21-ئەسىردە؛ مائارىپ

2019-يىلى 4-ئاپرېل

(ئۆزگەرمەيدىغان يېگانە نەرسە ئۆزگىرىشتۇر)

يۇۋال ھەرىرى

ئىنسانىيەتنى غايەت زور ئىنقىلابلار كۈتۈپ تۇرماقتا. بارلىق كونا ھېكايىلەر ۋە ئىدىيەلەرنىڭ نوپۇزى بارغانچە ئاجىزلاشماقتا، بىراق ئۇلارنىڭ ئورنىغا دەسسەيدىغان يېڭى نەرسىلەر تېخى روياپقا چىقمىدى. بىز ۋە پەرزەنتلىرىمىز مۇشۇنداق مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان غايەت زور ئۆزگىرىش ۋە ئېنىقسىزلىق ھۆكۈم سۈرگەن دۇنياغا قانداق تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك؟ھازىر تۇغۇلغان بىر بالا 2050-يىلىغا كەلگەندە 30 ياشقا كىرىدۇ، باشقىچە بىر ئىش يۈز بەرمىسە بۇ بالا 2100-يىلى كەلگەندە 100 ياشقا كىرىدۇ. بۇ بالا بەلكىم 22-ئەسىرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك شەخسلىرىدىن بىرى بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، 2050-يىلى ياكى 22-ئەسىردە ھاياتتا قېلىشى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئۈچۈن بۇ بالاغا ھازىردىن باشلاپ نېمىلەرنى ئۆگىتىشىمىز كېرەك؟ ياخشى خىزمەت تېپىش، ئەتراپتا بولۇپ ئۆتكەن ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرەلەيدىغان بولۇش ۋە تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق-سوغۇقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان تەجرىبىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن قانداقراق قابىلىيەتلەرگە ئىگە بولۇش لازىم؟

ئەپسۇس ھېچكىم، ھېلىغۇ 2100-يىلىنى ئەمەس، 2050-يىلى دۇنيانىڭ نېمىگە ئوخشاپ قالىدىغانلىقىدىن خەۋەرسىز بولغانلىقتىن بۇنداق سوئاللارنىڭ جاۋابىنىمۇ بىلمەيدۇ، ئەلۋەتتە. ھازىرغىچە ئىنسانلار كەلگۈسىنى يۈزدە يۈز توغرا تەخمىن قىلالىغان ئەمەس، بىراق كۈنىمىزدە بۇ تېخىمۇ مۈشكۈل چۈنكى تېخنولوگىيە بەدەن، مېڭە ۋە زېھىن ئىنژېنېرلىقى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇرۇنقى قېلىپلاشقان، مۇقىم ۋە ئەدەبىي كۆرۈنىدىغان نەرسىلەرگە  ئىشەنچ قىلالمايمىز.

مىڭ يىل ئىلگىرى، 1018-يىلى ئىنسانلار كېلەچەك توغرۇلۇق كۆپ نەرسە بىلمەيتتى، لېكىن ئۇلار جەمئىيەتنىڭ ئۆزگەرمەي شۇ پېتى ماڭىدىغانلىقى ھەققىدە ھەم پىكىرگە ئىگە ئىدى. 1018-يىلى خىتايدا ياشىغان بولسىڭىز، 1050-يىلى كەلگەندە سۇڭ خاندانلىقىنىڭ يىمرىلىدىغانلىقىنى، شىمالدىكى قىتانلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىۋالىدىغانلىقىنى ۋە مىليونلارچە ئىنساننىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىك تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلالايتتىڭىز. لېكىن 1050-يىلدىمۇ كۆپ قىسىم ئىنساننىڭ دېھقانچىلىق ياكى توقۇمۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى، ھۆكۈمدارلارنىڭ قوشۇن ۋە مەمۇرىي ئىشلاردا ئىشلەيدىغان كىشىلەرگە ئېھتىياج بارلىقى، ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ئۈستۈن ئورۇندا ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى. 1018-يىلى بەزى خىتاي ئائىلىلىرى پەرزەنتلىرىگە شال تېرىشنى ياكى يىپەك توقۇشنى ئۆگىتىدىغان بولسا، بەزى خىتاي ئائىلىلىرى ئوغۇللىرىغا كۇڭزى ئەسەرلىرىنى، قىزلىرىغا ياخشى ئائىلە ئايالى بولۇشنى ئۆگىتەتتى. ئۇلارنىڭ بۇ قابىلىيەتلەرگە 1050-يىلى ئىگە بولالايدىغانلىقى ئاساسەن ئېنىق ئىدى.

لېكىن كۈنىمىزدە خىتاينىڭ ياكى دۇنيادىكى باشقا يەرلەرنىڭ 2050-يىلىدا نېمىگە ئوخشاپ قالىدىغانلىقىنى بىلىپ بولالمايمىز. ئىنسانلار تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز، ئارمىيە ۋە بىيۇروكراتىيە قانداق بولىدۇ ئۇنىڭدىنمۇ خەۋىرىمىز يوق، جىنسىيەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كېلەچەكتە قانداق ئۆزگىرىدىغانلىقى بىزگە نامەلۇم. يۇقىرى ئېھتىماللىق، بەزى ئىنسانلار ھازىرقىدىن كۆپرەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ. بىيو ئىنژېنېرلىق ۋە مېڭە بىلەن كومپيۇتېر ئارا يۈزلىرى ئارىلىقىدا ئورنىتىلىدىغان بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلەر تۈرتكىسىدە ئىنسان بەدىنىمۇ زور ئۆزگىرىشلەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. بۇ سەۋەبلىك بالىلارنىڭ ھازىر ئۆگەنگەنلىرى 205-يىلى ئىشقا يارىماسلىقى مۇمكىن.

