21-ئەسىردە: نادانلىق

2019-يىلى 14-مارت

(ئۆزىڭىز ئويلىۋالغاندەك كۆپ نەرسە بىلىشىڭىز ناتايىن)

يۇۋال ھارىرى

كىتابىمىزنىڭ ئالدىنى بۆلۈملىرىدە كۈنىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان غايەت زور ھادىسىلەر، تېررورىزم خەۋپى ، تېخنولوگىيەلىك تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىندى. بۇ ۋەھىمىلىك ھادىسىلەر سىلەرنى چارچىتىپ قويغان ۋە بۇلارنى چۈشىنىپ ھەزىم قىلىشتا قىينىلىپ قالغان بولۇشىڭلار مۇمكىن،بۇنداق بولۇشى تولىمۇ تەبىئىي ئەھۋال، بۇلارنى توغرا چۈشىنىپ قوبۇل قىلىش ھەقىقەتەن تەس، ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ.

لىبېرال يەنى ئەركىن چۈشەنچە كېيىنكى ئەسىرلەردە ئەقلىي ئىنسانلارغا زور ئىشەنچ ئاتا قىلدى، شۇنداقلا ئىنسانلارغا  مۇستەقىل ئەقىل ئىگىسى سۈپىتىدە قاراپ، ئىنسانلاردىن ئىبارەت بۇ قالتىس مەخلۇقنى زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ ئۇل تېشى قىلدى. دېموكراتىيە ئەڭ ياخشى تاللاشنى سايلىغۇچى بىلىدۇ، دېگەن پىرىنسىپ ئۈستىگە قۇرۇلدى. ئەركىن بازار كاپىتالىزمى خېرىدارنىڭ ھەر ۋاقىت يوللۇق ۋە ھەقلىق بولۇشىغا ئىشىنىدۇ، شۇنداقلا لىبېرال مائارىپ تۈزۈلمىسى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگىتىدۇ.

بىراق زامانىۋى دەۋرنىڭ ئەقلىي ئىنسانلىرىغا بۇنچىلىك ئىشىنىپ كېتىشكە قەتئىي بولمايدۇ. فېمىنىست (ئايالچىلىق) ۋە مۇستەملىكەدىن ھالقىغۇچى (پوست كولونيال)زىيالىيلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك، ”زامانىۋى دەۋرنىڭ ئەقلىي ئىنسانلىرى“يۇقىرى قاتلام ئەرلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ۋە كۈچىنى مۇقەددەسلەشتۈرىدىغان شوۋىنىستىك بىر غەرب فانتازىيەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇرۇنمۇ دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھەرىكەتچان نەزەرىيەگە مايىل ئىقتىسادچىلار ۋە تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىگە مايىل پىسخولوگلار، ئىنسانلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ مۇھاكىمە ۋە ئەقىل يول بىلەن ئەمەس ھېس-تۇيغۇ ۋە سېزىمىغا ئاساسەن قارار ۋە خۇلاسە چىقىرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ھېس-تۇيغۇلىرىمىز بىلەن سېزىملىرىمىزنىڭ تاش دەۋردىكى ھاياتقا ماس كېلىشنىڭ ئەكسىچە، سىلىكون دەۋرىگە ماسلىشالمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئەسلىدە راتسىيوناللىقلا يەنى زىيادە ئەقلىيلىقلا ئەمەس ئىندىۋىدۇئاللىقمۇ ئەپسانىدىن ئىبارەت. ئىنسانلار ناھايىتى ئاز ۋاقىت ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئويلىيالايدۇ. بىز كۆپ قىسىم چاغلاردا كوللېكتىپ ھالەتتە ئويلايمىز. بىر بالىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن بارلىق قەبىلە ئەزاسىنىڭ كۈچ چىقىرىشىغا ئېھتىياج تۇغۇلغىنىغا ئوخشاش بىر قورال ياساپ چىقىش، بىر ئىختىلاپنى ھەل قىلىش ياكى بىر كېسەلنى ساقايتىش ئۈچۈنمۇ قەبىلە ئورتاق كۈچ چىقىرىشى كېرەك. ھېچبىر شەخس ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل چېركاۋ ياساپ بولالمايدۇ،  ياكى ئاتوم بومبىسى ۋە ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىپ بولالمايدۇ. ئىنساننى باشقا مەخلۇقلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ۋە بىزنى بۇ دۇنيانىڭ خوجايىنى سالاھىيىتىگە ئىگە قىلغان نەرسە شەخسىي ئەقلىمىز بولماستىن بەلكى چوڭ-چوڭ گۇرۇپپا ھالىتىدە بىرلىكتە ئويلاپ ھەرىكەت قىلىش قابلىيىتىمىزدۇر.

