21-ئەسىردە: ئۇرۇش

يۇۋال ھارىرى

كېيىنكى ئونلارچە يىل ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ تىنچ مەزگىللەر بولدى. تېرىقچىلىق جەمئىيەتلىرىدە ئىنسانلارنىڭ ئۆز-ئارا زوراۋانلىق قىلىشى تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتىدىغانلارنىڭ سانى %15-20 ئەتراپىدا بولغان بولسا، كۈنىمىزدە بۇ نىسبەت ئاران %1 ئەتراپىدا. بىراق 2008-يىلى مەيدانغا كەلگەن پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن، خەلقئارا ۋەزىيەت بارغانچە ناچارلىشىشقا، ئۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىشقا ۋە ھەربىي چىقىملار زورىيىشقا باشلىدى. ھەم ئادەتتىكى ئىنسانلار ھەمدە مۇتەخەسسىسلەر 1914-يىلى ئاۋسترىيەلىك بىر شاھزادىنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىشىنىڭ 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پىلتىسىنى قانداق ياققان بولسا، ئوخشاشلا 2018-يىلى سۇرىيە چۆللىرىدە يۈز بېرىدىغان بىرەر ۋەقەنىڭ ياكى كورېيە يېرىم ئاراللىرىدا ئالدىراپ ئېلىنغان بىر قارار تۈپەيلى يەنە بىر دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا.

دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايىنى قاپلاپ كەتكەن سۈركىلىشلەر، توقۇنۇشلار شۇنداقلا ۋاشىنگتون ، پىيوڭياڭ ۋە باشقا نۇرغۇن جايدىكى لىدېرلارنىڭ خۇي-پەيلىنى نەزەرگە ئالساق، ئىنسانلارنىڭ ئەندىشە قىلىشى ناھايىتى نورمال. ئەھۋال مۇشۇنداق بولسىمۇ يەنىلا 1914-يىل بىلەن 2019-يىل ئوتتۇرىسىدا روشەن پەرق بار. مەسىلەن، 1914-يىلىدىكى ئۇرۇش يۇقىرى قاتلام كىشىلىرىگە نىسبەتەن تولىمۇ جەلپ قىلارلىق ئىش ئىدى، چۈنكى ئۇلار غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشقان ئۇرۇشلار نەتىجىسىدە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي نەپلەرنىڭ ھاسىل بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نۇرغۇن ھادىسىلەرگە شاھىت بولغانىدى. بىراق 2019-يىلىدىكى ئۇرۇش بولسا بىر نەسىلنى تامامەن يوق قىلىدىغان ئېغىر خەۋپلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

قۇدرەتلىك ئىمپېرىيەلەر ئاسۇرلار ۋە خەن خاندانلىقى دەۋرلىرىدىن باشلاپ ناھايىتى قىيىن شارائىتلاردا قۇرۇلۇپ كەلدى. 1914-يىلىدىمۇ دۇنيادىكى قۇدرەتلىك كۈچلەر ئۇرۇش ئارقىلىق كۈچلۈك نوپۇزلارغا ئېرىشكەنىدى. مەسىلەن، ياپونىيە خىتاي ۋە رۇسىيەنى مەغلۇپ قىلىپ رايوندىكى قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلاندى. گېرمانىيە ئاۋسترىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيەسى ۋە فىرانسىيەنى يېڭىپ ياۋروپانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك سىياسىي كۈچى بولدى. بۈيۈك بىرىتانىيەمۇ دۇنيا مىقياسىدا زور غەلىبىلەرگە ئېرىشىپ دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك ئىمپېرىيەنى قۇرۇپ چىقتى. 1822-يىلىدا بۈيۈك بىرىتانىيە مىسىرنى قورشىۋېلىپ ئىشغال قىلىۋالدى، غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشقان مەرس-ئەل قەبىر ئۇرۇشىدا بۈيۈك بىرىتانىيە ئاران 57 ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. كۈنىمىزدە غەربتىكى ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ بىر مۇسۇلمان دۆلىتىنى ئىشغال قىلىۋېلىشى ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس، ئۆز ۋاقتىدىكى مەرس ئەل قەبىر ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەنگلىيەلىكلەر يەرلىك خەلقنىڭ ئۇنچىۋالا قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىگە دۇچ كېلىپ باقمىغانىدى، ھەتتا 60 يىل نىل دەرياسىنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى زور بولغان سۈۋەيىش قانىلىنى كونترول قىلدى. باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرى بولسا ئەنگلىيەگە قاتتىق ھەۋەس قىلاتتى.  فىرانسىيە، گىرېتسىيە ياكى بىريۇسسېلدىكى ھاكىمىيەتلەر ۋىيېتنام ، لىۋىيە ياكى كونگوغا ئەسكەر ئەۋەتىشنى نىيەت قىلدى، بىراق ئۇلار بۇ جايلارنى ئۆزلىرىدىن بۇرۇن بىرەرسىنىڭ ئىشغال قىلىۋېلىشىدىن تولىمۇ ئەنسىرەيتتى.

