21 – ئەسىردە كۈچ ۋە سىياسىي رىقابەت (2)

كۈچنىڭ كېلەچىكى

جوسېف س.نيې، جر

 

(قىسقارتىپ تەييارلىغۇچى: ئۇغۇر يۈجە)

 

داۋامى…

3 – بۆلۈم

ئىقتىسادىي كۈچ

سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بەزى مۇتەپەككۇرلار «گېئوپولىتىكا» نىڭ ئورنىنى «گېئوئىقتىساد» نىڭ ئالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سەۋزىلەر كالتەكلەردىنمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولماقتا ئىدى. 19 – ئەسىر لىبېرالىستلىرى، سودا ۋە مالىيە ساھەسىدە جانلىنىۋاتقان ئۆزئارا بېقىندىلىقنىڭ  ئۇرۇشلارنى كېرەكسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى قارىشىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. بۇنىڭغا رېئالىستلار جاۋاب قايتۇردى؛ 1914 – يىلى ئەنگلىيە بىلەن گېرمانىيە بىر – بىرلىرىنى ئاساسلىق سودا شېرىكلىرى ئىدى. لېكىن بۇ، دۇنيا مىقياسىدا ئىقتىسادنى ماسلاشتۇرۇش پىكرىنىڭ يېرىم ئەسىر كېچىكىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان غايەت زور بىر يالقۇننىڭ ئالدىنى ئالالمىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىنىڭ مۇئەييەن تەرتىپ – ئىنتىزام ئىچىدە ئالغا بېسىشى ئۈچۈن، بىر سىياسىي قۇرۇلما كېرەكلىك ئىدى. 19 – ئەسىردىكى «ئەركىن سودا» ئۇقۇمى نۇقتىلىق ھالدا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كۈچىگە تايانماقتا ئىدى. قانداقلا بولمىسۇن، ھەربىي كۈچكە تايىنىپ ئۈنۈمگە ئېرىشىش مۇساپىسى پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىنىڭ ئۈنۈم يارىتىش مۇساپىسىگە قارىغاندا   تېخىمۇ تېز ۋە پائال ئىدى.

ھەر ئىككى يۆنىلىشنىڭ ئورۇنلۇق تەرەپلىرى بار. ئەگەر نىيىتىڭىز قېچىرنى سۇنىڭ بېشىغا ئاپىرىش بولسا، سەۋزىنىڭ رولى كالتەككە قارىغاندا كۈچلۈك بولىدۇ. بىراق، نىيىتىڭىز قېچىرنى ئىگىسىدىن تارتىۋېلىش بولسا، قورالنىڭ ئۈنۈمى ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. سىياسەت دۇنياسىدا قوراللىق كۈچلەر (ئارمىيەلەر) گە «كۈچنىڭ ئاخىرقى شەكلى» دەپ ئېنىقلىما بېرىلىدۇ. بۇنداق بىر كۈچكە ئىگە بولۇش ئاكتىپ ۋە كۈچلۈك ئىقتىسادقا ئىگە بولۇش سايىسىدىلا مۇمكىن بولىدۇ.

كۈچلۈك ۋە پائال ئىقتىساد، يالغۇز قاتتىق كۈچ ئىمكانىيەتلىرىگە ئىگە بولۇشقىلا ئەمەس، پەيدا قىلغان جەلپ قىلىش ساھەسى ئارقىلىق يۇمشاق كۈچ ئىمكانىيەتلىرىنى يارىتىشقىمۇ يارايدۇ. مەيلى قاتتىق كۈچ، مەيلى يۇمشاق كۈچ تايانغان ئاساسلىق ئىقتىسادىي ئامىللار، مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە سۈپىتى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي كىرىم، تېخنولوگىيەنىڭ سەۋىيەسى، تەبىئىي مەنبەلەر ۋە ئەمگەك كۈچى بايلىقى، پۇل – مۇئامىلە ئىشلىرى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان قانۇنىي ۋە سىياسىي ئورگانلار، بۇنىڭدىن باشقا سودا، مالىيە ۋە رىقابەت دېگەندەك خۇسۇسىي ساھەلەرگە ئالاقىدار ئىمكانىيەتلەردىن ئىبارەتتۇر.

ئەركىن بازار شەرت – شارائىتىدا، تەرەپلەر ئارىسىدىكى ئەركىن – ئازادە سودىلىشىش ئارقىلىق قىلىنغان سودا – سېتىق، ھەر ئىككى تەرەپكە نىسبەتەن شەرتسىز مەنپەئەت مەنىسىدە پايدىلىقتۇر. بىراق، سىياسەت دۇنياسىدا شەرتسىز پايدىدىن ھالقىغان ۋاسىتىلىك پايدىلارمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مەسىلەن، فىرانسىيە 19 – ئەسىردە گېرمانىيە بىلەن قىلغان سودىدىن ناھايىتى مەمنۇن ئىدى ۋە كۆپ پايدا ئالاتتى، لېكىن، بۇ سودىدىن گېرمانىيەمۇ پايدا ئالماقتا، بارغانچە بېيىپ ھەربىي قۇدرىتىنى كۈچەيتمەكتە ئىدى. ئىشنىڭ بۇ تەرىپىنى تەبىئىي ھالدا فىرانسىيە پەقەتلا ياقتۇرمايتتى. ئىقتىسادىي ئېشىش تەقسىم قىلىنىدىغان تورتنى چوڭايتىدۇ، لېكىن، قايسى تەرەپنىڭ چوڭراق تىلىمنى ئالىدىغانلىقىنى مۇناسىۋەتلىك كۈچلەر بەلگىلەيدۇ.

دۆلەتلەرنىڭ پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىنى تەرتىپكە سېلىش مەقسىتىدە يولغا قويىدىغان ئۇزۇن قائىدە – قانۇنىيەتلەر تىزىملىكىدە تاموژنا باجلىرى، مىقدارلار، قانۇنىي جازالار، تاشقى پېرېۋوتنىڭ كونترول قىلىنىشى، تەبىئىي بايلىقلارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تەرەققىيات ياردەملىرىگە ئوخشاش ئامىللار بار. لېكىن، ئىقتىسادىي كۈچنى ئىشقا سېلىش سىياسەتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم شەكلى، باشقىلارنى ئۆزىگە، ئۇلارغا چۈشۈۋاتقان ئېھتىياجدىنمۇ كۆپرەك موھتاج ھالغا چۈشۈرۈپ قويالايدۇ.

 

ئۆزئارا ئىقتىسادىي بېقىندىلىق ۋە كۈچ

 

دۆلەتلەر بازار  دىنامىكىلىرىنىڭ قىستىشى نەتىجىسىدە بىر – بىرلىرىگە بېقىندى ھالەتكە كەلگەنسېرى، بۇ بېقىندىلىقنى شۇ شەكىلدە تەرتىپكە سېلىشقا تىرىشىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق ئورتاق مەنپەئەتلەرنىڭ كۆپرەكىنىڭ ئۆز تەرىپىدە قېلىشىنى ۋە بۇنىڭ تۈرتكىسىدە باشقا مەقسەتلەرگە ئىشلەتكىلى بولىدىغان كۈچ تۈرلىرىنى كۆپەيتىشنى ئويلايدۇ. «ئۆزئارا بېقىندىلىق» ئۇقۇمى ئىچىدە قىسقا مەزگىلدە «سەزگۈرلۈكلەر»، ئۇزۇن مەزگىلدە «مۇداپىئەسىز قېلىش» مۇناسىۋەتلىرى بولىدۇ. «سەزگۈرلۈك» بىر تەرەپتە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ، ئىككىنچى تەرەپكە قايسى سۈرئەتتە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلىدۇر. 2008 – يىلى نيۇ يوركتا لېھمان قېرىنداشلارنىڭ ۋەيران بولۇشى، دۇنيا پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىغا ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا تەسىر كۆرسەتكەنىدى. سەزگۈرلۈكنىڭ يۇقىرى بولۇشى بىلەن مۇداپىئەسىز قېلىش بىر نەرسە ئەمەس. «مۇداپىئەسىز قېلىش» ئۆزئارا بېقىندىلىق سىستېمىسى ئىچىدىكى قۇرۇلمىلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەرەپلەرگە تۆلەتكۈزگەن ئالاقىدار بەدىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. مۇداپىئەسىز قالدۇرۇش، سەزگۈر ھالەتكە كەلتۈرۈشكە سېلىشتۇرغاندا، تېخىمۇ چوڭ بىر كۈچنى كۆرسىتىدۇ.  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، 1998 – يىلى شەرقىي ئاسىيادا مەيدانغا كەلگەن كىرىزىسقا قارشى سەزگۈر ئىدى، بىراق مۇداپىئەسىز قالمىدى. چۈنكى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى كۈچلۈك ئىدى، ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى پەقەتلا %0.5 تۆۋەنلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ھىندونېزىيە مەزكۇر كىرىزىس جەريانىدا دۇنياۋى سودا ۋە سېلىنما ساھەسىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا ھەم سەزگۈر ئىدى، ھەم ئۆزگىرىشلەر ئالدىدا مۇداپىئەسىز قالدى، ئىقتىسادى ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىشنى باشتىن كەچۈردى، بۇ ئەھۋال سىياسىي توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

«سىممىتېرىكا» ئۆزئارا بېقىندىلىقنىڭ نىسبەتەن تەڭپۇڭ ھالەتتە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بېقىندىلىقنىڭ ئاز بولۇشى بىر كۈچ مەنبەسىگە ئىگە بولۇش دېگەنلىكتۇر. ئىقتىسادىي كۈچنىڭ مۇھىم تەرەپلىرىنىڭ بىرى ئۆزئارا بېقىندىلىقنىڭ سسىمىتېرىكىسىنى ئۆزىگە پايدىلىق ھالەتتە بۇزۇشتۇر. 1980 0 يىللاردا پىرېزىدېنت رېگان باجنى تۆۋەنلىتىپ، چىقىمنى يۇقىرى كۆتۈرگەنىدى. ئامېرىكا، خامچوت قىزىل رەقىمى ياراتقان بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ياپون سەرمايىسىگە موھتاج ھالغا چۈشۈپ قالدى. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەھۋال ياپونىيەنى ئامېرىكا ئالدىدا ناھايىتى چوڭ كۈچكە ئىگە قىلدى. بىراق، ياپونىيە ئامېرىكىغا قەرز بېرىشنى توختىتىپ قويسا، بۇ دۆلەتتىكى ئىقتىساد داۋالغۇپ كېتەتتى ۋە ئامېرىكىدىكى ياپونىيە سېلىنمىلىرىمۇ سەلبىي تەسىرگە ئۇچرايتتى. ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ يېرىمىچىلىك كۈچكە ئىگە ياپونىيە ئىقتىسادىمۇ ئېكسپورت جەھەتتە ئامېرىكا بازارلىرىغا موھتاج ئىدى. قىسقىسى بىر – بىرلىرىگە موھتاج ئىدى، شۇڭا ئۇلار بۇنىڭدىن پايدىلاندى. شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئەھۋال نۆۋەتتە خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ 2 يېرىم تىرىليون دوللارلىق ناھايىتى زور مىقداردىكى تاشقى پېرېۋوتى بار. بۇنىڭ كۆپ قىسمى ئامېرىكا خەزىنە زايوملىرىغا باغلاقلىق. بۇ دوللارلار سېتىلغان تەقدىردە، ئامېرىكىنىڭ تىزلىنىپ قالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە، بىراق قىممىتى چۈشۈپ كەتكەن دوللار خىتاينىڭ پۇل زاپىسىنىڭمۇ قىممىتىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ. يەنە كېلىپ ئامېرىكا ئەرزان خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشقا بۇرۇنقىدەك قىزغىن بولمايدۇ، مېلىنى ساتالمىغان خىتايدا ئىشسىزلىق مەسىلىسى باش كۆتۈرىدۇ، بۇ بولسا، سىياسىي قالايمىقانچىلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا تىزلىنىپ قېلىشى مۇمكىن، بىراق خىتاي يەرلەردە ئۆمىلەيدۇ.

