلىرىدىن پايدىلىنىپ قىلىنغانىدى.

سىبەر ئۇچۇر، ھېچقانداق چەك – چېگراغا ئۇچرىماستىن سىبەر ساھەلەردە بىر دۆلەتنىڭ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئوبرازىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە، يەنى يۇمشاق كۈچ ئامىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگىنىدەك، قاتتىق كۈچ سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، 2010 – يىلى مەلۇماتلار ساقلىنىدىغان ۋە بۇيرۇقلار باشقۇرۇلىدىغان SCADA[1] سىستېمىلىرىغا كىرگۈزۈلگەن Stuxnet ئىسىملىك بىر ۋىرۇس ئىراننىڭ يادرو پائالىيەتلىرىنىڭ توختاپ قېلىشىغا سەۋەب بولغانىدى. بىر خاككېرنىڭ فېۋرال ئېيىنىڭ ئوتتۇرىسىدا موسكۋا ياكى چىكاكونىڭ توكلىرىنى توختىتىۋەتكۈدەك بىر تور ھۇجۇمى، بۇ شەھەرلەرگە تاشلىنىدىغان بومبىلاردىنمۇ ئېغىر زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

ماددىي ئەسلىھەلەرنىڭ سىبەر دۇنياغا كۈچ ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى بار. مەسىلەن، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئاپپاراتلىرى ۋە ئوپتىك تالالىق سىملار بەزى دۆلەتلەرنىڭ زېمىنلىرىدا بولىدۇ ۋە بۇلارنىڭ ئىشلىتىلىشى شۇ دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنىدۇ. دۆلەتلەر، قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىنمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەۋەلىكىدىكى ئاپپاراتلارنىڭ ئىشلىتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلالايدۇ ياكى توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېسىم ئىشلىتىلەيدۇ. فىرانسىيە ياخونىڭ مەزمۇنىغا مۇداخىلە قىلغان، چەكلىمىلەر قويغانىدى. گوگۇل گېرمانىيەدىن قىلىنىدىغان ئۆچمەنلىكنى قوزغايدىغان سۆزلەرنى ئىزدەشنى مەزكۇر دۆلەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن توختىتىپ قويغانىدى. بۇ شىركەتلەر، پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ چوڭ قوغدىغۇچىسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەركەزلىك شىركەتلەر بولسىمۇ، يەرلىك قانۇنلارغا رىئايە قىلىشقا مەجبۇر بولغانىدى. چۈنكى، ئەكسىچە ھەرىكەت قىلىش قاما جازاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېغىر جازالارغا دۇچار بولۇش دېگەنلىك بولاتتى. ئىنتېرنېت ئىستېمالىغا ۋاسىتىچىلىك قىلغۇچى مۇلازىمىتېر شىركەتلىرى، ئىزدەش موتورى ئىشلەتكۈچىلىرىگە ئوخشاش ئورگانلارنىڭ ھەرىكەت ۋە پوزىتسىيەلىرى دۆلەتلەر تەرىپىدىن يۇقىرى تىلغا ئېلىنغان شەكىلدىكى تەدبىر ۋە مېخانىزملارنىڭ ياردىمىدە نازارەت قىلىنىدۇ.

دۆلەتلەر، يۇمشاق كۈچ يارىتىش مەقسىتىدە مەخسۇس ئۈسكۈنە ۋە يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ. مەسىلەن، ئىراندا 2009 – يىلىدىكى سايلاملاردىن كېيىن نامايىشچىلارنىڭ ئەركىن – ئازادە ئۇچۇرلىشىشىغا چەكلىمە قويۇش ئۈچۈن، ئىران دۆلىتى توسما (Fairwall)  تىپىدىكى سۈزگۈچى يۇمشاق دېتالىنى ئىشلەتكەنىدى. ئامېرىكا بولسا، نۇرغۇن مەبلەغنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، نامايىشچىلارغا بۇ توسۇقنى بۇزۇپ تاشلايدىغان ھەر تۈرلۈك يۇمشاق دېتاللار ۋە ئىمكانىيەتلەرنى سۇنغان ۋە بۇنىڭ سايىسىدا يۇمشاق كۈچ شەكىللەندۈرگەنىدى.

سىبەر ساھەلەردىكى كۈچ ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا بىرىنچى بۆلۈمدە توختىلىپ ئۆتكەن «مۇناسىۋەتكە تايىنىدىغان كۈچنىڭ ئۈچ ئايرىم تەرىپى» دېگەن تېمىغا قايتىدىغان بولساق، تېمىمىزنى ئىزاھلىيالىشىمىز مۇمكىن. سىبەر ساھەلەردە مەيلى يۇمشاق، مەيلى قاتتىق كۈچ جەھەتتە بولسۇن، مەزكۇر ئۈچ تەرەپنىڭ ئىزلىرىنى ئۇچرىتىمىز. يەنى:

1 – باشقىلارنى دەسلىپىدىكى تاللاشلىرىنىڭ ئەكسىچە بىر خىل ھەرىكەت شەكلىگە بورىۋېتىش: قاتتىق كۈچ؛ مۇلازىمەت توختىتىش ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۆكتىچى بىلوگگېرلارنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئۇچۇر يوللاشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىش (مەسىلەن، خىتاينىڭ، دۆلەت كۈچىنى ئاجىزلىتىشقا چاقىرىدىغان تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى ليۇ شياۋبونى تۇتقۇن قىلىشى).

2 – كۈنتەرتىپ بېكىتىش، باشقىلارنىڭ تاللاشلىرىنىڭ بەس – مۇنازىرە مۇنبەرلىرىگە چىقىشىنى، ئۆكتىچىلەر تاكتىكىلار ئارقىلىق توسۇپ قويۇش: كۈنتەرتىپنىڭ بۇ شەكىلدە شەكىللەندۈرۈلۈشى رەقىبنىڭ ئىستەكلىرىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ قالسا، بۇ قاتتىق كۈچ ئىشلىتىشتۇر، بىراق قانۇنلۇق شەكىلدە بىر تونۇش ئۆزگەرتىشى ئېلىپ بېرىلسا، بۇ يۇمشاق كۈچتۇر. ئوپېن نېت[2]نىڭ قارىشىچە، كەم دېگەندە 40 دۆلەت گۇمانلىق دەپ قارىغان ئۇچۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت مۇھىتىدا ئايلىنىپ يۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يۇقىرى ئىقتىدارلىق توسۇش، سۈزۈش ئاپپاراتلىرىنى ئىشلەتمەكتە، 18 دۆلەتتە بولسا، سىياسىي توسۇقلار بار (خىتاي، ئىران ۋىيېتنامدا كەڭ دائىرىدە، لىۋىيە، ئېفىيوپىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئېغىر دەرىجىدە)، ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇچۇر توسۇۋاتقان 30 دۆلەت بار (جىنسىي كۆرۈنۈش، قىمار، زەھەرلىك چېكىملىك دېگەندەك تېمىلاردا). ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ، تاللاپ بولسىمۇ سۈزۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلانماقتا. بۇ سىياسەتلەرنىڭ بەزىلىرى قوبۇل قىلىنىدۇ، مەخپىي ئېلىپ بېرىلغىنىدا ھەتتا ھېس قىلىنمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ بىلمەيدىغان نەرسىلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشى قىيىن ئىشتۇر. ناخشا – مۇزىكا ساھەسى 12 مىڭدىن ئارتۇق ئامېرىكىلىق ئۈستىدىن ئىنتېرنېتتىن قانۇنسىز ناخشا – مۇزىكا چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پىكرىي ھوقۇقى دائىرىسىدە سوتقا ئەرز سۇنغان ۋە بۇ ئىش قاتتىق كۈچ ئىشلىتىش دېگەن تونۇشنى پەيدا قىلغانىدى. لېكىن، ئالما جىمجىتقىنا بەزى ئەپلەرنىڭ ئالما تېلېفونلىرىغا چۈشۈرۈلۈشىنى ئىمكانسىز قىلىپ قويىدىغان سىستېمىنى ئىشلەتتى ۋە ناھايىتى ئاز ساندىكى ئىستېمالچىلار ئوتتۇرىغا چىققۇسى ئېھتىياجىنى قامداش ئىمكانىيەتلىرىنىڭ قىرقىپ تاشلانغانلىقىنى ھېس قىلالىدى.

3 – كۈچنىڭ ئۈچىنچى تەرىپى، بىر ئاكتىيورنىڭ، ئىككىنچى بىرىنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياج ۋە تونۇشىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ. شىركەتلەر يۇمشاق دېتال ئىشلەپچىقارغاندا، ئۇ كودنى ئەمەس، بۇ كودنى ئىشلەتسە، بۇنىڭ ئاز ساندىكى ئىستېمالچى پەرق قىلالىشى مۇمكىن. لېكىن، ئۇ كودلار بار ئاپپاراتلارنى ئىشلەتكەنلەر، مەسىلەن ئامېرىكا پۇقرالىرى، بانكا كارتىسى بىلەن قىمار ئوينىيالمايدۇ، فىرانسۇزلار بىلەن گېرمانلار ئىنتېرنېت ئارقىلىق ناتسىستلارنىڭ ئىدېئولوگىيەلىرىنى تەقىب قىلالمايدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلار بىرى ئاللاھنى تونۇمايدىغان تور بەتلەرگە كىرەلمەيدۇ. بالىلارنى جىنسىي جەھەتتىن سۇيىئىستېمال قىلىشنىڭ چەكلىنىشى توغرىسىدا خەلقئارادا بىردەكلىك بار. بىراق، كەڭ كۆلەمدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان مەسىلىلەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.