كۈنىمىزدە نۇرغۇن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى مېڭىسىگە قاچىلاشتىن باشقا ئىش قىلمايۋاتىدۇ، بۇرۇنلاردا بۇنداق قىلىشنىڭ زور پايدىسى ۋە قىممىتى بار ئىدى چۈنكى ئۇچۇر-مەلۇماتنىڭ  مىقدارى تولىمۇ ئاز ئىدى، تارقىلىش ئېھتىمالى بولغان بەزى ئۇچۇر ۋە ئىلىملەرنىڭ تارقىلىشىغا يول قويۇلمايتتى. مەسىلەن، 1800-يىللاردا مېكسىكىدىكى بىر ناھىيەدە ياشىغان بولسىڭىز دۇنيا ھەققىدە كۆپرەك ئۇچۇر-مەلۇماتقا ۋە تونۇشقا ئىگە بولۇشىڭىز تولىمۇ مۈشكۈل ئىدى. رادىيو، تېلېۋىزىيە، كۈندىلىك گېزىت ياكى خەلق كۇتۇپخانىلىرى يوق ئىدى. ساۋاتىڭىز بولۇپ كۆپرەك كىتاب بار جايغا بارالىغان تەقدىردىمۇ، رومان ۋە دىنى رىسالىلەردىن باشقا ئوقۇيدىغان كۆپ نەرسە تېپىلمايتتى. ئىسپانىيە ئىمپېرىيەسى يەرلىك نەشرىياتلارغا زور چەكلىمە قويغانىدى، سىرتتىن تولىمۇ ئاز كىتاب كىرەتتى، كۆپ كىتابنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايتتى. بۇ ئەھۋال رۇسىيە، ھىندىستان، تۈركىيە ياكى خىتايدىمۇ مەۋجۇت ئىدى، زامانىۋى مەكتەپلەر قۇرۇلغاندىن كېيىن، ھەر بالىنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىش ۋە جۇغراپىيە، تارىخ ۋە بىيولوگىيە توغرۇلۇق ئاساسلىق بىلىمنىڭ ئۆگىتىلىشى ئەمەلىيەتتە زور بىر تەرەققىياتنىڭ ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىناتتى.

21-ئەسىردە غايەت زور مىقداردا ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولۇۋاتىمىز، ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ ئەركىن تارقىلىشىغا توسالغۇ بولغۇچىلارمۇ بۇنىڭغا توسالغۇ بولالماي، خاتا ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى تارقىتىپ دىققىتىمىزنى ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا بۇراشقا ئۇرۇنماقتا. مېكسىكىنىڭ بىر ناھىيەسىدە ياشىسىڭىز ۋە بىر ئەقىللىك تېلېفونىڭىز بولسا ۋىكىپېدى تور بېتىدىكى مەلۇماتلار، تەد سۆھبەتلىرى، ھەر خىل تېمىلارغا مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئولۇق دەرسلەرنى كۆرۈپ ئىگىلەشكە ۋاقتىڭىز يەتمەيدۇ. ھېچبىر ھۆكۈمەت ئۆزىگە ياقمايدىغان  بارلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى يوشۇرۇپ بولالمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، جامائەت پىكرىنى بىر-بىرىگە زىت خەۋەرلەر ۋە دىققەتنى چاچىدىغان ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار بىلەن بەند قىلىشمۇ تولىمۇ ئاسان بولۇپ كەتتى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىنسانلار ھەلەبنىڭ بومباردىمان قىلىنىشى ياكى شىمالىي قۇتۇپتا ئېرىۋاتقان مۇز قاتلاملىرىدىن ئازراقلا يىراقتا تۇرماقتا،  بىراق بىر-بىرىگە زىت شۇنچىلىك كۆپ خەۋەر ۋە ئۇچۇر-مەلۇمات كۆپكى، نېمىگە ئىشىنىش تولىمۇ قىيىن بولماقتا. شۇنداقلا، بىر قەدەم نېرىسىدا سان-ساناقسىز ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ بىزنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئويلىساق، بىرلا تېما ياكى مەسىلىگە مەركەزلىشىش تېخىمۇ تەسلىشىدۇ. سىياسەت ياكى بىلىم بىزگە بەك مۇرەككەپ بىلىنىپ كەتسە، بىرەر مۈشۈكنىڭ ۋىدېئوسىنى، غەيۋەت-شىكايەتنى تېما قىلغان تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى، كۈلدۈرگىلەرنى كۆرۈپ كۆڭلىمىز ئېچىلىپ قېلىشى مۇمكىن، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، سىياسەت ۋە بىلىمگە دائىر تېمىلاردىن زېرىكىپ قالساق بەزى ۋىدېئولار قىزىقىشىمىزنى قوزغاپ قېلىشى مۇمكىن.

مۇشۇنداق مۇرەككەپ بىر دۇنيادا بىر مۇئەللىمنىڭ ئوقۇغۇچىسىغا تەقدىم قىلالايدىغان ئەڭ قىممەتلىك نەرسە بىلىمدۇر. ئەپسۇس ئوقۇغۇچىلار ھەددىن زىيادە ئۇچۇر-مەلۇمات بومباردىمىنى ئاستىدا ياشىماقتا. ئوقۇغۇچىلار ئالدىغا كەلگەن جىمى ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنى مۇھىملىق دەرىجىسىگە قاراپ تۈرلەرگە ئايرىشى، ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىشى، قايسىنىڭ پايدىلىق قايسىسىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان بولۇشى، ھەممىدىن مۇھىمى بۇنچىۋالا كۆپ مەلۇماتنى دۇنيانىڭ ماھىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرەلىشى تولىمۇ مۇھىم.

