21-ئەسىردە: ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي تەنھالىقى ۋە ئىنتېرنېت توپلۇقى

2019-يىلى 14-فېۋرال

 

يۇۋال ھەرىرى

 

 

ئۇچۇر-ئالاقە تېخنولوگىيەلىرى بىلەن بىيوتېخنولوگىيەنىڭ ئۆز-ئارا كېسىشىشى زامانىۋى قىممەت قاراشلىرى، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىككە زور تەھدىتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. تېخنولوگىيە تۈپەيلى كېلىپ چىققان قىيىنچىلىقلارنى چوقۇم خەلقئارا جەمئىيەت بىرلىشىپ ھەل قىلىشى كېرەك. بىراق مىللەتچىلىك، مەزھەپچىلىك، ئېتىقاد شەكىللىرى، دىكتاتورىلىق ۋە ئىدېئولوگىيە قاتارلىقلار ئىنسانىيەتنى قۇتۇپلارغا ئايرىپ، خەلقئارالىق سەۋىيەدە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ.

كالىفورنىيە ئىشتاتى يەر تەۋرەشلەرگە كۆنۈپ كەتكەن بولسىمۇ، 2016-يىلدىكى ئامېرىكا سايلاملىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان سىياسىي قالايمىقانچىلىق سىلىكون ۋادىسىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. كىرىزىسنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى دەرھال تونۇپ يەتكەن كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرى ئىنژېنېرلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ كىرىزىسقا تېخنىكىلىق چارىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرغان بولدى. بۇ ئىنكاسلاردىن بىرىنى فېيسبۇكنىڭ مېنلو باغچىسىدىكى باش مەركىزى قايتۇردى، بۇنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. دەرۋەقە، فېيسبۇكنىڭ ئاساسلىق ئىشى ئىجتىمائىي ئورتاقلىشىش تورى قۇرۇپ چىقىش بولغانلىقتىن، ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىق ۋە خاتىرجەمسىزلىكنىڭ تەسىرىگە ئاسانلا ئۇچرىشى تەبىئىي ئەھۋال ئىدى.

مارك زۇككېربېرگ ئۈچ ئاي قاتتىق ئويلانغاندىن كېيىن 2017-يىلى 16- فېۋرالدا خەلقئارالىق بىر توپلۇق بەرپا قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، فېيسبۇكنىڭ بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە چاقىرىق ئېلان قىلدى، ئارقىدىنلا 2017-يىلى 22-ئىيۇندا چاقىرىلغان فېيسبۇك توپلۇقى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا زەھەرلىك چېكىملىككە چېكىش نىسبىتىنىڭ كۆپىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، نۇرغۇن جايدا دىكتاتورلارنىڭ باش كۆتۈرگەنلىكىنى، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي بوھرانلارنىڭ يامراپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى، ئۇ يەنە يىغىندا بۇ بوھرانلارغا ئىنسان توپلۇقىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنىڭمۇ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يىغىندا مۇنۇلارنى دېدى: «يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مەلۇم بىر گۇرۇھ ياكى توپلۇققا قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى %25 تۆۋەنلەپ كەتتى، بۇ ھاياتلىقنىڭ غايىسى ۋە ھەمكارلىق ئۈچۈن باشقا نەرسىلەرگە يۈزلىنىۋاتقان نۇرغۇن ئادەمنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.» فېيسبۇكنىڭ بۇ توپلۇقلارنىڭ قايتىدىن بەرپا بولۇشىغا رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقىنى ۋە جامائەت ياكى توپلۇقلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ زىممىسىدىن چىقىپ كەتكەن يۈكلەرنى ئىنژېنېرلارنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «دۇنياۋى بىر توپلۇق قۇرۇپ چىقىشنى ئاسانلاشتۇرىدىغان ۋاسىتىلەرنى تەتبىقلاشقا تىرىشىمىز.»