 

ئويۇننىڭ ئاكتىيورلىرى ۋە بۇ ئاكتىيولارنىڭ ئالاقىدار كۈچ مەنبەلىرى

 

سىبەر ساھەدە كۈچلىرىنىڭ دەرىجىسى بىر – بىرلىرىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغان ساناپ تۈگەتكۈسىز ئاكتىيور بار. تېخى يىگىرمە يېشىنى تولدۇرمىغان ياشقىنا بىر كومپيۇتېر ھۇجۇمچىسىمۇ، دۆلەتلەرمۇ، سىبەر بوشلۇقتا ناھايىتى ئېغىر مەسىلىلەرنى پەيدا قىلالايدۇ. فىلىپپىن مەنبەلىك  داڭلىق «Love Bug» ۋىرۇسىنىڭ 15 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. پېنتاگوننىڭ 15 مىڭ تورغا چېتىشلىق 7 مىليون كومپيۇتېرى بار. بۇ تورلارغا ھەركۈنى يۈزمىڭلارچە قېتىم تور ھۇجۇمى قىلىنىدۇ. سىبەر بوشلۇقىدا دىققەتنى تارتىدىغان نۇقتا، بۇ ساھەدىكى ئاكتىيورلارنىڭ پەرقلىق كۈچ مەنبەلىرىگە ئىگە بولۇشى ۋە قابىلىيەت جەھەتتە دۆلەت بىلەن ئارىسىدىكى پەرقنىڭ تارىيىۋاتقان بولۇشىدۇر. ئومۇملاشتۇرغان ھالدا سىبەر بوشلۇقتىكى ئاكتىيورلارنى ئۈچ كاتېگورىيەگە يىغىنچاقلىشىمىز مۇمكىن:

دۆلەتلەر

ئىنتېرنېتنىڭ ماددىي ئۈستقۇرۇلمىسىنىڭ مۇئەييەن بىر جايدا بولغاچقا ۋە بۇ جاي مۇئەييەن دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئاستىدا بولغاچقا، سىبەر بوشلۇق دېيىلگەندە ئورۇننىڭ ئەھمىيىتى ئالدىنقى پىلانغا چىقىدۇ. دۆلەتلەر، ئۆز چېگرالىرى ئىچىدە مائارىپتىن سودىغىچە بولغان نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئىنتېرنېت ئۈستقۇرۇلمىسىغا زور كۆلەمدە مەبلەغ سالىدۇ (مەسىلەن جەنۇبىي كورېيە). بۇ تىرىشچانلىقلار، تىنچلىقپەرۋەر، قانۇنلۇق ۋە ئىنسان مەركەزلىك دەپ چۈشىنىلسە، دۆلەتنىڭ سىبەر بوشلۇقتىكى يۇمشاق كۈچى ئاشىدۇ. ئۇ بار جايدا ھۆكۈمران كۈچ بولۇش، دۆلەتلەرنى بېسىم ئىشلىتىش ۋە تەكشۈرۈش جەھەتتە قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىدۇ. 2009 – يىلى شىنجاڭ رايونىدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر ئەسناسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى، تېكساستىن ئىككى ھەسسە چوڭ رايونغا تارقالغان 19 مىليون ئادەمنىڭ ئۇچۇرلىشىشى، دۇنيا بىلەن تېلېفون ئالاقىسى قىلىشى ۋە ئىنتېرنېتقا ئېرىشىشىنى مەنئى قىلغانىدى. شۈبھىسىزكى، بۇ ئىش سودا ۋە ساياھەتچىلىككە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەنىدى، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشى سىياسىي مۇقىملىقنىڭ داۋاملىشىشى ئىدى.

ئەگەر بازار چوڭ بولسا، دۆلەتلەر كۈچلىرىنى چېگرالىرىنىڭ سىرتىدىمۇ ھېس قىلدۇرالايدۇ. مەسىلەن، خۇسۇسىي ھاياتقا ئالاقىدار ھەق – ھوقۇقلار ناھايىتى كۈچلۈك مۇھاپىزەت قىلىنىۋاتقان بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلرىدە، ياخو ۋە دوۋ جونېسنىڭ بەزى ئەپلىرىنىڭ مەزكۇر ھوقۇقلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان ماھىيەتتە دەپ قارالغان ۋە ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى شىركەتلىرى سىزىققا كىرگۈزۈلگەنىدى. بازارنىڭ چوڭلۇقى تۈپەيلى بۇ چوڭ شىركەتلەر زۇۋانلىرىنى چىقىرالمىدى، نارازىلىق بىلدۈرۈپ بازاردىن چىقىپ كېتىشنىڭ ئورنىغا ئۇ بازارنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە بويسۇنۇش يولىنى تاللىدى.

دۆلەتلەرنىڭ سىبەر ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئىقتىدارلىرىمۇ بار. مەسىلەن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 10 – فىلوسى بىلەن 24 – نومۇرلۇق ھاۋا قىسىملىرىنىڭ نە ئۇرۇش پاراخوتلىرى، نە ئايروپىلانلىرى يوق. ئۇلارنىڭ ئۇرۇش مەيدانى سىبەر بوشلۇق بولۇپ، ئەسكەرلىرى كومپيۇتېرلار بىلەن ئىنتېرنېتتىن تەشكىل تاپىدۇ. ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە 2007 – يىلى سۇرىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سىبەر ھۇجۇم ئارقىلىق پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغاندىن كېيىن، يادرو ئىستانسىسىلىرىنى بومباردىمان قىلغان. ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر، تور ھۇجۇملىرىنى يادرو كۈچكە ئوخشاش ۋەيران قىلغۇچ قورال، دەپ كۆرمىسىمۇ، ھەقىقىي ئۇرۇش مەيدانىدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدىغان مۇھىم بىر ئامىل، دەپ قارايدۇ. دۆلەتلەرنىڭ بىر – بىرلىرىگە قىلغان تور ھۇجۇملىرىنىڭ ناھايىتى ئاز ساندىكىلىرىلا تاراتقۇلاردا ئورۇن ئالىدۇ، بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئۇتۇق قازىنىش دەرىجىسىنى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان دۆلەتنىڭ مۇداپىئە ئىمكانىيىتى بەلگىلەيدۇ.

ئىلغار قۇرۇلمىلارغا ئىگە دۆلەتسىز كۈچلەر

ئىدېئولوگىيەلىك ياكى جىنايى مەقسەتلىك مۇلازىمەتنى توختىتىپ قويۇش ۋە سىستېمىنى ۋەيران قىلىش تۈردىكى تور ھۇجۇملىرى، دۆلەتسىز ئاكتىيورلار تەرىپىدىنمۇ ئېلىپ بېرىلماقتا. بىراق، بۇلارنىڭ ئىقتىدارى چوڭ دۆلەتلەرنىڭكىدەك ئىلغار سەۋىيەدە ئەمەس. بەزى كۆپ مىللەتلىك شىركەتلەر، نۇرغۇن مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى بىلەن نۇرغۇن دۆلەتنى ئارقىدا قالدۇرغۇدەك كۈچ ئىمكانىيىتىگە ئىگىدۇر. 2009 – يىلى مايكروسوفىت، ئالما ۋە گوگۇلنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 115 مىليارد دوللار، جەمئىي خىزمەتچى سانى 150 مىڭدىن ئارتۇق ئىدى. بۇ خىل شىركەتلەر ھەم كەڭ بازارلاردا ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش، ھەم ماركا قىممىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن ياخشى ئۆتۈشكە، ئۇلارنىڭ قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىشقا مەجبۇردۇر.

جىنايى ئىشلار تەشكىلاتلىرىنىڭ بولسا، بۇنداق بىر قايغۇسى يوق. بەزىلىرى كىچىك بولۇپ، قانۇن تورىغا چۈشۈپ قالماستىن ئۇرۇپ قېچىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىدۇ. بەزىلىرى پەۋقۇلئاددە زور چېگرا ھالقىغان كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئاجىز دۆلەتلەرنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىدا پاناھلىنىشى، ھەتتا ئۇ دۆلەتلەر بىلەن مەخپىي ھەمكارلىق ئورنىتىشىمۇ مۇمكىن. قانۇننىڭ كۈچىگە تايىنىپ تارقىتىۋېتىلىشتىن بۇرۇن داركماركېت ئىسىملىك تور بەتنىڭ 2500 دىن ئارتۇق ئەزاسى، ئوغرىلانغان ئۇچۇر، مەخپىي نومۇر ۋە بانكا كارتىلىرى سودىسى قىلاتتى. تور جىنايەتچىلىرىنىڭ دۇنياغا يىللىق يەتكۈزىدىغان زىيىنىنىڭ 1 تىرىليون دوللارغا يېتىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تور جىنايەتچىلىرىنىڭ پەقەت %5 ى قولغا چۈشۈرۈلۈپ جازاغا تارتىلماقتا ئىكەن. تور جىنايەتچىلىرى، ئېغىر زىيانكەشلىك قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بولۇشىغا قارىماي، تور ھۇجۇمىنىڭ ئورنىغا ئەمەلىي ھۇجۇملارنى قىلىش يولىنى تاللىماقتا. چۈنكى، تور ھۇجۇمى كۆزلەنگەن توپلۇق ئارىسىدا ئەمەلىي ھۇجۇمچىلىك ۋەھىمە ياراتمايدۇ، رەسىمگە (!) دېگەندەك ياخشى چىقمايدۇ. 11 – سېنتەبىر ھۇجۇمىدىن كېيىن ئامېرىكا دۇچ كەلگەن 22 ۋەقەنىڭ ھەممىسىدە پارتلاتقۇچ ياكى يېنىك تىپلىق قوراللار ئىشلىتىلگەنىدى. ھالبۇكى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى ياكى مالىيە سىستېمىسىغا ئوخشاش ئورگانلارنىڭ ئېلېكتىرون ئۈستقۇرۇلمىسى تور ھۇجۇملىرىغا قارىتا ئىنتايىن سەزگۈردۇر. ئەلقائىدەنىڭ مۇشۇنداق سەزگۈر ئورۇنلارغا ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولۇشى ۋە بۇنىڭغا ئىگە بولۇشقا ئۇنچىۋالا قىزىقمىغاندەك كۆرۈنۈشى دىققەتنى تارتىدۇ. ئەمەلدارلار، تېررورچىلارنىڭ مۇشۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە بولغىنىدا، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى ئۈچۈن  ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايدۇ، دەپ قارايدۇ.

جىنايى ئىشلار تەشكىلاتلىرى، ئىنتېرنېتنى تەشكىلاتلىرىغا قوماندانلىق قىلىش، پۇل توپلاش، ئادەم جەلپ قىلىش، ئۇلارنى تەربىيەلەش ۋە بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن مەقسەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىدۇ. ئەلقائىدە بۇ سايىدا، رايون مىقياسىدىكى دەرىجە قاتلىمىغا ئىگە بىر قۇرۇلما بولۇشنىڭ چەكلىمىلىرىدىن قۇتۇلۇپ، سۈرئەت بىلەن كېڭىيىپ دۇنياۋى بىر تورغا ئايلاندى. ئاشقۇن ئۇنسۇرلار نۆۋەتتە پەقەت پاكىستان، يەمەن ياكى ئافغانىستاندىنلا چىقمايدۇ، ۋېب ئىسىملىك سۈنئىي ئامىلنىڭ ھەممىلا يېرىدىن ئەزا قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ.

