21-ئەسىردە: كۆچمەنلىك

2019-يىلى 8-فېۋرال

 

يۇۋال ھارىرى

 

بەزى كۈلتۈرلەر يەنە بەزى كۈلتۈرلەردىن ئۈستۈنمۇ؟

 

يەر شارىلىشىش ھادىسىسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت پەرقلىرىنى زور دەرىجىدە ئازايتىش بىلەن بىرگە، مىللەتلەر  ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىمۇ ئاسانلاشتۇردى، بىراق مىللەتلەرنىڭ ھەر خىل خۇي-مىجەزلىرى ۋە ئادەتلىرىدىن ئاسانلا بىئارام بولىدىغان ئەھۋالنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئانگلوساكسون ئەنگلىيەسى بىلەن ھىندىستاننىڭ پالا ئىمپېرىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق زامانىۋى بىرىتانىيە بىلەن زامانىۋى ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى پەرققە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىدى. بىراق پادىشاھ بۈيۈك ئالفرېد دەۋرىدە لوندوندىن دېھلىغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان «بىرىتانىيە ئاۋىياتسىيە »شىركىتىنىڭ ئايروپىلانلىرى يوق ئىدى.

يىلدىن-يىلغا نۇرغۇن ئىنسان  مەملىكەتلىرىنى تاشلاپ خىزمەت، بىخەتەرلىك ۋە تېخىمۇ پارلاق كېلەچەك ئىزدەپ ئۆزگە يۇرتلارغا تۈركۈملەپ كۆچۈشكە باشلىدى، بۇ ئىنسانلار يېتىپ كەلگەن مەملىكەتلەردە يات مەدەنىيەتلەر بىلەن تونۇشتى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئاسسىمىلياتسىيە بولدى، چەتكە قېقىلدى. كۆچمەنلەر يېڭى تونۇشقان بۇ مەملىكەتلەرنىڭ سىياسىي تۈزۈملىرى ۋە ئورتاق كىملىكلىرىگە ماسلىشىشتا تولىمۇ قىينالدى. مەلۇم بولغىنىدەك كۆچمەنلەر ئىنتىلىۋاتقان بۇ دۆلەتلەر دەل ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىدى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەسلىدە نېمىس، فىرانسۇز، ئىسپان ۋە گىرېكلار ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت پەرقلىرىدىن ھالقىغان بىر ئورتاق مەدەنىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغانىدى، بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقى ياۋروپالىقلار بىلەن ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىن كەلگەن كۆچمەنلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشىماسلىقلارنى بىر يەردە تۇتۇپ تۇرۇشتىن ئاجىز كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن يىمىرىلىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن، ئىشنىڭ غەلىتە تەرىپى شۇكى، بۇنچىلىك كۆپ كۆچمەننى ياۋروپاغا جەلپ قىلغان نەرسە دەل ياۋروپانىڭ كۈچلۈك كۆپ مەدەنىيەتلىك سىستېما بەرپا قىلالىشى ئىدى. سۈرىيەلىكلەرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان،ئىران، رۇسىيە ياكى ياپونىيە ئورنىغا گېرمانىيەگە كېتىشنى ئارزۇ قىلىشنىڭ سەۋەبى، گېرمانىيەنىڭ ئۆزگە دۆلەتلەرگە قارىغاندا جۇغراپىيەلىك جەھەتتە يېقىن ۋە باي بولۇشى ئەمەس كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە مۇئامىلە جەھەتتىن نىسبەتەن ياخشى تەجرىبە ۋە شارائىتقا ئىگە بولۇشىدۇر.

بارغانچە كۈچىيىۋاتقان مۇساپىر ۋە كۆچمەن دولقۇنى ياۋروپالىقلار ئىچىدە ئوخشىمىغان ئىنكاس پەيدا قىلىپ ياۋروپانىڭ كىملىكى ۋە كېلەچىكى ھەققىدە كەسكىن بەس-مۇنازىرىلەرنى پەيدا قىلماقتا. بەزى ياۋروپالىقلار ياۋروپانىڭ ئىشىكىنى كۆچمەنلەرگە چىڭ تاقاشنى تەشەببۇس قىلماقتا، ئۇنداقتا بۇ ئىنسانلار ياۋروپانىڭ كۆپ مەدەنىيەتلىك سىستېمىسى ۋە ئادەمگەرچىلىك ئەنئەنىسىگە زىت ئىش قىلغان بولامدۇ ياكى ئېغىر بىر پالاكەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىۋاتامدۇ؟ بەزىلىرى بولسا ئىشىكنىڭ تېخىمۇ كەڭرى ئېچىۋېتىلىشىنى ياقلىماقتا: بۇ ئىنسانلار ياۋروپانىڭ قىممەت قاراشلىرىغا سادىقمۇ ياكى ياۋروپادىن ۋۇجۇدقا چىقىرىش مۇمكىن بولمىغان ئارزۇ-ئارمانلارنى كۈتكەنلىكى ئۈچۈن جىنايەتچىمۇ؟ كۆچكە مۇناسىۋەتلىك بۇنداق مۇنازىرىلەر ئاساسەن دېگۈدەك جېدەل بىلەن تۈگەيدۇ. بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئەھۋال نۇقتىسىدىن ئانالىز قىلىپ كۆرۈش كېرەك.

  • خىل ئەھۋال: ساھىبخان دۆلەت كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىدۇ.
  • خىل ئەھۋال: كۆچمەنلەرمۇ تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرى ۋە قىممەت قاراشلىرىغا رىئايە قىلىشى شەرت، تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرى ۋە قىممەت قاراشلىرى كۆچمەنلەردىن ئۆز مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن ۋاز كېچىشنى تەقەززا قىلسا، كۆچمەنلەر شۇ بويىچە قىلىشى لازىم.
  • خىل ئەھۋال: كۆچمەنلەر ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ بولغاندىن كېيىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى بىلەن تەڭ باراۋەر ۋە ھوقۇقلارغا ئىگە بولغاندىن سىرت، شۇ دۆلەتنىڭ ھەققى پۇقرالىرى قاتارىدىن كۆرۈلۈشى كېرەك. يەنى «ئۇلار ۋە ئۆزگىلەر»سالاھىيىتىدىن قۇتۇلۇپ «بىز»سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى لازىم.

بۇ ئەھۋاللار ھەر بىر ئەھۋالنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئوخشىمىغان 3 مۇنازىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۆتىنچى بىر خىل مۇنازىرە بۇ ئەھۋاللارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا مۇناسىۋەتلىك. كۆپ ۋاقىتلاردا ئىنسانلار كۆچ ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشقاندا، بۇ تۆت مۇنازىرە بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ھېچكىم قايسى مۇنازىرە توغرۇلۇق تالاش-تارتىش قىلغانلىقىنى ئاڭقىرالمايدۇ. شۇڭلاشقا ھەر بىرى ئۈستىدە ئايرىم ۋە تەپسىلىي توختىلىش كېرەك.

  • خىل مۇنازىرە: كۆچ مەسىلىسىنىڭ تۇنجى ماددىسى پەقەت ساھىبخان دۆلەتنىڭ كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ بىر ۋەزىپىمۇ ياكى ئىلتىپاتمۇ (ياخشىلىقمۇ)؟ ساھىبخان دۆلەت بوسۇغىسىغا كەلگەن ھەر كۆچمەنگە ئىشىكىنى ئېچىشقا مەجبۇرمۇ، ياكى خالىغىنىنى قوبۇل قىلىش ياكى كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىشنى پۈتۈنلەي توختىتىش ھوقۇقى بارمۇ؟ كۆچنى قوللايدىغانلار دۆلىتىنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىن مۇساپىرلارنىلا ئەمەس، نامراتلىقتا ئىڭراۋاتقان دۆلەتلەردىن خىزمەت ۋە تېخىمۇ پارلاق كېلەچەككە ئېرىشىشنىڭ كويىدا كەلگەنلەرنىمۇ قوبۇل قىلىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، يەر شارىلاشقان كۈنىمىز دۇنياسىدا پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرى ئۈستىدە ئەخلاقىي جەھەتتىن مەسئۇلىيىتى بار بولۇپ، بۇ مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرغۇچىلار شەخسىيەتچى ۋە ئىرقچى ھېسابلىنىدۇ.

شۇنداقلا كۆچنى قوللايدىغانلار كۆچنىڭ تولۇق ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى، ھەر قانچە ئېگىز سېپىل ۋە توساق تىكلەپ چىققان تەقدىردىمۇ كۆچمەنلەرنىڭ بىر ئامال قىلىپ، دۆلەتكە كىرىدىغان يولنى تاپىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىشىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئادەم ئەتكەسچىلىكى، قانۇنسىز ئىشچىلار ۋە رەسمىيىتى بولمىغان بالىلاردىن تەشكىل تاپقان يەر ئاستى دۇنياسى پەيدا قىلىشنىڭ ئورنىغا، كۆچنى قانۇنلاشتۇرۇپ، مەسىلىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.