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «سىلەرگە نىسبەتەن مۇھىم ھېسابلىنىدىغان دۇنياۋى بىر توپلۇق بەرپا قىلىش مەسىلىسىدە غەلىبە قىلالامدۇق يوق، دېگەن مەقسەتتە بىر لايىھە يولغا قويدۇق، بۇ مەقسەتتە سۈنئىي ئەقىل بەرپا قىلىشنى باشلىۋەتتۇق، راست دېگەندەك كارغا كېلىۋاتىدۇ، دەسلەپكى قەدەمدىلا تېخىمۇ كۆپ ئىنساننىڭ مەنىلىك توپلۇققا ئىشتىراك قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردۇق، ئاخىرقى نىشانىم: بىر مىليارد ئىنساننىڭ بۇ ھەممىمىزگە نىسبەتەن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ھېسابلىنىدىغان توپلۇقلارغا قاتنىشىشىغا ياردەم قىلىشتىن ئىبارەت…بۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىساق بۇرۇنقىدەك توپلۇق ئەزالىرىنىڭ سانىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغاندىن سىرت، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىشىگە ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى جايلارنىڭ بىر-بىرىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىشىغا ھەسسە قوشقان بولىمىز.» بۇ شۇنچىلىك مەنىلىك ۋە مۇھىم ئىش ئىدى، زۇككېربېرگ « فېيسبۇكنىڭ مۇقەددەس بۇرچىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى»بىلدۈردى. زۇككېربېرگنىڭ ئىنسانلارنىڭ پارچىلىنىپ تارقاق بولۇش كېتىشىدىن كۆڭلىنىڭ تولىمۇ يېرىم بولغانلىقى ئېنىق، مەنمۇ مۇشۇنداق ئويلايمەن. ئەپسۇس زۇككېربېرگ مۇشۇنداق مۇھىم گەپلەرنى قىلىپ ئۈچ ئاي ئۆتمەيلا، مەشھۇر«كامبىرىج ئانالىتىك سەتچىلىكى» يۈز بەردى، فېيسبۇكقا ئامانەت قىلىنغان ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ ئۈچىنچى بىر شەخسنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سايلاملارغا مۇداخىلە قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. بۇ ئەھۋال زۇكېربېرگنىڭ چوڭ ۋەدىلىرىنىڭ ھېچقانداق قىممىتىنىڭ يوقلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى، ھەتتا خەلقنىڭ فېيسبۇكقا بولغان ئىشەنچىسىنى يوق قىلدى. شۇڭا فېيسبۇكنىڭ دۇنياۋى بىر ئىنسان توپلۇقى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت چوڭ ئىشنىڭ كەينىگە كىرمەي، ئالدى بىلەن ھازىرقى توپلۇقلارنىڭ مەخپىيەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

فېيسبۇكنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىدىيەسى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ، فېيسبۇكنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ياخشى ئالغاندىن كېيىن ئىنتېرنېتتىكى ئىجتىمائىي تورلارنىڭ خەلقئارا سەۋىيەدە ئىنسان توپلۇقلىرى بەرپا قىلىشقا كارغا كېلىپ كەلمەسلىك مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ ئويلىنىپ بېقىش كېرەك. 21-ئەسىردە بەزى ئىنسانلار ناھايىتى يۇقىرى قابىلىيەتكە يەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا بەزى ئىنسانلار تاش قوراللىرى دەۋرىدىكى ئىنسانلارغا ئوخشاش سەۋىيەدە تۇرماقتا. بىز يەنىلا ئۆزىمىزگە يېقىن توپلۇقلارنىڭ ياردىمى بىلەن مەۋجۇتلۇقىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىقمىز. ئىنسانلار مىليونلارچە يىل كىچىك توپلۇق ھالىتىدە ياشاپ كەلدى،ئىنسانلار نوپۇسى كۆپ بولغان چوڭ توپلۇقتىن بەكرەك كىچىك توپلۇق ئىچىدە ياشاشقا كۆنۈك، شۇڭا فېيسبۇكتىكى دوستلىرىمىزنىڭ سانىنىڭ كۆپ بولۇشىدىن ماختانساقمۇ، كۆپ قىسمىمىز 150 كىشىدىن كۆپ كىشى بىلەن قويۇق ئالاقە ئورنىتىپ بولالمايمىز. بۇ توپلۇقلار بولمىسا ئىنسانلار ئۆزلىرىنى يېتىم ۋە چەتكە قاققاندەك ھېس قىلىدۇ.