چەكلىك قۇرۇلمىغا ئىگە يەككە ئاكتىيورلار

چىقىملارنىڭ بولۇشىچە تۆۋەنلىشى، كىرىش  – چىقىشنىڭ ئاسان بولۇشى ۋە يوشۇرۇنۇش ئىمكانىيەتلىرى سايىسىدا يەككە ئاكتىيورلارمۇ سىبەر ساھەدە ئورۇنلىرىنى ئالدى. بۇلار بەزىدە دۆلەتنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ، دۆلەتلەرگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. رۇسىيە / گىرۇزىيە مىسالىنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنىدۇق. چوڭ ئاكتىيورلارغا ئوخشاش يوقىتىپ قويىدىغان نەرسىسى بولمىغان يەككە ئاكتىيورلار، بۇ ئاسسىمېترىكىنى ئۆزلىرىگە پايدىلىق شەكىلدە ئىشلەتمەكتە. دۆلەتلەرنى ياكى چوڭ شىركەتلەرنى ئالدىدا تىزلاندۇرغۇدەك دەرىجىدە بولمىسىمۇ، كىچىككىنە سېلىنما ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پائالىيەت ۋە ئىناۋەتلىرىگە ئېغىر زىيان سالالايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەتلەر ئىنتېرنېت دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرىدۇر. لېكىن، شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى، كىچىك ئىتلارمۇ چىشلەيدۇ ۋە بۇ يارا بىلەن ھەپىلىشىش ناھايىتى ئازابلىق بىر ئىشتۇر.

 

گوگۇل ۋە خىتاي

 

دۆلەت ۋە خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى ساھەلەرنىڭ ئۆزئارا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىنىڭ قىزىقارلىق مىسالى خىتايدىكى گوگۇل ھېكايىسىدۇر. 2010 – يىلىنىڭ باشلىرىدا گوگۇل خىتايدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. بۇ، خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچىگە بېرىلگەن ئېغىر بىر زەربە ئىدى. ئامېرىكىنىڭ بۇ شىركىتى ئىختىلاپنى مۇنداق چۈشەندۈرگەنىدى: خىتاي ھۆكۈمىتى گوگۇلنىڭ مەنبە كودلىرىنى ئېلىۋېلىشقا تىرىشماقتا (پىكرىي ھوقۇق)، خىتاي ئۆكتىچىلەرنىڭ ئېلخەت ئادرېسلىرىغا كىرمەكچى بولۇۋاتىدۇ (كىشىلىك ھوقۇق). گوگۇل بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، تۆت يىلدىن بۇيان بويسۇنۇپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ سېنزور قانۇنلىرىغا بۇنىڭدىن كېيىن بويسۇنمايتتى، ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ ئىنتېرنېت يوللىرىنى ئوچۇق تۇتاتتى.

بۇ مەزگىلدە خىتاي ئىزدەش موتورى بازىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بەيدۇ ئىسىملىك بىر يەرلىك شېرىكنى تاپتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، گوگۇلنىڭ كىرىم مەنبەلىرى ئارىسىدا خىتايدىكى ئىزدەشلەر بەك مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەپمۇ كەتمەيتتى. گوگۇل، چېكىنىش باياناتىنى پىكرىي ھەق – ھوقۇق ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە سودىدىنمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى تۈسىنى بېرىپ، ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە ئېلان قىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى. مۇددىئاسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى بىر تەرەپتە تۇرۇپ تۇرسۇن، كۆپ مىللەتلىك شىركەتلەرنىڭ پىكرىي ھوقۇقلىرىغا قارشى خىتاي مەنبەلىك تور ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپىيىشى ۋە گوگۇلنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە مەخپىيەتلىكنىڭ مۇقەددەسلىكىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆز ئېتىبارىنى مۇھاپىزەت قىلىش كۈرىشى، مەسىلىنى ئاقساراينىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارى كىلىنتون بىر قېتىملىق سۆزىدە مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاي بولسا، مەسىلىگە گوگۇلنىڭ يەرلىك قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى نۇقتىسىدىن ئىزاھلىدى ئامېرىكىنى تور ئىمپېرىيالىزمىغا يۈزلىنىش بىلەن ئەيىبلىدى. بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇ كۈرەشكە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىنتېرنېت دۇنياسىدىكى نوپۇزىنى قوغداش تىرىشچانلىقى دەپ باھا بەردى. خىتاي ئىستېمالچىلار، گوگۇل بازاردىن چېكىنگەن تەقدىردە يەرلىك بەيدۇ تورىنىڭ مونوپولچى ئورۇنغا ئۆتۈشىدىن ئەنسىرەيتتى. چېكىنىش مۇساپىسىنىڭ بېشىدا گوگۇل، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن بېرىلىۋاتقان ئېرىشىش خىزمىتىنى ئاپتوماتىك ھالدا خوڭكوڭدىكى تورىغا يۆتكىدى. خىتاي بۇ ھەرىكەتنى ئەيىبلىدى ۋە گوگۇلغا مۇلازىمېتىرلىق ساھەسىدىكى ئىشلەش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدىغانلىقى ئېيتىپ تەھدىت سالدى. شۇنىڭ بىلەن گوگۇل ئېچىلىش سەھىپىسىنى تاللىغىلى بولىدىغان ھالەتكە كەلتۈردى ۋە پەقەت خالىغانلارغا خوڭكوڭ ئۇلىنىشىنى بەردى. شۇنىڭ بىلەن، گوگۇل خىتايدا تۇرۇپ قالالىدى، خىتايمۇ ئۆزى ھوقۇقىنىڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىغان بولدى.

ئامېرىكا بۇ ئىشتىن كېيىن ئىنتېرنېت ساھەسىگە يېڭى بەلگىلىمىلەرنىڭ قويۇلۇشى توغرىسىدا چاقىرىق قىلدى، بىراق ئۆزىنىڭ قانداق ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمىدى. مەسىلەن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يەككە ھالەتتىكى تور ھۇجۇمچىلىرىنىڭ خىتاي تور بەتلىرىگە قىلىدىغان ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشامتى؟ بەلكى ئامېرىكا، خىتاينىڭ قىلغىنىدەك، شىركەتلەرنىڭ پىكرىي ھوقۇقلىرىغا ياكى كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۇجۇم قىلمايتتى، لېكىن،  ھەرتۈرلۈك كومپيۇتېر تېخنىكىسىنى مۇددىئاسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىشتىنمۇ يالتايمايتتى. كىلىنتوننىڭ خىتايغا «قىلما» دېگەن ئىشلىرىنى ئۆزلىرى ئاشۇرۇپراق قىلاتتى. ھەتتا خىتايدىن كېيىنكىلا ئورۇندا تۇرىدىغان ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلغۇچىسى ئىدى. بۇ دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ خېلى كۆپىنىڭ بىۋاسىتە ھالدا ئامېرىكا دۆلىتى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقىغا قىلچىلىك شۈبھە يوق ئىدى. ئەمما بۇلارنىڭ بىر قىسمى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشى، خىتايدا ياكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قىلىنماقتا. ئامېرىكا، بۇ خىل «خاككىرىست»لەرنى تىزگىنلەش ئىرادىسى ياكى ئىقتىدارىغا ئىگىمىدى؟

ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مەنپەئەتلىرى كۆپ جەھەتتە زىتلىشىپ قالىدۇ. بىراق، بىر خۇسۇسىي ساھەنىڭ ۋەكىلى بىلەن خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىختىلاپى ناھايىتى مۇرەككەپ سىياسىي ۋەقەلەرنىڭ خەۋەرچىسىدۇر. شىركەتلەر، دۆلەتلەر، شەخسلەر… بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سىبەر ساھەلەردە كۆزلىگەن نىشانلىرىغا يېتىش ئۈچۈن قوللىرىدىن كەلگەننى ئاياپ ئولتۇرمايدىغان بىر كۈرەش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرمەكتىمىز.

 

ھۆكۈمەتلەر ۋە باشقۇرۇش

 

بەزىلەر سىبەر ساھەلەرنى قانۇنلار رولىنى يوقىتىدىغان ياۋايى غەربكە ئوخشىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، بۇ ساھەلەرنىڭ كۆپىنچىسى خۇسۇسىيلارنىڭ ۋە دۆلەتلەرنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە بويسۇنۇشقا مەجبۇردۇر. بەلگىلىمىلەر، ئىنتېرنېت ئىنژېنېرلىقى ۋەزىپە كۈچى (Internet Engineering Task Force) ناملىق دۆلەتسىز بىر قۇرۇلما قارمىقىدىكى ئىنژېنېرلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. يەرشارى تور گۇرۇھى (World Wide Web Consortium) ناملىق يەنە بىر دۆلەتسىز ئورگان تەرىپىدىن تور (web) ئۆلچەملىرىنى بېكىتىدۇ. ئامېرىكا قانۇنلىرى ئاستىدا پايدا ئېلىشنى نىشان قىلمىغان ICANN[3] ئىسىملىك بىر ئورگان (نۆۋەتتە دۆلەت مەمۇرلىرىمۇ بۇ ئورگاندا ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى)، تور ئىسىملىرى ۋە ئۇنى باشقۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇلدۇر. مىللىي ھۆكۈمەتلەر بولسا، نەشر ھوقۇقى ۋە پىكىرىي ھوقۇق مەسىلىلىرىنى نازارەت قىلماقتا. دۆلەتلەر يەنە، خەلقئارا ئۇچۇر – ئالاقە بىرلىكى دائىرىسىدە مۇزاكىرە قىلىنغان مىللىي ساھەلەرنى ئاجرىتىش مەسىلىسىدىمۇ ھوقۇقلۇقتۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن مۇھىمى خەۋپسىزلىك، جاسۇسلۇق، جىنايەت دېگەندەك مەسىلىلەرنى نازارىتى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا تىرىشىدۇ.

سىبەر ساھەلەرنى باشقۇرۇشنى بىرلا تۈزۈمنىڭ ئاستىدا ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن بولماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا سىبەر ساھەلەر، بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ مۇئەييەن دەرىجە قاتلىمى دائىرىسىدە ئىجرا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان تەشكىلاتلار بىلەن مۇستەقىل ئورگانلار ئارىسىدىكى ئېلاستىكلىق ھەمكارلىقنى چۆرىدىگەن ھالدا باشقۇرۇلماقتا. سىبەر ساھەلەرگە دۆلەتنىڭ مۈلكى ياكى مۇئەييەن ئىگىسى بولمىغان، ھەممە تەڭ – باراۋەر ھەق ئىگىسى بولغان ئورتاق مۈلۈكچىلىكتىكى ساھەلەر، دەپ ئېنىقلىما بېرىلسىمۇ، بۇ ئېنىقلىما نۆۋەتتىكى ئەھۋالغا تولۇق ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى، دۆلەت مۈلكىدىن پايدىلىنىشقا ھېچكىم چەتكە قېقىلمايدۇ. بىراق ئۇنىڭ فىزىكىلىق ئۈستقۇرۇلمىسى مۇئەييەن دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ساھەلىرىگە جايلاشقان بولغاچقا، بۇ ئىمكانىيەتكە ئىگە دۆلەتلەرمۇ ئۆزى خالىمايدىغان نەرسىلەرنى چەتكە قاقماقتا. سىبەر ساھەلەرنى  باشقۇرۇش تۈزۈمى تازا راۋاجلانمىغان ئورتاق ئىگىدارچىلىق ئاستىدىكى ئائىلىلىكلەر بىناسىغا ئوخشىتىشىمىز مۇمكىن.

