21 – ئەسىردە كۈچ ۋە سىياسىي رىقابەت (1)

2019-يىلى 13-مارت

جوسېف س.نيې، جر

كۈچنىڭ كېلەچىكى

(قىسقارتىپ تەييارلىغۇچى: ئۇغۇر يۈجە)

كىرىش سۆز

 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارى كىلىنتون 2009 – يىلى سۆز قىلىپ، مۇنداق بىر يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تېز باش كۆتۈرگەن مەسىلىلەرنى يالغۇز ھالەتتە ھەل قىلالمايدۇ، بىراق قالغان دۆلەتلەرمۇ بۇنى ئامېرىكا بولماي تۇرۇپ ھەل قىلالمايدۇ. شۇڭا <ئەقلىي كۈچ> دېيىلىدىغان كۈچنى ئىشقا سېلىشىمىز، قولىمىزدىكى كۈچ تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشىمىز لازىم» دەيدۇ. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتس، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى دىپلوماتىيە، ئىقتىسادىي ياردەملەر ۋە ئالاقە دېگەندەك «يۇمشاق كۈچ» ئامىللىرىنى ئىشقا سېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىشقا چاقىرغانىدى. گېيتس يالغۇز بېشىغا ھەربىي كۈچنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا مۇداپىئە قىلىنىشىغا يەتمەيدىغانلىقى قارىشىدىدۇر. يىللىق ھەربىي خىراجەتلەر يېرىم تىرىليون دوللاردىن ئاشىدىغان بولۇشىغا قارىماي، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خامچوتىنىڭ پەقەت 36 مىليارد دوللار ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، ۋەزىپىسىنىڭ «يۇمشاق كۈچ» تىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنىڭ ئاشۇرۇپ، بۇنى «قاتتىق كۈچ» قۇدرىتى بىلەن تېخىمۇ ماس ھالەتتە مېڭىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.
بۇ سۆزلەر قانداق مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ؟ «كۈچنىڭ فۇنكسىيە مىخانىزمى نېمە؟ 21 – ئەسىر قانداق ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ؟ بۇ سوئاللارغا تېخىمۇ چۈشىنىشلىك جاۋابلارنى بېرىش ئۈچۈن، بىرى ئۆزۈمگە تەئەللۇق بولۇپ، جەمئىي ئىككى مىسال كۆرسىتەي: 1970 – يىلىدا فىرانسىيە پاكىستان بىلەن ھەربىي غەرەزلەر ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىشكە بولىدىغان بىر يادرو ئىستانسىسى سېتىش كېلىشىمى تۈزدى. يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەلەكچىلىكى ئىچىدىكى فورد ۋە كارتېر ھۆكۈمەتلىرى فىرانسىيەنى كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشتىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. بىراق، 1977 – يىلىغىچە بۇ ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىدى. 1977 – يىلى كارتېر ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسەتلىرىگە مەسئۇل ئورگىنىنىڭ باشلىقى ئىدىم. فىرانسۇز ئەمەلدارلارغا پاكىستاننىڭ يادرو قورالى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر پاكىتلارنى سۇندۇم. نەتىجىدە قايىل بولۇپ، ئىستانسىنى پۈتكۈزۈشتىن ۋاز كەچتى. ئامېرىكا خالىغىنىنى قولغا كەلتۈرۈش ئەسناسىدا نە تەھدىت سالمىدى، نە «سەۋزە – تاياق» ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىشقا مەجبۇر بولۇپ قالمىدى. فىرانسىيەنىڭ پوزىتسىيەسىنى قايىل قىلىش ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يولى بىلەن ئۆزگەرتەلىگەنىدى. مەن ئۇ يەردە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ گۇۋاھچىسىمەن.
تېخىمۇ يېقىن بىر مىسال بولسا، 2008 – يىلىغا ئائىتتۇر. رۇسىيە بىلەن خىتاي كۈچلىرىنى نامايان قىلىش جەھەتتە بىر – بىرىدىن تولىمۇ پەرقلىق مېتودلارنىڭ كويىدا ئىدى. خىتاي دۇنيانى ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدە ئالغان مېدال سانى بىلەن تەسىرلەندۈرۈشكە تىرىشسا، رۇسىيە ھەربىي ئۈستۈنلۈكنى نامايان قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلماقتا ئىدى. خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچى رۇسىيەنىڭ قاتتىق كۈچىگە قارشى! بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، رۇسىيەنىڭ گىرۇزىيە ئىشغالى قاتتىق كۈچنىڭ يۇمشاق كۈچ ئالدىدىكى دەتالاشسىز ئۈستۈنلۈكىنىڭ پاكىتى ئىدى. نېمىشقىدۇر، ئۇزۇن مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىققان نەتىجىلەر، ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن كۈتۈلۈۋاتقاندىن خېلىلا پەرقلىق شەكىلدە تەجەللى قىلدى. رۇسىيەنىڭ قاتتىق كۈچ ئىشلىتىشى ھەقلىقلىق ئورنىغا كۆلەڭگە چۈشۈردى، دۇنياغا ۋەھىمە ۋە ئىشەنچسىزلىك ئۇرۇقلىرىنى چاچتى، ياۋروپادىكى قوشنىلىرىنىڭ گۇمانلىرىنى كۈچەيتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، پولشا ئۆز زېمىنلىرىغا ئامېرىكىنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى بومبا سىستېمىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپىگە قارشى تۇرۇشتىن ۋاز كېچىپ، كېرەكلىك ئىجازەتلەرنى بەردى. رۇسىيە، خەلقئارا مۇنبەرلەردە گىرۇزىيە سىياسەتلىرى توغرىسىدا ئىزدىگەن قوللاشقا ئېرىشەلمىدى. خىتاي بولسا، ئۆتكۈزگەن ئولىمپىك مۇسابىقىلىرى، خىتاي كۈلتۈرىنى خەلقئارا مىقياسىغا كېڭەيتىش ئۈچۈن قۇرغان كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى، قوبۇل قىلىدىغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى سانىنى پەۋقۇلئاددە ئاشۇرۇش، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى قوشنىلىرىغا سۇنغان ياراشقۇچى دىپلوماتىيەلىرى قاتارلىقلار ئارقىلىق «يۇمشاق كۈچ» ئۇقۇمىغا كۈچەپ مەبلەغ سالدى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە خەلقئارادىكى ئىناۋىتىنى ئاشۇردى. خىتاي، قاتتىق كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە جەزبىدار بىر يۇمشاق كۈچ سىياسىتى سايىسىدا تىنچ ئۇسۇلدا تەرەققىي قىلماقتا ۋە دۇنيا كۈچ مۇۋازىنىتى تارازىسىدا بۇ يۆنىلىشى بىلەن سالماقلىق ئورۇن ئىگىلىمەكتە.

 

21 – ئەسىردە ئامېرىكىنىڭ كۈچى

 

2008 – 2009 – يىللىرىدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىس ئەسناسىدىكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىقتىسادى داۋالغۇۋاتقان، خىتاي ئىقتىسادى گۈللىنىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان پەيتلەردە، خىتاي يازغۇچىلار، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ چېكىنىشىنى مەسخىرىۋازلىق بىلەن ئىزاھلىغان سانسىز ماقالىلەرنى يازدى. Pew تەتقىقات مەركىزىنىڭ 25 دۆلەتتە ئېلىپ بارغان 2009 – يىلىدىكى بىر تەكشۈرۈشىگە قارىغاندىمۇ، 13 دۆلەتتىكى كۆپ سانلىق خىتاينىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ ھەقىقىي چوڭ كۈچ بولىدىغانلىقى قارىشىدا ئىدى. ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات كېڭىشىمۇ 2025 – يىلىغىچە دۆلەتنىڭ دۇنيادىكى نوپۇزىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يوقىتىپ قويىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا ئىدى. بۇنىڭغا ئوخشاش قاراشلارغا رۇسىيە، ھەتتا كانادانىڭمۇ قوشىلىدىغانلىقى ئەمەلدارلارنىڭ باياناتلىرىدىن چىقىپلا تۇراتتى.
بۇ قاراشنىڭ توغرا ياكى ئەمەسلىكىنى قانداق بىلەلەيمىز؟ بۇ سوئال ئون يىللاردىن بۇيان مېڭىمىزنى غىدىقلاپ كەلمەكتە. قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب، مەزكۇر سوئالغا جاۋاب ئىزدىشىم ئەسناسىدا ئۇچراتقان ئامېرىكا كۈچىنىڭ مەنبەلىرى ۋە چەك – چېگراسى توغرىسىدىكى بەزى ئامىللارنىڭ نەتىجىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سوئالغا قايىل قىلارلىق جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، «كۈچ» دېگەن چېغىمىزدا تولۇق مەنىدە نېمىنىڭ كۆزدە تۇتۇلغانلىقى ۋە كۈچنىڭ پەن – تېخنولوگىيە بىلەن يەرشارىلىشىش دەۋرى ئالدىنقى پىلانغا چىققان 21 – ئەسىر شارائىتىدا قانداق ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەمما، بۇ چۈشىنىش مۇساپىسىدە بەزى قىلتاقلارغا دەسسىمەسلىك كېرەك.
ئالدى بىلەن، ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي قېرىش مۇساپىسى بىلەن دۆلەتلەرنىڭ ئۆمرىنى بىر – بىرىگە ئوخشىتىدىغان قاراشلاردىن يىراق تۇرۇش لازىم. ئىنسانلارنىڭ ئەكسىچە ئۇلۇسلار (دۆلەتلەر) نىڭ مۇئەييەن ئۆمۈرى يوقتۇر. مەسىلەن، ئەنگلىيە 18 – ئەسىردە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلىرىنى قولدىن بېرىپ قويغان چاغدا، يوقىتىلىش ۋاقتى، كەلدى دەپ قارالغانىدى. دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىمۇ دۆلەتلىرىنىڭ دانىيە ياكى ساردۇنياغا ئوخشاش تەسىر كۈچى يوق بىر پىچكىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتقانىدى. بىراق، كېيىنكى چاغلاردا ئەنگلىيەدە مەيدانغا كەلگەن سانائەت ئىنقىلابى، بۇرۇنقىدىنمۇ كۈچلۈك گۈللىنىش / ئېشىش ئېلىپ كەلدى ۋە يۈكسىلىش يەنە بىر ئەسىر داۋاملاشتى. يەنە بىر تەرەپتىن ئۈستۈنلۈكىنى ئۈچ ئەسىر بويىچە داۋاملاشتۇرغان رىم ئىمپېرىيەسىنى بىزگىچە ئېلىپ كەلگەن ئامىل، باشقا بىر كۈچنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ بولۇشى ئەمەس، ياۋۇز ئىنسانلار يەتكۈزگەن كىچىك يارىلارنىڭ يەكۈنى ئىدى. خىتاي، ھىندىستان ياكى بىرازىلىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئارقىدا قالدۇرۇش ئېھتىمالى بارلىقى توغرىسىدىكى ئاۋامچى پىكىرلەر بىر تەرەپتە تۇرۇپ تۇرسۇن، ئاساسلىق تەھدىتلەر زامانىۋى ياۋۇزلار ياكى دۆلەتسىز كۈچلەر يەنى ئىجتىمائىي كۈچلەر ئارىسىدىكى ئاكتىيورلاردىن كېلىشى مۇمكىن. كۈچنىڭ چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدا كىلاسسىك مەنىدە ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشىدىن بەكرەك مەزكۇر ئىجتىمائىي ئاكتىيورلارنىڭ كۈچىيىشى تېخىمۇ ئېغىر مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئۇچۇر – ئالاقىنى تايانچ قىلغان بىر سىبەر خەۋپ مۇھىتىدا كۈچنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇشىدىنمۇ بەكرەك، كۈچنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاتلاملارغا تارقىلىپ كېتىشىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرۈش ئېھتىماللىقى بار.
ئىككىنچى بىر تۇزاق، «كۈچ» ۋە «كۈچ مەنبەلىرى» ئۇقۇملىرىنى بىر – بىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىش ۋە مەسىلىنى پەقەت دۆلەتلەر نۇقتىسىدا تۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىشتۇر. 21 – ئەسىر دۇنياۋى ئۇچۇر دەۋرىدە قايسى مەنبەلەر كۈچ يارىتىدۇ؟ 16 – ئەسىردە ئىسپانىيە بۇ كۈچنى ئىلكىدىكى مۇستەملىكىلەر ۋە ئالتۇن خەزىنىلىرىدىن ئالغانىدى. 17 – ئەسىردە گوللاندىيەنى كۈچلۈك قىلغان نەرسە سودا ۋە مالىيە ئىدى. 18 – ئەسىردە فىرانسىيە كۈچىنى نوپۇسىنىڭ كۆپلۈكى ۋە كۈچلۈك ئارمىيەسىدىن ئالغانىدى. 19 – ئەسىردە بىرىتانىيە ئېلىپ بارغان سانائەت ئىنقىلابى ۋە دېڭىزلاردىكى ھەربىي ھاكىمىيىتى سايىسىدا يۈكسەلگەنىدى. ئادەتتىكىچە ئويلاش ئەڭ چوڭ ئارمىيەگە ئىگە دۆلەتنىڭ ھۆكۈمدارلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلسىمۇ، بىز ياشاۋاتقان ئۇچۇر دەۋرىدە غەلىبە قىلىدىغانلار ئۇلار ئەمەس، بەلكى بۇنى ئەڭ ياخشى سۆز – ئىبارىلەر بىلەن بايان قىلالىغانلارنىڭ بولۇشى ئېھتىماللىقى بار. بۇ بىر دۆلەت ياكى دۆلەتسىز بىر كۈچ (ئىجتىمائىي كۈچ) بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇچۇر ئىنقىلابى ۋە يەرشارىلىشىش ئىجتىمائىي ئاكتىيورلارغا تېخىمۇ كۆپ كۈچ بېغىشلىماقتا. 11 – سېنتەبىر ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ياپونىيەنىڭ پېئارل خاربور ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرگەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ سانىدىن كۆپ ئىدى. ئەسلىدە، كۈچنىڭ دۆلەتسىز قاتلاملارغا قاراپ تارقىلىشىنى «ئۇرۇشنىڭ خۇسۇسىيلاشتۇرۇلۇشى» دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن كۈچ مۇۋازىنىتىنى ئۆلچەشمۇ، يېڭى دۇنيا تەرتىپىدە مەۋجۇت بولۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئۇتۇقلۇق ئىستراتېگىيەلەرنى بېكىتىپ چىقىشمۇ ئاسانغا توختىمايدۇ. دۇنيا كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ قايسى يۆنىلىشكە ئاغقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئادەتتە پەقەت بىرلا كۆرسەتكۈچ يەنى مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئاساس قىلىنىدۇ. بىراق، مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى نىسبىتىنى گۈللىنىشنىڭ يېگانە كۆرسەتكۈچى، دەپ قاراش، بۇ كىتابتا بەس – مۇنازىرە قىلىنىدىغان كۈچنىڭ باشقا تەرەپلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشتۇر. مەزكۇر پەرقلىق تەرەپلەرنى ئۈنۈملۈك ئىستراتېگىيەلەرگە ئايلاندۇرۇشنىڭ قىيىنچىلىقلىرىمۇ بىز مۇھاكىمە قىلىپ ئۆتىدىغان تېمىلارنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