ئەپسۇس يېقىنقى 2 ئەسىر ئىچىدە مۇستەھكەم رىشتىلىرى بولغان توپلۇقلار پارچىلىنىپ كېتىشكە يۈز تۇتتى. بىر-بىرىنى ئوبدان تونۇيدىغان كىچىك توپلۇقلارنىڭ ئورنىغا مىللەت ۋە سىياسىي پارتىيە ئەزالىرى تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنىدىغان خىيالى توپلۇقلار بەرپا قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشى تولىمۇ تەس. مىللەتتىن ئىبارەت چوڭ بىر ئائىلە، مىليونلارچە قېرىنداش ياكى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولغان مىليونلارچە يولداش ھەقىقىي بىر قېرىنداش ياكى دوستنىڭ ئىسسىق مېھىرنى ۋە سەمىمىيەتنى ئاتا قىلالمايدۇ. شۇڭلاشقا ئىنسانلار يەر شارىلاشقان دۇنيادا ياشاپ تۇرۇپمۇ يەنىلا يالغۇز ۋە يېتىم ھالەتتە ياشىماقتا. كۈنىمىزدىكى نۇرغۇن ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي بوھرانلارنىڭمۇ دەل بۇ سەلبىي ئەھۋال بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار.

بۇ سەۋەبتىن زۇككېربېرگنىڭ ئىنسانلارنى بىر-بىرگە يېقىنلاشتۇرۇش ياكى بىر يەرگە جەم قىلىش چۈشەنچىسى كىشىنى ھاياجانلاندۇرسىمۇ، چېلەك سۈيى بىلەن تۈگمەن چۆگىلىمەيدىغانلىقى تۈپەيلى، فېيسبۇكنىڭ بۇ چۈشەنچىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت ئەندىزىسى ۋە ئۇسۇلىنى باشتىن-ئاخىرى ئۆزگەرتىش كېرەك. ئىنسانلارنىڭ مايىللىقىنى جەلپ قىلىپ بۇ مايىللىقنى ئېلانچىلارغا سېتىش ئارقىلىق پۇل تاپماقچى بولسىڭىز دۇنيا جامائىتى ياكى توپلۇق قۇرۇپ چىقىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇپمۇ زۇككېربېرگنىڭ بۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. كۆپ قىسىم شىركەت پۈتۈن دىققىتىنى پۇل تېپىشقا بۇرىشى، دۆلەتلەرنىڭ ئامال بار ئاز قول تىقىشى، ئىنسانلارنىڭمۇ ئۆزلىرىگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم قارارلارنى بازارنىڭ تەرەققىياتىغا تاشلاپ قويۇشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئەگەر فېيسبۇك ئۆزىنى دۇنيا جامائىتى ۋە توپلۇق بەرپا قىلىشقا ئاتىسا، فېيسبۇكنىڭ قۇدرىتىدىن قورقىدىغان ئىنسانلارنىڭ فېيسبۇكنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىگە توسالغۇ بولماسلىقى كېرەك. بىز باشقا شىركەتلەرنى، ئورگانلارنى ۋە دۆلەتلەرنى مەسئۇلىيەت ئۈستىگە ئېلىشقا ئۈندەپ فېيسبۇك بىلەن رىقابەتلىشىشكە تەشۋىق قىلىشىمىز كېرەك.

ئىنسان توپلۇقلىرىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىدىن قاتتىق قايغۇرغان ۋە بۇنداق توپلۇقلارنى قايتىدىن بەرپا قىلىشنىڭ كويىدا يۈرگەن نۇرغۇن شەخس ۋە شىركەتلەر بار، ئەلۋەتتە. ئايالچىلىقنى ياقلايدىغانلاردىن ئاشقۇن ئىسلامچىلارغىچە بولغان نۇرغۇن كىشى بىر جامائەت ياكى توپلۇق بەرپا قىلىشنىڭ كويىدا يۈرۈيدۇ. فېيسبۇكنىڭ بۇ ئىدىيەسىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى يەر شارى خاراكتېرلىك بولۇش بىلەن بىرگە، تېخنولوگىيەنىڭ قۇدرىتىگە بولغان ئىشەنچتۇر. زۇكېربېرگ فېيسبۇك ئىگە بولغان سۈنئىي ئەقىلنىڭ «دۇنياۋى توپلۇقلار»نى بايقاپ چىقىشتىن سىرت «ئىجتىمائىي رىشتىلەرنىڭ كۈچىيىشىگە ۋە دۇنيانى بىر-بىرىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشقا»ھەسسە قوشالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىسى كامىل. بۇ سۈنئىي ئەقىلدىن ماشىنا ھەيدەش ياكى راكنى ئېنىقلاش ئۈچۈن پايدىلىنىشتىن بەكرەك ئەھمىيەتلىك ئىشتۇر.

