21-ئەسىردە: ئىلمىي فانتازىيە

2019-يىلى 27-مارت

 

(كېلەچەك فىلىملەردە كۆرگىنىمىزدەك بولماسلىقى مۇمكىن)

 

يۇۋال ھەرىرى

 

ئىنسانلار ھايۋانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىق ئورنىتالايدىغان قابىلىيەتكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن دۇنيانى كونترول قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئىدىيە ۋە  توقۇلما نەرسىلەرگە ئىشەنگەنلىكلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىق ئورنىتالايدۇ. بۇ سەۋەبلىك ئەسكەر ۋە ئىنژېنېرلار جەمئىيەتتە قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرسا شائىرلار، رەسساملار ۋە ئويۇن يازغۇچىلىرىمۇ شۇنچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. خىرىستىيانلار تەڭرى ئېتىقادى تۈرتكىسىدە چېركاۋلار بەرپا قىلىپ ئىككىلەنمەي ئۇرۇشقا قاتنىشالايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ تەڭرىگە ئىشىنىشىنىڭ سەۋەبىمۇ تەڭرى توغرۇلۇق شېئىرلارنى، ھېكايىلەرنى ئوقۇغانلىقى، تەڭرىگە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى ۋە تەڭرى توغرۇلۇق تىياتىرلارنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئوخشاشلا چاغداش كاپىتالىزم ئەپسانىسىگە ئىشىنىشنىڭ تېگىدىمۇ ھوللىۋود ۋە ئاممىباب كۈلتۈر سانائىتى ياتىدۇ. تېلېۋىزوردا ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈۋاتقان كاپىتالىزم ”جەننىتى“سەۋەبلىك تېخىمۇ كۆپ ئىستېمال بۇيۇملىرى سېتىۋېلىشنىڭ بىزنى خۇشال قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

21-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئەڭ مۇھىم سەنئەت ژانىرى ئىلمىي فانتازىيەدۇر. ئاپتوماتىك ماشىنا ئۆگىنىش تېخنولوگىيەسى ياكى گېن ئىنژېنېرلىقى ساھەلىرىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنى ئىنتايىن ئاز ساندا كىشى ئوقۇيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا ماترىكىس ۋە ھېرغا ئوخشاش فىلىملەر بىلەن غەرب دۇنياسى (westworld) ۋە قارا ئەينەككە (Black Mirror) ئوخشاش چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئىنسانلارنىڭ دەۋرىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم تېخنولوگىيەلىك، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەرنى قانداق چۈشىنىدىغانلىقىغا رامكا سىزىپ بېرىدۇ. بۇ ئوخشاشلا ئىلمىي فانتازىيەنىڭ ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى تېما قىلغاندا مەلۇم دەرىجىدە مەسئۇلىيىتى بارلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئەگەر بۇنداق بولمىسا ئىنسانلارغا خاتا چۈشەنچە سىڭدۈرۈپ ئىنسانلارنىڭ دىققىتىنى خاتا يۆنىلىشكە بۇرىۋېتىدۇ.

كۈنىمىزدە ئىلمىي فانتازىيەنىڭ گەۋدىلىك غەپلەتلىرىدىن بىرى ئەقىل بىلەن ئاڭ-سېزىمنى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشىدۇر. بۇنداق بولغاندا ئىلمىي فانتازىيە ساھەسى ماشىنا ئادەملەر بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئۇرۇشىغا ھەددىدىن زىيادە مەركەزلىشىپ قالىدۇ. بىزنى بەكرەك ئەندىشىگە سالىدىغىنى بولسا ئالگورىتمىلارنىڭ كۈچىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان ئاز ساندىكى كۆرۈنمەس كىشىلەر بىلەن كۈچى قولىدىن تارتىپ ئېلىنغان ئىنسانلاردىن تەشكىل تاپقان كەڭ خەلق ئوتتۇرىسىدا چىقىش ئېھتىمالى بولغان توقۇنۇشتۇر. سۈنئىي ئەقىلنىڭ قۇدرىتى ئۈستىدە باش قاتۇرۇلۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ۋاقتىنچە كارل ماركس ستېۋېن سپىيبېرگقا قارىغاندا نىسبەتەن ياخشى يېتەكچى.

ھەقىقەتەن سۈنئىي ئەقىل توغرۇلۇق ئىشلەنگەن نۇرغۇن فىلىم ئىلمىي ھەقىقەتتىن تولىمۇ يىراق بولۇپ، ئىنسان  بۇ فىلىملەرنى ئوخشىمىغان مەقسەتنى كۆزدە تۇتۇپ ئىشلەنگەن ئالگورىتمىلار دەپ ئويلاپ قالىدۇ. مەسىلەن، 2015-يىلى ئىشلەنگەن ”ئېكس ماشىنا“ (Ex Mashina) ناملىق فىلىمدە، قارىماققا چىشى بىر ماشىنا ئادەمگە كۆيۈپ قالغان بىراق بۇ ماشىنا ئادەم تەرىپىدىن ئەقلىي قايمۇقتۇرۇلۇپ قىلتاققا دەسسىتىلگەن بىر سۈنئىي ئەقىل مۇتەخەسسىسنىڭ ھاياتى تەسۋىرلىنىدۇ. لېكىن مەزكۇر فىلىم ئىنسانلارنىڭ زېرەك ماشىنا ئادەمدىن ھېس قىلغان ئەندىشىسى ياكى ۋەھىمىسىگە دائىر بولماستىن، ئەرلەرنىڭ زېرەك ئايالدىن ھېس قىلغان ۋەھىمىسى، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىپ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىۋېلىش ئېھتىماللىقىدىن پەيدا بولغان ۋەھىمىگە مۇناسىۋەتلىكتۇر. سۈنئىي ئەقىل ئايال بولغان،  باش رولچى بولسا ئەر بولغان بىر سۈنئىي ئەقىلگە مۇناسىۋەتلىك فىلىم كۆرۈپ قالسىڭىز، جەزم قىلىڭكى فىلىمنىڭ تېمىسى سىبەر خاراكتېرلىك بولماستىن ئايالچىلىققا (فېمىنىستلىق)دائىردۇر. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن سۈنئىي ئەقىلنىڭ جىنسىيىتى ياكى جىنسىي كىملىكى بولسۇن؟ جىنسىيەت كۆپ ھۈجەيرىلىك ئورگانىك مەخلۇقلارغا خاس ئالاھىدىلىك ھېسابلىنىدۇ. ئورگانىك بولمىغان سىبەر خاراكتېرلىك بىر نەرسىنىڭ جىنسىيەت بىلەن قانداقمۇ مۇناسىۋىتى بولسۇن؟