ئىنسانلار ئۆز ئالدىغا دۇنيا توغرۇلۇق كىشىنى ھەقىقەتەن خىجىل قىلىدىغان دەرىجىدە ئاز نەرسە بىلىشىدۇ ۋە ۋاقتىنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ ئاز نەرسە بىلىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ. تاش دەۋرىدە ياشىغان بىر ئىنسان ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل كىيىم تىكىشنى، ئوت يېقىشنى، توشقان ئوۋلاشنى، يولۋاسلاردىن قېچىشنى بىلەتتى. كۈنىمىزدە ئۆزىمىزنى نۇرغۇن نەرسىنى بىلىدىغاندەك ئويلىۋالساقمۇ بىراق مۇستەقىل ئۆز ئالدىمىزغا ناھايىتى ئاز نەرسە بىلىمىز. ھازىر بىز ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق ئېھتىياجلىرىمىزنى قامداش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ مۇتەخەسسىسلىكىگە ئىشىنىدىغان بولۇپ قالدۇق. بىر تەتقىقاتتا  ئىنسانلاردىن ئادەتتىكى بىر سىيرىتمانىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى قانچىلىك بىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق سوئال سورالغاندا، كۆپ قىسمى بۇنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى دەپتۇ. ئارقىدىن بۇ ئىنسانلاردىن  سىيرىتمىنى تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ بېرىش تەلەپ قىلىنىپتۇ، ئەپسۇس كۆپ قىسمى بۇ سىيرىتما ھەققىدە كۆپ نەرسە بىلمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىپتۇ. ستېۋېن سلومەن ۋە فىلىپ فېرنباچ بۇ ئەھۋالنى ”مەلۇمات كۆلەڭگىسى“دەپ ئاتايدۇ. بىز ناھايىتى ئاز نەرسە بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىمىزنىڭ نۇرغۇن نەرسىنى بىلىدىغانلىقىنى ئويلىۋالىمىز. چۈنكى باشقىلارنىڭ كاللىسىدىكى بىلىمنى ئۆزىمىزنىڭ كاللىسىدىكى بىلىمدەك ئويلىۋالىمىز.

بۇ قانداقتۇر ناچار ئەھۋال ئەمەس. بىزنىڭ كوللېكتىپ تەپەككۇرغا بولغان ئىشەنچىمىز بىزنى دۇنيانىڭ خوجايىنى قىلدى ۋە مەلۇماتلارنىڭ كۆلەڭگىسى نەتىجىسىدە ھەممە نەرسىنى ئۆز ئالدىمىزغا مۇستەقىل چۈشىنىشتەك ئىمكانسىز بىر ئىشنى قىلماي تۇرۇپمۇ بىمالال ياشىيالايمىز. تەدرىجىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىن باشقىلارنىڭ بىلىمىگە ئىشىنىش ئىنسانغا نىسبەتەن تولىمۇ پايدىلىق ئىش ھېسابلىنىدۇ.