2010 – يىلى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشى خىتايلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى. نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئامېرىكا خەزىنە زايوملىرىنىڭ سېتىلىشى مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلدى. خىتايدا ھېچكىم بۇ تەكلىپكە قۇلاق سالمىدى. خىتاينىڭ تاشقى پېرېۋوتقا مەسئۇل ئەمەلدارى ئەھۋالنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئامېرىكا زايوملىرىغا مەبلەغ سېلىشى بىز قوبۇل قىلغان بىر بازار ئۇسلۇبىدۇر، بۇنى سىياسىيلاشتۇرۇشنى خالىمايمىز.»

قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تەڭپۇڭلۇق مۇقىملىقنىڭ كاپالەتچىسى ئەمەس. ھەردائىم كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان قازالارنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغاندەك، دۆلەتنىڭ مۇداپىئەسىز قالماسلىقى ئۈچۈن قىلىنغان ھەرىكەتلەرنىڭمۇ خەۋپلىرى بار. ئىقتىسادىي كۈچنىڭ مۇھىم بىر ئامىلى تاشقى پېرېۋوت بازارلىرىدىكى سىممېترىك بۇزۇقلۇقىدۇر. چۈنكى ئۇنىڭ سودا ھاياتى ۋە پۇل بازارلىرىدا چوڭقۇر تەسىر بار. تاشقى پېرېۋوت بازارلىرىنىڭ كونترول قىلىنىشى پۇل مەركەزلىك مۇھىم بىر كۈچنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. خىتاي يۈەننىڭ ئالماشتۇرۇلۇش نىسبىتىنى چەكلىك مىقداردا تۇتماقتا. مەقسىتى ئىچكى بازارغا ئالاقىدار قارارلىرىنى، خەلقئارا تاشقى پېرېۋوت بازارلىرى تاڭغان شەرتلەرنىڭ تەسىرىدىن قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت. بۇ خىتايغا رىقابەت ئۈستۈنلۈكى يارىتىپ بەرمەكتە.

بىر دۆلەتنىڭ پۇل بىرلىكىنىڭ خەلقئارادا تاشقى پېرېۋوت سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى، ئۇ دۆلەتكە مۇھىم كۈچ بېغىشلايدۇ. 1998 – يىلىدىكى شەرقىي ئاسىيا كىرىزىسىنى يېڭىش ئۈچۈن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ھىندونېزىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەگە تاڭغان شەرتلىرىگە ۋە 2008 – يىلىدىكى پۇل – مۇئامىلە كىرىزىسى ئەسناسىدىكى ئامېرىكىنىڭ ۋەزىيەتكە ماسلىشىش مۇساپىسىدىكى خاتىرجەملىكىگە قاراپ بېقىڭلار. بۇ يەردىكى خاتىرجەملىك، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پۈتكۈل تاشقى قەرزلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي پۇل بىرلىكىگە تايىنىدىغان بولۇشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ. دۇنيا پۇل زاپىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان پۇل بىرلىكى قايسى دۆلەتنىڭ بولسا، ئۇ دۆلەتنىڭ ناھايىتى بۈيۈك زورلاش كۈچى بار دېگەنلىكتۇر. مەسىلەن، سۈۋەيىش قانىلى مەسىلىسى يۈزىسىدىن فىرانسىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ 1956 – يىلى مىسىرنى ئىشغال قىلىشى، ئەنگلىيە فوندستېرلىڭىنى پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىدا كىرىزىسقا دۇچار قىلدى. ئامېرىكا، سۇۋەيشتىن چېكىنىشى شەرتى بىلەن فوندستېرلىڭغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، بۇ ئىش ئەنگلىيەنىڭ دىتىغا پەقەتلا ياقمىدى. لېكىن، دېيىلگەن ئىشنى قىلىشتىن باشقا چارىسىمۇ يوق ئىدى.

ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچى، پۇلىغا بولغان ئىشەنچنىڭ ئاساسىي سەۋەبىدۇر. ئىشەنچلىك پۇل قىممەتلىكتۇر، بۇنىڭمۇ بەزى بەدەللىرى بار. مەسىلەن، دوللارنىڭ دۇنيا پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىدىكى ھۆكۈمرانلىقى، رىقابەت كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلى مەھسۇلاتىنى ئېكسپورت قىلىشتا قىينىلىپ قالغان ئامېرىكىلىق ئىشلەپچىقارغۇچىنى ناھايىتى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ئەمما، چىقىپ تۇرىدۇكى، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ چوڭلۇقى، پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى سەۋەبىدىن، دوللار ھېچبولمىغاندىمۇ ئالدىمىزدىكى ئون يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن مەزگىل بويىچە دۇنيانىڭ زاپاس پۇلى بولۇش ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالىدۇ.

ئامېرىكا خامچوت قىزىل رەقەملىرىنىڭ خىتاي تاشقى پېرېۋوتلىرى بىلەن ھەل قىلىنىشى شەكلىدىكى سىممېترىك بولمىغان تەڭپۇڭلۇقنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۇنچىۋالا ئالدىراشچىلىقى يوقتەك كۆرۈنۈش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا، خىتاينىڭ خەلقئارا مۇنبەرلەردىكى پائاللىقىنى مۆتىدىل ھالەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە كۆز يۇمماقتا.

 

تەبىئىي بايلىقلار

 

مول تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگە بولۇش كۈچلۈك ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە بولۇش بىلەن پاراللېل مەنىگە ئىگە دەپ قارىلىدۇ. ھالبۇكى، تەبىئىي بايلىق يوقسۇلى ياپونىيەنىڭ بايلىقى، بۇ قاراشنى يىمىرىپ تاشلايدۇ. تەبىئىي بايلىقلارنىڭ ئازلىقى، بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئېيتىش ئۈچۈن يېتەرلىك بىر كۆرسەتكۈچ ئەمەس. مەسىلەن، دۆلەتنىڭ مۇداپىئەسىز ياكى ئەمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ بولسا، تەبىئىي بايلىق دېيىلىۋاتقان بايلىققا تەڭداش بىرەر نەرسىنىڭ بار – يوقلۇقىغا، تەمىنلەش مەنبەلىرىنى خىلمۇخىللاشتۇرالىغان بولۇش ياكى بولماسلىققا باغلىقتۇر.

1970 – يىللاردا بەزى نەزەرىيەشۇناسلار، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 13 ئاساسلىق سانائەت كىرىمىنى تەشكىل قىلىدىغان ماددىلار مەسىلىسىدە مۇداپىئەسىز قېلىش ئېھتىمالى بارلىقىنىڭ سىگنالىنى بەردى. ئامېرىكا، ئاليۇمىن، خىروم ، مانگان ۋە نىكېل ئېھتىياجىنىڭ %90 ىنى ئىمپورت قىلىشقا مەجبۇر ئىدى. بۇلارنىڭ ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ نېفىتچىلەرگە ئوخشاش بىرلىشىش ئېھتىمالى بار ئىدى. لېكىن، كېيىنكى يىللاردا باھا ئۆسۈپ كېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن چۈشۈپ كەتتى. نەزەرىيەشۇناسلار، سانائەتتىكى كىرىملەرنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدىغان باشقا ئىمكانىيەتلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ۋە تېخنولوگىيەلىك تەرەققىياتلار يارىتىدىغان پايدىلارنى توغرا ھېسابلىيالمىغان، مۆلچەردە خاتالاشقانىدى.

 

نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە ئىقتىسادىي كۈچ

 

مەيلى سىياسىي، مەيلى ئىقتىسادىي مەنىدە بولسۇن، نېفىت دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم خام ماددىسى بولۇپ، 21 – ئەسىر بويىچە بۇ ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا نامزاتتۇر. گەرچە ئېشىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ %8 لىك ئىستېمالىغا قارشى ئامېرىكا دۇنيا نېفىتىنىڭ %20 ىنى ئىستېمال قىلماقتا. ئېنىقلانغان 1 تىرىليون ۋارىللىق زاپاسنى كۆزدە تۇتۇپ، نېفىتنىڭ يېقىن زاماندا تۈگەپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاش ئورۇنسىزدۇر. بىراق بۇ زاپاسلارنىڭ %66 ىنىڭ پارس قولتۇقىدا بولۇشى، بۇ رايوننىڭ مۇقىملىقىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا نىسبەتەن مۇھىم ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ.

1960 – يىللاردا نېفىت سودىسى چوڭ ئىستېمالچى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار ئالاھىدە بىر قاتلامنىڭ قولىدا ئىدى. ئاساسلىقى ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا مەركەزلىك 7 چوڭ شىركەت (ئۇلار 7 قىز بىر تۇغقان، دەپ ئاتىلاتتى) ئىستېمالى كۈچلۈك باي دۆلەتلەردىكى تەلەپكە ئاساسەن، بازارغا سېلىنىدىغان نېفىتنىڭ مىقدارىنى بەلگىلەيتتى. باھامۇ مەزكۇر باي دۆلەتلەرنىڭ شارائىتىغا ئاساسەن شەكىللىنەتتى. ھەربىي مەنىدىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر نېفىت بازىرىدىكى بۇ مۇۋازىنەتسىز قۇرۇلمىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بەزىدە مۇداخىلە قىلاتتى. مەسىلەن، 1953 – يىلى مىللىيلەشتۈرۈش تەرەپدارلىرىنىڭ  ئىران شاھىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇشى ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا كۈچلىرى تەرىپىدىن يېپىق ھالەتتە توسۇپ قېلىندى.

1973 – يىلىدىكى نېفىت كىرىزىسىدىن كېيىن، باي دۆلەتلەردىن نىسبەتەن ئاجىز دۆلەتلەرگە قاراپ ناھايىتى زور كۆلەمدە كۈچ ۋە بايلىق ئېقىشى كۆرۈلدى. قانچىلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقىنىڭ بىۋاسىتە ھالدا ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەرىپىدىن بېكىتىلىشكە باشلىنىشى بىلەن، باھا بەلگىلەشتىمۇ بۇ دۆلەتلەرنىڭ سۆزى بەكرەك ئۆتىدىغان ھالەت شەكىللەندى. بۇ ئۆزگىرىش ئومۇمەن نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى – ئوپېك ئاستىدا گۇرۇپپىلىشىشىغىچە يېتىپ باردى. لېكىن، ئوپېك، 1960 – يىلى قۇرۇلغانىدى، ھالبۇكى، ئۆزگىرىشلەر 1973 – يىلى مەيدانغا كەلدى. بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى، ئوپېكقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يېرىمىنىڭ 1973 – يىلىغا كەلگەندە مۇستەقىللىقلىرىگە نائىل بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. شۇ چاغقىچە بۇ دۆلەتلەر ياۋروپا ئەللىرىنىڭ مۇستەملىكىسى ئىدى.