 

قۇتىدا ياشاش

 

تېخنولوگىيەدىن ئىنسانلارنى يېتەكلەش ۋە تىزگىنلەش ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان خەتەرلىك ئەھۋال، ئىلمىي فانتازىيە ساھەسى تېخىمۇ چوڭقۇر چۆكىدىغان مۇھىم بىر تېما ھېسابلىنىدۇ. ماترىكىس ناملىق فىلىمدە پۈتكۈل ئىنسانلار سىبەر ئالەمگە قامال قىلىنغان ۋە ئىنسانلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ھەر قانداق ئىشنىڭ چوقۇم بىر خوجايىن تەرىپىدىن ئالدىن شەكىللەندۈرۈلگەن بىر دۇنيا تەسۋىرلىنىدۇ. ”ترۇمان شوۋ“ ھېچقانداق ئىشتىن خەۋىرى يوق بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا باش رول ئوينىغان ترۇمانغا مەركەزلىشىدۇ. ئۇ ئانىسى ۋە يېقىن دوستى بولۇپ بارلىق دوستلىرى ۋە تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ ئارتىس ئىكەنلىكىدىن خەۋەرسىز، ئۇنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ھەر قانداق ئىش ئالدىن پىلانلانغان سېنارىيەنىڭ بىر قىسمى، شۇنداقلا ئۇ دېگەن ھەر ئېغىز گەپ ۋە قىلغان ھەر ئىشى يوشۇرۇن كامېرالار ئارقىلىق كۆچۈرۈلۈپ تۇرىدۇ ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسى  مىليونلىغان ھەۋەسكارلىرى تەرىپىدىن قاتتىق ھاياجان بىلەن كۆرۈلىدۇ.

لېكىن بۇ ئىككى فىلىم قالتىس ئىشلەنگەن بولسىمۇ، مەلۇم يەرگە كەلگەندە سېنارىيە تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدىغان ئەڭ ئاخىرقى چەكتىن كەينىگە يانىدۇ، يەنى سېنارىيەدىكى ۋەقەلىك مەلۇم نۇقتىدىن تەكرار كەينىگە قايتۇرۇلىدۇ. فىلىمدە ماترىكسلارغا قامال قىلىنغان بۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە خاس كىشىلىك خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكى، بۇ ھەقىقىي كىشىلىكنىڭ بارلىق تېخنولوگىيەلەرنىڭ ئەكسىچە تەبىئىي ساقلىنىپ قالغانلىقى ۋە قەھرىمانلار قاتتىق غەيرەت قىلسا ئۆزلىرى يېتەلەيدىغان ماترىكسنىڭ سىرتىغا چىقىپ ھەقىقىي يەنى رېئال دۇنيانى تاپالايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ماترىكس بولسا ھەقىقىي كىشىلىكىڭىزنى رېئال دۇنيادىن ئايرىپ تۇرىدىغان سۈنئىي توساقتىن ئىبارەتتۇر. نۇرغۇن قىيىنچىلىقتىن كېيىن، ماترىكىس فىلىمىدىكى نىئو ۋە «ترۇمان شوۋ»دىكى ترۇمان ئوخشاشلا ئۆزلىرىنى كونترول قىلىۋالغان توساقلاردىن ئۆتۈپ ئوڭۇشلۇق ھالدا قېچىپ كېتەلەيدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي كىملىكىنى بايقاپ، ۋەدە قىلىنغان ھەقىقىي رېئال دۇنياغا قەدەم باسىدۇ.

غەلىتە يېرى شۇكى، ۋەدە قىلىنغان ھەقىقىي زېمىنلارنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكلىرى ماترىكىسنىڭ دۇنياسى بىلەن ئوخشاش. ترۇمان تېلېۋىزىيە ئىستۇدىيەسىدىن قېچىپ، بۇرۇن بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدىن قوغلانغان كونا سۆيگىنى بىلەن قايتىدىن دىدارلىشىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ باقىدۇ. بىراق ترۇمان رومانتىك فانتازىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇلسا، ھاياتى خۇددى ترۇمان شوۋ تەرىپىدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بازارغا سېلىنىۋاتقان مۇكەممەل ھوللىۋود چۈشىگە ئوخشايدۇ، يەنى فىجىگە بېرىپ دەم ئالالايسىز ئەلۋەتتە. فىلىمدە ترۇماننى ھەقىقىي دۇنيادا كۈتۈۋاتقان ھاياتقا دائىر ھېچقانداق يىپ ئۇچى بېرىلمەيدۇ.

نىيۇ مەشھۇر قىزىل دورىنى ئىچىپ ماترىكستىن چىققاندا تاشقى دۇنيانىڭ  يەنى رېئال دۇنيانىڭ ماترىكىستىن قىلچە پەرقسىز ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، مەيلى ماترىكستا بولسۇن مەيلى تاشقى دۇنيادا بولسۇن قاتتىق توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ ۋە ئىنسانلار ۋەھىمە،ئىشتىياق، سۆيگۈ ۋە ھەسەت بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەسلىدە بۇ فىلىم نىيۇ ئېرىشكەن ھەقىقىيلىقنىڭ يەنى رېئاللىقنىڭ تېخىمۇ چوڭ بىر ماترىكستىن قىلچە پەرقسىز ئەمەسلىكى ۋە ”ھەقىقىي يەنى رېئال دۇنيا“غا بارغۇسى بولسا يەنە كۆك ياكى قىزىل رەڭلىك دورا ئىچىشى كېرەكلىكى دېيىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاخىرلاشقان بولسا ياخشى بولاتتى.