بىراق ئىنساننىڭ ئۆتمۈشتە تولىمۇ قىممەتلىك ھېسابلىنىدىغان لېكىن كۈنىمىزدە قىممەتسىز بولۇپ قالغان نۇرغۇن ئالاھىدىلىكىگە ئوخشاش مەلۇمات كۆلەڭگىسى ھادىسىسىنىڭمۇ نۇرغۇن سەلبىي تەرىپى بار. دۇنيا بارغانچە مۇرەككەپلىشىپ بارماقتا ۋە ئىنسانلار ئەتراپتا بولۇپ ئۆتكەن ھادىسىلەرنى كۆزىتىپ چۈشىنىشتىن ئاجىز كەلمەكتە، ھەممىدىن ئېچىنىشلىق بولغىنى، ئىنسانلار بۇ ئاجىزلىقىنى ئاڭقىرالماي خاتىرجەم ياشىماقتا. ئەھۋال مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق تۇرۇپمۇ، مېتېئورولوگىيە ياكى بىيولوگىيە توغرۇلۇق ھېچنېمە بىلمەيدىغان بىرسى، ئىككىلەنمەي  كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە گېنى ئۆزگەرتىلگەن زىرائەتلەر توغرۇلۇق سىياسىي تەكلىپلەرنى بېرەلەيدۇ. خەرىتىدە ئىراق ياكى ئۇكرائىنانىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدىغان كىشىلەر، بۇ دۆلەتلەر نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا كەسكىن قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. ئىنسانلار نادانلىقىنى تازا ئاڭقىرىپ بولالمايۋاتىدۇ چۈنكى ئۆزلىرىنى ئۆزىگە ئوخشاش ئويلايدىغان دوستلار ۋە ئويلىغانلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان خەۋەرلەردىن تەشكىل تاپقان بىر ئۆينىڭ ئىچىگە سولىۋالىدۇ ۋە بۇ ئۆيدە ئېتىقادى، تەپەككۇر ۋە ھەرىكەت شەكلى ئوزۇق ئېلىپ تۇرىدۇ، بىراق بۇلار توغرۇلۇق قەتئىي ئويلانمايدۇ.

ئىنسانلارنى تېخىمۇ كۆپ ۋە سەۋىيەلىك ئۇچۇر مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەپ ئىشنى ئەپلەپ كېتىش تولىمۇ تەسكە توختايدۇ. ئىلىم ئەھلىلىرى  خاتا چۈشەنچىلەرنى تېخىمۇ توغرا ۋە ئۈنۈملۈك ئىلمىي تەلىم تەربىيە ئارقىلىق ھەل قىلىشنى، مۇتەخەسسىسلەرمۇ ئوباماكارە ياكى يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە ئوخشاش مەسىلىلەردە كەڭ جامائەتچىلىكنى كونكرېت ھادىسە ۋە ئىلمىي دوكلاتلار تەقدىم قىلىش ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇنداق ئارزۇلار ئىنسانلارنىڭ ھەقىقەتەن قانداق ئويلايدىغانلىقىنى خاتا چۈشىنىۋېلىشنىڭ نەتىجىسىدۇر، نۇرغۇن چۈشەنچىمىز شەخسىي ئەقلىيلىك دائىرىسىدە ئەمەس كوللېكتىپ چۈشەنچە دائىرىسىدە شەكىللىنىدۇ، شۇڭا بىز كوللېكتىپتىن ئايرىلىپ قالماسلىق ياكى كوللېكتىپقا سادىق بولۇش ئۈچۈن بۇ چۈشەنچىلەردىن ۋاز كېچەلمەيمىز. ئىنسانلارنى سانلىق مەلۇماتلارغا كۆمۈپ شەخسىي نادانلىقىنى ئاشكارىلاش تەتۈر نەتىجە پەيدا قىلىشى مۇمكىن، چۈنكى نۇرغۇن ئىنسان سانلىق مەلۇماتلارنى ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدۇ، مەسىلەن، ئىنسانلارنى كىلىماتنىڭ ئىسسىپ كېتىشى توغرۇلۇق قايىل قىلماقچى بولسىڭىز ئامال بار سانلىق مەلۇماتلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىپ ئاۋارە بولماڭ.

كوللېكتىپ چۈشەنچىنىڭ كۈچى شۇنچىلىك قۇدرەتلىككى، بۇ چۈشەنچىلەر شۇنچىلىك ئاددىي بولسىمۇ ئۇنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇش تولىمۇ قىيىن. مەسىلەن، ئامېرىكىدا مىللەتچىلەر مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە نەسلى يوقاپ كېتىش ئالدىدىكى تۈرلەرگە ئوخشاش مەسىلىلەرگە سولچىللارغا قارىغاندا ئازراق كۆڭۈل بۆلىدۇ. شۇڭلاشقا لۇيىسسانا ئىشتاتىنىڭ مۇھىتقا دائىر قانۇنلىرى ماسساچۇسنىڭ قانۇنلىرىغا قارىغاندا نىسبەتەن يېنىك . بىزگە بۇ ئىشلار تولىمۇ نورمال بىلىنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئەھۋال ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئەنئەنىچىلەر ۋە مىللەتچىلەر ئەسلىدە ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق ۋە ۋەتەن زېمىنىنىڭ، ئورمان، تاغ ۋە دەريالارنىڭ بۇزۇلماي ساق قېلىشىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك ئىدى، شۇنداقلا يېڭىلىقچىلار سەھرا قىشلاقلاردا زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ بېرىشى، بولۇپمۇ تەرەققىياتنى تېزلەشتۈرۈش ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك ئىدى. بىراق پارتىيەنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەر خىل تارىخىي ھادىسىلەر نەتىجىسىدە ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن، ئەنئەنىچى ۋە مىللەتچىلەر مەينەت دەريالار ۋە ئېغىر زىيانلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولۇپ قالغان بولسا، يېڭىلىققا مايىل سولچىلار ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن تولىمۇ ئەنسىرەيدۇ.

