21- ئەسىردە ئۇچۇرنى مونوپول قىلغۇچىلار كەلگۈسىنىمۇ مونوپول قىلىدۇ

2019-يىلى 3-فېۋرال

يۇۋال ھەرىرى

 

 

بۇرۇنقى يىللاردا دۇنيادىكى ھەممە ئادەمگە ئىنسانىيەتنىڭ باراۋەرلىككە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقى، يەر شارىلىشىشقا ئەگىشىپ يېڭى تېخنولوگىيەلەر تۈرتكىسىدە باراۋەرلىك نىشانىغا تېز سۈرئەتتە يەتكىلى بولىدىغانلىقى دېيىلدى. ئەپسۇس 21-ئەسىر تارىختىكى ئەڭ مۇۋازىنەتسىز جەمئىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. يەر شارىلىشىش ۋە ئىنتېرنېت دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئازايتسىمۇ لېكىن سىنىپ ۋە تەبىقىلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى بارغانچە چوڭقۇرلاشتۇرماقتا. پۈتكۈل ئىنسانىيەت يەر شارىلىشىشنىڭ نېمىتىنى كۆرۈشنىڭ تاماسىنى قىلىپ يۈرگەن بىر  پەيتتە، بەلكىم ئىنسان تۈرى پەرقلىق بىيولوگىيەلىك قاتلاملارغا ئايرىلىشىمۇ مۇمكىن.

باراۋەرسىزلىك يېڭى ھادىسە بولماستىن تارىخى تاش دەۋرىگىچە سوزۇلىدۇ. 3000 يىل ئىلگىرى ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر توپلۇق  ئۆلگەن بەزى ئەزالىرىنى مىڭلارچە پىل چىشىدىن ياسالغان بولۇپكا، بىلەزۈك ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى بىلەن دەپنە قىلىدىغان بولسا، بەزى ئەزالىرىنى ئادەتتىكىدەك دەپنە قىلاتتى. قەدىمكى ئىپتىدائىي جامائەتلەر ياكى ئوۋچىلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىغان توپلۇقلار كېيىنكى توپلۇقلارغا قارىغاندا بەكرەك باراۋەر ئىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ قولىدا كۆپ مال دۇنيا يوق ئىدى.مال-دۇنيا كۆپەيگەنسېرى باراۋەرسىزلىكمۇ شۇنچە كۈچىيىپ ماڭاتتى. شەكسىزكى، مال-دۇنيا ئۇزۇنغا سوزۇلغان باراۋەرسىزلىككە زېمىن تەييارلاپ بېرىدۇ.

تېرىقچىلىق ئىنقىلابىدىن كېيىن بىردىنلا ئاۋۇغان مال-دۇنيا بىلەن بىرلىكتە باراۋەسىزلىكمۇ كۈچەيدى. ئىنسانلارنىڭ زېمىن، ھايۋان، ئۆسۈملۈك ۋە سايمانلارنى ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي مۈلكى قىلىشقا باشلىشى بىلەن مال-دۇنيا ۋە ھاكىمىيەتنىڭ كۆپ قىسمى بىر تۈركۈم كۈچلۈك ئىنسانلارنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ كەتتى، نەتىجىدە قاتلاملىق يەنى پىرامىدالىق جەمئىيەتلەر بەرپا بولدى. ئىنسانلار بۇ جەمئىيەت تۈزۈلمىسىنى تەبىئىي ھەتتا تەڭرىنىڭ بۇيرۇقى دەپ كۆرۈشكە باشلىدى. قاتلاملىق يەنى پىرامىدالىق جەمئىيەت تۈزۈلمىسى نورمال قائىدە بولۇشتىن بەكرەك ئەڭ ئېسىل تۈزۈم، دەپ قارالدى. ئاق سۆڭەكلەر بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدا، ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوتتۇرىسىدا، چوڭلار بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن قاتلاملىق مۇناسىۋەت بولماي تۇرۇپ جەمئىيەتتىن ئىبارەت بىر قۇرۇلما قانداقمۇ قەد كۆتۈرۈپ تۇرالىسۇن؟ ياكى جەمئىيەت تۈزۈلمىسىنى قانداقمۇ ساقلىغىلى بولسۇن. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دىنى ئۆلىمالار، پەيلاسوپلار ۋە شائىرلار سەۋرچانلىق بىلەن مۇنۇ نەرسىنى تەشەببۇس قىلىشتى: ئىنساننىڭ بەدەن ئەزالىرى بىر-بىرى بىلەن تەڭ بولمايدۇ، پۇتلار مېڭىگە ئىتائەت قىلىشقا مەجبۇر، شۇڭلاشقا جەمئىيەتتىكى ئەزالارمۇ بىر-بىرى بىلەن تەڭ بولمايدۇ، تۆۋەن قاتلامدىكىلەر يۇقىرى قاتلامدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىشى كېرەك، ئىجتىمائىي باراۋەرلىك دېگەن نەرسە جەمئىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