كۈنىمىزدە تېخنولوگىيە ۋە ئىلىم- پەن ساھەسىدە مەيدانغا كېلىۋاتقان غايەت زور تەرەققىياتلار ھەقىقىي ئىنسان ۋە ھەقىقىيلىق يەنى رېئاللىقنىڭ ئالگورىتمىلار ۋە تېلېۋىزىيە كامېرالىرى تەرىپىدىن مونوپول قىلىۋېلىنغانلىقىغا ئەمەس، ھەقىقىيلىق دېگەن  نەرسىنىڭ توقۇلما ۋە خىيالى بىر نەرسە ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلماقتا. ئىنسانلار بىر قۇتىنىڭ ئىچىگە سولىنىپ قېلىشتىن تولىمۇ ئەنسىرەيدۇ،  ئەپسۇس ئاللىبۇرۇن بىر قۇتىنىڭ (ئۆز مېڭىسىنىڭ)ئىچىگە قامىلىپ بولغانلىقىنى بىلمەي ياشىماقتا. بۇنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ يەشسەك، ئىنسانلار ماترىكستىن تېخىمۇ چوڭ بىر قۇتىنىڭ يەنى جەمئىيەت ۋە جەمئىيەتنىڭ سان-ساناقسىز توقۇلما نەرسىلىرى ئىچىگە ئاللىبۇرۇن قامال قىلىنىپ بولدى. قىسقىسى، ماترىكستىن قۇتۇلساق ئۇنىڭدىن چوڭ بىر ماترىكستقا تۇتۇلىمىز. 1917-يىلى رۇسىيەلىك ئىشچى-دېھقانلار چار پادىشاھقا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ غەلىبە قازانغاندا ئەپسۇس سىتالىندىن ئىبارەت تېخىمۇ چوڭ ماترىكسنىڭ قولىغا چۈشكەنىدى. دۇنيانىڭ سىزنى قايسى خىل تەرىقىدە يېتەكلەۋاتقانلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، كىشىلىكىڭىزنىڭ مەركىزىنىڭ نېرۋا توقۇلمىلىرى تەرىپىدىن پەيدا قىلىنغان كۆلەڭگىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايقىيالايسىز.

ئىنسانلار بىر قۇتىغا سولىنىپ قالسا دۇنيادىكى بارلىق ئېسىل نەرسىنى قولدىن بېرىپ قويۇشىدىن قاتتىق ئەنسىرەيدۇ. نىيۇ ماترىكسنىڭ ئىچىگە، ترۇمانمۇ تېلېۋىزىيە ئىستىدىيوسىغا قامىلىپ تۇرۇپ قالغانسېرى، ئەپسۇس نە فىجىگە، نە پارىژغا نە ماچۇ پىچچۇغا ساياھەتكە بارالمايدۇ. قىسقىسى، بىزنىڭ بۇ ھاياتتا بېشىمىزغا كەلگەن ۋە كېلىدىغان ھەر قانداق نەرسە ئۆز بەدىنىمىز ۋە زېھنىمىزنىڭ ئىچىدە. گويا زېھنىمىزنىڭ بىر يېرىدە ”پەقەت فىجىگىلا بارساڭ ئېچىلىپ قېلىشى مۇمكىن“ دېگەن چوڭ بىر قىزىل ئاگاھلاندۇرغۇچ ئىشارىتى بولغان تۆمۈر ساندۇق بار بولۇپ، ئەگەر جەنۇبتىكى بىر گۈزەل جاينى ساياھەت قىلغان ۋاقتىمىزدا بۇ ساندۇقنى ئېچىپ پەقەتلا فىجىگە بارغاندىلا ھېس قىلالايدىغان تۇيغۇ ۋە زوقلارنى ھېس قىلالايسىز. فىجىگە بارمىسىڭىز بۇنداق ئالاھىدە ھېس-تۇيغۇ ۋە زوقنىڭ پەيزىنى قەتئىي سۈرەلمەيسىز. ئەسلىدە بۇنداق ئەمەس، فىجىدا نېمىنى ھېس قىلىپ نېمىدىن زوقلانغان بولسىڭىز، دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىمۇ ئوخشاش ھېس-تۇيغۇ ۋە زوقنىڭ تەمىنى تېتىيسىز، ھەتتا ماترىكستىمۇ ئوخشاش ھېس-تۇيغۇ ۋە زوقتىن كەيپ سۈرەلەيسىز. قىسقىسى، مەيلى ماترىكس بولسۇن مەيلى تاشقى دۇنيا يەنى رېئال دۇنيا بولسۇن ھەممە يەر ئوخشاش.

بەلكىم ھەممىمىز ماترىكستا تەسۋىرلەنگەن غايەت زور كومپيۇتېر كۆلەڭگە دۇنياسىدا ياشاۋاتقان بولۇشىمىز مۇمكىن. بۇ ئەھۋال بىزنىڭ بارلىق مىللىي، دىنىي ۋە ئىدېئولوگىيەمىز بىلەن تامامەن زىت بولسىمۇ، بىراق بىزنىڭ زېھنىي تەجرىبىلىرىمىز راست ۋە ھەقىقىي ئىدى. ناۋادا پۈتكۈل ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ زىكرون پلانېتادىكى بىر قاتار چاشقانلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبە ئۈچۈن شەكىللەندۈرۈلگەن غايەت زور كومپيۇتېر كۆلەڭگە دۇنياسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ قالسا، كارل ماركس بىلەن دائېش نومۇستىن يەرنىڭ تېگىگە كىرىپ كېتىدۇ. بىراق بۇ چاشقانلار يەنە ئەرمەن قەتلىئامى ۋە ئاسچۋىتىز ۋەقەلىرى سەۋەبلىك جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك. بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر زىكرون ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق ئەخلاقىي ئۆلچەم باشقارمىسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتتىمۇ ؟ گاز ئۆيلىرى سىلىكون چىپلىرى تارقاتقان ئېلېكتىر سىنگاللىرىدىن ئىبارەت بولسىمۇ،بىراق ئىنسانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازاب-ئوقۇبەتلەر، ۋەھىمىلەر ۋە چارىسىزلىكلەر ئازراقمۇ يەڭگىللەپ قالمايدۇ.