ئامېرىكىمۇ ھازىرقىدەك كۈچكە كەلگەن بولسا بۇ نوقۇل ئىقتىسادىي ۋە تېخنولوگىيە ساھەسىدىكى تەرەققىياتلارغا باغلىق ئەمەس ئىدى، بۇنىڭدا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ساھەسىدىكى تىرىشچانلىقلىرىمۇ زور رول ئوينىغان ئىدى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇرۇش زور ئوينىغان ئىدى. ناۋادا، ئۇتاھ، ئارىزونا ۋە مېكسىكا بىلەن كولورادو، كانزاس، ۋيومىڭ ۋە ئوكلاخومانىڭ بىر قىسمىنى ئۇرۇش ئارقىلىق قولغا كىرگۈزگەنىدى. كېلىشىملەر نەتىجىسىدە ئامېرىكا بۇرۇن زېمىنىغا قوشۇۋالغان تېكساسنىڭمۇ سالاھىيىتى مەلۇم بولدى. ئامېرىكا تېررىتورىيەسىنى 2 مىليون 300 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېڭەيتكەن بۇ ئۇرۇشتا، 13 مىڭ ئەسكىرىدىن ئايرىلدى.يەنى ئامېرىكا ئۆز ۋاقتىدا ئۇرۇش ئارقىلىق ئەڭ زور پايدىغا ئېرىشكەن دۆلەت بولدى. قىسقىسى، 1914-يىلى ۋاشىنگتون ، لوندون ۋە بېرلىندىكى يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشقان ئۇرۇشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ۋە قانداق نەپلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بەش قولدەك بىلەتتى. بىراق 2019-يىلى دۇنيادىكى يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى بولسا كىلاسسىك ئۇرۇش چۈشەنچىسىنىڭ تامامەن ئۆزگىرىپ يېڭىچە تۈس ئالغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. بەزى ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىدىكى دىكتاتورلار ۋە غەيرى رەسمىي كۈچلەر ئۇرۇش ئارقىلىق مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق چوڭ كۈچلەر بۇنى قانداق كونترول قىلىشنى بىلەلمەيۋاتقاندەك ئەھۋال كۆرۈلمەكتە.

ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىنى زور ھەربىي چىقىم سەرپ قىلماستىنلا يېڭىۋالدى، ئەلۋەتتە بۇ غايەت زور ئۆزگىرىش خاتىرىلىرىمىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنى يوق. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئامېرىكا ئۇرۇش غەلىبىسىدىن كېلىدىغان تەمنى 1-پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدا قايتىدىن تېتىماقچى بولدى، لېكىن ئەھۋال پەرقلىق بولدى، ئامېرىكا ئىراق ۋە ئافغانىستاندا كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلمىدى، ئامېرىكا ھەربىي ساھەدە ئۆزىنى چۈشۈرۈۋالىدىغان نۇرغۇن ئىشقا دۇچ كەلدى، تىرىليون دوللار سەرپ قىلدى، بىراق كۆزلىگەن نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. 21-ئەسىرنىڭ يۈكسىلىۋاتقان كۈچى خىتاي بولسا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ۋىيېتنام ئۇرۇشىدىن كېيىن تەجرىبە ساۋاقنى يەكۈنلەپ،  ھەر قانداق قوراللىق توقۇنۇشتىن ئۆزىنى قاچۇردى ۋە پۈتۈن كۈچىنى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈردى. نەتىجىدە ئىقتىسادىي جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى. خىتاي بۇ جەرياندا قانداقتۇر 1914-يىلدىكى ياپونىيە، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيەنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلمىدى، بەلكى 1945-يىلدىن كېيىنكى ياپونىيەنى، گېرمانىيەنى ۋە ئىتالىيەنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلدى. ياپونىيە، خىتاي، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ھازىرقىدەك سەۋىيەگە ئۇرۇش ئارقىلىق ئەمەس ئىقتىسادقا مەركەزلىشىش ئاساسىدا كەلدى.

نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ئۇرۇش مەيدانى ھېسابلىنىدىغان ئوتتۇر شەرق رايونىدىمۇ يەرلىك كۈچلەر ئۇرۇشتا قانداق غەلىبە قىلىشنىمۇ ئوبدان بىلمەيدۇ. ئىران ئۇزۇنغا سوزۇلغان ۋە ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىران-ئىراق ئۇرۇشىدىن ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. ئىران بۇ ئەھۋالغا قارىتا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىۋاسىتە ئۇرۇش قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى. ئىران ئىراق ۋە يەمەندىكى بەزى يەرلىك قوراللىق كۈچلەرنى ئىقتىسادىي ۋە قورال جەھەتتىن تەمىنلەپ كەلگەن بولسا، ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچى قىسىملىرىنى سۇرىيە ۋە لىۋاندىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا ياردەم قىلىش مەقسىتىدە ئەۋەتمەكتە. بىراق ھېچقانداق بىر دۆلەتنى بىۋاسىتە ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باقمىدى، ئەلۋەتتە كېيىنچە قانداق قىلىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم. ئىران يېقىنقى مەزگىللەردە رايوندا خېلى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى، بىراق بىرمۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ باققىنى يوق. نەزەرىيە جەھەتتىن ئىران ئۇتۇپ چىقتى، ئىراننىڭ ئىككى چوڭ دۈشمىنى بولغان ئىراق بىلەن ئامېرىكا ئۇرۇشقا كىردى، ھەر ئىككىلىسىنىڭ پىلانى بىتچىت بولدى، بىراق ئۇرۇش ئولجىلىرىغا ئىران ئېرىشتى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئەھۋالىمۇ ئىراندىن پەرقلەنمەيتتى، ئىسرائىلىيە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 1967-يىلى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلدى. ئىسرائىلىيە ئۇ يىلدىن باشلاپ نۇرغۇن ئۇرۇشقا كىرگەن بولسىمۇ، ھەر ئۇرۇشتىن تېخىمۇ كۈچلۈك چىقتى. ئىسرائىلىيە ھەر قېتىم ئىشغال قىلىۋالغان زېمىنلار ئىسرائىلىيەگە خېلى ئېغىر ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي بېسىملار ئېلىپ كەلدى. ئىرانغا ئوخشاش ئىسرائىلىيەنىڭمۇ يېقىنقى مەزگىللەردە گىئو-سىياسىي جەھەتتىن ئەھمىيىتى كۈچەيدى، بۇ ئەھۋالغا قانداقتۇر ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇشتىكى غەلىبىلىرى ئەمەس   ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي سىياسەتلەردىن خالىي بولۇشى سەۋەب بولغانىدى. ئۇرۇش ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراق، سۇرىيە ۋە لىۋىيەدىكى ئەبەدىي دۈشمەنلىرىنى ئېغىر ھالسىراتقان بولسا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇشتىن يىراق تۇردى. ھازىرغىچە نېتانياھۇنىڭ سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشقا ئارىلاشماي ئۇزاق تۇرالىشىمۇ ئۇنىڭ زور ئۇتۇقلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى خالىسا دەمەشىقنى بىر ھەپتە ئىچىدە ئېلىۋېلىشى تامامەن مۇمكىن، بىراق ئىسرائىلىيە بۇنىڭدىن قانچىلىك ئەمەلىي پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ؟ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يەنە غەززەنى دەرھال ئېلىۋېلىپ ھاماس ھاكىمىيىتىنى ئاسانلا ئاغدۇرۇۋېتەلەيدۇ، بىراق ئىسرائىلىيە بۇنداق ئىشتىن يىراق تۇرىدۇ، گەرچە ئىسرائىلىيە سىياسەتچىلىرى داۋاملىق ئۇرۇشتىن گەپ قىلىپ يۈرسىمۇ، شۇنىسى ئېنىقكى ئىسرائىلىيە دۆلىتى ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق كۆزلىگەن نەپكە ئېرىشەلمەيدۇ. ئامېرىكا، خىتاي، گېرمانىيە، ياپونىيە ۋە ئىرانغا ئوخشاش ئىسرائىلىيەمۇ 21-ئەسىردە ئەڭ ئۇتۇقلۇق ئىستراتېگىيەنىڭ بىر چەتكە چىقىۋېلىپ ئۆزگىلەرنىڭ سىزنىڭ ئورنىغا توقۇنۇشىنى تاماشا قىلىش ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەندەك تۇرىدۇ.