ئىنتېرنېت دەسلەپكى چاغلاردا ھەممە بىر – بىرى بىلەن تونۇشىدىغان يېزىغىلا ئوخشايتتى، شىفىرلارغا، مۇرەككەپ بەلگىلىمىلەرگە ھاجەت يوق ئىدى. پەۋقۇلئاددە ئىلگىرىلەشلەر بەلكىم ئالاقە ئىمكانىيەتلىرى نۇقتىسىدىن ھەممىنىڭ ئىشىغا يارىدى، لېكىن ھەمراھلىقىدا كەلگەن جىنايىتى پائالىيەتلەر، ھۇجۇملار، ناھايىتى ئېغىر خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنى ياراتتى. ئوتتۇرىغا چىققان قوغدىنىش ئېھتىياجى «تاملىرى ئېگىز ئائىلىلىكلەر قورۇسى» مىسالى، مەخسۇس ئىنتېرنېت تورلىرىنىڭ شەكىللەندۈرۈلۈشىنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزدى. خەۋپسىزلىك مەسىلىسى دۆلەتنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى بولغاچقا، سىبەر ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتىمۇ دۆلەتنىڭ يەلكىسىگە تېخىمۇ ئېغىر يۈك چۈشىدىغاندەك قىلىدۇ. كۆپىنچە دۆلەتلەر ئىگىلىك ھوقۇق دائىرىسىنى سىبەر بوشلۇققا قاراپ كېڭەيتىشكە ھەۋەس قىلىدۇ ۋە بۇ ئىشنىڭ سالاھىيەت ۋە جاۋابكارلىقىنى خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى ساھەلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى خالايدۇ. مەسىلەن، بەزى بانكىلار ۋە خۇسۇسىي مالىيە ئورگانلىرى، ئۆزلىرى ئۈچۈن ناھايىتى ئىلغار  بىخەتەرلىك سىستېمىلىرىنى ياساپ چىقتى. بۇ سىستېمىنى ئىشلەتمەكچى بولغان باشقا ئورگانلار بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى شەرت. ئەكسىچە بولغاندا، ئالاقىنى كېسىپ تاشلاش، سودا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش، ئىستېمال باھاسىنى ئۆستۈرۈش… دېگەندەك جازالىرى بولىدۇ.

دۆلەتلەر خەلقلىرىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئىنتېرنېتنى مۇھاپىزەت قىلىشنى خالايدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ خەلقلىرىنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق يېتىدىغان خەۋپلەردىن قوغداش مەجبۇرىيىتىمۇ بار. مەسىلەن، خىتاي خەۋپسىزلىك توسمىلىرىنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ئۆزىنىڭ شىركەتلىرىنى گۈللەندۈرۈش باسقۇچىدا بولۇپ، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان تەقدىردە ئۆزىنى ئىنتېرنېتتىن يىراقلاشتۇرۇشنى پىلانلىماقتا.

«خاكتىۋىستلىك» ھادىسىسىنى بىر «باش ئاغرىقى» دەپ قاراپ بىر بۇلۇڭغا ئايرىيدىغان بولساق، ھەر بىرىنىڭ دائىرىسى ۋە يېشىمى بىر – بىرىدىن پەرقلىق تۆت خىل سىبەر خەۋپكە دۇچ كېلىمىز: ئىقتىسادىي جاسۇسلۇق، جىنايەت، سىبەر ئۇرۇش ۋە سىبەر تېررورىزم. بۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئامېرىكىنىڭ بېشىغا ئەڭ كۆپ ئىش تېپىپ بېرىۋاتقىنى ئالدىنقى ئىككىسىدۇر. بۇ ھازىرچە شۇنداق! ھەمكارلىقلار ۋە تاكتىكىلار ئىلگىرىلىگەنسېرى خەۋپنىڭ تەرتىپى ئەكسىچە بولۇشىمۇ مۇمكىن. دۆلەت ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ سابىق باشلىقىنىڭ مۇنداق بىر يەكۈنى بار: «تېررورچى گۇرۇپپىلار بۈگۈنگە نىسبەتەن سىبەر ئۇرۇش ئىقتىدارى نۇقتىسىدىن جىنايى تەشكىلاتلاردەك تەرەققىي قىلمىدى. ئوتتۇرىدا بىر دەرىجە قاتلىمى بار. پىرامىدانىڭ يۈكسەك نۇقتىسىدا ھەممە نەرسىنى ۋەيران قىلىش قۇدرىتىگە ئىگە دۆلەتلەر، ئاندىن ھەممىلا نەرسىنى ئوغرىلىيالايدىغان ئوغرىلار، ئارقىدىن ناھايىتى بىئارام قىلغۇچى، مەلۇماتلىق، كەسىپلەشكەن كومپيۇتېر قاراقچىلىرى… بار. ھامان بىر كۈنى تېررورچى گۇرۇپپىلار سىبەر ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ يادرو قوراللارنىڭ كېڭىيىشىگە ئوخشاش بىر ھادىسىدۇر، ئەمما ئۇنىڭغا قارىغاندا بەكلا ئاساندۇر.»

پىرېزىدېنت ئوباما سىبەر ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنغان بىر يىغىندا، باشقا دۆلەت ۋە شىركەتلەر تەرىپىدىن ئۆزلىرىدىن ئوغرىلانغان پىكرىي ھەقلىرىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ يېقىن خەۋپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئېلان قىلىنغان باياناتلارغا قارىغاندا، بۇ ئوغرىلىقلار دۆلەتكە ئىقتىسادىي ۋە رىقابەت ئۈستۈنلۈكى جەھەتتىلا زىيان يەتكۈزۈش بىلەن قالماي، كېلەچەكتىكى قاتتىق كۈچ ئىشلىتىش ئىقتىدارىغىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ. ھەر يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كۇتۇپخانىسىدا تىزىمغا ئېلىنغان پىكرىي ھوقۇقنىڭ نەچچە ھەسسە ئارتۇقى ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن، دۆلىتىدىن ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن ئوغرىلانماقتا ئىدى.

سىبەر ئۇرۇشلار ئوتتۇرىغا چىققۇسى خەۋپلەرنىڭ ئەڭ پاجىئەلىكى ھېسابلىنىدۇ. خەلقئارالىق بىر ۋاز كەچتۈرۈش پىلانى دائىرىسىدە (كىلاسسىك يادرو كۈچىگە تايىنىپ ۋاز كەچتۈرۈش تەشەببۇسلىرىدىن بىر ئاز پەرقلىق بولسىمۇ…) ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، ئۈستقۇرۇلما چىدامچانلىقىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى، بۇ خەۋپكە تاقابىل تۇرۇشنىڭ چارىلىرى قاتارىدا كۆرسىتىلمەكتە. سىبەر ئۇرۇشلارنىڭ ئەڭ مۇشەققەتلىك تەرىپى، سىبەر نىشانلارنىڭ ھەربىي نىشانلاردىن قانداق ئايرىلىدىغانلىقى مەسىلىسى ۋە يەتكۈزۈلگەن ۋاسىتىلىك زىياننىڭ ھەجىملىرىدۇر. ئامېرىكىلىقلار، ئۇرۇش ئەسناسىدا فىرانسىيەدە ئىشلەنگەن ئىراق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلاشتىن يالتايمىغان ئىدى. ھالبۇكى بۇنداق قىلسا، پارىژدىكى بارلىق پۇلماتىكلارنىڭ پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار ئىدى.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ كىملىكلىرى ئېنىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ۋاز كەچتۈرۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ سىبەر ئۇرۇشلاردا كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى قارىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سىبەر ئۇرۇشلاردا ۋاز كەچتۈرۈش قىيىن بولسىمۇ، ئىمكانسىز ئەمەس. ئىنسانلار بۇ خىل ۋاز كەچتۈرۈش بىلەن يادرو ۋاز كەچتۈرۈشنى مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ چۈشىنىدۇ. يادرو مودېلىدا ھۇجۇمغا قارشى قىلىنىدىغان قايتۇرما ھۇجۇمنىڭ ناھايىتى ئېغىر بولۇش ئېھتىمالى ۋاز كەچتۈرگۈچىلىك رولىنى ئوينايدۇ، دەپ قارىلىدۇ. يادرو ۋاز كەچتۈرۈش، ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىلىرى، ئاممىۋى قوراللارنىڭ نىشانغا يېقىن جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى دېگەندەك يان تەدبىرلەر ئارقىلىق كۈچەيتىلىدۇ. سالىدىغان زىيىنى جەھەتتە تور ھۇجۇملىرىنىڭ يادرو ھۇجۇملىرىغا ئوخشايدىغان تەرىپى يوق. دەۋرىمىز شارائىتىدا دۆلەتلەرنىڭ تورلار ۋاسىتىسى بىلەن بىر – بىرىگە بېقىنىشى بىر خىل ۋاز كەچتۈرگۈچىلىك رولىنى ئوينىماقتا. مەسىلەن، خىتاينىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان بىر ھۇجۇمى، بىۋاسىتە ھالدا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىغىمۇ ئېغىر زىيانلارنى يەتكۈزىدۇ. بۇ سېنارىيەنىڭ تەتۇرىچە بولۇشىمۇ مۇمكىن.

شۇنداق مۇداپىئە مېخانىزملىرى باردۇركى، ھۇجۇمغا ئاپتوماتىك ھالدا دەل ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرىدۇ. كۈچلۈك مۇداپىئە سىستېمىلىرىغا ئىگە بولۇش، دۈشمەن تەرەپنى خەۋپ / مەنپەئەت ھېسابلاشقا قىستايدۇ، بۇنىڭمۇ ۋاز كەچتۈرۈش تەسىرى يۇقىرىدۇر. ھۇجۇمنىڭ مەنبەسى توغرىسىدىكى دەتالاشلار، غەيۋەت – شىكايەت ماھىيىتىدە بولسىمۇ، يەنىلا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىنىدۇ (مەھكىمىلەردە دەلىل سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنمىغان تەقدىردىمۇ…). بۇنداق بىر تۆھمەتكە دۇچ كېلىش، ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاۋاتقان تەرەپنى قەدەملىرىنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاشلاشقا مەجبۇرلايدۇ. ئىناۋىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە يۇمشاق كۈچنىڭ ئاجىزلاپ كېتىش ئېھتىماللىقىمۇ ۋاز كەچتۈرگۈچىلىك رولىنى ئوينايدۇ.