ئازاب ئازابتۇر، ۋەھىمە يەنىلا ۋەھىمىدۇر، سۆيگۈ سۆيگۈ بولۇپ قېلىۋېرىدۇ. ھەتتا ماترىكستىمۇ مۇشۇنداق. سىز ھېس قىلغان ۋەھىمىگە تاشقى دۇنيا يەنى رېئال دۇنيادىكى بىر قاتار ئاتوملارنىڭ ياكى كومپيۇتېر باشقۇرۇشىدا تارقالغان ئېلېكتىر سىگناللىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلەلمەيسىز، ۋەھىمە ھەممە يەردە ئوخشاش، ئۆزگىرىپ قالىدىغان نەرسە ئەمەس. بۇ سەۋەبلىك زېھنىڭىزنىڭ چىنلىقىنى چوڭقۇر بىلمەكچى بولسىڭىز، بۇنى ماترىكستىمۇ ياكى تاشقى دۇنيادىمۇ بىمالال قىلالايسىز.

كۆپ قىسىملىق ئىلمىي فانتازىيە فىلىمىدە ئەقىلنىڭ ماددىنى مۇتلەق مەغلۇپ قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخى تولىمۇ ئۇزۇن بىر ئىدىيە تىلغا ئېلىنىدۇ. 30 مىڭ يىل ئىلگىرى بۇ ئىدىيە مۇنداق ئىدى: ”ئەقىل تاش پىچاقنى ياساپ چىقىدۇ، قول پىچاقنى ئېتىدۇ، ئىنسان پىچاق بىلەن كەركىداننى ئۆلتۈرىدۇ.“ شۇنىسى ئېنىقكى، ئىنسانلار پىچاقنى ياساش ئارقىلىق كەركىدانلارنى ئۆلتۈرۈپ ئەمەس ئەقلىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق دۇنيانى باشقۇرۇپ كەلدى. ئەقىل تارىخىي ۋە بىيولوگىيەلىك ھادىسىلەرنى ئەركىن ئىرادىسى بىلەن شەكىللەندۈرگەن ئاكتىپ ئامىل بولماستىن، تارىخ ۋە بىيولوگىيە تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەن پاسسىپ ئامىلدۇر. ھازىرغىچە كۆككە كۆتۈرۈپ كېلىنىۋاتقان مىللەت، دۆلەت، سۆيگۈ، ئەركىنلىك، ئىجادچانلىق قاتارلىقلار بىرسىنىڭ كەركىداننى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس پىچاق ياساپ چىقىشىدىن بەكلا پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. ئەڭ ئېسىل ئىلمىي نەزەرىيەلەر ۋە ئەڭ يېڭى تېخنولوگىيەلىك ۋاسىتىلەرگە قارايدىغان بولساق، ئەقىل مۇستەقىل كۈچ سۈپىتىدە ئەمەس يېتەكلىنىش رولى ئويناپ كەلدى.

يېقىن مەزگىل ئىچىدە سىز كۆرگەن فىلىم ياكى ئوقۇغان كىتابلار ئىچىدىكى قايسىسى سىزنىڭ سۆيگۈ ۋە ئاشىق چۈشەنچىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىپ باقتى؟ جىنسىيەت تېما بولغاندا سېرىق فىلىملەر، ئۇرۇش تېما بولغاندا رامبو نېمىدىن دېرەك بەرسە، ئوخشاشلا رومانتىك كومېدىيە فىلىملىرىمۇ سۆيگۈ ۋە ئاشىق تېما بولغاندا شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇ. ”ئۆچۈرۈۋەت“دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق يوشۇرۇن ئاڭ ۋە لىمبىك سىستېمىڭىزدىن ھوللىۋۇدنىڭ بارلىق ئىزلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتەلەيدىغانلىڭىزغا ئىشىنىپ قالسىڭىز ئۆزىڭىزنى ئالدىغان بولىسىز.

تاش پىچاقلارنى ھەر خىل شەكىلگە كەلتۈرۈش چۈشەنچىسى سىزگە ياققان بولۇشى مۇمكىن بىراق ئۆزىمىزنى تاش پىچاق قىلىش چۈشەنچىسىنى قەتئىي ياقتۇرمايمىز. بۇنىڭغا ماس ھالدا، مۇنداق بىر ھېكايىنىڭ ماترىكس ۋارىيانتىغا قۇلاق سېلىڭلار: ئەقىللىك بىر ماشىنا ئادەم تەسەۋۋۇر قىلىدۇ، قول بىر ماشىنا ئادەم ياساپ چىقىدۇ، ماشىنا ئادەم تېررورچىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، ئەقىل بولسا تېررورچىلارنى كونترول قىلىشقا  تىرىشىدۇ. ئەقىل ماشىنا ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ. بۇ ھېكايەت سېپى ئۆزىدىن خاتا، بۇ يەردىكى مەسىلە، ئەقىلنىڭ ماشىنا ئادەمنى ئۆلتۈرەلمەسلىكى بولماستىن،  ماشىنا ئادەمنى تەسەۋۋۇر قىلىپ چىققان ئەقىلنىڭ ئىلگىرى دۇچ كەلگەن بېسىم ۋە مونوپوللۇقىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇشىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنا ئادەمنى ئۆلتۈرۈش بىزنى ئەركىنلىككە ئىگە قىلمايدۇ.

 

دىسنېي ئەركىن ئىرادىگە بولغان ئىشەنچنى سۇسلاشتۇرىدۇ

 

پىكسار ئىستۇدىيەسى ۋە ۋالت دىسنېي رەسىملىرى شىركىتى 2015-يىلى ئىنسانلار توغرۇلۇق نىسبەتەن چىن، لېكىن كىشىنى ۋەھىمە سېلىپ قويىدىغان بىر ھەرىكەتچان كارتون فىلىمنى بازارغا سالدى. مەزكۇر قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ھەم چوڭلار ھەمدە كىچىكلەرنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشتى. ”تەتۈر يۈز“ناملىق بۇ فىلىمدە 11 ياشلىق رىلېي ئاندېرسون ئىسىملىك بىر قىز بالىنىڭ ھېكايىسى تەسۋىرلىنىدۇ. رىلېي ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە مىننېسوتادىن سان فىرانسىسكوغا كۆچۈپ كېتىدۇ، كونا دوستلىرى ۋە بۇرۇنقى ئۆيىنى قاتتىق سېغىنغان رېلېي، يېڭى تۇرمۇشىغا كۆنۈپ بولالماي، مىننېسوتاغا قېچىپ كېتىشنىڭ كويىغا كىرىدۇ. لېكىن بۇ ئەسنادا رېلېيدىن خەۋەرسىز ئېغىر بىر كىرىزىس يۈز بېرىدۇ، رىلېي نە بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىنىڭ چولپىنى ئەمەس ئىدى نە ماترىكس ئىچىگە قاپسىلىپ قالغان بىرسى ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ ماترىكسقا قاپسىلىپ قالغان بىرلا نەرسىسى بار ئىدى.