ئەپسۇس، ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ كوللېكتىپ چۈشەنچىنىڭ قۇدرىتىدىن قۇتۇلالىغان ئەمەس. سانلىق مەلۇماتلارنىڭ جامائەت پىكرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ  ئىلمىي كوللېكتىپ چۈشەنچىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر سانلىق-مەلۇماتلارنىڭ قۇدرىتىگە ئىشىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، قارشى پىكىرنى قۇۋۋەتلەيدىغان نۇرغۇن سانلىق-مەلۇمات ۋە ئىسپات بولغان تەقدىردىمۇ  يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ قارىشىغا دائىر سانلىق مەلۇماتنى ياقلاش ئارقىلىق جامائەت پىكىرىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

ئوخشاشلا لىبېرالىزمنىڭ شەخسىي ئەقلىيلىككە بولغان چىن ئېتىقادىمۇ لىبېرال سىنىپ چۈشەنچىسىنىڭ مەھسۇلاتىدۇر. مونتىي پىيتخوننىڭ ”بىرېيىننىڭ ھاياتى“ناملىق فىلىمىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى، ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان بىر تۈركۈم كىشىنىڭ بىرېيىننى ئەيسا مەسىھ دەپ ئويلىۋېلىشى ئىدى. بىرېيىن مۇرىتلىرىغا مۇنداق خىتاب قىلىدۇ: مۇرىتلىرىم بولۇشۇڭلارغا كېرەك يوق، شۇنداقلا ھېچكىمگە ئەگىشىشنىڭ كېرىكىمۇ يوق، سىلەر ئۆز ئالدىڭلارغا مۇستەقىل ئويلاشنى ئۆگىنىشىڭلار كېرەك، چۈنكى ھەممىڭلار ئەركىن ۋە مۇستەقىل ئىنسانسىلەر، ھەممىڭلار ئۆزگىچە ۋە ئالاھىدە ئادەملەرسىلەر.“ قاتتىق ھاياجان ئىچىدىكى كىشىلەر يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپ مۇنداق دەيدۇ: توغرا ھەممىمىز ئۆزگىچە، ئەركىن ۋە مۇستەقىل ئىنسانمىز.مونتېي پىيتخون 1960-يىللاردا مودا بولغان ”قېچىر مەدەنىيىتى“دىكى ئورتودوكسلىقنى ئوچۇق-ئاشكارا مەسخىرە قىلاتتى. ئوخشاشلا ئەقلىي ئىنسان چۈشەنچىسىگە نىسبەتەنمۇ بۇ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن. ھازىرقى زاماندىكى دېموكراتىك تۈزۈملەر يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ”توغرا، ئەڭ ياخشىسىنى سايلىغۇچىلار بىلىدۇ، توغرا خېرىدار ھەر ۋاقىت يوللۇقتۇر، دەپ ۋارقىرايدىغان كىشىلەر بىلەن تولغان.