فېيسبۇكنىڭ دۇنياۋى بىر توپلۇق قۇرۇپ چىقىش غايىسى سۈنئىي ئەقىلدىن يەر شارى خاراكتېرلىك سىستېمىلىق ۋە پىلانلىق جەمئىيەت ئىنژېنېرلىقى ئۈچۈن پايدىلىنىش جەھەتتە تاشلانغان زور قەدەم بولۇش بىلەن بىرگە، مۇھىم ئۆرنەك تەشكىل قىلىدۇ. ناۋادا بۇ ئىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا يەنە بۇ ساھەدە نۇرغۇن لايىھەلەر ۋۇجۇدقا چىقىشى مۇمكىن، شۇنداقلا ئالگورىتمىلار ئىنسانلار بەرپا قىلغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت تورلىرىنىڭ يېڭى خوجايىنلىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ناۋادا بۇ ئىش نەتىجىسىز ئاخىرلاشسا يېڭى تېخنولوگىيەلەرنىڭ ھەققى ئىقتىدارىمۇ ئاشكارىلىنىدۇ. ئالگورىتمىلار ماشىنا ھەيدەش ياكى كېسەللەرنى داۋالاشتا ئىشقا يارايدىغانلىقىنى، بىراق ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا يەنىلا سىياسەتچى ۋە دىنى ئۆلىمالارغا ئىشىنىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىمىز.

يېقىنقى يىللاردا فېيسبۇك زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى ۋە نۆۋەتتە ئىككى مىلياردتىن ئارتۇق ئاكتىپ ئىشلەتكۈچىسى بار. بىراق بۇ يېڭى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ ئىشلەتكۈچىسى بىلەن ئىشلەتكۈچى بولمىغانلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى چوقۇم تۈگىتىشى كېرەك. فېيسبۇكنىڭ تۈرتكىسىدە بىر توپلۇق ياكى جامائەت تۇنجى قېتىم ئىنتېرنېت ۋاسىتىسى ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ بىراق توپلۇق ياكى جامائەت تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىك بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ئىنتېرنېتنىڭ سىرتىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر دىكتاتور فېيسبۇكنى چەكلىۋەتسە ياكى ئىنتېرنېتنىڭ پۈتۈن سىملىرىنى ئۈزۈۋەتسە مىڭ تەسلىكتە بەرپا بولغان توپلۇق ياكى جامائەت يوق بولۇپ كېتەمدۇ ياكى قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ قارشىلىق كۆرسىتەمدۇ؟ ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئالاقە ئورنىتالمىغان چاغدا تەشكىللىنىپ نامايىش قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالامدۇ؟

زۇكېربېرگ 2017-يىلى فېۋرالدا ئىنتېرنېت توپلۇقلىرىنىڭ ئىنتېرنېت سىرتىدىكى توپلۇقلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. بۇ مەلۇم جەھەتتىن توغرا بولسىمۇ ، بىراق كۆپ چاغلاردا ئىنتېرنېت سىرتىدىكى توپلۇقلار ئىنتېرنېت توپلۇقلىرىغا زىيان بېرىدۇ، بۇ ئىككى توپلۇق ئوتتۇرىسىدا روشەن پەرق بار. جىسمانىي (ئىنتېرنېت سىرتىدىكى) جەھەتتىكى توپلۇقلارغا ئىنتېرنېت توپلۇقلىرى ھازىرچە تاقابىل تۇرۇپ بولالمايدۇ. ئىسرائىلىيەدە ئۆيۈمدە كېسەل بولۇپ قالسام كالىفورنىيەدىكى ئىنتېرنېت ئارقىلىق تونۇشقان دوستۇم ماڭا تەسەللىي بېرەلىشى مۇمكىن، بىراق ماڭا ئىسسىق بىر قاچا شورپا ياكى چاي تەييارلاپ بارالمايدۇ.

ئىنسانلارنىڭ بەدەنلىرى بار يەنى جىسمى بار. تېخنولوگىيە ئەپسۇس ئاخىرقى بىر ئەسىردە بىزنى بەدەنلىرىمىزدىن يىراقلاشتۇرۇشقا باشلىدى. ھىدلەرنى ئېلىپ تەملەردىن زوق ئېلىش قابىلىيىتىمىزدىن بارغانچە مەھرۇم قېلىۋاتىمىز، ھەققى نەرسىلەردىن ھۇزۇرلىنىشنىڭ ئورنىغا ئەقىللىك تېلېفون ۋە كومپيۇتېرلارغا غەرق بولدۇق. كوچىلىرىمىزدا، يوللىرىمىزدا، ئەتراپىمىزدا قىسقىسى رېئال دۇنيادا بولۇپ ئۆتكەنلەرگە قارىغاندا ئىنتېرنېت(سىبەر ۋە مەۋھۇم)دۇنياسىدا بولۇپ ئۆتكەنلەرگە بەكرەك قىزىقىمىز. شىۋېتسىيەدىكى جىيەنىم بىلەن بىمالال سۆھبەتلىشەلەيمەن، يۇ بىراق ناشتىدا ئايالىم بىلەن سۆھبەتلىشىپ بولالمايمەن، چۈنكى ئۇ تېلېفونغا بېرىلىپ كەتكەچكە مەن بىلەن سۆزلىشىدىغانغا ۋاقتى يوق.

