21-ئەسىردە: ئەركىنلىك ۋە دىگىتال دىكتاتورىلىق

2019-يىلى 9-يانۋار

 

«غايەت زور مىقداردىكى ئۇچۇر-مەلۇماتنىڭ نەزىرى سىزدە»

 

لىبېرالىزم ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىكىنى تولىمۇ مۇھىم دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلۇغلايدۇ. لىبېرالىزمدا ھاكىمىيەت شەخسلەرنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى، ئارزۇ-ئارمانلىرى ۋە سايلامدا ئەكس ئەتكەن ئەركىن ئىرادىسى تۈرتكىسىدە پەيدا بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. لىبېرالىزم سىياسەتتە ئەڭ ياخشىنى سايلىغۇچىنىڭ بىلىدىغانلىقىغا چىن ئىشىنىدۇ، بۇ سەۋەبتىن دېموكراتىك سايلاملارنى ئۆتكۈزىدۇ، ئەركىن بازار پىرىنسىپىنى قوللايدۇ، شەخسىي مەسىلىلەردە لىبېرالىزم ئىنسانلارنى ئۆزگىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلمىغان ئاساستا، ئۆزىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا ۋە قەلب سادالىرىغا قۇلاق سېلىشنى ۋە چۈشەنچىلىرىگە سادىق بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ شەخسىي ئەركىنلىكلەر ئىنسان ھەقلىرى بىلەن كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىدۇ.

كۈنىمىز غەرب سىياسەت سەھنىسىدە «لىبېرال» كەلىمىسى بەزىدە تار مەنىدە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ قوش جىنسلىقلارنىڭ نىكاھلىنىشى، قوراللارنى مەلۇم دەرىجىدە چەكلەش ۋە بالا ئالدۇرۇۋېتىش قاتارلىق بەزى ئىشلارنى قوللاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بىراق ئەنئەنىچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئېغىزىدا بولسىمۇ لىبېرال دۇنيا قارىشىنى قوبۇل قىلىشىدۇ. بولۇپمۇ ئامېرىكىدا ھەم جۇمھۇرىيەتچىلەر ھەمدە دېموكراتچىلار كەسكىن مۇنازىرىلەرگە خاتىمە بېرىپ، قىسمەن بولسىمۇ ئەركىن سايلام، مۇستەقىل سوت ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە ئوخشاش مەسىلىلەردە كېلىشەلەيدۇ.

رونالد رېگان ۋە مارگارېت ساچىرغا ئوخشاش ئوڭچىل مىللەتچى رەھبەرلەرنىڭ نوقۇل ئىقتىسادىي ئەركىنلىكلەرنىلا ئەمەس شەخسىي ئەركىنلىكلەرنىمۇ قوللىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. 1987-يىلى ساچىر خانىم بىر قېتىملىق سۆھبەت خاتىرىسىدە مۇنداق دېگەن: «جەمئىيەت دەپ بىر نەرسە بولمايدۇ، پەقەت ئەر ۋە ئاياللار بىرلىشىپ بەرپا قىلغان جانلىق بىر توقۇلما بار، خالاس. تۇرمۇش سەۋىيەمىز بىزنىڭ قانچىلىك مەسئۇلىيەتنى زېممىمىزگە ئېلىپ ئادا قىلالىشىمىزغا باغلىق.»

ساچىرنىڭ كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىكى مىراسخورلىرى بىلەن ئىشچى پارتىيەسى سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ سايلىغۇچىلارنىڭ ھېس-تۇيغۇ، خاھىش ۋە ئەركىن ئىرادىلىرىگە باغلىق بولۇشى مەسىلىسىدە ئوخشاش قاراشقا ئىگە. بۇ سەۋەبتىن بىرىتانىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش ياكى چىقماسلىقى كۈنتەرتىپكە كەلگەندە، باش ۋەزىر دېيۋىد كامېرون بۇ ئىشنى نە خانىش 2-ئىلزابىتقا نە كانتېربېرىي باش پوپىغا ياكى نە ئوكسفورد ۋە كامبرىجتىكى پىروفېسسورلارغا مەسلىھەت سالمىدى. ھەتتا پارلامېنت ئەزالىرىغىمۇ مەسلىھەت سېلىپ ئولتۇرمىدى. مەسلىھەت سېلىشنىڭ ئورنىغا بىر ئەنگلىيە پۇقراسىدىن «بۇ ھەقتە قانداق ئويغا كەلدىڭىز؟» دېگەن مەزمۇندا سوئال سورىلىپ ئەل رايىنى سىناش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

«بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالنىڭ ئورنىغا «بۇ ھەقتە قانداق ئويغا كەلدىڭىز؟» دېگەن سوئالنىڭ سورىلىشىغا بەلكىم نارازىلىق بىلدۈرۈشىڭىز مۇمكىن، بىراق بۇ پوزىتسىيەڭىز ئومۇمىي بىر خاتالىقنىڭ ئىپادىسى، خالاس. رېفېراندۇم (ئەل رايىنى سىناش پائالىيىتى) ۋە سايلاملار ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئىنسانلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە ئويلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئىنسانلارنىڭ مەنتىقلىق ۋە ئەقلىي ئويلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. دېموكراتىيە مەنتىقلىق ۋە ئەقلىي تاللاش ئېلىپ بېرىشقا دائىر مەسىلە بولغان بولسا ئىدى، ھەممە ئادەمگە باراۋەر ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى بېرىشنىڭ ھەتتا ھەر قانداق بىر ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى بېرىشنىڭ بىرمۇ مەنتىقىلىق سەۋەبى بولمىغان بولاتتى. چۈنكى بەزى ئىنسانلارنىڭ باشقا ئىنسانلارغا قارىغاندا سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتى ۋە ئەتراپلىق ئانالىز قىلالايدىغان قابىلىيىتى بارلىقى ھەققىدە نۇرغۇن دەلىل-ئىسپات بار. ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشى توغرۇلۇق رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن مەشھۇر بىيولوگ رىچارد داۋكىنس، ئەنگلىيە خەلقىنىڭ كۆپ قىسمىدىن ھەتتا ئۆزىدىنمۇ مۇشۇنداق بىر رېفېراندۇمدا خاھىشى، مايىللىقى ۋە ئويىنى ئىپادىلەشنىڭ تەلەپ قىلىنىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ئىنسانلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەردە يېتەرلىك دەرىجىدە مەلۇماتى يوقلىقى، ھەممىدىن مۇھىم بۇ مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق ئانالىز قىلىپ كۆنمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ بۇ رېفېراندۇمنى مۇنداق تەرىپلەيدۇ: «ئېينىشتىننىڭ ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش ئۇسۇللىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئەل رايى ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈرۈش ياكى بىر ئۇچقۇچىنىڭ ئايرودۇرۇمدىكى قايسى يولغا قونۇشىنى يولۇچىلارنىڭ رايىغا ئاساسەن بەلگىلەشكە ئوخشايدۇ.»

شۇنىسى ئېنىقكى، سايلام ۋە رېفېراندۇملار ئىنسانلارنىڭ مەسىلىلەرگە قانداق قارايدىغانلىقىغا ئەمەس قانداق خاھىش، مايىللىق ۋە ئويغا ئىگە ئىكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. مەسىلىلەرگە ھېس-تۇيغۇ ، خاھىش ياكى مايىللىق نۇقتىسىدىن قارىغىنىمىزدا ئېينىشتىن ۋە داۋكىنىسنىڭ باشقا ئىنسانلاردىن ھېچقانداق پەرقى يوق. دېموكراتىيەنىڭ قارىشىچە، ئىنساننىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى سىرلىق ۋە چوڭقۇر مەنىسى بولغان «ئەركىن ئىرادە»نى تولۇق ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ «ئەركىن ئىرادە»ھاكىمىيەتنىڭ غول مەنبەسى بولۇپ، بەزى ئىنسانلار يەنە بەزىلەرگە قارىغاندا بەكرەك ئەقىللىك بولسىمۇ بارلىق ئىنسانلار ئوخشاش سەۋىيەدە ئەركىن ھېسابلىنىدۇ. ساۋاتسىز بىر يالانما ئىشچىمۇ ئېينىشتىن ۋە داۋكىنىس بىلەن تەڭ دەرىجىدە ئەركىن بولغانلىقتىن، سايلامدا تاشلىغان بېلىتى ئوخشاش كۈچكە ئىگە.

ھېس-تۇيغۇلار، خاھىشلار ۋە مايىللىقلار نوقۇل سايلاملارغىلا ئەمەس لىدېرلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەتتا يېتەكلەيدۇ. 2016-يىلدىكى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش رېفېراندۇمىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشنى ياقلىغۇچىلارغا بورىس جونسون بىلەن مېشېل گوۋ باشچىلىق قىلغانىدى. دېيۋىد كامېرون ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، گوۋ باش ۋەزىرلىك ئۈچۈن دەسلەپ جونسوننى قوللىدى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا جونسوننىڭ بۇ ۋەزىپىگە لايىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ ئۆزىنى باش ۋەزىرلىك ئۈچۈن نامزات ئېلان قىلدى. گوۋنىڭ جونسوننىڭ پۇرسىتىنى يوق قىلىدىغان بۇ قىلمىشى ”ماكياۋېلچە سىياسىي سۇيىقەست“ دەپ تەرىپلەندى. بۇنىڭغا قارىتا گوۋ ئۆزىنىڭ بۇ ئىشقا قانداق قارايدىغانلىقىنى ئەمەس قانداق تۇيغۇدا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «سىياسىي ھاياتىمنىڭ ھەر بىر باسقۇچىدا ئۆزۈمدىن مۇنداق سوئال سورىدىم : زادى قايسى توغرا؟ قەلبىم نېمە دەيدۇ؟.»يەنى ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن «سۇيىقەست»قىلغانلىقىنى مۇشۇ سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ. گوۋنىڭ قارىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ئىشلىشى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىتتىپاقدىشى بولغان بورىس جونسوندىن يۈز ئۆرۈشكە مەجبۇر بولۇپ قېلىشى ۋە باش ۋەزىرلىك ئۈچۈن ئۆزىنى نامزات كۆرسىتىشىنىڭ سەۋەبى دەل قەلبىنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشى ئىدى.

بىر ئىنساننىڭ قەلبىنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشى لىبېرال دېموكراتىيەنىڭ ئاجىزلىقىدۇر. ئەگەر بېيجىڭ ياكى سان فىرانسىسكودا تۇيۇقسىز بىرسى چىقىپ ئىنسان قەلبىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ ئۇنى تىزگىنلىيەلەيدىغان تېخنولوگىيە ئىجاد قىلالىسا، دېموكراتىك سىياسەت ئىنسانلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى خالىغانچە ئويناتقىلى بولىدىغان بىر قونچاققا ئايلىنىپ قالمامدۇ؟

 

ئالگورىتمىنىڭ ئاۋازغا قۇلاق سېلىڭ

 

شەخسلەرنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە ئەركىن سايلاملارنى كۆككە كۆتۈرىدىغان لىبېرال (ئەركىن)چۈشەنچە ھەم تەبىئىي ھەمدە ئۆتمۈشىمۇ ئۇزۇن ئەمەس. ئىنسانلار مىڭلارچە يىل ھاكىمىيەتنىڭ ئىنسان قەلبىدىن ئەمەس مۇقەددەس قانۇنلاردىن كېلىدىغانلىقى ۋە ئىنساننىڭ ئەركىنلىكىنى ئەمەس تەڭرى كالامىنى ئۇلۇغلىشمىز كېرەكلىكىگە ئىشىنىپ كەلدى. ھاكىمىيەتنىڭ مەنبەسى تېخى بىر نەچچە ئەسىر ئىلگىرى تەڭرىلەردىن چىقىپ گۆش ۋە قاندىن تەشكىل تاپقان ئىنسانلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

ئاران ئىنسانلارغا قايتىپ كەلگەن ھاكىمىيەتنى بۇ نۆۋەت ئىنسانلارنى تاشلاپ ئالگورتىمالارنىڭ قولىغا  چۈشمەيدۇ، دېگىلى بولمايدۇ. مۇقەددەس ھاكىمىيەت دىنى تېكىستلەر، ئىنسان ھاكىمىيىتى بولسا لىبېرالىزم ۋاسىتىسى ئارقىلىق  قانداق قانۇنىيلىققا، ھەقلىقلىققا ۋە رەسمىيلىككە ئىگە بولغان بولسا، كەلگۈسىدىكى تېخنولوگىيە ئىنقىلابىمۇ بۈيۈك ئالگورىتمالارنىڭ ھاكىمىيىتىنى قانۇنىيلىققا ۋە رەسمىيلىككە ئىگە قىلىپ، شەخسىي ئەركىنلىك ئۇقۇمىنىڭ ئاساسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشى مۇمكىن.

ئالدىنقى بابلاردا قەيت قىلىنغىنىدەك، مېڭە ۋە بەدەنلىرىمىزنىڭ ھەرىكىتى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بەزى ئالىم ۋە تەتقىقاتچىلار ھېس-تۇيغۇلارنىڭ ئىنسانلارغا خاس روھى ئالاھىدىلىك ئەمەسلىكىنى ۋە قانداقتۇر «ئەركىن ئىرادە»تەشكىل قىلمايدىغانلىقىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرمەكتە. بىر قىسىم ئالىم ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ھېس-تۇيغۇلار بارلىق سۈت ئەمگۈچىلەر ۋە قۇشلارنىڭ ھايات قېلىش ۋە ئاۋۇش ئۈچۈن تېز سۈرئەتتە ھېسابلاش ئېلىپ بېرىشىدا رول ئوينايدىغان بىيوخىمىيەلىك مېخانىزملار بولۇپ، شۇڭا ھېس-تۇيغۇلار ئاڭ-سېزىم ، ئىلھام ياكى ئەركىنلىكتىن ئەمەس ھېسابلاشلاردىن پەيدا بولىدىكەن.

يۇقىرىدىكى قاراشلارنى ياقلىغۇچىلار بۇنى مۇنداق ئىزاھلىشىدۇ:  بىر مايمۇن، چاشقان ياكى ئىنسان بىر يىلاننى ئۇچراتقاندا قورقۇپ كېتىدۇ، چۈنكى مېڭىسىدىكى مىليونلارچە نېرۋا تېز سۈرئەتتە يېتەرلىك ئۇچۇرلارنى ھېسابلاپ ئۆلۈم خەتىرىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەپ چىقىدۇ. جىنسىي ھەۋەس بولسا ھەر خىل بىيوخىمىيەلىك ئالگورىتمالار ئەتراپتىكى شەخسنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جۈپلىشىشى، ئىجتىمائىي تور ئورنىتىشى ياكى باشقا بىر مەقسەتنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ھېسابلاپ چىققاندا ئاندىن پەيدا بولىدۇ.

بىزچە بولغاندا ھېس-تۇيغۇلار ئالگورىتمىلىق ھېسابلاشنىڭ مەھسۇلاتىدۇر، لېكىن كۆپ قىسىم ئىنسان بۇنداق دەپ قارىمايدۇ، چۈنكى بۇنداق مۇرەككەپ ھېسابلاش ئۇسۇلى بىز ئېلىۋاتقان تەلىم-تەربىيە سىستېمىسىدىن ھالقىغان ھالدا جەريان قىلىدۇ. بىز مېڭىدىكى ھايات قېلىش ۋە ئاۋۇش ئېھتىماللىقىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرىدىغان مىليونلارچە نېرۋىنى ھېس قىلالمىغاچقا، يىلاندىن قورقۇش، جىنسىي ھەۋەس ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقى توغرىسىدىكى ئويلىرىمىزنىڭ سىرلىق بىر «ئەركىن ئىرادە» تۈپەيلى پەيدا بولغانلىقىنى ئويلاپ قالىمىز.