مىللەتچىلىكنىڭ باش كۆتۈرۈشى بىلەن، ھەربىي مۇداخىلىلەرنىڭمۇ چىقىمى زورايدى. ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 1953 – يىلىدىكى ئىرانغا قىلغان مۇداخىلىسىنىڭ چىقىمى نىسبەتەن ئاز ئىدى. 1979 – يىلىدىكى ئىسلام ئىنقىلابىدىن كېيىن بۇ دۆلەتكە قىلىنىدىغان مۇداخىلىلەرنىڭ چىقىمى كۆتۈرۈپ قوپقىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە بولاتتى.

1956 ۋە 1957 – يىللىرىدا ئەرەب دۆلەتلىرى يولغا قويۇشقا ئۇرۇنغان نېفىت ئېمبارگوسى ئۇتۇقلۇق بولمىدى. چۈنكى، ھاسىل بولغان مەھسۇلات يېتەرسىزلىكىنى ئامېرىكا ئۆز مەنبەلىرىگە تايىنىپ ھەل قىلالىغۇدەك كۈچكە ئىگە ئىدى. 1971 – يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ يېتىشەلمەسلىكى تۈپەيلى ئىمپورتقا يۈزلىنىشى بىلەن، نېفىت بازىرىدىكى ھۆكۈمرانلىق سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىرانغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئامېرىكا، نېفىت قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەن دۆلەتلەر مۇراجىئەت قىلىدىغان ئاخىرقى ئورۇننى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان تەمىنلىگۈچى دۆلەت بولۇش ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىپ قويغانىدى. بۇ دەۋردە 7 قىز بىر تۇغقانمۇ رولىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يوقىتىپ قويدى.

دەسلەپكى چاغلاردا سەرمايە، تېخنولوگىيە ۋە بازارغا سېلىش كۈچى نۇقتىسىدىن مونوپول قىلغۇچىلار ئورنىدىكى كۆپ مىللەتلىك شىركەتلەر، تەبىئىي بايلىقلار تېپىلغان يوقسۇل دۆلەتلەرگە بېرىپ، كېلىشىملەرنى تۈزۈپ، خىزمەتلىرىنىڭ بەدىلى سۈپىتىدە ئەڭ چوڭ لوقمىنى ئالاتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، يوقسۇل دۆلەتلەرنىڭ ئالىدىغان پايلىرىنى ئاشۇرۇشنىڭ كويىغا چۈشتى. مونوپولچىلارنىڭ تاشلاپ چىقىپ كېتىش تەھدىتلىرى رولىنى يوقىتىپ قويغانىدى. چۈنكى، ئۆتكەن مۇساپە جەريانىدا مالنىڭ ئاساسلىق ئىگىلىرى ئىشنى ئۆزلىرىنى قىلالايدىغان سەۋىيەگە يەتكەنىدى. كۆپ مىللەتلىك شىركەتلەرنىڭ نېفىت زاپاسلىرىنى كونترول قىلىش نىسبىتى زامانىمىزدا %5 لەرگە چۈشۈپ قالدى، ئۇنىڭ %95 ى دۆلەت شىركەتلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلماقتا.

بازارلاردا باھا ۋە تەلەپ تۆۋەنلەپ كەتكەن چاغلاردا، كۈچلۈك ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى مەسىلىسىگە ھىيلە ئىشلىتىشتەك بىر خىل خۇسۇسىيەتلىرى بار. 1973 – يىلى ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى، ئوپېكقا كۈچىنى نامايان قىلىش پۇرسىتى بەردى. ئەرەب دۆلەتلىرى 1973 – يىلى ئۇرۇشىدا نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى توختاتتى. بۇ مەزگىلدە ئامېرىكىنىڭ بەسرە قولتۇقىدىكى ساقچىلىقىنى قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارىلىۋاتقان ئىران شاھى، بىردىنلا باھانى تۆت ھەسسە ئۆستۈردى، ئوپېك دۆلەتلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتى. كىرىزىس شۇنداق بىر نۇقتىغا بېرىپ يەتتىكى، ئۆز دەۋرىنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېنرى كىسىنجېر، ئەگەر بوغۇزى تېخىمۇ بەكرەك بوغۇلسا، ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشنىڭ شەرت بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىشقا مەجبۇر بولدى. ئىشلەپچىقىرىش %15 قىسقارتىلغان، ئەرەب ئېمبارگوسى تۈپەيلى ئامېرىكىغا ئاقىدىغان نېفىت %25 ئازىيىپ كەتكەنىدى. بۇنىڭغا ۋېنېزۇئېلا ۋە ھىندونېزىيە نېفىتى مۇداخىلە قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەلەپ مۇۋازىنىتى نىسبەتەن كاپالەتكە ئىگە قىلىندى؛ باي دۆلەتلەرنىڭ تەلىپىنىڭ پەقەت %7-9 لىك قىسمى تەمىنلەنگەن بولدى. بۇ بىر «بوغۇلۇش» نۇقتىسىدىن بەكلا يىراقتا ئىدى. بازار ئويۇنچىلىرى نۇقتىلىق ھالدا ئۆز مەنپەئەتلىرىنىڭ كويىدا چېپىش ئارقىلىق ۋاسىتىلىك ھالدا مۇقىملىق ياراتقان، ئىقتىسادىي توقۇنۇشنىڭ قوراللىق توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانىدى.

1973 – يىلىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا نېفىت قانچىلىك كۈچلۈك ئىقتىسادىي قورال ئىدى؟ نېفىت سايىسىدا ئەرەبلەر ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولدى. ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەبلەر ئارىسىدىكى يەۋم كىپپۇر ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن تىنچلىق سۆھبەتلىرى ئەسناسىدا ئامېرىكا، ئەرەبلەرنىڭ ئىستەكلىرىگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى ۋە شۇنداق قىلىش بىلەنلا كۇپايىلەندى. نېفىت قورالى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تۈپ سىياسەتلىرىگە ئۇنچىۋالا تەسىر كۆرسىتىپ كەتمىگەنىدى. بۇنىڭدىن بۈگۈنىمىز ئۈچۈن قانداق ئىبرەتلەرنى ئالىمىز؟ جاۋاب: ئۆزئارا بېقىندىلىقنىڭ سىممىترىكىسى! نېفىت بازارلىرىدا ئاچقۇچلۇق دۆلەتكە ئايلانغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئامېرىكىدا ناھايىتى كۆپ سېلىنمىلىرى بار ئىدى. ئامېرىكا مەنپەئەتلىرىگە زىيان يەتكۈزگىنىدە، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتلىرىمۇ زىيانغا ئۇچرايتتى. يەنە كېلىپ ئامېرىكىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئىدى، شۇڭا نېفىت قورالىنى دىققەت بىلەن ئىشلىتىشكە مەجبۇر ئىدى. نېفىت زاپاسلىرىغا ئىگە بولۇش بىر تەرەپتىن يارىتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن چەكلەپ تۇرىدىغان كۈچ كۈنىمىزدىمۇ مۇرەككەپ قۇرۇلمىسىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بايقالغان زاپاسلارنىڭ كۆپلۈكى ۋە تېجەپ ئىشلىتىش تېخنولوگىيەلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، 90 – يىللاردا نېفىتكە بولغان تەلەپ ئاجىزلىدى، باھا تۆۋەنلىدى. 2005 – يىلىدىن كېيىن بولسا، ئاسىيادىكى خىتاي ۋە ھىندىستانغا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە گۈللىنىشى تەلەپنىڭ ۋە بۇنىڭغا پاراللېل ھالدا باھانىڭ ئۆرلىشىگە سەۋەب بولدى. داۋاملىشىدىغاندەك قىلىپ تۇرۇۋاتقان بۇ يۈزلىنىش تۈپەيلى بەسرە قولتۇقىدىكى مۇقىملىقنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى، دۇنيا سىياسىتىنى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

نېفىت ۋە تەبىئىي گاز  بازارلىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسى قىزىقارلىق بىر تېمىدۇر. رۇسىيە، ھەر ئىككىسىنىڭ ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولۇش بىلەن بىرگە، تەبىئىي گاز بازىرىدا سىممېتىرىكىلارنى يارىتىشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىغان كۆرۈنمەكتە. رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەبىئىي گاز زاپاسلىرىنى ئېچىش ۋە تۇرۇبا لىنىيەلىرى ئارقىلىق يۆتكەش ئىشىنى گازپرۇم شىركىتىنىڭ بايرىقى ئاستىغا – بىرلا نۇقتىغا مەركەزلەشتۈردى. گازنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئىقتىسادىي كۈچىنى نۆۋىتى كەلگەندە باھادا كېلىشەلمىگەن ئۇكرائىناغا تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىش ئارقىلىق نامايان قىلدى. كېيىنكى مەزگىللەردە، جەزبىدار  گاز باھالىرىنى سۇنۇپ، ئۇنىڭ بەدىلىگە رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنا پورتلىرىدا تۇرغۇزۇش سالاھىيىتىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا ئۇرۇندى. بۇ تەشەببۇس كېلەچەكتە ناتوغا ئەزا بولۇشنى ئويلىشىۋاتقان ئۇكرائىنانى تولىمۇ ئېغىر ئىككىلىنىشكە دۇچار قىلدى.