سىبەر تېررورىزمنى ۋە دۆلەتسىز كۈچلەرنى ۋاز كەچتۈرۈشمۇ قىيىندۇر. ئالدىنقى بۆلۈملەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگىنىدەك، سىبەر ھۇجۇملار زامانىمىز تېررورچىلىرىغا نىسبەتەن كۆپ ئىشقا سېلىنىدىغان ئۇسۇل ئەمسە. لېكىن، ئالدىمىزدىكى يىللاردا تېررورچىلارنىڭ قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۈستقۇرۇلمىلارغا ھۇجۇم قىلىش مۇمكىنلىكىنى ئۇنتۇماسلىق لازىم. دەۋرىمىزدە ئىنتېرنېت خەۋپسىزلىكتىنمۇ بەكرەك يارىتىپ بەرگەن قولايلىقى بىلەن ئالدىنقى پىلانغان چىققان بىر قۇرۇلمىدۇر. سەزگۈرلۈككە ئىگە مىللىي ئۈستقۇرۇلمىلارنىڭ ئىنتېرنېت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئازايتىش، بىر مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسى سۈپىتىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلماقتا. بەزى مۇتەخەسسىسلەر، ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە ئۈستقۇرۇلمىلارغا ئىگە ئورگانلار (مالىيە ۋە ئېلېكتىرگە ئوخشاش) غا ئوچۇق ئىنتېرنېت ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا ئالدىن تەستىق ئېلىش ئارقىلىق كىرگىلى بولىدىغان (opt-in) ئالاھىدە بىخەتەرلىك سىستېمىلىرىنى ئىشلىتىشلىرىنى تەۋسىيە قىلماقتا. شۈبھىسىزكى ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش ئىمكانىيەتلىرى كەڭ بولغانلار ئوچۇق ئىنتېرنېتنى ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ.

ئۆتكەن يىللاردا دېڭىز قاراقچىلىرىغا قارشى خەلقئارادا قانداق ھەمكارلىق ئورنىتىلغان بولسا، سىبەر جىنايەتلەر مەسىلىسىدىمۇ شۇ ئۇسۇلغا تايىنىپ قانۇنسىزلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ. نېمىشقىدۇر ئۆتمۈشتە دېڭىز قاراقچىلىرى دۆلەتلەر تەرىپىدىن قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىدىغان ئىشلار بولاتتى، سىبەر جىنايەتلەر ساھەسىدىمۇ شۇنداق ئىشلارنىڭ بولۇش مۇمكىنچىلىكى بار. مەسىلەن، خىتاي ئوتتۇزدىن ئارتۇق دۆلەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ياۋروپا كېڭىشى سىبەر جىنايەتلەر كېلىشىمىنى ئىمزالاشنى رەت قىلدى. خىتاي، بۇ خىل جىنايەتلەر سەۋەبىدىن ئۇچرىغان زىيىنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇشۇ ئۇسۇلدا ئېرىشكەن پايدىسىدىن ئېشىپ كېتىشكە باشلىسا، پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشىنى مۇمكىن. كېلىشىم دائىرىسىدە ئومۇميۈزلۈك بىردەكلىك ھاسىل قىلىش ھازىرچە قىيىندەك كۆرۈنسىمۇ، پۇل ئاقلاش، خەۋپسىزلىك دېگەندەك مۇئەييەن مەسىلىلەردە ئىتتىپاقلار ئورنىتىلىشقا باشلاندى. بۇنىڭ سايىسىدا ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاۋاتقان سەرپ قىلىدىغان چىقىملىرى بارغانچە كۆپەيمەكتە.

دۆلەتلەر تەرىپىدىن بىر قاتار چارە – تەدبىرلەر يولغا قويۇلمىغان تەقدىردە، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان جاسۇسلۇقلارنىڭ تىنىمسىز داۋاملىشىشىنى كۈتۈش كېرەك. جاسۇسلۇق ئىنسانىيەت تارىخىغا ئوخشاشلا ئۇزۇن ئۆتمۈشكە ئىگىدۇر. دۆلەتلەرنىڭ جاسۇسلۇق ۋەقەلىرىگە ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىنكاس قايتۇرۇش پوزىتسىيەسى، سىبەر جاسۇسلۇق ساھەسىدىمۇ ئوتتۇرىغا چىقماقتا ۋە زىياننى بىر قەدەر بولسىمۇ ئازايتىدىغان بىر خىل چارە سۈپىتىدە يولغا قويۇلماقتا. ئامېرىكا سىبەر بىخەتەرلىك باشقارمىسى باشلىقىنىڭ مۇنداق بىر سۆزى بار: «چارىنىڭ ئاچقۇچى بولالايدىغان پوزىتسىيەلەرنىڭ بېشىدا، جاسۇسلۇق مەنبەسى دەپ قارالغان دۆلەتكە قاراپ، <بۇ ئىشنى سەن قىلمىغان بولساڭ، كىمنىڭ قىلغانلىقىنى ئوبدان تەكشۈرۈشۈڭ كېرەك> دېيىش ئورۇن ئالىدۇ، بۇ چاقىرىققا رىئايە قىلمىغان دۆلەتكە قارشىلىق بىلدۈرۈلىدۇ.» خەلقئارا قانۇنلارنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە قارىغاندا، ئەگەر ھۇجۇم مۇئەييەن بىر دۆلەتنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلسا، ھۇجۇمنى قىلغۇچى دۆلەتنىڭ ئۆزى بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇ دۆلەتكە مۇۋازىنەتلىك شەكىلدە قارشىلىق بىلدۈرۈش قانۇنىيدۇر.

2000 – يىللاردا ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە سىبەر جىنايەتلەر توغرىسىدا بىر قاتار ئەيىبلەش قارارلىرى ۋە دۆلەتلەر يولغا قويسا بولىدىغان مۇداپىئە تەدبىرلىرى توغرىسىدا بەزى يوليورۇقلار چىقىرىلدى. يەنە شۇ مەزگىلدە رۇسىيە، ئىنتېرنېتنىڭ خەلقئارادا تېخىمۇ كۈچلۈك نازارەت قىلىنىشى ئۈچۈن ب د ت دىن بەزى قارارلارنى چىقارغۇزۇشنىڭ كويىدا ئىدى. ئامېرىكا ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى تەدبىرلەرنىڭ مۇداپىئە مېخانىزملىرىغا زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى، يولغا قويۇشنىڭمۇ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ تەكلىپىگە قارشى چىقتى ۋە  ب د ت دا بۇ تەدبىرلەرنى  دىكتاتور تۈزۈملەرنىڭ ئىنتېرنېتقا سېنزور قويۇش مەقسىتىدە ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ قىزغىن قارىمىدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى چارە تېپىش تىرىشچانلىقلىرى داۋاملاشماقتا.

ئىنتېرنېت دۇنياسىدىكى «ھەرىكەت ئۆلچەملىرى» نى بېكىتىش، دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكەت ئۆلچەملىرى پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، كەڭ دائىرىدە بىرلىك ھاسىل قىلالمايدىغاندەك  قىلىدۇ. جاك گولدسمىت[4] نىڭ دېگىنىدەك، «زېمىنلىرىمىزدىن قىلىنغان بارلىق سىبەر ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىمكانىيىتىمىز بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سېلىشنى بەك خالاپ كەتمەيتتۇق. چۈنكى، ئالاھىدە ساھەلەردىكى <خاكتىۋىست> لەر دېموكراتىيە نامىدىن ياخشى ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. دۆلەت ئورگانلىرىدا بولسا، مۇھىم كومپيۇتېر سىستېمىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن يولغا قويۇلىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر، كۈچلۈك شەكىلدە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈشتۇر.» ئامېرىكىنىڭ كۆزئەينەكلىرى بىلەن قارالغىنىدا، تىۋىتتېر ۋە يۇتىيۇب خۇسۇسىي ئەركىنلىكلەر ساھەسىگە كىرىدۇ، خىتاينىڭ كۆزئەينىكىدىن قارالغىنىدا بولسا، بۇلار ھۇجۇم قوراللىرىدۇر.  بالىلارنىڭ جىنسىي سۇيىئىستېمال قىلىنىشىغا ئوخشاش ناھايىتى كەڭ دائىرىدە ئەيىبلىنىۋاتقان بىر مەسىلىدىمۇ، بىر چەكلىمە قويۇشنىڭ ئورنىغا مىللىي سۈزۈش سىستېمىلىرىنى ئىشقا سېلىش تەۋسىيە قىلىنماقتا. ياردەمنى باشقىلاردىن كۈتۈشنىڭ ئورنىغا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز تەدبىرلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئېلىشى كۈچلۈك قائىدىدۇر.

سىبەر ساھەلەر كۈچ سەھنىسىدىكى ئاكتىيورلار ئارىسىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان قۇدرەت تەڭپۇڭسىزلىقىنى ئازايتتى. بۇ ئەھۋال، بىز ياشاۋاتقان بۇ ئەسىردە كۈچنىڭ ئومۇملىشىشى ھادىسىسىگە مىسال بولالايدۇ. لېكىن، باراۋەرلىك كاپالەتكە ئىگە قىلىندى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ دۇنيا سىياسەتلىرىگە بۇرۇنقىدەك كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، دەيدىغان بىر خاتالىقنى سادىر قىلماسلىق لازىم. كىچىك بىر دۆلەت بولغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بلاكبېرري ئىشلەپچىقارغۇچىسىنى يول قويۇشقا قانداق قىستىغانلىقىنى ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويمايلى؛ فىرانسىيەنىڭ ياخونى، خىتاينىڭ گوگۇلنى قانداق تىزگىنلىگەنلىكىنىمۇ. دۆلەتلەر كۈچلۈك بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، چۈنكى سىبەر ساھەلەر پۈتۈنلەي خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى ساھەلەرگە تاشلاپ قويغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە مۇھىمدۇر.

سىبەر ساھەلەر، ئاسسىمېترىكىلىق ئۇرۇش تاكتىكىلىرىنى ئىشلىتىپ ئالدىنقى پىلانغا چىقىشقا مۇۋەپپەق بولغان بەزى دۆلەتلەر ئارىسىدا كۈچنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇشىغا سەۋەب بولىدىغان بولسىمۇ، بۇ ئۆزگىرىشلەر، ئويۇننىڭ قائىدىلىرىنى باشتىن ئاخىر ئۆزگەرتىۋەتكۈدەك دەرىجىدە بولمايدۇ. دۆلەتلەر سىبەر ساھەلەرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئاكتىيورلىرى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. لېكىن كۈچ، بارغانسېرى دۆلەتسىز ئاكتىيورلارغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. 21 – ئەسىردە كۈچنىڭ ئاچقۇچلۇق شەكلىنى سىبەر تورنىڭ مەركىزىيلەشتۈرلۈشى شەكىللەندۈرىدۇ.