لىبېرالىزم ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنىڭ ئەركىن ئىرادىمىزنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى ياقلايدۇ، لىبېرالىزمنىڭ بۇنى ياقلىشى توغرا بولمىسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ھېس-تۇيغۇلىرىمىزغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىش ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئىشقا ياراپ كەلدى. چۈنكى ھېس-تۇيغۇلارنىڭ سىرلىق ياكى ئەركىن تەرىپى بولمىسىمۇ بىزنىڭ قانداق كىتاب ئوقۇشىمىز، كىم بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشىمىز ۋە قايسى پارتىيەگە بېلەت تاشلىشىمىز توغرىسىدا قارار چىقىرىش ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل مۇشۇ ئىدى،  چۈنكى ھېس-تۇيغۇلىرىمنى مەندىن باشقا تېخىمۇ ياخشى بىلىدىغان بىرسى يوق ئىدى. ئىسپانىيە چېركاۋ مەھكىمىسى ۋە رۇسىيەنىڭ ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ نەزىرى ھەر مىنۇت ھەر سېكۇنتتا مەندە بولسىمۇ، بۇ ئورگانلار مېنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىم، خاھىشلىرىم ۋە مايىللىقلىرىمنى شەكىللەندۈرىدىغان بىيوخىمىيەلىك جەرياننى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن يېتەرلىك بىيولوگىيەلىك ئۇچۇر-مەلۇمات ۋە ئۇچۇر تېخنولوگىيەسىگە ئىگە ئەمەس ئىدى. ئەركىن ئىرادىدىن گەپ قىلىش ھەر جەھەتتىن ئەقىلگە مۇۋاپىق كېلەتتى، چۈنكى ئىنسان ئىرادىسى كۆپ ئەھۋالدا ئىچكى ئامىللارنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە شەكىللىنەتتى ۋە بۇنى سىرتتىن بىرى كۆرەلمەيتتى. ياتلار ئىچىمدە نېمىلەر بولىۋاتقانلىقىنى ۋە قانداق قارار چىقىرىدىغانلىقىمنى ھەر قانداق قىلىپمۇ بىلەلمەيتتى، مەنمۇ سىرلىق ۋە ئىچكى دائىرەمنى تىزگىنلىگەن ئاساستا تۇرمۇشۇمنى داۋاملاشتۇراتتىم.

لىبېرالىزم بولسا ئىنسانلارنى بىرەر پارتىيەنىڭ ئەزاسى ياكى بىر راھىبنىڭ سۆزىگە ئەمەس قەلبىنىڭ سادالىرىغا قۇلاق سېلىشنى تەشەببۇس قىلدى ۋە غەلبىگە ئېرىشتى. بىراق كەلگۈسىدە ياكى پات يېقىندا كومپيۇتېر ئالگورىتمىلىرى ئىنسان ھېس-تۇيغۇلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىشەنچلىك ۋە توغرا رەھبەرگە ئايلىنىشى مۇمكىن. ئىسپانىيە چېركاۋ سوتى بىلەن رۇسىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئورنىغا گوگۇل بىلەن بەيدۇ شىركەتلىرى دەسسەيدىغاندەك تۇرىدۇ. بۇنداق بولسا لىبېرالىزم كۆككە كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان ئەركىن ئىرادە دېگەن نەرسە قۇرۇق شوئارغا ئايلىنىپ قالىدۇ ۋە لىبېرالىزم ئەمەلىي تۇرمۇشتىن چېكىنىشكە باشلايدۇ.

كىم نېمە دېيىشتىن قەتئىينەزەر  بىز تېخنولوگىيەلىك ئىنقىلابنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. بىر تەرەپتىن بىيولوگلار ئىنسان بەدىنى، مېڭىسى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىنىڭ سىرىنى يېشىپ چىقىشقا تىرىشىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن كومپيۇتېر ئىلمى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلار بىزگە مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ئۇچۇر-مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش قۇدرىتى تەقدىم قىلماقتا. بىيوتېخنولوگىيە ئىنقىلابى ئۇچۇر تېخنولوگىيەسى بىلەن بىرلەشكەندە، ئىنساننىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى كۆزىتىپ مەندىنمۇ ياخشى چۈشىنىدىغان بۈيۈك ئۇچۇر-مەلۇمات ئالگورىتمالىرى پەيدا بولىدۇ ۋە زور ئېھتىماللىق ھاكىمىيەت ئىنساندىن كومپيۇتېرلارغا ئۆتىدۇ. لىبېرالىزم تەشەببۇس قىلغان ئەركىن ئىرادە چۈشەنچىسى بۇرۇنلاردا قەتئىي چۈشەنگىلى بولمايدىغان ئىنساننىڭ سىرلىق ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنىپ ئىنساننى تىزگىنلىۋالىدىغان ئورگان ۋە دۆلەت ئورۇنلىرى بىلەن ئۇچراشقانسېرى بارا-بارا ئاجىزلاپ يوقاپ كېتىدىغاندەك تۇرىدۇ.

بۇ ئۆزگىرىشلەر ھازىردىن باشلاپ  مېدىتسىنا ساھەسىدە كۆرۈلۈشكە باشلىدى.  ھاياتىمىزغا دائىر ئەڭ مۇھىم قارارلار ئۆزىمىزنى كېسەل ياكى ساق ھېس قىلىشىمىز، ھەتتا مېدىتسىنا ساھەسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بولغان دوختۇرلارنىڭ تەخمىنلىرىگە ئاساسەن ئەمەس، بەدىنىمىزنى بىزدىنمۇ ياخشى بىلىدىغان كومپيۇتېرلارنىڭ ھېسابلىرىغا ئاساسەن چىقىرىلىدۇ. ئىزچىل بىيومېتىرىك ئۇچۇر-مەلۇماتلاردىن ئوزۇقلىنىپ تۇرىدىغان بۈيۈك ئۇچۇر ئالگورىتمىلىرى كەلگۈسىدە سالامەتلىكىمىزنى 24 سائەت كۆزىتىپ تۇرالايدۇ، زۇكامنىڭ، راكنىڭ ياكى دېۋەڭلىك كېسەللىكلىرىنىڭ ئاللىبۇرۇن باشلىنىپ بولغانلىقىنى بىز بايقاپ بولۇشتىن بۇرۇن بايقاپ بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت بەدەن قۇرۇلمىمىز، دىنىئا (DNA) ۋە كىشىلىك خاراكتېرىمىزگە ئاساسەن ئالاھىدە داۋالاش ئۇسۇلى ۋە  ئوزۇقلىنىش مېتودى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئىنسانلار تارىختىكى ئەڭ ئەلا سەھىيە مۇلازىمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ بىراق دەل بۇ سەۋەبتىن كېسەللىكتىن قۇتۇلالماسلىقىمۇ مۇمكىن. بەدەننىڭ بىر يېرىدە چوقۇم مەسىلە بار، شۇڭا بەدىنىدىن چوقۇم ساقايتىشقا تېگىشلىك نەرسىلەر تېپىلىپ تۇرىدۇ. ئۆتمۈشتە بەدىنىمىزدە ئاغرىق ھېس قىلمىغۇچە ياكى چوقۇم بىر يېرىمىز زەخمىنلەنمىگۈچە ئۆزىمىزنى ساق دەپ ئويلايتتۇق، بىراق 2050-يىلغا كەلگەندە، بىيومېترىك سېنزورلار (ئاگاھلاندۇرغۇچىلار) ۋە بۈيۈك ئۇچۇر ئالگورىتمىلار تۈرتكىسىدە كېسەللىكلەر ئاغرىق كەلتۈرۈپ چىقارماستىن ئىلگىرىلا دىياگنوز ۋە داۋالاش ئېلىپ بارالايدۇ. نەتىجىدە بىز دائىم سالامەتلىك ئەھۋالىمىز بىلەن بەند بولىدىغان ياكى بىرەر ئالگورىتمىلارنىڭ تەۋسىيەلىرىگە قۇلاق سېلىپ بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن ئاۋارە بولىمىز. بۇنداق قىلىشنى رەت قىلساق بەلكىم سەھىيە سوغۇرتىمىزدىن قۇرۇق قېلىشىمىز مۇمكىن، خوجايىنىمىز بىزنى ئىشتىن قوغلىشى مۇمكىن، شۇڭا ئالگورىتمىلارنى رەت  قىلىشقا كېرەك بارمۇ؟

تاماكا چېكىشنىڭ ئۆپكىنى كاردىن چىقىرىدىغانلىقىغا دائىر سانلىق-مەلۇماتلار شۇنچە كۆپ تۇرۇپ يەنىلا تاماكا چېكىشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن ئۆپكىنىڭ سول تەنچىسىنىڭ ئۈستى قىسمىدا 17 راك ھۈجەيرىسى ئېنىقلاپ چىققان بىيومېترىك سېنزورنىڭ (ئاگاھلاندۇرغۇچى)  ئاگاھلاندۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي يەنىلا تاماكا چېكىشنى داۋاملاشتۇرۇش قەتئىي ئوخشىمايدۇ، ئىككىسى بىر-بىرىدىن تامامەن پەرقلىق. ناۋادا بىيومېترىك سېنزورنىڭ (ئاگاھلاندۇرغۇچى)  ئاگاھلاندۇرۇشىغا قۇلاق سالمىسىڭىز، بىيومېترىك سېنزور بۇنى دەرھال سەھىيە ئورۇنلىرىغا، خوجاينىڭىزغا ۋە ئاتا-ئانىڭىزغا يەتكۈزسە قانداق قىلىسىز؟

يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان بۇ كېسەللىكلەر بىلەن بەند بولۇشقا كىمنىڭ ۋاقتى ۋە قۇربى يېتىدۇ؟ زور ئېھتىماللىق سەھىيە ئورۇنلىرى ئالگورىتمىلارغا بۇ مەسىلىلەرنى قايسى شەكىلدە بىلسە شۇ تەرىقىدە ھەل قىلىش بۇيرۇقى بېرىشى مۇمكىن. ھېچ بولمىغاندا ئەقىللىك تېلېفونلىرىمىزغا قەرەللىك ھالدا «17 راك ھۈجەيرىسى ئېنىقلىنىپ يوق قىلىندى» دېگەن مەزمۇندا ئۇچۇر يوللىشى مۇمكىن. كېسەللەر بۇ ئۇچۇرلارغا ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى مۇمكىن، بىراق كۆپ قىسمىمىز كومپىيۇتېرلىرىمىزدىكى بىشەم ۋىرۇسلارغا قانداق سەل قارىغان بولساق بۇ ئۇچۇرلارغىمۇ ئوخشاشلا سەل قارايمىز.

 

قارار بېرىش تىياتىرى

 

مېدىتسىنا ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ئۇزۇن ئۆتمەيلا باشقا ساھەلەردىمۇ مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن. ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە ياكى بەدەنلىرىنىڭ ئىچىگە تاقىغىلى بولىدىغان ۋە بىيولوگىيەلىك ھەرىكەتلەرنى كومپيۇتېرلار ئارقىلىق ئانالىز قىلىپ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرلارغا ئايلاندۇرالايدىغان بىيومېترىك سېنزورلار بۇ جەھەتتە مەيدانغا كەلگەن بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭىلىق ھېسابلىنىدۇ. يېتەرلىك مىقداردا بىيومېترىك ئۇچۇر ۋە يېتەرلىك ئۇچۇر ئانالىز قىلىش كۈچى بولغان تەقدىردە، ئىچكى ئۇچۇر – مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ سىستېمىلىرى بارلىق ئارزۇيىمىزنى، قارار ۋە چۈشەنچىلىرىمىزنى قولغا كىرگۈزەلىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا بۇ سىستېمىلار بىزنىڭ زادى قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى تولۇق بىلىدۇ، دېگەن گەپ.

كۆپ قىسىم ئادەم ئۆزىنى ياخشى بىلىپ كەتمەيدۇ، مەن 21 ياشتا ئۇزۇن يىللىق ئىنكاردىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ ئوخشاش جىنىسلىقنى ياقتۇرىدىغانلىقىمنى بىلىپ يەتتىم. بۇ ئەمەلىيەتتە مۇستەسنا بىر ئەھۋال ئەمەس ئىدى، كۆپ قىسىم ئوخشاش جىنىسلىقنى ياقتۇرىدىغان ئوغۇللار بالاغەتكە يەتكەن مەزگىللىرىنى جىنسىي ھەۋەسلىرىدىن گۇمان قىلىپلا ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. ئۇنداقتا 2050-يىلى بىر ئالگورىتمىنىڭ ھەر قانداق ئوغۇل بالىغا ئۇنىڭ ئوخشاش جىنسىلىقلارنى ياقتۇرىدىغان خۇسۇسىيىتى بارلىقىنى ئاللىبۇرۇن دەۋېتىدىغانلىقىنى بىر تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. بەلكىم ئالگورىتما سىزگە ناھايىتى جەلپ قىلارلىق بىر ئايال ۋە قاملاشقان بىر ئوغۇل بالىنىڭ رەسىم ۋە ۋىدىيولىرىنى كۆرسىتىپ كۆز ھەرىكەتلىرىڭىزنى، قان بېسىمىڭىزنى ۋە مېڭە پائالىيەتلىرىڭىزنى ئۆلچەپ بەش مىنۇتتا كىنسې سەۋىيەسىدە ھېسابلاپ چىقىرىپ بېرىشى مۇمكىن. بۇنداق تېخنىكا بولغان بولسا ئىدى مەن شۇنچە ئۇزۇن  يىل ئازابلىنىپ يۈرمىگەن بولاتتىم، بەلكىم ئۆز-ئۆزىڭىزگە مۇنداق بىر سىناقنى قىلىشقا جاسارەت قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن، بىراق بىرسىنىڭ مەنىسىز بىر تۇغۇلغان كۈنىگە كەلسىڭىز بىرسى قوپۇپ ئالگورىتمىلارنى نۆۋەت بويىچە ھەممە ئادەمنىڭ سىناپ بېقىشىنى دېسە، بۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالامسىز.

بۇنىڭدىن، ھەتتا ساۋاقداشلىرىڭىز ۋە دوستلىرىڭىزدىن قېچىپ قۇتۇلغان تەقدىردىمۇ ئامازون، ئەلىبابا ياكى مەخپى ساقچىدىن قەتئىي قېچىپ قۇتۇلالمايسىز. سىز ئىنتېرنېتكە كىرىپ يۇتىيۇپتىن بىرەر نەرسە كۆرۈپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلارنى كۆرۈۋاتقىنىڭىزدا ئالگورىتمىلار سىزنى مەخپى كۆزىتىپ ئانالىز قىلىدۇ ۋە سىزگە گازلىق ئىچىملىك ساتماقچى بولغان كوكا-كولاغا يالىڭاچ قىزلار رول ئالغان ئېلانلارنى ئەمەس يالىڭاچ ئوغۇللار رول ئالغان ئېلانلارنى ئىشلىتىشنىڭ تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى دەيدۇ. سىزنىڭ بۇنىڭدىن خەۋىرىڭىزمۇ بولمايدۇ، لېكىن ئالگورىتمىلارنىڭ بۇنىڭدىن چوقۇم خەۋىرى بولىدۇ ۋە مىليون دوللار كىرىم قىلىدۇ.

بەلكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەممە نەرسە مەخپى ئەمەس ئوچۇق يۈز بەرسە ۋە ئىنسانلار تېخىمۇ ياخشى تەۋسىيە ۋە پىكىرلەرگە ئېرىشىش  ۋە ئالگورىتمىلارنىڭ ئۆزلىرىگە ۋاكالىتەن قارار بېرىشى ئۈچۈن ئۇچۇرلىرىنى خۇشاللىق بىلەن ئورتاقلىشىشىمۇ مۇمكىن. دوستلىرىڭىز بىلەن كۆڭۈللۈك بىر كېچە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئېكراننىڭ ئالدىدا ئولتۇرغاندا، ئالدى بىلەن قايسى فىلىمنى كۆرىدىغانلىقىڭلارنى قارار قىلىشىڭلار كېرەك، 50 يىل بۇرۇن بۇنداق بىر تاللىشىمىز يوق ئىدى، لېكىن كۈنىمىزدە خالىغان بىر فىلىمنى تاللاپ كۆرەلەيسىز. بۇنداق ئەھۋالدا ئوخشاش بىر قارارغا كېلىش تەسرەك بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى سىز ئىلمىي فانتازىيەلىك ۋە ئۇرۇش فىلىملىرىنى كۆرۈشنى ياقتۇرسىڭىز، ھەسەن رومانتىك كومېدىيە فىلىملىرىنى، مەرۋە بولسا فىرانسىيە فىلىملىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرۈشى مۇمكىن. ئاخىرىدا ئۆز-ئارا كېلىشەلمەي ئادەتتىكى بىر فىلىمنى كۆرۈشكە رازى بولۇشۇڭلار مۇمكىن.