 

ئەقلىي كۈچ

 

ئەقلىي كۈچ مەجبۇرىي تېڭىش ۋە بەدەل تۆلەتكۈزۈشنى مەركەز قىلىدىغان «قاتتىق كۈچ» بىلەن قايىل قىلىش ۋە جەلپ قىلىشنى مەركەز قىلىدىغان «يۇمشاق كۈچ» نىڭ ئارىلاشمىسىدۇر. ئوتتۇرىغا قويۇلغان پۈتكۈل جەزبىدار تەكلىپلەرگە قارىماي، تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئەلقائىدەنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەشتىن ۋاز كەچتۈرۈش مەسىلىسىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىنالمىغانلىقى مىسالىدىنمۇ چىقىپ تۇرغىنىدەك، يۇمشاق كۈچ ھەر ئىختىلاپنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىمۇ ئەمەس، ئەلۋەتتە. دەرۋەقە، مەزكۇر مەسىلە، 2001 – يىلى قاتتىق ھەربىي كۈچنىڭ ئىشلىتىلىشى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنالىدى. 2004 – يىلى يازغان «يۇمشاق كۈچ: دۇنيا سىياسىتىدە غەلىبە قىلىشنىڭ مېتودلىرى» ناملىق كىتابىمدا «ئەقلىي كۈچ» ئۇقۇمى تۇنجى قېتىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلدى. بۇ كىتابتا، قاتتىق ۋە يۇمشاق كۈچ مەنبەلىرىنىڭ پائال ئىستراتېگىيەلەرنى شەكىللەندۈرۈش مەقسىتىدە بىرلەشتۈرۈلۈشىگە ئالاقىدار پىكىرلەر مۇھاكىمە قىلىنغانىدى. كېيىنكى يىللاردا رىچارد ئارمىتېيج بىلەن ئىككىمىز بىرلىكتە قۇرۇپ چىققان ئىستراتېگىيەلىك ۋە خەلقئارالىق تەتقىقاتلار مەركىزى قارمىقىدىكى پارتىيەلەر ئۈستى ئەقلىي كۈچ كومىتېتى دوكلاتى، ئامېرىكىنىڭ ئوبرازى ۋە تەسىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردا تۇرغۇنلۇق باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھەيۋە قىلىشنىڭ ئورنىغا ئىشلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلاش ۋە ئۈمىد بېغىشلاشقا مەركەزلىشىشى كېرەكلىكى قانائىتى ھاسىل بولغانىدى. بۇ يەكۈنگە كېيىنچە باشقا ئورگانلارمۇ قوشۇلدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى تەلىم – تەربىيە ئالغان ۋە ئەڭ زور مەنبەلەرگە ئىگە ئورگان پېنتاگون بولسىمۇ، ھەربىي كۈچنىڭ ئۆز ئالدىغا قىلالايدىغان ئىشلىرىنىڭ بىر چەك – چېگراسى بار. دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئوخشاش مەسىلىلەرنى قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھەيران قالارلىق ھەربىي ھەرىكەت كۈچى بولۇشى مۇمكىن، بىراق مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ھەر قېتىم دۇچ كەلگەن قىيىن ئەھۋاللارنى ھەل قىلىشنى پېنتاگونغا ھاۋالە قىلىشى، ئاشقۇن ھەربىيچە مايىللىققا ئىگە تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈش كارتىنىسىنىڭ يارىتىلىشىغا سەۋەب بولماقتا. نۆۋەتتە ھەربىي ئەمەلدارلارمۇ بۇنى تونۇپ يەتتى ۋە مەمۇرىي دائىرىلەرنى يۇمشاق كۈچ ئىشلىتىشكە تېخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە. ئەقلىي كۈچ پەقەت يۇمشاق كۈچتىنلا ئىبارەت بولماستىن، قاتتىق ۋە يۇمشاق كۈچ مېتودلىرىنى پەرقلىق شەرت – شارائىتقا قاراپ تېخىمۇ پائال شەكىلدە بىرلەشتۈرۈپ پايدىلىنىشنى كۆرسىتىدۇ.

 

يىگىرمە بىرىنچى ئەسىرنىڭ شەرت – شارائىتى

كۈچ ھەردائىم «قايسى مەنىدە كۈچ؟» دېگەن سوئالنى ئەقىلگە كەلتۈرۈشى كېرەك. سىتالىن، پاپالىقنىڭ كۈچىنى كەمسىتىش مەقسىتىدە قانچە دىۋىزىيەسى بارلىقىنى سورىغانىدى. بۇ سوئال سورىلىپ 50 يىل ئۆتكەندىن كېيىن پىكرىي مەنىدە پاپالىق مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئىستالىننىڭ ئىمپېراتورلۇقى يىمىرىلدى. زامانىمىزدىكى كۈچنىڭ تارقىلىشى مۇرەككەپ ھالەتتىكى ئۈچ ئۆلچەملىك بىر شاھمات تاختىسىغا ئوخشايدۇ. ئەڭ يۇقىرى نۇقتىدا ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئاساسەن بىر قۇتۇپلۇق ھەربىي كۈچ بار بولۇپ، بۇ ساھەدىكى ئۈستۈنلۈكىنى يەنە بىر مەزگىل ساقلاپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ. ئىككىنچى ئورۇندا بولسا، ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان كۆپ قۇتۇپلۇق ھالەتكە كەلگەن ۋە ئاساسلىق ئاكتىيورلىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ياۋروپا، ياپونىيە ۋە خىتاي بولغان ئىقتىسادىي كۈچ بار. ئەڭ تۆۋەن نۇقتا بولسا، دۆلەتنىڭ كونتروللۇقى سىرتىدىكى دۆلەتلەر ھالقىغان مۇناسىۋەتلەر دىيارىدۇر. دۆلەتسىز ئاكتىيورلار ئارىسىدا بىر قېتىملىق ھەرىكىتى ئارقىلىق بەزى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت خامچوتىدىنمۇ كۆپ مەبلەغلەرنى ئۇيەردىن بۇيەرگە يۆتكەش ئىقتىدارىغا ئىگە بانكىلار، قورال سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تېررورچىلار ۋە تور بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولۇۋاتقان كومپيۇتېر خاككېرلىرى بار. شاھمات تاختىسى ئەسلىدە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى دېگەندەك يېڭى ۋە دۆلەت ھالقىغان مەسىلىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەڭ تۆۋەن نۇقتىدا كۈچ تارقىلىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يەردە بىر قۇتۇپلۇق، كۆپ قۇتۇپلۇق ۋە زومىگەرلىكتىن ئېغىز ئېچىش بىمەنىلىكتۇر.
بىز ياشاۋاتقان بۇ ئەسىردە كۈچنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇشى ئىككى پەرقلىق شەكىلدە ئىشقا ئاشماقتا. بىرى، كۈچنىڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئورۇن ئالماشتۇرۇشى، يەنە بىرى كۈچنىڭ دۆلەتلەرنىڭ قولىدىن چىقىپ دۆلەتسىز ئاكتىيورلار ئارىسىغا تارقىلىشىدۇر.
خەلقئارا سىياسەت ساھەسىدە «ئاسىيانىڭ قايتىپ كېلىشى» گە شاھىت بولماقتىمىز. 1750 – يىلىدا دۇنيا نوپۇسىنىڭ ۋە ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئاسىيا ئىدى. سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن 1900 – يىللارغا كەلگەندە، بۇ نىسبەت بەشتە بىرگە چۈشۈپ قالدى. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، 2050 – يىللارغا بارغاندا ئاسىيا تارىختىكى رولىنى قايتىدىن قولىغا ئالىدىغاندەك ۋە شەكىللىنىش ئەسناسىدا بەزى مۇقىمسىزلىقلار يۈز بېرىدىغاندەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن بىر ئەسىر بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىرىتانىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يۈكسىلىشىنى سۈكۈنات ئىچىدە كۆزەتكەن، بىرەر توقۇنۇش يۈز بەرمىگەنىدى. بىراق، گېرمانىيەنىڭ كۈچىيىشىنى تاماشا قىلىپ تۇرغان دۇنيا، ئارقا – ئارقىدىن ئىككى قېتىم قورقۇنچلۇق ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈردى.
ئۇچۇر دەۋرى دۆلەت ھالقىغان مۇناسىۋەتلەردە – شاھمات تاختىسىنىڭ ئەڭ تۆۋىنىدىكى ئۈچىنچى نۇقتا – ئېھتىياج چۈشكەن ئۇچۇر – ئالاقىنىڭ ماتېرىيالىنى ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە ئەرزانلاشتۇرەۋەتتى. تېز سۈرئەتتىكى دۇنياۋى ئالاقە 40 يىل ئىلگىرىمۇ بار ئىدى، بىراق بەكلا قىممەتكە توختايتتى ۋە پەقەت دۆلەتلەرلا پايدىلىنالايتتى. دەۋرىمىزدە ئىنتېرنېتخانىلارغا بارالايدىغان ھەممىلا ئادەم دۇنيا بىلەن ئالاقىلەشمەكتە. دۇنيا سىياسىتىگە كىرىشنىڭ ئالدىدىكى توسۇقلار زەئىپلىدى، ھازىر سەھنىدە دۆلەتسىز ئاكتىيورلارمۇ بار. تور دۇنياسى جىنايەتچىلىرى دۆلەتلەر ۋە شىركەتلەرنىڭ ئېغىر زىيانلارنى تارتىشىغا سەۋەب بولماقتا. قۇشلار ياكى ساياھەت يولى ئارقىلىق تارقىلىدىغان باكتېرىيەلەر دۇنيا ئۇرۇشلىرىدا ئۆلگەنلەردىنمۇ كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بىز ياشاۋاتقان بۇ دەۋر، ئازغىنە تەجبىرىمىز بولغان يېڭى بىر دۇنيا تۈزۈمى ۋە ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭمۇ كونتروللۇقىنىڭ سىرتىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە تولغان، كۈچنىڭ قانۇنلۇق ئاكتىيورلار (دۆلەتلەر) نىڭ قولىدىن دۆلەتسىز كۈلرەڭ – تۇتۇق ساھەلەرگە ئېغىۋاتقان بىر دەۋردۇر. ئىشلار ھەربىي جەھەتتە شۇنچىلىك كۈچلۈك بولۇشىغا قارىماي، ئامېرىكىمۇ كونترول قىلالمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى. مەسىلەن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، گويا يەرشارى خاراكتېرلىك كىلىمات ئۆزگىرىشى پەيدا قىلغان مەسىلىلەرگە قارشى ئۆز ئالدىغىلا كۈرەش قىلالمىغىنىدەك، ئۆز پۇقرالىرىنىڭ باياشاتلىقى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مالىيە ساھەسى مۇقىملىقىنىمۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقى بولماي تۇرۇپ ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ.
چېگرالار بارغانسېرى ئۆتكۈزگۈچلىشىۋاتقان، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە قورال سودىسىغا ئوخشاش ساھەلەردە بولسۇن، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مەسىلىسىدە بولسۇن، دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشىگە، ئورتاق تەھدىت ۋە قىيىنچىلىقلارغا چارە تېپىش ئۈچۈن مەخسۇس ئورگانلارنىڭ قۇرۇلۇشىغا كۈنسېرى كۈچلۈك ئېھتىياجلار ھېس قىلىنماقتا. كۆپلىگەن چېگرا ھالقىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قارشى تەرەپتىكىلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ئوخشاشلا مەسىلىنى قارشى تەرەپنىڭ ھەل قىلىشىغا تاپشۇرۇشمۇ ئۆز نىشانلىرىمىزغا يېتىشىمىزگە ياردەمچى بولىدۇ. بۇ مەنىدە، دۆلەت ھالقىغان مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە، «باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۈستۈن ئورۇنغا ئىگە بولۇش» نىڭ ئورنىغا «باشقىلار بىرلىكتە ئومۇمىي ئۈستۈنلۈك» چۈشەنچىسى بويىچە ھەرىكەت قىلىش كۆزلەنگەن ئورتاق نىشانلارغا يېتىشتە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بىر مۇھىتنى ياخشى چۈشىنىپ، مايىللىقلىرىدىن پايدىلىنىش قابىلىيىتى، دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدىغان «مۇھىت زېھنى (Contextual İntelligence)» لىدېرلارنىڭ قوللىرىدىكى كۈچنى ئۇتۇقلۇق ھالدا ئىستراتېگىيەلەرگە ئايلاندۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان دەرىجىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. 21 – ئەسىردە ئامېرىكىنىڭ كۈچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلىنىڭ، ئادەتتىكىچە «چېكىنىشكە يۈزلىنىش» مەسىلىسى بولماستىن، ئەڭ چوڭ دۆلەتنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورناتماي تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا نىشانلىرىغا يېتەلمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن «مۇھىت زېھنى» غا ئېھتىياجىمىز چۈشىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، كۈچنىڭ قانداق مەنىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى، قانداق ئۆزگەرگەنلىكىنى ياخشى چۈشىنىش ۋە بۇنىڭ بىلەن قانداق ئەقلىي كۈچ ئىستراتېگىيەلىرىنى شەكىللەندۈرەلەيدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. شۇڭا چوڭ كۈچلەرنىڭ يۈكسىلىشى ۋە يىمىرىلىشى بىلەن چەكلىنىدىغان كىلاسسىك ھېكايىلەردىنمۇ بەكرەك ئاقىلانە بايانلارغا ئېھتىياجىمىز بار. ئامېرىكىنىڭ 21 – ئەسىردىمۇ ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى يۇقىرى ئېھتىماللىق بولسىمۇ، بۇ، ئۇنىڭ ھەممە نەرسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئامېرىكىنىڭ خالىغان نەرسىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشى پائال ئەقلىي كۈچ ئېيتىمىنى يارىتىشىغا باغلىق. ئامېرىكىلىقلار كىمنىڭ بىرىنچى ئىكەنلىكىگە مەركەزلىشىپ قېلىش ۋە ئۆزىنى ماختاپ ئۇچۇرۇشتىن ۋاز كېچىپ، ھەر خىل كۈچ ۋاسىتىلىرىنى قانداق قىلىپ ئەقلىي ئىستراتېگىيەلەرگە ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ئويلىشى؛ پەقەت باشقىلارنىڭ ئۈستىدىكىلا ئەمەس، باشقىلار بىلەن بىرلىكتە كۈچلۈك بولۇشنى نىشان قىلىشى كېرەك. كۈچ ھەققىدە تېخىمۇ روشەن پىكىرلەرگە ئىگە بولۇشقا ياردەمچى بولۇش ۋە بىز ئۈستىدە توختىلىۋاتقان كەڭ دائىرىلىك ئېيتىمغا دىققەتنى جەلپ قىلىش، بۇ كىتابنىڭ نىشانلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
كېلەچەتكە ئامېرىكىنىڭ، خىتاينىڭ ياكى تور دەۋردىكى دۆلەتسىز كۈچلەرنىڭ ئەھۋالىغا قانداق بولىدۇ؟ بۇنىڭغا ھېچكىم بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ. بىراق، بىز بۇ ھەقتە توختىتىلىشتىن ئۆزىمىز تارتالمايۋاتقان ئىكەنمىز، ئۇنداقتا دەتالاشنى كۆپ ئىزاھلاش ۋە ئۇنىڭغا ئىستراتېگىيەلىك قاراش سۇنۇش پايدىلىقتۇر. مانا بۇ «ئەقلىي كۈچ» تۇر.