بىراق مودېرىن يەنى زامانىۋى دەۋرنىڭ ئاخىرلىرىدا باراۋەرلىك پۈتكۈل جەمئىيەتلەرگە نىسبەتەن ئەڭ ئېسىل نەرسىگە ئايلاندى. بۇنىڭ سەۋەبى قىسمەن كوممۇنىزم ۋە لىبىېرالزمغا ئوخشاش يېڭى ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ ئاپىرىدە بولۇشى ئىدى. يەنە بىر مۇھىم سەۋەب خەلقنى ھەر ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە قىلغان سانائەت ئىنقىلابى ئىدى. سانائەتلەشكەن ئىقتىسادلار ئىشچىلاردىن تەشكىل تاپقان خەلق ئاممىسىغا قانداق ئېھتىياجى چۈشكەن بولسا، ئوخشاشلا سانائەتلەشكەن ئارمىيەلەرمۇ ئەسكەرلەردىن تەشكىل تاپقان خەلق ئاممىسىغا  ئېھتىياجى چۈشكەن ئىدى. ھەم دېموكراتىك دۆلەتلەر ھەمدە دىكتاتور دۆلەتلەر خەلقنىڭ سالامەتلىكى، مائارىپى ۋە پاراۋانلىقىغا مەبلەغ سالدى ياكى سېلىشقا مەجبۇر بولدى. چۈنكى چوڭ زاۋۇتلاردا ئىشلەيدىغان مىليونلارچە ساغلام ئىشچى، ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇش قىلىدىغان سادىق ئەسكەر لازىم ئىدى.

بۇنىڭغا ئەگىشىپ 20-ئەسىر تارىخى ئاساسەن دېگۈدەك سىنىپلار، ئىرقلار ۋە جىنسىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تەڭسىزلىكنى ئازايتىشنى چۆرىدىگەن ھالدا شەكىللەندى. 2000-يىلدىكى دۇنيادا ھېلىھەم خېلى كۆپ تەڭسىز ئىجتىمائىي قاتلام بولسىمۇ، 1900-يىللارغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا باراۋەرلىك بار ئىدى. 21-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئىنسانلار يەنىلا باراۋەرلىكنىڭ داۋاملىشىشىنى ئارزۇ قىلىشتى، يەر شارىلىشىشىنىڭ ئىقتىسادىي پاراۋانلىقنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا يەتكۈزىدىغانلىقى، نەتىجىدە ھىندىستان ۋە مىسىردىكى ئىنسانلارنىڭ فىنلاندىيە ۋە كانادادىكىلەر بىلەن ئوخشاش پۇرسەت ۋە ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولالايدىغانلىقى ئۈمىد قىلىناتتى. بىر ئەۋلاد كىشىلىرى مۇشۇنداق گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلار ۋە ئۈمىدلەر بىلەن چوڭ بولدى.

قارىغاندا بۇ گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلار، ئۈمىدلەر ۋە ۋەدىلەر ئىشقا ئاشمايدىغاندەك تۇرىدۇ. يەر شارىلىشىش ئەلۋەتتە مەلۇم بىر تۈركۈم ياكى بىر قاتلام كىشىلىرىگە زور نەپ ئېلىپ كەلدى، بىراق ھەم جەمئىيەتلەر ئارىسىدا ھەمدە جەمئىيەتنىڭ ئىچىدە ئېغىر تەڭسىزلىك پەيدا قىلدى. يەر شارىلىشىشنىڭ نېمەتلىرى ۋە مېۋىلىرى ئاز سانلىق بىر ئوچۇم كىشىلەرنىڭ چاڭگىلىغا مەركەزلەشكەن بولسا مىلياردلارچە ئىنسان بۇ نېمەت ۋە مېۋىلەردىن مەھرۇم ھالەتتە ياشىماقتا. كۈنىمىزدە دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئاران %1نى تەشكىل قىلىدىغان بىر تۈركۈم بايلار دۇنيا بايلىقىنى چاڭگىلىدا تۇتماقتا، ھەممىدىن ئېچىنىشلىق بولغىنى ئەڭ باي يۈز كىشىنىڭ بايلىقىنىڭ ئەڭ نامرات 4 مىليارد كىشىنىڭ بايلىقىدىن كۆپ بولۇشىدۇر.

ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ مېڭىشى مۇمكىن، بۇرۇنقى بابلاردا قەيت قىلىنغىنىدەك، سۈنئىي ئەقىل بارغانچە راۋاج تاپسا كۆپ قىسىم ئادەمنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى ۋە سىياسىي كۈچى ئاجىزلاپ ھەتتا تۈگەپ كېتىشى مۇمكىن. شۇنداقلا بىيوتېخنولوگىيە ساھەسىدىكى تەرەققىياتلار ئىقتىسادى تەڭسىزلىكنى بىيولوگىيەلىك تەڭسىزلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىشى مۇمكىن، چوڭ بايلار بايلىقلىرىنى  چوقۇم ئۆزلىرىگە ئەرزىگۈدەك بىر يەرگە ئىشلىتىدىغان پۇرسەت تاپىدۇ. ھازىرغىچە ئىجتىمائىي ئورۇن ۋە سالاھىيەت سىمۋولى بولغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشتىن باشقا ئىش قىلىپ بولالمىغان بايلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھاياتنىڭ دەل ئۆزىنى سېتىۋېلىشقا قۇربى يېتىدىغان ھالەتكە كېلىشى مۇمكىن. ئۆمۈرنى ئۇزارتىش، فىزىكىلىق ۋە زىنھىي قابىلىيەتلەرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن  ئوتتۇرىغا قويۇلغان لايىھەلەر قىممەتكە توختاپ كەتسىمۇ ئىنسانىيەت ئەپسۇس بىيولوگىيەلىك قاتلاملارغا ئايرىلىپ كېتىشى مۇمكىن.