كۆچكە قارشى تۇرغۇچىلار بولسا كۆچنى تامامەن توسۇپ قالغىلى بولىدىغانلىقىنى، دۆلەتلەرنىڭ يېتەرلىك تەدبىر ئېلىپ زۆرۈر تېپىلغاندا كۈچ ئىشلەتسە كۆچنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى دېيىشىدۇ. ئۇلار يەنە كۆچمەنلەرنىڭ ئىچىدە ۋەھشىي جىنايەت سادىر قىلغان رەزىل ئىنسانلارنىڭمۇ بار بولۇش ئېھتىمالىنى بارلىقىنى، بۇنداق رەزىل قاتىلمۇ بولغان كۆچمەنلەر توپىنى دۆلەت ئىچىگە كىرگۈزمەسلىكنىڭ ئەڭ ياخشى چارە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشۈپ، كۆچنى قوللايدىغانلارغا جاۋاب قايتۇرۇشىدۇ. تۈركىيەنىڭ چېگرادىن ئۆتمەكچى بولغان سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا رۇخسەت قىلىشتەك ئەخلاقىي بىر مەجبۇرىيىتى بولۇشى مۇمكىن، بىراق بۇ كۆچمەنلەر كېيىنچە شىۋېتسىيەگە كىرمەكچى بولسا شىۋېتسىيە بۇلارنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر ئەمەس. خىزمەت ۋە باياشات تۇرمۇشنىڭ كويىدا يۈرگەن كۆچمەنلەرنى بولسا ساھىبخان دۆلەت قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىقنى ئۆزى قارار قىلىدۇ، بۇ تامامەن ساھىبخان دۆلەتنىڭ ئىختىيارلىقىدىكى ئىش.

كۆچ ۋە كۆچمەنلەرگە قارشى چىققۇچىلار ھەر ئىنسان توپلۇقىنىڭ ياكى مىللەتنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرىدىن بىرىنىڭ ئۆزىنى ھەر قانداق (مەيلى ئارمىيە، مەيلى كۆچ يولى بىلەن بولسۇن)ئىشغالىيەتتىن قوغداش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشىدۇ. شىۋېتسارىيەلىكلەر ساغلام بىر دېموكراتىيە بەرپا قىلىپ چىقىش ئۈچۈن كېچە -كۈندۈز تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، سۈرىيەلىكلەر بولسا بۇنداق قىلالمايدۇ، شۇڭا بۇ خاتالىق قانداقتۇر شىۋېتسىارىيەلىكلەرنىڭ ئەمەس سۈرىيەلىكلەرنىڭ خاتالىقى بولىدۇ. شىۋېتسىيەلىكلەر سۈرىيەلىكلەرنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىسا، ئۇلارنى قايتۇرۇۋېتىش ھوقۇقى ۋە ھەققى بار. ئەكسىچە بەزى سۈرىيەلىكلەرنى قوبۇل قىلىشنى خالىسا، بۇ قانداقتۇر ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بولماستىن سۈرىيەلىكلەرگە قىلغان ياخشىلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر شىۋېتسىيەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنغان كۆچمەنلەر شىۋېتسىيەنى ئۆز يۇرتىدەك چاغلاپ كېتىپ شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن ئارتۇق نەرسە تەلەپ قىلىش ئەمەس، چوقۇم بارغا شۈكۈر قىلىشنى ۋە شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشى كېرەك.

كۆچ ۋە كۆچمەنلەرگە قارشى تۇرغۇچىلار ساھىبخان دۆلەتنىڭ خالىغان بىر كۆچمەنلىك سىياسىتىنى يولغا قويالايدىغانلىقىنى، خالىسا كۆچمەنلەرنى كەسپىي ۋە باشقا ئىقتىدارلىرىغا قاراپ ئەمەس دىنى ئېتىقادىنى ئاساس قىلىپ قوبۇل قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنىمۇ تەكىتلىشىدۇ. ئىسرائىلىيەگە ئوخشاش بىر دۆلەت پەقەت يەھۇدىيلارنىلا قوبۇل قىلسا، پولشاغا ئوخشاش بىر دۆلەت خىرىستىيانلارنىلا قوبۇل قىلسا بۇ ئەخلاقىي جەھەتتىن تازا توغرا بولمايدۇ، بىراق قارارنى يەھۇدىي ۋە پولشادىكى سايلىغۇچى خەلق ئاممىسى بەرسە، بۇنى قانداقمۇ خاتا دېيەلەيمىز.

شۇنىسى ئېنىقكى، كۆپ چاغلاردا ئىنسانلار نە ياردىن ئۆتۈشنى خالىمايدۇ نە كەلكۈندىن ئۆتۈشنى خالىمايدۇ. نۇرغۇن دۆلەت چەت ئەللىكلەرنىڭ ئېنېرگىيە، قابىلىيەت ۋە ئەرزان ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن قانۇنسىز كۆچ ھادىسىسىگە كۆز يۇمىدۇ، ھەتتا ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئىشچى قوبۇل قىلىشىدۇ. بىراق بۇ دۆلەتلەر مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن كۆچمەنلەرنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كۆچمەنلەرگە قانۇنلۇق سالاھىيەت بېرىشنى رەت قىلىشىدۇ. بۇ خىلدىكى پوزىتسىيە قاتار ۋە باشقا دۆلەتلەردە بولغىنىغا ئوخشاش، يۇقىرى قاتلام كىشىلىرىنىڭ ئاجىز چەت ئەللىكلەرنى سۈمۈرىدىغان قاتلاملىق جەمئىيەت تۈزۈلمىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ مۇنازىرىدىن ئېنىق خۇلاسە چىقمىغىچە ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بېرىش تولىمۇ تەس. كۆچ ۋە كۆچمەنلەرنى قوللايدىغانلار، ئىنسانلارنىڭ پىلانى ۋە ئارزۇسىغا ئاساسەن، باشقا بىر دۆلەتكە كۆچۈپ كېتىش ھوقۇقى، شۇنداقلا ساھىبخان دۆلەتنىڭ بۇ ئىنسانلارنى قوبۇل قىلىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بولغاچقا، كۆچ ھوقۇقى دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىغان ۋە ساھىبخان دۆلەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ئەھۋالدا قاتتىق قايناپ كېتىشىدۇ. بۇ خىلدىكى پوزىتسىيە كۆچ ۋە كۆچمەنلەرگە قارشى چىققۇچىلارغا تولىمۇ غەلىتە بىلىنىدۇ، ئۇلارچە بولغاندا كۆچمەنلىك ئايرىمىچىلىق بولسا، كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىش ياخشىلىق ھېسابلىنىدۇ. كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلمىغانلارنى ئىرقچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەش توغرىمۇ؟

 

ئۇنداقتا كۆچمەنلەرنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىش ۋەزىپە ئەمەس ياخشىلىق ھېسابلىنىدىغان بولسا، كۆچمەنلەر ماكانلاشقاندىن كېيىن ساھىبخان دۆلەتنىڭ تەبىئىي ھالدا كۆچمەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى  ئالدىدا مەلۇم مەسئۇلىيىتى پەيدا بولىدۇ. شۇڭلاشقا، كۈنىمىزدە ئامېرىكىدىكى يەھۇدىيلارغا «چوڭ ئاناڭنى 1910-يىلى ئامېرىكىغا قوبۇل قىلىپ ياخشىلىق قىلغانىدۇق، شۇڭا ساڭا قانداق مۇئامىلە قىلساق بولۇۋېرىدۇ» دېيىش ئارقىلىق، يەھۇدىي دۈشمەنلىكى پەيدا قىلىش توغرا ئەمەس.

  • مۇنازىرە: كۆچ مەسىلىسىنىڭ ئىككىنچى ماددىسىدا، ئۆزگە دۆلەتلەرگە قوبۇل قىلىنغان كۆچمەنلەرنىڭ يەرلىك مەدەنىيەتكە سىڭىپ كېتىش مەجبۇرىيىتى بارلىقى تەشەببۇس قىلىنىدۇ. ئۇنداقتا بۇ سىڭىپ كېتىش ياكى ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ چېكى بارمۇ؟ كۆچمەنلەر ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق بىر جەمئىيەتتىن لىبېرال بىر دۆلەتكە كەلگەندە ئايالچىلىق ئېقىمىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرمۇ؟ ناھايىتى دىندار بىر جەمئىيەتتە چوڭ بولغان كۆچمەنلەر لايىك يەنى دىن بىلەن سىياسەت پۈتۈنلەي ئايرىلغان بىر دۆلەتكە كەلگەندە، بۇ دۇنيا قارىشىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولامدۇ يوق؟ مىللىي كىيىملىرىنى ياكى تاماق ئادىتىنى ئۆزگەرتىشى شەرتمۇ؟ كۆچ ۋە كۆچمەنلەرگە قارشى چىققۇچىلار ئۆلچەم ۋە شەرتنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان بولسا، كۆچ ۋە كۆچمەنلەرنى قوللايدىغانلار دەل ئەكسىنى قىلماقتا.