 

1 – پەسىل

كۈچ تۈرلىرى

 

1 – بۆلۈم

خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نۇقتىسىدىن كۈچ دېگەن نېمە؟

شۇنچىلىك كۆپ ئىستېمال قىلىنىدىغان بىر ئۇقۇم بولۇشىغا قارىماي، «كۈچ» ئالىقاندا تۇرمايدىغان شۇنداق سىلىق بىر ئۇقۇمدۇركى، ئېنىقلىما بېرىش ۋە ئۆلچەملىرىنى قويۇش ھەيران قالارلىق دەرىجىدە قىيىندۇر. كۈچنى جەزملەشتۈرگەن ھالدا ئۆلچەشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بولمىسىمۇ، كۈندىلىك ھاياتنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئالدىمىزغا چىقىدۇ. بېرتراند راسسېل، ئىجتىمائىي پەنلەردە كۈچنىڭ رولىنى فىزىكىدىكى ئېنېرگىيەنىڭ رولىغا ئوخشاتقانىدى. بۇ بىر قايمۇقتۇرغۇچى ئوخشىتىشتۇر. چۈنكى، فىزىكىلىق مەنىدە ئېنېرگىيەنى ناھايىتى كەسكىن شەكىلدە ئۆلچىگىلى بولىدۇ. ھالبۇكى، «كۈچ» پەرقلىق شارائىتلار ئاستىدا شەكىل ئۆزگەرتەلەيدۇ ۋە ئۆتكۈنچى بولۇشتەك بىر خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بىلەن ئالاقىدار بىر نەرسىدۇر. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، پۇل ئىقتىسادقا نىسبەتەن قانچىلىك مۇھىم بولسا، كۈچمۇ سىياسەتتە شۇنچىلىك مۇھىمدۇر. لېكىن، بۇ ئوخشىتىشمۇ توغرا ئەمەس. پۇل كۆچمە مەنبە بولۇپ، ئۇنى ئالماشتۇرۇش مۇمكىن؛ قاچان خالىسىڭىز پۇل بىلەن كۆپلىگەن نەرسىلەرنى سېتىۋالالايسىز. ھالبۇكى، مۇئەييەن شەرت – شارائىت ئاستىدا مۇئەييەن مەسىلىلەرگە چارە تاپالايدىغان بىر كۈچ، شەرت – شارائىت ئۆزگەرگەن چاغدا ھېچقانداق ئىشقا يارىماسلىقى مۇمكىن.

مۇتەخەسسىسلەر، ئۇزۇن يىللار بويىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى ئۆلچەشنىڭ فورمىلالىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشتى. تەۋسىيەلىرى ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر خەۋپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قارارلارنى چىقىرىشىدا مۇھىم رول ئويناپ، مىلياردلارچە دوللارنىڭ سەرپ قىلىنىشىغا ۋاسىتە بولغان بىر ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى – CİA ئەمەلدارىنىڭ سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا قويغان قارىشىچە، كۈچنىڭ فورمۇلاسى مۇنداق ئىدى:

 

بايقالغان كۈچ = (نوپۇس + زېمىن + ئىقتىساد + ئەسكەر) x (ئىستراتېگىيە + ئىرادە)

 

بۇ فورمۇلاغا سانلار قويۇلغىنىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ئىككى ھەسسە كۈچلۈك ئىكەنلىكى نەتىجىسى ئوتتۇرىغا چىققانىدى. ئەلۋەتتە نۆۋەتتە بۇ فورمۇلانىڭ ئۇنچىلىك كۈچلۈك بىر مۆلچەرلەش ۋاسىتىسى ئەمەسلىكىنى بىلىمىز. نەتىجىدە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى تارىخقا ئايلاندى، ئەمما ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھېلىھەم مەۋجۇت.

بىر كۈچ تىزمىسى پەيدا قىلىشى ئۈچۈن يېقىنقى مەزگىللەردە ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقات، ئۆلچەم سۈپىتىدە بىر دۆلەتنىڭ مەنبەلىرى (تېخنولوگىيە، تەشەببۇسكارلىق، ئىنسان، سەرمايە، فىزىكىلىق) نى ۋە مىللىي ئەۋزەللىكلىرى (تاشقى سىياسەت مەسىلىلىرى، ئۈستقۇرۇلما، پىكىرلەر) نى تەڭلىمىگە كىرگۈزۈپ، بۇ ئامىللارنىڭ ھەربىي قابىلىيەتلىرى ۋە خىزمەت ماھارەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقتى. بۇ فورمۇلا بىزگە نىسپىي ھەربىي كۈچ ھەققىدە يىپ ئۇچى بەرسىمۇ، بارلىق نىسپىي كۈچ تۈرلىرىنى ئىزاھلاشقا يەتمەيدۇ. پائال بىر ھەربىي كۈچ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە ھازىرمۇ مۇھىم بىر ئۆلچەم بولسىمۇ، يالغۇز بېشىغا كۇپايە قىلمايدۇ.

ھەربىي كۈچ ۋە ئۇرۇش قابىلىيىتىنىڭ – مەسىلەن – خەلقئارا مالىيە ياكى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئوخشاش مەسىلىلەردە دېگەندەك قىممىتى – ئەھمىيىتى يوقتۇر. بۇ خۇسۇسىيەتلەر دۆلەتسىز كۈچلەرگىمۇ دېگەندەك تەسىر قىلالمايۋاتماقتا. ئەلقائىدەگە ھەربىي نۇقتىدىن قارىغاندا، ئامېرىكىغا نىسبەتەن بىر چۈجە ھېسابلىنىدۇ، ئەمما، تېررورلۇقنىڭ تەسىرى بۇيرۇقى ئاستىدىكى كۈچلەرنىڭ ھەجىمىدىن بەكرەك قىلمىشلىرى پەيدا قىلغان روھىي زەربە ۋە كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىجتىمائىي رېئاكسىيە بىلەن ئۆلچەنمەكتە. بۇ نۇقتىدىن قارالغىنىدا، تېررورلۇق ئاجىز تەرەپ رەقىبىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىدىغان ياپونچە چېلىشىشقا ئوخشايدۇ. ئاجىزلىق بەزىدە مۇھىم بىر سودىلىشىش كۈچىگە مەنبە بولالايدۇ. مەسىلەن، مىڭ دوللار قەرزى بار بىرى ئۇنچىۋالا نەزەرگە ئېلىنىپ كەتمەيدۇ، بىراق 1 مىليارد دوللار قەرزى بار بىر ئادەمنىڭ ۋەيران بولۇشى نۇرغۇن ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، ئاجىز ئورۇندىكى كىشىنىڭ قولىدا ئوبدانلا سودىلىشىش كۈچى شەكىللەندۈرىدۇ. شىمالىي كورېيە لىدېرى كىم جوڭئىل دۆلىتىنىڭ ۋەيرانە بولۇپ كەتكەن ئىقتىسادى بىلەن، كۈچلۈك بىر خىتاينى ۋەھىمىدىن تىترەتمەكتە. خىتاي شۇنى بىلىدۇكى، قوشنىسىغا قىلىدىغان ياردەملەرنى توختىتىپ قويىدىغان بولسا، مىليونلارچە مۇساپىرنى ئىشىكىنىڭ ئالدىدا كۆرىدۇ. ئومۇمىي (بىرلەشمە) كۈچ، شەرت – شارائىتقا ئاساسەن ئۆزگىرىدىغان ئىنسانىي ئالاقىلەرنىڭ مەھسۇلى بولغاچقا، ھەممە قوبۇل قىلىدىغان بىر ئېنىقلىما رامكىسى ئىچىگە قويۇش قىيىن بولماقتا.

 

كۈچنىڭ ئېنىقلىمىسى

 

كۆپلىگەن ئاساسىي پىكىرگە ئوخشاش كۈچمۇ بەس – مۇنازىرە قىلىشقا ئوچۇق بىر ئۇقۇمدۇر. كۈچنىڭ قوبۇل قىلىنغان ئورتاق ئېنىقلىمىسى يوق ۋە تاللانغان ئېنىقلىما شەخسنىڭ مەنپەئەتلىرى ۋە قىممەت – قاراشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بەزىلەر كۈچكە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش ياكى ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرۇش قابىلىيىتى دەپ ئېنىقلىما بېرىدۇ. يەنە بەزىلەرنىڭ قارىشىچە كۈچ، خالىغىنىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىقتىدارىدۇر. بۇ كەڭ دائىرىلىك ئېنىقلىما، كۈچنىڭ پەرقلىق توپلۇقلاردىكى تەتبىقلىنىشىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە تەبىئىي ۋەقەلەرگە تەسىر كۆرسىتىش دېگەن مەنىدىمۇ ئىشلىتىلمەكتە. بەلكى سۆزنىڭ لۇغەتتىكى مەنىلىرىگە قارىغان ھالدا ئىشنى باشلاش ئەڭ توغرا قەدەم بولسا كېرەك؛ كۈچ ئۈنۈم يارىتىش قابىلىيىتىدۇر، ئىجتىمائىي مەنىدە بولسا، خالىغان نەرسىلىرىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مەقسىتىدە باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدارىدۇر. مۇئەييەن بىر ئاكتىيور توغرىسىدا توختىلىدىغان بولساق، ئۇنىڭ «نېمىنى قىلىش» كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمەي تۇرۇپ، «كۈچى بارلىقى» نى ئېيتىپ بېرەلمەيمىز. كۈچ مۇناسىۋىتىدە كىمنىڭ (كۈچنىڭ دائىرىسى) ۋە قايسى خۇسۇسلارنىڭ (كۈچنىڭ تەسىر ساھەسى) تەتقىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، پاپانىڭ نوپۇزى بەزى خىرىستىيانلار ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولسىمۇ، يەنە بەزى خىرىستىيانلار (مەسىلەن پىروتېستانلار) ئۈچۈن كۈچكە ئىگە ئەمەس. ئىخلاسمەن ئەگەشكۈچىلىرىنىمۇ قايىل قىلالمىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت (مەسىلەن، پىلانلىق تۇغۇت). دېمەك، پاپانىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندە، پاپا بىلەن شەخس ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ قايسى نۇقتىدا ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەك. پول پۇت مىليونلارچە كامبودژا پۇقراسىنى ئۆلتۈرگەنىدى. بەزىلەر بۇ مۇشتۇمزورلۇققا ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاچقا، كۈچ دەپ قارىمايدۇ. ھالبۇكى، ئەگەر كۈچ باشقىلارغا مۇئەييەن مۇددىئانى كۆزلەپ تەسىر كۆرسىتىش بولغان بولسا ۋە ئۇ مۇددىئا ئادەتتىكىچە بىر خورلاش (سادىزم) ۋە تېررورلۇق قىلمىشلىرى بولسا، پول پوتنىڭ كۈچى لۇغەتتىكى مەنىلەرگە ناھايىتى ماس كېلىدۇ. كۈچ مۇناسىۋەتلىرىدە زىيان تارتقۇچى تەرەپنىڭ قارىشىمۇ ناھايىتى مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. ئىسيان كۆتۈرگەن بىر ئۆكتىچىنى ئۆلتۈرۈش ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن جازالاش ئارقىلىق كۈچىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان بىر دىكتاتور، بۇ خىل مۇشتۇمزورلۇقى ئارقىلىق شېھىت ۋە قەھرىمان سۈپىتىدە خەلقكە تەسىر كۆرسىتىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ مۇددىئاسىغا خىزمەت قىلغان بولىدۇ. ئۇنىڭ كۈچى مەقسىتىنىڭ ئەكسىچە بىر خىل ھالەتنى پەيدا قىلغان بولىدۇ.

ئىقتىسادىي جەھەتتە كۈچلۈك بىر دۆلەتنىڭ ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭدىن تۆۋەنرەك ئورۇندا تۇرىدىغان بىر دۆلەتتە قەستەن بولمىسىمۇ زىيان (ياكى پايدا) نىڭ كۆرۈلۈشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. يەنى، نىيەت شۇنداق بولمىسىمۇ، زىيان يەتكۈزۈش (ياكى پايدا يارىتىش) كۈچى بار، بىراق بۇ كۆزلەنگەن ئۈنۈمگە ئېرىشىش كۈچى دېگەنلىك بولمايدۇ. كانادالىقلار كۆپىنچە ھاللاردا ئامېرىكا بىلەن يانمۇيان ياشاشنى بىر پىل بىلەن بىرلىكتە ئۇخلاشقا ئوخشىتىدۇ. كانادا تەرىپىدىن قارىغىنىمىزدا، ئامېرىكىنىڭ نىيىتىنىڭ قانداق بولۇشىنىڭ ئەھمىيىتى يوق، چۈنكى، ئۇ غايەت زور پىل قازارا شۇنداقلا يانغا تەرەپكە بۇرۇلسا، ئېزىلگەن تەرەپ كانادا بولىدۇ. لېكىن، سىياسىي نۇقتىئىنەزەردىن قارالغىنىدا، ئىش پىلانلانغان ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش بولسا، نىيەتنىڭ قانداق ئىكەنلىكى مۇھىمدۇر. سىياسەت مەركەزلىك كۈچ ئۇقۇمى، كىمنىڭ نېمىنى ئالىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ قانداق، قەيەردە ۋە قاچان ئالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن سىزىقلىرى ئېنىق بىر مۇناسىۋەتكە تايىنىدۇ.

كىشىلەر ھالەت ۋە قوزغاتقۇچى كۈچ بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئادەتتە مۇرەككەپ ۋە مۆلچەرلەش قىيىن مەسىلىلەر دەپ قارايدۇ. ھەرىكەت يەنى ھالەتنى ياقلايدىغان ئېنىقلىمىلار، كۈچنى ھەرىكەتتىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان نەتىجىلەرگە ئاساسەن مۇھاكىمە قىلىدۇ. بىراق، سىياسەت ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى يېتەكچى بولىدىغان كېلەچەككە دائىر مۆلچەرلەرگە ئىگە بولۇشنى خالايدۇ. مانا بۇ سەۋەبتىندۇركى، كۈچكە پەقەت ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا يارايدىغان ئىمكانىيەتلەر جۇغلانمىسى دەپ قارايدۇ. كۈچكە ئىمكانىيەت / مەنبەنى مەركەز قىلغان ھالدا ئېنىقلىما بېرىدىغان بولساق، بىر دۆلەت كۆرۈنۈشتە كۆپ نوپۇسقا، كەڭ زېمىنغا، تەبىئىي بايلىقلارغا، ئىقتىسادىي كۈچكە، ھەربىي قۇدرەتكە ۋە ئىجتىمائىي مەنىدە مۇقىملىققا ئىگە بولسا كۈچلۈك ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق بىر ئېنىقلىمىنىڭ ئالاھىدىلىكى كۈچنىڭ كونكرېت ، ئۆلچەشكە ۋە مۆلچەرلەشكە بولىدىغان كۆرۈنۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىدۇر. ئەپسۇسكى، كۈچ ئۇقۇمىنى كۈتۈلگەن ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە يارايدىغان مەنبەلەر جۇغلانمىسى دەپ قارىغۇچىلار، كۆپىنچە ھاللاردا قولى كۈچلۈكنىڭ ئويۇندا ھەردائىم غەلىبە قىلىپ كېتەلمەيدىغانلىقىغا گۇۋاھ بولىدۇ. ئامېرىكا، مەنبە جەھەتتىن ۋىيېتنامدىن خېلىلا كۈچلۈك ئىدى، بىراق ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولدى.