قەدىمكى جەمئىيەتلەردە مۇنداق ئەھۋال قەتئىي يۈز بەرمەيتتى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئىنسانلار بۇنداق قىلىشنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتى. ئۇ دەۋرلەردىكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز داۋاملىق ھوشيار بولمىسا بولمايتتى. ئورمانلىقتا يەيدىغان نەرسە تېپىش ئۈچۈن ھەممىگە دىققەت قىلىشى كېرەك ئىدى، چاتقاللىقلارنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغان بىرەر يىلان بولۇشىمۇ مۇمكىن دەپ ئەڭ كىچىك بىر قىمىلداشقىمۇ دىققەت قىلىشقا مەجبۇر ئىدى. يەيدىغان نەرسىنى ئۇچراتقاندا، ئۇ نەرسىنىڭ زەھەرلىك ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇ نەرسىنىڭ تەمىنى تېتىشقا مەجبۇر ئىدى. كۈنىمىزدىكى جەمئىيەتلەرنىڭ ئەزالىرى بۇرۇنقىلاردەك ھوشيار بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ھازىرقىلار سودا-سېتىق مەركەزلىرىدە تېلېفوندا ئۇچۇرلىشىپ مېڭىۋېرىدۇ، تاللا بازارلىرىدىن خالىغاننى دەرھال ئېلىپ يېيەلەيدۇ، چۈنكى ئالاقىدار ئورۇنلار ئاللىبۇرۇن مەھسۇلاتلارنى نازارەت قىلىپ بولغان. لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى، بىز سېتىۋالغان بۇ مەھسۇلاتلارنى تېلېۋىزور كۆرگەچ، تېلېفون ئوينىغاچ ياكى ئىلخەتلىرىمىزنى قارىغاچ يەيدىغان بولغاچقا، بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەققى تەمىنى ھېس قىلالمايمىز.

زۇككېربېرگ فېيسبۇكنىڭ باشقىلار بىلەن «تەجرىبىلىرىڭلارنى ھەمبەھرىلىشىشىمىز ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىشنى» داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى دەۋاتىدۇ. لېكىن ئىنسانلار ھەققى ئېھتىياجلىق بولغان نەرسە ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبىلىرى بىلەن ئالاقە قۇرۇشتۇر. «تەجرىبىلەرنى ھەمبەھرىلىشىش» ئۈچۈن ئىنسانلار بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى باشقىلارنىڭ قانداق چۈشىنىدىغانلىقى نۇقتىسىدىن باھالاشقا رىغبەتلەندۈرۈلمەكتە. ھاياجانلىق بىر ئىش يۈز بەرگەندە فېيسبۇك ئىشلەتكۈچىلىرى ئەقىللىك تېلېفونلىرىنى يانچۇقىدىن چىقىرىپ دەرھال رەسىمگە تارتىپ رەسىملەرنى فېيسبۇك ئادرېسىدا ھەمبەھرلىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ناھايىتى تەسلىكتە ھېس قىلىدۇ،بۇنداق ۋاقىت ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىدىن بەكرەك ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئىنكاسلىرىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، لېكىن ئۇلار ھەمبەھرىلەشكەن رەسىملىرىنى قانچە كۆپ ئادەم كۆرسە شۇنچە ھاياجانلىنىدۇ. بەدەنلىرى، ھېس – تۇيغۇلىرى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتىدىن يىراقلاشقان ئىنسانلار ئىنتېرنېتتە يالغۇز بولمىسىمۇ بىراق ھەققى ھاياتتا ئىجتىمائىي تەنھالىققا ۋە ياتلىشىشقا دۇچ كېلىدۇ. ئالىملار بۇ ئەھۋالنى دىنىي ۋە مىللىي ئاڭنىڭ ئاجىزلىشىشىغا باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ، مېنىڭچە بۇ ئەھۋال ئىنساننىڭ بەدىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىراقلىشىپ كېتىشىگە باغلىق. ئىنسانلار ھەممە نەرسىدىن مەھرۇم ياشىيالىشى مۇمكىن، بىراق بەدەنلىرىدىن مەھرۇم ۋە يىراق ھالدا خۇشال-خۇرام ياشىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۆز بەدىنىڭىز ئىچىدە بىمالال ۋە خاتىرجەم ياشىيالمىسىڭىز، دۇنيادىمۇ ئەركىن ۋە خاتىرجەم ياشىيالمايسىڭىز.