بايلار بىلەن ئاق سۆڭەكلەر ئەلمىساقتىن بېرى ئاۋام خەلققە قارىغاندا ئۆزلىرىنىڭ تېخىمۇ قابىلىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ سەۋەبتىن ھاكىمىيەت ۋە نوپۇزنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قولىدا تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى دەپ كەلدى. بىراق مېنىڭچە بۇ توغرا ئەمەس. ئوتتۇرىچە بىر كىنەز ئوتتۇرىچە بىر دېھقانغا قارىغاندا قابىلىيەتلىك ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستۈنلۈكى پەقەت تەڭسىز قانۇن، ئىقتىساد ئىمتىياز ۋە ئايرىمچىلىقتىن كەلگەن. 2100-يىلىغا كەلگەندە بايلار ھەقىقەتەن چەت رايونلاردا ياشايدىغانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ قابىلىيەتلىك، تېخىمۇ ئىجادكار ۋە تېخىمۇ ئەقىللىك بولالىشى مۇمكىن. بايلار ۋە نامراتلار ئوتتۇرىسىدا  قابىلىيەت جەھەتتە زور پەرق شەكىللەنسە بۇ پەرقنى تۈگىتىش تولىمۇ قىيىن بولىدۇ. بايلار نامراتلاردىن تېخىمۇ ئۈستۈن بولغان قابىلىيەتلىرىدىن ئۇنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن پايدىلانسا ۋە تېخىمۇ كۆپ پۇل بىلەن تېخىمۇ ساغلام بەدەن ۋە مېڭىلەر سېتىۋالسا، نامراتلار بىلەن بايلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بارغانچە چوڭقۇرلىشىدۇ. 2100-يىلى دۇنيا نوپۇسىنىڭ %1نى تەشكىل قىلىدىغان بايلار دۇنيا بايلىقىنىلا ئەمەس دۇنيادىكى بارلىق گۈزەللىكلەرنىڭ، ئىجادىيەتلەرنىڭ ۋە ساغلاملىقنىڭمۇ ئىگىسى بولالايدۇ.

بۇ سەۋەبتىن بىيوئىنژىنېرلىق ۋە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن تەرەققىياتلارنىڭ بىرلىشىشى نەتىجىسىدە، ئىنسانىيەت ئىنسانلاردىن ھالقىغان سەرخىللار گۇرۇھى ۋە كارغا كەلمەس ، فۇنكسىيەسىز ئەزالاردىن تەشكىل تاپقان تۆۋەن سىنىپ دەپ ئىككىگە ئايرىلىپ كېتىشى مۇمكىن. ئاۋام خەلق ئىقتىسادىي قىممىتى ۋە سىياسىي كۈچلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان چاغدا دۆلەتمۇ ئۇلارغا سەھىيە، مائارىپ ۋە پاراۋانلىق ساھەلىرىدە يارىتىپ بەرگەن تەمىناتلىرىنى توختاتسا تېخىمۇ خەتەرلىك ۋەزىيەت پەيدا بولىدۇ. بولۇپمۇ ئاۋام خەلقنىڭ تېخنولوگىيە ساھەسىدىكى تەرەققىياتلار سەۋەبىدىن كارغا كەلمەس ۋە فۇنكسىيەسىز بولۇپ قېلىشى تولىمۇ خەتەرلىك ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئاۋام خەلقنىڭ غېمىنى مەلۇم بىر تۈركۈم ۋىجدانلىق كىشىلەرلا يەيدۇ، بەلكىم بۇ ۋىجدانلىق كىشىلەرمۇ مەلۇم مۇددەت بەرداشلىق بېرەلىشى مۇمكىن. بىراق كىلىمات پالاكىتىگە ئوخشاش ئېغىر كىرىزىس كېلىپ چىققاندا كېرەككە كەلمەيدىغان ئىنسانلارغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىلەردىن بىرى بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

ناھايىتى كۈچلۈك لىبېرال چۈشەنچە ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئەنئەنىسىگە ئىگە بولغان فىرانسىيە ۋە يېڭى زېللاندىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردىكى سەرخىللار، ئاۋام خەلققە ئېھتىياجى چۈشمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن. بىراق ئامېرىكىغا ئوخشاش كاپىتالىست دۆلەتلەردىكى سايلىغۇچىلار ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرىنىمۇ يوق قىلىۋېتىشى مۇمكىن. ھىندىستان، خىتاي، جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە بىرازىلىيەگە ئوخشاش تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ناھايىتى ئېغىر مەسىلىلەر كۈتۈپ تۇرماقتا، ناۋادا بۇ دۆلەتلەردە ئاۋام خەلقنىڭ ئىقتىسادى قىممىتى تۆۋەنلەپ كەتسە ياكى  يوقاپلا كەتسە تەڭسىزلىك بىردىنلا كۈچىيىپ كېتىدۇ.