ئەمەلىيەتتە بۇ ئەھۋال ئەسىرلەردىن بۇيان غەرب مائارىپىنىڭ مەقسىتى بولۇپ كەلدى، بىراق ھازىرغىچە غەربتىكى مەكتەپلەر بۇ مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا مەلۇماتلارنى ئۆگىتىشكە مەركەزلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىشقىلا رىغبەتلەندۈردى. لىبېرال مەكتەپلەر ھاكىم مۇتلەق ھاكىمىيەتلەردىن قورقىدىغانلىقلىرى ئۈچۈن، چوڭ ئىدېئولوگىيەلەرگە، ھېكايىلەرگە ۋە ئىدىيەلەرگە مايىللىق كۆرسەتتى. ئوقۇغۇچىلارغا كۆپرەك بىلىم بەرسەك ۋە ئەركىن تەپەككۇر قىلىش شارائىتى تەييارلاپ بەرسەك، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل دۇنيا توغرۇلۇق بىر نەرسە ئويلاپ چىقالايدۇ ياكى دۇنيانىڭ رەسىمىنى سىمۋوللۇق بولسىمۇ سىزىق چىقالايدۇ. ناۋادا ياش ئەۋلادلار پۈتكۈل ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى بىرلەشتۈرۈپ مەنتىقىلىق، سىستېمىلىق ۋە ئەھمىيەتلىك دۇنيا قارشى پەيدا قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالمىسا، كېلەچەكتە تېخىمۇ مۇكەممەل بىر سىستېما بەرپا قىلىش ئۈچۈن ۋاقتىمىز كۆپقۇ، دەپ ئويلاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. بىراق ۋاقتىمىز يوق، پات ئارىدا بېرىدىغان قارارلىرىمىز ھاياتنىڭ كېلەچىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ، بىز بۇ ھاياتى ئەھمىيەتكە ئىگە قارارلارنى ھازىرقى دۇنيا قارىشىمىزغا ئاساسەن بېرىمىز. ياش ئەۋلادلار كائىنات توغرۇلۇق ئەتراپلىق كۆز قاراشقا ئىگە بولالمىسا، ھاياتنىڭ كېلەچىكى توغرۇلۇق يەڭگىلتەكلىك بىلەن قارار چىقىرىشى مۇمكىن.

ئەھۋال ھەقىقەتەن خەتەرلىك

كۆپ قىسىم مەكتەپ دەرسلەردىن سىرت، ئوقۇغۇچىلارغا دىففېرېنسىيال تەڭلىمىسى يېشىش، « c++» تىلى بىلەن كومپيۇتېر پىروگراممىسى يېزىش، بىر پىروبىركىدىكى خىمىيەلىك ماددىلارنى ئېنىقلاپ چىقىش ياكى خىتايچە ئۆگىتىشكە ئوخشاش بىر قاتار ئالدىن بەلگىلەنگەن نەرسىلەرنى ئۆگىتىشكە بەكرەك مەركەزلەشمەكتە. بىراق 2050-يىلى دۇنيا ۋە بازارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى بىزگە قاراڭغۇ بولغانلىقتىن ياكى بىز بىلىشتىن ئاجىز بولغانلىقىمىزدىن، ئىنسانلارنىڭ قانداقراق كەسىپكە ياكى قابىلىيەتكە ئېھتىياجى چۈشىنىدىغانلىقىنىمۇ بىلىپ بولالمايمىز. 2050-يىلى كەلگەندە سۈنئىي ئەقىل ئىنسانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ سەۋىيەلىك پىروگرامما يازالىسا ۋە يېڭى گوگۇل تەرجىمە پىروگراممىسى تۈرتكىسىدە خىتايچە ئالاقە قىلغىلى بولسا بالىلارغا ھازىر ئۆگەتكەن بىلىملەر بىكار بولۇپ كەتمەمدۇ؟ئۇنداقتا نېمە ئۆگىتىمىز؟ كۆپ قىسىم مۇتەخەسسىس مەكتەپلەرنىڭ تۆۋەندىكى تۆت  نەرسىنى ھازىردىن باشلاپ ئۆگىتىشكە لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلماقتا: تەنقىدى تەپەككۇر، ئۇچۇر-ئالاقە، ھەمكارلىق ۋە ئىجادچانلىق. قىسقىچە قىلىپ ئېيتساق، مەكتەپلەر تېخنىكىلىق قابىلىيەتلەرنى ئىككىنچى ئورۇنغا ئېلىپ، ئومۇمىي ھايات قابلىيەتلىرىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ھەممىدىن مۇھىمى، ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىش، يېڭى نەرسىلەر ئۆگىنىش ۋە ئادەتنىڭ سىرتىدىكى ئەھۋاللار ئالدىدا ئۆزىنى تىزگىنلەش قابىلىيىتى تولىمۇ مۇھىم. 2050-يىلدىكى دۇنياغا ماسلىشىش ئۈچۈن يېڭى چۈشەنچىلەر ئوتتۇرىغا قويۇپ يېڭى مەھسۇلاتلار ئىشلەپچىقىرىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۆزىڭىزنى ئىزچىل تەرەققىي قىلدۇرۇپ تۇرۇشىڭىز كېرەك.

چۈنكى ئۆزگىرىش تېز بولغانسېرى، ئىقتىسادلا ئەمەس «ئىنسان بولۇش»ئۇقۇمىنىڭ مەنىسىمۇ ئۆزگىرىپ قېلىشى مۇمكىن. 1848-يىلى كوممۇنىستىك خىتابنامىدە «ھەر قانداق قاتتىق نەرسە پارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ»دېيىلگەنىدى. لېكىن ماركس بىلەن ئىنگىلىس كۆزدە تۇتقان نەرسە ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىلار ئىدى. 2048-يىلىغا كەلگەندە فىزىكىلىق ۋە ئاڭ-سېزىملىك قۇرۇلمىلارمۇ پارغا ئايلىنىپ كېتىشى ۋە پارچىلىرى بۇلۇتلارغا سىڭىپ كېتىشى مۇمكىن.