خاتا چۈشىنىلىپ قالمىسۇن، مەن كۈچ مەنبەلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى تۆۋەن قارىمايمەن. مەيلى كونكرېت مەيلى ئابستراكت بولسۇن، كۈچ مەنبەلەر / ئىمكانىيەتلەر سايىسىدا تەتبىقلىنىدۇ. مەنبەلەرنى كۆزلەنگەن نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ۋاسىتە قىلىپ ئىشلىتىش، ياخشى تۈزۈلگەن ئىستراتېگىيەلەر ۋە يۇقىرى رەھبەرلىك قابىلىيىتىنى تەقەززا قىلىدۇ. مەن بۇنى «ئەقلىي كۈچ» دەپ قارايمەن. ئەپسۇسكى، ئىستراتېگىيەلەر كۆپىنچە ھاللاردا يېتەرلىك بولمايدۇ، لىدېرلارمۇ پات – پات خاتا يەكۈنلەرنى چىقىرىدۇ.

قولدىكى كارتىلارنىڭ قىممىتى مۇھىم ئەلۋەتتە، بىراق قايسى كارتىنىڭ قانداق يەردە ئوينىلىدىغانلىقىنى بىلىشمۇ شۇنچىلىك مۇھىم. گوياكى يادرو دەۋرىدىن ئىلگىرى ئۇرانمۇ مۇھىم بىر كارتا بولمىغاندەك، سانائەت ئىنقىلابىدىن ئىلگىرى نېفىتمۇ مۇھىم بىر كارتا ئەمەس ئىدى. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە مەركەزلەشكەن ئەنئەنىۋى قاراشلارغا ئاساسلانغاندا، ھەل قىلغۇچ چارە ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ھاسىل قىلىناتتى. تەرەققىي قىلغان ۋە ئۆزگىرىۋاتقان تېخنولوگىيە تۈپەيلى ئۇرۇش 21- ئەسىردە ھەل قىلغۇچ قارارنى چىقارغۇچى نۇقتا بولۇش ئەۋزەللىكىنى يوقىتىپ قويدى.

بۇنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر، خاتاغا يېتەكلەيدىغانلىقى ۋە كېلەڭسىزلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «مىللىي كۈچ ئامىللىرى» پوزىتسىيەسىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، يېقىنقى 50 يىلدىن بۇيان جەمئىيەتشۇناسلار تايىنىپ كېلىۋاتقان ھالەت ۋە مۇناسىۋەت پوزىتسىيەسىنى قوبۇل قىلدى. بولۇشىغا قويۇپ بېرىلسە، گۇمانلانغۇچىلار ھەقلىق چىقىدۇ. كۈچ مەنبەلىرى ئاساسەن كۈچ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاستىدىكى كونكرېت ياكى ئابستراكت ئىمكانىيەتلەر گەۋدىسىدۇر. مۇئەييەن بىر كۈچ مەنبەسىنىڭ كۈتۈلگەن ئۈنۈمنى ھاسىل قىلىپ – قىلالمايدىغانلىقى، پايدىلىنىش شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بىر ئاپتوموبىلنىڭ ئات كۈچىنى ۋە سۈرئىتىنى بىلىش بىلەن ئۇ ئاپتوموبىلنىڭ بىزنى بارماقچى بولغان يېرىمىزگە ئاپىرىپ قويىدىغانلىقى يەكۈنىنى چىقىرالمايمىز. بۇ يەردىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل شوپۇرنىڭ ئاپتوموبىلنىڭ كۈچىدىن قانداق پايدىلىنىدىغانلىقىغا باغلىق. بۇ ئوخشىتىشنى خەلقئارا سەھنىگە تەتبىقلىغان ھالدا مۇنداق بىر مىسال بېرەيلى: خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ يۈكسىلىۋاتقان كۈچى توغرىسىدا توختالغاندا، ئومۇمەن بۇ دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپلۈكى، گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادى ۋە ھەربىي مەنبەلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ مەنبەلەرنىڭ ئېرىشمەكچى بولغان نەتىجىگە ئايلىنىپ – ئايلانمايدىغانلىقى، بۇلارنى ئىشلىتىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆز قابىلىيەتلىرىگە باغلىقتۇر.

بىز قوغلىشىۋاتقان نەرسە مەنبە ئەمەس، ئۇ مەنبەلەر ئارقىلىق ھاسىل قىلىنىدىغان ئۈنۈملەرنىڭ ئارزۇيىمىزغا جاۋاب بولۇپ – بولالمايدىغانلىقى بولغاچقا، مەزمۇنغا ۋە ئىستراتېگىيەلەرگە تېخىمۇ ئېغىرلىق بېرىشىمىز لازىم. تېگىشلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلمىگەن ناھايىتى مۇھىم بىر پارامېتىر ، كۈچنى كۈتۈلگەن ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە يارايدىغان بىر پىشاڭغا ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىدۇر. پەرقلىق شەرت – شارائىتقا ماسلىشىپ، قاتتىق ۋە يۇمشاق كۈچ مەنبەلىرىنى ئۇتۇقلۇق رەۋىشتە بىرلەشتۈرگەن ئىستراتېگىيەلەر ئەقلىي كۈچنىڭ ئاچقۇچىدۇر.

 

مۇناسىۋەتكە تايىنىدىغان كۈچنىڭ ئۈچ ئايرىم تەرىپى

 

كونكرېت مەنبەلەرگە تايانغان كۈچ بىلەن، مۇناسىۋەتكە تايىنىدىغان كۈچ ئېنىقلىمىلىرى ئارىسىدىكى پەرقكە قوشۇمچە قىلىپ، مۇناسىۋەتكە تايىنىدىغان كۈچنىڭ ئۆز ئىچىدىكى ئۈچ ئايرىم تەرىپى ئارىسىدىكى پەرقنىمۇ كۆرۈپ يېتىش پايدىلىقتۇر:

(1) ئۆزگىرىشكە ھۆكۈم قىلىش

(2) كۈنتەرتىپنى كونترول قىلىش

(3) ئارزۇ-ئىستەكلەرنى شەكىللەندۈرۈش

باشقىلارنى دەسلەپكى ئىستەكلىرىنىڭ ئەكسىچە بىر خىل ھەرىكەت شەكلىگە يېتەكلىيەلەيدىغان بولۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئىستەكلىرىنىڭ تىزگىنىنى قولغا ئېلىش ئىقتىدارى، مۇناسىۋەتكە تايىنىدىغان كۈچ ئۇقۇمىنىڭ مۇھىم بىر شەكلى بولسىمۇ، يالغۇز ھالەتتە بۇ ئىشنى روياپقا چىقىرالمايدۇ. يەنە بىر تەرەپ، باشقىلارنىڭ ئىستەكلىرىگە تەسىر كۆرسىتىش قابىلىيىتىدۇر. بۇ تەسىر تۈرتكىسىدە باشقىلارمۇ سىزنىڭ ئىستەكلىرىڭىزنى قوبۇل قىلىدىغان  ھالەتكە كېلىدۇ-دە، سىز ئۇلارنى ئۆزگىرىشكە زورلاشقا مەجبۇر بولۇپ قالمايسىز. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتلىرىدىن (گېنېرال) د.ئېزېنخاۋېر بۇ ئەھۋالغا مۇنداق ئېنىقلىما بېرىپ: «كىشىلەرگە بىر ئىشنى قىلدۇرۇش چوقۇم بۇيرۇق بېرىش يولى بىلەنلا بولماسلىقى مۇمكىن، ھالەتتە سىزنىڭ ئىستەكلىرىڭىزنى ئۇلارمۇ خالايدىغان ھالغا كېلىشلىرى مۇمكىن» دەيدۇ. بۇ ھەمكارلىقنىڭ كۈچىدۇر. ھۆكۈمدارلىق قىلىش كۈچىنىڭ تەتۇرىچە بىر خىل ئۇسۇل بولسىمۇ، ئۇنى تولۇقلايدۇ. كۈچنى تار مەنىدە يۈرگۈزۈش ۋە ھەمكارلىقنى ئاساس قىلىدىغان بۇ تەرىپىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش دۆلەتلەرنىڭ تاشقى سىياسەتلىرىنىڭ ناچار ھالەتتە شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

كۈچىنىڭ بىرىنچى تەرىپى، باشقىلارنى دەسلەپكى ئىستەكلىرىنىڭ ئەكسىچە بىر خىل ھەرىكەت شەكلىگە يېتەكلەشكە مەركەزلىشىدۇ. مۇئەييەن دەرىجىدە بولسىمۇ قارشىسىدىكىنىڭ تاللاش پۇرسىتى بولسا، بۇ قېتىم بېسىم ئامىلى ئالدىنقى پىلانغا چىقىدۇ. بىرى «يا پۇلۇڭغا تۇر يا جېنىڭغا» دەپ بېشىڭىزغا قورال تەڭلىسە، تاللاش پۇرسىتىڭىز باردۇر، بىراق ئۇ پۇرسەت ئاز بولۇپ، باشلانغۇچتىكى ئىستەكلىرىڭىزگە ماس ئەمەستۇر (ئەلۋەتتە نىيىتىڭىز ئۆلۈۋېلىش ياكى شېھىتلىك بولمىسىلا).

ئىقتىسادىي تەدبىرلەر تېخىمۇ مۇرەككەپ بولىدۇ. سەلبىي جازالار (ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرنىڭ قايتۇرۇۋېلىنىشى) شەرتسىز ھالدا بېسىم ئامىلى ھېسابلىنىدۇ. باشتا قىلىشنى خالىمىغان بىر ئىشنى ماددىي مەنپەئەت بەدىلىگە قىلىش ئىشنىڭ بېشىدا جەزبىدار تۇيۇلۇشى مۇمكىن، بىراق بۇ مەنپەئەتلەرگە خاتىمە بېرىلىدىغانلىقى تەھدىتى سەلبىي جازادۇر. خوجىدارنىڭ كەمبەغەل دېھقانغا «يا شۇنى قوبۇل قىلىسەن ياكى پەقەتلا يوق» دەپ سۇنغان سەدىقە مىسالى پۇل، دېھقانغا ئاز بولسىمۇ بىر تاللاش پۇرسىتى بېرىشتۇر. ئەمما، مۇھىم بولغىنى، بىرىنىڭ يەنە بىرىنى باشتىكى ئۈمىدلىرىنىڭ ئەكسىچە بىر ئىشقا قىستىشى ۋە ھەر ئىككىسىنىڭ بۇ كۈچنى ھېس قىلغان بولۇشىدۇر.

كۈچنىڭ ئىككىنچى تەرىپى، كۈنتەرتىپنىڭ دائىرىسىنى بېكىتىش ۋە بۇ دائىرە ئىچىدە تۇرۇش شەرتى بىلەن كۈنتەرتىپنى يېزىش قابىلىيىتىدۇر. بۇ پوزىتسىيە بويىچە بولغاندا، باشقىلارنىڭ نېمىنىڭ يوللۇق ياكى قىلىشقا بولىدىغانلىقىغا دائىر ئىستەكلىرىگە تەسىر كۆرسەتسىڭىز، ئۇلارنىڭ دەسلەپكى تاللاشلىرىنى ئىناۋەتسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشىڭىز ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى دۈشكەللەشكە مەجبۇر بولۇپ قالماستىن ئىستەكلىرىڭىزنى قوبۇل قىلدۇرۇشىڭىز مۇمكىن. كۈنتەرتىپنىڭ دائىرىسىنى بېكىتىش، خالانمىغان مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىش مەنتىقىسىگە تايىنىدۇ (شېرلوك خولمېس بۇنى «قاۋىمايدىغان ئىتلار نەزەرىيەسى» دەپ ئاتىغان بولار ئىدى).

كۈچلۈك ئاكتىيورلار بىر قەدەر ئاجىزلارنىڭ قەتئىي رەۋىشتە مۇزاكىرە ئۈستىلىگە چاقىرىلماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالىشى مۇمكىن. ئاجىز ئاكتىيور ئۈستەل ئەتراپىدا ئولتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ بارلىق قائىدىلەر ئەڭ دەسلەپ ئولتۇرغۇچى تەرىپىدىن ئاللىقاچان بەلگىلىنىپ بولغان بولىدۇ. خەلقئارا پۇل سىياسەتلىرىنىڭ ھېچبولمىغاندىمۇ 2008 – يىلىدىكى كىرىزىسقىچە مۇشۇ يۆنىلىشتە ئىكەنلىكىنى ئېيتىش مۇمكىن. شۇ چاغقىچە 8 دۆلەت گۇرۇھى ھالىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىشلار 20 دۆلەت گۇرۇھىغا كېڭەيتىلدى. كۈچنىڭ بۇ ئىككىنچى تەرىپىنىڭ تەسىرى ئاستىدىكىلەر، ھەرقانداق بىر كۈچ بىلەن روبىرو ھالەتتە ئىكەنلىكلىرىنىمۇ بىلمىسە كېرەك. ئۇ كۈچ، كۈنتەرتىپىدىكى پىلانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشكە باشلىغان چاغدا، كۈچنىڭ بىرىنچى تەرىپى ئوتتۇرىغا چىققان بولىدۇ. نىشان قىلىنغان تەرەپنىڭ كۈنتەرتىپنىڭ يوللۇقلۇقىغا ئىشىنىشى كۈچنىڭ بۇ تەرىپىنى «ھەمكارلىق كۈچى» شەكلىگە ئايلاندۇرىدىغان بولۇپ، ئازراق بولسىمۇ يۇمشاق كۈچنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ يەنى، كۈنتەرتىپنىڭ رامكىسىنى بېكىتىپ، قايىل قىلىپ ۋە ئىجابىي جەلپكارلىق يارىتىپ، ھەمكارلىق كۆرۈنۈشى ئاستىدا خالىغىنى قولغا كەلتۈرۈش.