كىرىمېل نېمە قىلماقچى؟

ھازىرغىچە، 21-ئەسىردە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ئىشغالىيەتنى رۇسىيەنى ئىشقا ئاشۇردى، رۇسىيە قىرىمنى خەلقئارانىڭ نارازىلىقىغا قارىماي ئىشغال قىلىۋالدى. 2014-يىلى فېۋرالدا ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىۋېلىپ قىرىم يېرىم ئارىلىنى بېسىۋالدى. نەتىجىدە قىرىم رۇسىيەگە مەجبۇرىي تەۋە قىلىندى، رۇسىيە كۆپ ئۇرۇش قىلمايلا ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بىر رايونغا ئېرىشىۋالدى، قوشنىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلدى، دۇنيادا كۈچلۈك دۆلەت ئىكەنلىكىنى قايتىدىن نامايان قىلدى. رۇسىيەنىڭ بۇ قېتىمقى ئىشغالىيىتى بىر قاتار بىنورمال شەرت –شارائىت ئاستىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، نە ئۇكرائىنا ئارمىيەسى نە يەرلىك خەلق رۇسىيەگە كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسەتمىدى. باشقا كۈچلەرمۇ بۇ سىياسىي كىرىزىسقا بىۋاسىتە ئارىلىشىشتىن ساقلاندى. دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بولسا رۇسىيە قىلغاندەك ئىشنى قىلىش تولىمۇ تەسكە توختايتتى، ئۇرۇشتا يېڭىش ھۇجۇم قىلغان تەرەپكە قارشىلىق كۆرسىتىشكە تەييار دۈشمەنلەرنىڭ يوقلىقىغا باغلىق بولىدىغان بولسا، قولدىكى پۇرسەتلەر تولىمۇ چەكلىك دېگەنلىك گەپ.

ھەقىقەتەن رۇسىيە قىرىم غەلىبىسىنى ئۇكرائىنانىڭ باشقا رايونلىرىدىمۇ ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدىيۇ، بىراق قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە دۇچ كەلدى. شەرقىي ئۇكرائىنادا ئۇرۇش تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتتى، ھەممىدىن چاتاق بولغىنى، ئۇرۇش ئۇكرائىنادا رۇسىيەگە قارشى دۈشمەنلىك ئۇرۇقىنىڭ تېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نەتىجىدە ئۇكرائىناغا نىسبەتەن رۇسىيە ئىتتىپاقداش كۈچ بولۇشتىن چىقىپ، دۈشمەنگە ئايلاندى. خۇددى 1-پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدىن غەلىبە قازىنىپ چىققاندىن كېيىن ئىراققا قول سوزغان ئامېرىكىغا ئوخشاش، رۇسىيەمۇ قىرىمنى تارتىۋالغاندىن كېيىن ئۇكرائىناغا قول سوزۇشقا باشلىدى.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، رۇسىيەنىڭ 21-ئەسىرنىڭ بېشىدا كاۋكازىيە ۋە ئۇكرائىناغا قوزغىغان ئۇرۇشلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك دەپ قاراشقا بولمايدۇ. بۇ ئۇرۇشلار رۇسىيەگە كۈچلۈك دۆلەت سالاھىيىتى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، رۇسىيەگە بولغان دۈشمەنلىك ۋە ئىشەنچسىزلىك تېخىمۇ ئۇلغايدى، ھەتتا ئىقتىسادىي جەھەتتىن رۇسىيە ئېغىر بوھرانغا دۇچ كەلدى. قىرىمدىكى ساياھەت رايونلىرى بىلەن لۇھانسك ۋە دونېتسىكتىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قالغان ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن زاۋۇتلار ئۇرۇشنىڭ چىقىمىنى تولدۇرۇشقا يەتمەسلىك بىلەن بىرگە، مەبلەغلەرنىڭ چەت ئەلگە يۆتكىلىشى ۋە خەلقئارانىڭ رۇسىيەگە قويغان ئېمبارگوسىنىڭ سەۋەبلىك كېلىپ چىققان زىياننى تېخىمۇ تولدۇرالمايدۇ. رۇسىيەنىڭ سىياسىتىنىڭ چەك-چېگراسىنى چۈشىنىپ يېتىش ئۈچۈن يېقىنقى 20-يىل ئىچىدە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قولغا كەلتۈرگەن زور ئۇتۇقلىرى بىلەن كۈچلۈك رۇسىيەنىڭ ئوخشاش دەۋردە دۇچ كەلگەن ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇقنى سېلىشتۇرۇشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە.