كۈچنىڭ قارا ئۆڭكۈرى

كوللېكتىپ چۈشەنچىسى ۋە شەخسلەرنىڭ نادانلىقىغا دائىر بۇ مەرەز نوقۇل سايلىغۇچىلار ۋە خېرىدارلاردىلا ئەمەس، دۆلەت باشلىقلىرى ۋە شىركەت خوجايىنلىرىدىمۇ تېپىلىدۇ. دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ قول ئاستىدا نۇرغۇن مەسلىھەتچى ۋە كۈچلۈك ئىستىخبارات ئورۇنلىرى بار بولسىمۇ، لېكىن بۇ كۈچ مەسىلىلەرنى تولۇق ھەل قىلىشقا بەزىدە يەتمەي قالىدۇ. دۆلەت باشلىقلىرى دۆلەتنى باشقۇرسىمۇ بىراق ھەقىقەتنى تېپىپ چىقىشى ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس، چۈنكى ئۇلار بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلە بار. نۇرغۇن سىياسىي رەھبەر ۋە شىركەت خوجايىنى تىنىمسىز ھەرىكەت قىلىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، بىر مەسىلە ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت كېرەك. بىرەر مەسىلە ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىش جەريانىدا ئۈنۈمسىز ئۇسۇللارنى ئىلغاش، مۈجمەللىكنى تۈگىتىش، گۇمان ۋە تەخمىنلەرنى قىلىش، ئازغىنە سېزىم ئۇرۇقلىرىنىڭ ئاستا-ئاستا چوڭ بولۇپ ئېچىلىشىغا سەۋر قىلىش كېرەك. يېتەرلىك ۋاقتىڭىز بولمىسا ھەقىقەتنى تېپىپ چىقىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس.

ھەممىدىن ئېچىنىشلىق بولغىنى، بۈيۈك كۈچ مۇقەررەر ھالدا ھەقىقەتنى بۇرمىلايدۇ، بۈيۈك كۈچ ھەقىقەتنى شۇ پېتى تېپىپ چىقىپ ئىزاھلاشتىن بەكرەك ئۇنى ئۆزگەرتىشنىڭ كويىدا يۈرۈيدۇ. مەسىلەن، قولىڭىزدا بىر بولقا بولسا ھەممە نەرسىنى مىختەك ئويلاپ قالىسىز، ئوخشاشلا قولىڭىزدا كۈچ بولسا ھەممە نەرسىگە ئارىلاشقۇڭىز كېلىدۇ. سىز بۇنىڭدىن ساقلىنىشقا ھەر قانچە تىرىشقان تەقدىردىمۇ ئەتراپىڭىزدىكى ئىنسانلار قولىڭىزدىكى ئۇ چوڭ بولقىنى ياكى كۈچنى قەتئىي ئۇنتۇلدۇرۇپ قويمايدۇ. سىز بىلەن ئالاقىسى بولغان ھەر قانداق كىشىنىڭ چوقۇم بىر ئىشى ياكى مەسىلىسى بولىدۇ، بۇ سەۋەبتىن سىز ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىگە تولۇق ئىشىنىپ بولالمايسىز، ھېچقانداق بىر سۇلتان قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھەقىقەتنى دەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ.

بۇ سەۋەبتىن بۈيۈك كۈچ، ئەتراپىدىكى پلانېتانى يۆگىۋالغان قارا ئۆڭكۈرلەرگە ئوخشايدۇ. قارا ئۆڭكۈرلەرگە يېقىنلاشقانسېرى ھەممە نەرسە شۇنچە غۇۋالىشىدۇ. ئوربېتانىڭىزغا كىرىپ قالغان ھەر قانداق كەلىمە ئەسلى مەنىسىدىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ،سىزگە يېقىنلاشقانلار سىزنى ماختاپ ئۇچۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ غەرىزى قانداقتۇر ھەقىقەتنى دېيىش ئەمەس بەلكى سىزدىن نەپ ئۈندۈرۈشتۈر. ئۇلار سىزنىڭ ئۆزلىرىگە بىر نەچچە مىنۇتتىن ئارتۇق ۋاقىت ئايرىمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇلار بۇنى غەنىيمەت بىلىپ سىزگە ياقىدىغان قۇرۇق شوئارلارنى دەيدۇ.

بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇمۇ قاتنىشىدىغان بىر كەچلىك زىياپەتكە تەكلىپ قىلىندىم، دوستلىرىم مېنى بۇ كەچلىك زىياپەتكە بارماسلىقنى دېدى، بىراق مېنىڭ بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرگۈم يوق ئىدى. مەن بۇ مۇھىم زىياپەتتە چوڭ ئەربابلارنىڭ ئېغىزىدىن مۇھىم گەپلەرنى ئاڭلىغۇم بار ئىدى. ئەپسۇس مەن ئويلىغاندەك بولماي قالدى، زىياپەتتە ئوتتۇزدەك ئادەم بار ئىدى، ھەممەيلەن شۇ بۈيۈك ئادەم يەنى بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا، ئۇنىڭغا ياخشىچاق بولۇشقا ۋە ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشكە ئۇرۇناتتى. بۇ زىياپەتتە مۇھىم سىرلارنى بىلىدىغان بىرسى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ ئادەم بۇ سىرنى ئۇستىلىق بىلەن ساقلايدىغاندەك قىلاتتى. بۇ قانداقتۇر نېتانياھۇنىڭ خاتالىقى بولماستىن، بەلكى كۈچنىڭ تارتىش قۇۋۋىتىنىڭ خاتالىقى ئىدى.