كۈچنىڭ ئۈچىنچى تەرىپى، تەرەپلەرنىڭ بىرىنىڭ يەنە بىرىنىڭ ئاساسىي ئېتىقاد، تونۇش ۋە تاللاشلىرىنى يارىتىش ياكى شەكىللەندۈرۈش ئاساسىغا تايىنىدۇ. ئۆزگىرىشكە دۇچار قىلىنغان تەرەپ كۆپىنچە ھاللاردا بۇنداق بىر مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمىغاندىن سىرت، ئۆزگەرتىۋاتقۇچىنىڭمۇ بۇنداق كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. مىسال كەلتۈرىدىغان بولساق، ياش يىگىت ، قوشنىسىنىڭ گۈزەل قىزىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن، مودىغا ماس يېڭى بىر مايكا سېتىۋالىدۇ. بىراق ئۇ، ئۆزى سېتىۋالغان مايكىنىڭ نېمىشقا مودىغا ئايلانغانلىقىنى، بۇنى مودا قىلىش ئۈچۈن قانداق بازارغا سېلىش دولقۇنلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، سېتىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن مۇرەككەپ پىلانلارنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ تاللاشلىرى كۆرۈنمەس بىر قاتار ئاكتىيورلار تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەندۇر. باشقىلارنى سىزنىڭ تاللاشلىرىڭىزنى قوبۇل قىلىپ ئارزۇلىغۇدەك نۇقتىغا كەلتۈرەلىگەن بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ دەسلەپكى ئىستەكلىرىنى ئاياغ ئاستى قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالمايسىز. مانا بۇ كۈچنىڭ ئۈچىنچى تەرىپى.

كۈچنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى تەرىپىنى كىچىكسىنىپ، بۇلارنى كۈچنىڭ بىرىنچى شەكلى ئىچىدىكى بىر تەپسىلات سەۋىيەسىگە چۈشۈرۈپ قويغۇچىلار، بىز ياشاۋاتقان بۇ ئەسىردە بارغانچە ئەھمىيىتى ئېشىۋاتقان بۇ ئامىللارنىڭ كۆزلەنگەن نىشانلارغا يېتىشتىكى پايدىلىرىدىن مەنپەئەتلىنەلمەيدۇ.

 

رېئالىستىك پوزىتسىيە ۋە كۈچكە ئالاقىدار بارلىق مۇئامىلە شەكىللىرى

 

ئامېرىكا سىياسىي كۈلتۈرىدە كۈچ دېيىلگەن ھامان بىرىنچى بولۇپ ئەقىلگە كېلىدىغان نەرسە، كۈچنىڭ بىرىنچى تەرىپىنى چىقىش قىلىدىغان ھەرىكەت شەكلىدۇر. ھېچبىر ئامېرىكىلىق سىياسەتچى «يۇمشاق» كۆرۈنۈش نامايان قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە «رېئالىستلىق» دېگەن نام ئاستىدىكى يىلتىزى ماكياۋېلغا تۇتىشىدىغان كىلاسسىك پوزىتسىيە شەكلى ھۆكۈمران بولۇپ، ئۇنىڭدا، خەلقئارا سىياسەتتە ئىشلار مۇرەككەپلىشىپ، مىللىي بىخەتەرلىك خەۋپكە ئۇچرىغان چاغدىكى بىردىنبىر چىقىش يولى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشتۇر. ھالبۇكى بۇ يول، كۈچ ئۇقۇمىنى بىرلا شەكىلگە قىسقارتىشتۇر. پىراگرماتىك (ئەمەلىي) ۋە سوغۇققان رېئالىستلار، كۈچ ئۇقۇمىنىڭ پىكىر سىڭدۈرۈش، قايىل قىلىش، جەلپ قىلىش دېگەندەك پۈتكۈل شەكىللىرىنى نەزەردە تۇتىدۇ. كىلاسسىك رېئالىستلارنىڭ خېلى كۆپ ساندىكىلىرى «يۇمشاق كۈچ» ئۇقۇمىنىڭ فۇنكسىيەسىنى دەۋرىمىز رېئالىستلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدىن ياخشى چۈشىنىپ يەتكەنىدى.

زامانىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنىدەك، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى ئاكتىيورلار قانۇنلۇق دۆلەتلەردىنلا ئىبارەت ئەمەس. خەۋپسىزلىك، ئېرىشىش كۆزلەنگەن بىردىنبىر نەتىجە بولمىغاندەك، كۈتۈلگەن ئۈنۈمنىڭ ھاسىل قىلىنىشىدىكى ئەڭ مۇۋاپىق كۈچمۇ زورلۇق – زومبۇلۇق قىلىش بولماسلىقى مۇمكىن. مۇرەككەپ ۋە چوڭقۇر دۆلەتلەر ھالقىغان مۇناسىۋەتلەر، بەزىدە قالايمىقانچىلىقلار ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان زامانىمىز شارائىتىدا، رېئالىست پوزىتسىيەدە بولۇش ۋەقەلەرنىڭ بارلىق تەرەپلىرىنى كۆرۈشكە كۇپايە قىلماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا، ئەقلىي ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ شەكىللەندۈرۈلۈشى مۇساپىسىدە كۈچنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى تەرەپلىرى بارغانچە تېخىمۇ كەڭ تەتبىقلىنىش ساھەسىگە ئېرىشىدۇ.

بىز ياشاۋاتقان ئۇچۇر – ئالاقە دەۋرىدە، ئوتتۇرىغا چىققان نەتىجىلەرنىڭ كۆزلەنگەن ھالەتتە شەكىللىنىشىنى، پەقەت ئاكتىيورلارنىڭ ئارمىيەلىرىلا بەلگىلىمەيدۇ. گەپ – سۆزلەرمۇ قايىل قىلارلىق بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ كۆڭۈللىرىگە ياقىدىغان بىرەر ئېيتىمنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئاشقۇن تەشكىلاتلارغا قېتىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدىغانلىقى دەلىللەنگەن بىر مەسىلە. يۇمشاق كۈچنىڭ ئەھمىيىتى بۇ يەردە گەۋدىلىنىدۇ.

دۆلەتلەر توپلۇقلارنىڭ مايىللىقلىرىغا تەسىر كۆرسىتىش ۋە شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىدۇ. مەسىلەن، 1991 – يىلىدىكى پارس قولتۇقى ئۇرۇشى مەزگىلىدە مەسىلىلەرنىڭ رامكىسىنى ب ب س ۋە س ن ن قانىلى سىزدى. 2003 – يىلىغا كەلگەندە، ئىراق ئۇرۇشى ئەسناسىدىكى ھېكايىلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرگۈچىسى ئەلجەزىرە بولدى. بۇ تەشۋىقات كۈرىشى ئەسناسىدا ئىراق ۋەقەلىرى «ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىراققا كىردى» دېگەن شەكىلدىمۇ بايان قىلىندى، «ئىراق ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى» دەپمۇ خەۋەر قىلىندى. ئەسلىدە بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى توغرا سۆزلەر بولۇپ، ئىجتىمائىي مايىللىقلارنىڭ شەكىللەندۈرۈلۈشىدە ناھايىتى پەرقلىق روللارنى ئوينىدى. دۇنيا كۈنتەرتىپىنىڭ بىر قانچە تەكلىپ قىلىنغۇچى بىلەن بىرلىكتە 8 دۆلەت گۇرۇھى تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلۈشى بىر مەسىلە، ھەممىسى بىر – بىرى بىلەن ئوخشاش سالاھىيەتكە ئىگە 20 دۆلەت گۇرۇھى تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلۈشى پۈتۈنلەي باشقا بىر مەسىلە. بۇ مىساللارنىڭ ھەممىسى، ئۇچۇر دەۋرى دۇنياسىدىكى سىياسەتلەرنىڭ ئىچىدە كۈچ ئۇقۇمىنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى تەرەپلىرىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

 

يۇمشاق كۈچنى ئىشقا سېلىشنىڭ ھەرىكەت شەكىللىرى ۋە يۇمشاق كۈچ مەنبەلىرى

 

بەزى ئانالىزچىلار، يۇمشاق كۈچ ئۇقۇمىنىڭ دائىرىسىنىڭ بەكلا كېڭىيىپ كەتكەنلىكىنى، بۈگۈننىڭ دۇنياسىدا سەۋزە – كالتەك فورمۇلاسى ۋە ھەربىي كۈچنى ئۆز ئىچىگە كۈچنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ھالەتكە كەلگەنلىكىنى، شۇڭا مەنىسىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. بۇلار خاتالاشماقتا، چۈنكى ئۇلار، كۆزلەنگەن ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن قىلىنغان ھەرىكەتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ مېتودلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويماقتا. مېتودلارنىڭ كۆپىنچىسى يۇمشاق كۈچنى يولغا قويۇش سىياسەتلىرىگە ھەسسە قوشىدۇ، بىراق بۇ، بارلىق مېتودلار يۇمشاق كۈچ دېگەنلىك ئەمەس. قاتتىق كۈچ «ئىتتىرىش»، يۇمشاق كۈچ بولسا، «تارتىش» تۇر. يۇمشاق كۈچ، كۈنتەرتىپنى بېكىتىش مۇساپىسىدە باشقىلارنىڭ ھەمكارلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ مايىللىقلىرىغا تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدارىدۇر. قايىل قىلىش، ئىجابىي مەنىدە جەلپكار ئېنېرگىيە يارىتىپ، كۆزلەنگەن ئۈنۈمگە ئېرىشىشتۇر.

پۇل ۋە كۈچ ئىشلىتىشتەك كونكرېت ئۇسۇللار قاتتىق كۈچ بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، پىكىرلەر، قىممەت – قاراشلار، سىياسەتلەرنىڭ قانۇنىيلىق تونۇشى قاتارلىق ئابستراكت ئۇقۇملار بولسا، يۇمشاق كۈچ ئامىللىرىدۇر؛ بۇلار ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا ھەسسە قوشىدۇ.

ھۆكۈم قىلىش ئامىلىنىڭ كېيىنكى مەزگىللەردە يۇمشاق شەكىللىنىشىنى پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغىنىدەك (مەسىلەن، كونتروللۇقنى قولغا ئېلىش سايىسىدا قۇرۇشقا بولىدىغان تىنچلىقپەرۋەر ئورگانلار) ھەمكارلىقنى تايانچ قىلىدىغان يۇمشاق كۈچ سىياسەتلىرىمۇ كېيىنكى چاغلاردا قاتتىق كۈچ مەنبەلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە ھەسسە قوشۇپ قېلىشى مۇمكىن (مەسىلەن، ھەربىي ئىتتىپاقداشلىقلارنىڭ تۈزۈلۈشى). دېڭىز ئارمىيەسى كۈچىگە ئوخشاش بىر قاتتىق كۈچ ئامىلى مەقسەتكە، مەسىلىنىڭ تۈرىگە ۋە ئىنسان تونۇشلىرىغا قاراپ، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشىمۇ كۆڭۈل ئۇتۇشىمۇ مۇمكىن (مەسىلەن، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى 2004 – يىلىدىكى دېڭىز تاشقىنىدىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ئارقىلىق ھىندونېزىيەنىڭ كۆڭلىنى ئۇتقىنىغا ئوخشاش).

نىئال فېرگۇسونغا ئوخشاش بەزى تارىخچىلار، يۇمشاق كۈچنى كۈلتۈر بىلەن پاراللېل ئورۇنغا قويۇپ، ئۇنىڭغا «مەدەنىي ۋە سودا ماتاسىغا ئوخشاش ئەنئەنىۋى بولمىغان كۈچلەر» دەپ ئېنىقلىما بەرگەن ۋە «يۇمشاق شۇ!» دەپ كىچىكسىنگەنىدى. كوكا كولا ئىچىپ، نايك ماركىلىق كىيىملەرنى كىيىش مىلىتارىستلارنى ۋەقە پەيدا قىلىشتىن توسۇپ قالالمايدۇ ئەلۋەتتە، لېكىن، ئەڭ كۈچلۈك تانكىچى قىسىملارمۇ پاتقاقلىقتا ھېچ ئىشقا يارىمايدۇ. پەرقلىق كۈچ تۈرلىرىنىڭ، رەقىبنىڭ ھەرىكەت شەكىللىرىنىڭ كۈتۈلگەن شەكىلگە كىرىپ – كىرمەسلىكىدىكى رولى، ئۇ كۈچنى ئىشقا سالغۇچىنىڭ قابىلىيىتىگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ. چېھرىمدە پەيدا قىلغان گۈزەل ۋە سەمىمىي بىر كۈلۈمسىرىشىم ئارقىلىق ماڭا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئىستىكىڭىزنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزەلىشىم مۇمكىن، بىراق چېھرىمدىكى شۇ ھالەت بىلەن ئانىڭىزنىڭ جىنازا نامىزىدا ئالدىڭىزغا چىقسام، ماڭا بۇرۇنقى تۇيغۇ بىلەن قارىمىسىڭىز كېرەك.

 

يۇمشاق كۈچ ۋە ئەقلىي كۈچ

 

ئەقلىي كۈچ، يۇمشاق ۋە قاتتىق كۈچ مېتودلىرىنىڭ ئاكتىپ ئىستراتېگىيەلەرنى تۈزۈش مەقسىتىدە يۇغۇرۇلۇشى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئەقلىي كۈچ، پەقەت ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىشلىتىشىگە خاس بىر كۈچ ئەمەس، بۇ كۈچتىن كىچىك دۆلەتلەر، ھەتتا دۆلەت سىرتىدىكى ئاكتىيورلارمۇ پايدىلانسا بولىدۇ. مەسىلەن، بەش مىليون نوپۇسقا ئىگە كىچىك نورۋېگىيە تەرەققىيات ياردەملىرى ۋە تىنچلىقپەرۋەر سىياسەتلىرى دېگەندەك يۇمشاق كۈچ سىياسەتلىرى سايىسىدا ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە ناتونىڭمۇ مۇھىم ھەربىي شېرىكلىرىنىڭ بىرىدۇر. بىر تەرەپتە ناھايىتى كۆپ نوپۇسى بىلەن خىتاي تۇرماقتا. ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچىنى ئىزچىل ھالدا ئاشۇرۇۋاتقان خىتاي، بىر تەرەپتىن يۇمشاق كۈچ سىياسەتلىرىگە سالغان مەبلەغلىرىنى ئاشۇرۇپ، كۈچىنىڭ قوشنىلىرى ئۈستىدىكى تەھدىت تونۇشىنى يەڭگىللىتىش ئارقىلىق ئەقلىي ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