موسكۋانىڭ جەسۇر سۆزلىرىنى بىر يەرگە قايرىپ قويساق، زور ئېھتىماللىق رۇس سەرخىللىرىمۇ ھەربىي تاكتىكا ۋە سىياسەتلەرنىڭ ھەققى چىقىمى ۋە زىيىنى ئوبدان بىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ھازىرغىچە ئۇرۇشنى ئۇلغايتىدىغان ئىشنى قىلىشتىن يىراق تۇرۇشقا ئۇرۇندى. رۇسىيە مەكتەپ قورۇسىدا چوڭچىلىق قىلغان بالىلارغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلماقتا، ئەڭ ئاجىز ئوقۇغۇچىنى بوزەك قىلىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىشنى كۈتۈۋاتقاندەك ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. پۇتىن ئۇرۇشقا سىتالىن، 1-پېترو ياكى چېڭگىزخاندەك بىر كەيپىيات بىلەن كىرگەن بولسا ئىدى، رۇسىيە تانكىلىرى ۋارشاۋا ۋە بېرلىنغا كىرمىسىمۇ تىفلىس ۋە كىيېۋغا كىرگەن بولاتتى. بىراق پۇتىن نە چېڭگىزخانغا ئوخشىمايدۇ نە ئىستالىنغا ئوخشىمايدۇ. 21-ئەسىردە ھەربىي كۈچنىڭ مەلۇم سەۋىيەگىچە ئىشقا يارايدىغانلىقىنى ۋە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن مەلۇم چەككىچە ئۇرۇش تاكتىكىسى تەتبىق قىلىش لازىملىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. رۇسىيە سۈرىيەدىكى بەزى رايونلارنى داۋاملىق بومباردىمان قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئامال بار سۇرىيە زېمىنلىرىغا كۆپ ئەسكەر ئەۋەتمەسلىككە ئۇرۇنماقتا ۋە ئاساسلىق ئۇرۇشنى باشقىلارغا تاشلاپ قويۇپ ئۇرۇشنىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە كېڭىيىپ كېتىشىگە توسالغۇ بولۇپ كەلمەكتە.

رۇسىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى زوراۋانلىق قىلمىشلىرى قانداقتۇر يېڭى دۇنيا ئۇرۇشىغا ئېلىپ بارىدىغان تۇنجى قەدەملەردىن بەكرەك، مۇداپىئەنى تاشلىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە. رۇسلار 1980 ۋە 1990-يىللاردا مۇداپىئە ئۆتكەن چاغدا، بەلكىم ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگە مەغلۇپ بولغان دۈشمەندەك مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن، ئامېرىكا بىلەن ناتو رۇسىيەنىڭ ئاجىزلىغانلىقىنى غەنىيمەت بىلىپ شەرقىي ياۋروپا، ھەتتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەلىكىدىكى بەزى دۆلەتلەرنى ناتوغا ئەزا قىلدى. غەرب رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مەنپەئەتلىرىگە قارشى ھالدا سېربىيە ۋە ئىراقنى ئىشغال قىلدى، قىسقىسى، غەرب دۇنياسى رۇسىيەگە نوپۇزىنى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىستىلالىرىدىن قوغداشنىڭ يېگانە يولىنىڭ ھەربىي كۈچ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويدى. بۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا، رۇسىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى ھەربىي ئىجرائاتلىرىدا ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ قانچىلىك جاۋابكارلىقى بولغان بولسا ئوخشاشلا كىلىنتون ۋە بۇشنىڭمۇ شۇنچىلىك جاۋابكارلىقى بار.

رۇسىيەنىڭ گىرۇزىيە، ئۇكرائىنا ۋە سۈرىيەگە ھەربىي جەھەتتىن ھۇجۇم قوزغىشىنى، ئەلۋەتتە رۇسىيەنىڭ جاھانگىرلىك سىياسىتىنىڭ خەۋەرچىسى،دەپ چۈشىنىشكە تامامەن بولىدۇ. پۇتىن ھازىرغىچە دۇنياۋى بىر ئۇرۇش پىلانىنى قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق پۇتىننىڭ ھەربىي جەھەتتىن قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى ئۇنىڭ ھەۋىسىنى كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن. بىراق پۇتىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان رۇسىيە ئىستالىننىڭ چاڭگىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى قارىغاندا تېخىمۇ ئاجىز بولۇپ، خىتايغا ئوخشاش چوڭ دۆلەتلەر پۇتىننى قوللىمىسا، ئۇنىڭ دۇنيا خاراكتېرلىك ئۇرۇش قوزغاش ئۇياقتا تۇرسۇن، يېڭى بىر سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىشقا قۇربىمۇ يەتمەيدۇ. رۇسىيەنىڭ جەمئىي نوپۇسى 150 مىليون  بولۇپ، ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 4 تىرىليون دوللار ئەتراپىدا. ھەم نوپۇس ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش نۇقتىسىدىن ئامېرىكىغا (325 مىليون نوپۇس ۋە 19 تىرىليون دوللار) ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى (500 مىليون نوپۇس ۋە 21 تىرىليون دوللار)سېلىشتۇرغاندا خېلىلا كەينىدە تۇرىدۇ. ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرلىشىپ قالسا ئۇ ۋاقىتتا بۇ ئىككى كۈچنىڭ كۈچى بىراقلا ئېشىپ كېتىدۇ.