1848-يىلى مىليونلارچە ئىنسان تېرىلغۇ ئېتىزلاردىكى ئىشلىرىدىن مەھرۇم قېلىپ زاۋۇتلاردا ئىشلەش ئۈچۈن شەھەرلەرگە كۆچۈپ كېلەتتى. لېكىن ئۇلار چوڭ شەھەرلەرگە كەلگەن چېغىدا جىنىسىيىتىنى ئۆزگەرتىش ياكى 6-سېزىمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېھتىمالغا تولىمۇ يىراق ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرەر توقۇمۇچىلىق زاۋۇتىدا ئىش تېپىپ پۈتۈن خىزمەت ھاياتىنى بۇ ئىشنى قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈشنى ئويلىشى ياكى پىلان قىلىشى تولىمۇ نورمال ئىدى.

2048-يىلغا كەلگەندە ئىنسانلار سىبەر يەنى ئىنتېرنېت دۇنياسىغا كۆچۈش بىلەن بىرگە، ھەر خىل جىنسىي كىملىكلىرى ۋە كومپيۇتېر پىروگراممىلىرى تۈرتكىسىدە ھاسىل بولغان يېڭى ھېس-تۇيغۇ شەكىللىرىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، بىرسى بىر ئۈچ ئۆلچەملىك ئىنتېرنېت ئويۇنىغا مودا كىيىم لايىھەلەپ چىقىش ئۈچۈن ئىش تاپتى، بىراق 10 يىل ئىچىدە ھەم بۇ ئىش ھەمدە بۇ سەۋىيەدىكى ئېستېتىك ئىجادچانلىق تەقەززا قىلىدىغان بارلىق كەسىپلەر سۈنئىي ئەقىل تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنسا قانداق بولىدۇ؟، 25 ياشقا كىرگەن چېغىڭىزدا قىز-ئوغۇل تونۇشتۇرۇش تور بېتىگە «25 ياشقا كىردىم، لوندوندىكى بىر مودا كىيىم-كېچەك ماگىزىنىدا ئىشلەيمەن، بىراق مەن ئوخشاش جىنسلىقلارنى ياقتۇرىمەن»دەپ ئېلان چىقىرىپ قويۇشىڭىز مۇمكىن، ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنى 35 ياشقا كىرگەن چېغىڭىزدا  ئوخشاش تور بېتىگە «جىنسىيىتىم ئېنىق ئەمەس، يېشىم چوڭايدى، نىيوكورتىكال پائالىيەتلىرىمنىڭ كۆپ قىسمىنى يېڭى ئىنتېرنېت دۇنياسىدا ئۆتكۈزىمەن، ھاياتىمنىڭ مەقسىتى ھېچبىر مودىچى يېتەلمىگەن پەللىگە يېتىشتۇر»دەپ ئېلان چىقىرىپ قويۇشىڭىزمۇ مۇمكىن. 45 ياشقا كىرگەن چېغىڭىزدا جىنسىيەت مۇناسىۋىتى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىش مۇمكىن، بەلكىم بۇ نەرسىنىڭ مودىسى ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق چاغدا سىز سۈنئىي ئەقىل ئالگورىتمىسىنىڭ سىزگە ئەڭ مۇۋاپىق لايىق تونۇشتۇرۇشىنى كۈتىسىز، ھاياتىڭىزنىڭ مەنىسىنى كىيىم-كېچەك لايىھەلەش ۋە مودا ئىشىدا تاپالمايدىغان بولۇپ قالغان چېغىڭىزدا، ئالگورىتمىلار سىزنى شۇنچىلىك ئارقىدا قالدۇرۇپ قويغان بولىدۇكى، بۇرۇنقى دەۋرلەردە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىڭىزدىن پەخىرلىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن نومۇس قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىسىز ۋە 45 ياشتا سىزنى تېخىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر كۈتۈۋاتقان بولىدۇ.

سىزدىن ئۆتۈنىدىغىنىم شۇكى، يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان سېنارىيەنى شۇ پېتى چۈشەنمەڭ. بەزى ئۆزگىرىشلەرنى تەخمىن قىلىش ھەقىقەتەن تەس، بەلكىم ھېچبىر سېنارىيە ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن پۈتۈنلەي زىت بولۇشۇممۇ مۇمكىن. بىرسى چىقىپ سىزگە 21-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا دۇنيانىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەپ بەرسە ۋە بۇ سىزگە ئىلمىي فانتازىيەدەك بىلىنسە، بۇ زور ئېھتىمال خاتا تەسۋىر بولۇپ چىقىدۇ. لېكىن بىرسى سىزگە يەنە 21-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسۋىرلىسە ۋە بۇ سىزگە ئىلمىي فانتازىيەدەك بىلىنمىسە، بۇ تېخىمۇ خاتا تەسۋىردۇر. كونكرېت ۋە ئىنچىكە ئۆزگىرىشلەرنى تەخمىن قىلىش تولىمۇ تەس، لېكىن ئۆزگىرىشنىڭ ئۆزى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل نەرسىدۇر.