كۆچ ۋە كۆچمەنلەرنى قوللايدىغانلار ياۋروپانىڭ ھەقىقەتەن رەڭدار ۋە كۆپ مەدەنىيەتلىك قىتئە ئىكەنلىكىنى، يەرلىك خەلقنىڭ ئوخشىمىغان قاراش، ئىدىيە، ئادەت ۋە قىممەت قاراشلىرىنى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ياۋروپانى كۈچلۈك ۋە ساغلام قىلغان نەرسە ياۋروپانىڭ دەل مۇشۇنداق رەڭدار بولۇشىدۇر. كۆچمەنلەر نېمە ئۈچۈن ئاز سانلىق بىر ياۋروپالىق كۆككە كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان توقۇلما بىر ياۋروپا كىملىكىگە سادىق بولۇشقا مەجبۇر بولسۇن؟ كۆپ قىسىم ئەنگلىيە پۇقراسى ئۆزلىرىمۇ چېركاۋغا بارمايدىغان تۇرسا، نېمىشقا كۆچمەن مۇسۇلمانلار خىرىستىيانلىقنى قوبۇل قىلىشقا  مەجبۇرلانسۇن؟ پاكىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسىدىن ئەنگلىيەگە كەلگەن بىر كۆچمەن مۇسۇلمان، نېمىشقا دورا-دەرمەكلىك تامىقىنى تاشلاپ مايدا پىشۇرۇلغان ياڭيۇنى يېگۈدەك؟ياۋروپانى ياۋروپا قىلىۋاتقان دەل ياۋروپانىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرىگە ئوخشاش قىممەت قاراشلاردۇر. شۇڭلاشقا ياۋروپالىقلار ئۆزلىرى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ قىممەت قاراشلىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن، كۆچمەنلەرنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىگە، مەدەنىيەتلىرىگە ۋە دىنى ئېتىقادلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.

كۆچ ۋە كۆچمەنلەرگە قارشى بولغۇچىلار ياۋروپانىڭ قىممەت قاراشلىرىنىڭ دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئەركىنلىك ئىكەنلىكىنى بىردەك ئېتىراپ قىلسىمۇ، بىراق كۆپ قىسمى مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن كەلگەن كۆچمەنلەرنى ئەركىنلىك، ئاياللار، ئوخشاش جىنسلىقلار مۇھەببىتى ۋە يەھۇدىي قاتارلىقلارغا دۈشمەنلىك قىلىش ئەيىبلىشىدۇ. ياۋروپا ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ قىممەت قاراشلىرىغا قارشى تۇرغۇچىلارنى قەتئىي باغرىغا باسماسلىقى كېرەك. دېموكراتىيە ، ئەركىنلىك ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى دەستۇر قىلغان بىر جەمئىيەت، ئەلۋەتتە بىر ئوچۇم ئاشقۇنلارنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان قۇدرەتكە ئىگە، بىراق ئاشقۇنلارنىڭ سانى ھەددىدىن زىيادە بولسا بۇنى بېسىقتۇرۇش تەسكە توختاپ كېتىدۇ، ناۋادا ئاشقۇنلارغا ئىشىك ئېچىلىپ قالسا جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلمىسى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. ياۋروپا ئوتتۇرا شەرقلىق كۆچمەنلەرنى كۆپلەپ قوبۇل قىلسا، ئاقىۋەت ياۋروپا ئوتتۇرا شەرقتىن قىلچە پەرقلەنمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ.

بەزى كۆچ ۋە كۆچمەنلەرگە قارشى بولغۇچىلار تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدىغان بولۇپ، مىللىي جەمئىيەتنىڭ بەرپا قىلىنىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللارنىڭ، بىر-بىرلىرىگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئىنسانلار توپىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، كۆچمەنلەر ياۋروپانىڭ قانۇنلىرىغا رىئايە قىلسىلا يېتەرلىك بولمايدۇ،بۇنىڭدىن سىرت نېمىس، ئىنگلىز ۋە فىرانسۇزلارنىڭ مەدەنىيىتىگىمۇ ماسلىشىشى ھەتتا قوبۇل قىلىشى كېرەك. يەرلىك مەدەنىيەتلەر كۆچمەنلەرنى باغرىغا بېسىپ زور بەدەللەر تۆلەيدۇ، شۇڭا كۆچمەنلەرنى ياۋروپا مەدەنىيىتىگە ماسلىشىشقا ھەتتا قوبۇل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشكە ياكى مەجبۇرلاشقا نېمىشقا بولمىغۇدەك. كۆچمەنلەردىن ياۋروپا مەدەنىيىتىگە تولۇق ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشنى تەلەپ قىلىش، كېيىنچە ئۇلارنىڭ ياۋروپالىقلار بىلەن تەڭ باراۋەر بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر كۆچمەنلەرنىڭ ئىنگلىز ، نېمىس ۋە شىۋېتسىيە مەدەنىيەتلىرىنى ياقتۇرمىسا ياكى غەلىتە بىلىنسە، ئۇلار باشقا يەرلەرگە كەتسە بولىدۇ، چۈنكى بىز ئۇلارنى چىللاپ كەلمىدۇق.

بۇ مۇنازىرىدە مۇنداق ئىككى مەسىلە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، بىرىنچىسى كۆچمەنلەرنىڭ كەڭ قورساق ۋە ئەپۇچان بولماسلىقى، ئىككىنچىسى ياۋروپا كىملىكى ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولماسلىقى. كۆچمەنلەر راست دېگەندەك ھەقىقەتەن كەڭ قورساق ۋە ئەپۇچان بولمىسا، ئۇنداقتا كۆچ ۋە كۆچمەنلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان لىبېرال ياۋروپالىقلارنىڭمۇ مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن كۆز قارشى ئۆزگىرىپ قېلىشى مۇمكىن. لېكىن كۆپ قىسىم كۆچمەن لىبېرال بولسا ۋە دىن، جىنسىيەت ۋە سىياسەت مەسىلىلىرىگە ئوچۇق پوزىتسىيە تۇتىدىغان بولسا، ئۇنداقتا كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىشقا قارشى تەشەببۇس قىلىپ كېلىنىۋاتقان بەزى قاراشلار تەبىئىي ھالدا پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ.

مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ، ياۋروپالىقلارنىڭ كىملىكى ۋە قىممەت قاراشلىرى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلار پەسەيمەيدۇ. فىرانسىيەگە كەلگەن بارلىق كۆچمەنلەر قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك فىرانسىيەگە خاس قائىدە-پىرىنسىپلار ۋە قىممەت قاراشلار، شۇنداقلا دانىيەگە كەلگەن كۆچمەنلەر رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك دانىيەگە خاس قىممەت قاراشلار ۋە قائىدە-پىرىنسىپلار بار؟ ياۋروپالىقلار بۇ مەسىلىگە ئېنىق جاۋاب بېرەلمىسە، ھەرگىزمۇ كۆچمەنلەر توغرۇلۇق مۇۋاپىق سىياسەت يولغا قويالمايدۇ. ناۋادا ياۋروپالىقلار كىم ئىكەنلىكىگە جەزملەشتۈرۈلسە، 500 مىليون ياۋروپالىق بىر مىليون كۆچمەننىڭ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا قەتئىي قىينالمايدۇ.

  • مۇنازىرە: كۆچ مەسىلىسىنىڭ ئۈچىنچى ماددىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلىدۇ: كۆچمەنلەر ساھىبخان دۆلەتنىڭ مەدەنىيىتىگە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشنى چىن كۆڭلىدىن خالاپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ ياۋروپانىڭ ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋە ئىنسان ھەقلىرى قاتارلىق قىممەت قاراشلىرى ۋە پىرىنسىپلىرىنى قوبۇل قىلسا، ساھىبخان دۆلەت ئۇلارغا ئۆز پۇقرالىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلسا شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇنداقتا كۆچمەنلەرنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەقىقىي بىر قىسمىغا ئايلىنىشى ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ ئالجىرىيەدىن كەلگەن تۇنجى ئەۋلاد كۆچمەن 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ يەنىلا فىرانسۇزلار بىلەن ئوخشاش ئىمتىيازغا ئىگە بولالمىسا ياكى مۇئامىلە قىلىنمىسا، بۇ ئەھۋالدىن نارازى بولۇش ھەققى بارمۇ؟ ئوخشاشلا 1970-يىللاردا فىرانسىيەگە ئالجىرىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر 50 يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ يەنىلا باراۋەر مۇئامىلىگە ئۇچرىمىسا ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟

كۆچ ۋە كۆچمەنلەرنى قوللايدىغانلار كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تېز بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بولسا، قارشى ئېقىمدىكىلەر كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ سۈرئىتىنىڭ تېز بولماسلىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بىرىنچى ئېقىمدىكىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۈچىنچى ئەۋلاد كۆچمەنلەرمۇ يەرلىك مىللەتلەرگە ئوخشاش تەڭ باراۋەر مۇئامىلىگە ئۇچرىمىسا، ئۇنداقتا ساھىبخان دۆلەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىغان بولىدۇ، بۇ ئەھۋال سۈركىلىشكە، دۈشمەنلىككە ھەتتا زوراۋانلىققا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن، ناۋادا ئايرىمىچىلىق بولمىغان بولسا بۇنداق ئەھۋال قەتئىي كېلىپ چىقمايتتى، ئايرىمىچىلىق بارلىق قالايمىقانچىلىقنىڭ تۈپ سەۋەبىدۇر. ئىككىنچى ئېقىمدىكىلەر بولسا كۆچمەنلەر ساھىبخان دۆلەتلەردىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتسە بولمايدۇ، كۆچمەنلەرنىڭ دەل مۇشۇنداق چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋېلىشى مەسىلە پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا كۆچمەنلەر قاتتىق سەۋرچان بولۇشى كېرەك، كۆچمەنلەر: بوۋىلىرىمىز 40 يىل بۇرۇن كېلىپ ھازىرغىچە يەرلىك مىللەتلەرگە ئوخشاش تەڭ باراۋەر مۇئامىلىگە ئۇچرىمايۋاتىدۇ، شۇڭا نامايىش قىلىپ ھەق – ھوقۇق تەلەپ قىلىشىمىز،ھەتتا جېدەل چىقىرىشىمىز كېرەك، دەپ ئويلىۋالسا بۇ قەتئىي قاملاشمايدۇ، بۇنداق قىلىش سىناقتىن ئۆتەلمىگەنلىكتۇر.