فېيسبۇكنىڭ ئىش ئەندىزىسى ئىنسانلارنى ئىنتېرنېت دۇنياسىدا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە ئۈندەش مەقسىتىدە قۇرۇلغانىدى. فېيسبۇك ئىنتېرنېت دۇنياسىغا قانچە كۆپ ئادەمنى ئېلىپ كىرەلىسە شۇنچە ياخشى ئىش قىلغان بولاتتى، ئىنسانلارنىڭ ئىنتېرنېت دۇنياسىنىڭ سىرتىدىكى پائالىيەتلىرى ۋە ھاياتى بىلەن كارى يوق ئىدى. ئۇنداقتا زۆرۈر تېپىلغاندا ئىنتېرنېت سىرتىدىكى ئىنسانلارنى ئىنتېرنېت دۇنياسىغا قەدەم بېسىشقا، بەدەن ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىغا بەكرەك مايىل بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان يېڭى ئەندىزىنى ۋۇجۇدقا چىقىرالامدۇ؟ فېيسبۇكنىڭ پايچىكلىرى مۇشۇنداق بىر ئەندىزىگە قانداق قارايدۇ؟ (مۇشۇنداق بىر ئەندىزە تېخنولوگىيە پەيلاسوپى ۋە گوگۇلنىڭ بۇرۇنقى خادىمى بولغان <ئۈنۈملۈك سەرپ قىلىنغان ۋاقىت>نامى ئاستىدا يېڭى بىر ئۆلچەم ئوتتۇرىغا قويغان ترىستان ھاررىس تەرىپىدىن ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.)

زۇككېربېرگنىڭ ئىجتىمائىي قۇتۇپلىشىشنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان چارىگە ئىنتېرنېت دۇنياسىدىكى مۇناسىۋەت تورلىرىنىڭ چەكلىمىلىرىمۇ سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدۇ. زۇككېربېرگ ئىنسانلارنى بىر-بىرلىرى بىلەن ئالاقە ئورناتقۇزۇپ ئۇلارنى ئوخشىمىغان قاراشلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ ئىجتىمائىي قۇتۇپلىشىشنى يوقىتالمايدىغانلىقىمىزنى، چۈنكى ئىنسانلارنىڭ ئۆز قاراشلىرىغا زىت قاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر ماقالىنى ئوقۇغاندا ئوخشىمىغان قاراشلارنى ياقلاپ قۇتۇپلىشىشنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى دەيدۇ. مېنىڭچە ئۇنىڭ بۇ سۆزى تولىمۇ توغرا ئېيتىلغان. شۇڭا زۇككېربېرگ بۇ ئەھۋالغا مۇنداق چارە ئوتتۇرىغا قويىدۇ: بىر ئىنساننى مەلۇم نۇقتىدىن ئەمەس ھەممە تەرەپتىن تونۇش كېرەك، فېيسبۇك ئىنساننى ئەڭ ياخشى تونۇشقا ئەڭ ياخشى نامزاتتۇر،باشقىلار بىلەن ئورتاق تەرەپلىرىمىز، تەنتەربىيە كوماندىلىرى، تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى، قىزىقىشلىرىمىزغا ئاساسەن مۇناسىۋەت ئورناتساق ۋە ئىختىلاپ قىلىشقان باشقا مەسىلىلەردە دىيالوگنى ئاساس قىلساق مەسىلە ئاساسەن ھەل بولىدۇ.