 

6 – بۆلۈم

كۈچنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇشى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاجىزلىشىش مەسىلىسى

 

كۈچ، قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەنسە ئۆلچەنسۇن، دۆلەتلەر ئارىسىدا تەقسىمات باراۋەرلىكىنى ئۇچرىتىش ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. مەنبەلەر نۇقتىسىدىن باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغانلارنىڭ زومىگەرلىكىدىن ئېغىز ئېچىشقا بولىدۇ. قەدىمكى گىرېك مەدەنىيىتىدىن بۇيان خوجا بولۇش ئارزۇسى چوڭ ئۇرۇشلارنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى دەپ كۆرسىتىلمەكتە. گىرېك شەھەر دۆلەتلىرى سىستېمىسىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىغان پېلېپوننېس ئۇرۇشلىرى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 5 – ئەسىر) سىپارتاكنىڭ، ئافىنا (ئاتىنا) نىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى ئۈچۈن يۈز بەردى. 1 – دۇنيا ئۇرۇشىمۇ گېرمانىيەنىڭ يۈكسىلىشىنىڭ بىرىتانىيەدە پەيدا قىلغان ۋەھىمە يۈزىسىدىن يۈز بەرگەنىدى.

بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ يۈكسىلىشىمۇ ئامېرىكىدا ئوخشاش تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ. سىتون يازغۇچىسى روبېرت كاگان، خىتاي لىدىرلىرىنىڭ دۇنياغا ئۆتكەن ئەسىردە كائىسېر ۋىلھېل II گە ئوخشاشلا قارايدىغانلىقىنى يازىدۇ ۋە ئىلاۋە قىلىپ، «خىتاي لىدىرلار خەلقئارالىق سىستېمىلارنىڭ دۆلەتلىرىگە يۈرگۈزىدىغان بېسىمغا سەۋەب بولىدۇ. مەقسەتلىرى، بۇ سىستېمىلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىشىگە پۇرسەت بەرمەستىن، ئۆزلىرى بۇ سىستېمىلارنى ئۆزگەرتىشتۇر» دەيدۇ. چىكاكو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پىروفېسسورى جون مېئارشېئىمىر ناھايىتى ئېنىق قىلىپ، «خىتاينىڭ تىنچلىق ئۇسۇلدا يۈكسىلىشى مۇمكىن ئەمەس!» دەيدۇ. بەزى مۇتەخەسسىسلەر تېخىمۇ ئېھتىياتچان تىل بىلەن مۇنداق بىر يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: «خىتاينىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە نىسبەتەن تەھدىتكە ئايلىنىشى ناھايىتى تۆۋەن دەرىجىدىكى ئېھتىماللىقتۇر، لېكىن، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بىر ئۇرۇشقا كىرىش ئېھتىماللىقى، باشقا ھەرقانداق بىر كۈچ بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئېھتىماللىقىدىن خېلىلا كۈچلۈكتۇر.»

 

خوجايىنلىقنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇشى

 

بىر دۆلەتنىڭ باشقا دۆلەتلەردىن ئۈستۈنلۈكى قانچىلىك بولۇشى كېرەك ياكى قايسى خىل مەنبەلەرگە ئىگە بولغاندا، بۇ دۆلەتنىڭ خوجايىنلىق ئورنىدىن ئېغىز ئېچىشقا بولىدۇ؟ بۇ سوئال توغرىسىدا ئومۇملاشقان بىردەكلىك يوق. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا دۇنيا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ⅓ دىن كۆپرەكىنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان، يادرو قورالى جەھەتتە دەتالاشسىز ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇشىغا قارىماي، خىتاينى «قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان»، شەرقىي ياۋروپانىڭ كوممۇنىزمغا ئېغىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمىغان، كورېيە ئۇرۇشىدىن بىرئاز بولسىمۇ غەلىبە بىلەن چىقالمىغان، شىمالىي ۋىيېتنامنىڭ قولدىن كېتىشىنى توختىتىپ قالالمىغان، كۇبادىكى كاسترو تۈزۈمىنى ئورنىدىن مىدىرلىتالمىغانىدى. خوجايىنلىق ھوقۇقىنىڭ مەۋجۇتلۇقى دەۋا قىلىنىۋاتقان بىر دەۋردە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنى پوزىتسىيە ئۆزگەرتىشكە قىستىغان ھەربىي تەھدىتلىرىنىڭ پەقەت بەشتىن بىرى، ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنىڭ پەقەت يېرىمىلا ئۈنۈمگە ئېرىشتى. بىرىنچى بۆلۈمدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگىنىدەك، مەنبەلەرنىڭ كۆپلۈكى بۇ مەنبەلەرگە تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈلمەكچى بولغان ئۈنۈملەرگە جەزمەن ئېرىشكىلى بولىدۇ، دېگەنلىك بولمايدۇ.

كۆپىنچە كىشىلەر، كۈچ مەنبەلىرى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا ئامېرىكىنىڭ خوجايىن ئىكەنلىكىنى ۋە بىرىتانىيە مىسالىدا كۆرۈلگىنىدەك، تۆۋەنلەشكە يۈزلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇ «چۈشۈش / كۈچسىزلىنىش» مەسىلىسىنىڭ ئۆزئارا ئارىلاشتۇرۇپ قويۇلماسلىقى زۆرۈر بولغان ئىككى تەرىپى بار: شەرتسىز زەئىپلىشىش دۆلەتنىڭ ئۆز ئىچىدىكى خوراشلارنى مەنبە قىلىدۇ، مەنبەلەر پائال شەكىلدە ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. نىسبەتەن زەئىپلىشىش بولسا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەنبەلىرىنىڭ زورىيىشى ۋە بۇلارنى ئىشلىتىش شەكىللىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسەن نىسپىي چېكىنىشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، 17 – ئەسىردە گوللاندىيە مەھەللىي مەنىدە ناھايىتى باياشات بولسىمۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ كۈچىيىشى بىلەن نىسپىي تۆۋەنلەشنى باشتىن كەچۈردى. يەنە بىر تەرەپتىن، غەربىي رىم ئىمپېرىيەسى سىرتتىن تەھدىت سېلىۋاتقان چوڭ بىر كۈچ بولمىسىمۇ، ئۆز ئىچىدىكى خوراش، چىرىش تۈپەيلى يىمىرىلگەنىدى.

ئامېرىكا بىلەن بىرىتانىيە ئارىسىدىكى كۈچ جەھەتتىكى چېكىنىشنى سېلىشتۇرما قىلىش راۋاج تېپىۋاتقان بولسىمۇ، توغرا ئەمەس. بىرىتانىيە، ئۈستىدە قۇياش پاتمايدىغان بىر ئىمپېرىيە ئىدى. دۇنيا نوپۇسىنىڭ  ¼ نى باشقۇراتتى، ناھايىتى زور دېڭىز كۈچى ئۈستۈنلۈكى بار ئىدى.  شۇنداقتىمۇ بىرىتانىيە ئىمپېرىيەسى بىلەن زامانىۋى ئامېرىكا دۆلىتى ئارىسىدا نىسپىي كۈچ مەنبەلىرى نۇقتىسىدىن چوڭ پەرقلەر بار ئىدى.  مەسىلەن، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئەسناسىدا بىرىتانىيەنىڭ 8 مىليون 600 مىڭ كىشىدىن تەشكىل تاپقان ھەربىي كۈچىنىڭ ⅓ ى، ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى باشقا مىللەتلەردىن تەشكىل تاپاتتى. كۈچىيىۋاتقان مىللەتچىلىك ئېقىملىرى لوندونغا خەۋپ بولۇۋاتاتتى، رۇسىيە ۋە گېرمانىيەگە ئوخشاش قوشنىلىرى كۈچىيىپ كېتىپ باراتتى. يەنە بىر تەرەپتە، ئىككى يېنى ئىككى ئوكياننىڭ مۇھاپىزىتى ئاستىدىكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى غوجىدارلىق قۇرۇلمىسىغا ئىگە ئىدى، قىتئەدىكى ئىقتىسادى ئۆزىگە يېتەتتى، قوشنىلىرى بولسا زەئىپ ئىدى.

ئامېرىكا جەمئىيىتىدە كۈچتىن ئايرىلىپ قېلىش پىسخولوگىيەسى ئىزچىل بار ئىدى. مىساللىرى، 1957 – يىلى رۇسلارنىڭ سىپۇتنىكنى ئالەم بوشلۇقىغا ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن كېيىن، 1970 – يىلى نېفىت كىرىزىسىدىن كېيىن، 1980 – يىللاردا رېگان ھۆكۈمىتىنىڭ خامچوت قىزىل رەقەملىرىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن ئىزچىل كۆرۈلدى. لېكىن، 90 – يىللارغا كەلگەندە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىردىنبىر پەۋقۇلئاددە كۈچ دەپ قارالدى. ھازىر بولسا، يەنە ئامېرىكىنىڭ چېكىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بۇلارنىڭ دەۋر خاراكتېرلىك پىسخىك تونۇشلاردۇر. بۇ تونۇشنىڭ ئاستىدا يېتىۋاتقان، كۈچ مەنبەلىرىنىڭ بىر يەردىن باشقا بىر يەرگە ئېغىش ھادىسىسى نەزەردىن ساقىت قىلىنماقتا. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى بۆلۈمدە، دەتالاشلىق تارىخىي سېلىشتۇرمىلاردىن، دەۋر خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش قاراشلىرىدىن ساقلىنىشقا تىرىشقان ھالدا، ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ گەۋدىلىنىشكە باشلىغان نىسپىي زەئىپلىشىشىنى ۋە ئۆز دۆلەت ئىچىنى مەنبە قىلغان ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن زەئىپلىشىش توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.