يەر شارىلىشىش دۇنيا بىرلىكى پەيدا قىلىشنىڭ ئورنىغا «تۈرلىشىش»دەپ ئاتىلىدىغان بىر نەرسىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن: ئىنسانىيەت پەرقلىق ئىككى بىيولوگىيەلىك قاتلامغا ھەتتا پەرقلىق ئىككى تۈرگە ئايرىلىپ كېتىشى مۇمكىن. يەر شارىلىشىش مىللىي دۆلەت تېررىتورىيەسىنى ئىناۋەتسىز قىلىپ دۇنيانى گورىزونتال (تۈز) سىزىقتا بىرلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئىنسانىيەتنى ۋېرتىكال (تىك) سىزىق سۈپتىدىمۇ سىنىپقا ئايرىيدۇ. ئامېرىكىدىن رۇسىيەگىچە بولغان نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ھاكىمىيىتىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان نۇرغۇن ئولخارگىيەلەر (ئاز سانلىقلار) بىرلىشىۋېلىپ ئاۋام خەلققە قارشى ھەمكارلىق ئورنىتىۋېلىشى مۇمكىن. مەسىلىگە بۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا، ئاۋام خەلقنىڭ «ئاق سۆڭەكلەر ۋە ئېسىلزادىلەر»دىن نەپرەتلىنىشىنىڭ مۇئەييەن نەزەرىيەۋى ئاساسىي بار دېگەن گەپ. ناۋادا دىققەت قىلمىساق، سىلىكون ۋادىسىنىڭ يالماۋۇزلىرىنىڭ نەۋرىلىرى ئاپالاش تاغلىرىدا ياشايدىغان سەھرالىقلار ۋە سىبىرىيەلىك نامراتلاردىن ئۈستۈن ئىرققا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.

ئۇزۇن مۇددەت ئىچىدە مۇشۇنداق بىر سېنارىيە نەتىجىسىدە پىرامىدانىڭ چوققىسىدىكى يەنى ئەڭ ئۈستۈن ئىجتىمائىي قاتلامدىكىلەر سىرتتىكى «ياۋايىلار»نىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئەتراپىنى سېپىللار ۋە خەندەكلەر بىلەن قورشاپ ئۆزلىرىنىڭ«مەدەنىيەت» ساھەسىگە قاپسىلىپ قالسا، يەر شارىلىشىش مۇساپىسى تەتۈرىگە ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. 20-ئەسىردىكى سانائەت جەمئىيەتلىرىدە ئەرزان ئەمگەك كۈچى، خام ماددا ۋە بازار ئۈچۈن «ياۋايىلار»چوقۇم كېرەكلىك ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ زېمىنلىرى ئىشغال قىلىنىپ جىمىقتۇرۇلدى.

بىراق 21-ئەسىرنىڭ سۈنئىي ئەقىل، بىيو-ئىنژېنېرلىق ۋە نانو-تېخنولوگىيەسىگە تايانغان مەدەنىيىتى مەۋجۇتلۇقىنى بىمالال داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدىغاندەك تۇرىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق بولسا ئىجتىمائىي سىنىپلار ئەمەس پۈتۈن بىر مەملىكەت ھەتتا قىتئەلەرمۇ ئارتۇقچە بولۇپ قالىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىشى مۇمكىن. ئۆزىنى بۈيۈك مەدەنىيەت دەپ جاكارلاپ، بىر-بىرلىرىگە مەنتىق بومبىسى ئېتىشىپ ئۇرۇشقان سىبورگلار ھۆكۈم سۈرگەن ساھەلەر بىلەن، قوللىرىغا تاياق-توقماق ۋە ئاپتوماتلار ئېلىۋېلىپ بىر-بىرلىرىگە جەڭ ئاچقان ۋەھشىي ئىنسانلار ياشايدىغان زېمىنلار، ئىنسانسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە ماشىنا ئادەم مۇھاپىزەتچىلىرى قوغدايدىغان رايونلار بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىشى مۇمكىن.

مەزكۇر كىتابىمدا ئىنسانىيەتنىڭ كېلەچىكى توغرىسىدا توختالغان چېغىمدا بىرىنچى شەخس كۆپلۈك قوشۇمچىسىنى كۆپ ئىشلەتتىم. مەسىلەن ”بىزنىڭ“ مەسىلىلىرىمىزگە مۇناسىۋەتلىك بولسا
”بىز نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەك؟“ دەپ سوئال قويىمەن. بىراق ”بىز“ دەپ بىر نەرسە بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. بەلكىم ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقىمىز ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي قاتلام ۋە توپلۇقلارنى ئوخشىمىغان ئىستىقباللارنىڭ كۈتۈپ تۇرۇشى بولسا كېرەك. بەلكىم ياشىغان يېرىمىزگە قاراپ پەرزەنتلىرىمىزگە يا كومپيۇتېر كودلىرى يېزىشنى ئۆگىتىمىز ياكى بولمىسا قورالنى تېز سۈرئەتتە بەتلەپ ئوق ئېتىشنى ئۆگىتىمىز.