گېرمانىيە تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنىڭ ⅓ نى رۇسىيەدىن سېتىۋالسىمۇ، بېقىندىلىقىنىڭ نىسبىتى ئۇلارنى ئۇنچىۋالا ساراسىمىگە سېلىپ كەتمەيدۇ. چۈنكى ئۆزئارا بېقىندىلىق سىممېتىرىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ ۋە ئېرىشىۋاتقان پايدىدىن ئاسان ۋاز كەچمەيدۇ، دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا گېرمانىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھازار تەبىئىي گازىنى رۇسىيەگە ئاياغ باسقۇزماستىن ياۋروپاغا ئېلىپ كېلىشى لايىھەسىگە دېگەندەك قىزىقىپ كەتمىدى. بۇنىڭ ئورنىغا رۇس گازىنى ئۇكرائىنا ۋە پولشاغا موھتاج بولۇپ قالماستىن، شىمالىي دېڭىزنىڭ ئاستى ئارقىلىق گېرمانىيەگە يەتكۈزۈش لايىھەسىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىدى. قىسقىسى، رۇسىيە تۇرۇبا لىنىيەسى دىپلوماتىيەسىدىن ئىقتىسادىي كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە پايدىلاندى؛ بىر تەرەپتىن گېرمانىيەنىڭ نەزىرىدىكى ئىشەنچلىك تەمىنلىگۈچى ئوبرازىنى مۇستەھكەملىسە، يەنە بىر تەرەپتىن كۈچىنىڭ تەسىر دائىرىسىدە دەپ قارىغان كىچىك خېرىدارلاردىن تەشكىل تاپقان بالتىق دۆلەتلىرى، بېلارۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا رايونىغا قارىتا تەھدىت ئامىلى سۈپىتىدە تۇتۇشنى داۋاملاشتۇردى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى تەبىئىي گازنى ئۆزىنىڭ تۇرۇبا لىنىيەلىرى ئارقىلىق ياۋروپاغا ئېقىتىشنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ كويىغا چۈشتى ۋە بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىگە دۇچ كەلدى. خىتايمۇ ئۆزى ياتقۇزىدىغان تۇرۇبا ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گازىنى دۆلىتىگە ئېلىپ كېلىشكە تىرىشماقتا ئىدى. تېخىمۇ مۇھىم بىر ئىش، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زور كۆلەملىك تەبىئىي گاز زاپاسلىرىنىڭ بايقىلىشى بولدى. گازنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلۇپ پاراخوتلار بىلەن ئامېرىكىغا يۆتكىلىشى ئەرزان ھېسابلىنىدىغان دەۋر ئاخىرلاشتى. بۇ تەبىئىي گاز ئامېرىكىنىڭ ئورنىغا ياۋروپاغا كېتىشكە باشلىدى. شۇنداق قىلىپ، رۇسىيەنىڭ تۇرۇبا لىنىيەسى دىپلوماتىيەسىدىكى كوزىرى ئاجىزلاشقا يۈزلەندى. بىز ياشاۋاتقان ئۇچۇر – ئالاقە دەۋرىنىڭ «ۋەزنى يەڭگىل، باھاسى ئېغىر» ئىقتىسادلىرى مەزگىلىدە، تەبىئىي بايلىقلارنىڭ ئەھمىيىتى سانائەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكىدەك كۈچلۈك بولمىسىمۇ، ئىقتىسادىي كۈچ سۈپىتىدە يەنىلا سەل قاراشقا بولمايدۇ. بۇ كۈچ، نۇقتىلىق ھالدا بازارنىڭ شەرت – شارائىتىغا باغلىقتۇر.

 

ئېمبارگولار: سەلبىي  ۋە ئىجابىي

 

ھەربىي كۈچنىڭ ئاساسىي ئامىلى قانداق ئەمەلىي توقۇنۇش تەھدىتى ۋە ھەرىكىتى دەپ قارالسا، ئىقتىسادىي كۈچنىڭ ئەڭ روشەن قورالىنىڭ ئېمبارگولار ئىكەنلىكى كەڭ ئومۇملاشقان بىر خىل قاراشتۇر. «ئېمبارگو» بىر قارارنىڭ تەتبىقلىنىشىنى ياكى سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان رىغبەتلەندۈرۈش ياكى جازا شەكلىدىكى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى بولۇپ، ئۇ سەلبىي بولۇشىمۇ، ئىجابىي بولۇشىمۇ مۇمكىن. توماس شېللىڭ[1] ئېمبارگولار توغرىسىدا «تەھدىت بىلەن ۋەدە، بېسىم بىلەن كاپالەت / ئورنىنى تولدۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى پەرق، ئۆلچەم سىزىقىنى قەيەردىن سىزىشىڭىزغا باغلىقتۇر. بالىمىزغا يوتقىنىنى يوغۇشتۇرۇشىغا ئوخشاش بەزى كۈندىلىك ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن خەجلەيدىغانغا پۇل بېرىمىز. بۇ ئىش بىر ئادەتكە ئايلانغاندىن كېيىن، تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى ئورۇندىمىغانلىقى ئۈچۈن بېرىلىدىغان پۇلنىڭ تۇتۇۋېلىنىشى بالا تەرىپىدىن جازا، دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ» دەيدۇ. دېمەك، ئېمبارگولارنىڭ قانداق بولغانلىقى تونۇشقا ئاساسەن ئۆزگىرىدۇ.

ئېمبارگولار دۆلەتلەر تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەندەك، ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگان تەرىپىدىنمۇ يۈرگۈزۈلىدۇ.  دېيۋىد بالدۋىن[2]  تەييارلىغان تىزىملىكتىكى بىر – بىرىدىن پەرقلىق 11 خىل سەلبىي ئېمبارگو شەكىللىرىدىن بىر بەزى مىساللار: ئېمبارگو بايلىقلارنىڭ توڭلىتىلىشى، پەرقلىق باج قويۇش، ياردەملەرنى توختىتىش… ئىجابىي ئېمبارگو مىساللىرى بولسا: تاموژنا تاملىرىنىڭ يىقىلىشى، ياردەم قىلىش، مەبلەغ سېلىش ۋەدىلىرى… قاتارلىقلار. بارلىق ئېمبارگولارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكلىرى ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى سىياسىي مۇددىئالارغا بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن مۇداخىلە قىلىشتۇر. چوڭ بازارغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بازارنى كونترول قىلىش ۋە ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈش جەھەتتىكى كۈچى بىر قەدەر زور بولىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىقتىسادى بولۇشتىن ئالغان كۈچى سايىدا، 1996 بىلەن 2001 – يىللىرى ئارىسىدا چەت دۆلەتلەرگە 85 يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزگەنىدى، يەنى، ئىنسانىيەتنىڭ يېرىمى ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرىدىن نېسىۋىسىنى ئالغانىدى. شۇنداقتىمۇ ئېمبارگولارنىڭ كارغا كېلىپ – كەلمەيدىغانلىقى دەتالاشلىق بىر مەسىلىدۇر. ئۇنداق بولسا، نېمىشقا ئېمبارگولار بۇنداق كۆپ يۈرگۈزۈلىدۇ؟ تەتقىقات نەتىجىلىرى، ئېمبارگولارنىڭ نىشانلار بەك چوڭ بېكىتىۋېتىلمىگەن، مۇددىئا روشەن ۋە چۈشىنىشلىك بولغان، يۈرگۈزۈلگەن دۆلەت باشتىنلا ئاجىز ئورۇندا بولغان، تەدبىرلەر ئېغىر بولمىغان، تەتبىقلىنىش مۇساپىسى چەكلىك بولغان ئەھۋاللاردا ئاساسەن ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ئىقتىسادىي ئېمبارگولار بىلەن كۆزلەنگەن نىشانلارغا يېتىش مۇمكىنچىلىكى تۆۋەن بولسا، بۇنىڭ ئورنىغا قانداق ئىشلارنى قىلىشقا بولىدۇ؟ ھەربىي كۈچ بەزىدە ياخشى ئۈنۈم ياراتسىمۇ، چىقىمى ناھايىتى كۆپ بولۇپ كېتىدۇ. باشقۇرۇلىدىغان بومبا كىرىزىسى ئەسناسىدا كاسترونىڭ كۇباسىغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنى بىر ئۈلگە سۈپىتىدە مۇھاكىمە قىلىپ باقساق بولىدۇ. بۇ يەرگە ئامېرىكا تەرەپنىڭ ھەربىي مۇداخىلە قىلىشى يادرو ئۇرۇشىغىچە بېرىپ يېتىشى مۇمكىن ئىدى. ۋەقەگە سۈكۈت قىلىش بولسا، سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە ئامېرىكىنى رۇسىيەنىڭ ئالدىدا ناھايىتى ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قوياتتى. ئېمبارگولار كاسترونى ھاكىمىيەت بېشىدىن چۈشۈرۈۋېتەلمىگەن بولسىمۇ، دۆلىتىگە بەدەل تۆلەتكۈزدى، ھەرىكەتلىرىنى چەكلىدى ۋە سوۋېتلەر بىلەن دوست بولۇشنىڭ بەدىلىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقى توغرىسىدا پۈتكۈل دۇنياغا سىگنال بەرگەن بولدى. بۇ جەھەتتىن قارىغاندا، (ئىقتىسادىي ئېمبارگونىڭ) تەتبىقلىنىدىغان تەڭداش ئورۇندىكى سىياسەتلەرنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈكى ئىكەنلىكىنى ئېيتىش مۇمكىن (بۇ ئېمبارگولارنىڭ فۇنكسىيەسىنى يوقىتىپ قويغان – قويمىغانلىقى، سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن بىرلىكتە ۋەقەنىڭ ھەجىم ئۆزگەرتىپ – ئۆزگەرتمىگەنلىكى بولسا، ئايرىم بەس – مۇنازىرە تېمىسىدۇر).

دىكتاتور تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلىدىغان دۆلەتلەرگە يۈرگۈزۈلىدىغان ئېمبارگولار، باشقۇرغۇچىلار قاتلىمىدىن بەكرەك ئەسلىدىنلا مۇداپىئەسىز قېلىۋاتقان خەلقكە زىيان يەتكۈزىدۇ. دىكتاتورلار بۇنىڭدىن، زۇلۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئېمبارگو يۈرگۈزگەن دۆلەتلەرگە قارشى تەشۋىقات ماتېرىيالى سۈپىتىدە پايدىلىنىشى مۇمكىن. ئېمبارگولار ئۈنۈملۈك بولمىغان 1990 – يىللاردا، مەخسۇس نىشاندىكى كىشىلەرگە يۈرگۈزۈلىدىغان «ئەقلىي (ئاقىلانە) ئېمبارگولار» يولغا قويۇلۇشقا باشلاندى. بۇلار رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇش، چەت ئەل بانكىلىرىدىكى پۇل – ماللىرىنى توڭلىتىش دېگەندەك ئۇسۇللار ئىدى.

ئېمبارگولارنىڭ «سىگنال بېرىش» جەھەتتىكى فۇنكسىيەسىگە سەل قارالماسلىقى كېرەك. نىشانغا ئېلىنغان دۆلەتنىڭ نامىنى بۇلغاش، ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلار كۆپلەپ پايدىلىنىدىغان بىر خىل ئۇسۇلدۇر. ئىززەت – ئابرۇيىنى قوغداشنىڭ كويىغا چۈشكەن دۆلەتلەرنىڭ قىلمىشلىرىنى يوللۇقلاشتۇرۇش ۋە باش كۆتۈرۈپ قالغۇسى چەتكە قېقىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سىياسەتلىرىنى يۇمشاتقانلىقى ياكى ئۆزگەرتكەنلىكى (جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئايرىمچىلىققا خاتىمە بەرگىنىگە ئوخشاش) كۆرۈلگەن ئەھۋالدۇر.