بەزى دۆلەتلەر باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى بۈيۈك كۈچكە ئىگىدۇر. بىراق، ئامېرىكا مىسالىدىكىگە ئوخشاش، بۇ كۈچنى كۆزلىگەن نىشانلىرىغا يەتكۈزىدىغان ئىستراتېگىيەلەرگە ئايلاندۇرۇشتا ئارقىدا قالماقتا. ئەقلىي كۈچنى ئىشقا سېلىش ۋە كۈچنىڭ ئەقلىي ئىستراتېگىيەلەرگە ئايلاندۇرۇلۇشى يولىدا تاشلىنىدىغان تۇنجى قەدەم، ئىلكىدىكى سان ۋە سۈپەت جەھەتتە ئىگە بولغان كۈچ مەنبەلىرىنىڭ ھەممىسىنى تونۇپ يېتىش ۋە بۇ خىلمۇخىللىق ئىچىدىن كۆزلەنگەن نىشانغا ئەڭ ئۇيغۇن كېلىدىغىنىنى ئۈنۈملۈك شەكىلدە ماسلاشتۇرالايدىغان بولۇشتۇر. دۇنيا سىياسەت سەھنىسىدە، قاتتىق ۋە يۇمشاق كۈچلەرنىڭ قايسىسىغا ئىگە بولۇشقا مايىل ئىكەنلىكىمىز سورالسا، قاتتىق كۈچنى تاللىشىمىز مۇمكىن. ئەقلىي كۈچ، ھەر ئىككىسىگە ئىگە بولۇش كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. يۇمشاق كۈچتىن ھەربىي كۈچ بىلەن ئوخشاش  يۆنىلىش ۋە ماسلىق ئىچىدە پايدىلىنىلمىغان تەقدىردە، ھەربىي كۈچ كۆپىنچە ھاللاردا كۆزلەنگەن نىشانغا يېتەلمەيدۇ. 2006 – يىلى مۇداپىئە مىنىستىرى د.رامسفېلد پىرېزىدېنت بۇشنىڭ تېررورىزمغا قارشى ئاچقان ئۇرۇشى توغرىسىدا مۇنداق دېگەنىدى: «بۇ ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ھالقىلىق توقۇنۇشلىرى ئافغانىستان تاغلىرىدا ياكى باغداد كوچىلىرىدا ئەمەس، نيۇ يورك، لوندون، قاھىرە  ياكى باشقا جايلاردىكى تېلېۋىزىيە سىتۇديولىرىدا يۈز بېرىشى مۇمكىن.» ئىقتىساد ژۇرنىلىنىڭ يېزىشىچە، شۇ كۈنگىچە يۇمشاق كۈچ ئۇقۇمىغا «يۇمشاق شۇ» دەپ بۇرنىنى ئۇچلاپ كەلگەن رامسفېلد، كۆڭۈل ۋە پىكىرلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇپ يېتىشكە باشلىغانىدى. ئەمما ئۇ، ئېلان سانائىتىنىڭ <ئەگەر مەھسۇلاتىڭىز ئىشقا يارىمايدىغان بىر نەرسە بولسا، ئەڭ ياخشى ئېلانمۇ ئۇنىڭ سېتىلىشىغا كۈچ قوشالمايدۇ> دېگەندىن ئىبارەت ئالدىنقى قائىدىسىنى ئۇنتۇپ قالغانىدى…

 

2 – بۆلۈم

ھەربىي كۈچ

 

ھەربىي كۈچ دېيىلگىنىدە ئەقلىگە تانكا، زەمبىرەك، مىلتىق كېلىدۇ. ھالبۇكى، ھەربىي ئىمكانىيەت ۋە ئۇسۇللار بۇنىڭدىنمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. ھەربىي پوزىتسىيە شەكىللىرىمۇ پەقەت ئۇرۇش قىلىش ۋە ئۇرۇش ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تەھدىت سېلىش دېگەنلىك ئەمەس. ئۇرۇش دېگەندە ئەقىلگە بىرىنچى بولۇپ كېلىدىغان ئېنىقلىما «دۆلەت تەرىپىدىن قوراللاندۇرۇلغان، تەشكىللەنگەن فورمىلىق قىسىملارنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن قىلغان توقۇنۇشى» دېگەندەك ئېنىقلىمىدۇر. 21 – ئەسىرنىڭ ئۇرۇشلىرىنىڭ كۆپىنچىسى دۆلەتلەرنىڭ بىر – بىرلىرى بىلەن ئېلىشىش شەكلىدە ئەمەس، ئۆز ئىچىدە قىلغان توقۇنۇش شەكلىدە يۈز بەردى، ئۇرۇش قىلغانلارمۇ ئادەتتە ھەربىيچە فورما كىيمەيدۇ. بىز ياشاۋاتقان بۇ دەۋر، مودېرن تېخنولوگىيەلەر سايىسىدا ۋەيران قىلىش ۋە تەھدىت كۈچى ناھايىتى يۇقىرى، دۆلەت سالاھىيىتىدە بولمىغان كىچىك گۇرۇپپىلار بىلەن قىلىنغان ئۇرۇشلار ئالدىنقى پىلانغا چىققان دەۋردۇر.

 

جېدەل ۋە ئۇرۇش

 

بۇنىڭدىن 2500 يىل ئىلگىرى تۇسيدىدېس،[1] مېلوس ئارىلىنى ئىستېلا قىلىپ، ئاھالىسىنى ئۆلتۈرۈش ياكى ئۇلارنى ئەسىرگە ئالماقچى بولغان ئافىنالىق گېنېراللارنىڭ نېمىشقا مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى سورىغانلارغا: «كۈچلۈكلەر قىلىدىغان ئىشلىرىنى قىلىدۇ، ئاجىزلار ئازابلىرىنى تارتىدۇ!» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. ئىنجىلدىمۇ «دۆلەتلەر نېمىشقا بىر – بىرلىرىگە نېمىشقا بۇنداق شەپقەتسىزلەرچە ھۇجۇم قىلىدۇ؟» دەپ سورىلىدۇ. بەزىلەرچە بۇ سوئالنىڭ جاۋابى «ئىنسان تەبىئىتى» دۇر، يەنە بىر قىسىم كىلاسسىك سەۋەبلەرگە ئاساسەن «ئاچكۆزلۈك»، بەزىلەرچە بولسا «ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئېلىش ئىستىكى» دۇر. چىڭگىزخان ۋە ھېرنان كورتېس[2] قا ئوخشاش داڭلىق پەتھى قىلغۇچىلار (فاتىھلار) بولسا، بۇ ئۇقۇملارنىڭ ئارىلاشمىسىدىن ئىبارەت ئىدى. مەزكۇر كىشىلەردىن باشقا پىكىرلەرمۇ ئىنسانلارنى پەتھى قىلىشقا يېتەكلەيدۇ. مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام – ت) نىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى ئەسىردە ئىسلامنىڭ تارقىلىشى، ئوتتۇرا ئەسىر ئەھلى سەلپ ئىستېلالىرى ۋە 19 – ئەسىردىن كېيىنكى مىللەتچىلىك ۋە مۇستەقىللىق ئېقىملىرىدا كۆرۈلگىنىدەك.

گەرچە بۈيۈك ئىمپېرىيەلەر ۋە مودېرن دۆلەتلەر  ئۇرۇشلار نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن بولسىمۇ، زالىم ۋە مۇشتۇمزور مېتودلار ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەتنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمىدى. ئۇزۇن مۇددەت ھۆكۈم سۈرگەن رىم ئىمپېراتورلۇقىمۇ ئۆزىگە خەۋپ يەتكۈزگەن ياۋايى قەۋملەرنىڭ مەنسۇپلىرىغا رىم پۇقرالىقى بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ، ئۇلارنى تەرەپدارغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشتى، بۇ ئارقىلىق يۇمشاق كۈچ ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلانغان بولدى. قوشۇننى بېقىش قىيىن ۋە چىقىمى كۆپ بىر ئىشتۇر، مۇساپىلەر ئۇزارغانسېرى چىقىملارمۇ ئېشىپ بارىدۇ. ھالبۇكى، ھەمكارلىق ئورنىتىشقا قايىل قىلغىلى بولسا، يەرلىك كىشىلەردىن پايدىلىنىش تېخىمۇ ئەرزانغا توختايدۇ.

تېخنولوگىيە سايىسىدا كىچىك تارماقلار چوڭ توپلۇقلارنى كونتروللۇق ئاستىدا تۇتۇپ تۇرماقتا. مىلتىق سايىسىدا بىر ئۇچۇم ئىشغالچى ئىسپانىيەلىكنىڭ جەنۇبىي ئامېرىكا خەلقلىرىنى، مۇستەملىكىچىلىك دەۋرىدە 100 مىڭ ئەنگلىيە ئەسكىرى ۋە قوماندانىنىڭ 300 مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە ھىندىستاننى كونتروللۇقى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرالىشى بۇنىڭغا مىسالدۇر. بىراق، غەلىبىنىڭ سىرى تېخنولوگىيەدە ئەمەس، ئىشغال كۈچلىرىنىڭ يەرلىك خەلقنى پارچىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز تەرەپدارى سۈپىتىدە سېپىگە تارتىش ئىقتىدارىغا يوشۇرۇنغان. زامانىمىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش ئىدىيەلىرى، خەلقلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش، پىكرىنى مايىل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىغان شەكىلدە ئۆزگەرمەكتە.

دەۋرىمىزدە كۈچلۈك ئارمىيەگە ئىگە بولۇش ئىستىكى ئاچكۆزلۈك ۋە ھۆكۈمدارلىق قىلىش ئارزۇسىدىنمۇ بەكرەك خەۋپسىزلىك ۋە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرالايدىغان بولۇش نىشاننى تايانچ قىلىدۇ. تەرەپلەردىن بىرى ئىشەنچنى تايانچ قىلغان ھالدا قوراللاردىن ۋاز كەچسە، يەنە بىرى قوراللىنىشنى داۋاملاشتۇرسا، تىنچلىقپەرۋەر بولغىنى ۋە ئەتراپىدىكىلەرگە ئىشەنچ تۇيغۇسى بىلەن مۇئامىلە قىلغىنىنىڭ مۇئەييەن ۋاقىت ئىچىدە يوقۇلۇپ كېتىشى مۇقەررەردۇر. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ھەربىي كۈچ، ھەرقانداق ئەھۋال ئۈچۈن ئىناۋەتلىك بولمىسىمۇ، ھېلىھەم كۈچ تۈرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغىنى، دەپ قوبۇل قىلىنماقتا.

 

ھەربىي كۈچنى ئىشقا سېلىش ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئازايدىمۇ؟

 

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى ئۈچۈن كېلەچەكنى مۆلچەرلەش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەملىكەتلىك ئىستىخبارات كېڭىشى، 21 – ئەسىرگە قارىتا بۇ سوئالغا «ھەئە» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بىر چاغلاردا سانى 50 مىڭغا يەتكەن يادرو قوراللىرى 1945 – يىلىدىن بۇيان ئىشلىتىلمىدى، بىراق بۇ بولۇپمۇ ۋاز كەچتۈرگۈچىلىك ئالاھىدىلىكى نەزەر تۇتۇلىدىغان بولسا،ياۋروپا يادرو قوراللىرىنىڭ دۇنيا سىياسىتىدە رول ئوينىمىغانلىقى دېگەنلىك بولمايدۇ.

مىللىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر بىلەن ھەرىكەتكە كەلگەن توپلۇقلارنى ھەربىي كۈچ بىلەن كونتروللۇق ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش تېخىمۇ چىقىمى يۇقىرى ھالغا كېلىپ قالدى. ئۇچۇر – ئالاقە ئىمكانىيەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، خىلمۇخىللىشىشى ۋە ئىنتېرنېت ئەپلىرى سايىسىدا توپلۇقلار كىملىكلىرىگە تېخىمۇ كۈچلۈك ئىگە چىقىدىغان بولدى. فىرانسىيە 19 – ئەسىردە 34 مىڭ كىشىلىك ھەربىي كۈچ بىلەن ئالجىرىيەنى ئىشغال قىلدى، بىراق 20 – ئەسىرگە كەلگەندە، 600 مىڭ كىشىلىك كۈچ بىلەنمۇ بۇ مۇستەملىكىسىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى. يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچلار ۋە ئاپتوموبىل بومبىلار، ئىشغالچى قوشۇنلارنىڭ شۇ تۈردىكى قوراللىرىغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ئەرزانغا توختايدۇ. يەنە كېلىپ چەت كۈچلەرنىڭ ئىشغالى بىلەن ئادەم بومبا ھۇجۇمچىلىرى ئارىسىدا ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەت بار.

ھەربىي كۈچتىن پايدىلىنىشنىڭ ئازىيىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى ھەربىيلەرگە قارشى تۇرۇشقا ئالاقىدار ئەخلاقىي قىممەت – قاراشلارنىڭ كۈچىيىشىدۇر. شۈبھىسىزكى، بۇ ئۆزگىرىش كۈچ ئىشلىتىشكە پۈتۈنلەي خاتىمە بەرمەيدۇ. بىراق، ئادەم ئۆلۈشلىرى پەيدا قىلغان نارازىلىقلار سىياسەتچىلەرنىڭ، خۇسۇسەن مىللىي مەنپەئەتلەر كۈچلۈك شەكىلدە تەقەززا قىلمىغان تەقدىردە، چەت دۆلەتلەرگە ھەربىي قىسىملارنى ئەۋەتىشىگە توسالغۇ بولىدۇ.

ئاخىرىدا، دۇنيادا ھەربىي چارىلەرنى قوللىنىپ ھەل قىلىشتىن باشقا چارە يوق مەسىلىلەرنىڭ سانىدىكى تۆۋەنلەش توغرىسىدىمۇ توختىلىپ ئۆتەيلى. مەسىلەن، 1853 – يىلىدا ئامېرىكىلىق ئادمىرال ماتتېۋ پېرري ياپونلارغا – ئەگەر پورتلىرىنى سودىغا ئېچىۋەتمىسە بومباردىمان قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتالىغانىدى. بۇ ئۇسۇلنىڭ ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئارىسىدىكى نۆۋەتتىكى سودا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا ئىشلىتىلىشى ئۇنچىلىك پايدىلىق بولمىسا كېرەك. نۆۋەتتە خىتاي سېرا گازى تەسىرى مەسىلىنىڭ باش ئاكتىيورى ۋە ھەر ھەپتە يېڭى بىر ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ئىستانسىسىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرمەكتە. بۇ ئەھۋال باشقا دۆلەتلەرگە ئېغىر دەرىجىدە سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسەتسىمۇ، ھېچكىم خىتايغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىشنى ئويلاشمايدۇ. ئىقتىسادتىكى يەرشارىلىشىش ۋە دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ناھايىتى مۇرەككەپ بېقىندىلىق مۇناسىۋەتلىرى زامانىمىزدا 19 – ئەسىردىكىدىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك پەرقلىق.

ھەربىي كۈچ خەلقئارا سىياسەتنىڭ مۇھىم بىر ئامىلى بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۆزئارا ئىقتىسادىي بېقىندىلىقلار، ئالاقە ۋە خەلقئارالىق ئورگانلار بەزىدە ھەربىي كۈچكە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينايدىغان ھالغا كەلدى. بىر دۆلەت مىخانىزمى بولغان ھەربىي كۈچ پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالغىنى يوق. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ساھىبخانلىق قىلغان تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا كۈچلىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلىنىشىنى، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ ساددام ھاكىمىيىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋەقەلىرىنى ھەربىي كۈچنىڭ مۇھىملىقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىشىمىز مۇمكىن. ھەر ئىككى ۋەقەدە دۆلەتلەرگە قارشى قىلىنغان بۇ ئۇرۇشلاردا نىسبەتەن قولاي غەلىبە قىلىنغان بولسىمۇ، ئۆكتىچىلەر كۈچلەر بىلەن تىنچلىق ئورنىتىش ئاسانغا توختىمايۋاتماقتا. ھەربىي كۈچ تۇرغۇزۇشنىڭ چىقىمى ۋە پائاللىقىدا مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر، بۇ ھەقتىكى ھېساباتلارنى ئۆتمۈشكە سېلىشتۇرغاندا خېلىلا مۇرەككەپ ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى.