پەن-تېخنىكا ساھەدە مەيدانغا كەلگەن تەرەققىياتلار دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىدا ئېغىر سانائەت ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى تۈرتكىسىدە ئېرىشكەن ئىدى، ئۇ ۋاقتىدا سوۋېت ئىتتىپاقى دۇنيا ئېغىر سانائەت ساھەسىنىڭ پاراۋۇزلۇق رولىنى ئۆتەيتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى تىراكتور ، يۈك ماشىنىسى، تانكا ۋە قىتئەلەرئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى، كۈنىمىزدە ئۇچۇر-ئالاقە تېخنولوگىيەسى ۋە بىيوتېخنولوگىيە ئېغىر سانائەتكە قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، رۇسىيە بۇ ساھەدە كۆزلىگەن نەتىجىگە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ. رۇسىيەنىڭ سىبەر ئۇرۇش قابىلىيىتى كۈچلۈك بولسىمۇ، بىراق ئىقتىسادىي يەنىلا تەبىئىي بايلىقلارغا تايىنىدۇ. بۇ ئەھۋال ئولگارخىيە (ئاز سانلىق)پەلەمپىيىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدىكى ئۈچ، تۆت كىشىنىڭ چۆنتىكىنى توشقۇزۇشقا ۋە پۇتىننى ھاكىمىيەتتە تۇتۇپ تۇرۇشقا يارايدۇ، خالاس، بىراق دىگىتال ياكى بىيوتېخنولوگىيەلىك جەھەتتە قوراللىنىش رىقابىتىگە كىرىشىگە يەتمەيدۇ.

قىسقىسى، پۇتىن ھۆكۈمران قىلىۋاتقان رۇسىيە دۇنيا خاراكتېرلىك بىر ئىدېئولوگىيەدىن مەھرۇمدۇر. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە قىزىل ئارمىيەسىنىڭ دۇنياغا تەڭ كېلەلەيدىغان قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە، شۇنداقلا كوممۇنىزمنىڭ دۇنياغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى.بىراق پۇتىن كۇبالىق، ۋىيېتناملىق ياكى فىرانسۇز زىيالىيلارنى جەلپ قىلالايدىغان بىر نەرسە بېرەلمەيدۇ. ھاكىم مۇتلەق مىللەتچىلىك ئېقىمى دۇنياغا تېز سۈرئەتتە تارقالماقتا، بىراق ھاكىم مۇتلەق مىللەتچىلىك ئېقىمى تەبىئىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە بىر-بىرىگە باغلىق خەلقئارا قۇتۇپلارنىڭ قۇرۇلۇشىغا ۋاسىتە بولالايدىغان نەرسە ئەمەس. ھەم پولشا كوممۇنىزمى ھەمدە رۇسىيە كوممۇنىزمى نەزەرىيە جەھەتتىن بولسىمۇ ئىنتېرناتسىيونال ئىشچى سىنىپىنىڭ ئالەمشۇمۇل مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان بولسىمۇ، پولشا مىللەتچىلىكى بىلەن رۇس مىللەتچىلىكى تەبىئىتىگە ئاساسەن بىر-بىرىگە زىت مەنپەئەتلەرنى تەشەببۇس قىلىدۇ. پۇتىننىڭ قۇدرەت تېپىشى پولشا مىللەتچىلىكنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە سەۋەب بولىدۇ، بۇ ئەھۋال پولشادا رۇسىيەگە قارشى دۈشمەنلىك خاھىشىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولىدۇ، خالاس.

بۇ سەۋەبتىن رۇسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنى رۇسىيەنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلەپ يالغان خەۋەر تارقىتىش ئارقىلىق خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغاشقا تىرىشىدۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە رەسمىي ئۇرۇش ئېچىشقا پېتىنالمايدۇ. رۇسىيەنىڭ قىرىمنى ئىشغال قىلىۋېلىشى ۋە گىرۇزىيە بىلەن شەرقىي ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشى مۇستەسنا بىر ئەھۋالدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەسلىكى ۋە يېڭى ئۇرۇش دەۋرىنىڭ بېشارىتى بولالمايدىغانلىقىنى رېئاللىقتىكى نۇرغۇن ۋەقەلەرگە قاراپ بىلىش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس.