بۇنداق غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ھاياتنىڭ ئاساسىنى ئۆزگەرتىپ ئەڭ ئاساسلىق نەرسىلەرنىڭ ئىزچىللىقىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. تولىمۇ قەدىمكى يىللاردىن بۇيان ھايات بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان ئىككى قىسىمغا ئايرىلغان بولۇپ، بىرسى ئۆگىنىش باسقۇچى يەنە بىرسى ئىشلەش باسقۇچىدىن ئىبارەت. ھاياتىمىزنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئىلىم ئېلىپ ھۈنەر ئۆگىنىمىز، دۇنيا قارىشىغا ئىگە بولىمىز ۋە مۇقىم كىملىكىمىز شەكىللىنىدۇ. 15 ياشتا كۈنىمىزنىڭ كۆپ قىسمىنى مەكتەپتە ئەمەس ئېتىزلىقلاردا ئۆتكۈزگەن تەقدىردىمۇ، بۇ ياشقىچە بىزگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم نەرسە بىر نەرسىلەر ئۆگىنىشتۇر. مەسىلەن شال تېرىشنى، چوڭ شەھەرلەردىن گۈرۈچلىرىمىزنى ئەرزان باھاغا ئېلىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن بېدىكلەر بىلەن باھا تالىشىشنى، قوشنا يېزىلاردىكى دېھقانلار بىلەن سۇ ۋە ئېتىز تاشلىشىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان سۈركىلىشلەرنى ھەل قىلىشنى ئۆگىنىمىز. ھاياتىمىزنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا بۇ دۇنيادا يولىمىزنى تېپىش، تىرىكچىلىك قىلىش ۋە جەمئىيەتكە ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن قابىلىيىتىمىز ۋە ھۈنىرىمىزگە ئىشىنىمىز. ئەلۋەتتە 50 ياشقا كىرگەندىمۇ گۈرۈچ، بېدىكلەر ۋە سۈركىلىشلەر توغرۇلۇق يېڭى نەرسىلەر ئۆگىنىشىمىز مۇمكىن، بىراق بۇلار پەقەت قابىلىيىتىمىز ۋە ھۈنەرلىرىمىزگە ئارتۇقچە قوشۇلغان بېزەكلەردىن ئىبارەت، خالاس.

21-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە، سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلىشىدىغان ئۆزگىرىش ۋە بۇنىڭغا ماس ھالدا ئوتتۇرىچە ئۆمۈر كۆرۈش مۇددىتىنىڭ ئۇزىرىشى نەتىجىسىدە بۇ ئەنئەنىۋى ئەندىزىنىڭ قىممىتى قالمايدۇ. ھاياتلىقنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى غۇۋالىشىدۇ ۋە ھاياتنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ بۇزۇلىدۇ. «مەن كىم؟»دېگەن سوئال بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇرەككەپ سوئالغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.

بۇ مۇرەككەپ ئەھۋال ئېغىر دەرىجىدە كىرىزىس پەيدا قىلىشىمۇ مۇمكىن، دەرۋەقە ئۆزگىرىش ھەر ۋاقىت كىرىزىس پەيدا قىلىدۇ، نۇرغۇن ئىنسان مەلۇم ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئۆزگىرىشلەرنى ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدۇ، بىر ئىنساننىڭ 15 ياش مەزگىلى ئۆزگىرىشلەر بىلەن تولىدۇ، مەسىلەن، بەدىنى چوڭىيىدۇ، زېھنىي تەرەققىي قىلىدۇ، مۇناسىۋەتلىرى كېڭىيىدۇ، ھەممە نەرسە ھەم ھەرىكەت ھالىتىدە بولىدۇ ھەمدە يېڭى بولىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئىنسان ئۆزىدىكى يوشۇرۇن كۈچنى بايقاش بىلەن بەند بولىدۇ، بۇ مەزگىلدە نۇرغۇن ياش تېڭىرقاش ئىچىدە بولىدۇ، بىراق ھاياجانغا تولۇپ تاشقان بولىدۇ، ھەممىدىن مۇھىمى ئۇلارنى بۈيۈك بىر دۇنيا كۈتۈپ تۇرىدۇ.

بىر ئىنسان50 ياشقا كىرگەندە ئۆزگىرىشنى خالاپ كەتمەيدۇ، نۇرغۇن ئىنسان بۇ ياشتا دۇنيانى پەتىھ قىلىشتىن ئۈمىدىنى ئاللىبۇرۇن كېسىپ بولىدۇ. 50 ياشلاردىكى ئىنسان ھاياتنىڭ تەمىنى ئاللىبۇرۇن تېتىپ بولغانلىقىنى ئويلىۋالىدۇ، ئۇنىڭغا مۇقىم ۋە ئۆزگەرمەس نەرسىلەر خۇش ياقىدۇ، بۇ ياشتىكى ئىنسان قابىلىيەت ۋە ھۈنەرلىرىڭىزگە، كەسپىڭىزگە، كىملىكىڭىزگە ۋە دۇنيا قارىشىڭىزغا نۇرغۇن مەبلەغ سالغانلىقىڭىز ئۈچۈن ھاياتنى يېڭىدىن باشلاشنى خالىمايدۇ، بۇ ئۇنىڭغا تولىمۇ ئېغىر تۇيۇلىدۇ. بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن قانچىلىك ئېغىر بەدەل تۆلىگەن بولسىڭىز، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش ياكى باشقىچە ۋە يېڭىچە ئىشنى باشلاش شۇنچىلىك تەس بولىدۇ. بۇ ياشتىكى ھېلىھەم يېڭى تەجرىبە، تەم ۋە ئىشلاردىن زوق ئالسىمۇ، لېكىن كىملىكى ۋە كىشىلىك خاراكتېرىنىڭ چوڭقۇر قۇرۇلمىسىنى يېڭىۋاشتىن ئۆزگەرتىشكە ھەم قادىر ئەمەس ھەمدە تەييار ئەمەس.

يۇقىرىدا قەيت قىلىنغانلارنىڭ نېرۋا خاراكتېرلىك سەۋەبلىرى بار بولۇپ، چوڭلارنىڭ مېڭىسى بۇرۇنلاردا تەخمىن قىلىنغىنىدەك ئېلاستىكلىق ۋە ئۆزگىرىشچان بولسىمۇ، شەكىللىنىش جەريانى ياشلارنىڭ مېڭىسىدەك راۋان ئىشلىمەيدۇ. نېرۋىلارنى قايتىدىن بىر-بىرىگە باغلاش ۋە سىناپسلارنى يېڭىدىن قۇرۇلمىغا ئىگە قىلىش تولىمۇ تەس ئىش. لېكىن 21-ئەسىردە  بۇ جەھەتتە مۇقىم بىر جەرياننى باشتىن كەچۈرۈش تولىمۇ مۈشكۈل، مۇقىم بىر كىملىككە، خىزمەتكە ياكى دۇنيا قارىشىغا مەركەزلىشىپلا قالساق، دۇنيا تېز سۈرئەتتە بىزنى تاشلاپ كېتىشى مۇمكىن، بۇ تولىمۇ خەتەرلىك ئەھۋالدۇر. ناۋادا ئوتتۇرىچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتساق، ئۇزۇن مەزگىل تاشقاتمىغا ئوخشاپ قېلىشىمىز مۇمكىن. نوقۇل ئىقتىسادىي جەھەتتىكى رولىمىزنىلا  ئەمەس، ئىجتىمائىي جەھەتتىكى رولىمىزنىمۇ ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىزچىل ئۆگىنىش ۋە ئۆزىمىزنى داۋاملىق ئىسلاھ  قىلىپ تۇرۇشىمىز كېرەك، بولۇپمۇ 50 ياشتا تېخىمۇ شۇنداق قىلمىساق بولمايدۇ.