دەل مۇشۇنداق پەيتتە ئالگورىتمىنىڭ پايدىسى تېگىدۇ، ھەممە ئادەم بۇرۇن كۆرۈپ ياقتۇرغان فىلىملەرنىڭ ئىسمىنى سىلەرگە دەپ بېرىدۇ ۋە ئالگورىتما غايەت زور مىقداردىكى ئىستاتىستىكىلىق ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىپ كوللېكتىپقا ئەڭ مۇۋاپىق فىلىمنى تېپىپ چىقىدۇ. ئەپسۇس ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرى توغرۇلۇق دېگەنلىرى ئۇلارنىڭ ھەققى مەقسىتى ۋە خاھىشىنى چۈشىنىش ئۈچۈن تولىمۇ ئىشەنچسىز ئۆلچەم بولغانلىقتىن، ئىلغار بىر ئالگورىتما بىزنى ئاسانلا خاتا يېتەكلەپ كېتەلەيدۇ. بەزى ئىنسانلار داۋاملىق بىر  فىلىمنىڭ تولىمۇ قالتىس ئىكەنلىكىنى ماختىشىدۇ، بىز بۇنى ئاڭلاپ ئۆزىمىزنى بۇ فىلىمنى كۆرۈشكە مەجبۇر ھېس قىلىمىز، فىلىم كۆرۈۋېتىپ ئۇخلاپ قالساقمۇ يەنىلا بۇ فىلىمنىڭ ھەقىقەتەن ئېسىل ئىكەنلىكىنى دەيمىز.

بۇ مەسىلىلەر ئالگورىتمىلارغا ئۇچۇر مەلۇمات يىغىشىغا پۇرسەت بەرسەكلا ئۆزلۈكىدىن ھەل بولىدۇ.ئالدى بىلەن ئالگورىتما قايسى فىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق كۆردۇق، قايسى فىلىملەرنى چالا كۆردۇق ھەممىنى ھېسابلاپ چىقىدۇ. بىز بىر فىلىمنى قالتىس ماختىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، ئالگورىتما بۇ فىلىمنى تولۇق كۆرۈپ بولالمىغانلىقىمىزنى ۋە فىلىمدىكى ئاتلانتا شەھىرىنىڭ كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغانلىق سەھنىسىنى كۆرمىگەنلىكىمىزنى دەپ بېرىدۇ.

ئالگورىتما بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلماسلىقى مۇمكىن، بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىشنى قىلالىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە ئىنژېنېرلار ئىنسانلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى كۆز ھەرىكەتلىرى ۋە يۈز مۇسكۇللىرىغا قاراپ ئىنقىلاب چىقالايدىغان بىر پىروگرامما ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. تېلېۋىزورنىڭ ئۈستىگە بىر كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويساق ئالگورىتما قايسى سەھنىلەرگە كۈلگەنلىكىمىزنى، قايسى سەھنىلەرگە قايغۇرغانلىقىمىزنى ۋە قايسى سەھنىلەردىن زىرىككەنلىكىمىزنى دەرھال چۈشىنىپ يېتىدۇ. ئارقىدىن ئالگورىتما بىيومېترىك سېنزورلارغا باغلانسا ھەر بىر كۆرۈنۈشنىڭ يۈرەك سوقۇشىمىز، قان بېسىمىمىز ۋە مېڭە پائالىيەتلىرىمىزگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. مەسىلەن، تارانتىنونىڭ «مېۋە گۆشى ھېكايىسى» ناملىق فىلىمنى كۆردۇق دەيلى: ئالگورىتما باسقۇنچىلىق سەھنىسىدىن ئۇنچىۋالا ھاياجانلىنىپ كەتمىگەنلىكىمىزنى، ۋىنسېنت ماركىننى ئۇرغاندا  ئىچىمىزدىن خۇش بولغانلىقىمىزنى ۋە بىگ كاھۇن بۇرگېر توغرۇلۇق چاقچاق قىلغاندا چۈشەنمىسەكمۇ باشقىلارنىڭ بىزنى دۆت چاغلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن سۈنئىي كۈلگەنلىكىمىزنى خاتىرىلەپ ماڭىدۇ. ئۆزىمىزنى يالغاندىن كۈلۈشكە زورلىساق، ھەقىقەتەن قىزىق بىر ئىشقا كۈلگەن چاغدا ئىشلەتكەن مېڭە توقۇلمىسىدىن پەرقلىق بىر مېڭە توقۇلمىسى ئىشلىتىمىز. ئىنسانلار بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى بىلىپ كەتمەيدۇ، لېكىن بۇنى بىيومېترىك سېنزور بىلەلەيدۇ.

تېلېۋىزور كەلىمىسى گىرېكچىدە «يىراق» (tele) دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «تېلې» كەلىمىسى بىلەن لاتىنچىدىكى كۆرۈش مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «ۋىسىو» (visio) كەلىمىلىرىن كېلىدۇ. ئەسلىدە تېلېۋىزور بىر نەرسىنى يىراقتىن كۆرۈشىمىزدە ئىشقا يارايدىغان ۋاسىتە سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىنغانىدى. بىراق ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ نەرسە بىزنىڭ يىراقتىن قانداق كۆرۈلىدىغانلىقىمىزدا ئىشقا يارايدىغان سەۋىيەگە كېلىشى مۇمكىن. جورج ئوۋرېلنىڭ «1984»ناملىق رومانىدا تەسەۋۋۇر قىلغاندەك بىز تېلېۋىزور كۆرگەندەك تېلېۋىزورمۇ بىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. تارانتىنونىڭ بارلىق كىنولىرىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن كۆپ قىسمىنى ئۇنتۇپ قېلىشىمىز تۇرغانلا گەپ. بىراق نەتفلكس، ئامازون ياكى تېلېۋىزور ئالگورىتمىلىرىنىڭ ئىگىسى بولغان كىشى، بىزنىڭ كىشىلىك خاراكتېرىمىز، تىپىمىز ۋە روھىمىزنىڭ تارىلىرىنى قانداق چېكىشنى ئوبدان بىلىدۇ. مۇشۇنداق بىر ئۇچۇر نەتفلكس ۋە ئامازوننىڭ كىشىنى ھەيرانۇ ھەس قالدۇرىدىغان دەرىجىدە بىزگە ئەڭ مۇۋاپىق فىلىملەرنى تاللىشىدا ئىشقا يارىغانغا ئوخشاش نېمە ئوقۇيدىغانلىقىمىز قەيەردە خىزمەت قىلىدىغانلىقىمىز ۋە كىم بىلەن تۇرمۇش قۇرىدىغانلىقىمىزغا ئوخشاش ھاياتىمىزغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم قارارلارنى بىزگە ۋاكالىتەن چىقىرالىشى مۇمكىن.

ئەلۋەتتە ئامازون ھەر دائىم توغرا قارار چىقىرىپ بولالمايدۇ، بۇنداق بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئالگورىتمىلار يېتەرلىك بولمىغان ئۇچۇر-مەلۇماتلار، خاتا پىروگراممىلاش، نىشاننى خاتا بېكىتىش ۋە ھاياتنىڭ قىيىنلىقى ۋە ماھىيىتىگە ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلى قايتا-قايتا خاتالىق سادىر قىلىشى مۇمكىن. بىراق ئامازوننىڭ مۇكەممەل بولۇشىغا كېرەك يوق، پەقەت بىز ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولسا بولدى. بۇ تەس ئەمەس، چۈنكى نۇرغۇن ئىنسان ھايات-ماماتلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا قارار چىقارغاندا كۆپىنچە ھاللاردا خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ. ئىنسانلار يېتەرسىز ئۇچۇرلارنىڭ، خاتا پىروگراممىلاشنىڭ (گېنلىق ۋە مەدەنىيەت)، نىشاننى خاتا بېكىتىش ۋە ھاياتنىڭ قىيىنلىقى ۋە ماھىيىتى قاتارلىقلارنىڭ جاپاسىنى ئالگورىتمىلارغا قارىغاندا بەكرەك تارتىدۇ.

ئالگورىتمىلارنى چىرمىۋالغان مەسىلىلەرنى بىرمۇ بىر تېپىپ چىقىپ ئىنسانلارنى ئالگورتىمىلارغا قەتئىي ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقىغا قايىل قىلالىشىڭىز مۇمكىن. بىراق بۇ دېموكراتىيەنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى تېپىپ چىقىپ نورمال بىر كىشىنىڭ بۇنداق بىر تۈزۈمنى قوللىسا بولمايدىغانلىقى يەكۈنىنى چىقىرىشقا ئوخشايدۇ. ۋىنستون چېرچىلنىڭ مۇنداق بىر مەشھۇر سۆزى بار: ئىنسانلار مەيلى خاتا بولسۇن توغرا بولسۇن بۈيۈك ئۇچۇر ئالگورىتمىلار ھەققىدە ئوخشاش خۇلاسىگە كېلەلىشى مۇمكىن، ئۇلار نۇرغۇن كەمچىلىك بار لېكىن بۇنىڭدىنمۇ ياخشى تاللاش يولىمىز يوق، دېيىشى مۇمكىن.

ئالىملار ۋە تەتقىقاتچىلار ئىنسانلارنىڭ بىر ئىشتا قانداق قارار بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر مەلۇماتلارغا ئىگە بولغانسېرى، جەمئىيەتتە ئالگورىتمىلارغا بولغان ئىشەنچمۇ شۇنچە ئاشىدۇ. ئالگورىتمىلار ئىنسانلارنىڭ بىر ئىشتا قارار چىقىرىشىدا قانچە كۆپ رول ئوينىسا، ھېس-تۇيغۇلارنىڭ  بىر ئىشتا قارار چىقىرىلىشىدا ئوينايدىغان رولى شۇنچە ئازىيىدۇ. دۆلەت ۋە شىركەتلەر ئىنسانلارنىڭ ھەرىكەت سىستېمىغا ئىگە بولۇۋالسا تىزگىنلەش، يېتەكلەش، ئېلان ۋە تەشۋىقاتتىن تەشكىل تاپقان سەزگۈر تىزگىنەكلىك بومباردىمانغا دۇچار بولىمىز. پىكىر ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى بۇنچىلىك ئاسان كونترول قىلىنىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەندە، قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بىر لىيۇتچۈكنىڭ ئايروپىلاننىڭ قوشۇمچە زاپچاسلىرى ۋە پىروگراممىلىرىغا ئىشىنىپ ئۇچۇۋەرگىنىگە ئوخشاش، نۇرغۇن ئىشتا ئالگورىتمىلارغا موھتاج ھالغا چۈشۈپ قالىمىز.

بىر قىسىم دۆلەتلەردە بولۇپمۇ دىكتاتور دۆلەتلەردە بەزى ئەھۋاللاردا پۇقرالارغا ھېچقانداق تاللاش يولى بېرىلمەي بۈيۈك ئۇچۇر ئالگورىتمىلىرىنىڭ  قارارلىرىغا رىئايە قىلىش مەجبۇرىيىتى قويولۇشى مۇمكىن. بىراق ئالگورىتمىلار ئەركىن ھېسابلىنىدىغان دۆلەتلەردىمۇ كۈچلۈك نوپۇزغا ئېرىشىشى مۇمكىن، چۈنكى نۇرغۇن مەسىلىدە ئۇلارنىڭ قابىلىيىتىنى ئېتىراپ قىلىپ چوڭ بىلىشنى تەجرىبىلىرىمىز ئارقىلىق بىلىپ يەتكەندىن كېيىن، ئاستا-ئاستا ئۆز ئالدىمىزغا مۇستەقىل قارار چىقىرىش قابىلىيىتىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. مىلياردلارچە ئىنساننىڭ 20 يىلغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىتتا  ئەڭ يېڭى ۋە ئىشەنچلىك ئۇچۇر-مەلۇمات ئىزدەش جەھەتتە گوگۇلنىڭ ئىزدەش موتورىغا ئىشىنىدىغان سەۋىيەگە كەلگەنلىكىنى بىر تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. بارلىق ئۇچۇر-مەلۇماتنىڭ گوگۇلدا بارلىقىغا تولۇق ئىشىنىۋالغانلىقىمىزدىن، ئۆز ئالدىمىزغا ئۇچۇر-مەلۇمات يىغىشقا سەل قارايدىغان بولۇپ قالدۇق ياكى ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى ئەستە ساقلاشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ئەھۋال ئومۇملاشتى، چۈنكى بارلىق ئۇچۇر-مەلۇمات گوگۇلدا بار ۋە قولىمىزنى شۇنداق ئۇزارتساق دەرھال ئۇچۇر-مەلۇماتقا ئىگە بولىمىز. ھەقىقەت ۋە ئەڭ توغرا ئۇچۇر مەلۇماتلار گوگۇل ئىزدەش تىزىملىكىدە ئالدىنقى رەتكە تىزىلغان نەتىجىلەر بىلەن ئۆلچىنىدىغان بولۇپ قالدى.

بۇ قائىدە يول مېڭىشقا ئوخشاش فىزىكىلىق خۇسۇسىيەتلەر ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە. ئىنسانلار گوگۇلدىن قايسى يۆنىلىشكە مېڭىشنى تەلەپ قىلىشىدۇ، بۇ دوقمۇشقا كەلگەندە ئىچىدىن «سولغا بۇرۇلغىن» دېگەن ئاۋاز كەلگەندە تەقدىردىمۇ، گوگۇل خەرىتىسى «ئوڭغا بۇرۇلغىن» دەيدۇ. گوگۇلنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي ئىچىڭىزدىكى ئاۋازغا قۇلاق سالسىڭىز سىز ماڭغان يولدا قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈز بېرىپ ناھايىتى مۇھىم بىر يىغىنغا كېچىپ قالسىڭىز، ئىككىنچى قېتىم گوگۇلنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىپ ئوڭغا بۇرۇلۇپ مەنزىلگە ۋاقتىدا بارالايسىز. قىسقىسى، نۇرغۇن تەجرىبە سىناقلاردىن كېيىن گوگۇلغا ئىشىنىدىغان بولىسىز. بىر ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن گوگۇلنىڭ ھەر يوليورۇقىغا قارىغۇلارچە ئىشىنىدىغان ھالەتكە كېلىپ قالىسىز ۋە ئەقىللىك تېلېفونلار ئىشلىمەي قالغاندا تېڭىرقاپ نېمە ئىش قىلىشنى بىلەلمەيسىز.

2012-يىلنىڭ مارت ئېيىدا ئاۋسترالىيەگە بارغان ئىككى ياپون ساياھەتچى يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئارالغا بېرىشنى قارار قىلىپ، گوگۇل يول باشلىغۇچنىڭ گېپىگە ئاساسەن ماشىنىسىنى ئۇدۇل تىنچ ئوكيانغا ھەيدىگەن. 21 ياشتىكى ماشىنا ھەيدىگۈچى يۇزۇ نودا قۇتۇلغاندىن كېيىن  گوگۇل يول باشلىغۇچنىڭ گېپى بويىچە ھەرىكەت قىلغانلىقى ئېيتىپ مۇنداق دېگەن: گوگۇل يول باشلىغۇچ بۇ يولدىن مەنزىلگە بارالايدىغانلىقىمىزنى دېدى، بىزنى توغرا يولغا باشلاپ مېڭىۋاتقانلىقىنى تەكرارلاپ تۇردى. ئاقىۋەت تىنچ ئوكيانغا بېرىپ قاپتۇق.» بۇنىڭدىن سىرت گوگۇل يول باشلىغۇچنىڭ گېپىگە كىرىپ ماشىنىلىرىنى چۆللەرگە، دالىلارغا، ئېتىزلىقلارغا ھەتتا كۆۋرۈكلەرگە ھەيدەپ ۋەقە سادىر قىلغانلارمۇ ئاز ئەمەس. ئىنساننىڭ يول پەرق ئېتىش قابىلىيىتى مۇسكۇلغا ئوخشايدۇ، ئىشلىتىپ تۇرمىسىڭىز بوشاپ كاردىن چىقىدۇ. بۇ قائىدە جۈرە تاللاش ۋە كەسپىي قابىلىيەتكە ئوخشاش ئىشلار ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە.