ئۇرۇشتا غەلىبە قازىنىش سەنئىتى

چوڭ كۈچلەرنىڭ غەلىبە بىلەن ئاخىرلىشىدىغان كەڭ كۆلەملىك بىر ئۇرۇشنى قوزغىشى نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا تەس؟ بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەبتىن بىرسى ئىقتىسادنىڭ تەبىئىتىدىكى ئۆزگىرىشچانلىقتۇر. ئۆتمۈشتە ئىقتىسادىي بايلىقلارنىڭ كۆپ قىسمى ماددىي نەرسىلەردىن تەشكىل تاپاتتى، بۇ سەۋەبتىن ئۇرۇش ئارقىلىق باي بولۇش نىسبەتەن ئاسانغا توختايتتى. دۈشمەنلىرىمىزنى ئۇرۇش مەيدانىدا يېڭىۋالساق شەھەرلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ خەلقىنى قۇل بازارلىرىدا سېتىپ، قىممەتلىك مەدەن بايلىقلىرىنى، تېرىلغۇ ئېتىزلارنى مۇسادىرە قىلىپ زور كىرىمگە ئېرىشەلەيتتۇق. رىملار مەھبۇس گىرېك ۋە گاليالىقلارنى سېتىپ كىرىم قىلاتتى، 19-ئەسىردىكى ئامېرىكىلىقلار كالىفورنىيەنىڭ ئالتۇن كانلىرى بىلەن تېكساسنىڭ كالىلىرىنى بۇلاش ئارقىلىق باي بولغانىدى.

بىراق 21-ئەسىردە بۇنداق يوللار بىلەن ئاز كىرىمگە ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن، كۈنىمىزدە ئاساسلىق ئىقتىسادىي بايلىق قانداقتۇر بۇغداي ئېتىزلىقلىرى، ئالتۇن كانلىرى، ھەتتا نېفىت قۇدۇقلىرى ئەمەس بەلكى تېخنولوگىيە، قۇرۇلمىلىق ئۇچۇر-مەلۇمات، شۇنداقلا پەن ساھەسىدىكى نەتىجىلەردۇر، لېكىن بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئۇرۇش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. دائېشقا ئوخشاش تەشكىلاتلار ھېلىھەم ئوتتۇرا شەرقتىكى شەھەرلەر ۋە نېفىت قۇدۇقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ كىرىم قىلىشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتقان بولسىمۇ (دائېش ئىراق بانكىلىرىدىن 500 مىليون دوللاردىن كۆپرەك پۇلنى بۇلىۋالدى، بۇنىڭدىن باشقا 2015-يىلى نېفىت سېتىپلا 500 مىليون دوللاردىن ئارتۇق كىرىم قىلغان)، خىتاي ياكى ئامېرىكىغا ئوخشاش چوڭ دۆلەتلەرگە نىسبەتەن بۇ تىرناقتىكى كىردىن باشقا نەرسە ئەمەس. يىللىق ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى تىرىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەي خىتايغا نىسبەتەن ئازغىنە پۇلنى دەپ ئۇرۇش چىقىرىشى ناتايىن. ناۋادا خىتاي ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇش ئاچقان تەقدىردىمۇ، سەرپ قىلىدىغان تىرىليون دوللاردىن باشقا بارلىق ئۇرۇش زىيانلىرى ۋە قولدىن كەتكەن سودا پۇرسەتلىرىنى تولۇقلىيالىشى مۇمكىنمۇ؟ خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى سىلىكون ۋادىسىنىڭ خەزىنىلىرىنى بولۇۋېلىشى مۇمكىنمۇ؟ ئالما، فېيىسبۇك ۋە گوگۇلغا ئوخشاش شىركەتلەرنىڭ بازار قىممىتى يۈزلەرچە مىليارد دوللار قىممىتىدە بولۇپ، بۇ شىركەتلەرنى كۈچ ئىشلىتىپ قولغا كىرگۈزەلمەيسىز. سىلىكون ۋادىسىدا سىلىسيۇم مەدەنلىرى پەقەتلا يوق.

شۇنداقتىمۇ غەلىبە ئېلىپ كېلىدىغان بىر ئۇرۇش، غەلىبە قىلغۇچىنىڭ دۇنيا سودا تۈزۈمىنى ئۆز مەنپەئەتىگە ئاساسەن قايتىدىن رەتلەپ چىقىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق نەزەرىيە جەھەتتە نەپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ناپولىيوننى يېڭىۋالغان ئەنگلىيە ۋە گىتلېرنى مەغلۇپ قىلغان ئامېرىكىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا قىلغىنىغا ئوخشاش. بىراق ھەربىي تېخنولوگىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر 21-ئەسىردە بۇنداق بىر لايىھەنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئاتوم بومبىسى دۇنيا ئۇرۇشىدا غەلىبە ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق يۈز مىڭلارچە ئىنساننىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى. خىرىشومادىن كېيىن ھېچقانداق بىر چوڭ دۆلەتنىڭ بىر-بىرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇرۇشقا كىرمەسلىكى ۋە پەقەتلا ئۆزلىرىگە نىسبەتەن ئاز خەتەر ئېلىپ كېلىدىغان، يېڭىلمەسلىك ئۈچۈن يادرو قوراللىرى ئىشلىتىش ئېھتىماللىقى تۆۋەن توقۇنۇشلارغا كىرىشى تاسادىپىي ئەمەس. ھەتتا شىمالىي كورېيەگە ئوخشاش ئىككىنچى دەرىجىدىكى بىر يادرو قوراللىرىغا ئىگە بىر دۆلەتكە ھۇجۇم قىلىشقا ھېچكىم ئالدىراپ پېتىنالمايدۇ. كىم جوڭئۇن ئائىلىسى ناۋادا ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قالىدىغانلىقىنى پەملىسە بۇ چاغدا بۇ ئائىلىنىڭ نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى ئويلاشنىڭ ئۆزىلا تولىمۇ ۋەھىمىلىكتۇر.