ئىنسانلار ھازىرقىدىنمۇ بەكرەك ئىجتىمائىي تەنھالىققا دۇچار بولىدىغانلىقتىن، ئىنسانىيەتنىڭ بۇرۇنقى تەجرىبىلىرى، جۈملىدىن شەخسىي تەجرىبىلىرىڭىمىزمۇ ئىشەنچلىكلىك سەۋىيەسىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئىنسانلار ھەم شەخسىي ھەمدە كوللېكتىپ ھالدا دەرىجىدىن ھالقىغان سۈنئىي ئەقىل ماشىنىلار، بىيوئىنژېنېرلىق ساھەسىدە يارىتىلغان بەدەنلەر، ئىنساننىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى يۇقىرى سەۋىيەدە يېتەكلىيەلەيدىغان ئالگورىتمىلار، ئىنسانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىت بۇلغىنىش ھادىسىسى ۋە ھەر 10 يىلدا بىر كەسىپ ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر قېلىشقا ئوخشاش بۇرۇن ھېچكىمنىڭ بېشىغا كېلىپ باقمىغان ھادىسىلەرگە دۇچ كېلىدۇ. بۇرۇن پەقەتلا دۇچ كېلىپ باقمىغان بىر ئەھۋالغا دۇچ كەلگىنىمىزدە زادى نېمە قىلساق ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەيمىز؟زور مىقداردا ئۇچۇر-مەلۇمات بومباردىمىنى ئاستىدا قالساق ۋە بۇلارنى ھەزىم قىلىپ ئانالىز قىلىشنىڭ ھېچقانداق چارىسى تېپىلمىسا قانداق قىلىمىز؟ مەۋھۇملۇق ھالىتى ئېغىر مەسىلە ئەمەس ھېسابلانمايدىغان دۇنيادا قانداق پۇت تىرەپ تۇرغىلى بولسۇن؟ مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ياشىغىلى بولسۇن؟

مۇشۇنداق مەۋھۇم ۋە مۇرەككەپ دۇنيادا ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن زېھنىمىزنى ئېلاستىكلىق ، ھېس-تۇيغۇمىزنى بولسا ئېھتىياج بىلەن ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. بىزگە نىسبەتەن ئەڭ پىششىق بولغان ۋە ئەلمىساقتىن بېرى كونترول قىلىپ كېلىۋاتقان ئىشلار ۋە نەرسىلەردىن مەجبۇرىي ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ،شۇنداقلا مەۋھۇملۇقتىن ئىبارەت بىر مەرەز بىلەن بىرلىكتە ياشاشقا مەجبۇر قالىمىز. ئەپسۇس پەرزەنتلىرىمىزگە مەۋھۇملۇققا ماسلىشىش ۋە ئەقلىي-ھوشىنى قوغداشنى ئۆگىتىش بىر فىزىكا تەڭلىمىسىنى ياكى 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئۆگىتىشتىنمۇ مۈشكۈل. ئىنسان چىدامچان بولۇشنى كىتاب ئوقۇش ياكى دەرس تىڭشاش ئارقىلىق ئۆگىنەلمەيدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، مائارىپچىلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ 21-ئەسىر تەقەززا قىلىدىغان زېھنىي ئېلاستىكلىق ئالاھىدىلىكىدىن تامامەن مەھرۇمدۇر، چۈنكى ئۇلارمۇ كونا مائارىپ سىستېمىسىنىڭ مەھسۇلاتىدۇر.

سانائەت ئىنقىلابى بىزگە ھەسسىلەپ ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى ئۇقۇمىنى ئاساس قىلغان بىر مائارىپ تۈزۈلمىسى مىراس قالدۇرۇپ كەتتى. شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ئېگىز بىنا بار، بىنانىڭ ئىچىدىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشاش ئۆيلەر بار، ئۆيلەرنىڭ ئىچىدە پارتىلار رەتلىك تىزىلغان. قوڭغۇراق چېلىنغان ھامان ھەممىسى ئوخشاش بىر يىلدا تۇغۇلغان ئوتتۇز بالا بىلەن بىرلىكتە بۇ سىنىپلاردىن بىرسىگە كىرىسىز، ھەر سائەتتە چوڭلاردىن بىرسى كىرىپ دەرس سۆزلەيدۇ، بۇ چوڭلار دەرس سۆزلىگەنلىكلىرى ئۈچۈن دۆلەتتىن مائاش ئالىدۇ، بىرسى دۇنيانىڭ شەكلى توغرۇلۇق گەپ قىلىدۇ، يەنە بىرى ئىنسانىيەتنىڭ ئۆتمۈشىنى سۆزلەيدۇ، ئۈچىنچى بىر كىشى ئىنساننىڭ بەدىنىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ ئەندىزىنى مەسخىرە قىلىش تولىمۇ ئاسان، بۇ ئەندىزە بۇرۇن نۇرغۇن نەتىجىلەرنى ياراتقان بولسىمۇ، لېكىن ۋەيران بولۇپ بولدى، بۇنى ھەممىمىز تەن ئالىمىز. ئەپسۇس بۇ ئەندىزىدىن پەرقلىق بولغان ۋە ھازىرقى دۇنياغا ماسلىشالايدىغان بىر مائارىپ ئەندىزىسى بەرپا قىلالمىدۇق. بۇ جەھەتتە ھېلىغۇ كالىفورنىيەنىڭ يۇقىرى قاتلام مەھەللىلىرىدە ئەمەس مېكسىكىنىڭ خالتا كوچلىرىدىمۇ تەتبىق قىلغىلى بولىدىغان ئەندىزىمىز يوق.