ئۇچۇرنىڭ خوجايىنى زادى كىم؟

ناۋادا بارلىق مال-دۇنيا ۋە ھاكىمىيەتنىڭ بىر ئوچۇم كىشىلەرنىڭلا چاڭگىلىغا ئۆتۈپ كېتىشىگە توسالغۇ بولماقچى بولساق چوقۇم ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىشىمىز كېرەك. قەدىمكى زامانلاردا دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە يەر-زېمىن ئىدى. سىياسەت بولسا مۇشۇ يەر-زېمىنلارنى كونترول قىلىش كۈرىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى، كەڭ كەتكەن زېمىنلار ئاز ساندىكى  كىشىلەرنىڭ چاڭگىلىغا كىرگەندە جەمئىيەت تەبىئىي ھالدا ئاق سۆڭەكلەر ۋە خەلق دەپ ئىككىگە ئايرىلاتتى. مودېرىن يەنى زامانىۋى دەۋردە ماشىنىلار ۋە زاۋۇتلار يەر-زېمىنغا قارىغاندا تېخىمۇ قىممەتلىك نەرسىگە ئايلاندى ۋە سىياسىي كۈرەشلەر بولمىسا بولمايدىغان بۇ ۋاسىتىلارنى كونترول قىلىشقا مەركەزلەشتى. نۇرغۇن مىقداردىكى ماشىنا ۋە زاۋۇتنى ئاز ساندىكى كىشىنى مونوپول قىلغاندا جەمئىيەت تەبىئىي ھالدا سەرمايىدارلار يەنى كاپىتالىستلار ۋە پىرولېتارىياتلار دەپ ئىككىگە ئايرىلاتتى. بىراق 21-ئەسىردە ئەھۋال ئۆزگەردى، سىياسەتتە يەر-زېمىن، ماشىنا ۋە زاۋۇتلارنى كونترول قىلىش بەك ئىشقا يارىمايدىغان بولۇپ كېتىدۇ، سىياسىي كۈرەش ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ يەنى سىياسەت ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى تىزگىنلەش كۈرىشىگە ئايلىنىدۇ. ئوخشاشلا ئۇچۇر-مەلۇماتنى بىر ئوچۇم كىشى كونترول قىلىۋالسا ئىنسانىيەت ئىككى تۈرگە ئايرىلىپ كېتىشى مۇمكىن.

ئاللىبۇرۇن ئۇچۇر-مەلۇماتنى مونوپول قىلىش رىقابىتى باشلىنىپ كەتتى. بۇ ساھەدە گوگۇل، فېيسبۇك، بەيدۇ ۋە تېنسېنتكە ئوخشاش چوڭ شىركەتلەر كەسكىن رىقابەت ئىچىدە تۇرماقتا. ھازىرغىچە بۇ شىركەتلەر ”ئۆزگىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش“تاكتىكىسىنى ئىشلەتمەكتە. بىزگە ھەقسىز ئۇچۇر-مەلۇمات، مۇلازىمەت ۋە ئويۇن-تاماشا تەقدىم قىلىپ دىققىتىمىزنى جەلپ قىلغاندىن كېيىن بىزنىڭ مايىللىقىمىزنى ئېلانچىلارغا ساتماقتا. شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ شىركەتلەرنىڭ بىزگە ئوخشاش خېرىدارلارنىڭ مايىللىقىنى تارتىشتىنمۇ چوڭراق نىشانلىرى بار، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئىشلىرى قانداقتۇر ئېلاندىن كىرىم قىلىش ئەمەس. دىققىتىمىزنى ۋە مايىللىقىمىزنى جەلپ قىلىش ئارقىلىق غايەت زور مىقداردىكى ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى يىغىشقا مۇۋەپپەق بولماقتا، بۇ ئەھۋال شەكسىزكى ئېلاندىن كېلىدىغان نەپتىن نەچچە ھەسسە كۆپتۇر، ئۇلارغا نىسبەتەن بىز قانداقتۇر ئۇلارنىڭ ئەڭ قىممەتلىك خېرىدارلىرى بولماستىن مەھسۇلاتلىرى ھېسابلىنىمىز.