ئىئانىلەر، تەرەققىيات ياردەملىرى ۋە بارلىق ئىجابىي سېلىنمىلارنىڭ ھەم قاتتىق ھەم يۇمشاق كۈچ تەرەپلىرى بولىدۇ. خەلقئارا مۇنبەرلەردە بەزى كىچىك دۆلەتلەرنىڭ، ياپونىيەنىڭ كىت ئوۋچىلىقى سىياسەتلىرىنى قوللاپ پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئالغان ئىئانىلىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ. رۇسىيەنىڭ، گىرۇزىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئابخازىيە ۋە شەرقىي ئوسېتىيەنى ئېتىراپ قىلىشى بەدىلىگە تىنچ ئوكياندىكى كىچىك بىر ئارال دۆلىتى بولغان نائۇرۇغا 50 مىليون دوللار ئىئانە قىلغانلىقى كەڭ تارقالغان بىر دەۋادۇر. يەنە شۇ نائۇرۇنىڭ تەيبىنىڭ ئورنىغا بېيجىڭنى ئېتىراپ قىلىشى بەدىلىگە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىن 5 مىليون دوللار ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

چوڭ دۆلەتلەر، ھەرخىل سەۋەبلەرنى نەزەردە تۇتۇپ ئىئانە قىلىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مىسىر ۋە ئىسرائىلىيەگە قىلغان ئىئانىلىرى رايوندىكى بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى نىشان قىلىدۇ. خىتاي بولسا، ئومۇمەن خام ماددا ئىمتىيازلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىئانە قىلىدۇ. ھىندىستان ۋە بىرازىلىيەگە ئوخشاش ئىقتىسادىي گۈللەنگەن دۆلەتلەرمۇ ئىئانە قىلىشقا باشلىدى. بۇلار (رۇسىيەدىن باشقا) بىر تەرەپتىن ئىئانە قوبۇل قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. نېمىشقىدۇر، ھېچبىرىنىڭ دەپتىرى ئوچۇق – ئاشكارا ئەمەس. ئامېرىكىنىڭ ياردەم پىلانلىرىغا قارالغىنىدا، خەلقئارا تەرەققىيات ئاگېنتلىقىنىڭ، ياردەم خامچوتىنىڭ ھەقىقىي تەرەققىيات ئىشلىرىغا يېرىمىدىنمۇ ئازىراقىنى سەرپ قىلغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئامېرىكا، بۇ ياردەملەرنى پەقەت تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە قىلمايدۇ، ئۇنىڭ باشقا نىشانلىرىمۇ بولىدۇ. دەرۋەقە، پۇلنىڭ تۆتتىن بىرىنى پېنتاگون باشقۇرىدۇ.

ياردەملەرنىڭ پەقەت تەرەققىيات ئىشلىرىغا قىلىنغانلىرىدىن تارتىپ ھەممىسى قاتتىق ئىقتىسادىي كۈچ يارىتىش مەقسىتىدە قىلىنىدۇ. ئامېرىكا، مارشال پىلانى دائىرىسىدە مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %2 ىنى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا تالاپەتكە ئۇچرىغان ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئىقتىسادلىرىنى گۈللەندۈرۈلۈشلىرىنى كۆزلەپ ئاجراتقانىدى. ئامېرىكا بۇنىڭ سايىسىدا يۈكسىلىۋاتقان كوممۇنىزمغا قارشى كۈچلۈك تايانچ شەكىللەندۈرۈپ، تاشقى سىياسىتىنىڭ تۈپ نىشانلىرىدىن بىرىنى ئىشقا ئاشۇرغانىدى. ياۋروپانىڭ مىننەتدارلىقى بولسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رايوندىكى يۇمشاق كۈچىنى ئاشۇرغانىدى. كۈنىمىزدىمۇ بەزى ئىستاتىستىكىچىلار، تەرەققىيات ياردەملىرىنىڭ نىشانلىرىنىڭ ئەكسىچە يۆنىلىشتە رول ئويناشقا باشلىغانلىقىنى، ياردەم قوبۇل قىلغۇچى دۆلەتلەرنى ھۇرۇنلۇق ۋە چىرىكلىككە ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ياردەم پىلانلىرى ئىنسانىي مەقسەتلەر يۈزىسىدىنمۇ قىلىنىدۇ ۋە ياخشى باشقۇرۇلغان تەقدىردە، ئۇنىڭمۇ بىر يۇمشاق كۈچ پەيدا قىلىش ئىمكانىيىتى بار. ناچار باشقۇرۇلغان تەقدىردە بولسا، چىرىكلىك پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغىنىدەك، ياردەم ئالغۇچىلار بىلەن ئالمىغانلار ئارىسىدا ئۆچمەنلىك ۋە قىزغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا، ياردەم قىلغۇچى زىيان تارتىدۇ. قاتتىق ۋە يۇمشاق كۈچ پەيدا قىلىش ئىقتىدارى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھەر ئىككى خىل ئېمبارگو شەكلىنىڭ كەم – زىيادە تەرەپلىرى بار.

 

ئىقتىسادىي كۈچنىڭ كېلەچىكى

 

دۆلەتلەر، خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر ۋە بۇلارنىڭ ئارىلاشمىسى شەكلىدىكى ئورگانلار ئىزچىل تۈردە بىر – بىرلىرى بىلەن سودىلىشىدۇ ۋە كۈچ سىنىشىدۇ. رۇسىيەنىڭ گازپىرومى (رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى)، خىتاينىڭ دۆلەت ئورگانلىرى، دۇبەي ۋورلدقا خان جەمەتى ۋەخپىلىرى بازارنى داۋالغۇتۇپ، سىياسىي جەھەتتىن مۇداخىلە قىلىشنىڭ پۇرسىتىنى يارىتىدۇ. ئاساسىي كۈچلۈك شۇنداقلا ئېشىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىقتىساد كۈچنىڭ بارلىق تۈرلىرىنىڭ نېگىزى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، 21 – ئەسىرنىڭ «گېئوئىقتىساد» دەۋرى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خاتا بولىدۇ. كۈچنىڭ – دۆلەتلەر ھالقىغان ئورگانلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە – دۆلەتسىز ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلارغا ئېغىشى، ئىقتىسادنى بىر كۈچ سۈپىتىدە ئىشلىتىش نۇقتىسىدىن دۆلەتلەرنىڭ رولىنى زەئىپلەشتۈرمەكتە. چۈنكى، ھەم بازار شارائىتى ئۆزگىرىشچاندۇر، ھەم بازار ئاكتىيورلىرىنى كونترول قىلىش قىيىنلاشماقتا. 21 – ئەسىردە ئىقتىسادىي كۈچنىڭ ھەربىي كۈچكە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتىش توغرا ئەمەس. ئىقتىسادىي كۈچ، «ئەقلىي كۈچ» سىياسەتلىرىنىڭ سايمان ساندۇقىدىكى ئەڭ مۇھىم سايمانلارنىڭ بىرى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا، مەزكۇر سايمانلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئايرىم – ئايرىم فۇنكىسىيەلىرىنى ياخشى بىلىش ۋە مۇۋاپىق سايماننى مۇۋاپىق بازارلاردا ئىشلىتىشتۇر.

 

4 – بۆلۈم

يۇمشاق كۈچ

 

يۇمشاق كۈچ – بىر ئاكادېمىك ئۇقۇم سۈپىتىدە – تاراتقۇلاردا ئورۇن ئالغاندىن كېيىن، خىتاي، ھىندونېزىيە، ياۋروپا ۋە باشقا جايلاردا ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. لېكىن، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا «ھەربىي بولمىغان كۈچ يۇمشاق كۈچتۇر» دەپ ئىزاھلىنىپ، خاتالىق سادىر قىلىندى. يۇمشاق كۈچ، كۈچنىڭ باشقا ھەرقانداق بىر تۈرىگە ئوخشاشلا ياخشى ۋە يامان غەرەزلەردە ئىشلىتىلىشى مۇمكىن. گىتلېر، سىتالىن ۋە ماۋ مۇرىتلىرىنىڭ نەزىرىدە يۇمشاق كۈچكە ئىگە كىشىلەر ئىدى. بىراق بۇنداق بولۇشى مەزكۇر كىشىلەرنى ياخشى ئىنسانغا ئايلاندۇرمىدى. دېمەككى، ئىنسانلارنىڭ پىكىر – چۈشەنچىلىرىنى ئېگىپ بويسۇندۇرۇش بىلەكلىرىنى قايرىپ بويۇن ئەگدۈرۈشتىن ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن.

يۇمشاق كۈچ، يېڭى بىر ئۇقۇم بولسىمۇ، بىر خىل ھەرىكەت شەكلى بولۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئىنسانىيەت تارىخى بىلەن ئوخشاش ئۇزۇن ئۆتمۈشكە ئىگىدۇر. لاۋزې[3] «ياخشى بىر لىدېر بولۇشنىڭ ئۆلچىمى، پۈتكۈل كىشىلەرنىڭ ئۇ لىدىرنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلىشى ئەمەس، لىدىرنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرى بولمىغان چاغلاردىمۇ ئىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق مېڭىشىدۇر» دەيدۇ. 18 – ئەسىر ياۋروپاسىدا فىرانسۇز تىلى ۋە كۈلتۈرىنىڭ ئومۇملىشىشى، فىرانسىيەگە ناھايىتى مۇھىم كۈچ بېغىشلىغانىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ئامېرىكا، ئۇرۇشقا ئەنگلىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كىرىش ياكى گېرمانىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كىرىش مەسىلىسىدە ئىككىلىنىپ قالغانىدى. بۇ مەزگىلدە ئامېرىكا جامائەتچىلىكىنىڭ نەزىرىدىكى مەسىلە، گېرمانىيەنىڭ ئوبرازىنىڭ ياخشى ياكى يامان ئىكەنلىكى ئەمەس، گېرمانىيەنىڭ ھېچقانداق ئوبرازىنىڭ بولماسلىقى ئىدى. ئەنگلىيە قىتئە ھالقىغان ئالاقە قاناللىرىغا شۇنچىلىك دەرىجىدە ھۆكۈمران ئىدىكى، ئامېرىكا ئۆزلۈكىدىنلا ئۇ تەرەپكە يۈزلەندى. گۇمانىستلار يۇمشاق كۈچكە «سانسىزلىغان تاشقى سىياسەت سىنىقىدىن چىققان سەھنە (!) پىكىرلىرىنىڭ يەنە بىرى…» دەپ بۇرنىنى ئۇچلىسىمۇ، ئەنئەنىۋى رېئالىستلار بۇ قاراشتا ئەمەس. ئې.خ. كار[4] 1939 – يىلى خەلقئارا كۈچنى ھەربىي كۈچ، ئىقتىسادىي كۈچ ۋە پىكىرلەرگە ھۆكۈمران بولۇش كۈچىدىن ئىبارەت ئۈچ كاتېگورىيەگە ئايرىغانىدى. يېڭى رېئالىستلار بولسا، يۇمشاق كۈچكە «غەلەت» تامغىسى ئۇرۇپ، كۈچ ئۇقۇمىغا كەسكىن ئۆلچەشكە بولىدىغان كونكرېت مەنبەلەر، دەپ قارىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە كۈچ، پەقەت شەھەرلەرگە ۋە ئىنسانلارنىڭ باشلىرىغا ئېتىلىدىغان بومبىلاردىن ئىبارەت ئىدى؛ كۈچ ئۇ بومبىلارنى ئېتىش توغرىسىدىكى پىكرىڭىزنى ئۆزگەرتىدىغان بىر ئۇقۇم ئەمەس ئىدى! رېئالىستلارنىڭ ئەڭ ئاشقۇنلىرىنىڭ بىرى بولغان ماكياۋېل بولسا، بەش يۈز يىل بۇرۇن «ۋەھىمىلىك شاھزادىلەر مۇلايىملىرىدىن ياخشىدۇر، نەپرەت قىلىنىدىغىنى بولسا، ئەڭ ناچىرىدۇر…» دېگەنىدى.