دىسنېي ئىمپېرىيەسى ئوخشاش بىر ھېكايە ۋە ئەپسانىنىڭ قايتا-قايتا تەسۋىرلىنىشى نەتىجىسىدە قۇرۇلدى. سان-ساناقسىز دىسنېي فىلىملىرىدە باش قەھرىمان داۋاملىق زور قىيىنچىلىق ۋە خەتەرلەرگە دۇچ كېلىدۇ،لېكىن ئاخىرقى ھېسابتا ھەقىقىي كىملىكىگە ئېرىشىپ ئەركىن ئىرادىسىدىن پايدىلىنىپ غەلىبە قىلىدۇ. ”تەتۈر يۈز“فىلىمى بۇ ھېكايىنى رەھىمسىزلەرچە بۇزۇپ تاشلايدۇ.  مەزكۇر فىلىم كۈنىمىزنىڭ نېرۋا -بىيولوگىيەلىك ئىنسان چۈشەنچىسى بويىچە ئىشلەنگەن بولۇپ، تاماشىبىنلار رىلېينىڭ مېڭىسىدىكى دۇنيانى سەپەر قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ، بىراق رىلېينىڭ مېڭىسىدە ئۇنىڭ ھەقىقىي كىملىك تېپىلمايدۇ، ھەتتا ئەركىن ئىرادىسىنىڭمۇ يوقلىقى ئاشكارا بولىدۇ. رىلېي ئەسلىدە بىر-بىرىگە زىت بولغان بىر قاتار بىيو-خىمىيەلىك مىخانىزما تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان غايەت زور چوڭلۇقتىكى ماشىنا ئادەمگە ئوخشاش ئىدى. فىلىمدە بۇ مېخانىزملار ئوماق بىر كارتون فىلىم پېرسوناژى بىلەن ۋەكىللىك قىلىنغان بولۇپ، سېرىق ۋە خۇش چىراي-خۇشاللىق، كۆك ۋە چىراي سولغۇن-قايغۇ، قىزىل ۋە ئاچچىقى يامان دېگەندەك… رىلېينىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى مەركەزدىكى چوڭ بىر ئېكراندىن كۆرۈپ ھەر خىل كۇنۇپكىلار ئارقىلىق ۋەزىيەتنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغان بۇ پېرسوناژلار رىلېينىڭ روھىي ھالىتىنى، قارارلىرىنى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرىدۇ.

رىلېينىڭ سان فىرانسىسكودىكى يېڭى تۇرمۇشىغا ماسلىشالماسلىقىغا ئەسلىدە مەركەزدىكى ئىشلارنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىپ رىلېينىڭ مېڭىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشى سەۋەب بولغان. خۇشاللىق بىلەن قايغۇ بۇ قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ چۈشەنچە پويىزى بىلەن سەپەرگە ئاتلىنىپ، يوشۇرۇن ئاڭدىن ئىبارەت تۈرمىنى بايقايدۇ ۋە يېڭىلىقچى بىر قاتار نېرۋىلارنىڭ چۈش پەيدا قىلىش ئۈچۈن مەشغۇل بولۇۋاتقان ئىستۇدىيەنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ چىقىدۇ. رىلېينىڭ مېڭىسىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى كىشىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە قىلىنغان بىيو-خىمىيەلىك مېخانىزملارنى تاماشا قىلىش جەرياندا، قانداقتۇر ھەر قانداق بىر روھ، ھەقىقىي كىشىلىك ياكى ئەركىن ئىرادىنى تاپالمايمىز. ھەتتا بارلىق ھېكايىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان يورۇقلۇققا چىقىش پەيتى، رىلېي قانداقتۇر كىشىلىكىنى بايقاپ چىققاندا ئەمەس رىلېينىڭ بىرلا ئۆزلۈك بىلەن چەكلىك ئەمەسلىكى ۋە ياخشىلىقنىڭ ئوخشىمىغان مېخانىزملار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە باغلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققاندا يۈز بېرىدۇ.

تاماشىبىنلار دەسلەپ رىلېينى باش پېرسوناژ بولغان خۇش چىراي- خۇشاللىق بىلەن ئوخشاش كۆرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. بىراق رىلېينىڭ ھاياتىنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغان ئەجەللىك خاتالىقمۇ دەل مۇشۇ پەيتتە سادىر بولىدۇ، ئۆزىنى رىلېينىڭ ھەقىقىي ئۆزى ھېسابلايدىغان خۇش چىراي-خۇشاللىق، باشقا قوشۇمچە پېرسوناژلارنى پاسسىپ ھالغا كەلتۈرۈپ رىلېينىڭ مېڭىسىنىڭ سەزگۈر تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. قىسقىسى، رىلېي بارلىق بىيو-خىمىيەلىك پېرسوناژلارنىڭ توقۇنۇشى ۋە ھەمكارلىقى نەتىجىسىدە پەيدا بولغان مۇرەككەپ ھېكايىدۇر.

كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەرسە، دىسنېينىڭ بۇنداق ئاشقۇن بىر ئىدىيەنى مەزمۇن قىلغان بىر فىلىمنى بازارغا سېلىشى ئەمەس، بۇ فىلىمنىڭ دۇنيا مىقياسىدا زور ئۇتۇققا ئېرىشىشى ئىدى. بەلكىم بۇ فىلىمنىڭ ئۇتۇقىنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭ پاجىئە بىلەن ئەمەس خۇشاللىق بىلەن ئاخىرلاشقان كومېدىيە فىلىم بولۇشى، شۇنداقلا كۆپ قىسىم تاماشىبىننىڭ فىلىمدىكى نېرۋا كېسەللىكى ئىلمىنىڭ قويۇقلىقى ۋە بۇنىڭ تەسىرلىرىگە سەل قارىغان بولۇشىدۇر.