ئۇچۇر-مەلۇمات توپلاش قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئېلان ساھەسىنىڭ بېسىمى بىلەن پەيدا بولغان يېڭى ئىش ۋە خىزمەت تۈرلىرىنىڭ يارىتىلىشىغا زېمىن تەييارلاپ بېرىدۇ. يېڭى خىزمەت ۋە ئىش تۈرلىرى ئەمەلىيەتتە نوپۇز ۋە كۈچ ئىنسانلاردىن تارتىپ ئېلىنىپ ئالگورىتمىلارغا ئۆتكەندە ئاندىن پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە نېمىنى سېتىۋالىدىغانلىقىمىزنى تاللاش ۋە ئۇنى سېتىۋېلىش ھوقۇقىمۇ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ. ئالگورىتمىلار مەھسۇلاتلارنى بىزگە ۋاكالىتەن تاللاپ سېتىۋالغاندا ئەنئەنىۋى  ئېلانچىلىق سانائىتى ۋەيران بولىدۇ. گوگۇلنى بىر تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، گوگۇل ئۆزىدىن ھەممە مەسىلە ۋە ئىشنىڭ سورىلىشىنى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى جاۋابقا ئېرىشەلەيدىغان سەۋىيەگە كېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. گوگۇلدىن «مەرھابا گوگۇل ماشىنىلار! ئېھتىياجلىرىم، ئادەتلىرىم، يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى قاراشلىرىم، ھەتتا ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىمغا دائىر بارلىق مەلۇماتلىرىڭغا تايىنىپ تۇرۇپ ماڭا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى ماشىنىنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى دەپ بېرەمسەن؟ »دەپ سورالايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەندە قانداق قىلىمىز؟ گوگۇل بۇ ھەقتە بىزگە ئەڭ ياخشى ۋە مۇۋاپىق جاۋابنى بېرەلىگەندە ۋە تەجرىبىلىرىمىز بىزگە ھېس-تۇيغۇمىزغا ئەمەس گوگۇلغا ئىشىنىمىزنى  ئۆگىتەلىگەندە ماشىنا ئېلانلىرىنىڭ يەنە ئەھمىيىتى بولامدۇ؟

ئۇزۇن مەزگىلدە ئۇچۇر-مەلۇمات شىركەتلىرى  يېتەرلىك دەرىجىدە ئۇچۇر-مەلۇمات بىلەن ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى بىرلەشتۈرۈپ ھاياتنىڭ ئەڭ مەخپىي سىرلىرىغا ئېرىشەلىگەن تەقدىردە ، بۇ ئۇچۇر-مەلۇماتلاردىن بىزگە ۋاكالىتەن قارار چىقىرىش ياكى بىزنى يېتەكلەش ئۈچۈنلا ئەمەس ئورگانىك جانلىقلارنى يېڭىدىن لايىھەلەش ۋە ئانئورگانىك ھاياتلىق ئەندىزىلىرىنى يارىتىش ئۈچۈن پايدىلىنىدۇ. ئېلان سېتىش بىر مەھەل بۇ شىركەتلەرنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇشىدا مۇھىم رول ئوينىسىمۇ پىروگراممىلار مەھسۇلات ۋە شىركەتلەرنى قىلغان كىرىمدىن بەكرەك يىغقان ئۇچۇر-مەلۇماتلارغا ئاساسەن باھالايدۇ. داڭلىق بىر پىروگرامما ئىش ئەندىزىسىگە ماسلىشالماسلىقى ھەتتا دەسلەپكى قەدەمدە زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يىغىلغان غايەت زور مىقداردىكى ئۇچۇر-مەلۇماتلار تۈرتكىسىدە بۇ پىروگراممىنىڭ قىممىتى مىليارد دوللارغا يېتىشىمۇ مۇمكىن. ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى ئىقتىسادى قىممەتكە ئايلاندۇرۇشنى بەلكىم ھازىر بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، بىراق قولىڭىزدا تۇتۇپ تۇرسىڭىز ھامان بىر كۈنى پايدا تاپىسىز. چۈنكى كەلگۈسىنى تىزگىنلەش، ھەتتا شەكىللەندۈرۈشنىڭ يېگانە ئاچقۇچىنى دەل ئۇچۇر-مەلۇماتلاردىن تاپالايسىز. ئۇچۇر-مەلۇمات شىركەتلىرى مەسىلىگە مۇشۇ نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلامدۇ يوق بۇنى بىلمەيمەن، بىراق ئۇلارنىڭ شىركىتىنى باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى پۇل تېپىشتىن بەكرەك ئۇچۇر-مەلۇماتقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئادەتتىكى ئىنسانلار بۇ تەرەققىياتقا توسالغۇ بولۇپ بولالمايدۇ. كۈنىمىزدە ئىنسانلار ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلىرىنى يەنى خۇسۇسىي ئۇچۇر-مەلۇماتلىرىنى ھەقسىز ئىلخەت مۇلازىمەتلىرىدىن پايدىلىنىش ۋە قىزىقارلىق مۈشۈك ئويۇنلىرى ۋىدېئولىرىنى كۆرۈش بەدىلىگە ئۇچۇر-مەلۇمات شىركەتلىرىگە قوش قوللاپ تاپشۇرۇپ بەرمەكتە، ئىنسانلار بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ئورنىغا خۇشال بولماقتا. بۇ ئەھۋال ئاڭسىزلارچە ئۆزلىرىنىڭ كەڭ كەتكەن زېمىنلىرىنى تۆت، بەش رەڭلىك بولۇپكا ۋە ئۇششاق-چۈششەك ئەرزىمەس نەرسىلەر بەدىلىگە ياۋروپالىق جاھانگىرلارغا سېتىۋەتكەن ئافرىقا ۋە شىمالىي ئامېرىكا يەرلىك خەلقلىرىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ناۋادا ئادەتتىكى ئىنسانلار كېيىنچە شەخسىي ۋە باشقا ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى ئورتاقلىشىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ بۇنداق قىلىشنى توختاتسا بەكلا كېچىپ كەتكەن بولىدۇ، چۈنكى ئەھۋال ئۇ باسقۇچقا بېرىپ يەتكەندە مايىللىقلىرى، خاھىشلىرى، تاللاشلىرى، ئارزۇ-ئارمانلىرى، ھەتتا سەھىيە ۋە جىسمانىي تەرەپلىرىمۇ بۇ ئۇچۇر-مەلۇمات تورىنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ بولغان بولىدۇ.