يۇمشاق كۈچ، ئىدېئالىزم ۋە لىبېرالىزمنىڭ ۋارىيانتى ئەمەس. كۆزلەنگەن نەتىجىنىڭ قولغا كىرگۈزۈلۈشىگە پايدىلىق بىر كۈچ شەكلىدۇر. كۈچىنى قانۇنىيلىقىدىن ئالىدۇ، بولۇپمۇ بىز ياشاۋاتقان ئۇچۇر دەۋردىمۇ تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. بۇ كۈچتىن پەقەت دۆلەتلەرلا ئەمەس، شىركەتلەر، ئىجتىمائىي كۈچلەر، خەلقئارالىق تېررورچىلارمۇ پايدىلىنىدۇ. يۇمشاق كۈچتىن دۆلەت سىياسىتى سۈپىتىدە پايدىلىنىش قىيىنغا توختايدۇ. چۈنكى، قاتتىق كۈچنىڭ ئەكسىچە نەتىجىنى يۇمشاق كۈچ يۈرگۈزۈلگەن تەرەپنىڭ پىكىرلىرى بەلگىلەيدۇ. خەلق ۋە سىياسەتچىلەر تېز ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ھالبۇكى، يۇمشاق كۈچنىڭ ئۈنۈمى ئاستا بولىدۇ. ئىقتىسادىي ياكى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشكە سېلىشتۇرغاندا، يۇمشاق كۈچنىڭ خەۋپى ئازدەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇنى يولغا قويۇش قىيىن، كەتكۈزۈپ قويۇش ئاسان، قايتا قولغا كەلتۈرۈش ناھايىتى قىممەتكە توختايدۇ.

شىمالىي كورېيەنى يادرو قورالىغا ئىگە بولۇش ھېرىسمەنلىكىدىن ۋاز كەچتۈرۈش جەھەتتە كارغا كەلمىگەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، يۇمشاق كۈچنىڭ كۈچ ھېسابلانمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەرمۇ بار. بىراق، مەسىلە بەزى رايونلاردىكى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىن دېگەندەك ئۇقۇملارنى يۈكسەكلىككە ئىگە قىلىش بولسا، يۇمشاق كۈچ قاتتىق كۈچكە سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى پايدىلىق ئۇسۇل بولۇپ، «ئەقلىي كۈچ» ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ مۇھىم بىر ئامىلىغا ئايلىنىدۇ.

 

يۇمشاق كۈچنى پەيدا قىلىدىغان مەنبەلەر

 

يۇمشاق كۈچنىڭ ئۈچ ئاساسىي تايانچى بار:

1 – كۈلتۈر (يۈرگۈزۈلىدىغان رايون خەلقىگە نىسبەتەن جەزبىدار بولۇش شەرتى بىلەن).

2 – سىياسىي قىممەت – قاراشلار (دۆلەت ئىچى – سىرتىدا بۇ قىممەت – قاراشلاردا چىڭ تۇرۇش شەرتى بىلەن).

3 – تاشقى سىياسەت (باشقىلارنىڭ بۇ سىياسەتلەرنى قانۇنلۇق دەپ قارىشى شەرتى بىلەن)

ئىقتىسادىي مەنبەلەر قاتتىق كۈچكە ئوخشاشلا يۇمشاق كۈچنىمۇ يارىتالايدۇ. بۇ مەنبەلەر، جەزبىدار بولۇشىمۇ، زورلىغۇچى بولۇشىمۇ مۇمكىن. ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي ساھەدىكى جەزبىدار كۈچىنىڭ مىسالى سۈپىتىدە كوممۇنىزم تۈزۈمى بىلەن باشقۇرۇلىدىغان ئوتتۇرا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن بارلىق بەلگىلىمىلىرىنى ئۆزگەرتىش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىغا كىرگۈزگەن ئۆزگەرتىشلەرنى ساناپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ 2008 – يىلىدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىستىن كېيىن، خىتاينىڭ ئاسىيا بىلەن ئىقتىسادىي گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەردىكى يۇمشاق كۈچىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى كۆرۈلدى. يەنى ئۇ جايلاردا بېيجىڭنىڭ «نوپۇزغا ئىگە بىر دۆلەت ۋە ئۈنۈملۈك ئىقتىساد» مودېلى، ۋاشىنگتوننىڭ «دېموكراتىك دۆلەت ۋە لىبېرال بازار ئىقتىسادى» مودېلىدىن ئەۋزەل دەپ قارىلىدىغان ھالەت پەيدا بولدى. ئەمما، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ۋېنېزۇئېلا ياكى زىمبابۋې راستتىنلا خىتاينىڭ مودېلىغا ھەيرانمۇ ياكى بۇ دۆلەتنىڭ چوڭ بازىرى ئۇلارنى جەلپ قىلىۋاتامدۇ؟ بۇ ئېنىق ئەمەس. خىتاينىڭ يېقىنلىشىش شەكىللىرى دېموكراتىك دۆلەتلەرگە جەزبىدار بولۇشتىن يىراق. كاراكاسنى جەلپ قىلغان نەرسە پارىژنى يىراقلاشتۇرۇۋېتىشى بولۇشى مۇمكىن.

ھەربىي كۈچ يۇمشاق كۈچكە ياردەمچى بولىدىغان  ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، خىتاي، بىرازىلىيە ۋە باشقا بەزى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي مەنبەلىرىنى 2010 – يىلىدىكى ھائىتى يەر تەۋرەش ۋەقەسىدىن كېيىن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇشى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ يۇمشاق كۈچلىرىنى كۈچەيتتى.

 

يۇمشاق كۈچ ۋە ئامېرىكا غوجىدارلىق ھوقۇقى

 

بەزى ئانالىزچىلار، 21 – ئەسىردە يۇمشاق كۈچكە كۈلتۈر ئىمپېرىيالىزمىنىڭ بىر خىل شەكلى دەپ قارىماقتا ۋە ئامېرىكا كۈلتۈرىنىڭ لىبېرال قاراشلار دائىرىسىدە غوجىدارلىق رولىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. گەرچە ئامېرىكا كۈلتۈرى ئالەمشۇمۇل بىر كۈلتۈر بولمىسىمۇ، ئىشتىراكچىلىق ۋە پىكىر ئەركىنلىكى گۈللەپ ياشناۋاتقان مۇشۇنداق ئۇچۇر دەۋرىدە، ئامېرىكىنىڭ قىممەت – قاراشلىرى كەڭ قاتلاملار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنماقتا. ئامېرىكىنىڭ ئۈستۈنلۈكى توغرىسىدىكى قاراشلارنى دەل جايىغا قويۇش ئۈچۈن، بەلكى بىرئاز خىتاينىڭ نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىغا قاراش كېرەك.

يۇمشاق كۈچ پەلسەپىسىنى ناھايىتى ياخشى قوبۇل قىلغان خىتاي، بۇ ئىبارىنى رەسمىي سۆزلىرىدىمۇ ئىشلىتىشكە باشلىدى. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشلىقى 2007 – يىلى 15 – ئۆكتەبىردىكى سۆزىدە: «دۆلەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۈچ رىقابىتى ئۇرۇشىدا زېمىنغا ئىگە بولۇشلىرىنىڭ مۇھىم بىر ئامىلىغا ئايلانغان يۇمشاق كۈچىمىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈلتۈرىمىزنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىشىمىز لازىم.» دەيدۇ. خىتاي بۇ ساھەدە سانسىزلىغان قەدەملەرنى تاشلىدى، پەقەت 2009، 1010 – يىللىرىدىلا سىرتقا تونۇتۇش خىزمەتلىرىگە 8.9 مىليارد دوللار سەرپ قىلدى. دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش، 2008 – يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى، ب د ت كۈچلىرىگە ئەسكەر ئاجرىتىشى، قوشنىلىرى بىلەن چېگرا كېلىشمەسلىكلىرىنى ھەل قىلىشتەك تىنچلىقپەرۋەر قەدەملىرى تۈرتكىسىدە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كەڭ ئومۇملىشىپ ئەندىشىلەر ئازىيىشىغا باشلىدى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ يۈكسىلىۋاتقان خىتاي كۈچىگە تەڭپۇڭ كۈچ شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاق تۈزۈش ئۇرۇنۇشلىرى ئازايدى. لېكىن، ئامېرىكا يۇمشاق كۈچىگە ئوخشاش خىتاي يۇمشاق كۈچىنىڭمۇ چېكى بار. تىبەتكە قاراتقان قاتتىق مۇداخىلە، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى ليۇ شىيابوغا ئىشلەتكەن بېسىملار، خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچ جۇغلانمىسىنى ئاجىزلاتتى.  س ن ن  ۋە ب ب س قاناللىرى بىلەن رىقابەتلىشىش مەقسىتىدە مىلياردلارچە دوللار سەرپ قىلىپ قۇرۇلغان خىتاينىڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرى تەشۋىقات ھىدى كېلىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارا سەھنىدە كۆرۈرمەن جەلپ قىلالمىدى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھىندىستاننىڭ بولىيۋۇد فىلىملىرىمۇ خىتاينىڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا كۆپ تاماشىبىن جەلپ قىلماقتا. بۇنىڭ سەۋەبىنى داڭلىق خىتاي رېژىسسور جاڭ يىمۇنىڭ فىلىم تېمىلىرىنى نېمىشقا ئىزچىل ھالدا ئۆتمۈشتىكى ۋەقەلەردىن تاللىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا بەرگەن «تېمىلىرىمنى زامانىۋى خىتاي تۇرمۇشىدىن تاللىسام، فىلىملىرىم تەكشۈرگۈچى تەرىپىدىن شىلىۋېتىلىدۇ» دېگەن جاۋابىدىن چۈشۈنىۋېلىشىمىز مۇمكىن، دەپ قارايمىز.

ئەڭ يېڭى ئەلرايىنى سىناش تەكشۈرۈشلىرى، خىتاينىڭ بۇ ساھەگە ناھايىتى زور مەبلەغ سالغان بولۇشىغا قارىماي، يۇمشاق كۈچىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ بولمىغانلىقىنى ۋە پاكىستان بىلەن ئافغانىستاندىن باشقا يەرلەردە ئىجابىي ئوبرازىنىڭ ئامېرىكىنىڭ سەۋىيەسىگە يېتەلمىگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. بۇمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ئەگەر سېتىلماقچى بولغان ئوبراز شۇ يەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىت بولسا، ئۇ مەھسۇلات سېتىلمايدۇ. شۇنداقتىمۇ خىتاينىڭ بۇ تىرىشچانلىقىنى كىچىكسىنىش بىغەملىك قىلىش بولىدۇ. خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىر – بىرلىرى نەزىرىدىكى ئوبرازلىرى پاراللېل ھالەتتە ئۆرلىسە، بۇ دۆلەتلەرنىڭ توقۇنۇش ئېھتىماللىقى تۆۋەنلەيدۇ.