ئىنسانلارنى خاككېرلاش

بۇ سەۋەبتىن مېكسىكا، ھىندىستان ياكى ئالابامانىڭ بىر يەرلىرىدە دەۋرنىڭ ئېھتىياجىنى قامداشتىن ئاجىز كېلىۋاتقان بىر مەكتەپكە قاپسىلىپ قالغان 15 ياشلىق بىر بالىغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمەن: چوڭلاردىن چوڭ ئۈمىد كۈتمىگىن، كۆپ قىسمىنىڭ كۆڭلى ياخشى، بىراق دۇنيانى چۈشىنىشتىن تولىمۇ ئاجىز. بۇرۇنلاردا چوڭلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىش ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە توغرا يول ھېسابلىناتتى،چۈنكى ئۇلار دۇنيانى ياخشى چۈشىنەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى ھازىرقىدەك تېز ئەمەس ئىدى. بىراق 21-ئەسىر ئۇنداق ئەمەس، بۇرۇنقى ئەسىرلەردىن كۆپ  پەرقلىق، 21-ئەسىردە ئۆزگىرىشنىڭ سۈرئىتى شۇنچىلىك تېزكى، چوڭلارنىڭ دېگەنلىرى توغرىمۇ ياكى مودىسى ئۆتۈپ كەتكەن كارغا كەلمەس نەرسىمۇ، بۇنى بىلىش ھەقىقەتەن تەس.

ئۇنداقتا كىمدىن ياكى نېمىدىن ئۈمىد كۈتۈش كېرەك؟ تېخنولوگىيەدىنمۇ؟ بۇ تېخىمۇ خەتەرلىك قىماردۇر، تېخنولوگىيەنىڭ ھەقىقەتەن پايدىسى كۆپ، بىراق ھاياتىمىزدىن كەڭ ئورۇن ئېلىۋالسا، ئۇنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قالىمىز. ئىنسانلار مىڭلارچە يىل ئىچىدە ئاران دېھقانچىلىقنى بايقاپ چىقتى، بىراق بۇ تېخنىكا ناھايىتى ئاز ساندا كىشىنى باي قىلغان بولسىمۇ، ئىنسانلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئەسىرگە ئايلاندۇرۇپ قويغانىدى. نۇرغۇن ئىنسان ئەتىگەندىن كەچكىچە ئوت ئېلىپ، پىژغىرىم ئىسسىقتا سۇ توشۇيتتى، يەنى ئۇلارنىڭ كۈنى تولىمۇ تەس ئىدى. لېكىن بىز ب ئالدىراپ خۇش بولۇپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك، چۈنكى كىم بىلىدۇ، بۇ ئىشلارنى بېشىمىزغا كەلمەيدۇ، دېيەلمەيمىز.

تېخنولوگىيە ناچار بىر نەرسە ئەمەس. ھاياتتىن كۈتىدىغانلىرىمىز ئېنىقلا بولىدىغان بولسا، تېخنولوگىيەدىن مەقسىتىمىز ئۈچۈن پايدىلانساق بولىدۇ، بۇنداق چاغدا تېخنولوگىيە پايدىلىق بولغان بولىدۇ. بىراق ھاياتتىن نېمىنى كۈتۈشنى بىلەلمىسەك، تېخنولوگىيەنى بىز ئەمەس ئۇ بىزنى تىزگىنى ئاستىغا ئېلىۋالىدۇ. بولۇپمۇ كۈنىمىزدىكىدەك ۋە كەلگۈسىدە بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ بولغىنىدەك، تېخنولوگىيە ئىنسانلارنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىدىغان قۇدرەتتە بولسا، ئۇ سىزگە خىزمەت قىلىدىغان يەردە سىز ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىسىز. چىرايى ئەقىللىك تېلېفونلارغا چاپلىشىپ كەتكەن تەرىقىدە كوچىلارغا كېزىپ يۈرگەن ئەرۋاھلانى ئۇچراتتىڭىزمۇ؟ سىزچە بۇ ئەرۋاھلار تېخنولوگىيەنى تىزگىنلەۋاتامدۇ ياكى تېخنولوگىيە ئۇلارنىمۇ؟

ئۇنداقتا ئۆزىمىزگە ئىشەنسەك بولامدۇ؟ بۇ كۈنجۈت كوچىسى ياكى كونا بىر دىسنېي فىلىمىگە ئوخشاش كىشىنى ھاياجانلاندۇرۇشى مۇمكىن. بىراق ھەققى ھاياتتا بۇ ئىشقا ياراپ كەتمەيدۇ، دىسنىيمۇ بۇ ئەھۋالنى بىلىپ بولدى، خۇددى رىلېي ئاندېرسېنغا ئوخشاش كۆپ قىسىم ئىنسان ئۆزىنى ياخشى بىلىپ كەتمەيدۇ، باشقىلار بىزنىڭ گېپىمىزگە قۇلاق سېلىشقا باشلىغاندا بىز بىلىپ بىلمەي تاشقى ئامىللارنىڭ يېتەكلىشىگە كۆپرەك ئۇچراپ قالىمىز. خاتىرىلىرىمىزدىكى ئۇچۇرلار ياكى چاقىرىقلارنىڭ ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسى يوق ئىدى. چۈنكى بۇ نەرسىلەر دائىم بىيوخىمىيەلىك كاشىلىلاردىن سىرت دۆلەت تەشۋىقاتى، ئىدېئولوگىيەلىك مېڭە يۇيۇش ۋە سودا ئېلانلىرىنىڭ ئەكس ساداسى ئىدى، خالاس.