 

ئۇرۇش ھادىسىسىدە كۆرۈلگەن شەكلىي ئۆزگىرىشلەر

 

ئۇرۇش ۋە ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش ئازايغان بولسىمۇ، يوقالمىدى، ئۇنىڭ پەقەت شەكلى ئۆزگەرمەكتە. نۆۋەتتە بولۇۋاتقىنى، ئۇرۇش مەيدانى ۋە ئالدىنقى سەپ ئۇقۇملىرىنىڭ ئىزاھلىغىلى بولىدىغان رايونلار بولۇشتىن چىقىپ كېتىشى، مەمۇر / پۇقرا پەرقىنىڭ بارغانسېرى بىر – بىرى بىلەن ئارىلىشىپ كېتىۋاتقان بولۇشىدۇر. ئوتتۇرا ئەسىردە ئۇرۇشلار بىر قانچە مىڭ ئادەم  بىلەن قىلىناتتى. 20 – ئەسىردە يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا 7 دۆلەت 100 مىليوندىن ئارتۇق ئەسكەرنى ئۇرۇشقا قاتناشتۇردى. ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش تۈسىگە كىرگەن توقۇنۇشلاردا 45 مىليون ئادەم ئۆلدى، بىر قىتئەنىڭ بۈيۈك بىر قىسمى خارابىلىككە ئايلاندى. 1945 – يىلى 6 – ئاۋغۇستتا ئېتىلغان ئاتوم بومبىسى بىلەن بىرلىكتە ھەممە نەرسە مەڭگۈلۈك ئۆزگەرگەن بولدى. ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشنىڭ ئاخىرىغا قەدەم بېسىلغانىدى. بىراق، نېمىشقىدۇر قوراللىق توقۇنۇشلار ئاخىرلاشمىدى. پەقەت دۆلەتلەرنىڭ بىر – بىرىگە قارشى بىۋاسىتە ئاچقان توقۇنۇش سانى بارغانچە ئازايدى. 1990 – يىللارغا كەلگەندە، ئۇرۇشلارنىڭ كۆپىنچىسى دۆلەتلەر بىلەن قوراللىق دۆلەتسىز كۈچلەر ئارىسىدا يۈز بېرىدىغان بولدى. بۇ گۇرۇپپىلار ئۆكتىچىلەر، تېررورچىلار، مىلىتارىستلار ۋە جىنايى تەشكىلاتلار شەكىلدە تەشكىلاتلاندى، ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورناتقانلارمۇ بولدى. مەسىلەن، كولومبىيەنىڭ ئىنقىلابچى قوراللىق كۈچلىرى زەھەرلىك چېكىملىك گۇرۇھلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلدى، ئافغانىستاندىكى تالىبان ئەزالىرىمۇ خەلقئارالىق ئەلقائىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى.

بۇ خىل گۇرۇپپىلار توقۇنۇشقا – زوراۋانلىقنى تايانچ قىلىدىغان مۇئەييەن تەرتىپ – ئىنتىزامى يوق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق يەرلىك خەلقلەرنى بېسىم ئىشلىتىش ئۇسۇلى بىلەن كونترول قىلىش ئۇسۇلى دەپ قارايدۇ. ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان زېمىنلارنى باشقۇرۇش قابىلىيىتى ۋە قانۇنىيلىقىدىكى زەئىپلىكلىرىدىن پايدىلىنىدۇ. شىمالىي ئىرېلاندىيە ۋە بالقان رايونلىرىدا قوماندانلىق قىلغان ئەنگلىيەلىك گېنېرال رۇپېرت سمىتي بۇ ئەھۋالنى «خەلقلەر ئارىسىدىكى ئۇرۇش» دەپ ئىزاھلايدۇ. بۇ ئۇرۇشلار ناھايىتى نادىر ئەھۋاللاردا بىز بىلىدىغان ئۇرۇش مەيدانلىرىدا، ئەنئەنىۋىي ھەربىي كۈچلەر تەرىپىدىن ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ. بۇلار ئادەتتىكى قوراللار، قانۇنسىز تاكتىكىلار، تېررورىزم ۋە جىنايى قىلمىشلار بىر – بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن شالغۇت ئۇرۇشلاردۇر. نوپۇس زىچ لىۋاندا 2006 – يىلى يۈز بەرگەن، ئەمەلىيەتتە غەززەدە ھىزبۇللاھ بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئۇرۇش مۇشۇنداق بىر ئۇرۇش ئىدى. بارلىق يانفونلاردا بار بولغان كامېرا ۋە ھەرقانداق كومپيۇتېردا ئىشلەتكەنلىكى بولىدىغان فوتوشوپ سايىسىدا توقۇنۇش مۇساپىسى بويىچە ئۇچۇر ئۇرۇشىمۇ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىدى. بەزى نەزەرىيەشۇناسلار، ئۇرۇشنىڭ بۇ يېڭى شەكلىگە «ئاسسىمېتىرىكىلىق ئۇرۇش» دەپ ئېنىقلىما بەردى.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن ئەنئەنىۋى ئۇرۇش ئىقتىدارى نۇقتىسىدىن «سىممېترىك» كۈچلۈك دەرىجىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا پايدىلىق شەكىلدە بۇزۇلدى. ئامېرىكا ئارمىيەسى يۇقىرى ھاۋا كۈچى تۈرتكىسىدە ئاساسەن دېگۈدەك ھېچقانداق تالاپەتكە ئۇچرىماستىن چۆل بورىنى (ئىراق) ۋە كوسوۋو ھەرىكەتلىرىنى تاماملىدى. بۇ كۈچكە تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن رەقىبلەر، ئېلېكتىرونلۇق ، دىپلوماتىك، ئىقتىسادىي ، تور، ۋاكالەتچى تېررورچى ئۇنسۇرلار قاتارلىق ھېچقانداق گەۋدىلىك پىرىنسىپى بولمىغان «چەك – چېگراسىز ئۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىنى پەيدا قىلىشتى. ئەسلىدە غەيرىي سىممېترىكىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ئەنئەنىۋىي بولمىغان تاكتىكىلارنىڭ ئىشقا سېلىنىشى ھەرگىزمۇ يېڭى بىر نەرسە ئەمەس. بۇنىڭدىن 2 مىڭ يىل ئىلگىرى سۇڭزى[3]، ئەڭ ياخشىسىنىڭ پەقەت ئۇرۇش قىلماستىن غەلىبە قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى. مانا بۇ ئۇقۇمنى قانۇنلۇق دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا تېررورىست تەشكىلاتلارمۇ بىلىدۇ.

تېررورىست تاكتىكىلار چوڭ كۈچلەرنى زەخمىلەندۈرۈشنى كۆزلەيدۇ. ھەرىكەتلەرنى، قاتتىق نارازىلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ، كۈچلۈكنىڭ ئىنتىقام مەقسىتىدە يولغا قويىدىغان قاتتىق قوللۇقى بولسا، بىۋاسىتە ھالدا ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرىدۇ. دەرۋەقە، ئوسامە بىن لادىننىڭ قۇترىتىش قىلتىقىغا دەسسىسە ئامېرىكا، يۈرگۈزگەن قاتتىق قوللۇقى بىلەن پۈتكۈل مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى ئاجىزلىتىپ قويدى.

ئامېرىكا، ئۇرۇشلارنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىشتە كېچىكىپ قالغانىدى. دونالد رامسفېلدنىڭ 2001 – يىلى مۇداپىئە مىنىستىرى بولۇشى بىلەن، يېڭى تېخنولوگىيەلەرگە زور كۆلەملىك سېلىنمىلار سېلىنىپ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئارقىسىدىن يىتىشىۋېلىشقا ئۇرۇنۇلدى ۋە بۇ قەدەم توغرا تاشلانغانىدى. بىراق، بۇ يەردىكى خاتالىق بۇنى يېتەرلىك بولىدۇ، دەپ ئويلاش ئىدى. ماكس بۇت[4] ئۇرۇش ساھەسىدىكى تېخنولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەرنى تۆت كاتېگورىيەگە ئايرىيدۇ؛ مىلتىق دورىسى ئىنقىلابى، 19 – ئەسىر سانائەت ئىنقىلابى، 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى ۋە بىز ياشاۋاتقان ئىلىم – پەن دەۋرى. بۇتنىڭ قارىشىچە تارىخ، چوڭ كۈچلەرنىڭ بۇ ئىنقىلابلارنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويۇش مىساللىرى بىلەن تولغان. موڭغۇللار مىلتىق دورىسى ئىنقىلابىنى، خىتايلار، تۈركلەر ۋە ھىندىستانلىقلار سانائەت ئىنقىلابىنى، ئەنگلىيەلىكلەر بىلەن فىرانسۇزلار ئىككىنچى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى بولسا ئىلىم – پەن دەۋرىنى كەتكۈزۈپ قويغان. نەتىجىلەر ئوتتۇرىدا تۇرۇۋاتىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، تېخنولوگىيەگە ھەددىدىن زىيادە بەل باغلىۋېلىشمۇ قىممەتكە توختاپ قېلىشى مۇمكىن. تېخنولوگىيە ھەر ئىككى تەرىپى كېسىدىغان ئۆتكۈر قىلىچقا ئوخشايدۇ، خالانمىغان كىشىلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ قېلىشى ۋە ئىشلەپچىقارغۇچىسىغا زەربە بېرىشى كۈچلۈك ئېھتىماللىقتۇر. دەرۋەقە ئامېرىكىلىقلار، 2009 – يىلى دۈشمەن كومپيۇتېر ھۇجۇمچىلىرىنىڭ 30 دوللارلىق ئادەتتىكى بىر ئۈسكۈنە تۈرتكىسىدە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى Predator لارنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكىگە ھەيرانلىق ئىلكىدە شاھىت بولدى. ئاپتوموبىل بومبىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق بومبىلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇۋاتقانلىقىنىمۇ ئەستىن چىقارماسلىق لازىم. 2006 – يىلىغا قەدەم بېسىلغىنىدا، گېنېرال د.پاترېئۇس رىياسەتچىلىكىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسيانچى ئۇنسۇرلارغا قارشى كۈرەش تەلىمنامەسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا دۈشمەننى يوقىتىشنىڭ ئورنىغا پۇقرالارنى قوغداش قويۇلغانىدى. بۇنىڭدىن كېيىن ھەقىقىي ئۇرۇش ئۆكتىچى «بېلىقلار» نىڭ پۇقرالار «دېڭىز» لىرىدا ئۈزۈشىگە يول قويماسلىق شەكلىدە بولاتتى. ئەمدى ئاساسلىق ئىش ئىنسانلارنىڭ دىللىرىنى ۋە پىكىرلىرىنى يۇمشاق كۈچ مېتودلىرى ئارقىلىق مايىل قىلىش ئىدى. نېمىشقىدۇر، بۇ مېتودلارنىڭ چىقىمى، داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغان – بولمايدىغانلىقى ۋە ئۈنۈمى غەرب جامائەتچىلىكىنىڭ بەزى گۇمانخورلىرى تەرىپىدىن بەس – مۇنازىرە قىلىنماقتا. بىر ئافغان جەڭچىسىنىڭ دېگىنىدەك «سائەت سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا، بىراق ۋاقىت بىزنىڭدۇر!».

مەدەنىيەت مۇھاپىزىكارلىقى، ئىشەنچسىزلىك، پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمى ۋە چىرىكلىك كۈلتۈرى يۇمشاق كۈچ بىلەن كۆڭۈل ۋە پىكىرلەرنى جەلپ قىلىشنى قىيىنلاشتۇرۇپ قويماقتا. بىر راند دوكلاتى مۇنداق جۈملىلەر بىلەن ئاخىرلىشىدۇ: «ئىسلامىي ئۆكتىچىلەرگە قارشى ئۇرۇشتىكى ئەڭ ئېغىر ئاجىزلىق ئامېرىكا ئۇرۇش كۈچىنىڭ چەكلىكلىكى ئەمەس، ئىسلامىي زورلۇقنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان تۈزۈملەرنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى ۋە قانۇنىيلىقتىن يىراق بولۇشلىرى يەنى دەل ئۆزلىرىدۇر.»

تۆت يىلدا بىر قېتىم ئېلان قىلىنىدىغان پېنتاگون مۇداپىئە تەنقىدلىرى دوكلاتىنىڭ 2010 – يىللىق نۇسخىسىدا، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۇرۇش بىلەن بىرگە، مىللىي خەۋپسىزلىككە تەھدىت بولۇۋاتقان ئوچۇق دېڭىز قاراقچىلىقى، يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى، خەلقئارالىق جىنايەتلەر، چېگرا ھالقىغان تېررورىزم ۋە تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئوخشاش ھادىسىلەرگە قارشى ئىدىيەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بۇنىڭغا ئاساسەن، تېخنولوگىيەنىڭ كۈچى بەك مۇبالىغە قىلىۋېتىلمەسلىكى؛ بولۇپمۇ قۇرۇقلۇق ئۇرۇشلىرى نۇقتىسىدىن تېخنولوگىيەلىك قابىلىيەت ئەنئەنىۋى ئۇرۇش ئۇسۇللىرىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدۇ، دەپ ئويلاپ قېلىنماسلىقى لازىم. بۇ قاراش، قىسىملارنىڭ قانداق تەربىيەلەش باسقۇچلىرىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكى ۋە چەكلىك مالىيە مەنبەلىرىدىن مۇداپىئە خامچوتىغا قانچىلىك چوڭلۇقتا نىسبەت ئايرىلىشى لازىملىقى دېگەندەك مەسىلىلەرنى بەكلا مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتمەكتە.

 

ھەربىي ئىمكانىيەتلەر ھەرىكەت شەكىللىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

 

ھەربىي ئىشلارنى پىلانلىغۇچىلار، ئىزچىل ھالدا دۆلەتنىڭ كۈچ مەنبەسى ۋە ئىقتىدارلىرىنى رەقىب دۆلەتنىڭ مەنبە ۋە ئىقتىدارلىرى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ. نوپۇس، خامچوت، ھەربىي ئۈستقۇرۇلما، قورال كۈچى، تەشكىللىنىشى، يېڭىلىقچىلىق دېگەندەك بىر قاتار ئامىل، ئەتراپلىق شەكىلدە مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. لېكىن، بارلىق مۇتەخەسسىسلەر بىرلىككە كەلگەن بىر نۇقتا باردۇركى، ئۇ بولسىمۇ پۈتكۈل ئىمكانىيەتلەر ئىشقا سېلىنىپمۇ قارشى تەرەپنىڭ پوزىتسىيە ھەرىكەتلىرىدە كۆزلەنگەن ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلتۈرۈلەلمىسە، مەزكۇر قابىلىيەتلەر ئىشقا يارىمىدى دېگەنلىك بولىدۇ. مەنبە ۋە ئىمكانىيەتلەرنى كۆزلەنگەن نەتىجىلەرنىڭ ئېلىنىشىغا ئايلاندۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلەر، ئەقلىي ھەربىي كۈچ ئۇقۇمىنىڭ ئاچقۇچى ھېسابلىنىدۇ.