 

يۇمشاق كۈچنىڭ ھەرىكەت شەكىللىرى: كۈنتەرتىپ بېكىتىش، تارتىش كۈچى شەكىللەندۈرۈش، قايىل قىلىش

 

يۇمشاق كۈچنىڭ بىرىنچى بۆلۈمدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «مۇناسىۋەتكە تايىنىدىغان كۈچ دائىرىسىدىكى ئۈچ ئايرىم تەرىپى» ئۇقۇمى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بار. مەسىلەن، ئوقۇغۇچىسىنى تاماكا چېكىشتىن ۋاز كەچتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان بىر مەكتەپ مۇدىرىنىڭ پوزىتسىيەسىگە قاراپ باقايلى. مۇدىر، كۈچنىڭ بىرىنچى تەرىپى دائىرىسىدە، ئۇ بالىغا تاماكىنى تاشلاتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇنى جازالايدىغانلىقى ۋە مەكتەپتىن قوغلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سېلىشى مۇمكىن (قاتتىق كۈچ) ياكى ئۇدا بىر قانچە سائەت قايىل قىلىشقا تىرىشىشى مۇمكىن (يۇمشاق كۈچ). ئىككىنچى تەرىپى دائىرىسىدە، مەكتەپتىكى ئاپتوماتىك تاماكا سېتىش ئورۇنلىرىنى مەنئى قىلىدۇ (كۈنتەرتىپ بېكىتىشنىڭ قاتتىق شەكلى) ياكى تاماكا چېكىشنى نەزەردىن چۈشۈرۈۋېتىش، ئەقىلگە كېلىشىگىمۇ توسالغۇ بولىدىغان مۇھىت يارىتىش ئۈچۈن ھەريانغا تاماكىنىڭ چىشنى سارغايتىۋېتىدىغان، راكقا دۇچار قىلىدىغان تەرەپلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئېلانلارنى ئاسىدۇ (يۇمشاق كۈچ). ئۈچىنچى تەرىپى دائىرىسىدە بولسا، بىر ئوچۇق سۆھبەت ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى تاماكىنىڭ زىيانلىرى ئۈستىدە بەس – مۇنازىرە قىلدۇرىدۇ (يۇمشاق كۈچ) ياكى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تاماكا چېكىدىغان ئازسانلىقنى چەتكە قاقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالىدۇ (قاتتىق كۈچ). مۇدىرنىڭ يۇمشاق كۈچ ئىشلىتىپ ئۈنۈمگە ئېرىشىشى ئۇ پەيدا قىلغان جەزبىدارلىق، قايىل قىلىش ۋە ئىشەنچنىڭ دەرىجىسىگە باغلىقتۇر.

بىرىنچى تەرەپ: باشقىلارنىڭ دەسلەپكى تاللاشلىرىنى ئەكسىچە يۆنىلىشكە بۇراش

قاتتىق: ئا، ب نىڭ ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈچ / پۇل مېخانىزمىنى ئىشقا سالىدۇ.

يۇمشاق: ئا، ب نىڭ مەۋجۇت تاللىشىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۇنى جەلپ قىلىشقا / قايىل قىلىشقا تىرىشىدۇ.

ئىككىنچى تەرەپ: كۈنتەرتىپنىڭ رامكىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە بۇ رامكا ئىچىدە كۈنتەرتىپنى قايتىدىن يېزىش

قاتتىق:  ئا، ب نىڭ كۈنتەرتىپىنى بەلگىلەش ئۈچۈن (ب خالىسىمۇ، خالىمىسىمۇ) كۈچ / پۇلنى ئىشقا سالىدۇ.

يۇمشاق: ئا، ۋەقەنى جەزبىدار قىلىپ كۆرسىتىدىغان شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ ياكى ئورگانلارنىڭ ياردىمى بىلەن ب نىڭ ئۆزگىرىشنى قانۇنلۇق دەپ قارىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

ئۈچىنچى تەرەپ: باشقىلارنىڭ يۆنىلىشىنى شەكىللەندۈرۈش

قاتتىق: ئا، ب نىڭ يۆنىلىشىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ / پۇل ئىشلىتىدۇ (سىتوكھولم سېندرومى).

يۇمشاق: ئا، ۋەقەنى جەزبىدار ھالەتتە ئوتتۇرىغا قويىدۇ ياكى ئورگانلارنىڭ دەسلەپكى قارارلىرىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرىدۇ.

دۆلەتلەر دەرىجىسىدە جەزبىدارلىق يارىتىش يولى بىلەن ئىستەكلەرنىڭ قوبۇل قىلدۇرۇلۇشى مۇرەككەپ بولىدۇ. جەزبىدارلىقنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرى ئەپۇچانلىق، ياخشى كۆرۈلۈش، قابىلىيەت ۋە كارىزمادۇر. كۈلتۈر، قىممەت – قاراشلار ۋە سىياسەتلەرگە ئوخشاش ئۇقۇملارنىڭ كۈچكە ئايلاندۇرۇلۇشى، بۇلار ۋە بۇلارنىڭ قارمىقىدىكى باشقا ئامىللار سايىسىدا ئىشقا ئاشىدۇ. بىر توپلۇققا نىسبەتەن جەلپ قىلىش كۈچى يارىتىدىغان بىر قىممەت، باشقا بىر توپلۇققا نىسبەتەن ئىتتىرگۈچلۈك رولىنى ئوينىشى مۇمكىن (خولىيۋۇد فىلىملىرىدىكى ئەركىن ئايال مودېلى، رىئودا باشقىچە، رىيادتا باشقىچە چۈشىنىلىدۇ).

قايىل قىلىش مېتودى جەلپ قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئىچىدە ئازراق مۇداخىلە بولىدۇ (ئىجابىينى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىش، سەلبىي تەرەپنى يوشۇرۇش). كۆپىنچە ھاللاردا جەزبىدار سۆزلەر بىلەن قاپلانغان بىر دەۋاغا كۆزلەنگەن توپلۇق قانائەتلىنەرلىك دەپ قارايدۇ، بىراق ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا تەشۋىقات پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان بولسا، ئۇ قايىل قىلىش كۈچىنى يوقىتىپ قويىدۇ. يۇمشاق كۈچنىڭ شەكىللىنىشىنى ئاساسەن دېگۈدەك كۆزلەنگەن توپلۇقنىڭ تونۇشى بەلگىلەيدۇ.

 

يۇمشاق كۈچنىڭ جەريانلىرى

 

يۇمشاق كۈچنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئوينايدىغان روللىرى بار. پىرېزىدېنت ئوبامانىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان قايىل قىلارلىق سۆزى، ئىشتىراكچى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى تۆۋەن دۆلەتلەرگە ياردەم قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرغانىدى. بۇ بىۋاسىتە رول ھېسابلىنىدۇ. تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدىغان رولى بولسا، ئىككى قەدەمدىن تەشكىل تاپىدۇ. ئالدى بىلەن توپلۇقلار تەسىر ئاستىغا ئېلىنىدۇ، ئۇلار بولسا، ئۆز لىدىرلىرىنى تەسىرى ئاستىغا ئالىدۇ. يۇمشاق كۈچ ئىشلىتىشنىڭ سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتى، بۇ شەكىللەرگە ئاساسەن پەرقلىق بولىدۇ. كۆزلەنگەن نىشانلارغا يېتىپ – يېتەلمىگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەلرايى تەكشۈرۈشلىرى پەقەت تەخمىنى نەتىجىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ھۆكۈمەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەلرايى نەتىجىلىرىگە دېگەندەك ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ كەتمەيدۇ. لېكىن بۇنداق قىلىش يۇمشاق كۈچنىڭ بىر سەپسەتىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكى دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەسلىكى كېرەك. يۇمشاق كۈچنىڭ سىياسەت شەكىللەندۈرگۈچىلەرگە بىۋاسىتە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى توغرىسىدىكى مۇھىم بىر مىسال، ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پىروگراممىلىرىدۇر. نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 46 پىرېزىدېنت بىلەن ئۆتمۈشتە پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن 165 كىشى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇغان. ئامېرىكىغا بىر يىلدا ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇش ئۈچۈن 750 مىڭ ئوقۇغۇچى كېلىدىغانلىقى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، بۇ كۈچنىڭ پائاللىقى تېخىمۇ ياخشى نامايان بولىدۇ.

يۇمشاق كۈچ تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن ئەھۋاللاردا خەلقنىڭ رەھبەرلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى، لىدىرلارغا خالىغان ئىشنى قىلدۇرۇش ياكى ئۇلارنى ۋاز كەچتۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، 2003 – يىلى ئىراق ۋەقەلىرى ئەسناسىدا تۈركىيە خەلقى قارار چىقارغۇچىلارغا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ تۈركىيە زېمىنلىرى ئارقىلىق ئىراققا كىرىشىگە يول قويماسلىق توغرىسىدا تەسىر كۆرسەتكەنىدى. ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تۈركىيە زېمىنلىرىنى ئىشلىتەلمىدى. شۇنداق قىلىپ بۇش دائىرىلىرى، يۇمشاق كۈچتىن ياخشى پايدىلىنالماي، ئۆز قاتتىق كۈچىنىڭ زەربە يېيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. يۇمشاق كۈچنىڭ نىشانى كەڭ قاتلاملارغا تەسىر كۆرسىتىپ جامائەت پىكرى ھاسىل قىلىش ۋە پوزىتسىيە ئۆزگىرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتۇر. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ياۋروپاغا پەقەت ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچى (مارشال پىلانى) ئارقىلىقلا ئەمەس، زۆرۈر تېپىلغاندا، خولىيۋۇدقا تايىنىپ تۇرۇپ، كۈلتۈر ۋە قىممەت – قاراشلىرى ئارقىلىقمۇ تەسىر كۆرسەتكەنىدى. نورۋېگىيەلىك بىر تەتقىقاتچىنىڭ بۇ ھەقتىكى يەكۈنى مۇنداق: «فېدېراتىپ قۇرۇلما، دېموكراتىيە ۋە ئەركىن بازار؛ مانا بۇ ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى!»

بۇ خىلدىكى ئومۇمىي نىشانلار دەۋرىمىزدىمۇ مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ نىشانى مۇئەييەن بىر ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئەمەس، قۇتۇپلىشىش پەيدا قىلىپ، ئوتتۇرىغا قويغان ئاشقۇن پىكىرلىرىنى مەزكۇر قۇتۇپلىشىش مۇھىتىدا مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ جايلىرىغا تارقىتىشتۇر. سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىن ياۋروپا يۇمشاق كۈچىنىڭ ئومۇمىي ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك نىشانى بولسا، مەركىزىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى، ئۈنۈمگە ئېرىشتى. نېمىشقىدۇر بۇ كۈچنىڭ، 2009 – يىلى كوپېنھاگىندا چاقىرىلغان دۇنيا كىلىمات يىغىنى ئەسناسىدا دېگەندەك ئۈنۈمى بولمىدى. ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئۆزىنىڭ كاربون گازى قويۇپ بېرىشكە ئالاقىدار ئۆلچەملىرىنى قوبۇل قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئالىي غايىلىرى، خۇسۇسىي مەنپەئەتلەرنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلغان كىچىك سودىلىشىشلار ئارىسىدا بوغۇلۇپ قالدى.

دۆلەتلەر، يۇمشاق كۈچلىرى ئارقىلىق پەقەت بىر – بىرلىرىگە ۋاسىتىلىك ۋە بىۋاسىتە ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشىش بىلەنلا قالمايدۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تارتىش كۈچىگە ۋە قانۇنىيلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈنمۇ كۈچ چىقىرىدۇ. ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرى، دىپلوماتىيە ۋە مائارىپ پىلانلىرى بۇ ئىشلارغا پايدىلىقتۇر.