بۇنداق ئىدىيە 20-ئەسىردىكى ئەڭ مەشھۇر ئىلمىي فانتازىيە كىتابىدىمۇ يوق ئىدى. مەزكۇر كىتابتا تەسۋىرلەنگەن ۋەھىمىلىك ئىدىيەگە سەل قاراش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ كىتاب بىر ئەسىر بۇرۇن يېزىلغان بولسىمۇ يەنىلا نوپۇزىنى يوقىتىپ قويغىنى يوق. ئالدوس ھۇكسلېي ”جەسۇر يېڭى دۇنيا“ناملىق ئىلمىي فانتازىيەلىك فىلىمىنى، 1931-يىلى كوممۇنىزم ۋە فاشىزم رۇسىيە ۋە ئىتالىيەدە ئەۋجىگە چىققان،  ناتسىست گېرمانىيەدە يۇقىرى پەللىگە يەتكەن، ياپونىيە خىتايغا ھۇجۇم قىلغان ۋە ئېغىر كىرىزىس پۈتكۈل دۇنيانى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان ھالقىلىق پەيتلەردە يېزىپ چىققانىدى. ئالدوس ھۇكسلېي مۇشۇنداق قارا بۇلۇتلار قاتلىمىنىڭ كەينىدىكى يورۇقلۇق قاتلىمىنى كۆرۈپ يېتىپ ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ياكى يۇقۇملۇق كېسەللىك يۈز بەرمەيدىغان، ئامانلىق، بەخت-سائادەت، مولچىلىق ۋە ساقلىق قاتارلىق ھادىسىلەر ھۆكۈم سۈرگەن يېڭى دۇنيا تەسەۋۋۇر قىلىپ چىققانىدى. بۇ دۇنيا ئىنسانلار خالىغانچە كەيپ -ساپا سۈرىدىغان، ئىستېمالغا تەلۋىلەرچە بېرىلىپ كەتكەن، جىنسىي بۇزۇقچىلىق ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتكەن جايدۇر، شۇڭا ئەڭ قىممەتلىك بايلىق خۇشاللىقتۇر. مەزكۇر كىتابتا ئىنسانلارنىڭ بىيو-خىمىيەلىك ئالگورىتمىلاردىن ئىبارەت ئىكەنلىكى، بىلىمنىڭ ئىنسان ئالگورىتمىسىغا تولۇق ھاكىم بولالايدىغانلىقى ۋە تېخنولوگىيە ئارقىلىق بۇنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

بۇ جەسۇر يېڭى دۇنيادا دۇنيا ھۆكۈمىتى ئىلغار بىيو-تېخنولوگىيەسى ۋە جەمئىيەت ئىنژېنېرلىقىدىن پايدىلىنىپ ھەممە ئادەمنىڭ ھەر ۋاقىت خۇشال-خۇرام ھايات كەچۈرۈشىنى ۋە ھېچكىم ئىسيان چىقارمايدىغان مۇھىت بەرپا قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. رىلېينىڭ مېڭىسىدىكى خۇشاللىق، قايغۇ ۋە باشقا خاراكتېرلار ئايرىم ئايرىم دۆلەت ئىشپىيونىغا ئۆزگەرتىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا نە مەخپىي ساقچىلارغا نە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا نە ئورۋېلنىڭ ”1984“ناملىق رومانىدىكىگە ئوخشاش مېھىر-مۇھەببەت مىنىستىرلىقىغا ئېھتىياج چۈشمەيدۇ. بۇ يەردە ئىنسانلارنى ۋەھىمە ۋە زوراۋانلىق بىلەن ئەمەس مېھىر-مۇھەببەت ۋە زوق تۈرتكىسىدە بەكرەك تىزگىنلىگىلى ئاساسلىق مەقسەت قىلىنىدۇ.

ئىنسانلار ”1984“ناملىق روماننى ئوقۇسا يازغۇچى ئورۋېلنىڭ زۇلمەتلىك بىر دۇنيانى تەسۋىرلىگەنلىكىنى دەرھال چۈشىنىپ يېتىدۇ. ئۇنداقتا مۇنداق سوئال سوراشقا توغرا كېلىدۇ: ”ئۇنداقتا بۇنداق ۋەھىمىلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟“. ”جەسۇر يېڭى دۇنيا“ناملىق ئەسەرنى ئوقۇساق ھەم بىئارام بولىمىز ھەمدە چوڭقۇر ئويغا پېتىشقا مەجبۇر بولىمىز. چۈنكى بۇ دۇنيانى بۇنچىلىك قورقۇنچ قىلىۋەتكەن نەرسىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىشتا قىينىلىمىز. دۇنيا خاتىرجەملىككە تولسا، ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق ماڭسا ۋە ھەممە ئادەم تۇرمۇشىدىن رازى بولسا بىزگە نېمە زىيىنى؟

