ھەققىمىزدە

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

ئاڭ – سەۋىيەلىك، ئىمانلىق ۋە ئادالەت تۇيغۇسى كۈچلۈك ئۇيغۇر جەمئىيىتى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلغان ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى 2018-يىلى 1-ئاپرېلدا قۇرۇلدى.
ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى شەرقىي تۈركىستان ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئالاقىسى بولغان باشقا مىللەت ۋە ئېتنىك توپلۇقلارنىڭ دىنىنى، تىلىنى، مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادىتىنى، شۇنداقلا سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا تەتقىق قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پائالىيەتلىرى:

ئىنستىتۇت مەقسىتىگە ماس كېلىدىغان لايىھەلەر تەييارلايدۇ، تەييارلاتقۇزىدۇ ۋە بۇ لايىھەلەرنى ئىنستىتۇت خادىملىرى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ ياكى باشقا ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، كۇرس ۋە لېكسىيەلەر ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئىنستىتۇت مەقسىتىگە ماس ھالدا قۇرۇپ چىققان كېڭەش، تەتقىقات گۇرۇپپىلىرى بىلەن ئىلمىي سەۋىيەدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ. بۇ دائىرىدىكى پائالىيەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، قوللاش ۋە ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن ھەر قايسى ئەللەردىكى مائارىپ ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى، شەخسىي ۋە دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كۇتۇپخانىلار، تەتقىقات، ئارخىپ-ماتېرىياللار مەركەزلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ. تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئالاقىدار ئورگان ۋە ئورۇنلارنىڭ پايدىلىنىشىغا تەقدىم قىلىدۇ. ئىنستىتۇت مەقسىتىگە مۇۋاپىق ھالدا قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە بەدەل ۋە بەدەلسىز نەشرىياتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئەمەلگە ئاشقان لايىھەلەرنىڭ نەتىجىلىرىنى ئىلمىي دوكلات تەرىقىسىدە ئېلان قىلىدۇ.
ئۇچۇر – ئاخباراتلارنى رەتلەپ ئارخىپلاشتۇرىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يېزىلغان ماقالە، ئوبزور ۋە خەۋەرلەرنى كۈندىلىك توپلاپ ئارخىپلاشتۇرىدۇ، ئايدا بىر خۇلاسە قىلىپ دوكلات ھازىرلايدۇ. يىللىق خۇلاسە ئېلان قىلىپ ئوبزور ئېلان قىل قەرەللىك ئانالىزلارنى ئېلىپ بېرىپ، ماقالە ئېلان قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يېزىلغان خەۋەر، ئوبزور ۋە دوكلاتلارنى ئانالىز قىلىپ قەرەللىك بۇلتەن شەكىلدە ئېلان قىلىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا ئائىت خەۋەر، مەلۇمات ۋە ئۇچۇرلارنى تۋىتېر، تور بەت ۋە فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئەرەبچە، ئىنگلىزچە، خىتايچە ۋە تۈركچە تۆت تىلدا تارقىتىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر، ماقالە ۋە ئوبزورلارنى يېزىۋاتقان مۇخبىرلار بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۇلارنى ماتېرىيال ، زىيارەت ئوبيېكتى ۋە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ژۇرنالىستلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن تەرجىمە، مۇلاقات ۋە ئانكىت ئىشلىرىغا ياردەم قىلىدۇ.
ھەر خىل شەكىلدىكى تەلىم – تەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.
ئانا تىل سىنىپلارنى ئېچىش، ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەش ۋە ئەدەبىيات، دىن، تارىخ دەرسلىكلىرىنى تۈزۈش، ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە تور دەرسى ئۆتەيدۇ.
ئىزباسار ستۇدېنتلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقىتىپ، ئوقۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە كېلەچەكتىكى ئۇيغۇر رەھبەرلەرنى تەربىيەلەپ چىقىدۇ.