شۇنىسى ئېنىقكى، ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرلىرىنى تولۇق تونۇشى تولىمۇ تەس. بۇنىڭغا نۇرغۇن ۋاقىت كېتىدۇ ۋە چوقۇم جىسمانىي ۋە فىزىكىلىق جەھەتتىن ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇش كېرەك. بۇرۇنمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈلگىنىدەك، بىر ئىنسان ئوتتۇرىچە 150دىن ئارتۇق ئادەم بىلەن قويۇق ئارىلىشىپ بولالمايدۇ. ئالاھىدە ئەھۋالدا بىر جامائەت ياكى توپلۇق بەرپا قىلغاندا ھىيلە-مىكىر بولمىغان ۋە كۈچلۈكلەر ھەر ۋاقىت ئۇتۇپ چىقىدىغان ئەھۋالنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئىنسانلار ئوخشاش بىر ۋاقىتتا بىر نەچچە گۇرۇپپا ۋە تەشكىلاتقا ئەزا بولالايدۇ، ئەپسۇس يېقىن مۇناسىۋەتلەردە بىر تەرەپ پايدا تاپسا يەنە بىر تەرەپ زىيان تارتىدۇ. مەسىلەن، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئىران ياكى نىگېرىيەدىكى تونۇشقان دوستىڭىزغا كۆپلەپ ۋاقىت سەرپ قىلسىڭىز، تەبىئىي ھالدا تام قوشنىڭىز بىلەن كارىڭىز بولمايدۇ.

ناۋادا بىر ئىنژېنېر چىقىپ ئىنسانلارنىڭ ئىنتېرنېتتە سودا-سېتىق قىلىشىغا ئاز ۋاقىت چىقىرىپ دوستلىرى بىلەن ئىنتېرنېتنىڭ سىرتىدا كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن بىرەر پىروگرامما لايىھەلەپ چىققاندا فېيسبۇك قانداق قىلىدۇ؟ فېيسبۇك بۇ پىروگراممىنى قوللامدۇ ياكى باستۇرۇۋېتەمدۇ؟ فېيبسۇك نەپنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلەمدۇ؟ ناۋادا فېيسبۇك مۇشۇنداق قىلىپ ۋەيران بولۇشتىن ساقلىنىپ قالسا، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش قىلغان بولىدۇ.

فېيسبۇك ئۈچ ئايلىق كىرىمنىڭ ئورنىغا ئىنتېرنېت سىرتىدىكى ھاياتقا ئەھمىيەت بەرسە ئۆزىنىڭ باج سىياسىتىگىمۇ تەسىرى بولىدۇ. ئامازون، گوگۇل، ئالما ۋە نۇرغۇن تېخنولوگىيە شىركىتىگە ئوخشاش فېيسبۇكمۇ بىر نەچچە قېتىم باج ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلەندى. «ئىنتېرنېتتىكى تۈرلۈك ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگە باج قويۇش تولىمۇ قىيىن ئىش بولۇپ، بۇ ئەھۋال فېيسبۇكقا ئوخشاش خەلقئارالىق شىركەتلەرنى يېڭى نەرسىلەرنى ئىجاد قىلىشقا يۈزلەندۈردى. ئىنسانلارنىڭ كۆپ ۋاقتىنىڭ ئىنتېرنېتتە ئۆتىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا ئىنتېرنېتتە تۈرلۈك ئىشلارنى قىلالىشى ئۈچۈن يېتەرلىك شارائىتلارنى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئويلىسىڭىز، ئىنتېرنېت سىرتىدىكى دۆلەتلەرگە باج تۆلەشتىن قاچقان تەقدىردىمۇ ئۆزىڭىزنى جەمئىيەتكە پايدىلىق ئىش قىلغاندەك ئويلاپ قالىسىز.بىراق ئىنسانلارنىڭ بەدەنلىرى بارلىقىنى ۋە بۇ سەۋەبلىك ھېلىھەم يوللارغا، دوختۇرخانىلارغا ۋە سۇ ئېرىغداش تۇرۇببا يوللىرى سىستېمىسىغا ئېھتىياجى بارلىقىنى تونۇپ يەتسىڭىز، باج ئوغرىلاشقا يوللۇق سەۋەب قالمايدۇ. ئەڭ مۇھىم ۋە پايدىلىق ئاممىۋى خىزمەتلەرنى ماددىي جەھەتتىن قوللىمىسىڭىز قانداقمۇ كوللېكتىپ ئۈچۈن خىزمەت قىلدىم دەپ ماختىنالايسىز.»