 

كۈچ مەنبەلىرىنىڭ تارقىلىشى

 

21 – ئەسىرگە كۈچ مەنبەلىرى باراۋەرلىكتىن ئىنتايىن يىراق ھالەتتە تارقالغان بىر خىل مۇھىتتا قەدەم بېسىلدى. دۇنيادىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ¼ى، ھەربىي خىراجەتنىڭ يېرىمى دېگۈدەك، دۇنيانىڭ پەقەت %5 نىلا تەشكىل قىلىدىغان ئامېرىكا تەرىپىدىن قىلىنماقتا. مەدەنىيەت ۋە ئىلىم – پەن ساھەسىدىكى يۇمشاق كۈچ مەنبەلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ قىسمىمۇ يەنە مۇشۇ دۆلەتنىڭ قولىدا. لېكىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دۇنيانىڭ كۈچ مەنبەلىرىدىن ئالغان پېيىنىڭ كېلەچەكتە قانداق بولىدىغانلىقى قىزغىن بەس – مۇنازىرە قىلىنماقتا. 2010 – يىلى داۋوس يىغىنلىرىدا كۈچنىڭ پەرقلىق يۆنىلىشلەرگە ئېغىشقا باشلىغانلىقىنىڭ ناماياندىسى سۈپىتىدە خەلقئارالىق پۇل – مۇئامىلە كىرىزىسىغا ئىشارەت قىلىنغانىدى، ۋال سىترىتتىكى دەزمۇ ئامېرىكا كۈچىنىڭ تۆۋەنلەشكە باشلىغانلىقىنىڭ دەلىلى، دەپ ئانالىز قىلىنغانىدى. تېخىمۇ ئۇزۇن مەزگىللىك قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەتلىك ئىستىخبارات كېڭىشى، 2025 – يىلىغا بارغاندا ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى كۈچ بولۇش ئورنىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى، لېكىن، ئۈستۈنلۈكىنىڭ ئاجىزلايدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.  كۆپلەپ تىلغا ئېلىنىۋاتقان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى (بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي) نىڭ 2027 – يىلىغا بارغاندا ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە باي دۇنياغا قېتىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ئەسىرىمىزنىڭ بېشىدا ياۋروپا ۋە ياپونىيە ئىقتىسادلىرى بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئالدىدىدۇر. ئالدى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ باي ئىتتىپاقداشلىرىغا بىر نەزەر تاشلاپ چىقايلى، ئارقىدىن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنى نىسپىي كۈچ ئېغىشلىرىغا كۆز يۈگۈرتەيلى (قوشۇمچە جەدۋەلگە قاراڭ).

21 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۈچ مەنبەلىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى
  ئامېرىكا ياپونىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە خىتاي ھىندىستان بىرازىلىيە
يەر كۆلىمى (1.000 كم) 9.827 378 4.325 17.098 9.597 3.287 8.515
نوپۇس (مىليون كىشى. 2009 نوپۇس ئىستاتىستىكىسى 307 127 492 140 1.339 1.166 199
ئوقۇش – يېزىش نىسبىتى % 99 99 99 99 91 61 89
ھەربىي كۈچ
يادرو ئوق باشلىرى (2009) 2.702 0 460 4.834 186 60-70 0
ھەربىي خىراجەت (مىليارد دوللار – 2008) 607 46 285 59 (تەخمىنەن) 85

(تەخمىنەن)

30 30
دۇنيادىكى ھەربىي خىراجەتلەرگە سېلىشتۇرما نىسبىتى % (2008) 42 3 20 (2007) 4 (تەخمىنەن) 6 (تەخمىنەن) 2 2
                                                                      ئىقتىسادىي كۈچ
مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (مىليارد دوللار. سېتىۋېلىش كۈچى سەۋىيەسى. 2008) 14.260 4.329 14.940 2.266 7.973 3.297 1.993
مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (مىليارد دوللار – 2008) 14.260 4.924 18.140 1.677 4.402 1.210 1.573
كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي كىرىم (سېتىۋېلىش كۈچى – 2008) 46.900 34.000 33.700 16.100 6.000 2.900 10.200
يۈز ئادەم بېشىغا ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچى سانى (2007) 74 (2008) 69 50 (2006) 21 19 (2006) 7 32
                                                                       يۇمشاق كۈچ
ئالدىنقى قاتاردىكى 100 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىچىگە كىرگەن ئۇنىۋېرسىتېت سانى (2009) 55 5 16 1 0 0 0
يىلدا ئىشلەنگەن فىلىم سانى (2006) 480 417 1.155 (تەخمىنەن) 67 260 (2005) 1.091 27
چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى سانى (1000 كىشى – 2008) 623 132 (2010) 1.255 (تەخمىنەن) 89 195 18 (2007) مەلۇمات يوق

 

ياۋروپا

ئامېرىكا ئىقتىسادى گېرمانىيەنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تۆت ھەسسىگە تەڭ كەلسىمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىي كۈچى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىدىن بىر ئاز يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. 500 مىليونلۇق نوپۇسى بولسا، ئامېرىكىنىڭكىدىن خېلىلا كۆپتۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا يېڭى قېتىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە نىسبەتنى تۆۋەنلىتىشى تۈلەيلى ئامېرىكىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي كىرىمى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭكىدىن يۇقىرى بولسىمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى مەيلى ئىنسان كۈچى سەرمايىسى، مەيلى تېخنولوگىيە ۋە ئېكسپورتى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەڭ يېقىن رەقىبى ھېسابلىنىدۇ.

گىرېتسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە باش كۆتۈرگەن مالىيە كىرىزىسلىرى سەۋەبىدىن چىققان 2010 – يىلىدىكى كىرىزىسقىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق پۇل بىرلىكى ياۋرونىڭ خەلقئارا زاپاس پۇل سۈپىتىدە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا ئىدى. ئۇنداق بولمىدى، ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، 925 مىليارد دوللارلىق قۇتقۇزۇش پىلانى ئارقىلىق پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى تىكلەشكە تىرىشتى. گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، «ياۋرو مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىسا، بۇ پەقەت پۇل بىرلىكىنىڭ مەغلۇبىيىتى بولمايدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇقۇمى بىلەن بىرلىكتە ياۋروپانىڭمۇ ۋەيران بولۇشىدۇر» دېگەن سۆزلىرى ئارقىلىق ئەندىشىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنىدى.

ھەربىي جەھەتتىن سېلىشتۇرما قىلىنىدىغان بولسا، ياۋروپا مۇداپىئەگە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېرىمىدىنمۇ ئاز پۇل سەرپ قىلماقتا. لېكىن، ئۇنىڭ ئەسكەر كۈچى سانى ئامېرىكىنىڭكىدىن كۆپتۇر شۇنداقلا ئەزالىرىنىڭ ئىككىسى يادرو قورالىغا ئىگىدۇر. يۇمشاق كۈچ جەھەتتىمۇ ياۋروپا كۈلتۈرى دۇنيانىڭ كۆپلىگەن دۆلىتىنى جەلپ قىلماقتا، يېقىن قوشنىلار بىريۇسسېلغا بىرلەشمىنىڭ مەركىزىدىكى جەزبىدارلىق مەركىزى، دەپ قارىماقتا.

ياۋروپانىڭ كۈچ مەنبەلىرىنى مۇھاكىمە قىلغاندا، مەركەزلىشىش كېرەك بولغان ئاساسلىق مەسىلە، ياۋروپا ئوتتۇرىغا چىققان بىر قاتار خەلقئارالىق مەسىلىگە قارىتا سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي – مەدەنىي بىرلىك چۈشەنچىسىنى نامايان قىلالامدۇ ياكى كۈچلۈك مىللەتچى قاراشلارنىڭ، پەرقلىق سىياسىي كۈلتۈرلەرنىڭ ۋە تاشقى سىياسەتتىكى مۇھىم ئىشلىرى ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتۈۋالغان دۆلەتلەرنىڭ گۇرۇپپىلىشىش كۆرۈنۈشىنى نامايان قىلامدۇ؟ پەرقلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن پەرقلىق جاۋابلار بولىدۇ. دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى تەسىر كۈچى نۇقتىسىدىن ياۋروپا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭ كۈچىنى تەڭپۇڭلاشتۇرالايدۇ. سىبەر دۇنيادىكى كىشىلىك ئەركىنلىكلەر توغرىسىدىكى دۇنياۋى ئۆلچەملەرنى ياۋروپا بەلگىلىمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن، مىللىي كىملىكلەر كۈچلۈك بولغاچقا، ئورتاق ياۋروپالىق كىملىكى پەقەتلا شەكىللىنىپ بولالمىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 27 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە كېڭىيىشى (باشقىلارمۇ يولدا كېلىۋاتىدۇ) ياۋروپا ئورگانلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس شەكىلدە قالىدىغانلىقى، كۈچلۈك بىر فېدېراتىپ ياۋروپا ياكى بىرلا دۆلەتكە ئايلىنالمايدىغانلىقى تۇيغۇسى بېرىدۇ. تاشقى سىياسەت ۋە مۇداپىئە ساھەلىرىدە ئەزالار ئارىسىدىكى ئۆزئارا ماسلىشىش تېخى تولۇق مەنىدە كاپالەتكە ئىگە قىلىنالمىدى. ياۋروپا كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى لورد پاتتېننىڭ تەبىرى بويىچە، «دۇنياۋى نۇقتىدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىچىلىك مۇھىم ھېسابلانمايمىز». 2008 – يىلىدىكى پۇل – مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە گىرېتسىيە قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردە ئوتتۇرىغا چىققان مالىيە مەسىلىلىرى، ياۋرو رايونىدىكى پۇل – مۇئامىلە ماسلىشىشچانلىقىنىڭ زەئىپلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش نۇقتىسىدىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. «ئىقتىساد ژۇرنىلى» نىڭ مۆلچەرلىرى بويىچە: 1900 – يىلى ياۋروپا دۇنيا نوپۇسىنىڭ ¼ نى تەشكىل قىلاتتى. 2060 – يىلىغا بارغاندا بۇ نىسبەت %6 چۈشۈپ قالىدۇ، بۇنىڭ ⅓ ىىنى 65 ياشتىن يۇقىرىلار تەشكىل قىلىدۇ. ياۋروپا كېڭىشى تاشقى مۇناسىۋەتلەر دىرېكتورى بۇ مەسىلىنى مۇنداق يىغىنچاقلايدۇ: «ئومۇملاشقان بىر قاراشقا ئاساسلانغاندا، ياۋروپا دەۋرىنى ياشاپ ئاخىرلاشتۇردى. ياۋروپا نۆۋەتتە يىراقنى كۆرەرلىكىنىڭ يېتەرسىزلىكى،  بۆلۈنۈش ھالىتى، قانۇنىي مەسىلىلەرگە چىڭ يېپىشىۋېلىشى، ھەربىي كۈچىنى نامايان قىلىش جەھەتتىكى ئىستەكسىزلىكى ۋە ئىقتىسادىدىكى كالامپايلىقى بىلەن، بىر چاغلارنىڭ روماسىدىنمۇ كۈچلۈك ھالەتنى نامايان قىلىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ دەل ئەكسىچە بىر خىل كۆرۈش بەرمەكتە… لېكىن، مەسىلە ياۋروپا ئەمەس، مەسىلە بىزنىڭ دەۋرنىڭ ئارقىسىدا قالغان كۈچ چۈشەنچىمىزدۇر.» يەنە بىر تەرەپتىن، ياۋروپا توغرىسىدا ئۈمىدۋار قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارمۇ بار. بۇلارنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ ھەربىي كۈچى بولۇپ، بۇ ساھەدىكى چىقىمى دۇنيا مۇداپىئە چىقىملىرىنىڭ %1 ىنى تەشكىل قىلماقتا (خىتاي %5، رۇسىيە %3، ھىندىستان %2 ۋە بىرازىلىيە %1.5). ئون مىڭلارچە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەسكىرى سېررالېئون، كونگو، لىۋان، ئافغانىستان، پىل چىشى قىرغىقى دېگەندەك دۆلەتلەردە ۋەزىپە ئۆتىمەكتە. ئىقتىساد كۈچ سۈپىتىدە دۇنيا سودىسىنىڭ %17 ىگە ۋەكىللىك قىلماقتا (ئامېرىكا %12).