 

جامائەت دىپلوماتىيەسىگە تايىنىپ يۇمشاق كۈچنى ئىشقا سېلىش

 

دۆلەتلەرنىڭ يۇمشاق كۈچنى قوغداپ قېلىشى قىيىن. چۈنكى، جەلپ قىلىش كۈچىنى ئىزچىللىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، سىياسەتلەرمۇ قىممەت – قاراشلارغا ماس بولۇشى كېرەك. ھۆكۈمەتلەرنىڭ بولسا، بارلىق ئۆزگىرىشچان ئامىللارنى كونترول قىلىپ تۇرالىشىنىڭ ئاساسەن مۇمكىنچىلىكى يوق. كۈچ دۆلەتنىڭ قولىدىن چىقىپ، دۆلەتسىز قۇرۇلمىلار تەرەپكە ئېغىشقا باشلىغان دەۋرىمىز ئۇچۇر – ئالاقە مۇھىتىدا، سىياسىي نوپۇز، ئىجتىمائىي ئورتاقلىشىش تورلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى ۋە كۈچنىڭ دەرىجە تۈزۈمىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. لىدېرلار، كۈنىمىزدىكى ئىجتىمائىي ئورتاقلىشىش تورلىرىنىڭ تەسىرى ئالدىدا جەلپ قىلىش كۈچى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىشىنى ۋە گۇرۇپپىلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى بۇيرۇق چۈشۈرۈش يولى بىلەن باشقۇرۇشتىن ئەۋزەل ئورۇنغا قويۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالماقتا. ئالاقە مۇھىتىدا قوماندانلىقنىڭ ئورنىنى دىيالوگ ئىگىلەيدۇ.

بەزىدە «كابىنېت دىپلوماتىيەسى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان كىلاسسىك دىپلوماتىيەدە، لىدېرلار ئارىسىدا كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مەخپىي ئۇچۇرلار كېتىپ – كېلەتتى. ئالاقە توغرىلاندى. لېكىن ھۆكۈمەتلەر، باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەلقلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇ دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتلەرنى ۋاسىتىلىك يولدىن تەسىرى ئاستىغا ئېلىش ئۇسۇلىدىنمۇ پايدىلىنىدۇ. ۋاسىتىلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ دىپلوماتىيەنىڭ ئىسمى «جامائەت دىپلوماتىيەسى» دۇر. بۇنىڭ يىلتىزى تارىخنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىغىچە سوزۇلىدۇ. فىرانسىيە ئىنقىلابىدىن كېيىن، يېڭى فىرانسۇز ھۆكۈمىتى جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا جاسۇسلىرىنى ئەۋەتكەنىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا دۇنيادىكى ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن خوللىيۋۇدنى ئىشقا سالغانىدى. 1920 – يىللاردا تېخنولوگىيەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن جامائەت دىپلوماتىيەسىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنىڭ قاتارىغا رادىيو كىردى. ب ب س بۇ ئۇسۇلدىن ئەڭ ياخشى پايدىلانغانلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

كۈچنىڭ دۆلەتسىز ئاكتىيورلار تەرەپكە ئېغىشى، ئالاقىنىڭ ئىمكان ۋە قاناللىرىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۆپىيىشى، جامائەت دىپلوماتىيەسىنى ناھايىتى مۇرەككەپ ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى. نۆۋەتتە دۆلەتسىز كۈچلەرمۇ ئۆز نىشانلىرىنى بويلاپ جامائەت دىپلوماتىيەسىدىن كەڭ كۆلەمدە پايدىلانماقتا. بۇلار ئۆزئارىسىدا چەك – چېگراسىز ھەمكارلىق ئورناتقاندەك، ھۆكۈمەتلەر بىلەنمۇ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ يۇمشاق كۈچ پەيدا قىلماقتا. مەسىلەن، قۇرۇقلۇقتىكى مىنالارنىڭ مەنئى قىلىنىشىنى مەزمۇن قىلغان بىر سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى نەتىجىسىدە، كانادا ۋە نورۋېگىيەگە ئوخشاش نىسبەتەن كىچىك بەزى دۆلەتلەر بىلەن پائالىيەتچى ۋېرمونت باشلامچىلىقىدىكى بىر ئىجتىمائىي ئورتاقلىشىش تورى ھەمكارلىق ئورناتتى. بۇ ھەمكارلىققا دۇنياغا داڭلىق مەلىكە دىيانانىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن، دۇنيانىڭ بىردىنبىر چوڭ كۈچىنىڭ ئەڭ تەۋرەنمەس بىيۇروكراتىك قەلئەسى پېنتاگون مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى.

دەۋرىمىزدە ئىلىم كۈچ پەيدا قىلىدۇ. دۇنيا خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى ئىلغار شۇنداقلا ئەرزانلىشىپ كېتىۋاتقان تېخنولوگىيە سايىسىدا بۇ كۈچكە ئىگە بولدى. نەتىجە ئۇچۇر پارتلىشىغا ئايلاندى، بۇغداي بىلەن سامان ئارىلىشىپ كەتتى، دىققەتلەر چېچىلدى. نۆۋەتتە مۇھىم بولۇۋاتقىنى، ئۇچۇرنىڭ سۈپىتى ۋە سانى ئەمەس، مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئارقا پىلاندىكى قۇرۇق شاراق – شۇرۇقلاردىن ئايرىپ، دىققەتنى توغرا نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈش قابىلىيىتىدۇر. ئىشەنچلىكلىك ۋە ئېتىبار يۇمشاق كۈچنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرىدىندۇر. دەۋرىمىزدىكى سىياسىي كۈرەشلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك بىر قىسمىنىڭ تېمىسى، دۆلەتلەرنىڭ بىر – بىرلىرىنى ئېتىبارسىزلاشتۇرۇش ياكى ئۇلۇغلاش سەپەرۋەرلىكلىرىدۇر. سىياسەت ئىشەنچلىكلىك رىقابىتىگە ئايلاندى. تەشۋىقات پۇرىقى بار ئۇچۇرلارنىڭ ئېقىشى ئىشقا يارىمايلا قالماي، ئەكسىچە نارازىلىق پەيدا قىلىدۇ. ساددام ھۇسەيىننىڭ ئاممىۋى قىرغۇچى قوراللارغا ئىگە ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنىڭ مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققاندا، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىناۋەتلىرى چۈشتى.

جامائەت دىپلوماتىيەسى پەقەت ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر سىياسىتىدىنلا ئىبارەت ئەمەس. ئۇ، ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئورنىتىلىشىنى كۆزلەيدۇ ۋە كۆزلەنگەن ھۆكۈمەت سىياسەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە شارائىت ھازىرلاشنى نىشان قىلىدۇ. مىللىي ئېتىبارى بولمىغان دۆلەت جامائەت دىپلوماتىيەسىگە تايىنىپ كۈلتۈر ئىمكانىيەتلىرىنى يۇمشاق كۈچكە ئايلاندۇرالمايدۇ. جامائەت دىپلوماتىيەسىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغان ياكى بولمىغانلىقى سەرپ قىلىنغان دوللار بىلەن ئەمەس، كۆزلەنگەن شەكىلگە كەلتۈرۈلگەن زېھىن سانى بىلەن ئۆلچىنىدۇ (ئەلرايى نەتىجىلىرى بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ).

بىر مەركەز تەرىپىدىن پىلانلانمىغان، شەخسلەرنىڭ بىرمۇبىر دىيالوگ ئۆتكۈزۈش يولى بىلەن شەكىللەندۈرۈلگەن ئىجتىمائىي ئورتاقلىشىش تورلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان دىپلوماتىيە تۈرىنى «يېڭى جامائەت دىپلوماتىيەسى» دەپ ئاتايمىز. جامائەت دىپلوماتىيەسىدە بۇ يېڭى دېگەن ئۇقۇمنى ئالدىنقى پىلانغا چىقارغان ھۆكۈمەتلەر، چېگرا ئامىلىنى تونۇمايدىغان ئىجتىمائىي تورلارنى كونترول قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرۈشنى ۋە بۇلارغا قېلىش يولىنى تاللايدۇ. قانچىلىك ئاز مۇداخىلە قىلسا، خەلقنىڭ نەزىرىدىكى ئېتىبارلىرى شۇنچىلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. شۈبھىسىزكى ، بۇمۇ دۆلەتسىز كۈچلەرنىڭ ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ سىياسىي نىشانلىرىنىڭ، رەسمىي سىياسەتلەر بىلەن زىتلىشىپ قېلىشتەك بىر خەۋپنىمۇ بىرلىكتە ئېلىپ كېلىدۇ. ھۆكۈمەتلەر، نىشانلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىش ئۈچۈن ئۆز مەمۇرلىرىنى فەيسبۇك ياكى تىۋىتتېرغا ئوخشاش ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سېلىش سالاھىيىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئىجتىمائىي ئالاقە ساھەسىدىكى پائاللىقىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىشى مۇمكىن. پىكىر ئوخشىماسلىقلىرى ۋە تەنقىدلەر ھۆكۈمەتلەرنى بەزىدە بىئارام قىلىپ قويسىمۇ، بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىش ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىجابىي يۇمشاق كۈچ پەيدا  قىلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، فىلورىدالىق راھىب مەسىلىسىدىكىگە ئوخشاش (2010) قۇرئاننى كۆيدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغان مەسئۇلىيەتسىز كىشىلەر، يۇمشاق كۈچنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋېتىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ. جامائەت دىپلوماتىيەسى بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، دېموكراتىك دۆلەتلەرگە نىسبەتەن قىيىن بولۇشى مۇمكىن. بىراق، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدە، خىتايغا ئوخشاش  ئىستىبدات تۈزۈملەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ قىيىندۇر. چۈنكى، يۇمشاق كۈچلىرىدىن پايدىلىنىدىغان ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، يۈكسىلىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچ، سىياسىي سىستېما دېگەندەك مەسىلىلەرگە ئالاقىدار تەنقىدلىرى خىتايدەك دۆلەتلەرنى ئۇبدانلا بىئارام قىلماقتا. بىزنى قىسقۇچىغا ئېلىۋالغان ھازىرقىدەك ئىنتېرنېت دەۋرىدە يۇمشاق كۈچنى ئىشقا سېلىش ئاسان ئىش ئەمەس.

داۋامى بار …

21 – ئەسىردە كۈچ ۋە سىياسىي رىقابەت (1)

 

[1]  توماس شېللىڭ  – 1921 (Thomas Schelling): نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس ۋە تاشقىي سىياسەت پىروفېسسورى.

[2]  دېيۋىد بالدۋىن  (1936 –  David A.Baldwin): ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس ۋە تاشقى سىياسەت پىروفېسسورى.

[3] لاۋزې، مىلادىدىن بۇرۇنقى 6 – ئەسىردە ياشىغان خىتاي پەيلاسوپ.

[4] ئې.خ.كار (1892 – 1982): لىبېرال قاراشتىن ماركىسىزمغا ئۆتكەن ئەنگلىيەلىك تارىخچى، تاشقى سىياسەت مۇتەخەسسىسى، ژۇرنالىست.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*