سىز ھەقىقەتەن ھەقىقەتنىڭ ئايدىڭلىشىشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، كۈچنىڭ قارا ئۆڭكۈرىدىن چوقۇم قېچىشىڭىز، شۇنداقلا خىلۋەت جايغا كىرىپ كېچە -كۈندۈز جاپا تارتىشقا رازى بولۇشىڭىز كېرەك. ناھايىتى مۇھىم ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ ئاز بىر قىسمىلا مەركەزكە يېتەلەيدۇ، چۈنكى مەركەز تەييار ئۇچۇر-مەلۇماتلار ئاساسىغا قۇرۇلغان بولىدۇ. كۈچنىڭ مەركىزىگە كىمنىڭ يېتىپ كىمنىڭ يېتەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا قارار چىقىرالايدىغان يەنىلا كونا تەرتىپنىڭ مۇئەككىلى بولۇپ،  ئۇلار ئەنئەنىلەرگە زىت بىئارامچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان كۆز-قاراشلارنى ئىچىگە كىرگۈزمەسلىككە تىرىشىدۇ. ئۇلار يەنە ئاشۇرۇۋېتىلگەن گەپلەرنىڭ كىرىشىگىمۇ يول قويمايدۇ،ئەلۋەتتە. مەسىلەن، داۋوس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىگە چاقىرىلىشىڭىز قانداقتۇر سىزنىڭ دانىشمەنلىكىڭىزنىڭ ئىپادىسى بولالمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن مەركەزدىن خالىي ھالدا ۋاقىت ئۆتكۈزۈش كېرەك، مەركەزدىن ئىبارەت بۇ جەلپ قىلارلىق كۈچى پەۋقۇلئاددە زور بولغان بۇ جاي بۈيۈك ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرگە ھامىلە بولسىمۇ، بىراق بۇ جايدا كۆپ ۋاقىتلاردا نادانلارچە قىياسلار، گۇمانلار، ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن نەزەرىيەلەر، باتىل دوگمىلار ۋە كۈلكىلىك سۇيىقەست نەزەرىيەلىرى بازار تاپىدۇ.

شۇڭلاشقا كۆپ چاغلاردا دۆلەت باشلىقلىرى قىيىن ئەھۋالدا قالىدۇ، چۈنكى لىدېرلار مەركەزدىلا تۇرغاچقا دۇنيانى تولىمۇ غۇۋا كۆرىدۇ. ناۋادا لىدېرلار مەركىزىدىن ئايرىلىدىغانغا توغرا كېلىپ قالسا، بۇ ئۇلارغا نىسبەتەن بىھۇدە ۋاقىت ئىسراپ قىلغاندەك بىلىنىپ قالىدۇ. ئۇلار مەركەزدە قالسا جىق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلالايدىغاندەك ئويلاپ قالىدۇ، بىراق ئەھۋال دەل ئەكسىچە بولۇپ، ئۇلار مەركەزدە قالغانسېرى مەسىلىلەر شۇنچە چىگىشلىپ كېتىدۇ. كەلگۈسىدە دۇنيا ھازىرقىدىنمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ، بۇ سەۋەبتىن شەخسلەر مەيلى پېشكا بولسۇن مەيلى شاھ بولسۇن تېخنولوگىيەلىك ئۈسكۈنىلەر، ئىقتىسادىي تەرەققىياتلار ۋە دۇنيانى شەكىللەندۈرىدىغان سىياسىي دىنامىكلەر توغرىسىدا تېخىمۇ ئاز نەرسە بىلىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. سوقراتنىڭ ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرى قىلغىنىدەك، بۇنداق ئەھۋالدا بىز قىلالايدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىش شەخسىي نادانلىقىمىزنى تەن ئېلىشتۇر.

بىراق بۇنداق ۋاقىتتا ئەخلاق ۋە ئادالەت قانداق بولىدۇ؟ دۇنيانى چۈشەنمىسەك توغرىنى خاتادىن، يوللۇقنى يولسىزدىن قانداق ئايرىيمىز؟

تەرجىمان: ئادىلجان

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*