جاھانگىرلىكنىڭ تاماسىدا يۈرۈۋاتقانلارغا  نىسبەتەن سىبەر ئۇرۇشى ئىشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ. خانىش ۋىكتورىيە بىلەن ماكسىم مىلتىقلار ھۆكۈم سۈرگەن بۇرۇنقى چاغلاردا ئەنگلىيە ئارمىيەسى مانچېستېر بىلەن بىرمىڭھامنىڭ خاتىرجەم ھاياتىغا دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن، يىراق چۆللەردىكى كىشىلەرنى قەتل قىلاتتى. جورج بۇش دەۋرىدىمۇ ئامېرىكا ئارمىيەسى باغداد ياكى فەللۇجەنى ۋەيران قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، ئىراقلىقلار سان فىرانسىسكو ياكى چىكاكودىن ئىنتىقام ئېلىشتىن چارىسىز ئىدى. كۈنىمىزدە بولسا ئامېرىكا ئوتتۇرھال سەۋىيەدىكى سىبەر ئۇرۇش تېخنىكىسىغا ئىگە بىرەر دۆلەتكە ھۇجۇم قوزغاپ قالسا، ئۇرۇش ئىللىنيوس ياكى كالىفورنىيەگە بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا يېتىپ بارىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. زىيانلىق يۇمشاق دېتال پىروگراممىلىرى ياكى مەنتىق بومبىلىرى داللاستا ھاۋا قاتنىشىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ پىلادېلپىيادا پويىزلارنى سوقۇشتۇرۇۋېتەلىشى، ھەتتا مىشىگاننىڭ توك لىنىيەسىنى ئۈزۈپ تاشلىشى مۇمكىن.

چوڭ پەتىھلەر دەۋرىدە ئۇرۇش ئاز چىقىم بىلەن كۆپ كىرىمگە ئېرىشتۈرۈشنى ئاساس قىلىدىغان مەسىلە ئىدى. 1066-يىلدىكى ھاستىڭ جېڭىدە 1-ۋىليام ئەنگلىيەنى بىر كۈن ئىچىدىلا قولغا قولغا كىرگۈزۈۋالغانىدى، 1-ۋىليام بۇ ئۇرۇشتا ئاران 1000 ئەسكەر چىقىم تارتقانىدى. يادرو قوراللار ۋە سىبەر ئۇرۇش بولسا كۆپ چىقىم بىلەن ئاز كىرىم قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان تېخنولوگىيەلەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋاسىتىلەردىن كىرىمگىلا تۇرغان ئىمپېرىيەلەر بەرپا قىلىش مەقسىتىدە بىر دۆلەتنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش ئۈچۈن پايدىلانسا بولىدۇ.

بۇ سەۋەبتىن ئۇرۇش تەھدىتلىرى ۋە دۈشمەنلەرچە ھېس-تۇيغۇلار قاپلاپ كەتكەن دۇنيادا تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان يېگانە نەرسە، بەزى چوڭ كۈچلەرنىڭ ھازىرقى شارائىتتا ئۇرۇشتا قانداق غەلىبە قىلىشىدىن بىخەۋەر ھالەتتە تۇرۇشىدۇر. چىڭگىزخان ياكى جۇل سەزەر ئۆزگە دىيارلارنى ئىككىلەنمەي ئىستېلا قىلدى، بىراق كۈنىمىزدە ئەردوغان، مودى ۋە نېتانياھۇغا ئوخشاش مىللەتچى رەھبەرلەر چوڭ گەپلەرنى قىلسىمۇ ئۇرۇش قوزغاشقا كەلگەندە قاتتىق ئېھتىيات قىلىدۇ. ناۋادا تۇيۇقسىز بىرسى چىقىپ 21-ئەسىرنىڭ ھازىرقى شارائىتىدا ئۇرۇشتا قانداق غەلىبە قىلغىلى بولىدىغانلىق توغرىسىدا بىرەر فورمۇلا تاپالىسا، چاتاق يېرى دوزاخنىڭ ئىشىكى بىردىنلا ئېچىلىپ كېتىشى مۇمكىن. رۇسىيەنىڭ قىرىمدا قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىسىنى ۋەھىمىلىك بىر بېشارەت قىلىپ قويغان دەل مۇشۇ نەرسە ئىدى. بىز بۇنىڭ مۇستەسنا بىر ئەھۋال بولۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز، يەنى تەكرارلانماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەخمىقانە ئىشلار

ئەپسۇس 21-ئەسىردە ئۇرۇش زور مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغان بىر ئىش بولمىسىمۇ، بۇ قانداقتۇر مۇتلەق غەلىبىنىڭ كاپالەتچىسى بولالمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ دۆتلۈكىگە قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئىنسانلار ھەم شەخسىي ھەمدە كوللېكتىپ جەھەتتە ئۆز-ئۆزىگە زىيان بېرىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ماھىر ۋە مايىل كېلىدۇ.

1939-يىلى ئۇرۇشقا كىرىش بەزى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن زىيانلىق ۋە ئەخمىقانىلىق ھېسابلىناتتى. بىراق بۇ ئەھۋال يەنىلا دۇنيانىڭ قان كۆلىگە ئايلىنىپ كېتىشىنى توسۇپ بولالمىدى. 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا دائىر كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىشلاردىن بىرى، مەغلۇپ بولغان دۆلەتلەرنىڭ بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا نەچچە ھەسسە تەرەققىي قىلىپ باياشات ھالغا كېلىشى بولدى. قۇدرەتلىك ئارمىيەسى ۋەيران بولۇپ ئىمپېرىيەلىرى تامامەن يىمىرىلىپ 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن نېمىسلار، ئىتالىيەلىكلەر ۋە ياپونلار مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشتى. ئۇنداقتا ئۇلار نېمىشقا ئۇرۇشقا كىردى؟ نېمە ئۈچۈن مىليونلارچە ئىنساننىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى؟ ئېچىنىشلىقى، ھەممىسى ئەخمىقانە ۋە يوقىلاڭ سەۋەبلەر تۈپەيلى… 1930-يىللاردا ياپون گېنېراللار، ئوفىتسېرلار، ئىقتىسادچىلار ۋە مۇخبىرلار كورېيە، مانجۇرىيە ۋە خىتاي دېڭىز ساھىللىرى قولغا كىرگۈزۈلمىگەن تەقدىردە، ياپونلارنىڭ ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇققا دۇچ كېلىدىغانلىق يەكۈنىنى چىقىرىشتى. ئەپسۇس ئۇلار ئېغىر خاتالاشقانىدى. ئەسلىدە ياپون مۆجىزىسى ياپونىيە قۇرۇقلۇقنى كونترول قىلىش ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن ۋۇجۇدقا چىقتى.