بۇ مۇنازىرىنىڭ ئەسلى تېگىدە شەخسىي زامان ئۆلچىمى بىلەن كوللېكتىپ زامان ئۆلچىمى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ياتىدۇ. ئىنسان توپلۇقى نۇقتىسىدىن 40 يىل تولىمۇ ئاز بىر ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ، شۇڭلاشقا 30، 40 يىل ئىچىدە جەمئىيەتنىڭ كۆچمەنلەرنى تولۇق باغرىغا بېسىشىنى ئۈمىد قىلىش ياكى كۈتۈش بىھۇدە. رىم ئىمپېرىيەسى، خەلىپىلىكلەر، خىتاي خاندانلىقلىرى ۋە ئامېرىكىغا ئوخشاش بۇرۇنلاردا چەت ئەللىكلەرنى قوبۇل قىلغان مەدەنىيەتلەرنىڭ، چەت ئەللىكلەرنى تولۇق قوبۇل قىلىشىغا 30، 40 يىل ئەمەس نەچچە يۈز يىل كەتكەن.

لېكىن شەخسىي ۋاقىت ئۆلچىمى نۇقتىسىدىن قارىغىنىمىزدا، 40 يىل تولىمۇ ئۇزۇن ۋاقىتتۇر، بوۋىسى ۋە مومىسى فىرانسىيەگە كۆچۈپ كېلىپ 20 يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان بىر ياشقا نىسبەتەن ، ئالجىرىيەدىن مارسىلىياغا سەپەر قىلىش ناھايىتى كونا ھېكايە ھېسابلىنىدۇ. ئۆزىمۇ بارلىق دوستلىرىغا ئوخشاشلا فىرانسىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بولۇپ، ئەرەبچە ئەمەس فىرانسۇزچە سۆزلىشىدۇ ۋە ئالجىرىيەگە قەدەممۇ بېسىپ باقمىغان. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۆي ياكى يۇرت دېسە فىرانسىيەلا كۆز ئالدىغا كېلىدۇ، ئۇنداقتا قانداقمۇ ئۇنىڭغا سېنىڭ ئۆيۈڭ ياكى يۇرتۇڭ فىرانسىيە ئەمەس ۋە پەقەتلا ياشاپ باقمىغان بىر يەرگە كەتكىن، دېگىلى بولسۇن. بۇ ئەھۋال ئاۋستىرالىيەدىن ئېلىپ كېلىنگەن بىر ئوكالىپۇس ئۇرۇقىنىڭ فىرانسىيەدە تېرىلىشىغا ئوخشايدۇ. ئېكولوگىيەلىك جەھەتتىن ئوكالىپتۇس دەرەخلىرى ئىشغالىيەتچى ھېسابلىنىدۇ، بوتانىكچىلارنىڭ بۇ دەرەخلەرنى ياۋروپانىڭ يەرلىك دەرەخلەر كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزەلىشى ئۈچۈن، بىر قانچە ئەۋلاد يېتىشىپ چىقىشى كېرەك. بىراق بۇ دەرەخ ئۆزىنى فىرانسىيەلىك دەپ قارايدۇ. فىرانسىيە سۈيى بىلەن سۇغۇرۇلمىسا قۇرۇپ كېتىدۇ، قومۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇپ باقسىڭىز، خۇددى يەرلىك قارىغايلارغا ئوخشاش ئۇنىڭمۇ فىرانسىيەگە يىلتىز تارتقانلىقىغا شاھىت بولىسىز.

  • مۇنازىرە: كۆچ مەسىلىسىنىڭ توغرا ئېنىقلىمىسى ھەققىدىكى بارلىق ئىختىلاپلارغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلامدۇ يوق؟

كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلماسلىقىنى ياقلايدىغانلار، كۆچمەنلەرنىڭ ئىككىنچى شەرتنى ئادا قىلالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە،   كۆچمەنلەر ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئايرىمىچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە دۇنيا قارىشىغا ئىگە، كۆپ مەدەنىيەتلىك ۋە قاتلاملىق جەمئىيەتتە ياشاشقا ماسلىشىپ بولمايدۇ، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە كەڭ قورساق بولالمايدۇ. شۇڭلاشقا ساھىبخان دۆلەتلەرنىڭ بۇ كۆچمەنلەرگە ئۆز پۇقرالىرىغا ئوخشاش تەڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق، كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلماسلىق ئۈچۈن ھەر قانداق سەۋەبنى كۆرسىتىش ھوقۇقىغا ئىگە. مەلۇم بىر مەدەنىيەتكە تەۋە ئىنسانلار كۆچ شەرتلىرىنى ئورۇنداشقا سەل قارىسا ياكى ئۆزلىرى ساھىبخان دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە قائىدە-پىرىنسىپلىرىغا ئاكتىپ ماسلاشمىسا ئۇلارنى قوبۇل قىلىپ بىھۇدە ئاۋارە بولۇشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق.

كۆچ ۋە كۆچمەنلەرنى قوللايدىغانلار بولسا ساھىبخان دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قارشى ئېقىمدىكىلەرگە جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، كۆچمەنلەر قولىدىن كېلىشىچە ساھىبخان دۆلەتنىڭ  مەدەنىيەت ۋە قائىدە-يوسۇنلىرىغا ماسلىشىشقا تىرىشسىمۇ، لېكىن ساھىبخان دۆلەت بۇنىڭغا توسالغۇ بولىدۇ ياكى بۇ ئىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ھەممىدىن ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ساھىبخان جەمئىيەتكە تولۇق ماسلىشىپ پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە بولغان ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئەۋلاد كۆچمەنلەرمۇ يەرلىك مىللەتتەك تەڭ باراۋەر مۇئامىلىگە ئۇچرىمايدۇ. بۇ بىنورمال ئەھۋال مۇشۇ پېتى داۋاملىشىدۇ.

يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ئۈچ شەرتنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلماي تۇرۇپ، ئۈچىنچى مۇنازىرە ھەققىدە ئېنىق خۇلاسىگە كەلگىلى بولمايدۇ. ئۇنداقتا ساھىبخان دۆلەتنىڭ مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىش مەسئۇلىيەتمۇ ياكى ياخشىلىقمۇ؟ كۆچمەنلەر قانچىلىك ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنسا مۇۋاپىق بولىدۇ ۋە بۇنىڭ بىر چېكى  بارمۇ؟ ساھىبخان دۆلەتلەر كۆچمەنلەرگە قانچىلىك ۋاقىت ئىچىدە ئۆز پۇقرالىرىغا ئوخشاش تەڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى كېرەك؟ بۇ سوئاللارنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرماي تۇرۇپ، تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ قىلمىغانلىقىنى بىلەلمەيمىز. كۆچ مەسىلە ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىنغاندا، ھەر ئىككى تەرەپ ماسلىشىش مەسىلىسىدىن بەكرەك دەپسەندىچىلىك مەسىلىسىگە مەركەزلىشىدۇ. قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان بىر مىليوندىن ئارتۇق كۆچمەن ئىچىدىن يۈزگە يېقىن كۆچمەن چىقىپ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قاتنىشىپ، ساھىبخان دۆلەتكە ھۇجۇم قىلسا، ئۇنداقتا كۆچمەنلەرنى كېلىشىملەرگە رىئايە قىلدى دەپ قاراشقا بولامدۇ ياكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى دەپ ھۆكۈم چىقىرامدۇق؟ئۈچىنچى ئەۋلاد بىر كۆچمەنگە مىڭلارچە قېتىم بىمالال خاتىرجەم كېزىپ يۈرگەن كوچىدا، تۇيۇقسىز بىر ئىرقچى ھاقارەت قىلسا، ئۇنداقتا بۇ ئەھۋال يەرلىك خەلقنىڭ كۆچمەنلەرنى باغرىغا باسقانلىقىمۇ ياكى چەتكە قاققانلىقىمۇ؟

يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان مۇنازىرىلەرنىڭ مۇۋاپىق جاۋابى مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈرگە قانداق ئېنىقلىما بېرىشىمىزگە باغلىق. ئۇنداقتا كۆچمەن مەسىلىسىگە بارلىق مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈرنىڭ ماھىيەت جەھەتتىن تەڭ، باراۋەر ۋە ئوخشاش ئىكەنلىكى نۇقتىسىدىن قارامدۇق؟ ياكى بەزى مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈرلەرنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلامدۇق؟  بىر مىليون سۈرىيەلىكنى قوبۇل قىلىپ قىلماسلىق مەسىلىسى ئۈستىدە باش قاتۇرۇۋاتقان گېرمانىيەنىڭ، ئۆز مەدەنىيىتى ۋە كۈلتۈرىنىڭ سۈرىيەلىكلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئۈستۈن ۋە ئىلغار ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلىشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ بۇ ئەخلاقىي نۇقتىدىن توغرىمۇ؟

 

ئىرقچىلىقتىن كۈلتۈرپەرەستلىككە ئۆتۈش

 

ياۋروپالىقلار تېخى يۈز يىل ئىلگىرى بەزى ئىرقلارنىڭ، بولۇپمۇ ئاق تەنلىكلەرنىڭ ماھىيەت جەھەتتىن باشقا ئىرقلارغا قارىغاندا ئۈستۈن ۋە ئىلغار ئىكەنلىكىگە تولۇق ئىشىنەتتى. 1945-يىلدىن كېيىن بۇنداق قاراشلار ئەيىبلىنىشكە باشلىدى، ئىرقچىلىق ئەخلاقىي نۇقتىدىن خاتا بولۇپلا قالماستىن ئىلمىي جەھەتتىن ئاساسسىز قاراش ئىدى. تەبىئىي پەنچىلەر بولۇپمۇ گېن ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلار ياۋروپالىق، ئافرىقىلىق، خىتاي ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى يەرلىكلەر ئوتتۇرىسىدا بىيولوگىيەلىك پەرقلەرنىڭ ئاساسەن يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاپ چىقتى.