ھەر يىل مىليونلارچە ياش ئالىي مەكتەپتە قايسى كەسىپنى ئوقۇش توغرىسىدا قارار چىقىرىشى كېرەك. بۇ تولىمۇ مۇھىم لېكىن قىيىن بىر ئىش. بۇ ياشلار ئوخشىمىغان مەنپەئەت ۋە چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولغان ئاتا-ئانىلار، دوستلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېسىمى ئاستىدا قالىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت بۇ ياشلارنىڭ ئەندىشىلىرى ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرى بار. ئۇلارنىڭ كاللىسى ھوللىۋود كىنولىرى، ئەرزان باھالىق رومان كىتابلار ۋە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئېلانلار بىلەن تېخىمۇ ئېلىشىپ كېتىدۇ. ئوخشىمىغان كەسىپلەردە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ھەقىقەتەن بىلمەسلىكى، ئاجىزلىقى ۋە ئارتۇقچىلىقى توغرىسىدا توغرا ئۇچۇر ۋە مەلۇماتقا ئىگە بولماسلىقى تۈپەيلى ئەقىلگە مۇۋاپىق قارار چىقىرىش تەس. قانداق قىلغاندا ئىقتىدارلىق ئادۋوكات بولغىلى بولىدۇ؟ بېسىم ئاستىدا ئۆزۈمنىڭ قابىلىيىتىنى قانداق جارى قىلدۇرالىشىم مۇمكىن؟ مەن تەۋە بولغان گۇرۇپپا ياكى ئەترەتنىڭ سادىق ئەزاسى بولالامدىم؟

بىر ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى خاتا تونۇپ قالغاندا ۋە  ئادۋوكات بولۇش ئۈچۈن قايسى شەرتلەرنى ئورۇندىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىمۇ خاتا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ قالسا قانۇن پىروفېسسورىدىن مەسلىھەت سورىشى مۇمكىن. يەنە بىر ئوقۇغۇچىمۇ سۆڭەك قۇرۇلمىسى ماس كەلمىسىمۇ ئۇسسۇلچى بولۇشنى ئارزۇ قىلىشى مۇمكىن. بىراق يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ھەر ئىككىلى ئوقۇغۇچى ئەينى ۋاقىتتا بەرگەن قارارىدىن پۇشايمان قىلىدۇ. كەلگۈسىدە بۇنىڭغا ئوخشاش قارارلىرىمىزنى گوگۇلغا ئۆتۈنۈپ بەرسەك، گوگۇل بىزگە ئۆز ۋاقتىدا قانۇن پىروفېسسورىغا بارماسلىقنى  ياكى ئۇسسۇلچى بولماسلىقىمىزنى، لېكىن پىسخولوگ ياكى ئىنژېنېر بولۇشنى تەۋسىيە قىلغان بولاتتى.

سۈنئىي ئەقىل كەسپىمىز ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىمىز ھەققىدە بىزگە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى قارار بېرەلەيدىغان ھالەتكە كەلگەندە، ئىنسانىيەت ۋە ھايات ھەققىدىكى قاراشلىرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئىنسانلار ھاياتنى قارار باسقۇچلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر تىياتىر ئويۇنى تەرىقىسىدە چۈشىنىشكە مايىل كېلىدۇ، لىبېرال دېموكراتىيە ۋە ئەركىن بازار كاپىتالىزمى ئىنساننى داۋاملىق دۇنيا ھەققىدە قارارلار چىقىرالايدىغان ئەركىن مەخلۇق دەپ قارايدۇ. شېكىسپېر تىياتىرلىرى ۋە  جىن ئاستېن رومانلىرىدىن ئەرزان ھوللىۋود كومىدىيەلىرىگىچە بولغان سەنئەت ئەسەرلىرى، باش پېرسوناژلارنىڭ ھايات ماماتلىق قارارلار چىقىرىشىنى تەقەززا قىلىدىغان ۋەقەلىكلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا شەكىللىنىدۇ: يا بۇنداق ياكى ئۇنداق بولۇش كېرەك: ئايالىمنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ پادىشاھ دۇنكاننىڭ جېنىغا زامىن بولۇش ياكى ۋىجدانىمنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ پادىشاھنى كەچۈرۈۋېتىش، كوللىنىس ياكى داركىي بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش. خىرىستىيان ۋە باشقا دىنلارمۇ ئەمەلىيەتتە قارار بېرىش تىياتىرىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئەبەدىي نىجادلىق ياكى دوزاخ ئازابىنىڭ توغرا تاللاشقا باغلىق ئىكەنلىكىنى تەرغىب قىلىشىدۇ.

بىز قارار بېرىش ھوقۇقىمىزنى تەبىئىي ھالدا سۈنئىي ئەقىلگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە باشلىغاندا، بۇ خىل تۇرمۇش شەكلىگە زادى نېمە بولىدۇ؟ كۈنىمىزدە قايسى فىلىمنى كۆرمەكچى بولساق نەتفلىكستىن، ئوڭ يۆنىلىشكە ياكى سول يۆنىلىشكە بۇرۇلىشىمىزنى گوگۇلدىن سورايمىز، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بۇلارغا ئىشىنىمىز. ناۋادا نېمە ئوقۇيدىغانلىقىمىز، قەيەردە ئىشلەيدىغانلىقىمىز ۋە كىم بىلەن تۇرمۇش قۇرىدىغانلىقىمىزغا ئوخشاش مۇھىم ئىشلارنى سۈنئىي ئەقىلگە تاشلاپ قويساق، ئىنسان ھاياتى قارار بېرىش باسقۇچلىرىدىن تەشكىل تاپقان تىياتىر بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىپ قويىدۇ، دېموكراتىك سايلاملار ۋە ئەركىن بازارنىڭ قىممىتى قالمايدۇ، ھەتتا بىر قىسىم ئېتىقاد شەكىللىرىنىڭمۇ قىممىتى بولمايدۇ. مۇنداق بىر ئىشنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ: ئاننا كارېنىنا ئەقىللىك تېلېفونىنى يانچۇقىدىن چىقىرىپ فېيىسبۇك ئالگورىتمىسىدىن يولدىشى كارېنىن بىلەن داۋاملىق ئۆي تۇتايمۇ ياكى كېلىشكەن كونت ۋرونسكىنىڭ قېشىغا قېچىپ بېرىپ مەخپى مۇھەببەتلىشەيمۇ دەپ سورايدۇ. شېكىسپېر تىياتىرىدا بارلىق مۇھىم قارارلارنىڭ گوگۇل ئالگورىتمىلىرى تەرىپىدىن چىقىرالايدىغانلىقىنى بىر تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. خاملېت ۋە ماكبېتنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ خاتىرجەم بولاتتى بىراق بۇ قانداقراق ھايات بولغان بولاتتى؟ بۇنداق بىر ھاياتنى چۈشىنىش ياكى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئەندىزە ياكى قېلىپ بارمۇ قولىمىزدا؟

ھاكىمىيەت ۋە نوپۇز ئىنسانلاردىن ئالگورىتمىلارغا ئۆتۈپ كەتسە، دۇنياغا توغرا قارارلار چىقىرىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقان ئەركىن شەخسلەرنىڭ ئويۇن دائىرىسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلالمايمىز. ئۇنىڭ ئورنىغا بارلىق كائىناتنى ئۇچۇر-مەلۇمات ئېقىمى، ئورگانىزمىلارنى بولسا بىيومېترىك ئالگورىتما تەرىقىسىدە كۆرۈپ ئىنسانلارنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئۇچۇر-مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى يارىتىش ئارقىدىن بۇ سىستېما بىلەن بىر پۈتۈنلىشىپ كېتىش بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ قالىمىز. ھازىردىن باشلاپلا ھېچكىممۇ چۈشەنمەيدىغان غايەت زور چوڭلۇقتىكى ئۇچۇر-مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىچىدىكى ناھايىتى كىچىك نېپىز ئۈسكۈنىگە ئايلىنىپ قالىمىز. ھەر كۈنى ئىلخەت ئادرېسلىرى، تۋېتتېر ئۇچۇرلىرى ۋە ئىنتېرنېت ماقالىلىرى ۋاسىتىسى ئارقىلىق كەلگەن نۇرغۇن ئىلخەتلەر، ئۇچۇرلار ۋە ئىنتېرنېت ماقالىلىرى يېزىپ تەييارلاپ قارشى تەرەپكە قايتۇرۇپ تۇرىمەن. ئۆزۈمنىڭ بۇ چوڭ رەسىمنىڭ قەيىرىگە جايلاشقانلىقىمنى ياكى مەن روياپقا چىقارغان ئۇچۇرلارنىڭ باشقا مىلياردلارچە ئىنسان ۋە كومپيۇتېرلار ۋۇجۇدقا چىقارغان ئۇچۇرلار بىلەن قانداق باغلىنىش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىشكە ۋاقتىم يوق، چۈنكى مەن ئىلخەتلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش بىلەنلا ئاۋارىمەن.

 

پەلسەپىۋى ئاپتوموبىل

 

ئىنسانلار ئالگورىتمىلارنىڭ بىزنىڭ ئورنىمىزغا مۇھىم قارارلارنى چىقىرالمايدىغانلىقىنى چۈنكى قارارلارنىڭ ئەخلاقىي تەرىپى بارلىقىنى ۋە ئالگورىتمىلارنىڭ ئەخلاقتىن مەھرۇم ئىكەنلىكىنى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئەخلاقنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن. لېكىن ئالگورىتمىلارنىڭ ئەخلاق مەسىلىسىدىمۇ نورمال بىر ئىنساندىن ئېشىپ كېتەلمەسلىكىنى تەخمىن قىلىش ئۈچۈن ھېچقانداق سەۋەب يوق. ھازىردىن باشلاپ ئەقىللىك تېلېفونلار ۋە ئاپتوماتىك ماشىنىلارغا ئوخشاش ۋاسىتىلار ئەلمىساقتىن بۇيان ئىنسانلارنىڭ مونوپوللىقىدا تۇرۇپ كېلىۋاتقان قارار بېرىش ئىشىنى ئۆزلىرىنىڭمۇ قىلالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ۋە  ئىنسانلار ئەزەلدىن بۇيان تولۇق ھەل قىلىپ بولالمىغان ئەخلاق مەسىلىلىرىگە دۇچ كەلمەكتە.

ئېيتايلۇق، توپنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈۋاتقان ئىككى بالا بىر ئاپتوماتىك ماشىنىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالىدۇ،ئاپتوماتىك ماشىنىنىڭ ئالگورىتمىسى چاقماق سۈرئىتى بىلەن ھېسابلاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بۇ ئىككى بالىغا سوقۇلۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن تەتۈر يۆنىلىشكە رولنى بۇراپ ئۆزىگە قاراپ يېقىنلىشىۋاتقان يۈك ماشىنىسىغا سوقۇلۇشنىڭ ياخشىراق بولىدىغانلىقىنى دەپ بېرىدۇ.  ئالگورىتما سوقۇلۇش يۈز بەرسە ماشىنىنىڭ كەينىدە تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ماشىنا ئىگىسىنىڭ ئۆلۈش ئېھتىمالىنىڭ %70 بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ بېرىدۇ، سىزچە بۇ ئالگورىتما يەنە نېمە ئىش قىلىپ بېرىشى كېرەك؟

پەيلاسوپلار مىڭلارچە يىلدىن بۇيان بۇ خىلدىكى «ۋاگون مەسىلىلىرى»ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىپ كەلدى (بۇلارنىڭ ۋاگون مەسىلىلىرى دېيىلىشىنىڭ سەۋەبى، دەرسلىكلەردىكى ھازىرقى زامان پەلسەپىۋى مۇنازىرىلەر ئۈچۈن مىساللار بېرىلگەندە، ئاپتوماتىك ماشىنىلارغا ئەمەس تۆمۈر يوللاردا تېز سۈرئەتتە تىزگىنسىز  مېڭىۋاتقان پاراۋۇزغا نەقىل قىلىنىشىدۇر). ھازىرغىچە بۇ خىلدىكى مۇنازىرىلەر ئەمەلىي ئىشلارغا تولىمۇ ئاز تەسىر كۆرسەتتى، چۈنكى ئىنسانلار كىرىزىسقا دۇچ كەلگەندە پەلسەپىۋى قاراشلارنى ئۇنتۇپ ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە خاھىشلىرىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشقا مايىل كېلىدۇ.

ئىجتىمائىي پەن تارىخىدا ئەڭ ناچار سىناقلاردىن بىرى 1970-يىلى دېكابىردا پىرىنكېتون ئىلاھىيەت فاكۇلتېتىدا پرېسبىتېريېن چېركاۋىدا ۋائىز بولۇش ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلدى. ئوقۇغۇچىلاردىن ئەڭ يىراقتىكى بىر يېزىغا بېرىپ ياخشى سامىرىيەلىك بولۇش ھەققىدە ۋەز-نەسىھەت بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ، بۇ سىناق  مۇنۇ ۋەقەلىكنى ئاساس قىلىدۇ: قۇددۇستىن ئەرىھاغا قاراپ يولغا چىققان بىر يەھۇدىي يولدا قاراقچىلارغا ئۇچراپ قاتتىق ئۇرۇلغاندىن كېيىن يول بويىغا تاشلىنىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىر راھىب بىلەن لەۋى قەبىلىسىدىن بىر كىشى راھىب تاشلىۋېتىلگەن يولدىن ئۆتۈپ قالىدۇ، بىراق ھەر ئىككىلىسى ئۇ ئادەم كۆرمەسلىككە سېلىپ ماڭىدۇ، دەل بۇ ئەسنادا بىر سامىرىيەلىك بۇ يەرگە كېلىپ قالىدۇ (يەھۇدىيلار پەقەتلا ياخشى كۆرمەيدىغان بىر مەزھەپنىڭ مۇرىتى)، سامىرىيەلىك قەتئىي ئىككىلەنمەي دەرھال ئۇرۇپ ياتقۇزۇۋېتىلگەن ئادەمنىڭ قېشىغا بېرىپ ياردەم قىلىدۇ. بىز بۇ مەسىلىگە قاراپ ياخشىلىقنى نوقۇل دىنى خاھىشلارغىلا ئەمەس ئەمەللەرگە قاراپمۇ باھالاش لازىملىقىنى تونۇپ يېتىمىز.

ھاياجانغا تولغان ئىلاھىيەت ئوقۇغۇچىلىرى «ياخشى سامىرىيەلىك» ۋەقەسىدىن ئېلىنىدىغان ئىبرەتنى قانداق قىلغاندا ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈش توغرىسىدا ئويلىنىپ ئامپىيەگە (يىراقتىكى يېزىلار) قاراپ يۈگۈرۈشىدۇ.  بىراق سىناقنى ئېلىپ بارغۇچىلار ئامپىيەگە تۇتىشىدىغان يولغا كۆزى ئېتىۋېتىلگەن كىيىم-كېچەكلىرى يىرتىق بىچارە بىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ. بۇ ئىشتىن خەۋىرى يوق ئوقۇغۇچىلار يولدىن ئۆتۈۋاتقاندا بۇ «بىچارە» نىڭ نالە-پەريادىنى ئاڭلاپ قاپتۇ. ئەپسۇس كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچى ياردەم قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن بۇ بىچارىدىن ھال ئەھۋال سورىمايلا كېتىپتۇ.  قىسقىسى، ئۇلارغا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنىڭ بېسىمى ئۇلارنى ياخشىلىق قىلىشتىن توسۇپ قويغان.