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا كۈلتۈرلىرى، نۆۋىتى كەلگەندە بىر – بىرىنى چوقۇلاپ قويسىمۇ، 200 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئۆزئارا ماس ئىلگىرىلىمەكتە. تېخىمۇ كەڭ نۇقتىدىن قارىلىدىغان بولسا، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار قىممەت – قاراشلار زەنجىرى، باشقا ھېچبىر دۆلەت ياكى دۆلەتلەر بىلەن بولۇپ باقمىغان دەرىجىدە بىر – بىرىگە يېقىندۇر. كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقى نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىنغىنىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياۋروپانىڭ بىر – بىرلىرىنىڭ ئەجەللىك مەنپەئەتلىرىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان بىر نۇقتىغا كېلىپ قېلىشىنى كۈتمەسلىك كېرەك. مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى كۆرۈلسىمۇ، بۇلارنىڭ دەرىجىسى تۆۋەن بولىدۇ.

ياپونىيە

1990 – يىللارنىڭ بېشىدىكى ئاساسسىز مۆلچەرلەر نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان شارنىڭ پارتلىشى بىلەن، ياپونىيە ئىقتىسادى 20 يىل داۋاملاشقان بىر ئاستىلاش باسقۇچىغا كىردى. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي كىرىمى (سېتىۋېلىش كۈچى سەۋىيەسى) ياپونىيەنىڭكىنىڭ ئالتىدىن بىرىگە تەڭ كېلىدىغان خىتاي، ئومۇمىي چوڭلۇق جەھەتتە ياپونىيەدىن ئېشىپ كەتتى. 1988 – يىلى دۇنيانىڭ بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى 10 شىركىتىنىڭ سەككىزى ياپونىيەنىڭ ئىدى. نۆۋەتتە مەزكۇر شىركەتلەر ئىچىدە بىرمۇ ياپونىيە شىركىتى يوق. ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى چېكىنىشىگە قارىماي، دۇنيانىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئىقتىسادى كۈچىگە، ناھايىتى ئىلغار سانائەت قۇرۇلمىسىغا ۋە ئاسىيادىكى ئەڭ زامانىۋى ئارمىيەگە ئىگە بولۇشتەك ئۈنۈملۈك كۈچ مەنبەلىرىنىڭ ساھىبىدۇر. ئەسكەر سانى جەھەتتە خىتاي چوڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يادرو كۈچىگە ئىگە بولسىمۇ، ياپونىيە ئىلغار تېخنولوگىيەلىك ئىمكانىيەتلىرى بىلەن ئاسان شۇنداقلا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يادرو كۈچىگە ئىگە بولالايدۇ. بۇنىڭدىن پەقەت 20 يىل ئىلگىرى ئامېرىكىلىقلار  ياپونلارنىڭ ئۆزلىرىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن قورقاتتى. شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن ئىدىكى، ياپونىيەنىڭ باشلامچىلىقىدا قۇرۇلىدىغان بىر تىنچ ئوكيان لاگېرىنىڭ ئامېرىكىنى چەتكە قاقىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ بىر ئامېرىكا – ياپونىيە ئۇرۇشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى تەخمىنلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا باشلىغانىدى. مانا بۇلار بىزگە تېز سۈرئەتتە يۈكسەلگەن كۈچ مەنبەلىرىنى ئاساس قىلىپ، ئادەتتىكىچە ئويلاپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان كېلەچەك تەخمىنلىرىنىڭ قانچىلىك خاتا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى، ياپونىيە دۇنيا سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ %5 ىنى ئىشقا ئاشۇراتتى، ۋەيرانچىلىقتىن كېيىن، بۇ سەۋىيەگە 1964 – يىلى ئاران كېلەلىدى. ياپونىيە ئىقتىسادى 1950 – 1974 – يىللىرى ئارىسىدا يىللىق ئوتتۇرىچە %10 ئاشتى. 1980 – يىلى يىللىق %15 لىك سانائەت ئىشلەپچىقىرىش پېيى بىلەن ،دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىككىنچى دۆلەت ئىقتىسادى بولدى. چەت دۆلەتلەرگە سالغان سېلىنمىلار ۋە بەرگەن قەرزلەر جەھەتتە بىرىنچى بولدى. ئۈنۈملۈك ئىستراتېگىيەسى سايىسىدا مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ پەقەت %1 ىنىلا مۇداپىئەگە ئاجرىتىپ، پۈتكۈل مەنبەلىرىنى ئىقتىسادقا يۈزلەندۈردى. (خامچوتنى) مۇشۇنداق قىسقارتقان بولۇشىغا قارىماي، شەرقىي ئاسىيانىڭ ئەڭ زامانىۋى، ئەڭ ياخشى قوراللىق ئارمىيەسىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا مۇۋەپپەق بولدى. ياپونىيەنىڭ ئۆزىنى قايتىدىن بايقىشى دەپ  ئاتىساقمۇ بولىدىغان بىر خىل تارىخىي ئالاھىدىلىكى بار. ئۇلار ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، يەنى 1945 – يىلىدىن باشلاپ كۈللىرى ئارىسىدىن قايتىدىن تۇغۇلدى. ياپونىيە باش ۋەزىرلىكىگە قاراشلىق تەرەققىيات كومىتېتى 2000 – يىلىدىكى بىر باياناتىدا، 21 – ئەسىر نىشانلىرىغا يېتىش ئۈچۈن بۇنىڭغا ئوخشاش يېڭىدىن تۇغۇلۇشقا ئېھتىياج بارلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. سىياسەت كۆزنىكىدىن قارالغىنىدا، لېبېراللىشىش سۈرئىتىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى، ياشانغان نوپۇسقا ئالاقىدار مەسىلىلەر، كۆچمەنلىككە قارشى تۇرۇش دېگەندەك سەزگۈر مەسىلىلەردە تېگىشلىك ئۆزگەرتىشلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ئاسانغا توختىمايدۇ.

ياپونىيەنىڭ ساقلىنىۋاتقان ناھايىتى ئېغىر دېموگرافىك مەسىلىلىرى بار. نوپۇسىنىڭ 2050 – يىلىغىچە 100 مىليونغا چۈشۈپ قېلىشى كۈتۈلمەكتە، خەلق بولسا، كۆچمەن قوبۇل قىلىشقا قەتئىي قارشى چىقماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن، ياپونىيە يۇقىرى تۇرمۇش ئۆلچەملىرى، يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئەمگەك كۈچى، مۇقىم جەمئىيىتى، تېخنولوگىيەدىكى بايراقدارلىقى، مېھرى – مۇھەببەتكە ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر كۈلتۈرى ۋە خەلقئارا ئورگانلارنى كۈچلۈك دەرىجىدە قوللىشى دېگەندەك ئىشلىرى بىلەن تىلغا ئېلىشقا ئەرزىگۈدەك دەرىجىدە يۇمشاق كۈچكە ئىگە.

10 – 20 يىل ئىچىدە ياپونىيە ئەسلىگە كېلىپ، ئون يىل ئىلگىرى مۆلچەرلەنگىنىدەك، ھەربىي ۋە ئىقتىساد ساھەدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا رەقىب بولالامدۇ؟ ئوتتۇرىچە كالىفورنىيە ئىشتاتى چوڭلۇقىدىكى بىر ياپونىيەنىڭ مەيلى جۇغراپىيە جەھەتتە، مەيلى دېموگرافىيە پەيدا قىلغان مەسىلىلەر تۈپەيلى بۇنداق بىر نۇقتىغا كېلەلىشى مۇمكىندەك قىلمايدۇ. ياپونىيە سىياسەت سەھنىسىدىن ئاساسىي قانۇننىڭ مۇداپىئە چىقىملىرىنى قىسارتىشنى مەزمۇن قىلغان 9 – ماددىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەيدىغان سادالار ياڭراشقا باشلىدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ياپونىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقىغا خاتىمە بەرسە، ياپونىيەنىڭ بۇ خىل ئۇسۇللارنى ئىشقا سېلىشىنى كۈتۈشكە بولىدۇ. ئەمما، يادرو كۈچىگە ئىگە بىر ياپونىيەمۇ ئامېرىكىغا رەقىب بولۇشتىن تولىمۇ يىراقتۇر.

ئەمما، ئورنىتىلغۇسى خىتاي – ياپونىيە ئىتتىپاقى بىرلەشمە كۈچىنىڭ تەسىرىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا كۈچلۈك بىر رەقىب بولالايدۇ. 2006 – يىلى خىتاي ياپونىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلاندى. 2009 – يىلى تۈزۈلگەن كېلىشىم بولسا، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنى مەزمۇن قىلىدۇ. نېمىشقىدۇر، 1930 – يىلىدىكى ئۇرۇشنىڭ جاراھەتلىرى تېخى تېڭىلمىدى ۋە ئىككى تاشقى سىياسەت مەسىلىلىرىدە ئېغىر پىكىر ئوخشىماسلىقلىرى بار. بۇ نۇقتىلاردىن قارىغاندا، يېقىن كېلەچەكتە بىر ئىتتىپاقنىڭ تۈزۈلۈش ئېھتىمالى باردەك قىلمايدۇ. خىتاينىڭ يۈكسىلىۋاتقان كۈچى بولسا، ياپونىيەنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا قىستايدۇ. قىسقىسى، ئامېرىكىنى تەختىدىن چۈشۈرۈۋېتىدىغان بىر شەرقىي ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى دېگەندەك قايىل قىلارلىق ئەمەس.

داۋامى بار…

 

[1]  SCADA: Supervisory Control and Data Acquisition.

[2]  ئىنتېرنېتنىڭ تۇسالغۇسىز، ئەركىن – ئازادە ئىشلىتىلىشى كېرەكلىكىنى ياقلايدىغان بىر ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگان.

[3] ICANN: Internet Corporation for Assigned Names and Numbers.

[4]  جاك گولدسىمىت (1962): خەلقئارا سىبەر قانۇن ۋە خەۋپسىزلىك پىروفېسسورى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*