ئانتروپولوگلار، جەمئىيەتشۇناسلار، تارىخچىلار، ھەرىكەت بىلىمچىلىرى، ھەتتا مېڭە ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئالىملار كۈلتۈرلەر ئوتتۇرىسىدا روشەن پەرق بارلىقى ئۈستىدە نۇرغۇن دەلىللەرگە ئېرىشتى.  بارلىق كۈلتۈرلەر ۋە مەدەنىيەتلەر ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشاش بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئانتروپولوگلار ۋە جەمئىيەتشۇناسلارغا كېرەك قالمايدىغۇ، بۇنداق ئەھۋالدا جەنۇبىي تىنچ ئوكيان ۋە كالاخارى چۆلىدە ياشاۋاتقان ئىنسانلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقات خىزمەتلىرىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاشنى تاشلاپ، ئوكسفورد ياكى بوستوندىكى ئىنسانلار ئۈستىدىلا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈرنىڭ پەرقلىق بولۇشى ئەھمىيەتسىز بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا خارۋاردتىكى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردىن چىققان  نەتىجىلەرنى كالاخارى چۆلىدىكى ئىپتىدائىي قەبىلىلەرگە تەتبىق قىلساق يېتەرلىك بولىدىغۇ.

ئىنسانلار ئەستايىدىل ئويلىنىدىغان بولسا، جىنسىي ئادەتلەردىن سىياسىي ئىشلارغىچە بولغان نۇرغۇن ساھەدە كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا نە  قەدەر روشەن پەرق بارلىقىنى بايقىيالايدۇ. ئۇنداقتا بۇ پەرقلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟ كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت نىسپىيلىكىنى ياقلىغۇچىلار كۈلتۈرلەر ئوتتۇرىسىدا پەرق بولۇشىنىڭ كۈلتۈرلەرنىڭ ئۈستۈن ياكى تۆۋەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا بىر كۈلتۈرنى يەنە بىر كۈلتۈردىن ئۈستۈن كۆرمەسلىك كېرەكلىكىنى تەكىتلىشىدۇ. ئىنسانلار پەرقلىق ئويلىغاچقا ئىش-ھەرىكەتلىرىمۇ پەرقلىق بولىدۇ، شۇڭا بۇ پەرقلىق ۋە خىلمۇ خىللىقىنى باغرىمىزغا بېسىپ بارلىق ئېتىقاد ۋە ئەنئەنىلەرگە تەڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. ئەپسۇس بۇنداق ئوچۇق قاراشلار رېئاللىقتا ئۇزۇن مەزگىل پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈر جەھەتتىن پەرقلىق ۋە خىلمۇ خىل بولۇشى يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەككە ئوخشاش ئىشلاردا ئوبدانلا ئىشقا يارايدۇ، لېكىن ھېچكىم بىر ئىنساننىڭ جادۇگەر دەپ كۆيدۈرۈپ تاشلىنىشىنى، بوۋاق قاتىلىنى ياكى قۇللۇقنى، كوكا-كولا جاھانگىرلىكىنى ۋە كاپىتالىزمدىن يىراق تۇرۇشى كېرەك بولغان جەلپ قىلارلىق ئىش-ھەرىكەت قېلىپلىرىنى كاتېگورىيەگە ئايرىپ ئولتۇرمايدۇ.

ياكى بولمىسا ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈرلەرنىڭ چەت ئەللىكلەرگە، كۆچمەنلەرگە ۋە مۇساپىرلارغا قانداق قارايدىغانلىقىنى بىر تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. ھەر كۈلتۈرنىڭ ياتلارنى قوبۇل قىلىشى ياكى مۇئامىلىسى پەرقلىق بولۇپ، 21-ئەسىرنىڭ بېشىدا نېمىس كۈلتۈرى كۆچمەنلەرگە سەئۇدى ئەرەب كۈلتۈرىگە قارىغاندا بەكرەك ئىللىق ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. بىر مۇسۇلماننىڭ گېرمانىيە كۆچۈپ بېرىشى بىر خىرىستىياننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا كۆچۈپ بېرىشىگە قارىغاندا خېلىلا ئاسانغا توختايدۇ. ھەتتا سۈرىيەلىك بىر مۇسۇلماننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا كۆچۈپ بېرىشىگە قارىغاندا گېرمانىيەگە كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلىشىشى تېخىمۇ ئاسان، مەلۇمكى، 2011-يىلدىن بۇيان گېرمانىيە سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارىغاندا خېلى كۆپ قوبۇل قىلدى. ئوخشاشلا، 21-ئەسىرنىڭ بېشىدا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتى ياپونىيەنىڭ كۆچمەنلىك سىياسىتىگە قارىغاندا خېلىلا ئىنسانىيدۇر. دەل مۇشۇ نۇقتىدىن چەت ئەللىكلەرگە ئىللىق مۇئامىلە قىلىش ۋە كۆچمەنلەرنى باغرىغا بېسىشنى ياخشى ئىش، دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداقتا ھېچ بولمىغاندا نېمىس كۈلتۈرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان كۈلتۈرىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى، كالىفورنىيە كۈلتۈرىنىڭ ياپون كۈلتۈرىدىن ئىلغار ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئويلاپ قېلىشىڭىز تامامەن مۇمكىن .

شۇنداقلا ئىككى كۈلتۈر نەزەرىيەدە تەڭ باراۋەر بولسىمۇ، كۆچكە ئوخشاش ئەمەلىي بىر ھادىسە نۇقتىسىدىن، كۆچۈپ كېلىنگەن دۆلەتنىڭ كۈلتۈرىنىڭ ئىلغار ئىكەنلىكى نورمال ئىش دەپ قارىلىشى مۇمكىن.  مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ ئەمەلىي شارائىتقا ماس كېلىدىغان مىزان ۋە قىممەت قاراشلىرى، باشقا بىر شارائىتقا ماس كەلمەي قېلىشى ناھايىتى تەبىئىي ئەھۋالدۇر. بۇنى مۇنداق تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى: قېلىپلىشىپ كەتكەن بىر تەرەپلىمە قاراشلارنىڭ تۇزىقىغا چۈشمەسلىك ئۈچۈن ئىككى دۆلەتنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، بىرىنىڭ نامى سوغۇقىستان، يەنە بىرىنىڭ نامى ئىسسىقىستان بولسۇن. بۇ ئىككى دۆلەت مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈر جەھەتتىن زور پەرقلەرگە ئىگە، ھەتتا كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگىمۇ پەرقلىق مۇئامىلە قىلىدۇ. سوغۇقىستانلىقلارغا كىچىكىدىن باشلاپ مەكتەپ، ئىش ئورۇنلىرىدا، ئاممىۋى سورۇنلاردا ھەتتا ئائىلىدە ئۆز-ئارا زىددىيەتلىشىپ قالغان تەقدىرمۇ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش بولىدىغانلىقى ئۆگىتىلىدۇ. ۋارقىراپ جارقىراش، ئاچچىقلىنىش ياكى باشقىلارغا دۇئېل قىلىش قاتارلىقلاردىن ئامال بار ساقلىنىش كېرەك، ئاچچىقنىڭ ئاقىۋىتى زىياندۇر، ئىنسان ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ ۋەزىيەتنى بېسىقتۇرۇش ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدۇر. ئىختىلاپ مەزگىلىدە قارشى تەرەپ بىلەن ئالاقە قىلماي تۇرۇش كېرەك، ئۇچرىشىپ قالغان تەقدىردىمۇ يەنىلا ياخشى گەپ قىلىش كېرەك.

ئىسسىقىستانلىقلار دەل ئەكسىچە بالىلىقىدىن باشلاپ ئىختىلاپلارنى بېسىقتۇرۇۋەتمەي سىرتقا چىقىرىشنى ئۆگىنىپ كەلگەن. مەسىلەن: بىرەر ئىختىلاپ ياكى جېدەلگە ئارىلىشىپ قالسىڭىز بۇنى ئىچىڭىزدە ساقلاپ يۈرمەي دەرھال قارشى تەرەپنىڭ يۈزىگە سېلىڭ، ۋارقىراپ – جارقىراڭ، قارشى تەرەپكە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈڭ، ئىختىلاپ ۋە جېدەل مۇشۇنداق ئوچۇق-يورۇق بولغاندا ھەل بولىدۇ. يىللار داۋاملىشىدىغان ئىختىلاپ ياكى جېدەلگە سەۋەب بولۇشنىڭ ئورنىغا، مەسىلىنى بىرلا ۋارقىراپ ھەل قىلىش ئەقىلگە تېخىمۇ مۇۋاپىق. ئاچچىقنى ئۇزۇن مەزگىل يۇتۇپ يۈرگەننىڭ ئورنىغا بىرلا قېتىمدا ئۆزىنى قويۇۋېتىپ ھەل قىلسا ئىنسان ئۆزىنى يەڭگىل ھېس قىلىپ قالىدۇ.

بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق كەم ۋە ئارتۇقچىلىقى بار، شۇڭا بىرىنى يەنە بىرىدىن ئۈستۈن ۋە ياخشى دەپ قارىيالمايمىز. ئۇنداقتا بىر ئىسسىقىستانلىق سوغۇقىستانغا كۆچۈپ بارسا ۋە سوغۇقىستاندىكى بىر شىركەتتە ئىشلەشكە باشلىسا قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن؟

ئىسسىقىستانلىق شىركەتتە بىرەر ئىختىلاپ ياكى جېدەلگە ئارىلىشىپ قالسا، مەسىلىنىڭ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بولۇشىنى ئويلايدىغانلىقتىن، ئۈستەلگە ئۇرۇپ، قارشى تەرەپكە ۋارقىراپ – جارقىراپ كېتىشى تەبىئىي. يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، شىركەتتە خېلى ئۈستۈن بىر مەنسەپكە ئادەم كېرەك بولۇپ قالىدۇ، بۇ مەنسەپكە دەل ئىسسىقىستانلىقنىڭ كەسپىي ئىقتىدارى ماس كېلىدۇ، بىراق خوجايىن ئۇنى ئەمەس سوغۇقىستانلىق بىرىنى ئۆستۈرىدۇ. سەۋەب سورالغىنىدا، «ئىسسىقىستانلىقنىڭ نۇرغۇن جەھەتتە ئىقتىدارى بولغان قابىل بىرى، بىراق كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ياخشى ئەمەس، ئاساس ئاچچىقلىنىدۇ، تۇرۇپلا جېدەل چىقىرىدۇ، شىركەتنىڭ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ» دەپ  جاۋاب بېرىدۇ. بۇ قاراش ۋە باھا ئوخشاشلا ئىسسىقىستاندىن سوغۇقىستانغا كۆچۈپ كەلگەن يەنە  بىر كۆچمەنگىمۇ تەتبىقلىنىدۇ. كۆپ قىسىم ئىسسىقىستانلىق ئادەتتىكى ئىشلاردا ئىشلەيدۇ ياكى ئىشمۇ تاپالمايدۇ چۈنكى خوجايىنلار ئىسسىقىستانلىقلارنىڭ ئاسان تېرىكىدىغان ۋە جېدەلخور ئادەملەر ئىكەنلىكىنى ئويلىۋالغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئىسسىقىستانلىقلار ھەر قانچە قىلسىمۇ ياخشى ئورۇنغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، سوغۇقىستاننىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلىق ئالاھىدىلىكىنى ئاسانلىقچە ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئوخشاش ئەھۋال ئىسسىقىستانغا كۆچۈپ كەلگەن سوغۇقىستانلىقلارنىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ، ئىسسىقىستاندىكى مەلۇم شىركەتتە ئىشقا چۈشكەن بىر سوغۇقىستانلىققا ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇرنى ئۇزۇن ياكى قېنى قىزىق دېگەن لەقەم سىڭىپ قالىدۇ ۋە ياخشىراق دوست تاپالمايدۇ. ئىسسىقىستانلىقلار ئۇنىڭ دۇرۇسلۇقىغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇنى دىتسىز كۆرۈشكە باشلايدۇ.خىزمەتتە ئۆسەلمەيدۇ.  شىركەت مۇدىرى سوغۇقىستانلىقلارنىڭ سەمىمىيەتسىز ياكى خىجىلچان ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىپ، ئۇنى خېرىدارلار بىلەن ئالاقە قىلىش ياكى باشقا خادىملار بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى تەقەززا قىلىدىغان خىزمەت ياكى ئورۇنغا سوغۇقىستانلىقلارنى ئۆستۈرمەيدۇ.

يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان بۇ ئەھۋاللار ئىرقچىلىقتەك تۇيۇلۇشى شەكسىز. بىراق بۇ يەردىكى ئىرقچىلىق بولماستىن «كۈلتۈرپەرەستلىك» تۇر. ھەممىدىن ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئىنسانلار ئەھۋالنىڭ تېگى-تەكتىنى بىلىپ كەتمىگەچكە، ئىرقچىلىققا قارشى شوئار توۋلىشىپ مەيدانلارغا چۈشىدۇ. كۈنىمىزدە كىلاسسىك ئىرقچىلىق ھادىسىسى يوقىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، بىراق كۈلتۈرپەرەستلىك بولسا بارغانچە ئومۇملىشىۋاتىدۇ.

ئەينى چاغدا كىلاسسىك ئىرقچىلىق كۈچىنى بىيولوگىيەلىك نەزەرىيەلەردىن ئالاتتى. 1890-يىللاردا ياكى 1930-يىللاردا ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكىغا ئوخشاش دۆلەتلەردە ياشاۋاتقانلار ئىرسىي بىيولوگىيەلىك ئامىلنىڭ ئافرىقا ۋە خىتايلارنى دۆت، ھۇرۇن ، ئەخلاقسىز قىلىپ قويغانلىقىغا ئىشىنەتتى، بۇ يەردىكى مەسىلە دەل ئافرىقا ۋە خىتايلارنىڭ قېنىدا ئىدى. بۇ خىلدىكى قاراشلار ھەم سىياسىي ساھەدە  تەشەببۇس قىلىناتتى ھەمدە ئىلمىي نەتىجىلەر بىلەن قۇۋەتلەندۈرۈلەتتى. كۈنىمىزدە نۇرغۇن ئىنسان ئىرقچىلىقنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ، لېكىن بۇ قاراش نە سىياسىي ساھەدە نە ئىلمىي ساھەدە ئازراقمۇ ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. قارا تەنلىكلەرنىڭ گېن ئالاھىدىلىكى تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار جىنايەت ئىشلەشكە مايىل كېلىدۇ، دېگەن قاراشنىڭ مودىسى ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتتى، ھازىر بۇنىڭ ئورنىغا،  قارا تەنلىكلەر كارغا كەلمەيدىغان تۆۋەن مەدەنىيەت قاتلىمىدىن كەلگەنلىكلىرى ئۈچۈن، جىنايەت ئىشلەشكە مايىل كېلىدۇ، دېيىش بەكرەك مودا بولۇۋاتىدۇ .

مەسىلەن، ئامېرىكا بەزى پارتىيە ۋە لىدېرلار ئايرىمىچىلىق سىياسەتلەرنى ئوچۇق-ئاشكارا تەرغىب قىلىپ ئافرىقىلىق، لاتىن ئامېرىكىلىق ۋە مۇسۇلمان كۆچمەنلەرنى ئەيىبلىشىدۇ-يۇ،  ئۇلارنىڭ گېن ۋە د ن ئا لىرى (DNA)توغرىلىق گەپ قىلىشمايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ كۆچمەنلەرنىڭ مەسىلە تۇغدۇرۇشىغا قانداقتۇر ئۇلارنىڭ گېنلىرى ئەمەس ئۆسۈپ يېتىلگەن مەدەنىيەت مۇھىتى سەۋەب بولغان. شۇڭا پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ھايتى، سالۋادور ۋە بەزى ئافرىقا دۆلەتلىرىنى «گەندىخانا»غا ئوخشىتىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىي ئەمەس. ترامپ بۇ يەردە بەزى مەدەنىيەتلەر توغرۇلۇق قارىشىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، قانداقتۇر بۇ دۆلەتلەردىن كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ گېنلىرىغا تىل ئۇزارتمىغان. ترامپ يەنە بىر قېتىملىق سۆزىدە ئامېرىكىدىكى مېكسىكىلىقلار ئۈستىدىمۇ توختىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: «مېكسىكا بىزگە ياخشى ئىنسانلارنى ئەمەس ناچار ئىنسانلارنى ئەۋەتىۋاتىدۇ، نۇرغۇن چاتىقى بولغان ئىنسان بىزگە كېلىۋاتىدۇ، بۇ ئىنسانلار چاتاقلىرىنى مېكسىكىدا قويۇپ قويماي ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە تەڭ ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ ئىنسانلار يەنە ئامېرىكىغا زەھەرلىك چېكىملىك، جىنايەت ئېلىپ كەلدى، ئەپسۇس باسقۇنچىلار بۇلاردىن چىقىۋاتىدۇ، بەلكىم ئاز بىر قىسمى ياخشى ئىنسانلار بولۇشى مۇمكىن. ترامپنىڭ بۇ سۆزى تولىمۇ بىمەنىدۇر، بىمەنە بولۇشى بىيولوگىيەلىك جەھەتتىن ئەمەس جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن. ترامپ بۇ يەردە مېكىسىكىلىقنىڭ قېنى ياخشى ئەمەس دېمەيۋاتىدۇ، بەلكىم ياخشى مېكسىكىلىقلار رىيو گىراندونىڭ جەنۇبىدا قاپتۇ، دەۋاتىدۇ.