يۇقىرىدا قەيت قىلىنغانلاردىن سىرت نۇرغۇن ئەھۋالدا ئىنساننىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى پەلسەپىۋى نەزەرىيەلەردىن غالىب كېلىدۇ. بۇ ئەھۋال دۇنيانىڭ ئەخلاقى ۋە پەلسەپە تارىخىنى ئېسىل غايىلەر بىلەن كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشتىن تولىمۇ  يىراق ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ ئۈمىدسىز ھېكايىلىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. قانچىلىك خىرىستىيان ئۆزىگە شاپىلاق ئۇرغان بىرىگە يەنە بىر يۈزىنى تۇتۇپ بېرىدۇ؟ قانچىلىك بۇددىست ھاۋايى-ھەۋەسلىرى ۋە مەنپەئەتىدىن ۋاز كېچەلەيدۇ؟قانچىلىك يەھۇدىي قوشنىسىنى جېنىدەك ئەتىۋار كۆرىدۇ؟ بارلىق سۈت ئەمگۈچىلەرگە ئوخشاش ئىنسانمۇ ھايات-ماماتلىق ئىشلاردا ئەقلىي بىلەن ئەمەس ھېس-تۇيغۇلىرىغا ئاساسەن ئىش قىلىدۇ.

ئەپسۇس بىر مىليون يىل ئىلگىرى ئافرىقا  ئېدىرلىقلىرىدا ھاياتتا قېلىش ۋە ئاۋۇش ئۈچۈن ئىشقا يارايدىغان نەرسىلەرنىڭ 21-ئەسىرنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللىرىدا ھەرىكەت قىلىشىمىزدىمۇ ئىشقا يارىشى ناتايىن. بىخۇد، ئاچچىقى يامان ۋە تاقەتسىز ماشىنا ھەيدىگۈچىلەر ھەر يىل بىر مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ قاتناش ۋەقەلىرىدە ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولماقتا. بۇ ماشىنا ھەيدىگۈچىلەرنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن بارلىق پەيغەمبەرلەر، بارلىق پەيلاسوپلار ۋە بارلىق دىنى ئۆلىمالار ھەرىكەتكە ئۆتكەن تەقدىردىمۇ، ماشىنا ھەيدىگۈچىلەر يولدىكى ۋاقتىدا يەنە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغا خاس ھېس-تۇيغۇ ۋە ئېدىرلىقلاردىن مىراس قىلغان ياۋا خاراكتېرلىرى بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئىلاھىيەت ئوقۇغۇچىلىرى ئالاقزەدە ۋە جىددىيلىشىپ قالغاندا ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە پەرۋا قىلىپ بولالمايدۇ، ماشىنا ھەيدىگۈچىلەر بولسا جىددىي پەيتتە پىيادىلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

ئىلاھىيەت فاكۇلتېتلىرى بىلەن يول ئوتتۇرىسىدىكى بۇ پەرق ئەخلاق ساھەسىنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىممانۇئېل كانت، جون ستۋارت مىل ۋە جون رۋلس قاتارلىقلار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كەڭ زاللىرىدا ئولتۇرۇۋېلىپ نەزەرىيەلەر ئۈستىدە كۈنلەپ مۇنازىرە ئېلىپ بارالايدۇ، بىراق ئۇلار چىقارغان خۇلاسە ئالاقزەدە ئىچىدىكى ماشىنا ھەيدىگۈچىلەرنىڭ جىددىي پەيتتىن قۇتۇلۇشىغا پايدىسى تېگەمدۇ؟ بەلكىم ئەڭ قالتىس شوپۇر دېگەن ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن «فورمۇلا 1 چېمپىيونى»مىشېل سچۇماچېر مۇسابىقە ئەسناسىدا پەلسەپىۋى ئويلارغا چۆكەلەيدىغان قابىلىيەتكە ئىگە بولالىشى مۇمكىن، بىراق ھەممە ئادەم ئۇ ئەمەس.

كومپيۇتېر ئالگورىتمىلىرى تەبىئىي شاللىنىش تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلمەسلىك بىلەن بىرگە، ھېس-تۇيغۇ ياكى تۇغما تەبىئەتكە ئىگىمۇ ئەمەس. ئەخلاقىي ئۆلچەملەرنى توغرا ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا سانلار ۋە ئىستاتىستىكىلار تەرىقىسىدە كودلىيالىغان بولساق، كومپيۇتېر ئالگورىتمىلىرى كىرىزىس ۋە جىددىي پەيتلەردە ئەخلاقىي ئۆلچەملەرگە ئىنسانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى رىئايە قىلغان بولاتتى. كانت، مىل ۋە راۋلس قاتارلىق مەشھۇر شەخسلەرگە كودلاشنى ئۆگىتەلىگەن بولساق تەجرىبىخانىلىرىدا ئاپتوماتىك ماشىنىلارنى ئوڭۇشلۇق پىروگراممىلاپ چىققان بولاتتى ۋە ماشىنا يولغا چىققاندا بەرگەن بۇيرۇقلارنى بىرمۇ بىر ئىجرا قىلالايتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھەر ئاپتوموبىل بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن مىشېل سچۇرماچېر بىلەن ئىممانۇئېل كانت تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن بولاتتى.

بىر ئاپتوماتىك ماشىنىنى ياردەمگە موھتاج بىر كىشىگە يولۇققاندا توختاپ ياردەم قىلىشقا پىروگراممىلالايدىغان بولساق بۇ ئاپتوموبىل ۋەيران بولغۇچە مۇشۇ بۇيرۇق بويىچە ئىش قىلىدۇ. ئوخشاشلا ئاپتوماتىك ماشىنىڭىز ئالدىغا چىققان ئىككى بالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن رولنى باشقا ياققا بۇراشقا توغرىلانغان بولسا دەل مۇشۇنداق قىلىدۇ، شۇڭا ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇنىڭدىن شۇ خۇلاسىگە كېلىمىزكى، تويوتا ياكى تېسلا ئاپتوماتىك ماشىنىلىرىنى لايىھەلىگەن چاغدا ئەخلاق پەلسەپىسىگە دائىر نەزەرىيەۋى مەسىلىنى ئىنژېنېرلىق دائىرىسىدىكى ئەمەلىي بىر مەسىلىگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىپ باقىدۇ.

پەلسەپىۋى ئالگورىتمىلار قەتئىي مۇكەممەل بولالمايدۇ. يارىلىنىش، ئۆلۈم ۋە ناھايىتى مۇرەككەپ داۋالارغا سەۋەب بولغان پاجىئەلەر پۈتۈنلەي تۈگىمەيدۇ، (تارىختا تۇنجى قېتىم نەزەرىيەلەر سەۋەب بولغان ۋەھىمىلىك نەتىجىلەرگە ئاساسەن بىر پەيلاسوپ ئۈستىدە ئەرز قىلالايسىز، چۈنكى پەلسەپىۋى پىكىرلەر بىلەن ھەققى ھاياتتا جەريان بولغان ھادىسىلەر ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى تۇنجى قېتىم ئورنىتىلىدۇ). ئىنسان شوپۇرلىرىنىڭ ئورنىغا دەسسەش ئۈچۈن ئالگورىتمىلارنىڭ كەم – كۈتىسىز بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ئىنسانلاردىن ياخشى بولسا بولدى. ئىنسان شوپۇرلىرىنىڭ ھەر يىلى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى نەزەردە تۇتساق، بۇ ئۇنچىۋالا تەس ئىش ئەمەس.

ئەقلىي ئويلاپ بېقىڭ، يېنىڭىزدا مېڭىۋاتقان ئاپتوموبىلنى مەست بىرسىنىڭ ھەيدىشىنى خالامسىز ياكى پەيلاسوپ سچۇماچېر بىلەن كانتنىڭ ھەيدىشىنى خالامسىز؟

ئوخشاش مەنتىق ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن باشقا نۇرغۇن ئىش ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە. ئالايلۇق بىرسىنىڭ خىزمەتكە ئىلتىماس قىلىشىنى ئويلاپ باقايلى؛ 21-ئەسىردە بىرسىنى ئىشقا ئېلىش ئالماسلىق قارارىنى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئالگورىتمىلار بېرىدۇ. ئەخلاقىي ئۆلچەملەرنى بېكىتىشنى ماشىنىلارغا تاپشۇرۇپ بېرەلمەيمىز، بۇلارنى يەنىلا ئىنسانلارنىڭ بېكىتىشى كېرەك. بىراق سودا ۋە خىزمەت دۇنياسىغا دائىر ئەخلاقىي ئۆلچەملەرنى مەسىلەن ئىرق ياكى جىنسىي ئايرىمىچىلىق قىلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن چېغىمىزدا ماشىنىلار بۇ ئۆلچەملەرنى ئىنسانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى ئىجرا قىلىدۇ.

بىر خوجايىن ياكى مۇدىر قارا تەنلىكلەر ۋە ئاياللارغا ئايرىمىچىلىق قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتكەندىن سىرت بۇ قاراشنى قوبۇل قىلىشىنىڭ ئەكسىچە، قارا تەنلىك بىر ئايال خىزمەتكە ئىلتىماس قىلغىلى كەلگەندە ئاڭسىزلارچە ئايرىمىچىلىق قىلىپ بۇ ئايالنى خىزمەتكە قوبۇل قىلماسلىقى مۇمكىن. ناۋادا خىزمەتكە قوبۇل قىلىش ئىشىنى كومپيۇتېرغا تاپشۇرۇپ بۇ كومپيۇتېرنى ئىرق ۋە جىنسىيەتنى نەزەرگە ئالمايدىغان تەرىقىدە پىروگراممىلىساق، كومپيۇتېر ھەقىقەتەن ئىرق ۋە جىنسىيەتنى نەزەرگە ئېلىپمۇ ئولتۇرمايدۇ چۈنكى كومپيۇتېرلارنىڭ يوشۇرۇن ئاڭلىرى يوق. ئەلۋەتتە خىزمەتكە قوبۇل قىلىش پىروگراممىسى لايىھەلەپ چىقىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس، بىراق ئىنژېنېرلارنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدىكى بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىنى پىروگراممىغا قوشۇۋەتمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ. بىراق بۇنداق پىروگراممىنى تۈزەتكىلى بولىدۇ، تۈزىتىلگەن بۇ پىروگراممىلارنىڭ ئىرق ۋە جىنسىيەت ئايرىمىچىلىق قىلىشى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشىدۇ.

شوپۇر ۋە قاتناش ساقچىلىرى بولۇپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن خىزمەت ۋە كەسىپ ساھەسىنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىنىدىغانلىقىنى كۆردۇق. بىراق ھازىرغىچە ئىقتىسادى قىممىتى تۈزۈك بولماي كېلىۋاتقان پەلسەپىچىلەرنىڭ سۆزلىرى بىردىنلا بازار تېپىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا كەلگۈسىدە ئىستىقبالى بار بىر كەسىپتە ئوقۇماقچى بولسىڭىز پەلسەپىگە مەبلەغ سالسىڭىز زىيان تارتماسلىقىڭىز مۇمكىن.

پەيلاسوپلار توغرا ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا  ھازىرغىچە پىكىر بىرلىكىگە ئىگە بولالمىدى. ناھايىتى ئاز ساندىكى «ۋاگون مەسىلىسى» پەيلاسوپلارنى قايىل قىلالايدىغان تەرىقىدە ھەل بولدى، جون ستۋارت مىلگە ئوخشاش ھەرىكەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان نەتىجىگە ئاساسەن ئانالىز قىلىدىغان نەتىجىۋاز مۇتەپەككۇرلار بىلەن ئىممانۇئېل كانتقا ئوخشاش ھەرىكەتلەرنى مۇتلەق قانۇنىيەتلەرگە ئاساسەن ئانالىز قىلىدىغان مۇتەپەككۇرلار بىر-بىرىدىن روشەن پەرقلىنىدىغان چۈشەنچىلەرگە ئىگە. تېسلا بىر ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە چوقۇم مۇئەييەن پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى كېرەكمۇ؟

ئېيتايلۇق: تېلسا قارارنى ئۆزى بەرمەي بازارغا تاشلاپ قويۇپ، كەڭ قورساق تېلسا ۋە شەخسىيەتچى تېلسا ئىسىملىك ئايرىم ئايرىم ئىككى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىدۇ. كەڭ قورساق تېلسا جىددىي پەيتتە كوللېكتىپنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاپ ئىگىسىنى قۇربان قىلىشى مۇمكىن. شەخسىيەتچى تېلسا بولسا ئىككى بالىنى قۇتقۇزۇشنى ئەمەس ئىگىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. خېرىدارلارمۇ ئۆزلىرى مايىل بولغان پەلسەپىۋى قاراشقا ئەڭ مۇۋاپىق بولغان ماشىنىنى سېتىۋالالايدۇ. تېلسا شىركىتىنى شەخسىيەتچى مودېل ماشىنىسىنى كەڭ قورساق مودېل ماشىنىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ سېتىش بىلەن ئەيىبلىيەلمەيسىز. چۈنكى خېرىدارلار ھەر ۋاقىت ھەقلىق ۋە يوللۇقتۇر.

2015-يىلى مۇنداق بىر راي سىناش ئېلىپ بېرىلدى:بىر تۈركۈم كىشىلەرگە ئاپتوماتىك بىر ماشىنىنىڭ پىيادىلەرگە سوقۇلۇپ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدا تەخمىنى بىر سېنارىيە چۈشەندۈرۈلگەن، كۆپ سانلىق كىشى بۇنداق ئەھۋالدا ماشىنىنىڭ ئىگىسىنى ئۆلتۈرۈش بەدىلىگە پىيادىلەرنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنى دېگەن. بۇ كىشىلەردىن يەنە كوللېكتىپنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ئىگىسىنى خەتەرگە ئىتتىرىدىغان پىروگراممىسى بولغان بىر ماشىنىنى سېتىۋېلىشنى خالاپ خالىمايدىغانلىقى سورالغاندا، كۆپ  قىسمى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. قىسقىسى، ئىنسانلارنىڭ كۆپ قىسمى خەتەر ئۆزلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولسا دەرھال تېلسانىڭ شەخسىيەتچى مودېل ماشىنىسىنى تاللايدۇ، دېگەن گەپ.

مۇنداق بىر ئىشنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ: يېڭى بىر ماشىنا سېتىۋالدىڭىز، ماشىنىنى ھەيدەشتىن بۇرۇن تەڭشەش كۇنۇپكىسىنى ئېچىپ تاللاش قىسمىدىن بىرىنى ئىشارەتلىشىڭىز كېرەك، جىددىي پەيتتە ماشىنا ھاياتىڭىزنى خەتەرگە ئىتتىرسۇنمۇ ياكى باشقا ماشىنىدىكى ئادەملەرنى ئۆلتۈرسۈنمۇ؟ بۇ ئىككىسىدىن چوقۇم بىرسىنى تاللاش شەرتمۇ؟ باشقا تاللاش يوق ئەھۋالدا ئۆزىڭىزنى خەتەرگە ئىتتىرىدىغان كونۇپكىنىمۇ ياكى باشقىلارنى ئۆلتۈرىدىغان كونۇپكىنىمۇ تاللاش مەسىلىسىدە ئايالىڭىز بىلەن جېدەل قىلىشىڭىزنى بىر ئويلاپ بېقىڭ.