ئىنسانلار بىلەن ماشىنىلار بۇ تورنىڭ سىرتىدىكى بىر ئىنساننىڭ ھايات قېلىشىغا پۇرسەت بەرمەيدىغان دەرىجىدە بىر-بىرلىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. تېخى تۇغۇلماي تۇرۇپلا بۇ تورغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىڭىز ئۈچۈن ھاياتىڭىزنىڭ كېيىنچە باسقۇچلىرىدا بۇ تورنىڭ چاڭگىلىدىن ئايرىلماقچى بولسىڭىزمۇ، سۇغۇرتا شىركەتلىرى سىزنى سۇغۇرتالاشنى، خوجايىنلار سىزگە ئىش بېرىشنى، سەھىيە ئورۇنلىرى سىزگە سەھىيە مۇلازىمىتى بېرىشنى رەت قىلىشى مۇمكىن. قىسقىسى، سەھىيە ئورۇنلىرى سەھىيە ۋە خۇسۇسىي مەخپىيەتلىك مۇسابىقىلىرىدا ئازراقمۇ كۈچ چىقارماي ئۇتۇپ چىقالايدۇ.

بىيومېترىك ئاگاھلاندۇرغۇچ ۋاسىتىسى ئارقىلىق بەدەن ۋە مېڭىمىزدىن ئېلىنغان ئۇچۇر-مەلۇماتلار ئەقىللىك ماشىنىلارغا ئۈزۈلمەي ئېقىپ تۇرغان ئەھۋالدا، شىركەت ۋە دۆلەتلەر سىزنى تېخىمۇ ياخشى تونۇپ سىزنى تېخىمۇ ئاسان يېتەكلەپ تىزگىنلىيەلەيدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى، بارلىق بەدەن ۋە مېڭىلەرنىڭ ئالدىدىكى مىخانىزملارنىڭ سىرلىرىنى يېشىپ چىقىپ ھاياتلىقنى قايتىدىن لايىھەلەپ چىقىش قۇدرىتىگىمۇ ئېرىشىشى مۇمكىن، ئازغىنە بىر تۈركۈم كىشىنىڭ مۇشۇنداق «ئىلاھى»كۈچنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىشىغا ۋە ئىنسانىيەتنى ئىككى بىيولوگىيەلىك قاتلامغا ئايرىشىغا توسالغۇ بولماقچى بولساق شۇ سوئالنى سوراشقا توغرا كېلىدۇ: ئۇچۇر-مەلۇماتنىڭ خوجايىنى زادى كىم؟ دىنىئا (DNA)، مېڭە ۋە ھاياتقا دائىر ئۇچۇر-مەلۇماتلار ماڭىمۇ، دۆلەتكىمۇ، بىرەر شىركەتكىمۇ ياكى ئىنسانىيەتنىڭ ھەممىسىگە تەۋەمۇ؟

دۆلەتلەر ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى شەرت قىلسا. چوڭ شىركەتلەرنىڭ كۈچى مەلۇم دەرىجىدە تىزگىنلىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ ئەھۋال قورقۇنچلۇق دىگىتال دىكتاتورلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سىياسەتچىلەرنىڭ مۇزىكانتلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ، سىياسەتچىلەر چالىدىغان چالغۇ بولسا ئىنسانلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە بىيوخىمىيەلىك سىستېمىلىرىدۇر. بىر نۇتۇق سۆزلەپ خەلقنى ۋەھىمىگە سېلىپ قويۇشى مۇمكىن. مەسىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئادرېسىدا بىر ئۇچۇر يازىدۇ ، نەتىجىدە جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا پەيدا بولىدۇ. شۇڭلاشقا مېنىڭچە بولغاندا، سىياسەتچىلەردىن ئىبارەت بۇ «مۇزىكانتلار»غا چېلىپ ئوينايدىغان تېخىمۇ كۆپ چالغۇ ئەسۋابلىرى بەرمەسلىك كېرەك. سىياسەتچىلەر ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنىڭ تارىلىرىنى بىۋاسىتە چېكەلەيدۇ، ئۆزلىرى خالىغانچە نەپرەت، ئەندىشە، ۋەھىمە ۋە بىئارامچىلىق پەيدا قىلالايدىغان ھالەتكە كەلسە سىياسەت بىر خىل ھېس-تۇيغۇ سىرىكىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. چوڭ شىركەتلەرنىڭ قۇدرىتىدىن قورقوش تولىمۇ نورمال ئەھۋال، بىراق تارىخ بىزگە قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ باشقۇرۇشىدىمۇ ئەھۋالىمىزنىڭ تولىمۇ خاراب بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 2018-يىلى مارتتىن كېيىن ئۆزۈمگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى ۋىلادىمىر پۇتىنغا ئەمەس مارك زۇككېربېرگقا بېرىمەن (كامبىرىج ئانالىتىك سەتچىلىكىدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، بىزنىڭ مۇنداق تاللىشىمىز يوق ئىكەن، چۈنكى مارك زۇككېربېركقا تاپشۇرۇلغان ئۇچۇر-مەلۇماتلار ئايلىنىپ يەنە پۇتىننىڭ چاڭگىلىغا چۈشىدىكەن.)