ئىنساننىڭ بىيوتېخنولوگىيە ۋە ئاپتوماتىك ماشىنىلارنى ئۆگىنىش قابىلىيىتى ئاشقانسېرى، ئۇ ئەڭ چوڭقۇر ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى تېخىمۇ ئاسان تىزگىنلىيەلەيدۇ ۋە قەلبىنىڭ ئاۋازىغا تېخىمۇ ياخشى ئاڭرىقىرالايدۇ، بىراق بۇ ئىنسانغا نىسبەتەن خەتەرلىك ئەھۋالدۇر. كوكا-كولا، ئامازون، بەيدۇ ياكى ھۆكۈمەت قەلبىڭىزنى قانداق تىزگىنلەشنى ۋە مېڭىڭىزدىكى كۇنۇپكىلارنى قانداق بېسىشنى بىلسە، كىشىلىكىڭىز بىلەن بۇ شىركەتلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى بىر-بىرىدىن قانداق ئايرىيالايسىز؟

مۇشۇنداق خەتەرلىك بىر ئىشتىن قۇتۇلۇش  ياكى تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن،  باشقۇرۇش سىستېمىمىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. قانداق بىر مەخلۇق ئىكەنلىكىمىزنى ۋە ھاياتتىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىمىزنى چوقۇم بىلمىسەك بولمايدۇ، ئەلۋەتتە كونىلارمۇ بىزگە دەل مۇشۇنداق نەسىھەت قىلاتتى، يەنى ئۆزۈڭلارنى تونۇڭلار. پەيلاسوپلار ۋە پەيغەمبەرلەر مىڭلارچە يىلدىن بۇيان ئىنسانلارغا ئۆزلىرىنى تونۇشقا تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. لېكىن بۇ تەۋسىيە 21-ئەسىردە تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ قالدى، چۈنكى كۈنىمىزدىكى رەقىبلەر لاۋزى ياكى سوقرات دەۋرىدىكى رەقىبلەردىن تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدى. كوكا-كولا، ئامازون، بەيدۇ ۋە ھۆكۈمەت سىزنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن كەسكىن رىقابەت ئىچىدە تۇرماقتا. ئۇلار بىزنىڭ ئەقىللىك تېلېفونلىرىمىزنى، كومپيۇتېرلىرىمىزنى ۋە بانكا ھېساباتلىرىمىزنى ئەمەس، بىز ۋە ئورگانىك ئۇچۇر-ئالاقە سىستېمىمىزنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن رىقابەتلەشمەكتە. كومپيۇتېرلار تەرىپىدىن نۇرغۇن نەرسە خاككېرلىنىۋاتقان بىر دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالمايلى، بۇ رېئاللىقنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئەمەلىيەتتە ئىنسانلار ئاللىبۇرۇن خاككېرلىنىپ بولغان بىر دەۋردە ياشاۋاتىدۇ.

ئالگورىتمىلار ھەر پەيتتە بىزنى تەقىب قىلىۋاتىدۇ، مەسىلەن، بىزنىڭ قەيەرگە بارىدىغانلىقىمىزنى، نېمىلەرنى سېتىۋالغانلىقىمىزنى، كىم بىلەن ئۇچراشقانلىقىمىزنى كۆزىتەلەيدۇ. پات يېقىندا ھەر قەدىمىمىزنى، ئالغان ھەر نەپسىمىزنى، قەلبىمىزنىڭ ھەر سوقۇشىنى كۆزىتەلەيدىغان سەۋىيەگە كېلىدۇ. ئالگورتمىلار زور مىقداردىكى ئۇچۇر-مەلۇمات ۋە ئاپتوماتىك ماشىنىلار تۈرتكىسىدە بىزنى تېخىمۇ چۈشىنەلەيدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ ئالگورىتمىلار بىزنى ئۆزىمىزدىنمۇ بەكرەك چۈشىنىدىغان سەۋىيەگە يەتكەندە بىزنى تىزگىنلەپ يېتەكلەيدۇ، ئەھۋال بۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەندە بىز چارىسىز قالىمىز ۋە ماترىكستا ياكى ترۇمەن شوۋدا ياشاشقا مەجبۇر قالىمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ تولىمۇ ئاددىي مەنتىقە ئىدى، يەنى ئالگورىتمىلار ئىچىمىزدە نېمىلەر بولغانلىقىنى بىزگە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىدىغان ھالەتكە كەلسە ھاكىمىيەتنىڭ تىزگىنى ئۇلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.

ناۋادا ھاكىمىيەتنى ئالگورتىمىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ بىز ۋە پۈتكۈل دۇنياغا ۋاكالىتەن قارار چىقىرىپ ھەرىكەت قىلسا بۇنىڭغا ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سۈكۈت قىلىپ تۇرىمىز، ئېچىنىشلىق بولغىنى، بۇ ئىشنى مەسىلە دەپ قارىمايدىغان بولىمىز. ئۇنداقتا ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. لېكىن ئۆز مەۋجۇتلۇقىمىز ۋە ھاياتنىڭ كېلەچىكىنى ئازراق بولسىمۇ تىزگىنلەشنى خالىسىڭىز، ئۇنداقتا ئالگورتىمىلارغا قارىغاندا يەنى ئامازون، بەيدۇ ۋە ھۆكۈمەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ چاققان، تېخىمۇ سەۋىيەلىك ۋە ئۆزىمىزنى ئۇلاردىن بەكرەك ياخشى چۈشىنىدىغان بولۇشىمىز كېرەك. شۇڭا بىز تېز سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن يېنىمىزغا ئارتۇقچە نەرسە ئالماسلىقىمىز لازىم.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*