شۇڭلاشقا دەل مۇشۇنداق ئەھۋالدا دۆلەت بازارنى تەڭشەش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ بارلىق ئاپتوماتىك ئاپتوموبىللار ئۈچۈن بىر تۇتاش ئەخلاقىي كود شەرت قوشۇشى كېرەك. بەزى قانۇن تۈزگۈچىلەر ھەر دائىم تولۇق رىئايە قىلىنىدىغان قانۇنلار بېكىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكلىرى ئۈچۈن گۈل – قەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىدۇ. مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ۋە ئېغىر مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىدىغان بۇنداق ئەھۋالدا ئىنساننىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان قانۇنلار بېكىتىدىغان مۇستەبىتلەرنى چىقمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. ئەلمىساقتىن بېرى يېڭى قانۇن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندا قانۇنىي جازالار قانۇن تۈزگۈچىلەرنىڭ بىر تەرەپلىمە قاراشلىرى، خاتالىقلىرى ۋە ئاشقۇنلۇقلىرىنىڭ كونترول قىلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىپ كەلگەن. ئوخشاش جىنسلىقلارغا مايىللىق ۋە دىنغا زىت ئىش-ھەرىكەتلەرنى جازالاشقا دائىر قانۇنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنماسلىقى بەزىلەرگە نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ تەلەي ھېسابلىنىدۇ. بىز ھەقىقەتەن داۋاملىق ئېزىپ تۇرىدىغان سىياسەتچىلەرنىڭ قارارلىرىنىڭ يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىدەك تەۋرەپ كەتمەيدىغان مۇقىم بىر نىزام ۋە تەرتىپ بەرپا قىلىشتا ئىشقا يارىشىنى ئارزۇ قىلامدۇق؟

 

دىگىتال دىكتاتورىلىق

 

ئىنسانلار سۈنئىي ئەقىلدىن كەلگۈسىدە ھازىرقىدەك ئىتائەت قىلماي يولدىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلىۋالغانلىقى ئۈچۈن قورقۇۋاتىدۇ. خوجايىنلىرىغا ئىسيان قىلىپ كوچىلاردا ئالدىغا ئۇچرىغانلا كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋەھشىي قاتىل ماشىنا ئادەملەرنى ئىلمىي فانتازىيە فىلىملىرىدە كۆپ كۆردۇق. ئەسلىدە ماشىنا ئادەملەرگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە بۇنىڭ دەل تەتۈرىدۇر. ھەر قانداق شارائىتتا ئۇلارنىڭ خوجايىنلىرىغا ئىتائەت قىلىدىغانلىقى ۋە قەتئىي ئىسيان قىلمايدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلاردىن قورقىشىمىز كېرەك، ماشىنا ئادەملەرنىڭ بىرەر مۇستەبىتنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ قالغانلىقىنى بىر تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ.

مۇتلەق ئىتائەتكار ماشىنا ئادەملەر ياخشى تەبىئەتلىك خوجايىنلىرىغا خىزمەت قىلسا مەسىلە يوق، ئەلۋەتتە. ئۇرۇش ۋاقتىدىمۇ جەڭنى قاتىل ماشىنا ئادەملەر قىلسا ئۇرۇش مەيدانىدا ئۇرۇش قانۇنلىرىغا زىت ئەھۋال كېلىپ چىقماسلىقى مۇمكىن. ئىنسان ئەسكەرلەر ئۇرۇش ۋاقتىدا ھېس-تۇيغۇلىرىنىڭ ئەسىرى بولۇپ قېلىپ جىنايەت، بۇلاڭ-تالاڭ ۋە باسقۇنچىلىققا ئوخشاش ئۇرۇش قانۇنىغا زىت قىلمىشلارنى سادىر قىلىدۇ، ھېس-تۇيغۇنىڭ گېپى چىقسا كاللىمىزغا تۇنجى بولۇپ مەرھەمەت، شەپقەت ۋە ھېسداشلىقتەك نەرسىلەر كېلىدۇ، بىراق ئۇرۇشتا ھېس-تۇيغۇلارنى ئاسانلا كونترول قىلىۋالغان ھېس-تۇيغۇلار قورقۇش، نەپرەت، ۋەھىمە ۋە رەھىمسىزلىك بولىدۇ. ماشىنا ئادەملەر ھېس-تۇيغۇسىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇرۇش ۋاقتىدا ئۇرۇش قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىشتىن سىرت، شەخسىي ئىنتىقام ۋە ئۆچمەنلىك سەۋەبىدىن يولدىن چىقىپ كەتمەيدۇ.

1968-يىلى 16-مارتتا جەنۇبىي ۋىيېتنامنىڭ ماي لاي يېزىسىدا خۇدىنى يوقاتقان بىر تۈركۈم ئامېرىكا ئەسكىرى 400دەك بىگۇناھ كىشىنى قىرغىن قىلغان. ئۇرۇش جىنايىتىگە سەۋەب بولغان بۇ قىلمىش ئايلارچە ۋىيېتنام ئورمانلىقلىرىدا پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىۋاتقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىختىيارلىقىدىكى ئىش ئىدى. بۇ قىلمىش ھەر قانداق بىر ئىستراتېگىيەلىك مەقسەتكە خىزمەت قىلماسلىقتىن باشقا ھەم خەلقئارا ئۇرۇش قانۇنىغا ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي قانۇنىغا خىلاپ ئىدى. بۇ ۋەھشىيانە قىلمىشنىڭ بىردىنبىر جاۋابكارى دەل ئىنسان ھېس-تۇيغۇلىرى ئىدى. ئامېرىكا ئۆز ۋاقتىدا ۋىيېتنامدا قاتىل ماشىنا ئادەملەرنى ئىشلەتكەن بولسا ئىدى مۇشۇنداق ۋەھشىيانە قىلمىشلار سادىر بولغان بولامتى.

بىز يەنە قاتىل ماشىنا ئادەملەرنى ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىلگىرى ماشىنا ئادەملەرنىڭ ھەر دائىم كودلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئۆزىمىزگە ئەسلىتىپ تۇرۇشىمىز كېرەك. كود مۆتىدىل ۋە ياخشى مىجەزلىك بولسا ماشىنا ئادەملەرمۇ ئادەتتىكى ئەسكەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، بىر كود رەھىمسىز ۋە زالىم بولسا ماشىنا ئادەممۇ دەل رەھىمسىز ۋە زالىم بولىدۇ، دېگەن گەپ. ماشىنا ئادەملەرگە دائىر ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى ئۇلارنىڭ سۈنئىي ئەقلىي بولماستىن، بەلكى خوجايىنلىرىنىڭ دۆتلۈكى ۋە زالىملىقىدۇر.

1995-يىلىنىڭ ئىيۇلدا بوسىنىيەلىك سېرب ئەسكەرلىرى سرېبرېنىتسادا 8000دىن ئارتۇق مۇسۇلمان بوسىنىيەلىكنى قىرغىن قىلدى. سرېبرېنىتسادا سادىر قىلىنغان بۇ ۋەھشىي جىنايەتلەر بوسىنىيەنى مۇسۇلمانلاردىن تازىلاشنى ”ئەخلاقىي بۇرچ“دەپ قارايدىغان بوسنىيەلىك سېربلارنىڭ سىياسىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان تەشكىللىك بىر ھەرىكەت ئىدى. 1995-يىلى بوسنىيەلىك سېربلارنىڭ قولىدا قاتىل ماشىنا ئادەملەر بولغان بولسا ئىدى بۇ ۋەھشىيلىك دەرىجىسى تېخىمۇ ئېغىر بولغان بولاتتى،  ماشىنا ئادەملەر چۈشۈرۈلگەن بۇيرۇقنى بىر سېنكۇنتمۇ ئويلىنىپ تۇرماستىن دەرھال ئىجرا قىلاتتى ۋە قىلچىمۇ رەھىم قىلماستىن قىلغان ئەتكەنلىرىدىن ئازراقمۇ ئۇيالماستىن بىرمۇ مۇسۇلمان پەرزەنتىنى ساق قويمىغان بولاتتى.

ماشىنا ئادەملىرى بولغان بىر دىكتاتورنىڭ بۇيرۇقى قانچىلىك ۋەھشىي ۋە رەھىمسىز بولۇشتىن قەتئىينەزەر ماشىنا ئادەملەر دەرھال بۇنى ئىجرا قىلىدۇ، بۇ دىكتاتورمۇ ماشىنا ئادەملەرنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلماي قويۇشىدىن ئەنسىرىمەيدۇ. 1789-يىلى فىرانسىيە ئىنقىلابىدا ماشىنا ئادەملەر بولغان بولسا ئىدى، ئىنقىلابچىلار دەرھال باستۇرۇلغان بولاتتى. 2011-يىلى ھۆسنى مۇبارەكنىڭ قولىدا قاتىل ماشىنا ئادەملەردىن تەشكىل تاپقان بىر قىسمى بولغان بولسا ئىدى، بۇ قىسىم خەلقنى باستۇرۇپ ھۆسنى مۇبارەكنى قوغداپ قالغان بولاتتى. ئوخشاشلا ماشىنا ئادەملەردىن تەشكىل تاپقان ھەربىي قىسىمنى مونوپول قىلىۋالغان بىر جاھانگىر ھۆكۈمەتمۇ ماشىنا ئادەملەرنىڭ روھىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ياكى ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلىلىرىنىڭ نامايىش قىلىش خەتىرىنىڭ بولۇشىدىن ئەنسىرىمەي، كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ماقۇللىقىنى ئالمايلا ئۇرۇشقا كىرەلەيتتى. ۋىيېتنام ئۇرۇشىدا ئامېرىكىنىڭ قولىدا قاتىل ماشىنا ئادەملەر بولغان بولسا ئىدى ماي لاي قەتلىئامى بولمىغان بولاتتى بىراق ئۇرۇش ئۇزۇن يىللار داۋاملاشقان بولاتتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋىيېتنام ئۇرۇشىدىن كېيىن نۇرغۇن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، مەسىلەن، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ روھى چۈشۈپ كەتتى، ھەر يەردە ئۇرۇشقا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى، ”ئۇرۇشقا قارشى ئۇرۇش غازىلىرى“ئېقىمى پەيدا بولدى.

ئاپتوماتىك ماشىنىلار ھېس-تۇيغۇ جەھەتتىن ئېغىر مەسىلىلەرنى پەيدا قىلمايدۇ، چۈنكى ھېچقانداق بىر ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىسى مەھسۇلاتلىرىنى ئىنسانلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۆلتۈرىدىغان پىروگراممىلار بىلەن لايىھەلەپ چىقمايدۇ. بىراق ئاپتوماتىك قورال سىستېمىلىرى تىزگىنىسىز قالسا ئېغىر پاجىئەلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بەزى ھۆكۈمەتلەرنىڭ بېشىدىكى دىكتاتورلارنىڭ ئاپتوماتىك قورال سىستېمىلىرىنى چاڭگىلىغا چۈشۈرۈۋالغانلىقىنى بىر تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ.

خەتەر ئەلۋەتتە ئۆلۈم ماشىنىلىرى بىلەنلا چەكلىك ئەمەس. كۆزىتىش سىستېمىلىرىمۇ ئىنتايىن خەتەرلىك، كۆزىتىش ئالگورىتمىلىرى ياخشى خۇيلۇق بىر دۆلەتنىڭ قولىدا ئىنسانىيەتكە پايدىلىق نەرسىگە ئايلىنىشى مۇمكىن. بىراق بۇ بۈيۈك ئۇچۇر-مەلۇمات ئالگورىتمىلىرى كەلگۈسىنىڭ ”چوڭ قېرىندىشى“نىڭ كۈچىگە كۈچ قوشۇشى ۋە 1984 ياكى ھايۋانلار قورۇقى ناملىق روماننىڭ يازغۇچىسى ئورۋېلنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە بارلىق شەخسلەرنىڭ كېچە-كۈندۈز كۆزىتىلىپ تۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولۇشىمۇ مۇمكىن. ھەتتا بۇ تەرەققىي قىلىپ ئوۋرېل تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، ھەرىكەت ۋە گەپلىرىمىزنى سىرتتىن كۆزىتىش بىلەنلا قالماستىن ئىچكى دۇنيايىمىزنى كۆزىتىپ بەدىنىمىزنىڭ ئىچىنىمۇ كونترول قىلىدىغان ھاكىمىيەت بولسىچۇ تېخى. شىمالىي كورېيەنىڭ پىرېزىدېنتى كىم جونئۇننىڭ مۇشۇنداق بىر يېڭى تېخنىكا بىلەن نېمىلەرنى قىلىۋېتىدىغانلىقىنى بىر تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، كەلگۈسىدە بارلىق شىمالىي كورېيە پۇقرالىرى قىلغان-ئەتكەنلىرى ۋە گەپلىرىدىن سىرت قان بېسىمى ۋە مېڭە پائالىيەتلىرىنىمۇ كۆزىتىدىغان بىيومېترىك بىر بىلەزۈك تاقاشقا مەجبۇرلىنىشى مۇمكىن. شىمالىي كورېيە ھاكىمىيىتى ئىنسان مېڭىسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىمىزنى ۋە ماشىنا ئۆگىنىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىدىن پايدىلىنىپ تارىختا تۇنجى قېتىم ھەر بىر پۇقرانىڭ ھەر بىر ئويى ۋە نىيىتىنى ئۆلچەپ تارتىشقا قابىل سەۋىيە كېلەلىشى مۇمكىن. بىيومېترىك سېنزور كىم جوڭئۇننىڭ رەسىمىگە قارىغان چېغىڭىزدا غەزەپلەنگەن ئىپادىلىرىڭىزنى بىلىۋالسا ئەتىسى دەرھال ئەمگەك لاگېرىغا ئەۋەتىلىسىز.

بېكىنمە ھالەتتىكى شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل مۇشۇنداق بىر تېخنولوگىيەگە ئىگە بولۇشى ھەقىقەتەن تەس. چۈنكى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلماي ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ياشايدىغان بىر دۆلەتنىڭ تېخنولوگىيە جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشى قىيىن. بىراق تېخنولوگىيەنىڭ بۇ ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەردىن  شىمالىي كورېيە ۋە باشقا دىكتاتورلار مۇشۇ خىل تېخنولوگىيەنى ئوغرىلىۋالسا ياكى كۆچۈرۈۋالسا ۋەياكى سېتىۋالسا ئۇنىڭغا نېمە دەيمىز، بۇنداق بىر خىل ئېھتىماللىقمۇ بار.

ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەگە ئوخشاش دېموكراتىك دۆلەتلەردىن سىرت خىتاي ۋە رۇسىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرمۇ تىنماي كۆزىتىش سىستېمىلىرى لايىھەلەپ چىقماقتا. ئىسرائىلىيەدە ئىلغار سەۋىيەلىك تېخنولوگىيە سىستېمىلىرى ۋە سىبەر بىخەتەرلىك تورلىرى مەۋجۇت. ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا كەسكىن زىددىيەت بار بولغانلىقتىن، ھەممە ئىسرائىلىيە لىدېرى بولمىسىمۇ بىر قىسىم لىدېرلار، گېنېراللار ۋە پۇقرالار يېتەرلىك تېخنولوگىيەلەرگە ئېرىشىپ بولغاندا خۇشاللىق بىلەن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا چوقۇم كۆزىتىش سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىدۇ.

كۈنىمىزدىمۇ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەر تېلېفون پاراڭلىرى، ھەر فېيىسبۇك ئۇچۇرلىرى ياكى مەملىكەت ئىچى ساياھەتلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ مىكروفونلىرى، كامېرالىرى، ئىنسانسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ياكى جاسۇس پىروگراممىلىرى تەرىپىدىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقى ئېنىق. بۇ يوللار ئارقىلىق يىغىلغان ئۇچۇرلار بۈيۈك ئۇچۇر-مەلۇمات ئالگورىتمىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئانالىز قىلىنىدۇ. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرى ئوچۇق ئاشكارا خەتەرلەردىن سىرت يوشۇرۇن خەتەرلەرنىمۇ ئېنىقلاپ چىقىپ جىق چىقىم تارتمايلا خەتەرنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. پەلەستىنلىكلەر ئىيوردان دەرياسىنىڭ بىر قىسىم ناھىيە ۋە يېزىلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ بۇ ناھىيە ۋە يېزىلارنىڭ ئۈستىنى يەنى ئاسماننى، رادىيو چاستوتىلىرىنى ۋە باشقا تېخنولوگىيەگە چېتىشلىق نەرسىلەرنى ئىسرائىلىيە كونترول قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى 2 مىليون 500 مىڭ پەلەستىنلىكنى تولۇق كونترول قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى ئاز ئىسرائىلىيەگە ئېھتىياج چۈشىدۇ.