بىز فېيسبۇكنىڭ ئىش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئىنتېرنېت سىرتىدىكى دۇنياغىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان باج سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇشىنى، دۇنيانىڭ بىر-بىرى بىلەن فىزىكىلىق جەھەتتىن يېقىن ئۆتۈشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلىمىز. بۇنىڭدىن باشقا، فېيسبۇكنىڭ دۇنياۋى بىر جامائەت ياكى توپلۇق بەرپا قىلىش خىيالىغا ئەقلىي مۇئامىلە قىلىش لازىم. تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، شىركەتلەر ھېچقانداق ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئىنقىلابلارغا رەھبەرلىك قىلىپ باقمىغانلىقىنى كۆرىمىز. ھەققى ئىنقىلاب بۇ شىركەتلەر ۋە خادىملىرى شۇنداقلا پايچىكلىرى قىلالمايدىغان پىداكارلىقلار تۈرتكىسىدە ئىشقا ئاشىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىنقىلابچىلار چېركاۋلار، سىياسىي تەشكىلاتلار ياكى ئارمىيە قۇرۇپ چىقىدۇ. ئەرەب دۇنياسىدا مەيدانغا كەلگەن ئاتالمىش فېيسبۇك ۋە تۋىتتېر ئىنقىلابلىرىنىڭ ئاساسىي ئۈمىدكە تولغان ئىنتېرنېت جامائىتى ۋە توپلۇقىدا سېلىنغان بولسىمۇ، ئىنتېرنېتنىڭ سىرتىدىكى دۇنيانىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيىتى ئۆز كۈچىنى كۆرسەتكەندە ئەپسۇس ئاشقۇن ئېتىقادلار ياكى دېموكراتىيەگە دۈشمەن ھەربىي گېنېراللار ئىنقىلاب مېۋىسىنى تارتىۋالدى. فېيسبۇك دۇنياۋى بىر ئىنقىلابقا باش بولماقچى بولسا ئىنتېرنېت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشى كېرەك. ھەم فېيسبۇك ھەمدە باشقا ئىنتېرنېت شىركەتلىرى ئىنسانلارغا ئون بارماق، بىر ئېكران ۋە بىر كىرېدىت كارتۇچكىسىغا بېقىنىپ قالغان بىر جۈپ كۆز ۋە بىر جۈپ قۇلاقتىن تەشكىل تاپقان ھايۋانلار سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىدۇ. ئىنسانلارنى بىرلەشتۈرۈش يولىدا تاشلىنىدىغان ئەڭ مۇھىم قەدەملەردىن بىرى ئىنسانلارنىڭ بەدىنى بارلىقىنى ھەر قاچان ئۇنتۇپ قالماسلىقتۇر.

بۇ قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ بىراق بۇنىڭ شىركەتلەرگە نىسبەتەن زور قىيىن تەرەپلىرى بار. ئىنتېرنېت ئالگورىتمىلىرىنىڭ چەكلىك كۈچى بارلىقىنى چۈشىنىپ يېتىش، تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنىڭ پائالىيەت دائىرىسىنى كېڭەيتىشتىن باشقا ئىشقا يارىماسلىقى مۇمكىن. گوگۇلدىكى ئەينەككە ئوخشاش ئۈسكۈنىلەر ۋە پوكېمونگو تەرىقىسىدىكى ئويۇنلار ئىنتېرنېت ۋە غەيرى ئىنتېرنېت ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىپ لايىھەلەندى. تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە بىيومېترلىق سېنزور (ئاگاھلاندۇرغۇچ) ۋە مېڭە بىلەن كومپيۇتېر ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە بەرپا قىلىنىدىغان ئارايۈزلەر ئېلېكتىرونلۇق ماشىنا ئارقىلىق ئورگانىك بەدەن ئوتتۇرىسىدىكى پاسىلدىن ھالقىپ ئۆتۈش ۋە ھەققى مەنىدە ئىچكى دۇنيايىمىزغا تەسىر كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. تېخنولوگىيە شىركەتلىرى ئىنساننىڭ بەدىنىنى ئىنكار قىلماي ئۇنىڭ بىلەن ئەپلىشەلىگەندە كۆزىمىز، بارماقلىرىمىز ۋە كىرېدىت كارتۇچكىلىرىمىزنى قانداق تىزگىنلىۋالغان بولسا، ئوخشاشلا پۈتكۈل بەدەنلىرىمىزمۇ تىزگىنلىۋېلىشى مۇمكىن. ئۇ ۋاقتىدا ئىنتېرنېت دۇنياسى بىلەن غەيرى ئىنتېرنېت دۇنيا (ھەققى دۇنيا) پەرقلىق بولغان ھازىرقى دۇنيانى سېغىنىدىغان بولۇپ قالىمىز.

 

ئادىلجان ئەرئۇيغۇر تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*