بەس-مۇنازىرىنىڭ مەركىزىدە يەنىلا ئىنسان بەدىنى بار: لاتىن ئامېرىكىلىقنىڭ بەدىنى، خىتاينىڭ بەدىنى، ئافرىقىلىقنىڭ بەدىنى ۋەھاكازا … تەن رەڭگى تولىمۇ مۇھىمدۇر، تېرىڭىز قارا ياكى قويۇق بۇغداي ئۆڭ بولسا ۋاشىنگتوننىڭ قايسى كوچىسىدا بولۇشتىن قەتئىينەزەر ساقچىلار چوقۇم سىزدىن گۇمانلىنىدۇ. بىراق ترامپ بىلەن ئوباماغا ئوخشاش سىياسەتچىلەر تەن رەڭگىنىڭ مۇھىملىقىغا مەدەنىيەت ۋە تارىخ نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ. ساقچىلارنىڭمۇ تەڭ رەڭگىگە بولغان كۆز قارىشى بىيولوگىيەلىك بولماستىن تارىخىيدۇر. مېنىڭچە، ئوباما ۋە ئۇنىڭدەك ئويلايدىغانلار ساقچىلارنىڭ قارا تەنلىكلەرگە بولغان بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىنىڭ قۇللۇققا ئوخشاش بۇرۇنقى تارىخىي ھادىسىلەر تۈپەيلى پەيدا بولغانلىقى ئۈستىدە ئىزاھات بېرىشى مۇمكىن. ترامپ ۋە ئۇنىڭدەك ئويلايدىغانلار بولسا قارا تەنلىكلەرنىڭ جىنايەت سادىر قىلىشقا مايىل بولۇشىغا ئاق تەنلىك لىبېراللار بىلەن قارا تەنلىكلەرنىڭ ئۆتمۈشتە سادىر قىلغان خاتالىقلىرىنىڭ سەۋەن بولغانلىقىنى  ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن. ھەر ئىككى خىل شارائىتتا، ئامېرىكا تارىخىدىن بىخەۋەر دېھلىلىق بىر ساياھەتچى بولسىڭىزمۇ، ئەپسۇس بۇ تارىخ سەۋەب بولغان ئاقىۋەتلەرنىڭ ۋابالىنى تارتىشقا مەجبۇر قالىسىز.

بىيولوگىيەدىن كۈلتۈرگە ئۆتۈش قانداقتۇر بىھۇدە بىر تىل ئۆزگىرىش ھادىسىسى ئەمەس. بۇ رېئاللىققا تەسىر كۆرسەتكەن بەزىسى ئىجابىي بەزىسى سەلبىي بولغان كەڭ كۆلەملىك ئۆزگىرىش ھادىسىسى ھېسابلىنىدۇ. ئالدى بىلەن  كۈلتۈر بىيولوگىيەگە قارىغاندا ئاسانراق شەكىللىنىدۇ، بۇ ئەھۋال كۈنىمىزدە كۈلتۈرپەرەستلەرنىڭ كىلاسسىك ئىرقچىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ قورساق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مەسىلەن،كۈلتۈرپەرەستلەر ئۆزگىلەر كۈلتۈرىمىزنى قوبۇل قىلسا ئۇلارنى ئۆزىمىز بىلەن ئوخشاش كۆرىمىز دەپ ئويلىشىمۇ مۇمكىن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ناۋادا ئۆزگىلەر ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشقا مەجبۇرلانسا ۋە يەرلىك كۈلتۈرنى قوبۇل قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالمىسا، كۈلتۈرپەرەستلەر ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلەپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.

قويۇق تەنلىك بىرىنى تەن رەڭگىنى ئوچۇق ئەمەسكەن دەپ ئەيىبلىگىلى بولمايدۇ، بىراق ئىنسانلار ئافرىقىلىق ياكى مۇسۇلمانلارنى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ۋە ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلمىدى دەپ ئەيىبلەپ كېتىشى مۇمكىن،كۈنىمىزدە بۇ ئەھۋالغا شاھىت بولۇۋاتىمىز. كۆپ قىسىم ئەھۋالدا ھۆكۈمران كۈلتۈرنى قوبۇل قىلماسلىققا سەۋەب تولىمۇ ئاز بولىدۇ، نامراتلىق باش كۆتۈرگەن ئافرىقا ئەللىرىدىن ئامېرىكىغا كەلگەن كۆچمەنلەر، ئامېرىكا كۈلتۈرىگە ماسلىشىش ئۈچۈن قانچىلىك كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشتىن قەتئىينەزەر ئورگانلاردا ئايرىمچىلىققا دۇچ كېلىشى مۇمكىن، ئاندىن ئۇلار ئامېرىكا كۈلتۈرىگە يېتەرلىك دەرىجىدە ماسلاشماسلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ، بۇ ئىشنىڭ بىردىنبىر جاۋابكارى شۇلاردەك ئەھۋالغا چۈشۈپمۇ قېلىشى مۇمكىن.

بىيولوگىيەدىن ئېغىز ئېچىش بىلەن كۈلتۈردىن ئېغىز ئېچىش ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەردىن بىرىمۇ سوغۇقىستان بىلەن ئىسسىقىستان مىسالىدا بولغىنىدەك كىلاسسىك ئىرقچىلىق خۇراپاتلىقنىڭ ئەكسىچە، كۈلتۈرپەرەستلىك خاھىشلىرىنىڭ ئەقىلگە بەكرەك ماس كېلىشىدۇر. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سوغۇقىستانلىقلار بىلەن ئىسىسىقىستانلىقلارنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتكە تۇتقان پوزىتسىيەسى پەرقلىق بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى دەل ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان كۈلتۈرلەردە يېتىشىپ چىقىشىدۇر. كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ نۇرغۇن خىزمەت ساھەسىدە تولىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلساق، ئۇنداقتا ئىسسىقىستاندىكى بىر شىركەت سوغۇقىستانلىقلارغا ئۆز كۈلتۈرى بويىچە ھەرىكەت قىلغانلىقلىرى ئۈچۈنلا جازالىسا بۇ ئەخلاقىي جەھەتتىن توغرا بولامدۇ؟

ئانتروپولوگلار، تارىخچىلار ۋە جەمئىيەتشۇناسلار بۇ مەسىلىدىن تولىمۇ ئەندىشە قىلىدۇ. بىر تەرەپتىن بۇ خاھىشلار ئىرقچىلىققا بەكرەك مايىل كېلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن كۈلتۈرپەرەستلىكنى ئىرقچىلىققا سېلىشتۇرغاندا ئىلمىي جەھەتتىن خېلى پۇختا ئاساسىي بار بولۇش بىلەن بىرگە، بەشەرى بىلىملەر ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلار كۈلتۈر پەرقلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە مۇھىملىقىنى رەت قىلمايدۇ.

ئەلۋەتتە بەزى كۈلتۈرپەرەستلىك قاراشلىرىنى قوبۇل قىلىشقا بولسىمۇ، ھەممىسىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. كۆپ قىسىم كۈلتۈرپەرەستلىك قارىشىنىڭ مۇنداق ئۈچ ئورتاق كەمچىلىكى بار، بىرىنچىسى، كۈلتۈرپەرەستلەر ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا يەرلىك ئۈستۈنلۈكنى ئوبيېكتىپ ئۈستۈنلۈك بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ، شۇڭا ئىسىسقىستاندا توقۇنۇشلارنى يەرلىك كۈلتۈر بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى، سوغۇقىستان ئۇسۇلىغا قارىغان ئۈستۈن بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا ئىسسىقىستاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان بىر شىركەتنىڭ،  سوغۇقىستاندىن كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ قارا قويۇق جازالاندۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولىدىغان تەرىقىدە، بېكىنمە خاراكتېرلىك سوغۇقىستانلىقلارغا ئايرىمىچىلىق قىلىشقا پۈتۈنلەي ھوقۇقلۇق بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ ئەھۋال ھەرگىزمۇ ئىسسىقىستان ئۇسۇلىنىڭ ئوبيېكتىپ ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئىسسىقىستانلىقلار سوغۇقىستانلىقلاردىن بەزى نەرسىلەرنى ئۆگىنەلىشى مۇمكىن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەھۋال ئۆزگىرىپ ئسسىقىستاندىكى بىر شىركەت يەر شارىلىشىپ بەزى دۆلەتلەردە تارماق شىركەت تەسىس قىلسا ، بۇ ۋاقتىدا ئوخشىماسلىقلار يەنى پەرقلىق كۈلتۈرلەر ئالاھىدە ئېتىبارلىق بولۇش كېتىشى مۇمكىن.