2017-يىلى ئۆكتەبىردە مۇنداق بىر تىراگېدىيەلىك ھادىسە يۈز بەردى: پەلەستىنلىك بىر ئىشچى فېيسبۇك ئادرېسىدا  ئىش ئورنىدىكى كىراننىڭ قېشىدا تۇرۇپ تارتىلغان رەسىمىنى ئېلان قىلىدۇ، ئۇ بۇ رەسىمنىڭ ئاستىغا ”خەيرلىك سەھەر“دېگەن خەتنى يازىدۇ. ئاپتوماتىك بىر ئالگورىتما ئەرەب ھەرپلىرىنى تەرجىمە قىلغاندا كىچىككىنە بىر خاتالىق سادىر قىلىپ ھەرپلەرنى ”خەيرلىك سەھەر“دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان “ Ysabechhum“ئەمەس ”ھۇجۇم قىلغىن“دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان “ Ydbachhum“ دەپ تونۇپ قالىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ كىران بىلەن ئىنسانلارنى بېسىپ ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغان بىر تېررورچى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانغان ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرى، ئادەمنى دەرھال تۇتىدۇ. ئالگورىتما ئۆتكۈزگەن خاتالىق پەرق ئېتىلگەندىن كېيىن بۇ ئادەم قويۇپ بېرىلىدۇ. مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقارغان فېيسبۇك ئۇچۇرلىرىمۇ ئۆچۈرۈۋېتىلىدۇ. شۇڭا داۋاملىق دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ: كۈنىمىزدە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا پەلەستىنلىكلەر دۇچ كېلىۋاتقان تىراگېدىيەلەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە دۇنيانىڭ باشقا يېرىدىكى مىليونلىغان ئادەمنىڭ بېشىغا كەلمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ.

20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا دۇنيا مىقياسىدا دېموكراتچىلار دىكتاتورىلاردىن خېلىلا غالىب كەلگەنىدى. چۈنكى دېموكراتچىلار ئۇچۇر-مەلۇمات ساھەسىدە دىكاتورلارغا قارىغاندا ئۈستۈن ئورۇندا ئىدى، دېموكراتىيىدە ئۇچۇر-مەلۇمات ئىشلەپچىقىرىش ۋە قارار بېرىش ھوقۇقلىرى جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى قاتلام كىشىلىرى ۋە  خىلمۇ خىل ئورگانلارغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ. دىكتاتورلار ئۇچۇر-مەلۇمات ۋە ھوقۇقنى بىرلا مەركەزگە يىغىدۇ، 20-ئەسىردىكى تېخنولوگىيە بىلەن زور مىقداردىكى ئۇچۇر-مەلۇماتنى بىرلا مەركەزگە يىغىن مۇمكىن ئەمەس ئىدى، ھېچكىمنىڭ بۇنچىۋالا كۆپ ئۇچۇر-مەلۇماتنى دەرھال ئانالىز قىلىپ توغرا قارار چىقىرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى زور مىقداردىكى ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىدىغان بۈيۈك ئۇچۇر ئالگورىتمىلىرى يوق ئىدى.  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ خاتا قارارلارنى چىقىرىپ ئېغىر خاتالىق سادىر قىلىشى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئىقتىسادىنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادتىن كۆپ كەينىدە قېلىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرسى دەل مۇشۇ ئىدى.

سۈنئىي ئەقىل يېقىن كەلگۈسىدە بۇ تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ تاشلىشى مۇمكىن، سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق غايەت زور مىقداردىكى ئۇچۇر-مەلۇماتلار تارقاق ھالەتتە ئەمەس مەركىزى (غول) سىستېمىلار تەرىپىدىن بىر تەرەپ  قىلىنىدۇ. چۈنكى مەركىزى سىستېمىلار تارقاق ھالەتتىكى سىستېمىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولالايدۇ، چۈنكى سىستېمىلار قانچىلىك كۆپ ئۇچۇر-مەلۇمات بولسا شۇنچىلىك ياخشى ئىشلەيدۇ. شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ ئۇچۇر-مەلۇمات ئامبىرىغا بىر مىليون كىشىگە مۇناسىۋەتلىك قىسمەن ئۇچۇر-مەلۇماتنى قاچىلاشنىڭ ئورنىغا، بىر مىليارد كىشىگە تەۋە بارلىق ئۇچۇر-مەلۇماتنى شەخسلەرنىڭ مەھرەم ۋە مەخپىيلىك تەرىپىگە زىت ھالدا ئۇچۇر ئامبىرىغا يىغسىڭىز ئالگورىتما تېخىمۇ ياخشى ئىشلەيدىغان بولىدۇ. مەسىلەن، دىكتاتور ۋە ھاكىم مۇتلەق بىر ھۆكۈمەت بارلىق پۇقرالىرىغا دېنىئا ( (DNA لىرىنى تەكشۈرتۈشكە ۋە بارلىق مېدىتسىنا ئۇچۇرلىرىنى مەركىزى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرسە، گېن ۋە مېدىتسىنا تەتقىقاتلىرىدا بارلىق مېدىتسىنا ئۇچۇرلىرى مەخپىي ساقلىنىدىغان جەمئىيەتلەرگە قارىغاندا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىدۇ.20-ئەسىردە ھاكىم مۇتلەق ھاكىمىيەتلەر بارلىق ئۇچۇرلارنى يىغىشتىن ئاجىز ئىدى، بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ يامان غەرىزىگە يېتىشىگە زور توسالغۇ بولغانىدى، 21-ئەسىردە بولسا بۇ بۇنداق بولمايدۇ، ھاكىم مۇتلەق ھاكىمىيەتلەرنىڭ پۇقرالىرى توغرۇلۇق بارلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى چاڭگىلىدا تۇتالايدىغان شارائىتلارغا ئېرىشىشى ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس.

ئالگورىتمىلار ئىنسانلارنى قانچە كۆپ تونۇسا ھاكىم مۇتلەق ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر  پۇقرالىرىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلالايدۇ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ھاكىم مۇتلەق ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر  تەبىئىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئالگورىتمىلاردىن پايدىلىنىپ پۇقرالىرى ئۈستىدە مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق تىكلەپ چىقىدۇ ۋە  ناتسىستلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى گېرمانىيەدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇنداق ھاكىمىيەتلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىش تولىمۇ قىيىنلىشىپ كېتىدۇ. بۇنداق ھاكىمىيەتلەر بىزنىڭ نېمىلەرنى ئويلاپ نېمىلەرنى نىيەت قىلغانلىقىمىزنى بىلىپلا قالماستىن، بىزگە نېمىلەرنى ئويلىشىمىزنى ۋە قانداق ھېس قىلىشىمىزنىمۇ مەجبۇرىي تاڭىدۇ. دىكتاتور پۇقرالىرىغا سەھىيە خىزمىتى ياكى باراۋەرلىك تەقدىم قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئۆزىنى پۇقرالىرىغا مەجبۇرىي ياخشى كۆرىدىغان تۇيغۇغا كەلتۈرەلەيدۇ، بۇنداق جەمئىيەتتە ئۆكتىچىلەرنىڭ رولى قالمايدۇ. شۇڭلاشقا كۈنىمىزدىكى دېموكراتىيەلەر بىيوتېخنولوگىيە بىلەن ئۇچۇر-ئالاقە تېخنولوگىيەلىرىنىڭ بىر-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كېتىشىگە ماسلىشالماسلىقى ھەتتا چارىسىز قېلىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا دېموكراتىيەلەر يا ئۆزىنى باشتىن-ئاخىرى قايتىدىن يېڭىلاپ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك ياكى ئىنسانلار «دىگىتال دىكتورلۇق»ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ.

گىتلېر ۋە ئىستالىننىڭ دەۋرلىرىگە قايتالمايمىز ئەلۋەتتە. دىگىتال دىكتاتورىلىق ناتسىستلار گېرمانىيەسىدىن ناتسىستلار گېرمانىيەسى فىرانسىيەنىڭ كونا ھاكىمىيىتىدىن قانچىلىك پەرقلىق بولسا شۇنچىلىك دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. 16-ئەسىردە پادىشاھ لىيۇس ھوقۇقنىڭ ھەممىسىنى چاڭگىلىغا ئېلىشنىڭ كويىغا كىرىدۇ، لېكىن قولىدا زامانىۋى ھاكىم مۇتلەق دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن تېخنولوگىيە يوق ئىدى، ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىگە ھېچكىم قارشى چىقىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى،بىراق قولىدا رادىيو، تېلېفون ۋە پويىز بولمىغانلىقتىن بىرېتانىيەنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىكى يېزا-قىشلاقلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ، ھەتتا پارىژنىڭ كىندىكىدە ياشايدىغان شەھەرلىكلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىمۇ كونترول قىلىشقا قابىل ئەمەس ئىدى. چوڭ بىر پارتىيەنىڭ مەملىكەت مىقياسىدا ياشلار ھەرىكىتى ياكى مىللىي مائارىپ تۈزۈلمىسى قۇرۇپ چىقىشقا نە نىيىتى نە قابىلىيىتى يوق ئىدى. گىتلېرنىڭ مۇشۇنداق قىلالىشىغا ئىلھام بولغان ۋە قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە  قىلغان ئامىل دەل 20-ئەسىردىكى يېڭى تېخنولوگىيەلەر ئىدى. 2084-يىلدىكى دىگىتال دىكتاتورىلىققا ئىلھام بولۇپ كۈچ ئاتا قىلىدىغان نەرسىنى ھازىر بىلەلمەيمەن، بىراق گىتلېر ۋە ئىستالىننى دوراش بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقى تولىمۇ تۆۋەن. 1930-يىللاردىكى ئۇرۇشلارنى كۈنىمىزدە قايتىدىن قوزغاش ئۈچۈن قولىغا قورال ئالغانلار باشقا يەردىن كەلگەن ھۇجۇمغا تاقابىل  تۇرالماسلىقى ئېنىق.

دېموكراتىيە يېڭى تېخنولوگىيەلەرگە ماسلىشىپ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداپ قالالىغان تەقدىردىمۇ، ئىنسانلار يېڭى بېسىملار، زۇلۇملار ۋە ئايرىمچىلىققا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. نۇرغۇن بانكا، شىركەت ۋە ئورگان ھازىردىن باشلاپ ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىپ بىز توغرۇلۇق قارارلار چىقىرىش ئۈچۈن ئالگورىتمىلاردىن پايدىلانماقتا، بانكىدىن قەرز تەلەپ قىلسىڭىز سىزنى باھالىغان ئىنسان بولماستىن ئالگورىتمىدۇر، ئالگورىتما سىز توغرۇلۇق نۇرغۇن ئۇچۇر-مەلۇمات ۋە مىليونلارچە ئىنسانغا دائىر ئىستاتىستىكىلارنى ئانالىز قىلىپ قەرز پۇل بېرىش بەرمەسلىك توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ، قىسقىسى بىزنىڭ ئىشەنچلىك ياكى ئەمەسلىكىمىزگە ئىنسان ئەمەس ئالگورىتمىلار قارار بېرىدۇ. كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا ئىنسان بىر بانكىرغا قارىغاندا ياخشىراق ئىش قىلىدۇ، لېكىن بۇ يەردىكى مەسىلە ئالگورتىمىلار بەزى ئىنسانلارغا ئۇۋال قىلسا بۇنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس. بانكا سىزگە قەرز پۇل بېرىشنى رەت قىلىدۇ ۋە سىزمۇ بانكىدىن «نېمىشقا رەت قىلدىڭلار»دەپ سورىسىڭىز بانكا سىزگە «ئالگورىتما شۇنداق قارار بەردى»دەپ جاۋاب بەردى. ئالگورىتما نېمىشقا رەت قىلدى؟ مېنىڭ قانداق كەمچىلىكىم بار ئىكەن؟ دەپ سورىسىڭىز بانكا سىزگە مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: بىزمۇ بىلمەيمىز، ئالگورىتما ياكى سىستېما مۇشۇنداق جاۋاب بەردى. ئالگورىتمىنى چۈشىنىدىغان ئىنسان يوق، سىزگە قەرز بەرمەي خاتا قىلمىدۇق، چۈنكى ئالگورىتمىنىڭ قارارىغا ئىشەنچىمىز كامىل.»

ئايرىمىچىلىق ئاياللار ياكى قارا تەنلىكلەرگە ئوخشاش قاتلامغا قارىتىلسا بۇ قاتلامدىكىلەر تەشكىللىنىپ ئايرىمچىلىققا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن، بىراق ئالگورىتما سىزگە ئايرىمىچىلىق قىلسا سىز بۇنى ئۇقالمايسىز، ئالگورىتما كىم بىلىدۇ سىزنىڭ دېنىئا (DNA)دا، ئۆتمۈشىڭىزدە ياكى فېيسبۇكىڭىزدا ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشىڭىزنى بايقاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئالگورىتمىنىڭ قانداقتۇر سىزگە ئايرىمىچىلىق قىلىشى سىزنىڭ ئايال ياكى قارا تەنلىك بولۇشىڭىز ئەمەس سىزنىڭ سىز بولۇشىڭىزدۇر. ئالگورىتما چوقۇم سىزنىڭ كەمچىلىكىڭىزنى بايقاپ قالغان گەپ. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۇقالمىدىڭىز، ناۋادا ئۇققان تەقدىردىمۇ سىزگە ئوخشاش كەمچىلىكى بار يەنە بىر كىشىنى تاپالمىغاچقا بىرلىشىپ نامايىش ئۆتكۈزەلمەيسىز، چۈنكى پەقەت سىز ئۆزىڭىزدىن باشقا ھېچكىمنى تاپالمايسىز.  21-ئەسىردە ئومۇمىي ئايرىمچىلىقنىڭ ئورنىغا شەخسىي ئايرىمىچىلىق دەسسىشى مۇمكىن.

ئالگورىتمىلارنىڭ مەسلىھەتچىلىكتىن باشقا ئىشقا يارىمايدىغانلىقى، مۇتلەق ھاكىمىيەتنىڭ يەنىلا ئىنسانلارنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت خاتا چۈشەنچە پەيدا بولماسلىق ئۈچۈن ھاكىمىيەتنىڭ ئەڭ چوققىسىدا سىمۋوللۇق بولسىمۇ يەنىلا ئىنسانلار تۇرىدۇ. گېرمانىيە باش مىنىستىرلىقىغا ياكى گوگۇلنىڭ مۇدىرلىقىغا سۈنئىي ئەقىل تەيىنلىگىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە. بىراق باش مىنىستىر ۋە مۇدىر تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان قارارلارنى سۈنئىي ئەقىل شەكىللەندۈرىدۇ. باش مىنىستىر نۇرغۇن تاللاش يوللىرىدىن بىرىنى تاللىشى مۇمكىن، بارلىق تاللاش يوللىرى ئۇچۇر-مەلۇمات ئانالىز سىستېمىسىدىن پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ ۋە بۇ ئىنسانلاردىن بەكرەك سۈنئىي ئەقىلنىڭ دۇنيانى قانداق چۈشىنىدىغانلىقىغا باغلىقتۇر.

كۈنىمىزدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سىياسەتچىلەر ئوخشىمىغان ئىقتىسادى سىياسەتلەردىن بىرىنى تاللاپ شۇ بويىچە ئىش تۇتۇپ كېلىۋاتىدۇ، شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەككى، سىياسەتچىلەرنىڭ ئالدىغا قويۇلغان تاللاش يوللىرىنىڭ ھەممىسى كاپىتالىست ئىقتىسادى چۈشەنچىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سىياسەتلەردىن ئىبارەت.  سىياسەتچىلەر ئۆزلىرى تاللىغان يولنىڭ بەدىلىنى تۆلەيدۇ خالاس، بىراق ھەقىقەتەن مۇھىم بولغان تاللاشلار ئىقتىسادچىلار، بانكىرلار ۋە كارخانىچىلار تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن سىناق قىلىنىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا سىياسەتچىلەرمۇ مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن سۈنئىي ئەقىل تۈرتكىسىدە شەكىللەندۈرۈلگەن تاللاش يوللىرىدىن بىرىنىلا تاللاشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

 

سۈنئىي ئەقىل ۋە  تەبىئىي ئەخمەقلىق

 

ياخشى خەۋەرلەردىن بىرسى شۇكى، پات يېقىندا ئىلمىي فانتازىيەلەرنى ئەسلىتىدىغان قابىلىيەتكە ئىگە بولۇپ ئىنسانىيەتنى قۇللاشتۇرۇشقا ياكى يوق قىلىشقا بەل باغلىغان بىر سۈنئىي ئەقىل پاجىئەسىگە دۇچ كەلمەيمىز. قارارلىرىمىزنى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئالگورىتمىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىمىز مۇمكىن، بىراق ئالگورىتمىلارنىڭ ئاڭلىق شەكىلدە بىزنى يېتەكلىشى تەسرەك، چۈنكى ئالگورىتمىلار ئاڭغا ئىگە ئەمەس، لېكىن ئىنسانلارنى يېتەكلەش قابىلىيىتىگە ئىگىدۇر.

ئىلمىي فانتازىيە ئەقىلنى ئاڭ بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ ۋە كومپيۇتېرلارنىڭ ئىنسانلار بىلەن رىقابەتلىشىشى ئۈچۈن ئاڭغا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. سۈنئىي ئەقىل ھەققىدىكى بارلىق فىلىم ۋە رومانلار بىر كومپيۇتېر ياكى ماشىنا ئادەمنى ئاڭغا ئىگە قىلىدىغان ئۇ سىرلىق پەيتتە شەكىللىنىدۇ. بۇ ئىشقا ئاشقاندىن كېيىنمۇ  يا باش پېرسوناژ ماشىنا ئادەمگە ئاشىق بولىدۇ يا ماشىنا ئادەم ھەممە ئادەمنى ئۆلتۈرۈشنىڭ كويىغا كىرىدۇ ۋەياكى بۇ ئىككى ئىش بىرلىكتە جەريان قىلىدۇ.

سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئاڭغا ئىگە بولالايدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەخمىن ۋە قاراشلارنىڭ ھېچقانداق ئاساسىي يوق، چۈنكى ئەقىل بىلەن ئاڭ-سېزىم بىر-بىرىدىن پەرقلىقتۇر. ئەقىل مەسىلىلەرگە چارە تېپىش قابىلىيىتى بولسا، ئاڭ-سېزىم خۇشاللىق، ئازاب، ئاشىق ۋە غەزەپكە ئوخشاش نەرسىلەرنى ھېس قىلىش قابىلىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككى نەرسىنىڭ بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ كېتىشنىڭ سەۋەبى بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىنسان ۋە باشقا سۈت ئەمگۈچىلەردە بىرلىكتە تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدۇر.سۈت ئەمگۈچىلەر كۆپ قىسىم مەسىلىنى ھېس-تۇيغۇ بىلەن ھەل قىلىدۇ، كومپيۇتېرلارنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش قابىلىيىتى بولسا پەرقلىقتۇر.

ئالاھىدە ئەقىلگە ئېلىپ بارىدىغان نۇرغۇن يول بار بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىسى ئاڭغا ئىگە بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئايروپىلانلار پەي چىقارمايمۇ قۇشلارغا قارىغاندا تېز ئۇچالايدۇ، شۇڭا كومپىيۇتېرلارمۇ ئاڭ-سېزىمغا ئىگە بولماي تۇرۇپمۇ سۈت ئەمگۈچىلەرگە قارىغاندا مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلالايدىغان سەۋىيەگە كېلىشى مۇمكىن. سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىنسانلارنىڭ كېسەللىرىنى ساقايتىش، تېررورچىلارنى ئېنىقلاپ چىقىش، جۈرە تاللاش ۋە پىيادىلەر كۆپ بولغان بىر كوچىدا مېڭىش ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى توغرا ئانالىز قىلىپ چىقىشى كېرەك. بىراق ئاڭ-سېزىمغا ئىگە بولماي تۇرۇپمۇ ھەل قىلالىشى مۇمكىن، ئالگورىتمىلارنىڭ خۇشال، ئاچچىقى يامان ياكى ۋەھىمە ئىچىدىكى مايمۇنلارنىڭ ئوخشىمىغان بىيوخىمىيەلىك قۇرۇلمىلىرىنى تونۇش ئۈچۈن خۇشاللىق، نەپرەت ياكى قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق.

سۈنئىي ئەقىلنى ئۆزىگە خاس ھېس-تۇيغۇ پەيدا قىلالمايدۇ، دېگىلى بولمايدۇ. بۇنى توغرا جەزم قىلىش ئۈچۈن ئاڭ-سېزىم توغرۇلۇق يېتەرلىك بىلىمگە ئىگە ئەمەسمىز. ئاڭ-سېزىم توغرۇلۇق ئۈچ خىل قاراش مەۋجۇت:

  • ئاڭ-سېزىم ئورگانىك بىيوخىمىيەگە باغلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئانئورگانىك سىستېمىلار بىلەن ئاڭ-سېزىم يارىتىش قەتئىي مۇمكىن ئەمەس.
  • ئاڭ-سېزىم ئورگانىك بىيوخىمىيەگە باغلىق بولماستىن ئەقىلگە باغلىقتۇر،كومپيۇتېرلارمۇ ئاڭ-سېزىم يارىتالىشى مۇمكىن ۋە مەلۇم دەرىجىدە ئەقىلگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاڭ-سېزىم يارىتىشى شەرت.
  • ئاڭ-سېزىم بىلەن ئورگانىك بىيوخىمىيە ياكى ئۈستۈن ئەقىل ئوتتۇرىسىدا چوقۇم مۇناسىۋەت بولۇشى شەرت ئەمەس. بۇ سەۋەبتىن كومپيۇتېرلار ئاڭ-سېزىم پەيدا قىلالىشى مۇمكىن بىراق بۇ شەرت ئەمەس، نۆل ئاڭ-سېزىم بىلەنمۇ ئادەتتىن تاشقىرى ئەقىلگە ئېرىشكىلى بولۇشى مۇمكىن.

ھازىرقى بىلىم سەۋىيەمىز بىلەن يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ئېھتىماللىقلارنىڭ ھېچقايسىسىنى رەت قىلالمايمىز ياكى شاللىۋېتىشكە قۇربىمىز يەتمەيدۇ. ئاڭ-سېزىم ھەققىدە ناھايىتى ئاز مەلۇماتقا ئىگە بولغانلىقىمىز تۈپەيلى پات يېقىندا ئاڭلىق كومپيۇتېر پىروگراممىلىرى لايىھەلەپ چىقالىشىمىز مۇمكىن ئەمەستەك تۇرىدۇ. شۇڭا سۈنئىي ئەقىل زور قۇدرەتكە ئىگە بولۇشنىڭ ئەكسىچە تەخمىن قىلغىلى بولىدىغان كېلەچەك دائىرىسىدە قىسمەن بولسىمۇ ئىنساننىڭ ئاڭ-سېزىمگە باغلىق ھالدا ئىشلىتىلمىسە بولمايدۇ.

مۇنداق بىر خەتەرگە يولۇقىشىمىز مۇمكىن: بارلىق ۋاقتىمىز ۋە زېھنىمىزنى سۈنئىي ئەقىل يارىتىشقا سەرپ قىلىپ ئىنسانلارنىڭ ئاڭ-سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە سەل قارىساق، كومپيۇتېرلارنىڭ ”بىغۇبار“سۈنئىي ئەقىللىرى ئىنسانلارنىڭ قېن-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن دۆتلۈكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىشكە يارايدۇ. يېقىن كەلگۈسىدە ماشىنا ئادەملەرنىڭ ئىسيان چىقىرىش ئېھتىمالى تولىمۇ تۆۋەن، بىراق ھېس-تۇيغۇلىرىمىز بىلەن ئانىلىرىمىزغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى ئوينىيالايدىغان ۋە ئىنساننىڭ ئارىسالدى قىلىپ  قويىدىغان بۇ قابىلىيەتنى بىزگە ماشىنا، مەلۇم بىر سىياسەتچى ياكى ئەتراپلىق بىر ئىدېئولوگىيەگە ئوخشاش نەرسىلەرنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ماشىنا ئادەم بازىلىرى ياكى مەركەزلىرى پەيدا بولۇشى مۇمكىن. ماشىنا ئادەملەر بىزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋەھىمىلىرىمىزنى، نەپرەتلىرىمىزنى ۋە ئىشتىياقلىرىمىزنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئىچكى دۇنيايىمىزنىڭ بۇ مەخپىيەتلىكلىرىدىن بىزگە زىيان سېلىش ئۈچۈنمۇ  پايدىلىنىشى مۇمكىن.  دېمىسىمۇ مۇشۇنداق بىر ئىشنىڭ پۇرىقىنى دۇنيانىڭ بەزى جايلىرىدىكى سايلام ۋە ئەڭ رايىنى سىناش پائالىيەتلىرىدىن ئېلىۋاتىمىز. خاككېرلار ئىنسانلارغا دائىر ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىپ جەمئىيەتتە ئېقىپ يۈرگەن بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە خاھىشلارنى سۇيىئىستېمال قىلىش ئارقىلىق سايلاملارنى قانداق كونترول قىلىشنى ئۆگىنىۋالدى. ئىلمىي فانتازىيە فىلىملىرى ھەممە نەرسە ۋەيران بولىدىغان ئېچىنىشلىق قىيامەت كۆرۈنۈشلىرى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ ، رېئاللىقتا بىز دۇچ كېلىدىغان ئېچىنىشلىق ئاقىۋەت بولسا فىلىملەردىكىدىن تولىمۇ پەرقلىقتۇر.

شۇڭا بىز بۇنداق ئاقىۋەتلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن سۈنئىي ئەقىلگە قانچىلىك دوللار ۋە ۋاقىت سەرپ قىلغان بولساق ، ئاڭ-سېزىم ساھەسىدە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ شۇنچىلىك دوللار ۋە ۋاقىت سەرپ قىلىشىمىز كېرەك. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئىنساننىڭ ئاڭ-سېزىمى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشتىن ئاجىز كېلىۋاتىمىز. ئىنسان قابىلىيەتلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار ۋە ئىنساننىڭ قابىلىيىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلار يېقىن ۋە يىراق كەلگۈسىدىكى ئېھتىياجلارغا ئاساسەن ئەمەس ئىقتىسادى ۋە سىياسىي تۈزۈمنىڭ ۋاقىتلىق ئېھتىياجىغا ئاساسەن شەكىللەنمەكتە. خوجايىنىم مەندىن ئىلخەتلەرگە دەرھال جاۋاب قايتۇرۇشۇمنىلا تەلەپ قىلىدۇ، بىراق مەن يەۋاتقان تاماقلارنىڭ تەمىدىن زوق ئېلىش قابىلىيىتىم بىلەن كارى يوق، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا تاماق يەۋاتقاندىمۇ ئىلخەتلەرنى كونترول قىلىپ جاۋاب قايتۇرۇشقا مەجبۇرمەن، بىراق ئاڭ-سېزىملىرىنى پەرق ئېتىش قابىلىيىتىمدىن مەھرۇم قېلىۋاتىمەن. ئىقتىسادى تۈزۈم داۋاملىق بىلىم-سەۋىيەمنى ئاشۇرۇپ قابىلىيىتىمنى ئۆستۈرۈشكە قىستايدۇ، بىراق رەھىم-شەپقەتتىن ئىبارەت تۇيغۇلىرىمنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ. پايچىك بازىرىنىڭ سىرلىرىنى يېشىش يولىدا غەيرەت قىلىمەن بىراق بۇنچە جاپانىڭ كەينىدىكى سەۋەبلەرنى چۈشىنىشكە تولىمۇ ئاز ۋاقىت سەرپ قىلىمەن.

ئىنسانلار بۇ جەھەتتىن كۆندۈرۈلگەن ئۆي ھايۋانلىرىغا ئوخشاپ قالىدۇ. بىزگە سۈت بېرىشتىن باشقا ئالاھىدىلىكى بولمىغان ۋە بۇرۇنقى ۋەھشىي ئەجدادلىرىغا قارىغاندا تولىمۇ دىتسىز ئىتائەتكار كالىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتۇق. بۇ كالىلار سۈت بېرىشتىن ھېچقانداق ئىشقا يارىمايدۇ، ھازىر بولسا غايەت زور مىقداردا ئۇچۇر-مەلۇمات ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە غايەت زور چوڭلۇقتىكى ئۇچۇر-مەلۇمات ئانالىز قىلىش مىخانىزمىسىنىڭ تولىمۇ ئۈنۈملۈك يۇمشاق دېتال فۇنكسىيەسىنى ئۆتەيدىغان قۇلىقى يۇمشاق ئويچان ئىنسانلار يېتىشتۈرۈۋاتىمىز. بىراق ئۇچۇر-مەلۇمات ئىشلەپچىقىرىدىغان كۈنىمىزدىكى بۇ ”كالىلار“ ئىنساننىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ بولالمىدى. ئىنسانلارنىڭ زادى قانچىلىك كۈچى بارلىقى توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچىمىز يوق، چۈنكى ئىنساننىڭ زېھنىي توغرىسىدا ناھايىتى ئاز نەرسە بىلىمىز، ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇپمۇ ئىنساننىڭ زېھنىنى چۈشىنىش ئۈچۈن يېتەرلىك مەبلەغ سالمايمىز، بۇنىڭ ئورنىغا ئىنتېرنېتىمىزنىڭ سۈرئىتىنى ۋە بۈيۈك ئۇچۇر ئالگورىتمىلىرىمىزنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا مەركەزلىشىۋاتىمىز. ھوشيار بولمىساق ئىلغار كومپيۇتېرلاردىن پايدىلىنىپ ھەم ئۆزىگە ھەمدە دۇنياغا ئېغىر زىيان سالىدىغان ”قالاق“ئىنسانلارغا ئايلىنىپ قالىمىز.

بىزنى كۈتۈۋاتقان بىردىنبىر خەتەر دىگىتال دىكتاتورىلىقلا ئەمەس. لىبېرالىزم ئەركىنلىكتىن سىرت باراۋەرلىكنىڭ مۇھىملىقىنىمۇ تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقانىدى، سىياسىي باراۋەرلىكنى داۋاملىق تەكىتلەپ كەلگەن لىبېرالىزم ئىقتىسادى باراۋەرلىكنىڭمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشكە سەل قارىمىغانىدى. دەرۋەقە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىستېمىسى ۋە مەلۇم دەرىجىدە بولسىمۇ ئىقتىسادى باراۋەرلىك بولمىسا ئەركىنلىكنىڭ مەنىسى ۋە قىممىتى بولمايدۇ. بىراق بۈيۈك ئۇچۇر-مەلۇمات ئالگورىتمىلىرى ئەركىنلىكنى قانداق بوغۇپ قويىدىغان بولسا جەمئىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ. كۆپ قىسىم ئىنسان ئىقتىسادى، سىياسىي ۋە باشقا جەھەتلەردىكى شۈمۈرۈلۈشنىڭ ئەمەس كارغا كەلمەسلىك ۋە فۇنكسىيەسىزلىكنىڭ دەردىنى تارتىدۇ، بارلىق بايلىق ۋە كۈچ ئۈچ تۆت ”ئېسىلزادە ۋە ئاق سۆڭەك“نىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.

 

ئادىلجان تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*