ھەربىي ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ كۈچ ئىشلىتىش تۆت پەرقلىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدۇ: (1) ئەمەلىي توقۇنۇشۇش ۋە ۋەيران قىلىش، (2) بېسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان سىياسىي مۇساپىدە تەھدىت ئامىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىش، (3) تىنچلىقنىڭ قوغدىلىنىپ ئىزچىللىققا ئىگە قىلىنىشى ۋە مۇھاپىزەت بايرىقى ئاستىغا ئېلىشنى ۋەدە قىلىپ يانداشتۇرۇۋېلىش، (4) بۇ كۈچنى ھەرخىل ياردەملەر ئۈچۈن ئىشلىتىش. بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇش – بولماسلىقى كۈچنىڭ نىشان قىلىنغان توپلۇققا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى توغرا مۆلچەرلەش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. چۈنكى تاللانغان ئىستراتېگىيەنىڭ توغرىلىقىغا ئاساسەن نەتىجىدە «قوبۇل قىلىش» بولۇشىمۇ، «قارشىلىق كۆرسىتىش» بولۇشىمۇ مۇمكىن.

توقۇنۇش: توقۇنۇشنىڭ غەلىبىسى قابىلىيەت ۋە قانۇنىيلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئەسكەر سانى، قوراللىنىش، تېخنولوگىيە، تەلىم – تەربىيە، مالىيە مەنبەلىرى دېگەندەك ئۆلچەشكە بولىدىغان ئامىللارغا ئوخشاشلا بۇ ئامىللارنىڭ توغرا شەكىلدە ئىشلىتىلىشىگە پايدىلىق ئىستراتېگىيەلىك مەلۇمات، ساغلام ئىدىيەلەر، سىياسىي قاراشلارغا ئالاقىدار چوڭقۇر ئاڭ دېگەندەك ئىقتىدارلارمۇ كۈچنىڭ بۇ خىل تەتبىقلىنىشىدىكى غەلىبىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. تەڭرى، پەقەت تېخىمۇ زور قوشۇنغا ئىگە تەرەپنىڭ سېپىدە ئەمەستۇر. ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇشلاردا غەلىبە قىلىش پۇرسەتلىرى كۆپ بولمىسىمۇ، كىچىك تەشكىلاتلارمۇ توقۇنۇش ئىقتىدارلىرىدىن پائال پايدىلانغىنىدا، دۈشمەننىڭ قولىغا ئاسانلا چىقىدىغان لوقمىسى بولۇشتىن ساقلىنالايدۇ. شىۋېيتسارىيە بىلەن سىنگاپور بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. قانۇنىيلىق بىر قەدەر گۇڭگا ساھەدۇر، چۈنكى ئۇ سۇبيېكتىپ بولۇپ خىلمۇخىل بولىدۇ ۋە ئالەمشۇمۇل روشەنلىككە ئىگە بولغانلىرى نادىر ئۇچرايدۇ. لېكىن، مەيلى نىشان قىلىنغان توپلۇق بولسۇن، مەيلى ئۈچىنچى تەرەپلەرنىڭ نەزىرىدىكى قانۇنىيلىق تونۇشى بولسۇن، نىشانغا ئېلىنغان تەرەپلەرنىڭ قانداق ئىنكاس بىلدۈرىدىغانلىقىغا (تېزلا بويۇن ئېگىپ تەسلىم بولامدۇ ياكى توقۇنۇشلار سوزۇلۇپ كېتەمدۇ؟) ۋە كۈچى ئىشلىتىلىشىنىڭ بەدىلىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. قانۇنىيلىق تونۇشىغا ب د ت دىكى سىياسىي ھەرىكەتلەر، ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلار، تاراتقۇلارنىڭ پوزىتسىيەلىرى، ئىنتېرنېتتىكى ئىجتىمائىي ئورتاقلىشىش مۇنبەرلىرى ۋە يانفونلارمۇ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ. 2003 – يىلىدىكى ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىنلا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا پايدىلىق ھالەتتە شەكىللەنگەن قانۇنىيلىق تونۇشىنىڭ كېيىنكى چاغلاردا بولاڭ – تالاڭ ۋە مەزھەپ جېدەللىرىنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنالماسلىقى نەتىجىسىدە قانداق تەتۈرىگە قايتقانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك. ئەبۇ غۇرەيب تۈرمىسى ۋەقەلىرىگە ئوخشاش ھادىسىلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تەبىئەتكە سىڭىپ كېتىدىغان نەرسىلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئۆلتۈرۈلگەن قارشىلىق كۆرسەتكۈچى سانى، ۋەيران قىلىنغان ئۈستقۇرۇلما يۈزىسىدىن 2006 – يىلىدىكى ھىزبۇللاھ – ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىمۇ ئوخشاش شەكىلدە دەسلىپىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۈستۈنلۈكى تونۇشى پەيدا بولغانىدى، بىراق تېلېۋىزىيە قاناللىرىغا ئوخشاش ۋاسىتىلەرنىڭ ئاقىلانىلىك بىلەن ئىشلىتىلىشى نەتىجىسىدە دۇنيا جامائەتچىلىكى نەزىرىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمچىلىقى، ھىزبۇللاھنىڭ غەلىبىسى بولۇپ ئاخىرلاشتى.

رۇسىيە، گىرۇزىيەگە قاراتقان ھەرىكىتىنىڭ ناتونىڭ كوسوۋوغا قاراتقان ھەرىكىتىدىن پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى ھەرقانچە كۈچەپ ئىلگىرى سۈرسىمۇ (ھەر ئىككىسىدە ب د ت نىڭ تەستىقى يوق ئىدى)، كوسوۋودا قىلىنغان ھەرىكەتنىڭ يوللۇق، ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتەلمىدى. ئۇرۇش نەزەرىيەسى بىزگە توقۇنۇشنىڭ سەۋەبىگە ئوخشاشلا توقۇنۇشتا تەتبىقلانغان ئۇسۇللارنىڭمۇ قانۇنىيلىقنىڭ شەكىللىنىشىدە پائال رول ئوينايدىغانلىقىنى خاتىرىلەتمەكتە.

بېسىم سىياسىتى: ھەربىي كۈچنىڭ سىياسىي بېسىم ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى تەھدىتنىڭ ئىشەندۈرۈش كۈچى ۋە بەدىلىگە باغلىقتۇر. كۈچ ئىشلىتىش تەھدىتىنى تېڭىش ياكى ۋاز كەچتۈرۈش مەقسىتىدە سېلىشقا بولىدۇ. تەھدىتلەرنىڭ پورپاڭ سېلىشتىن ئىبارەت بولۇپ قېلىشى قارشىلىشىشنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، نەتىجىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۈتۈۋاتقان ئۈچىنچى تەرەپلەرگىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ ئوكيانلاردا بايراقلارنى لەپىلدىتىشلىرى، مىللىي بايراملاردا داغدۇغىلىق پارات مۇراسىملىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى، بېسىم سىياسەتلىرىنىڭ كىلاسسىك مىساللىرىدۇر. يېقىن ئۆتمۈشتە خىتاينىڭ دۇنيا ئوقىدا ئۆزىگە تەۋە بىر سۈنئىي ھەمراھنى پارتلىتىپ يوق قىلىشى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىنىڭ بىردىنبىر ھۆكۈمدارى ئەمەسلىكى  يولىدىكى بىر خاتىرىلىتىش ئىدى.

مۇھاپىزەت: ھەربىي كۈچنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى مۇھاپىزەت قىلىش مەقسىتىدە ئىشلىتىلىشىمۇ ئىجرا قىلىنىدىغان ئىستراتېگىيەلەرنىڭ ئىشەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. 2009 – يىلى رۇسىيە تەرىپىدىن كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئەسنادا ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ بالتىق دېڭىزىدا ئايلىنىپ يۈرۈشى، قوشنا دۆلەتلەرگە «قورقماڭلار، سىلەر يالغۇز ئەمەس» دېگەن سىگنالنى بېرەتتى. مۇھاپىزەت قىلىشنىڭ دەرىجىسى مۇھاپىزەت قىلغۇچىنىڭ رايوندىكى مەنپەئەتلىرىگە ماس بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە ۋە كورېيەدە قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى تۇرغۇزۇشى، توقۇنۇش يۈز بېرىپ قالغان تەقدىردە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋاللىرىنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكىگە تەۋەككۈل قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىسى بولۇپ، دىپلوماتىك سۆزلەر بىلەن ھاسىل قىلىشقا بولىدىغان ئىشەندۈرۈش كۈچىدىنمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

ناتوغا ئوخشاش ھەربىي ئىتتىپاقلار، ئامېرىكىنىڭ قاتتىق كۈچ ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىنىدەك، ئورنىتىلغان مۇناسىۋەتلەر ۋە يارىتىلغان جەزبىدار مۇھىت سايىسىدا يۇمشاق كۈچ مەنىسىدىمۇ قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بۇ ئىككى كۈچنىڭ بىرلىشىشى بولسا، سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە ئاتلانتىك رايونىدا مۇقىملىقنىڭ ۋە ئىقتىسادىي باياشاتلىقنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىغا پايدىلىق بولدى. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننى مۇھاپىزەت قىلىشى رەسمىي بىر ئىتتىپاق ماھىيىتىدە بولماستىن، تار دائىرىلىك سودىلىشىشلار دائىرىسىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن مىللىي مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئالاقىدار بەزى كاپالەتلەردىن ئىبارەتتۇر. پەيدا قىلىدىغان يۇمشاق كۈچنىڭ دائىرىسى چەكلىك بولسىمۇ، يەنىلا سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە سىياسەتلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ماس ھالەتتە شەكىللىنىشىگە پايدىلىق بولدى.

توقۇنۇش رايونلىرىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىشنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان ھەربىي ئىمكانىيەتلەرمۇ قاتتىق ۋە يۇمشاق كۈچ ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. غەلىبە قىلىش نىسبىتى بولسا، بۇ ئامىللارنىڭ ئىشلىتىلىشىدە نامايان قىلىنىش جەريانىدىكى سەزگۈرلۈك ۋە قابىلىيەتكە باغلىقتۇر.

ياردەملەر: ھەربىي كۈچتىن چەت ئەل ئارمىيەلىرىنىڭ مەشىق قىلدۇرۇلۇشى، بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى، ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ قىلىنىشى ۋە تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتلەردە پايدىلىنىش مۇمكىن. بۇ خىل سىياسەتلەر ھەم قاتتىق ھەم يۇمشاق كۈچ قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى نۇقتىسىدىن پايدىلىقتۇر. مەسىلەن، ئامېرىكا ئارمىيەسى، ئىراق ۋە ئافغانىستان ئارمىيەلىرىنى مەشىق قىلدۇرۇش مۇساپىسىدە ئۆزىمۇ ئىسيانچىلارغا قارشى تۇرۇشقا ئالاقىدار نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندى. بۇ مەشىقلەر ئەسناسىدا مۇئەييەن يېقىنلىشىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىلالىسا، بۇ قوراللىق كۈچلەرنىڭ يۇمشاق كۈچ شەكىللەندۈرۈشى دېگەنلىك بولىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھەربىي ئىمكانىيەتلەر ھەم قاتتىق ھەم يۇمشاق كۈچ يارىتالايدۇ. مۇھىم بولغىنى، مەنبەسىنى تىنچلىقسۆيەرلىك، قابىلىيەت، قانۇنىيلىق ۋە ئىشەنچتىن ئالغان كۈچنىڭ، قاتتىق كۈچ بىلەن بىرلىكتە، توغرا ئىستراتېگىيەلەر دائىرىسىدە بىرلەشتۈرۈلۈشى ۋە نەتىجىدە ئوتتۇرىغا ئەقلىي ھەربىي كۈچنىڭ چىقىرىلىشىدۇر.

 

ھەربىي كۈچنىڭ كېلەچىكى

 

ئوباما، 2009 – يىلى ئېرىشكەن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋېلىش نۇتقىدا مۇنداق دېگەنىدى: «ئۆز ھايات مۇساپىمىز ئىچىدە زوراۋانلىققا تولغان توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىزنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرمىز. شۇنداق بىر چاغلار كېلىدۇكى، دۆلەتلەر بەزىدە يالغۇز، بەزىدە ئىتتىپاق ھالىتىدە ھەرىكەت قىلىپ، كۈچ ئىشلىتىشنى پەقەت بىر زۆرۈرىيەت دەپ قاراش بىلەنلا قالماستىن، ئۇنى بىر ئەخلاقىي مەجبۇرىيەت سۈپىتىدە يولغا قويىدۇ.» 21 – ئەسىردە بۇرۇنقى چاغلارغا سېلىشتۇرغاندا، دۆلەتلەر ئارا ئۇرۇشلار بىلەن بىرلىكتە ئىچكى ئۇرۇشلارنىڭمۇ ئازايغانلىقىنى كۆرىمىز. لېكىن، ئەقلىي مىللەتلەر ئۇرۇش خەۋپىگە قارشى قىممەت باھالىق سۇغۇرتىلارنى سېتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە ئاساسىي سۇغۇرتىچى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولىدۇ.

ھەربىي كۈچ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە بولسىمۇ (قائىدىلەر، ئورگانلار ۋە مۇناسىۋەتلەر بىلەن بىرلىكتە) دۇنيانىڭ نىزامىنىڭ داۋاملىشىشىنى مۇمكىنلىككە ئىگە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ھەربىي كۈچ، تەمىنلەيدىغان ئىشەنچ تۇيغۇسى جەھەتتە ئوكسىگېنغا ئوخشايدۇ، بەكلا تۆۋەنلەپ كەتكەن چېغىدا ھەقىقىي ئەھمىيىتى ھېس قىلىنىدۇ. ئېھتىياج چۈشكەندە يوقلۇقىنىڭ ئەھمىيىتى شۇنداق نامايان بولىدۇكى، باشقا ھەرقانداق نەرسە كىچىككىنە بىر ۋارىيانتقا ئايلىنىپ قالىدۇ.

داۋامى بار ….

[1] تۇسيدىدېس (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 395 – 460)؛ پېلېپوننېس ئۇرۇشلىرى تارىخىنىڭ يازغۇچىسى بولۇپ، ئىلمىي تارىخچىلىقنىڭ ئاتىسى ھېسابلىنىدۇ.

[2] ھېرنان كورتېس (1485 – 1547)، ئىسپانىيە ئۈچۈن مېكسىكىنى پەتھى قىلغان دېڭىزچى.

[3] دۇنيانىڭ ئەڭ دەسلەپكى ھەربىي ئىستراتېگىيەسى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كىتابى دەپ قارىلىۋاتقان «ئۇرۇش سەنئىتى» ناملىق ئەسەرنىڭ خىتاي يازغۇچىسى.

[4] ماكس بۇت (1969): مىللەتچى ئىدىيەدىكى ئامېرىكىلىق ھەربىي تارىخى مۇتەخەسسىسى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*