ئىككىنچىسى، ئېنىق ئۆلچەم، ۋاقىت ۋە ماكان بېكىتىلگەندە كۈلتۈرپەرەست قاراشلار ئىلمىي نۇقتىدىن توغرا چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. بەزى كىشىلەر تۇيۇقسىزلا ئومۇمىي كۈلتۈرنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ قويۇشىدۇ، بىراق بۇنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي قىممىتى يوق. شۇڭا، «سوغۇقىستان كۈلتۈرى ئىسسىقىستان كۈلتۈرىگە سېلىشتۇرغاندا ئاسان تېرىكىش ۋە ئاچچىقلىنىش قاتارلىقلارغا قاتتىراق مۇئامىلە قىلىدۇ»دېيىش مەنتىقىلىق بىلىنىشى مۇمكىن، بىراق «مۇسۇلمان كۈلتۈرى مەرھەمەتتىن مەھرۇمدۇر»دېيىش مەنتىقىلىق ئەمەس. شۇڭا ئىككىنچى خىل قاراش تولىمۇ مۈجمەلدۇر. «مەرھەمەتسىز»دېگەندە زادى نېمە كۆزدە تۇتۇلىدۇ؟ كىمگە ياكى نېمىگە مەرھەمەتسىزلىك قىلىنىۋاتىدۇ؟ بىر كۈلتۈر دىنى ئاز سانلىقلار ۋە بىنورمال سىياسىي قاراشلاردىن تولىمۇ بىئارام بولۇشى مۇمكىن، بىراق سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار بىلەن ياشانغانلارغا سىلىق مۇئامىلە قىلىپ ئۇلارغا ياردەمنى تەشەببۇس قىلىشى مۇمكىن. ۋە «مۇسۇلمان كۈلتۈرى»دېگەندە زادى نېمە كۆزدە تۇتۇلىدۇ؟ 7-ئەسىردىكى ئەرەب يېرىم ئارىلى كۆزدە تۇتۇلامدۇ ياكى 16-ئەسىردىكى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىمۇ؟ دىنى ئاز سانلىقلارغا مەرھەمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئۆلچەم قىلىدىغان بولساق، مۇسۇلمان كۈلتۈرىنىڭ ئىنتايىن مەرھەمەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. تالىبان ھاكىمىيىتىدىكى ئافغانىستان بىلەن زامانىۋى دانىيەنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق ئەپسۇس باشقىچە بىر مەنزىرىگە دۇچ كېلىمىز.

كۈلتۈرپەرەست قاراشلارنىڭ ئەڭ چوڭ كەمچىلىكى، بۇ قاراشلار ئىستاتىستىكىلىق بىر قۇرۇلمىغا ئىگە تۇرۇپمۇ داۋاملىق شەخسلەرگە ئايرىمىچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىدۇر. ئىسسىقىستانلىق بىرى بىلەن سوغۇقىستانلىق بىر كۆچمەن ئىسسىقىستاندىكى بىر شىركەتتە خىزمەت ئۈچۈن ئىلتىماس قىلسا، شىركەت مەسئۇلى «سوغۇقىستانلىقلار بېكىنمە ۋە مۇز چىراي»دەپ، ئىسسىقىستانلىقنى ئىشقا ئېلىشى مۇمكىن. بۇ ئىستاتىستىكا جەھەتتىن توغرا بولسىمۇ، بۇ سوغۇقىستانلىق كۆچمەن ئىسسىقىستانلىققا قارىغاندا بەكرەك ئىللىق ۋە تىرىشچان بولۇشىمۇ مۇمكىن. كۈلتۈر ھەقىقەتەن مۇھىمدۇر بىراق ئىنسانلارنىڭ شەكىللىنىشىدە كۈلتۈردىن باشقا گېن ۋە شەخسىي ئۆتمۈشلىرىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. شەخسلەر ئومۇمەن  ئىستاتىستىكىلىق قېلىپىلارغا قاراپ كەتمەيدۇ، شىركەتنىڭ ھۇرۇن كىشىنى ئەمەس تىرىشچان بىر كىشىنى ئىشقا ئېلىشى تەبىئىي ئەھۋال بولسىمۇ، سوغۇقىستانلىقلارنى ئەمەس ئىسسىقىستانلىقلارنى ئېلىشى ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس.

يۇقىرىدا قەيت قىلىنغانلار كۈلتۈرپەرەستلىكنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىشنىڭ ئورنىغا بەزى كۈلتۈرپەرەست قاراشلارنى تەڭشەپ  ماڭىدۇ. ئىلمىي ئاساسىي بولمىغان بىر تەرەپلىمە قاراشتىنلا ئىبارەت بولغان ئىرقچىلىقنىڭ ئەكسىچە، كۈلتۈرپەرەست قاراشلار بەزىدە توغرىدەك بىلىنىدۇ. ئىستاتىستىكىلار ۋە ئىسسقىستاندىكى شىركەتلەرنىڭ سوغۇقىستانلىقلارغا ناھايىتى تەس ئەمەل بېرىشىگە قارايدىغان بولساق، بۇنىڭ سەۋەبى قانداقتۇر ئىرقىي ئايرىمچىلىقتىن بەكرەك  ئەقىلگە مۇۋاپىق قارارلار بولۇشى مۇمكىن. سوغۇقىستانلىق كۆچمەنلەر بۇ ئەھۋالغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئىسسىقىستانلىقنىڭ كۆچمەنلەر قانۇنىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا قارىشى تۇرۇشى كېرەكمۇ؟ ئىسسىقىستاندىكى شىركەتلەر نارازىلىقلارنى پەسەيتىش مەقسىتىدە تېخىمۇ كۆپ سوغۇقىستانلىقنى ئۆستۈرسىچۇ؟ بۇ مەسىلىلەرنىڭ جاۋابكارى يەرلىك كۈلتۈرگە ماسلىشالمىغان ياكى ماسلىشىشنى خالىمىغان سوغۇقىستانلىقلار بولسا، ئۇنداقتا ئىسسىقىستانلىقلار كۆچمەن سوغۇقىستانلىقلارنى يەرلىك كۈلتۈرگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.

خىيالى دۇنيادىن ھەققى دۇنياغا قايتىپ كېلىدىغان بولساق، ياۋروپادا داۋاملىشىۋاتقان كۆچ مۇنازىرىلىرىنىڭ ياخشىلىق بىلەن رەزىللىك دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلمايۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. بارلىق كۆچمەن ۋە كۆچكە قارشى تۇرغۇچىلارنى «فاشىست»دەپ ئەيىبلەش، شۇنداقلا كۆچ ۋە كۆچمەنلەرنى قوللىغۇچىلارنى«مەدەنىيەتنى نابۇت قىلغۇچى»دەپ ئەيىبلەشكە بولمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن كۆچمەن مەسىلىسى قارشى تۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان ئەخلاقىي بۇيرۇقنى چۆرىدىگەن ھالدا ھەل  قىلىنماسلىقى كېرەك. بۇ دېموكراتىك ئۇسۇللارغا ئاساسەن باھالىنىدىغان ئىككى رەسمىي سىياسىي مەۋقە ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇنازىرىدۇر.

ھازىرچە ياۋروپانىڭ قىممەت قاراشلىرىنى قوبۇل قىلمىغان كىشىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىماستىن دەرۋازىلىرىنى چەت ئەللىكلەرگە بىمالال ئاچالىشىغا زېمىن تەييارلاپ بېرىدىغان مۆتىدىل يول تېپىش ياكى تاپالماسلىقى مەجھۇل. ياۋروپا مۆتىدىل يول تاپالىسا بۇ فورمۇلا دۇنيا مىقياسىدا تەتبىقلانسا بولىدۇ. ناۋادا ياۋروپا لايىھەسى مۇۋەپپەقىيەتسىز بولغان تەقدىردە، بۇ ئەھۋال ئەركىنلىك ۋە كەڭ قورساقلىققا ئوخشاش لىبېرال قىممەت قاراشلارغا بولغان تولۇق ئىشەنچىنىڭ دۇنيادىكى مەدەنىيەت توقۇنۇشلىرىنى ھەل قىلىشقا، ئىنسانىيەتنى يادرو ئۇرۇشى، ئېكولوگىيەلىك بوھران ۋە تېخنولوگىيەلىك بۆسۈش قاتارلىق ھادىسىلەرگە قارشى بىرلەشتۈرۈشكە  قابىل ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. گىرېكلار بىلەن نېمىسلار ئورتاق تەقدىرگە رازى بولمايۋاتىدۇ، 500 مىليون ياۋروپالىق بىر نەچچە مىليونلۇق كۆچمەننى باغرىغا باسالمىسا، ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرقى مەدەنىيىتى ھەر جەھەتتىن چىرمىۋالغان توقۇنۇشلارنى قانداقمۇ بىر تەرەپ قىلالىسۇن؟

ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ ھەر جەھەتتىن بىر پۈتۈنلىشىشى ۋە چېگرالار بىلەن زېھىنلەرنى ئوچۇق تۇتۇشىتا مۇھىم رول ئوينايدىغان ئىشلاردىن بىرى دەل تېررورىزمنى ئازايتىشتۇر. ياۋروپانىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ساھەلىرىدە ئېرىشكەن مول تەجرىبىلىرىنى تېررورىزم سەۋەبلىك نابۇت قىلىش تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق بولۇپ قالسا، تېررورچىلار غەرەزلىرىگە يېتىپلا قالماستىن، بۇ بىر ئوچۇم ئاشقۇن دۇنيانىڭ كېلەچىكى ۋە تەقدىرىگە تەسىر كۆرسىتىشتىن ئىبارەت مۇھىم ھوقۇققا ئېرىشىۋالىدۇ. تېررورىزم ئىنسانىيەتنىڭ بىر ئوچۇم ۋە ئاجىز قاتلىمىنىڭ قورالىدىن ئىبارەت، خالاس. ئۇنداقتا مۇشۇنداق كىچىككىنە ۋە ئاجىز بىر نەرسە قانداق بولۇپ دۇنياغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان سەۋىيەگە كەلدى؟

 

ئادىلجان تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*