ھۇكسلېي لوندوندا شېكىسپېر ۋە ئىلاھىيەتچى جون بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان سوئالنى سورىغانىدى. جون لوندون خەلقىنى ھاكىمىيەت ۋە تۈزۈمگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە چاقىرغاندا، لوندون خەلقى ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشمايدۇ، ساقچىلار جوننى تۇتۇپ غەربىي ياۋروپانىڭ ئەينى چاغدىكى ھۆكۈمدارلىرىدىن مۇستاپھا موندنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ. موند جونغا ناھايىتى سىلىق مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بىنورمال قىلىقلىرىنى تۈگىتىشنى، خالىسا تەنھا جايغا بېرىپ كۈن ئۆتكۈزۈشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا جون بۇ دۇنيا تۈزۈلمىسىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە، دۇنيا ھۆكۈمىتىنى خۇشاللىق بەدىلىگە نوقۇل ھەقىقەت ۋە گۈزەللىكنىلا ئەمەس ئىززەت-ئابرۇيلۇق ۋە قىممەتلىك بولغان ھەممە نەرسىنى پىدا قىلىۋېتىش بىلەن ئەيىبلەيدۇ. موند ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: قىممەتلىك دوستۇم، مەدەنىيەتنىڭ ئېسىللىك ياكى قەھرىمانلىققا پەقەتلا ئېھتىياجى يوق، ئەمەلىيەتتە بۇلار سىياسىي ناقابىللىقنىڭ ئىپادىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىزگە ئوخشاش ھەقىقىي مەنىدىكى سىستېمىلاشقان بىر جەمئىيەتتە ھېچكىم شەرەپلىك ۋە ياكى قەھرىمان بولۇشقا پۇرسەت تاپالمايدۇ. بۇنداق پۇرسەتنىڭ ئاپىرىدە بولۇشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن مەۋجۇت شارائىتنىڭ پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كېتىشى كېرەك. ئۇرۇش بولۇۋاتقان ، ھەر خىل كۈچلەرگە ساداقەتمەنلىك قىلىنىدىغان، قارشىلىق كۆرسىتىشكە تېگىشلىك جەلپ قىلارلىق نەرسىلەر بولغان، ئۇرۇش قىلىشقا ئەرزىيدىغان ياكى قوغداشقا تېگىشلىك قىممەت قاراشلىرى بولغان جايلاردا ئاندىن ئىززەت-شەرەپ ۋە قەھرىمانلىقنىڭ قىممىتى بولىدۇ. بىراق كۈنىمىزدە ئۇرۇش دەپ بىر نەرسە يوق، بىرسىنى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرۈپ كەتمەسلىكىڭىز ئۈچۈن تۈرلۈك تەدبىرلەر ئېلىنماقتا. ھەر خىل كۈچلەرگە ساداقەتمەنلىك قىلىشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق، بۇ تۈزۈمدە سىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلماسلىقىڭىز مۇمكىن ئەمەس. قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار كىشىگە تولىمۇ زوق ۋە ھۇزۇر بېغىشلايدىغانلىقى ۋە نۇرغۇن تەبىئىي خۇي-مىجەزلىك كىشىلەرگە ھۆرمەت قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ساقلىنىشقا تېگىشلىك قائىدىلەرگە ئېھتىياج يوق. شۇنچىلىك كۈچلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەكسىچە، سىزگە ياقمايدىغان بىر كۆڭۈلسىز ئەھۋال يۈز بېرىپ قالسا، ئۇنداقتا سىز <سوما>ئىسىملىك ناركوز دورىسىنى يەپ بۇ بىئارامچىلىقلاردىن قۇتۇلسىڭىز بولىدۇ. بۇ دورا ھەر دائىم نېرۋىلارنى تىنچلاندۇرىدۇ، دۈشمەن بىلەن بولغان ئاداۋىتىڭنى تۈگىتىدۇ، سەۋرىڭنى ئاشۇرۇپ چىدامچانلىقىڭنى كۈچەيتىدۇ. بۇرۇنلاردا بۇلارنى قىلىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ۋە يىللارچە نەپسىڭنى چىنىقتۇرۇشقا توغرا كېلەتتى، بىراق ھازىر ئىككى ئۈچ گىراملىق بۇ دورىنى ئىچسەڭلا كۇپايە قىلىدۇ. ھەممە ئادەم ئەخلاقلىق بولالايدۇ، ھېچ بولمىغاندا ئەخلاقنىڭ يېرىمىنى بىر شېشىگە تولدۇرۇپ يېنىڭدا ئېلىپ ماڭساڭ بولىدۇ، كۆز ياشلىرىدىن خالىي بولغان بۇ خىرىستىيانلىقنىڭ نامى سومادۇر.`لېكىن كۆز ياشلىرىغىمۇ كېرەك قالمايدۇ. ئوتېللونىڭ مۇنۇ گېپى ئېسىڭدە بارمۇ؟ ھەر بوران-چاپقۇندىن كېيىن ھەممە يەر سۈت پورتى بولۇپ كېتىدىغان بولسا، ئۇنداقتا بوران-چاپقۇن ئۆلۈكلەرنى گوردىن چىقىرىپ بولغۇچە چىقىپ تۇرسۇن. ياشانغان بىر ئىندىياننىڭ بىزگە ماتساكىلى قىز ئىسىملىك مۇنداق بىر ھېكايىنى دەپ بەرگىنى ئېسىمدە: بۇ قىز بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشنى ئارزۇ قىلغان ياشلار تاڭ سەھەردە قوپۇپ بۇ قىزنىڭ بېغىنى ئوتىشى كېرەك ئىكەن. بۇ ئىش ئاساندەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق باغنىڭ ھەممە يېرىنى پاشا قاپلاپ كەتكەنىكەن، نۇرغۇن ياش پاشنىڭ چېقىشىغا قەتئىي چىداپ بولالماپتۇ، پەقەت بىرلا ياش بۇنىڭغا چىداپتۇ ۋە ئاخىرى قىز بىلەن توي قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپتۇ.“

”بۇ ھېكايە تولىمۇ تەسىرلىك“دېگەن موند سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ: ”مەدەنىي دۆلەتلەردە قىزلارنى ئۇلارنىڭ  بېغىنى ئوتىماي تۇرۇپمۇ ئالغىلى بولىدۇ، ھازىر ئەتراپتا ئادەمنى چاقىدىغان پاشا كۇمۇتا قالمىدى، بۇ ھاشارەتلەردىن نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا قۇتۇلدۇق.“

جون قوشۇمىسى تۈرۈپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھاشارەتلەردىن قۇتۇلدىڭىز، بۇ سىزگە يارىشىدىغان بىر ئىشتۇر. بىر ئىشقا سەۋر قىلىشنىڭ ئورنىغا بىنورمال قانداق ئىش بولسا ئۇنى كۆرمەسلىككە سالىسىز، ئۇنداقتا قايسى ئىش شەرەپلىك ۋە ئېسىل؟ زېھنىمىزدە رەھىمسىز تەقدىر ئاتقان تاش ۋە ئوقلارغا چىداشمۇ ياكى دەرد دېڭىزىغا قارشى قولىمىزغا قورال ئېلىپ ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشمۇ؟ لېكىن سىز ھەر ئىككىلىسىنى قىلمايۋاتىسىز، سىز نە چىدىيالمايۋاتىسىز نە قارشى تۇرالمايۋاتىسىز. سىز پەقەت تاش ۋە ئوقلارنىلا بىر تەرەپ قىلىۋاتىسىز. سىز پەقەت كۆڭلىڭىزنى ئاۋۇتۇش ئۈچۈنلا بىر ئىشلارنى قىلىۋاتىسىز. خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ئۇنى يوق قىلىشنىڭ باشقا يولى يوقمۇ؟“