ئىنسانلار خۇسۇسىي ئۇچۇر-مەلۇماتلىرىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆزلىرى تۇتۇش قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا، بۇ يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ئىككى تاللاش يولىغا قارىغاندا بەكرەك قۇلاققا خۇش يېقىشى مۇمكىن. بىراق بۇ قاراشنىڭ مەنىسى ئېنىق ئەمەس. زېمىنلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى تەرتىپكە سېلىشتا ناھايىتى مول تەجرىبىمىز بار، بىر يەرنىڭ ئەتراپىنى توسۇپ دەرۋازىغا قاراۋۇلدىن بىرنى ئورۇنلاشتۇرساق ئىش ھەل بولاتتى. يېقىنقى 2 ئەسىر ئىچىدىمۇ سانائەتنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدىمۇ مول تەجرىبىگە ئىگە بولدۇق، مەيلى ئومۇمىي موتور ( GENERAL MOTOR) مەيلى تويوتانىڭ ئۈلۈشلىرىنى سېتىۋېلىپ شىركەتنىڭ بىر قىسمىغا شېرىك بولالايتتۇق. بىراق ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى تەرتىپكە سېلىشتا تەجرىبىمىز يوق. زېمىن ۋە ماشىنىلاردىن پەرقلىق بولغان، ھەم ھەممە يەردە ھەمدە ھېچبىر يەردە بولمىغان، نۇر تېزلىكىدە ئورۇن ئالماشتۇرالايدىغان ۋە خالىغانچە كۆپەيتكىلى بولىدىغان ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش تولىمۇ تەس ئىشتۇر.

بۇ سەۋەبتىن ئادۋۇكاتلىرىمىزنى، سىياسەتچىلىرىمىزنى، پەيلاسوپلىرىمىزنى ھەتتا شائىرلىرىمىزنى «ئۇچۇر-مەلۇماتنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قانداق تەرتىپكە سېلىش كېرەك؟»دېگەن مۈجمەل ۋە قىيىن سوئالغا جاۋاب تېپىشقا چاقىرايلى. مېنىڭچە بۇ دەۋرىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي سوئالدۇر، بۇ سوئالغا ۋاقتىدا جاۋاب بېرەلمىسەك ئىجتىمائىي-سىياسىي سىستېمىسىز ۋەيران بولۇشى مۇمكىن، ئىنسانلار ھازىردىن باشلاپ يېقىنلىشىۋاتقان پالاكەتلەرنىڭ ھىدىنى ئالماقتا. بەلكىم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ بۇ سەۋەبتىن ئون يىل بۇرۇنقى قۇدرەتلىك لىبېرالىزمغا بولغان ئىشەنچىسى سۇسلىماقتا.

ئۇنداقتا، بۇ توسالغۇدىن قانداق ئۆتۈش كېرەك ۋە بىيوتېخنولوگىيە بىلەن ئۇچۇر-ئالاقە تېخنولوگىيە ئىنقىلابلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زور قىيىنچلىقلارنى قانداق يېڭىمىز؟ دۇنيانىڭ قالايمىقان بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئىلىم ئەھلىلىرى ۋە ئىگىلىك ياراتقۇچىلار تېخنولوگىيە جەھەتتىن چارە تاپالامدۇ؟ مەسىلەن، ئۇچۇر-مەلۇماتنى ئاساس قىلغان ئالگورىتمىلار بارلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قولىدا تۇتىدىغان ۋە ھاياتنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان بىر دۇنياۋى ئىنسان توپلۇقىنىڭ ئاساسىنى سالالامدۇ؟ دۇنيادىكى تەڭسىزلىك تېخىمۇ كۈچىيىپ ئىجتىمائىي پاراكەندىچىلىك دۇنياغا تارالسا، مارك زۇككېربېرگ ئىككى مىليارد دوستىنىڭ كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر ئىش قىلىشقا چاقىرسا ئەجەب ئەمەس.

 

داۋامى بار…

 

ئادىلجان تەرجىمىسى

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*