ئىنسانلارنىڭ دۆتلۈكى ئەڭ مۇھىم تارىخىي سەۋەبلەردىن بىرى بولسىمۇ، بىراق بىز ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا بۇنى نەزەرگە ئېلىپ كەتمەيمىز ياكى ئالغۇمىز كەلمەيدۇ. سىياسەتچىلەر، گېنېراللار ۋە ئاكادېمىكلەر دۇنيانى ھەر تاكتىكا تولىمۇ ئەستايىل پىلانلانغان مەنتىقىلىق پىلانلار دائىرىسىدە ئوينىلىدىغان شاھمات ئويۇنىدەك كۆرىدۇ. بۇ مەلۇم جەھەتتىن توغرا بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تارىختا قىپ قىزىل ساراڭ بولغان ۋە پىچكىلار بىلەن ئاتلارنى ئۇستىلىق بىلەن يۆتكەپ ماڭالايدىغان تولىمۇ ئاز لىدېر ياشاپ ئۆتكەن. گېنېرال تاجو، ساددام ھۈسەيىن ۋە كىم جوڭئىل قاتارلىق شەخسلەر ئۆزلىرى يولغا قويغان سىياسەتلەرنى مەنتىقىلىق ئىش قىلدۇق، دەپ ئويلىغانىدى، بۇمۇ مەلۇم جەھەتتىن توغرا. بۇ يەردىكى مەسىلە دۇنيانىڭ بىر شاھمات تاختىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇرەككەپ بولۇشى بولۇپ، دۇنيا ھەقىقەتەن ئىنساننىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان مۇرەككەپ قۇرۇلمىغا ئىگىدۇر. بۇ سەۋەبتىن شۇنداق ئەقىللىك ۋە  دانا لىدېرلارمۇ پات-پات ئەجەللىك خاتالىق ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ.

ئۇنداقتا يەنە بىر دۇنيا ئۇرۇشى يۈز بېرىشىدىن قانچىلىك دەرىجىدە قورقۇشقا توغرا كېلىدۇ؟ ئىككى ئاشقۇن تەرەپتىن نوقۇل بىرىگىلا ئېغىپ كەتمەسلىك كېرەك. مەسىلىگە بىر جەھەتتىن قارايدىغان بولساق ئۇرۇشنى قەتئىي يۈز بەرمەيدۇ، دېيەلمەيمىز. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ تىنچ بىر شەكىلدە ئاخىرلىشىشى، ئەمەلىيەتتە ئىنسانلار توغرا قارار چىقارغاندا چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ۋەقە چىقماي تۇرۇپمۇ مەسىلىسىز ھەل بولىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. يەنە بىر جەھەتتىن، يېڭى بىر دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ مۇقەررەر يۈز بېرىدىغانلىقىنى پەرز قىلىشمۇ خەتەرلىك بولۇپ، بۇنداق ئويلىۋېلىش ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان بىرەر پالاكەتكە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. دۆلەتلەر ئۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئويلاشقا باشلىغان ھامان ئارمىيەسىنى كۈچەيتىشكە ۋە قوراللىرىنى سەر خىللاشتۇرۇشقا تۇتۇش قىلىدۇ، ھەر قانداق بىر كېلىشىم تۈزۈشكە ئىجابىي قارىمايدىغان ۋە قارشى تەرەپنىڭ ياخشى نىيىتىدىنمۇ گۇمانلىنىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇرۇشنىڭ كېلىپ چىقىشىغا مۇۋاپىق شارائىت تەييارلاپ بېرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا ئۇرۇشنى پەقەتلا يۈز بەرمەيدۇ،دەپ ئويلىۋېلىشمۇ توغرا ئەمەس. ئۇرۇش ھەممە ئادەمگە پالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇرۇش يۈز بەرسە بىزنى ئۇنىڭدىن كىم قوغدايدۇ؟

كەمتەرلىك ئىنساننىڭ دۆتلۈكىگە شىپا بولالايدىغان ئۈنۈملۈك چارىدۇر. بىر مىللەت ئۆز مىللىتى، دىنى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ باشقا مىللەت، دىن ۋە مەدەنىيەتكە قارىغاندا ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى، ئۆز مەنپەئەتىنىڭ ئۆزگىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەلا ئىكەنلىكىنى ئويلىۋالغاچقا، دۇنيادا مىللىي،دىنى ۋە مەدەنىيەت توقۇنۇشلىرى يۈز بېرىدۇ. مىللەتلەرنى، دىنلارنى ۋە مەدەنىيەتلەرنى بۇ دۇنيادىكى ئورنى ھەققىدە قانداق قىلغاندا تېخىمۇ چىن ۋە كەمتەرلىك بىلەن ئويلاشقا رىغبەتلەندۈرەلمەيمىز؟

ئادىلجان ئەرئۇيغۇر تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*