”ئەلۋەتتە بار“دېدى موند، موند سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: ”ئەرلەر ۋە ئاياللار پات-پات ئادرېنالىنلىرىنى كونترول قىلىپ تۇرۇشى كېرەك، ساق-سالامەت تۇرۇشنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى بۇ، بىز بۇ سەۋەبتىن زوراۋانلىق ئارزۇسى دورىسىنى ئىنسانلارغا مەجبۇرىي بېرىمىز.“

-”زوراۋانلىق ئارزۇسى دورىسى“نېمە دېگەن گەپ؟-دەپ سورىدى.  موند مۇنداق جاۋاب بەردى:

”بۇ دورا ئايدا بىر قېتىم بېرىلىدۇ، بارلىق سىستېمىغا ئادرېنالىن قويىمىز، ۋەھىمە ۋە زوراۋانلىقنىڭ فىزىيولوگىيەلىك دورىسىدۇر. دېسدېمونانى ئۆلتۈرۈش ۋە ئوتېللو تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشنىڭ بارلىق ئەكس تەسىرلىرى يوق قىلىنىدۇ، بۇ ھېچقانداق بەدەل تۆلەنمەيلا ئېلىپ بېرىلىدۇ.“

جون جاۋابەن: مەن بەدەل تۆلەشنى ياخشى كۆرىمەن، دېدى.

جون دەرھال: بىز قەتئىي ياخشى كۆرمەيمىز، بىز ھەممە ئىشنى بەدەل تۆلىمەي خاتىرجەم قىلىشنى خالايمىز، دېدى.

«لېكىن مەن راھەت-پاراغەتكە بېرىلمەيمەن، مەن تەڭرى، شېئىر، ھەقىقىي كىرىزىس ، ئەركىنلىك ۋە ياخشىلىققا ئىنتىلىمەن، گۇناھنى ئارزۇ قىلىمەن.»

موند ھەيران قېلىپ: – سەن قايغۇ ۋە ئازابنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتىسەن، سەن بۇ ھەققىڭنى بىزدىن تەلەپ قىلىۋاتىسەن، شۇنداقمۇ-دېدى. جون ئىككىلەنمەي:

-ئەلۋەتتە مەن قايغۇ ۋە ئازاب چېكىش ھەققىمنى تەلەپ قىلىمەن، دەپ جاۋاب بەردى.

-بۇنىڭدىن باشقا، دېدى جون سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:

– ياشىنىپ ماغدۇردىن كېتىش ھەققىمنى، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ھەققىمنى، يېمەك-ئىچمەك تاپالماي ئاچ قېلىش ھەققىمنى، رەسۋا بولۇش ھەققىمنى، توختىماي كېلەچىكىمدىن ئەندىشە قىلىش ھەققىمنى، تەرىپلەش مۇمكىن بولمايدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چېكىش ھەققىمنى تەلەپ قىلىمەن،-دېدى.

ئەتراپنى ئۇزۇنغىچە جىمجىتلىق قاپلىدى.

جون سۈكۈتنى بۇزۇپ تاشلاپ:

-مەن بارلىق ھەققىمنى تەلەپ قىلىمەن، -دېدى.

موند مۈرىسىنى سىلكىپ:- قېنى ئالغىن ھەقلىرىڭنى، دېدى.

جون خىلۋەت بىر جايغا بېرىپ چوڭقۇر ئويغا چۆمدى. ئۇ يىللارچە ھىندىئانلارنىڭ چېدىرلىرىدا ياشىغانلىقى ۋە مېڭىسى شېكىسپېر ۋە يەرلىك ئېتىقادلار بىلەن يۇيۇلغانلىقى ئۈچۈن زامانىۋى دۇنيانىڭ پۈتكۈل نېمەتلىرىنى رەت قىلىشقا كۆنۈپ كەتكەنىدى. لېكىن ئۇنىڭ ئۆزگىچە ھاياتنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى توغرۇلۇق خەۋەر ئەتراپقا تېزلا تارقالدى، ئىنسانلار ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا قىزىقىپ ئۇنىڭ ھاياتىنى بىۋاسىتە كۆزىتىش ئۈچۈن ئۇ تۇرۇۋاتقان جايغا بەس-بەستە كېلىشتى، نەتىجىدە جون بىردىنلا مەشھۇر كىشىگە ئايلاندى. ئۆزىنى باشقىلارنىڭ بۇنچىۋالا چوڭ بىلىشىدىن ئىچى سىقىلىپ كەتكەن جون، مەدەنىيەت ماترىكسىدىن قىزىل رەڭلىك دورا ئىچىش ئارقىلىق ئەمەس ئۆزىنى دارغا ئېسىش ئارقىلىق قۇتۇلدى.

«ماترىكىس» ۋە «ترۇمان شوۋ» نى روياپقا چىقارغۇچىلار بولسىمۇ، يەنىلا ھۇكسلېينىڭ قېچىشىدىن گۇمانلانغۇچىلار چىققان، چۈنكى قېچىپ كېتەلەيدىغان بىرسىنىڭ چىقىشىدىن گۇمان قىلىشقان. مېڭىمىز ۋە كىشىلىكىمىز ماترىكسنىڭ بىر قىسمى بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ماترىكستىن قېچىش ئۈچۈن ئۆزىمىزدىن قېچىشىمىز كېرەك. قىسقىسى، بۇنىڭ ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىش لازىم. 21-ئەسىردە ھاياتتا قېلىش ئۈچۈن كىشىلىكنىڭ چەكلىك دائىرىسىدىن قېچىش زۆرۈر قابىلىيەت ھالىتىگە كېلىشى كېرەك.

 

تەرجىمە قىلغۇچى: ئادىلجان

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*